نۆۋەتتىكى تېما : قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن پارچىلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 410ـ كۆرۈرمىنى
BAYAT

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7679
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-23
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن پارچىلار

ئەڭ ئاۋۋال ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز


      بۇ ماقالىمىزدا ئىسلامدىن ئىلگىرى بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككى پارچىسى ئۈستىدە توختالماقچىمىز.بۇلاردىن بىرسى__ئۇيغۇر مانىخىسلىرىنىڭ مانىخىزىم دىنى ئېتىقاتىدا ئۇيغۇر ۋە مانى يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان توۋا دۇئاسى بولۇپ،بۇ دۇئا بۇرۇن ئۇيغۇر دىنى ئەدەبىياتىنى تەمسىل قىلىدىغان يادىكارلىقتۇر. ئىككىنچى پارچە__ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق يادىكارلىقى بولغان<<چىستانى ئىلىك بەگ>> داستانىدۇر.
    بۇلارنىڭ بىرىنچىسى مىلادىنىڭ 4-ياكى 5-ئەسىرلىرىدە،ئىككىنچىسى بولسا 6-ياكى 7-ئەسىرلەردەيېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىش مۇمكىن. بۇ ئىككى پارچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بايلىقىنى ۋە چوڭقۇر مەنالىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ زاماندا ئۇيغۇر تىلىنى،ئۇنىڭ ئەدەبى ۋە گۈزەل ئۇسلۇبلىرىنى ھەم باشقا تىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۈگىنىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ پارچىلارنىڭ ئەھمىتى ناھايىتى چوڭدۇر. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ماتىرىيال مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ بۇ پارچىلار تەسۋىر قىلىپ بولمايدىغان بىر تارىخى يادىكارلىقتۇر.
    قەدىمقى ئورخۇن يېزىقلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ۋە ئورخۇن كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئورخۇن دۆلىتى ئورنىغا 8-ئەسىرلەردە چوڭ ئۇيغۇر دۆلىتى تۈزۈلگەن.بۇ دۆلەت ئورخۇن ،ئىران،ماۋرائۇننەھىر ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش شۇ دەۋرنىڭ كىلاسسىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۆشۈگى بولغان.بۇ مەدەنىي دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلار قىلىپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە خىزمەت قىلغان.
    تۈرك خەلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ قەدىمقى،ئەڭ كونا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار،بۈگۈن<<ئۇيغۇر يېزىقى>>  دەپ شۆھرەت تاپقان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىگە ئېنىقتۇر.بەزى بىر مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا،بۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قانچە يېزىقلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.بۇ كۈنگىچە ئەڭ قەدىمقى كونا تۈرك يېزىقلىرىدىن پەقەت ئورخۇن ۋەئۇيغۇر يېزىقلىرىلا مەلۇمدۇر.لېكىن بۇ يېزىقلاردىن قايسىسى كونىراق دىگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىش ناھايىتى قىيىندۇر.چۇنكى بۇ خۇسۇسىدا ھىچقانداق ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. لېكىن تۈركشۇناس ژوزىف تۇرىنىڭ"ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى ئۆز تارىخلىرىنى يازغان" دىگەن سۆزىگە قارىغاندا،ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورخۇن يېزىقىدىن كۆپ ئىلگىرى ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.چۈنكى ئورخۇن يېزىقلىرىدىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە كەلگەن يادىكارلىقلار مىلادىنىڭ 735 -يىللىرىدا تاشقا يېزىلغان خەتلەردۇر.7 -ئەسىردىن ئىلگىرى مانداق يېزىق بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار ئۇچرىمايدۇ.دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مەشھۇر <<ئۇيغۇر يېزىقى>>
دىن ئىلگىرى يەنە باشقا يېزىقلىرى ،ئېلىپبەلىرى بولغان.
    مەلۇمكى،بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردا بىر دەۋرنىڭ ئۆزىدە ئۈچ خىل مەزھەپ بولغان:بۇددى،مانىخىلىق ۋە نىستۇرى---خىرىستىئانلىق.بۇ ئۈچ خىل مەزھەپدە بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچ خىل يېزىق ئىشلەتكەن.بۇددا مەزھىپىدىكى ئۇيغۇرلار سوغدىلارغا يېقىن جايلاردا ياشىغانلىقتىن سوغدى ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن.مانىيچىلار ۋە خىرىستىئانلار ئۇيغۇر تىلىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھەرقايسىسى ئۆز يېزىقىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتكەن(ئەسلى ماقالىدا مۇشۇنداق يېزىلىپتىكەن) .ھىندىستانغا يېقىن ياشىغان بۇددى ئۇيغۇرلار سانسىكىرت يېزىقىنى ئىشلەتكەن.كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىي كۈچى ئاشقاندىن كېيىن بۇددىلارمۇ،مانىچىلارمۇ،
نىستۇرىيلارمۇ بىر ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەللىشىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى يادىكارلىقلىرىنى يارىتىشقا تەشەببۇس كۆرسەتكەن.
    بۇنىڭدىن چىقىدىغان نەتىجىلەر بىزگە مەلۇم بولغان ھېلىقى"ئۇيغۇر يېزىقى" ئۇيغۇرلارنىڭ باشلانغۇچ يېزىقى بولماستىن،بەلكى ئەكسىچە، بۇ يېزىق ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا چىققان يېزىقتۇر.ھەرھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دەۋرىدە شۆھرەت تاپقان يېزىقلىرى بۈگۈن بىزگە مەلۇم بولغان "ئۇيغۇر يېزىقى"دۇر.بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىستاندىن كېلىپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالىغا جايلاشقان چاغلىرىدا خىرىستىئان دىنى بىلەن بۇلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان.مانا شۇ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئەسلى باشلانغۇچى قەدىمقى سۈرىيە يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلىپ ئېلىنغان شەكلىدۇر.بۇ يېزىقنى 5- ئەسىرلەردە بىزانسى ئىمپىرىيىسىدىن دىنى مۇباھىسىلەر(مەنىسى نىمىكىن؟) نەتىجىسىدە  ھايدالغان نىستۇرى راھىپلىرى ئېلىپ،ۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مەزھەپلىرى بىلەن بىللە تارقاتقان.لېكىن ئۇيغۇرلار بۇ سۈرىيە يېزىقلىرىنى شۇ قېلىپتا قوبۇل قىلماستىن،بەلكى ئۇنى ئۆز مىللى تىللىرى، مەدەنىي ۋە مائارىپ مۇھىتلىرىنىڭ پۈتۈن خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ،كەڭ يوسۇندا ئۆزگەرتىپ،ئۇ يېزىقتىكى 32 ھەرپ ئورنىغا17ھەرپ قالدۇرغان. 
شۇنىسى قىزىققى ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى سۈرىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئوڭدىن سولغا ئەمەس بەلكى سولدىن ئوڭغا قارىتىپ يازغان.ئەرەپ يېزىقىمۇ ئەسلى سۈرىيە يېزىقىدىن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يېزىلغان خەت بىر قاراشقا ئەرەپچىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەرەپ يېزىقىدەك ئۇيغۇر يېزىقىدىمۇ ھەر بىر ھەرپنىڭ ئۈچ شەكلى:باش ھەرپ،ئوتتۇرا ھەرپ،ئاخىرقى ھەرپلەر بار.بۇ ھەرپلەر بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.بىر ئاز زاماندىن كېيىن ئۇيغۇر يېزىقى شۇنداق تەرەققى ئېتىدۇكى،6- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىزانسى ئىمپىراتۇرى بىرىنچى يۇستىنىيانغا(؟)ئەۋەتكەن دىپلوماتىيىلىك خېتى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان دىزەەن ئېھتىمال بار.
    9  -ئەسىردە بىرىنچى ئۇيغۇر دۆلىتى قارا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى ۋە  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۇتقان ئورنىمۇ كېمىيىدۇ.لېكىن 10-ئەسىردە تۈزۈلگەن قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ شۆھرەتلىك دەۋرى بولغان 10-ۋە11- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقى پۈتۈن ئاسىياغا تارىلىپ،شۇ ۋاقىتنىڭ مەدەنىي يېزىقى ماھايىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان خەتلەر خىتتايدا،ھىندىستاندا،بىزانىستاندا ۋە ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇلىدۇ.بۇ ئەللەردىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە دىپلوماتىيىلىك قەغەزلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىپ ئەۋەتكەن.
    13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنى موڭغۇللار ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن،موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ،ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت خېتى دەپ ئېلان قىلغان.مەلۇمكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇر دۆلەت ئەرباپلىرى چىڭگىزخان سارىيىدا ئەڭ يۇقۇرى ۋە مۇھىم مەنسەپلەردە بولۇپ،پۈتۈن چىڭگىزخان دۆلىتىنىڭ سىياسىتىگە ئۆز تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەن.بۇ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ بىرنەچچە ئەسىرلىك باي ئىش تەجىربىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكۈر قورالى بولغان ئۇيغۇر يېزىقى بىرنەچچە ئەسىرلەر داۋامىدا تۈرلۈك موڭغۇل دۆلەتلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي خېتى بولۇپ كەلگەن.بۇ ھالنى كۆرگەن ئىران تارىخچىلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ پارس ۋە ئەرەپ يېزىقىدىن ئۈستۈن بولىدىغانلىقىدىن قورقۇپ شىكايەتلەر بىلەن ياغان.
    13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئالتۇن ئوردا دۆلىتىدە قىسمەن ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ھۆكۈمەت خېتى ماھايىتىنى ئالىدۇ.ئالتۇن ئوردا سارىيىدا يارىتىلغان كۆپ ئەدەبى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىدە بولۇپ،ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان.14-ئەسىردە قۇتلىق تۆمۈرۋە توختامىش خانلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقلىرى بىلەن يازغان نۇرغۇن يارلىقلىرى تېپىلغان.بۇلاردىن كېيىن بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنى تۈزگەن ئەمىر تېمۇرخانمۇ بىرمۇنچە ۋاقىت ئۇيغۇر يېزىقىنى رەسمىي دەفنەرخانا خېتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.
    15-ئسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۆزبەك كىلاسسىك ئدەبىياتىدىمۇ ئىشلىتىلگەن. <<مىراجنامە>>،<<تەزكىرەئىي ئەۋلىيا>><<بەختىيارنامە>>لارغا ئوخشاش ئۆزبەك ئەدەبىياتىنىڭ باي ئەسەرلىرى بولغان بۇ كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان نۇسقىلىرى ئاز ئەمەس.ئاقساق تېمۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى شاھرۇھ بىلەن خىتاي ئىمپىراتۇرى ۋاي مىنخاننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان دىپلوماتلىق يېزىشمىلار خىتاي ۋە پارىس تىللىرىدىن تاشقىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى بىلەنمۇ يېزىلغانلىقى مەلۇم.15-ئەسىردە ئاسىيا قىتئەسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ  پارس،ئەرەپ ۋە خىتاي تىللىرى بىلەن بىر قاتاردا بولغانلىقنى ئوچۇق كۆرۈش مۈمكىن.16-ئسىرنىڭ باشلىرىدا تېمۇرىيلەرگە قارشى ھۇجۇم قىلغان ئۆزبەك خانى شەيبانىخانمۇ بىر نەچچە زامان ئۆزىنىڭ ئىدارە ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.17-ۋە18-ئەسىرلەردە قىرىم،خىۋا ۋە باشقا خانلىقلار ئۆز يارلىقلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىشقان.18-ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىقى ھۆكۈم سۈرمىدى دىيىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ يېزىق شۇ دەۋردىمۇ بۇددا مەزھىپىدە قالغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئىبادەتخانا ۋە بۇتخانىلاردا ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
   
كەچۈرۈڭلار ،داۋامىنى كېيىن يوللاي
ماقالە ئاپتورى:يۈسۈپ زىيا شىرۋانى
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2009-01-02 12:44 دە قاي ]
1som
| ۋاقتى : 2009-01-01 22:32 [باش يازما]

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.055382(s) query 3, Time now is:01-08 18:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation