Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى

شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى

          شىنجاڭ ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز قاتنىشى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە بېرىپ - كېلىشلەرنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يىپەك يولى ئارقىلىق بولغان. يىپەك يولى غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تومۇرى ۋە سودا يولى بولۇپلا قالماستىن يەنە غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىش يولىغا ئايلانغان. ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ھادىسلىرىدىن بىرى بولغان دىن قەدىمدىنلا يىپەك يولىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۆز-ئارا تارقالغان. يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولغان شىنجاڭ تەبىئىي ھالدا شەرق ۋە غەرب دىنلىرىنىڭ تارقىلىدىغان ۋە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان جايى بولۇپ قالغان.
  شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇيۇملىرىدىن مەلۇم بۇلىشىچە تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ غەرق ۋە غەربتە گۈللىنىشكە باشلىغان بەزى دىنلار يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭغا تارقالغان. سىرتتىن كىرگەن بۇ دىنلار شىنجاڭنىڭ ئۈزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن بىرگە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ۋە ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. بەزى دىنلار ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ بېسىمى بىلەن يوقالغان، بەزى دىنلار ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا گۈللەنگەن. ئەسلىدە بار بولغان دىنلار يوقىلىپ، يېڭى دىنلار تارقىلىشقا باشلىغان. مەيلى قايسى خىلدىكى دىننىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە يوقىلىشى، ئورنىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ھازىرغىچىلىك ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئىلگىرىكىسىنى قۇيۇپ تۇرايلى، ھازىرقىسىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ھازىر شىنجاڭدا  ئاساسلىقى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى (تىبەت بۇددا دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىق 6 خىل دىن بار. شامان دىنىنىڭ بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا ھېلىھەم خېلى كۈچلۈك تەسىرى بار.

2. شىنجاڭدىكى ئىپتىدائىي دىنلار ۋە شامان دىنى
  ئىپتىدائىي دىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى پەيدا بولغان بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بىر خىل دىنى فورماتسىيە. دىنمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە كەڭ تارقالغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. قەدىمكى دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۆز-ئۈزىنى بىلىش ھەققىدىكى خاتا قاراشلىرى ئىپتىدائىي دىنى ئاڭنى ۋە چوقۇنۇش قائىدىلىرىنى پەيدا قىلغان. چۈش كۆرۈش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە روھ قارىشى پەيدا بولغان. كېيىنچە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تەبىئەتنى تونۇش ۋە تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا تەبىئەتتىكى ئاجايىپ، غارايىپ ، رەڭگارەڭ ھادىسىلەردىن يەنى ئۆزگىرىشچان تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قورققاققا ۋە ئۇلارنى چۈشەنمىگەچكە خاتا ھالدا تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش روھ بار، ھەممە نەرسىدە روھ بولىدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە تەبىئەتتىكى ھەر خىل نەرسىلەرگە چوقۇنۇش كېلىپ چىققان. شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئوبيېكتلىرى ناھايىتى كەڭ بولغان. يەنى ئاسمان، زېمىن، ئاي، كۈن، شامال، يامغۇر، چاقماق، سۇ، تاغ، ھايۋان، ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخ، زىرائەت قاتارلىق تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەدىمكى كىشىلەرنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولغان.
  كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە مەخسۇس دىنى مۇراسىملارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كاھىنلار ۋە قامانلار بارلىققا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتىكى ئىپتىدائىي دىن قاماننىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن قامان دىنى ياكى شامان دىنى دەپ ئاتالغان. شامان دىنى شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەر ئىچىدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە شامانلار ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار قەبىلىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپلا قالماستىن ھەتتا ھەربىي يۈرۈش قىلىش، جەڭ قىلىشلاردىمۇ تەڭ ماڭغان. ھەربىي ئىشلارغا ئارىلاشقان. ھەمدە ئىلاھتىن قوشۇنىنى ئامان-ئېسەن ساقلاشنى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى تىلەشكەن. شامان دىنى قەدىمكى زاماندا شىمالى ئاسىيا يايلاقلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىپتىدائىي دىن ئىدى. ئۇ چاغدا ئىپتىدائىي جەمئىيەت يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەنلىكتىن كەسپى داخان، پېرىخونلار بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە تۇڭگۇسلار (مانجۇ) ئۇلارنى قامان ياكى شامان دەپ ئاتاشقان. بۇنىڭ مەنىسى ھاياجانلىنىپ تېنىم تاپمايدىغان ئادەم دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەسپى پائالىيىتى سەكرەپ يۈرۈپ باخشىلىق قىلىش بولغاچقا شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان.

3. ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى شىنجاڭدىكى دىنلار
زوروئاستىر (زەردۇشت) دىنى زەردۇشت دىنى – قەدىمكى پىرىسسىيەدە بارلىققا كەلگەن زوروئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك دىنى) دىنىنىڭ ئاتىلىشىدۇر. بۇ دىن ئوتقا تۇلىمۇ چوقۇنغاچقا زەردۇشت دىنى دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە زوروئاستىر پىرىسسىيەنىڭ شەرقنى (بۈگۈنكى ئافغانىستاندىكى بەلەخ) دە بۇ دىننى ئىجات قىلغان. بۇ دىن ئوتنى يورۇقلۇق ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغاچقا مەخسۇس ئوتقا چوقۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ دىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ، يەنى بۇندىن 2400 يىل بۇرۇن شىنجاڭغا كىرگەن. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن بۇ دىننىڭ تەسىرى بارا- بارا يوقالغان. ئەمما بىر خىل مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئېتىقات قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا بۇ دىننىڭ ئىزنالىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق تارىختا ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقات قىلغان مىللەتلەر تا بۈگۈنگىچە ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ ئوتقا تېۋىنىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئاتەش دىنىنىڭ مۇھىم بايرىمى بولغان "نورۇز بايرىمى" مۇ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

بۇددا دىنى:
  بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرگىچە قەدىمكى ھىندىستاندا پەيدا بولغان بىر خىل دىن. بۇ دىننىڭ ياراتقۇچىسى شىمالى ھىندىستاندىكى كاپلاۋاستو دۆلىتى(ھازىرقى نېپال چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ شاھزادىسى گائۇتاما سىددارتا دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ بۇددا مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ "ساكيامۇنى" (ساكيا قەبىلىسىنىڭ زاھىتى ياكى ئەۋلىياسى) دەپ ئاتالغان. بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىرگىچە ئۆز جايىدىلا تارقالغان. كىيىن دۆلەت دىنى بولغاندىن كىيىن قوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى كەشمىر ئارقىلىق ئەڭ بالدۇر شىنجاڭنىڭ ئۇدۇن رايونىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق سۇلىغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن بۇددا دىنى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى شىمالىنى بويلاپ بۈگۈنكى چەرچەن، چارقىلىق، يەركەن، قارغىلىق، كوچا، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان. بۇددا دىنى ئۈچ چوڭ دۇنياۋى دىن ئىچىدە شىنجاڭغا ئەڭ بۇرۇن تارقالغان دىن بولغاچقا ، ئىسلام دىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا شىنجاڭدا تارقىلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ، ئىتىقاتچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان، ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ زور بولغان دىندۇر.

تويىن دىنى:
  تويىن (داجاۋ-تەرىقەت) دىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دىنى. ئۇنىڭ ئەڭ ئالى ئېتىقادى- تەلىمات، يول، ئۇسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن تويىن دىنى دەپ ئاتالغان. تويىن دىنى مىلادى 2- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دىنى ئېتىقادى بىلەن سېھىرگەرلىك، ئەۋلىيا، ئەنبىيالارنىڭ ئالدىن بېشارەت بېرىش ئاساسىدا تەرىقەتچىلەر تەلىماتى بىلەن خۇاڭ لاۋئىددىيىسىنىڭ (بەزى كىتابلاردا لاۋزى ئىدىيىسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن. تويىن دىنى شىنجاڭغا تەخمىنەن مىلادى 4- ئەسىردىن 5- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەۋج ئالغان.

مانى دىنى:
  مانى دىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن پېرىسىيىنىڭ يەنە بىر قەدىمكى دىنى. مانى دىنى مىلادى 3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پىرىسسىيىلىك مانى دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. ھەمدە پىرىسسىيەدە بىر مەزگىل گۈللەنگەن. مانى دىنىنى پىرىسسىيە ھۆكۈمرانلىرى ۋە زەردۇشت دىنى مۇرىتلىرى يامان كۆرگەنلىكتىن زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مانى ئولتۇرۇۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن مانى مۇرىتلىرى تەرەپ-تەرەپكە تاراپ كەتكەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن مانى مۇرىتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مانى دىنىنىڭ ئىككىنچى ماكانى بولۇپ قالغان. 6- ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە مانى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، مانى دىنى شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك تارقىلالمىغان.

نىستورى دىنى:
  نىستورى دىنى نىستورى مەزھىپىنىڭ ئاتىلىشى. نىستورى مەزھىپى خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ مەزھەپنىڭ ياراتقۇچىسى – نىستورى دېگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ دىن بەزىدە پىرىسسىيە دىنى ، يەنە بەزىدە مىشكا دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا ئەڭ دەسلەپتە تارقىلىپ كىرگەن خرىستىئان مەزھىپىدۇر. نىستورى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاقتى تەخمىنەن مىلادى 6- ئەسىرلەردە بولۇپ، مانى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاقتى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. مانى دىنىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىن نىستورى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلار كۆپرەك بولغان. بۇ دىننىڭ تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولغان.

4. ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن دىنلار

ئىسلام دىنى:
  ئىسلام دىنى مىلادى 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنى ئەرەپلەرنىڭ سىرتقا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىستىلا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشىپ سىرتقا تارقالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندىن كىيىن تەدرىجىي ئىسلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسى، تۈرۈكلەر، ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تۈپەيلى ئىسلام دىنى دەرھاللا شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرەلمىدى. پەقەت 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتۇش جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاندىن شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىدى. لېكىن بۇمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. پەقەت 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئىسلام دىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملىشىپ ، ئاساسلىق دىن بولۇشتەك ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما بۇنىڭغا 6 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.

كاتولۇك دىنى:
  كاتولۇك دىنى بولسا خرىستىئان دىنىدىكى ئۈچ چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى. تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا بېلگىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى دىن تارقاتقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ دىن تارقاتقان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كاتولۇك دىنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەردە كاتولۇك دىنى چېركاۋلىرى قۇرۇلغان.

خرىستىئان دىنى:
  خرىستىئان دىنى بىلەن كاتولۇك دىنى ئوخشاش دېگۈدەك ۋاقىتتا شىنجاڭغا كىرگەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان خرىستىئان دىنى خرىستىئان دىنىدىكى يەنە بىر چوڭ مەزھەپ – پىروتىستانت دىنىنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى. يەنى "ئەيسا دىنى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1882- يىلى شۋېتسىيە خرىستىئان دىنى جەمئىيىتىدىكى دىندارلار قەشقەرگە كېلىپ ، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1921- يىلىغا كەلگەندە جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا كېڭەيگەن. شىڭ شىسەي دەۋرىگە كەلگەندە قاتتىق چەكلەنگەن. شىڭ شىسەي دەۋرىدىن كېيىن يەنە باش كۆتۈرگەن.

پىراۋۇسلاۋىيە دىنى:
  پىراۋۇسلاۋىيە دىنى رۇسلار بىلەن بىرگە شىنجاڭغا كىرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چار پادىشاھنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان بەزى رۇسلار شىنجاڭغا كۆچۈپ كىرگەندە پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان رۇسلار بۇ دىننى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگەن. دەسلەپتە شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پىراۋۇسلاۋىيان دىنى دىنى مۇرىتلىرى بولۇپ، روھانىيلار يوق ئىدى. كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق تەڭسىز شەرتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن چار رۇسىيە شىنجاڭدا دىن تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. رۇسلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چېركاۋ قۇرغان. بۇ دىن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقالمىغان بولغاچقا  ھازىرغىچىلىك رۇسلار ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-27 20:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا دىن

Total 0.070537(s) query 3, Time now is:01-12 23:23, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation