نۆۋەتتىكى تېما : تۇر،تۇرا،تۇران،ھون،تۇرىك،ئۇيغۇر تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە255دانە
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 2880 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 تۇر،تۇرا،تۇران،ھون،تۇرىك،ئۇيغۇر

                                                                تۇر،تۇرا،تۇران،ھون،تۇرىك،ئۇيغۇر

بىلىممنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەب ئەسەر يىتەرسىزلىكلەردىن خالى ئەمەس ،كەڭ قىرىنداشلارنىڭ پىكىر بىرشىنى سورايمەن .
ئەسەر ئورخونغان مەنسۇپ ،خالىغانچە كۆچۆرمەڭ .


"تۈرىكلەر ئۇتتۇرا ئاسىياغا پالانچىنچى يىلى كىرىگەن ياكى پالانى تۈرىك خانلىقى ۋاقىتتا كىرگەن ياكى ئۇيغۇرلارئۇتتۇرا ئاسىياغا پالانچىنچى يىلى كىرىگەن ياكى پالانى تۈرىك خانلىقى ۋاقىتتا كىرگەن " مەنچە "تۈرىك ""ئۇيغۇر"سۆزى "تۇر "تۇرا ""ھون"ئاتالغان ، خەلقلەردىن ئايرىپ قاراش بەئەينى بىرپۇتۇن ئۇيغۇرنى "تارانچى " "قەشقەرلىك "دەپ ئايرىغانغىلا ئۇخشايدۇ ، تۇرا+ان بىر تىرتۇريىدە يەنى قىرىنداش بۇلغان بىرقانچە يۈزلىگەن قەبىلىنىڭ بىرلەشمىسنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئۇمۇمى ئاتالغۇ ،ئۇنى بەزىلەر تىرتۇرىيە نامى دەۋالغان ،ۋاقىت پەرىقى بىلەن ئىيتقاندا "جەڭگىۋارتۇر،ۋە جەڭگىۋار تۇرا "بىلەن "تۈرىك" ئارلىقىدا ئاتالمىش "ھۇن ""匈奴"دىگەن بىر ئىسىم بار ،بۇلارزادى كىم ؟" تۈرىك "لەر "ھون "لارنى ئۇتتۇرا ئاسىيادىن قوغلىۋەتكەنمۇ ؟ پەقەت "تۇرك "لەرنى ئاسماندىن توككىدە چۈشكەن دىگۈچىلەرلا شۇنداق ئويلايدۇ.

12ئەسىردە ئۈتكەن ئىدىققۇت ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەشھۇر تەرجمانى "سىڭقۇلى سەلى تۇتۇڭ " ئۆزنىڭ خەن تىلدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجمە قىلغان"شۇەنزاڭنىڭ تەرجمالى " دىگەن ئەسىرىدە "匈奴" خىتىنى "تۈرىك يۇچۇن بۇدۇن" دەپ تەرجىمە قىلغان . بىز مەڭگۈ تاشلارغا مۇراجات قىلساقمۇ "ھ" ھەرىپى مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۇرنىغا "ئو "ھەرىپى بار . قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىمۇ "ھ"ھەرىپى يۇق . "تۇر" "تۇرا" "ھون" "تۇرك ""ئۇيغۇر" نى ئايرىپ قاراش بىمەنلىك .
ياۋرۇپالىقلارنى ساراسىمىگە سالغان ،ياۋرۇپا مىللەتلىرىنى ئۈچ قىتىم چوڭ كۆچۆشكە سەۋەپچى بولغان "HUNS"لار غەرىبكە سۇرۇلگەن ئونوغور(ياۋرۇپاغا بىسىپ كىرگەن ھۇنلارنىڭ كىشى ئىسىملىرى ساپ ئونوغۇرچە يەنى ئون ئۇيغۇرچە ) قاتالىق ئۈچ قەبللەر بولوپ ، «ھون«دىگەن بۇ ئاتالغۇ ياۋرۇپالقلاردىن كىرگەن بولوپ ، ئەسلى "تۈرىك يۈچۈن بۇدۇن "يەنى "تۇرك خەلقى " ۋەياكى "تۇران "نىڭ ئىگىلىرى ئىدى دىسەك خاتالاشماسلىقمىز مۇمكىن .
مەن شۇنى دىمەكچىمەنكى "تۇرك"”ئۇيغۇر«لەر ئاللقانداق سىياسەتۋازلار ئىيتقاندەك "ئوتتورا ئاسىيا"غا باشقا يەردىن كەلگەن ئەمەس ، ئۇلار ئەزەلدىن شۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ ئىگىسى ۋە قانۇنلۇق ۋارىسى .

ئىزاھات :
بۇرۇن "ئۇيغۇر "ئاتالغۇرسى مىللەت ئاتالغۇسىمۇ ؟
"ئۇغۇزنامە " داستانى ،مەڭگۈ تاشلار ،تارىخى رەشىد .......................... قاتارلىق ۋەياكى خەنچە ھەم چەتئەل يادىكارىقلارغا قارايدىغان بولساق شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ئۇ بىر سىياسى نام بەئەينى "ھۇن "«جەڭگىۋار تۇرا«دىگەندەك ،ھۇنلارمۇ نۇرغۇنلىغان قەبىللەردىن تۇزۇلگەن قەبىللەر ئىتتپاقىنىڭ نامى ، ئەڭ قىسقىسى ئۇغۇزخاننىڭ "مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانمەن "دىگەن سۆزى بولسا ،ئوغۇزخاننىڭ پەقەت بىر "مىللەت "نامىنى ئىزاھلايدىغان "ئۇيغۇر"نىڭ قاغانى بولماستىن ،ئەفراسىياف )ئالىپ ئەرتوڭا( دەك نەچچە يۈزلىگەن قەبىللەرنىڭ بىرلەشمە ئىتتپاقىغا ۋەكىللىك قىلدىغان "ئۇيغۇر " ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز .
ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئوغوزنامە«داستاندىكى ئۇغۇزخاننىڭ تەسۋىرى ،يۈرۇشلىرى ،تارىخى خاتىرلەردە ئىنىق خاتىرلەنگەن «باتۇر تەڭرقۇت « بىلەن ئوخشاش ،بۇتاسادپىلىقمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس . كۆك بۆرە ئىتىقادىن تارتىپ ئۆسۆپ يىتىلىشىگچە ، تەخىتكە چىقىنىدىن تارتىپ ھەققى ھۆكىمران بولشىچە ئىككلىسنىڭ كەچمىشلىرى ئوخشاش ، مانا بۇلار «ئۇغۇزنامە«داستاننىڭ بىر توقولما ئەمەس بەلكى بىر تارىخى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تارىخ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

دەللل :
1.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى X ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى XII ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىران زوروئاستىر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېستا» (Avesta) دا «تۇرا» ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە «جەڭگىۋار تۇرالار» دېگەن ئىبارىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ . بۇ كىتابتىكى «تۇرا»، «تۇر»لار ساك (Saca) ۋە ئىسكىف (Scythia) لەرگە قارىتىلغان . ساك ۋە ئىسكىفلەر بولسا ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدا، كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان چوڭ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلار تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، تەكلىماكان ۋادىلىرىدا ياشىغان. پارسلارنىڭ كلاسسىك ئەسىرى «باھادىر زەرىرەگە مەرسىيە» (مىلادىيە V —VI ئەسىرلەردە يازما شەكىلگە كەلگەن) دە، ئىرانغا قوشنا بولغان ھەم پارسلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلگەن ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ يېقىدىكى ئەل «تۇران» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
«ئاۋېستا»دىكى مەركىزىي ۋەقەلىك ئىران قەبىلىلىرى بىلەن شىمالدىكى جەڭگىۋار كۆچمەن قوۋملارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگى-جېدەللىرى تەسۋىرلەنگەن. ئىران قەبىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سەردار ھىلاج، سوقرات، سىياۋۇش ۋە ئىسپەندىيارلار بولسا، شىمالدىكى قەبىلىلەرگە تۇر، پىشان ۋە ئافراسياپلار باشچىلىق قىلغان.
«ئاۋېستا»دا «ئارجاسىب» دېگەن بىر قەھرىماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە نۇرغۇن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىران قەبىلىلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. بۇ يەردىكى «ئارجاسىب» كېيىنكى مەنبەلەردە ئاساسەن «شاھنامە»دە) تىلغا ئېلىنغان «ئافراسياب» ئوبرازىنىڭ ئىپتىدائىي ئۈلگىسىدۇر . ئەسىرىدە «‹ئارجاسىب› بىننى ئافراسياب كىم، تۈرك پادىشاھى ئەردى»، «ئافراسياب — پىشان بىننى تۇر بىننى فېرىدۇن ئوغلىدۇر» ، دەپ يازغان. «شاھنامە»دە ئارجاسىب نامى «ئافراسياب» شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان ھەم ئۇ تۇران ئېلىنىڭ پادىشاھى، تۈركلەرنىڭ سەركەردىسى سۈپىتىدە كەيخۇسرەۋ، رۇستەم، سياۋۇش قاتارلىق ئىران سەرۋازلىرى بىلەن بولغان ئاجايىپ كەسكىن ئېلىشىشلىرىنى سۈرەتلىگەن.
دېمەك، «ئاۋېستا» دىكى «تۇرا»، «تۇر» نامى «باھادىر زەرىرەگە مەرسىيە» ۋە «شاھنامە» لەردىكى «تۇران» ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قاراش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنى بىرقانچە تەرەپتىن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، «ئاۋېستا» دىكى «تۇرا»، «تۇر» لار ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى زور بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىپ قوللىنىلغان. بۇ قەبىلىلەر ئەينى چاغدا ئوت-سۇ قوغلىشىپ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قەبىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماكان-تېررىتورىيىسى مۇقىم شەكىللەنمىگەن. شۇڭا، بۇ نام ئۆز زامانىسىدا مۇئەييەن تېررىتورىيىنى ئىپادىلىمەي، بەلكى قەبىلە-قوۋم نامى شەكىلدە قوللىنىلغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئىككىنچى، «ئاۋېستا» دەۋرىدىن كېيىن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى چەكسىز تېررىتورىيىنى «تۇران»، دەپ ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنى «تۇرانلار» دەپ ئاتىغان. بۇ «تۇرا-تۇر» دىن «تۇران»نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، «ئاۋېستا» دا تىلغا ئېلىنغان «دىۋە كەبى»، «يالغانچى»، «رەزىللىك» دە ئۇچىغا چىققان «ئارجاسىب» نىڭ «شاھنامە» دە«تۇران شاھى» دەپ تەسۋىرلىنىشى «ئارجاسىب»نىڭ «جەڭگىۋار تۇرلار» دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى، بۇنىڭ «تۇران شاھى ئافساجاسىب»نىڭ «جەڭگىۋار تۇرلار» دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى، بۇنىڭ «تۇران شاھى ئافراسىياپ» دېگەن ئۇقۇم بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
تۆتىنچى، «شاھنامە» دە ئافراسياپ تۇران شاھى دېيىلىش بىلەن بىرگە «تۈركلەرنىڭ خانى» دېگەن ئۇقۇم تەڭ مەنىدە «تۇرا» تۈركلەرنىڭ بوۋىسى دەپ قارايدۇ، دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، بۇ «تۇران» بىلەن «تۈرك»نىڭ «شاھنامە» قاتارلىق كىتابلاردا پاراللېل قوللىنىشنىڭ رېئاللىقتىن ئانچە چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان تۈزلەڭلىكتە ياشىغان تۇرانلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى دەۋرىنىڭ ئالمىشىشى، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا كېيىنكى دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ.
«تۇر-تۇرا»، «تۇران» ئالتاي تىللىرىنىڭ بەزى تارماقلىرىدا «ئېگىز»، «يۈكسەك»، «يۈكسەك ئورۇن»، «تەڭرى دەرگاھى»، «تەڭرى» مەنىسىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ سۆز يىلتىزىنىڭ «تەڭرى» مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەسىلەن، ياقۇت ۋە چۇۋاش تىللىرىدا «تەڭرى» سۆزى «تۇر»، «تۇرا» شەكىلدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. چۇۋاش ئەپسانىلىرىدە «يىر تۇرا»، «چېچەك تۇرا» ، «تۇلتى تۇرا» قاتارلىق تەڭرىلەر نامى ئۇچرايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «تۇر» — «ئېگىزلىك، كۆزىتىش ئورنى، ئېگىز ئورۇن»، «تۇرا» — ئېگىز ئادەم، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
قۇمۇلدا «تۇر»، «تۇرا» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىرقەدەر كەڭرى بولۇپ، «تۇرا» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىدىغان ئورۇن-جاي ۋە خارابە 150 تىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئېگىزلىك»، «كۆزىتىش ئورنى» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلاتقان بولسا، بەزىلەر كۆچمە مەنىدىكى سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما، بۇ خىل كۆچمە مەنە ئاتالغۇنىڭ ئەسلىي مەنىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا «تۇر»، «تۇرا» — ئېگىزلىك، يۇقىرى ئورۇن، كۆزىتىش ئورنى دېگەن مەنىدىكى سۆزگە كۆچۈپ كەتكەن، بۇ مەسىلىگە كەلسەك قەدىمكى كىشىلەرنىڭ «تەڭرى دەرگاھى» ئېگىز يەردە بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بىر خىل قارىشىدىن كەلگەن، دېيىشكە بولىدۇ. «تەڭرى» بىلەن «تەڭرى دەرگاھى»نى ئوخشاش ئۇقۇمدا چۈشەنگەن قەدىمكى ئىنسانلار «تۇر»، «تۇرا»نى ھەم «تەڭرى»، ھەم «تەڭرى دەرگاھى» دەپ چۈشەندۈرگەن.
كىشى ئىسىملىرىدىمۇ، مەسىلەن، ئەرلەر ئارىسىدا تۇر، تۇراخۇن، تۇران ئاخۇن، ئاياللار ئارىسىدا تۇخان (تۇرخان)، تۇراخان، تۇرانقىز، تۇرانخان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بار. بۇنىڭدىن تۇر، تۇرا، تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ تومۇرى ھەم مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئان-ئەن» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا مۇناسىپ «ئەر»نىڭ كۆپلۈكى «ئەرەن»، «ئوغۇل»نىڭ كۆپلۈكى «ئوغلان» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ، «تۇر-تۇرا»نىڭ كۆپلۈك شەكلى «تۇران»

2. «خاسىيەتلىك توققۇز»نىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇشى بىلەن بىرگە، قوللىنىش جەريانىدا ئىزچىللىقى بولغان. ئۇ نوقۇل سان ئۇقۇمىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي-ئېتىكىلىق چۈشەنچە، مەدەنىيەت-فولكلورلۇق قىممەت ياراتقان. بۇ نۇقتىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، «توققۇز» تولۇق، مۇكەممەل، پۈتۈن، ئورتاق، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم، ئىتتىپاق، ئىناق قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئەجدادلىرى، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرى، كېيىنكى زاماندىكى بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە — ھەرخىل نىسبەتتە قاتناشقان قانداش ۋە غەيرىي قانداش قەبىلە-قوۋملار ۋە ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولغان قوۋملار «توققۇز» سانى بىلەن ئېنىقلىنىپ ئاتىلىشىنى بىرخىل ئەنئەنىۋى ئاتاش ئادىتى قىلغان. بۇ خىل نام ئاستىدىكى قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى، بىر پۈتۈن نام ئاستىغا ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشقانلىقىنى، ئۆزئارا ئىناق بولۇپ، ئورتاق غايە ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. «توققۇز» سانى بىلەن ئېنىقلىنىپ كەلگەن قەبىلە بىرلەشمىسى ۋە قەبىلە ناملىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «توققۇز مولار»九貉)) بۇ يەردىكى 貉» »مو貊» »مو شەكلىدىمۇ يېزىلغان. جاۋ «赵 مېڭزى» ناملىق كىتابىدا ئىزاھلاپ «مولار شىمالدا ياشايدۇ، ئۇ يەر بەك سوغۇق، زىرائەتلەر ئۆسمەيدۇ» دېگەن. جېڭ سىنوڭ郑司农)) «شىمالدىمو دىلار بار»北方貉狄)) دەپ يازغان. دېمەك، توققۇز مولار بىلەن دىلار قەدىمكى زاماندا ياكى (توققۇز دىلار) ئىتتىپاقداش قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقان.

2. «توققۇز گۇيفاڭلار»九姓鬼方)) شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇيفاڭلار توققۇز ئۇرۇق (قەبىلە) دىن تەركىب تاپقان ھەم «گۇيفاڭ توققۇز ئۇرۇقلىرى» 鬼方九族))، دەپ ئاتالغان. «زو چيۇمىڭ تەپسىرى»دە جاۋگۇڭنىڭ 14- يىلىدا شاڭ سۇلالىسى گۇرچىن (鬼亲، گۇيفاڭلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا) لارغا «تارتۇق ۋە ئىنئام بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلەشتى»، دېيلگەن. تارىخشۇناس دۇيۈ «چىن 亲))، توققۇز ئۇرۇق دېمەكتۇر» دەپ ئىزاھلىغان بولسا، زامانىمىزدىكى تارىخشۇناس دۈەن ليەنچىن «گۇيچىن دېگەنلەر گۇيفاڭلارنىڭ توققۇز قەبىلىسى (ئۇرۇقى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، دەيدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىلىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، «گۇيفاڭ» نامىدىكى «گۇي» (Guy) بىلەن «ئۇيغۇر» نامىدىكى «غۇر-گۇر» (Gur-Hgur) نىڭ باغلىنىدىغانلىق مەسىلىسى. تارىخچى ۋېن يىن ئەپەندى «گۇيفاڭ» دىكى «گۇي»، «ۋۇكۇ»俄渠)) دەپ ئوقۇلىدىغانلىقى، ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرغاندا «Ogur» بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. «Ogur» (ئوگۇز-ئوغۇز) «Uyghur» (ئۇيغۇر) غا تەڭ ئىدى..

3. «توققۇز شيەنلۈنلەر» 九个猃狁))، «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. مىللەتلەر» تومى 478- بېتىدە «شيەنيۈنلەر جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەت... چۈنچيۇ دەۋرىدە روڭدى绒狄)) لار دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ كۆپچىلىك شەنيۈنلەر ھونلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ كەتكەن»، دېيىلگەن. مانا مۇشۇ شيەنيۈنلەر «توققۇز شيەنيۈن» دەپمۇ ئاتالغان. تارىخچى ياڭ جيەنشىن杨建新)) ئەپەندىنىڭ مۇنۇ بايانى بۇنىڭغا پاكىت بولىدۇ. «ۋاڭ گوۋېي 王国维))، ‹نەزمىنامە›诗经)) ۋە مېتال پۈتۈك金文)) لەردە تىلغا ئېلىنغان توققۇز شيەنيۈنلەرنىڭ پائالىيەت رايونى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىدىن باشقىسى جوۋ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدا ياشىغان...» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ئۇنداق بولسا شيەنيۈنلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرەر ئالاقىسى بارمۇ؟ يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ ھونلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى III - II ئەسىرلەردە كۈچكە تولغان ھونلارنىڭ مىلادىيە I، II ئەسىرلەردىن باشلاپ پارچىلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارماق ئەجدادلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەنبە بولغان. بۇنى «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» 旧唐书.回纥传))، «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە (新唐书. 回纥传) قاتارلىق تارىخنامىلەردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھونلاردۇر» دېگەن پاكىتلىق بايانلار ۋە مىلادىيە VII - IX ئەسىرلەردە موڭغۇل دالىسىدا پائالىيەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسىنىڭ ئىچىدە ھونلارغا مەنسۇپ «بايىرقۇ»،拨也稽) ھون) (浑، ياكى قۇن) دېگەن ئىككى قەبىلىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىدەك پاكىت ئارقىلىق چۈشىنىمىز.

4. توققۇز دىلار九狄)) بۇلارنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ بۇلار توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم تولۇقلىما بايان بېرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. «زۇ چيۇمىڭ تەزكىرىسى» (左传) دەپ دىلارنىڭ قىزىل دىلار قەبىلىسى ئالتە، ئاق دىلار قەبىلىسى ئۈچ قەبىلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ چاغدا ئۇزۇن دىلار باشقا يەردە ياشىغان بولسا كېرەك.

5. «توققۇز تۈرك» (九姓突厥) قەدىمكى تۈركلەر، يەنى كۆكتۈركلەرنىڭ بىرخىل ئاتىلىشى. «كونا تەڭنامە. جاڭ شياۋجوڭ张孝忠)) تەزكىرىسى»دە «توققۇز تۈرك» دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان. تۈركلەر مىلادىيە 552- 744- يىللىرى خانلىق تىكلەپ ئۆزىنى تۈركلەر دەپ ئاتاپ، كۈچەيگەن بىر مىللەت. 744- يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بىر قىسىم قەبىلىلەر جەنۇبقا يۆتكىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە قارام بولغان، يەنە بىر قىسىم قەبىلىلەر غەربكە كېتىپ قالغان. ئاساسلىق قەبىلىلىرى ئۇيغۇر نامى ئاستىدا ياشاپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئاتاقلىق تارىخشۇناس لىن گەن林干)) ئەپەندىنىڭ قەدىمكى «تۈركلەر بىلەن (قەدىمكى) ئۇيغۇرلار ئوخشاش قوۋم » دېگىنى، پروفېسسور گىڭ شىمىن ئەپەندى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھۆججىتى، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، «كۆلچۈر مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلار تىل جەھەتتە ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە مەڭگۈ تاشلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، دەپ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىگە تارىخىي ۋە ئىلمىي يوسۇندا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەنلىكى بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

«توققۇز تۈرك» دېگەن ئاتالغۇ يالغۇز خەنزۇچە ھۆججەتلەردىلا تىلغا ئېلىنغان ئەمەس. باشقا ھۆججەتلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، پارىژ شەھىرىدىكى فرانسىيە كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر «P.1283» نومۇرلۇق بىر پارچە تۇبۇتچە ھۆججەت ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ 1908- يىلى پېللىئوت (P. pelliot) تەرىپىدىن دۇنخۇاڭدىن ئېلىپ كېتىلگەن. شۇ ھۆججەتتە، ئەسلىي «خور (Hor) خانى» دەپ ئاتالغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر خانىنىڭ شىمالدىكى ئەللەرنى چارلاپ تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن بەش كىشىنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە چارلىغۇچىلارنىڭ خانغا بەرگەن مەلۇماتلىرى خاتىرىلەنگەن. ھۆججەت ئەسلىي مىلادىيە VIII-IX ئەسىرلەردە يېزىلغان دەپ قارالغان بولۇپ، ئۆز زامانىسىدا تۇبۇتچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھۆججەت «توققۇز دورۇگۇ (Toquz drugu) دەپ ئاتىلىدىغان ۋۇيىكار تۇتۇق (Wuyikar tutuq)» دېگەن نام تىلغا ئېلىنغان. ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «توققۇز دورۇگۇ»نى «توققۇز تۈرك»، «ۋۇيىكار تۇتۇق»نى «ئۇيغۇر تۇتۇق» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ھېسابلاشتى.

6. «توققۇز تېلى» (九姓铁勒)، «كونا تاڭنامە. شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» تېلىلار ماددىسىدا مىلادىيە 646- يىلىدىكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەن چاغدا «توققۇز تېلىلار» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يەنە «توققۇز قەبىلە» (九姓، ياكى توققۇز ئۇرۇق)، «توققۇز قەبىلىلىك تېلىلار»九姓铁勒)) دېگەن ناملارمۇ ئىشلىتىلگەن. «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» دا «توققۇز تېلىلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى موڭغۇلىيە دالىسىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر، بۆگۈ (بارغۇت)، توڭرا، ھون (قۇن)، ئىزگىل، بايىرقۇ، چېبنى (چابىش)، ئابۇس، كۆرۈنۋۇگۇس قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغاچقا ھەر بىرىنىڭ بىردىن ئىسمى بولغان، شۇڭا توققۇز تېلى دەپ ئاتالغان»، دېيىلگەن.

7. «توققۇز ئوغۇزلار九四鸟古斯) «) شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» توققۇز ئوغۇزلارغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن. «توققۇز ئوغۇز غەرب تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىشى، ئۇنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى Toguz Uguz، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى توققۇز ئۇيغۇر (Togur Uyghur) نىڭ تەلەپپۇزىدىكى ئۆزگىرىش ئىدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (مىلادىيە 420 — 581- يىللار-ئا) دىن كېيىنكى مەزگىللەردە، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن توققۇز ئۇيغۇرلار بىرلەشتى، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر دەپ ئاتالدى. موڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدا كۈچلەندى، كېينچە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى». بۇ بايانلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرخىل ئاتىلىشى ئىكەنلىكى روشەن بولدى. بەزى ئالىملار «توققۇز ئوغۇز» بىلەن «توققۇز تېلى» بىر ئۇقۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە دەستە «توققۇز تېلى» دېگەن نام ئۇچرايدۇ، بۇ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدىكى «Toguz Oguz» دېگەن ئىسىمغا باراۋەر، دەپ قارايدۇ. تۈرك، ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىدا «توققۇز ئوغۇز» نامى كۆپ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، «توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ» (تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى»، غەرب تەرەپ 9-قۇر). «توققۇز ئوغۇز بەگلىرى، خەلقلىرى، سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى ياخشى ئىشتىڭلار»، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، جەنۇب تەرەپ 2- قۇر). «توققۇز ئوغۇزلار»، «توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى كەلدى.» («بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، شەرقى يۈزى 1- قۇر، 14- قۇر). «توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ...» (بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»).
دېمەك، مەڭگۈ تاشلاردىكى «توقۇز ئوغۇز» ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق نامى.

8. توققۇز ئۇيغۇر» (九姓回纥). بۇ «توققۇز ئوغۇز» بىلەن بىر ئاتالغۇ. ئالىملار ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ، «Oguz» بىلەن «Uygur» سۆزىنىڭ بىر ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يەنى بۇلار بىر تىلنىڭ ئوخشىمىغان دىئالېكتىدا پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن. قەدىمكى تۈركىي تىللاردا «r» تاۋۇشى بىلەن «z» تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش ھادىسىسى مەۋجۇد بولغان. باسكاكوۋنىڭ پىكىرىچە، «ئوغۇز» — قەدىمدە «R» دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تىلىدا «ئوغۇز» ياكى «ئۇيغۇر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا، «Z» دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تىلىدا «ئوغۇز» ياكى «غۇز» شەكلىنى ئالغان. تۈركشۇناس ۋ. تومسېن (W. TOMSEN) ئوغۇز — ھازىرقى رۇسىيىنىڭ شەرقىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلارنىڭ تىلىدىكى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ‹r› تاۋۇشى ‹Z› بىلەن ئالمىشىدۇ. مەسىلەن، «ئون ئۇيغۇر — ئون ئوغۇز» دەيدۇ. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسى»回纥外九部)) ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز قەبىلىسى»回纥内九姓)) دېگەن ئاتالغۇلار بولۇپ، بۇ ئاتالغۇلار ۋاسىتە ئارقىلىق خەنزۇچە تارىخنامىلەرنى يازغۇچىلارغا يەتكۈزۈلگەن. «توققۇز ئوغۇز» نامى VII - IX ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئەرەب، پارس تارىخىي ھۆججەتلىرىدە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئەمما، ئۇيغۇر ئالىملىرى، مەسىلەن، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ ۋە مەھمۇد كاشغەرى «توققۇز ئوغۇز» نامىنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر» نامىنى ئىشلەتكەن. بۇ ھال بىر تەرەپتىن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە «توققۇز ئوغۇز» (ياكى توققۇز ئۇيغۇر) نامىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، توققۇز ئوغۇز-توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ شاللىنىپ ھەم يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ «ئۇيغۇر» نامى ئاستىغا ئۇيۇشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، مەھمۇد كاشغەرى دىنى ئېتىقاد ۋە خانلىق تەۋەلىكىگە قاراپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قەبىلىلەرنى ئۇيغۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەبىلىلەرنى «تۈرك» دەپ ئايرىپ ئاتىغان. ئەمما، باشقا ماتېرىياللاردا بۇلار بىرلا خەلق دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

9. «توققۇز بايىرقۇ» (九姓拨野固). بۇ قەبىلە كۆپ ھاللاردا بايىرقۇ (Bayirgu) دەپلا ئاتالغان. ئەسلىي ھون قەبىلىسى بولۇپ، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە拨也稽» » دەپ يېزىلغان كېيىنچە تېلى يەنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان. كونا، يېڭى «تاڭنامە» ۋە «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر唐会要)) نىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە «تاشقى توققۇز قەبىلە» ياكى «توققۇز تېلىلار» (توققۇز ئۇيغۇرلار) نىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. ئەمدى «قانۇنلار قامۇسى» 198- جىلد. چېگرا مۇداپىئەسى. تۈركلەر» 突厥. 边防. 卷一九八 «通典»).) كونا تاڭنامە» 8- جىلد. «شۈەنروڭ ھەققىدە خاتىرە» 1- قىسىم上 «玄宗纪» 卷八 «旧唐书») ۋە 194- جىلد، «تۈركلەر تەزكىرىسى»، «كىتابلار جەۋھىرى»، 973- جىلد. «قارام تائىپلەر. دۆلەتكە ياردەملىشىپ، جازا يۈرۈش قىلىش» («助国讨伐. 外臣部»، 卷九七八 «册府元龟»)) قاتارلىق كىتابلاردا «توققۇز بايىرقۇ» نامى تىلغا ئېلىنغان.

10. «توققۇز ئىزگىل» 九姓思结))، توققۇز تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتە (izgil» (斯结»، 思结)) دەپ ئاتالغان. «كىتابلار جەۋھىرى»، 170- جىلد «خانلىق جەمەتى. يىراقتىن كەلگەنلەر» «帝王部.来远» 卷一七0 «册府元龟» ۋە «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» 卷二一一 «资治通鉴»» قاتارلىقلاردا «توققۇز ئىزگىل» نامى تىلغا ئېلىنغان.

11. «توققۇز توڭرا» (九姓同罗) تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار «توڭرا» (Tongra) نامى بىلەن دەسلەپتە تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا «توققۇز ئۇيغۇر» قەبىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان. «كىتابلار جەۋھىرى»، 974-، 971- جىلدلەردە، «كونا تاڭنامە» 97- جىلددا «توققۇز توڭرا» نامى تىلغا ئېلىنغان.

12. «توققۇز باسمىل»九姓拨悉嘧)) تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدىكى خاڭگاي تېغىنىڭ شەرقىدە چارۋىچىلىق قىلغان. كېيىن شەرقى تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. مىلادىيە 742- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قارلۇق قەبىلىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسىگە ئايلانغان. باسمىل (Basmil) نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەبىلە «كونا تاڭنامە» 9- جىلد. «ئومۇمىي تاڭ پۈتۈكلىرى» 全唐文))، 311- جىلدلەردە «توققۇز باسمىل» نامىدا خاتىرىلەنگەن.

13. «توققۇز ئادىز» 九姓阿铁))، تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. «تارىخىي خاتىرىلەر» 史记))، «خەننامە»汉书)) لەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۇگۇر»呼揭)) لارنىڭ ئەۋلادى دېگەن قاراش بار. دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدا چارۋىچىلىق قىلغان. كېيىن تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە مىلادىيە 795- يىلىدىن باشلاپ 821- يىلىغىچە ياغلاقارلار قەبىلىسىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتى قەبىلىسىگە ئايلانغان. بۇ قەبىلە «Atiz-Adiz» دەپ ئاتالغاندىن باشقا «يۇەنخې يىللىرىدىكى ئىسىم فامىلىلەر توپلىمى»元和姓?)) ۋە «ئومۇمىي تەزكىرە»通志)) قاتارلىق كىتابلاردا «توققۇز ئادىز» نامىدا تىلغا ئېلىنغان.

14. «توققۇز بۆگۈ»九姓卜古)) ياكى «توققۇز بارغۇت». توققۇز تېلى قەبىلىلىرىىڭ بىرى بولغان بۇ قەبىلە «ئومۇمىي تەزكىرە»通志)) نىڭ 29 - جىلد «ئۇرۇقداشلىق تەزكىرىسى»氏族志)) دە «توققۇز بۆگۈ» نامىدا خاتىرىلەنگەندىن باشقا، ئاساسەن «بۆگۈ» نامىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

15. «توققۇز قىرغىز (خاككاس) لار九姓坚昆)) ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى. ئۇلار «Kirgiz» دەپلا ئاتالغان. ئەمما، خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ھەر دەۋردە ھەرخىل خەت بىلەن يېزىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ تارىخنامىلەردىن «تاڭ سۇلالىسىغا دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» (唐要要)، «كىتابلار جەۋھىرى» قاتارلىقلاردا «توققۇز قىرغىز» نامىدا خاتىرىلەنگەن. ئېھتىمال، بۇ چاغدا قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغاچقا، توققۇز تېلى يەنى توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) لارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆز نامىنىڭ ئالدىغا «توققۇز» سانىنى قوشۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

16. «توققۇز تاتار». بۇ نام «بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى»، «بايانچۇر خاقان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلاردا تىلغا ئېلىنغان. تاتارلار ئۆز زامانىسىدا تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولغاچقا، توققۇز تېلى قەبىلىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مەزگىل «توققۇز تاتار» نامىدا ئاتالغان بولۇشى كېرەك. كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ئۇلار «تاتار» نامى بىلەنلا ئاتالغان.

17. «توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى» (昭武九姓胡人

3. ياۋرۇپاغا كىرگەن "ھۇن "لانىڭ ئۇيغۇر قەبىللرى ئىكەنلىكى يەنى "ئونوغورلار (ئون ئۇيغۇرلار ) " بۇنىڭغا دەللل
ساندور ( Coros Csoma Sandor 1784- 1842 ) ۋەكىللىكىدىكى ۋېنگىرىيە ئالىملىرى " قەدىمقى ۋېنگىرلار ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان، ئۇلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مەنبەداش " دەپ قارايدۇ.

4. 1982-يىلى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ مۇشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە فولكلورشۇناسلىق بولۇپمۇ بېزەك-نەقىشگەرلىك جەھەتتىكى ئاساسلارغا تايىنىپ قەدىمقى ۋېنگىرلار ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ياشىغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان . ۋېنگىرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى،ئارخېئولوگ ۋە ئىنسانشۇناس دوكتور ئىستىۋان KCISZEL YISTVAN ئۇيغۇر،يۇغۇر،ۋېنگىرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ " ۋېنگىرلارنىڭ ئەجداتلىرى شىنجاڭنىڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بىلەن مەنبەداش بولغان تۈركى خەلق " دەپ ھۆكۈم چىقارغان

5. خەنزۇ تارىخى مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى 铁 勒 قەبىللىرىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنىدۇ.
لېكىن يېقىنقى زاماندا قېرىنداش يولداشلار ئۇيغۇر بىلەن تۈرك بىر ئۇقۇم ئەمەس دەپ چىقتى
لېكىن يېقىندا ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئومىمورا خىروشى ،ئېلىمىز ئالىملىرىدىن لىن گەن، فېي شىياۋ توڭ ، لىيۇ زىشىياۋلار
قەدىمقى خەنزۇ تىلى لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ 铁 勒 سۆزىنىڭ قەدىمقى خەنزۇ تىلىدا تۇ - لاك دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ چوقۇم تۈرك دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى خەن تىلىدىكى ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى .

6. 13-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمىليەتكە تېخىمۇ يېقىن ، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان يەنە بىرخىل رىۋايەت تارقالغان . بۇ رىۋايەت ئىرانلىق تارىخچى راشىددىن تەرىپىدىن <جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن . راشىددىن مۇنداق دەيدۇ : "ئېيتىلىشىچە ، ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ ، بىرى 'بۇقارتۇ---بوزلۇق' دېيىلىدىكەن ، يەنە بىرى <ئۇشقۇنلۇق تەڭرىم> دېيىلىدىكەن ؛ قارا قۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقانىكەن . ئۇگدايخان بىنا قىلغان شەھەرمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن . بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن . بۇ تاغلىق رايوننىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا ، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن . قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاشۇ دەريالارنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تاغلىق جايلارغا ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقانىكەن . ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <ئون ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <توققۇز ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . ھېلىقى ئون دەريا ئون ئورغۇن دىيىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىسمى رەت تەرتىپى بويىچە :'ئايئىشلىق ، ئوتىنكار ، بۇقىز ، ئوزقوندۇر ، تۇلار ، تاردار ، ئادار ، ئۈچ تابىن ، قاملابقۇ ، ئۆتىكەن> دىيىلىدىكەن .
"
7. "كونا تاڭنامە" ، "يېڭى تاڭنامە" ، "تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر" قاتارلىق كىتابلاردا يېزىلىشىچە ، ئۇيغۇرلار <ئىچكى توققۇز ئۇرۇق> ، <تاشقى توققۇز قەۋم> دېگەن ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن . ئىچكى توققۇز ئۇرۇق <توققۇز ئۇيغۇر>(يەنە ئون ئۇيغۇر دەيدىغان گەپمۇ بار) دەپ ئاتالغان ، تاشقى توققۇز قەۋم <توققۇز ئوغۇز> دەپمۇ ئاتالغان .

"كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە" دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز ئۇرۇقى رەت بويىچە بىرىنچىسى 'ياغلاقار' دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاغاننىڭ فامىلىسى ئىدى ؛ قالغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 'ئوتىنگىر' ، 'قۇرابىر' ، 'باشقىرت' ، 'ئاۋاسار' ، 'قازار' ، 'قۇسار' ، 'ياماقار' ، 'ئاياۋىر' دەپ ئاتىلاتتى .
ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قوۋمى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا چوڭراق سەككىز قەبىلىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر گۇرۇھ ئىدى . "تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر . ئۇيغۇرلار" دا ، تاشقى توققۇز قوۋمنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە مۇنداق يېزىلغان : ئۇيغۇر ، بارغۇت ، خۇن ، بايئېرقۇ ، توڭرا ، ئىزگىل ، چۆبە ، باسمىل ، قارلۇق .

8. لى يەنشۇ يازغان «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. تېلىلار ھەققىدە قىسسە北史.铁勒传) ) دە تېلىلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان.
تېلىلارنىڭ ئەجدادلىرى ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى تاغلارنى بويلاپ ئايىغى ئۈزۈلمەي جايلاشقان بولۇپ، توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بارغۇت، توڭرا، ئۇيغۇر، بايىرقۇ قەبىلىلىرى بار، ئۇلارنىڭ باشلىقى ئېركىن دەپ ئاتىلاتتى؛ چومۇل، تۈركەش، ئىزگىل، قۇن، قوشۇر قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 20 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى؛ ئېۋىرغول (بۈگۈنكى قۇمۇلنىڭ غەربى)، كىنگىتنىڭ شىمالىي ۋە ئاقتاغ بويلىرىدا چۈبە، بۇلاغ، چىگىل، دىسۇباناغ، ئوغۇز، خاككاس، ئىكدىر، ئونغۇر قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 20 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى؛ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سىردادۇش، دېلىر، زاباندىر، داچى قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى، سوغدىيانانىڭ شىمالى، ئېتىل دەرياسى بويلىرىدا ئاتىئىزم، قاسار، باخۇ، پېچەنەك، جۇخەي، ھايبىچ، قوچاي، سوپۇ، يىماق، قۇتتال قاتارلىق قوۋملار بولۇپ، 30 مىڭدىن ئەسكىرى بار ئىدى. قارا دېڭىزنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ساغۇر، ئۈچ ئۇرۇق يېماق، سورۇڭقار قاتارلىق قەۋملەر بولۇپ، نوپۇسى 8000 دىن ئارتۇق ئىدى؛ قەرەڭ (رىم) نىڭ شەرقىدە ئاسكىل، ئالان، بېيرۇ، قۇلىس، قۇۋىنخۇن قاتارلىق قەۋملەر بولۇپ، نوپۇسى 20 مىڭغا يېقىن ئىدى. شىمالىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا توباس قاتارلىق قەۋملەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قاغانى يوق بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقىغا قارايتتى.

9.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ⅩⅣ ئەسىردە گۇيفاڭ چۈنچيۇ ۋە جەنگو دەۋرلىرىدە «دى» دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شيەنيۈ قەبىلىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 507- يىلى جۇڭشەن 中山国) ) بەگلىكىنى قۇرغان.
جۇڭشەن بەگلىكى جۇڭگو تارىخىدا خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سىماچيەن يازغان «تارىخىي خاتىرىلەر. جاۋ بەگلىكى تەزكىرىسى» دە جۇڭشەن بەگلىكىنى دىلارنىڭ ئاق دى قەبىلىسىدىكى شيەنيۈ ئۇرۇقىنىڭ باشلامچى بولۇپ قۇرغانلىقى ئېيتىلغان. شۇڭا، «نەسەبنامە»世本») ») دېگەن كىتابتا «جۇڭشەن دىلارنىڭ بەگلىكىدۇر» دېيىلگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. جاۋ بەگلىكى تەزكىرىسى» دە «جۇڭشەن بەگلىكىنى تۇنجى قېتىم ۋۇگۇڭ قۇرغان» دېيىلگەن، ئەمما جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ بەگلەر قەبرىسىدىن قېزىۋېلىنغان «چاسا چۆگۈندىكى ئويما خەت» تىكى بەگلەرنىڭ شەجەرىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋۇگۇڭدىن بۇرۇن ۋېن گوڭ دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 406- يىلى ۋەي بېگى ۋېن خاۋ تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 381- يىلى ئەتراپىدا «جۇڭشەن بەگلىكى قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن» بولۇپ، بۇ كېيىنكى شيەنيۈ جۇڭشەن بەگلىكى دېيىلگەن ۋە باشقا بەگلىكلەر بىلەن بىللە خانلىق دەپ ئاتالغان، پايتەختى لىڭشوۋ (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيىسى تەۋەسىدە) بولغان.
جۇڭشەن بەگلىكى بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسى تەۋەسىدە بولۇپ، چېگرىسى شەرقتە خېشۈي دەرياسىغىچە، جەنۇبى بۈگۈنكى يۇڭپىڭغىچە، شىمالى بۈگۈنكى باۋدىڭغىچە دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1974- يىلى 11- ئايدىن 1978- يىلى 6- ئايغىچە خېبىي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيىسىنىڭ سەنجى گۇڭشېسىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە چۈنچيۇ، جەنگو دەۋرىگە ئائىت چوڭ-كىچىك 30 قەبرە قېزىلدى. قەبرىستانلىق ئىككى ئورۇندا بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە جۇڭشەن بەگلىكى پايتەختىنىڭ ئورنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى خارابە ئىزلىرى تەكشۈرۈلدى. تەكشۈرۈش داۋامىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قېزىۋېلىنغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دانە مىس جابدۇققا ئويۇلغان خەتلەر جۇڭشەن بەگلىكىگە ئائىت يازما خاتىرىلەرنى تولۇقلاشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى.
جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دىلارنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ بەگلىكنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇرۇشتا تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەن.
ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلاردا تېپىلغان مىس ئەسۋابلاردىن قارىغاندا جۇڭشەن بەگلىكىدە «بەگلىك گىرىبى» بولغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. «تارىخىي خاتىرىلەر. جاۋ بەگلىكى تەزكىرىسى» دە، جاۋ بەگلىكىنىڭ جىڭفۇ 6- يىلى «جۇڭشەن بەگلىكى سەددىچىن سېپىلىنى ياساشقا قاتناشقان» دېيىلگەن. بۇ بەگلىكلەر خەنزۇ يېزىقىنى قوللانغان.
جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، يەنىلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپماي قويمىغان. مەسىلەن، قەبرىلەردىن تاغ山) ) خېتى شەكلىدە ياسالغان مىس ئەسۋابلار تېپىلغان. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆگزىسىنىڭ چوققىسىدا تاغ شەكلىدىكى ئومۇرتقا كاھىشى بار. ئىككى چوڭ قەبرىدىن چېدىر جازىسى ۋە چېدىر ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان لاۋازىمەتلىك بۇيۇملار چىققان. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بۇ لاۋازىمەتلىكلەر جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ
10.بۇ يەردە زىكرى قىلىنغانلىرى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنداق ئىشلار بولۇپ ئۆتكەنكى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سوغدىيانا (كانگىيە) يەنى ماۋەرائۇننەھر رايونىدا توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى (绍武九性胡人) نىڭ پائالىيىتى يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا، تارىخىي ھۆججەتلەردە تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنت، سەلىز) قاتارلىق توققۇز ئايماقتىكى قەبىلىلەر بىردەك «توققۇز جاۋۇپلار» ياكى «توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى» دەپ ئاتالغان. بۇلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا ۋە چاڭئەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ پائالىيەت قىلىپ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر»回鹘) ) دەپ ئاتىغان. مەسىلەن، شى فۇچىڭ (石福庆)، شى جېجىژ石诫直) ) قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇردېيىشىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋېن زوڭ (826—835)، ۋۇ زوڭ (841—846) قاتارلىق پادىشاھلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان. شۇڭا، 842- يىلى يېزىلغان «لى ۋېنراۋ توپلاملىرى» 李方绕集)) دېگەن كىتابنىڭ «ئۇيغۇرخانىغا يوللانغان مەكتۇپلار» 赐回鹘可汗书) ) نىڭ «ئۇيغۇرشې جىجىنىڭ ئەھۋالاتى»论译语人壮) ) قاتارلىق بابلىرىدا يۇقىرىقىلارنى ئۇيغۇردەپ يازغان. شۇ كىتابنىڭ 13- جىلدىدا «ئۇيغۇرئەنشاۋشۈن»回鹘安孝顺) ) دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. شياڭدا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشى ئەسلىي توققۇز جاۋۇپلاردىن بولۇپ، بۇخارالىق ئىكەن.ساۋشياۋ كۇي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆرەتۆپە خانلىقىدا (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند ئەتراپىدا ) تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توققۇز چاۋۇپ ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، ئۇ، تاڭ سۇلالىسى كەييۈن يىللىرىدا (مىلادى 713__741- يىللىرى )بىر تۈركۈم راھىب، رەسسام، سەنئەتكارلار بىلەن بىللە چاڭئەنگە كەلگەن ھەمدە ئوردا ئوكېستىرىغا تەكلىپ قىلىنغان.


11.ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى
دىلار (狄 ):

1. قىزىل دىلار (赤翟,赤狄) ؛ 2. ئاق دىلار (白翟,白狄) ؛ 3. ئۇزۇن دىلار (长翟,长狄)

قاڭقىللارنىڭ ئالتە چوڭ قەبىلىسى(高车六部):

1. دىلار (狄) ؛ 2. ئۇيغۇرلار (袁纥) ؛ 3. قوغۇرسۇ (斛律) ؛ 4. چاپىش (斛批) ؛ 5. قىرغىزلار (护骨) ؛ 6. ئىل تېكىن (异奇斤)


قاڭقىللارنىڭ 12 ئۇرۇقى (高车十二姓) :

1. چىپولى (泣伏利) ؛ 2. تېلى (吐卢) ؛ 3. ئىجان (乙旃) ؛ 4. تارلان (大连) ؛ 5. قوغا (窟贺) ؛ 6. تاربوقان (大薄干) ؛

7. ئايرون (阿仑) ؛ 8. بايان (莫允) ؛ 9. ئېركىن (侯分) ؛ 10. بۆركلى (副伏罗) ؛ 11. قىئوي (乞袁) ؛ 12. يۇسۇپى (石叔沛)


تېلې قەبىلىلىرىنىڭ تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكىلەر:

1. بۆگۈ (بارغۇت) ؛ 2. توڭرا ؛ 3. ئۇيغۇر ؛ 4. بايىرقۇ ؛ 5. بۆركلى ؛ 6. موچۇر ؛ 7. تۇرگىت ؛ 8. ئىزگىل ؛ 9. قۇن ؛ 10. قوغۇرسۇ ؛


تېلې قەبىلىلىرىنىڭ ئىۋېرغۇلنىڭ غەرىبى، ئاگنىنىڭ شىمالىدىكى ئاق تاغ (تەڭرىتېغى) نى بويلاپ ئۇرۇنلاشقانلىرى:

11. چىبنى ؛ 12. بۇرۇچ ؛ 13. ئازلا ؛ 14. سۇبۇ ؛ 15. ناخ (ناگە) ؛ 16. ئوغۇز ؛ 17. قىرغىز ؛ 18. ئېرتوش (ئىجان)

19. ئۇنقۇ


تېلې قەبىلىلىرىنىڭ ئالتۇن تاغنىڭ (ئالتاي تېغى) غەرىبى جەنۇپ تەرەپلىرىگە ئۇرۇنلاشقانلىرى:

20. سىر-تاردۇش ؛ 21. جىلار (جەرۇق) ؛ 22. زاباندېرلار ؛ 23. داچى

تېلې قەبىلىلىرىنىڭ كانگىيىنىڭ (سەمەرقەنت) شىمالىدىن ئىدىل (ۋولگا) دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇرۇنلاشقانلىرى:

24. ئادىز (ئاتىئېز) ؛ 25. خازار (ھازار) ؛ 26. بۇلغار ؛ 27. پەچەنەك ؛ 28. ئارال دېڭىزىلىقلار ؛ 29. گەبىش (چەبىش)

30. خېچاسۇ ؛ 31. بايىرۋىكتا

تېلې قەبىلىلىرىنىڭ كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقى ۋە غەرىبى تەرەپلىرىگە ئۇرۇنلاشقانلىرى:

32. سۇغناق (سارىغۇر) ؛ 33. ساسكىت ؛ 34. مۇككىرىپ (مۇكشاس) ؛ 35. ساخە (چېركىس)


تېلې قەبىلىلىرىنىڭ رىمنىڭ شەرىقىدىكى جايلارغا ئۇرۇنلاشقانلىرى:

36. ئىنقۇ ؛ 37. ئەلەن (ئالاس) ؛ 38. باشقىرت ؛ 39. قۇتقۇر


تېلې قەبىلىلىرىنىڭ شىمالى دېڭىزنىڭ جەنۇبى تەرەپلىرىگە ئۇرۇنلاشقانلىرى:

40. دۇبۇ (تۇبول) ؛

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز قەبىلىسى (ياكى توققۇز ئۇيغۇرلار):

1. ياغلاقار (ئوپۇرغۇر) ؛ 2. ئۇتۇرقار (قۇرتارغار) ؛ 3. دېرىمار (كۈرەبىر) ؛ 4. بايىرسېق (بۇقاسقىر) ؛ 5.ئابدال ؛ 6. قاسار ؛ 7. قوغۇرسۇ ؛ 8. ئۇۋۇغار (ئاۋۇچاگ) ؛ 9. ئاياۋىر (سابار)

ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسى (ياكى توققۇز ئوغۇزلار)

1. ئۇيغۇر (خۇيخې) ؛ 2. بارغوت (بۆگۈ) ؛ 3. قون (غۇن) ؛ 4. بايىرقۇ ؛ 5. توڭرا ؛ 6. ئىزگىل ؛ 7. چۆبە (قىبئار)

؛ 8. باسمىل ؛ 9. قارلۇق

كىيىن ئاتئېز قەبىلىسىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن يەنە ئون ئۇيغۇر دەپمۇ ئاتالغان.



12. تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان ئەرگىنەقون گېزىتىنىڭ، 2008 - يىلى فېۋرال 14 - سانىدا شىئەندىكى ئۇيغۇر پرامىدالىرى` ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالە تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇر رايونىدا تېپىلغان، مىسىر پرامىدالىرىدىن يۈز يىللارچە مۇقەددەم سېلىنغان ۋە مىسىر پرامىدالىرىدىن ھەم ئېگىز ، ھەم بۈيۈك پرامىدالارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. بۇ يەرگە كىرىش تامامەن چەكلىنىدۇ.  بۇ پرامىدالارنىڭ ئىچىدە پروتو - تۈرك يازمىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ، ئارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ سىرلىق پىرامىدالار دۇنيا تارىخىنىڭ تەكرار يېزىلىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۈگۈن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە شىئەن شەھىرىگە 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىڭشەن تاغلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان، ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك 100 دانە پىرامىدا بىلەن بىرگە 300 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر پىرامىدا بار."
 
بۇ پرامىدالارنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 1994 - يىلى شەنسى رايونىدا بىر تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گېرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋىگ ھاۋۇسدوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمىنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلغان. ھاۋۇسدوفنىڭ قارىشىچە، پرامىدالارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدا ئىكەن.

13. دەشتىئاتا(敦皇)نى مەركەز قىلىپ تاشكىمىر مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچى كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرى )تارخىتا روڭ ئاتالغۇچىلار ،بۇيەردە جىق سۆزلىمەيمەن ، بۇنى سۆزلىمىسەممۇ سىلەرگە ئىنىق
(
14. ئۇيغۇر ئىمپىراتۇرلىقى دىگەن ئەسەر .بۇ ئەسەر ئەنگىلىيەلىك ئالىم جامېس كولونېل چېرچىۋاردنىڭ " غايىپ قىتئە ــ مۇ " دىگەن كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسخىسى .


بۇيەردە شۇنى ئىزاھلىماقچىمەنكى:
1‹ شەرقى تارماق ئۇيغۇرلار قىسقارتىلىپ " ئورخون ئۇيغۇرلىرى “ .
2‹" ئونوغۇرلار " بۇيەردە قىسقارتىپ " ياۋرۇپا ئۇيغۇرلىرى "
3‹غەرىبى تارماق ئۇيغۇرلار يەنى ،ئاتۇنتاغ، تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى جەنۇبى كۇئنلۇن تىغى ،ماۋائۇننەھىر ،ئېرىتىش ، تارىم ، سىر ،كاسپى،ئامۇ دەريا ۋادىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ،قىسقارتىپ غەرىبى ئۇيغۇرلار.
4‹كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرى.

بىز شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا ھەقلقمىزكى ،ھونلارنىڭ ئاساسى تەركىبى ئۇيغۇر قەبللىرى. "جەڭگۋار تۇرا "لارنىڭ ئاساسى تەركىبى ئۇيغۇر قەبللىرى.
مانا مۇشۇ كەڭ دائىرگە جايلاشقان ئۇيغۇر قەبىللىرىى مىلادى 840-يىلدىن مىڭ يىللار بۇرۇن يەنى ئورخون ئۇيغۇرلىرى چوڭ كۆچۆشتىن مىڭ يىللار بۇرۇنمۇ مۇشۇ دائىرلەردە ياشىغان جەڭگىۋار تۇر،جەڭگۋار تۇرا، تۇرانلىقلارنىڭ ئۆزى شۇ . 

******************************************************************************************************
ئىپلاس ،زىدى پەس، ئەجدادىنى تونومايدىغان ماڭقۇرۇتلار ، ھەرخىل غەرەزلەردە بۇ تارىخنى بۇرمىلىماقتا ،ئاتالمىش تارخىچى سەنمۇ ھەممە ئادەم ئىتىراپ قىلدىغان كىلاسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۇرۇپ جۆلىگىن . قىنى سەھنىگە مەرھەمەت !!!!!!

مەۋلان-تۇران
[ بۇ يازما mavlan تەرىپىدىن 2008-12-13 17:15 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2008-12-10 14:40 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
dellyar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-11
ئاخىرقى : 2008-12-12

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەيلى رۇس مەنبەلىرىدا بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ مەنبەلىرىدا بولسۇن تارىخى مىللەت تەتقىقاتلىرى بولشىۋىزىمنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ شەرھىلەنگەچكە ئىلمىلىق نۇقتىسىدىن يىراقلىقى ئىنىق .لىكىن  ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇستىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ  مىلەتچىلىك ۋە سىياسى غەرەزدىن ئىبارەت ئىلمىلىقىنى چەتكە قاقىدىغان نەرسىلەردىن خالى ئەمەس .بىز ئۆتمىشىمىز ھەققىدە ئوبىكتىپ تونۇش ھاسىل قىلايلى دىسەك يەنىلا ئۆزمىزنىڭ تەتقىقاتىغا تاينىشىمىز لازىم بۇ ئىنتايىن ياخشى ئۇرۇنۇش بوپتۇ كىيىنمۇ مۇشۇنداق ماقالىلارنىڭ يىزىلىشىغا ئىھتىياجىمىز بار 
| ۋاقتى : 2008-12-11 10:58 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    مانا بۇ، ھەقىقى سەمەرىلىك ئەمگەك بوپتۇ. تارىخى مۇئەممالىرى تولۇپ ياتقان مىللەت ئۈچۈن، تارىخى بايانلارنى قۇرۇق يادلاش، رىياللىق رەنجى ئەزۋەدىگەن بىلەن باراۋەر.
    ئەسىرىڭىز شۈبھىسىز ھالدا بىر يېشىل نۇر مەنبە نوقتىسىغا ئىنتىلگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئارمىنىدىكى<<تۇران>>.
    تۇران- كىن-ئۇرۇم- ئوغۇز-تۈركىي- ئۇيغۇر-ئۇيسۇن-ساك-تۇخرى تەرتىۋىدە ماكان ۋە زامان ھالقىللىرى بىلەن ئېنىقلىما بېرىش، <<تۇران>>دىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك يىلتىز ئۇقۇمىنى، ھازىرقى<<تۈركىي>> مىللەتلىرىنىڭ  ئوخشاش بولمىغان تارىخى باسقۇچتىكى ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەر ئاتا قىلغان ناملار بىلەن بايان قىلىش تارىخىمىزنى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە روشەنلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يىل ھالقىللىرىنى تەخمىن قىلىشمۇ ئەۋلاتلارنى ئۆزگىلەر ئالدىدا زۆرۈر تارىخى ئىھتىماللىقنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇپ قەددىنى تىك تۇتۇپ رىياللىققا ئىپتىخار بىلەن يۈزلىنىش شەرىپىگە ئىرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ، بىز ھىس قىلالمايۋاتقان تارىخنىڭ رىياللىققا بىرىدىغان ھەقىقى كۈچ-قۇدرىتى.

    ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ بىزنىڭ توققۇزنى قەدىرلىشىمىز يۇقارقى(تۇران- كىن-ئۇرۇم- ئوغۇز-تۈركىي- ئۇيغۇر-ئۇيسۇن-ساك-تۇخرى)توققۇز ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى چوقۇم.
  <<ھون-خۇن-ئون>>دىن ئىبارەت ئۇچ ئوخاشاش ئۇقۇم شۇنداق دىققەتكە سازاۋەركى، ھون بىلەن خان(پادىشاھ )باراۋەر ئۇقۇم. ئەمما ئۇ بۇگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزدا پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. ئانىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمران ئورۇندىكى<<ئوغۇزنامە>>دىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە پادىشاھ ئاساسەن ئايال زاتىدىن بولۇپ ئۇلار<<خان>>دىيىلگەن.بۈگۈنكى ئاياللىرىمىز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا <<خان>>نىڭ ئۇلىنىشى موشۇ سەۋەپتىن. ئاتىلىق ئۇرۇق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەندە پادىشاھ ئەرلەردىن بولۇپ ئۇلار<< خۇن - ئون -ۋۇن>>ئورتاق پەخرى نام بىلەن ئاتالغان. بۈگۈنكى ئەرلەر ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا << خۇن - ئون -ۋۇن>>ئۇلىنىشى يەنە مۇشۇ سەۋەپتىن. ئەركەك زاتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە كۈچتۈنگىرلىكى ۋە قىساسكارلىقى سەۋەبىدىن: << ئوقيانى ھەقىقى ئەركەكلەر تارتىدۇ>>(كۈچتۈنگىرلەر تارتقان يادىن چىققان ئوق ۋىڭ-ۋىڭ ئاۋاز چىقىرىپ ماڭىدۇ، ئاددى ئاۋام تىلىدا تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتقان نەرسىنىمۇ ۋىڭ-ۋىڭ بىلەن ئىپادىلەيمىز، بۇمۇ <<ۋون-ۋىن>>بىلەن مۇناسىۋەتلىك)،<< ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر <خۇن> تولىشى كېرەك>>. <<خۇن تولىتىمەن>>دېگەنلەرمۇ ئەركەكلىك قەھرىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزلەر.
  يۇقارقى باياندىن <<ھون>>خاسىيەتلىك توققۇز سانغا  قەبىلىلەر نامىدىن مۇيەسسەر بولالىشى ناتايىن.
  بۇ يەردە يەنە بىر قوشۇمچە ھەقىقەت ئايانكى، تۈركى مىللەتلىرى ئەر، ئاياللارنى ھەقىقى باراۋەر ئورۇندا كۆرۈپ ئاياللارنى<<خان>>(پادىشاھ)، ئەرلەرنى << خۇن–ئون -ۋۇن>>(پادىشاھ)دېگەن ئورتاق نامدا، ئۇلارغا تارىخى باراۋەرلىكى بىلەن ئادىل مۇئامىلە قىلغان.
| ۋاقتى : 2008-12-11 15:47 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
kkk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6833
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 18 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-25
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئوغۇزخان تارىختا ھەقىقى ياشاپ ئۆتكەن شەخىس پاكىت( گەنسۇ ئۆلكىسىدە يايلاق مللەتلىرگە خاس قەدىمى قەۋرەبايقالدى !!!مۇشۇ مۇنبەرنىڭ تاغدىن باغدىن سەھىپىسىدە بار)بۇنىڭدىكى ئىگىز ھارۋا قانغا ،يايىلىق كۆك بۆرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان ھەيكىلى .......ھەم ئوغۇزخان تەرىپىدىن بېرىلگەن قەبىلە ناملىرىنىڭ قاراخانىلار خانلىقى مەزگىلىدىمۇ بارلىقى مانا بۇلار ئوغۇزخاننىڭ ھەقىقى ئۆتكەن شەخىسلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-12-12 20:22 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
armani

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4608
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرىتى: 28 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-26
ئاخىرقى : 2008-12-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەۋلان ئەپەندىنڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنشى ناھايىتى ئەھمىيەتلك بوپتۇ ، باشقىلار يىزىپ بەرگەن تارىخلا ھەققى تارىخ ئەمەس ، ئۇزمىزمۇ بۇ جەھەتتە كوپرەك ئىزدىنشىمىز كىرەك،چۇنكى بىر ئائىلنىڭ ئىشلىرنى شۇ ئائىلە ئەزاسى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ .سىزگە كوپ رەخمەت مەۋلان ئەپەندى ، بىزگە ئىنتايىن ئىسل ھىيتلىق سوۋغا يوللاپسىز!!!
1som
| ۋاقتى : 2008-12-14 11:56 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
tax

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2839
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-19
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئادەتتە ماقالىلارنى بۇنداق تولۇقى بىلەن ئوقۇمايتتىم.چۈنكى كۆپلىگەن ماقالىلار قانداقتۇر بىزنى ئۆمىردە كۆرۈپمۇ باقمىغان،بىز توغۇرلۇق ئازراق ساۋادى بولمىغان پەقەت كىتاپخانلاردىن ئاقتۇرۇپ تىرىپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى بىر كىتاپ قىلىپ چىقارغان كىتاپلاردىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچ ئادەمنى قايىل قىلالمايتى.سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىز مىنى ئۆزىمىزگە قارتا تىخىمۇ ئىنىق قاراشقا ئىگە قىلدى.بولسا تىخىمۇ تىرىشىپ ئاشۇ چالا ساۋاتلارنىڭ ئاغزىغا نوقتا سالغايسىز.
| ۋاقتى : 2008-12-14 20:16 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
imla

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6385
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-15
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت سىزگە مەۈلان ئەپەندىم. مەن ئىلگىر ئۇيغۇرلار ۋە ھۇنلار غەرىپكە،جەنۇپقا كۆچتى دىيىلگەندە،بۇلار زادى نىمىشقا بىر يۈنىلىشتە كۈچىدۇ.بۇيەرلەردە ئىلگىرى قانداق مىللەت بار بولغىيدى.ئۇيغۇرلار ۋە ھۇنلار كۈچۈپ كېلىپ زىمىنى ئىگەللىۋالسا ئۇلار قارشى جەڭ قىلمىغانمىدۇ.يەنە كېلىپ كۆچۈشتىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا قۇدرەتلىك ھاكىميەتلەر ۋوجۇتقا كەلگەننىڭ سەۋەبى نىمە دەپ ئويلايتىم.ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سەل چۇشەنگەندەك بولدۇم.
1som
| ۋاقتى : 2008-12-15 23:32 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1963ـ كۆرۈرمىنى
qinar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4892
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-08
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى <<تارىخى ئەسەرلەر>>دىگەن بىر ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرگەن ئىدىم . بىراق مەن توردىن چۈشۈرۈپ بولغىچە ئۇچۇرۇلۈپ كىتىپتۇ.ئەگەر سىزدە بار بولسا ماڭا ئېغىر كۆرمەي يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز، سىزدىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىم:uygur74@126.com
| ۋاقتى : 2008-12-19 17:03 7 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.204509(s) query 4, Time now is:01-11 03:04, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation