yilan1 ئەپەندى ! تارىخنىڭ ئىلمىلىكى سىزنىڭ<<گۇما نامى ھەققىدە>> ئىككى ئېغىز ئىزاھاتىڭىز بىلەن تاماملانسا، ئىلمىلىكنىڭ قىممىتى ھىچقانچە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ! سىزنىڭ ئۆتمۈشنى بىلىش بۇرچىڭىز قايسى مەنبەدىن ؟ قايسى مۇددائادىن ؟ سىزنىڭ ئۆگەنگەن تارىخىڭىز قايسى تارىخ ؟
<<دىۋان>>غا قاراپ بېقىڭچۇ ! فىردەۋسىنىڭ <<شاھنامە>>سىنى بىرەر -ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېقىڭچۇ ؟
ئىچكى دۇنياسىڭىزدا قانداق چوت سوقۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، تارىخنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا نەزەر سالسىڭىز، بەدىنىڭىزدىكى قىسمەن ئاق كېسەل، تۇرانلار بىلەن ئىرانلار ئوتتۇرسىدىكى 1000يىلدىن ئارتۇق ئۆزئارا تاجاۋۇز، قىسمەن ئۇلارنىڭ ئىچكىرلەپ كىرىشى، قىسمەن بىزنىڭ غالىپ كېلىشىمىز تەكرارلىغى بەدىنىمىزگە ئەنە ئاشۇنداق ئىرقى گۈللەرنى چەككەن...تارىخى نەزىرىڭىزدىكى بارغانسىرى غۇۋالىشىپ توپا بېسىۋاتقان<<تۇران>> ئەينىكىنى سۈرتىۋېتىپ تازا قاراپ بېقىڭچۇ ؟! <<تۇران>>،ئۇ، ئۆزىگە خاس ئىنسان تۈركىمى، ئۆزىگە خاس تىل تۈركىمى، ئۆزىگە خاس ئىرقىي تۈركۈم... ئىشەنمىسىڭىز <<گۇما>>نىڭ غەربى جەنۇبىغا50نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان<<كىلياڭ>>ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك: كىلياڭنىڭ تىل يىلتىزى ھەرگىزمۇ ئەينى ئەمەس. غەرپتىن شەرققە تۇزسىزىق ئۈستىدىكى<<كىلىياڭ>> بىلەن <<كىرىيە>>350كىلومېتىرچە كەلگەننىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىكى بۈگۈنكى ئاتالغۇ ۋارىيانتىنىڭ ئەسلى ئورتاقلىقى چوقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ <<كىن>>. شۇنداق بولغاندا <<كىلياڭ>>- كىنياڭ ياكى كىن ياڭ بولۇپ ، <<دىۋان>>دا كىن - كىندىك ئىپار. بەدەن ئوتتۇرسى كىندىك، كەنت - كىن، كەند مۇ دىيىلىدۇ. كىرىيە بىلەن نىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسى <<كىنيەر>> بولۇپ پەرىقلەندۈرۈش تەقەززاسىدىلا كىرىيە ۋە نىيە دەپ ئاتالغان.
ئومۇمەن <<كىلياڭ-كىنياڭ>> - ئوتتۇرا ئانايەر-كىندىك يەر-مەرگەز، <<كىنيەر>> - ئوتتۇرا يەر، ھەر ئىككى ئاتالغۇ تۇرانلار مەرگىزى دىگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. ئوخشاشلا ئىلمى نەزىرىڭىز ئاستىدىكى <<گۇما>> - چۇڭقۇر، قاينام سىمۋولىدا تۇران جەڭگاھى ئۇقۇمىنى بېرىدۇ .
سىزنىڭ <<...ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئىناق ياشاۋاتقان بولساقمۇ...>>دېگەن سۆزىڭىز چىن تارىخ بولسا مەيلى ئىدى. ئەمما ئۇنى ئىلمىلىككە تويۇندۇرماي تۇرۇپ ئەۋلاتلىرىمىزغا قانداق يامان تەسىر بېرىپ قويغانلىقىڭىزنى ئويلاپ پەقەتلا ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمىدىم. قېنىم قىززىپ ئىنكاسىم بەكلا يەڭگىل ۋە چولتا بولۇپ قالدى. كەچۈرگەيسىز. مەن <<دىۋان>> ۋە <<شاھنامە>>نى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقاي، <<كىلياڭ ۋە كىنياڭ>>ئاتالغۇلىرى ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى جىددى تەرىزدە ئوتتۇرغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. روھى بىردەكلىكىمىز،مانا بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى چوقۇم بىرلىككە كەلتۈرىشىمىزدە ئىپادىلەنسە كېرەك ؟!
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-02 00:39 دە قايت ]