ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
قۇرئان كەرىم (
http://www.qurankerim.com) تور بېتى يېڭىلاندى!
قويماقچى بولغان بىر قىسىم ئىقتىدارلار سىناق باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم تورىنى ئىنچىكىلىگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى، تولۇقلاشقا تېگىشلىق جايلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا ياكى قۇرئان كەرىم تورىنىڭ سۆز قالدۇرۇش دەفتىرىگە يوللاشلىرىنىنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇ ئارقىلىق قۇرئان كەرىم تورىنى تېخىمۇ قوللىنىشچان ۋە ئاممىباپ، شۇنداقلا ئۆزگىچە قىلىپ خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنساق دەيدىغان ئۈمىدىمىز بار. چۈنكى ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك
http://www.qurankerim.com تورى قۇرئان كەرىم خىزمىتى بەرگەن بىردىن بىر ئۇيغۇرچە تور بەتتۇر. باشقا نۇرغۇن تور بەت ئىگىلىرى قوشۇمچە قۇرئان كەرىم سەھىپىلىرى ئاچقان بولسىمۇ قۇرئان كەرىم خىزمىتىنىلا بېرىدىغان باشقا تور يوق ھازىرغا قەدەر... شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بۇ تور بەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىلىملىك ۋە ئاڭلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەزمۇنى مول، قوللىنىشچان، قۇرئان كەرىمگە ئالاقىدار ھەر خىل مەزمۇن، پروگرامما ۋە ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىسەك دەيدىغان ئۈمىدىمىز بار.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ تۇغىنى ئۆزلىرىنىڭ تورلىرىنىڭ ئۇلىنىشلار بۆلۈملىرى بىلەن مۇنبەرلەرنىڭ ئۇلىنىشلار قىسىملىرىغا قوشۇپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۇغ ئادرېسى:
قۇرئان كەرىم تورىنىڭ تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارلار بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ خىزمىتى بولۇشى ئۈچۈن تورىمىز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارغا مۇھتاجمىز!
ھۆرمەت بىلەن قۇرئان كەرىم تور بېكىتى!
باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ تېمىنى ئېلان سۈپىتىدە كۆرمەسلىكىگە تىلەكداشمەن. چۈنكى قۇرئان كەرىم تورى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خەلقىمىزنى خەۋەردار قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ماددىي مەنپەئەتى يوق! رەھمەت.
قۇرئان كەرىم تورىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر: