نۆۋەتتىكى تېما : 19-ئەسىردىكى قەشقەرىيە ئارمىيىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2393ـ كۆرۈرمىنى
CUTUK

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2469
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
شۆھرىتى: 95 نومۇر
پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-05
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 19-ئەسىردىكى قەشقەرىيە ئارمىيىسى

              19-ئەسىردىكى قەشقەرىيە ئارمىيىسى

1875-يىلى پولكوۋنىك رېيىنتال چار پادىشاھنىڭ ياقۇپبەگكە يوللىغان سوۋغا سالاملىرىنى ئېلىپ قەشقەرىيەگە كەلگەن.ئۇ قەشقەر شەھرىدە تۇرغان ئۈچ كۈن داۋامىدا قەشقەرىيە قوشۇنلۇرىنىڭ ھەربى پارادىنى كۆرۈشكە ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياقۇببەگنىڭ ھەربى كۈچىگە دائىر ماتىرىياللارنى ئىگەللەشكە مۇۋەپپەق بولدى.ئۇ تاشكەنتكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن تۈركىستان ھەربى ۋالىسىغا يوللىغان دوكلادىدا مۇنداق يازىدۇ:

  «1.ئېنگىلىزلارنىڭ ياقۇببەگكە تەپكىلىك مىلتىقتىن ناھايىتى كۆپ بەرگەنلىگىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.مەن بۇ مىلتىقلاردىن بىرنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باقتىم.مىلتىق ياخى ئاسرالمىغانلىقتىن،ئۇنىڭ تۈرۈكلەنكا ياكى بەردەنگى ئىكەنلىگىنى پەرىق ئىتىش مۇمكىن بولمىدى.

  2.ياقۇپبەگ بىر قۇيمىچىلىق زاۋۇدى قۇرغان.بۇ زاۋۇد ئاغزىدىن ئوقلىنىدىغان تۈرۈكلەنكىنى كەينىدىن ئوقلىنىدىغان تۈرۈكلەنكىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلىيەلەيدىكەن.بۇ زاۋۇدنىڭ ئېنگىلىزلارنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغانلىغى ناھايىتى ئېنىق.
بۇ زاۋۇد 4000تال تۈرۈكلەنكىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ چىقىپتۇ.مەن 1875-يىلى 15-مايدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەربى پاراتتا 6000 دەك پىيادە  ئەسكەرنىڭ  ھەممىسى  كەينىدىن ئوقلىنىدىغان تۈرۈكلەنكا مىلتىق بىلەن قۇراللانغان ئىدى.مەن مۇشۇ مىلتىقلاردىن بىرنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باقتىم،بۇ مىلتىقنىڭ زاتۇۋورىنى سولدىن ئوڭغا تولغاپ ئاچقىلى بولىدىكەن.تەپكىنى بېسىۋەتكەندە ،زاتۇۋور ئىچىدىكى ئوردانىك (يىڭنە) پىستانغا ئۇرۇلۇپ دورىنى ئوت ئالدۇرىدىكەن.قۇيمىچىلىق زاۋۇدى ھەپتىسىگە 16 تال تۈرۈكلەنكا مىلتىق ئىشلەپچىقىرالايدىكەن.

3.قەشقەردە مىلتىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇدتىن بىرقانچىسى بار ئىكەن.بۇ زاۋۇدلار گىكسوگىندەك (بىر ىىل پارقىراق كەلگەن،قارا مىلتىق دورىسى)سۈپەتلىك دورىلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىكەن.

4.قەشقەردە ئادەتتىكى توپ زەمبىرەكلەرنى قۇيالايدىغان بىر قۇيمىچىلىق زاۋۇدى بار ئىكەن.مەن ئۇلارنىڭ يېڭىدىن قۇيۇپ چىقىلغان تۆت دانە رېفىللىق توپ (سىتىۋولىدا ساي سىزىغى بولغان بىرخىل توپ)نى سىناق قىلىۋاتقانلىغىنى كۆردۈم.قەشقەردە زەرەت (توپ- ئوقىنىڭ ئېتىلىپ يىراققا چۈشۈشى ئۈچۈن قىستۇرىلىدىغان بولاق دورا)ئىلەپچىقىرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدە زاۋۇتمۇ بار ئىكەن.
ياقۇپبەگ مىلتىق دورىسىنى سىناق قىلىپ ياساشتا مۇۋەپپەقيەت قازانغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن،ئېنگىلىزلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيىتقان.

5.قەشقەرىيەدە پەقەت بىرلا توپخانىنى ئۇچىراتتىم.بۇ توپخانىدا ئالتە دانە توپ بار ئىكەن. ئۇنىڭ تۆت دانىسى يېڭىدىن قۇيۇلغان تاغ زەمبىرىگى ئىكەن.بۇ توپلار زەرەتلەر قاچىلانغان يەشىكلەر بىلەن بىرگە ئۈچ ئاتلىق توپ ھارۋىسىغا ئورنىتىلىپتۇ.بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ،پىيادە ئەسكەرلەرگە قاراشلىق 16دانە توپ بار ئىكەن. يەنە بىر قىسىم توپلار 18000ئەسكەرگە سەپلەپ بېرىلىپ ،ماناسقا ۋە ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپتۇ.

6.پىيادە ئەسكەرلەر مارىش يۈرىشىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلايدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلى چاسا سەپ ئىكەن.ئۇلار ھازىر سەپ بويۇنچە تارقىلىشنى مەشىق قىلىۋېتىپتۇ.ياقۇببەگ پىيادە ئەسكەرلەردىكى ئاجىزلىققا ئاساسەن  مۇشۇنداق مەشىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ.

7.ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۆزئارا ناھايىتى ئوبدان ماسلىشىپ ھەركەت قىلىدىكەن.ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ قۇرال-ياراقلىرى خىلمۇ خىل ئىكەن.مەن تەخمىنەن 1500 ئاتلىق ئەسكەرنىڭ پاراتتىن ئۆتىشىنى كۆردۈم.

8.قەشقەردە ئېنگىلىز ئىشچىلار كۆپ ئىكەن.

9.ياقۇپبەگ ئارمىيىسىنىڭ مەشقاۋۇللىرى تۈرۈك ئىكەن.مەن تۈرۈك ھەربى مەشقاۋۇللىرىدىن ئىككىنى كۆردۈم.

10.پىيادە ئەسكەرلەر يېقىن ئارىدا پوسۇنى روسىيىلىكلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرخىل يېڭى ھەربى كىيىم كىيمەكچى ئىكەن.>>

ئا.ن.كورپاتكىننىڭ <<قەشقەرىيە>> ناملىق تارىخى خاتىرىسىدىن ئېلىندى.304،305،306،307-بەتلەر.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-14 01:00 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-12-08 13:29 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 2393ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھىتلېرنىڭ مىليۇن كىشىلىك ئارمىيىسىدەك رەسىملىرى بولۇپ كەتكەن بولسا بىر ھۇزۇرلىناكەنمىز ھە ؟
1som
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-12-09 11:24 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2393ـ كۆرۈرمىنى
koykozlukum

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4441
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-19
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  قارىغاندا خېلى تەرەققىي قىلىپمۇ قاپتىكەندۇق، لېكىن، سۈرئەت بەك ئاستا كەپ قاپتۇ. ھەپتىدە 16 مىلتىق ئىشلىسە دەھشەت ئاستىغۇ.
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2008-12-10 07:28 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2393ـ كۆرۈرمىنى
تارىم

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-10
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ئۇ ۋاقىتلار دېگەن 19-ئەسىر تۇرسا ، ھەپتىدە 16 مىلتىق بولسا خېلى تېز بولغىنى.
| ۋاقتى : 2008-12-10 13:14 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2393ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 1469 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇۋاقىتلاردا خېلى تەرەققى قىلىپتىكەن يەنە ئازىراق زامان ئۆتكەن بولسا .......................
1som
| ۋاقتى : 2008-12-21 17:19 4 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.066530(s) query 4, Time now is:01-11 12:18, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation