نۆۋەتتىكى تېما : ئالىم ئىمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
alkut

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 441
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-07-05
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئالىم ئىمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت


ئالىم ئېمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت



ئېلاۋە:<<سەلكىن تورى>>بېكىتى بۇ يىلقى خەلقئارامەھمۇد كاشغەرى يىلى مەھمۇد كاشغەرى ، <<دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>>ھەققىدە ئالىم ،تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى مۆھتەرەم ئۇستاز ئېمىن ھاجى تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، <<ئۇرخۇن>>دىكى سەھىيپىگە ماس كەلگەننىڭ ئۈسىتىگە ، مۇشۇنداق بىر زور شۆھرەتكە ئېگە تارىخ تور بېكىتىگە مەزكۇر يازمىنى يوللاش زۆرۈر دەپ قاراپ چاپلاپ قويدۇم ، ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارالمىسا تەستىقتىن قالدۇرۇۋىتىلسە.


ئۇيغۇر ئالىمى ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى تەۋەللوتىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتىتى 2008 - يىلىنى "دۇنيا مەھمۇد قەشقەرى يىلى" قىلىپ بىكىتتى ، بۇ يىلنى قۇتلۇقلاش ۋە خاتىرىلەش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قىسىم ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى ، 2008- يىلى 11- ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېلىپ بېرىلغان "مەھمۇد قەشقەرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 1000 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى" دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر زور، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان يىغىن ھىسابلىنىدۇ ، بىز سەلكىن تور بېكىتىدە مەزكۇر سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ " تۈركى تىللار دىۋانى " ناملىق ئەسىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى .
بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھان :
يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكار باشلامچىلىرىنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىپ، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى.
رىياسەتچى : ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىمىن تۇرسۇن ئاكا.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
رىياسەتچى : ئالدى بىلەن سىلىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ،بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتناشقانلىرىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز.
رىياسەتچى : ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك،ئالدى بىلەن سىلە مۇشۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئۈستىدە بىر توختىلىپ بەرگەن بولسىلا.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئوبدان سورىدىڭىز قىزىم،ھەزىرىتى مەھمۇد ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى قەشقىرى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈنلا بىز قەشقەرلىك دەۋالمىدۇق، ھەزىرىتى مەھمۇد قەشقەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر دەۋالمىدۇق ،ھەزىرىتى مەھمۇدنىڭ ئۆتكەن زامانى توغرىسىدا خەلىقئارادا ھەر خىل قاراشلار بار.ئالدى بىلەن بىر ئاز ئىزاھات بېرىشكە توغرا كىلىدۇ.جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئاسىيانىڭ كىندىكى بولغان تەڭرىتاغ،تارىم بويلىرىدا نەچچە ئەسىرلەپ ياشاپ،كۆپىيىپ كەلگەن،تەرەققى قىلغان ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ تۈرلۈك باسقۇچلىرىدا ئىلىم-پەننىڭ ھەر ساھەسىدە دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە تۈرلۈك كەشىپات،تۆھپىلەرنى قوشقان،.شۇ كەشىپىيات تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىملاردىن بىرى مەھمۇد قەشقىرى.
نىمە ئۈچۈن ھەزىرىتى مەھمۇدنى قەشقەرلىك دەيمىز؟
بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقىرى توغرىسدىكى خەلىق،ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن،بولۇپمۇ ھەزىرىتى مەھمۇدنىڭ نادىر ئەسىرىدىن بىرى بولغان دىۋانى لۇغاتى تۈرۈكتىكى بايان قىلىنغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئىنىقلىشىمىز،دەلىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.مەسىلەن،مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ نادىر ئەسىرى دىۋانى لۇغاتى تۈرۈكتە،تاكى فەرەمدىن جابارقىغىچە،يەنى ياۋروپادىن ياپونىيەگىچە بولغان قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى ھەر خىل قەۋىملەرنى بولۇپمۇ تۈركىي قەۋىملەرنى ئەمىلىيەتتە ئىزدەش ئاساسىدا ئەمەلي تەكشۈرگەن.شۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن جايلارنى كەزگەن.شۇ ئۆزى كۆرگەن-ئاڭلىغان مۇھىم،يەنى ئەل‏‏-يۇرت،دەريا،تاغ،كۆل،ئېقىن،شەھەرلەرنىڭ ناملىرىدىن تەخمىنەن 190 چە نامنى قەيىت قىلغان.شۇ قەيىت قىلغان ناملارنىڭ ئىچىدە ئالتىدىن بىر قىسمى قەشقەرگە تەۋەللۇق زىمىنلار.مەسىلەن مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدا قەشقەرگە تەۋەللۇق زىمىنلاردىن ھازىرغىچە ئۆز نامىدا ئاتىلىپ كىلىۋاتقان يەرلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ،مەلۇمات بەرگەن.بۇ مەلۇماتتا بۇ يەر ناملىرى سۆزلەر قاتارىدا بېرىلگەندىن باشقا تۈركى تىللار دىۋاننىڭ كۆپ يەرلىرىدە مىسال ۋە تەمسىللەر تەرەقىسىدە تەكرار ئىشلىتىلگەن.مەسىلەن كاشغەر دىگەن مۇشۇ بىر ئاتالغۇ دىۋانى لۇغەتى تۈرۈكتە ئون يەتتە يەردە تىلغا ئېلىنغان.دىمەك ھەرىزىتى مەھمۇدنىڭ قەشقەرنى بىلىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.ھەزىرىتى مەھمۇد ئۆز كىتابىدا قەيىت قىلغان قەشقەر ئەتىراپىدىكى يەر-سۇ ناملىرىدا ئارىسدا ئالغۇ،ئالۇش،ئارتۇش،ئازىق،باغرام قۇم،بارچۇق،بارخان،قاشقىبۇغرا،قىپچاق،قىزىل دەريا،قىزىل ئوز،كۆرۈمكۆل،مەڭكەت،ئوپال،تازغۇن،تۈمەن،تورغاتتىز،تېزەنتىز بۇ ناملارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزگەرتىلمەي شۇ پېتى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.مەسىلەن بۇ ناملاردا ھەزىرىتى مەھمۇدنىڭ بەرگەن تەرىپى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.بولۇپمۇ ئوپال توغرىسىدا ئەرەپچە ئىزاھلىغاندا باشقا يەر ناملىرىدىن پەرىقلەندۈرۈپ،ئوپال بىزنىڭ يۇرىتنىڭ نامى،ئىزاھلىما،ھازىرمۇ بىزنىڭ يېزىمىزنىڭ نامى،ئەرەپچە ئىسمى قەرىيى لەنا ئىزاھ بەرگەن.بۇ يەردە لەنا قۇشۇمچىسى ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ لەنا قۇشۇمچىسى ئەرەپچىدە كىرىشنىڭ كۆپلۈك شەكلى.بىزنىڭ دىگەن مەنىدە ئېيىلىتىدۇ.ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر تەۋەسىدىكى يەر ناملىرىنى ئىزاھلىغاندا مەسىلەن،ئالۇشنى ئىسمى قەرىيە لىكاھشا،يەنى قەشقەردىكى بىر يەر نامى دەپ ئىزاھلىغان.ئاۋۇ ئوپالنى ئارىلىقتىن پەرىقلەندۈرگەن.ئوپال ھازىرمۇ مەۋجۇد،كىشىلەر ھازىرمۇ ئوپال دەپ ئاتايدۇ،ئۆز زامانىسىدا ئويپال دەپ ئاتالغان.قەشقەردىن شەھىردىن 45 كلومىتىر غەرىپ يىراقلىقتىكى بىر چوڭ يېزا،بۇ يېزىنىڭ ھازىر قارىۋاش،بەشۋاغ،ياغۇ،باشياغۇ،موللام بېغى،كۆكچى،قۇمباغ،دوغىلات،شوتا،ھۆل جىگدە،قارا ئۆستەڭ،ئاچات،توقات،ئايدىڭكۆل،ئاقئۆستەڭ دەپ ئاتىلىدىغان كەنىتلىرى بار.بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بىزگە ئازىغ كۆرۈنمەيدۇ.نىمە ئۈچۈن دىگەندە مەھمۇد قەشقىردىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئوپالئارىت )ئىزاھات:مۇزرات،ئوپالئارات،كۆكئارىت،ئۇلۇغئارىت،ئادەم ئۆتۈش قىيىن بولغان داۋانلارنى ئارت دەيدۇ(ئوپالئارىتقا كىلىدىغان ئىككى جىلغا بار.بىرسى قارا جىلغا،بىرى قىزىل جىلغا،مۇشۇ ئىككى جىلغىنىڭ سۈيى تېشىپ،كەلكۈن كىلىپ،ئوپالئارىتنى كەلكۈندىن تۇسۇپ تۇرىدىغان سۆسەر ئېغىزى دىگەن ئېغزىدىن بۆسۈپ چۈشۈپ،كەنىتلەرنى سۇ باسىدۇ،ئوپالنىڭ يەر-تۈزۈلىشى ئىگىز-پەس بولۇپ، موللام بېغى كەنتى ئىگىز ئۇرۇندا.كىيىنكى زامانلاردا ئوپاللىقلار سۇ بېسىپ،قۇم بېسىپ كەتكەن يەرلەردە قايتىدىن كەنىتلەرنى بەرپا قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بىرسى قۇمباغ.ئازىغ بولسا ھازىر قۇمباغنىڭ مەھەللىسى.دىمەك تەبئىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە بەزى كەنىتلەر يوقالغان،يېڭىدىن بەزى كەنىتلەر پەيدا بولغان.ئەمما موللام بېغى دەپ ئاتالغان كەنىت ئۆز ئىسمى بىلەن ساقلانماقتا،شۇ موللام بېغى دىگەن كەنىتكە ھازىر مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەبىرسى جايلاشتۇرۇلغان.تەخمىن قىلغاندىمۇ ئېھتىمال ئۆز زامانىسىدا مەھمۇد قەشقىرى ۋاپات بولغاندا،شۇ ھەزىرىتى موللام،موللام بېغىغا دەپنە قىلىغان بولۇشى مۇمكىن.بۇنداق بولۇشىدا موللام بېغىدا ئىككى ئادەم نەزەرگە ئېلىنىدۇ.بىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئانا تەرەپ دادىسى سەيپىدىن بۇزۇكۋار،يەنە بىر مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.شۇڭلاشقا ئوپاللىقلار بۇ كەنىتكە موللام بېغى دەپ ئىسىم قويغان.شۇ موللام بېغى ئالدىدا ھازىر ئۈچ تۈپ ھاي-ھاي تېرەك بار.ھاي-ھاي تېرەك ئالدىدا نۇرۇز بۇلاق بار.كىشىلەرگە شۇ ئادەت بولغانكىن ھەر نۇرۇزدا كىشىلەر موللام بېغىدا ساياھەت قىلدىكەن،تالىپلار،ئىلىمدارلار،شائىرلار ھەر خىل شېئىر،نەزمىلەرنى،بېيتلارنى يىزىپ نۇرۇز بۇلاقتا ئاققۇزىدىكەن. بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز مەرىپىتىمىز مۇشۇ توختىماس بۇلاقتەك دائىم راۋان بولۇپ تۇرسۇن دىگەن مەنىدە.ھازىرمۇ ھاي-ھاي تېرەك،نۇرۇز بۇلاق ئۆز پېتى ساقلانماقتا.
بىز مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ تۇرۇپ،بىز ھەزىرىتى مەھمۇدنى قەشقەرلىق،قەشقەرنىڭ غەربىدىكى ئوپال يېزىسدا ۋاپات بولغان ئوپالدا تۇغۇلغان ھەم شۇ ئوپالدا ۋاپات بولغان دەپ پەرەز قىلىمىز.ئەمدى بۇ يەردە خەلىق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە،ئويپال ئەسلى ئېتى بۇلاقسۇ،بۇرۇختا،)ئىزاھات:بۇرۇختا دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇڭغۇلچە يىكەنلىك دىگەن مەنىدە(سايۋاغ،ئوپال،بۇلاخسۇ بۇ كەنىتلەر ئۆز ۋاقتىدا بىر جاڭگاللىق،ئورمانلىق ئىكەن.ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر،بەگزادىلەر،خانزادىلار ساياھەت قىلغىلى،ئوۋ ئوۋلىغىلى،شىكار قىلغىلى چىققاندا ئوپالنى مەركەز قىلىپ چىقىدىكەن.شۇ ۋاقىتتا مەھمۇد قەشقىرى شاھزادە ۋاقتىدا ئوپالغا چىقىپ،موللام بېغىدا سەيلە قىلدىكەن.دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ تۆۋەن تەرەپكە قارىغاندا ) ئىزاھات:موللام بېغى ئىگىز،ئوپال پەسرەك ئۇرۇنغا جايلاشقان(كۆزىگە بىر چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ،ئاسماندا ئاينى كۆردۈم،ئويپالدا چولپاننى دەپ بىر بېيىت تۇقۇپتۇ،بۇ قوشاق خەلىق ئاغىزىدا تارقىلىپ ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن.
مەھمۇد قەشقىرى مۇشۇ بېيتىقا ئاساسلىنىپ بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئايچولپان دەپ ئاتاپ،كىيىن مەھمۇد قەشقىرى مۇشۇ ئايچولپانغا ئۆيلەنگەن.بىرىنجى ئايالى مۇشۇ ئايچولپان بولۇپ،ئايچولپاندىن سۇلايمان تىكىن دەپ بىر ئوغۇل تۇغۇلغان.ھازىرمۇ سۇلايمان تېكىننىڭ ئەۋلادلىرى ھايات،بىزنىڭ بۇ يەردە ئەسكەرتىدىغىنىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ شەجەرىسىنى،ئائىلە تارىخنى تۇرغۇزۇش.
مەھمۇد قەشقىرى ئادەتتە ئۆز كىتابىدا دىۋاندا ئېيتىلغاندەك مەن تۈركىيلەرنىڭ مەشھۇر قەبىلىسىدىن دىگىنىگە قاراپ يىپ ئۇچى ئىزدەشكە توغرا كەلدى..مەھمۇد قەشقىرى نەسەپ جەھەتتىن ئۆز ۋاقتىدا قاراخانىيلار قۇرغان ئاساسى تېكىن كىم دىسە, كول بىلىگ قېدىرخان)ئىزاھات:بەزى مەنبەلەردە بىلىگ كۆل قادىرخان دەپ ئېلىنىدۇ(.كول بىلىگ قېدىرخاننىڭ شاھزادە ۋاقتىكى ئىسمى ئىنانچۇر)خەنزۇچە مەنبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ(،كىيىن قاراخانىيلارنى قۇرغاندىن كىيىن ئىنانچۇر دىگەن نامنىڭ ئورنىغا كۆل بىلىك قېدرخان دىگەن نامنى قوللانغان.بۇ يەردە بىر ھېكمەت بار.قەدىمكى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خاندانلىقىنى قۇرغۇچىمۇ كۆلبىلىك قېدىرخان.دىمەك قاراخانىلار ۋە ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسىمۇ كولبىلىك قېدىرخان.تارىخچىلار كۆلبىلىك قېدىرخاننىڭ نەسەپ جەھەتتىن ئافراسىياپ،ئەرىپ ئەرتۇڭاغا باغلىنىدۇ.سۇلتان سۇتۇق بۇغراغان كۆلبېلىك قېدىرخاننىڭ نەۋرىسى بولىدۇ.كۆلبېلىك قېدىرخاننىڭ ئىككى ئوغلى بولغان.بازىر ئارىسلانخان،ئۇغۇلچاق تاۋغاچخان،)ئىزاھات:بەزى مەنبەلەردە ئۇغۇلچاق بۇغراخان دەپ ئېلىنىدۇ(بۇ ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجرا بولۇپ،بازىرخان ئۆلۈپ كىتىدۇ.ھاكىمىيەت ئوغۇلچاق بۇغراخانغا قالىدۇ.ئۇغۇلچاق پايتەخىتنى يەتتە سۇدىن قەشقەرگە يۆتكەپ كىلىدۇ.ئۇغۇلغاچ بۇغراخان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تاغىسى.مۇھەممەت سادىق قەشقىرىنىڭ يازغان بۇغراخانلار تەزكىرىسىدە ئېيتىلىشىچە،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر زامانىنىڭ تەشۋىقى بويىچە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىدۇ.تاغىسى ۋە يۇرىت ئەھكاملىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.ئۇغۇلچاق قېدىرخان قۇشۇلمايدۇ.سۇتۇق بۇغراخان تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ،ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىدۇ.
مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ يۇرتىنى بەش قولدەك بىلىدۇ دىدۇق،بۇ ھەقتە ئۆزى يۇرتىغا بولغان مىھرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر قانچە يەردە شېئىرى قوشاقلارنى كەلتۈرگەن.مەسىلەن قىزىل دەريا ئۆز دەپ قۇيۇپ،شۇ توغرىدا بىر كۇبلىت شېئىرىنى كەلتۈرىدۇ.شئىر مەزمۇنى قىزىل،سېرىق رەيھانلار چىرمىشىپ كەتكەن.يېشىل،ئاچ قىزىل رەيھانلار بىر بىرسىگە يۆگىشىپ،يۈلەپ تۇرغان،يالىڭۇپ دىگەن ئىنسان دىگەن مەنىدە.قەشقەردىكى قىزىل دەريا بويى مۇشۇ قوشاقتا ئېيتىلغاندەك باغۋارانلىق،گۈل-گۈلزالىق،بوستانلىق بىر جاي.قەشقەردىكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى قولى بىلەن شۇنداق گۈزەل جايغا ئايلاندۇرغان.ھازىرمۇ قىزىل دەريا بويى شۇنداق مەنزىرلىك جاي..ئاندىن يەنە تۈمەن دەريا دەپ،قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىسدىن ئۆتىدىغان دەريا دەپ مەنە بەرگەن..ھازىرمۇ قەشقەرنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئۆتىدۇ.يەنى جان قورغان بىلەن كېرەم باغنىڭ ئارىلغىدىن ئۆتىدۇ.بۇ يەردە بىر يار بار.شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋاغ دەرۋازىسى دەيدۇ..بۇ جان قورغان قەشقەرنىڭ پايتەختى بولۇپ ئۈچىنچى قېتىم ئاپرىدە بولۇشى.،ئەسلى ئورنى ئاتۇشقا يېقىن خان ئۆيدە،خان ئۆينىڭ شەرقى تەرىپىدە تېجەن دەرياسى)چاقماق دەرياسى(بار،چاقماق دەرياسىنىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەبىرىسى قۇيۇلغان..شۇ چاقماق دەرياسىنىڭ غەربىدە يارلىق خان ئۆي.خان ئۆيدىن قورغانغا.قورغاندىن كېرەمباغقا،كېرەمباغ ئارقىلىق جان قورغانغا تۇتىشىدۇ.ئۈچىنچى قېتىم ئاپىرىدە بولغان قەشقەر بولسا بايا دىيگەندەك قىزىل دەرياسى بىلەن تۈمەن دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جان قورغان ئاپىرىدە بولغان،جان قورغان ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى مۇھىم جاي.ئالدى ئارقىسىدىن ئىككى دەريا ئېقىپ ئۆتىدۇ.ئەگەر سۇنى تۇسىۋەتسىمۇ شەھەرگە ھىچقانداق دەخل بولمايدۇ.چۈنكى ئۇ يەردە بۇلاق سۈيى بار.ھەم ئورنىمۇ ئىگىز يەر.قوغدىنىشقا ئەپلىك.دىمەك خۇتەن بۇددىسىتلىرى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا خان ئۆيدىكى پايتەخت ۋەيران بولغاندىن كىيىن،پايتەخىت جان قورغانغا يۆتكەلگەن.مەھمۇد قەشقىرى زامانىسىدا.
ئاتۇش توغرىسىدا دىيىلگەنمۇ،ئاتۇش بىر دەرەخنىڭ ئېتى،ئەمما ئاتۇش ناملىق ئىككى يۇرت بار،دىمەك ھازىرمۇ ئاستىن ئاتۇش،ئۈستۈن ئاتۇش دەپ ئىككى يۇرت بار.ئاتۇش ئۆزى ناھايىتى چىرايلىق كۆركەم دەرەخ،بۇنى ئەرەپچە ئەر ئەر دىگەن.پارىسچە بۇنى سەۋرى كۇھى ،تاغ سەۋرىسى دەيدىكەن.يەنى دەرەخنىڭ تاجى خۇددى كۇنۇس شەكىللىك بولۇپ،يۇپۇرماقلىرى بېلىقنىڭ قاسرىقىدەك يېڭنىسىمان بولىدىكەن.ناھايىتى چىرايلىق ئۆسىدىكەن.ئۆز زامانىسىدا شائىرلار مەھبۇبە-يارىلىنىڭ چېچىنى سۇمبۇلغا،قاشلىرىنى قالىغاچنىڭ قانىتىغا ئوخشاتقاندەك،مەھمۇد زامانىسىدىكى شائىرلارمۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل يارلىرىنىڭ چېچىنى ئاتۇش دەرىخىگە ئوخشىتىدىكەن.بۇ ئاتۇش دەرىخىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى ئورناتقان كۆچەت ئۆلمەيدىكەن.تىز تۇتۇدىكەن.يەر خىللىمايدىكەن.ئىككىنجىسى ئۇزۇن ياشايدىكەن.ئۈچىنچىسى ئوڭاي چىرىمايدىكەن.مەن بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە بارغىنىمدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەبرىسىنى باققان شەيىخ)قازا قىلىپ كەتكەن(شۇ-1905يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بېشىغا كۆمۈلگەن تەزكىرىسىنى بارتى.بېشىغا كۆمۈگلۈك.شۇ كىلىپ ئېچىپ ئېلىپ كەتكەن.ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.،دىمەك شۇ ئاتۇش دەرىخىگە سېلىنغان دىگەن گەپ،
ئاندىن بۇ يەردە يەنە ئەسكەرتىلىدىغان بىر نەرسە بار،سېغىن سامۇر دەپ بىر يەرنى ئەسكەرتىدۇ مەھمۇد قەشقىرى.بۇ بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن يەر دەيدۇ.سېغىن سامۇر دەپ يەر بار.ئوپالنىڭ غەربى جەنۇبىغا توغرا كىلىدۇ.يەنى ھازىرقى بۇلاق سۇغا يېقىن بىر يەردە.
سېغىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا كىيىك دىگەن سۆز.سامۇر بۇددا راھىپلىرى ياشايدىغان كېمىر ئۆيلەر ئۇيۇلغان يارلاڭغا،تاغلىق يەرلەرنى سامۇر دەيدۇ.سېغىن سامۇر كىيىكلىك تۆپە،كىيىكلىق تاغ ،،بۇ بايا ئېيىتقان سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ.يەنى شاھزادىلار،بەگزادىلار چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان يەر شۇنىڭدىن مەلۇم.ھازىرمۇ شۇ يەردە بۇددا خارابىللىرى بار.دىمەك مەھمۇد قەشقىرى بوۋىسى بۇغراخانغا كىچىك خۇتۇنى زەينەپخان زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۋەتكەن يەر سېغىن سامۇر،ھازىرمۇ ئۆز ئەينى ساقلانماقتا.
بىز مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسەن مەھمۇدنى قەشقەرلىك دەيمىز.قەشقەرلىك دىگەندىمۇ ئوپاللىق دەيمىز.ھەم ئېنىقراق ئېيىتقاندا مەھمۇد قەشقىرى ئائىلىۋېى نەسەپ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا خاس،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مەيلى ئۇرخۇندا بولسۇن،مەيلى قەشقەردە بولسۇن قۇرغان خانلىقلارنىڭ ئاساسىنى ياراتقۇچىلارنىڭ قەبىلىسىدىن.دىمەك مەھمۇد قەشقىرى ئائىلىۋې نەسەبى جەھەتتىن خانزادىلار ئەۋلادى.مەھمۇد قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋاننىڭ مۇقەددىمىسىدىمۇ مەن شۇ تۈرىكلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن،ئەڭ ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن،ئەڭ ئاساسلىق قەبىللىرىدىن دەپ ئىزاھ بەرگىنىگە قارىغاندا،بىرىنجىدىن شاھزادە،ئىككىنجىسى ئىلىم ئىگىسى ئىلىم،قەلەم ۋە ئەلەمدە يىتىشكەن ئادەم.ئەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن چاغىر تېكىنگە ئوخشاش بىلىمگە ئىشك قويغان،بىلىمگە مىھرى-مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان ئادەم.شۇنىڭغا شاھزادىلىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كىچىپ،قانداقتۇر ئۇنىڭ ئىچىگە ئوت كىرىگەندەك،ئۆزىنىڭ شۇ تۈركى قەبىلىلەر ياشاۋاتقان جاھاننى بىر كىزىپ چىقىش ئىشتىياقى سەۋەبىدىن يۇرتىنى تاشلاپ،خانزادىلىقىنىمۇ تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.تاكى مەن بېشىدا دىگەندە ئەۋرەم،فەرەمدىن،غەربى ياۋروپادىن تارتىپ،جابىرقا،ياپونىيەگىچە بولغان قۇرۇقلۇقتكى،بولۇپمۇ تۈركى قەۋمى ياشىغان جايلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان،ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل ئالىم بۇ.شۇڭا يازغان نەرسىللىرى ناھايىتى ئاساسلىق تولىسى ئۆزى كۆرگەن.بارالمىغان يەرلىرىگە ئىشەنچىلىك ماتىرياللارنى ئالغان.شۇنىڭ ئۈچۈن يازغان تۈركى تىللار دىۋاندىكى ھەر بىر سۆزلەرنىڭ بىر تارىخى ئاساسى،ئارقا كۆرىنىشى بار.خىيالى يىزىلغان نەرسىلەر ئەمەس.بۇنىڭدا بەزى ئالىملارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،ھەزىرىتى مەھمۇد ئۆزىنىڭ ياشلىق ئۆمرىنى مۇشۇ تۈركى تىللارنى تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئونبەش، يىگىرمە يىللار ۋاقىتنى سەرىپ قىلغان.بىز ئويلاپ كۆرەيلى.ئۇ زاماندا پويىز،ماشىنا،ئايروپىلان يوق.بىردىن بىرى ئالاقە ئات.بىر ئادەم بىر ئاتلىق ئونبەش،يىگىرمە يىللاپ شۇنچە كەڭ يۇرتىنى ئارىلاپ چىقىش ئوڭاي ئەمەس،توپلىغان ماتىرياللىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئالغان.بىز ئادەتتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دەيمىزغۇ.دىمەك ئاشۇ ئەمىلىيەتتە كۆرۈپ،ئەمىلىيەتتىن ئالغان پاكىتلار ئاساسىدا ئاندىن تۈركىي تىللار دىۋانىنى يازغان.
يېقىندا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى ئابدۇرۇپ تەكلىماكانى بىر ماقالە يىزىپ،ماقالىسىدا يەنە باغدادتا مەزكۇر دىۋاننى يىزىش ئۈچۈن مەھمۇد قەشقىرى يەنە ئون بەش يىل سەرىپ قىلغان.دىمىسىمۇ مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى ئېيىتقان.بىر قانچە يىل سەرىپ قىلىپ،بۇ كىتاپنى قانداق يىزىشنى ئويلاندىم.ھىچكىم قوللانمىغان يېڭى ئۇسۇلنى قوللاندىم.خۇددى ئەھمەد ئىبنى خەلىل ئۆزىنىڭ كىتابىدا يازغاندەك ھەممە سۆزلەرنى كىرگۈزسەم بولاتتى.مەن كېرەكلىكنى يازدىم.ھاجەتسىزنى تاشلىدىم،كىشىلەرنىڭ ئوڭاي پايدىلىنىشى ئۈچۈن جايى-جايىغا قويدۇم.بەزىللىرىنى شۇ قەۋىملەرنىڭ ئۆزلىرىدىن توپلىغان قوشاقلار،ھېكمەتلىك سۆزلەر،تەمسىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلىدىم دەيدۇ.
بىز ھەزىرىتى مەھمۇدنىڭ ئائىلە نەسىبى ھەققىدە توختالدۇق.بۇ خانزادىلەر دىگەنىكەن.يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يەتتىنجى نەۋرىسى،يەنى كۆكۈ نەۋرىسى بولىدىكەن.قاراخانىيلارنى قۇرغان ئاساسلىق كۆل بىلىگ قىدىرخاننىڭ نەۋرىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يەتتىنجى ئەۋلادى.دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىسى بولغان ياغلىقار قەبىلىسىدىن،ئۆزى ئاتا-ئانىسدىن تارتىپ خانزادىلار ئۇرۇغى،يۇقىرىسى ئاپراسىياپ،ئەلىپ-ئەرتۇڭاغا تۇتىشىدۇ.
رىياسەتچى : تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئاساسلىق قانداق مەزمۇنلار سۆزلەنگەن ؟ ئۇنى پەقەت تۈركىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى دىيىش توغرىمۇ ؟ ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى قانچىلىك ؟
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : تۈركى تىللار دىۋانىدا نىمە ئۈچۈن تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەپ تىلىنى سېلىشتۇرما ئاساسىدا يازدى بۇ لۇغەتنى دىگەن مەسلە تۇغۇلىدۇ،بەزى ئالىملار ئېھتىمال باغدات ئابباسىيە خەلىپىللىرىدىن ئۇبۇلقاسىم مۇختەدىبى ئەمرۇللانىڭ ئەمرى بىلەن يازغان دىگەن مۇلاھىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.مىنىڭچە ئۇ باغداد خەلىپىسىنىڭ ئەمرى بىلەن يازغان ئەمەس.ئاشۇ تۈركى تىللاردا ئەينەن دۇنيادا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ،ئەمىلىيەتنى تەكشۈرگەن ماتىرياللىرى ئاساسىدا تۈزگەنلىكىگە قارىغاندا ،ھىچقاچان ئەمىر بىلەن يازغان ئەمەس.يەنە بىر تەرەپتىن مەھمۇد قەشقىرى دىۋاننىڭ بېشىدىلا ئېيتىپ قويىدۇ.خۇددى ئەرەپ تىلى بىلەن تۈرۈك تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك چېپىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ كىتاپنى يازدىم دەيدۇ.ئويلاپ كۆرەيلى،ئۇ زاماندا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ھىساپلانغان ئابباسىيە خەلىپىللىرى ھىچقاچان بۇ ئىلاھىيە تىلى،قۇرئان تىلى دىگەن ئەرەپ تىلىنى تۈرۈك تىلى بىلەن تەڭلەشتۈرمەيدۇ.چۈنكى ئەرەپ تىلى مۇقەددەس تىل،ئىلاھىيەت تىلى،پارىس تىلى ئەدەبىيات تىلى،تۈركىي تىل ھۈنەر تىلى دەپ قارايدۇ ئۇلار.بۇ ھەقتە كىچكىنە مۇتائىلەنى قۇشۇپ قوياي،مەن بىر يىلى بىر ئۆلۈم مەرىكىسىگە باردىم،ئۇ جەسەتنى يۇيۇپ-تازلاپ بولغۇچە،بىر قانچە ئاخۇنلار كەلگەنىدى.شۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قالدۇق ساقلاپ،شۇ يەردە سۆھبەت باشلاندى.سۆھبەتتە ھېلىقى ئاخۇنۇملار بايىقى مەن دىگەندەك،ئەرەپ تىلى مۇقەددەس تىل،پارىس تىلى ئەدەبىيات،سەنئەت تىلى.تۈرۈك تىلى مەئىشىيەت،ھۈنەر تىلى دەپ كىلىپ بۇ ئەرەپ تىلى كەلگۈسى ئاخىرەتتىمۇ پۈتۈن قەۋىمنىڭ تىلى بولىدۇ.يەنى ئەھلى جەننەتنىڭ تىلى دىدى.دىگەندىن كىيىن مىنىڭ تىلىم قىچىشىپ ئانداق بولسا بۇ ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىللار دوزاق تىلىمۇ دىدىم.نەئۇزىبىللا دىدى.ھە ئۇنداق بولسا بۇنى ئويلاپ سۆزلىسىلە،مەن ئېنىق ئېيتىپ قوياي.ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەرەپ بولغانلىقى ئۈچۈن،ئەرەپلەرنىڭ قۇرەيىش قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئەرەپ تىلىدا نازىل بولغان.ئەگەر ھەزىرىتى مۇھەممەد ئۇيغۇرلاردىن بولغان بولسا،قۇرئان ئۇيغۇر تىلىدا كەلگەن بولاتتى دىدىم.مۇشۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ زاماندا ئۇ ئەرەپ خەلىپىسىنى ھىچقاچان تۈرك تىلىنى قۇرئان تىلى بولغان مۇقەددەس تىلغا تەڭ قىلمايدۇ.تەڭ قويمايدۇ.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىدىيىسى ناھايىتى ئېنىق بۇ توغرىدا،ئاندىن مەھمۇد قەشقىرى يەنە مۇقەددىمىسىدە ئېيتىدۇ.مەن بىر ئىشەنچلىك بۇخارا ئالىمىدىن شۇنىڭدەك بىر نىشاپۇرلۇق ئالىمدىن ئاڭلىشىمچە،سىلەر تۆت تىلنى ئۆگىنىڭلار،تۈركى قەۋىملەر بىلەن يېقىنلىشىڭلار،دىگەن مۇھەممەد پەيغەمبەر دەپ ھەدىسنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانتىم دەپ مەھمۇد قەشقىرى ئېيتىدۇ.ئەگەر مۇشۇ بۇخارالىق ،نىشاپۇرلۇق ئالىملارنىڭ كەلتۈرگەن ھەدىسى توغرا بولسا دىمەك تۈركي تىلنى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.ئەگەر ئىھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ تۈركى تىل ئۆگىنىش زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدۇ.مەن مۇشۇ زۆرۈرىيەتنى، ئەرەپ تىلى بىلەن تەڭ چېپىشىۋاتقان تۈرك تىلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازدىم دىگىنىگە قارىغاندا مەھمۇد قەشقىرى ناھايىتى مىللەتپەرۋەر،ۋەتەنپەرۋەر،ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگۈچى ئالىم بولغىنى ئۈچۈن بۇ سۆزنى ئېنىق ئېيتالىغان.ھەتتا قوقماستىن ئەرەپ تىلى بىلەن تەڭ قويغان.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى ھىچقاچان ئاددىلا بىر ئەرەپلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن يىزىلىپ قالغان لۇغەت دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.بۇنى تۆۋەندىكى سۆزلىرىم ئىسپاتلايدۇ.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركى تىللار دىۋانىغا تۈرلۈك ئىلىم-پەنگە دائىر،تۈرلۈك ھۈنەر-سەنئەتكە دائىر،تارىخ-تەزكىزگە دائىر،ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر يەتتە مىڭ بەش يۈز سۆزلەم كىرگۈزۈلگەن.بۇ يەتتە مىڭ بەش يۈز سۆزلەمنىڭكى چېتىلغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى.بۇ سۆزلەر سەككىز بۆلۈمگە مۇجەسسەملەنگەن.ھەر بىر بۆلۈم پېئىللارشەكىلىدە ئىككىگە ئايرىلغان.ئىسىملار پېئىللار دەپ،بۆلۈم ۋە باپلاردا ئەرەپچە گىرامماتىكا ئاتالغۇلىرىدىن تۇلۇق ئىشلەنگەن.ھەتتا ئەرەپچە گىرامماتىكا ئاتالغۇلىرى يىتىشمىگەن يەردە،مەھمۇد قەشقىرى ئەرەپ تىلىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس گىرامماتىكا ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلغان.ئەمدى ئۇ زاماندا يەنە،بۇ ھەزىرىتى ئابباس زامانىدىمۇ ھېلىقى بۇ ئەرەپ يىزىقىدا ھرىكلە،زىر.زەۋەر،ساكىن،پەش دىگەن نەرسىلەرنى يوق ئىدى.چىكىتمۇ يوق ئىدى.مەھمۇد قەشقىرى ئۆز زامانىسىدا تىرانسىكىپىيە بېرىش ئۈچۈن،ئاشۇ ھەرىكىلەردىن ساكىن،زەمھە،پەتھە،مەت،تەشتىت دىگەنلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق قوللانغان.ھەتتا ئەرەپ ئېلىپبەسىدە يوق،ئەمما تۈركى سۆزلەردە بار ھەرىپلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېڭى ھەرىپلەرنى ئىجاد قىلغان،مەسىلەن ۋ بىلەن ف نىڭ ئارلىقىدا چىقىدىغان بىر خىل تاۋۇش بار.يا ف ئەمەس،يا ۋ ئەمەس.بۇنىڭ ئىپادىلەش ئۈچۈن ف نىڭ ئۈسىتگە ئۈچ چىكىت قويغان.ئەۋرەم دىگەننى شۇنىڭ بىلەن يازغان،نەۋرەم دىگەننىمۇ شۇنىڭ بىلەن يازغان.تاۋغاس دىگەننىمۇ شۇنىڭ بىلەن يازغان.ئەمدى بىز بايام كەلتۈرگەن يەتتە مىڭ بەش يۈز سۆزلەم دىدۇق.بۇ سۆزلەم،يەنى ئاددى سۆز،يەنى تۈرلۈك مىسال-تەمسىللەر ئورنىدا كەلتۈرگەن.بىرىنجى،تۈركىي تىللار دىۋاننىڭ مەزمۇنىنى تەخمىنەن ئون ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن.بىرىنجى تۈركى قەبىللەر،تۈركىي قەۋىملەرنى تەپسىلى تونۇشتۇرغان.تۈركىي قەبىللەرنىڭ تارىخىغا دائىر رىۋايەت تەرىقىسىدە كۆپ مەلۇمات بەرگەن.بۇنىڭغا قارىغاندا دىۋانى لۇغاتى تۈرۈكنى تارىخ كىتابى دىسەكمۇ بولىدۇ.ئىككىنجى مەزمۇنى تۈركى قەۋىملەر ياشىغان جايلار تۈركى قەبىللەرگە قوشنا ئەللەرگە،دائىر جۇغراپىيەلىك ناملارنىڭ مەشھۇرلىرىنى بەرگەن.مەھمۇد قەشقىرى تۈركى خەلىقلەرنىڭ توپونوملىرىدىن،يەنى ئىتنولوگ مەنبەلىرى،ئانتورپولوگىيەلىك تۈرقى ھالەتلىرىنى بەرگەن.جۈملىدىن ئالاھىتەن مۇشۇ تۈركى قەۋىملەر ياشىغان ئورۇنلارنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن،دائىرە دەپ نام قۇيۇپ،بىر خەرىتە بەرگەن.
ئۆز ۋاقتىدا باغدادتا ھىندىنىزىم،يەنى گىرىك مەدىنىيەتىدە مەيدانغا كەلگەن بارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىنغىنىدەك،دۇنيادا بار مەلۇماتلار توپلانغانتى،باغداد كۈتۈپخانسىغا.مەھمۇد قەشقىرى شۇلاردىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن.شۇلارنىڭ ئارىسىدا يۇنانلىق جۇغراپىك پوتولومىنىڭمۇ سىزغان خەرىتىسى بار.ئۇنىڭ سىزغان خەرىتىسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.ئاندىن ئىدىرىسيەنىڭ سىزغان خەرىتىسىمۇ بار،ئەرەپ سەيياھلىرىدىن،ئۇنىڭ سىزغان خەرىتىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.بۇ كۆپى دېڭىز-ئوكيانلارنى كەزگەنلىكى ئۈچۈن،ئۆزى كەزكەن دېڭىز-ئوكيانلارنى ئاساس قىلغان خەرىتە سىزغان.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەرىتىسى قانداقتۇر،ئۇ زاماندا تېخى دۇنيانىڭ يۇمىلاقى ئېنىقلانغان ئەمەس.دۇنيا بىر مانداق قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىندىغان.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سىزغان خەرىتىسىدە دۇنيانىڭ يۇملاقلىقىدىن ئىشارەت بەرگەن.ئاندىن ئا پوتولومى ۋە ئىدىرىسنىڭ خەرىتىسىگە قارىغاندا،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەرىتىسىدە بىر ئېنىق مەزمۇن بار،يەنى ئادەم ياشايدىغان جايلارنى ئاساس قىلغان.ئادەم ياشايدىغان جايلارنى ئاساس قىلغاندىمۇ تۈركى قەۋىملەرنى ئاساس قىلغان.تۈركى قەۋىملەرنى ئاساس قىلغاندىمۇ يەنە ئۆزىنىڭكى يۇرتى قەشقەر،يەركەن،ئارتۇش دىگەندە ئوخشاش جايلارنى مەركىزى قاتار كۆرۈپ،ئاندىن خەرىتىنى سىزغان.ئاندىن ھەر بىر شەھەرنىڭ ئارىلىقىدا پەرسەخ دىگەن،يەنى تەخمىنەن ئالتە يېرىم كىلومىتىر كىلىدۇ ئارىلىقى...ئۇ يۇرتتىن-بۇ يۇرىتنىڭ ئارلىقى مانچە پەرسەخ كىلىدۇ دەپ ئېنىق مەلۇم قىلىپ قويغان.بۇنىڭ بىلەن يۇرىتلارنىڭ ئارىلىق مۇساپىسىنى ئېنىق بىلىۋالغان بولىدۇ.باشقا خەرىتىلەردە مۇنداق قائىدە يوق.ئاندىن مۇھىم مەدەنىي مەركەزلەرنى ئالايىتەن سىياسى جەھەتتىن سېرىق چەمبەر سىزسا،مەدەنىيەت جەھەتتىن قارا چەمبەر سىزىپ بەلگىلەپ قويغان.بۇ ئىككىنجى مەزمۇن.ئۈچىنچىسى سۆزلەرنىڭ ئىستىمال مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئەدەبى پارچىلاردىن مىساللار كەلتۈرگەن.ئوغۇز،ئافراسىياپنىڭ تەرجىمھاللىرى،مەقەبەرلىرىگە دائىر پارچىلار،تۈرلۈك ماقال تەمسىل،ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىككى يۈز توقساندىن ئاشىدۇ.تۈرلۈك تېمىدا ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كۇبلىت ئەدەبى شېئىرى،پارچىلار بېرىلگەن.بۇ پاچىلارنىڭ بەزىللىرى ئۆز زامانىسىدا ناھايىتى ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن دېرەك بېرىدىغان بېيىت-قوشاقلار بار.يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن،ئوۋچىلىق زامانىدىن قالغان قوشاقلا بار.شۇنداق قوشاقلاردىن مۇنۇلارنى كەلتۈرگەن.ياۋروپا تارىخچىللىرىدىن تېررىنىڭ ئېيتىشىچە،ئىپتىدائى مەدەنىيەت كىتاۋىدا ئۇ مۇنداق مۆلچەرنى بايان قىلىدۇ.بىز ئىنسانلارنىڭ تارىخىنى يۈز مىڭ يىل ھىساپلىساق،تەخمىنەن شۇنىڭ توقسان بەش مىڭ يىلى ئوۋچىلىق،بەدىۋېلىك بىلەن ئۆتكەن دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن دەيدۇ.شۇنداق بولغاندا بۇ بەزى بېيىت-قوشاقلار بىزنىڭ ئاۋۇ ئاتام زاماندىن،ئوۋچىلىك،كۆچمەنلىك زامانىدىن قالغان قوشاقلارغا مىسال بولالايدۇ.ئاندىن گېزى كەلگەندە،مەلۇم بىر سۆزگە بولغان مەنانىنى ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن،داستان پارچىللىرىنى كەلتۈرگەن.مۇشۇ داستانلاردىن بىر قانچە داستانلارنى يارىتىش مۇمكىن.مەن بۇنى تەتقىق قىلىپ ئالىپ ئارىسلانخان توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قوشاقلارنى جەملىسەم،جەمئىي ئوتتۇز سەككىز كۇبلىت چىقتى.،ئۇنىڭكى ۋەزنى،تۇراقى،مەزمۇنى جەھەتتىن جەملىگەندە...ئافراسىياپ،ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى قوشاقلارمۇ ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ.بۇ يەردە گېزى كەلگەندە بىزنىڭ ئەدىپلىرىمىز،شائىرلىرىمىزغا شۇ نەرسىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.تۈركىي تىللار دىۋانىدا يىزىلغان قەھرىمانلارنىڭ ۋەقەلىرى،قەھرىمانلارغا دائىر داستانلار ۋە پارچىلارنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ،بۇنىڭىدىن خۇددى رۇمىر يازغاندەك ،فىردەۋىسى يازغان شاھنامىلەردەك نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. .ئېنىق پاكىتلار بىلەن.بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان ۋەزىپە.بىز نۇقۇل يازسا تۈگىمەيدىغان مۇھەببەت ئىشقى،ئۈچبۇرجەك مۇھەببەتنى يازماستىن،مۇشۇنداق تارىخى پاكىتلارنى،ئۆزىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى،قەھرىمانلىققا دائىر مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،نۇرغۇن ئاددىسى ئېليادىدەك،شاھنامىدەك نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن. دىۋاندىكى مەن بايا دىگەن يەتتە مىڭ بەشيۈزدىن،يېزا-ئىگىلىكىگە دائىر سۆزلەر بار.يېزا ئىگىلىكى دىگەندە مال چارۋىچىلىق،مال دوختۇرلۇق،زىرائەت،زىرائەتچىلىك.زىرائەتتە بولدىغان كېسەللىك،ھاشارەتلەر،ھايۋانلاردا بولىدىغان كېسەللىككە ئەم بولىدىغان دورىلار،زىرائەتلەرنى ھاشارەتلەردىن ساقلايدىغان دورىلار،مۇشۇنىڭغا دائىر سۆزلەرمۇ بار.بەشىنچى،ھۈنەر-سەنئەتكە دائىر سۆزلەر بار.ھەتتا بۇ ھۈنەر-سەنئەتكە دائىر سۆزلەردە ئۆز زامانىسىدا،ھازىر ئاياللار لىپتىك تاقايدۇ.ئۆز زامانىسىدا باغىرداق دەپ ئاتايدىكەنتۇق،ئاياللار باغىرداق تاقايدىكەن،ئۆتۈك دەيدۇ،دەزمال ئىشلىتىدىكەن.بۇنىڭىدىن مەلۇمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى بەدىۋى ئەمەس،مەدەنىي ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
ئالتىنجى مۇھىم مەزمۇنى،كالىندارچىلىق،ئاستورنىمىيەگە دائىر مەلۇماتلار بار.كالىندارچىلىق دىگەندە مۈچەل يىللىرىنىڭ پەيدا بولىشى.ئاي ناملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى.ئاستورنومىيە،ئىملىھايات،ئاسماندا بولىدىغان مۇھىم يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرى،ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ نىمىگە مۇئەككەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك رىۋايەتلەر بېرىلگەن.
يەتتىنچى،ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلىقلەرنىڭ مەدەنى ۋە ماددى ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار،يىمەكلىك،كىيىم-كېچەك،مۇزىكا،چالغۇ ئەسۋاپلىرى،نەققاشلىق،ئويمىكارلىق،زىببۇ-زىننەت،ئاندىن بۇ يەردە ھەتتا مەھمۇد قەشقىرى ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى توغرىسىدا بىر قىزىقارلىق ماقالىمۇ كەلتۈرۈپ قويغان.
قىزلىناي دىسەڭ قىزىل كىي،يارلىناي دىسەڭ يېشىل كىي.تۈرىكلەر مۇنداق بىلدۈرىدۇ.قىز-چوكانلار قىزلىنىاي دىسە قىزىل كىيىدۇ،يارلىناي دىسە يېشىل كىيىدۇ.ھازىرمۇ تۇرپانغا ياكى جەنۇپقا بارساڭلار ئېتىزدا كۆپرەك يېشىل ياكى قىزىل كىيىنگەن ئاياللارنى كۆرىسىلەر.يەنە بىرى دىۋاندا كۆپ قوللىنىدىغان ئىسىملار،ئادەم ئىسىملىرى،ئەر ئىسىملىرى،ئايال ئىسىملىرىدىن مىساللار كەلتۈرگەن.
سەككىزىنچى بىر تەرىپى،تىبابەتچىلىككە،دوختۇرلۇققا دائىر مەلۇماتلار بار.ئۇچىرايدىغان تۈرلۈك كېسەللەر،ئادەملەر ئۇچىرايدىغان.ئۇ كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ يوللىرى،داۋالاشتا قوللىنىلدىغان دورىلار.ياسىلىشى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
توققۇزىنچى بىر مەزمۇنى ھاكىمىيەت قۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلار بار.ھەربى ئاتالغۇلار بار.قۇشۇن.جەڭ ئاتالغۇلىرى بار.
ئونىنچى گىرامماتىكا قائىدىلەر بار.گېزى كەلگەندە ،مەھمۇد قەشقىرى ھەربىر سۆزلەمگە ئۆزى مەسەللىرىنى ئېنىق بەرگەندىن باشقا،ئۇنىڭ گىرامماتىكا جەھەتتىن قانداق يەردە قوللىنىلدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئىزاھلىغان.تۈركى تىللار دىۋانىدا گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى،ئىخچام مۇھىملىرىنى بەرگەندىن باشقا،مەھمۇد قەشقىرى ئېيىتىدۇ.،مەن بۇ يەردە سۆزنى قىسقا قىلاي،تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ گىرامماتىكا جەۋھەرلىرى دەپ ئايرىم بىر كىتاپ يازدىم.شۇ كىتاپتا گىرامماتىكا مەسەللىرىنى تۇلۇق ئىزاھلىدىم دەپ ئىزاھ بەرگەن.ئەپسۇسكى بۇ كىتاپنىڭ نامى بىزگە يىتىپ كەلگەن.ئەمما ئۆزى يىتىپ كەلگىنى يوق.دىۋاننىڭ مەزمۇنى ئون جەھەتتىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى ئىلىملەر قامۇسى دەيمىز.ئادەتتىكى سسېلىشتۇرما لوغەت ئەمەس.ئاددىلا...ئاندىن مەھمۇد قەشقىرىنى بىز سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ پىئونىر ئاتىسى دەپ ھىساپلايمىز.ياۋروپا تىللىرىدا 16-ئەسىردە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق پەيدا بولغان بولسا.بىزدە 10،11-ئەسىرىدە پەيدا بولغان دىگەن سۆز.ياۋرۇپالىقتىن ئىلگىرى.دىمەك مەھمۇد قەشقىرى ئەنە شۇنداق ئىنسىدوكىپىيەلىك ئالىم.خوش مەھمۇد قەشقىرى مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەن.ئۇنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ناھايىتى ئىنسوكدوپىلىيە قاتارىدىكى بىر ئىلمى ئەسەر ئىكەن.بۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز زامانىسىدا مەتبەئە يوق،بىردىن بىر ۋاستە قولدىن-قولغا كۆچۈرۈش ئۆتكۈزۈش،مەھمۇد قەشقىرى زامانىسىدا ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.شۇنىڭدىن كىيىنكى ئالىملار،15،16-ئەسىردە،18،19-ئەسىر ياشىغان ياۋروپا ئالىملىرى،تۈركىيە ئالىملىرى،ئەرەپ ئالىملىرى ۋە مىسىر ئالىملىرىنىڭ بەرگەن خەۋرىگە قارىغاندا،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ كىتابىنى كۆرگەنلىكىنى،ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە يىزىپ قالدۇرغان.ئۇنىڭغا قارىغاندا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ كەلگەن.مەھمۇد قەشقىرى ئۆز قولى بىلەن يازغان كىتاپنى 290 يىلدىن كىيىن كۆچۈرگەن مۇھەممەد ئىنبى ئەبۇ بەكرى دىگەن ئادەممۇ بۇنى مەھمۇد قەشىقىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قوليازمىسىدىن كۆچەردىم دىگەن.بۇنىڭغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يازغان تۈركى تىللار دىۋانى پەقەت بىر نۇسخا ئەمەس،ناھايىتى كۆپ نۇسخا بولغان.ئۇ باغدات خەلىپىسىگە سوۋغا قىلىنغاندا ئىھتىمال،باغدادتا مەشھۇر بولغان كۈتۈپخانىدا ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.خانلىق كۈتۈپخانىدا،ئەپسۇسكى ئەسلى قوليازما ئىھتىمال ھىلاكۇ زامانىدا بەربات بولغان بولۇشى مۇمكىن.نىمە ئۈچۈن دىگەندە مۇڭغۇل قەبىلە ئۇرۇقىدىن ھىلاكۇ باغداتنى باستۇرغاندا،باغدادتىكى خانلىق كۈتۈپخانىدا بار كىتاپنى كۆيدۈرۈپ تۈگۈتەلمەي ھەممىنى دەجلە دەرياسىغا تۆككەن.دەجلە دەرياسىغا تۆككەندە ھەتتا دەريا توختاپ،توسۇلۇپ قالغاندە.مۇشۇنىڭغا قارىغاندا مىلىيون مىلىيونلاپ كىتاپ ئۇ يەرگە يىغىلغان.ئىھتىمال مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان ئەسىرىدىن بىرسى شۇ ۋاقىتتا نابۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن.
رىياسەتچى : تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىزگىچە يىتىپ كىلەلىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىش قاتارلىق ئىشلىرىدا قانداق خىزمەتلەر ئىشلەندى ؟
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : ئەمدى بىزنىڭ زامانىمىزغا قانداق يىتىپ كەلدى دىگەندە،19-ئەسىردە تۈركىيە قوماندانلىرىدىن نازىمبى دىگەن پاشانىڭ تۇل قالغان خۇتۇنى،تۇرمۇش قىيىنچىلىقى جەھەتتىن بىر كىتاپنى كىتاپپۇرۇشقا ئاپىرىدۇ،.ئەمىر ئەلى دىگەن ئادەمگە.مۇشۇنى ساتىمەن دەپ،ئۇ ئەمىر ئەلى دىگەن كىتاپپۇرۇش بۇ كىتاپنى ئۇقۇپلا ناھايىتى قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇدە دىگەن پۇلىغا سېتىۋالىدۇ.سېتىۋېلىپ ئاندىن بۇنى رېفئەتكە تونۇشتۇرىدۇ.رېفئەت 1916-يىلى مىخ مەتبەئەدە باستۇرىدۇ ئۇنى.مىخ مەتبەئەدە باستۇرىدۇ.1941-يىلى تۈركىيە ئالىملىرىدىن بىرسى بۇنى تەرجىمە قىلىشقا تۇرىدۇ.بۇ ئەرەپ تىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى تەرجىمە قىلىدۇ.40-44 يىللىرى ئارلىقىدا ئۈچ تومنى نەشىر قىلىپ چىقىرىدۇ.بىز ئۇيغۇرلار ئاشۇ 1919-يىلى نەشىر قىلىغان مىخ مەتبەئە يىتىپ كەلگەن.بۇنى چۆچەكلىك بىر ئالىم ئۆز ۋاقتىدا 40-يىللىرى تەرجىمە قىلغان.1950-يىللىرى قەشقەردە مەرەمسەيپۇللايوفنىڭكى تەۋسىيسى بويىچە ئەھمەد زىيائىنىڭ ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى،ئىنىسى ئەھمەد زىيائى ئىككىسى بۇ دىۋاننى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان.ئۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنى سەيپۇللايوف ماڭا بەرگەن.مەن كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن بۇنى دەرھال نەشىر قىلىش كېرەك دەپ،ئۇ ۋاقىتتا ئەسئەت ساقۇپ،مۇئاۋىن رەئىس مەدەنى مائارىپقا مەسئۇل.ۋاي مۇشۇنى بىر نەشىر قىلساق دىۋىدىم.،بولىدۇ پىلاننى يازغىن دىدى،پىلاننى يازدىم،پىلاننى بەردىم،تەستىقلىدى،ئەمما بۇ ئىشنى باشلىغىچە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۆرەش باشلىنىپ قالدى.كۆرەش باشلىنىپ قېلىپ بۇ ئىش بېسىلىپ قالدى.بۇ ئىش بېسىلىپ قېلىپ ئۇ كىتاپنى بىرسىگە مىنىڭ قولۇمدىن ئېلىپ شۇنىڭ بىلەن يوقاتتى.،60-يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى ئۆزبەكچىدىن،تۈرىكچىدىن تەرجىمە قىلىپ باققان.ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمىسى بۇرۇنقىدەك چىقمىدى.پەقەتلا پارتىيە 11-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىن كىيىن ئىلىم باھارى باشلاندى.ئىلىم باھارى باشلىنىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە يەنە ئىدىيە ئازادلىقى ئۆزگىرىش باشلاندى.شۇنىڭ باشلىنىشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زىيالى يىغىنى ئاچتى.زىيالىلار يىغىنىغا 103 ئادەم يىغىلىپتىكەنمىز.103 ئادەمنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر.بىرى نۇسرەت شەئىدى،بىرى مەن.مەن قاتناشقان گۇرۇپپىغا فۇڭ دىگەن سىياسى كېڭەشنىڭ داڭزۇ سېكىرتارى،مۇئاۋىن رەئىسى شۇ باشلىقتى.مەن شۇ يەردە باشقا پىكىرلەرنى قۇيۇپ،مىنىڭ ھازىر توققۇز قالپىقىم بار،توققۇز قالپاقنىڭ سەككىزى كېرەك ئەمەس ماڭا.بىرنى بەرسەڭ بولىدۇ.ئەكسىيەتچى ئىلىم ئىمتىيازى،ئەكسىيەتچى كېرەك ئەمەس.ئاشۇ ئىلىم ئىمتىيازىنى بەرسەڭ بولىدۇ دىسەم ھەممىنى بېرەي دەيدۇ.ھەممىسى كېرەك ئەمەس دەپ چاقچاق قىلىپ ئاندىن بۇ يەردە بىر پاكىتنى قوياي.بىزنىڭ مۇشۇنداق بىر كىتابىمىز باتتى.مىنىڭ قولامدىن بىرسى ئېلىپ يۇقۇتىۋەتتى،مۇشۇ كىتاپنى نەشىر قىلساق دىۋىدىم،دەرھال پىلان ياز دىدى،پىلاننى يازدىم،ھۆكۈمەت ماقۇللاپ تەستىقلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا ئويۇشتۇردۇق،گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرۇپ 1980-يىلى ئىشقا كىرىشتۇق،مەخسۇس گۇرۇپپا بولۇپ.ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ كىتاپ پۈتتى.دىمەك بۇ تۈركى تىللار دىۋانى 1980-يىلىدىن باشلىنىپ،80-يىلى كەينى-كەينىدىن ئۈچ تومى،ئەمما بۇنىڭدا بىر كامچىلىك بىز تىز چىقىرىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن،بىز ئۈچ تومنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرەلمىدۇق.ئاندىن ئۇ ۋاقىتتا تېخى ماۋۇ كونا يىزىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن.يېڭى يىزىق قانۇنى يىزىقتى.ئۇنى يېڭى يىزىق بىلەن ئىشلىگەن.يېڭى يىزىق بىلەن ئىشلەپ مەتبەئەگە بېرىۋەتكەندىن كىيىن،ئىسمائىل ئەھمەد،تۈمۈر داۋامەتلەر بىز ئىشلەۋاتقان يەرگە كىلىپ،ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەندىن كىيىن،شۇ يەردە ئۇلار قەتئى يۇسۇندا دىۋاننى ياندۇرۋېلىپ،كونا يىزىقتا ئىشلەڭلار دىدى.چۈنكى كونا يىزىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈمەتتە بىر مەجلىس ئېچىلغان.مەن ئۇنىڭغا قاتناشقان.ئۇنى تېخى سىرىتقا ئېلان قىلمىغان ۋاقىت ئىدى.شۇ قارارنى بەرگەندىن كىيىن بىز دەرھال ياندۇرۇپ ئەپكىلىپ،ئاندىن كونا يىزىقتا ئىشلىدۇق،كونا يىزىقتا ئىشلىگەندە ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش،ئىلمىيەتتىن تەكشۈرۈپ كۆرۈش بىر پىكىر قىلىپ قۇبۇل قىلدۇق،نىمە ئۈچۈن دىگەندە بىز بالدۇرقى تىل ماتىرياللىرىنى ھەر قايسىمىز ئۆزىمىز بىلگەنچە مەلۇماتقا ئىگە.ھازىرىقى ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇد سۆزلەرنى ئەينەن يىزىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدىدە.بۇنىڭ ئۈچۈن دىۋان خىزمىتىنى دەرھال توختىتىپ،ئۈچ گوروپپىغا بۆلۈنۈپ،مەن،مەتقۇربان داموللا،خوتەنلىك ئادەم ئىككىيلەن خوتەنگە ماڭدۇق.ئىبراھىم مۇتئى،مىرسۇلتان ئوسمانوف ئىككىسى قەشقەرگە ماڭدى.خەلىم،سابىت بۇلار قۇمۇلغا ماڭدى.شۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاي تەكشۈردۇق.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەن خوتەندىن تەخىمنەن ئىككى يۈز سۆز،دىۋاندا قانداق بولسا شۇنداق ئەينەن ئىشلىتىلدىغانلىقىنى تاپتۇق.قۇمۇلدىنمۇ شۇنداق سۆزلەرنى تېپىپ كەلدى.ئاندىن مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن مۇتىيىلار قەشقەردىنمۇ تاپتى.ئەمما ئاساسى دىققىتىنى ئۇلار مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەرجىمھالى توغرىسىدىكى راۋايەتلەرنى،دەلىل-پاكىتلارنى توپلاشقا سەرپ قىلدى.نەتىجىدە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئوپاللىق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.مۇشۇ نەرسىلەرنى ئېنىقلىدۇقدە،ئېنىقلاش بىلەن بىرىنجى توم نەشىر قىلىندى.بۇ خەلىق بىلەن يۈز كۆرۈشتى،ئۇ ۋاقىتتا مەتبە شارائىتى ناھايىتى ناچار.80- يىللىرىدىمۇ.مۇشۇ دىۋاننى نەشىر قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ،بېيجىڭدا ئىزدەپ يۈرۈپ مىسىر سوۋغا قىلغان ئەرەپچە ھەرىپلەرنى قېلىپى باركەن.شۇ قېلىپنى تېپىپ كەلدىم مەن.نابورچىكلار بۇنى تىزىشنى ئۇقمايدۇ.مەن ھەر كۈنى يېرىم كۈن شىنخۇا زاۋاتىغا بارىمەن.چاپاننى سېلىۋېلىپ،نابورچىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ،ھەرىپ تىزىمەن.ئىككىنجى بىز دەسلەپ ئۆ‍زەم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى توغرىسىدا ئازىلنى،ئاتۇشتىكى ئازاق دەپ پەملەپ،ئېھتىمال مەھمۇد قەشقىر ئاتۇشتىكى ئازاقتا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىزاھ بېرىپ قويغان.كىيىن تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ ئازاق ئاتۇشتىكى ئازاق ئەمەس،ئوپالدىكى ئازاق ئىكەنلىكى ئېنقلاندى.بۇنى ئېنىقلىۋالدۇق.دىمەك تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى مۇشۇنىڭدا كۆردۇق.ئەمدى تۈركى تىللار دىۋانى 80-يىللىرى نەشىر قىلىنغاندا ئۇ بىر يېڭىلىق بولدى.ئەمما ئۇنىڭغا يىگىرمە بەش يىل بولدىدە،يىگىرمە بەش يىل جەريانىدا ئۇنى ئۆگەنگۈچىلەر،تەتقىق قىلغۇچىلار خېلى كۆپەيدى.دىۋانشۇناسلىق مەيدانغا كەلدى.مۇشۇ تەتقىقات جەريانىدا بىرىنجى نەشىرىدە بىر قانچە كەمچىلىكلەر بارلىقى بايقالدى.بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تۈركى تىللار دىۋاننى قايتا نەشىر قىلىش زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىدە،شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرۇپ،تۈركى تىللار دىۋاننىڭ يېڭى نەشىرى،ئىككىنجى نەشىرىنى تەييارلىدۇق.ئىككىنجى نەشىرىنىڭ بىرىنجى نەشىرىگە قارىغاندا پەرقى شۇكى،بىرىنجى تىرانسىپىكىيەدىكى ئوخشىماسلىقلار بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.ئىككىنجىسى بەزى سۆزلەملەردە مەنىسىنى بېرىپ قويغان بىز.ئەسلى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئىكەنلىكى ئۇ ۋاقىتتا ئىزاھات تاپالمىغان ماتىريالدىن.كىيىنكى تەكشۈرۈش جەريانىدا دىۋاندىكى بەزى سۆزلەر ئەينەن،ھازىرمۇ شۇنداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىمىز ئۈچۈن،شۇ سۆزلەرنىڭ يېنىغا ھازىرىقى جانلىق تىلدىكى شەكىلنى بەردۇق.ئاندىن ئۇنىڭ مەنىسىنى يىشىپ قويدۇق.ئۈچىنچىسى مەن بايان دىگەن ئىزاھلارنى بەردۇق،ئېنىقلاپ قويدۇق.تۆتىنچىسى بەزى يەر ناملىرىغا چوڭ تۈزۈتۈش بەردۇق.مەسىلەن قورغاس توغرىسىدا ئىزاھ بەردۇق.قورغاس دىۋاندا قوياس دەپ بېرىلگەن.قوياسقا ئىككى دەريا قويۇلىدۇ دىگەن.ئۇلۇغ كەيگەن،كىچىك كەيگەن دەپ،ھازىر غۇلجىدە قورغاس دەرياسى بار.قورغاس دەرياسىغا چوڭ كەيگەن،كىچىك كەيگەن دەپ ئىككى دەريا قۇيۇلىدۇ.بۇ مەھمۇد قەشقىرى دىگەنگە ئوخشاش،ئەمدى بۇ يەردە مەھمۇد قەشقىرى قوياس دىگەن،ھازىر قورغاس بولۇپ قالدى،نىمە ئۈچۈن ئۇنداق ؟ بىزگە مەلۇم.تۈرلۈك ساياھاتچىلار،جۇغراپىيەلەر ساياھەت قىلغاندا،تارىخچىلار ساياھەت قىلغاندا،يەر ناملىرىنى ئادەم ناملىرىنى ساپ ئۆزىنىڭ تىلى كەلگىنىچە يازىدۇ.ئۆزىنىڭ تىلى كەلگەننى يازىدۇ.مەسىلەن بىر قىرغىزنى ئالايلى،قىزغىزنى يازغان بولسا ئۇنى ئۇرۇش سەيياھلىرى كىرگىز دەپ يازغان.پارىس سەيياھلىرى گىرگىز دىگەن.ئەرەپلەردە گ بولمىغاندىن كىيىن جىرجىس دىگەن،جىرجىس.خەنزۇلارمۇ ئەرەپ ساياھەتچىللىرىدىن ئالغان جىرجىس دەپ ئالغان.جېلىجىس،جېلىجىس.ھازىر قىرغىزىستاننى جېرجىرىستان دەيدۇ.دىمەك ساياھەتچىلەرنىڭ تەلەپپۇزىمۇ بۇنىڭدا ناھايىتى زور رول ئوينايدىكەن.ئەمدى قوياس قورغاس بولۇپ كەتكەندە،بۇنى ئۇرۇس ساياھەتچىللىرى بۇنى قورغوس دەپ ئالغان.قورغوس دەپ ئاتىلىپ،بىزگە قورغاس بولۇپ ئۆزلەشكەن.ھازىر شۇ يەردە چوڭ كەيگەن،كىچىك كەيگەن ئىككى دەريانىڭ قۇيۇلىشى خۇددى مەھمۇد قەشقىرى ئېيتقاندەك.ھازىرقى قورغاس مەھمۇد قەشقىرى دىگەن قوياسنىڭ ئۆزى شۇ.بۇنىڭغا ئىزاھ بەردۇق.مانداق چوڭ ئىزاھلاردىن.ئاندىن بۇ قېتىم چوڭ ئىككى توم قىلدۇق.بىرىنجى تومغا،بىرىنجى كىتاپقا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركى تىللارنىڭ ئەسلى ئۈچ تومنى كىرگۈزدۇق.ئۈچ تومنى كىرگۈزۈپ بولۇپ،ئۇنىڭ ئايغىغا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نەسەبىگە دائىر تەكشۈرۈش ماتىرياللىرىنى ئېلاۋە قىلىپ كىرگۈزۈپ قويدۇق.ئىلاۋە.ئاندىن ئىككىنجى كىتاپ قىلىپ تۈركى تىللار دىۋاننىڭ فاخسىمىلىنى،يەنى پوتو نۇسخىنى بەردۇق.بۇ فوتو نۇسخىسى بىرىنجى نەشىردە قارا بېسىلغان.ئىككىنجى نەشىردە ئەسلى بۇ رەڭلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى بويىچە رەڭلىك قىلىپ باستۇق.ئاندىن يەنە ئىككىنجى كىتاپقا ئىندىكىسنى بەردۇق.تۈركى تىللار دىۋانىدا مۇندەرىجە يوقتى.ئىككىنجى نەشىرىگە مۇندەرىجە بەرگەندىن باشقا ئىندىكىس،سۆزلەرنى تېپىش ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغاندا ئىنگىلىزچە تەرجىمانلار يىزىپ چىققان ئىندىكىسنى بەردۇق.بۇ بىر ئاز ئىلمىراق.شۇ سۆزگە قاراپ،بۇ سۆز قايسى سىتوندا،قايسى بەتتە ئىكەنلىكى ئېنىق بېرىلىدۇ.ئاندىن بۇنىڭغا بىز يەنە قۇشۇمچە قىلغىنىمىز شۇ سۆز ماۋۇ يېڭى نەشىرىنىڭ قايسى تومىنىڭ،قايسى بېتىدە،قايسى قۇرىدا كونا نەشىرنىڭ قايسى بېتىدە،قايسى قۇرىدا ،ئۇلارنى ئىزاھلاپ قويدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئېنىق بولسۇن ئۈچۈن.دىمەك ئىككىنجى نەشىرنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇشۇ.ئاندىن نەشىرىيات تەرىپىدىن ئىزاھات بېرىپ قويدۇق قايتا نەشىر قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى،ئەھمىيىتى ھەققىدە،دىمەك بىرىنجى نەشىر بىلەن ئىككىنجى نەشىر ئوتتۇرىسدا مۇشۇنداق پەرىق بار.بۇ يىگىرمە بەش يىللىق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى.مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ دىۋانى توغرىسىدىكى تەتقىقات باشلاندى مەملىكىتىمىزدە.بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.ئەمما بەزى جەھەتلەردىن تېخى ياندىشىپ ئۆتتۇق،چوڭقۇر مەسىلىنىڭ ئۆزىگە چۆكمىدۇق.مەسىلەن بىر ئايايلۇق،ئۇيغۇر تىلىدا،گىرامماتىكىدا پېئىل ئەڭ مۇرەككەپ بىر تۈر.مەھمۇد قەشقىرى پېئىلنىڭ زامانلىرى ھەققىدە پەقەت ئۆتكەن زامان،كەلگۈسى زامان ،ئىككى زامان بار دەپ كۆرسەتكەن.ئۈچىنچى شەكلى مەسلەن،ھەرىكەتنامە بوپ كۆرسەتكەن.بىز زامان توغرىسىدا ھازىرغىچە ياۋروپا گىرامماتىكلىرىنىڭ نەزىريەسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز.ئۆتكەن زامان،ھازىرقى زامان،كەلگۈسى زامان دەپ.مەھمۇد قەشقىرىدە ھازىرىقى زامان يوق.بۇنى ھازىرقى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا ئىسپاتلاش مۇمكىن.مەسىلەن خوتەن،قەشقەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھازىرىقى زامان يوق.دىمەك گىرامماتىكىنىڭ مۇشۇ زامانلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى تېخى چوڭقۇرلاشمىدى.بەزى ئالىملار ئازراق يانداشتى.تۇلۇق ئىسپاتلىغىنى يوق.ئاندىن يەنە بىرى گىرامماتىكىدا پېئىل دەرىجىللىرى،مەھمۇد قەشقىرى ئېنىق ئىشلەتكەن ئۇنى.بولدى،بولىدۇ،قىلدى،قىلىندى،قىلىلدى دىگەندەكتە.ئۆزلۈك دەرىجە،ئۆملۈك دەرىجە دىگەندەك دەرىجە ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن بىزدە ھازىر.دىمەك پېئىل دەرىجىللىرىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم نەرسە.ئاندىن يەنە بىرسى چوڭ گىراممتىكىدا مۇھىم مەسىلە كىلىشلەر،كىلىش.ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئالتە كىلىش بار دەيمىز گىرامماتىكىدا.گاھىلار سەككىز،گاھىلار يەتتە،گاھىلار ئون دەيدۇ.كىلىش قۇشۇمچىللىرى بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەر شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلاردىمۇ ئانچە-مۇنچە ئالىملار بۇنىڭغا يانداشتى.ئەمما كىلىش قۇشۇمچىسى ھەققىدىكى تەتقىقات چوڭقۇرلاشمىدى.بۇنىڭغا قارىغاندا دىۋاندىن پايدىلىنىپ،بىزنىڭ ئىلمى گىرامماتىكىمىزنى يارتىش زۆرۈر.ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق يارىتىش زۆرۈر.چۈنكى گىرامماتىكا قانۇن دىگەن سۆز.ئۇ ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ.تىلنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىشتىن كىلىدۇ.دىمەك ئۇيغۇر تىلىنى گىرامماتىكا جەھەتتىن مۇكەممەلەشتۈرۈشتە،تېخىمۇ ئىلمىلاشتۇرۇشتا دىۋان بىزگە چوڭ بىر تۇتقا.
رىياسەتچى : نۆۋەتتە-2008يىلىنى مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە يىلى دەپ بېكىتىپتۇ.بۇنىڭدا بىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتىلگەن تۇغۇلغان ۋاقتىنى-1008يىلى دەپ جەزىملەشتۈرسەك بولامدۇ؟بۇ توغۇرلۇق مەلۇماتلارغا قانداق ئىرىشىش مۇمكىن؟
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : بۇنىڭدا ھەر خىل قاراشلار بار.گاھىللىرى تەتقىقاتچى ئالىملار،مەيلى تۈرىكلەر بولسۇن،مەيلى گوللاندىيلىكلەر بولسۇن،مەيلى ئالمانلىقلار بولسۇن ئۇلاردىن بەزىللىرى مەھمۇد قەشقىرى ئېھتىمال-1005يىلى تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن.خەلىق ئارىسدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن 90 يېشىدا ئۆز يۇرىتغا قايتىپ 7 يىل ياشاپ مۇددەرىسلىك قىلىپ،97 يېشىدا ۋاپات بولغان،ئوپالغا دەپنە قىلىغان دەيدۇ.بۇ دەپنە قىلىنغان ھەققىدە تالاش-تارتىش يوق.ئەمما تۇغۇلغان زامانى توغرىسىدا قاراشلار ئوخشاش ئەمەس.بەزىلەر-1005يىلى تۇغۇلغان دەيدۇ.بەزىلەر-1008تۇغۇلغان دەيدۇ.ئەزەربەيجانلىق ئالىمنىڭ كالىندار ھىسابى بويىچە-1008يىلى تۇغۇلغان دىگەنلىكى ئۈچۈن،بۇنى تۈرىكلەر شۇنى ئاساس قىلىپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن -2008يىلى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن.بىز بۇنى سىموۋۇل خاراكتىرىدە قۇبۇل قىلىمىز.چۈنكى بۇ مەھمۇدنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ئەمەس بۇ.گاھىللىرى -1018يىلى تۇغۇلغان دەيدۇ.گاھىللىرى-1028يىلى تۇغۇلغان دەيدۇ.بىز شىنجاڭلىق تەتقىقاتچىلار-1028يىلى تۇغۇلغان دىگەن ئېھتىمالغا يېقىنراق قاراشتىمىز.نىمە ئۈچۈن دىگەندە بۇنى مەھمۇد قەشقىرى زامانىسدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخى ۋەقەلەرگە باغلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دىۋاننىڭ بىرىنجى نەشىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا چىقارغان ۋاقتىمىزدا يازغان كىرىش سۆزىمىزدە،مەھمۇد قەشقىرى ئېھتىمال-11ئەسىرنىڭ بىرىنجى چارىگىدە قەشقەردە تۇغۇلغان،11-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىگىدە يەنە قەشقەردە ئوپالدا ۋاپات بولغان دىگەن گەپنى يازدۇق.ئېنىق يازمىدۇق،چۈنكى ئېنىق مەلۇمات يوق.چۈنكى ئۇ زاماننىڭ ئالىملىرىدا قانداقتۇر مۇشۇنداق بىر ئادەت باركەن.ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى،تۇغۇلغان يۇرتى،ئاتا-ئانىسى تۇغۇرلۇق ئانچە گەپ سۆز قىلمايدۇ.مەھمۇد قەشقىرىمۇ شۇنداق.شۇنىڭ ئۈچۈن-2008يىلى مەھمۇد قەشقىرى يىلى دىگەننى سموۋول خاراكتىرىدە قۇبۇل قىلىمىز.مىڭ يىل بۇرۇن تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا.1008،1018،1028 مۇشۇ ئۈچ يىل ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار.ئەمما ۋاپات بولغان يىلى-1105يىلى.97 يېشىدا ۋاپات بولغان.يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ يەتتە يىل مۇددەرىسلىك قىلغان.شۇنىڭ ئوپاللىقلار ئۈچۈن ئۇ ئادەمنى ھەزىرىتى موللام دەپ ئاتىغان.يەنە كىلىپ مەھمۇد ئىسىمى بىلەن ئەمەس شەمسىدىن ئىسمى بىلەن ياشىغان.چۈنكى گەرچە مەھمۇد قەشقىرى قايتىپ كەلگەندە پادىشاھلارغا ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىمىسىمۇ،ئىھتىماللىق قارىشى بۇلاردا ئۇرۇق سۈرۈشتۈرۈش بار،ئاداۋەت ساقلاش بار دىگەن ئوي بىلەن،ئىككىنجىدىن پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم-مەرىپەتكە بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن شەمسىدىن يەنى دىننىڭ قۇياشى دىگەن ئىسىمنى قوللانغان.دىمەك مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ تۇغۇلغان،ئۆلگەن يىلى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر،زامان-زامانلار مۇشۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركى تىللار دىۋانىدا يىزىلغان ئاساسلار دەلىللەيدۇ. >yk@t&j,
مەسىلەن مەن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نەسەبى ۋە ياشىغان زامانى توغرىسىدا دىگەن ئەسىرىمدە مۇنداق ئىككى مەسىلىنى يۇرۇتقان مەن،بىرسى ئائىلىۋى نەسەپ،ئىككىنجى ياشىغان زامانى.ياشىغان زامانى توغرىسىدا بۇ كىتاپنى بىرىنجى توممىدا مەھمۇد قەشقىرى ئېنىق دەيدۇ،تارىخى كىتاپ،تەزكىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە،مۇسا بۇغراخاننىڭ ئەلى تۇڭارخان،يەنە ئۇبۇل ھەسەنخان،بۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئېلى،ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئارىسلانخان ئەلرازى،بۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قېدىرخان دەيدۇ.ئەرەپ تارىخچىللىرىدىن بەلھەقى ۋە ئىبنۇل ئەسىلنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا يۈسۈپ قېدىرخاننىڭ سۇلايمان،مۇھەممەد،مەھمۇد دىگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ خانلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغان.ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇجادىل بولۇپ تۇرغان مۇھەممەت بۇغراخان شاھزادە ۋاقتىكى ئىسمى يالغان تېكىن،يالغان پىل دىگەن سۆز.مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد دىيىلگەن سۆزدىكى مۇھەممەد ئالىمنىڭ چوڭ ئاتىسى ياكى بوۋىسى،مۇھەممەت بۇغراخاننىڭمۇ ئۈچ ئوغلى بولغان.ھۈسەيىن،ئۆمەر،ئىبراھىم.دىمەك ھۈسەيىن مەھمۇدنىڭ ئاتىسى.
ئەمدى مەھمۇد قەشقىرى تۈركى تىللار لۇغىتىنى يازغان ۋاقتى ھەققىدە دىۋاندا ئېنىق يازىدۇ.بىرىنجى توممىدا تۈركى مۈچەل يىللىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە مۇنداق يازغان.مەھمۇد ئېيتىدۇكى بۇ كىتاپنى يازغان يىلىمىز 466-يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيدا يىلان يىلى كىرگەنىدى.بۇ يىل ئۆتۈپ467- يىلىغا قەدەم قويغاندا ئات يىلى كىرىدۇ.بۇ سۆزگە قارىغاندا ئالىم دىۋاننى 466-يىلدىن ئىلگىررەك يازغان بولۇشى مۇمكىن.بۇ 1048,1050-يىلىغا توغرا كىلىدۇ.دىۋاننى يىزىپ ئىككى يۈز يىلدىن كىيىن،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان نۇسخىدىن ئەينەن كۆچۈرگەن بەسىرەلىك،يەنى كىيىن ساۋادا ياشىغان مۇھەممەد بىننى ئەبۇبەكرى دىگەن ئادەم كۆچۈرۈش جەريانىدا مۇنداق يىزىپ قويغان.مەھمۇد قەشقىرى ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىنىڭ ئاخىرىقى جۈملىسىنى بۇ يەرگە ئۆز ئەينى بويىچە كۆچۈرىمەن.كىتاپنى 464-يىلىجاۋمادىيۇل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يىزىشقا كىرىشكەن ئىدىم.تۆت قېتىم قايتا يىزىپ،تۈزۈتۈپ،تەھرىرلەپ-66يىلى جاماۋدىيل ئاخىرىنىڭ 10- كۈنى تۈگەتتىم دەپ يازىدۇ.ئاندىن ئاپتور ئۆگەنگۈچىلەر قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ئۈچۈن،بىر نەچچە يىل مۇشەققەت چىكىپ،سۆزلەرنى جايى-جايىغا قويدۇم دەپ ئىزاھ بەرگەن.بۇنىڭغا قارىغاندا مۇئەللىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە يىلى ھىسابى بويىچە
-464يىلىدىن ئىلگىررەك تۈزۈشكە كىرىشكەن.ھىجىرىيە 466-يىلى بىرىنجى ئورگىنالىنى تۈگەتكەن.چۈنكى مۇئەللىم يەنە كىتاپنىڭ ئۈچىنچى تومىدا تۈرۈك مۇچەل يىللىرىدىن ناك)لەھەڭ،ئەجدىرھا( يىلىغا ئىزاھ بەرگىنىدە بۇ كىتاپنى يازغان ۋاقتىمىز 469- يىلى ناك يىلىدۇر،دەپ ئېنىق يازغان.دىمەك 466- يىلى بىرىنجى ئورگىنالىنى تۈگەتكەندىن كىيىن،يەنە بىر نەچچە يىل مۇشەققەت چىكىپ،قايتا-قايتا تۈزىتىپ،تەھرىرلەپ چىققان.ئەمدى بەزى بىر تارىخى ۋەقەلەرنىڭ قەيىت قىلىشىغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يازغان زامانلىرىنىما ئانچە-مۇنچە ئېنىقلاشقا توغرا كىلىدۇ.2004-يىلى تۈركىيەدە دىۋاننىڭ يىزىلغىننى خاتىرلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.بۇ پائالىيەتتە تۈركىيە تەتقىقاتچىللىرى -930يىلىدا تۈرۈك ئۇيغارلىقىنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ،ئانىيتىمال،يەنى ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسىرى دەپ،دىۋان يىزىلغانلىقىنىڭ 930 يىللىقىنى خاتىرلىگەن.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قانچە ئالەم بىلىمە ئەپۇقى ژورنىلىدا ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان.بۇنىڭدا دىۋان يىزىلغان ۋاقتى دەپ ھىجىرىيە 466-يىلىنى ئاساس قىلغان،بۇ ۋاقىت مىلادىيە 1074,1075- ،يىلىغا توغرا كىلىدۇ.ئەمدى بايامقى 469-يىلىنى ئاساس قىلىدىغان بولساق 1077,1078-يىلىغا توغرا كىلىدۇ.دىمەك مەھمۇد قەشقىرى ئونبەش يىل،يىگىرمە يىللاپ،يۇرت ئارىلاپ،باغدادقا بېرىپ،باغدادتا تۇرغۇن بۇلۇپ،ئۇ يەردە يەنە ئون نەچچە يىل ئىلىم ئىزلىگەن.كىتاپنى قانداق يىزىش توغرىسىدا تۈرلۈك مۇتائالى ئېلىپ بارغان.تۈرلۈك ماتىرياللارنى كۆرگەن.بۇنىڭغىمۇ يەنە ئون،ئونبەش يىللار سەرىپ قىلغان.مۇشۇنى ھىساپ قىلغان ۋاقىتىدا،مەھمۇد قەشقىرى تەخمىنەن ئاتمىش ياشلارغا بېرىپ قالغان ۋاقتىدا بۇ كىتابنى يىزىپ بولغان دىگەن سۆز،دىمەك1077,1078-يىللىرى.شۇنداق بولغاندا،مەھمۇد قەشقىرى بىز بايا دىگەندەك 11-ئەسىرىنىڭ 1-چارىكىدە يىگىرمە سەككىزىنجى ياكى ئوتتۇزىنچى يىللىرى تۇغۇلغان دىگەن پەرەزگە يېقىن كىلىدۇ.دىمەك مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ياشىغان زامانى مۇشۇنداق.
رىياسەتچى : بىز ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن قانداق ئۆرنەكلەرنى ئېلىشىمىز كىرەك ؟
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : بىرىنجى،مەھمۇد قەشقىرىدىن ئەمەلىيەتكە چۇڭقۇر چۆكۈشىنى ئۆگىنىمىز.ئىشنى ئەمىلىيەتتىن باشلىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.ئۇ مەن بايا دىگەندەك،فەرەڭدىن تارتىپ يابارقىغىچە،پۈتۈن ئادەمزات ياشايدىغان يەرلەرنى ئارىلاپ چىققان.ئۆزى بارالمىغان يەرنى كىشىلەردىن ئاڭلىغاننى يازغان.ئەمىلىيەتتىن ھەقىقەتنى ئىزدىگەن.دىمەك مەھمۇد قەشقىرىدىن ئۆگەنگەندە،ئۇنىڭ ئىلىم-ئىرپانغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھىنى ئۆگىنىمىز.ئۈچىنچىدىن مەھمۇد قەشقىرىگە ئوخشاش چىداملىق،بىر ئىشكە ناھايىتى قېتىرقىنىپ،بېرىلىش روھىدىن ئۆگىنىمىز،ئويلاپ كۆرەيلى،ئۆزىنىڭ بارلىق خانزادىلىق،راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كىچىپ،بىر ئالىيجاناپ روھ.ھازىر بازار ئىگىلىكىنى تەھلىقلاۋاتىمىز.بازار ئىگىلىكى دىگەندە ھەممە ئادەم پۇلنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ.خەلىقتە بىر تەمسىل بار.پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە،بىر ئۇچى بىلەكتە.ئاندىن گاھىلار بەز بولمىسا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ دەيدۇ.دىمەك ھازىر پۇلپەرەسلىك بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇپ قالدىدە.مەھمۇد قەشقىرىدە بۇ روھ يوق.خەلىق روھى بار.خەلىقنىڭ تىلىنى ئەينەن يىزىپ قالدۇرۇپ روھى بار.راسچىللىق روھى بار.دىمەك مەھمۇد قەشقىرىدىن راسچىللىقنى ئۆگىنىمىز.ئاندىن يەنە بىرى قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش روھىدىن ئۆگىنمىز.جاپاغا چىداش روھىدىن ئۆگىنىمىز.مەن بايا ئېيىتتىم،ئۇ ۋاقىتتا پويىز،ئايروپىلان،ماشىنا يوق،ئات-ئۇلاغدا تەكشۈرگەن.مۇشۇ جاپاغا چىداش روھىدىن ئۆگىنىش كېرەك.بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا ھازىر راھەتپەرەسلىك باش كۆتۈرەۋاتىدۇ.تۇرمۇش-مەھىيشەت ياخشىلانغانسرى ئادەم ياخشى ياشاشنى زۆرۈر بىلىدۇ.دەرۋەقە پارتىيىمىزمۇ ھاللىق جەمئىيەت قۇرىمىز دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.شۇنچە ئىشلەۋاتىمىز،.ياخشى ياشاش كېرەك.ياخشى كىيىنىش،ياخشى يىيىش كېرەك.بۇ تۇرمۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى،ئەمما جاپاغا چىداشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.چۈنكى خەلىق ماقاللىرىدا ئېيتىدۇ.ھازىر ئىسراپچىلىق ئەۋىج ئېلىپ كەتتى.ئىسراپچىلىق نەدە دىسىمۇ خەلىق ماقالىلىردا ئېيتىدۇ.پىشانىدىن تەر ئاقمىغان يەردە دەپ.بۇنى رېستۇرانغا كىرسىڭىز دەرھال بايقايسىز.دىمەك مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تىجەشلىك بولۇش روھىدىن ئۆگىنىمىز.ئىقتىسادچانلىقنى ئۆگىنىمىز.مەھمۇد قەشقىرىدىن يەنە بىر ئۆگىنىدىغان يېرىمىز كۆپ تىللىق بولۇشنى ئۆگىنىمىز.مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا ئەرەپ تىلىنى،ئەرەپ ئالىملىرىدىنمۇ ئارتۇق بىلگەن.ھەتتا بەزى سۆزلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئەرەپ تىلىدا يوق سۆزلەرنى ئىجاد قىلغان.بولۇپمۇ گىرامماتىكا ئاتالغۇلاردا.دىمەك ئەرەپ تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن.ئويلاپ باقايلى،بىر تىل بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتنىڭ چوققىسىغا چىققان دۇنيادا بىرەر ئادەم بارمۇ؟ يوق،مىسال كەلتۈرەلمەيسىز.ئۇ چۇقۇم ئۆز ئانا تىلدىن باشقا بىر تىلنى چۇقۇم ئىگىللەش كېرەك.مەسىلەن ھەزىرىتى ناۋايىمۇ ئۆز تىلىدىن باشقا ئەرەپ،پارىس تىلىنى ياخشى بىلگەن.لۇتپى،سەككاكىيلارمۇ شۇنداق.ھازىرىقى كۈندە قوش تىللىق بولۇشنىڭ بىر تەرەپنىلا تەشۋىق قىلماي،ئىككى تەرەپلىك،يەنى ئۆز تىلىنى،ئۆزگە تىلنىمۇ پىششىق ئۆگىنىش،مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ تەشۋىق قىلىش كېرەك.بۇ تېخىمۇ مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ،مىللەتنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنىڭ بىر ئامىلى.ئەمما يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كېرەك،ئۇيغۇر تىلى ھازىر بارغانسىرى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،بېيىۋاتىدۇ،مەزمۇن جەھەتتىن بېيىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سەۋەپ بولدى.چۈنكى بىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدە بىر مۇنچە يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلدۇق.شۇ يېڭىلىقلارنى تىلدا ئىپادىلەش كېرەك.تىلدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى تاللاش كېرەك.مانا بۇ جەھەتتىن تىلىمىزدا يېڭى ئوقۇملار پەيدا بولىۋاتىدۇ.بۇ يېڭى ئۇقۇملار ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەۋجۇد ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ.شۇنىڭغا ئېيتىمىز ئۇيغۇر تىلى بارغانسىرى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،بېيىۋاتىدۇ دەپ.ھىچقاچان تەنەزۇللغا،يوقىلىشقا يۈز تۇتقىنى يوق.بۇ مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى سوتسىيالىزىم شارائىتىدا مىللەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىش شارائىتى مىللەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىش،روناق تېپىش شارائىتى.گۈللىنىش شارائىتى.ھازىر پارتىيە تەكىتلەۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋېتى ئىتىپاغلىق،باراۋەرلىك،ھەمكارلىق.بۇ ئۈچى بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان.باراۋەرلىك ناھايىتى مۇھىم.باراۋەرلىك بولغاندىمۇ ئىتىپاقلىق مەيدانغا كىلىدۇ.ئىتىپاق مەيدانغا كەلگەندىلا ئاندىن ھەمكارلىق بولىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا يۇرت،مىللەت تەرەققى قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر پارتىيە بەلگىلىگەن مىللى مۇناسىۋەتمۇ ناھايىتى بىزنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىش،ئىسلاھات ئىھتىياجىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەھمۇد قەشقىرىدىن ئۆگەنگەندە،يادلىغاندا،ئۇنىڭ نادىر ئەمگەكلىرىگە ۋارىسلىق قىلغاندا مۇشۇ زامانغا باپ ئىلگىرلەش ئۈچۈن،پارتىيە يارىتىپ بەرگەن ئىمكانىيەتتىن كەڭرەڭ پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
رىياسەتچى : ئىمىن تۇرسۇن ئاكا،
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : خوش.
رىياسەتچى : سىلىنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركى تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا بىزگە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەنلىكلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيىتىمەن .شۇنداقلا بىزنىڭ گۈليۈرەك خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن بىر يۈرۈش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بار ئىدى.بۇنى كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە سوۋغا قىلىمىز.

مەنبە:<<سەلكىن >>تور بېكىتى
| ۋاقتى : 2009-01-01 21:41 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
tarik

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 51 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-26
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىقەتەن ئىنتائىن ئەھمىيەتلىك تارىخ بېتىدىن ئۇرۇن ئالغىدەك سۆھبەت بۇلۇپتۇ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزلەرگە!
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 05:41 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 328 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئىلگىرى بۇ "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى قانداق ئوقۇغان بولغىيتىم،  بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئارقىلىق "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى قايتا بىر ئوقۇپ چىققاندەك بولدۇم. ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ئاكىغا كۆپ رەھمەت!
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2009-01-02 10:28 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 328 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
ئاپتور alkut نىڭ 2009-01-01 21:41 دە يوللىغان يازمىسى  ئالىم ئېمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت نەقىل ئېلىندى 
ئالىم ئېمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت

بۇ يەردە گېزى كەلگەندە بىزنىڭ ئەدىپلىرىمىز،شائىرلىرىمىزغا شۇ نەرسىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.تۈركىي تىللار دىۋانىدا يىزىلغان قەھرىمانلارنىڭ ۋەقەلىرى،قەھرىمانلارغا دائىر داستانلار ۋە پارچىلارنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ،بۇنىڭىدىن خۇددى رۇمىر يازغاندەك ،فىردەۋىسى يازغان شاھنامىلەردەك نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. .ئېنىق پاكىتلار بىلەن.بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان ۋەزىپە.بىز نۇقۇل يازسا تۈگىمەيدىغان مۇھەببەت ئىشقى،ئۈچبۇرجەك مۇھەببەتنى يازماستىن،مۇشۇنداق تارىخى پاكىتلارنى،ئۆزىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى،قەھرىمانلىققا دائىر مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،نۇرغۇن ئاددىسى ئېليادىدەك،شاھنامىدەك نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن.
.......


ماۋۇ سۆزلەر بەك جايىغا چۈشۈپتۇ، خۇددى "ياخشى ئاتقا قامچا كىرەك ئەمەس" بولغىنىدەك.......
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2009-01-02 11:46 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
hakan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3905
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-08-28
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قالتىس سۇھبەت بولۇپتۇ . بىزدە دەل تەتقىقات ۋە ئىجاتچانلىق كەم .
| ۋاقتى : 2009-01-02 19:59 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
kasimjan

دەرىجىسى :*


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە*دانە
شۆھرىتى: * نومۇر
پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * نومۇر
توردىكى ۋاقتى :(سائەت)
تىزىملاتقان : *
ئاخىرقى : *

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىز تېخىمۇ كوپ تارىخى بىلىمگە ئىرىشەي دىسىڭىز بۇيەرگە كىرىڭ بۇيەردە ئالىم ئابدىرىيىم ئۆتكۈر ئەپەندى بار

                                                                      http://blog.salkin.cn/?uid=11604
1som
美国 | ۋاقتى : 2009-01-03 12:17 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 252
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە252دانە
شۆھرىتى: 286 نومۇر
پۇلى: 2850 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :337(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تلشۇناس، ئىمىن تۇرسۇر ئەپەندى مەن ھەقىقەتەن قول قويىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى ،ماڭا ئەڭ يارىغىنى :"..........يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يەتتىنجى نەۋرىسى،يەنى كۆكۈ نەۋرىسى بولىدىكەن.قاراخانىيلارنى قۇرغان ئاساسلىق كۆل بىلىگ قىدىرخاننىڭ نەۋرىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يەتتىنجى ئەۋلادى.دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىسى بولغان ياغلىقار قەبىلىسىدىن،ئۆزى ئاتا-ئانىسدىن تارتىپ خانزادىلار ئۇرۇغى،يۇقىرىسى ئاپراسىياپ،ئەلىپ-ئەرتۇڭاغا تۇتىشىدۇ" 
بۇسۆھبەت ئوقوغان ئادەم "دىۋان لوغەتت تۈرىك "نىڭ يىرىمىنى ئۇقۇغان بىلىمغا ئىرىشكۈدەك !!! "دىۋان لوغەتت تۈرىك تەتققاتى " ئەمدىلا باشلاندى ،  مەنىچە بىركۈنىدە ئۈچ كىنو چىقىدىغان يۈرتۇمدا "بۇۋام مەھمۇت ،بۈۋام يۈسۈپ ،قاغان سۇتۇق ،  ئۇلۇق قاغان كۆلبىلگە،......سەركە سادىر " دىگەن كىنولەرنى كۆرۈش نىسىپ بولارمۇ ؟
| ۋاقتى : 2009-01-03 13:04 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

   مەن ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە <<ئۇرخۇن>>تورى ئەزالىرى نامىدىن چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، << كەلدى>>دېگەن غەزىلىمنى بۇ پىشقەدەم ئالىم نامىدىن <<دىۋان>>غا ئالقىش ياڭراتقۇم كەلدى...

                          كەلدى
ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى-نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا<<ئويخور>>پىغان كەلدى.
<< بىلاساكھون>> بېغى مەھكەم<<تۇران>> پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە <<دىۋان>>كەلدى.
تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز- تۇران- تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.
كۆچۈرمەن رەڭ،دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق- پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.
ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، يارشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس-ھەمدەم جىمى تۈركى قىيان كەلدى.
سورايدۇ ئەۋلىيا خالىس، پېقىر، شاھقا نەزەر تەڭلىك،
ۋەزىر قابىل،ئاۋام ماھىل جىمى قەۋم ئاشىيان كەلدى.
شەرقتە پاسىلىڭ<<ئالياس>>، غەرپتە قاردېڭىز ھەقراس،
تەرەددۇت ئەيلىمەك بىرلىك خورى جەم پاسىبان كەلدى.
ئوغۇزسۈتتىن ئىمىپ بىررەت ئانا ئورقىنى رەت قىلغان،
بېرىپ قەۋمىگە نام-شۆھرەت<<ئوغۇز>>(ئەفرا)قاغان كەلدى.
يۈرۈشلەردە<<ئۇرۇم>>،<<ئالتۇن>>،<<تۆمۈرقەلئە>>،ئىران بەيئەت،
شۇ بۆرە ئىزتاپار-يولباش تاغۇ-دەشت بىپايان كەلدى.
پەرىقلىق تاغ-داۋان،دەريا، پەرىقسىز كۈن،باھار تەپتى،
تۇراننىڭ ئوڭ،سولى ھون،ساك، چۈشىدە:<<كىن>>ئايان كەلدى.
<<ئورۇم>>غا چىن قېرىنداشمەن<<ئۇرۇمسىن>>تۇغ-ئەلەم تۇتقان،
ئېتىم<<ساقلاپ>>غەزەبىمدە ياقا - ياۋغا بوران كەلدى.
كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى<<بېيدىڭ>>دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى<<ئىم>>دىن راۋان كەلدى.
كېچەلمەس<<ئار>>ماكانىم بار ھوزۇر كۈنگەي، پوزۇر تەسكەي،
چىگىپ<<تۇر>><<ئار>>تانابى<<تەگ>>سۈرۈپ ئايغىر چوپان كەلدى.
چۆكۈپ قۇمغا شەھەر -قەلئە چېچىلغان ئىسكىلىت -ئەرۋاھ،
ئۇلۇق تۇپراق قەدەم جايغا قاناتلىق روھ<<تۇران>> كەلدى.
خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر<<غەزەلىم>>چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى<<چاغتاي>>زەبۇنلەردىن<<قىتان>>،<< قالماق>>- قاۋان كەلدى.
كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.
قانائەتسىز ئىلىم ئەھلى كېزەر ئالەمنى سەيياھتەك،
كامالەتتىن تاقاپ گۈل-تاج رىقابەت ئىمتاھان كەلدى.
ئوقى يىلتىزتۇران(تۇركىن)،تىلى<<تۈركى>>- تۈگەل بىريىپ،
تۇتاشقان قول،توقۇلغان تور، ھالاۋەت زەرپايان كەلدى.
سۆزى بىرلىك،تىلى بىرلىك،دىلى بىرلىك، خىلى بىرلىك،
<<بىلاساكھون>> -جاكاربىرلىك،قەھرلىك بۇغراخان كەلدى.
تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال<< ژىلى مەھمۇد>> زامان كەلدى.

                ---------------بارخان

بۇ غەزەلنى ھەر تەرەپكە كۆچۈرۈپ يۈرۈش- تورئەخلاقسىزلىقىمنى ئۇرخۇن ئەھلىنىڭ كەچۈرىۋېتىشىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە تىلەپ-----بارخان.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-03 13:46 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2009-01-03 13:27 7 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.099730(s) query 4, Time now is:01-08 18:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation