
دېڭىز قاراقچىلىرى دىگەندە مەخسۇس دېڭىزدا باشقا كېمىلەرنى بۇلايدىغان جىنايەتچىلەر كۆرسىتىلىدۇ. بۇ بىر ناھايىتى قەدىمىي بولغان جىنايى ھەركەت بولۇپ، كېمە مەيدانغا كەلگەن زامانلاردىلا دېڭىز قاراقچىلىرى بولغان . بولۇپمۇ دېڭىز قاتناش ئىشلىرى ئىنتايىن راۋاجلانغان 16-ئەسىردىن كېيىن ، سودا پائالىيىتى تەرەققىي تاپقان دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېڭىز قاراقچىلىرى بولغان. بۇ كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى : دېڭىز قاراقچىلىرى ھەرگىزمۇ يالغۇز ھەركەت قىلمايدۇ، دائىم بىر توپ بولۇپ بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بارىدۇ.
دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ تارىخى
دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە 3000يىلغا بارىدۇ. دېڭىز قاراقچىىسى دىگەن سۆز ئېنگىلىزچىدا ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر بۇ ئاتالغۇنى ئانچە ئىشلەتمەس بولۇپ كەتتى. دېڭىز قاراقچىلىق ھەركىتى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە 17 -ئەسىردىن بۇرۇن قوللۇنىلغان. دېڭىز قاراقچىسى pirate دىگەن بۇ ئىسىمنى مىلادىدىن 140يىل بۇرۇنقى قەدىمقى رىم تارىخچىسى بولىبىئوس تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن. گېرىك تارىخچىسى بۇرۇداك مىلادى 100-يىللىرى ئەتراپىدا بۇ قىلمىشقا دېڭىز قاراقچىلىق قىلمىشى دەپ ئاتالغۇ بەرگەن. ئۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنى قانۇنسىز ھالدا كېمىلەرگە ۋە دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان كىشىلەر دەپ ئاتىغان. بۇ قىلمىش ئەڭ دەسلەپ ھومىرنىڭ ئىللىئادا ۋە ئودىسسا داستانىدا قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خېلى يىللارغىچە بۇنىڭغا ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن. مىلادى 9~11-ئەسىرلەردە نورۋىگىيەدە بۇلاڭچىلىق بىلەن شوغۇللىندىغانلار دېڭىز قاراقچىسى دىيىلمىگەن. ئۇلارنى كىشلەر دانىيىلىكلەر ياكى ۋىكىڭلار دەپ ئاتىغان. ھازىرقى قوللىنىلۋاتقان بۇ ئاتالغۇ 18-ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ «باندىتلار» دەپ قارالغان . بۇ دىگەنلىك سەن ئەسكەر بولمىساڭمۇ ئۇلارنى ھەرۋاقىت ئۆلتۈرسەڭ بولىدۇ دىگەننى بىلدۈرەتتى. ئەڭ دەسلەپكى خەلقئارا قانۇندىمۇ دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارىتىلغان ماددىلار بار ئىدى. چۈنكى دېڭىز قاراقچىلىرى ئاساسەن دۆلەت سىرتىدىكى جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى.
بەزىدە بىر قسىم دۆلەتلەر بۇ قاراقچىلارنى ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ئۇرۇشقا سالاتتى. ئەڭ مودا بولغىنى ئىجازەتنامە بېرىپ دۇشمەن تەرەپنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلشقا يول قوياتتى.
دۇنيادا نۇرغۇن قەدىمقى خاتىرىلەردە بۇ توغىرلىق بايانلار ساقلانغان. 1691~1723-يىلغىچە بولغان ئارلىق دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قاراقچىلىق قىلمىشلىرى دېڭىز سودا يولىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ دەۋىر Bartholomew Roberts ئۆلىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇ دەۋىردىكى داڭلىق دېڭىز قاراقچىلىرى
ھېنرى . ئېۋرى_ ئۇنىڭ كېمىسىدە 46 زەمبىرەك بولۇپ، 1695-يىلى ھىندىستاندىن كەلگەن ئۈنچە-مەرۋايىت ئېلىپ ماڭغان كېمە ئەترىتىنى بۇلىغان. بۇ كېمە شۇ چاغدىكى موغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ بولۇپ نۇرغۇن ئۈنچە -مەرۋايىت قاچىلانغانىكەن.
ئېدۋارد .دىچ _ 1718-يىلى ئۆلگەن. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ قارا ساقال قويغان بولۇپ، لەقىم قارا ساقال ئىكەن. ئۇنىڭ 300 دەك ئادىمى بولۇپ، ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشالايدىكەن. 1718-يىلى داڭلىق دېڭىز قاراقچىسى تۇتقۇچى روبېرت.مېنا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
باسولومىۋ. روبېرتىس_ ئۇ 37 يېشىدىن تارتىپ قاراقچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەركەتلىرى باشقىلارغا ئانچە ئوخشىمايدىكەن. ئۇ قىمار ئوينىمايدىكەن، قول ئاستىدىكىلىرىگە ئىبادەت قىلىشنى تاپىلايدىكەن.ئۇ جەمئىي 400دىن ئارتۇق كېمىنى بۇلىغان بولۇپ،1722-يىلى گىۋىئانا دېڭىز بويىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ھېنرى مورگىن_ 17-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق دېڭىز قاراقچىسى بولۇپ،2000 دىن ئارتۇق ئادىمى بولغان. 1670-يىلى مۇھىم ئورۇن پاناماغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۈشلەرنى ئېلىپ كەتكەن.كېيىن تۇتۇلغاندىن كېيىن لوندوندا سوت ئېلىپ بېرىپ ئۇنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە سىر 爵士 لىق ئۇنۋانى بەرگەن. چۈنكى شۇ چاغدىكى ئىسپانىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىدىكى سىياسى ئىشلار بۇنى بەلگىلىگەن. ئۇ يەنە يامايكىغا يەرلىك ئەمەلدار بولۇپ تەيىللىنىپ، ئاخىرقى ئۆمىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە يامايكىدا ئىككى داڭلىق ئايال Ann Bonny ۋە Mary Read ئىسىملىك دېڭىز قاراقچىلىرى بولغان.1730-يىلى ئەتراپىدا ئۇلار كاپىتان جېك نىڭ باشچىلىقىدا باھامانىڭ باش ۋالىيسى ئەۋەتكەن قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا ، كاپىتان قاتارلىقلار كېمە بۆلۈمچىسىگەمۆكىۋالغان.بۇ ئىككى ئايال باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، ئاخىرى تۇتۇلۇپ قالغان. ئەننى نىڭ تەلىيى كېلىپ قېچىپ كەتكەن. مارى ئادەتتە ئەرەنچە كىيىنىپ ئۇرۇش قىلىدىكەن. رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغاندا كۆكسىنى ئېچىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بىر ئايال تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردىكەن. ئۇنى تۇتقاندىن كېيىن دارغا ئاسماقچى بولغان. لېكىن قورسىقىدا بولغاچقا ئۆلتۈرۈلمىگەن. ئۇ تۈرمىدە ئۆلگەن. ئۇ سوتتا «دارغا ئېسىلىشنىڭ قورققىدەك يېرى يوق، ئەگەر دارغا ئېسىش بولمىغان بولسا ، قورقۇنچاقلارمۇ قاراقچى بولىۋېلىپ، باتۇرلارنى ئىشلىتىدىغان يەر قالمايتتى» دىگەنىكەن.
يەنە نۇرغۇن داڭلىق سىياسىيونلار، ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر دېڭىز قاراقچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەسىلەن ، تەيۋەندىكى جىڭ جەمەتى خانلىقىدىكى جىڭ چېڭگوڭنىڭ دادىسى جىڭ جىلوڭ ئەسلى دېڭىز قاراقچىسى ئىكەن. ئەنگىلىيىلىك ئىكسىپىتىدىسىيەچى فىرانس.دېرىك، 10-ئەسىردىكى دانىيە پادىشاھى Harald Gormsson قاتارلىقلار.
ئەڭ داڭقى چىققان دېڭىز قاراقچىسى مىللىتى _ مورولار ئىكەن . ھىندى ئوكياندىكى مالاككا بوغۇزى ئەتراپى دېڭىز قاراقچىلىق قىلمىشلىرى ئەڭ كۆپ دېڭىز رايونى ئىكەن.
سانائەت دەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربى كۈچى زور دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرۈلدى، دېڭىز ئەتراپىدىكى چارلاش تېخىمۇ قاتتىق بولدى. دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك شانلىق دەۋىرى كەلمەسكە كەتتى.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتىمۇ ئۇلار ئاساسەن چېلىقمىدى. بىراق دېڭىز قاراقچىلىرى تەلتۆكۈس يوقاپ كەتكىنى يوق. 1981-يىلى يازدا بىر «ئەرۋاھ كېمىسى » باھاما تاقىم ئاراللىرىدا پەيدا بولدى. بۇ كېمىنىڭ ھەممە يېرى قان داغلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كېمىنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق بەلگىسى يوق تۆت كېمە تەرپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچىرىغانلىقى توغىرسىدا قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقاتقان. تېخى بۇ يىل 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 16 دانە كېمە ئارقا ئارقىدىن سومالى دېڭىز قىرغاقلىرىدا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە 33 تانكا ۋە نۇرغۇن قورال -ياراق قاچىلانغان ئۇكرائىنانىڭ بىر كېمىسى بۇلاندى.
تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچى : قوشۇق
كېلىش مەنبەسى : بەيدۇ