<<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>>نىڭ تارمار قىلىنغانلىقى قانداق ئېلان قىلىنغان؟
1976-يىلى6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاختى سائەت20دىن 20:30غىچە جياڭ چىڭ، جاڭ چۈنچىياۋ،ۋاڭخوڭۋېن ۋەماۋ ۋېنيۈۋەن قاتارلىقلار خۇاگوفېڭ،يې جىيەنيىڭ باشچىلىقدىكى مەركىزى كومىتىت تەرىپىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈلدى.مەركىزى كومىتىت ۋەزىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ،شۇنىڭدىن كىيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە پارتىيىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ئىچىدە <<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>>نىڭ غۇلاپ چۈشكەنلىك خەۋىرىنى پەيدىن- پەي يەتكۈزدى.شۇنداقلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلىۋېتىشىنى چەكلىدى،بىراق <<كوچا خەۋەرلىرى>> تىزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى.
6- ئۆكتەبىر سائەت22دىن ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇنغىچە بېيجىڭ ۋە باشقا جايلاردىكى مەركىزى كومىتىت ئەزالىرىغا ئايرىم - ئايرىم جىددى يىغىن چاقىرىلىپ <<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>>نىڭ تۇتۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
7- ئۆكتەبىردىن 14- ئۆكتەبىرگىچە مەركىزى كومىتىت تۈركۈملەرگە بۆلۈپ خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ <<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>>نىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلدى،قىسمەن پىشقەدەم كادىرلارغىمۇ ئايرىم - ئايرىم ئۇقتۇرۇلدى.
7-ئۆكتەبىر مەركىزى كومىتىت پارتىيە،ئارمىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇقيۇقۇرى قاتلام كادىرلار يىغىنى ئاچتى.شۇ كۈنى چۈشتىن كيىن 9-ئۆكتەبىر سەھەرگىچە پارتىيە مەركىزى كومىتىتى بېيجىڭدىن باشلاپ شاڭخەي،جىياڭسۇ،جېجياڭ،ئەنخۇي،شەندوڭ،خۇبېي قاتارلىق ئۆلكە ۋە نەنجىڭ،جىنەن،ۋۇخەندىن ئىبارەت ئۈچ ھەربى رايۇننىڭ مەسئۇللىرىغا يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەركىزى كومىتىت 9-ئۆكتەبىردىن 14- ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئۇرۇنلار،جۈملىدىن مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى،<<خەلق گېزىتى>>،ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ،ئارمىيە رەھبەرلىرىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ،مەركىزى كومىتىتىتنىڭ15- نۇمۇرلۇق ھۆججىتى<<مەركىزى كومىتىتىتنىڭ ۋاڭ خوڭۋېن،جاڭ چۈنچىياۋ،جىياڭ چىڭ،ياۋ ۋېنيۈەن ئەكسىيەتچىل گۇرۇھىنى بىتچىت قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش>>تارقىتىشنى قارار قىلدى.
18- ئۆكتەبىر 16- نۇمۇرلۇق ھۆججەت<<ۋاڭ خوڭۋېن،جاڭ چۈنچىياۋ،جىياڭ چىڭ،ياۋ ۋېنيۈەن ئەكسىيەتچىل گۇرۇھى ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش >>نى چىقىرىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە،تۈەنلەرگە،بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى،ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ ھۆججەت پارتىيە سىرتىدىكى ئاممىغا يەتكۈزۈلدى.ۋەقە يۈز بىرىپ 12 كۈندىن كىيىن ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى<<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>>نىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋرىنى رەسمى ئاڭلىدى.
مەنبە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
ۋاڭخۇڭۋېن
جاڭچىڭ
جاڭ جۈنچىياۋ
ياۋ ۋېنيۈۋەن
رەسىملەر
www.baidu.comدىن ئېلىندى