ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئۇزۇن مەزگىل توپلىغان ۋە ياراتقان، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مېدىتسىنا سىستېمىسى بولۇپ، مول ئەمىلىي تەجرىبىگە ۋە ئالاھىدە تېبابەت نەزەرىيىسىگە ئىگە. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسى نەزەرىيىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى4-ئەسىرلەردە ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئاساسى ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ئېلمىنتنىڭ بىر-بىرىگە زىتلىقى ۋە بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن، ئادەمنىڭ ھاياتى تەبىئەتتىكى مۇشۇ تۆت ئېلمىنت بىرىككەندە ئاندىن شەكىللىنىدۇ ھەمدە داۋاملىق بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ تۇرغاندىلا داۋاملىشىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ماتېرىيالىستىك پەلسەپە نەزەرىيىسىنى ئادەم بەدىنىگە تەدبىقلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ماتىرىيالىزىملىق تەبىئەت قارىشى كېيىن قەدىمكى يۇنانلىق تېۋىپ سىپوكرات希波克拉底(سوقرات؟) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ يۇنانلىقلارنىڭ پۈتكۈل تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك ئىلىمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. سپوكرات ياش ۋاقىتلىرىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ساكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق تېبابەت ئىلمى كۆز قارىشىنىڭ ئاساسى بولغان <<ھاۋا، سۇۋە تۇپراق>>دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ ساكلار(ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى كۆرسىتىدۇ---ئەسلى ماقالىدا شۇنداق) نىڭ تېبابەت دورىگەرلىك ئىلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. پىركىس دەۋرىدە ساك تىۋىپلىرى ۋە پېرىخونىلىرى يۇناندا ئالاھىدە ھۆرمەتلىنەتتى. يۇناننىڭ تېبابەت كىتابلىرى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن 4ئېلمىنت تەلىماتى كېيىنىكى ئەرەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تېببىي ئىلىمىنىڭ نەزەرىيە ئاساسى بولغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 400نەچچىنچى يىللىرى خوتەنلىك تېۋىپ غازىباي زىرە، تۇز قاتارلىق 312 خىل ئۆسۈملۈك دورا، ھايۋاناتتىن ئېلىنغان دورا ۋە مىنېرال دورىلار نىڭ ئالاھىدىلىكى، داۋاسى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن<<غازىباي دورا دەستۇرى>>دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان، ھەمدە يۇنانلىق مەشھۇر تېبابەت ئالىمى فىلاتۇنىڭ زىيارەتكە كەلگەن ئەلچىلىرىنىڭ دىققىنى تارتقان. يۇنان شاھى<<دورا قامۇسى>>غا ئېرىشىش ئۈچۈن خوتەن دۆلىتىگە ئوردا سېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ھەمدە مەخسۇس بۇ كىتابنى ئەكېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن غازىباينىڭ ئوغلىغا مەلىكىسىنى ياتلىق قىلىپ قوشۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تەسىرىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاللىبۇرۇنلا دورىنىڭ داۋالاش رولىنى بىلگەن بولۇپ، زەھەرلىك(كۈچلۈك) دورا ئىشلىتىش دورىگەرلىكنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. جاڭ چىئەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەندە نۇرغۇنلىغان دورا ماتېرىياللىرىنى ئالغاچ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياڭاق، سامساق، سېرىق پۇرچاق، ئانار، زاراڭزا، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى<<دورا ئۆسۈملۈك قامۇسى>>غا غەربى دىيارنىڭ ئۈزۈم، قىچا، گۈڭگۈرت، بۇغا مۈڭگۈزى، قوي مۈڭگۈزى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. مىلادىدىن 4-5ئەسىر ئىلگىرى پىشامشان، خوتەن، كۈسەن قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەردە قارۇشتى يېزىقىدا پۈتۈلگەن ۋەسىقىدە ئىششىق، بوغۇم كېسەللىكلىرى، ھامىلە، بالا چۈشۈرۈش، ئاق كېسەل قاتارلىق كېسەللىكلەر، دورىلاردىن سېرىق ماي، ئۈزۈم ھارىقى، ئانار، ئاق-قارامۇچ، زەنجىۋىللەر بار بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى كېسەل ۋە دورىلار بىلەن ئاساسەن ئوشاش بولۇپ،2000نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسى شەكىللىنىپ بولغان. تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە خوتەنلىك ئۇيغۇرتىۋىپ بىجى زەمبا ھىراخان比吉•赞 巴•希拉汗 تۈبۈت خانىنىڭ تەكلىپى بىلەن تىبەتكە بېرىپ ئوردا تىۋىپى بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ 10نەچچە تېبابەتچىلىك كىتابىنى تىبەتچىگە تەرجىمە قىلىپ تىبەت خانىغا تەقدىم قىلغان. تىبەت خانى چىدې زۇزان(704-754يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) يارلىق چۈشۈرۈپ بۇ كىتابلارنى<<خانلىق ساقلىقنى ساقلاش توپلىمى >>قىلىپ ساقلىغان. ھىراخان ئاخىرقى ئۆمرىدە ئاناتومىيە، داۋالاش، تومۇر تۇتۇش مەخپىيىتى مەزمۇن قىلىنغان<<سېرىق بىجى ھۆججەتلىرى>>دېگەن كىتابىنى تىبەت خانىغا تىقدىم قىلغان. ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بۇ كىتابلار كېيىن تىبەتلەرنىڭ <<تېبابەتچىلىك دەستۇرى>>نىڭ بارلىققا كېلىشىدە غايەت زور رول ئوينىغان.
9- ئەسىر نىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالى چۆللۈكتىكى ئۇيغۇر خانىلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئاچارچىلىق ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا غۇلىغاندىن كېيىن غەربكە كۆچۈپ ئەزەلدىن شىنجاڭدا ياشاپ كېلىۋاتقان قارا شەھەر، كۈسەن، خوتەن تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىدۇ.9-ئەسىردىكى <<ئۇيغۇر تېبابىتى يازما يادىكارلىقلىرى>> ئەينى ۋاقىتتىكى قۇجۇ(تۇرپان) ئۇيغۇر خانلىقى تىبابىتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، ئۇنىڭدا كىلىنكىلىق ھەر خىل بۆلۈملەرنىڭ كېسەللىكلىرى، داۋالاش رېتسېپلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى يەنى تاماق، دورا بىلەن داۋالاش، قان چىقىرىش، مېڭىنى تېشىش، سۇنۇقنى قىسىپ مۇقۇملاش، سۇدا، كۈن نۇرىدا داۋالاش قاتارلىقلار بار. دورىلاردىن كالا مۈڭگۈزى، سۈت، بۆكەن مۈڭگۈزى، ھايۋانات ئۆتى، ئىپار، توغراق يىلىمى، ئۈجمە قېقى، ئاق سەندەل، ئۈزۈم ئاچچىق سۈيى، قارا مۇچ، كۈنجۈت، سامساق قاتارلىقلار بار. سۈي، تاڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دورىگەرلىگى يۈكسەك دەرىجىدە روناق تاپقان بولۇپ، شىئەندىن تاكى دېڭىز بويلىرىغىچە تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا ياڭجۇلۇق راھىب جىئەن جىن ياپونغا بېرىپ دىن تارقىتىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولىدۇ ھەمدە كۆزى قارغۇ بولۇپ قالىدۇ. كېيىن غەربى يۇرتتىن تەكلىپ قىلىنغان بىر ئۇيغۇر تېۋىپ جىئەن جېنىنىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئاچىدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى، پەيلاسوپ، ئاسترونوم، تېبابەت ئالىمى فارابى(870--950)<<ئاناتومىيە>>قاتارلىق تېبابەتچىلىككە ئائىت 10نەچچە ئەسەر يازغان بولۇپ،"تۆت ماددا تەلىماتى"ئارقىلىق تەبىئەت ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزلوگىيىلىك ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ بەرگەن. بۇ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، داڭلىق ئالىم ئىبىن سىنانىڭ<<تېبابەتچىلىك قامۇسى>>نىڭ روياپقا چىقىشىدىمۇ زور رول ئوينىغان، ھەتتا ئەرەب، ئوتتۇرا ئاسىيا تىبابىتنىڭ پەيدا بولىشىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.
توردىكى بىرنەچچە خەنزۇچە ماتىرىيالدىن تەرجىمە قىلىندى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن بەزى ئاتالغۇلاردا خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
http://www. qikang. com/Article/ShowArticle. asp?ArticleID=69[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2008-12-19 16:11 دە قاي ]