نۆۋەتتىكى تېما : ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەزكىرىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
koktugh

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 94
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-02
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەزكىرىسى

ئومۇمىي بايان
1.ئۇچتۇرپان ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي باغرىغا  ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 1111 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىگىچە 111 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇن يېرى 139.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭ يېرى 124.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيە بازىرى ناھىيە تەۋەسى مەركىزىنىڭ قىيپاش غەربىگە جايلاشقان، شەرقىي مېرىدىئان ″41′23°78 دىن ″09′01°80، شىمالىي پاراللېل ″41′23°40تىن ″32′51°41 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ناھىيە تەۋەسى شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىگە قوشنا، جەنۇبتا قاراتېكە تېغى ئارقىلىق كەلپىن ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربتە ئاقچى ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەڭرىتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8841.99 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى 4 - تۇەننىڭ كۆلىمى 155.096 كۋادرات كىلومېتىر)، تاغلىق رايون %59.1نى، چۆل - قۇملۇق ساھىل %29.4نى، تۈزلەڭلىك %11.5نى ئىگىلەيدۇ.
يەر شەكلى غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس، شەرقتىن غەربكە ئومۇمىي يانتۇلۇقى %0.5، جەنۇبتىن شىمالغا ئومۇمىي يانتۇلۇقى %0.9. غەربتىن شەرققە كېڭەيگەن جىلغىلىق تۈزۈلمىگە ئىگە بولۇپ، شەكلى كالا مۈڭگۈزىگە ئوخشايدۇ، شىمال، غەرب، شەرق تەرەپلىرى تاغ بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى ئېگىز (تەڭرىتاغ ئومۇمەن 3000 −4000 مېتىر ئېگىزلىكتە)، جەنۇب تەرىپى پەس (قاراتېكە تېغى ئومۇمەن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە)، جىلغىلىق يەر غەربتىن شەرققە قىيپاش، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان زاتقا چوققىسى 5153 مېتىر كېلىدۇ. توشقان دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ جىلغىلىق زوننىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ زونا ئاساسلىق دېھقانچىلىق تېرىلغۇ رايونى، جەنۇب ۋە شىمالدىكى تاغلىق رايون ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغدا سۇ كۆپ بولۇپ، دەريا ۋادىسى بىرقەدەر ياخشى يېتىلگەن، يەلپۈگۈچسىمان تىنمىنىڭ كۆلىمى كەڭ، كېسىلىشى ئېغىر. جەنۇبىي تاغدىكى سۇ يولى تورى ياخشى يېتىلمىگەن، يەلپۈگۈچسىمان تىنمىنىڭ دائىرىسى كىچىك بولۇپ، پۈتۈن جىلغا بىلەن سىممېترىك ھالەتتە ئەمەس. توشقان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر نەچچە دەرىجىلىك تېرراسا يېتىلگەن؛ جەنۇبىي قىرغاقتىكى تېرراسا كەڭ بولۇپ، تەكشى تۈزۈلۈشتە، بۇ يەر سۇ باشلاپ كېلىپ سۇغىرىشقا قۇلاي بولۇپ، دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؛ شىمالىي قىرغاقتىكى تېرراسا تارراق
بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى چوڭراق، يەر بۆلەكلىرى تارقاق، شۇڭا دەريا سۈيىنى باشلاش بىر قەدەر قىيىن، تاغ باغرى زونىسىدا ئورمان بىر قەدەر كۆپ.
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا تەۋە، بۇ يەردە تۆت پەسىل ئېنىق، يورۇقلۇق تولۇق، ھۆل - يېغىن ئاز، پارغا ئايلىنىش كۆپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. كۈن نۇرىنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2750 −2850 سائەتكىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 106.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2048.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 183−206 كۈن؛ يىلبويى جىلغا شامىلى (غەربىي شىمال شامىلى) چىقىپ تۇرىدۇ، ئەڭ زور بوران كۈچى 8 بالغا يېتىدۇ، تولىراق 4 −8 - ئايلاردا چىقىدۇ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 كۈن بوران چىقىدۇ، ئەتىيازدا تولىراق بوران بىلەن قوشۇلۇپ چاڭ - توزانلىق ۋە سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشى ۋە يەر شەكلى تۈپەيلىدىن، قوشنا رايونلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كىلىمات ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن، تۈزلەڭ رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىللىق، ئىسسىقلىق مىقدارى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃7 −℃9 قىچە بولىدۇ، ئېكسترېمۇم يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃33.2، ئېكسترېمۇم تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃31.4 - بولىدۇ، قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مىقدارى ھەر كۋادرات سانتىمېتىر يەرگە 135 كىلوكالورىيەدىن توغرا كېلىدۇ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولىدۇ. تاغلىق رايوننىڭ كىلىماتى ۋېرتىكال تارقىلىشتا بولۇپ، ئېگىز تاغلار ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، يىلبويى قار ئېرىمەيدۇ؛ جەنۇبىي تاغدىكى يىغىندى قار 20 سانتىمېتىرغا، شىمالىي تاغدىكى يىغىندى قار 40 سانتىمېتىرغا، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 80 −90 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ؛ ئادەتتىكى تاغلىق رايون ئىللىق سالقىن بولۇپ، ئورمان، ئوت- چۆپلەر بىلەن قاپلانغان. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ كىلىماتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئىللىق سالقىن، مۆتىدىل، ئىللىق دېگەنگە ئوخشاش تىپلارغا ئايرىلىدۇ. كىلىماتى ئاقسۇنىڭ باشقا رايونلىرنىڭكىدىن مۆتىدىل بولۇپ، ئادەتتە شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ، ئالايلۇق، شەرقتە ئاقسۇغا يېقىن بولغان ئاچاتاغ، ئاقيار يېزىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃35قا، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2857 سائەتكە يېتىدۇ، شۇڭا بۇ رايونلار يورۇقلۇق ئىسسىقخۇمار زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ. غەربىي شىمال قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش - يىغىلىش ۋاقتى شەرقىي قىسىمنىڭكىدىن 10 −15 كۈن كېيىن بولىدۇ.
توشقان دەرياسى قىرغىزىستان تەۋەسىدىن چىقىپ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شەرقتە ئونسۇ ناھىيىسىگە ئېقىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر مۇقىم، يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 2 مىليارد 627 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بايلىقى مول، قۇمئېرىق دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىن ئۆتۈپ، يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ قىسمەن يېرىنى سۇغىرىدۇ. توشقان دەرياسى سۈيىنىڭ يالاپ كېتىشى بىلەن زور كۆلەملىك كەلكۈن تىندۇرمىسى، تىنما تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن ۋە يەلپۈگۈچسىمان ھالەتتە شەرقىي جەنۇبقا قىيسايغان. ئوخشاشمىغان دەريا سىستېمىسىنىڭ زامانلاردىن بۇيانقى كېسىشى، تىندۇرۇشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ۋادا تۈزلەڭلىكلەر ئوخشاشمىغان كىلىمات، تۇپراق ۋە بىئولوگىيىلىك بايلىققا ئىگە بولغان. توشقان دەرياسى تۈزلەڭلىكىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭراق بولغان تاغقا يېقىن جايلىرى بۇلاق سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جايلار ۋە ئاچاتاغ يېزىسىدا ئويمان يەرلەر كۆپ بولۇپ، يەر ئاستى سۇ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى، بولۇپمۇ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى قەدىمىي دەريا قىنى ئۆتكەن يەرلەرنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاران 1.5 مېتىردىن 0.5 مېتىرغىچە كېلىدۇ، شۇڭا ھەمىشە پاتقاق ئېقىپ چىقىپ يەرلەر لۆمشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
يەلپۈگۈچسىمان ئېگىز تىنما يەرلەرنىڭ تۇپرىقى ھاك تاشلىق ئىپتىدائىي چۆل تۇپرىقىغا كىرىدۇ، پەسرەك يەرلەرنىڭ تۇپرىقى ۋادا چىملىق تۇپراققا كىرىدۇ، ئومۇمەن سېرىق توپىلىق ئانا تۇپراق شەكىللەنگەن، تەركىبىدىكى ماددىلار بىر قەدەر ئۇششاق، تولىسى قۇم تۇپراق ۋە قارا تۇپراق، سۇ تەركىبى مول، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىر قەدەر ياخشى، تۇپراقنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتى خېلى يۇقىرى، يەر يۈزى بەلگىلىك دەرىجىدە يانتۇ بولۇپ، زەي چىقىرىۋېتىشقا ئەپلىك، يەر يۈزىنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يەڭگىل.
ناھىيە تەۋەسىدە چوڭ - كىچىك دەريادىن 8ى بار، تەبىئىي سۇ بايلىقى 3 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ 1 مىليارد 130 مىليون كۇب مېتىرى ناھىيە تەۋەسىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 260 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەر ئاساسەن توشقان دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، سۇغىرىش كۆلىمى 7796 گېكتارغا يېتىدۇ. قىسمەن تېرىلغۇ يەر قۇمئېرىق دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈيى مول بۇلاقتىن 6 سى بار. يورۇقلۇق تولۇق، سۇ مول، تۇپراق ياخشى بولغاچقا، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كېلىدۇ، بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، شال، زىغىر، قىچا، كېۋەز، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇچتۇرپان ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. ناھىيە بويىچە 44 مىڭ 73 گېكتار تېرىلغۇ يەر، 2894.88 گېكتار باغ، 463 مىڭ 440.36 گېكتار ئوتلاق بار. سېرىق پۇرچاق تېرىش تارىخى ئۇزۇن، يىللىق ھوسۇلى 25 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، شۇڭا ناھىيىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى «سېرىق پۇرچاق ماكانى» دېگەن نامى بار. جۇغراپىيىلىك ئورۇن، كىلىمات ئالاھىدىلىكىنىڭ تەسىرىدە، كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى شەكىللەنگەن. بېقىلىدىغان ھايۋانات تۈرى كۆپ، نەسلى ياخشى، ئاساسلىقى كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئون نەچچە خىل ھايۋان بېقىلىدۇ. ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلاردىن يىلپىز، جەرەن، سۇغۇر، ياۋاتوڭگۇزز، ئارقار، تۈلكە، ئۇلار، ياۋا ئۆردەك، ئاق قۇ قاتارلىق نەچچە ئون خىلى؛ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قار لەيلىسى، قانتېپەر، سېرىق يۆگەي قاتارلىق 347 خىلى بار. ناھىيە تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغنىڭ تەسكەي تەرەپلىرىدە ۋە تاغ ئالدى دەريا ساھىلىدا 10 مىڭ 558.7 گېكتار قارىغايلىق، چاتقاللىق، ئارىلاش ئورمان، جىغانلىق ۋە يۇلغۇنلۇق قاتارلىق تەبىئىي ئورمان بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان 3000 گېكتارلىق جىغانلىق بار؛ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ 133 گېكتار كېلىدۇ، ئاساسلىقى ئاق تېرەك، كۆك تېرەك، 55555 توققۇزبۇلاق باغچىسىدىكى تاشكېمە 55555سۆگەت، جىگدە، ئۈجمە قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئومۇمىي ئورمان كۆلىمى 11 مىڭ 272.18 گېكتارغا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12.8كە يېتىدۇ. ناھىيە بويىچە 2859.54 گېكتار مېۋىلىك باغ بار، يىلىغا 20 مىڭ 856 توننا مېۋە ئېلىنىدۇ، ئاساسلىق مېۋە سورتلىرىدىن ئۆرۈك، ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۈجمە، نەشپۈت، ياڭاق قاتارلىقلار بار، گۈلە، ئۆرۈك مېغىزى سىرتقى رايونلارغا سېتىلىدۇ، ئەلا سورتلۇق قەغەز ياڭىقى مەملىكەتكە داڭلىق.
ناھىيە تەۋەسىدە قېزىلما بايلىق مول، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن فوسفور، گەج، ئاليۇمىن توپىسى، مەرمەر تاش، قوغۇشۇن - سىنك، بارىت، سۈرمە، ھاك تېشى، ساپال توپىسى، ئالتۇن، سىماب قاتارلىقلار بار.
2
ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى ئۇزۇن، قەدىمدە ئونسۇ دۆلىتى دېيىلەتتى. غـەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شېنجۆ 2- يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى) خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا تەۋە بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىغان. ئۇ چاغدا 8400 ئاھالە، 1500 ئەسكەر بار ئىدى. ئاھالىسى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قىلاتتى. شەرقىي خەن سۇلالىسى خانى خېدى زامانىنىڭ يۇڭيۈەن 3 - يىلى (مىلادىيە 91 - يىلى) بەن چاۋ غەربىي يۇرتنى تىنچىتىپ، كۈسەندە قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇردى، ئونسۇ (ئۇچتۇرپان) ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن 22 - يىلى (648 - يىلى) ئاشناشىر كۈسەننى تىنچىتىپ، ئونسۇ ئايمىقىنى تەسىس قىلدى، بۇ ئايماق ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارمىقىدىكى كۈسەن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. موڭغۇل خانلىقى دەۋرىدە، بۇ يەر چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال يېرى بولدى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىجېڭ 3 - يىلى (1343 - يىلى) چاغاتاي ئەۋلادى تۇغلۇق تۆمۈر ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە چىقىرىلدى. ھەر يىلى توختىماي ئۇرۇش بولۇپ، خەلق سەرسان بولۇپ كەتكەچكە، يەرلەر قاقاسلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 17 – ئـەسىردە ئـۇچتۇرپان جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ تىزگىنى ئاستىغا چۈشۈپ، زورلۇق- زۇمبۇلۇققا ئۇچرىدى. چيەنلۇڭ 30 - يىلى (1765 - يىلى) ئۇچتۇرپاندا ئۇيغۇرلار قوزغىلىڭى پارتلىدى، كېيىن تۇرپاندىن ئۇچتۇرپانغا نۇرغۇن ئۇيغۇر يۆتكەلدى. چيەنلۇڭ 31- يىلى (1766 - يىلى) يۇڭنىڭ شەھىرى سېلىندى، مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسلىھەتچى ئامبال مۇشۇ يەردە تۇردى، يەنە ئاغلاقچى ئامبال قويۇلۇپ، بەگلىك تۈزۈم بىكار قىلىنىپ، ئىجارە ھەققى ۋە باج كېمەيتىلدى، شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلاندى، سۇچىلىق مۇئەسسەسىلىرى ياخشىلىنىپ، بوز يەر ئېچىلىپ ئېتىز بەرپا قىلىندى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭجى 6 - يىلى (1867- يىلى) ياقۇپبەگ ئۇچتۇرپاننى بېسىۋالدى. گۇاڭشۈ 3- يىلى (1877- يىلى) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئۇچتۇرپاننى قايتۇرۇۋالدى، بۇ چاغدا باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ياخشىلىنىپ، ھەربىي ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلۇپ، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى قۇرۇلدى، باج چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكىسىنىڭ ئۇچتىن ئىككىسىگە قىسقارتىلدى، كەڭ كۆلەمدە سۇ قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، ئىقتىساد كۈنسايىن جانلىنىشقا باشلىدى.
گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلدى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىۋاسىتە قاراشلىق ۋازارەت قىلىنىپ، قۇتاتقۇچى ياردەمچى ئامبال قويۇلدى، ئورنى بوش بەگلەر قىسقارتىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا شاڭيو قويۇلدى، ئۇچتۇرپان ئاقسۇ دوتەيلىكىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى، بۇ چاغدا ئەمىر - پەرمانلار بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت، ئىشلەپچىقىرىش يەنىمۇ مۇقىملاشتى. شۈەنتۇڭ 1 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ چاغدا ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق ۋازارىتىدە 6475 ئائىلە، 47 مىڭ 267 نوپۇس، 14 مىڭ 333 گېكتار سۇغىرىلىرىغان يەر، 2266.7 گېكتار بوز يەر بولغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913- يىلى) ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق ۋازارىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى، بۇ ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 5 55555555555 55555 5 توققۇزبۇلاق باغچىسى 5555555555555555
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قەدىمدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە فېئوداللىق زۇلۇم، ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. مۆلجەرتاغدىكى قىياتاش ئۈستىگە يېزىلغان «يىراقتىكى خەن - تاڭ ھۇزۇرىغا سەپەر» دېگەن خەتلەر ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چيەنلۇڭ يىللىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى، ئۇچتۇرپان بېگى خوجىس چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار قەبىلىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ۋە چوڭ - كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتىشىنى قوللاپ، داۋاچىنى تىرىك تۇتۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭجى 2 - يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ خان ئامبىلى ۋېنشىڭ راشىدىن خوجىغا تاقابىل تۇرغاندا، شەھەرنى ساقلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، مەھكىمىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈۋالغانىدى. 1942 - يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى لىن جىلۇ ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بولغان مەزگىلدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خىيانەتچىلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، يول، كۆۋرۈك ياساپ، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ئۇچتۇرپاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
1949 - يىل 9 - ئايدا شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1950 - يىل 3 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 -بىڭتۈەنن 2 - جۈن پىيادە ئەسكەرلەر 5- شىسىنىڭ پارتكومى (قوشۇمچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم) جۇڭگو كومپارتىيە ئەزاسى كادىرلىرىنى ئاجرىتىپ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك كومىتېتىنى 55555555555555 قوڭغۇراق راۋىقى 555555555555 قۇردى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئۇچتۇرپاندا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
2001 - يىلى ناھىيە بويىچە نوپۇس 173 مىڭ 534كە يەتتى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، خۇيزۇ، ئۆزبېك، قازاق، موڭغۇل، جۇاڭزۇ، شىبە، رۇس، تاجىك، تاتار، دۇڭشياڭ، مانجۇ، چاۋشيەن، سالادىن ئىبارەت 16 مىللەت بار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %93.7ىنى، خەنزۇ %3نى، قىرغىز %2.5نى، خۇيزۇ %0.78نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %0.02نى ئىگىلىدى. ناھىيىگە بىر بازار، 8 يېزا، 2 مەيدان - فېرما قارايدۇ.
3
1951 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. 1953 - يىل 7 - ئايدا ھەمكارلىشىش - كوپىراتسىيىلىشىش ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىي سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. سانائەت - يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1950 - يىلى 4 مىليون 370 مىڭ يۈەن بولغان بولسا، 1957 - يىلى 6 مىليون 440 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %32.2تىن ئېشىپ باردى (1980- يىلدىكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلاندى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق).
1958 - يىلدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»تە «كەڭ كۆلەملىك پولات تاۋلاش»، «مۇبالىغىچىلىك شامىلى»، «مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش شامىلى»غا ئوخشاش ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرى بىلەن، خەلق ئىگىلىكى نىسبەت ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى. 1960 - يىلى پارتىيىنىڭ «تەرتىپكە سېلىش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، ئۆستۈرۈش» فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىساد ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1966 - يىلى سانائەت- يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 14 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرىچە 71.61 يۈەندىن توغرا كەلدى. 10 يىل داۋام قىلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاپىتىدە خەلق ئىگىلىكى ۋە تۈرلۈك ئىشلار مىسلىسىز ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپ، جەمئىيەت مالىمان بولۇپ كەتتى، خەلق ئىگىلىكى بىر ئىزدا توختاپ قالدى.
«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، قالايمىقانچىلىقلار ئوڭشىلىپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلدى. 1978 - يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ %68نى، سانائەتنىڭ %10.78نى، پوچتا - تېلېگراف، ترانسپورت كەسپىنىڭ %1.01نى، بىناكارلىقنىڭ %3.8نى، سودىنىڭ %6.1نى ئىگىلىدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوتتۇرىچە 314 يۈەندىن توغرا كەلدى.
بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 1978 - يىلى 594 يۈەن، 1985 - يىلى 1143 يۈەن، 1993 - يىلى 2793 يۈەن، 1999 - يىلى 6067 يۈەن، 2001 - يىلى 9500 يۈەن بولدى؛ يېزىلاردا ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 1978 - يىلى 91.42 يۈەن، 1980- يىلى 112.06 يۈەن، 1985- يىلى 280.5 يۈەن، 1990- يىلى 459.8 يۈەن، 1995 - يىلى 1008 يۈەن، 1999 - يىلى 907 يۈەن، 2001- يىلى 1167 يۈەن بولدى. يېزىلاردا مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى، پەن - تېخنىكىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئارقىسىدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېخنىكىلىق تەركىبى ئۆستى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. سانائەت، سودا، بىناكارلىقنىڭ ۋە يەككە ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھىيە ئىقتىسادىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، ئۇچتۇرپاننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 1995- يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، ئاقسۇ مەمۇرىي مەھكىمە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، ئارمىيە- خەلق ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگە ناھىيە» دەپ نام بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. ئۇچتۇرپان ناھىيىسى «مەملىكەت بويىچە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە»، «ياۋايى ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئۈچ شىمالىي رايون ئىھاتە ئورمىنى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مەملىكەت بويىچە يېشىللىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن»، «مەملىكەت بويىچە يېزا دەرىجىلىك ئورمان پونكىتلىرى خىزمىتىدە ئۆلچەمگە يەتكەن ناھىيە»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ئالغۇچى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە 8 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئورمان بەرپا قىلىپ، زېمىننى كۆكەرتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق، پاختا ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار ناھىيە»، «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى بەرپا قىلىشتا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى بويىچە ئالتۇن لوڭقا مۇكاپاتى ئالغان ناھىيە»، «مەملىكەت بويىچە ئورمان بەرپا قىلىپ، زېمىننى كۆكەرتىشىكى يۈز ياخشى ناھىيە»نىڭ بىرى، «مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرغۇچى ياش پىدائىيلار خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە»، «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيىدە ئىلغار ناھىيە»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ناھىيە» دېگەنگە ئوخشاش شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.
يېڭى ئەسىر باشلانغان 2001 - يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ناھىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتەك خىزمەت روھى ۋە يۈكسەك كەسىپچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېغىشماي مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى تەربىيە پائالىيىنى ۋە مەركەزلىك تۈزەش كۈرىشىنى پائال قانات يايدۇردى؛ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلىدى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش سەۋىيىسىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن ئۆستۈردى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، ئىقتىساد راۋاج تاپقان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى.
ناھىيە بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 372 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 234 مىليون 680 مىڭ يۈەنگە يېتىپ 2000 - يىلدىكىدىن %3.7؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 32 مىليون 220 مىڭ يۈەنگە يېتىپ %15.3؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 105 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ %18.6 ئاشتى. ئېلىنغان ئاشلىق 127 مىڭ 152 توننىغا، پاختا 5527 توننىغا، ياغلىق دان 5307 توننىغا، قىزىلچا 28 مىڭ 800 توننىغا، مېۋە - چېۋە 20 مىڭ 856 توننىغا يەتتى. يىل ئاخىرىدا قولدا 532 مىڭ 200 تۇياق چارۋا قالدى، 7585 توننا گۆش، 488 توننا يۇڭ، 220 مىڭ 700 پارچە تېرە، 2580 توننا سۈت، 305 توننا تۇخۇم، 4 توننا سۇ مەھسۇلاتى ئېلىندى. شۇ يىلى 1095 گېكتار يەردە ئورمان بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي ئورمان 808 گېكتار. ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 56 مىليون 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شۇ يىلى 633.3 گېكتار سۇغىرىش كۆلىمى، 2348 گېكتار ئوتلاق كۆپەيتىلدى. ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 57 مىڭ 779 كىلوۋاتقا يەتتى. يېزا - بازار كارخانىسى 2624كە، مەھسۇلات قىممىتى 83 مىليون 820 مىڭ يۈەنگە، قوشۇلما قىممىتى 20 مىليون 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 31 مىليون 233 مىڭ يۈەنگە يېتىپ 2000 - يىلدىكىدىن %13.3؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 11 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يېتىپ %10.5 ئاشتى. بىر يىلدا 9 مىليون 36 مىڭ كىلوۋات سائەت توك، 17 مىليون 500 مىڭ دانە خىش، 50 توننا ھاراق، 2031 توننا ئۇن، 166 توننا سۇ يېغى ئىشلەپچىقىرىلدى، 5527 توننا پاختا چىقىرىلدى. بىر يىلدا ئۆي - ئىمارەت بىناكارلىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون 85 مىڭ يۈەنگە، بىناكارلىق كارخانىلىرى سالغان ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 685 كۋادرات مېتىرغا، پۈتكەن ئۆي كۆلىمى 20 مىڭ 625 كۋادرات مېتىرغا يەتتى.
جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە 58 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى، بازار رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىتىش قۇرۇلۇشى، يەسلى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق قۇرۇلۇشلىرىغا ۋە ئەرزان، قۇلاي ئۆي قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 53 مىليون 240 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. يىللىق يۈك ئوبوروت مىقدارى 75 مىليون 170 مىڭ توننا - كىلومېتىرغا، يولۇچى ئوبوروت مىقدارى 60 مىليون 460 مىڭ ئادەم - كىلومېتىرغا يەتتى. پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 290 مىڭ يۈەنگە، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 4 مىليون 820 مىڭ يۈەنگە، يىل ئاخىرىدا بازاردىكى تېلېفون ئابونېنتى 3658گە، يېزىلاردىكى تېلېفون ئابونېنتى 2791گە يەتتى. ناھىيە بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 63 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ 1 مىليون 980 مىڭ يۈەن، يەككە ئىگىلىكنىڭ 17 مىليون 791 مىڭ يۈەن. ھەر خىل تاۋار سودا بازىرى 11گە، يىللىق پۈتۈشۈش سوممىسى 54 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بىر يىلدا 38 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىندى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يەرلىك مالىيە كىرىمى 6 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە، مەركەزگە تاپشۇرۇلىدىغان «ئىككى خىل باج» كىرىمى 3 مىليون يۈەنگە، يەرلىك مالىيە چىقىمى 89 مىليون 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يىل ئاخىرىدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 277 مىليون 980 مىڭ يۈەنگە، تۈرلۈك ئامانەت پۇل قالدۇقى 289 مىليون 180 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بازار - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل قالدۇقى 216 مىليون 920 مىڭ يۈەن. بىر يىلدا سۇغۇرتا كىرىمى 3 مىليون 136 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسىنىڭ 2 مىليون 6500 يۈەن، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ 1 مىليون 130 مىڭ يۈەن؛ 1 مىليون 907 مىڭ 600 يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمى تۆلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلىمى 1 مىليون 517 مىڭ 600 يۈەن، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ 390 مىڭ يۈەن.
ناھىيە بويىچە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 1496سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانى بارلار 561. ناھىيە بويىچە 3 مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، 8 ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بار، بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى 11 مىڭ 371؛ 102 باشلانغۇچ مەكتەپ بار، ئوقۇغۇچىسى 27 مىڭ 292. 22 مىڭ 695 ئوقۇغۇچى «دۆلەتنىڭ تەنتەربىيىدە چېنىقىش ئۆلچىمى»گە يەتتى، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %83 بولدى. ناھىيە بويىچە 1841 ئوقۇتقۇچى بار. بىر سەنئەت ئۆمىكى، بىر مەدەنىيەت يۇرتى، بىر كۇتۇپخانا، بىر ئارخىپخانا بار. يىل ئاخىرىدا رادىئونىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100كە، تېلېۋىزىيىنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %98كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابونېنتى 2500گە يەتتى. ناھىيىدىكى 9 كىنو قويۇش ئەترىتى بىر يىلدا 984 مەيدان كىنو قويدى، بۇنىڭ 864 مەيدانى يېزىلاردا قويۇلدى.
ناھىيە بويىچە 2001 - يىلدىكى سەھىيە - داۋالاش ئاپپاراتى 13، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانا 2، شىپاخانا 9، سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئاپپاراتى بىر، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتى بىر؛ دوختۇرخانىلاردىكى كارىۋات 268؛ كەسپىي سەھىيە تېخنىكا خادىمى 314 (مىللىي 269)، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇر 120 (مىللىي 82).
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ 2001 - يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1167 يۈەنگە، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پۇل مائاشى 9500 يۈەنگە يەتتى. يىل ئاخىرىدا بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 12.75 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ 6.5 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. ناھىيە بويىچە 2006 ئىشچى - خىزمەتچى كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەشكە، 5002 ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەشكە، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان 400 خادىم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشتى.
1992 - يىلى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال خىراجىتى 196 يۈەن، كىيىم - كېچەك ئىستېمال خىراجىتى 85.9 يۈەن، يېقىلغۇ ئىستېمال خىراجىتى 56.9 يۈەن، ئولتۇراق ئىستېمال خىراجىتى 11.5 يۈەن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىستېمال خىراجىتى 29 يۈەن، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىستېمال خىراجىتى 6.2 يۈەن ئىدى. 2001 - يىلى ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 808.5 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى چىقىمى 19.6 يۈەن، يېمەكلىك چىقىمى 152.5 يۈەن، كىيىم- كېچەك چىقىمى 59.9 يۈەن. يېزىلاردا ئوتتۇرىچە يىللىق ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاشلىق 317 كىلوگرامغا، كۆكتات 126 كىلوگرامغا، سۇ يېغى 6.1 كىلوگرامغا، گۆش 6.7 كىلوگرامغا، تۇخۇم 1.34 كىلوگرامغا، ھاراق 0.91 كىلوگرامغا، چاي 0.1 كىلوگرامغا شېكەر 0.5 كىلوگرامغا، كالا، قوي سۈتى 7.64 كىلوگرامغا يەتتى. ھەر 100 دېھقان ئائىلىسىدە 13.4 تېلېۋىزور، 2 موتسىكلىت، 20 ۋېلىسىپىت، 10 كىيىم تىكىش ماشىنىسى، 9 رادىئو قوبۇللىغۇچ، 2 قول سائىتى، 3.5 كىرىسلو، 14 كىيىم ئىشكابى بار بولدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى چەت - ياقا رايونغا جايلاشقان، قاتناش قۇلايسىز بولغاچقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا نىسپىي ئارقىدا قالغان. ناھىيە 1994 - يىلى دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق يۆلىنىدىغان نامرات ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پەيتى پەملەپ ئىش كۆرۈلۈپ، ئارتۇقچىلىقلار جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېتەرسىزلىكلەر تۈگىتىلىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى.
قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەت، خىرىس ۋە ئۈمىد تەڭ مەۋجۇد. ئىشىنىمىزكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە غەربنى كەڭ ئېچىش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچتۇرپاندىكى بىر - بىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلمايدىغان ھەر مىللەت خەلقى ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، غەربنى كەڭ ئېچىش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئالغا چامداپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن، بايلىق ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جەزمەن تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشقان، گۈللەنگەن، مەدەنىي، باي يېڭى ئۇچتۇرپان بەرپا قىلالايدۇ.
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2008-12-23 20:59 دە قاي ]
| ۋاقتى : 2008-12-23 20:05 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
talaysiz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6832
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-25
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن سىزنىڭ يەنىمۇ تىرشىپ، دۋاملىق ئۇچتۇرپانغا ئا ئىت ماتىرياللارنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىلىمەن .چۈنكى ئۇچتۇرپاندەك چەت نامرات رايۇننى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، باشقىلارغا ئۇچتۇرپاننىڭ ئەۋزەل شاراىتىنى تۇنىتىش كېرەك.
yol
| ۋاقتى : 2008-12-25 23:18 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
talaysiz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6832
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-25
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تېمىنى كۆرگەنلەر ئىنكاس يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،                                                                                                                                                                                                                                      ئۇچتۇرپان ئەزەلدىن ئاخسۇدىيارىنىڭ غەربىدىكى مۇھىم چىگرا رايۇن بۇلۇپ كەلگەن،ياقۇپ  بەگ دەۋرىدە روسىيە جاھانگىرلىرىدن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئۇچتۇرپاندا 2000مىڭ ئەسكەرتۇرغۇزغان . ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى شىنجاڭدىكى تارىخى ئۇزۇن جايلارنىڭ بىرىھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى مۇھىم چىگرا رايۇن بۇلۇپ، مۇھىم چىگرا مۇداپىيە بازىسى بۇلۇپ قالدى.ھازىر ئۇچتۇرپاندا قەدىمكى سايائەت ئورۇنلىرىدىن توققۇزبۇلاق ،يېڭىدىن گۈللەنگەن سايائەت ئورۇنلىرىدىن مەمەتئارال ،قازانبۇلاق قاتا رلىق سايائەت ئورۇنلڭرى بار ،2008-يىلى چەتئەللىك بىر تۈركۈم سايائەتچىلەر ئۇچتۇرپاننىڭ توققۇزبۇلاق ئارمگاھىدا ساتائەت قىلىپ ئۇچتۇرپانغاكەلگىنىدىن رازى بۇلۇپ قايتقان .ھازىر ئۇچتۇرپاننىڭ قاتناش يوللىرى ۋە ئۇچۇر ئىشلىرى خېلى راۋاجلاندى.ھۈكىمەت سايائەت ئۇرۇنلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇھىتىنى ئىنتايىن پاكىز بولغان ،يېڭىچەسايائەت ئۇرۇنلىرىنى بەرپا قىلدى.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                            ئۇچ ئوغلانى
| ۋاقتى : 2008-12-26 21:22 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
hazebay

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 1510 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-20
ئاخىرقى : 2008-12-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاڭلىشىمدا ئۇچتۇرپاندا بوزدوڭ ديگەن قىرغىزلا ئولتۇراقتاشقان يېزا بار ىكەن. ئولاردىڭ نوپۇسى قانشىلىق؟
ھازىرمۇ ئولا اققالپاق كيەمدۇ؟ قىرغىز تىلىن قولدانامدۇ؟
بۇ ناھيادىكى 16 مىللەتنىڭ ئىچىدە قازاقمۇ بار ىكەن. بۇلا يەرلىك قازاقلارمۇ؟ ئولارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ ياق باشقىچا  سەۋەبلىرمەن يوتكىلىپ بارغانلارمۇ؟
1som
| ۋاقتى : 2008-12-26 21:48 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
batur119

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7776
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-27
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى hazebay 2008-12-26 21:48 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئاڭلىشىمدا ئۇچتۇرپاندا بوزدوڭ ديگەن قىرغىزلا ئولتۇراقتاشقان يېزا بار ىكەن. ئولاردىڭ نوپۇسى قانشىلىق؟
ھازىرمۇ ئولا اققالپاق كيەمدۇ؟ قىرغىز تىلىن قولدانامدۇ؟
بۇ ناھيادىكى 16 مىللەتنىڭ ئىچىدە قازاقمۇ بار ىكەن. بۇلا يەرلىك قازاقلارمۇ؟ ئولارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ ياق باشقىچا  سەۋەبلىرمەن يوتكىلىپ بارغانلارمۇ؟


ئۇچتۇرپاننىڭ بوزدۆڭ دەپ يېزىسى يوق، بوزدۆڭ قىرغىز مىللى يېزىسى بولسا ئاقسۇ شەھرى ئۇنسۇ (كوناشەھەر) ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزا.
ئۇچتۇرپاندا يامانسۇ قىرغىز مىللى يېزىسى دەپ بىر يېزا بار. يېزىنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 8000 دىن كۆپىرەك، ئۇيغۇر، قىرغىز، خەنزۇ، قازاق، شىبە، تاجىك، ئۆزبىك قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى كۆپىرەك 5000 دىن ئېشىشى مۇمكىن، قىرغىزلارنىڭ 2600 ئەتىراپىدا، قالغان قازاق، ئۆزبىك، تاجىك، شىبە قاتارلىق مىللەتلەر دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتنىشىپ خىزمەت سەۋەبى بىلەن كىلىپ قالغان، ئۇلارنىڭ نۇپۇسى ناھايتى ئاز، بۇلارنىڭ نۇپۇسى يېزىنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسىنىڭ %1 تىگىمۇ يەتمەيدۇ، كۆپىنچىسى بىر نەچچە يىل ئىشلەپ بېقىپ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، يەنە يېڭىدىن كېلىپ تۇرىدۇ، ئاساسەن مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلار يوق، قازاق قېرىنداشلاردىن بىرسى قىرغىز قىز بىلەن يېڭىدىن توي قىلدى، بەلكىم شۇلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
خەنزۇلارنىڭ نۇپۇسى بۇرۇن بەك ئاز ئىدى، 5 ~ 6 يىلنىڭ ئالدىدا 40 نەچچە ئائىلىلىك بار خەنزۇ ئائىلىسى بار ئىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ نۇپۇسى خېلىلا كۆپۈيۈپ قالدى.
يامانسۇ قىرغىز مىللى يېزىسىدا 5 دېھقانچىلىق كەنتى، 1 چارۋىچىلىق كەنتى، 1 يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق مەيدان بار، دېھقانچىلىق ئاساس، چارۋىچىلىق قوشۇمچە.
يېزىدا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتىن 5، ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىرسى بار، قىرغىز تىلىدا دەرىس بېرىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىرسى بار (باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ بىر)
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا بۇرۇن يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى قىلىنغاندا ئورۇن مەسئۇلى يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى قىرغىزچە بىرەتتى،  (ئۇ چاغلاردا ھەممە پونكىت، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلى قىرغىز ئىدى)، ھازىر بولسا پەقەت يېزا باشلىغى قىرغىز، باشقا ئورۇنلارنىڭ بولسا ئۇيغۇر، قىرغىز ئارىلاش ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ھازىر پەقەت يېزىنىڭ ۋە ئىداە- ئورۇنلارنىڭ ۋىۋىسكىسىدا قىرغىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىق قوللىنىلغاندىن باشقا تۈرلۈك يىغىن ماتىرىياللىرى ئاساسەن خەنزۇچە تەييارلىنىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ.
يامانسۇ قىرغىز مىللى يېزىسىدىكى قىرغىزلار ھازىرمۇ ئاق قالپاق كىيىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-12-27 00:43 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 522ـ كۆرۈرمىنى
talaysiz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6832
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-25
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

باتۇر ئەپەندى سىزنىڭ ئۇچتۇرپانغا بولغان چۈشەنچىڭىز خېلى ئەتراپلىق ئوىشايدۇ ھە!ھازىر قىرغىزلار دىمۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈلۈپ كەتتىمۇ قانداق ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارتۇلۇق ئوتتۇرنى ئۇيغۇر ياكى خەنزۇمەكتەپتە ئوقۇيدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ،مىنىڭ ساۋاقداشلىرىمدىنمۇ قىرغىزلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ قىرغىز تىلىنى قوللىنىشى ئاساسەن قىرغىزىستان بىلەن چىگرابولغانلىقى ئۈچۈن بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق؟
1som
| ۋاقتى : 2008-12-27 16:09 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.144514(s) query 4, Time now is:01-08 18:23, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation