نۆۋەتتىكى تېما : ئىراق ( تەرجىمە ئەسەر ) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1021ـ كۆرۈرمىنى
romantik

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرىتى: 68 نومۇر
پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-03
ئاخىرقى : 2008-12-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىراق ( تەرجىمە ئەسەر )

ئىراق
دۆلەت نامى: ئىراق جۇمھۇرىيىتى

دۆلەت گرىبى:

دۆلەت بايرىقى:
دۆلەت بايرىقى: 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىراق پارلامېنتىنىڭ بايراق ئۆزگەرتىش لايىھىسى ماقۇللانغان. بۇ لايىھىگە ئاساسەن، بۇرۇنقى ئەلباشى سادامنىڭ << ئاللاھ بۈيۈكتۇر >> دېگەن قوليازمىسىنىڭ ئورنىغا، شۇ خەتنىڭ باسمىسى يېزىلغان. ھەمدە << ئەرەب سوتسىيال گۈللىنىش پارتىيىسى >> نىڭ << بىرلىك، ئەركىنلىك، سوتسىيالىزم >> غا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈچ يېشىل يۇلتۇز چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ قىتىملىق بايراق ئۆزگەرتىش لايىھىسى پەقەت بىر يىللىق كۈچكە ئىگە لايىھە بولۇپ، كېيىن مەڭگۈلۈك بايراق لايىھىسى بەلگىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
تەبىئىي جۇغراپىيىسى: ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. كۆلىمى 441مىڭ 839كۋادرات كىلومېتىر. شىمالدا تۈركىيە، غەربتە سۈرىيە، ئىئوردانىيە، جەنۇبتا سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، شەرقتە ئىران، شەرقىي جەنۇبتا پارس قولتۇقى بىلەن قوشنا. 60كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى بار. غەربىي جەنۇب قىسمى ئەرەب ئېگىزلىكى، شەرققە ماڭغانسېرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەنلەيدۇ. شەرقىي شىمال قىسمى كۇرد تاغلىق رايونى، غەربىي قىسمى قۇملۇق بەلۋېغى بولۇپ، كۆپ قىسىم تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلىرى مىسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت زېمىننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100مىتېرغا يەتمەيدۇ. ئىفرات دەرياسى بىلەن تىگرىس دەرياسى غەربى شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، كۇرنا دېگەن جايدا قوشۇلىدۇ. تۆۋەن ئېقىنى ئەرەب دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. پرېس قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. شەرقىي شىمال تاغلىق رايونى ئوتتۇرا دېڭىزچە ئىقلىمغا كىرىدۇ، باشقا جايلىرى تروپىك بەلۋاغ قۇملۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ياز پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، قىش پەسلىدە 0سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. يامغۇر مىقدارى ئاز بولۇپ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى جەنۇبتىن شىمالغا 100- 500 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونىدا 700مىللىمېتىر بولىدۇ.

ئاھالىسى: 23مىليون 580مىڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرەبلەر تەخمىنەن73%تىنى، كۇردلار تەخمىنەن21%تىنى، ئۇنۇڭدىن باشقا تۈركلەر، ئەرمەنلەر، يەھۇدىيلار ۋە پارسلار بار. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى، شىمالى قىسىمدىكى كۇردلار رايونىدا كۇرد تىلى قوللىنىلىدۇ، شەرقى قىسىمدىكى بەزى رايونلاردا پارس تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. ئىراق بولسا ئىسلام دۆلىتى، ئىسلام دىنى بولسا دۆلەت دىنى، پۈتۈن دۆلەتتە 95 % ئادەم ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىكىلەر 54.5%، سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر40.5%، شىمالى قىسمىدىكى كۇردلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سۈنئىي مەزھىپىگە تەۋە، ئاز بىر قىسىم ئادەم خرىستىئان دىنىغا ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئىشىنىدۇ.




پايتەختى: باغدات، ئاھالىسى 7 مىليون 960 مىڭ (2003 –يىلىدىكى ستاتىستىكا سانى).



مەمۇرى رايونلىرىنىڭ بۆلىنىشى: پۈتۈن مەملىكەت 18 ئۆلكە، ئۆلكىگە قاراشلىق ناھىيە، يېزا، كەنتلەر تەسىس قىلىنغان. 18 ئۆلكىلەر: ئەنبەر، ئاربىل، بابىل، مۇسانا، باغدات، نەجەف، بەسىرە قاتارلىقلار بار.
قىسقىچە تارىخى: ئىراق ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت، ئىككى دەريا ۋادىسى بولسا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى بۆشۈكى. مىلادىدىن ئىلگىرى 4700 ئىلگىرى شەھەر دۆلىتى بارلىققا كەلگەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 يىلنىڭ ئالدى كەينىدە "دۇنيادىكى قەدىمكى تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى" بولغان بابىلون دۆلىتى، ئاسىرىئان دۆلىتى ۋە كېيىنكى بابىلون دۆلىتى قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 550 يىل ئىلگىرى پارس ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. مىلادى 7 ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 16 –ئەسىردە ئوسمان تۈرۈك ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1920-يىلى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. 1921-يىلى 8-ئايدا مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىراق دۆلىتىنى قۇرغان، ئەنگىلىيىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا فايسال خانىدانلىقىنى قۇرغان. 1932- يىلى تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 14- كۈنى ئابدۇل كەرىم قاسىم "ھۆرىيەت قوماندانلىق شتابى" نى تەشكىللەپ فايسال خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىراق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1963-يىلى 2- ئاينىڭ 8-كۈنى ئەرەب گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى قاسىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىياھى ھوقۇققا ئىگە پارتىيىنى قۇرغان، ئەمما پارتىيىسىز زات ئەلىف پرېزىدېنت بولغان. 1968-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەھمەد ھەسەن بەكرى ئالدى بىلەن ئەرەب گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى ھەربىي شتابى ئابدۇل رازاق بىلەن بىرلىشىپ ياشلار شتابىنى سىقىپ چىقارغان، گۈللىنىش پارتىيىسى قايتىدىن ھوقۇق ئىگىلەپ، ئەرەبلەر << بىرلىكى، ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى>> رەھبەرلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بەكرى ئەلباشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1979- يىلى 7-ئايدا بەكرى كېسەل سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. گۈللىنىش پارتىيىسىدىن سادام ھۈسەيىن ئەلباشىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. 1980-يىلى ئىران بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسى سەۋەبىدىن 8 يىلغا سوزۇلغان << ئىران – ئىراق ئۇرۇشى >> باشلانغان. 1990- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولغان ئىراق – كۇۋەيت نېفىت سىياسىتىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈپ، 8-ئاينىڭ 2- كۈنى ئىراق 100 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن بىلەن كۇۋەيتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. بىر كۈندىن كېيىن، كۇۋەيتنىڭ پۈتۈن زېمىنى قولدىن كەتكەن. ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى 5 ئايدىن ئارتۇق بولغان تاشقى دىپلوماتىيە ۋە جىددىي ھەربىي كېڭىشىش ئارقىلىق، 19991-يىلى 1- ئاينىڭ 17 – كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى ئىراققا << قۇملۇق بورىنى>> ناملىق ھەربىي ھۇجۇم قىلدى. 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى ئىراق قوشۇنلىرىغا << قۇملۇق خەنجىرى >> ناملىق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلدى، ئىراق قوشۇنلىرى ئېغىر چىقىم تارتقانلىقىدىن 26- چېسىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە چىقىرىلغان 12 ماددىلىق كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 2- ئاينىڭ 28- كۈنى ۋاقتىنچە، كۆپ دۆلەت ئارمىيىسى بارلىق ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى توختاتتى، 42 كۈن سوزۇلغان دېڭىز قولتۇق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. 2002 –يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، ئامېرىكا ئىراقنى ترورىزىمنى قوللىغان، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىگە زىيان دېگەن نام بىلەن ئامېرىكا ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار توغرىسىدىكى ئىسپاتنى قولغا چۈشۈردى، ئىراق ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ سەۋرچانلىقىنى يوقىتىپ، سادام ھۆكۈمىتىنى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۋىتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادە بىلدۈردى، ھەمدە دېڭىز قولتۇقىغا كوپ مىقداردا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.2003-يىل 3-ئايدا ئامېرىكا –ئەنگىلىيە ئىراقنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەتكەن دەپ قاراپ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى باغداتنى ئىگىلىدى، سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى. ئۇرۇشتىن كىيىن ئىراقنى چۈشكۈنلۈك قاپلاپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى تىنچ بولمىدى. 2005-يىلى 4-ئايدا، ئىراق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى تەشكىللەندى.2005-يىلنىڭ 10-ئايدا25-كۈنى، ئىراق خەلقىنىڭ% 78 نىڭ قوللىشى،%21 نىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىراق يېڭى ئاساسى قانۇنى ماقۇللاشقا ئېرىشتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇرۇشتىن كېيىكى ئىراق تۇنجى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى، بىلەت تاشلاش نىسبىتى%70 بولدى. ئىراق ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭى پارلامېنت بىر زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى، ئاندىن يەنە پارلامېنت ئەزالىرى 15كۈن ئىچىدە زۇڭلىنى سايلاپ چىقىدۇ. ھەمدە زۇڭلى 30كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ۋە پارلامېنت ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياھى ئەزالىرى: زۇڭتۇڭ جالال ئەل تالىبانى
سىياسەتلىرى:2005-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق ماقۇللىشىدىن ئوتكەن ئاساسى قانۇن بەلگىلىمىسى: ئىراق جۇمھۇرىيىتى بولسا تولۇق ھوقۇقلۇق، ئۆزى-ئۆزىگە خوجا پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قۇيغان، مۇستەقىل فېدېراتسىيىسى دۆلەت. ھەر 100مىڭ خەلق ئاممىسى پارلامېنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى پۈتۈن ئىراق خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق پارلامېنت يىغىنى ھەر 4يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. خەلق پارلامېنتىدا ئاياللارنىڭ ئورنى%25 دىن ئاز بولمايدۇ. فېدېراتسىيە مەمۇرى ھوقۇقى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بىلەن ئىچكى كابىنېت ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. زۇڭتۇڭ پارلامېنتتا ئۈچتىن ئىككى دىن ئارتۇق ئاۋاز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىل. زۇڭتۇڭ چوقۇم ئىراقتا تۇغۇلغان ئىراقلىق بولۇشى، ئاتا-ئانىسىمۇ چوقۇم ئېرا قلىق بولۇشى يېشى 40 ياشتىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. زۇڭتۇڭ پارلامېنتتا كوپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ. ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى باش مىنىستىرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، باش مىنىستىر يەنە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئىراق يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى قانۇن تۈزۈش، مەمۇرى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىغا ئىگە؛ يەرلىك ھۆكۈمەت ئېھتىياجغا قاراپ باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە ھوقۇقدار بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرالايدۇ، مەسىلەن: ساقچى قىسىم، ئامانلىق ساقلاش قىسمى بىلەن مۇھاپىزەت قىسمى قاتارلىقلار.... يەرلىك ھۆكۈمەت ئاساسى قانۇنغا زىت بولمىغان ئاساستا، ئۆزى قانۇن تۈزسە، ئۆزىنىڭ مەمۇرى ھوقۇقلۇق ئورگانلارنى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللىسە بولىدۇ. ئاساسى قانۇن كۇردلار رايونى بىلەن باشقا فېدېراتسىيە رايونلىرىدا بۇ ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىراق بولسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت؛ ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى ۋە كۇرد تىلى. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، ئىراق قانۇنىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسلىق ئاساسلىرىنىڭ بىرى. ئاساسى قانۇن دىنى ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئىقتىسادى جەھەتتە: ئىراق مول بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەسى مۇل بولغان ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھازىر ئېنىقلاپ چىققان نېفىت زاپىسى 112مىليارد 500مىڭ تۇڭ بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا نېفىت زاپاس مىقدارى دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ دۆلەت. ئو پ ك بىلەن دۇنيا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئومۇمى زاپاس مىقدارىنى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 15.5% ۋە 14%نى ئىگىلەيدۇ. ئىراقنىڭ تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 3تىرلىياد 100مىليارد كۇب مېتىر، دۇنيادا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان زاپاس مىقدارىنىڭ 2.4%نى ئىگىلەيدۇ. فوسفورلۇق تۇزنىڭ زاپاس مىقدارى 10مىليارد توننا. سانائىتى ئاساسلىقى نېفىت قېزىش سانائىتى، تەبىئىي گاز سانائىتى قاتارلىقلار... يېقىلغۇ گاز ئىشلەپ چىقىرىلىشى دۆلەت ئىقتىسادىدا تۈرۈكلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ. 2000-يىلى ئىراقنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشى تەخمىنەن 2مىليون 570مىڭ تۇڭ، ئاساسلىقى ئىراق –تۈركىيە نېفىت تۇرۇبىسى بىلەن بەكرى پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىدۇ. تۈركىيە پىلانىغا ئاساسەن 3-لىنىيە ئىراق –تۈركىيە تۇرۇبا يولىنى ئىشقا سېلىپ ھىجىركوكتىن تۇجىخان پورتىغا توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.2000-يىلى 11-ئايدا، ئىراق- سۈرىيە ئىككى دۆلەت توختىغىنىغا 18يىل بولغان نېفىت توشۇش لىنىيىسىنى ئاچتى.2001-يىلى 11-ئايدا، ئىككى دۆلەت ھىجىركوكتىن شۈبەننىياس پورتىغا قايتىدىن بىر ماي توشۇش لىنىيىسى ياتقۇزۇلۇپ، كونا لىنىيىنىڭ ئورنىنى ئالدى. نۆۋەتتە، ئىراقنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 2مىليون، كۈندىلىك ئېكسپورت مىقدارى 1مىليون 400مىڭ تۇڭ. ئىراق 70%تەبىئىي گازى نېفىت ئارقىلىق ھاسىل قىلغان، ئاساسلىقى شىمالدىكى ھىجىركوك نېفىت بازىسى بىلەن جەنۇبىدىكى لومەيلا نېفىت بازىسى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئىراقتا 9تەبىئىي گاز پونكىتى بولۇپ، كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان تەبىئىي گاز 4 مىليون 200مىڭ كۇب مېتىر. تەبىئىي گاز زۇبەر ۋە بەسىرەدىكى سۇيۇقلاندۇرۇش پونكىتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئىراقنىڭ قېزىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى دۆلەت ئومۇمى يەر مەيداننىڭ 27.6%نى ئېگەلەيدۇ. يېزا - ئىگىلىكى ئاساسلىقى تىگرىس دەرياسى ۋە ئىفرات دەرياسى ئارىلىقىدىكى مىسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىگە مەركەزلەشكەن. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوپۇس دۆلەت ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بۇغداي، ئارپا بىلەن خورما بولۇپ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلمەيدۇ. پۈتۈن دۆلەتتىكى خورما دەرەخ سانى 33مىليون تۈپ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە خورما ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى6 مىليون 300 مىڭ توننا. ئىراقنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرى خام نېفىت، تەبىئىي گاز، خورما، ئوغۇت قاتارلىقلار. ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار ھەر خىل ئىشلەپ چىقىرىش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى.2004-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا ئەلباشى بوش بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قارىتىلغان 14 يىللىق ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئىككى دۆلەت ئۇرۇشى، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئىراقنىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقتا قالدى.2003-يىلى 3-ئايدا، ئەنگىلىيە –ئامېرىكا ئىراققا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار سەۋەبىدىن ئۇرۇش قوزغاپ، سادام باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئۇرۇشتىن كىيىن ئىراق چۈشكۈنلىشىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى توختىمىدى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئىراق ئىلگىرى ئامېرىكا ئېيتقاندەك << دېموكراتىك، ئەركىن باياشات يىڭى دەۋر>>گە قەدەم قويمىدى.
ھەربىي ئىشلار جەھەتتە:1921-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ياردىمىدە پادىشاھ ئارمىيىسى قۇرۇلغان.20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ھاۋا ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئارمىيە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. قورال-ياراغلار ئاساسلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، برازىلىيىدىن كۆپ مىقداردا ئىلغار قوراللارنى سېتىۋالغان. ئىككى دۆلەت ئۇرۇشى توختىغاندىن كىيىن، ئىراق ئالدى بىلەن ھەربىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرغان، غايەت زور مەبلەغ بىلەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان. دېڭىز قولتۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىراق ئارمىيىسى ۋە قورال ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، كۆپ قىسىم ھەربىي سانائەت تارماقلىرى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ئۇرۇشتىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار مەسىلىسىنى بىكار قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا، بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، بىئو خىمىيە قۇراللىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرى بۇزۇۋېتىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن، قوراللىق قىسىمنىڭ قوراللىرى 50% ئازايتىلدى.2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىراق ئارمىيىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان، ھەمدە ئۇرۇشتىن كىيىن تارقىتىۋېتىلگەن.


مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتە: ئۇزاق يىللىق تارىخ ئىراقنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان. باغداتنىڭ غەربى جەنۇبىغا 90 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىفرات دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى بابىلون قەدىمى شەھىرى بولسا قەدىمكى جۇڭگو، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىقلار ئىنسانلار مەدەنىيەت بۆشۈكى، رىۋايەتلەردىكى <<بوشلۇقتىكى گۈللۈك>>دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1000يىلدىن كۆپ تارىخقا ئىگە باغدات بولسا پارلاق مەدەنىيەتنىڭ كارتىنىسى بولۇپ، ئىلگىرى مىلادى 8-ئەسىردىن13-ئەسىرگىچە باغدات غەربى ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياھى، ئىقتىسادى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. ئالىي مەكتەپلەردىن باغدات، بەسىرە، مۇسۇل ئالىي مەكتەپلىرى بار. دېڭىز قولتۇق ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىراق مائارىپىدا ئىقتىساد كەمچىل، ئوقۇتقۇچىلار يېتىشمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلق تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان بولۇپ، ئىراق ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن، مائارىپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان. ساۋاتسىزلىق نىسبىتى 46% بولغان.
ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى: ئاساسلىق گېزىتلىرىدىن:<< ئىنقىلاب گېزىتى >>، گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى. 1968-يىلى 7-ئايدا تەسىس قىلىنغان؛<< جۇمھۇرىيەت گېزىتى >>، ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى، 1963-يىلى تەسىس قىلىنغان؛ << ئىراق گېزىتى >>، كۇرد دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى، 1968-يىلى تەسىس قىلىنغان؛ << باغدات كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى >>، ئىراقنىڭ دۆلەت سىرتىغا تارقىتىدىغان ئىنگلىزچە گېزىتى، 1969-يىلى تەسىس قىلىنغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، << بابىلون گېزىتى >> مۇ ئىراقنىڭ بىرقەدەر تەسىر كۈچىگە ئىگە گېزىتى ھېسابلىنىدۇ. 1959-يىلى 11-ئايدا ئىراق ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەسىس قىلىنغان بولۇپ بۇ ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئەرەب يېزىقى بىلەن ئىنگلىز يېزىقى بىلەن يېزىلىدۇ. ئىراقتا جەمئىي 16 ئوتتۇرا دولقۇنلۇق رادىئو ئستانسى بولۇپ، چاستوتىسى تەڭشىلىدىغان رادىئو ئىستانسىدىن بىرى بار. ئىراق جۇمھۇرىيەت رادىئو ئىستانسىنىڭ تەسىر دائىرىسى چوڭ بولۇپ، ئىككى قانالغا بۆلۈپ ئەرەبچە، ئىنگلىزچە تارقىتىدۇ.13 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولۇپ، باغداتتا 2 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بىر مەركىزى قانال، يەنە بىرى ياشلار قانىلى. ئاساسلىقى ئەرەبچە پروگراممىلار ۋە ئىنگلىزچە خەۋەرلەر تارقىتىلىدۇ.
دىپلوماتىيە جەھەتتە: مۇستەقىل، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇلىدۇ. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب پارلامېنت ئىتتىپاقى، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب نېفىت ئېكسپورت قىلىش تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت.2004-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۇۋەيت ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى.


______________-------------____________
بۇ تېما << كەنجى كوررىكتور >> دا تەھرىرلەندى.


[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 06:22 دە قايتا ]
1som
| ۋاقتى : 2008-12-07 17:03 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1021ـ كۆرۈرمىنى
CUTUK

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2469
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
شۆھرىتى: 95 نومۇر
پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-05
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي ئىراق ھەي ئىراق بەك ئېچىنىشلىق كۈنگە قالدىڭدە     
1som
| ۋاقتى : 2008-12-11 21:57 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1021ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە107دانە
شۆھرىتى: 124 نومۇر
پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئامال يوق ئېراق ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئىككىنچى پەلەستىن
| ۋاقتى : 2008-12-13 21:44 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1021ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 1469 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ يالغۇز  ئېراقلىق خەلقىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن
yol
| ۋاقتى : 2008-12-21 17:35 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.058461(s) query 4, Time now is:01-11 09:42, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation