ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 83كۈن بۇرۇن

 بۇخارا ياكى ماۋرائۇننەھىر تارىخى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: 本帖被 iltebir 设置为精华(2009-02-24)
بايانات: بۇ ئەسەر "بۇلاق" ژورنىلىنىڭ 2000- ۋە 2001- يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تورغا يوللاندى، توردىكى ھوقۇقى ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگە مەنسۇپ، باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈش قارشى ئېلىنمايدۇ.
بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى
ھېرمان ۋامبىرى
نەشرگە تەييارلىغۇچى: باۋۇدۇن نىياز

ئىستىقبال يول كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بىرى

«ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالىمۇ زۇلمەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ.»

ماجار (ۋېنگرىيە) ئالىمى ھېرمان ۋامبىرىنىڭ ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەت ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى بۈگۈن پۇقرا ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى تارىخىمىز ھەققىدە ناھايىتى يۈزەكى تەسەۋۋۇرغا ئىگە بىر دەۋردە ئەسلەش ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىشتۇر. ئۆتمۈشتىن خەۋەرسىزلىك تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادنى مەنىۋى جەھەتتىن قاششاق، روھسىز، يۇرتىغا، مىللىتىگە، ئىستىقبالىغا بىپەرۋا قارايدىغان قىلىپ قويغانىدى. ۋەھالەنكى، ئېلىمىز بۈگۈنكى كۈندە، باشقىلارغا بېقىنىدىغان قورقۇنچلۇق روھى مۇھىتتىن قۇتۇلۇشقا ئېرىشتى. ياش – قېرى ھەممىسى بىردەك سىياسەتكە، ئىقتىسادقا، مەدەنىيەتكە زوقمەن كىشىلەرگە ئايلاندى. مىللىي ئۆرپ – ئادەت، بايلىق توغرىسىدا قىزىقىپ ئويلاشقا باشلىدى. بەزىلەر بولسا كېلەچەككە زۇلمەت پەردىسى قاپلىغان تۈن كەبى مەجھۇل بىر بوشلۇققا قامىلىپ تىكىلگىنىچە ھازىرمۇ كارامەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەپسۇسكى ئېنىق ۋە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولماستىن تۇرۇپ ئىستىقبالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. دېمەكچىمىزكى، بۈگۈنكى جۇمھۇرىيىتىمىزدە ياشاۋاتقان ئەۋلادنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ئالتە مىڭ يىللىق تارىخقا، مەدەنىيەتكە ئىگە؛ ئەجدادلىرىمىز ئۆتكەن دەۋرلەردە ھۆكۈمرانلىقمۇ قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىمۇ بولغان؛ مىللىي راۋاجلىنىش ۋە نەتەزۇل (ئارقىغا قاراپ چېكىنىش) پەيتلىرىمۇ بولغان. يەر بايلىقلىرىمىز، چېگرالىرىمىز، ئېلىمىزنىڭ نوپۇزى، قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى، مەشھۇر شەخسلىرى بولۇپمۇ، مىللەتنى جاھان مىقياسىدا شانۇ شۆھرەتكە ئىگە قىلغان بۈيۈك شەخسلىرى ھەققىدە ئاساسلىق بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپ، كېلەچەكتىكى ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشنى بەرىبىر تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.
مېنىڭچە كېلەچەككە پەقەت ئۆتمۈش يول كۆرسىتىدۇ. ئۇ يول بۈگۈنكى دەۋرنى بېسىپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈنىمىز كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولسا، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنىڭ ئېغىر كۆۋرۈكىنى كۆتۈرەلەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرى بېسىپ ئۆتىدىغان ئاشۇ كۆۋرۈكنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچىلەر بولۇشى لازىم. تارىخ ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. ئەسلى ئانا يۇرتلىرى كونا تۈركىستان بولغان ماجارلار (ۋېنگرلار — ھۇنگىرلار — ھون ئەرلەر. ت. ق) ئالىمى ھېرمان ۋامبىرىنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى» ناملىق كىتابىمۇ شۇنداق يول كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ رۇسچىسىغا ئاركادى پاۋلوۋسكىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى تاشكەنتتىكى ئەلىشىر ناۋائىي ناملىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىستان توپلىمى»نىڭ 70 -، 71 – جىلدلىرىدىن ئورۇن ئالغان. بىز ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان پارچىلارنى تەييارلاشتا شۇ كىتابتىنمۇ پايدىلاندۇق. ئاساسەن 20 – يىللاردا بۇخارا خەلق مائارىپ نازارىتى نەشرىياتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن مۇشۇ رۇسچە تەرجىمىدىن فاتىخ كەرىمى ۋە بۇرھان شەرەپ تۈركچىلەشتۈرگەن ئىككى جىلدلىققا (موسكۋا، 1924 – يىل، كونا ئىملايىمىزدا) تايىنىدۇ.
مەلۇمكى، ھېرمان ۋامبىرىنىڭ تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاياتى ئىسلامغا ئائىت ئىلمىي، ئەدەبىي، سىياسىي، تارىخىي تېمىغا ئائىت يىگىرمىدىن ئارتۇق ئەسىرى بار. قىسقىسى، بىز بۇ ئورۇندا ۋامبىرىنىڭ «ئىنگلىز جاسۇسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەشتى. ئارتۇقچە دەپ قارايمىز ۋە فاتىخ كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى تەكىتلەش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. بۇ ئالىم «سىياسىي پىكرى جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق تۈرك مۇخلىسى، ئىنگلىز تەرەپدارى، رۇسىيە مۇخالىپى (قارشى چىققۇچى) ئىدى. شۇنىڭغا ئاساسەن پادىشاھ رۇسىيىسىنىڭ قارىشىچە غەيرىي مەقبۇل كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىناتتى» ئەمما ئالىمغا نىسبەتەن شۇنداق قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋارائۇننەھر تارىخ» ئەسىرىنى 1873 – يىلىدا ئەۋلىيا پېتىر شەھىرىدە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغانلىقى ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇمدۇر. تەرجىمان ئا. پاۋلوۋسكىينىڭ «كىرىش سۆز»دىكى پىكىرلىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن: «مۇئەللىپ ۋامبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسىر ياۋروپالىق مەلۇماتلىق ئەمما ئۈچۈن ترانسۇكسانىيە — ماۋەرا ئۇننەھر مەملىكىتى ھەققىدىكى» بىرىنچى تارىخ بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ۋامبىرى بۇ كىتابنى يېزىشتا ئەسلى مەنبەلەردىن، تۈرك، موغۇل، ئەرەب، پارىس تىلىدىكى تارىخ كىتابلىرى بۇ ئۆلكىگە قىلغان ساياھەتلىرى داۋامىدا كۆرگەن ۋە ئۆزى توپلىغان قوليازمىلىرىدىن پايدىلانغان. تەرجىمان بۇ ئۆلكە تېمۈرىيىلەر سەلتەنىتىنىڭ يىمىرلىشىغىچە ماۋارائۇننەھر دەپ ئاتالغان، كېيىن ئون ئالتىنچى يۈز يىللىقتىن باشلاپ بۇخارا خانلىقى دەپ شۆھرەت تاپقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ پايدىلىق تەرەبلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭدا مەلۇم قىسمەن نۇقسانلارمۇ يوق ئەمەس. ئېنىقكى بۇ تەبىئىي ھالدۇر. چۈنكى، مۇئەللىپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي كىتابلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆزى باشقا بىر مىللەتكە ۋە باشقا بىر مىللىي كۆزقاراشقا ئىگە بولغىنى ھالدا ھۆكۈمران بىر مۇھىتنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا بۇ ئەسەرنى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يازغان. ئەسەرنى نەشرگە تەييارلىغۇچى سىراجىدىن ئەخمەتمۇ ۋە مەنمۇ ئۇنى تەھرىرلەش ۋە تۈركچە، رۇسچە نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرۇش جەريانىدا مەنمۇ ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ جەھەتلەرگە ئېتىبار بەردۇق. كىتابخانىلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە تېگىدىغان بەزى، ئىبارە ۋە جۈملىلەرنى ئەتەي چىقىرىۋەتتۇق بەزىلىرىنى ئىلمىي ئاساسقا ۋە مەنتىقىغە تايىنىپ ئۆزگەرتتۇق. مەسىلەن، تۈركچە نۇسخىدىكى «ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىش» بابى مۇنداق باشلىنىدۇ: «ئۇلۇغ ئىسلام يۇرتىنىڭ تايانچلىرى غەربىي ئاسىيادا تىكلەنگەندىن كېيىن ئىنشا قىلىنغاندىن ئەرەب ئەمەلدارىنىڭ غالىب قوشۇنلىرى ئىسكەندەرى كەبىر يولى بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە كىرىپ كەلدى.»
تۈركچە نۇسخىدا بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئورۇنلاردا ئۇچرايدىغان «قەھرىمان ئەرەب » دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمەن ئەرەبلەرنىڭ ئۇلۇغلايدىغان ئىبارىلەر رۇسچە نۇسخىدا يوق. مەن ۋامبىرىنىڭ كىتابىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىر پەرەز بىلەن چەكلىنىمەن: ۋامبىرى ئۆز كىتابىنى يېزىشتا ئەرەب مۇئەللىپلىرىنىڭ ئاساسەن مۇسۇلمان شەرقىي مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىكى ئەرەبلەر مەدھىيىلەش مەزمۇنلىرىنى سىڭدۈرۈۋالغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ رۇسچە ۋە تۈركچە نۇسخىلىرىدىمۇ ماۋەرا ئۇننەھرگە — تورانغان باستۇرۇپ كىرگەن ئەرەبلەر «قەھرىمانلار» دەپ، بۇ يۇرتنىڭ ئۆز ئېگىلىرى ۋە يۇرت ھىمايىچىلىرى بولسا «دۈشمەن» دەپ ئاتالغان. قوتەيبە «ئەڭ ئاۋۋال بايكەند شەھىرىگە قارشى يۈرۈش قىلدى. ئۇ سەھرا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن شۇ يەردە دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تاسادىپىي ئۇچراتتى. دۈشمەن ئەسكىرى سان جەھەتتە قۇتۇيبە ئەسكەرلىرىدىن بەك كۆپ ئىدى. رۇسچە نۇسخىدىمۇ بۇ مەنتىقى خاتالىقنىڭ تەكرارلانغانلىقىنى كۆرىمىز:»
شۇنىڭغا ئاساسەن بىز «دۈشمەن» سۆزى ئورنىغا بەزى ئورۇنلاردا تورانلىقلار ۋە تۈركلەر دېگەن ئىبارىنى قوللاندۇق.
ۋامبىرىنىڭ كىتابىدىكى مۇھىم مەلۇماتلاردىن بىرى شۇكى، ئۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى تورغاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ۋە ئىزاھتا: «ۋەيلىنىڭ ئوقۇغىنىغا ئوخشاش تاراغاي ئەمەس» دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ۋامبىرىنىڭ پىكرى توغرا. چۈنكى، تورغان ياكى تاراغاي سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بەرمىگەن. ۋامبىرىمۇ بۇ يەردە نېمىشقا تورغاي ئىكەنلىكىگە ئىزاھات بەرمىگەن. قەدىمىي تۈركلەر تارىخىدىن مەلۇمكى، ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى بۇددا دىنىغا، كۆپ دىنىي (شامانىزم) غا ئېتىقاد قىلغان. ئۇلارنىڭ تۇتىملىرى ھايۋانلار ۋە قۇشلار بولغانلىقى مەلۇم. شۇ جەھەتتىن قارىغاندا شۇنداقلا تېمۇرىيىلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى قەدىمىي تۈرك ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، خۇسۇسەن ئىسلاملاشقان تۈركلەر ئۆزلىرىگە بىر ئەرەبچە ئىسىم بىلەن بىرگە بىرەر قەدىمكى تۈركچە ئىسمىنىمۇ بىللە قويغانلىقىنى ئەسلىسەك، نېمىشقا تورغاي دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق بولىدۇ. ۋامبىرىنىڭ بىر ئىزاھىدا «كوراگان» سۆزى گۈزەل مەنىسىنى بىلدۈرۈشنى، كۆرەگان — كۆركىلى، كۆركەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مۇئەللىپ: «تېمۇرنىڭ ئورۇقى بارلاس بولغان. ئەمما، ئائىلە تارمىقى كۆرەگاندۇر» دەيدۇ. دېمەك، ئەمىر تېمۇر بارلاس قەبىلىسىنىڭ كۆرەگان – كۆركەم ئۇرۇقىدىن بولغان. ھازىرمۇ شەھرىسەبز ۋە باشقا يەرلەردە ياشىغۇچى بارلاس قوۋمىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ كۆركەم ئىكەنلىكىمۇ ئالىمنىڭ بۇ پىكرىنى تەستىقلايدۇ. كۆرەگان سۆزىنى موڭغۇلچىغا باغلىغۇچىلارنىڭ تايانغىنى مېنىڭچە، تېمۇر سەلتەنىتى ۋە يۈرۈشلىرى دەۋرىدە ئانچە – مۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار قىلىنغان ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى بولمىش خۇسۇسەن ئەرەب ۋە پارس مۇئەللىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋاسىتىسى بىلەن ياۋروپاغىمۇ ئۆتكەن بىر تەرەپلىمە خاتا مەلۇماتلاردۇر. ئەمىر تېمۇرنىڭ «موغۇل نەسلىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە مىرخاند، شەرەپىددىن ئەلى يەزدىي، ۋەيل، ھاممىر ۋە باشقا شەرقشۇناسلارنىڭ رىۋايەتلىرى ئىككى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى» ۋامبىرى بۇ پىكىرنى ۋە «تېمورنىڭ قاراچار نويان نەسلىدىن بولۇشى ئاساسسىز ھېكايە» ئىكەنلىكىنى، چاغاتاينىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىرىنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز «تارىخى جاھان كۇشاي»دا يوق ئىكەنلىكى، ئەمما رەشىدىددىن، مىرخاند ۋە باشقىلارنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى «تارىخى جاھان كۇشاي»دىن ئالغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تېمۇرنىڭ نەسلىنى موغۇللارغا باغلىغان زامانىمىز تارىخچىلىرىمۇ ئاشۇ ئادىشىشنىڭ ئىختىيارسىز قۇربانلىرى بولغان ئاساسسىز سۆزلەرنى تەكرارلاپ يۈرگەنلىكلىرىنى مانا ئەمدى چۈشەنسە بولار، دەپ ئويلايمەن. ماجار ئالىمى ۋامبىرىنىڭ «تېمۇر تۈۈكلىرى» ھەققىدىكى بىر ئىزاھاتمۇ دىققەتقە سازاۋەردۇر: «تۈزۈك» سۆزنىڭ ئەسلى قەدىمكى تۈركچىدىكى «تۇتسۇق» بولۇپ، ئەرەبچە: نىزام دېگەن مەنىدە. بۇ سۆزگە ئەرەبچە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇپ، «تۈزۈكات» سۆزى ياسالغان. ئالىم يەنە بىر ئىزاھاتىدا «تېمۇر تۈزۈكلىرى»نىڭ ئەسلى چاغاتايچە نۇسخىسى يەمەن ۋالىيسى جەپەرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ۋامبىرى تەرەپبازلىق قىلماستىن، ئىبنى ئەرەبشاھنىڭ «تېمۇر چىڭگىزخاننىڭ ياساقلىرىنى ‹قۇرئان› دىن يۇقىرى كۆرەتتى» دەپ ئەمىر تېمۇرنى ھەقسىز ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ؛ ئەسلىدە، ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ لەشكىرى ئىدارە بولۇشتىن كۆرە، روھانىي ئىدارىگە تەتبىق قىلىنىپ ياسالغانلىقىنى، موغۇل ياساقلىرى بولسا، دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، مۇستەھكەملەشتە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مېنىڭچە ۋامبىرىنىڭ بۇ قارشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ «دۆلەت تەشكىلاتى دىنىي بولۇشى كېرەكمۇ ياكى ئەسكىرىي بولۇشى كېرەكمۇ؟» دەپ بەس – مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان كىشىلەر بىلىپ قويسا ئەرزىيدىغان مۇھىم پىكرىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ بىر دۆلەت روھانىي تەرەققىيات ئاساسىدا جەمئىيەت قۇرسايۇ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى دۆلەت قوشۇنى لەشكىرى تەرەققىياتقا ئىگە جامائەتتىن ئىبارەت بولسا روھانىي تەشكىلاتلىق دۆلەت ئۆزىنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟ ئەمىر تېمۇر بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز دەۋرىدە چوڭقۇر ئويلىغان ۋە ئۆز سەلتەنىتىنىمۇ قەدىمكى تۈرك دۆلەتچىلىكىگە ئوخشاش لەشكىرى تەرتىپلەرگە، شۇنداقلا ھۆكۈمران روھانىي تەشكىلاتىغا ئاساسلىنىپ قۇرغان.
قىسقىسى، ۋامبىرىنىڭ بۇ كىتابى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەسكىن مۇلاھىزىلەرنى ئويغىتىشى تەبىئىي. ئۇنى ئىلمىي تەتبىقلاش بولسا ئالىملىرىمىزغا ھاۋالە.

— تاھىر قاھھار

yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 83كۈن بۇرۇن
ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىش

ھىجرىيىنىڭ 46 – 96 (مىلادىيە 666 – 714) – يىللىرى

بۈيۈك ئىسلامىيەتنىڭ تايانچلىرى غەربىي ئاسىيادا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ غالىب قوشۇنلىرى ئىسكەندەرنىڭ يولى بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە كىرىپ كەلدى. زىيادبىن ئەبۇسوفيان ھىجرىيە 46 (مىلادىيە 666) – يىلىدا لەشكەر بېشى رابىئە بىننى ئەل ھارسىنى ئىراقتىن خۇراسانغا يۆتكەپ كەلدى. ساسانىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ پاراكەندىچىلىكى بىلەن پەيدا بولغان پەرىشانلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەرەبلەر شەرقىي ئىراندا ئۆز يولىدىكى ھەرقانداق توسقۇنلۇقلارنى جايىدىلا تارمار قىلىپ، غەلىبە بايرىقى بىلەن بەلخقە يېتىپ باردى. بۇ شەھەر ماۋەرائۇننەھرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە تۇرۇپ، سوغدىياننىڭ بايلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان، غەلىبە ۋە ئولجىغا شۇنچە زوقمەن بولغان ئەرەبلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆز تىكىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن پەتھى قىلىش پىلانلىرى بىلەن سىر دەرياسى بويلىرىغا قەدەر يېتىپ كەلدى.
بۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە قولغا كىرگۈزگەن ئولجىلىرىنىڭ نەقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، زىياد ۋاپات بولۇپ تۆت يىلدىن كېيىن (ئۇ ھىجرىيە 50 -، مىلادىيە 670 – يىلىدا ۋاپات بولدى) ئۇنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللا مۇئاۋىيە بۇخاراغا يەنە قوشۇن تارتتى. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم جىددىي ھالەتتە بولدى. ئۇبەيدۇللا بىن زىيادە ئەڭ قەدىمكى سودا مەركىزى ۋە ناھايىتى باي بولغان پايتەخت بايكەند شەھىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت قامال قىلغاندىن كېيىن بېسىپ ئالدى بۇ ھىجرىيە 53 (مىلادىيە 672) – يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئايال پادىشاھ تۈرك ئەسكەرلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنچاناق (تاش ئاتقۇچى قورال) لىرى بىلەن شەھەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلغاندىن كېيىن بۇخارا پادىشاھىغا ياردەمگە كەلگۈچى تۈركلەر ئۇبەيدۇللا بىن زىيادقا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. ئۇبەيدۇللا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇپ بۇ يۇرتلۇقلارغا كۆپ زىيان – زەخمەتلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، بۇخارانى قامال قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەرۋىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. (تەبەرىينىڭ يېزىشىچە، ئۇبەيدۇللا تاشكەنتكىچە كەلگەن .)
مۇسۇلمانلار بۇ يەردىن ناھايىتى كۆپ خەزىنە، قورال، كىيىم – كېچەك، ئالتۇن – كۈمۈش قاتارلىقلارنى ئولجا ئالدى. بۇلار ئارىسىدا ئايال پادىشاھنىڭ ئاجايىپ جاۋاھىرلار بىلەن زىننەتلەنگەن كىيىم – كېچەكلىرى سەھرالىق ئەرەبلەرنى بەكمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى. بۇ يىگىرمە مىڭ دىرھەمگە باھالانغانىدى. ئۇلار ئارقىغا چېكىنىش ۋاقتىدا، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن ياشانغانلارنى ئۆلتۈرگەن، ھەتتاكى دەل – دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىغان. ئەرەب تارىخچىسى مۇنداق دەپ يازىدۇ. «ئايال پادىشاھ بۇخارا ئۆلكىسىنى خاراب بولۇشتىن ۋە خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇبەيدۇللا بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر مىليون دىرھەم تۆلەم تۆلەشكە ۋەدە بەرگەن» ئىدى.
لېكىن، بىز كۆرەلەيمىزكى بۇ ۋەقەدىن ئۈچ يىل ئۆتە – ئۆتمەي ئەرەبلەر سەئىد بىن ئوسمان قوماندانلىقىدا ئايال پادىشاھقا قارشى تەكرار ھۇجۇم باشلىدى. ئايال پادىشاھ ئۇبەيدۇللا بىلەن تۈزگەن سۇلھىگە ئەمەل قىلىپ، ئەرەب قوماندانىغا خىراجەت ئەۋەتىپ كۆردى. ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. سەئىد ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى. ئەۋەتىلگەن خىراجەتلەرنى قايتۇرۇۋەتتى ھەم ھېچقانداق ئاساسسىز ھالدا بۇخاراغا باردى. ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى سەۋەبىدىن سادىر بولغان كۆپلىگەن ماجىرالار نەتىجىسىدە زەئىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئايال پادىشاھ بۇ قېتىم دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلالماي، سۇلھى تۈزدى. سەئىد ئۆزى كەتكەن ۋاقىتتا ئىشەنچلىك بولۇش ئۈچۈن گۆرۈ سورىدى. ئايال پادىشاھ ئادەملىرىدىن سەكسەن كىشىنى ئۇنىڭغا كۆرۈگە بەردى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك تاشقى دۈشمەنلىرىدىن خالاس بولغاندەك ھېس قىلدى. سۇلھى تۈزۈلگەندىن كېيىن مەغرۇر ئەرەب، ئايال پادىشاھنى ئۆزىنىڭ لەشكەر گاھىغا كېلىشنى تەلەپ قىلدى. پەۋقۇلئاددە گۈزەل بولغان ئايال پادىشاھ ئاجايىپ زىننەتلىك كىيىملەر بىلەن ياسىنىپ، شەۋكەتلىك ھالدا ئەرەب لەشكەرگاھىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئەرەبنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىشق ئارزۇسى بىلەن سوقتى. بۇھال ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە سەۋەب بولدى. بۇ ۋەقە ناخشىلاردا كۈيلىنىپ، بۇ بۇخارا خەلقى ئارىسىدا بىرنەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە ئېيتىلىپ يۈردى.
بۇخارا شۇ يول بىلەن ئېلىنغاندىن كېيىن، سەئىد شەرق تەرەپكە، سوغدىيانغا ھەم سەمەرقەند شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ چاغدا سەمەرقەندنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئۇنى سوغدىدىن تەيىنلەنگەن تۈرك تارخانى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئەرەبلەر ھۇجۇم قوزغاپ سەمەرقەندنىمۇ ئىشغال قىلىۋالدى.
سەئىد ئارقىغا، خۇراسانغا قايتقاندا، بۇخاراغا كىرگەندىن كېيىن بۇخارالىقلار گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىدى. سەئىد ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى مەرۋىگە يېتىپ بارغۇچە كېچىكتۈردى. ئاخىرىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى نىشاپۇردا ئازاد قىلىشنى ۋەدە قىلدى. نىشاپۇردا بولسا كۇفەدە ئازاد قىلىمىز دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ماۋەرائۈننەھرىنىڭ مۆتىۋەرلىرى زەرەپشاننىڭ گۈزەل ساھىللىرىدىن ئەرەبىستان سەھرالىرىغا غەنىيمەت ئولجا بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى. سەئىد مەدىنەدە ئۇلارنىڭ قىلىچ، كىيىم ۋە جاۋاھىراتلىق كەمەرلىرىنى، كىيىملىرىنى تارتىۋېلىپ، بۇ مەغرۇر بەگزادىلەرنى قۇللارغا ئايلاندۇردى. بۇ ۋەقە ئۇلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار قىساس ئېلىش ئۈچۈن سەئىدنىڭ سارىيىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆز سارىيىدا قەتل قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېلىشتى. بۇ ۋەقە يەزىد بىن مەرۋان خەلىپىلىكى زامانىدا يۈز بەردى.
باي بولۇپ قايتقان ئەرەبلەر يىراق سوغدىنىڭ ئاجايىباتلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۆز قوۋملىرىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈچە، بۇخارادا ئەرەب ھاكىمىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى. سەئىد ئورنىغا خۇراساندا ئەمىرلىككە تەيىنلەنگەن مۇسلىم بىن زىياد نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن ئامۇ دەريا ساھىلىغا سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئايال پادىشاھ يەنە تۈرك قوشۇنلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. تۈركىستاننىڭ شىمالىدىن بىريۈز يىگىرمە مىڭ تۈرك ياردەمگە يېتىپ كەلدى. لېكىن، ئەرەبلەر تۈركلەرنىڭ سانى ۋە ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ بولغۇچە ھۇجۇمنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن مۇسلىم بىن زىياد ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئەسكەر بېشى مەھلەبكە تۈركلەرنى رازۋېدكا قىلىشنى تاپشۇردى. مەھلەب بۇ ئىشقا ئانچە چوڭ ئەمىلى يوق باشقا بىرسىنى ئەۋەتىشكە مەسلىھەت بەردى. لېكىن، مۇسلىمنىڭ ئىككىنچى قېتىم چۈشۈرگەن پەرمانىدىن كېيىن بۇ ئىشنى بېجىرىشكە كىرىشتى. ھەربىر قىسىمدىن بىر نەپەردىن ئەسكەرنى ئېلىپ يېرىم كېچىدە يوشۇرۇن رەۋەشتە يولغا چىقتى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۇسلىم ئۆز ئەسكەرلىرىگە مەھلەبنى چارلاشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەرەبلەر بۇ ئىشتىن تەشۋىشكە چۈشۈپ: «سەن ئەمىر مەھلەبنى ئولجىلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىڭ، ئەگەر جەڭ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن بىزنى ئەۋەتكەن بولاتتىڭ» دېيىشتى. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر ئىنتىزامسىزلىق بىلەن مەھلەبنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۇنى قوغلاپ يەتتى. مەھلەب ئۇلارغا: «سىلەر بىزنى يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭلار. بىز بۇ يەرگە پەقەت ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق، سىلەر بىزنى دۈشمەنگە سەزدۈرۈپ قويدۇڭلار، ئەمدى ئىشلىرىمىز يامان بولۇشى مۇمكىن» دېدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەھلەب خاتىرجەملىكىنى يوقاتمىدى. ئۆز يېنىدىكى ئەسكەرلەرنى قوشۇپ توققۇز يۈز ئادەم بولغانلىقىنى ساناپ چىقتى. ئەسكەرلەر سەپكە تىزىلىپ، بولۇشى بىلەنلا تۈركلەر تەرىپىدىن جەڭگە ئاتلىنىش بۇرغۇسى چېلىندى. ئۇلار دەرھال ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، ئەرەبلەردىن تۆتيۈز كىشىنى قېلىچتىن ئۆتكۈزدى. قالغانلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. مەھلەب ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرى تەرىپىدىن ئوراپ ئېلىندى. ئۇ ناھايىتى قورقۇنچلىق بىر ئاۋازدا قاتتىق نەرە تارتىپ ۋارقىرىدى. نار شاھىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئۇنىڭ ئاۋازى يېرىم فەرسەخ يىراقلىقتىكى ئەرەبلەر لەشكەرگاھىغا ئاڭلانغان. شۇ ھامان ئابدۇللا بىن جەدان قوماندانلىقىدا بىر قىسىم ئەسكەرلەر ياردەمگە كېلىپ جەڭگە ئاتلانغان. مەھلەب ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا، ئاخىرقى كۈچىنى توپلاپ، يەنە جەڭنى داۋاملاشتۇرغان. تۈركلەر مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ھەربىر ئەرەب ئەسكىرىگە ئون مىڭ دىرھەمدىن پۇل بېرىلگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئايال پادىشاھقا تەسلىم بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قالمىغانلىقتىن سۈلھ تۈزگەن ئەرەبلەر مەرۋىگە قايتىپ كەلگەن.
ئەمما، بۇ قايتىپ كېتىش خاراب بولغان ماۋەرائۇننەھرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ تۆت قېتىملىق ھۇجۇمدىن كېيىن يەنە تەكرار ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئەمىر ئۆزىنىڭ تەدبىرچانلىقى، غەيرەتلىكلىكى بىلەن كونا ئىران مەدەنىيىتى بۆشۈكىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتىنى ئەڭ يىراقتىكى تەڭرى تاغلىرىغىچە تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
بۇ ئەمىر — قۇتەيبە ئىبن مۇسلىم ئىدى. ھەججاج ھىجرىيە 86 (مىلادىيە 705) – يىلدا ماۋەرا ئۇننەھرىنى ئىشغال قىلىشنى تاپشۇردى. ئەمدىكى مەقسەت – تۈركلەرنىڭ بۇ ئۆلكىسىنى تالان – تاراج قىلىش، چېكىنىش ھەققىدە ئويلىماستىن، مەملىكەتنى تامامەن بويسۇندۇرۇش ۋە مۇسۇلمان قىلىش ئىدى. قۇتەيبە بۇ يولدا ئاۋۋال جەنۇبتىكى ئەڭ بىرىنچى قەلئە — بەلخنى ئىشغال قىلىشقا قارار قىلدى. ئۆزىنىڭ مەرۋىدە يىغىلغان ئەسكەرلىرىنى قۇتەيبە ۋەز – نەسىھەت ۋە قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن تېگىشلىكىچە ھازىرلىغاندىن كېيىن، مۇنبەردىن چۈشۈپ توغرا ئۆزىنىڭ سەپەر ئېتىغا مىندى – دە، جەڭگە ئاتلاندى. ئۇ قەدىمكى باكتېرىيىگە يېتەر – يەتمەستىن بەلخ ئاھالىسى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ئۆز شەھەرلىرىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەھەردە خەلىپىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قارارلاشتۇردى. كېيىن ئامۇ دەريا ئارقىلىق ئايلىنىپ ھازىرقى چارجۇيدىن ئۆتۈپ مەرۋىگە قايتتى. شۇ يەردىن ھىجرىيە 87 (مىلادىيە 750) – يىلىدا ماۋەرا ئۇننەھرىنى ئىستېلا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال بايكەند شەھىرىگە قارشى يۈرۈش قىلدى. ئۇ سەھرادا مەلۇم مەنزىلىگە يەتكەندىن كېيىن تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن تاسادىپىي توقۇنۇشۇپ قالدى. تۈرك لەشكەرلىرى سان جەھەتتىن قۇتەيبە لەشكەرلىرىدىن كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەر تەرىپىدىن قاتتىق مۇھاسىرە قىلىندى. نەتىجىدە بىرنەچچە ئايغىچە ئۇنىڭدىن ھېچبىر خەۋەر بولمىدى. ھەججاج ئەئلائى كەلىمەتۇللا ئۈچۈن جىھاد قىلىپ، خەۋپلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان مۇجاھىرلار ئۈچۈن نىجات تىلەپ دۇئا قىلىشقا پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنى دەۋەت قىلدى. قۇتەيبە ھالاكەتتىن قۇتۇلدى. تۈركلەرنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكى ھەم ھەججاجنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يالغان گەپ تارقاتقان بۇخارالىقلارنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرى ھەم ئۇنىڭ تۆمۈردەك ئىرادىسىنى بوشىتالمىدى. ئۇ تۈركلەر بىلەن جەڭگە كىرىپ بىر كۈنلۈك ئېلىشىشتىن كېيىن، ئۇلارنى يەڭدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاچتى. بىر قىسمى خۇددى مىيتندەك قاتتىق بولغان بايكەندكە يوشۇرۇندى. بۇ چاغدا قەلئە قامال قىلىندى. بۇ قامال نەتىجىسىدە ئەرەبلەر كۆپ رىيازەت چەكتى. ئۇلارنىڭ ئون بەش كۈن قىلغان جەڭلىرى بىكارغا كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قەلئەنىڭ سېپىللىرى تېشىلدى. قۇتەيبە قەلئەگە بىرىنچى بولۇپ بارغان ۋە بۇ جەرياندا شېھىد بولغان كىشىلەرنىڭ بالا – چاقىلىرىغا نۇرغۇن مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بۇ ۋەدە چوڭ تەسىر قوزغاپ، ئەرەبلەر ئاخىر قەلئەنى ئىشغال قىلدى.
لېكىن، قۇتەيبە شەھەردىن كەتكەندىن كېيىن، بايكەند ئاھالىسىنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ يەرگە ۋالى قىلىپ قالدۇرغان ۋەرقەبىن نەسرۇلبەھالى ھەم ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇھىرلار ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەبلەر بۇ بالانى ئۆز بېشىغا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەنىدى. ۋەرقە بايكەند بىر ئادەمنىڭ ئىككى نەپەر گۈزەل قىزىغا ھاقارەت قىلغان. بۇ ئادەم خورلانغان قىزلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىش مەقسىتىدە ۋەرقەنى قىلچ بىلەن چاپقان. شۇنداق بولسىمۇ قۇتەيبە غەزەپكە كېلىپ، كىشىلەرنىڭ غەليانىغا ھەققانىي مۇناسىۋەتتە بولماي شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ھەممە ياقنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان. قىلىچ تۇتالايدىغانلىكى ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش، خوتۇن – قىزلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىر قىلىشقا بۇيرۇغان، ھەتتا تۈركلەرنىڭ بىر كۆزى قارىغۇ سەردارنىڭ ئۆز خۇنى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ تىرىك قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە بايكەند ئاھالىسى، كۆپرەك باي سودىگەرلەر، چىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بىلەن سودا قىلغۇچىلار بۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا شەھەردە بولمىغان. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز – خوتۇن قىزلىرىنى ئەرەبلەرگە ھەق تۆلەپ قايتۇرۇپ ئېلىشقان. شەھەر بىر قەدەر تىنچلانغان. يەنە تىزدىن ئەرەب ئىستېلاسى ئاستىدا قالغان خارابىلەر ئىچىدە ناھايىتى گۈزەل بىر شەھەر پەيدا بولغان. بايكەند پۈتۈن ماۋەرا ئۇننەھرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دەرۋازىسى بولغانلىقتىن ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئەرەبلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. سوغدا ۋە رامىتەندىن كېيىن قالسا ئەڭ تەرەققىي تاپقان بۇ شەھەردە بويسۇندۇرغۇچىلار ھېسابسىز بايلىقلارغا ئېرىشكەنىدى. مەسىلەن، بىر بۇتخانىدا قىرىق مىڭ دىرھەم مىڭ ئېغىرلىقتا ساپ ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بۇتلار بولۇپ ھەربىرىنىڭ كۆزى ئورنىدا كەپتەر تۇخۇمىچىلىق ئىككى گۆھەربار ئىدى. قۇتەيبە بۇلارنى ئولجىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن بىرگە ھەججاجغا ئەۋەتىپ بەردى. ھەججاج بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆز تەشەككۈر نامىسىدا ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەرەبىستان بەدەۋىيلىرىنىڭ مەغلۇپ قىلىنغانلار تەرىپىدىن توپلانغان خەزىنىلەرگە نەقەدەر ئاچ كۆزلۈك ۋە ھېرىس بىلەن توختاۋىسىز ھۇجۇم قىلىنغانلىقلىرىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بەدەۋىيلەرنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىسى قورال ئىدى. ئاسىيانىڭ بۇ ئۆلكىسى قەدىمدىن بۇيان قورالنى ئىنتايىن پۇختا ھەم گۈزەل قىلىپ ئىشلەش بىلەن مەشھۇر ئىدى. گەرچە ئەسكەرلەرگە بايكەندتە ئىشلەنگەن قوراللارنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى تەقسىم قىلىپ، سوۋغا قىلىنغان بولسىمۇ، خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن قوراللارنىڭ نەرخى شۇ قەدەر يۇقىرىلىدىكى بىر سۈپەر يەتمىش دىرھەم، تۆمۈر ساۋۇت ئىككى يۈز دىرھەم قالقان ئۇنىڭدىنمۇ قىممەترەك بولدى. ئەسكەرلەر ئاز ئىدى. چۈنكى، ماۋەرا ئۇننەھر جەڭلىرىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەن بەنى تەسىم، بەكرى، ئابدۇلقەيس قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزىلا ئەسكەرلىككە يىگىرمە بىر مىڭ ئادەم (ھەممىسى بولۇپ قىرىق بىر مىڭ) بەرگەنىدى. ئادەم سانى جەھەتتىن كەمچىلىك بولمىسىمۇ، ئەرەبلەر ھەربىي قورالنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن پەخىرلەنگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. قۇتەيبەنىڭ ئىستېلاسىدىن، بولۇپمۇ تۈركىستان سەھرا ۋىلايەتلىرىنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىنى ئشىغال قىلغاندىن كېيىن باشقا جايلارغا ھۇجۇم ئازراق ئۇيۇشتۇرۇلدى. چۈنكى، باسقۇنچىلارغا ھېلىھەم قورال يېتىشمەيتتى. دەرۋەقە. بۇخارا بىلەن دۈشمەنلىك ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قۇتەيبەنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولدى. ئۇنىڭ ھەربىي پىلانى مۇداپىئە ئۈچۈن قۇلايسىز بولغان بۇ شەھەرنى ئەڭ ئاۋۋال شىمالدىن ھەم شەرقتىن كېلىدىغان ياردەمچى تۈرك ئەسكەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، كېيىن بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن ۋاردون (ھازىرقى ۋەردانزى)، رامىتەن ھەم سوغدىدىكى كىچىك مۇستەقىل خانلىقلارنى تارمار قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭغا ھەججاج شۇنداق ھەرىكەت قىلىشنى تاپشۇرغانىدى. قۇتەيبە ھىجرىيە 87 (مىلادىيە 707) – يىلى كېش (شەھرىسەبز) ھەم نەخشەب (قارشى) نى بويسۇندۇردى. ئۇ ھىجرىيە 90 (مىلادىيە 708) – يىلى ۋەردانغا يۈرۈش قىلىشنى نىيەت قىلدى. لېكىن، بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا، ئۆزى ئويلاپ باقمىغان قارشىلىققا دۇچ كەلدى. تۈرك خاقانلىرى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزئارا بىتىم تۈزۈشتى ھەم بىرلەشكەن كۈچلىرى بىلەن قۇتەيبەنى يولدا توختىتىپ قويدى. بۇ قېتىم بۇخارا ئەتراپىدىكى، پۈتۈن ماۋەرائۇننەھر ھەم سوغدى خانلىرى توپلاندى. پەرغانە پادىشاھى ھەم يىراق شەرقتىن خىتاي خاقاننىڭ ئىنىسى «كورىمغان» دېگەن بىر كىشى ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار گويا ئومۇمىي تەھلىكىنى ھېس قىلىپ بىرلەشكەن كۈچلىرى بىلەن ئەرەب ئىستېلاسىنى توختىتىشقا قارار قىلىشقانىدى. بۇ پەيتتە ۋەردانغا يېتىپ كەلگەن قۇتەيبە ئۇلار تەرىپىدىن ئۇچرىدى. بۇنى تەبەرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىدىن ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن. تارىخچىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ھەر تەرەپتىن قىسىپ قويۇلغان ئەرەبلەر، قەتئىي مەغلۇبىيەت تەھلىكىسىنى سەزگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى سەت ئاۋازلىرى بىلەن غوۋغا قىلىپ، يۈزلىرىنى تاتىلاشتى. لېكىن، قۇتەيبەنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى ئۆستۈردى: «ئوغۇللىرىم ئالغا! بۇ تۈركلەرنى سىلەر تارمار قىلىشىڭلار كېرەك!» دەپ تۈرلۈك قەبىلىلەرگە خىتاب قىلدى. ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئالدى بىلەن تەمىم قەبىلىسى ئاۋاز قوشتى. ئۇلارنىڭ ئەسكەر بېشى جەۋەنغار زەيىم قەبىلە رەئىسى ۋەقىئى بىن ئەبۇ ئەسۋەدنىڭ ئەمرى بىلەن بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشتى. تەبەرى ئېيتقاندەك ئەرەبلەرنىڭ بۇ جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشىشى شۇبھىلىك ئىدى. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى ئەرەبلەر بۇ قېتىم تۈركلەرنىڭ سەپلىرىنى بۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى سىياسىي ھىيلە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. جەڭدە غەلىبە قازىنالىشىغا كۆزى يەتمىگەن قۇتەيبە بىرلەشكەن تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇشقا قەست قىلدى ھەم بۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى. چۈنكى، ئىتتىپاقلىققا ساداقەتمەنلىك تۈركلەرنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىتتىپاقچىلار قوشۇنى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ ساندىكىسى سوغدى پادىشاھى قويغان ئەسكەرلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوغدى قوشۇنىنى باشقىلاردىن ئايرىۋېتىش ۋە ئۇلارنى جەڭدىن توختىتىش لازىم ئىدى. قۇتەيبە بۇ سىياسىي پىتنىنى ئىشلەشنى ھەييان نەباتى ناملىق بىر كىشىگە تاپشۇردى. ئۇ بىر جەڭ مەزگىلىدە ئىنتايىن مەخپىي ھالدا سوغدى پادىشاھىغا «ئىتتىپاقچىلار سېنى تەختتىن مەھرۇم قىلىشقا قارار قىلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. ۋە بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇتەيبەنىڭ بۇ تەرەپتىن كېتىشىنى كۈتمەكتە دېدى. مەككار ئەرەب يەنە ئىزاھات بېرىپ: «بىز بۇ يەردە يىلنىڭ ئىسسىق ۋاقىتلىرىدىلا تۇرالايمىز قىش ۋاقتى كېلىشى بىلەن ئىسسىق تەرەپلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولىمىز. ئەمما، سەن ئۆزۈڭنىڭ شىمالدىن كەلگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭنى ئۇنتۇما. ئۇلارنى سوغدىياننىڭ گۈزەل پاراۋانلىقىدىن ئايرىپ، قايتۇرۇپ كېتىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ ئەڭ ياخشىسى شۇكى، سەن بىز بىلەن سۇلھ تۈزگىن، ئەمما ئىتتىپاقداشلىرىڭغا «ھەججاج ئەرەبلەرگە كېش ۋە نەخشەب ئارقىلىق ناھايىتى كۆپ ياردەم ئەۋەتىپتۇ، مەن شۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ سۈلھ تۈزدۈم» دېسەڭ، بۇ قىلغان ئىشىڭغا ماس ھالدا ئۆزرىخاھلىق سورىغانلىقىڭ بولىدۇ، بىز توغرۇلۇق سەن تامامەن خاتىرجەم بولغىن» دېدى. بۇ سۆزلەر سوغدى خانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ تۈركلەرنىڭ خىيانەتكارلىقىمۇ ياكى باشقا بىر مۇھىم سەۋەب بارمۇ دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ – ئويلاپ ئاخىر بىر پىكىرگە كېلەلمىدى ئاقىۋەتتە ھىيلە – مىكىرگە مەغلۇپ بولدى. ئەرەبلەر بىلەن مەخپىي ئەھدۇ – پەيمان قىلىشتى. ئۇلارغا يىلىغا ئىككى مىليون خىراجەت تۆلەشكە ۋەدە بەردى ھەم دەرھال ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. باشقا ئىتتىپاقچىلارنىمۇ ئۆز جايىغا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. قۇتەيبە تۆت ئاي داۋاملاشقان تەھلىكىدىن شۇ تەرىقىدە قۇتۇلۇپ قالدى.
ئەمدى تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوقكى، بۇ سىياسىي ھىيلە – مىكرىنىڭ جازاسىنى ھەممىدىن كۆپرەك سەمەرقەند تارخانى تارتتى. سۈلھى ئەھدى قىلىشقا قارىماي، ئەھدىنامىغا مۇۋاپىق بۇ يەردە سېلىنىدىغان مەسچىت قۇرۇلۇشنى تېزلەشتۈرۈش باھانىسى بىلەن شەھەرگە خىش پىشۇرغۇچىلار ئورنىغا تۆت مىڭ قوراللىق ئەرەبنى كىرگۈزدى. تارخان بۇ خىيانەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشنى كۆزلىگەنلىكتىن ئەرەبلەر ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇنى پۈتۈن تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈردى. سەمەرقەند تالان – تاراج قىلىندى. ساسانىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى يەزدىگەردنىڭ قىزى ھەم ئەسىرلەر ئارىسىدا ئىدى. ئۇ خەلىپە ۋەلىگە ئەۋەتىپ بېرىلدى. غەنىيمەت ئېلىنغان ئالتۇن بۇتلار ۋە ئۇلارنىڭ جاھازلىرى ئەللىك مىڭ مىسقال ئېغىرلىققا يېتەتتى. ئەرەب ئەسكەرلىرىگە بىرقانچە ۋاقىتقىچە دەم ئېلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇتەيبە مەرۋىگە قايتتى. پۈتۈن قىش مەۋسۇمىنى ئىستىراھەتتە ئۆتكۈزدى. ئاخىر ئىراق ھەم خۇراساندىن زور مىقداردا ياردەمچى ئەسكەر ئېلىپ كېلىپ، ياز كۈنى ھىجرىيە 91 (مىلادىيە 709) – يىلدا بۇخاراغا سەپەر قىلدى. بۇ سەپەردىن مەقسىتى — بۇخارا ئۈچۈن بولىدىغان يۈرۈشلەرگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. نارشاھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا زەرەپشان پايتەختنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئايال پادىشاھىنىڭ ئىلىكىدە ئىدى، دېيىلىدۇ. ئەمما، بۇ پەيتلەردە ئۇ ناھايىتى قېرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ گەپلەر ئانچە توغرا ئەمەس. ھەرھالدا ئايال پادىشاھمۇ ياكى باشقا پادىشاھمۇ قايسى بولمىسۇن ئەرەبلەرگە يەنە قارشىلىق كۆرسىتىشنى پايدىسىز دەپ بىلىشەتتى. ئۈچ قېتىم بويسۇندۇرۇلغان، ئۈچ قېتىم ئىسلام دىنى قايتىدىن قوبۇل قىلدۇرۇلغان، ھەر قېتىم يوشۇرۇن ھالەتتە ئۆزىنىڭ كونا دىنىغا قايتقان بۇخارا ئەمدى دەرۋازىسىنى 4 – قېتىم ئاچتى. بۇ يۇرت ئاۋۋال غەيرىي بىلىنگەن دىننى بېسىپ كىرگەنلەر بىلەن بىللە قوبۇل قىلىپ، كېيىنچە شۇ دىننىڭ ئەڭ ئەشەددىي مۇجاھىدلىرىنىمۇ يېتىشتۈردى. ھازىر ئاسىيانىڭ ھەر – بىر قىتئەسىدە ئىسلام گوياكى ئارقىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر ھالەتتە، يالغۇز بۇخارادىلا خەلىپە رەشىدنىڭ ئەسىرىدىكى قائىدە – يوسۇنلار داۋام قىلماقتا.
قۇتەيبە شەھەرنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پادىشاھى خۇدات (خان) ئۆز مەنسىپىدە قالدۇرۇلدى. لېكىن، ئۇنىڭ يېنىغا خەلىپە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بىر مەمۇرىي شەخس قويۇلۇپ، ئۇ ھاكىم مۇتلەقلىق يۈرگۈزۈپ، خۇداتنى بىر قونچاققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداتنىڭ خەلىپىگە يىلىغا يىگىرمە مىڭ دىرھەم، خۇراسان ئەمىرىگە ئون مىڭ دىرھەم خىراجەت پۇلى تۆلەپ تۇرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. يەنە بۇخارادا قالدۇرۇلغان ئەرەبلەرگە شەھەردىكى ئومۇمىي ھامماملارنىڭ ساپ خىراجىتىدىن بىر قىسمى بېرىلىشى كېرەكلىكى تەيىنلەندى. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار ئاخىر ئىسلام مەملىكىتىگە ئايلاندۇرۇلغان بۇخارا ئۈچۈن، باشقا ئىسلام مۇستەملىكىلىرىدە قوللىنىلغان سىياسىي تەدبىرلەرگە ئوخشاش ئېغىر ئىدى. لېكىن، ئىسلامنى تارقىتىش يولىدىكى بەزىبىر سىرلىق ئۇسۇللارنى مەغرۇر بۇخارالىقلار چوڭقۇر ھېس قىلىشتى، ئەرەبلەرگە مەلۇم بولۇشىچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئىككىلەنگۈچى كىشىلەر يوشۇرۇن ھالدا كونا مەبۇدلىرىغا ھامان ئىبادەت قىلىپ تۇرۇشقان. شۇ سەۋەبتىن ھەربىر بۇخارالىققا ئۆز ھويلىسىنىڭ يېرىمىنى ئەرەبلەرگە بېرىش بۇيرۇلغانىدى. ئۇ ئەرەبلەر ئۆي ئىگىلىرىگە ئىسلام شەرىئەتلىرىدىن تەلىم بەردى ھەم ئۇلارنىڭ ئىسلام ئىبادەتلىرىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇشتى. ئەگەر ئۇلار ئىسيان كۆتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى سىزىپ قالسا دەرھال ئەرەب مەمۇرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ چاقار ئىدى. جۈمە كۈنى قۇتەيبە مەسچىتىگە نامازغا كەلگەن كىشىلەرگە ئىككى دىرھەمدىن مۇكاپات تارقىتاتتى. رېگىستاندا بىنا قىلىنغان بۇ مەسچىتتە قىيام، رۇكۇ، سەجدىلەر ئەركانى ئىبادەتكە، يەنى ئىمامغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلاتتى. ئىبادەت دۇئالىرى، قۇرئان ئايەتلىرى ئەرەبچە ھەتتا پارسچە ئوقۇلاتتى. كونا دىن تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىگە تېڭىلغان دىنغا بىرقانچە ۋاقىتقىچە قارشى تۇرۇشتى. مۇشۇ زامانغا ئائىت ئەيىبلىگۈچى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇخارا مۇسۇلمانلىرى ئون يىل مابەينىدە مەسچىتكە بارغاندا يانلىرىغا قورال ئېلىپ يۈرۈشكەن. يەرلىك خەلقلەرگە بولسا ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقان بولسىمۇ، قورال ئېلىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئىككى ئارىدا پات – پات كېلىشمەسلىكلەر چىقىپ تۇرغان. بەزى مەنبەلەردە بۇخارانىڭ سەھرالىقلىرى كۆپرەك قارشىلىق قىلغانلىقلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلار مەسچىتكە تەكلىپ قىلىنغاندا تاش بىلەن جاۋاب بېرىشكەن. بۇ مۇئامىلە ئەرەبلەرنى غەزەپلەندۈرگەن شۇ سەۋەبتىن ئۇلار سەھرالارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىشقان. ئۆيلىرىدىكى ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلىرىنى مەسچىتلەرنى تەمىنلەشكە ئېلىپ كېتىشكەن. نارشاھىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكلىرى تۈرلۈك رەسىملەر ۋە بۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى بۇ تەسۋىرلەر بۇ ئىشلار سۈنني مۇسۇلمانلىرىغا تەشۋىش سېلىپ، ئۈچيۈز يىلغىچە داۋاملاشقان. يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەدبىرلەر كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇخارا شەھىرىنى يەرلىك ئاھالىنىڭ قولىدىن پۈتۈنلەي تارتىۋېلىپ، ئۇنى ئەرەبلەر ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىپ باشقۇرۇشقان. شەھەرنىڭ دەرئەتتاران بىلەن قەلئەدە دەرۋازىسىنىڭ ئارىلىقى ناسرىلارغا، ئىككىنچى قىسمى — يەمەنىيلارگە بېرىلگەن. باشقىلارغا بولسا قەلئەنىڭ تاشقىرىدىن ئورۇن بېرىلگەن. مەسچىت سۈپىتىدە قايتا قۇرۇلغان ناسارا كالساسى (چىركاۋى) مۇشۇ يەردە بولغان.
ئەرەبلەر سەمەرقەنددىمۇ ئەلگە نىسبەتەن ئاشۇنداق شىددەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بۇ يەردىمۇ خەلقنى ئۆزىنىڭ قورال – ئەسلىھەلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. تەبەرىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئەجنەبىيلەر ھەم سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھۈرلەپ قويىدىغان بولۇشقان. كېچىدە رۇخسەتسىز چىققان كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. قۇتەيبە توغرۇلۇق سۆزلەيدىغان بولساق، ئۇ بۇخارادا يېڭى تەرتىپلەرنىڭ قاتتىق ئۆزلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، شەرقنى ئىستېلاھ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ھىجرىيە 93 (مىلادىيە 711) – يىلى فەرغانىغا، ھازىرقى قوقەند خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىگىلىدى. قەدىمكى يول بىلەن چوڭقۇر كېچىكتىن ئۆتۈپ، تۈركىستاننىڭ شەرقىگە بىزنىڭ ئېيتىشىمىزچە تۈركىستان چىنىغا سەپەر قىلدى. بۇ يەردە كىچىك ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن ئاسانلا غەلىبە قازاندى. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالىي جۇڭغارىيىدىن قالماق ئەسكەرلىرىنى ياردەمگە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ قۇتەيبەگە قارشى تۇرالمىدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەرەبلەر خەنزۇ ۋىلايەتلىرىگىچە ھۇجۇم قوزغىغان.
قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردا ئەرەب پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتى خېلى كېچىكىپ تارقالغان. بۇددا ۋە نەسرانىيەت نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىنمۇ ئىسلامىيەت بىلەن تەڭ ھالدىكى ئۆز قوۋملىرىنى تاپالمىغان. ئەمما، شۇنىسى ھەقىقەتكى تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى ئاھالە ئەرەبلەرنىڭ بىرىنچى پەيدا بولغان دەۋرىدە تەڭرىتاغلىرى ئەتراپى بۇددا ئۇگىسى بولغان ئەسىردە يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەھەرلەردە ئىسلامنى قوبۇل قىلدۇرغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى.
ئىسلامنىڭ شەرقتە ئەڭ ئاخىرقى سەردى (چېگرىسى) بولغان بۇ يەردىن قۇتەيبە پەرغانە ئارقىلىق مەرۋىگە كەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا خەلىپە ۋەلىدنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر سەۋەب بولدى. ئۇنىڭ يېڭى خەلىپە سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىكتىن خەۋپسىرىشىگە ئاساسى بار ئىدى. ئۇ خەلىپىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز تەدبىرىنى كۆرۈشكە نىيەت قىلدى ھەم ئاشكارا ھالدا ئىسيان كۆتۈردى. دەرۋەقە بۇ ئىشقا قۇتەيبە ئىشەنچلىك بىلەن كىرىشەلمىدى. لېكىن، يېڭى خەلىپىگە بوي سۇنۇشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن چۈشەندىكى خۇراساننىڭ بەختلىك ئەمىرى بىلەن ئاشكارا ئۇرۇش قىلىش ئورنىغا، ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى مەخپىي ھالدا تەييارلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى. قۇتەيبە بۇ ئىشقا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلدى. خەلىپىگە ئۇنىڭ ئىسيانىنى مەلۇم قىلغۇچى ئەلچىگە بۇ خەۋەردىن تاشقىرىقى ئىككى مەكتۇپ ئەۋەتتى. بىرىنچى مەكتۇپتا سۇلايمانغا ئىتائەت قىلىشقا قارشىلىق بىلدۈرۈلدى. ئىككىنچى مەكتۇپتا يەزىد بىن مەھلەپنى ھاقارەتلەپ، ئەگەر ئۇنى خۇراسانغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلەنسە ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. قۇتەيبە يەزىد بىن مەھلەپنى ئۆزىگە قارىتا رەقىب ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن بەكمۇ قورقاتتى. يەزىدنىڭ ھەر دائىم خەلىپىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ قۇتەيبە ئەلچىگە بۇيرۇپ: «ئالدى بىلەن خەلىپىگە بىرىنچى مەكتۇپنى تاپشۇرغىن، ئەگەردە مەكتۇپنى ئىبن مەھلەپكە بەرسە، ئىككىنچى مەكتۇپنى تاپشۇرغىن، يەزىد ئۇنى ئوقۇسا، شۇ ھامان ئۈچىنچى مەكتۇپنى بەرگىن». ئەلچى خەلىپىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبن مەھلەپنى كۆردى ۋە بۇيرۇق بويىچە ھەرىكەت قىلدى. سۇلايمان ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۈكۈت قىلىپ، ئەلچىنى ھۆرمەت بىلەن كۆزەتتى. ئەلچى قايتىپ كەلمەستىن بۇرۇن قۇتەيبە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلىقتىن ئىسيان ئېلان قىلدى. لېكىن، قۇتەيبە ئۆزىگە شانلىق غەلىبىلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىپ، نۇرغۇن بايلىق توپلاپ بەرگەن ئەسكەرلىرى ئۈستىدە خاتالاشتى. ئەگەر ئۇ ئۆز بۇرادىرى ئابدۇراخماننىڭ مەسلىھەتىگە ئاساسەن ماۋەرائۇننەھرىگە كېتىپ، مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرغان بولسا، بۇ جايلاردا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان خوتۇنپەرەستلىك ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولاتتى. قۇتەيبە بولسا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئىشىنىپ مەرۋىدە تۇرۇپ قالدى. ئېغىر شارائىتتا ئۇ ئەسكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خۇراسان ئەمىرلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلىپە زامانىدىكى تەرتىپسىزلىكلەر ۋە بەختسىزلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلەرگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ناھايىتى قاششاق ھالدا ئىكەنلىكى كېيىن ئىران ۋە تۇران خانلىقلىرىنىڭ خەزىنىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ باي بولۇپ كەتكەنلىكلىرىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ قىلغان ۋەز – نەسىھەتلىرى نەتىجە بەرمىدى. ۋەقىئ بىن ئەبۇ ئەسۋەت ھەمدە ھىيان بىن ئىياس رەئىسلىكىدىكى ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان قىلىش ھەرىكىتىنى تىزلەشتۈردى، خالاس. ئۇ ئۆزىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشىنى بىلگەندىن كېيىن، ھىياننى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلدى. لېكىن، شۇ ھامان ھەممىسى ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ناھايىتى چوڭ ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، ئۇنىڭغا سادىق ۋە ساراينى ھىمايە قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى، قەتل قىلىندى. ئىسلام دىنى ئۈچۈن يىراق شەرقتە ناھايىتى زور ۋە كۈچلۈك مەملىكەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، زەرش دىنىگە (قۇدۇسسىيە ۋە نەھراندىكى جاراھەتلەر بەدىلىگە) ئەڭ ئاخىرقى زەربىنى بەرگەن، بۇ يەرلەردە ئىسلامنى يەرلەشتۈرگەن بىر مۇجاھىد ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان ھاياتىنى قىرق يەتتە يېشىدا ھىجرىيە 98 (مىلادىيە 714) – يىلى قەمەرىيە يىلىنىڭ 12 – ئېيىدا شۇ تەرىقىدە ئاياغلاشتۇردى.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 7286
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-16
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 82كۈن بۇرۇن
ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ، مانا مۇشۇنداق تىمىدىكى نادىر ماقالىلەر
كوپرەك  بولسا ئىتنتايىن ياخشى بولار ئدى
تېما ئىگىسىگە خەت:
بولسا سىزمۇ بىزنى نادىر تېمىلاردىن بەھىرلەندۈرۈڭ.
terjime guruppisi
دەرىجىسى: يېزىش چەكلەندى
UIDنومۇرى: 3905
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 53
شۆھرىتى: 227 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-08-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 82كۈن بۇرۇن
ئەزا چەكلەنگەن،يازما توسۋېتىلگەن!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 6890
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 54
شۆھرىتى: 54 نومۇر
پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-26
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 82كۈن بۇرۇن
جۈمە كۈنى قۇتەيبە مەسچىتىگە نامازغا كەلگەن كىشىلەرگە ئىككى دىرھەمدىن مۇكاپات تارقىتاتتى.
نارشاھىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكلىرى تۈرلۈك رەسىملەر ۋە بۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن.00000000


ۋامبېرى خېرىستىئان مۇرىتى بولغىنى ئۈچۈن ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئاداۋىتى بولغىنى ئۈچۈنمىكىن يۇقارقى قۇرلىرى بىرئاز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ قانداق؟
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 7007
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 20
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-29
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-17
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 74كۈن بۇرۇن
qoute
ئۇ ئۆزىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشىنى بىلگەندىن كېيىن، ھىياننى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلدى. لېكىن، شۇ ھامان ھەممىسى ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ناھايىتى چوڭ ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، ئۇنىڭغا سادىق ۋە ساراينى ھىمايە قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى، قەتل قىلىندى. ئىسلام دىنى ئۈچۈن يىراق شەرقتە ناھايىتى زور ۋە كۈچلۈك مەملىكەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، زەرش دىنىگە (قۇدۇسسىيە ۋە نەھراندىكى جاراھەتلەر بەدىلىگە) ئەڭ ئاخىرقى زەربىنى بەرگەن، بۇ يەرلەردە ئىسلامنى يەرلەشتۈرگەن بىر مۇجاھىد ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان ھاياتىنى قىرق يەتتە يېشىدا ھىجرىيە 98 (مىلادىيە 714) – يىلى قەمەرىيە يىلىنىڭ 12 – ئېيىدا شۇ تەرىقىدە ئاياغلاشتۇردى.


ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنىڭ قىنىنى ئىچىپ، قۇلىنى تۇران ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىنى بىلەن بويىغان قۇتەيبا دىگەن بۇ قانخور جاللاتنىڭ ئۇلۇمى شىڭشىسەيگە ئوخشاش دۇنيادىكى بارلىق قانخۇر جاللاتلاردەك كۇنگە قالغىنى ھەتتا ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ھالغا چۇشۇپ قالغىنى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى. ئۆز قىرىنداشلىرى تەرىپدىن 47 يىشىدىلا  ئۆلتۇرۇلۇش، پۇتكۇل جەددى جەمەتى ۋە قوللىغۇچىلىرىدىن تارتىپ قەتلى قىلىنىش ھەقىقەتەن پاجىئەلىك. ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ بىشىغا بۇ كۇن چۇشمىسۇن.  بۇلار ئەزەلدىنلا پىتىشمايدىغان خەلقلەر، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئەسەبىلىككە تايىنىپ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىسىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. دەككىسىنى ئاخرى سالجۇق تۇركلىرى، مۇڭغۇللار، ئوسمان تۇركلىرى ۋە ئەنگىلىيىكلەردىن  يەپ، بىئەجەل ئۇلۇپ كەتكەن سان ساناقسىز ئوتتورا ئاسىيا خەلقىنىڭ قىساسى ئىلىنىدۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى تۇراننىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۇرگەن رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق، دىراماتورگيە ۋە باشقا سەنئەت مەدىنىيەتلىرى تولدۇرۋالغۇسىز دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس رەسساملىق مەدىنيىتىمىز، ھەيكەلتاراشلىق مەدىنىيىتىمىز، قۇرۇلۇش مەدىنىيىتىمىز، دىراما مەدىنىيتىمىز يوق. ھەتتا 12مۇقاممۇ تاس قالغان يوقاپ كەتكىلى. ئەمما ھەرھالدا شۇكرى، يىڭى زامان، يىڭى دەۋر بىزنى يىڭى ئۇمۇدلەر بىلەن كۇتۇۋالماقتا.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 6694
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 14
شۆھرىتى: -1 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-17
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 74كۈن بۇرۇن
«ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالىمۇ زۇلمەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ.»
ماۋۇ گەپ ناھايىتى توغرا.  تارىخنى توغرا تونىمىغان، ئارقا ئارقىدىن بۇرنىغا يەپ، جىنى ھەلقۇمىغا كىلىپ قالسىمۇ يەنىلا كۆزى ئىچىلمىغان، نىمە قىلىش- نىمە قىلماسلىقنى، نىمە دىيىش- نىمە دىمەسلىكنى بىلەلمىگەن مىللەتنىڭ ھالى قانداق بولماقچى.

دىھقان: بىزنى ئىكىسپىلاتتاسىيە قىلىۋاتقان مۇشۇ پومىشچىكلارمۇ؟ مۇشۇلار يوقالسىلا تەقدىرىمىز تۇزىلەمدۇ؟
ئالىم: ياق سىلەرنى ھەقىقى ئىكسپىلاتتسىيە قىلىۋاتقنىنى بۇ پومىشچىكلار ئەمەس، بەلكى ھەممىڭلار توغرا دەپ قاراۋاتقان ئاشۇ  تۇزۇم. مەسىلىنىڭ نىگىزىنى ھەل قىلمىغۇچە پومىشچىكلار مەڭگۇ يوقالمايدۇ. بىر پومىشچىكنى يوقاتساڭلار تىخمۇ ھىلىگەر تىخىمۇ قەبىھ  پومىشچىكلار ھامان يىتىشىپ چىقىپ بوينۇڭلارغا مىنىدۇ. چۇنكى سىلەر ئۆتمۇشنى بەك ئاسان ئۇنتۇپ قالىسىلەر، كۆڭلۇڭلار زىيادە  يۇمشاق كىشىلەردۇرسىلەر.
-----------------------------------------------------------
ئۇيغۇر: تەڭرى نىمە ئۇچۇن بىزنىڭ تەقدىرىمىز يىقىنقى مىڭ يىلدىن بۇيان ئىزچىل خاراپلىشىشقا قاراپ يۇزلىنىدۇ. قىتانلار، مۇڭغۇللار، جۇڭغارلار، مانجۇلار نىمە ئۇچۇن ئارقا ئارقىدىن بىزگە خوجا بولالايدۇ. نىمە ئۇچۇن بىزنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىمىز شۇنچە ئىچىنىشلىق، نىمە ئۇچۇن غالىبىيەت نۇرى بىزگە يىقىن يولىمايدۇ.
تەڭرى: چۇنكى سىلەر ئاشۇ  چاغدىن باشلاپ توغرا يولدا ئەمەس. سىلەر ئەجداد روھىنى ئۇنتۇغانلىقىڭلار ئۇچۇن، ئالەمنىڭ چىن ھەقىقىتىدىن چەتنەپ ياۋايى قالاق ئۇلۇسلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان ئاجايىپ خىيالى دۇنياغا بىرىلىپ كەتكىنىڭلار ئۇچۇن،  تەڭرى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن قەۋم. ئەمما سىلەرگە يەنىلا پۇرسەت بار. تەڭرى يەر يۇزىدىكى بارلىق پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش پۇرسەت بەرگەن. بەخىتكە ئىرىشىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ، ھە بىر قەۋمنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقى. چۇنكى ئىنسانلار تەڭرىنىڭ قۇلى(بەندىسى) ئەمەس، بەلكى ئەڭ سۇيۇملۇك "پەرزەنتلىرى"دۇر.
ئالىم: توغرا، ھەقىقەت پەقەت ۋە پەقەت ئەمىلىيەتتىنلا كىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ۋە بىكىتكەن قانۇنىيىتى مانا مۇشۇ تەبىئەتنىڭ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ھەر بىر ئەمىلىيىتىگە يۇشۇرۇنغان. شۇنداقلا تەڭرى بىز ئىنسانلارغا ئاشۇ قانۇنىيەتنى تىپىپ چىقىدىغان ئەقىل-پاراسەتنىمۇ تەڭ ئاتا قىلغان. "يارىتىش مەندىن، يارىلىش ئۆزەڭدىن"  مانا بۇ تەڭرىنىڭ ھەقىقى ئىرادىسى. بۇنى ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز خىلى بۇرۇنلا بايقىغان.
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 74كۈن بۇرۇن
موغۇللار ئىستىلاسى
ھىجرىيىنىڭ 615 – 624 – (مىلادىيە 1218 – 1226 -) يىللىرى

شەرقىي ئاسىيادا تۈرك ئەللىرىنىڭ ياشايدىغان يەرلىرى شىمال مۇھىتىنىڭ بۇز ساھىللىرىدىن جەنۇبقا، ئادىرياتىك قىرغاقلىرىدىن شەرىققە سوزۇلىدۇ ۋە غۇبى (موغۇل تىلىدا «سەھرا» دېگەن مەنىدە) چۆلگە تۇتۇشىدۇ. شۇ ئورۇندا تارىخ ئىستېلا قىلمىغان قەدىمدىن بۇيان موغۇل قوۋمى ياشاپ كەلگەنىدى. ئۇلار قىياپەت ۋە تىل جەھەتتىن تۈركلەرگە قېرىنداش ئىدى.
موغۇللار چۆلنىڭ ئۆزگىرىشچان تەبىئىتى ئىچىدە نامراتلىق بىلەن ھايات كەچۈرەتتى. پۈتۈن دۇنيادىن يىراق ۋە خەۋەرسىز ھالدا ياشايتتى. ئەمما، ئۇلارغا ھەمجىنىس (كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولغان) تۈركلەر بىرنەچچە ئەسىرلەردىن بېرى غەربىي ئاسىيانىڭ ھاياتىغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.
مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ھىجرىيىنىڭ 549 – (مىلادىيىنىڭ 1154 -) يىلىدا دۇنياغا بىر قەھرىمان تۇغۇلدى. بۇ قەھرىماننىڭ ئىسمى تېمۇرچىن بولۇپ، تۆمۈرگە ئوخشاش مۇستەھكەم، قەتئىي باتۇر ۋە ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس ئىدى. شۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇ ۋەتەنداشلىرىنىڭ توپلانغان ۋە ئىپتىدائىي تەبىئىتىدىن پايدىلىنىپ، كۈچ توپلاپ، قەدىردان يايلاقلىرىدىن سىرتقا قاراپ شىددەت بىلەن ئىنتىلىپ، پۈتۈن ئاسىيانى ئاستىن – ئۈستۈن قىلدى. ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر بەزى غارايىپ قىسسىلەردە ساقلىنىپ كەلدى. ئۇ جاھان تارىخى مەيدانىغا قىرىق يېشىدا چىقتى. ئۆزىنىڭ قوۋمداشلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ، تۈرك خانلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا غالىبانە ھەرىكەت قىلىپ چىڭگىزلەقىمىگە ئىگە بولدى. چىڭگىز بەقۇۋۋەت، تازا دېگەن مەنىلەرگە ئىگە ئىبارىدۇر.
چىڭگىزنىڭ دەسلەپكى قېتىم كۆزگە كۆرۈنگەن ئاساسىي دۈشمىنى ئوڭخان بولۇپ، ئۇ كېرەيىت قەبىلىسىنىڭ خانى ئىدى. چىڭگىز ھىجرىيىنىڭ 599 – (مىلادىيىنىڭ 1202 -) يىلىدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرك قەبىلىلىرىدىن ئويرات، قونغىرات ھەم نايمان قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بۇ قەبىلىلەر موغۇللانىڭ غەربى تەرىپىدە ياشاپ، قىسمەن بۇددا ۋە ناسىراتىيلار قىسمەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تۇرغاچقا مەدەنىيەت جەھەتتىن موغۇللاردىن يۇقىرىراق ئىدى، لېكىن ھەربىي جەھەتتە موغۇللاردىن چىڭگىز نىزامى بىلەن مەشىق قىلدۇرۇلغان ئەسكەرلەردىن كۆپ ئارقىدا قالغانىدى، دۇنيانى تىترەتكەن موغۇلنىڭ ئاساسىي سىياسىتى شۇنداق ئىدىكى: مەغلۇپ قىلىنغان قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەسكەرلىرىگە قوشۇۋېلىش، «ياساق دەپتىرى (قانۇنلار مەجمۇئەسى)»نى تەتبىق قىلىپ ئۇنى ئۆز ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قورال قىلىش ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلىش ۋە يېڭى غەلىبىلەرنى ئىزدەش، مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئاز – ئازدىن ئېرىشسىمۇ، لېكىن مۇستەھكەم، ئىشەنچلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھىجرىيە 603 – (مىلادىيە 1206 -) يىلىغىچە غۇبى سەھراسىدىكى ھەممە قەبىلىلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، قارا قۇرۇم قەلئەسىنى پايتەخت قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇ قوۋمنىڭ شەرق تارمىقىدىن چىڭگىز ئۆز بەدەۋلىرىگە دىن ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ئۈچۈن يېزىق قوبۇل قىلدى. چىڭگىز ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ سۆھبەتداشلىرى، مىرزىلىرى ۋە باشقا مولكى مەمۇرلىرى ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. بۇ شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ خانى ئۇيغۇرچە «ئىدىقۇت»، يەنى سائادەتبېك دەپ ئاتىلاتتى. چىڭگىز خىتايغا قارشى سەپەردە ئۇنىڭ ساداقەتمەن دوست ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت كۆرسەتتى. ماۋەرا ئۇننەھرگە يۈرۈش قىلغاندىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلاندى. بۇلارنىڭ كۆپچىلىك خەلقى تېخى مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. ئەمما، چىڭگىزنىڭ غەربىي ئۇيغۇرلارغا يەنى قەشقەر ھەم خوتەن تۈركلىرىگە مۇناسىۋىتى باشقىچە ئىدى. غەربلىكلەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار قاراخانىيلارنىڭ كۈچلۈك ئىدارە قىلىشى ئاستىدا بىرلەشكەنلىكى ئۈچۈن چىڭگىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى. لېكىن، قاراخانىينىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قىتان (كىدان، قارا خىتاي) لاردىن كۈچلۈك خان تەختىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغانلىقتىن يېقىندىلا خىتاي سەپىرىدىن زەپەر قۇچۇپ قايتقان چىڭگىز ئۆزىنىڭ نەزىرىنى غەربكە قارىتىشقا پۇرسەت پىشىپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
سەردار — چايۇللا رەھبەرلىكىدىكى موغۇل ئەسكەرلىرى كۈچلۈك خانغا ھۇجۇم قىلدى. خاننىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ئېغىر مېنۇتلاردا ئۇنى تاشلاپ قويدى. ئۇ يېڭىلىپ بەدەخشان تاغلىرىغا پاناھلانغان بولسىمۇ ئاخىر قولغا چۈشۈپ، تەسلىم بولدى. شىمالدا ئالمالىق ئېلەتنىڭ خانى ئارسىلانخان كۈچلۈككە دۈشمەن ئىدى. ئۇمۇ موغۇللاغا تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. چىڭگىز غوبى سەھراسىنىڭ شەرقى چېگرىسىدىن تەڭرى تېغى تىزمىلىرىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىگىچە ھاكىم ئىدى. بىرقانچە شەھەرلەر، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار، كۆپلىگەن ۋەھشىي ئۇرۇشقاق كىشىلەر ئۇنىڭ خوجايىنلىقىدا ئىدى. ئەگەردە ئۆتكەن بابتا سۆزلەنگىنىدەك خارەزمشاھ سۇلتان مۇھەممەت بىلەن ئوتتۇرىدا ئاداۋەت پەيدا بولۇنمىغان ھالەتتىمۇ چىڭگىز ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبىلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇ ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، بايلىقى، يۈكسەكلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەملىكەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمدارى قۇدرەت ۋە شەۋكەت بابىدا چىڭگىزگە تەڭ رەقىب، لاياقەتلىك دۈشمەن ئىدى.
ئاقىۋەتتە ھىجرىيىنىڭ 615 – (مىلادىيىنىڭ 1218 -) يىلى موغۇل جاھانگىرى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى ھەم ئەسكىرىي باشلىقلىرى – چاغاتاي، ئوقتاي ۋە جۇجى بىلەن خارەزمشاھقا قارشى يۈرۈش قىلدى. ئومۇمىي ئەسكىرى ئالتە يۈز مىڭغا يېتەتتى. يەنە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خانى ئىدىقۇت ۋە ئالىملىق ھۆكۈمدارى سىغناق تىگىن ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى. ئۇ قەدىمكى يول بىلەن ئىلى جىلغىسى بويىدىن مېڭىپ، شىمالىي پەرغانىدىن ئۆتۈپ، ئوترار ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ شەھەر ئالدىدا پۈتۈن ھەربىي كۈچلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى تەرەپ – تەرەپكە ئەۋەتىش مەقسىتىدە بولدى: بىر قىسمىنى ئوغۇللىرى چاغاتاي ھەم ئوقتاي رەھبەرلىكىدە بۇ يەردىكى خەلقنى بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈن قالدۇردى. ئىككىنچى ئوردىغا جۇجى باشلىق قىلىندى. ئۇ قىزىلقۇم سەھراسى ئارقىلىق جاندكە ئەۋەتىلدى. ئۈچىنچى قوشۇن بەش مىڭ كىشىلىك ئالاقنويان ۋە سىنتوبۇقا نامىدىكى سەرھەڭلەر قوماندانلىقىدا سىر دەريانىڭ ئوڭ تەرەپ قىرغىقى بىلەن بېند كەنتكە قاراپ ھەرىكەت قىلدى. چىڭگىزنىڭ ئۆزى مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى — بۇخاراغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى. بىز ئوتتۇرا ئاسىياغا خۇددى شىددەتلىك بوراندەك ھەرىكەت باشلىغان بۇ تۆت فىرقە قوشۇن تەۋسپنى ئۇتراردىن باشلايمىز.
ئوترار چېگرا قەلئەسى ئىدى. قەلئە نائىبى قائىرخان رەھبەرلىكىدە ئەللىك مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بار ئىدى. سۇلتان مۇھەممەتنىڭ يوشۇرۇن ۋەزىرى قاراجى قوماندانلىقىدا بولارغا يەنە ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن قوشۇلدى. شەھەردە قۇدرەتلىك ھىمايىچى كۈچى بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ تارىخچىلارنىڭ نەقىل كۆرسىتىشىگە قارىغاندا، موغۇللار شەھەرنى قامال قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلار ساراسىمىگە چۈشكەن. بۇ دەسلەپكى تەسىراتلارغا قارىغاندا شەھەرنى بەش ئايغىچە مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىدى. ئەگەر ئىككى قوشۇن باشلىقى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولمىغاندا قامال قىلىشقا نىسبەتەن قارشىلىق يەنىمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىدى. قائىرخان ئۆزىنى چىڭگىزنىڭ پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشتە جاۋابكار ھېس قىلىپ، چىڭگىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مايىللىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا كۆز قاراشتىكى شېرىكلىرىدىن ئايرىلىپ، كېچىدە ئۆز قوشۇنى بىلەن موغۇللارغا تەسلىم بولدى. ئىككىنچى كۈنى كېچىدە ئۇ چىڭگىز ئوغۇللىرىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا: «سەن ئۆزۈڭنىڭ پادىشاھىڭنى، ۋە لىنېمتىڭنى خائىنلارچە تەرك ئەتكەن تۇرساڭ، بىز سېنىڭدىن قانداق ساداقەت كۈتەلەيمىز» دېيىشتى. ئۇنى بارلىق تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قەتل قىلدى.
قائىرىخان ئۈمىدسىز ئارسلاندەك داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئەللىك، ئەللىكتىن بولۇپ، قەلئەدىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىپ ھالاك بولدى. قائىرىخان يېنىدىكى ئاخىرقى ئىككى نەپەر مۇھاجىددىن ئايرىلغاندىن كېيىن قەلئە تاملىرىنىڭ ئۇستىدىن ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇ يەردىن غىشتىلارنى قومۇرۇپ ئېلىپ، قىساسكار دۈشمەنگە قارىتا ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇردى. دۈشمەنلەر قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈشكە قارار قىلدى. ئاخىر ئۇنىڭ ئوقلىرى تۈگىدى، ئۇ دۈشمەن تەرىپىدىن قورشىۋېلىپ قولغا چۈشتى. ئۇ سەمەرقەندتىكى «كۆك ساراي»دا ئولتۇرۇلدى. ئوقتاي ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ مالغا ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن قۇربان بولغان بىچارە سودىگەرلەرنىڭ ئۆچى ئېلىنىپ، قۇلاقلىرىغا ئېرىتىلگەن كۆمۈش قۇيۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ تۈركىستاننىڭ شەرقىي شىمال قەلئەسى ئوترار موغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتتى. موغۇللار بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ئاھالىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئاخىر جەنۇب تەرەپكە سەمەرقەندگە قاراپ يۈرۈش باشلىدى.
جەندقا قارشى جۇجىمۇ شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەت باشلاپ ئالدى بىلەن سىغناققا ھۇجۇم قىلدى. بۇ شەھەر سەھرانىڭ غەربىدە ئىدى، ئۇ جەندتىن ئېقىپ چىققان دەريا سۈيى بىلەن سۇغىرىلاتتى. موغۇللار ئۇ يەرگە ھەسەن ھاجى دېگەن بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلدى. شەھەر كىشىلىرى ئەلچىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭدىن جۇجى قاتتىق غەزەپلىنىپ، شەھەرگە دەرھال ھۇجۇم قىلىشنى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئادىمىگە قەدەر ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلدى. سىغناق خارابىسىدە ھەسەن ھاجىنىڭ ئوغلىنى قالدۇرۇپ، ئۆز كەنتكە كەتتى. بۇ شەھەر ئىختىيارىي رەۋىشتە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەشنازغا يول ئالدى ۋە ئۇنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جەندگە يۈرۈش قىلىپ، ھىجرىيىنىڭ 616 – (مىلادىيىنىڭ 1219 -) يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 4 – كۈنى شەھەرنىڭ قارشى تەرىپىدە لەشكەرگاھ قۇردى. موغۇللارنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى شەھەر ئاھالىسىنى چوڭ تەشۋىشكە سېلىپ قويدى. جەندنائىبى قۇتلۇقخان قورققىنىدىن خارازمغا چېكىنىپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي باشباشتاقلىق ھالىتىدە قالدۇردى. جۇجىنىڭ ئەلچىسى چىن تېمىر شەھەر سېپىلى يېنىغا كېلىپ، ئاھالىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، مۇداپىئەنىڭ پايدىسىزلىقى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن پۈتۈنلەي خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ھەسەن ھاجىنىڭ ئاقىۋىتىدەك كۈنگە چۈشۈپ قېلىشقا ئاز قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەدبىرچانلىقى بىلەنلا ئامان قالدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن موغۇل ئەسكەرلىرى مەنچاناقلار (تاش ئاتىدىغان قورال) نەرۋانلار (سېپىل ئۈستىگە چىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان شوتا ئورنىدىكى قورال) بىلەن كېلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ھازىرلاندى. ھېكايە قىلىنىشىچە، شەھەردىكى لەشكەرلەر مۇداپىئەگە شۇنچىلىك پايدىسىز ئەھۋالدا پاسسىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، موغۇل ئەسكەرلىرى سېپىل ئۈستىگە چىقىپ بولغان ۋاقىتتا خۇددى تاماشا كۈرگۈچىلەردەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. يوشۇرۇنۇپ ھۇجۇم قىلغۇچى موغۇللار توپلىشىپ كېلىپ ئەسكەرلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى. شەھەرنى تالان – تاراج قىلىپ خارابىلىككە ئايلاندۇردى. ئاھالىنىڭ قوراللانغان قىسىملىرىنى قىرىپ تاشلىدى. سۇلىھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئاھالە ۋەكىللىرىنى شەھەر سىرتىدا توققۇز كۈن قاماپ قويغاندىن كېيىن چىقىرىۋەتتى.
جۇجى ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ غەربىي قىسمىنى ئامۇ ۋە سىر دەريا بويلىرىدىكى سۇلھىچى ئاھالىنى خارەزمدىكى ماھىر ھەربىيلەردىن ئايرىپ تاشلىغان ۋاقىتتا، ئالاق نويان ۋەسنتۇ بۇقا قاتارلىق سەردارلار بەش مىڭ كىشىلىك بىر كىچىك قوشۇن بىلەن بىنكەنى ھەم خوجەند ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا بىنكەنە ئەمىرى ئېلىرخۇ ئىدى. ئۇ قاڭقىل قەبىلىسىدىن توپلانغان ئەسكەرلىرى بىلەن تۆت كۈن مۇداپىئەدە تۇرغاندىن كېيىن ئاخىر تەسلىم بولدى. جەندتە يۈز بەرگەن پاجىئە بۇ شەھەردىمۇ يۈز بەردى. يەنى ئۇنىڭ قوراللىق ئاھالىسى قېلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. قالغانلىرى قۇل قىلىندى ياكى موغۇل ئەسكەرلىرىگە قوشۇۋېلىندى.
ئۇنىڭدىن كېيىن خۇجەندكە نۆۋەت كەلدى. بۇ قەلئە سىر دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆلۈنگەن جايىغا قۇرۇلغان. ئۆزىنىڭ تەبىئىي جايلىشىشى قەلئە ھاكىمى تېمۇر مەلىكىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن خوجەندلىكلەر موغۇللارغا كۈتۈلمىگەن قارشىلىقلارنى كۆرسەتتى. قامال قىلىشقا يىگىرمە مىڭ موغۇل، ئەللىك مىڭ قۇل قاتناشتى. بۇ قۇللار ئېغىر ئەمگەكلەردە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن بىرەر موغۇلنىڭ ۋاسىلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كىشىلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار تاغدىن ئۈچ مىل مۇساپىگىچە تاش توشۇشقا مەجبۇر قىلىندى. قەلئەنى قامال قىلغۇچىلارغا ئالانقۇ باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن بىرەر ئىش قىلالمىدى. تېمۇر مەلىك توغرىسىدا تارىخچىلار ھەقلىق رەۋىشتە: «ئەگەر رۇستەم تىرىك بولغىنىدا ئىدى، مەلىكىگە خادىم بولۇشقىلا يارىغان بولاتتى» تېمۇرنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇ ئون ئىككى كېمە تەييارلاشنى بۇيرۇدى. كېمىلەرنى دۈشمەننىڭ ئوتى ھەم ئوقىدىن ئاسراش ئۈچۈن يۇڭدىن نەمەت كىگىزلەر بىلەن قاپلاپ سىركىلىك لاي بىلەن سۇۋاپ چىققانىدى. ئۇنىڭ بىلەن ساھىلغا خەۋپسىز يېتىۋېلىپ دۈشمەنلەرنى ئوققا تۇتالايتتى. تېمۇر شەھەرنى شۇ تەرىقىدە ئۇزۇنغىچە مۇداپىئە قىلدى. لېكىن، دۈشمەن بىلەن ئۇزۇنغىچە قارشىلىشىش پايدىسىز ئىكەنلىكىگە كۆزى يېتىپ، مال – مۈلكىنى يەتمىش كېمىگە قاچىلاپ، ئېقىمغا قارشى ئۈزۈپ كەتتى. جەند ئارقىلىق سەھراغا ۋە ئۇيەردىن خارەزمىگە بارماقچى بولدى. ساھىلدىن موغۇللارنىڭ تەقىپى ئاستىدا ئاجايىپ ھالدىكى دەريا سەپىرىنى داۋام قىلدۇردى. بىكەند توغرىسىدا دەريانىڭ ئۇ ساھىلىدىن بۇ ساھىلىغا زەنجىر قارىتىلغانىدى. تېمۇر ئۇنى بىر زەربە بىلەن ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن «بار قايىق كەتتى» قابىلدە ساھىلغا چىقتى. ئۇنىڭ ساھىلىدىكى جەڭلىرى ھەققىدە ئاجايىپ ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى. ئاخىر خارەزمگە ئامان – ئېسەن يېتىپ باردى.

موغۇل سەركەردىلىرى بولسا خوجەندنى بېسىۋېلىپ سەمەرقەنتكە يۈرۈش باشلىدى. ئۇ يەردىكى، ئاساسىي ئوردىغا بېرىپ، قىلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. چىڭگىزخان ئوغلى تۇلىخان بىلەن بىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن غەلىبىلەرگە ئىگە بولغانىدى. ئۇنىڭ ئوتراردىن بۇخاراغا قايسى يول بىلەن بارغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بىز پەقەت ئۇنىڭ بىرىنچى توختىغان ئورنى سەرتاق شەھىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ شەھەر بۇخارانىڭ شىمالىغا جايلاشقان. سەھرالىق موغۇللار بۇ شەھەر ئاھالىسىغا غەيرىي كۆرۈندى. ئۇلار – ئانچە خەۋپسىرىمەي جەڭگە تەييارلاندى، لېكىن موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە شەھەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ ئاھالىگە ئوت ۋە قان دەرياسى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. نەتىجىدە شەھەر ئاھالىسى تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاھالىنىڭ قورال تۇتالايدىغان قىسمى موغۇل ئەسكەرلىرىگە خىزمەتكار سۈپىتىدە قوشۇلدى، شەھەر بولسا پۈتۈنلەي خاراب قىلىندى. شەھەردىن ئېشەك ۋە خېچىرلىرىغا مىنىپ ئامانلىق تىلەپ چىققان ئاھالىگە ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشقا ئىجازەت بېرىلدى. موغۇللار سەرتاققا «قۇتلۇغ بالىخ» (بەخت شەھىرى) دەپ نام بەردى. بوخارا ئېلەتىدە چىڭگىز ۋەيران قىلغان ئىككىنچى شەھەر – نۇر بولدى. ئۇ بۇ يەرگە تۈركمەن قۇلاۋۇزلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭى يول ئارقىلىق كەلگەندىن كېيىن بۇ يول كۆپ ۋاقىتلارغىچە «خان يولى» دەپ ئاتالدى. قەلئەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يا مۇسۇلمان، يا تۈركلەردىن بولغان تاھىر باھادىر ئىسىملىك كىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە نۇر ئەتراپىدىكى ئورمانلاردا ئۇزۇن شوتىلار ياسالدى. شوتىلارنى ئات ۋە قول ئارقىلىق كۆتۈرۈپ كېلىپ شەھەر دەرۋازىسىغا قويدى. قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى قىسمەن چىڭگىزنىڭ كۈچىگە، قىسمەن سولتان مۇھەممەد ياردىمىگە ئىشىنىپ يېپىپ قويۇلدى. تاھىر باھادىر ئۇلارغا: «ھەقىقەتەنمۇ كۈچ قۇدرەتلىك موغۇل خانى كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر شەھەر ئاھالىسى قارشىلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ شەھەردە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا تۇرىدۇ» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن نۇر شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلدى. ئۇلار بۇيرۇققا بىنائەن شەھەرگە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك ئەسۋابلار ۋە ھايۋانلارنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن موغۇللار شەھەرگە كىردى، ئاھالىنى بۇلاپ — تالىدى، لېكىن ئادەملەرنى ئۆلتۈرمىدى. ئاھالە نامىدىن چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا بارغان سۆھبەتچىلەر ھەيئىتى ئىلتىپات بىلەن قوبۇل قىلىندى: «ھازىرغىچە قانچىلىك سېلىق تۆلىدىڭلار؟» دەپ سورالغان سوئالغا ئۇلار 1500 دىنار دەپ جاۋاب بېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزخان بۇ پۇلنى قوشۇن مەھكىمىسىگە بېرىشنى ئەمىر قىلىپ، ھەيئەتنى خۇشاللىق بىلەن قايتۇرۇۋەتتى.
چىڭگىز نۇردىن بۇخاراغا كەتتى. ھىجرىيە 617 (مىلادىيە 1200-) يىل مۇھەررەم ئېيىنىڭ بېشىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قارارگاھىنى بۇخارا سېپىللىرى يېنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ ھازىرلىنىپ تۇرغان ئەسكەرلىرى شۇ ھامان شەھەرنىڭ شەرقىي بۇرجەكلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇخارا خەلقى ئىلگىرى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن ئەلۋەتتە خەۋەردار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆز بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ تەييار ئەمەس ئىدى. قەلئە تاملىرى ئارقىسىدا 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يوشۇرۇنغانىدى. بۇ قوشۇنغا سېۋىنچخان، قۇشلىخان، كۆكخان باشلىق ئىدى. كېيىنكىسى موغۇللاردىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. كۈچ جەھەتتىن بىر نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغان موغۇللارغا قارشى بۇخارا ئەسكەرلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتەلىشىمۇ ناتايىنراق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار موغۇللارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ ئاز قىسمى شەھەر ئىچىگە كىرىپ قۇتۇلدى. شەھەر ئاھالىسى ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۆز ۋەكىللىرىنى چىڭگىزنىڭ ئالدىغا شەپقەت تىلەپ ئەۋەتتى. موڭغۇل خانى ئۇلار بىلەن بىرگە شەھەرگە كىردى. ئەڭ ئالدى بىلەن چىڭگىزنىڭ كۆزى ئۇلۇغ سامانى تەرىپىدىن ئاجايىپ بېزەكلەر بىلەن ياسىتىلغان جامىئە مەسچىتىگە چۈشتى. ئۇ ئوغلى تولى بىلەن ئاتتىن چۈشمەي مەسچىتكە كىرىپ مېھراب ئالدىدا توختىدى. تولى ئاتتىن چۈشمەي، مۇنبەر ئالدىدا تۇرۇپ قالدى. چىڭگىز: «بۇ سولتاننىڭ ئۆز سارىيىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا «بۇ خۇدانىڭ ئۆيى» دەپ جاۋاب بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ مۇنبەرنىڭ بىر نەچچە پەلەمپىيىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئارقىدا تۇرغان موغۇللارغا ۋارقىرىدى: «ئوتلاق ئورۇلدى، ئاتلارغا يەم – خەشەك بېرىڭلار!» بۇ تالان – تاراج قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى. ۋەھشىي موغۇللارنىڭ بەختسىز بۇخاراغا قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا پايتەختىنىڭ زىبۇ – زىننەتلىرىگە كۆزى تورلاشقان سەھرالىقلارنىڭ قانداق ئاچ كۆزلۈك بىلەن تاشلانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. بارلىق ئۆيلەر ۋەيران قىلىندى. ھەممە ساندۇقلار چېقىلدى. ھېسابسىز خەزىنىلەر تالان – تاراج قىلىندى. كۆرۈنۈشىدىن ھېچبىر قىممىتى بولمىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنىمۇ ئاياپ قويۇشمىدى. كىتابلار يىرتىلىپ، ھايۋانلارنىڭ ئاياغ – ئاستىغا ساماندەك چېچىلدى. مۇقەددەس كىتابلار ساقلانغان ساندۇقلارنى ئاتلارغا يەم – خەشەك بېرىدىغان ئوقۇرلار ئورنىدا ئىشلەتتى. ئىلىم يۇلتۇزلىرى بولغان موللىلار، شەيخلەر قۇللار ئورنىدا مۆتىۋەر جەڭچىلەرگە خىزمەتكار قىلىپ بېرىلدى. بەزىلىرى بولسا موغۇل باشلىقلىرىغا مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلدى. كۆپلىگەن مۇتىۋەر قازىلار ئېشەك ۋە قېچىر بېقىشقا مەجبۇر قىلىندى. مۇسۇلمان تارىخچىسى تۆۋەندىكىلەرنى ھېكايە قىلىدۇ. دىنىي ھېسسىياتنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكى ھەققىدە بىر ئاز مۇبالىغە بولسىمۇ، موغۇللارنىڭ مۇشۇ بىرىنچى ھۇجۇمىدىن كېيىن شۈبھىسىزكى بۇخارا ناھايىتى كۆپ زىيان تارتتى ۋە نۇرغۇن دەھشەتلىك ئىشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى.
چىڭگىزخان شەھەردە بىر نەچچە سائەت تۇردى. كېيىن شەھەر سىرتىدىكى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان مۇسەللارغا باردى. پۈتۈن خەلق شۇ يەرگە يىغىلغانىدى. موتىۋەر كىشىلەر، بايلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىدى، بۇنىڭغا 280 نەپەر كىشى كۆرسىتىلدى. (بۇنىڭدىن 190 كىشى بۇخارالىق بولۇپ، قالغان 90 كىشى چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئىدى). چىڭگىز ئۇلارغا خىتاب قىلىپ ۋە سولتان مۇھەممەدنىڭ زۇلۇمى ھەققىدە ئىشارەت قىلىپ «ئەي ئادەملەر، سىلەر ئېغىر گۇناھ قىلدىڭلار، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبكارى سىلەرنىڭ خانىڭلار. سەن ئۆزۈڭ كىمسەن؟ بىز بىلەن نېمىشقا بۇنداق سۆزلىشىۋاتسەن؟ دەپ سورىساڭلار، بىلىڭلاركى مەن تەڭرىنىڭ پەرزەنتىمەن. ئەگەردە سىلەر گۇناھكار بولمىساڭلار تەڭرى سىلەرنىڭ جازايىڭلارنى بېرىشكە مېنى ئەۋەتمەس ئىدى. ئەمدى سىلەرنىڭ يەر ئۈستىدىكى بايلىقلىرىڭلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات سورايمىز. سىلەر يەرگە يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ ئېيتىشىڭلار ۋە ئۇلارنى چىقىرىپ بېرىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇ مۇشۇ پەيتتە شەھەردىن سايلانغان كىشىلەرنى ھۇجۇم ۋە مەسخىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن موغۇل ۋە تۈركلەردىن ساقچى قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئىشلار شۇ تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن، سۇلتان مۇھەممەدنىڭ شەھەر يوشۇرۇنغان ئەسكەرلىرى چىڭگىزنى كېچىدىكى ھۇجۇملىرى بىلەن بىزار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇخارالىقلار ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي، بەلكى ئەسكەرلەرنى ئاسرىدى ۋە ئۇلارنىڭ كېچىدىكى ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭغا چىڭگىز قاتتىق غەزەپلەندى. شەھەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى. ياغاچ ئارقىلىق ياسالغان ھەربىر ئۆيلەردىن قۇرۇلغان ئىمارەتلەر پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلاندى. پەقەت تاش ۋە خىشتىن ياسالغان مەسچىت، سارايلارلا قاراتاش ۋە چېكىتلەردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. زەرەپشان ئۈستىدىكى مەمۇرچىلىققا تولغان بۇ شەھەر كۇكۇم – تالقان بولدى. قەلئە ئىچىدىكى ئەسكەرلەر كۆكخان رەھبەرلىكىدە مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. موغۇللار بۇ قەلئەنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كۆردى. ھەتتا ھۇجۇم سېپىنىڭ ئالدىغا بۇخارالىقلارنى قويۇپمۇ كۆردى، لېكىن ھەممىسى بىكارغا كەتتى. قەلئە ئىچىدىكى بارلىق چوڭقۇرلۇقلار ئادەم ۋە ھايۋان جەسەتلىرى بىلەن تولۇپ تاشقاندا، قەھرىمان مۇداپىئەچىلەر ئۆز جېنىنى پىدا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قارارگاھلىرى ئىشغال قىلىندى بۇ جاسارەتلىك قارشىلىق ئۈچۈن شەھەر ئاھالىسى قۇربان قىلىندى: 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە جاللات قولىدا ھالاك قىلىندى. قالغانلىرى بولسا، تەبىقىلىرىگە قارىماي قۇل قىلىندى. ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتلىرى، ئىلىم – مەرىپەتلىرى، نازۇك تەبىئەتلىرى ۋە ئەخلاقلىرى گۈزەل بولغان بۇخارا ئاھالىسى بەختسىز ھالەتكە چۈشۈرۈلۈپ، مەسخىرە قىلىندى. بۈيۈك بىر ئەل شامالدەك تارقاپ كەتتى. قېچىپ كەتكەنلەردىن بىرسى خۇراسانغا كېلىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كەڭ شۆھرەت قازانغان مۇنۇ بېيىتنى ئېيتقانىدى:

كەلدى، يىمىردى، كۆيدۈردى،
تالىدى، ئۆلتۈردى ۋە كەتتى.

تارىخچى ئىبىن ئەتتار مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: «بۇ ھەقىقەتەن دەھشەتلىك كۈن بولدى. ئەڭ مۇشەققەتلىك كۈنگە قالغان ئەرلەرنىڭ، خوتۇنلارنىڭ، بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇردى. ۋەھشىيلەرچە خوتۇن – قىزلارنى ئۆز بۇرادەرلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا خورلۇققا ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ خورلۇققا كۆز يېشىدىن باشقا چارە قىلالمىدى، بەزىلىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆردى. قازى بەدرىددىن، ئىمام رۇكنىددىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇ نومۇسسىز مەنزىرىگە قاراپ چىداپ تۇرالماي ئۆزلىرى ئەسلا تەڭ كېلەلمەيدىغان دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ ھالاك بولدى».
بۇخارادىن كېيىن سەمەرقەنتكە نۆۋەت كەلدى. سەمەرقەنت بۇ ۋاقىتتا ماۋەرائۇننەھرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۈيۈك بىر شەھىرى ئىدى. شەھەرنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن خارەزمشاھ 110 مىڭ كىشى قالدۇرغانىدى. بۇلاردىن 60 مىڭى تۈرك، 50 مىڭى تاجىك ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدا نۇرغۇن پىل بار ئىدى. چىڭگىزخان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا بىلىۋالغاندەك دۈشمەننىڭ سابىق پايتەختىنى ئىگىلەش ئۈچۈن جەڭنىڭ ئوتراردىكىدىنمۇ قاتتىقراق بولۇشىنى ھېس قىلىپ، ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلاشقا كىرىشتى. شۇ سەۋەبلىك ئالدى بىلەن سەمەرقەنت ئەتراپىدىكى قەلئەلەرنى ۋەيران قىلىشقا قارار قىلدى. چۈنكى، ئەتراپتىكىلەر بىر – بىرىگە خەۋەر بېرىپ، ئۆزئارا بىرلىشىۋالماستىن بۇرۇن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم، دەپ ھېسابلىدى، شۇ چاغدىلا غەلىبە ئاسانراق قولغا كېلەلەيتتى. ئۇنىڭ بۇ نىيىتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشتى. چىڭگىزخان خارەزمشاھنىڭ گۈزەل پايتەختىگە شىددەت بىلەن يۈرۈش قىلدى. سەمەرقەنتنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن بۇخارادىن قۇللارنىمۇ ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىرى يولدىلا شەپقەتسىزلەرچە ئولتۈرۈۋېتىلدى. چىڭگىزخان شەھەر ئەتراپىغا شۇ قەدەر كۆپ ئەسكەر توپلىدىكى، سۇلتان مۇھەممەدنى تۇتۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئاجرىتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. بۇ قوشۇنغا سەردارلاردىن چاپار ۋە سۇتناي قوماندان بولۇپ، ئۇلارغا سۇلتان مۇھەممەدنى تېز ۋاقىت ئىچىدە تەھقىپ قىلىش (قوغلاش) بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنىدى. چىڭگىز ئىلگىرى سەمەرقەنتنى بىرنەچچە يىل قامال قىلغاندىن كېيىنلا ئىشغال قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما، ئۇ ئۈچ كۈنلۈك جەڭدىن كېيىن شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى. مۇھاپىزەتچىلەر ئالىپخان، شەيىخخان، بېربالازخان رەھبەرلىكىدە موغۇللار سېپىنى شىددەت بىلەن بۇزۇپ ئۆتتى. ئەمما، ئۈچىنچى كۈنى چىڭگىزنىڭ ئۆزى قوشۇننى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ شەھەر دەرۋازىلىرىنى تېزلىك بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى. شۇنىڭغا قارىماي خارەزملىكلەر ئۆلۈمگە تىك تۇرۇپ پايدىسىز بولغان جەڭنى داۋاملاشتۇردى. كەچقۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدە ئىختىلاپ چىقتى. بەزى كىشىلەر شەيخۇلئىسلامنى سەپداش – قېرىنداشلىرى ۋە ماللىرى بىلەن چىڭگىزگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، جان ساقلاپ قېلىشقا مەسلىھەت بەردى. قالغانلار ئىچكى قەلئەگە يوشۇرۇنۇپ كۈرەشنى يەنە بىر كۈن داۋاملاشتۇردى. بۇ ئارىدا موغۇللار نامازگاھ دەرۋازىسىدىن شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، تىنچقىنا تالان – تاراج بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ھەيدىدى. پەقەت شەيخۇلئىسلام ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆز قول ئاستىدىكى 50 مىڭ كىشى بىلەن بىرىنچى ھۇجۇم ۋاقتىدا شەھەردە قالدى. ئىچكى قەلئە مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. ئالىپخان مۇسىبەتلىك مەغلۇبىيەتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، 1000 نەپەر قەھرىمان بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. موغۇللارنىڭ سەپلىرىنى يېرىپ، پۈتۈن قوشۇن ئارىسىدىن ئامان – ئېسەن چىقىۋالدى. پەقەت قاڭقىلى ۋە تۈرك قەبىلىسىنىڭ ئەسكەرلىرى تەسلىم بولدى. موغۇللار ئۇلارنى قوۋمداش ھېسابلاپ، ئۆزرىخاھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى ھەم ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى موغۇل ئادىتى بويىچە ياساتقۇزدى. لېكىن، كۈن پېتىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھايات يۇلتۇزلىرى ئۆچتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى — 30 مىڭ كىشى بىر كېچىدىلا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ خانلىرىدىن ئۇلۇغ بارۇشماس، بوغان، سەرزىقخان ھەم 20 نەپەر گېنېرال شۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سەمەرقەنت ئۆزىنىڭ قەلئەسى بىلەن بىرلىكتە يەر بىلەن يەكسان قىلىندى. ئاھالىسى پۈتۈن مال – مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بۇخارالىق قېرىنداشلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆردى.
... قورقۇپ قېچىپ كەتكەنلەرنى يالغان ۋەدىلەر بىلەن شەھەرگە قايتۇرۇپ كەلدى. قورال كۆتۈرۈشكە چامى يېتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى موغۇللارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئەسكىرىي خىزمەتكە مەجبۇر قىلىندى. چېۋەر باغۋەنلەر يىراق شەرققە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە، موغۇل – خىتاي پايتەختىدە بۈيۈك خانلارنىڭ ئاجايىپ باغلىرىنى سەمەرقەنت ئۇسلۇبىدا ياساتقۇزدى. ماھىر ھۈنەرۋەنلەرنى، بولۇپمۇ ماھىر يىپەكچىلەرنى قۇل سۈپىتىدە خان ئۆز خوتۇنلىرىغا، قېرىنداشلىرىغا، ئوغۇللىرىغا چاغاتاي بىلەن ئوكتايغا ھەدىيە قىلدى. ۋە بىر قىسمىنى ئۆزى بىلەن بىرگە خۇراسانغا ئېلىپ كەتتى. بۇ دەۋردە چاغاتاي بىلەن ئوكتاي خارەزمگە يۈرۈش باشلىغانىدى. ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسىنىڭ تەسۋىرلىشىگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ مەمۇر، ئەڭ گۈزەل شەھىرى ھىجرىيىنىڭ 618 (مىلادىيىنىڭ 1221) – يىلىدا ئەنە شۇ تارىخىي شارائىتقا بەرداشلىق بېرەلمەي شۇ تەرىقىدە خاراب بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن ماۋەرائۇننەھر بەربات قىلىندى. سەمەرقەنتنىڭ جەنۇبىدا بىرنەچچە شەھەر قالغانىدى. ئەسكەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ، كۆپ مېڭىپ ھارغان ئات – ئۇلاغلارغا زەرەپشان بويلىرىدا يەم – خەشەك بېرىپ، ئۇزۇقلاندۇرغاندىن كېيىن چىڭگىزخان ئۆزى شەخسەن قالغان شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇشقا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئاۋۋال نەخشەب (قارىشى) كە باردى. شەھەر دەرۋازىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئېچىپ بېرىلدى. بۇ ماكان چىڭگىزگە يايلاق ئورنىدا خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تېرمىزغا ماڭدى. ئۇ چاغلاردا تېرمىز بەلخ ۋە ھىندىستان يوللىرىدىكى ئامۇ دەريا ئارقىلىق ئۆتىدىغان ئاساسىي ئورۇن ئىدى. تېرمىز ئۆزىنىڭ ئامۇ دەريا بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەلئەلىرىگە تايىنىپ چىڭگىزگە قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ ئەلۋەتتە قىسقا مۇددەتلىكلا قارشىلىق ئىدى. موغۇللار ئەمدى ئۆز غەلىبىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆز بەختلىرىنى مېتىن، تاملار ئالدىدا سىناپ باقماقچىدى. پۈتۈن شەھەر ھۇجۇم بىلەن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇنىڭ ئاھالىسى سىنالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. جۇۋەينى ھېكايە قىلىدۇكى، بىر خوتۇن ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنىڭ قاتىلىدىن شەپقەت تىلەپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ يالۋۇرغان، ئۆزى يۇتۇۋالغان قىممەتلىك دۇرى – گۆھەرنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان، موغۇل شۇ ھامان ئۇنىڭ قارنىنى يېرىپ راستتىنلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇرى – گۆھەرنى كۆرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق مېيىتلەرنىڭ قارنىنى يېرىپ تەكشۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈلگەن.
تىرمىزدىن كېيىن بۇزۇش ۋە تالان – تاراج قىلىشقا كونكۇرت ھەم سامان (شەھىرىسەبز) ناھىيىلىرىگە نۆۋەت كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جەيھۇن ۋەسەيھۇن بويلىرىدىكى يەرلەر تامامەن خاراب قىلىندى. بۇ يەرلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىراقتىكى بۇرجەكلىرى ھېسابلىناتتى. بايلىققا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن ۋەھشىيلەر باسقۇنچىلىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. موغۇللار ئالدى بىلەن پارسلارنىڭ مەككىسى «قۇببەتۇل ئىسلام» دەپ ئاتالغان 1200 مەسچىتى بار بەلخنى، ئاخىرى تولقان، ھىرات ۋە بۈيۈك سودا شەھىرى مەرۋەلرودنى، مەدرىسىلىرى بىلەن مەشھۇر مەرۋىنى مەغرۇر نىشاپورنى خاراب قىلدى. ئەلۋەتتە، موغۇللارنىڭ بۈيۈك رەيدىكى، شىراز، ئىسپاھاندىكى ۋەھشىيانە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇخارا تارىخىغا تەئەللۇق ئەمەس. ئەمدى بىز ئاخىرقى خارەزمشاھنىڭ ھالاكىتىنى بايان قىلىمىز – دە، ئۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىز زوراۋانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھەم غەلىبىلىرىنىڭ باش سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.
سۇلتان قۇتبىددىن مۇھەممەد موغۇللار ھىمايىسىدىكى سودىگەرلەرنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، خارەزمگىمۇ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ ئۇزاق داۋام قىلغان ھۆكۈمدارلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەستخۇش بولغان ھالدا گىدىيىش ۋە غەپلەت بىلەن پەقەت مەئىشەتكىلا بېرىلدى. ئۆمرىنى ئەيش – ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھىجرىيىنىڭ 612 (مىلادىيە 1215) – يىلى، شەئباننىڭ 8 – كۈنى بۇخاراغا كەلدى. بۇ يەردە يېشىل چىمەنزارغا چېدىر قۇرۇپ مەۋسۇمنىڭ لەززىتىگە بېرىلدى. كېيىن بۇخارادىن سەمەرقەنتكە ئۆتتى. دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزى ھەققىدە، يەنى جۇجى قوماندانلىقىدىكى ئوتراردىن جەندكە ھۇجۇم باشلىغان قوشۇن ھەققىدە خەۋەر ئالدى. ئۇ دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن جەندكە قاراپ يولغا چىققانىدى. ئۇ شۇ يەردە جوجىنىڭ ئارقىدىن موغۇل پادىشاھى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇن بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. بۇنىڭغا قارىماي سولتان مۇھەممەد جوجى بىلەن جەڭ قىلدى. بىرىنچى توقۇنۇشتىلا قارشى تەرەپتىكى دۈشمەننىڭ قەھرىمانلىقى توغرىسىدىكى بەزى ۋەقە – ھادىسىلەرگە ئىشەندى. ئەسكىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماي ئۇ پەقەت ئوغلى جالالىدىننىڭ قەھرىمانلىقى سايىسىدە مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ، سەمەرقەنتكە يېتىپ كەلدى. يېقىنلىشىۋاتقان خەۋپتىن تەشۋىشكە چۈشكەن سولتان مۇھەممەدنىڭ ئاۋۋالقى گىدىيىشلىرى تېزدىن ئۈمىدسىزلىككە، قورقۇنچقا ئايلاندى. ئۇ خەۋپسىرىگەن ھالدا جەيھۇن ئارقىلىق خۇراسانغا ئۆتۈپ كەتتى. نىشاپورنىڭ مەشھۇر يايلىقىدا بۇرۇنقى مەئىشەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن تۇرماقچىدى. بەختكە قارشى سۇنتاي بىلەن چاپا ئۇنى تەھقىپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى – دە، دەرھال يولغا چۈشتى. موغۇل سەردارلىرىنىڭ تەھقىبىي ئاستىدا، ئۇ ئالدى بىلەن رەيگە، ئۇنىڭدىن كېيىن مازەندىراننىڭ ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغلىرى ئارقىلىق ھازىرقى ئاستىراباد يېنىدىكى ئابىشىسۇكۇنغا بېرىپ، نىجاتلىق تاپتى. ئۇ يەردىن ھەزەر دېڭىزىدىكى ئارالغا (ئوغۇرچەلى بولسا كېرەك) يېتىپ كەلدى. بۇ يەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋەھشىي دۈشمەننىڭ ئىنتقام ئېلىشىدىن خەۋپسىز ئىدى. لېكىن، موغۇللارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن ئائىلىسىنىڭ ئەلىمىنى تارتتى. بۇ جايدا ھەممە خەلق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن ھالەتتە ھىجرىيىنىڭ 617 (مىلادىيە 1220) – يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 22 – كۈنى ۋاپات بولدى. ئۇ شۇ قەدەر غېرىبانە ھالەتتە ئىدىكى كېپەن ئېلىشقىمۇ پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى كىيىپ يۈرگەن لىباسى بىلەن دەپنە قىلىندى.
ئۇ ئاۋۋال سەلتەنەت ۋارىسى دەپ بەلگىلەنگەن ئەفلاكشاھ ئورنىغا ئۆزىنىڭ قەھرىمان ئوغلى جالالىدىننى تەيىنلىگەنىدى. لېكىن، ئۇ پادىشاھلىقىنى قولغا كىرگۈزگۈچە ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قىلىچ تۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ خارەزمدىن ھىرات ۋە غەزنىگە باردى. بۇ يەردە كۈچلۈك ئەسكىرى قوشۇن توپلىدى ۋە ئىككى قېتىملىق جەڭدە موغۇللارنى يېڭىپ، ئۇلارغا چوڭ تالاپەت كەلتۈردى. چىڭگىزخان تولقان شەھىرىنى قامال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يولدا توختاپ قالغانىدى. بۇ مەغلۇبىيەتتىن ئۇ قاتتىق غەزەپلەندى ۋە باميان ھەم كابۇل ئارقىلىق غەزنىگە قاراپ شۇ قەدەر تېز يۈردىكى، موغۇللارنىڭ ئاش پىشۇرۇشىغىمۇ ۋاقىت بولمىدى. لېكىن، ئۇ غەزنىگە كەلگەندىن كېيىن جالالىددىننىڭ 15 كۈن ئاۋۋال ھىند ساھىللىرىغا كەتكەنلىكىنى بىلدى. موغۇللار سەپىرىنى تېزلەشتۈرۈپ غەلىبە قىلغان شاھزادىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەبلەخانە غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جالالىددىن ئادەتتىكىدەك قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ مۇداپىئە ھالىتىدە تۇردى. ئۇ غەزەپلەنگەن ئارسلان كەبى دۈشمەنگە گاھى ئوڭ، گاھى سول تەرەپتىن بەزىدە دەل ئوتتۇرىسىدىن ھۇجۇم قىلدى. ئاخىر موغۇللار ئۇنى قورشاپ ئالدى. ئۇنىڭ ئىككى ئېتى چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن، ئۈچىنچى قېتىم ئاتقا مىنىۋاتقاندا موغۇللار ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. ئۇ ھىندى دەرياسىنىڭ 10 ئارشىنلىق (ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى) بۈيۈك ساھىلىدىن سۇغا سەكرەپ چۈشتى – دە، قارشى قىرغاققا سالامەت يېتىۋالدى، بۇنى كۆرگەن موغۇللار ئۇنىڭ كەينىدىن سۇغا تاشلانماقچى بولۇشقانىدى، لېكىن جالالىددىننىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران قېلىپ، قاتتىق تەسىرلەنگەن چىڭگىزخان بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تەھقىپ قىلىشنى قوغلاشنى مەنئى قىلدى ۋە ئۆز ئوغۇللىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى قاراڭلار، ئاتنىڭ بالىسى شۇنداق بولۇشى كېرەك». ئاخىر چىڭگىزخان تەرىپىدىن يۈكسەك پىكىردە بولغان سولتان مۇھەممەد جالالىدىننىڭ بۇرادەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى، ھىند دەرياسىغا تاشلانغان خەزىنىلىرى غەۋۋاسلار تەرىپىدىن سۈزۈپ ئېلىندى. ئۇنىڭ ئائىلىسى چىڭگىز ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى. شەپقەتسىز ۋە مەرھەمەتسىز غالىب ئۇلارنىڭ ئەركەكلىرى ۋە ئاياللىرىنى ۋە ئاياللارنىڭ قولىدىكى بوۋاق بالىلىرىنىمۇ جاللات قىلىچى ئاستىغا ئالدى. ئەڭ ئاخىرقى خارەزمشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شۇ تەرىقىدە ھىجرىيىنىڭ 618 (مىلادىيىنىڭ 1221) – يىلى ئاياغلاشتى. شۇنىڭ بىلەن 140 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە سالجوقىيلاردىن شەۋكەت ۋە سائادەتمەنلىكى جەھەتتە كەم بولمىغان بىر خانىدانلىق ھالاك بولدى!...
شۇنىڭدىن كېيىن، چىڭگىز ماۋەرائۇننەھرگە قايتتى. بىر ئاز ۋاقىت سەمەر قەنتتە تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە يۈرۈپ كەتتى. ھىجرىيىنىڭ 621 (مىلادىيىنىڭ 1224) – يىلى چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا ئىمپېرىيىسىنى ئوغۇللىرىغا تۆۋەندىكىچە تەقسىم قىلىپ بەردى. جۇڭگو ۋە موغۇلىستان ئوكتايغا بېرىلدى، چۈنكى چىڭگىزخان ئۇنى ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. چاغاتاي ئۇيغۇرلار ماكانىدىن خارەزمگىچە بولغان جايلارنى ئالدى. تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھرمۇ ئۇنىڭغا بېرىلدى. جۇجى ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن باتۇ خارەزم، دەشتى قىپچاق ۋە دەربەندكىچە بولغان ئۆلكىگە ھۆكۈمران بولدى. تولى بولسا خۇراسان، ئىران، ھىندىستاننى ئالدى.
چىڭگىز 70 ياشقا كىرگەنلىكىگە قارىماي تاڭغۇتقا قارشى ھەرىكەت باشلىدى. چۈنكى، ئۇ ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. چىڭگىزخان ئەنە شۇ يۈرۈش ئۈستىدە ھىجرىيىنىڭ 624 (مىلادىيىنىڭ 1226) – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەھشىيانە ئۇرۇشقا ھەۋەس قىلغان ئىزلىرىنى قىلىچ ۋە ئوت يالقۇنلىرى ۋاسىتىسى بىلەن پۈتۈن ئاسىيادا مەڭگۈ قالدۇردى. خۇسۇسەن ماۋەرائۇننەھر ئۈچۈن ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدىغان ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇنىڭ ئاھالىسىنى قىرىپ تۈگەتتى. كۆپ ئەسىرلەر مابەينىدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان شۇنداق بىر زېمىننى شۇنداق بىر ۋەيرانە ھالەتكە چۈشۈردىكى، بۇ ۋەيرانلىق ئۇنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى ۋە ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
دەرۋەقە، ئاسىيانىڭ ھېچبىر يېرى موغۇل باسقۇنچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى جەيھۇن ۋە سەيھۇننىڭ ئارىلىقىدىكى ئەللەرگە ئوخشاش دەھشەتلىك دەرىجىدە ھېس قىلمىدى. بىنكەند، قوقەنت، جەند، بۇخارا ۋە سەمەرقەنت قاتارلىق شەھەرلەرگە گۇبى چولى ۋەھشىيلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزى ئىنتايىن پاجىئەلىك بولدى. چۈنكى، بۇ ۋەھشىيلەر ماۋەرائۇننەھردە سانائەت، تىجارەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپ قىلغان ئورۇنلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاجايىپ ئۇسۇللىرىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تالان – تاراج قىلىش ۋە زورلۇق قىلىشقا نىسبەتەن چاڭقاقلىقىنى ئەنە شۇ يەردە قاندۇردى. بۇنىڭغا ئىلاۋە سۈپىتىدە ئىدىل (ۋولگا) بويلىرىغىچە، پورت ساھىللىرىغىچە، ھىندى ئۆلكىسىگە ھەم بەسرە كۈرپىزىگە يىرىتقۇچ مۇغۇل سەردارلىرىنىڭ بىرنەچچە ئون يىللار مابەينىدە داۋام قىلغان ئىستېلالىرىدا ماۋەرائۇننەھر بۈيۈك يول بولۇش ۋەزىپىسىنى بېجىردى. بەش يىل مابەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى باي، بۈيۈك سودا يولى — ياۋروپاغا، غەربىي ئاسىياغا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ مال ۋە گەزلىمىلىرى تۇشۇلىدىغان مەشھۇر سودا يولى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى دېيىلسە ئەجەبلىنەرلىك بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مۇنبەت تۇپراقلىق جايلار پۈتۈنلەي يارامسىز جايلارغا ئايلاندۇرۇلدى. پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە داڭ چىقارغان قورال – ئەسلىھەلىرى سانائىتى، ئېسىل يىپەكچىلىك سانائىتى، زىننەت شېشە ئىشلەش سانائىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. شەھەرلەر پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى. دېھقانلار ئۇرۇشتا ئۆلگەن موغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىغا سەپلەندى. ھۈنەرۋەنلەر غالىب موغۇللارنىڭ بوش قالغان ۋەتىنىنى بېزەشكە مەجبۇرلىنىپ، يىراق شەرققە ئەۋەتىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن قىلىنغان زىيانكەشلىكمۇ ئاز بولمىدى. «ئىلىم دەرىخىنىڭ ئاساسىي مەككىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتى خۇراساندا پىشىدۇ» دېگەن ئەرەب ماقال – تەمسىلى بار. ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدىكى بۇ ماقال ھازىرقى كۈن ئۈچۈن غەيرىي تۇيۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ماۋەرائۇننەھر موغۇل تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كەلگۈچە مۇسۇلمان ئاسىياسىنىڭ مەمۇرچىلىق دەۋرىدە ئۆزىگە خاس مۇھىم ئورۇن تۇتقانىدى. نىشاپور مۇشۇ دەۋرلەردە ئىراننىڭ فازىللىرى توپلانغان جاي ئىدى. مەرۋى مەدرىسىلىرى يىراقتىن كەلگەن تالىپلار بىلەن تولغانىدى. لېكىن، سەمەرقەنت، بوخارا ھەم ئۆرگەنچلەر كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى ئىلىم – مەدەنىيەت بابىدا ئۆزئارا مۇسابىقە قىلىشاتتى. ماۋەرائۇننەھر شەھەرلىرى بالاغەت، سەرف – نەھۋى (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس) شېئىرىيەت ۋە گۈزەل سەنئەت جەھەتلەردە ئىلگىرىلەپ كەتكەنىدى. ئەپسۇسكى، موغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىن، مەنىۋى ھايات كۆپ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىدى. ئىران ۋە باشقا غەرب ئۆلكىلىرى چىڭگىزنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەدەنىيەت جەھەتتە ئازراق تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھەتتا ئۇلاردا يېڭى مەدەنىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمما، بۇخارا ۋە سەمەرقەنت قاتارلىق جايلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى مەنىۋى ھاياتىنى ئازراقمۇ تىكلىيەلمىدى. ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتى قازىلىق ئىشلىرى، تەسەۋۋۇپچىلىق ۋە دىنغا ئىنتىلىش بىلەن بولدى. بۇ بەختسىزلىكنىڭ باش سەۋەبكارى موغۇللار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئورۇنلارغا باستۇرۇپ كىرگەندە شەھەرلەردىكى ئىلىم – پەن، سودا – سانائەت ۋە مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنى بەكمۇ ئازايتىۋەتكەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركلەر كۆپچىلىك نىسبەتنى تەشكىل قىلاتتى. ساپ تۈرك يەرلىرىدە، مەسىلەن ھازىرقى خىۋا ۋە قوقەنتتە سالجۇقىيلار ئەسىرىدە خەلق تىلى پارسچە ئىدى. گەرچە ئاھالە ئۈستىگە سەھرادىن باستۇرۇپ كەلگەن مەرىپەت دۈشمەنلىرىنىڭ تۈرك مىللەتلىرىنى يوقىتىش غەرىزى ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلماي بۇ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ تېزلەشتۈردى. مانا شۇنىڭ ئۆزى چىڭگىزخاننىڭ جەيھۇن بويىدىكى يەرلەرگە كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ زىيىنى ھېسابلىنىدۇ.
موغۇل ئىستېلاچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كەلسەك، ئۇ جەھەتتە چىڭگىزخاننىڭ شەخسىي خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا ئىككىنچى تەرەپتىن، مۇسۇلمان ئاسىياسى، جۈملىدىن ماۋەرائۇننەھر مەملىكەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق ئىدى. چىڭگىزنىڭ شەخسىي خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلىنىدىكەن، مۇسۇلمان ئەسىرداشلىرى ئۇنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي ۋە ئىستېلاچىلىققا ھەۋەس قىلغان ماھىر بىر سەركەردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەي تۇرالمايدۇ. ئەسلىدە ئۇ تەلتۆكۈس مەنىدىكى ئىستېلاچى ۋە قانۇنچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياساق – قانۇنلار توپلىمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ھەربىي كېڭەشنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئىسلام ئاسىياسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي يات نەرسە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خارەزمشاھلارنىڭ تەشۋشلىك ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىدا دىنىي تەبىقىلەرنىڭ تەڭلىكى دىققەتكە سازاۋەردۇر. (جۇۋەينى چىڭگىزخان بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى ئۈچۈن 40 مىڭ مىسقال دىيەت (خۇن پۇلى)، ئەمما بىر خىتاينىڭ بېشى ئۈچۈن بىر ئۇزۇن قۇلاقلىق ھايۋان تۆلەشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدە ھېكايە قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت بەلكىم ئورۇنسىز بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، باشقا رىۋايەتلەر پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسىتىدۇ. چىڭگىز ۋە ئۇنىڭ خانلىرىدىن بەزىلىرى ناسرانىي، مۇسۇلمان ۋە بۇددىستلارنى بىر – بىردىن پەرقلەندۈرمىگەن. مەسىلەن، ماۋەرائۇننەھردە ناھايىتى كۆپ مۇسۇلمان نائىبلىرى تەيىنلەنگەنىدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر (بۇتقا چوقۇنغۇچى) راھىبلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. ھەتتا قۇبلاي تەرىپىدىن بىر ئەجنەبىي ناسرانىي بولغان ماركوپولۇ مۇھىم بىر ۋەزىپە بىلەن كىرمانغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنىدى.
موغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا كەلسەك، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شەرق تارىخىي ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە موغۇللار ئىنتايىن قاتتىق كۆڭۈل، ۋەھشىي، تەلۋە قىلىپ، كۆرسىتىلىدۇ: «موغۇللار بەزمە يىغىلىشلاردا يىغلايدىغان، ئۇرۇش ۋاقتىدا كۈلىدىغان، باشلىقلىرىنىڭ كەينىدىن قاتراپ يۈرىدىغان، ئاچلىق ۋە سوغۇققا قانائەت قىلىدىغان، ئۇرۇشتا چىداملىق، دەرد – ئەلەمگە سەۋرچان تىنچلىق ۋە راھەتنىڭ لەززىتىنى چۈشەنمەيدىغان خەلقلەردۇر. موغۇللار قوراللىرىنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى روھ ۋ قەلب جەھەتتە بىر خىل، تاماق ۋە كىيىم – كېچەكتە تەكەللۇپسىز كىشىلەردۇر. رەھىم – شەپقەتنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئاياللارنىڭ ھامىلىسىنىمۇ سويۇپ تاشلايدۇ. دەرياغا توغرا كەلسە كۆن تاغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياكى ئاتلارنىڭ دۈمبىسى ۋە يايلىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۈزۈپ چىقالايدۇ ۋە ھاكازا»
چۈشىنەلەيمىزكى ماۋەرائۇننەھرنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەھۋالى بايان قىلىنغاندا يۇقىرىقىلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۇنچىۋالا يىراق ئەمەس دەپ ئويلاشقا بولىدۇ. ھەرھالدا شەھەرلەردىكى ئىران ئۇنسۇرلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاھالىنىڭ ھەرپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىسمى موغۇللارغا نىسبەتەن بەكمۇ زەئىپلەشكەنىدى. بۇنىڭغا يەنە بىر بەختسىزلىكنى — ئىرانىيلار بىلەن ھېچقاچان ئەستايىدىل قوشۇلمىغان تۈركلەر سولتان مۇھەممەد لەشكەرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغىنى ھالدا ئۆزلىرى كۆپىنچە تۈركۈم – تۈركۈملەپ چىڭگىز تەرىپىگە ئۆتكەنلىكىنى ئىلاۋە قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا خارەزمشاھنىڭ ئىستېبداتلىقىغا قارىتا نارازىلىقى ياكى تالان – تاراج قىلىشقا ھەۋەس قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى قەبىلىداشلار سەۋەبچى بولغان.
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئىنقىرازغا ئۇچرىغان ماۋەرائۇننەھر ئۈستىدىن موغۇللارنىڭ شۇنچىلىك شانلىق غەلىبە قازانغانلىقىغا ئەجەبلىنىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

داۋامى بار
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 74كۈن بۇرۇن
ئەمىرتېمۇر
ھىجرىيىنىڭ 736 – 807 (مىلادىيىنىڭ 1333 – 1405) – يىللىرى

ئوتتۇرا ئاسىيادا موغۇللار ئىستېلاسىنىڭ ئاقىۋىتىدە قوۋملارنىڭ ھاياتى ئۆزگەردى. ماۋەرائۇننەھرنىڭ ھەممە جايلىرىدا تۈرك ئەللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. تەڭرى تېغى دالالىرىدىن، ئالتاي تاغلىرىدىن تۈركلەر موغۇللارنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولۇپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار جەيھۇن ساھىلىدا ئۆزلىرىنىڭ قەبىلىداشلىرى ۋە قېرىنداشلىرى – ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان تۈركلەر – بىلەن تېپىشتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرلەرگە كېلىپ ئاسانلا ئورۇنلىشىۋالدى. ئۇلار ناھايىتى تەجرىبىلىك جەڭچىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ساراي تەنتەنىلىرىگە قاتناشتى، قەتل قىلىش ۋەيران قىلىش ئىشلىرىدا چاغاتاي تەرەپدارلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى. چاغاتاي تەرەپدارلىرى كونا ئىران مەدەنىيىتىگە نەپرەت بىلەن قارىغانلىقتىن مەملىكەتلىرىنى يىراق شەرقتىن يىراق شىمالغىچە بولغان جايلارغا كېڭەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ماۋەرائۇننەھردە باشتىن ئاياغ ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئورنىدا تەيىنلەندى. كېيىنرەك ئۇلار چاغاتايلارغا نىسبەتەن غەيرىي رەسمىي خاجايىن نوپۇزىغا ئىگە بولدى. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ موغۇل تىللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ تۈركچە تىلنى ساراي تىلى ۋە جانلىق تىل ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى... چاغاتاي پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سەمەرقەنتنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا سولدۇز قەبىلىلىرى بىرىنچى بولۇپ ھاكىمىيەتنى ئۇز ئىلكىگە ئالدى. جەنۇبى تەرەپتە بولسا موغۇل ھاكىمىيىتى خارابىلىرى ئورنىدا (نەخشەب ۋە كېشتە) بارلاس قەبىلىلىرى ئازادلىق بايرىقىنى تىكلىدى.
بارلاس ئۇرۇقىنىڭ كۆرەگان تارمىقىدىن تېمۇر بەگنىڭ مەيدانغا چىقىشى بۈيۈك بىر ۋەقە بولدى. بۇ شەخس ياۋروپادا تەمۇرلەن ياكى تېمۇرلەڭ نامى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 736 (مىلادىيىنىڭ 1333) – يىلى شەئباننىڭ بېشىدا، سەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، قىشنىڭ بىردىنبىر كۆكلەمزار جايى بولغانلىقى ئۈچۈن «شەھرىسەبز» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىن پۈتۈن شەھەر شۇ نام بىلەن ئاتالدى. تېمۇرنىڭ ئاتىسى تورغاي بارلاس ئۇرۇقىنىڭ باشلىقى ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەمىر قازغاندىن كىش ۋە نەخشەب ۋىلايەتلىرىنى ئالدى. ئۇ ئۆلگەنگە قەدەر شۇ جايغا مۇخلىس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇر بولسا بالىلىق چېغىدىن تارتىپ مۇسۇلمانچىلىق روھ بىلەن ھەم ئات ئۈستىدە تەربىيىلىنىپ، موغۇللارنى تارمار قىلىش پىكرى بىلەن چوڭ بولدى. تارىخچى ۋە مەدھىيىچى شەرەفىددىنگە تامامەن ئىشەنچ بىلەن قارىمىساقمۇ، تېمۇرنىڭ ياشلىقىدىن تارتىپ ئىززەت، نەپىسلىك بولغانلىقىنى ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى بۈيۈكلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تېمۇر ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا: «مەن 10 يېشىمدىلا ئۆزۈمدە پەۋقۇلئاددە ھۆكۈمرانلىق، ۋە بۈيۈكلۈك ئالامەتلىرىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ ئالدىغا كەلگەن ھەربىر كىشىنى بىلىنەرلىك دەرىجىدىكى غۇرۇر ۋە لاياقەت بىلەن قوبۇل قىلدىم. 18 يېشىمدا ئۆزۈمنىڭ ئات مىنىش ۋە ئوۋچىلىق ھۈنىرىم ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئۆمۈرۈمنى قۇرئان ئوقۇش، شاھمات ئويناش، ئات مېنىش مەشىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزدىم» دەيدۇ. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئۇنى بالاغەتكە يەتتى. دەپ ھېسابلاپ بىر كەنتنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. كېيىنرەك تېمۇرگە ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بىر كىشىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ كىشى يۇقىرىدا ئاتالغان ئەمىر قازغان بولۇپ، ئاتىسى تېمۇرنى ھىجرىيىنىڭ 758 (مىلادىيىنىڭ 1356) – يىلىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمىر قازغان تېمۇرنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالىدۇكى ئۇ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى — ئوغلى سەلەيخاننىڭ قىزى — ئولجاي تۇركان خاتۇننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى خۇراسانغا، ھۈسەيىن كەرراتقا قارشى سەپىرىدە ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇندىكى مىڭبېشى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ يۈرۈش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىدۇ. لېكىن، قازغان شۇ تۈپەيلىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قاتىل قولىدا ھالاك بولىدۇ. بۇ چاغلاردا تېمۇرنىڭ ئاتىسىمۇ ۋاپات بولغانىدى. بۇ ئىككى قېتىملىق مۇسبەت تېمۇرنى قاتتىق قايغۇ – ھەسرەتكە چۆمدۈرگەنىدى. تېمۇر ئۆلتۈرۈلگەن ئەمىر قازغاننىڭ مەرىكىسىدە ئەمىر ھۈسەيىننىڭ دوستلۇق تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ غەمخۇرچىسى بولغان كىشىنىڭ قاتىلىدىن قىساس ئېلىشقا قەتئىي بەل باغلايدۇ. مۇشۇ قاراردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ماۋەرائۇننەھردە ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە باشباشتاقلىق بەكمۇ كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئولۇسنىڭ مۇۋەققەت ھۆكۈمدارى تۇغلۇق تېمۇر ئۆز سۇلالىسىنى ھالاكەتتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ، سەمەرقەنتكە قارشى ئالمىلىقتىن كۆپلىگەن لەشكەر ئارقىلىق يولغا چىقتى. ئۇ ئاسىيا ئەمىرلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆز ئەجدادىنىڭ پايتەختىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا قەتئىي بەل باغلىدى. ئەمما، بەزى كىشىلەر، مەسىلەن تورغاينىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بارلاس ئۇرۇقىنىڭ باشلىقى بولغان خوجا سەيپىددىن بارلاس خۇراسانغا كەتتى. لېكىن، ياش تېمۇر چاغاتايزادىلەر تەرىپىدىن لايىق كۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ سارىيىغا خىزمەتكە كىرىپ، ئۆزىگە شەخسىي مۈلكى سۈپىتىدە كىش ۋىلايىتىنى ئالدى. تۇغلۇق تېمۇر ماۋەرائۇننەھردە تۇرغان پەيتتە تىنچلىق ئورنىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ شەرققە كەتكەندىن كېيىن تىنچ بولمىغان ئەمىرلەر يەنە باش كۆتۈرۈپ يېڭى ئۇرۇشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئىستىقبالى جەھەتتىن ئاسىيانىڭ ئىگىسى بولماقچى بولغان كىشى بۇ شارائىتتا جىم تۇرۇۋالدى. تۇغلۇق تېمۇر لەشكەرلىرى بىلەن سەمەرقەنتكە كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەرگە ئوغلى ئىلياس خۇجىنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. تېمۇرنى ئۆزىگە ئەڭ سادىق كىشى ھېسابلاپ، ئوغلىغا مەسلىھەتچى قىلىپ قالدۇردى. موغۇل شاھزادىسىگە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسى تېمۇرگە ياقمىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. ئۇ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن پەقەت كېيىنكى چوڭ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت ھازىرلاش دەپ قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شاھزادىنىڭ ۋەزىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ سارايدىن يوشۇرۇن رەۋىشتە چىقىپ كەتتى ھەم ئۆزىگە ساداقەتمەن بولغان بىرنەچچە كىشى بىلەن بۇخارا ۋە خىۋا مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەزەر دېڭىزىغىچە سوزۇلغان چۆلگە قاراپ ماڭدى. مانا مۇشۇ ۋاقىتلار ئۇنىڭ جەڭ بىلەن ئۆتكەن ھايات يولىنىڭ باشلىنىشى، قاقاس چۆللەردە قاششاقلىق ۋە ھەممىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا ئېغىر سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، چېنىققان دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. تېمۇر ئۆز خاتىرىسىدە ۋاپادار خوتۇنى ئولجاي بىلەن بىللە نەچچە كېچە – كۈندۈزلەرنى ئاش – تاماقسىز، سوسىز ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇنداق سەرسانلىقىنىڭ بىرنەچچە ئايغىچە داۋاملاشقانلىقىنى ئاخىر تۈركمەنگە ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى، تۈركمەن ئۇنىڭ سۆيۈملۈك خوتۇنىنى ئەسىر سۈپىتىدە ئېغىلغا سولاپ قويغانلىقىنى، بۇ جاينىڭ قۇرت – قوڭغۇزلار بىلەن تولغانلىقىنى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇرۇشلاردا ئەمىر ھۈسەيىنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. تېمور ئۇلار بىلەن يولدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندىن كېيىن بىرلىكتە ئاسىيانىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىللەش جەريانىدا ھەقىقەتەن چوڭ بىر مەكتەپنى تۈگەتكەندەك بولىدۇ. تېمۇر شۇ چاغلاردىكى بەختسىزلىكلەر جەريانىدا تاۋلىنىپ، كېيىن ناھايىتى شانۇ شەۋكەتلىك ئىستىقبالغا ئىگە بولالىدى. ئۇ يېقىنلىرى بىلەن بىرگە ئەسىرلىكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يوشۇرۇن ھالەتتە كېشىكە كەلگەنىدى. ئۇ جايدا ئۆزىنىڭ يېقىن بۇرادەرلىرى ۋە بالىلىق چاغلىرىدىكى دوستلىرىنى توپلاپ، ئامۇ دەريا ساھىللىرىدا قاراقچىلىق قىلىپ يۈردى. ئاخىر سەيىستانغا ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ يەردە بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، بىلوژلاردىن بىر ئىككى قەلئەنى ئالدى. بەزىدە يەنە تارتقۇزۇپ قويدى. مانا مۇشۇ خىل جەڭلەرنىڭ بىرىدە تېمۇر ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ ئۆمۈرلۈك ئاقساق بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پارسلار ئۇنى تېمۇرلەڭ، يەنى ئاقساق تېمۇر دەپ ئاتايدۇ. ئۇ جاراھىتىنى داۋالاش بىلەن بولۇپ ماجىرالاردىن چەتتە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ دوستى ھۈسەيىن بەلخنى ئىشغال قىلدى. تېمۇر تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە ئىككىسى بىرلىشىپ ئادەم توپلاشقا كىرىشتى. تېمۇر تەرەپدارلىرىنىڭ سانى تېزلىك بىلەن كۆپىيىپ 1500 كىشىگە يەتتى. ئۇ ئەمدى ئىلياس خوجا تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى ئەۋەتىلگەن قوشۇنغا تاقابىل تۇرالايتتى. ھىجرىيىنىڭ 765 (مىلادىيىنىڭ 1363) – يىلىدا جەيھۇننىڭ سول تەرىپىدىكى قۇندۇز شەھىرىنىڭ يېنىدا ئۇلارغا قارشى بىرىنچى جەڭ بولۇپ، بۇ جەڭدە تېمۇر غالىب كەلدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي تېمۇر ئىلىياس خۇجىنى يېڭىپ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى جەيھۇنىڭ ئىككىنچى تەرىپىگە قوغلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جىتېلارنى توختىماي تەھقىپ قىلىش قوغلاش باشلاندى. نەتىجىدە چاغاتايلار ماۋەرا ئۇننەھردىن پۈتۈنلەي قوغلاندى.
بۇ چاغلاردا تۇغلۇق تېمۇرخان ۋاپات بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوغلى سەيھۇننىڭ نېرىقى تەرىپىگە — ئالمىلىققا ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگىلەش مەقسىتى بىلەن كەتكەنىدى. بۇ ھال تېمۇرگە ئوڭايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. ئەڭ ئاخىرقى موغۇللار ماۋەرائۇننەھردىن كەتكەندىن كېيىن تېمۇر سەمەر قەنتكە كىردى. ئاھالە ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن كۈتۈۋالدى. خۇشاللىق ۋە بايرام تەنتەنىسى باشلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە يوشۇرۇنۇپ ياشاۋاتقان خوتۇنى كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئەمدى تېمۇر ئانا خەلقىنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى بولدى. ئۇنىڭغا شۇ چاغدىلا تەختىگە ئولتۇرۇشقا تامامەن مۇمكىنچىلىك بار ئىدى. لېكىن، ئۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە كۆپ توسالغۇلۇقلارنى يېڭىشى، كۆپلىگەن رەقىبلىرىنى ھالاكەتكە ئۇچرىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدى. خانلىق ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىياس خوجا تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان چاغاتاي تەختىگە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى تارمىقىنىڭ ۋەكىلىنى ئولتۇرغۇزماقچى بولدى. بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قابۇلشاھنى ھۆكۈمدار قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئابرۇيىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچەكتىكى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى.
توغرا، جىتېلار ماۋەرائۇننەھرنى ئاسانلا قولىدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايتتى. تېمۇر قىشنى سەمەر قەنتتە ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا جىتېلارنىڭ ئىلياس خوجا قوماندانلىقىدا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدى. دەرھال دوستى ئەمىر ھۈسەيىنگە خەۋەر بەردى، ئۇ كۈچلۈك قوشۇنى بىلەن كېلىپ تېمۇرگە قوشۇلدى. تېمۇر قارار گاھىنى چىناز بىلەن تاشكەنتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇردى. ھۈسەيىن سىر دەريانى كېچىپ تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى سەپ تارتتى. تېمۇر قوماندانلىقىدىكى ئوڭ قانات قوشۇن دۈشمەننى يېڭىشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئەمما، ھۈسەيىن رەھبەرلىكىدىكى سول قانات قوشۇن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. پەقەت تېمۇرنىڭ ھەربىي ماھارىتى ۋە ئېھتىياتچانلىقى ئۇنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ ھال ئىككى دوست ئارىسىدا نىزا پەيدا قىلىپ ئۇلار رەقىبلەرگە ئايلىنىپ قېلىشتى. نەتىجىدە بولار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللارغىچە توقۇنۇش بولۇپ تۇردى. ئاخىر ئەمىر ھۈسەيىن يېڭىلىپ، تېمۇر غەلىبە قىلدى. بۇ ئىش مۇنداق بولدى: جەڭ مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەن 3000 ئەسكەرنى قالدۇرۇپ ھەر ئىككى سابىق ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى ئۆز ئورنىغا چېكىندى. ھۈسەيىن سىر دەريانىڭ ئىككىنچى قىرغىقىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ پايتەختى سالسارايغا قايتتى تېمۇر قارشىغا چېكىندى. جىتېلار بولسا مەنىسىز رەۋىشتە جەنۇبقا ھەرىكەت قىلىپ، سەمەر قەنتنى قامال قىلىۋالدى. ئەگەر ئۇلار شەھەرنى ئېلىۋالسا موغۇللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى تەكرارلايتتى خالاس. ئەمما، بۇ ئورۇندا كەڭ تارقالغان «ئات ئۆلەتى» (پارس ۋاباسى) كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن يۈك – تاقلىرىنى يەلكىلىرىگە زورىغا يۈدۈپ، بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تېمۇر ئىككىنچى قېتىم ئىتتىپاق تۈزۈپ ھۇجۇم قوزغىغان بولسا موغۇل ھاكىمىيىتى ئۇزاق مۇددەتكىچە ياكى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، كونا سەپداشلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش ناھايىتى كۈچىيىپ كەتتى. ھىجرىيىنىڭ 767 (مىلادىيىنىڭ 1365) – يىلىدا تېمۇر ھۈسەيىنگە قارشى تۇرۇشقا ۋە شىمالدىكى جىتېلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ھۈسەيىن ئىگىلەپ تۇرغان مەملىكەت چوڭراق بولۇپ، ئاھالىسى تېمۇرنىڭكىدىن كۆپرەك ئىدى. شۇنداق بولغاچقا تېمۇر دۈشمەننى ئاجىز دەپ ئويلىمىدى. ئالدى بىلەن شاۋقۇن – سۈرەن ۋە تەھلىكە سېلىش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىپ كۆردى. تېمۇر دۈشمىنىنى بۇ يول بىلەن تۇزاققا چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى پەملىگەنلىكتىن جەيھۇننىڭ نېرىقى ساھىلىغا ئەمىر موسىي قوماندانلىقىدا لەشكەر ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلار بېرىپلا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەيىننىڭ ئۆزى سالىسارايدىن ھەرىكەت باشلاپ، بارلىق لەشكەرلىرى بىلەن جەيھۇننى كېچىپ ئۆتتى. دەريا ساھىلىدىكى بىتىك چاكچاك دېگەن جايدا قارارگاھ قۇردى. تېمۇر دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال قارشىغا كېيىن بۇخاراغا چېكىندى. بۇ يەردە ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ياخشىراق تونۇشماققا قارار قىلدى. تېمۇر ئۇلاردىن ياردەم تەمە قىلاتتى. بۇ جايدىكى ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ماۋەرائۇننەھرنى ۋاقىتلىق ھۈسەيىنگە قالدۇرۇپ ئۆزى غەربىي خۇراسانغا ھۇجۇم قىلىش باھانىسىدە دۈشمەن تەھقىبىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇندى. ھۈسەيىن شۇ سائەتتىلا بۇخاراغا يۈرۈش قىلدى.
... ئۇلار قوراللىنىپ ھۈسەيىن ئەسكەرلىرىگە قارشى چىقتى. ھۈسەيىننىڭ ئاتلىق قوشۇنى ئۇلارنى ئورىۋېلىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. يېڭىدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئىمكانىيەت قالمىدى. ھۈسەيىن ئەسكەرلىرى ماۋەرائۇننەھرنى ئورۇنسىز ۋەيران قىلىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن بىر ۋاقىتتا، تېمۇر پۈتۈن قىش بويى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋالدى. بۇخارادا جەيھۇننى كېچىپ ئۆتۈپ، قەھرىمانلارچە ھۇجۇم بىلەن قارشى، سەمەرقەنت ئەتراپىدا ۋە تاشكەنت يولىدا ناھايىتى ئاز، لېكىن غەيرەتلىك كىشىلەر بىلەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ سېپىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ جەڭلەردە ئۇنىڭ ئوغلى جاھانگىر چوڭ جاسارەت كۆرسەتتى. چۈنكى، ئۇ ئىتتىپاقچىلىرى كەيخۇسراۋ جالائىرىيلارنىڭ ياردىمىنى كۈتكەن ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكەنىدى. كەيخۇسراۋ ئۆزىنىڭ قىزىنى جاھانگىرغا بەردى. تېمۇرنىڭ ئۆزىگە بولسا ياردەمچى ئەسكەر قوشۇنىنى ئەۋەتتى. تېمۇر ئاشۇ قوشۇن بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى جەيھۇننىڭ نېرىقى تەرىپىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلدى. ۋە سەيھۇن تەرەپكە قاراپ قىستىدى. رەقىبىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ غەلىبە يېتەرلىك ئىدى. ئەمما، جالائىر ئۇرۇقى بىلەن بولغان ئىتتىپاق ھۈسەيىنگە چوڭ خەۋپ كەلتۈردى. شۇڭا، ھۈسەيىن ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى سۈلھى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى لايىق كۆردى. تېمۇر ئۇنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلدى. سەۋەبى ئۇ ماۋەرائۇننەھرىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا كۈچ بىلەن ئارىلىشىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەيتتى ياكى تېمۇر مەدھىيىچىلىرىنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا مۆمىنلەر ئارىسىدا بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ (ياغمىنىڭ) داۋاملىشىشىنى خالىمايتتى. قانداق بولۇشىغا قارىماي سۈلىھ تۈزۈلدى. ھەتتاكى ھۈسەيىننىڭ ئىسيان كۆتۈرگەن بەدەخشان ئەمىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تېمۇرنىڭ ئۆزى جەيھۇننىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتتى. سۈلھىنى مۇستەھكەملەش كابولنى ئىگىلەش بىلەن مەملىكىتىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ھۈسەيىن بىلەن تېمۇردىن ئىبارەت ئىككى رەقىب بىر – بىرىگە قارشى ھەربىي يۈرۈشكە ئىشتراك قىلدى.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشالمىدى. جىتېلار يۇقىرى سەيھۇنغا تاجاۋۇز قىلىپ يەنە تەھدىتىنى باشلىدى. تېمۇر ئۇلارنى تەھقىپ قىلىپ بەدەخشاندىن كەتتى ۋەجىتېلارنى قوغلىدى. لېكىن، شۇنداق پەيتتە ھۈسەيىن ئىختىلاپنى توختىماي كۈچەيتىپ، رەقىبىنى يەنە قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. تېمۇر بەلخقە يۈرۈش قىلغاندا ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا ھۈسەيىننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار شەرەپىددىننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ھۈسەيىننىڭ دائىملىق ۋەسىۋەسىلىرىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغانىدى. ئەمما، ئېھتىمالكى ئۇلار تېمۇرنىڭ ئامىتى كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۈتۈۋالغانمىدۇ؟ ھۈسەيىن بۇنىڭغىمۇ ئېتىبار قىلماي جان جەھلى بىلەن مۇداپىئەگە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى شۇ بولدىكى، بەلخ كۈچ بىلەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ھۈسەيىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئەھۋال مۇنداق يۈز بەردى. ئۇ باش ئېگىپ قەلئەدىن چىقىپ، غالىب رەقىبىنىڭ لەشكەرگاھىغا كەچۈرۈم سوراپ باردى. ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن تۆۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھايات قالدۇرۇلۇشىنى تىلىدى. مىرخاندنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، «ھاجى بولۇش ئۈچۈن، كەئبىگە بارماقچى ۋە ئۇ يەردە ئۆز گۇناھلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيماقچى» ئىدى. تېمۇر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئالىيجانابلىق كۆرسىتىپ، سۆيۈملۈك خوتۇنىنىڭ ئاكىسىنى ئەپۇ قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ سارىيىدىكى تۆرىلەر ھۈسەيىننىڭ سەۋەبى بىلەن تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ۋە تەھقىپ قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. ئاخىر ئۇلار ھۈسەيىننىڭ ھاياتىغا قەست قىلدى. تېمۇر بۇنىڭغا ئۇزاق مۇددەت قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كېيىنچە رازىلىق بىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ياشلىقىدىلا بىللە قورال تۇتقان دوستى، بەختسىز رەقىبى مۇناردىن ئەنە شۇنداق ئىرغىتىپ تاشلاندى. ئۇ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئەنە شۇ جايغا قېچىپ كەلگەنىدى. بۇ ۋەقە ھىجرىيىنىڭ 771 (مىلادىيىنىڭ 1369) – يىلى سادىر بولدى.
ئەمدى تېمۇرنىڭ رەقىبى قالمىدى. ئۇنىڭ تاشقى دۈشمەنلىرى جۈملىدىن شەرقتىكى جىتېلارمۇ قوغلاندى. تېمۇر ئەمدى پەقەت نامىلا بار قورچاق پادىشاھنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، ماۋەرائۇننەھرنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك شاھلىق تاجىسىنى كېيىشنى ئويلاشقا تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇ ئەلا شەرەپكە ئۆز يولى بويىچە، مىللەت مەجلىسى – قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ئېرىشىشنى خالايتتى. چىڭگىزخاندىن كېيىن نەچچە ئەسىر ئۆتكەندە تېمۇرگە نېسىپ بولغان بۇ نادىر قەيسەرلىك (سىزارلىق) خىيالىنى شەرققە خاس مۇراسىملا ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى. مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن بەلختە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا قەدىمكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۆرىلىرى، تېمۇرنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بىللە قورال تۇتقان سەپداشلىرى، تېمۇرنىڭ بۇرۇنقى دۈشمەنلىرىمۇ ھازىر بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمىر شەيخ مۇھەممەد، بايان سولدۇزى، ئەمىر ئۇلجايتو، كەيخۇسراۋخەتتەلانى، ئەمىرداۋۇد دوغلات، ئەمىر ساربۇغاي جالايىر، ئەمىر جاقوبارلاس، ئەمىر زېدە ھاشىم ۋە باشقا مۆتىۋەر تۆرىلەر بار ئىدى. تېمۇر قەدىمكى تۈرك ئادەتلىرى بويىچە ئاق كىگىزنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تېمۇرنىڭ پىرى ھېسابلانغان سەئىد بەراكە دۇئاسى فاتىھە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ماۋەرائۇننەھرنىڭ ئەمىرى دەپ ئېلان قىلىندى. بۇ ھىجرىيىنىڭ 771 – يىلى رامزاننىڭ 10 – كۈنى (مىلادىيىنىڭ 1369 – يىلى 8 – ئاپرېل) ئىدى. تېمۇر ئۆز يېقىنلىرىغا قىممەتلىك سوۋغا – سالاملارنى ھەدىيە قىلدى. يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئۆز تەرىپىگە جەلپ قىلدى. جەيھۇننىڭ بۇ تەرىپىدە ھاكىمىيەتنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سەمەر قەنتنى پايتەخت قىلىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئۇ ساھىلىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، سەمەرقەنت شەھىرى تېمۇر ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ سەپەر مۇشەققەتلىرىدىن كېيىنكى ئىستىراھەت قىلىدىغان جايى بولۇپ قالدى. ئاسىيا دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك مەملىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ قولىغا چۈشىدىغان بارلىق غەنىيمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ شەھەرگە توپلاندى.
تېمۇر باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ھالىدىن كەتكەن بۇ مەملىكەتتە قانۇن ۋە تەرتىپ ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ ئىسلام مۇخلىسى بولۇشىغا قارىماي، چىڭگىز نىزاملىرىغىمۇ ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قارايتتى. بۇ قانۇنلار توران ھاكىمىيىتىنىڭ ھېكمەتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىغا مۇۋاپىق بولغانلىقتىن، تېمۇر ئۇنى لايىق تاپقانىدى.
تېمۇرنىڭ قانۇنغا بولغان ئىنتىلىشى، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئورۇننى مۇسۇلمان روھانىيلىرىدىن ھىمايە قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ ھەربىيلىرى ئارىسىدا ئىنتىزام جەھەتتە موغۇل جاھانگىرىنىڭ (چىڭگىزخاننىڭ) ئالىيجانابلىقىغا تەقلىد قىلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن تۆۋەندىكىدەك مەنسەپلەر تەسىس ئېتىلگەنىدى. تۈمەن ئاغاسى (ئون مىڭبىشى)، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئونبېشى. سىياسىي مەمۇرىيەتمۇ بۇرۇنقى بويىچە بولدى. پەقەت سېلىق سېلىش قائىدىسى قۇرئان تەلىماتلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلدى. تۈرلۈك مەنسەپلەرنىڭ ئاجايىپ پەرقلىرى، ساراي مۇراسىملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي سالجۇقىيلار ۋە خارازمشاھلىرىنىڭ تەرتىپ قائىدىلىرىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بەگلەر بېگى ياكى ئەمىرول ئومەرە مەنسەپلىرى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بۇ بىزنىڭ سەردارى ئەكرەمگە، «گېنېرال لىسمۇس» دېگەن ھەربىي ئۇنۋانغا باراۋەر كېلىدۇ. چوڭ قىزىل بايراق ئۇنىڭ ئالامىتى ئىدى، ئات يايلىسى بىلەن باغلانغان ئۇزۇن نەيزە ئون مىڭبېشىنىڭ تۇغى، ئىككى تەرىپىگە كوكولا ئېسىلغان ناغرا يۈزبېشىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىناتتى. پۈتۈن ئىگەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى تەبىل ئېسىپ قويۇلۇشى، سەلتەنەت مەمۇرلىرى ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزۈشى، دېھقانلارغا شەپقەتلىك بولۇشى، سودىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى تەكىتلەندى. قوشۇن مەمۇرىلىرىغا ئاھالىنى ئۇزۇن – تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش تاپشۇرۇلغاندىن سىرت، ھەربىر ئاتلىقنىڭ ئىككىدىن ئېتى بولۇشى، ساداقلىرىنىڭ ئوقلىرى تولۇق بولۇشى، قىلىچى، جەڭ پالتىسى، ھەرىسى ۋە 10 دانىدىن يىڭنىسىنىڭ بولۇشى، ئوفېتسىرلارنىڭ ھەربىي تاكتىكىنى پىششىق بىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەندى. بۇ بەلگىلىمىلەر ھازىرمۇ ئۆزبېك سىپاھلىرى ۋە تۈركمەن سەردارلىرى ئۈچۈن پەرھىز ھېسابلىنىدۇ. ئاددىي ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكىرى نىزاملارنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، جەڭدە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان دىۋە يۈرەك بولۇشى، ھاياتلىق تەلەپ قىلغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە يۇمشاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم دەپ بەلگىلىمە چىقاردى. ئەمەلىيەتتىمۇ تېمۇر ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەسۋىرلەپ كۆرسەتكىنىدەك ۋەھشىي ئەمەس ئىدى. «تېمۇر تۈزۈملىرى» دىكى مەلۇماتلار ۋە مەملىكەتنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇش تەرتىپلىرى بۇ پىكرىمىزنىڭ ئېنىق دەلىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەمۇرىيەت بېشىدا دىۋان بېگى (باش مىنىستىر)، ئۇنىڭ يېنىدا ئەرك بېگى (مۇراسىملارنى باشقۇرغۇچى) ۋە تۆت ۋەزىر قويۇلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، يەرگە سېلىنىدىغان سېلىقلار، بولۇپمۇ چېگرا بېجىنى يىغىش ۋە مىرشاپلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچىسى، ئەسكەرلەرنىڭ مائاشى، ئوزۇق – تۆلۈكى ۋە باشقا تەمىناتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئەسكىرى شەخسلەرنىڭ ھەرخىل لاۋازىمىتى، ئۇلارنى مەنسەپلەرگە تەيىنلەش ھەم ئۇلارنىڭ مىراس ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. تۆتىنچىسى، ئاساسلىقى خاقان سارىيىنىڭ خىراجەتلىرىنى باشقۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان پەيتلەردە، ھەرخىل سېلىقلارنى يىغىش ۋاقتىدا، كىشىلەرگە ناھايىتى سىلىق مۇئامىلىدە بولۇشى شەرت دەپ بەلگىلىنىپ، قامچا قاتارلىق جازا قوراللىرىنى ئىشلىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان. بۇ توغرۇلۇق تېمۇرنىڭ ئۆزى مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر ۋالى ئۆزىنىڭ قامچىسىغا ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسا، ئۇ تۆرىلىك لاياقىتىگە لايىق ئەمەس».
ھەقىقەتەن، 100 يىلغا يېقىن باشباشتاقلىق ھۆكۈم سۈرگەن مەملىكەتتە قانۇننى جارى قىلدۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇنى بىر – بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. لېكىن، تېمۇر باشتىن – ئاياغ ئىشغالىيەت ھەۋىسىگە بېرىلىپ، ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، كۆرۈنۈشتە قانۇننى ئىجرا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەملىكەتنىڭ چېگرىسىنى كېڭەيتىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن خەۋپلىك دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش نىيىتىگە كەلدى. بۇ خەۋپلىك دۈشمەن جىتېلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ۋەتىنىدىكى كۈچلىرى تېخى ھازىرمۇ مەلۇم دەرىجىدە قۇدرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ماۋەرائۇننەھرنى باشقىدىن ۋەيران قىلىش نىيىتى سېزىلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېمۇرنىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن ھۇجۇم باشلىدى. ھىجرىيىنىڭ 772 (مىلادىيىنىڭ 1370) – يىلى تېمۇرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىدىلا جىتېلار ئۆز ئىختىيارسىز تەسلىم بولدى. تېمۇر سەمەرقەنتكە قايتتى. لېكىن، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا يېڭى ۋالى كېبىكتېمۇر پاراكەنچىلىك پەيدا قىلدى. سەمەرقەنتتىن ئەۋەتىلگەن قوشۇن غالىب كېلىپ، ئۇلارنىڭ سولىھ تۈزۈش تەلىپىگىمۇ قارىماي، تۆمۈر ئۆز قوماندانىنىڭ ئىشىدىن نارازى بولۇپ، يېڭىدىن ئۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى ھەم ئۇلارنىڭ مەملىكىتىنى تالان – تاراج قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئۆز جايىغا قايتتى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتتى. جىتېلارنىڭ خانى قەمىرىددىن كۆكتۆپە ئەتراپىدا نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ، تېمۇرنى كۆچلۈك قوشۇن بىلەن كېلىشكە مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە جىتېلار يەكسان قىلىندى. قەمىرىددىن ئارانلا قېچىپ قۇتۇلدى. ئۇنىڭ ھەرىمى ۋە خەزىنىسى غالىبلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ھەرەم ئىچىدە ئۇنىڭ دىلشات ئىسىملىك گۈزەل قىزىمۇ بار ئىدى. تېمۇر بۇ قىزنى ئۆزىنىڭ خوتۇنلىرى قاتارىغا قوشۇۋالدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى — چاغاتاي ئۇلۇسنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇۋېلىش نىيىتىگە پەقەت بەشىنچى قېتىملىق يۈرۈشى ئارقىلىقلا ئېرىشەلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەمىرىددىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ، مەملىكەتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تېمۇرنىڭ بۇ نىيىتى ھىجرىيىنىڭ 778 – (مىلادىيىنىڭ 1376) – يىلى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ئىشتىن كېيىن بىزنىڭ قەھرىمانىمىزنىڭ نەزەر كۆزى خارەزمگە چۈشتى. تېمۇر ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى قارار قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە كات، خىۋاك ھەتتا پۈتۈن خارازم ئىلگىرى چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى، دەپ دەۋا قىلدى. بۇ جايلارنىڭ ھاكىمى ھۈسەيىن سوپى قوڭىرات تېمۇرگە باج تۆلەشكە مەجبۇر قىلىندى. تېمۇر ئۆزىنىڭ بۇ دەۋاسىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ جايغا تاۋاچى ئەلقەمەنى ئەۋەتتى.
ھۈسەيىن ئۇنىڭغا: «مەن مەملىكەتنى قىلىچ بىلەن ئىگىلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قىلىچ بىلەن قولغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ». دېگەن جاۋابىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى بۇيرۇدى. بۇ جاۋاب جەڭگە ئامراق مەغرور تېمۇرنى قورال ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇ دەرھال خىۋاك ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرمەكچىدى. لېكىن، كىشىلىك شەيخ جالالىددىن بۇ مەسىلىنى تەجرىبە سۈپىتىدە كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم سۈلھ تۈزۈشكە مەسلىھەت بەردى. بۇ تەقۋادار كىشىنىڭ مەسلىھەتى بۇرۇنقىدەكلا ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى.
تېمۇر ھىجرىيىنىڭ 773 (مىلادىيىنىڭ 1371) – يىلىنىڭ باھار مەزگىلىدە ناھايىتى نۇرغۇن لەشكەر بىلەن خارەزمگە قارشى يۈرۈش قىلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىغا تەبرىكنامە ۋە كۆپلىگەن مەدھىيىلەرنى ئېلىپ ھىرات خاقانىنىڭ ۋەكىللەر ھەيئىتى يېتىپ كەلدى. قىممەتلىك سوۋغاتلار ئىچىدە «كۆك ئوغلان» ناملىق بىر جەڭ ئېتىمۇ بار ئىدى. شەرق تارىخچىلىرى بۇ ئاتنى مەدھىيىلەپ بولالمايتتى. بۇخارادىن كېيىنكى يول چۆل – جەزىرە ئارقىلىق باشلىناتتى. ئىنتايىن مۇشەققەتلىك قامالدىن كېيىن، ھازارەسىپ يېنىدىكى كات مۇشەققەتلىك قامالدىن كېيىن ئىشغال قىلىندى. تېمۇر بۇ يەردىن خارەزمگە يول ئالدى. ھۈسەيىن سۇپى ئاشۇ يەردە ئىدى. بۇ شەھەر، كەيخۇسراۋ ۋە خەتتەلانىينىڭ خىيانىتىگە قارىماي خارەزملىقلار ئوچۇق مەيداندا ئاشكارا جەڭ قىلىشنى خالىمىغاندىن كېيىن ئىشغال قىلىندى. ھۈسەيىن مۇھاسىرە ۋاقتىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى يۈسۈپ سوپى سۈلھى تۈزدى. تېمۇر بۇ سۈلھىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلى جاھانگىرغا يۈسۈپنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزى گۈزەل سۈيۈننى سوراپ تەكلىپ سۇندى. يۈسۈپ سوپى بۇ تەكلىپكە خۇشاللىق بىلەن رازىلىق بىلدۈردى. تېمۇر بۇ سەپەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقانلىقىدىن شادلىنىپ ئارقىغا قايتىپ كەتتى. لېكىن، ئۇ خارەزمدىن كېتىش بىلەنلا يۈسۈپ سۈپى كەيخۇسىراۋ ۋە خەتتەلانيىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن گۈزەل سۈيۈن توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، ئەكسىچە تېمۇرگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. تېمۇر ھىجرىيىنىڭ 774 (مىلادىيىنىڭ 1372) – يىلى ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈش باشلاپ، بۇ قېتىممۇ غەلىبە قۇچۇپ قايتتى. گۈزەل سۈيۈننى نۇرغۇن بايلىق ۋە تويلۇق بۇيۇملىرى بىلەن بىللە ئوغلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. توي مۇناسىۋىتى بىلەن سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بايرام ئىنتايىن تەنتەنىلىك بولدى. لېكىن، جاھانگىر بۇ ئىشتىن كېيىن پەقەت ئىككى يىلغىچىلا ياشىيالىدى. تۈزۈلگەن سۈلھىمۇ ئۇزاق داۋاملىشالمىدى. تېمۇر خارازەمگە قارشى ئۈچىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدا يۈسۈپ سوپىنىڭ كاللىسىغا قىزىق بىر ئوي پىكىر كەلدى. ئۇ ھەر ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ قېنى بىھۇدە تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆزى تېمۇر بىلەن يەككىمۇ يەككە تۇتۇشۇش ئىستىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۈشمىنىگە قارىتا: «ئىككى ئادەم سەۋەبىدىن قاچانغىچە پۈتۈن خەلقىئالەم جەبىر – جاپاغا مۇپتىلا بولىدۇ، ئىنسانىيەت ۋە مەملىكەتنىڭ خەيرلىكى ئۈچۈن بۇ ئىككى ئادەمنىڭ مەيداندا بىرمۇ بىر ئېلىشىشلىرىنى تەكلىپ قىلىمىز» دەپ خەت يازدى. تېمۇر بۇ تەكلىپتىن بەكمۇ خۇشال بولدى. سەيپىددىن بارلاس تېمۇرگە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەھلىكىگە سالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ، تېمۇر ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قارىماي، جەڭ مەيدانىغا بىرىنچى بولۇپ كەلدى – دە، ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دۈشمىنىنى چاقىردى. لېكىن، يۈسۈپ سۇپى مەيدانغا چىقمىدى. ئۇ خەۋپسىرەش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپىدىن ۋاز كەچتى. ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھىجرىيىنىڭ 781 (مىلادىيىنىڭ 1379) – يىلى خارەزم قەلئەسى تېمۇر تەرىپىدىن قامال قىلىنغان پەيتتە يۈسۈپ سۇپى ۋاپات بولدى. غالىب تېمۇر ناھايىتى نۇرغۇن خەزىنىنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ بۇ بايلىقلارنى ئۆلىمالار ۋە ماھىر ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىرگە كېش شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ غەلىبىنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن بىر چوڭ ساراي بىنا قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئانا شەھىرىنىڭ يېنىدا قىش پەسلىنى ئۆتكۈزۈپ ئىستىراھەت قىلدى ۋە ئوۋ ئوۋلاش بىلەن مەشغۇل بولدى.
تېمۇر دۈشمىنى – قېيناتىسى ئەمىر ھۈسەيىن بىلەن ئۇرۇشۇش ۋە جىتېلارنى شەرقىي شىمالغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ شىجائەت كۆرسەتتى. لېكىن، غەربىي خارازەمدىكى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش بەكمۇ قىيىن توختىدى. چۈنكى، ئىككى سۇپىنىڭ مەخسۇس ئەسكەر كۈچلىرىدىن باشقا قىپچاق خانى، ئالتۇن ئورداخانى جۇجى ئۇلۇسىغا تەۋە بولۇش بىلەن ئۇلارغا يېقىن ياردەمچىلەردىن ئىدى. خارازم ۋە ساراي ھۆكۈمرانلىرى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى تېمۇرگە قارشى يوشۇرۇن بىتىم تۈزۈشكەنىدى. بۇ ئىتتىپاقداشلاردىن بىرىنىڭ ھالاكىتى ئىككىنچى ئۈچۈنمۇ پاجىئەنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى. تېمۇر خارازمدىن غەلىبە بىلەن قايتىپ، پۈتۈن توراننى ئۆز قول ئاستىغا بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، سەيھۇن ۋە جەيھۇن ئارىلىقىدىكى ئورۇن ئۇنىڭغا تارلىق قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئۆرنەك ھېسابلىنىدىغان جاھانگىر چىڭگىزخاننىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىشى لازىم ئىدى. بۇ بەختىيار توران قەھرىمانى ئۆز يۇلتۇزىغا قاراپ، پۈتۈن جاھاننى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈشىگە ئىمكانىيەت تۇغۇلغاندەك سەزدى. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە «قانداقلا بولمىسۇن بىر مەملىكەتتە زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىك كۈچەيسە، ئاممىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق پاراكەندىچىلەرنى ۋە قانۇننى بۇزغۇنچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇ دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىش كېرەك، ھەقىقىي ھۆكۈمدار ھەربىر قوۋم ۋە قەبىلىنى ئۇلارغا زۇلۇم سالغۇچىلاردىن ئازاد قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مۇشۇ خىل نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ، مەن خۇراساننى ئىگىلىدىم. پارس، ئىراق، شام مەملىكەتلىرىنى بويسۇندۇردۇم» دەپ يازغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان كىشىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تېمۇر شائىرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى قايتا – قايتا تەكرارلايدىكەن: «ئاللاھ پەقەت يالغۇز، بىرلا بولغىنىدەك، پادىشاھمۇ بىرلا بولۇشى لازىم. پۈتۈن دۇنيا ئۇلۇغ خاننىڭ يەككە ھۆكۈمرانلىقىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم». جاھانگىرلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن تېمۇرنىڭ تاكتىكا جەھەتتىكى ماھارىتىدىن، ئۆزىگە خاس شەخسىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن تاشقىرى، جەڭ قىلىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىسى ۋە مۇھىمى، قول ئاستىدىكى ئۇنىڭغا قەتئىي بۇيسۇنىدىغان لەشكەرلىرى ماھىر سەركەردىلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى چېرىكلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ ماجىرالىرىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىق نەمۇنىلىرىنى كۆرسەتكەن ئۆزىنىڭ قورالداش دوستلىرى ئىدى. ئۇنىڭ سەرھەڭلىرىدىن جاھانگىر بارلاس، سەيپىددىن بارلاس، ئاقبۇغا، ئوسمان ئابباس، مۇھەممەد سولتانشاھ، قەمەرىيە، تىبان باھادىر، ئورۇسبۇغا، پىرھۈسەيىن بارلاس، ھەمزە، ئەمىر مورىزادە، مۇھەممەد قازغۇن، سارىق ئەتكە ۋە مۇزەپپەر ئۇچقۇرا قاتارلىقلار ئۆز ماھارەتلىرىنى گاھىدا تېمۇر تەرىپىدە تۇرۇپ گاھىدا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ نامايان قىلىشتى. تېمۇرگە ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاسىيانىڭ پەرىشان ھالى مۇۋاپىق كېلەتتى، كېيىنچەرەك بولسا تۈركىستاننىڭ جاھانگىرلىك روھى ياردەم بەردى. موغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىنقىرازىدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەھكەملىكىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانىدى. ھاكىمىيەت ناھايىتى كۆپ خانلىقلار ۋە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆزئارا بىر – بىرىگە ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا دۈشمەنلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتى. بۇنداق ھالەتتە تېمۇرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، كۈچلۈك ۋە ئامەتلىك قولى ئەلۋەتتە ئېرتىشتىن گانگ دەرياسىغىچە، گۇبى سەھراسىدىن مەر – مەر دېڭىزى بويلىرىغىچە يەككە – يېگانە ھۆكۈمرانلىق تەسىس قىلىشقا يېتەتتى.
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 74كۈن بۇرۇن
ئەمدى تېمۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى ئىشلىرى توغرىلىق تەپسىلىي سۆزلەپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشغالىيەت يۈرۈشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ماۋەرائۇننەھر تارىخىنىڭ ئەڭ شەۋكەتلىك ۋاقىتلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بۇ توغرىلىق تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بىراق ئەسىرىمىزنىڭ تار سەھىپىسىدە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنىلا سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. تېمۇر ۋە ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھاياتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بەزى مەنبەلەر ياۋروپالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى تونۇشلۇق.
تېمۇرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرىسىدىن سىرتقا تاجاۋۇزى دەسلەپ شىمالغا، يەنى جۇجى ئۇلۇسىغا قارىتىلدى. ئۆزئارا قاتتىق توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە بۇ ئۇلۇس ئەھلىنىڭ كۆكرەكلىرىدە تاجاۋۇزچىلار قىلىچىنىڭ ئىزلىرى قېپقالدى. ئۇرۇسخاننىڭ زەبەردەستلىكى بىلەن تەختامىش ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ ، تېمۇرنىڭ يېنىغا ھامىيلىق تەلەپ قىلىپ كەلدى . تەختامىش ھىجرىيىنىڭ 777 (مىلادىيىنىڭ 1375) – يىلى جېتېلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتىلدى . ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ئىشلىرى تېمۇرنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى بەك ياققان بولسا كېرەك ، ئۇ توختامىشنى دوستانە ھالەتتە ئۆز ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىپ سەمەرقەندگە ئېلىپ كەتتى . ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى ۋە ھازىرقى تۈركىستاندىكى ئوترار ۋە سەبران ۋىلايەتلىرىنى ئۇنىڭ مۈلكى قاتارىدا ئۆتۈنۈپ بەردى . ئۇنى ئۆز رەقىبىگە قارىشى تۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ يېتىشتۈردى . ئۇرۇسخان شۇ چاغدا ئوغلى توختاقاينى لەشكەرلەر بىلەن توختامىشنى قوغلاشقا ئەۋەتتى . لېكىن ، توختامىشقا تەلەي ئىككى تەجرىبىدىن كېيىنمۇ يار بولمىدى . ئۇ يېڭىلدى . جاراھەتلىنىپ يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە قېچىپ ، ئۈچىنچى قېتىم تېمۇردىن پاناھلىق تىلىدى . شۇ سەۋەبتىن تېمۇر مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش زۆرۈرۈيىتى بىلەن ئۆزى لەشكەر بېشى بولۇپ ئۇرۇسخانغا قارىشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى . بۇ مەملىكەتنىڭ سەھرالىرىدىكى سوغۇق ۋە يامغۇر جەڭ قىلىشقا قەتئىي ئىمكانىيەت بەرمىدى . ئىككى قوشۇن بىر نەچچە ئايغىچە ئۇرۇش قىلالماي ، ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇرى بولۇشتى . تېمۇر ھىجرىيىنىڭ 778 (مىلادىيىنىڭ 1376) – يىلى باھار مەزگىلىدە يەنە ئۆز مىللىتىنى ھىمايە قىلىشنى خالىغانلىقتىن بۇ ئىش يەڭگىل چۈشتى . چۈنكى ، بۇ چاغدا ئۇرۇسخانمۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى توختاقايمۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى . توختامىشقا رەقىب سۈپىتىدە پەقەت ئۇرۇسخاننىڭ كىچىك ئوغلى تېمۇرمەلىكىلا قالغان ئىدى . ئەلۋەتتە ئۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ لەشكەرلىرىگە قارشى تۇرالمىدى . تېمۇر قارا تال يېنىدا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى ۋە ئۇنى ئەسىرگە چۈشۈردى . توختامىش ئازراق ھاللىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ غالىبانە تاجاۋۇزىنى داۋام قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن قىپچاق خانلىقىنى ئىگىلىدى . ماماينى يېڭىپ ، ۋەھشىيانە ھۇجۇم ئوتلىرىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراققا — روسىيە زېمىنىگە قەدەر كېڭەيتتى . ھىجرىيىنىڭ 786 (مىلادىيىنىڭ 1384) – يىلىدا موسكۋا شەھىرىنى كۆيدۈردى . قورال كۈچى بىلەن مەستانە بولغان بۇ ئادەم ئۆز ھامىيسىغا لازىم بولغان مىننەتدارلىقنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتتى . ئۇ پۈتۈنلەي جاھانگىرلىك ۋەسىۋەسىگە چۆمۈپ ، ھىجرىيىنىڭ 789 (مىلادىيىنىڭ 1387) – يىلى ، يەنى تېمۇر ئەزەربەيجاندا تۇرۇۋاتقان پەيتتە ھەزەر دېڭىزى ساھىلىدىكى غەربىي ۋىلايەتلەرگە تاجاۋۇز قىلدى . تېمۇرنىڭ ئوغلى مىرانشاھ كۇر دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە قاراپ ئۇنىڭغا قارشى يۈرۈش باشلىدى . توختامىشنىڭ ئىلغارى يېڭىلدى ، ئۇ چېكىنىپ قاچتى . تېمۇر مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ كەڭچىلىك رازىمەنلىك ئالامىتىنى كۆرسىتىپ ، «پاراكەندىچىلىك باشلىغۇچى ئاللانىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ» دېگەن ھەدىسنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە رازىلىق بىلدۈردى . توغرا ، ئۇ بۇ ئىشنى مۇۋاپىق پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا قىلدى . ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەقلىق رەۋىشتىكى غەزىپىنى ئىپادىلەپ ، ھىجرىيىنىڭ 791 (مىلادىيىنىڭ 1389) – يىلى قىش پەسلىدە — قار ئاتنىڭ كۆكرىكىگە قەدەر ياغقان مەزگىلىدە سەمەرقەنتتىن ھەرىكەت باشلىدى . شىمالدىن ھۇجۇم قوزغىغان توختامىشنى سەيھۇن بويلىرىدا مەغلۇب قىلدى . باھار پەسلىگە يەتكەندە ئىككىنچى قىرغاقتا يەنە بىر قېتىم غەلىبىگە ئېرىشتى . لېكىن ، يەنىلا ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمىغان ئىدى . ھىجرىيىنىڭ 793 (مىلادىيىنىڭ 1391) – يىلى قىشتا تېمۇر مەخسۇس مۇنتىزىم قوراللانغان لەشكەرلىرى بىلەن توختامىشقا قارىشى ئۈزلۈكسىز جەڭگە ئاتلاندى . جەنۇبىي سىبىرىيەنىڭ ئادەمسىز چۆللىرىدە ئالتە ھەپتىگىچە يۈردى . ئۇنىڭ چۆلدىكى بۇ سەپىرى شۇ قەدەر قىيىنچىلىق ۋە زىيان – زەخمەتلەر بىلەن تولغانىدىكى بۇنى ئەڭ ئېگىز تاغلارنىڭ ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتكەنلىككە تەڭلەشتۈرۈش مۇمكىن . چارچاش ۋە ئاچلىقنىڭ دەرد – ئەلىمىگە يولۇققان لەشكەرلەر دۈشمەننى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىزدەپ يۈردى . ئاخىرى ئۇنى ماي ئېيىدا يايىق (ئورال) دەرياسىنىڭ ياپ – يېشىل ساھىللىرىغا كېلىپ تاپتى . جەسۇر ۋە شانلىق ئاتلىق قوشۇنلار كۆرىشى باشلاندى . ھەر ئىككى قوشۇن ئۈچ كۈنگىچە قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىشتى ، ئاجايىب غەيرەت – شىجائەت كۆرسەتتى . ئەمما توختامىش ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ خىيانەتكارلىقى سەۋىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ ، ئازادلىقنى قېچىش ئارقىلىق ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى . تېمۇر ئوقتەك تېزلىك بىلەن ئۇنى روسىيە تەرەپكە قوغلاپ سۈرۈپ ، موسكۋاغىچە بېرىپ يەتتى . ئەگەردە ماۋەرائۇننەھر قەھرىمانى ئېھتىيات بىلەن ئورتا دەرىجىدىكى يولنى تۇتمىغاندا ئىدى ، موسكۋا ئاھالىلىرى گىبىبۇننىڭ تەبىرىچە بۈۋى مەريەمنىڭ مۆجىزەنەما سۈرىتىدىن باشقا ھېچ بىر ھامىي تاپالماس ئىدى . 11 ئايلىق سەپەردىن كېيىن ئىنتايىن كۆپ ئەسىرلەر بولۇپمۇ غەنىيمەتلەر ۋە شىمالنىڭ جاۋاھىراتى بىلەن ئۆز پايتەختىگە قايتتى . ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە دۈشمەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئايالىمۇ بار ئىدى . ئۇ بۇرۇنقى چىڭگىز مەملىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى قىسمىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالالىغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ئىدى . ئەمدى ئۇنىڭغا سەلتەنەتنىڭ بارلىقى ئۈچىنچى بىر قىسمىلا يەنى ئىران ، ئەرەبىستان ، ھىندىستاننىڭ بىر قىسمىلا نۇقسانلىق بىلىنەتتى . ئۇ ئەينى زاماندا شىمالغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆز نەزەرىنى غەرب تەرەپكە توسقۇنسىز قارىتالايتتى .
تېمۇر پارس يەرلىرىنى يەنى ئىران ۋە خۇراساننى ئىگىلەشنى توختامىشنى يەڭمەستىن بۇرۇن باشلىۋەتكەن ئىدى . ئۇ ھىجرىيىنىڭ 783 (مىلادىيىنىڭ 1380) – يىلىدا ئوغلى مىرانشاھ مىرزىنى بىر قانچە يېتىشكەن سەركەردىلەرگە قوشۇپ خۇراساننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى . ياش ۋە قەھرىمان ئوغلىنىڭ ئىزى بىلەن ئېچىلغان يولغا تېزلىك بىلەن ئۆزىمۇ يېتىپ باردى . يېڭى جاھانگىر بۇ يەردە ئىككى خانىدان بىلەن جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شىمالدا سەربەدارىلار سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرەتتى . تېمۇر ئۆزىنىڭ كۈچسىز ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشاتتى . بۇلار ئەمدى ھېچقانداق قىيىنچىلىقسىزلا بويسۇندۇرۇلدى . جەنۇبتا كارت ئائىلىسى ھۆكۈم سۈرەتتى . بىزنىڭ قەھرىمان ياشلىقىدىن تارتىپ ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، بۇ ئىش ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمىدى . بۇ ئائىلىنىڭ رەئىسى غىياسىدىن پىرئەلى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بۇ تۈرك ئىشغالىيەتچىسىگە تاپشۇرۇشتىن كۆرە قىلىچ تىغىغا تاپشۇرۇشنى ئەۋزەل كۆردى . ئۇ شەرقتە ھىندىقۇش تاغلىرىدىن شىمالدا مۇرغالىبتىن تاكى شاھرۇد چۆللىرىگىچە تارقالغان مەملىكىتىنى ئاجايىب غەيرەت بىلەن مۇداپىئە قىلىشقا كىرىشتى . ئۇنىڭ قارشىلىقلىرى ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىشقا ئايلاندى . پايتەخت شەھرى ھىرات ئىنتايىن قاتتىق جەڭدىن كېيىن ئىشغال قىلىندى . ئەمما باشقا شەھەرلىرى ، مەسىلەن : قابۇشان ، تۇس ، نىشاپۇر ، سەبزەۋار قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم ۋە سەنئەت مەركەزلىرى ئۆز دەرۋازىلىرىنى ئىختىيارلىق بىلەن ئېچىپ بەردى . ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىنىڭ خاراب قىلىنغان تاغلارغا ئايلاندۇرۇلۇشىدىن كۆرە ، ئۇنىڭ تېمۇر ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆتەر يولى بولۇشىنى ئەۋزەل بىلەتتى . غالىب تېمۇر خۇراسانغا ئافغانىستاننى ، سېيىستاننى ۋە بىلوجىستاننى قوشۇۋېلىپ ، ھىجرىيىنىڭ 787 (مىلادىيىنىڭ 1386) – يىلى ئەرەبىستانغا ۋە مەخسۇس پارس ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە يۈرۈش قىلىشقا ئىمكانىيەت ياراتتى . ئىراننىڭ بۇ جايلىرىدا ئەينى ۋاقتىدا ئىككى سۇلالە ھۆكۈم سۈرەتتى . جەنۇبىي فارىستا ، ئىسپاھاندا مۇزەپپەرىيلەر ھاكىم ئىدى . ئەمما ئىراق ، ئەرەب ھەمدە ئەزەربەيجان ئېلخانىيلارنىڭ قولىدا ئىدى . بىرىنچى سۇلالىنىڭ باشلىقى شاھشۇجا ئاقىل ھەم تەدبىرلىك ئادەم ئىدى . ئۇ جەنۇبتىكى نازۇك ئوغلانلار بىلەن ماۋەرائۇننەھرنىڭ تەجرىبىلىك جەڭچىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى .
ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەسلىم بولدى . ھەم ئۆزىنىڭ قىزىنى مەرھۇم جاھانگىر مىرزىنىڭ ئوغلى پىرمۇھەممەدكە بېرىپ ، سۈلھىنى نىقاب بىلەن مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇندى . ئەمما شەيخ ئۇۋەيس جالايىرنىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد باشقىچە پىكىردە ئىدى . ئۆزىنىڭ كورد ئاتلىق قوشۇنلىرىنى ھەم ئەزەربەيجان ھەربىلىرىنى تېمۇر ئەسكەرلىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە دەپ ھېسابلايتتى . نەتىجىدە ئۇ جەڭگە كىرىشتى – دە ، دەرھال مۇۋاپپەقىيەتسىزلىككە دۇچ كەلدى . دەرھال ئۆزىنىڭ غايەت گۈزەللىككە ئىگە شۆھرەتكە لايىق سۇلتانىيە ناملىق تەختىگاھىنى تاشلاپ ، باغدادقا چېكىندى . ئەمما ئۇنىڭ رەقىبى ئەرەكىسنى بېسىپ ، بىر زەربە بىلەن پۈتۈن كافكازنى ئۆزىنىڭ قول ئاستىغا كىرگۈزدى . ناخچەۋانغا ، ئورىيانغا ، تىبلىستقا ھەم شىرۋانغا پادىشاھ بولۇپ كىردى . ئۆزىنىڭ قوراللىقلار كىرمىگەن ئۆيلىرى ، پايانسىز كەتكەن پاتقاق ۋە سازلىقلىرى بىلەن شۇ چاققىچە دۈشمەننى توختىتىپ كەلگەن گىلان ، ئاخىرى بويسۇنۇپ تەسلىم بولۇشتىن باشقا چارە تاپالمىدى . ئەرمەنىستان پادىشاھى تاھىرجاننىڭ مەشھۇر ۋان قەلئەسى ئىگەللەنگەندىن كېيىن يىراق شەرقتىكى شەۋكەتلىك خاقاننىڭ ئەمىرى سۈپىتىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى . شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى ، تۈرك خاقانىنىڭ بۇ غەزىپى سەپەردە پەقەت قارا قويۇنلۇق (قارا قوزى) خاندانلىقى بىلەن ئىسيانكار ئىسپاھان شەھرىنىڭ دەل ئۈستىگە قارىتىلدى . بۇ خانىدانلىق ئۆزىنىڭ ئەخلات ، ئادىل ۋە جۇۋاز قاتارلىق ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى ساقلاپ قالالمىدى . ئىسپاھان تېمۇر بىلەن ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپ ، ئۇنىڭ 3000 ئەسكىرىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ، شەھەر ئاھالىسى 000 . 70 كىشنى قۇربان بەردى . بۇ ئىنتايىن چوڭ قۇربان بېرىش بولدى . شاھشۇجانىڭ ئوغلى زەينەلئابىددىننى تەھلىكىگە سالدى . ئۇ تارتىۋېلىنغان تەۋەلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە قايتىپ كەتتى . تېمۇر شىرازىدىكى مۇزەپپەرىيلەرنىڭ تەختىنى رەسمىي قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ، ھىجرىيىنىڭ 791 (مىلادىيىنىڭ 1389) – يىلىدا تەنتەنە بىلەن شەۋكەتلىك ھالدا سەمەرقەنتكە قايتىپ كەتتى . ئۇ ئادىتىگە ئاساسەن بوش ۋاقتىنى ئوۋ قىلىش ۋە ئەيشى – ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئىستىراھەت قىلدى . سەپەر ھاردۇقلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن ، يېڭىدىن كۈچ توپلاپ ، يەنە ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشتى . دەل شۇ ۋاقىتتا ، يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك توختامىشقا قارشى يۈرۈش باشلانغان ئىدى . شۇنىڭدىن قايتقاندىن كېيىن ، تېمۇر غەربتە «بەش يىللىق ئۇرۇش» نامى بىلەن داڭ چىقارغان ئۇرۇشقا كىرشتى . بۇ سەپەردىكى مەقسىدى ، ئۆز دائىرىسى ئىچىدە قوزغالغان پىتنە – ئىغۋا ، ئىسىيانكارلىق ئىشلىرىنى باستۇرۇش باھانىسى بىلەن ئىران ۋە ئەرەبىستاننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇپ ، ئاۋالقى سەپەرلىرىنىڭ ھەقىقىي نەتىجىلىرىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىدى . ھىجرىيىنىڭ 794 (مىلادىيىنىڭ 1392) – يىلىدا سالامەتلىكى ياخشى بولماي ، داۋالىنىپ شىپالىق تاپقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى بىلەن ھەمۇيە يېنىدا ئامۇ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتتى . ئىراننىڭ شىمالى ناھىيىسىنى بويلاپ ئاستىرابادقا ، ئاسىي مازاندىرىغا باردى . تاغلىق ئىراننىڭ ئاساسىي شەھرى ھېسابلىنىدىغان ئامۇل ھەم مۇتەئەسسىپ ھەشاشينلار (ئاساسىنلار)نىڭ ياكى پىدائىلارنىڭ قارار گاھى ئىدى . شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن شەھەر ئىگىلەندى . جەسۇر مۇداپىئەچىلەرنىڭ مەرتلىكى بىلەن شۇنچىلىك قان تۆكۈلدىكى ، شەرق تارىخچىلىرى بۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشتىن كېيىن سۈكۈت تۈگىدى . ئەمدى تېمۇر قانغا تويغان ئەسلىھەلىرى بىلەن لۇرىستان ۋە خوزىستان ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى . ھەمەدانغا ، بەرۇجادقا دىزپۇلغا گويا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . مۇستەھكەم تاغ قەلئەسى قەلئەئى سەفىدنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، ئادەتتىكى تېزلىكى بىلەن شاھ مەنسۇر مۇزەپپەرىيگە ھۇجۇم قىلدى . بۇ شاھ تېمۇر كەتكەندىن كېيىن مۇزەپپەرىيلەرنىڭ بەش خانلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىغا مەخسۇس كۈچ توپلىغان ئىدى . لېكىن ، غەلىبە ئارقىلىق روھلىنىپ كەتكەن تۈركلەرگە قارشى تۇرالمىدى . پاتىل دېگەن جايدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولدى . شاھ مەنسۇر ئۆز ئاتلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ سېپىنى يېرىپ كىردى . خۇددى ئارسلان كەبى ھەممىسىنى يىمىرىپ ، تېمۇرنىڭ يېنىغىلا يېتىپ باردى . تېمۇرنىڭ يېنىدا پەقەت 14 – 15 نەپەرلا كىشى قالغان بولۇپ ، ئاجىز ھالەتتە ئىدى . لېكىن ، ساقچىلىق قىلىۋاتقان شاھرۇخ مىرزا شاھ جەنىسە تەرەپتىن قاچقان لەشكەرلەردىن بىر قىسمىنى توپلاپ ھۇجۇمچىلارنىڭ يولىنى كەستى – دە ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىشقاندىن كېيىن شاھ مەنسۇرنىڭ بېشىنى كېسىپ ئادەتتىكى تەبرىكلەش شەكلىدە ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تۇيىقى ئاستىغا تاشلىدى – دە : «بارلىق دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ كاللىسى ئېتىڭىزنىڭ تۇياقلىرى ئاستىغا مانا مۇشۇنداق چۈشسۇن !» دېدى . شۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەنلىرى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولدى . مۇزەپپەرىيلەرنىڭ خاندانلىقى تامامەن قىرىلىپ تۈگىدى . بۇ سۇلالىدىن پەقەت ئىلگىرى كور قىلىنىپ ، سەمەرقەندگە ئەۋەتىلگەن پەرزەنتلىرىدىن بىر كىشىلا تىرىك قالدى . تېمۇر مۇزەپپەرىيلەرنىڭ مەغلۇب قىلىنغان مەملىكەتلىرىنى ئۆزىنىڭ سەردارلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى ئېلىپ ، ھىجرىيىنىڭ 795 (مىلادىيىنىڭ 1393) – يىلىدا ئەرەب ۋە ئىراقنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېڭىدىن سەپەر قىلدى . ئېلخانى ئەھمەد جالايىر بۇ ئىككىنچى ھۇجۇمدا ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالالمىدى . تېمۇر ئەزەربەيجاننى قايتا ئىگىلەپ ، كوردىستاننى ئۆز تەختىنىڭ ئىتائىتىگە ئالغاندىن كېيىن سۇلتاننىڭ مەخسۇس كېمىسىگە ئولتۇرۇپ دىجلە دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتتى . باغداد ئۇرۇشسىزلا تەسلىم قىلىندى . ئۇنىڭ ھۆكۈمدارى پاجىئەلىك كەربالا چۆلىدە ، پەقەت ئەرەب ئېتىنىڭ تېزلىكى سايىسى بىلەنلا ئۆزىنىڭ جېنىنى ئامان ساقلاپ قالالىدى . ئەمما ئوغلى ۋە خوتۇنلىرى غالىب تېمۇرنىڭ قولىغا چۈشتى . بۇ ئەھمىيەتسىز كۈرەش بولدى . شۇ دەرىجىدە مۇقەررەر خەلىپىلىك ئۈچىنچى قېتىم تۈرك ساھىبقىراننىڭ قولىغا چۈشتى . مۇبايىنىلنەھرنىڭ (دىجلە ۋە ئىفرات ئارلىقى) باشقا شەھەرلىرى — ماردىن ، دىيارى بەكرى ھەم تەخرىت كۆپ قۇربان بېرىشلەر بەدىلىگە قولغا كىرگۈزۈلدى . لېكىن ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، تېمۇرنىڭ غەلىبە بايراقلىرى ئەرمەنىستان ۋە گورجىستان ئۈستىگە ئۆتتى . غەلىبە بايراملىرىنىڭ شادىيانە ئاۋازلىرى گۈزەل موڭغۇل دالاسىدا تېخى پەسەيمەي تۇرۇپلا ، ئىككى يىل ئىلگىرى ئىستقات ئېتىلگەن توختامىشنىڭ يەنە يېڭى كۈچ بىلەن دەربەند يېنىدا كافكازغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق تەھدىت سالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يېتىپ كەلدى . تېمۇر قولىدىكى كۆپۈكلۈك كاسىلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ سەۋىر – تاقەت قىلىپ ، دۈشمەننىڭ يەنىمۇ يېقىنراق كېلىشى ۋە ئۇرۇشنى ئۆزى باشلىشىنى كۈتۈپ تۇردى . ئۇ ھەر دائىم شۇنداق دەيتتى :«ئوۋنىڭ قاپقانغا ئۆزى كېلىپ چۈشكىنى ياخشى . ئۇنى ئىزدەپ يۈرسەڭ ، ئوۋ قىلىش پۇرسىتى ئۇزاق سوزۇلۇپ كېتىدۇ . قېرى توخۇ قارچىغىدىن قورقمايدۇ . ئەگەر چېكەتكىدە قىزىل قانات ئۆسسە ، ئۇ ھەر قەدەمدە ئۆزىنى قاغىدىن ھىمايە قىلىدۇ» . ئاخىرقى قېتىمدا ھەزەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي ساھىلىدا بولغىنىغا ئوخشاش بۇ قېتىم ھەزەر دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا غەلىبە بايرىقى تېمۇر تەرىپىگە ئۆتتى . توختامىش يېڭىلىپ ، سىبرىيەنىڭ جەنۇبى دالالىرىغا قېچىپ كەتتى . غالىب تېمۇر ئۇنى تەھقىپ قىلىپ ، روسىيەنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردى . موسكۋا شەھرىنى تالان – تاراج قىلدى . ئوردىغا ئەمىر قىلىپ ئورۇسخاننىڭ ئوغلى قوۋۇرچاقنى قالدۇرۇپ ، گورجىستانغا قايتتى . سوۋۇپ قالغان غەلىبە تويلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇردى . شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋالقى تۈركىستان سەھراسىنىڭ سەرگۈزەشتپەرەستى بولغان تېمۇر شىمالىي ۋە غەربىي ئاسىيانى ئىگىلىدى . ئۇنىڭ پادىشاھلىق تاجىنى قەدىمدىن تونۇشلۇق بولغان گۈزەل ، باي مەملىكەتلەرنىڭ ئادەملىرى زىننەتلەپ چىقتى . ئىسسىق كۆل ، ئامۇ دەريا ۋە سىر دەريا بويلىرىدىكى كۈچلۈك جەڭگىۋارلار غەربىي ئاسىيانىڭ پۈتۈن غەزىنىلىرىنى ، قىممەت باھالىق ئەشيالىرىنى سەمەرقەنتكە توشۇدى . بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ، ئەلچىلەر ھەيئەتلىرى مەغرۇر جاھانگىرنىڭ ئايىقى ئاستىغا قىممەتلىك سوۋغىلارنى دۆۋىلىۋەتتى ۋە ئۇنى تەبرىكلەپ تەقدىم قىلىشتى . شۇنداق بولسىمۇ ، تېمۇر جاھانگىرلىك شۆھرىتىدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى . دەھشەتلىك يۈرۈشلەرگە نىسبەتەن ھەۋىسى پەسەيمىدى . بەش يىللىق ئاسايىشلىقتىن كېيىن ئۇ ھىجرىيىنىڭ 799 (مىلادىيىنىڭ 1396) – يىلى يەنە يۈرۈش قىلىشقا نىيەت قىلدى . ئامۇ ساھىلىدا ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ، قىزلىرى ۋە ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ئاتاپ ، گۈزەل قائىدە – يوسۇن رەسمىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى . بۇ يەرنىڭ قائىدە – يوسۇنى بويىچە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقچىلار — ئالتۇن پۇللار ۋە جاۋاھىراتلارنى چاچتى . ئاجايىب بېزەلگەن مىڭلارچە ئاتلار ۋە خېچىرلار ئۇنىڭغا تەبرىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىندى . ئۇ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە شۈكرانە پاتىھە بىلەن تىلاۋەت قىلدى . ھەم ئۆزى يوق ۋاقىتلاردا قۇرۇلغان گۈزەل بىنالارنى كۆزدىن كەچۈردى . شۇنداق تەنتەنىلىك دەبدەبىلەر بىلەن سەمەرقەنتكە كىردىكى ، ئۇنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ . 63 ياشلىق ساھىبقىران ئىنتايىن كۆپ غەلىبىلەردىن كېيىن ، بۇ جايدا ياش مەلىكە توقال خوتۇنىنى قۇچىقىغا ئالدى . يېڭى بىنا قىلىنغان گۈزەل ساراي — «دىلكۇشا»نى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى . ناھايىتى كۆپ قېتىملىق تويلار ، بايراملار ، بەيگىلەر ، ئات ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ ئەيشى – ئىشرەتنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى تېمۇردە قورال – ياراق تاۋۇشلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاتقان بولۇشى ئېھتىمال ، ئۇ ئىگەللەنگەن يەرلەرنى پايتەختىدە ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن يەنە جەڭ ئېتىغا مىنىپ ، لەشكەرلىرىنى يىراقراق مەملىكەتلەرگە ئېلىپ كەتتى . جاھانگىر دېگەن نامغا مۇكەممەل ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا جەنۇبتا ھىندىستان ، غەرىبتە رۇم (ۋىزانتىيە) ئازلىق قىلاتتى . ھىندىستان دېگەندە مۇسۇلمان ئاسىياسىنىڭ ئەڭ نۇرغۇن بايلىقى توپلانغان مەملىكەتلىرىنى ، رۇم دېگەن ئەڭ بۈيۈك شانۇ شەۋكەتنى پەملىگەن ئىدى . شۇ سەۋەپلىك تېمۇر بۇ جايلارنى ئۆزىگە قوشۇپ ئالماستىن تۇرالمايتتى . ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىدى گانگ ۋە ھىندى دەريالىرى ئارىلىقىدىكى جايلارنى ئىگىلەش ئدى . ئۇنىڭ نەۋرىسى پىرمۇھەممەد ئالدى بىلەن ھىرات يولى بىلەن مېڭىپ ، مولتاننى ئىشغال قىلدى . لەشكەرلەر بۇ سەپەرگە تېمۇرنىڭ ئۆز قوماندانلىقى ئاستىدا بەكمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە دەھشەتلىك ھالدا ئاتلاندى . ئۆزى بەلخ ئارقىلىق ھىندىقۇشنىڭ قارلىق چوققىلىرىنى بويلاپ ماڭدى . ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىغان سوغۇقلار ، تاغلىقلار بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ ھېچقايسىسى تېمۇرنىڭ سەپىرىگە دەخلى قىلالمىدى . ئۇ ئېگىز قىيالاردىن ئارغامچىغا ئېسىلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇق قىلدى . ئۆزىمۇ شۇنداق چۈشۈپ ، دۈشمەنلىرىگە دەھشەت سالدى . تېمۇر كابۇل ئارقىلىق ھىندىستانغا كىرىپ كەلدى . ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتكەندە ئۇ يۈرگەن تاغ قاپتاللىرىغا ياۋرۇپانىڭ چوڭ دۆلىتىنىڭ ئەسكەرلىرى كېلىپ ، ئۇ جايدىكى قەبىلىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ ، قانلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى . ھىجرىيە ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا ھىندى دەرياسىنى كېچىپ ئۆتتى . تېمۇرنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇن سىتىلىج ساھىللىرىدا ئوغلىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، دېھلىگە ، سۇلتان مۇھەممەدنىڭ پايتەختىگە سەپەر قىلدى . قولغا چۈشكەن ئەسىرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى سەپەرنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يۈز مىڭلاپ ئەسىرلەرنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى . بۇ ئىنتايىن يامان بۇيرۇق ئىدى . ھەربىر ئەسكەر مۇشۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئىشتىراك قىلدى . تارىخچىلار ناھايىتى يۇمشاق كۆڭۈللۈك ئەللامە نەسرىددىننىڭ 15 نەپەر ھىندى قۇلنى ئۆز خوجايىنىغا نىسبەتەن نەقەدەر نەپرەتلىك كۆز قارىشى بىلەن دەھشەتلىك ھالدا قەتل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ . تېمۇر ئىلگىرى ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈچسىزلىكىنىڭ بىشارىتى دەپ ھېسابلايتتى . بۇ ئىستراتېگىيە ھىيلىسىگە بۇ يەردىمۇ ئەمەل قىلدى . ھىندىستانلىقلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى . ھىندىستاننىڭ بايلىق ۋە سانائەت مەركىزى ھېسابلانغان دېھلى شەھرى ئۆزىنىڭ غەزىنىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشتى . مۇقەددەس شەھەر ھېسابلانغان مىترانىڭ قىسمىتىمۇ شۇنداق بولدى . دەھشەتلىك قورقۇنچ كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىككە چۆمدۈردى . ئۇلارغا قىلچىمۇ نىجاتلىق بېرىلمىدى . ئۇلارنىڭ مۇقەددەس سەنئەتلىرى خاراب قىلىندى ، بۇتلىرى چېقىلدى . تېمۇر گانگ دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىغىچە بېرىپ ، ھەربىر جايدا ئۆلۈم ۋە خارابە ئىزلىرىنى قالدۇردى . ئۇ ھىجرىيىنىڭ 801 (مىلادىيىنىڭ 1399) – يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا سەمەرقەنتكە قايتتى . ئۆزى بىلەن بىرگە كۆپلىگەن ھىندىستان پىللىرى ، رەسساملىرى ۋە باشقا ئەسىرلەرنى بىرگە ئېلىپ كەتتى .
تېمۇرنىڭ ھىندىستانغا سەپىرى ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئۆتكەن موغۇل جاھانگىرلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن نادىر شاھنىڭ ھىندىگە يۈرۈشلىرىگە ئوخشاش ئىنتايىن تەنتەنىلىك ھەربى قەھرىمانلىق ۋە ئولجىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بولدى . ئەمما ھىندى ۋە گانگ بويلىرىدا تېمۇرىيلەر بايرىقىنى تىكلەش يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن داھى بابۇر مىرزىغا نېسىپ بولدى . بۇنىڭغا قارىماي ۋاقىتلىق بولسىمۇ غەلىبە تېمۇرنىڭ ئابرۇيىنى يەنىمۇ كۆتەردى . ئۇنىڭدا كۈچلۈك روم پادىشاھلىقى بىلەن جەڭ قىلىش ھەۋىسىنى ئويغاتتى . گەرچە ئۇنىڭ غەربتىكى ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ھامان مەۋجۇت بولسىمۇ ، ئەمما ئىستىلاچىلىق زېمىنىگە قۇرۇلغان پادىشاھلىق بىناسى نۇرغۇن جايلاردا ناھايىتى زەئىپلەشكەن ۋە قاششاقلىققا چۈشۈپ قالغان ئىدى . بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئوغلى مىرانشاھنىڭ ئاجىز باشقۇرۇشى ئەزەربەيجاندا ھەقلىق نارازىلىق ۋە ئىسيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى . قىسقىسى تېمۇر ئۆزىنىڭ پايتەختىدە قىسقا مۇددەت دەم ئېلىپ ، غەربىي ئاسىياغا قارىشى يېڭى سەپەرگە ھازىرلىق كۆرۈشكە باشلىدى . تېمۇر گۇناھكار ئوغلىغا شەپقەت قىلىپ ، ئۇنىڭ دوست ۋە مەسلىھەتچىلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، ھىرات ۋە قەزۋىن ئارقىلىق ئەرەكىسگە يۈرۈش قىلدى . ئەڭ ئالدى بىلەن گورجىستاننىڭ ئاسىي كىنەزى مالىك گىئورگىي بىلەن ھېسابلىشىشنى نىيەت قىلدى . بۇ بىچارە تېمۇردىن قېچىپ ، ماڭغىلى بولمايدىغان تاغ كامارلىرىدىن ۋە قەلئەلەردىن پاناھلىق ئىزدىدى . ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ھەممىلا يەردە دەككىگە ئۇچرىدى . ئۇنىڭ قەلئەلىرى ۋە پايتەختى تىفلىس ئىشغال قىلىندى . تېمۇر قىسقا لېكىن مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن ئۆزىنىڭ لەشكەرگاھىنى قاراباغنىڭ گۈزەل دالاسىغا قۇردى . تۈركىستان چۆلىنىڭ ھەربىيلىرى بۇ مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن دەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ مۇبارەك قېرىندىشى ئوسمانلى سۇلتانىغا ، يەنى سۇلتان بايەزىتقا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ قويدى . بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق : ئالدى بىلەن شەۋكەتلىك رۇمانىڭ ۋارىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ سۇلتاننىڭ ھاكىمىيىتى ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغاندەك بىلىنەتتى . يەنە كېلىپ بايەزىت تۈركمەنلەرنىڭ قارا قويۇنلۇق خانىدانى بىلەن ئىتتىپاق ئىدى . ئۇ پۈتۈن تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمى بولغانلىقى ئۈچۈن سالجۇقىيلارنىڭ پۈتۈن ئەمىرلىرىنى ئىتائەت قىلدۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىم كېرەك ، دەپ بىلەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن تېمۇرنىڭ ئۇنىڭغا نەپرىتى چەكسىز ئىدى . شۇڭا ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ھەم شەرقىدىكى تۈرك ھۆكۈمدارلىرى ئارىسىدا دەھشەتلىك ۋە ۋەھشىيانە ئۇرۇش باشلىدى . ئۇنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مۇسۇلمان ھەم ناسرانىي تارىخچىلىرى كىشىلەرنى ئاجايىب دەھشەتكە سالىدىغان ھېكايىلەرنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان . ئاخىرى بۇ ئۇرۇشمۇ تۈرك جاھانگىرىنىڭ پايدىسىغا ھەل بولدى .
ئىلگىرى تېمۇر مىسىر سۇلتانى فىروج بىلەن ھېسابلىشىشنى ئويلىغان ئىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭ ئاتىسى تېمۇرنىڭ ئەلچىسى ئەللامە ساۋەنى قەتل قىلغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ساۋەنىڭ ئوغلىمۇ ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى . تۈركلەر توساتتىن سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ ئاۋات شەھەرلىرىنى خاراب قىلدى . سۈرىيىدىكى بۇ غەلىبە تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ نىزا تۇغدۇردى . ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا ، ھىجرىيىنىڭ 805 (مىلادىيىنىڭ 1403) – يىلىنىڭ باھارىدا ، بايەزىتكە قارشى يۆنەلدى . بايەزىت كۈچ – قۇدرىتى جەھەتتىن تېمۇردىن ئانچە قېلىشمايتتى . مانا مۇشۇ باراۋەرلىك سەۋەبىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى يوقىتىشقا تۇتۇش قىلدى . ئۆزئارا ئىختىلاپنى بىتىم بىلەن ھەل قىلىشنىمۇ ئىستىمىدى ، لېكىن تېمۇر ھەم ئۇرۇشنى بەكمۇ ئىلتىماس قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى . ئۇ سىۋاستتىن قارا شەھر ئارقىلىق ئەنقەرەگە يۈردى . دەل شۇ جايدا ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا قانلىق جەڭ بولدى . ئوسمانلىلار پۈتۈنلەي يېڭىلدى . سۇلتان بايەزىت ئۆزىنىڭ ھەرىمى بىلەن غالىب تۈركنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشتى . تېمۇر بۇ شەۋكەتلىك مۇھىم غەلىبە بىلەن كىچىك ئاسىيا (ئاناتولى) نى ئىگىلىدى . شۇ يۈرۈش بىلەن ئىزمىرگە يېتىپ باردى . ئەگەر دېڭىزنىڭ شورلۇق سۈيى توسقۇنلۇق قىلمىغان بولسا ، ئۇ ياۋرۇپاغىمۇ بىر زىيارەت قىلغان بولاتتى . ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئەلنى تالان – تاراج قىلىپ ، خارابىلىققا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ ھىجرىيىنىڭ 807 (مىلادىيىنىڭ 1405) – يىلىدا سەمەرقەنتكە توققۇزىنچى قېتىملىق تەنتەنە بىلەن قايتىپ كېلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى .
يەنە شىكارلار ، تويلار ۋە تەنتەنىلىك يىغىلىشلار باشلاندى . بۇ شادىيانە يىغىلىشقا پۈتۈن ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە ياۋرۇپا ھۆكۈمدارلىرىدىن ، جۈملىدىن ئەڭ ناسرانىي ھېسابلانغان ئىسپانلار دۆلىتىدىن ۋەكىل بولۇپ دون پىيوئى گونزالىس دې كىلاۋىخو ھەم ئىشتراك قىلدى . ئۇ ئىسپانىيە كارولى ھىنرىخ تەرىپىدىن تېمۇرگە دوستلۇق ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى . تېمۇرنىڭ بەزمىلەردە ، ساراي تەنتەنىسى ئىچىدە ھايات لەززىتىگە شۇ قەدەر ئىشتىياق بىلەن بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەن كىشى ، بۇ ئادەمنىڭ ھارماس ھەربىي ئادەم ئىكەنلىكىنى زادى بىلەلمەس ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ بۇ قىسقا ۋاقىتلىق ئىستراھەتلىرى ، ئۇنىڭ قېرىغان چاغلىرىدا ئىستلاچىلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلاش ۋە غەلىبە تاجىلىرىنى يىغىش مەشغۇلاتىدىن ئىبارەت ئىدى . تۈرلۈك ئەلچىلەرنى رەسمىي قوبۇل قىلىش يىغلىشىدىمۇ تېمۇر خىتاي ئىمپىراتورىنىڭ ئەلچىسىگە ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . چۈنكى ، پۈتۈن ئاسىيانىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن شەۋكەتلىك كەمبالا (خىتاي) ھۆكۈمدارنىڭ ئەلچىسى ئۇنى يىللىق خىراجەت تۆلەپ تۇرۇشقا كۆندۈرمەكچى بولغاندا ، تېمۇر غەزەپتىن چىداپ تۇرالماي قالغان ئىدى . ھاقارەتلەنگەن ئىززەت ھۆرمىتى ئۇنىڭغا ھېچبىر ئاراملىق بەرمىدى . ئۇرۇش بولىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى . ماھىر ھەربىي قاتتىق قىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى قوراللانغان كۆپ لەشكەر بىلەن «ساماۋى چېچەكلەر پادىشاھلىقى»غا قارشى سەپەرگە چىقتى . سەمەرقەنت ئارقىدا قالدى . ھىجرىيىنىڭ 807 (مىلادىيىنىڭ 1405) – يىلى 4 – يانۋاردا ،يامان ھاۋانىڭ سەۋەبىدىن ، ئۇنىڭغا قاتتىق سوغۇق تېگىپ قالدى . ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي سىر دەريانى كېچىپ ئۆتتى . فېۋرالدا ئوترارغا يېقىن جايدا ئوردۇگاھ قۇردى ، بۇ جايدا ئۇنىڭ كېسىلى شۇ قەدەر ئېغىرلاشتى ، ساراي تىۋىپى مەۋلانا پەزلۇللاھ بىمارنىڭ ئەھۋالى ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى توختىماي سۆزلەپ تۇردى . ئۆلۈم بىلەن يۈزلەرچە قېتىم يۈزمۇيۈز تىركىشىپ كېلىۋاتقان تېمۇر ھاياتىنىڭ بۇ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ قالدى . ئۇنى قورشىۋالغان بالىلىرى ، نەۋىلىرى ھەم قورالداش دوستلىرى دۇنيادىن كۆز يۇمۇۋاتقان ئالى ھۆكۈمدار ئۈچۈن ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان پەيىتتە ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاق ۋە دوستانە ھايات كەچۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ، ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تەيىنلىگەن پىرمۇھەممەدكە ئىتائەت قىلىشنى ۋەسىيەت قىلدى . ئۇنىڭ ھوزۇرىغا نەۋرىسى مىرزا خەلىل سۇلتاننى ۋە باشقىلارنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىجازەت سوراشقان چاغدا ، ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ناھايىتى ئاز قالغانلىقىنى ئېيتىپ بۇنىڭغا سەلبى جاۋاب بەردى . ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى شاھرۇخ مىرزىنى كۆرۈپ ئالالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى تېز ھالىدىن كەتتى – دە ، ئىشارەت بىلەن موللا ھەيبەتۇللاھنىڭ قۇرئاندىن بىرەر سۈرە ئوقۇشىنى ئىلتىماس قىلدى . ھىجرىيىنىڭ 807 (مىلادىيىنىڭ 1405) – يىلى 17 – فېۋرالدا شەئباننىڭ 7 – كۈنى كەچقۇرۇن جان تەسلىم قىلدى . ئۇنىڭ جەسىدى سەمەرقەندكە ئېلىپ كېلىندى . بۇ يەردەئۆزى ئىخلاس قىلغان سەئىد بەرەكە ئۈچۈن قۇردۇرغان ھەشەمەتلىك بىنادىكى مەقبەرەگە دەپىن قىلىندى . سەئىد بەرەكە تېمۇرگە ئۇنىڭ ئىستىقبالىدىكى شانۇ شەۋكەتنى غايىبتىن خەۋەر بەرگەن كىشى ئىدى . ئەمدىلىكتە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىر گۈمبەز ئاستىدا مەڭگۈلۈك ئىستىراھەتتە ياتماقتا .
تېمۇر 72 يېشىدا (1333 – 1405) ۋاپات بولدى . ئۇ ئۆمرىنىڭ يېرىم مەزگىلىدە ماۋەرائۇننەھردە مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى . ئاخىرى پۈتكۈل مۇسۇلمان شەرقىغە ھاكىم بولدى . يېگانە شۆھرەت ، ھەربىيلەرگە خاس پەۋقۇلئاددە زېھىن ۋە قەتئىيلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۇ ناھايىتى ھەقلىق رەۋىشتە ماكىدۇنىيەلىك ئىسكەندەر ، سىزار ، چىڭگىز ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن ناپالىئون بىەلن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدۇ .
. . . تېمۇرنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ، قىلغان ئىشلىرىنى تارىخ تەرتىپى بويىچە ، كىتابنىڭ ھەجىمى كۆتەرگىنىچە ھېكايە قىلىپ ، كېيىنكى بابتا قىسقىچە بولسىمۇ ئۇنىڭ سارايلىرىنى ، پايتەختىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمىز . چۈنكى ، تېمۇرنىڭ تۈزۈمى ماۋەرائۇننەھر ئۈچۈن ئەڭ دەبدەبىلىك دەۋر بولۇپ ، تۈرك خەلقى ئۈچۈن شۇنداق نۇر بېغىشلىدىكى بەزى قەۋملەر ۋە ئەللەر ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭدىن ھارارەت ئالماقتا . جەيھۇن ۋە سايھۇن دەريالىرىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى يەرلەر تېمۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن جاھان ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى . يۈز مىڭلىغان تۈرك ھەربىيلىرى ئۈچۈن ، ئىنسانىيەت بۆشۈكى سانالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربىي ئاسىياغىچە سوزۇلغان ئۆلكىلەر ۋايىغا يەتكۈزگەن قەھرىمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى تېمۇردۇر . ئۇنىڭ بەختلىك تەلىيى بىلەن ئالدىنىپ ، كېيىن ئىستىلاچىلىق قىلىچ ئارقىلىق جەيھۇننى كېچىپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھېچبىرى ئىنسانىيەتنىڭ بۇ جەڭگىۋار ۋەتىنىدە ئۇنىڭدىن ئۇرۇش مەبۇدىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى .
دەرۋەقە ، ئەمدى ئىران ۋە ئاسىيانىڭ جاھانگىر ساھىبقىرانلىرى ئۈچۈن ئاۋالقىدەك قولايلىق يوق ئىدى . چۈنكى ، شايبانىي ۋە نادىر شاھ بۇ مەملىكەتنىڭ غەربىي جېگرالىرىنى تار دەپ بىلەتتى . ياۋرۇپانىڭ كۈچلۈك دولقۇنلۇق ئوتتۇرا ئەسىرلىرى ئەمدى تۈگىگەن ئىدى . ئۇندىكى يورۇق زاماننىڭ زىيالىلىرى گەرچە باشقىچە يول بىلەن بولسىمۇ ، يىراق شەرققە كېلىپ يەتتى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 61كۈن بۇرۇن
تېمۇرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، سارىيى ۋە تۇرالغۇ جايى

شەھىرى سەبزدە تۇغۇلغان شەۋكەتلىك ساھىبقراننىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنى ئەڭ گۈزەل بىر ئىنسان سۈپىتىدە تەسۋىرلىسە، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى شۇنچىلىك چىركىن، شۇنچىلىك يۈزسىز، نەپرەتكە لايىق، قۇتسىز قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۆزىنىڭ ۋەتەنداشلىرى ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ھېكايىلەرگە قارىغاندا، تېمۇر ئوتتۇرا بويلۇق، ئاق بەدەنلىك كىشى بولۇپ، زەخمەتلىك ھاياتىنى دائىم جەڭ – جېدەللەردە ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىماي، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە بەدىنىنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قالالىغان. گەرچە ئۇنىڭ بىر پۇتى ئاقساق بولىسىمۇ، ئۇرۇش پەيتلىرىدە ئۇنىڭ بۇخىل ئەيىبى ئانچە بىلىنمەيتتى. ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى، جەڭگە چاقىرىشلىرى ناھايىتى يىراقلارغا ئاڭلىناتتى. پەقەت يېشى يەتمىشكە يەتكەندىلا كۆزلىرى ئازراق خىرەلەشتى. ئۇ سەمەرقەندتە ئىسپانىيە ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، ئۇلار يېقىن كەلگەن چېغىدىلا تونۇيالىغانىدى. ئۇ دەۋردە تۈرك ئىرقى ئىرانلىقلار بىلەن ئازراق ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن تېمۇرنىڭ يۈزىدە ساپ موغۇل سېيماسى بار ئىدى. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان بىر تارىخچى، ئۆز قەھرىمانىنىڭ رەسىمىنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئالاقىسىز بولغان ئىران گۈزەللىكىنى نەمۇنە قىلىپ ئالغان. تۈرك ساھىبقىرانىنىڭ ساقىلىنى ئۇزۇن، مەڭزىنى قىپقىزىل، ئۆزىنى ئاق تەنلىك قىلىپ تەسۋىرلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تېمۇرنىڭ پەقەت لىباسىلا ئىران ياكى غەربىي ئاسىيالىقلارنى ئەسلىتىدۇ، خالاس. ئۇ چاغلاردا جەيھۇن ساھىلىدىكى يەرلەردە ئەدەپ ۋە ئەخلاق، مۇئامىلە بۇددا ۋە ئىسلام مۇراسىملىرىنىڭ يىغىلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە قىياپەتلىرىمۇ شۇنداق ئىدى. بىز تېمۇرنىڭ توقۇنۇشلار پەيتىدە قىممەت باھالىق ئىپەكتىن كەڭ كىيىملەرنى كەيگەنلىكىنى كۆرىمىز. ھازىرقى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئاشۇنداق كىيىملەرنى كىيىشىدۇ. بۇ كىيىملەر شۇ زاماندا مۇسۇلمان ئاسىياسىدا مەكروھ ھېسابلىناتتى. ئۇ باش كىيىمىدە موغۇل خىتاي قىياپىتىگە تەقلىد قىلغان بولۇپ، شەرەفىددىنگە (تارىخچى ش. ئەلى يەزدىنى دېمەكچى – س. ئا .) ياراشقان سەللىنى ئورىمىدى، بەلكى ئۇزۇن، ئۈستى ئۇچلۇق كىگىز بۆك كىيىپ يۈردى. بۆك ئۇچىغا ئۇزۇنچاق ياقۇت قادالغان، ئۇنىڭ ئەتراپى دۇررى – گۆھەرلەر ۋە ناياب جاۋاھىر بىلەن بېزىتىلگەنىدى. ئۇنىڭ چوڭ ۋە قىممەت باھالىق زېرەك تاقاش ئادىتى موغۇللارغا خاس ئىدى. ئۇ ئومۇمەن زاھىرى زىننەتلەرگە ۋەچوڭ سۈپەت كۆرۈنۈشكە ئېتىبار بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق داۋام قىلغان ساھىبقىرانلىق ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا، يوقىتىشلارغا بەرداشلىق بەرگەن ۋە دائىم سىپارتالىقلارغا ئوخشاش ساددىلىقىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەبىئىي سۈپەتلىرىدىكى بۈيۈك قىرلار شۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئۇ ياشلىقىدا ئاتىسىنىڭ ياكى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ تەلقىنلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ھاياتقا ئىسلام ۋە تەسەۋۋۇپ نەزىرىدىن قارىغانىدى. ئۇنىڭ قەتئىي جەڭگىۋار روھى، چەك – چېگراسىز يېگانە رىياسىتى ھەمىشە بۇ سۈپەتلىرى بىلەن يوشۇرۇن كۈرەشتە ئىدى. ئاخىرقى سۈپەتلىرى غالىب كەلگەن بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزى شۇنداق دەيدۇ: «ھاكىمىيەتنى پەقەت قىلىچ ئارقىلىقلا تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ». ئۇ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسفاھاننى تالان – تاراج قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن ۋاقتىدا، ئۆلىمالار مەھەللىسىگە شەپقەت قىلىشنى ئەمىر قىلغان؛ ھىرات ۋە ھەلەب ئۆلىمالىرى بىلەن بولسا، دىنىي مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزگەن. ئۆزىگە ئوخشاش قاراشتا بولمىغان (باشقىچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) كىشىلەرگە شاھانە ھەدىيىلەر بەرگەن. مەلۇمكى تېمۇر ئەللامە شەرەفىددىن ھەلەبى بىلەن ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرە قىلغان. ئاخىر ئۇنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىپ، ئۆزى ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرىغا قىممەتلىك سوۋغىلارنى بېرىشنى بۇيرۇغان، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى. ئۇ ئېسىل تون ۋە باشقا سوۋغىلار بىلەن ئەللامە شەمسىددىن قازىنى، جەزىرىيىنى ۋە مەشھۇر شەيخ بۇخارىينى ئۆز تەرىپىگە جەلپ قىلىشقا ئىنتىلگەن. ھالبۇكى ئۇلار تېمۇرنىڭ ئاشكارا دۈشمەنلىرى ئىدى. ئۇ قايسى مەملىكەتنى ئىگىلىسە، ئۇنىڭ ناياب ئولجىسى — شۇ ئۆلكىنىڭ رەسساملىرى، ماھىر ئۇستىلىرى ھېسابلانغان كىشىلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ بۇرسا كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى يۈك توشۇيدىغان ھايۋانلارغا ئارتىپ، سەمەرقەندگە ئېلىپ كەتكەن. ئاشۇنداق كىشىنىمۇ ۋەھشىي ۋە مەرھەمەتسىز دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ بولۇپمۇ تېمۇرنى چىڭگىز بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ، ئۇنى ۋەھشىي، زالىم، قاراقچى دەپ ئاتىغان كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى ئىككى تەرەپتىن خاتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئاسىيا سەركەردىسى ئىدى. ئۆزىنىڭ غالىب ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىرىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە پايدىلانغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى، بولۇپمۇ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن گۇناھ دەپ قارالسا، دائىم بىرەر جىنايەتكە جازا بېرىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. توغرا، جازا قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن ئادالەتلىك بولغان. ئىسپاھان ۋە شىرازدا ساتقۇنلۇق سەۋەبى بىلەن قەتل قىلىنغان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان.
... تۈرك ۋە ئەرەب قوۋملىرىدىن بولغان بارلىق جاھانگىرلار ۋە پاتىھلارغا ئوخشاش تېمۇردىمۇ ئۆز ۋەتىنىگە نىسبەتەن ئۆزىگە خاس تەرەپدارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن غەربىي ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي مەركىزىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمدى ئاجىزلىشىپ قېلىۋاتقان ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىنى تۈركىستان چۆللىرىنىڭ يۇمشاق تۇپراقلىرىغا كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراش مۇمكىن، لېكىن ئۇنى جىنايەت دەپ ھېسابلىماسلىق كېرەك.
تېمۇرنىڭ ئاشۇ مەسلىكى ئۇنىڭ قەدىردان ۋەتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۇزاققىچە مېۋە بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. كەمبالا، غەزنە، بۇخارا سارايلىرىدا ۋە باشقا سۇلالىلەرنىڭ پايتەختلىرىدە ھېچقاچان سەمەرقەند سارىيىدىكىدەك دۆلەت ۋە بايلىق توپلانمىدى. بۇ يەردىكى دۆلەت ۋە شەۋكەت ئىسراپ قىلىنمىدى. تېمۇرنىڭ بايلىقى ۋە تويلىرى توغرىسىدا شەرەفىددىننىڭ ھېكايە قىلغانلىرى ئالدىدا تاتار ئىمپېراتورى (چىنگىز – س. ئا .) سارىيىنىڭ كۆز قاماشتۇرىدىغان گۈزەل لەۋھەلىرى ئاجايىپتۇر. خرىستىئان ئەلچىسى دون رىيوئى گونسالىس كىلاۋىخۇ ئۇ لەۋھەلەرنى ئاجايىپ گۈزەل تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ ھەممە نەرسىنى كۆرگەن، چۈنكى ئۇ تېمۇرنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىدە بولغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇنداق يۈكسەك ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىنى تېمۇرنىڭ رەسمىي قوبۇل پەيتىدە سۆزلىگەن تۆۋەندىكى سۆزىمۇ تەستىقلايدۇ. تېمۇر ئۆز ۋەزىرلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېگەن: «قاراڭلار، مانا، ئوغلۇم — ئىسپانىيە كارولىنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ ئىسپانىيە كارولى، دۇنيانىڭ ئەڭ چېتىدە تۇرىدۇ ۋە پۈتۈن پەرەڭنىڭ ئەڭ بۈيۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار — پەرەڭلەر ھەقىقەتەن ئۇلۇغ خەلق. ئوغلۇم، مەنمۇ ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئۆز ئېھتىرامىمنى بىلدۈرۈشنى ئىستەيمەن».
بىز سەمەرقەند سارىيىنى تەرىپلىگەندە، ئۆزىمىزگە ھۆججەت قىلىپ، ئالىيجاناب ئىسپانىيە بەگزادىسىنى تاللىدۇق ۋە ئۇنىڭ خاتىرىلىرىگە سۆيۈنۈپ، ساراي ئادەتلىرى، مۇراسىملىرى ۋە نەپىس ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز يۈرگۈزىمىز. تېمۇر ئۆز سەلتەنەت تەختىنى قانچىلىك مۇنقەرزلىككە ۋە خارابىلىققا ئۇچرىغان خاندانلار ھەمدە مەملىكەتلەر زېمىنىغا قۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىكى ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە مۇراسىملارنى ئۆز سارىيىدا توپلىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. ساراي ئەئيانلىرىنىڭ يىپەك، دۇخاۋا ۋە ئەتلەس كىيىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى ئاساسىدا تىكلىگەنىدى. سارايدىكى ئاياللارنىڭ لىباسى خۇسۇسەن بۆرك، شاكىلا قەدىمكى خارەزم قىزىل كىيىم (قەبا — س. ئا .) كىيەتتى. ئۇ كىيىمنىڭ ياقىسى بوينىنى قىسىپ تۇرىدىغان، يەڭسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئارقا ئېتىكى ناھايىتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن مەخسۇس مۇلازىملار كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈشەتتى. ئۇلارنىڭ سانى بەزىدە ئون بەش كىشىگە يېتەتتى، يۈزىگە ھىجاپ تۇتاتتى. سەپەردە چاڭ – توزاندىن ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈزىگە ئاق قوغۇشۇن شەكىلدىكى ئۇپا – ئەڭلىك سۈركەيتتى. قىزىل موۋۇتتىن دۇبۇلغىغا ئوخشاش ئۇچلۇق قالپاق كىيىشەتتى. قالپاق ئۈستى قىزىل ياقۇت، زەبەرجەت، دۇرلار بىلەن بېزىتىلگەن، ئەتراپىدا چىشلىق قاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن گويا ئاق پەرلەر «تۆكۈلۈپ» تۇراتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تاكى كۆزلىرىگىچە چۈشۈپ، ماڭغان چېغىدا ھەرىكىتى بىلەن يۈزىگە ئالاھىدە گۈزەللىك بېرىپ تۇراتتى. تېمۇر سارىيىنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاياللارمۇ كىچىك ئاسىيانىڭ ناھايىتى قىممەتلىك جاۋاھىراتلىرى ھەم ئىسفاھان، مولتان، گەنج، دەمەشىق، بۇرسا، ۋېنىتسىيە زەرگەرلىرىنىڭ نەپىس بۇيۇملىرى بىلەن ئۆزلىرىگە زىننەت بېرەتتى. ئەرلەرمۇ ئېسىل تاشلار بىلەن زىننەتلەنگەن قوراللار ۋە كەمەرلىرىنى كۆز – كۆز قىلىشىپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك كۆپ بايلىق، ئالتۇن ۋە كۆمۈش ساۋۇتلار بىلەن يۈرۈشەتتى. كىلاۋىخۇ چېدىر ئىچىدە كۆرگەن چوڭ بىر ئالتۇن ساندۇقنى تۆۋەندىكىچە تەسۋىرلەيدۇ: ئۇنىڭ ياپىلاق قاپقىقىنىڭ يېشىل ۋە كۆك مىنو ئىمالدىن ئىشلەنگەن كىچىك قۇببىلىرى ئاجايىپ جاۋاھىرلار ۋە ئۈنچىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئىشىككە ئوخشاش. ئىچى بىرنەچچە قەۋەت قىلىپ دۇررى – گەۋھەرلەر بىلەن ياسالغان. ئالتە دانە ئالتۇن يامبۇ، ۋە باشقا قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزىتىلگەن. بۇ ساندۇقنىڭ يېنىدا ئېگىزلىكى بىر مېتىرچە كېلىدىغان ئالتۇن خانتاختا بار. ئۇنىڭ ئەتراپى جاۋاھىرلار بىلەن بېزەلگەن. ئۈستىدە ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر زەبەرجەت بولۇپ، ئۇ پۈتۈن خانتاختىنى ئىگىلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئەمەن شەكلىدە ياسالغان بىر ئالتۇن دەرەخ بولۇپ ئۇنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنىڭ ئايىغى چوڭلۇقىدا، ئەتراپقا يېيىلغان شاخلىرى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان. بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ئورنىدا ناھايىتى كۆپ، قىزىل ياقۇت، زەبەرجەت فىروزە، سافىر ۋە ئاجايىپ ئېسىل دۇررى – گۆھەرلەر شاخلارغا ئېسىلغان. يوپۇرماقلىرى ھەرخىل رەڭلەردىكى مىنو بىلەن ئىشلەنگەن، پۇتاقلىرىغا ئالتۇن قۇشلار قوندۇرۇلغان. شاھزادىلەرگە بېرىلىدىغان سوۋغاتلار يوغان كۈمۈش تاۋاقلارغا سېلىنىپ تەقدىم قىلىنىدۇ. شاراب يىغىلىشلىرىغا كۆپىنچە مىڭلارچە كىشىلەر قاتنىشىپ، شارابلار ئالتۇن لېگەنلەرگە قويۇلغان تىللا قەدەھلەر ئارقىلىق سۇنىلىدۇ. تېمۇر سارىيىدا پەۋقۇلئاددە تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇراسىملار تېمۇرنىڭ سەلتەنەتلىك دۆلىتى ھەققىدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزغا يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايمىز.
بىزنىڭ راۋىيمىز (كىلاۋىخو — س. ئا .) تېمۇر سارىيىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى ئەۋج ئېلىپ كامالەتكە يەتكەن دەۋردە زىيارەت قىلغان بولۇپ، شەمەرقەند ئەتراپىدىكى كانىگۇل چۆلىدە، چېدىرگاھىدا توي ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتلەردە كۆرگەن ئاجايىباتلارنىڭ ھەممىسىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. تۈركلەر ھەر دائىم يەڭگىل چېدىرلاردا ھايات كەچۈرەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بايلىقلىرى، نام – شۆھرەتلىرى زىبۇ زىننەتلىرى بۇ كۆچمە يۇرتلاردا كۆزگە ئېنىقراق كۆرۈنەتتى. تېمۇر پۈتۈن يەر يۈزىدىكى تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكى، ئەڭ شەۋكەتلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ چېدىرلاردا شۇ چاغقا قەدەر كۆرۈلمىگەن شانۇ شەۋكەتلىك ھەقىقىي زىننەت ۋە ھەشەمىتىنى، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر مىلچە سوزۇلغان زەرەپشان ۋە سانسىز ئېرىقلار بىلەن سۇغۇرۇلىدىغان چۆلدە ئۆتكۈزۈلگەن توي مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن كىشى ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك. بۇنداق چېدىرگاھ ئون – ئونبەش مىڭدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلاردا ساراي ئەھلى، ۋەزىر – ۋۇزۇرالاردىن باشقا، ئاھالىنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىمۇ ئورۇنلىشاتتى. بۇ يەردە شەھەرلىك بارلىق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ نامايەندىلىرى ھازىر بولغان بولۇپ، ئەڭ مالدار دۇكانلار ئېچىلاتتى. ھۈنەرۋەنلەر ئۇ يەرگە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇراتتى. ھەتتا ھامماملارغا ئوخشاش مۇنچىلار ياسىلاتتى. ئاۋۋال پادىشاھ سارىيى ئۈچۈن چېدىر قۇرۇلغان بولۇپ، چېدىرگاھ ئوچۇق سايىۋەن شەكىلدە ياسالغان ۋە ساراي چېدىرلىرىنىڭ مەركىزى قىسمىغا ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا چېدىرلار تىكلەنگەن بولۇپ، ھەربىر ۋەزىر ۋە ھەربىر تۈمەن غازى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ قەيەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئەمەل – ئۇنۋانىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھېچقانداق نائېنىقلىققا يول قويۇلمايدۇ. گۈزەل كانىگۇل چۆلى قىسقا بىر مۇددەتتە ئۆزىنىڭ چېدىرلىرى ئۈستىدىكى بايراقچىلىرى بىلەن بىپايان لالىزارلىققا ئوخشاش ئەل ۋە ئولۇسى بىلەن ياشناپ تۇرغان ئاجايىپ كاتتا گۈل باغچىسىغا ئايلانغانىدى. چېدىرلارنىڭ كۆپ قىسمى دائىرە شەكىللىك چىرايلىق كىگىزلەردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ تەرەپلەردە ھازىرمۇ ئاشۇنداق چېدىرلار ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى چېدىرلاردىن باشقا ئارىلاپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەرەبى ئىبراھىمى چېدىرلىرى، ئىرانىي ئەلا سەراپەردىلەر (ھىجابى سارىيى) ھەم ئۇچرايدۇ. كاستىلىيەلىك ئالىيجاناب مېھمان ئاشۇ چېدىرلارنىڭ بىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدى. تۆت بۇرجەكلىك شەكىلدىكى بۇ چېدىرنىڭ كەڭلىكى يۈز قەدەم، ئېگىزلىكى ئۈچ نەيزە بويى كېلەتتى. كۆشۈك شەكىلدىكى ئوتتۇرا قىسمى كۆك رەڭلىك ۋە ئادەم بەدىنى چوڭلۇقىدىكى ئون ئىككى دانە ئالتۇن تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. چېدىر تۆپىسىدە يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى رام بولۇپ، ئۈستىگە تارتىلغان گۈزەل يىپەك پەرىلەر شامالدا يەلپۈنۈپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرەتتى. بۇنىڭغا شۇنى ئىلاۋە قىلىش مۇمكىنكى، كۆشۈكنىڭ ھەممە تەرىپىدە چوڭ ئىشىك بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىرى مەخسۇس كېشىكىكە بەش يۈزدىن ئارتۇق يىپەك يىپلار بىلەن مەھكەم باغلانغانىدى. كۆشۈكنىڭ تاشقىرى تەرىپىگە قارا، سېرىق، ئاق رەڭ بېرىلگەن؛ ئۇ خۇددى چوغدەك قىزىل گىلەم ۋە ھەرخىل رەڭدىكى يىپەك گۈللەر بىلەن بېزەلگەنىدى. يان تەرەپلىرىدىكى يېرىم قوۋۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تۆت بۇرجىكىدە قارا قۇشلار قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچماقتا. تۆت بۇرجەكتىكى تۈۋرۈكلەر مەلۇم دائىرە ۋە يېڭى ئاي رەسىملىرى بىلەن بېزىتىلگەن. بەشىنچى مەركىزى تۈۋرۈككىمۇ ناھايىتى چوڭ ھەجىمدىكى شۇنداق بېزەكلەر ئىشلەنگەن. يىراقتىن خۇددى سارايغا ئوخشايدىغان بۇ كۆشۈك مۇنارلار بىلەن زىننەتلىنىپ، ئېگىز تاملار بىلەن ئىھاتە قىلىنغانىدى. پادىشاھنىڭ خوتۇن – قىزلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئالىي دەرىجىلىك چېدىرلار تىكىلگەنىدى. ئۇلار سېرىق رەڭدە، ئالتۇن نەقىشلەر بىلەن يىپەكتىن تىكىلگەن بولۇپ، تاشقى تەرىپىگە بولسا ئۇقىلار تۇتۇلغانىدى. ھەممىسىنىڭ ئىشىكلىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىچىگە ئات مىنىپ كىرىشكىمۇ بولىدۇ. چېدىرلارنىڭ ھەممىسى دېرىزىلىك بولۇپ، چېدىرنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يىپەك تارتقۇچىلار بىلەن دېرىزىلەر ئېچىلىپ يېپىلىدۇ. دېرىزە پەردىلىرى ئاجايىپ پۇختا ۋە گۈزەل يىپەك رەختلەردىن تىكىلگەن ۋە ئىنتايىن ئالىي دەرىجىلىك ماتېرىياللاردىن تەييارلانغان. بۇلار پەقەت گۈزەللىك ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي مۇھىمى قۇياش تازا قىزىغان مەزگىلدە چېدىرنى كۈن نۇرىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. توغرا، ئەڭ ئەل سۈپەتلىك نەرسىلەر، ھازىرقى زاماندىكىگە ئوخشاش قۇتىلاردىكى خاللار ۋە ئىشكلەردىكى بېزەكلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. تېمۇرنىڭ بۇرسادىن ئەكەلتۈرگەن بىر دەرۋازىسىدا خاۋەرىيلەردىن (ئاپۇستوللاردىن) پېتىر ۋە پولنىڭ رەسمىي بار ئىدى. كېيىنكىلىرى بولسا قىممەت باھالىق تاشلار بىلەن بېزەلگەن ئېغىر ئالتۇن ۋە كۈمۈش سىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئوقۇرمەنلەرگە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ چېدىرلاردا شاھانە مېھماندارچىلىق ۋە شارابخورلۇقلار ئۆتكۈزۈلەتتى. بىزدە تۈرك تائاملىرىنىڭ تەپسىلىي رويخېتى يوق. لېكىن ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئايرىم رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەڭ ئەتىۋارلىق تائاملار — قوي گۆشىدىن تەييارلانغان قورۇمىلار، ئات گۆشى، ھازىرقىغا ئوخشاش ئېتىلىدىغان پولۇ، خېمىر تائاملىرى، فەۋا (مېۋىلىك تورت) ۋە چۈچۈك لاچىرە ئىدى. ئەڭ لەززەتلىك غىزا ئاتنىڭ توغرالغان سان گۆشى ھېسابلىناتتى. ئۇنى ئالتۇن ۋە كۈمۈش لېگەنلەردە ئېلىپ كىرەتتى. ماھىر ئۇستىلار تەرىپىدىن ھازىرلانغان قورۇمىلار چەرم دەستۇرخانلارغا قويۇلاتتى. پادىشاھ بىرىنچى لوقمىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەتراپتىكىلەرگە رۇخسەت قىلىناتتى. توغرالغان گۆشتىن ئىبارەت غىزا ئەتىگەنلىك تاماقتا بېرىلەتتى. ياز پەسلىدە، ئادەتتە تاماق بىلەن بىللە قوغۇن ۋە ئۈزۈم قويۇلىدۇ، كېيىن شاراب تارتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئادەتلىرىگە ئاساسەن، شارابخورلۇق پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق كىشى، ئۆي ئەزالىرى ھەتتا مېھمانمۇ شاراب ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. شاراب، چاغىر، بوزا، شېكەرلىك قايماق ۋە قىمىز قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىق ئىچىملىكلىرى ھېسابلىناتتى. شاراب ھەممىدىن بۇرۇن تارتىلاتتى. بەزمىنىڭ باشلىنىشىدا ساقىيلار شاراب ئۇزۇتىدۇ. ئۇلار تىزلىنىپ تۇرۇپ بىر قولىدىكى لېگەن بىلەن قەدەھ تەقدىم قىلىدۇ، ئىككىنچى قولىدا يىپەك ياغلىق تۇتۇپ، مېھماننىڭ لىباسىغا شاراب تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ.
ئادەت بويىچە، قەدەھلەر بىر قانچە قېتىم تۇتۇلغاندىن كېيىن، تەكلىپ توختىتىلىدۇ ۋە چوڭ قەدەھلەر قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ قەدەھلەرنى تېمۇرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن كۆتۈرىدىغان ئادەم ئاخىرقى تامچىسىنىمۇ قالدۇرماي ئىچمىكى لازىم. ئاسىيادا شۇ چاغلاردىمۇ شاراب ئىچىشتىن مەقسەت ھازىرقىغا ئوخشاش كەيپ قىلىش ئۈچۈن ئىدى. پەقەت تېمۇرنىڭ تەڭداشلىرى ۋە ياكى زامانداشلىرى تاماق يېيىش ۋە شاراب ئىچىشتە ئاجايىپ ماھارەتلىك ئىدى. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەست بولۇپ يەرگە يىقىلسا، ياكى غەلىتە قىلىقلارنى قىلىشقا باشلىسا، ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى. «تونۇشلۇق» مەست كىشىلەر بولسا، كەڭ مەيداندا بولغانغا ئوخشاش باتۇر نامىغا ئىگە بولاتتى. تۈركلەرنىڭ ھېسسىياتىغا پەقەت چوڭ نەرسىلەرلا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دوستۇرخانغا پۈتۈن قورۇلغان ئاتلار ۋە ناھايىتى يوغان چاغىر كۈپلىرى قويۇلغاندىن كېيىنلا بەزم يىغىلىشى ئەڭ ئەلا بولغان ھېسابلىناتتى. كىلاۋىخونىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئۈچ چېلەك چاغىر سىغىدىغان بۇ يوغان كۈپلەرنىڭ ناھايىتى كۆپى تېمۇر چېدىرىنىڭ ئالدىدا تىزىلىپ تۇراتتى. باشقا چېدىرلارنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا شاراب ياكى شېكەرلىك سۈت بىلەن لىق تولدۇرۇلغان كۈپلەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. مۇئەييەن ۋاقىتلاردىلا ئۇلارنى ئىچىش ئۈچۈن كىشىلەر تەكلىپ قىلىناتتى.
مەلۇمكى، بۇ يەردە قىزىقچىلار، كۆز باغلىغۇچىلار، داۋازلار دېيەرلىك ئاز ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھىندىستاندىن، كەشمىردىن كېلەتتى. تويلارغا قاتناشقان خانىملارنىڭ ھەممىسى ھىجابسىز ئىدى. مەلىكىلەر ئاممىغا رۇخسەت قىلىنغان بەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇراتتى. ئۇنىڭغا ئەرلەر، ھەتتا نەسرانىي ئەلچىلەرمۇ قاتنىشاتتى. ئىسلام ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرمۇشى بىلەن تونۇش كىشىلەرگە بۇ غەيرىي تەبىئىي تۇيۇلىدۇ. ئىسپانىيە ئەلچىلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، بىز مىرانشاھنىڭ خوتۇنى كاتتا مېھمانلارنىڭ ئومۇمىي يىغىلىشىدا بەرگەن بىر زىياپەت ئەھۋالىنى بىلىمىز. ئۇ قىرىق ياشلىق سېمىز بىر خانزادە ئىدى. تۈرك گۈزەللىرى بۇ يىغىلىشتا شاراب تەسىرى بىلەن ناھايىتى خۇش چاقچاق سۆھبەت قۇرۇشتى. بۇ زىياپەتتە ياش يىگىتلەر ۋە چوڭ باھادىرلار ساقىي بولۇپ خىزمەت قىلدى. باشقا بىر چاغدا يەنە پادىشاھ ئايىم، يەنى تېمۇرنىڭ چوڭ خوتۇنى موۋۇت تاملار بىلەن ئورالغان، ئالتۇن نەقىشلەر ۋە يېزىقلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك چېدىردا كاتتا توي قىلدى. خوتۇنلارغا شاراب تۇتۇش يەنىمۇ نازاكەتلىك بولاتتى. بىرى ئالتۇن كوزا، باشقىسى ئالتۇن قەدەھ ھەم ئالتۇن دەستە تۇتاتتى. ئۇلار ئۈچ قېتىم تىز چۆككەندىن كېيىن خوتۇنلار يېقىن كېلىشەتتى؛ ساقىي بېشى مەلىكىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوللىرىغا رومال ئوراپ ئالاتتى. لېكىن بۇ قىسمەن تەكەللۇپ، تېمۇر سارىيىدىكى لاتاپەتلىك جىنىسنىڭ بەزمە يىغىلىشىدىن مەست بولۇش ھالىتىگە يېتىشىگە چەك قويۇلمايتتى. نىھايەتكى، ئىراننىڭ نازاكەتلىك خانىملىرى ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشىدۇ.
تېمۇر ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتنى، ھەربىر خۇشاللىق ۋەقەنى مېمارچىلىق ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىلەن خاتىرىلەشنى قارار قىلغانىدى. شۇ مەقسەتتە ھىندىستاننىڭ يۈزلەرچە ماھىر خىش پىشۇرغۇچىلىرىنى، شىرزا، ئىسپاھان ۋە دەمەشىقنىڭ مەشھۇر ھۈنەرۋەنلىرىنى ماۋەرائۇننەھرگە ئېلىپ كەلگەنىدى، ئۇلار گۈزەل ئىمارەتلەرنى قۇردى. مۇسۇلمان ئاسىياسى ئىككى يۈز يىل مابەينىدە تۈرك قوشۇنلىرىغا لەشكەرگاھ بولغىنىغا، بۇ قىتئەدە — تېمۇر سەلتەنەتىدە ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى ھەيرەتكە سالغان رەسساملار، مېمارلار ۋە باشقا سەنئەت ئەھلى دائىم ئىجاد قىلغانلىقىغا مەزكۇر ئىمارەتلەر گۇۋاھتۇر. شۇقەدەر ۋەھشىي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن جاھانگىرنىڭ قەلبىدە گۈزەللىك ۋە يۈكسەكلىككە نىسبەتەن مۇھەببەت شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، بۇنىڭغا ئۇنىڭ دەۋرىدە يارىتىلغان سەنئەت ۋە مېمارچىلىق ئەسەرلىرى دەلىل بولالايدۇ. تېمۇر گەرچە ئۆز مەملىكىتىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە بىنالار قۇرۇشقا ئەمىر قىلغان بولسىمۇ، مەسىلەن تەبرىزدە مەسچىت، شىرازدا ساراي، باغدادتا مەدرىسە، ھەزرەت تۈركىستاندا مەشھۇر شەيخ ئەخمەت يەسەۋى قەبرىسى ئۈستىدە مەقبەرە بىنا قىلدۇرسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بۈيۈك ساخاۋەت ۋە ھىممىتىنى كىش ۋە سەمەرقەندتە ئالىي ئەسەرلىرىنى قۇردۇرۇشتا كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئىستىراھەتگاھى بولۇشقا تايىن قىلىنغان بىرىنچى شەھەردە، ئاتىسىنىڭ قەبرى ئۈستىدە ئالىي مەقبەرە بىنا قىلدۇردى. تۇنجى ئوغلى جاھانگىرغا مەقبەرە بىلەن بىرگە مەسچىت قۇردى. بۇ مەسچىتنىڭ كەڭ ھويلىسىدا موللىلار پاراۋان ياشاپ، مەرھۇملارنىڭ روھىنى شاد قىلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن مەشغۇل بولدى. تېمۇر غەلىبىلىرى ۋە بەختىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە كىش شەھىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەنىۋى مەركىزىگە ئايلاندۇرغانىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر «قۇببەتۇل ئىلمۇل ئەدەپ» ئۇنۋانىغا ئىگە بولدى. خارەزمدىكى مەشھۇر مەدرىسىلەرنىڭ مۇدەررىسلىرى، بۇخارا ۋە پەرغانە ئۆلىمالىرى ئۇنىڭ تاملىرى ئارقىسىدا ھىجرەتتە ياشايتتى. تېمۇر ئۆزىنىڭ پايتەختىنى شۇ يەردە قۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، گۈزەل ئاقساراينى بىنا قىلدۇردى. ئون ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا بىنا قىلىنغان بۇ ساراي ئىران مېمارلىرىنىڭ خالىس ئىشىدۇر. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسلۇب مېمارچىلىقىغا، ئېنىقراقى غەربىي ئىسلام ئۇسلۇبىغا سادىق بولۇپ، ئىمارەت پەشتىقىغا دائىر ۋە قۇياش ئالامىتىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇران ئىشغالىيەتچىسىنىڭ ئىقامەتگاھى ئىران شاھلىرىنىڭ ئالامەت بەلگىلىرى بىلەن بېزىتىلگەنىدى. تېمۇرنىڭ ئالامەت بەلگىسى مۇنداق تەرزدە ( ) قويۇلغان ئۈچ ھالقىدىن ئىبارەت ئىدى. شوئارى «رۇستى – راستى». بۇ ئىبارە «كۈچ – ئادالەتتە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئالامەت ئۇنىڭ ئۈچ ئىقلىمدا، يەنى شىمال، جەنۇب ۋە غەربتە ھاكىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. بۇ ساراينىڭ (شۇ دەۋرلەردىكى باشقا ئىمارەتلەرنىڭمۇ) ئەڭ كۆركەم ۋە ئالىي مەقامىنى ئۇنىڭ پەشتىقى تەشكىل قىلىدۇ. پەشتاق پۈتۈن ئىمارەتنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئىگىلىگەن، چوڭ شەكلى يېرىم ئايغا ئوخشايدۇ. خىتاي كاھىشلىرى، ئەرەبى نەقىشلەر، گۈللەر ۋە ئويمىكارلىق بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇ كاھىشلار كاشان شەھىرىدە ياسالغانلىقى ئۈچۈن كاھىشى دەپ ئاتالغان ۋە ھازىرمۇ مۇشۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. تامنىڭ سىرتقى تەرىپى كۆك ۋە ئالتۇن رەڭگىدىكى ئەرەبى نەقىشلىك كاھىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي دەرىجىلىك كاھىشلاردىن ئىبارەت. بۇ بىنا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە گۈزەلدۇر.
مەرۋى زامان بىلەن سەمەرقەند كىشكە تەڭ كېلەتتى. دەرۋەقە، سەمەرقەند تېمۇرنىڭ پايتەختى بولدى ۋە ئۆزىنىڭ كەڭلىكى، ئەھمىيىتى ۋە گۈزەللىكى بىلەن بۈيۈك شەھەرلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئىسپانىيە ئەلچىلىرىنىڭ رىۋايىتىچە، سەمەرقەند ئىشبىليە (سىۋىلىيە) دىن كەڭرەك ئىدى. لېكىن بۇنىڭدا ئارك بىلەن قەلئە، يەنى شەھەرنىڭ ئىچكى قىسىمىلا ئېتىبارغا ئېلىنغان. ئەمما شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ھەشەمەتلىك قىسمى تاشقىرىدا بولۇپ، بىر يېرىم ۋە ئىككى مىلغا سوزۇلىدىغان باغلار، ئۇلاردىكى سەيلىگاھلار ۋە خاقان ئويۇن – كۈلكە قىلىدىغان جايلار (ئىشرەتخانا) ھېسابقا ئېلىنمىغان. شەرق تەرەپتە «دىلكۇشا» سارىيى بار بولۇپ، شەھەرگە قارىغان ئىشىكىگە «دەرۋازەئى فىروزە» دېگەن خەت ھەل بىلەن ئىنتايىن چىرايلىق يېزىلغان. بۇ ساراينىڭ كەڭ، چوڭ ئاسمان ۋە يۇلتۇزلۇق كاھىشلار بىلەن بېزەلگەن پەشتىقى ناھايىتى يىراقتىن يالتىراپ تۇراتتى. ساراينىڭ سىرتقى ھويلىسىدا خاقان سارايلىرى بار، بۇنىڭدا قوراللانغان ئەسكەرلەر تۇرىدۇ. ئىچكى ھويلىدا بولسا بايراق ۋە تۇغلار بىلەن بېزەلگەن ئالتە پىل سېپى زىيارەتچىلەرنى ھەيرەتكە سالىدۇ؛ پەقەت ئەڭ ئىچكەركى — ئۈچىنچى ھويلىدا تېمۇر ئالتۇن نەقىشلىك تەختتە ئولتۇرۇپ، زىيارەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ھويلىلارنىڭ تاشقىرىسىدا ھازىرقى ئىراندىكىگە ئوخشاش ئالما ۋە چىنار دەرەخلىرى بىلەن ئىھاتە قىلىنغان كۆللەر بار، كۆلدىكى سۇلاردا قىزىل ۋە سېرىق ئالمىلار لەيلەپ ئويناپ تۇرىدۇ.
جەنۇب تەرەپتە «باغى بىھىش» سارىيى بار بولۇپ، ئۇ گۈزەل مېمارچىلىق ئۇسلۇبىدىكى شادلىقنى ئاشۇرىدىغان بېغى مەشھۇر. شەرەفىددىننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، خەندەك بىلەن ئورالغان سۈنئىي تۆپىلىك ئۈستىگە تەبرىزنىڭ ساپ ئاق مەرمەرلىرىدىن ياسالغان بىرنەچچە كۆرۈكلەر شۇ باغقا تۇتاشتۇرۇلغان، تۆپىلىكنىڭ بىر تەرىپىدە ھايۋاناتلار باغچىسىمۇ بار. تېمۇر بۇ ساراينى ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى – مىرانشاھنىڭ قىزىغا ھەدىيە قىلغانىدى. ئۇ بۇ نەۋرىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ خىلۋەتخانىسىدا (ئېرمىتاژىدا) ئۆتكۈزەتتى. «باغى چىناران» مۇ شەھەرنىڭ شۇ قىسمىدا ئىدى. گۈزەل يوللىرى، بۇ يوللارنى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرغان كۆركەم چىنارلىرى بار ئىدى. بۇ باغ ئىچىدىكى سۈنئىي تۆپىلىك (تاغ) ئۈستىدە سەلب شەكىلدىكى قەسىر قەد كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ سىرتى شام نەققاشلىرىنىڭ ماھىرلىق بىلەن ياراتقان ئىجادىيىتى بىلەن، ئىچكىرىسى گۈزەل سۈرەت ۋە لەۋھەلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن لىق تولدۇرۇلغانىدى. مەسىلەن: ئېغىر كۈمۈش قۇببىلار، تەختلەر ۋە باشقا قىممەت باھا ئەشيالار چۆچەكلەردىكى ئاجايىباتلارنى ئەسلىتەتتى.
يەنە «باغى شامال» بىلن «باغى نەۋ» سارايلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. بۇ سارايلار توغرا تۆت بۇرجەكلىك شەكىلدە بولۇپ، ھەربىر تەرىپى بىر يېرىم مىڭ قەدەم. ئۇنىڭ مەرمەر گۈللىرى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولۇپ، يەر يۈزى قارىياغاچ ۋە پىل چىشىدىن ئىشلەنگەن كاھىشلىق ئىدى.
سەمەرقەندنىڭ شەۋكەتلىك دەۋرىدىن قالغان ئاسار ئەتىقىلىرى ھازىرقى زەئىپ ھالىتى بىلەن قىياس قىلىنسا، بۈگۈنكى ھەيۋەتلىك بىنالارنىڭ تەۋسىيىلىرى مۇبالىغىلىق تۇيۇلمايدۇ. سۇلتان خۇداۋەندە تەرىپىدىن سۇلتانىيەدە يۈز يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان مەسچىتنىڭ گۈزەللىكى تېمۇر تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ھازىرقى سەمەرقەندنىڭ خارابىلىرى ئۈستىدە قەد كۆتۈرگەن «مەسچىت شاھ»نىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشى بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. بابۇرنىڭ تەۋسىپىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ پەشتىقىغا قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچىلىك يىرىك ھەرپلەر بىلەن پۈتۈلگەنلىكى، ئۇنى بىر مىل، ھەتتا ئىككى مىل يىراقلىقتا تۇرۇپ ئوقۇغىلى بولاتتى.
مېمارچىلىقنىڭ ئاشۇنداق ئۇسلۇبىدا كېيىنرەك قۇرۇلغان بىنالار مەسىلەن، ئىسپاھان ۋە مەيدانشاھتىكى مەسچىتى كەبىر، قۇم ۋە مەشھەتتىكى زىيارەتگاھلار تېمۇرنىڭ ھىممىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىمارەتكە نىسبەتەن پەقەت ئۇنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. كېيىنكىلەرنىڭ زامانىدا يەنى شاھرۇخ ۋە مىرزاھۈسەيىن بايقارا دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىمارەت سېلىش ھەۋىسى يەنە كۈچەيدى. ھىراتتىكى مۇسەللا مەيدانىنىڭ خارابىلىرىدا ۋە مەشھەدتىكى مەلىكە گەۋھەرشاد بېگىمنىڭ گۈزەل مەسچىتلىرىدە بۇنىڭ نىشانلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھەۋەسنىڭ ئەڭ ئالىي مەقامغا كۆتۈرۈلۈشى پەقەت تېمۇر زامانىدا «ۋەھشىي ۋار – ۋار» ئاتالغان تېمۇر دەۋرىدە بولدى.
سانائەت ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەش مۇمكىن. تېمۇرنىڭ ئەمرى بىلەن دەمەشىقنىڭ ئەڭ ماھىر توقۇمىچىلىرى، ھەلەبنىڭ مەشھۇر پاختا ئېگىرىش كارخانىلىرى، ئەنقەرەنىڭ موۋۇتچىلىق كارخانىلىرى، تۈركىيە ۋە گورجىستاننىڭ زەرگەرلىرى، ئىشقىلىپ سانائەتتە قانچە ماھىر ئىشچىلار بار بولسا، ھەممىسى سەمەرقەندگە كۆچۈپ كېلىشتى. سەمەرقەندتە بارلىق دىن ۋە مىللەت كىشىلىرى جەم بولۇشقانىدى. كىلاۋىخۇ بۇ يەردە ياشىغۇچى ئاھالىنى ساناپ، 000. 130 دېگەنلىكى خاتا بولمىسا كېرەك. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، سەمەرقەندنىڭ پۈتۈن ئاسىيا سودىسىدا مال ئامبىرى ئورنىنى ئالغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا پەملىيەلەيمىز. خۇسۇسەن بۇنىڭدا ئىچكى سودا ياخشى تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ئەھمىيەتكە سازاۋەر بولدى ۋە ناھايىتى بۈيۈك مىقدارغا ئېرىشكەنىدى. بۇ يەرگە ھىندىستاندىن ناھايىتى نۇرغۇن ئەتتارلىق ۋە بوياق تىجارىتى كارۋانلىرى كېلىپ تۇراتتى. خىتايلار بۇ يەرگە يىپەك گەزلىمىلەر، چىنى كاسالار (قاچا – قۇچىلار)، قەدەھلەر، مۇشىك – ئەنبەرلەر، قىممەت باھالىق تاشلارنى ئەۋەتەتتى. مەملىكەتنىڭ شىمال تەرىپىدىن قىممەتلىك تېرە ماتېرىياللار كېلەتتى. مۇشۇنداق تۈرلۈك ئىقلىملارنىڭ ماللىرى سەمەرقەند بازارلىرىدا تاي – تاي قىلىپ باغلىنىپ، ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىگە ۋە بۈيۈك يول ئارقىلىق غەربىي ياۋروپاغا ماڭغۇزۇلاتتى. سودىگەرلەر بىر يول بىلەن خارەزم، ئاستىراباد، نىژني نوۋىگورت، موسكۋا يولى بىلەن گەنزە كۆلىگە باراتتى. ئىككىنچى، ھىرات، قەزۋىن، تەبرىز، ترابزۇن يولى ئارقىلىق گىنۇيىلىكلەرنىڭ، ۋېنىتسىيىلىكلەرنىڭ، پىزالىقلارنىڭ سودا كېمىلىرىگە چۈشۈپ، ياۋروپاغا يېتەتتى. ناھايىتى قورقۇنچلۇق، تىنچسىز زامانلار بولۇشىغا قارىماي، تېمۇر ھاكىمىيىتىنىڭ سايىسى چۈشكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە سودا ناھايىتى جانلىق ۋە ئالاھىدە خەۋپسىز ئىدى. بىز قايتا – قايتا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىسپانىيە ئەلچىلىرى بۇ ئىشلارغا ئەڭ ئىشەنچلىك شاھىتلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەلچىلەر ھەيئىتى ترابزۇندىن يولغا چۈشۈپ، بەزى دۈشمەن ۋىلايەتلىرى ئارقىلىق سەمەرقەندكە بارغان. ئەتراپىدا ھېچقانداق ساقچىلىرى بولمىغان ھالدا شەرقنىڭ ناياب ئەشيالىرى يۈكلەنگەن كاجۋىلىق كارۋاننى ئۇلار ئۆز مەنزىلىگە بىخەتەر يەتكۈزگەن. بۇ ۋەقە ئەنقەرەدىكى قەتئىي توقۇنۇشلاردىن كېيىن ۋە غەربىي ئاسىيادا باشباشتاقلىق ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا سادىر بولغانىدى.
تېمۇرنىڭ تەدبىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە بىز ئالدىنقى بابتا توختالغان ئىدۇق. چۈنكى بۇ تەرەققىيات تېمۇرنىڭ ئەۋلاد ۋە ئەجدادلىرىنىڭ يەنى تېمۇرزادىلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە مەنسۇپتۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەسلى تۈركلىك دەۋرى تېمۇردىن باشلاندى. چۈنكى خارەزمشاھلار ۋە سالجوقىيلار، گەرچە مەئىشەت شەكلى جەھەتتىن تۈرك بولسىمۇ، ئۇلار غەربىي ئىسلام ، ئىران مەدەنىيىتىگە مۇخلىس ئىدى. ئۇلار تۈرك مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ئىش قىلدى. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكى، ھازىرقى ئىراندىكى تۈرك – قاجار خانىدانىمۇ شۇنداق ئىدى. تېمۇر ئۆز تۈركلىرىنىڭ موغۇل – خىتاي دۇنياسىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىسىنى مۇجەسسەم قىلدى. ئۇ دائىم ۋە ھەرجەھەتتىن تۈركلەرگە بىرىنچىلىكنى تەمىن ئېتىشكە تىرىشتى. گەرچە ئۇنىڭ سارىيى ئەجنەبىي ئۆلىمالىرى ۋە ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن تولۇپ – تاشقان بولسىمۇ، مەملىكەتنىڭ رەسمىي تىلى ھەرقاچان تۈركچە يۈرگۈزۈلدى. ھەتتا موغۇل – ئۇيغۇر يېزىقى ناسرانىيلىق، بۇددىيلىق، مەجۇسىيلىق دەۋرى دەپ قارىلىپ، مۇتەئەسسىپ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ناھايىتى يامان كۆرۈلگەن ھالەتتىمۇ مۇھاپىزەت قىلىندى. تېمۇرنىڭ ئۆزىمۇ ساپ ۋە ئېنىق تۈرك شېۋىسىدە يازاتتى. بۇ يەردە زىكرى قىلىنغان «تۈزۈكات» بۇ پىكرىمىزنى ئىسپاتلىيالايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى رەسمىي مۇھەررىرلەر ۋە شائىرلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ قەتئىي ۋە تەكلىپ سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتى. ئاسىيانىڭ يېرىمىنى تىترىتىپ تۇرغان تەختى ئاستىدا قانچە خانىدانلارنى يەكسان قىلغان بۇ ئادەم، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەھدىلىرىنى ناھايىتى ساددا ئىبارىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە باشلايتتى: «مەن تەڭرىنىڭ قۇلى تېمۇر، شۇنى ئېيتىمەنكى...» كېيىنكى خانلارنىڭ ياكى كەمبەغەل بۇخارا پادىشاھلىرىنىڭ تەكەللۇپلۇق لەقەملىرى بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدا شۇ قەدەر پەرق چوڭ.
دەرۋەقە، تېمۇر ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، دائىملىق ئۇرۇش ۋە ماجىرالارنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقىغا قارىماي، جاھانگىرنىڭ تىرىكلىكىدە تەرەققىيات، دىنىي ئىلىملار ۋە دۇنياۋى پەنلەر ئۆز يولى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋەردى. تارىخ بىزگە ھېكايە قىلىدۇكى، ئىمام زەينۇلئابىددىن سۇلالىسىدىن بىر بۆلىكى يەنى شەيخ سەئىدئەلى ھەمەدانىي جاھاننى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ، توغرا يول كۆرسىتىپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىپ يۈرگەن. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 786 (مىلادىيىنىڭ 1384) – يىلىدا ئامۇ دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، خۇتتەلاندا ۋاپات بولغان. ئەخلاق ۋە تەسەۋۋۇپقا دائىر كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى شەيخ خوجا باھاۋىددىن تېمۇر زامانىدا ياشاپ، ھىجرىيىنىڭ 791 (مىلادىيىنىڭ 1389) – يىلىدا ۋاپات بولغان. ئۇ شۇ زاماندا بۇخارادىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى بولۇپ، بۇخارانىڭ مىللىي ئەۋلىيالىرىدىن ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ شەھەردىن چارەك سائەتلىك ئارىلىقتىكى زىيارەتگاھىنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلىش، ئۇزاقتىكى كەبىگە ھەج قىلىش بىلەن باراۋەر ھېسابلىناتتى. دۇنياۋى ئىلىملەر ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغانلىرى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. شائىر لۇتپۇللا نىشاپۇرىي ساراي شائىرى بولۇپ، شاھزادە مىرانشاھنىڭ مەدھىيىچىسى ئىدى. ھەۋەس قىلغۇدەك مەنسەپتە ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ شاھزادىنىڭ شارابخور، دىتسىز، پاسىقلىقى سەۋەبىدىن شائىرنىڭ دۇردانە قەسىدىلىرى بىلەن خۇددى بىر ھايۋاننى ماختاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دائىم تەقدىرلىنەتتى. تېمۇرمۇ ئۇنى ناھايىتى ئالىي دەرىجىدە مۇكاپاتلايتتى. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 786 (مىلادىيىنىڭ 1384) – يىلى ۋاپات بولدى.
شەيخ كامالىددىن خۇجەندى قەسىدىلەر يېزىش بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇنىڭ دوستى كامالىددىن ئىسپاھانى بولسا ئۆزىنىڭ غەزەللىرى بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئۇنىڭ ۋەتىنىنى، توختامىشخان ئىگىلىگەندىن كېيىن، غالىبنىڭ پەرمانى تۈپەيلىدىن بۇ شائىر ئىدىل ساھىلىدىكى پايتەختكە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىلگىرى بۇ جاي ئۇنىڭغا ناھايىتى ياققان ئىدى. لېكىن ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ تەبرىزگە كەتتى. ئۇنى سۇلتان ھۈسەيىن ئېلخانىي تەكلىپ قىلغانىدى. بۇ يەردە ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بىنا قىلىنغان خانىقادا ياشاپ، ھىجرىيىنىڭ 792 (مىلادىيىنىڭ 1390) – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇندىن بىر يىل ئۆتۈپ سەمەرقەندتە ئەللامە تەفتەزانى ۋاپات بولدى. بۇ ھىجرىيىنىڭ 722 (مىلادىيىنىڭ 1322) – يىلىدا ئىراقتا تۇغۇلۇپ، ئون ئالتە يېشىدا شەرھ (بىرەر نەرسىنى ئىزاھلاش ئاساسىدا يېزىلغان كىچىك ئەسەر) يازغان. ئۇ ھىرات، جام، سەراخس، سەمەرقەند، غىژدۇۋان، تۈركىستان ۋە خارەزمدە ياشىدى. ئۇ كالام، فېقھە (قانۇنشۇناسلىق)، نەھۋى (مورفولوگىيە) ۋە تەفسىر ئىلمىدە شۆھرەت قازانغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىتاب ۋە رىسالىلىرىنىڭ سانىنى ئۆمرىنىڭ سانىدىنمۇ جىقراق دېيىشكە بولىدۇ.
شائىر ئەھمەد كىرمانىي تېمۇر تارىخى — «تېمۇرنامە»نى يازغان بولۇپ، ئۇلۇغۋار ساھىبقىران بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ تېمۇرغا قارشى ئايرىم ھەجۋىيلەرنى يېزىشقىمۇ جۈرئەت قىلغانىدى. (تېمۇر بىر قېتىم تېمۇر كىرمانىي ۋە ئۆز زامانىسىنىڭ باشقا ئەدىبلىرى بىلەن ھاممامدا ئىكەن. گەپ ئادەملەرنىڭ شەخسىي خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە بولۇۋاتقاندا تېمۇر شائىرغا سوئال قويۇپ: «ئەگەر مېنى سېتىشقا توغرا كەلسە قانچە باھا قويار ئىدىڭ؟» دەپ سورىغان. شائىر كىرمانىي ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىرمە بەش دىنار» دېگەن. تېمۇر ئېتىراز بىلدۈرۈپ، «مېنىڭ بېلىمدىكى كەمەرنىڭ ئۆزىلا يىگىرمە بەش دىنار ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، كىرمانىي:«مەن پەقەت شۇ كەمەرنى ھېسابلاۋاتىمەن. بولمىسا ئۆزۈڭ بىر تىيىنغىمۇ يارىمايسەن» دېگەن جاۋابنى بەرگەنىكەن). ھازىرقى ئاسىيانىڭ بىرنەچچە نادان پادىشاھلىرى بۇنداق جۈرئىتى ئۈچۈن شائىرنى قەتل قىلغان بولار ئىدى! تېمۇرنىڭ ھىمايىسى ۋە مۇرۇۋۋىتىدىن پايدىلانغان ئەجنەبىي ئۆلىما ۋە شائىرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بالا دەشتىدىن ماۋەرائۇننەھرگە ئۆزى ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ساھىبقىران مەردلىك بىلەن ئىنئام ۋە ئېھسان قىلاتتى. ئىستېداتلىق بولغانلىرى، مەسىلەن، ئەڭ بۈيۈك ئەرەب قامۇسىنى يازغان جەزىرى ناھايىتى چوڭ مەنسەپكە ئېرىشتى. نىشاپور، باغدات، مەرۋى، خارەزمنىڭ ئۆلىما ۋە مۇدەررىسلىرى، بۇخارا، سەمەرقەند ۋە كىش مەدرىسىلىرىدە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئارتۇق مائاش ۋە ئىش ھەققى ئالدى. ئومۇمەن تېمۇر دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىك دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان مەدرىسىلەر تەسىس قىلىندى. بۇلار خەير – ساخاۋەت تۈپەيلىدىن كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدى؛ ھازىرقى كۈندىمۇ بۇخارانى زىيارەت قىلغان كىشىلەر بۇ ئاسار ئەتىقىلەرگە ھەيران قېلىشىدۇ. تېمۇر بۇ ئىشنىڭ تەشەببۇسكارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ خانىدان ئەزالىرى، ۋەزىرلىرى ھەم مەملىكەتنىڭ بايلىرى بارلىق ياخشىلار مەسچىت – مەدرىسىلەر، قىرائەتخانىلار ۋە كېسەلخانىلارنى تەسىس قىلىش ھەم ئۇلارغا ئېھسان بېرىشتە ئۆزئارا مۇسابىقە قىلىشاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەنىۋى تەرەققىياتى، بىۋاسىتە بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئەمىر تېمۇرنىڭ خىزمىتى ۋە ھىممىتىگە چەمبەرچاس باغلانغانىدى.
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 61كۈن بۇرۇن
تېمۇرىيىلەر

ھىجرىيىنىڭ 807 – 906 (مىلادىيىنىڭ 1405 – 1500) – يىللىرى



تېمۇر ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرى بىلەن جاھانگىرلىك مەيدانىدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇللارغا ئوخشاش بەختلىك بولالمىدى . موغۇللار ھۆكۈمدارى چوڭ بىر مەملىكەتنىڭ ئاساسىنى قۇردى . ئوغۇللىرى ۋە ۋارىسلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى كۈچەيتتى ۋە كېڭەيتتى . تېمۇر بولسا ھاكىمىيەت بىناسىنى ئېگىز كۆتۈردى ؛ ئەمما پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى بولۇش ئورنىغا نائەھلىلىك ۋە ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىشلار نەتىجىسىدە بۇ بىنانىڭ زەئىپلىشىشى ۋە يىمىرىلىشىگە سەۋەبچى بولدى . چىڭگىزىيلەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادا ئىككى ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن بولسا ، تېمۇرىينىڭ ۋارىسلىرى گەرچە ئۆز ئارىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى ماھارىتى ، پارلاق ئىستېداتى ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن كەلگۈسى ۋارىسلىرىنى ھەيرەتكە سالىدىغان زاتلار بولسىمۇ ، سەلتەنىتىنى بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتۇرالىدى ، خالاس .
مەرھۇم بۈيۈك تېمۇرنىڭ سەمەرقەندتە دەپنە ۋە ماتەم مۇراسىمى تامام بولا – بولماستىن ، ۋارىسلار ئوتتۇرىسىدا دەرھال تاجۇ تەخت تالىشىش ئىشلىرى باشلاندى . تېمۇرنىڭ خۇراسان ھاكىمى — ئاقىل ۋە تەدبىرچان شاھرۇخ مىرزىدىن باشقا ئوغۇللىرى ئۆزىدىن بالدۇر ۋاپات بولۇپ كەتكەنىدى .
تېمۇر ئۆزىگە تەخت ۋارىسى قىلىپ قەھرىمانلىقىغا قاتتىق ئىشەنگەن نەۋرىسى ، شۇ چاغدىكى ھىندىستان ۋە كابۇل ھۆكۈمدارى پىر مۇھەممەدنى تەيىنلىگەنىدى .
ياشلىقىنى جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن پىر مۇھەممەدخان كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەيش ئىشرەتكە بېرىلىپ ، ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇش ئىشىنى ھىلىيگەر ۋە ئاچكۆز ۋەزىرى پىرئەلى تازغا تاپشۇرۇپ قويغانىدى . پىر مۇھەممەدخان بوۋىسى تېمۇرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىشرەت – بەزمە ئۈستىدە تاپشۇرۇپ ئالدى . بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەندتىكى ساراي دائىرىسىدە بىقارارلىق ۋە پاراكەندىچىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئەگەر پىرمۇھەممەدخان شاراب قەدەھلىرىنى قويۇپ ، قولىغا ئۇرۇش قورالىنى ئېلىپ ، دەرھال ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەند ئۈستىگە كەلگىنىدە ، بوۋىسىنىڭ تەختىگە ئىگە بولار ئىدى .
لېكىن ئۇ كېچىكتى . مىرانشاھنىڭ تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئون ئىككى ياشلىق ئوغلى سۇلتان خەلىل مىرزا ھەرىكەت باشلىدى . ئۇ بۇ يەردىكى بىرقانچە ئابرۇيلۇق ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللىشى بىلەن بۈيۈك بوۋىسىنىڭ تەختىگە دەۋاگەرلىك قىلىپ ، توسقۇنچىلىقسىزلا سەمەرقەند ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى .
ئۇ ئۇلۇغ بوۋىسىدىن قالغان خەزىنىلەر ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەت بېشىغا كەلدى ۋە پىر مۇھەممەدخاننى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش تەرەپدارلىرىنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ ئېلىشقا قارار قىلدى .
تېمۇرنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن پىرمۇھەممەدخاننى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش تەرەپدارلىرى كۈچلۈك بولسىمۇ ، ئەمما خېلىل مىرزا ئاتنى بۇرۇنراق قامچىلاپ بولغانىدى . ئۇ پىرمۇھەممەدخاننىڭ پىلانلىرىنى بۇزۇپ ، ئامۇ دەريانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يەرلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قوشۇۋېلىشقا ئېرىشتى .
لېكىن ، بۇنىڭدىن بىرەر نەپ چىقمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ يۇمشاق ، خىيالپەرەس تەبىئىتى بىلەن ھۆكۈمدارغا قارىغاندا كۆپرەك شائىر بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغانىدى . خەلىل بىر تەرەپتىن بۈيۈك بوۋىسىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنىلىرىنى ئىسراپ قىلىپ ، نوپۇزلۇق يۇقىرى مەنسەپدارلاردىن ، ئالىي تەبىقىدىكىلەردىن بىر قانچە كىشىنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ ، ئىككىنچى تەرەپتىن بوۋىسىغا ساداقەتمەن كىشىلەرنى بىزار قىلدى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خېلى كۆپ دۈشمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈردى .
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، خەلىلىنىڭ شادىمۇلىك ئىسىملىك بىر ئايالنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى نارازىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبكار بولغان . شادىمۇلىك ئەۋۋەل ھاجى سەيپىددىننىڭ كېنىزىكى ئىدى . خەلىل تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئۆيلەندى . تېمۇر ھايات ۋاقتىدا بۇ جەزبىدار كېنىزەكنى ئۆلتۈرۈپ ، خەلىلنىڭ ئىشىق ئوتىنى ئۆچۈرمەكچى بولغانىدى . ئەمما كېنىزەك جازادىن قېچىپ قۇتۇلدى . ئاخىر شادىمۇلىك ھۆكۈمدارنىڭ خوتۇنى سۈپىتىدە ، ئېرىنىڭ بۇرۇنقى ئۆزىگە سادىق تەرەپدارلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى قوراللاندۇردى .
بىرىنچى بولۇپ تۈركىستان ۋىلايىتىگە ھەم پەرغانىنىڭ بىر قىسمىغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمىر خۇدادات بىلەن شەيخ نۇرىددىن خەلىلگە قارشى ئىسيان كۆتەردى . ئەگەر پىرمۇھەممەدخان مىراس دەۋاسى بىلەن چوڭ قوشۇن توپلاپ ، ئامۇ دەرياغا يېقىنلىشىپ ، خەلىلنى كۈچلۈك تەھلىكىگە سالمىسا ، ئۇ ھامان سەمەرقەندتە ياشاپ ، گۈزەل مەھبۇبىسى شەنىگە غەزەل يېزىش بىلەن بەنت بولۇپ يېتىۋېرەتتى .
خەلىلنىڭ ئۇكىسى مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بولسا ئامۇ دەريانىڭ سول قىرغىقىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش قەستىدە ئىسيان كۆتۈردى . شۇ سەۋەبتىن خەلىل ئاۋۋال ئۆزى ئەۋەتكەن ئەسكەر بىلەن جەڭ قىلدى ، كېيىن مىرزا سۇلتان ھۈسەيىنگە قارشى ئەسكەر ئەۋەتىپ ، كىش ۋىلايىتىنىڭ جىگدىلىك دېگەن جايىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشتى .
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ، تەختنىڭ ئىككى دەۋاگىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە باشلاندى . لېكىن بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش باشقىدىن يەنىمۇ كۈچلۈكرەك تۈس ئالدى . ئامۇ دەريانى كېچىپ ئۆتكەن پىرمۇھەممەد نەسەپ ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى . ئوردىگاھى ۋە مال – دۇنياسىنى تاشلاپ ، ئاران قېچىپ قۇتۇلدى .
پىرمۇھەممەدخان يەنە بىر قېتىم ئۆز بەختىنى سىناپ كۆردى . ئەمما بۇ سەپەردىمۇ غەلىبە قىلالمىدى . ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەيخورلۇق ۋە نادانلىققا بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭدا بۇرۇنقى قەھرىمانلىقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي پىرمۇھەممەد شىبورغان يېنىدا ھىجرىيىنىڭ 809 (مىلادىيىنىڭ 1407) – يىلىدا ، ئۆزىنىڭ چېدىرىدا مەشھۇر ۋەزىرى پىرئەلى تاز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . ھالبۇكى پىرمۇھەممەد خان پىرئەلىنى خىزمەتكارلىقتىن ۋەزىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى . (ئافغانىستان ۋە شىمالى ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولۇشنى نىيەت قىلغان پىرئەلى بەگلەرنىڭ ئىسيانى سەۋەبىدىن ھىراتقا قېچىپ بارىدۇ ، شاھرۇخ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ ئۇنى قەتل قىلىدۇ) .
شۇ تەرىقىدە خەلىل جەنۇبىي بىخەتەرلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ ، بىراق شىمال تەرەپلەر ھاياجانلىق ۋە تەھلىكىلىك ئىچىدە ئىدى . چۈنكى ئىسيانچى خۇدادات ۋە شەيخ نۇرىددىن قاتارلىقلار ئەمىرلەر ۋە باشقا بەگلەرنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ ، نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە ھەم چوڭ قوشۇن بىلەن توپتوغرا سەمەرقەند ئۈستىگە كەلمەكتە ئىدى .
خەلىل ئارغۇنشاھ ۋە ئەمىر ئاللادات رەھبەرلىكىدە ئاسىيلارغا قارشى لەشكەر ئەۋەتتى . ۋەھالەنكى ، بۇ ئىككى زات دۈشمەن بىلەن مەخپىي ئىتتىپاق تۈزگەنىدى . ئالىيجاناب لېكىن بەختسىز خەلىل ئۆزىنى قوغدىغۇچى ، سادىق ھېسابلانغان كىچىك بىر گۇرۇھنىڭ كۆزىتىشىدە قالغان پەيىتتە ، ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا خائىنلىق قىلدى ۋە شىرار قەلئەسى خارابىلىرىدە خۇدادات لەشكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كېلىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى ھەم ئۆزىنىڭ سابىق تەۋەلىكىگە ئەۋەتىلدى . ئۇ بۇ يەردە تاجۇ تەختتىن ۋاز كېچىشكە ئىسيانچىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن قەشقەر ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ چوڭ پالاكىتى ، تەقدىرنىڭ كۈتۈلمىگەن زەربىسىدىن ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن قەلبىدىن سۆيگەن مەھبۇبىسى شادىمۇلىكتىن ئايرىلىشى ئىدى . شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق غەم – غۇسسىلىرىنى كۆز ياشلىرى ئارىلاش شىكايەت بىلەن تولغان غەزەللەرنى يېزىپ ، يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇندى . ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن خەزىنىلىرى بىلەن سەمەرقەندنى ئىگىلىگەن ، ئۇنى تەھقىپ ۋە مەسخىرە قىلغان ، ھەتتا مەلىكە شادىمۇلىكنى ئاۋامنىڭ ئەڭ رەسۋا ھاقارىتىگە دۇچار قىلدۇرغان خۇداداتنىڭ بەختى ئۇزاققا بارمىدى . تېمۇرىيىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى مىرزا شاھرۇخ مۇشۇ پەيتتە ھىراتتا ياشاپ نوپۇز ۋە ئۇلۇغۋارلىقى ئەڭ يۈكسەك مەقامغا يېتىشكەنىدى . ئۇ ماۋەرائۇننەھردىكى بۇ ھادىسىلەرگە ئېتىبارسىز قارىيالمىدى .
شاھرۇخ تېمۇرىيىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئالىيجاناب بىر شاھزادىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ سارىيى زاماننىڭ پەن ۋە مائارىپ ئوچىقى ئىدى . خۇراساننىڭ مائارىپقا مايىل ئىران ئېلېمېنتلىرى ئارىسىدا ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېسابلايتتى . شۇ تۈپەيلى ماۋەرائۇننەھردە ھاكىمىيەت مەسىلىسى ۋە ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى قاتتىق تارتقانىدى . لېكىن سۇلالە مەنپەئەتى تەھلىكىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۇرۇشنى ئانچە خالىمىسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالمىدى .
قېرىندىشى خەلىلنىڭ پالاكەتكە يولۇققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، دەرھال ئۆزىنىڭ لەشكىرى بىلەن خۇداداتغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى . خۇدادات ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شاھرۇخ بۇنىڭغا قارىماي ، سەمەرقەندگە يۈردى ۋە شەھەر خەلقى تەرىپىدىن ئاجايىپ تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىندى . خۇدادات تاشكەنتكە قېچىپ كەتتى ۋە موغۇل خانى مۇھەممەدخاندىن باشپانالىق تەلەپ قىلدى . لېكىن مۇھەممەدخان شاھرۇخقا ئوخشاش ئىقتىدارلىق بىر زاتقا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى . ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بۇرادىرى شەمئىجاھانغا بۇ ئاسىي قاچقۇننى تۇتۇۋېلىشنى ئەمىر قىلدى . ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمىدى ، خۇداداتنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ، موغۇل خانىنىڭ ساداقىتىنىڭ نىشانى سۈپىتىدە شاھرۇخقا تەقدىم قىلىندى .
شۇنداق قىلىپ ، ماۋەرائۇننەھردە بىر ئاز تىنچلىق ئورنىتىلىپ ، مىرزا خەلىلنى ئەسكە ئالدى . خۇدادات ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن خەلىل ئۇنىڭ بۇرادىرى تەرىپىدىن ئالا تاغدىكى قەلئەگە كۆچۈرۈلگەنىدى . شاھرۇخ ئۆزىنىڭ توقسابەسى (گېنېرالى) شاھمەلىكنى ئۇنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى . ئېھتىمال مىرزا خەلىل ئاسىي بەگلىرىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلىشقا كەلگۈچىلەردىن كۆپرەك قورققان بولسا كېرەك . ئۇ ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىناۋەتلىك بىر ساقچى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىدە سىر دەريانىڭ سول قىرغىقىدا تۇرغان شاھرۇخنىڭ يېنىغا كەتتى . شاھرۇخ ئۇنى قۇچاقلاپ قارشى ئالدى . ھەرخىل سەمىمىي دوستلۇق ئالامەتلىرىنى كۆرسەتتى ، ھەتتا ئۇنىڭ چىن دىلىدىن سۆيگەن مەھبۇبى شادىمۇلىكنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەردى . ئۇ پەقەت تاجۇ تەختتىن مەھرۇم قىلىندى . شاھرۇخ ئۇنى بىر ئاز تەسەللى تاپسۇن دەپ ئىراق نائىبى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى . مىرزا خەلىل ئۇ يەرگە كېتىۋېتىپ ، ھىجرىيىنىڭ 812 (مىلادىيىنىڭ 1409) – يىلى يولدا ۋاپات بولدى . رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، مەھبۇبىسى شادىمۇلىكمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ . ئېيتىشلىرىچە ، ئۇ ئېرى بىلەن بىر قەبرىگە كۆمۈلگەنىكەن .
شاھرۇخ ئىككىنچى يىلى يەنە بىر قېتىم قوراللىنىپ ، ئامۇ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى . ماۋەرائۇننەھردە ھاكىملارنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى ، خەلىلنىڭ يۇمشاقلىقى ، بەگلەرنى ھەددىدىن ئارتۇق جۈرئەت بىلەن تېز – تېز غەليان قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويغانىدى . ئەمىر نۇرىددىن شۇلارنىڭ بېشىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن تەختىنى ئېلىشقا قەست قىلىپ ئۇرۇش باشلىدى . ئۇرۇشنىڭ بېشىدىلا توقسابە شاھمەلىكتىن يېڭىلگەنلىكتىن ، تاشكەنتكە قاچتى . ئۇنىڭ شېرىكلىرى قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر جازاغا دۇچار بولدى .
شاھرۇخ مىرزا ئاتىسىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئەرەبىستاندىن باشقا ھەممە جايلىرىنى ئۆز قول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ، ماۋەرائۇننەھر تەختىنى تۇنجى ئوغلى ئۇلۇغبەككە تاپشۇردى . ئۇلۇغبەك ئاتىسىغا ئوخشاش باشقىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغان كىشى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمىدى ، بەلكى پەن – مائارىپقا ئالىيجانابلارچە مايىل بولۇشتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى . تېمۇر سۇلالىسىدىن نامى غەربتىكى خىرىستىئان دۇنياسىدىمۇ بىرنەچچە ئەسىر مابەينىدە ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلگەن مەشھۇر بىر زاد ئۇلۇغبەك ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت تورغاي بولۇپ ، چوڭ بوۋىسى ئەمىر تېمۇر ۋاپات بولغان چاغدا ئون بەش ياشتا ئىدى . ئۇ ماۋەرائۇننەھرنى باشقۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ئون توققۇز ياشقا كىرگەنىدى . ئەمما ئۇنىڭ خېلى ۋاقىتقىچە داۋام قىلغان پادىشاھلىق دەۋرى تېمۇرىيلار سەلتەنىتىنىڭ سائادەتلىك دەۋرى ھېسابلىنىدۇ .
ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھالىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇراندىكى تىنچلىق بۇزۇلمىدى . گەرچە موغۇللار كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ ، ئۇنى جەڭگە دالالەت قىلىپ ، ھەتتا ئۇ بىر قېتىم ئاقسۇغىچە بېرىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋاقتىدىكى ئۇرۇشلاردىن پەقەت شىمال تەرەپتىكى بىر تاجاۋۇزچىلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈش كۇپايە قىلىدۇ . چۈنكى بۇ تاجاۋۇزنىڭ پالاكەتلىك ئاقىۋىتى ماۋەرائۇننەھر ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ زىيانلارنى كەلتۈردى .
تېمۇر تەرىپىدىن قىپچاق خانى قىلىپ تەيىنلەنگەن قوۋۇرچاقنىڭ ئوغلى باراق ئوغلان دۈشمەنلەرنىڭ كۈچ بىلەن بېسىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن ھىجرىيىنىڭ 828 (مىلادىيىنىڭ 1424) – يىلىدا تۈركىستانغا ، سىغناق ئەتراپىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى . بۇ قەلئەنىڭ قوماندانى ھەر ۋاقىت «مەتلەئەسسەئدەين . . .» ساھىبىنىڭ تەبىرىچە ، قىپچاق ۋە ئۆزبېك ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن شىكايەت بىلەن ئەشۇ باراق ئوغلانغا مۇراجىئەت قىلاتتى . شۇ سەۋەبتىن بۇ قەلئەدە ئۆزىنىڭ ھەققى بارلىقىنى مەلۇم قىلدى .
ئۇلۇغبەك بۇنىڭغا قارشى شەخسەن ئۆزى بېرىشقا قارار قىلدى . ئاتىسى ئۇلۇغبەكنىڭ لەشكەر بېشىلىق ئىقتىدارىغا ئانچە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ياردەمچى قىلىپ ، ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەد جۇگىنى ئەۋەتتى . لېكىن ئۇلۇغبەك ئۇنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەستىن ئۇرۇش باشلىۋەتتى ۋە باراق ئوغلاننىڭ ئاز مىقداردىكى مۇنتىزم ئاتلىق قوشۇنى تەرىپىدىن دەھشەتلىك رەۋىشتە پاراكەندە قىلىندى . جۇگى لەشكەرلىرىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىدى . بۇ پەيتتە مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبە قازانغان قىپچاق ئوردىسى بۇلاڭ – تالاڭ بىلەن خۇجەندكىچە كېلىشى مۇمكىن ئىدى . بۇ پالاكەتتىن كېيىن ياش ۋە نازۇك تەبىئەتلىك شاھزادە جەڭگى – جېدەلدىن ئۆزىنى تارتىپ ، ئۆلىمالار مەجلىسىگە ، ئىلىم – پەنگە بېرىلىپ كەتتى . بۈيۈك بىر ئەركىنلىك بىلەن پەن – مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ، پايتەختنى مېمارچىلىق سەنئىتى بىلەن بېزەشكە كىرىشتى . شەھەرنىڭ ھازىرقى خارابىلىرى ھامان قۇرغۇچىلارنىڭ نازۇك ھېسسىياتىدىن ، سەنئەت ساخاۋىتىدىن دېرەك بېرىپ تۇرماقتا .
ئاشۇ ۋاقىتتىكى سەمەرقەند ھەققىدە ئۆز خاتىرىلىرىدە بىر قەدەر توغرا مەلۇمات بەرگەن بابۇر ئۇنىڭ چوڭ بىنالىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى زىكرى قىلىدۇ : 1) «خانىقانىڭ گۈمبىزى غايەت ئۇلۇغ گۈمبەزدۇر ، ئالەمدە ئۇنچىلىك ئۇلۇغ گۈمبەز يوق دەپ نىشان بىرۇرلەر» . 2 ) غايەت گۈزەل كۆل ، ئۈستى ھەشەمەت بىلەن بېزەلگەن شاھانە كۆرۈنۈشلىك مەدرىسە بىننا قىلىنغان . بۇ مەدرىسە ھىجرىيىنىڭ 828 (مىلادىيىنىڭ 1424) – يىلىدا ياسالغان . لېكىن ئىككى يۈز يىل ئۆتە – ئۆتمەستىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل ھۇجرىلىرىنىڭ خارابىلىرىدا غەيرەتلىك تالىپلارنىڭ ئورنىدا ھۇقۇشلار ماكان تۇتتى . 3) مۇقەتتە مەسجىدى . بۇ جەھەتتىن مۇقەتتە ‹زىجى كۆرەگانىي›سى («كورگان جەدۋىلى») ھىجرىيىنىڭ 841 (مىلادىيىنىڭ 1438) – يىلىدا تۈزۈلدى . ئۇلۇغبەك پتولومېي (باتلىمۇس) تەقۋىمىنى سەمەرقەند شەھىرىگە مۇۋاپىق ئىشلىدى . ئۆلىمالارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى تۈزىتىشكە كىرىشتى . شۇ تەرىقىدە يۇنان ھەكىمىنىڭ ئەسىرى ، تۈرك ‹تەرجىمىدە «تاتار» دېيىلگەن – س . ئا .)ئالىمىنىڭ تۈزىتىشى بىلەن يېڭى بىر دۇنياغا يۈزلەندى . «مەتلەئەسسەئدەين» يازغان ئابدۇرەزاق سەمەرقەندتە ئۆزى كۆرگەن تەرەققىيات ۋە دەرىجىلەرنىڭ بېرىلىشى ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكى ھەققىدە بىرنەچچە قېتىم توختالغانىدى . كۆك گۈمبىزىدىكى سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت مەۋقەلىرى يەر يۈزىدىكى پۈتۈن قۇرۇقلۇقلار ، دېڭىزلار ، تاغ ۋە سەھرالارنىڭ شۇنچىلىك توغرا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقى ۋە بۇنى تەسۋىرلەشكە ئاجىز ئىكەنلىكىنى يازىدۇ .
ھەقىقەتەنمۇ بۇ رەسەتخانە يەر يۈزىنىڭ بىر مۆجىزىسى ھېسابلىناتتى . بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەتتا ئانىسى گۆھەرشات بېگىم ھىجرىيىنىڭ 823 (مىلادىيىنىڭ 1420) - يىلى ھىراتتىن سەمەرقەندكە كەلگەندە ، ئۇلۇغبەك پەقەت ئىلىم – پەن بىلەن رىيازىيەتكە (ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكىغىلا) ئەمەس ، بەلكى باشقا پەن ۋە ئىلىملارغىمۇ قاتتىق بېرىلگەنىدى . شائىرلار ، ئالىملار مەملىكەتنىڭ تەرەپ – تەرەپلىرىدىن كېلىشكە باشلىغانىدى . ئايرىم ئالىملار ياكى رەسساملارنى جەلپ قىلىش جەريانىدا ھەتتا بەزى چايلاردا ئاتا – بالىلار ئوتتۇرىسىدا رىقابەتلىشىش ئىشلىرىمۇ پەيدا بولاتتى . ئۇلۇغبەك ھۆكۈمىتى دەۋرىنى ئۇلۇغ سامانىيلار دەۋرى بىلەن بىر قاتاردا قىياس قىلىش مۇمكىن . ئەپسۇسكى بۇ ھالەت پەقەت شاھرۇخ مىرزىنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر داۋام قىلالىدى . ھىجرىيە 850 (مىلادىيە 1447) – يىلىدا ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ساپ ۋە ئوچۇق تۇرغان ئاسمىنىنى قويۇق قارا بۇلۇتلار قاپلىدى . تىنچلىق تۈپەيلىدىن بارلىققا كەلگەن سۈلھى ۋە سائادەتنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرى قانلىق ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن بەربات بولدى .
ئۇلۇغبەك تۇنجى ئوغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتىسى شاھرۇخنىڭ پۈتۈن مۈلكىگە ئۆزىنى ۋارىس ھېسابلاپ ، خۇراسانغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققانىدى . لېكىن جىيەنى بايسۇنقۇر مىرزىنىڭ ئوغلى ئالائۇددەۋلە ھىراتنى ئىگىلەپ ، ئۇلۇغبەكنىڭ ئوغلى ئابدۇللەتىپنى ئەسىرگە ئالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدى .
مەرھەمەتلىك ئۇلۇغبەك ئۆز ئوغلىنىڭ ھايات – ماماتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىدى . ئابدۇللەتىپنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ، خەزىنە بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش شەرتى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ماقۇل بولدى . ئالائۇددەۋلە شەرتنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بېجىرگەن بولسىمۇ ، ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ، خەزىنىنى قايتۇرۇش ھەققىدە سۆزلىشىشنى خالىمىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇلۇغبەك ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىشقا قاتتىق تەييارلىق قىلدى .
ئالائۇددەۋلە شاھرۇخ ئەللىك يىلدىن بۇيان توپلىغان خەزىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىپ ، جەڭگە ئەسكەر توپلىدى . ئۇلۇغبەك مەسىلىنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشسىمۇ ، بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى . ھىراتتىن تۆت مىل نېرىدىكى تۇرناب دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلىنىپ ، ئۇلۇغبەك تەنتەنە بىلەن غەلىبە قازاندى . ئالائۇددەۋلەنىڭ تاجۇ تەختى ۋەيران بولدى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مەشھەدكە قېچىشقا مەجبۇر بولدى . ھىرات ئۆزىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرى بىلەن قانۇنىي ۋارىسنىڭ قولىغا ئۆتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغبەك دۈشمىنىنى قوغلاپ غەربىي خۇراسانغا باردى . بۇ يەردە قېرىندىشى ئوبۇلقاسىم مىرزا بىلەن بىرلىشىپ ، بىرقانچە شەھەرلەرنى ئىگىلىدى . لېكىن بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى . ئۇلۇغبەك تۈرمىدە ساقلىغان قارا قۇيۇنلۇق قەبىلىسىدىن ، تۈركمەن رەئىسى ئىرالىبەك قېچىپ كەتتى . تېمۇرىيلارغا قارشى قەدىمدىن ساقلىنىپ كەلگەن سۇلالە ئاداۋىتى يېڭىدىن قايتا باشلاندى ۋە ھىراتقا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنى تالان – تاراج قىلدى . شاھرۇخ مىرزا دەۋرىدىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئالىي بىنالارنى ، قىممەتلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋەيران قىلدى .
ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ئەپسۇسلىنارلىق ھال ئۇلۇغبەكنىڭ پايتەختى سەمەرقەندتىمۇ سادىر بولدى . بىر گۇرۇھ ئۆزبېك ئاتلىقلىرى باسقۇنچىلىق قىلدى ۋە يولدا دۇچ كەلگەنلىكى نەرسىنى تالان – تاراج قىلىپ ، سەمەرقەندنىڭ دەرۋازىسىغا قەدەر يېتىپ كەلدى . شەھەر سىرتىدىكى سارايلاردا ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى . ئابدۇرەزاقنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ، چىندىن مەخسۇس ئالدۇرۇلغان ھەشەمەتلىك رەسىملەر ئۆزبېكلەرنىڭ توقماقلىرى بىلەن پارچە – پارچە قىلىۋېتىلگەن ، چىنى نەقىشلەر پارچىلىنىپ تاملاردىن قۇمۇرۇپ تاشلانغان ، ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن مۇكەممەل ھەيۋەتلىك ئايۋانلار قىرىپ بۇزۇلغان ، قىسقىسى كۆپ يىللار مابەينىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ۋەيران قىلىپ تاشلانغانىدى .
ئالىيجاناب ئۇلۇغبەك ئۈچۈن بۇلار تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار ئىدى . ئەمما بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراق ، ئېچىنارلىق بىر ۋەقە يۈز بەردى . ئۇ بولسىمۇ ، ئۇلۇغبەك پەقەت ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان ، بالام دەپ دائىم قايغۇرۇپ كەلگەن ئوغلى ئابدۇللەتىپ ، ئاتىسىنىڭ شۇنچىلىك چوڭقۇر مۇھەببىتىگە كۇپرانىي نېمەت كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلدى .
ئابدۇللەتىپ تۇرنابتىكى جەڭدە ئاز – تولا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن غەلىبە شەرىپىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىش مەقىسىتىدە دەۋا قىلدى . ھالبۇكى ، ئۇلۇغبەك مۇۋەپپەقىيەت شەرىپىنى ئابدۇللەتىپنىڭ ئۇكىسى ئابدۇلئەزىزدىن كۆرەتتى . بۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئىختىيارىددىن سارىيىدىن تېپىلغان خەزىنىلەرنى ئابدۇللەتىپ ئۆز مۈلكى دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغبەك ئۇ مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلغانىدى .
شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇللەتىپ كۆپ يالۋۇرۇشلار ئارقىلىق ئاتىسىدىن بەلىخنىڭ نائىبلىقىنى ئېلىپلا ، دەرھال ئىسيان كۆتۈردى ۋە ئامۇ دەرياسىغا يۈرۈش باشلىدى . ئوغلىنىڭ بۇ ھاقارىتىدىن ئاچچىقلانغان ئۇلۇغبەك قارشى ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى . لېكىن بىرىنچى توقۇنۇشۇشتىلا يېڭىلىپ قالدى . مەملىكىتىگە قاراشلىق شاھرۇخىيە (سابىق بىناكەت) قورغىنىغا قېچىپ قۇتۇلدى . ئۇ بۇ جايدا كەنجى ئوغلى ئابدۇلئەزىز بىلەن بىرگە قولغا ئېلىندى ۋە شەپقەتسىز ئوغلى ئابدۇللەتىپنىڭ ئەمرى بىلەن ئىرانلىق ئابباس ئىسىملىك بىر خىزمەتكار تەرىپىدىن قەتل قىلىندى .
شەرقنىڭ ئەڭ يارقىن پىكىرلىك ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى ئەنە شۇ تەرىقىدە يوق قىلىندى . ئۇلۇغبەك ئاتىسىنىڭ نائىبى سۈپىتىدە ئوتتۇز سەككىز يىل ، ئۆزى مۇستەقىل ئىككى يىل سەككىز ئاي ماۋەرائۇننەھردە ۋە شەرقىي شىمال چېگراسىدىكى يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن پاجىئەلىك رەۋىشتە ھاياتنى تەرك ئەتتى .
شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى ، ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن تۇزكور ئابدۇللەتىپمۇ بۇنداق جىنايەتكارانە ھەرىكەت بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىدى . شۇ دەۋردە سەمەرقەندتىكى ھاكىمىيەتنى مىرانشاھنىڭ نەۋرىسى ئەبۇسەئىد مىرزا ئىگىلەپ ئالغانىدى . ئۇ ئۇلۇغبەك سارىيىغا دەسلەپتە بىر قاچقۇن سۈپىتىدە يېلىنىپ – يالۋۇرۇپ كەلگەنىدى ، كېيىن ئۇلۇغبەك ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىپ ئالدى . لېكىن بۇنىڭغا قارىماي ئۇلۇغبەك ئۆزىنىڭ ئاسىي ئوغلىنى جازالاش ئۈچۈن پايتەختتىن كەتكەندە ئەبۇ سەئىد ئۆزىگە شەپقەت كۆرسەتكۈچىگە قارىتا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ ، ئىختىلاپ بايرىقىنى كۆتىرىپ چىقتى . ئۇلۇغبەك ئورنىدا پايتەختتە قالغان ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئەبۇ سەئىدنىڭ كۈچلۈك ئەسكەرلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدى . شۇ تەرىقىدە ئەبۇسەئىد مىرزا سەمەرقەند ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغانىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇللەتىپ ئاتىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئەشۇ ئەبۇسەئىد بىلەن جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولدى .
جەڭ پەرىسى تۇزكور ئوغۇلغا تەبەسسۇم بىلەن باقتى . ئەبۇسەئىد مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ ، كېيىن بۇخاراغا قېچىپ قۇتۇلۇپ قالدى . ئابدۇللەتىپ بولسا ھىجرىيە 854 (مىلادىيە 1450) – يىلىدا ئۇلۇغبەكنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتچىسى بابا ھۈسەيىن تەرىپىدىن خوجايىننىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى . ئابدۇللەتىپنىڭ كاللىسى كېسىلىپ ، ئاتىسى بىنا قىلغان «ئۇلۇغبەك مەدرىسەسى» دەرۋازىسىنىڭ پەشتىقىغا ئېسىپ قويۇلدى . چۈنكى شۇ دەۋرلەردە ئەمەلدە قوللىنىلىۋاتقان بارلىق قانۇنلاردا ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ھېچقاچان تەختكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ھەم ماۋەرائۇننەھرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردە ئەشۇ ھۆكۈمراننىڭ جىنايىتى ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭغا ئىلاھى جازا بېرىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدىغان بايانلار بار ئىدى .
ئابدۇللەتىپتىن كېيىن تەخت شاھرۇخنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللا مىرزىغا ئۆتتى . ئۇمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلۇغبەكنىڭ سارىيىغا سەمىمىي رەۋىشتە قوبۇل قىلىنغان ۋە كۈيئوغۇل بولغانىدى . ئەبۇسەئىد ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلەن تەخت تالىشىش ئۇرۇشىنى باشلىدى ، لېكىن يېڭىلىپ ، سىر دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى ئوبۇلخەيرى ھۇزۇرىغا قېچىپ كەتتى . ئوبۇلخەيرى ئۇنىڭغا ئازراق ئەسكەر بېرىپ ياردەم قىلدى . ئەبۇسەئىد ئابدۇللا مىرزا ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ ، ھەم ئۇنىڭ ھاياتىغا ، ھەم تەختىگە خاتىمە بەردى . ئابدۇللا مىرزا مەملىكەتنى پەقەت بىر يىللا باشقۇرالىدى . ئەبۇسەئىد ھىجرىيە 855 (مىلادىيە 1451) – يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېمۇرىيىلەرنىڭ پايتەختى سەمەرقەندنى ئىشغال قىلدى . لېكىن بۇ غەلىبە ناھايىتى قىيىنغا چۈشتى . سەھرادىن كەلگەن ۋەھشىي ئەسكەرلەر شەھەرلەرنى ئىككىنچى قېتىم خانىۋەيران ۋە تالان – تاراج قىلدى . ھەتتا تالانغان نەرسىلەر بىلەن قاپ ۋە خۇرجۇنلىرى توشقۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۆز ۋەتەنلىرىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ھىيلە – نەيرەڭ ۋە زورلۇق قىلىشنى توختاتمىدى . ئەبۇسەئىد تېمۇر ۋارىسلىرى ئارىسىدىكى يېگانە مەنسەپپەرەس ئىدى . ئۇ ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان «بۇ جاھان ئەينى ۋاقىتتا ئىككى ھۆكۈمدار ئۈچۈن ناھايىتى تارلىق قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلاشنى ياخشى كۆرەتتى . شۇ سۆزگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ ، تۇران ئۆلكىلىرىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىشنى خالايتتى . ئۇ مەملىكەت دائىرىسىنى ماۋەرائۇننەھردىن خۇراسان ۋە غەربىي ئىران تەرىپىگە كېڭەيتىشكە باشلىدى .
بۇ ۋاقىتقا كېلىپ ، تېمۇر ئەۋلادلىرى كۆپلىگەن تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈپ ، ئەركىن ھاكىمىيەت قۇرۇش ھەۋىسىگە چۈشتى . ئەبۇسەئىد مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قورقۇنچلۇق رەقىبلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى . ئەبۇسەئىد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزا بىلەن جەڭگە كىرىشتى . ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزا شاھرۇخنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلۇغبەكنىڭ ياردىمى بىلەن خۇراسانغا كەلگەن ۋە تۈركمەن خانى ئىرالىنىڭ قەتلىدىن كېيىن ، ھىرات تەختىگە چىققانىدى . ئۇنىڭ سەلتەنىتى بىر ئاز نۇرانە ئىكەنلىكىنى تەۋسىپ قىلماقچىمىز . ئۇ باي خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ يارىلىرىنى بىر ئاز ساقايتىش مەقسىتىدە ئىش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم . ئۇ ئەبۇسەئىدنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك رەقىب ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنەتتى .لېكىن سەمەرقەندنى قىرىق كۈنچە قامال قىلغاندىن كېيىن غەلىبىگە ئېرىشەلمەي سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى .
ئابدۇللەتىپنىڭ ئوغۇللىرى ئەھمەد ۋە مۇھەممەت جۇگىلارمۇ ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قوشۇلۇپ ، ئەبۇسەئىدكە خېلى زىيان يەتكۈزدى . ئەبۇ سەئىد شاھزادىلەرنىڭ لەشكىرىنى ھىجرىيە 859 (مىلادىيە 1455) – يىلى بەلىخ ئەتراپىدا مەغلۇپ ۋە پاراكەندە قىلدى ، ئەھمەد شۇ يەردە ھالاك بولدى ، مۇھەممەد جۇگى قېچىپ قۇتۇلدى . ئۇ سىر دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىگە ئۆتۈپ ، ئەبۇسەئىدكە ئوخشاش ئۆزبېك خانى ئوبۇلخەيرىگە مۇراجىئەت قىلىپ ، ياردەم تەلەپ قىلدى . ماۋەرائۇننەھرنىڭ شىمالىدىكى سەھرا ۋىلايىتى ئەسكىرىي كۈچ توپلاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر خەزىنە ھېسابلىناتتى .
ئوبۇلخەيرىخان ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئىلتىماسچىسى ئەبۇسەئىدنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ، مۇھەممەت جۇگىغا ئۆزى ئەسكىرىي جەھەتتىن ياردەم بەرمىسىمۇ ، خۇشاللىق بىلەن چەتتىن ياردەم كۈچلىرىنى تېپىپ بەردى . ئۇنىڭ يېنىدا سەھرا قەھرىمانى دەپ ئاتالغان بۈرگە سۇلتان بار ئىدى . ئەبۇلغازى ئۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك ھېكايە قىلىدۇ : گويا ئۇنىڭ كۆكرەك قوۋۇرغىسى ئورنىدا يەخلىت سۆڭەكتىن ئىبارەت تاختا ئورۇنلاشقاندەكلا ئىدى . ئوبۇلخەيرىخان بۈرگە سۇلتاننى چاقىرىپ : «كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت ئۈچۈن مېنىڭ ئائىلەمدە ھېچكىم يوق ، سەن بۈرگە ، مېنىڭ ئوغلۇم ئورنىدىسەن ، ئۆزۈڭنىڭ ئادەملىرىنى ئال ، مەن ساڭا ياردەمچى ئەسكەر بېرىمەن . بېرىپ تېمۇر ئەۋلادىنى بالادىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن .
بۈرگە سۇلتان ئوبۇلخەيرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، تاشكەندكە يۈرۈش باشلىدى . بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئۆزبېك تەرەپدارلىرى ۋە چىغاتاي قوۋملىرىدىن نارازى كىشىلەرمۇ قوشۇلدى . ئۇلار تېزلىك بىلەن شاھرۇخىيىنى بېسىپ ئالدى . كېيىن سىر دەريانى كېچىپ ئۆتۈپ ، توغرى سەمەرقەندكە يول سالدى . شەھەر ھاكىمى ئەمىر مەجىد ئۇلارغا قارشى چىقىپ ئۇرۇش قىلدى . جۇگى لەشكەرلىرىنىڭ ئوڭ قانىتىغا باشلىق بولغان ئوبۇلخەيرى ياردەمچى لەشكەرلىرىنىڭ رەئىسى پىشكەند ئوغلان ، سول قاناتتا چىغاتايلار بىلەن بۈرگە سۇلتان تۇراتتى . ئۇرۇش سەمەرقەندلىكلەر ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاياغلاشتى . مەجىدخان تېزلىك بىلەن قەلئە چېگراسىغا چېكىندى . جۇگى بولسا ، تەخمىنەن پۈتۈن ماۋەرائۇننەھرنى ئىگىلىدى .
ئەبۇ سەئىد بۇ ۋەقە توغرۇلۇق خەۋەرنى ئالغان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ ئەۋلاد ئاھالىلىرىدىن سانالغان رەقىبى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن خۇراساندا ئۇچراشماقتا ئىدى . ئۇ تېزلىك بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىگە ئۆتۈشكە تەييارلاندى . بۇ پەيتتە ئۇنىڭ ئوڭ ساھىلىدا بۈرگە بىلەن جۇگى مۇداپىئە سىزىقى ، يەنى خېتى ھەققىدە بىر – بىرى بىلەن كېلىشەلمەي جاڭجاللاشماقتا ئىدى . بۈرگە ئۆز ئۆزبېكلىرىگە تايىنىپ ، مۇداپىئە خېتى قىلىپ ئامۇ دەريانى تەكلىپ قىلسا ، جۇگى چىغاتايلىقلارنىڭ ساداقىتىگە شۈبھىلىنىپ ، سىر دەريا بولۇشنى لايىق كۆرەتتى .
مەلۇمكى ، جۇگىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى توغرا ئىكەن . چۈنكى ئەبۇسەئىد ماۋەرائۇننەھر ئۆلكىسى نام قازانغاچقا چىغاتايلىقلار ئۇنىڭغا توپ – توپى بىلەن تەسلىم بولدى . جۇگى ئازغىنە ئەسكەر ۋە چوڭ زەخمەت بىلەن شاھرۇخىيە قەلئەسىگە يالۋۇرۇپ كىردى . بۈرگە بولسا ، يولدا دۇچ كەلگەن نەرسىنى ۋەيران قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە سەھراغا چېكىندى .
ئەبۇسەئىد شاھرۇخىيە قەلئەسى ئەتراپىدا تۆت ئاي تۇردى . ئېھتىمال ئۇ قەلئەنى ئىگىلەپ ئالالايتتى . ئەمما ئۇ مىرزا ھۈسەيىن تەرىپىدىن يېڭىدىن باشلانغان تاجاۋۇز تۈپەيلىدىن يارىشىش ئېلان قىلدى . يارىشىش ئەھدى تۈزۈلگەندىن كېيىن ئەبۇسەئىد جورجان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ، رەقىبىنى خاراب قىلدى . ھىجرىيە 867 (مىلادىيە 1463) – يىلىدا قايتىپ كېلىپ ، شاھرۇخىيىنى ئون ئاي قامالدا تۇتتى . ھالىدىن كەتكەن ۋە ئاخىرقى ئەمىرلىرىگىچە يوقىتىلغان جۇگى مەمنۇنىيەت بىلەن سۈلھى مۇنازىرىسىنى باشلىدى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۇلۇغ بولغان شەيخ خوجا ئۇبەيدۇللا ئەبۇسەئىدتىن ۋاكالەت ئېلىپ ، قەلئەگە كەلدى . خوجا ئۇبەيدۇللادىن قۇرئان ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ يەردىن ساق – سالامەت چىقىپ كېتىشىگە دائىر ۋەدىنى ئالغاندىن كېيىن ، جۇگى ئەبۇسەئىدكە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى . لېكىن ئەبۇسەئىد ئۆز ۋەدىسىنى بېجىرىشكە ئەھمىيەت بەرمىدى . شاھرۇخىيە ئىگىلەنگەندىن كېيىن ، بىچارە جۇگىنى تەھقىپ قىلىپ ، ئىختىيارىددىن قەلئەسىگە سولاپ قويدى . ئۇ ئەشۇ يەردە ۋاپات بولدى .
ئەبۇسەئىد شۇ تەرىقىدە ماۋەرائۇننەھرنى قورقۇنچلۇق بىر دەۋاگەردىن خالاس قىلىپ ، تۇران ھاكىمى بولۇش ئۈستىگە سەمەرقەندنى ئوغلى سۇلتان ئەھمەدكە قالدۇرۇپ ، ئۆزى ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىراق ، ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى تەرەپلىرىنى ئىستېلا قىلىش مەقسىتىدە خۇراسانغا كەتتى .
مىرزا ھۈسەيىن بايقارانى بۇ يەردىن ھەيدەپ ، يالغۇز ماۋەرائۇننەھرنىڭ ۋە ئوغلى ئۇمەر شەيخ باشقۇرۇۋاتقان پەرغانىنىڭ ئەمەس ، بەلكى خۇراسان ، ئافغانىستان ، سىيىستان ، كىرمان ھەم فارىسنىڭ ھاكىمى بولدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىستېلاغا ھەۋىسى كۈچىيىپ ، ئەزەربەيجاننىڭ سەھرالىرىغا يول ئالدى . ھىجرىيە 870 (مىلادىيە 1465) – يىلى بۇ يەردە تۈركمەن ئاق قويۇنلۇق سۇلالىسىنىڭ رەئىسى غازانبېك نامى بىلەن يېڭى بىر قەھرىمان مەيدانغا چىقتى . خۇراسان ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن تىنچلىق بىلەن بەختلىك ياشىماقتا ئىدى . ئەبۇسەئىد بولسا كىچىك ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى مۇناسىۋىتى بىلەن بەش ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئومۇمىي تاماشىلار ، زىياپەتلەر ، شېئىر ، مۇزىكا ۋە شەھەر ئايدىڭلىقى كەبى تەنتەنىلەرنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى . شۇ پەيتتە قارا قويۇنلۇق تۈركمەن سۇلالىسىنىڭ خانى ھەسەن ئەلى مەرۋىدە سارايغا كېلىپ ، ھەسەنبېك ياكى ئۇزۇن ھەسەن بىلەن ئۇرۇشتا ھالاك بولغان ئاتىسى شاھجاھاننىڭ دۈشمىنىگە قارشى ئەبۇسەئىددىن ياردەم تەلەپ قىلدى .
ئەبۇسەئىد بۇ ھەقتە قايتا – قايتا يېلىنىشقا ھاجەت قالدۇرمىدى . چوڭ ۋە كۆپ سانلىق قوشۇن بىلەن ھىجرىيە 872 (مىلادىيە 1467) – يىلىدا مەرۋىن ھەرىكەت باشلاپ ، توپتوغرا ئەزەربەيجانغا يول سالدى .
باشقىچە بىر مەقسىتى بولغان ئۇزۇن ھەسەن بولسا ، ئۇنىڭغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ، سۈلھى تۈزۈشكە تەكلىپ بەردى . لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە ئىشىنىپ مەغرۇرلىنىپ كەتكەن ئەبۇسەئىد سۈلھىدىن باش تارتىپ ، ئۇزۇن ھەسەننى قورال ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى . بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى ئۆزىگە نىسبەتەن قىممەتكە توختىدى . چۈنكى قارا باغ ئۈستىگە قىيىنچىلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىۋاتقان ئەسكىرى دائىم ھاياجاندا بولغانلىقى ئۈچۈن بارغانچە كېمىيىپ ھالى خارابلاشماقتا ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئەبۇسەئىدنىڭ ئۆزى قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ تېزلىك بىلەن قەتل قىلىندى . (ئەبۇسەئىد ھىراتنى بىرىنچى قېتىم ئىگىلىگەندە شاھرۇخ مىرزىنىڭ خوتۇنى مەلىكە گەۋھەر شاتنى قەتل قىلدۇرغانىدى . شۇنىڭغا ئاساسەن ، ئۇزۇن ھەسەن ئۆز قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن ئەبۇسەئىدنى شاھرۇخنىڭ ئوغلى يادىكار مىرزىغا بەردى . ئۇ ئەشۇ قانلىق قىساسنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى دەرھال قەتل قىلدۇردى ) .
ئون سەككىز يىلچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ، تەڭرىتاغدىن باغدادقا قەدەر ، قىرغىز سەھرالىرىدىن ھىندىستان ۋە ئىران كورپىزىگىچە سوزۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى بىر تاجۇ تەخت ئەتراپىغا توپلاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن ، تېمۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولغان ئەبۇسەئىدنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى . ئەگەر ئەھۋال بۇنىڭدىن ھەم قۇلايراق ۋە ئەبۇسەئىدنىڭ روھىي ھالىتى باشقىچىرەك بولغىنىدا ئىدى ، ئۇ شۇنچىلىك پارلاق ئەسكىرى ماھارىتىنىڭ سايىسىدە كۆپ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولار ئىدى .
ئەبۇسەئىدنىڭ ئوغلى ھەم تەخت ۋارىسى سۇلتان ئەھمەد مىرزا ئاتىسىنىڭ مىراسىدىن يالغۇز ماۋەرائۇننەھر ھاكىمىيىتىنىلا ئۆز قولىدا ساقلاپ قالدى . بۇ ھەقتە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بۇ ۋاقىتلاردا كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان سەفىدلەر (سەفەۋىيلەر – س . ئا) سۇلالىسى تېمۇرىيلار ھېسابىغا غەربتە ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىكى شانۇ شەۋكەتلىرىگە ئاساس سالماقتا ئىدى . جەنۇبتا بولسا ، ھۈسەيىن بايقارا ئاخىرقى قېتىم كونا خۇراساننىڭ پارلاق دەۋرىنى ھاسىل قىلىپ ، ھىرات تەختىگە ئولتۇردى . ئۇ چارەك ئەسىر مابەينىدە شىمالىي ئىراندا ، ئافغانىستان ۋە سىيىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلدى . ئۇنىڭ شەرق تەرىپىدە ئۇمەر شەيخ ئۆزىنى مۇستەقىل ھۆكۈمدار دەپ ئېلان قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىغاتاي تارمىقىدىن بولۇپ ، چىنگىز سۇلالىسىغا مەنسۇپلۇقىنى دەۋا قىلغان يۇنۇسبەك سىر دەرياسىنىڭ شىمالى ۋىلايىتىدە ئۆزىنىڭ ياردەمچى موغۇل ئەسكىرىگە تايىنىپ ، ئۇمەر شەيخقە بويسۇنۇشتىن باش تارتتى . شۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا سۇلتان ئەھمەدكە ئوخشاش بىر تەرەپتىن ناھايىتى دىندار ۋە ساپ قەلبلىك ، ئىككىنچى تەرەپتىن دۇنيا قارشى ئىنتايىن چەكلەنگەن كىشىنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى .
ئەمما تارىخلاردا سۇلتان ئەھمەدنىڭ شەخسىي باتۇرلۇق قابىلىيىتىمۇ ئىنكار قىلىنمايدۇ . موغۇللار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا «ئۇلادىشا» (ئۆلۈم قاتىلى) ئۇنۋانىنىڭ بېرىلىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر . ئەمما ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بۈيۈك كەشپىيات ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن شۇ زامان تەقەززاسى بىلەن بېرىلگەن ساختا دىنىي تەربىيە توسقۇنلۇق قىلاتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شەيخى خوجا ئۇبەيدۇللاغا شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلاتتىكى ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يۇقىرى دەرىجىدىكى كەمتەرلىك ۋە مۇھەببەت بىلەن تېز چۆكۈپ ئولتۇراتتى . ھەتتا تەسادىپىي ھالدا تىزىغا ئۇچلۇق سۆڭەك كىرىپ كەتسىمۇ ، ئۇنى ئېلىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماي قاتتىق ئاغرىققا چىداپ ، ئىمكانىيەت كۈتۈپ ئولتۇراتتى . ئىككىنچى تەرەپتىن بولسا شۇنداق دىندار ۋە تەقۋادار بىر ئادەم ئادەتتە ، يىگىرمە – ئوتتۇز كۈننى ئەيش – ئىشرەتتە ئۆتكۈزۈپ ، كەيپ ھالەتتە ناماز ئوقۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى .
ھاياتنى سۆيمەيدىغان شۇنداق بىر ئادەمنىڭ يۇنۇسبەككە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ، تاشكەنت ، سايرام ھەتتا تۈركىستان ۋىلايىتىنى ئىگىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇكىسى ئۇمەر شەيخنى ئىتائەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلدى . بۇ ئىككى قېرىنداش ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار بىرنەچچە قېتىم ئۆزئارا جەڭ قىلىشقا بېرىپ يەتتى . لېكىن زاھىتلاردىن مەشھۇر خوجا ئەھرار ھەزرەتلىرى سۈلھىگە دەۋەت قىلىپ بىتىم تۈزۈلدى .
مۇشۇ ۋەقەلەر نەزەرگە ئېلىنمىغاندا ، ماۋەرائۇننەھر سۇلتان ئەھمەد ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خېلى ئۇزۇن مۇددەت تىنچلىق ۋە سائادەتتە ياشىدى . شەخسەن ، مىرزا ھۈسەيىن بايقارا سارىيى دائىرىسىدىكى مائارىپ يورۇقلۇقى ، گەرچە باشقا بىر جەھەتكە باغلانغان بولسىمۇ ، بۇ تەرەپلەرنى ، زەرەپشان ساھىللىرىنى يورۇتماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
سارايلار ، ئىبادەتخانىلار ، مەدرىسلەر ، ئاممىۋى مۇنچىلارنى قۇرۇش ھەققىدە سۇلتان ئەھمەد تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن پىكىرگە مۆتىۋەر بايلار ئارىسىدىن چىققان تەشەببۇسكارلارمۇ قوشۇلدى . ئەنە شۇلارنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە دەرۋىش مەھمۇد تارخاننىڭ سەمەرقەندتىكى «گۈزەل ، ساپ ھاۋالىق چاھار بېغى»نى كۆرسىتىش مۇمكىن . پەلەمپەيلەر بىلەن كۆتۈرۈلگەن ۋە ئىچىدە ناھايىتى گۈزەل چىمەنزار بولغان بۇ ساراينىڭ پەۋقۇلئاددە ئىكەنلىكىنى بابۇر بايان قىلغانىدى .
خۇراساندا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مۇستەھكەملىكى ، ماۋەرائۇننەھردە جىددىي رەۋىشتىكى تەرتىپسىزلىكلەرنىڭ چىقىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى . ماۋەرائۇننەھر خەلقى ئۇنىڭ ۋە سۇلتان ئەھمەدنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ئۇ يىگىرمە يەتتە يىل مابەينىدە مەملىكەتنى باشقۇرۇپ ، ھىجرىيە 899 (مىلادىيە 1494 ) – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئورنىغا ئۇكىسى سۇلتان مەھمۇد ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىنلا ئېنىق كۆرەلىدى .
سۇلتان مەھمۇد ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر ئاز بوشاڭلىق قىلدى . كېيىن قېرىندىشىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ، ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلىشقا ئېرىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ ياخشى مۇناسىۋەتتە ياشىدى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇلتان مەھمۇد ئوۋ ئوۋلاش باھانىسى بىلەن سەمەرقەندتىن كېتىپ ، ئامۇ دەريانىڭ نېرىقى قىرغىقىغا ئۆتۈشى بىلەن بەدەخشاننى ئىگىلەپ ئالدى . ئاخىر ئاكىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىچە بەختكە ئېرىشكەندەك بولدى . ئۇنىڭ بىرىنچى ئىشى ، ۋاپات بولغان قېرىندىشىنىڭ كۆكساراي ناملىق سارىيىدىكى تۆت گۆدەك ئوغلىنى تۈرمىگە سولاپ قەتل قىلىش بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ۋە زۇلۇمى قوشۇلدى . سودا ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا تۇرغۇنلۇق (ئىلگىرى باسماسلىق) پەيدا بولدى . خۇسۇسەن ، سەمەرقەند خەلقنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرى چارسۇغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي قالدى .
بۇ ھۆكۈمدار جاھىل ئادەم ئەمەس ئىدى . بەلكى فەنا (سوپىلىق تەلىمىنىڭ يەتتىنچى مەقامىغا ئېرىشكەن – س . ئا) بولۇپ ، شېئىرمۇ يازاتتى . لېكىن دائىملىق ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلگەن بولۇپ، ئىبادەت قىلىش ۋە دىنغا رىئايە قىلىش بىلەن مەشغۇل بولمايتتى ، شۇنداقلا ناھايىتى ئۇلۇغ ھېسابلىنىدىغان خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ۋەلىگىمۇ ھۆرمەت ۋە ئىلتىپات كۆرسەتمەيتتى .
سۇلتان مەھمۇدنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ناھايىتى قىسقا بولدى . چۈنكى تەختكە چىقىپ ئالتە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن يىغلىغىنىغا قارىغاندا ئۆلۈمنىڭ مەجبۇرەن بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى نوپۇزلۇق ۋە ھىيلىگەر ۋەزىرى خىسراۋ شاھ بىر نەچچە كۈنگىچە مەخپىي تۇتتى . بۇنىڭدىن مەقسىتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، خەزىنىنى كۆپرەك ئېلىۋالماقچى ئىدى ، ئۇ بۇنىڭغا ئېرىشتى . پەقەت ھۆكۈمراننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن خەلق ئارىسىدا شىددەتلىك غۇلغۇلا ۋە ھاياجانلىق كۈچەيدى . خىسراۋ شاھ ئاران قېچىپ قۇتۇلۇۋالدى .
ماۋەرائۇننەھردىكى تېمۇر ئەۋلادى ئارىسىدا مانا شۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي نىزا ۋە توقۇنۇشلار باشلاندى . ئۇلارنىڭ تامامەن ئىنقىرازغا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . سۇلتان مەھمۇدتىن قالغان بەش ئوغۇلنىڭ ئۈچىلىسى — مەسئۇد ، بايسۇنقۇر ، سۇلتان ئەلىلەر تەخت ئۈچۈن ئۆچمەنلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەسكىن دۈشمەنلىك پەيدا بولدى .
ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى مەسئۇد ئاتىسىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىرى خىسراۋ شاھ بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلدى . ئۇ ئامۇ دەريانىڭ سول تەرىپىدىكى ھىسار ، قۇندۇز ، بەدەخشاننى بېسىۋالدى . ئەگەر سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئىستىلا ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى مەملىكەتنىڭ شىمالىي چېگرالىرىنى باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىمىغان بولسا ، مەسئۇد بىلەن خىسراۋ شاھ ماۋەرائۇننەھر تەختى ئۈچۈن بولغان جەڭگى جىدەللەردە ئۆز مەقسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولاتتى . لېكىن سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ھەرىكىتى مەسئۇدنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى يوققا چىقاردى .
ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا بۇخارا ھۆكۈمدارى بولۇپ تۇرغان بايسۇنقۇر مىرزا تەرەپدارلىرى خېلى كۈچلۈك ئىدى . ئۇ بۇ يەردىن سەمەرقەندكە دەۋەت قىلىنىپ ، ئادەتتىكى تەرتىپ ۋە ئېھتىرام بىلەن تەختكە ئولتۇرغۇزۇلدى . قىياپەت جەھەتتىن تۈركمەنلەرگە ئوخشاش ئەمما دۇنيا قارىشى تار دائىرىلىك 18 ياشلىق بۇ يىگىت ، ئۆزى خالىسىمۇ ، مەھەللىۋى قۇدرىتى بار ئۇلۇغلارغا ۋە نوپۇزلۇق روھانىيلارغا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمىدى .
ئۇ ھىسارغا نائىب ۋاقىتىدىلا تەۋازۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ، نازاكەتلىك كۆرۈنگەن ياۋۇز نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمەت قىلىپ بېرىشىنى ئىستەيتتى . شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بايسۇنقۇردىن نارازى بولۇپ ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە قارار قىلدى . ئۇنىڭ سەمەرقەندكە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشى ئۇلارغا ھاقارەتتەك تۇيۇلدى . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ئۇكىسى سۇلتان ئەلىنى قارشى (جاي ئىسمى) دىن سەمەرقەندكە چاقىرىپ ، يازلىق بېغى نەۋ سارىيىدا ئۇنىڭغا ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن قەسەم ئىچتى . تايانچلىرى تەرك قىلىنغان بايسۇنقۇر شۇ سارايدا خۇددى مەھبۇسقا ئوخشاش ياشىدى . ئومۇمەن ھەر ئىككى شاھزادە ئوخشاش بىر خىل ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . بىر كۈنى كەچقۇرۇن بايسۇنقۇر ھاجەتكە چىقىش باھانىسى بىلەن ساراي ھويلىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ ، تار ئېرىق يولى بىلەن قېچىشقا مۇۋەپپەق بولدى ۋە شۇ چاغدىكى چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە خوجىغا ئىلتىجا قىلدى . ئۇنىڭ قاچقانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئاھالە دەرھال خوجىنىڭ ھويلىسى ئەتراپىغا تويلاندى ، لېكىن ھېچكىم خوجىنىڭ ھويلىسى ئىچىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى ؛ نەتىجىدە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى . شۇ ئارىدا سۇلتان بايسۇنقۇرنىڭ تەرەپدارلىرى ئابۇلمەكارىم باشچىلىقىدا ئۇنى مۆكۈنگەن جايىدىن چىقىرىپ ، يەنە تەختكە ئولتۇرغۇزدى ھەم ئۆزلىرى ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن چارە – تەدبىر قوللانماقچى بولدى . سۇلتان ئەلى بولسا ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي تەرەپدارى دەرۋىش مۇھەممەد تارخان بىلەن بىرگە ھەپسىگە ئېلىندى . ئۇلار قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ ، مەقسىتىگە ئېرىشەلمىدى . ئاخىرى ئۇلار بايسۇنقۇرنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى . ئۇ دەرۋىش مۇھەممەدنى قەتلى قىلىشقا ، سۇلتان ئەلىنىڭ كۆزىگە مىل تارتىش (كۆرمەس قىلىۋېتىش)قا ئەمىر قىلدى . ئاسىي تارخان شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا دەرھال قەتلى قىلىنىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ھويلىنىڭ ئالدىدىكى ئېگىزلىككە قول ئاياغلىرى بىلەن يېپىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى شۇ جايدا پارچە – پارچە قىلىپ تاشلىدى .
سۇلتان ئەلىنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئوڭۇشلۇقراق بولدى ، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزىگە مىل تارتىش بۇيرۇقىنى ئالغان سەتراچ (ياكى تىۋىپ) نەشتەر ئۇرۇشنى ئەمىلى رەۋىشتە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاسىي شاھزادىنىڭ كۆزىگە زىيان يەتمىدى . بايسۇنقۇرنىڭ ئۆزى ئۆلدى ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تامامەن تىنچ – خاتىرجەم ھېس قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا سۇلتان ئەلى بۇخاراغا قېچىپ كەتتى ۋە ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپرەك كۈچ توپلاپ ئاكىسىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى . گەرچە بايسۇنقۇر تېزلىكتە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ، قوغلىغان بولسىمۇ سۇلتان ئەلىنىڭ بۇخارادا كۈچلۈك تەرەپدارلىرى بار ئىدى . ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش باشلاندى . بايسۇنقۇر يېڭىلىپ مەجبۇرىي رەۋىشتە سەمەرقەندكە قاچتى .
نەتىجىسى بايسۇنقۇر ئۈچۈن پالاكەتلىك بولغان بۇ ئۇرۇشتىن ئۇ ئۈچ تەرەپلىمە قىسىلىشقا ئۇچرىدى . غەربتىن ، يەنى بۇخارادىن سۇلتان ئەلى ، جەنۇبتىن مەسئۇد مىرزا ، شەرقتىن ، يەنى ھازىر خۇقەند دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەنجاندىن ئۇمەر شەيخنىڭ ئوغلى بابۇر مىرزا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى .
بۈيۈك بوۋىسىنىڭ تەختىنى دەۋا قىلىۋاتقان بابۇر مىرزا مۇشۇ ۋاقىتتا ياش يىگىت بولۇپ ، شاھزادىلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقلىرىدىن ئىدى . ئۇنى ھەقلىق رەۋىشتە شەرق ۋە غەربنىڭ ئەڭ شەرەپلىك شاھزادىلىرىدىن بىرى دېيىشكە ئەرزىيتتى . شۇ دەۋر شەرقشۇناسلىرىنىڭ خاتىرىلىردە ئۇ شەرق قەيسىرى (سىزارى) دەپ زىكىر قىلىنغان .
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر نەزىرى بىلەن ماۋەرائۇننەھردە تېمۇر ئەۋلادى ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىق ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ چۈشەنگەن ئىدى . بۇنى چەكلەش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتتى . لېكىن كېلەچەكتە بېشىغا كېلىدىغان تەشۋىشلەر سەۋەبىدىن تەلەي ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقمىدى .
ھىجرىيە 903 (مىلادىيە 1498) – يىلىدا سەمەرقەندكە ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىندى . لېكىن بايسۇنقۇرنىڭ بەختىگە قارشى قىش يېقىنلىشىپ قالغانلىقتىن، سوغۇق باشلاندى . بابۇر پەيتى كەلگەندە ماۋەرائۇننەھرنى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ ئېلىش ئۈچۈن سۇلتان ئەلى بىلەن بىرلەشتى ۋە ئۇلار ئارقىغا چېكىندى.
شۇ ۋاقىتتا مەسئۇد مىرزىنىڭ شەيخ ئابدۇللا بارلاسىنىڭ قىزىغا يېڭى ئۆيلەنگەن ۋاقتى ئىدى. ئۇ ئىززەت – نەپىس مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، ئۆزىنىڭ چىن يۈرەكتىن سۆيگەن مەھبۇبىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشنى لايىق كۆردى. لېكىن بايسۇنقۇر بۇنىڭ بىلەن قىستىلىشتىن قۇتۇلالمىدى . چۈنكى ياز يېقىنلىشىپ ، ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى . ئىتتىپاقچىلار شەرق ، غەربتىن يېڭىدىن ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇپ ، سەمەرقەندنى يەتتە ئاي قاتتىق قامال قىلدى .
بۇ ۋاقىت ئىچىدە بايسۇنقۇر ياردەم سوراپ ھەر تەرەپكە مۇراجىئەت قىلدى . پەقەت تالان – تاراج قىلىشنىلا ئويلايدىغان ، ئۈمىد بېغىشلىغان جايلارغا بېرىشقا تەييار تۇرغان ئۆزبېكلەرلا سىر دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كەلدى . لېكىن ، بابۇر بىلەن سۇلتان ئەلىنىڭ بىرلەشكەن قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى .
قارشىلىق كۆرسىتىشكە چارىسى قالمىغان بايسۇنقۇر ھىجرىيە 903 (مىلادىيە 1498) – يىلىدا مەخپىي رەۋىشتە پايتەختىنى تاشلاپ كەتتى ۋە تېرمىز يېنىدىكى ئامۇ دەريانى كېچىپ ئۆتۈپ ، ئاكىسى مەسئۇد مىرزا ھوزۇرىغا قېچىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ شۇنچە كۆپ جەڭگى جېدەللەرنى ، ۋەقەلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، تەختتىن ۋاز كەچكەندە ئەمدىلا 22 ياشتا ئىدى .ئۇ توغرىلىق دۈشمىنى بابۇر مىرزا «ئادالەت پىشە ۋە ئادەمىي ، خۇش تەبئى ۋە پەزىلەتلىك پادىشاھزادە ئىدى» دەپ زىكىر قىلىدۇ . ئۇنىڭغا مەخپىي شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىدى ، دېگەن ئەيىپ يۈكلەندى . لېكىن كېيىنچە (سەمەرقەند تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن – س . ئا) ئەھلى سۈننەت مەزھىپىگە قايتقان . بايسۇنقۇر ھىجرىيە 905 (مىلادىيە 1500) – يىلىدا قەتلى قىلىندى .
بايسۇنقۇر قاچقاندىن كېيىن ماۋەرائۇننەھردە ھاكىمىيەت ئىتتىپاقچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى : سۇلتان ئەلى مىيەنكۆل بىلەن بۇخارانى ، بابۇر بولسا شەرق تەرەپلەر بىلەن بىرگە سەمەرقەندنى ئالدى ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇزاققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلالمىدى . چۈنكى سۇلتان ئەلى ئۆزىگە تەۋە بەگلىكلەرنىڭ باشباشتاقلىقىدىن زەئىپلىشىپ ، ھىراتقا ، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھوزۇرىغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى . بابۇر بولسا ، بىر تەرەپتىن تالانغان ۋە ئاچ قالغان سەمەرقەندتە ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى يېتەرلىك دەرىجىدە ئوزۇق تاپالمىغانلىقىدىن ، ئىككىنچىدىن ، ئانىسىنىڭ ئېھتىياج ۋە تەلىپى بىلەن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشنى لازىم تاپتى .
شۇنى ئىنكار قىلماسلىق كېرەككى ، بۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى قورچاق ھۆكۈمەت ئىدى . بۇخارادا پۈتۈن كۈچ ۋە نوپۇز ئابدۇلئەلى تارخاندا ، سەمەرقەندتە بولسا خوجا ئابدۇلمەكارىم قوللىرىدا ئىدى . پەقەت ، بۇخارانىڭ ئۆزىگە كۆرە ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدى . ئۇ بولسىمۇ تېمۇر سۇلالىسىنىڭ 140 يىللىق تەختى مۇقىم بىر مۇستەھكەم كىشىنىڭ قولىغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى . لېكىن بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار ؟ تېمۇر سۇلالىسىنىڭ پېتىپ كېتىۋاتقان يۇلتۇزىنى 19 ياشلىق بابۇرنىڭ قولى بىلەن ھېچ يەردە بولۇپمۇ خۇسۇسەن ماۋەرائۇننەھردە بابۇرنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى . بىر تەرەپتىن تېمۇر ئەۋلادلىرى بىر – بىرىنىڭ قېنىنى ئىچىپ ئۆزئارا نىزالارنى كۈچەيتمەكتە ، ئىككىنچى تەرەپتىن چىڭگىز سۇلالىسىنىڭ جۈجى خانىدانىغا مەنسۇپ شايبانى مۇھەممەدخان ئىستىلا ھازىرلىقىنى قىلماقتا ۋە ماۋەرائۇننەھرنىڭ بىرنەچچە مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتماقتا ئىدى . شايبانى مۇھەممەد ئۆزىنىڭ باھادىر ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە ھىجرىيە 905 (مىلادىيە 1500) – يىلى سەمەرقەند تەختىنى ئىگىلەپ ، تېمۇر ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىقىغا يەكۈن چىقاردى .
بۇ سۇلالە ئالمىشىشنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى پەسىلگە قالدۇرۇپ ، شەھرسەبزدىن چىققان ئاقساق جاھانگىر تېمۇر سۇلالىسى ۋاقتىدىمۇ مەزكۇر سۇلالىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى ھەرىكەت — تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە بىر قەدەر يېزىپ قويۇش مۇناسىپ ئىش ھېسابلىنىدۇ . دەرۋەقە تىمۇرىيلەر بۇ ھەقتە ئاسىيا تارىخىدا ئۇلۇغ بىر مەۋقەنى ئىگىلەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن باراۋەر ئامۇ دەريانىڭ نېرىقى تەرىپىدە مەدەنىي ھايات يۆنىلىشى ھىراتتىكى شاھروخ مىرزا ۋە سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بايقارا سارىيىدىكى يۆنىلىشتىن باشقىچىرەك بولدى . بۇ يەردە دىنىي ئېتىقاد ئىلىملىرىدىن تاشقىرى ، شېئىرىيەت ، تارىخ ، تېبابەت ، ھوقۇق قاتارلىق دۇنياۋى پەنلەرگە ۋە گۈزەل سەنئەتكە ئورۇن بېرىلدى . ئەمما ئۇ يەردە بولسا ، ئۇلۇغبەك ۋە ئەبۇسەئىد دەۋىرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، پەقەت دىنىي ئىلىم ۋە تەسەۋۋۇپ بىلەنلا شۇغۇللىنىلدى .
بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئەدەبىياتى ئارىسىدا قەتئىي بىر پەرق چېگرىسىنى بېكىتىش خېلى قىيىنغا چۈشىدۇ . گەرچە مەنىۋى ھاياتنىڭ گۈزەل مەنبەسى ئېران ئۇنسۇرلىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭدىن چاغاتاي ، تۈرك ئالىملىرى كۆپ پايدىلاندى . شۇنىڭدەك تۈرك خانلىرى ھەم ئەدەبىيات ۋە گۈزەل سەنئەت ئەھلىگە چوڭ ياردەم بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى . بەزىدە ئۆزلىرىمۇ شۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى ، ھەتتا ئۇلار ئارىسىدا كېيىنكى ئورۇندا تۇرۇشتىن تارتىنمىدى .
مىرئەلىشېر ئۆزىنىڭ «مەجالسۇپ نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە تېمۇر خاندانىنىڭ تۆۋەنكى شاھزادىلىرىنىڭ شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسەتتى .
شاھروخ مىرزا تۈركىي ۋە پارسىي شېئىرلارنى يازغان . مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك مىسرالىرى بىلەن ئالاھىدە مەشھۇر ئورۇننى ئىگىلەيدۇ .

ئەركىرەك ئۆرتەنسە يانسە يالىنە ،
يارا يەپ ياتسە ئاتىنىڭ يالىنە .
ئىت ئۆلۈمى بىرلە ئول نامەرد ئۆلەر ،
ئەر ئاتانىپ دۈشمىنىگە يالىنە .

(ھەزرەت نەۋائىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بۇ تۇيۇق ئابۇبەكر مىرزىغا تېگىشلىك بولۇپ ۋامبىرى ئۇنى يېڭىلىشىپ ، شاھروخقا تېگىشلىك دېگەن . «مەجەلىسۇن نەفائىس»قا قارالسۇن – س . ئا)
بۇ ئىشقى مۇھەببەتكە دائىر ئەدەبىياتقا نىسبەتەنمۇ ئۆز كۈچىنى سىناپ كۆردى . چىن قەلبىدىن سۆيگەن رەپىقىسى گۆھەرشاد توغرىسىدىكى ناھايىتى ھېسسىياتقا باي بەزى تەبىرلىرىنى ھىرات خەلقى ھازىرمۇ ھىكايە قىلىشىپ يۈرمەكتە . ئۆمەر شەيخنىڭ ئوغلى سۇلتان ئىسكەندەر شىرازىمۇ تۈركچە ۋە پارسچە شېئىرلارنى يازغان . خېلىل مىرزا بولسا تۈركچە شېئىرلاردىن ئىبارەت بىر دىۋاننى يېزىپ قالدۇرغان . مەشھۇر شائىر خوجا ئىسمەت بۇخارى ئۇنىڭ نامىنى چوڭ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ . ئىلمىي ھەيئەت بىلەن رىيازەت ئىستىداتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇلۇغبېك بولسا ، بۇ خىل پەنلەردىن تاشقىرى گۈزەل ئەدەبىيات ، رەسساملىق ، مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەر بىلەنمۇ جىددىي رەۋىشتە شۇغۇللانغان ئىدى . ئۇلۇغبېك قۇرئاننىڭ يەتتە خىل قىرائىتىنى يادقا ئوقۇپ بېرەلەيتتى . بۇ ئۇنىڭ خاتىرە قۇۋىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى . ئاتىسى ھايات ۋاقتىدىلا ۋاپات بولغان بايسۇنقۇر (شاھروخنىڭ ھىجرىيە 836 – (1433 – جۇمەدىل ئەۋۋەلنىڭ 6 – كۈنى ۋاپات بولغان ئوغلى) ھەر ۋاقىت شائىرلار ، خەتتاتلار ، رەسساملار ، مۇزىكاشۇناسلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولاتتى . ئۇنىڭ كۆپ ئىچىپ مەس بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىغا بابۇر مىرزىدىن كۆپلىگەن فەردلەر (مۇستەقىل كىچىك شېئىرلار) قالغان . مىرانشاھنىڭ ئوغلى سەئىد ئەھمەد مىرزىنىڭ «لەتاپەتنامە» ناملىق دىۋانى ۋە مەسنەۋىيلىرى قالغان . بۇلاردىن تاشقىرى ، مەزكۇر رويىخەتكە ھىندىستاندا موغۇل (بابۇرىيلار – س . ئا) سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى بابۇر مىرزىنى كىرگۈزۈش مۇمكىن . ئۇ ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە» خاتىرىلىرىدە يازغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى شائىر ، سىياسىي ئەرباپ ۋە پەيلاسوپ سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ .
تېمۇرىيلار دەۋرىدىكىگە ئوخشاش مەدەنىيەتكە ھەۋەس باغلاش ئاندالوسىيە ، ئۇمەرۋىيلەر دۆلىتىنىڭ پارلاق دەۋرى بىلەن ئەرەبىستاندىكى ئابباسىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنى ئىستېسنا قىلغاندا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا بىرەر يېرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋال سادىر بولغان ئەمەس . شەرقنىڭ «ئەلەنناس ئالى دىنە مۇلكەھۇم» (خەلق ئۆز پادىشاھىنىڭ دىنىغا ئەگىشىدۇ) دېگەن قائىدىسى خاتىرىگە ئېلىنغاندا ، بۇ ھالنىڭ ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك يېرى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس .
گەرچە تېمۇرىيلارنىڭ تەرەققىيات دەۋرىگە ئىراندىكى موغۇل ھۆكۈمرانلىرى دەۋرىدىكى پىكرى ئويغىنىشنىڭ داۋاملىشىشى دېگەن نەزەر بىلەن قاراش لازىم بولسىمۇ ، ئەمما پەن ۋە سەنئەت مەراغە ، تەبرىز ، سولتانىيە سارايلىرىدا ھىچقاچان ھىرات ۋە سەمەرقەندتىكىگە ئوخشاش كۆپ ۋە تۈرلۈك شەكىللەردە پارلاق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى .
ئاشۇ زاماننىڭ شائىرلىرىدىن يەنە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ . مەۋلانا ئابدۇراخمان جامى ، رەببانى ياكى ئىلاھىي ئۇنۋانى بىلەن شۆھرەت قازانغان بۇ زات نەزىم ۋە نەسىرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ناھايىتى ماھىر ؛ فىقىھ ، ئىزاھ ، ئەخلاق ، پەلسەپە ، مورفولوگىيىگە ئوخشاش بىرقانچە ئىلىملەردە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ، ئارۇز سەنئىتىنىڭ ھەربىر بەھرىدىن مۇكەممەل خەۋەردار ھېسابلىناتتى . سۇھەيلى ياكى ئەمىر شەيخىم سۇھەيلى بىلەن ئەبۇسەئىد مىرزا سارىيىدا كېيىن 20 يىلغىچە مىرزا ھۈسەيىن بايقارا سارىيىدا ياشىغان بۇ زات ھىندىستاننىڭ «توتىنامە» مەسەللىرىنى ئاجايىپ گۈزەل رەۋىشتە تەرجىمە قىلغان . قاسىم ئەنۋەر (ئەسلى ئىسمى مۇئىنىددىن ئەلى) ئۆز زامانىسىنىڭ بۈيۈك تەسەۋۋۇپ شائىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئاۋۋال شاھروخ سارىيىدا ياشىدى . كېيىن سەمەرقەندكە ئەۋەتىلدى ۋە ھىجرىيە 837 (مىلادىيە 1433) – يىلى ۋاپات بولدى . خوجا ئابدۇللا ئاتىف ، «تېمۇرنامە» ياكى تېمۇرنىڭ تەرجىمىھالىنى شېئىرىي شەكىل بىلەن يازغان بۇ زات «مەسنەۋى پىرى» دەپ ئاتالدى . خوجا ئىسمەت بۇخارىي ، بۇزاتمۇ سۇلتان خەلىل ھەم ئۇلۇغبەكنىڭ ساراي شائىرى بولۇپ ، ئۇلۇغبەككە ئارۇز ئىلمىنى ئۆگەتتى . . . ھىجرىيە 845 (مىلادىيە 1442) – يىلى ۋاپات بولدى . مەۋلانا ھۈسەيىن كۇبرايىي ، ئۆرگەنچتە موغۇللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۆلىمالاردىن ئەبولۋەپاخارەزمىنىڭ شاگىرتى مەشھۇر نەجمىدىن كۇبرانەسلىدىن بولغان بۇ زات تەسەۋۇپقا دائىر شېئىرلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان بولۇپ ، جالالىدىن رۇمىينىڭ مەسنەۋىيلىرىگە شەرھى يازغان . خوجا ئابدۇللا مەرۋارىد بايانى نامى بىلەن بىرقانچە غەزەل ۋە مەدھىيىلەر يېزىپ ، «مونىسۇل ئەھباب» ناملىق بىر دىۋان ۋە ئىنشا ئۇسلۇبىغا ئائىت بىر تەزكىرە قالدۇرغان . موللا بىنايى ھىراتلىق بىر مىمار ئۇستىنىڭ ئوغلى بولۇپ ، مىر ئەلىشىر بىلەن ئايرىلغىچە مىرزا ھۈسەيىن بايقارا سارىيىنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر ھالدا ياشىغان ، كېيىنرەك ماۋەرائۇننەھرگە كېتىپ ، سۇلتان مەھمۇد سارىيى دائىرىسىدە ئېتىبارغا ئىگە بولغان . ئاخىرى شايبانى مۇھەممەدخان ئۇنى ساراي شائىرى قىلىپ ئالغان . ھىجرىيە 922 (مىلادىيە 1517) – يىلى ۋاپات بولدى . مۇھەممەد سالىھ ئىنتايىن گۈزەل شېئىرىي ئۇسلۇپ بىلەن يېزىلغان زەپەرنامە — «شايبانىينامە»نىڭ مۇئەللىپى «لەيلى ۋە مەجنۇن»غا ئوخشاش گۈزەل تۈركىي غەزەللەر ۋە مەسنەۋىيلەر يازغان . بابۇر ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىدۇ . بۇنىڭغا مۇھەممەد سالىھنىڭ شايبانىغا مەقبۇل كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۆزبېك خانىنىڭ سارىيىدا ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك
.
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 61كۈن بۇرۇن
ئۆزبېكلەر ۋە شايبانى مۇھەممەدخان

ھىجرىيىنىڭ 906 – 916 (1500 – 1510) – يىللىرى

تۈرك خەلقىدە قەدىمدىن قالغان بىر ئادەت بار : ئەگەر ھۆكۈمدارلاردىن بىرى مەملىكەتنى ياخشى ئىدارە قىلسا ياكى مەملىكەتنى باشقۇرۇشتا يېڭىچە ئۇسۇل قوللىنىپ ، ئۆزىگە خاس خىزمەت كۆرسەتسە ئۇنىڭ نامىنى مەڭگۈلۈك قالدۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمدارىنى قەۋم باشلىقى ئورنىغا قويىدۇ – دە ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات يولىغا ۋە پۈتۈن دۇنيا تارىخىغا كىرگۈزۈشنى ناھايىتى گۈزەل رەۋىشتە ئىپادە قىلىدۇ.
مەسىلەن ، بىز بۇ ھالنى سالجۇقىيلارنىڭ چوڭ كۈچ ۋە شىددەت بىلەن غەربىي ئاسىياغا كىرگەن ۋاقتىدا ۋە كېيىن قەدىمكى شەرق (ۋىزانتىيە) ئىمپىراتورلۇقى ئورنىدا ئۆزلىرى ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان تۈركلەردە ئۇچرىتىمىز . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ئىسلاھاتچى ، قانۇنچى بولغان پادىشاھلىرىنى ئوسمان دەپ يۈرگۈزۈپ ، ئوسمانلى دەپ ئاتاشقان . خۇددى شۇ ھال كۆك ئوردىنىڭ شەرقىدە ، ۋولگا بىلەن ئورال دېڭىزى ئارىسىدا ياشىغۇچى تۈرك – موغۇل قەبىلىرىدىمۇ مەۋجۇت ؛ ئۇلار جۇجى سۇلالىسىدىن توققۇزىنچى ھۆكۈمدار بولغان ئۆزبېك خان ئىسمىغا ئوخشىتىپ ، ئۆزلىرىگە بىر سىياسىي قوشما نام — ئۆزبېك نامىنى قوبۇل قىلغان . (ئۆزبېكنىڭ مەنىسى : شەخسەن ، ئۆزىگە مۇستەقىل ، خوجايىن ، ئەركىن دېگەندىن ئىبارەت . شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى بۇ سۆز مۇھىم مەنىلىك ئۇنۋان ئىسمى بولۇپ ، كونا ماجارلار (ۋىنگىرلار) دىمۇ ئۇچرايدۇ . شۇ مەزمۇندا 1150 – يىللارغا ئائىت ھۆججەتلەردىمۇ بۇ ئىبارە مەۋجۇت – ھ . ۋ) . ئەبۇلغازى ئۆزىنىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق نەقىل قىلىدۇ : ئۇ (ئۆزبېكخان – س . ئا) ھەر كىمنى خىزمىتىگە قاراپ تەقدىرلەيتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى ۋە شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەملەر ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ بولدى . شۇ سەۋەبتىن جۇجى خەلقى ئۆزىگە ئۆزبېك ئىسمىنى قوبۇل قىلدى . بۇ نام ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاخىرقى دەۋرگىچە ساقلىنىپ قالدى . ھاممېر ھەقلىق رەۋىشتە ئېيتقاندەك ئۆزبېكخان ئۆز خەلقىنىڭ مەدھىيىسىگىلا ئەمەس ، بەلكى قىپچاق تەختىگە زىننەت بەرگەن تۆت ئۇلۇغ ھۆكۈمدارنىڭ (كېيىنكى ئۈچى باتۇ ، بەركە ، توختامىش) ئۈچىنچىسىدۇر . ئەرەب سەيياھى ئىبن بەتتۇتە تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان ھەم تېمۇرىيلار ھاكىمىيىتى ۋاقتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ نام ئۆزبېكخاننىڭ ئۆز دەۋرىدە ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا يەنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان پەيتلەردىمۇ بىر مۇھىم ۋەزىپىنى بېجىرمىدى . پەقەت 150 يىلدىن كېيىن كۈچلۈك ئالتۇن ئوردا دۆلىتى تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ ، رۇسىيىنى تاتار ھاكىمىيىتى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن خالاس قىلغان ئىۋان ۋاسلىۋىچنىڭ كۈرىشى نەتىجىسىدە يۇقىرى ۋولگىدا جۇجى ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تۈگىتىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆزبېكلەرنىڭ ھاكىمى ئەبۇلخەيرىخاننىڭ ساراي ھاكىمىيىتىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلىقىنى ، خانلىق ئالىي ھوقۇقىدىن پايدىلانغۇچى شاھزادىلەرمۇ تەۋەلەر ئارىسىدا بولغانلىقىنى كۆرىمىز .
شىمالدىكى خىرىستىئان دۇنياسى ئىسلام ھۆكۈمىتى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا ئەبۇلخەيرىخان ئۆزىنىڭ چىدىرلىرى ۋە كۆچمەنچى خەلقى بىلەن ئاستا – ئاستا شەرقىي سەھرا ۋىلايەتلىرى ئىچىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى . كۆك ئوردىنىڭ ئاخىرقى خانى كىچىك مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدا ئۇ خېلى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ، تېمۇرىيلاردىن ئەبۇسەئىد ، مۇھەممەد جۇگي ، ھۇسەيىن بايقارا يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ، ئۇنىڭدىن ھىمايە سورىدى . كىچىك مۇھەممەدنىڭ ئىنقىدازىدىن كېيىن قىپچاقتا جۇجى تەختى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى .
ئۆزبېكلەر غەربتىكى ساراي ۋە جەنۇبتىكى ماۋەرائۇننەھردە ، راۋاجلانغان ئىسلام مەدەنىيىتىدىن يىراقتا ياشايتتى . ئۇلار ئورتاق ھاياتقا بۇرۇندىن كۆنۈپ ، تېمۇرىيلارنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىنتىلىشلىرى تۈپەيلىدىن نازۇكلىشىپ ، كونا تۈركلەرگە خاس جەڭگىۋارلىقى سۇسلىشىپ قالغان قېرىنداشلىرىغا نىسبەتەن توران لەشكىرىگە خاس قاتتىق قوللۇقلۇقىنى ئۆزلىرىدە كۆپرەك ساقلىغان ئىدى . ئىسلام دىنى بۇلار ئارىسىدا نام ئۈچۈنلا تارقالغان ئىدى . ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۇرمۇش ئادىتىمۇ تۈرك – موغۇل خەلقىنىڭ كىرىشىپ كەتكەن ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى . ئامۇ ۋە سىر دەريا بويلىرىدىكى تۈركلەر تەدرىجىي تىل ۋە ئەدەبىيات بىرلىكى ۋە ئىران ھاياتىنىڭ نازۇك تەرەپلىرى بىلەن تونۇش بولغان بىر پەيتتە ئۆزبېكلەر يەنە قوي ۋە ئات تېرىلىرىگە ئورالغان ھالدا ھاپىز (ناخشىچى) لىق بىلەن مەشغۇل ئىدى . مەنىۋى ھاياتىدا بولسا ، مىللىي ئەۋلىيالىرى ھېسابلانغان ساختا كارامەتچى ، دەرۋىش خوجا ئەھمەد يەسەۋىينى ئۆزىگە پىر تۇتقان دەرىجىدىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى ، خالاس .
ئۆزبېكلەر دائىملىق ئورتاق ياشاشقا باشلىغىنىدىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى قوپاللىقلىرىنى تاشلىدى . بولۇپمۇ چاغاتاي نامى بىلەن ماۋەرائۇننەھرنىڭ مەدەنىيەتلىك ، ئولتۇراق تۈركىي خەلق ، ئۆزبېك نامى بىلەن بولسا شىمال – غەربتىكى مەدەنىيەتسىز سەھرا ئاھالىسى ئاتىلاتتى . بۇ مۇناسىۋەت كېيىنچە پۈتۈنلەي ياكى يېڭى زامانغا قەدەر ئەكسىنچە ئاڭلىنىدىغان بولدى ؛ يەنى ، ئۆزبېك بۇرۇنقى چاغاتاي ئورنىنى ئېلىپ ، قىرغىز ياكى قازاق دەپ مەدەنىيەتسىز تۈركلەرنى ئاتايدىغان بولدى .
ئەبۇلخەيرىخان ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋر ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى . ئۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال شارائىتىنى ئېتىبارغا ئالغانلىقى ۋە ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىستىلا قىلىش پىكرىگە بېرىلمىدى . ئەكسىچە ، بىر – بىرىنىڭ قېنىغا پېتىپ ، جاڭجاللىشىۋاتقان تېمۇر ئەۋلادلىرىغا بەزىدە ياردەم بېرىش بىلەن قانائەتلەندى . ئۇ پەقەت ئەبۇ شەئىدنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قاراشمىدى . مانۇچېھر مىرزا ۋە سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانى قۇۋۋەتلىدى . ئابۇلخەيرىخاننىڭ ئۆزبېكلىرى دائىم كۆپ ئولجىلار بىلەن قايتاتتى . ئۇنىڭ قىرىق يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ھاكىمىيىتى سەھرا خەلقىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرى ھېسابلىنىدۇ .
تۈركمەنلەردە بىر ماقال بار : «سەھرا قەۋمى غايەت تېز تارقىلىپ كېتىدۇ . ئەمما ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۇنىڭدىنمۇ تېز تارقىلىدۇ» . ئەبۇلخەيرىخاننىڭ شانۇ – شەۋكىتى دۈشمەن ۋە ھەسەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارشى سۈيىقەستلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى . قوشۇنى ئىچىدىكى سەھراخانىلىرى ئۇنىڭغا قارشى بىرلەشتى . ھەتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۈرگە سۇلتانغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىمۇ بۇلارغا قوشۇلدى . «ئاتاڭنىڭ يۇرتىغا دۈشمەن ھۇجۇم قىلسا ، سەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ بىرگە تالا» دېگەن تاتار ماقالىغا مۇۋاپىق ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم قىلدى ، نەتىجىدە ئۇ كۈچسىزلەندى . ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆپ نوپۇزلۇق ئائىلە ئەزالىرى سەھرانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقىلىپ كەتتى . ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئون بىر ئوغلىدىن يالغۇز بەشىنچى ئوغلى شەيخ ھەيدەر سۇلتانلا ئۆز ئورنىدا قالغان ئىدى . ئەمما ئۇنىڭمۇ قۇرۇق ئىسمىدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە ھاكىمىيىتىمۇ ناھايىتى قىسقا بولدى . ئۆزبېكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېتىبار ۋە ئىشەنچلىرىنى ئەبۇلخەيرنىڭ نەۋرىسى شاھزادە مۇھەممەد شايبانىغا قاراتقان ئىدى . ئۇنى شاھبەخت دەپ ئاتىشاتتى . بۇزات ئۆزىنىڭ ياشلىقىغا قارىماستىن ئىستىقبال ئۈچۈن ئەڭ پارلاق ئۈمىدلەر پەيدا قىلغان ئىدى .
شايبانىي ، بىز ئۇنى شۇ نام بىلەن ئاتايمىز ، ئاتىسى بۇداق سۇلتان بىلەن ئانىسى قوزبىگىمدىن ياش ۋاقتىدىلا يىتىم قېلىپ ، ئۇكىسى بىلەن بىللە ئاتىسىنىڭ سادىق خىزمەتكارى قاراچابېكنىڭ ھىمايىسىدە ياشىدى . قاراچابېك بۇ شاھزادىگە يۇقىرى ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلدى . شەيخ ھەيدەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، قاراچەبېك خېلى چوڭ بولۇپ قالغان بۇ يېتىم شاھزادىلەرنى ئېلىپ ، ئەبۇلخەير ئائىلىسىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن چەتتەرەك بولغان سىر دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى .
شايبانىي بۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، چوڭ بوۋىسى ئوردىسىنىڭ تۈرلۈك تەرەپلەرگە تارقىلىپ كەتكەن كىشىلىرىنى مۇقەددەس قان قىساسىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئەتراپىغا توپلىدى ۋە خېلى كۆپ تەييارلىقتىن كېيىن ، سۇلالىنىڭ يوقالغان شانۇ – شەۋكىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا بەل باغلىدى . بولۇپمۇ ئەبۇلخەيرىخانغا يۈزسىزلەرچە خىيانەت قىلغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا سىر دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمى تەرىپىدىكى بىر ئورماننىڭ ئېتىكىدە ياشاۋاتقان بۈرگە سۇلتاندىن قىساس ئېلىش قەستىگە چۈشتى .
شايبانىي كۈچ توپلاپ ، تەييارلىق كۆرۈپ بۈرگە سۇلتان بىلەن رىياكارانە تەرىزدە دوست بولۇشتى . تەييارلىق تولۇق پۈتكەندىن كېيىن ، سەھراغا ئىنساندىنمۇ قىساسكارراق ھەقىقىي بىر دەھشەت سالغۇچى ئۇزۇن قىش كېچىلىرىنىڭ بىرىدە ، سەمىمىي ئۈچ باتۇرى بىلەن دۈشمىنى بۇرگىنىڭ سارىيىغا ھۇجۇم قىلدى . ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن نۇرغۇن كىشىنى قەتلى قىلدى . قېچىپ كەتمەكچى بولغان بۈرگە سۇلتانمۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلالمىدى . شايبانىي ئۇنى تاپقۇزۇپ كېلىپ قەتلى قىلدى . شۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇمدىن كېيىن ياش شاھزادە خېلى كۈچەيگەن ئۆزبېك سۇۋارىيلىرىغا باشلىق بولدى . ئۇلارنىڭ پاناھلىقىدا چوڭ جەڭلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى .
مەركەزدىكى ئەھۋال شۇ تەرىقىدە بولغاچقا ، ئەمدىلىكتە تېمۇرىيلار بىلەن توقۇنۇشماسلىققا ئىلاج يوق ئىدى . بۇ دەۋردە سەمەرقەند تەختىنىڭ ئىگىسى ئەبۇسەئىدنىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد ئىدى . مەملىكەتنىڭ شىمالىي چېگرىسىنىڭ نائىبى قۇشلىقخان ئوغلى مەجىد تارخان ئىدى .
شايبانىي ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى . مەجىد تارخان رازىلىق بىلدۈردى ، مائاشىنىمۇ بەلگىلىدى . لېكىن مەجىد ، ئۆزبېك باشلىقلىرىنىڭ يەلكىسىگە چىقىۋېلىشنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ، خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇخارا ھاكىمى ئابدۇلئەلى تارخانغا ئەۋەتتى . بۇخارانىڭ مۇتلەق ھاكىمى ئابدۇلئەلى تارخاننىڭ سارىيى زىننەت ۋە ھەشەمەت جەھەتتىن ئۆزى تەۋە ھۆكۈمدارنىڭ سارىيىدىن قېلىشمايتتى . ئۇ ئۆزبېكلەرنى ياخشى قوبۇل قىلدى ۋە مۇغۇللار شەرقىي شىمالدىن ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلاردىن پايدىلاندى .
تۈركىستاننىڭ شىمالىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئىمتىيازلىق ھاكىملار (تەۋەلەر) ئىسيان كۆتەرگەن پەيتتە ، ئەبولخەيرنىڭ ۋارسلىرىدىن ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلاندى . لېكىن ئۆزبېك شاھزادىلىرى بۇ يەرنى ئۆز ۋەتىنىدەك ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى توپلىغان كۈچلىرىنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ ، ئىش قىلىپ ، ھەرقانداق قوراللىق خىزمەت ئۈچۈن توپلانغان ئاددىي مائاشقا قانائەت ھاسىل قىلمىدى . شۇ سەۋەبتىن ئوترار ، سەۋران ، سىغناق شەھەرلىرىنى ئۇلارغا بېرىپ ، رازى قىلىش لازىم كۆرۈلدى . كېيىنچە ناھايىتى كېڭىيىپ كەتكەن شايبانىي مەملىكىتى شۇ تەرىزدە تەسىس قىلىندى .
ئۆزبېك شاھزادىلىرىگە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن تەرەپدارلىرى ۋە باتۇرلۇق ھەرىكەتلىرىنى سۆيگۈچى سەھرا پەرزەنتلىرى ئارقا تەرەپتىن ياردەم قىلغانلىقتىن ، يېڭىدىن مەيدانغا چىقىپ كېلىۋاتقان شايبانىيلار بىلەن ئىنقىرازغا ئۇچراۋاتقان تېمۇرىيلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزاق داۋام قىلالماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى . توقۇنۇشۇشنىڭ سەۋەبى تېز تېپىلدى . سۇلتان ئەھمەدنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا شايبانىي كېلەچەكنى ئويلىغان ۋە نائىب مەجىد تارخانغا قاراشلىق سىر دەريانى تارتىپ ئالغان ، ئەمدىلىكتە ئاۋۋالقىدەك مائاشقا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ، شۇندىن بېرى تېمۇر سۇلالىسىنىڭ قورقۇنچلۇق دۈشمىنىگە ئايلانغان ئىدى . ياش كۆچمەنچى خانلارنىڭ ناھايىتى كۈچەيگەن جەڭگىۋار ئەسكەرلەرگە خاس روھى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا نىزا جەڭلىرى ئۈچۈن كۇپايە ئىدى ، بۇنىڭدىن تاشقىرى ، شۇ زاماندا ماۋەرائۇننەھرنىڭ بەكمۇ چۇۋالچاقلىشىپ كەتكەن سىياسىي ھاياتى ، بەگلەرنىڭ باشباشتاقلىقلىرىغا ئوخشاش ھالەتلەر شايبانىينىڭ مەملىكەتنى ئىستىلاھ ئېتىشىگە سەۋەبچى بولدى .
ئۇ ھىجرىيە 905 (مىلادىيە 1500) – يىلىدا بىرىنچى قېتىم سەمەرقەندكە تاجاۋۇز قىلدى . «شايبانىينامە» مۇئەللىپىنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، سۇلتان مەھمۇد بايسقۇر زامانىدىمۇ شايبانىينىڭ قېرىندىشى جىزاخ ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىپ ، چوڭ تالاپەت بىلەن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن . ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم باشلىغانلىقى ئۈچۈن شايبانىي قېرىندىشىغا تەنبىھ بەرگەن ۋە مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن مىڭ نەپەر يىگىتى بىلەن دەرھال سىر دەريانى كېچىپ ئۆتكەن . ئەمما ئۇنىڭ بۇ يۈرۈشى ئەسكەرلىرىنىڭ خىيانەتكارلىقى تۈپەيلىدىن مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان . شايبانىي مەجبۇرىي ئارقىغا قايتقان .
شەيخ مەنسۇر شايبانىينىڭ پىرى ئىدى . ئۇ پىرىنىڭ : «ئوتتۇرىسىدىن ئەمەس ، چەت تەرەپلىرىدىن باشلاش لازىم» دېگەن كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ، مەملىكەتلەرنى ئىستىلا قىلىش پىكرىگە كەلگەن . ئاۋۋال ئۇ ئەتراپتىكى تۈرك بەگلىرىگە مۇراجىئەتنامە ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى تېمۇرىيلار ھاكىمىيىتىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشكە دەۋەت قىلدى . بۇنىڭغا دەل پەيتى كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى .
تېمۇرىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ تايانچلىرى نەقەدەر چىرىگەن ۋە ئاساسى بوشىشىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي ، سەمەرقەند ھۆكۈمدارىغا سادىق تۈركلەر ھامان كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى . شايبانىي ھەر ھالدا ئۇلارنى ئۆز تەرىپىگە جەلپ قىلىشنى لازىم تاپتى ۋە بۇنىڭغا ئېرىشتى . بۇلار ئارىسىدا ئەڭ مۇھىملىرى كۆچىم سۇلتان ، سۇيۇنچخۇجا سۇلتان ، ھەمزە سۇلتان ۋە سەئىد سۇلتانلاردىن ئىبارەت ئىدى . ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، كۈچلۈك قىلىپ تەييارلانغان قوشۇن بىلەن سەمەرقەندئۈستىگە يۈرۈش قىلدى .
بابۇر بۇ يەردىن ئەنجانغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ، دۆلەت بېشىدا قالغان سۇلتان ئەلى نامدىلا ھاكىم ئىدى . چوڭ بوۋىلىرى 400 يىلدىن بۇيان سەمەرقەندتە تەشەيخۇلئىسلاملىق قىلىپ كېلىۋاتقان قازى كالان ئابۇلمەكارىم (ئەسلى نامى خۇجايەھيا) ھەقىقىي ھاكىم ئىدى . لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى رەھبەرلىك ئىشلىرىغا مۇكەممەل ئەمەس ئىدى ، ئون كۈنلۈك قامالدىن كېيىن شەيخزادە ئىشىكىدىن چىقىپ ، قىلىنغان ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ، شايبانىي جەرراخ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ، باغى نەۋگە يېتىپ باردى ۋە دۈشمەن لەشكەرلىرىنى ئىسكەنجىگە ئالدى .
ئۇرۇش كۈن چۈش بولغاندا باشلاندى . شايبانىي ئۆلۈمگە تىك تۇرۇپ ، ئۇرۇشقا شەخسەن ئۆزى قاتناشتى . پۈتۈن تۈن بويى ھەر ئىككى تەرەپتىن قىرىلىش داۋام قىلدى . ئەتىسى شايبانىيغا خىزمەت قىلغان ئابدۇلئەلى تارخاننىڭ ئوغلى باقى تارخان سەمەرقەندكە ياردەمگە كەلدى ، ئۇنىڭ دابۇسىيە ئىستىھكامىنىڭ يېنىدا قارارگاھ قۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلىندى . ئۆزبېكلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەمەرقەندنى قامالدىن بوشىتىپ ، تېز سۈرئەتتە بۇخاراغا چېكىندى . ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياردەمچى ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇخارا ئۈچۈن ئۆزبېكلەرگە شەرتسىز تەسلىم بولۇشتىن باشقا چارە قالمىغانىدى . شايبانىي بۇخارانى ئۆزىنىڭ باش قارارگاھى قىلدى . ئانىسى بىلەن ئائىلىسىنى شۇ يەردىكى سارايغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، لەشكەرلىرى بىلەن قارا كۆل ئۈستىگە يۈرۈپ كەتتى . چۈنكى بۇ يەر بىرىنچى قېتىم ئىگىلەنگەندىن كېيىن باباي سۇلتان رەئىسلىكىدە قالدۇرۇلغان مۇھاپىزەت قىسىملىرى شىددەت بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغانىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇنى يېڭىدىن ئىگىلەشكە ئېھتىياجلىق ئىدى . ھالبۇكى ئۆزبېك ھەربىي قانۇنىنىڭ پۈتۈن شىددىتى بىلەن ئىسيانكارلارغا جازا بېرىلگەندىن كېيىنلا سەمەرقەندنى قايتا قامال قىلىش مۇمكىن بولاتتى .
سەمەرقەند يېڭىدىن قامالغا ئېلىندى . شەھەردىكىلەر توققۇز ئاي قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى . ئەگەر ئەمەلپەرەست ئابۇلمەكارىم بىلەن خان سۇلتان ئەلى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئوچۇقتىن ئوچۇق دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىسە ، ئېھتىمال ، مۇستەھكەم بۇ قەلئەنى ئىگىلەش مۇددىتى يەنىمۇ ئارقىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىدى . بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالدىن ياخشى خەۋەردار بولغان شايبانىي سەمەرقەند ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەلىگە : «خۇجاۋاسىيلىقىدا ياشاشتىن ھازىرغىچە تويمىدىڭمۇ ، ئەبۇلخەير خانىدانىدىن ئىنايەتى رەببانىيە بىلەن تۇغۇلمىش يۇلتۇزنى تەبرىكلەپ ، ھاياتىڭنى ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق يولىدا ئىزلەشكە ھازىرمۇ ۋاقىت يەتمەمدۇ ؟» دېگەن مەزمۇندا مەكتۇپ ئەۋەتتى . شايبانىي ئۆزىنىڭ بۇ دوستلۇق تەكلىپىنىڭ ياخشى نىيەتتە يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن سۇلتان ئەلىنىڭ ئانىسىنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا سورىدى . سۇلتان ئەلىنىڭ ئانىسى بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈردى . بۇ ئىشلار شۇ قەدەر مەخپىي ئېلىپ بېرىلدىكى ، بىر جۈمە كۈنى شايبانىي مۇھەممەدخان قامالىدىكى سەمەرقەند شەھرىگە بىر تەرەپتىن كىرىپ كەلدى . بۇنىڭدىن مۇتلەق خەۋەرسىز خوجا ئابۇلمەكارىم شەھەرنىڭ ئىككىنچى تەرىپىدىكى مەسچىدتە ئولتۇراتتى . بۇ ۋەقە ھىجرىيە 906 (مىلادىيە 1500) – يىلىدا سادىر بولدى .
تېڭىرقاپ قالغان سەمەرقەند ئاھالىسى ئۆز تەقدىرىگە تەن بەردى . ئۆزبېك خانى بىلەن سۇلتان ئەھمەدنىڭ تۇل خوتۇنى زوھرا بېگىم ئوتتۇرىسىدا نىكاھ ئوقۇتۇلدى . لېكىن بابۇرنىڭ ھېكايىسىغا قارىغاندا ئۇنىڭغا ئاددىي ئاق چاچلارغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولغان . شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئەلى ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مەجبۇرىيەت ئاستىدا بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرمۇ بار . دەرۋەقە بۇ ۋەھشىي ۋە يىرىتقۇچ سەھرا خەلقىنىڭ ھاكىمىيىتى سەمەرقەند ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئۈچۈن ناھايىتى مالال كەلدى . شۇ سەۋەبتىن سەمەرقەندلىكلەر ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن بۇ مەھكۈملۇق زەنجىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى ۋە نىھايەت ، ئالىيجاناب بابۇرمىرزىنى ئۆز بوۋىلىرىنىڭ پايتەختىنى ئازاد قىلىشقا دەۋەت قىلدى .
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولغان ۋە ئۆز سۇلالىسى مەنپەئەتىگە غايەت سادىق بولغان بابۇر بۇ دەۋىردە ئۆزىنىڭ بىرقانچە ساداقەتلىك تەرەپتارلىرى بىلەن زەرەپشاننىڭ يۇقىرى جايلىرىدا قوشۇن توپلىماقتا ۋە خوجا ئابۇلمەكارىممۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى . ھىجرىيە 906 (مىلادىيە 1500) – يىلى كۈز پەسلىنىڭ قاراڭغۇ بىر كېچىسىدە قوقەندلىقلار سەمەرقەند دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىشى بىلەن خەلق ئۇلارغا قول ئۇزاتتى . شايبانىي سەمەرقەندنى قانچىلىك ئاسان ئالغان بولسا ، شۇنچە ئاسان قولدىن بەردى . چۈنكى ، ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپىنچىسى قارا كۆل چۆلىدىكى قارارگاھتا ئىدى . شۇ سەۋەبتىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئەسلا مۇمكىنچىلىك يوق ئىدى .
بىرىنچى جەڭدە 400 گە يېقىن ئەسكەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئەتىسى ئۆز ئەھۋالىنىڭ پالاكەت بىلەن تۈگىشىنى سەزگەن شايبانىي تېز قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى كۆرۈپ ، بۇخاراغا چېكىنىشتىن باشقا چارە تاپالمىدى .
بابۇر سەمەرقەندنى يېڭىدىن ئىشغال قىلدى . لېكىن ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ھاكىمىيىتى باھارغىچە ، يەنى ھارماي – تالماي تۇرغان ئۆزبېك خانىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكەر توپلاپ ، يېڭىدىن ھۇجۇم باشلىغان دەۋرىگىچە داۋام قىلدى . ئاڭسىز ، شىددەتلىك ھۇجۇملار ۋە شۇ پەيتتە ھەر ئىككى تەرەپ نامايىش قىلغان ھەمدە ھەيرەتكە سالىدىغان قەھرىمانلىقلار كۆپلىگەن ئومۇمىي ئۇرۇشلار بۇخارا سەمەرقەند ئارىسىدا ، سارەپول يېنىدا سادىر بولۇپ تۇردى . بابۇر بۇ ئۇرۇشتا پۈتۈن غەيرەتلىرى زايا كېتىپ يېڭىلدى . كۆپ قىيىنچىلىقلار بىلەن سەمەرقەند قەلئەسىگە مەجبۇرىي قېچىپ كىرىپ ، ئامالسىز تەھدىتدىن قېچىپ قۇتۇلدى .
بابۇر بۇ چاغدىكى پالاكىتىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى ياردەمچى موغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ خىيانەتلىرىدىن كۆرسىمۇ ، بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرنىڭمۇ بارلىقى ئىنكار قىلىنماسلىقى لازىم . كېيىنرەك ھىندىستان موغۇل (بابۇرىيلار – س . ئا) مەملىكىتىنى بەرپا قىلغان بابۇر ھەم ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ مانا شۇ بۈيۈك جەڭدە كۆرسەتكەن ماتانەت ھەم قەھرىمانلىقلىرى ھەر جەھەتتىن تەقدىرلەشكە لايىق ، ئەلۋەتتە . ئەمما بابۇر لەشكەرلىرىنىڭ سانى ، «شايبانىينامە» مۇئەللىپىنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە 40 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ ، ماۋەرائۇننەھردە ۋە ئەنجاندا تىنچ ھايات كەچۈرگەن ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋار لېكىن شەپقەتسىز ئۆزبېكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يوق ئىدى .
بۇ ئۇرۇشتا بابۇر چوڭ زىيان تارتتى . ئۇرۇش جەريانىدا ئۈچ ئىبراھىم (ئىبراھىم تارخان، ئىبراھىم سارى ، ئىبراھىم جانىي) ھالاك بولدى . ھەرقانچە مۇنەۋۋەر پىكىرلىك بولسىمۇ ، قىيىنچىلىق ھەم خۇراپاتلىققا ئىشىنىشتىن خالى بولالمىغان بابۇر ئۈچۈن بۇ مەشئۇم ۋەقە بىر پالغا ئوخشاش ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىدا تۇراتتى . ئۇ ئۇرۇشنى ئاۋالقى غەيرىتى بىلەن ھەرقانچە داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەمەرقەندتە تەييارلىق كۆرسىمۇ ، ماۋەرائۇننەھردە تېمۇرىيلار ھاكىمىيىتىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئەكسىگە قايتۇرۇپ بولماسلىق پىكرىگە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە قانائەت ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر ئىدى .
شايبانىي ئۆزىنىڭ غەلىبىسىدىن پايدىلىنىپ ، رەقىبلىرىنى تېزلىك بىلەن تەقىپ قىلىشقا باشلىدى ۋە سەمەرقەندنى قاتتىق قامال قىلدى . تۆت ئاي سوزۇلغان بۇ قامال تېمۇر پايتەختى تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر مىنۇتلاردىن ئىدى . قامال قىلغۇچىلار گۈزەل پايتەختى ئەتراپىدىكى بايلىق ۋە نېمەتلەردىن خالىغانچە پايدىلاندى . ئەمما قامال ئىچىدىكى چاغاتايلىقلار بولسا ئوزۇق – تۈلۈك يېتىشمەسلىكتىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە يامان ھېسابلىنىدىغان ئات ۋە ئېشەك گۆشلىرى ھەتتا ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولدى . ئاتلىرىغا بولسا ياغاچ قېرىندىلىرىنى بەردى . بۇنىڭ ئۈستىگە تەرتىپسىزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىكلەر قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ بابۇر قۇپ – قۇرۇق قەلئە ئىچىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، مىڭ تۈرلۈك تەھلىكە ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ھېچ بولمىسا ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش خىيالىدا بىر كېچىدە شەيخزادە دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، قەلئەنى تەرك ئەتتى . چوڭ ئاپىسى خانزاد بېگىم بولسا ئەسىرگە چۈشۈپ ، شايبانىينىڭ نىكاھىغا ئېلىندى .
سەمەرقەند ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تېمۇرىيلار ھاكىمىيىتى شۇ تەرىقىدە ئىنقىرازغا ئۇچرىدى . ئىنتىقام ھېسسىي جۇش ئۇرغان ئۆزبېكلەر شەھەردە بار بولغانلىكى ھەممە نەرسىنى تالان – تاراج قىلدى . شەھەر ئاھالىسى غالىپلارنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ، قېچىپ قۇتۇلۇش يولىغا چۈشتى . بۇلار ئارىسىدا شايبانىينىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك دۈشمىنى مۇۋەققەت ئاقساقال خوجا يەھيامۇ بار ئىدى . ئۇ ئۆزىنى تونۇتماسلىق ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى يامان كۆرۈلىدىغان بىر ئىشنى قىلىپ ، ساقىلىنى قىرىپ تاشلىدى . لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇتۇلۇپ قالالمىدى . ئاخىر تونۇلۇپ قېلىپ تۇتۇلدى – دە ، شايبانىينىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى . شايبانىي نېمىشكە بۇنداق ئىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى سورىغىنىدا يەھيا ئۇنىڭغا : «خۇدا ياندۇرغان شامنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى پۈۋلىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ شاقىلىنى كۆيدۈرىدۇ» دېگەن مەزمۇندا پارسچە بىر شېئىر ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن . لېكىن ، خۇدانىڭ شامى ، يەنى شايبانىي ئۇنىڭ بۇ خىل سەمىمىيلىكىگە قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى . خوجا يەھيا جامائەتنىڭ تەلەپ – ئارزۇسى بىلەن ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىنى جاللاتقا تاپشۇردى .
شايبانىي بۇرۇنقى سۇلالە تەرەپدارلىرىغا ئىنتايىن قاتتىق قول ۋە مەرھەمەتسىز مۇئامىلە قىلىپ ، ئادەملەرنى دەھشەت ۋە خەۋپكە سالدى . بۇنىڭ ياردىمىدە ئۆرەتۆپە ئەتراپىدا ئۆزىگە قارشى خەۋپ ۋە تەشۋىش پەيدا قىلغان قېرىندىشى بىلەن بىتىم تۈزگەندىن كېيىن ، قول ئاستىدىكى ئازغىنە لەشكەر بىلەن ئامۇ دەريانى كېچىپ ئۆتۈپ ، ھەرىكەت باشلاشقا ئىمكان تاپتى . ئۆزبېك فەتھىنىڭ قانائىتى ، كەمتەرلىكى ، سەبرۇ قەھرىمانلىق دەرىجىسى ناھايىتى تەئەججۇپلىك ئىدى .
سەمەرقەند تەختىنى ئىگىلەش بىلەنلا شايبانىينى خۇراسان يايلاقلىرى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا باشلىدى . لېكىن ئۇ يەردىكى ھىرات تەختىدە كۈچلۈك ۋە شەۋكەتلىك مىرزا ھۈسەيىن بايقارا ئولتۇراتتى . شايبانىي ئۇنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇ بايقاراغا توغرىدىن – توغرا دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى باشلاشتىن تەپ تارتىپ ، خۇراساننىڭ مىرزا ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىگە تەۋە ، لېكىن زەئىپ جايلىرىغا تاجاۋۇز باشلىدى . بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بەلخ ئىدى ، ئۇ يەردە شاھزادە بەدىئۇززامان مىرزا ھۇسەيىنگە قارشى ئىسيان بايرىقىنى كۆتەرگەن ئىدى . ئىككىنچىسى سۇلتان ئەھمەدنىڭ سابىق ۋەزىرى خىسراۋ شاھنىڭ مۈلكىگە قاراشلىق يەرلەر ئىدى ، شايبانىي ئۆز ھامىيىسىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئىنكار قىلىش يولى بىلەن چەتلەشتۈرۈلگىنىدىن كېيىن ، ھىسار ، خەتلان ، قۇندۇز ، بەدەخشاننى ئۆز مەملىكىتىگە قوشۇۋالدى .
شايبانىي مىرزا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن يۇرتنىڭ ئارقا تەرەپلىرىنى تەھلىكىدىن ئاسراش ، يەنى بابۇرنىڭ موغۇل قېرىنداشلىرى خانىكە سۇلتان ۋە ئالاچە سۇلتانلار بىلەن جەڭ قىلىپ ، ئۇلارنى يېڭىشنى لازىم تاپتى . سىر دەريانىڭ ئوڭ ساھىلىدا ، شاھروخىيە ۋە تاشكەنت ئەتراپلىرىدا ئۇلارنىڭ موغۇل ۋە قالماقلاردىن ئىبارەت خېلى كۆپ لەشكەرلىرى مەۋجۇت ئىدى . قىسمەن ھەسەت قىسمەن ھىممەتسىز قېرىنداشلىرى بابۇرنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار ھە رتۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆزبېكلەرگە زەرەر كەلتۈردى .
بۇلارغا قارشى بىرىنچى يۈرۈش سەمەرقەندنى ئىگىلىگەن يىلىدىلا باشلاندى . ناھايىتى سوغۇق قىش كۈنى شايبانىي ئاشلانغان تېرىلىرىگە ئورالغان قوشۇن بىلەن شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلدى . قېرىنداشلىرى سۇلتان مەھمۇد ، تېمۇر سۇلتان بىلەن بىرلىكتە جەسۇر ئۆزبېكلەردىن ئىبارەت ئالتە مىڭ كىشىلىك بىر ئىلغار (ئاۋانگارت) قوشۇن تۈزگەن بولسىمۇ ، ئەمما قاتتىق سوغۇق ، ئېھتىمال بۇلاردىنمۇ جەڭگىۋار موغۇللار ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىدى ۋە بوز – سەھرالاردا شايبانىينىڭ قەلبىدىكى ۋەھشى ئۇرۇشقاقلىق ھارارىتى سۇنۇپ ، ئارقىغا ، سەمەرقەندكە قايتتى . موغۇللار ئۆرەتۆپىگىچە قوغلاپ كەلدى . گەرچە بۇ شەھەر بۇلتۇر يازدا قايتا ئىگىلىنىپ ، خانىكە سۇلتان بىلەن بېتىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، ھەقىقەتتە بۇ سۈلھ ئەمەس بەلكى تەدبىر ئىدى . چۈنكى شايبانىي خىسراۋ شاھنىڭ مۈلكىگە باستۇرۇپ كىرگەندەك ، موغۇللار يەنە شايبانىيغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى . بۇ قېتىم ئۇلار چېگرىدىكى جايلارغا ئەمەس ، بەلكى شايبانىينىڭ خوقەندتىكى نائىبى تەنبەل سۇلتاننىڭ يېرىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى .
تەنبەل بولسا شايبانىيدىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق ئىدى . چۈنكى ئۇ بىرىنچىدىن ، ئۆزىنىڭ پىتنىسى بىلەن بابۇر تەختىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان بىر كىشى ئىدى ، ئىككىنچىدىن ، ئۆزبېك ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى . شايبانىينىڭ ھۇزۇرىغا سىرتتىكى تاجاۋۇزلىرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىنى تۇران ئىچىدىكى ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى قويۇش ئۈچۈن باشقا سەۋەبلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى . شايبانىي ئۆز تەبىئىتىگە كۆرە جەسۇر ۋە شۆھرەتپەرەس ئىدى ، ئەگەردە سىر دەريا بىلەن گوبى چۆلى ئارىسىدا ياشىغۇچى موغۇل ۋە قالماقلارغا تايانغان خانىكە بىلەن تېمۇرىيلار بىر ئىتتىپاق تۈزسە ئۆزبېكلەرنىڭ پۈتۈن مەقسەتلىرىنى بەربات قىلىشى تۇرغان گەپ ئىدى . شايبانىي بۇنى ناھايىتى ياخشى پەرەز قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ھىجرىيە 911 (مىلادىيە 1505) – يىلى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەربىي كۈچى بىلەن ئاۋۋال شاھرۇخىيە ئۈستىگە يۈرۈش باشلاپ ، ئۇنى قامال قىلىشنى ئەمىر قىلدى . كېيىن سىر دەريا بويىغا يۈرۈپ ، ئەخسىگە قەدەر باردى . ئۇنىڭدىن ئون بەش مىل مۇساپىدە موغۇللارنىڭ بىرلەشكەن ۋە جەڭگە تەييار لەشكەرلىرى تۇراتتى . «شايبانىينامە» مۇئەللىپى ھەر ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم بەلگىلىرىنى ھەم ئۆزبېكلەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن تۈگىگەن بۇ قانلىق جەڭلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنى غايەت جانلىق ۋە زوق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ .
خانىكە قېرىندىشى بىلەن ئەسىرگە چۈشتى ۋە شايبانىي ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى ، ئۇلار ھېچ شۈبھىسىز ھالدا ئۆلۈمنى كۈتكەن ھالدا تۇرغىنىدا شايبانىي ئۇلارغا ئامانلىق ئاتا قىلدى ۋە ئالىيجاناپلىق كۆرسەتتى . ھەتتا بەزىبىر نەرسىلەرنى ھىكايە قىلىپ ، پالاكەتكە ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن تەسەللى بەردى . ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەم مۈلۈكلىرىگە تەگمەسلىك ھەققىدە سۆزلەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى . شايبانىي ئۇلارنىڭ ئانىلىرى قۇماندانلىق قىلغان شاھروخىيە قەلئەسىنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى . ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئالىيجاناب مۇئامىلە كۆرسىتىپ ، شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، بۇ ئايالنىڭ كۆڭلى يۇمشىدى . قەلئەلنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاپشۇرۇپ بۇنىڭ بەدىلىگە سۇلھ تۈزۈشكە ئېرىشتى .
شايبانىي ئارقا تەرەپتىكى مۇخالىپلىرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ، ئەمدى ھۇجۇم نەزەرىنى ئامۇ دەريانىڭ سول تەرىپىدىكى رەقىبلىرى ئۈستىگە قاراتتى ، لېكىن بۇ ئورۇندا ئەھۋال بىر ئاز ئۆزگەردى . ھىسار ، قۇندۇز ، خەتلان ، بەدەخشان ھاكىمى خىسراۋ شاھ بىلەن سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىنىڭ قول ئاستىدىكى بەگلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانچە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي ، ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر شىددەتلىك داۋاملاشسىمۇ ، ئومۇمىي بىر تەھلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى بايقاپ ، شايبانىيغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزدى ۋە بىرلەشتى . لېكىن بۇ ئىتتىپاقچىلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلدە قوللىسىمۇ ، ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى .
شايبانىي ئالدى بىلەن خىسراۋ شاھقا ئۇرۇش ئاچقان بولسىمۇ ، لېكىن تەنبەلخان ئۆز شەپقەتچىسىگە قارشى ئىسيان كۆتەرگەنلىكى ئۈچۈن شايبانىي يېڭى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى توختاتقان ئىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۆز مەملىكىتىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىغا يېڭى كۈچ ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى . ئىسيان تۇزكور تەنبەلخان ئۈچۈن ئاكا – ئۇكا قېرىنداش ۋە سىڭىللىرى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە ئاياقلاشتى .
شايبانىي شۇنىڭدىن كېيىن تېزلىك بىلەن ئامۇ دەريانىڭ سول ساھىلىغا ئۆتتى . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن مۇخالىپلىرىنىڭ بىرلەشكەن لەشكەرلىرى دەرھال خەتلانغا چېكىندى . بۇ دەۋردە بابۇر خەتلاندا ئەڭ كۆپ تونۇلغان ئادەم ئىدى . شۇ پەيتتە شايبانىينىڭ قېرىندىشى سۇلتان مەھمۇد قۇندۇزنى ئىگىلىدى ۋە شۇ جايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى . ئەينى ۋاقىتتا سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىنىڭ ئەڭ سادىق تەرەپدارلىرىدىن خارەزم ھاكىمى چىن سوپىغا قارشى شايبانىي ھەرىكەت باشلىدى . لەشكەرلەرنىڭ ئىلغارلىرىغا شايبانىينىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى . قوغدىغۇچى ۋە قاراۋۇل ئورنىدا ئون تۆت كۈنلۈك ياش رەپىقىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلىپ ، ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلانغان ئۈبەيدۇللا رەھبەرلىكىدىكى لەشكەرلەرمۇ بارماقتا ئىدى .
ئەسكەرلەرنىڭ ئامۇ دەريادىن كېچىپ ئۆتۈشى قاتتىق قىش ۋاقتىغا توغرا كەلدى . شايبانىينىڭ قوشۇنى ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چىن سۇپى ئوردىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسكىرى ھېسابلانغان تۈركمەنلەرنىڭ قارشى تەرىپىدە جايلاشتى . تەرەپلەرنىڭ كۈچلىرى بىر – بىرىگە تەڭ دىيەرلىك ھالدا ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ، ھازىرقى خىۋا بىلەن ھازارەسىپ ئارىلىقىدىكى خارەزم قەلئەسىنى قامال قىلىش ئۇزۇن ۋاقىتقا قەدەر داۋاملاشتى . قەلئەدىكىلەر تەرىپلەشكە سىغمايدىغان دەرىجىدە پەۋقۇلئاددە قارشىلىق كۆرسەتتى . چىن سۇپىنىڭ چەتتىن ياردەم ئېلىش ئۈمىدىنى يوقىتىش ئۈچۈن شايبانىي ئالدى بىلەن خىسراۋ شاھنى يوقىتىشنى لايىق تاپتى . ئامۇ دەريانىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ناھايىتى كۈچلۈك ھېسابلانغان خىسراۋ شاھ شايبانىي قوشۇنىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى . قېچىپ كېتىۋاتقان پەيتتە قولغا چۈشۈپ ، ئۆزىنىڭ سادىق 700 نەپەر ئادىمى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى . ئۇنىڭ بېشى كېسىلىپ چىن سۇپىغا ئەۋەتىپ بېرىلدى . بۇ چاغدا چىن سۇپى ئاچ قالغان ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ناھايىتى خاراپ ھالەتتە تۇرماقتا ئىدى . لېكىن بۇ «تۆھپە» قەھرىمان چىن سۇپىنى دەھشەتكە سالالمىدى . ئۇ دۈشمەننىڭ بارلىق ھۇجۇملىرىغا ئاجايىپ غەيرەت بىلەن ئالتە ئايغا قەدەر قارشىلىق كۆرسەتتى . پەقەت ، ئىچەن قەلئەسى قولدىن كەتكەندىن كېيىن ، چىن سۇپى ئاشۇ قەلئەنىڭ خارابىلىرى ئارىسىدا ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئوقلىرى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى .
سەمەرقەند ئېلىنغاندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئاشۇ كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت تۈپەيلىدىن پۈتۈن توران شايبانىينىڭ قول ئاستىغا ئۆتتى . ئۇنىڭ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە پارلىغان يۇلتۇزىنى شەرقتە ئەنجان ، شىمالدا شاھرۇخىيە بىلەن تاشكەنت ، جەنۇبتا ھىسار ، بەدەخشان ، بەلخ ۋە خارەزم تەبرىكلىدى . سەمەرقەندنى بېسىپ ئېلىش ھارپىسىدا قوي تېرىلىرىگە ئورالغان ئۆزبېكلەر ئەمدى ماۋەرائۇننەھرنىڭ بايلىق ۋە پاراغەتلىرىگە كۆمۈلدى ؛ ئەبۇلخەير ۋارسلىرىنىڭ شەۋكەت ۋە قۇدرىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇزاق مەملىكەتلەرگە يېيىلدى .
شايبانىينىڭ سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىغا قارشى ئاساسلىق ھەرىكىتى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن باشلاندى . بولۇپمۇ ئۆزبېكلەر بىلەن تېمۇرىيلار ئارىسىدىكى قەتئىي كۈرەش پەيتى يېتىپ كەلگەنىدى . شۇنىڭغا ئاساسەن ، ھەر ئىككى تەرەپ كۈرەش مەيدانىغا ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن چىققانلىقى ھەققىدە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . شايبانىي ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ھەرىكەتلىرى بىلەن ئامۇ دەريا ۋە سىر دەريا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق جەڭگىۋار ئۇنسۇرلىرىنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلاش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىدى ، بەلكى ئەڭ مەشھۇر تەرىقەت ئەھلىلىرىمۇ ئۇنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پائالىيەت كۆرسەتتى . ئامۇ دەريا قىتئەسىدىكى ئىران قەۋمى ئۇزۇندىن بېرى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ، ھەر تۈرلۈك تۈرك قەبىلىلىرى تالان – تاراجغا ئېلىپ بارغۇچى بۇ يېڭى تېمۇر ئەتراپىغا يۈكسەك زوقمەنلىك ۋە ھاياجان بىلەن توپلاندى .
سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىغا كەلگەندە ، ئۇ مەملىكەتنى تەھلىكىگە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپنى ئېتىبارغا ئېلىپ ، ئوغۇللىرىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا پەرمان چۈشۈرۈپ ، ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن تەخت ئەتراپىغا توپلىنىشقا ۋە مەملىكەتكە باستۇرۇپ كىرگەن ئۆزبېك قوشۇنىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ئەمىر قىلدى . شۇ سەۋەبتىن ھىراتنىڭ شىمال تەرىپىدە ئافغانىستان ، سىيىستان ، خۇراسان ، فارس ۋە جۇرجان خەلقلىرىدىن ئىبارەت كۈچلۈك لەشكىرى قوشۇن توپلىدى . بۇلارنىڭ بىرلا كەمچىلىكى — ئوتتۇرلىرىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاق يوق ئىدى . تېمۇرىيلار ئۆزئارا ئۇششاق جاڭجال ۋە ئىختىلاپلار بىلەن بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ھىجرىيە 911 (مىلادىيە 1505) – يىلىدا شايبانىي كىركە يېنىدا ئامۇ دەريانى كېچىپ ئۆتكەندىن كېيىن ، ئوڭ تەرەپتىن ئۇلارنى تامامەن پاراكەندە قىلىپ ، ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى . شۇ پەيتتە سۇلتان ھۇسەيىن مىرزا ۋاپات بولدى . ئۆز سۇلالىسىنىڭ ئىنقىرازىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆلۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەختىيارلىق بولسا ، بىر – بىرى بىلەن نىزا ۋە غەۋغا ئىچىدە ياشىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاپاتى شۇنچىلىك بەختسىزلىك ھېسابلىناتتى . ئۇلار ئۈچۈن ئىتتىپاق ۋە ئابرۇينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆلەڭگىسىمۇ سۇلتان مىرزا ھۇسەيىن بىلەن بىرگە گۆرگە كىرىپ كەتتى . بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوققا چىقتى .
سۇلتان ھۇسەيىننىڭ ۋارىسى بەدىئۇززامان قوۋم – قېرىنداشلىرىنى مەسلىھەتكە چاقىردى ، مۇشۇ ۋاقىتتا كابۇل ھاكىمى بولغان بابۇر مىرزىمۇ ئۆز ۋەزىرى جاھانگىر بىلەن مەسلىھەتكە قاتناشتى . ئەمما ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيلىك بولمىغانلىقتىن ، بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى . بۇ چاغدا مۇرغاپنىڭ ئوڭ ساھىلىغا يېتىپ كەلگەن شايبانىي ئېرىشمەكچى بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ناھايىتى قاتتىق ئىشىنەتتى . شۇ سەۋەبتىن تېزلىك بىلەن بەدىئۇززامانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ، ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلدى ۋە مەرھۇم ھۇسەيىن مىرزىنىڭ چوڭ بوۋىسى ئەبۇلخەيرگىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلەتتى .
مەغرۇر تېمۇرىي ، يەنى بەدىئۇززامان شايبانىينىڭ ۋەكىلىگە ھاقارەتلىك جاۋاب بەردى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبېكلەر قوشۇنى دەرھال مەرۋىدىن ھەرىكەتلىنىپ ، مەرۋىچاق شەھەرچىسىگە كەلدى ۋە تېمۇرىيلار لەشكىرىنى جەڭگە چاقىردى . ئۆزبېكلەر ئوردىسىدا ھەركىم ئالغا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ؛ تېمۇر سۇلتان ، ئابدۇللاخان ، مەخمۇت سۇلتانغا ئوخشاش قەھرىمان جەڭچىلەر سەپنىڭ بېشىدا ئىدى . تېمۇرىيلاردىن پەقەت قېرى گېنىرال زۇنۇن شىجائەت كۆرسىتىپ ، ئۆزى ھۇجۇم باشلىدى . ئەمما ناھايىتى تېزلا يېڭىلىپ ، ھالاك بولدى . تېمۇرىيلار لەشكىرى ئىچىدە ئومۇمىي بىر خەۋپ – ھاياجانلىقنىڭ باشلىنىشىغا پەقەت شۇ بىر ئىشلا كۇپايە قىلاتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ، سەئىد ئابدۇللا مىرزا مەشھەدكە قېچىپ قۇتۇلدى . ئابدۇلباقى ۋە ئەمىر مۇھەممەد بورۇندۇق سەبزىۋارغا ، بەدىئۇززامان ۋە مۇزەپپەر ھۇسەيىن بولسا ھىراتقا قاچتى ، لېكىن ئارقىسىدىن ئۆزبېك ئەسكەرلىرى قوغلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇلار بىر نەچچە سائەتلا تۇرالىدى . شەۋكەتلىك سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىنىڭ ۋارىسى بەدىئۇززامان ئۆز ئائىلىسىنى ، بايلىقلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . ھىجرىيە 913 (مىلادىيە 1507) - يىلى 5 – ئايدا ھىرات ئىختىيارىي ھالدا دەرۋازىلىرىنى ئۆزبېك ئەسكەرلىرىگە كەڭرى ئېچىپ بەردى . شايبانىي شەھەرگە كىردى . ئۇ ئەڭ قەدىمكى ئىستېلاچىلارغا قارىغاندا چوڭ ئالىيجانابلىق كۆرسىتىپ ، شۇ دەۋردە پەن ۋە سەنئەت مەركىزى ھېسابلانغان ھىراتنى بۇلان – تالان ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەۋەسكارى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى ، پەقەت يۈز مىڭ تەڭگە سېلىق تۆلىتىش بىلەن چەكلەندى (بابۇرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شەھەر تالان – تاراج قىلىنىپ ، ناھايىتى كۆپ زىيان سېلىنغان – س . ئا) .
شايبانىينىڭ ئۆزى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتى ۋە قېچىپ كەتكەن بەدىئۇززاماننىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ئۇ مۇزەپپەر ھۇسەيىن مىرزىنىڭ خوتۇنىنى كۆرۈپ ، شۇ ھامان ئەقلى ھوشىنى يوقاتقان ھالەتتە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . يېشى ئەللىك سەككىزگە كىرگەنلىكىگە قارىماي ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببىتى شۇ قەدەر كۈچلۈك بولدىكى ، ئۇنى پىكرىدىن قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى بىكارغا كەتتى . ئۇنىڭ بىراۋنىڭ شەرىئەتلىك ئايالى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گەپ – سۆزلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا زادىلا كىرمىدى . ئاخىرى شايبانىي ئۇنى ئۆز نىكاھىغا ئالدى . ئالتۇن ، كۆمۈش ، قىممەتلىك تاشلار ، دورى – گۆھەرلەر ، مارجان ۋە ئالماسلاردىن ئىبارەت خەزىنە شۇ يەرگە ئۇنىڭ قارارگاھىغا ئېلىپ كېلىندى . شايبانىي بەدىئۇززاماننىڭ ئائىلىسىگە نومۇسكارانە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى . ئۆزبېكلەردىن قورقۇپ تاغلارغا قېچىپ كەتكەن ئادەملەر كۆپ ئۆتمەستىن ئۆز جايلىرىغا قايتىپ ، بۇرۇنقى ھاياتىنى باشلىدى .
شايبانىي سەرەپۇل جېڭى بىلەن ماۋەرائۇننەھر تەختىنى ئىگىلىگەن بولسا ، مەرۋىچاق ئۇرۇشى بىلەن پۈتۈن خۇراساننى ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزدى . قېچىپ قۇتۇلغان تېمۇرىيلار قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى . ئەمما غەربىي خۇراساندىكى قەدىمكى موغۇل ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش ئۆزبېكلەرمۇ تېزلىك بىلەن ئۇلارغا يېتىپ ئالالايتتى ۋە ئىسيان كۆتەرگەن قەلئەلەرنى قايتىدىن ئىگىلەيتتى . مەشھەدتىكى ئابۇلمۇھسىن مىرزا مەرۋىچاق پالاكىتىدىن خەۋەر تېپىپ ئىراقتا بىر ئاز ئەسكەر توپلىغان ئىدى . لېكىن ئۆزبېكلەر شايبانىينىڭ ئوغلى مۇھەممەد تېمۇر سۇلتان ھەم جىيەنى ئۇبەيدۇللاخان قوماندانلىقى ئاستىدا جام ناھىيىسىنىڭ يېنىدا توساتتىن تېمۇرىيلار ئۈستىگە ھۇجۇم قىلدى . بۇ چاغدا ئۇلار قارارگاھىدا تۈن بويى ئەيشى – ئىشرەت بىلەن مەشغۇل ئىدى . بىرىنچى توقۇنۇشۇشتىلا ئەبۇلمۇھسىن مىرزا ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن تالاپەتكە ئۇچرىدى . ئەسكەرلىرى تېرە – پىرەڭ بولۇپ قېچىپ كەتتى .
خۇراساننىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى سەبزىۋاردا ئۇرۇش ئامىتى ئۆزبېكلەرگە يار بولدى . ئۇرۇشتا قوماندانلىق قىلغان ئىبىن ھۇسەيىن مىرزا تېمۇرىي ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇقى بىلەن سەبزىۋارغا چېكىنگەنىدى . ئۆزبېكلەر شەھەرنى ئىگىلىدى . ئەبۇلمۇھسىن گەرچە قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ ، ئەبۇلباقى ۋە بۇرۇندۇق شاھزادىلەر مۇداپىئە ۋاقتىدا تالاپەت چەكتى . تېمۇرىيلاردىن ئون ئىككى شاھزادە ئۆزبېكلەر قىلىچىدا ھالاك بولغان بولسىمۇ ، شايبانىي بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلمىدى . ھىراتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوغۇللىرىنى خۇراساندا قالدۇرۇپ ، ئۆزى ئامۇ دەريانىڭ نېرىقى تەرىپىگە كەتتى . ئۇنى بۇخارادا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىشتى . لېكىن ئۇنىڭ مەقسىتى بۇخاراغا كېلىش ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىش ئىدى . ئۇنىڭ ئەسلى نىيىتى سەپەردە ۋاقتىدا ئىسيان كۆتەرگەن موغۇل يۇنۇسنىڭ ئوغلى مۇھەممەدخاننى ئۆزىگە تەۋە قىلىش ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىر دەريانىڭ شىمالىي ۋىلايىتىگە يول ئالدى .
شايبانىي بۇ يەردە تىنچلىق ئورناتقاندىن كېيىن ، ئىستىلا ئىشىنى تاماملاش ئۈچۈن يەنە خۇراسانغا قايتتى . ھىجرىيە 914 (مىلادىيە 1508) – يىلىدا جۇرجان ۋىلايىتىمۇ ئۇنىڭغا ئۆتتى . تېمۇر ئەۋلادىنىڭ بارلىق مەملىكەتلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى باشقۇرۇشنى مۇكاپات سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەربىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى . ھىرات جانۋاپابايغا ، مەرۋى قۇبىزنايمانغا ، بەلخ خارەزملىق سۇلتانشاھقا ، ھىسار ئەتراپى بىلەن بىرلىكتە مەھدى ۋە ھەمزە سۇلتانلارغا ، قۇندۇز ئەھمەد سۇلتانغا ، تاشكەنت سۇيۇنچى خۇجاخانغا ، ئاخسى جانىي بېككە ، ئەنجان مەھمۇدشاھ سۇلتانغا ، خارەزم قوشچى كوپەككە ، تۈركىستان كۆچكۈنچى خانغا بېرىلدى . بۇخارا ۋە قاراكۆل نائىبلىقى شايبانىينىڭ ئۇكىسى سۇلتان مەھمۇدقا ، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، تۇنجى ئوغلى ۋە تەختنىڭ ۋارىسى مۇھەممەد تېمۇر سۇلتانغا تەقدىم قىلىندى . پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاۋاھىرى سەمەرقەند بىلەن كېش ۋە مىيانكەل ، ئايالىتى بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ مەھمۇد تېمۇرنىڭ سەلتەنىتىگە بېرىلدى .
چىڭگىز بىلەن تېمۇرغا تەقلىد ئاساسىدا شايبانىي ئۆزىگە ئالىي باش قوماندانلىق مەنسىپىنى ئالدى . ئىلگىرى چۆللەردە سەرسان بولغان بۇ ئادەم قورال كۈچى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرى بېسىشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى . ئېھتىمال يېقىن زاماندا ئۇنىڭغا ئوخشاش شۆھەرتپەرەس ، ئۇنىڭغا ئوخشاش غەيرەتلىك قەھرىمان ھەم مەلىكەتنىڭ چېگرىسىنى غەربكە كېڭەيتىش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن غەيرەت كۆرسەتكۈچى ، شايبانىيدەك مەملىكەتنىڭ دائىرىسىنى شەرق تەرەپكە كېڭەيتىشكە ئىنتىلىدىغان باشقا بىر زات ئۇرۇش مەيدانىغا چىقمىغان بولسا ، كىم بىلىدۇ دەيسىز ، شايبانىي تېمۇرغا ئوخشاش يېڭى بىر غارايىپ يارىتىلغۇچى سۈپىتىدە كۆرىنەتتىمىكىن ؟
بۇ يېڭى جەڭگىۋار شەخس ئۆزىنىڭ زاھىتلىقى ۋە تەقۋادارلىقى سەۋەبلىك ئىران تۈركلىرى نەزىدا مۇھتەرەم سانالغان شەيخ سۇفى ئائىلىسىنىڭ پەرزەندى شاھ ئىسمايىل ئىدى (تارىختا سەفەۋىيلەر دەپ ئاتىلىدۇ – س . ئا) . شەيخ سوفى ئەردەبىللىك بولۇپ ، مەقبەرىسى ئىرانىيلار ئارىسىدا ھازىرمۇ ناھايىتى مۇبارەك ھېسابلىنىدۇ . ئەمدى 14 ياشقا تولغان ۋە ئۆز تەرىپىدىكى سىياسەتتە دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان شاھ ئىسمايىل دىن نۇرىنىڭ دەبدەبىسى سايىسىدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئاددىيغىنە جاينىمىزىنى پۈتۈن ئىراننىڭ ئالىي تەختىگە ئايلاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى .
ئىسمايىل نەسىل جەھەتتىن تۈرك ھېسابلىنىدۇ . گەرچە مەدداھلىرى ئۇنىڭ دىنىي شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سوپى نەسلىنىڭ يەتتىنچى ئىمامى بولغان مۇسادىن باشلانغانلىقىنى سۆزلىسىمۇ ھەزەر دېڭىزنىڭ غەربىي تەرىپىدە ياشىغۇچى يەتتە تۈرك قەبىلىلىرى ئادەت بويىچە ئۇنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ھۆرمەت قىلاتتى .
ئىسمايىل ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتى سايىسىدە ئىران بىلەن ئەرەبىستاننىڭ چوڭ قىسمىدا ھاكىمىيەت ئورناتتى . خۇسۇسەن ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خىزمىتى ۋە شۆھرىتىنى ئاشۇرغان نەرسە شۇكى ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ ، مەزھىپىنى قاتتىق سۈرئەتتە ھىمايە قىلدى ۋە تەرغىبات ۋاسىتىسى بىلەن تۆتىنچى خەلىپە ھەزرەت ئەلى ئەۋلادىغا بولغان ھۆرمىتىنى مىللىي ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈردى . ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قەدىمىي بولغان شىئە مەزھىپىنىڭ سۈلۈكلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە قارىغاندا ھەر ۋاقىت ئىران خەلقلىرى ئارىسىدا كۆپرەك تارقالغان . شىئەلىك سام قوۋمىدىن چىققان ئىشغالىيەتچىلەر (ئەرەبلەر) تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت مەغلۇپ ۋە ئاجىز ئىران ئەۋلادلىرىنىڭ ھېسسىيات – مەيىللىرىنىڭ جاراھەتلىنىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىدى .
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بايسۇنقۇر مىرزىغا ئوخشاش شىئەلەر ياكى ئەرەبلەرنىڭ بۇخارانى ئىگىلىشى ۋاقتىدا شەرىك بىن شەيخ ئەل مەھدىينىڭ غەليانىدىن پەيدا بولغانغا ئوخشاش يوشۇرۇن رەۋىشتە شىئەلىك بەزەن فىرات دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە ۋە ماۋەرائۇننەھردە بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ھەقىقىي مەركىزى ھەر دائىم ئىران ئىكەنلىكىدىن سۇننىيلەرنىڭ ئەڭ چوڭ نەپرىتى ئۇنىڭغا قارىتىلغانىدى .
بۇ مەزھەپ يوشۇرۇن تۇتۇلغان ۋاقىتتا ، رەقىبلىرى ئېتراز ۋە ئىستېھزا بىلەن قانائەتلىنەتتى . سوپىلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىغا يېزىپ چىقىشلىرى بىلەنلا سۇننىي خانلىرىنىڭ زىيىنىغا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى . كېيىن سۇننىيلارنىڭ غەزىپىنى ناھايىتى كۈچەيتتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ باراۋەر ھالەتتە دىننى ئۆزلىرىنىڭ دۇنياۋى مەقسەتلىرى يولىدا باھانە قىلىشتى . بۇ مەزھەپ دۈشمەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئاسىيانىڭ غەربىدە ئۇزۇن ھەسەن بىلەن ئىستانبول فاتىھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار ۋاقتىدا كۆرۈندى ۋە ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولدى ؛ شۇ پەيتلەردە ئىران تۈركلىرىنىڭ «يا ، ئەلى!» دېگەن تاۋۇشلىرى ئاڭلىناتتى .
ئەمما شەرقتە بۇ مەزھەپ دۈشمەنلىكى بىر مۇنچە ۋاقىت كۈل ئاستىدىكى چوغدەك كۆمۈلۈپ ياتتى ۋە مەدەنىي ھاياتتا نازۇك بىر سۈرئەتتە مەيدانغا چىقتى . سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ساراي ئەھۋالىدىن مەلۇم بولىدۇكى ، ھىرات ۋە ماۋەرائۇننەھرنىڭ ئىرانلىق سۇننىي ئەرەبلىرى ئىران مەدەنىيەت ۋە مائارىپنىڭ يالغۇز شىئەلەرگە مەخسۇس بولمىغانلىقىنى ئىسپات قىلىدۇ . بىر ئاز كېيىن خۇراساندا تېمۇرىيلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئۇزۇن ھەسەن دەۋرىدە بۇ مەسىلە ئوتتۇرا ئاسىيادا ، خۇسۇسەن ، بۇخارادا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى . بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەبۇسەئىدنىڭ ، سۇننىيلەرنىڭ ھەق يولىدا قۇربان بولۇشى ھېسابلىنىدۇ .
شىئەلىك ئىراندا كەڭ تارقىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بۇ غەيرىي ئېتىقادقا نەپرىتى كۈچىيىشكە باشلىدى . سۇلتان ھۇسەيىن مىرزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىمۇ ھىرات ، بۇخارا ، سەمەرقەند ئۆلىماسى شىئەلەرگە ئەبلەخلىق ۋە نومۇسسىزلىق تامغىسىنى بېسىپ ، مۇسۇلمان بولمىغانلىرى ئۈچۈن دەپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي رەۋىشتە قۇل قىلىپ سېتىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى ۋە ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مەكرۇھ دەپ ئېلان قىلدى .
شايبانىي مۇھەممەدخان ئۆزىنىڭ خۇراساندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كېيىن ، ئىستىلا يولىدا ئىراق چېگرىسىغا يېقىنلىشىپ كەلگەن مەزگىللەردە ، سۇننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەنە شۇنداق ھالەتتە ئىدى . شاھ ئىسمايىل بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى تەبىئىي ئىدى . تۈركلەر : «قىلىچىنى چىقارغان ئادەمگە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سەۋەب ئىزلەشكە ئېھتىياج قالماس» دېيىشەتتى . شايبانىي شۇنىڭغا بىنائەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى . لېكىن ئۇ قەھرىمان سوپىغا قارشى جەڭنى مۇقەددەس دىن روھى بىلەن جانلاندۇرۇپ ، يەنىمۇ كۈچلۈكرەك ھاياجان ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەۋلادىنىڭ بىر ۋائىزى سۈپىتىدە يۈزلەندى ۋە ھىجرىيە 914 (مىلادىيە 1508) – يىلى ئۇلارغا مۇنداق مەزمۇندا مەكتۇپ يازدى : «ئەي ئىران ھۆكۈمدارى ! ماڭا كەلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا ، سەن زالالەت يولىغا ئەگىشىپ ، شەيتاننىڭ ئىغۋاسىغا بېرىلىپ ، شىئە مەزھىپىنى تارقىتىۋېتىپسەن . سېنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىمەنكى ، بۇ غەيرى ، شەرئىي مەزھەپتىن ۋاز كېچىپ ، ئەھلى سۈننەت جامائەسىگە قايتقىن ، بولمىسا ياققان ئىسيانىڭنىڭ يالقۇنى ئۆزەڭنى كۆيدۈرىدۇ ، سەن پۈتۈنلەي خاتا يولدىسەن . شەيتاننىڭ كاساپىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ زالالىتىڭدىن ۋاز كېچىپ ، ھەق يولىغا قايت . ئەگەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم سەن تەرەپتىن ئېتىبارغا ئېلىنمىسا ، بەلكى ھېسابسىز كۆپ لەشكەرلىرىم بىلەن ئىراققا كىرىمەن ۋە ئۆتكۈر قىلىچىمنى قولۇمغا ئېلىپ ، سېنىڭ ئىسپاھان سارىيىڭ ھەرقانچە گۈزەل ، گۈمبەزلىرى ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمەن . مېنىڭ جازايىم ئىراق ئەھلى ئۈچۈن قىيامەتكىچە ئۇنتۇلمايدىغان دەرىجىدە شىددەتلىك بولىدۇ» .
شاھ ئىسمايىل بۇ مەكتۇپنى جاۋابسىز قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن ، شايبانىي بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىغا تاقاپ ، قول ئاستىدىكى كەڭرى مەملىكەتنى يەنىمۇ كېڭەيتىش نىيىتىگە چۈشتى . خۇراساننىڭ جەنۇبىدىكى شەپقەتسىز ئۆزبېك ئوردىسى قەندىھارنىڭ نېرىقى تەرىپىگە كېچىپ ئۆتتى . ئۇلار شۇ تەرىقىدە كىرمان ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھازىرلىق قىلىۋاتقان پەيتتە شاھ ئىسمايىل ھۇجۇمنى توختىتىش قەستى بىلەن شايبانىيغا ۋەكىل ئەۋەتتى . شايبانىي يەنە دوق قىلىش ۋە پوپوزا بىلەن جاۋاب بەردى : سوپىغا قەلەندەرلەر مەخسۇس سەدىقە ئىشلىتىغان كاسكۇل (كاسا) ۋە ھاسا ئەۋەتتى ۋە تۆۋەنكىدەك مەكتۇپنى يازدى : «بۇ ھەدىيىلەرنى قوبۇل قىلغىن . بۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىن قالغان مىراس ئالامەتلىرىدۇر . ئەمما ، مەن مەشھۇر ئۇلۇغ بوۋام چىڭگىزدىن مىراس بولغان قىلىچى ۋە ھاكىمىيەتنى ئالدىم . ئەگەر سەن ئۆزۈڭنىڭ تىلەمچىلىك ئۇنۋانىڭدىن رازى بولمىساڭ ، ئۆز مۇئامىلەڭدىن كۆرۈپ ، ئۆزۈڭدىن رەنجىگىن» .
مىرخاندنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا ، شاھ ئىسمايىل بۇنىڭغا قارشى : «خوپ ، ئەگەر مەن دەرۋىش بولسام ، ئۇلۇغ ئىمام رىزانىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مەشھەدكە بېرىش پىكرىدىمەن . سەن بىلەن شۇ يەردە ئۇچرىشىمىز» دېگەن . شاھ ئىسمايىل ئۇرۇش سەپىرىگە تامامەن تەييار ئىدى . شايبانىي بولسا ، تىك قىيالار ئارىسىدا جايلاشقان فىروز كوھى قەبىلىسىنىڭ ئىسيانى سەۋەبىدىن جەنۇبقا ھەرىكەت قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇلارنى جازالاش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان پەيتتە ، شاھ ئىسمايىلنىڭ كۈچلۈك بىر قوشۇن بىلەن مەشھەد تەرەپكە بېرىشى ھەققىدە خەۋەر ئېلىندى . بۇنىڭ ئۈستىگە ، يەنە سىر دەريادا قىرغىزلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئوغلى مۇھەممەد تېمۇرنىڭ مويۇنسىز ھەسەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ دەھشەتلىك ھالدا يېڭىلگەنلىكى ھەققىدە ماۋەرائۇننەھردىن پەۋقۇلئاددە تەئەججۈپلۈك ۋە قايغۇلۇق ئىككىنچى بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى . شۇ تەرىقىدە شايبانىينىڭ كۈچلۈك قولىغا ، ئۆتكۈر كۆزىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ تەرەپتىن زەربە سېزىلدى . بۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئۇزاق سەپەر مۇشەققەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چارچىغان ۋە بوشىشىپ قالغان ئىدى . شايبانىينىڭ ئۆزىمۇ مەرۋىدە ، ئامۇ دەريانىڭ نېرىقى تەرىپىگە كېتىش ياكى دۈشمەننى چۆلنىڭ ياقىسىدا كۈتۈش توغرىسىدا قەتئىي بىر قارارغا كېلەلمىدى . ھالبۇكى بۇ پەيتتە شاھ ئىسمايىل دامغان ، سەبزىۋار ، نىشاپۇرنىڭ ساقچى ئەسكەرلىرى بولغان ئۆزبېكلەرنى قوغلاپ ، پەۋقۇلئاددە سۈرئەت بىلەن مەشھەدكە يېقىنلاشماقتا ۋە دەھشەتلىك قوشۇن گۇرۇھلىرى بىلەن تاجاۋۇزنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىدى .
شۇنداق ئەھۋالدا شايبانىي ھېچقانداق جايدىن ياردەم ئېلىشقا ئىمكانىيەت قىلالمىدى . نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىگانە چارە – ۋاقتى يېتىپ ياردەم كېلىپ قالسا ، قامالدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىش ئۈمىدى بىلەن مەرۋى قەلئەسىنىڭ تاملىرى ئىچىدە ئۆزىنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى .
شايبانىي مەرۋىگە كىرىۋالسا ، ۋاقىتتىن ئۇتىۋېلىشنى بىلگەن شاھ ئىسمايىل ھىلە كۆرسىتىشكە ئۆتتى . ئۇ شايبانىيگە قېيدىغان ھالەتتە تۆۋەندىكى مەزمۇندا مەكتۇپ ئەۋەتتى : «سەن مېنى ئەزەربەيجاندا زىيارەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىڭ . لېكىن سۆزۈڭدە تۇرمىدىڭ . شەخسەن مەن ئۆزۈم خۇراسانغا كەلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مېنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايسەن . مۇساپىرنىڭ ئالدىدا دەرۋازىلىرىڭنى يېپىۋالدىڭ . مەلۇم بولدىكى ، ھازىر سەن بۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ ئېلىشنى خالىمايسەن . ئىران ۋە ئەزەربايجاندىكى مەلۇم ۋەقەلەر مېنىمۇ قايتىشقا مەجبۇر قىلدى . شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ يەردىن ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ كېتىمەن . كۆرۈشۈشىشىمىزنى تەقدىرگە ھاۋالە قىلىشقا قارار قىلدىم» .
سۆز ئاخىرىدا ئىشمۇ بېجىرىلدى . ھىيلىگەر ئىران ھۆكۈمدارىنىڭ ئەسكىرى قايتىشقا باشلىدى . قايتۇرما ھۇجۇم باشلاندى . چارچىغان ۋە ئاز مىقداردا قالغان ئۆزبېك ئەسكەرلىرى شەخسەن شايبانىينىڭ قوماندانلىقىدا چېكىنگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى مۇرغاپنىڭ نېرىقى تەرىپىگىچە قوغلىدى . شۇ چاغدا ئارقىسىدىكى كۆۋرۈكنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە قۇربانى بولۇشقانلىقىنى چۈشەندى . 17 مىڭغا قەدەر ئىرانلىق ئۆزبېكلەرنى بىر دائىرە ئىچىگە ئوراپ ئالغاندىن كېيىن ، دەھشەتلىك سۈرئەتتە قانلىق جەڭ باشلىنىپ ، شايبانىينىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاياقلاشتى . دۈشمەنلىرى ئېتىراپ قىلغىنىدەك ، ئۆزبېكلەر ھالاكىتىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەقىقىي قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇردى . ئۆزبېكلەرنىڭ يېرىمى ھالاك بولۇپ ، شايبانىي بىرنەچچە سادىق ۋە قەھرىمان تەرەپدارلىرى بىلن ئىرانىيلارنىڭ زىچ سەپلىرىنى بۇزۇپ چىقىپ جەڭنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ ساراي دائىرىسىگە كېتىشكە ھەرىكەت قىلدى . لېكىن ، ناھايىتى تېزلا تۇتۇلۇپ قالدى ۋە پۈتۈن تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قەتلى قىلىندى . ئۇنىڭ نۇرغۇن يېرىدىن يارىلانغان گەۋدىسى مۇشۇ خارابە ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدىن تېپىلدى .
شايبانىي قەھرىمانلارچە ھالاك بولغان ۋاقتىدا 61 ياشتا ئىدى . شاھ ئىسمايىل ئۇنىڭ باش چانىقىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىتىپ ، قاچا ئورنىدا پايدىلاندى . ئىككىنچى بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ، ئۇنى ئىستانبولغا ، سۇلتان بايەزىدقا ئەۋەتكەن ئىمىش . چۈنكى ماۋەرائۇننەھر ھۆكۈمدارى بىلەن سۇلتان بايەزىد ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىتتىپاق بار ئىدى . شايبانىينىڭ ئوڭ قولى گەۋدىسىدىن ئېلىنىپ ،تۆۋەندىكى مەزمۇندا مەسخىرىلىك بىر خەت بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ تەرەپدارى بولغان ، مۇزاندىران ھاكىمىغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن . خەتتە مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان : «سەن ھەر ۋاقىت شايبانىينىڭ تەرىپىنى ئېلىشنى ئىستەيتتىڭ . پەقەت ئۇنىڭ تىرىكلىكىدە بۇ ساڭا نېسىپ بولمىدى . شۇ تىلىكىڭ ئەمەلگە ئاشسۇن دەپ شاھ ئىسمايىل ھازىر ساڭا شۇ ھامىيىڭنىڭ قولىنى بەردى» . بۇنى ئىران تارىخچىلىرى نەقىل كەلتۈرگەن . ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرىنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ مىيىتى ئۆزى تەرىپىدىن سەمەرقەندتە بىنا قىلىنغان گۈزەل بىر مەدرىسە ئىچىدە ھىجرىيە 916 (مىلادىيە 1510) – يىلىدا دەپنە قىلىنغان ئىكەن . ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەم تارىخى ، شۇنىڭدەك مەقبەرسىمۇ بىر شېھىتنىڭ زىيارەتگاھى سۈپىتىدە ئامما تەرىپىدىن ئەزىزلەنمەكتە .
شايبانىي مۇھەممەد ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بىر زات ئىدى . خۇسۇسەن تارىخىي جەھەتتىن مەشھۇر ماۋەرائۇننەھرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئەھمىيەتسىز بىر مۈلكى – بۇخارا خانلىقىدىكى ئىنقىلاب نۇقتىسى دەل ئۇنىڭ دەۋرىدە باشلانغىنى شايبانىينىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ .
شايبانىينىڭ ھايات تارىخىدا ئېتىبارغا سازاۋەر ئالاھىدە ئۈچ مۇھىم نۇقتا بار . ئۇ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىچكى كۈچلىرىگە تايىنىپ ھەربىي يۈرۈشلەرنى قىلغان ۋە ئاخىرى چېگرىسى ئامۇ دەريا دائىرىسىدىن ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان بىر مەملىكەتنى بەرپا قىلغان بۈيۈك ساھىپقىراننىڭ ئاخىرقىسى ئىدى . بۇنىڭدىن كېيىنكى جەڭگىۋار يولباشچىلار ، ماھارەت ۋە ھىرىسمەنلىكى قانچىلىك چوڭ بولسىمۇ ، بۇ جەھەتتىكى بەخت – ئامەتكە ئېرىشەلمىدى . ئىچىدىن كۈچەيگەن ئىران غەربتىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەند ئەللىرى ئۈچۈن يېڭىلمەس ، يۈكسەك ۋە مېتىندەك بىر تام ھالىغا كەلدى . ئىككىنچىدىن ، بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادا قەبىلىلەر ئۇرۇش قەتئىي تۈگىدى . ئۆزبېكلەر توران يايلىقىدىن غەربىي جەنۇبقا چۈشكەن قەۋملەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەبىلىسى بولىدۇ . ئۈچىنچىدىن ، ئامۇ ، سىر دەريالىرىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى دىن قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن بولمىسىمۇ ، دائىمىي بىر ئالاقە بار ئىدى . تېمۇرىيلارنىڭ ئىنقىرازى ۋە ھالاكەتلىرى بىلەن بۇ ئالاقە تامامەن يوقالدى . خۇسۇسەن ، سەپەۋىيلەرنىڭ شىئەلىكلەرنى قۇۋۋەتلىشى سەۋەبىدىن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى يەنىمۇ جىددىيلەشتى ، بۇ ئايرىمچىلىق ۋە مەزھەپچىلىك بىلەن سەپەۋىيلەر ئىسلام گەۋدىسىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان بىر قوزۇق قاقتى .
شايبانىينىڭ كۆچمەنچى قوۋملىرى بىلەن بۇ ئۆلكىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە يۈرۈش قىلىشى ، بۇ يەردە تامامەن مەلۇم دىنىي ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش قىلىنغان (شىئەلىك تارقىلىشى) ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماۋەرائۇننەھر تېخىمۇ تېزرەك مۇستەقىل بولۇۋالدى : ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىكىگە ئوخشاش ماۋەرائۇننەھرنىڭ سۇ چىگرىسى تۇران بىلەن ئىران ئارىسىدا ئاساسىي بىر چېگرا ھالىنى ئالدى .
شايبانىينىڭ شەخسىي خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا شۇلارنى ئېيتىش مۇمكىن : ئۇ ، ھەر ھالدا ئۆزىنىڭ ئىرانلىق دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ، تەسۋىرلەنگىنىدەك ، نېمىنى خالىسا ، شۇنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشىدىغان ۋەھشى بىر ئادەم ئەمەس ئىدى . مەسىلەن ، ئۇ زاماننىڭ روھانىي ئۆلىمالىرىغا چوڭ ھۆرمەت ، ھەتتا بالىلارچە ئىتائەت قىلىپ ، بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە ئۆزى بىلەن بىللە كىچىككىنە بىر كۇتۇپخانىسىنى ئېلىپ يۈرەتتى . تېمۇرگە ئوخشاش بۇ ھەم دەمەشق ۋە ھەلەپ ئۆلىماسى بىلەن دىنىي مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان . قۇرئاننىڭ بەزىبىر ئايەتلىرى ھەققىدە ھىراتنىڭ پىشقەدەم تەفسىرچىلىرى بولغان قازى ئىختىيارى ۋە مۇھەممەد يۈسۈپكە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى . بابۇر شايبانىينىڭ مەنىسىز ۋە لەززەتسىز شېئىرلارنى يازغانلىقىنى ، ئۇلارنى مۇنبەردە ئوقۇشقا ئەمىر قىلغىنىنى ئىستېھزا بىلەن بايان قىلىدۇ . ئەسلىدە بولسا ، بۇ ئۇرۇش ئادىمى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە ئۆز دەۋرىنىڭ روھىدىن تولۇق خەۋەردار ۋە زامانىسىدىكى شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئارتۇق دەرىجىدە قەلەم ئىگىسى ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى دۈشمەنلىرىنىڭ پىكرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ، بۈيۈك بىر ئىقتىدار ۋە گۈزەل تەبىئەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ، ئۇ ھەم تۈركىي ، ھەم فارسىي ، ھەم ئەرەبىي تىللاردىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى . سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، بىر سىقىم دانغا مۇھتاج بولۇپ قالغان كۆپلىگەن ئۆلىمالار شايبانىيدىن ھىممەت كۆردى . ئۇ ئۆلىمالارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلدى . بۇخارا ، سەمەرقەند ، تاشكەنتتە مەدرىسە ۋە مەسچىتلەر سېلىشقا ئەمىر قىلدى . ھەتتا ھەربىي يۈرۈشلەردىمۇ ئۆز ئەتراپىدا بىر نەچچە ئۆلىمالار بولۇپ بۇلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە ساداقەت كۆزى بىلەن تىكىلەتتى . گەرچە ئۆزبېك نامى ئۆزىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىدا ۋە كېيىنرەك ، ھەتتا ھازىرمۇ ھەم ئىرانىيلار نەزەرىيە يامانلىق ۋەھشىيلىك بىلەن بىر مەنىدە قوللىنىلسىمۇ ، بۇ سۆزلەر بىر تەرەپلىمە ۋە شايبانىيغا نىسبەتەن توغرا ئەمەس . چۈنكى ئۇ مائارىپ جەھەتتىن ، ئالدىنقى تېمۇر شاھزادىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى .
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 61كۈن بۇرۇن
بۇ يەرنىمۇ ئېلىپ قوياي، ئىنكاس يېزىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !