سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قۇمۇل ۋاڭلىرى

       قۇمۇل ۋاڭلىرى قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك فېئودال ھۆكۈمرانلىرى ئىدى، ئۇلار كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى) ئەبەيدۇللا قۇمۇلنىڭ تارخان بېگى بولۇپ بېكىتىلگەندىن تارتىپ، مىنگونىڭ 19-يىلى قۇمۇلنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلگەنگە قەدەر 9 ئەۋلاد 233يىل ھۆكۈم سۈرگەن ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر فېئودال ۋاڭ_گۇڭلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، شىنجاڭ جۈملىدىن قۇمۇل تارىخىدا ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتا قۇمۇل ۋاڭلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ، ئاساسەن چىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرغان، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن قۇمۇل يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىنى قۇرۇش بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئىگىلەپ، سىياسى ھاكىميەت بىلەن دىنىي ھاكىميەتنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ھەممىسى فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىغا سادىق بولۇپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرغان، شۇڭا ، فېئودال ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە قەدىرلىنىپ گۇڭ، بېيزى، بېيلىدىن خوشۇت چىڭ ۋاڭلىقىغىچە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئەمەل-ئۇنۋانلىرى «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن» . مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ، يۈەن شىكەي پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشتە ئۆزىگە قانات -قۇيرۇق قىلىش ئۇچۈن ، قومۇل ۋاڭىغا قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىپىنى بەرگەن. قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلدىكى ئەمگەكچى خەلقنى تولىمۇ دەھشەتلىك ئەزگەن. دېھقان-چارۋىچىلار ئايدا بىر قانچە كۈن ئۇلارنىڭ يەرلىرىدە ھەقسىز ئىشلەشكە، چارۋىلىرىنى ھەقسىز بېقىپ بېرىشكە مەجبور قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ باشقا خىراجەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. ۋاڭلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ، ئەمگەكچى خەلق جىسمانى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاچ -يالىڭاچ ياشىغان. شۇڭا ، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئېزىشىگە قارشى كۆرەشنى ئىگىلمەي-سۇنماي داۋاملاشتۇرغان. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ، باردى -كەلدىسى كۆپ بولغاچقا ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان. بىرنەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرى چىڭ ئوردىسىنىڭ شىنجاڭنى تىنجىتىش يولىدىكى ھەربى يۈرۈشلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەلۇم تۆھپە قوشقان. بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ، نەۋرىسى بولۇپ ئۈچ ئەۋلادقا ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلمىگەن، پەقەت ئۇنىڭ ئەۋرىسى يۈسۈپكىلا ئايماق ۋاڭىلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن. قۇمۇلنىڭ 6-ئەۋلاد ۋاڭى بېشىر ئۆلگەندىن كېيىنلا ، ئاندىن ئۇنىڭغا چىڭۋاڭلىق نامى بېرىلگەن. خەنزۇلار قۇمۇل ۋاڭلىرىنى «خۇيۋاڭ»(回王 ) دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.

Ⅰ-باب   قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى


        16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام دىنى قۇمۇلدا تېز راۋاجلانغان بولسىمۇ ، قۇمۇلدا يەنىلا يۈەن سۇلالىسى خان ئەۋلادلىرىدىن بولغان موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ پۇشتىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغانىدى. 17-ئەسىرگە كەلگەندە مۇنداق ئەھۋال ئۆزگەردى. جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ۋاڭلار ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دەۋالغان بىر قىسىم خوجىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىۋېلىندى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ۋاڭلارنىڭ ئۇستازلىرى بولۇپ ، خېلى زور ئىمتىيازغا ۋە ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولىۋالغان. ئەمىليەتتە شۇ جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ب خوجىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قۇمۇلدىمۇ مۇھەممەتشاھ غازى ئىسىملىك بىر خوجا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئاتىسى يارى مۇھەممەت غازى ، بوۋىسى باقى غازى ، ئۇلۇغ بوۋىسى ھەسەن غازى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قۇمۇلدا ياشاپ كەلگەن بەگلەر ئىدى. مۇھەممەتشاھ غازى ئېھتىمال خوجا دىگەن نامدىن پايدىلىنىپ ، قۇمۇلدىكى موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۇستازى بولىۋېلىپ، چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولىشى مۇمكىن ( بۇ چاغدا قۇمۇل تۇرپان ھۆكۈمرانلىقىدىن يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەنىدى).
كاڭشىنىڭ 17-يىلى (1678-يىلى) جۇڭغارلارنىڭ خانى  غالدان پۇرسەتتىن پايدىنلىپ ئەسكەر چىقىرىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقىتىپ،  تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى بېسۋېلىپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپپاق خوجىنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كېيىنىكى يىلى (1679-يىلى) ئۇ يەنە قۇمۇل ۋە تۇرپاننى بېسىۋالىدۇ. قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى مۇھەممەدشاھ غازىنىڭ ئوغلى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ئىدى. ئۇ، قۇمۇلدىكى ئاق تاغلىقلار( ئاق تەقىيلىك ئۇيغۇرلار) نىڭ باشلىقى بولۇپ، جۇڭغارخان ئۇنىڭغىمۇ «تارخان» دېگەن نامنى بەرگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، جۇڭغارخاننىڭ قۇمۇلدىكى گۇماشتىسى بولۇپ قالىدۇ.
         جۇڭغارلارنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق  قىلىش ۋاستىلىرى ئىنتايىن قەبىھ بولغانلىقتىن، خەلقنىڭ  كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى قوزغىلىدۇ. جايلاردىكى ئۇيغۇرلار« سۇ بىلەن ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك غەم -ئەندىشىدە قېلىپ،تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ ئامانلىق تاپالمايدۇ»،«ئاشلىق ۋە مال-دۇنياسىنى كۆمۈپ تاشلايدۇ» ياكى قورغان ياساپ مۇداپىئەلىنىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ قىسمى باشقا ياقلارغا قاچىدۇ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىۋالىدۇ. ئىچكى ئۆلكىلەرگە قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى چىڭ ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كاڭشىنىڭ 29-يىلى (1690-يىلى) جەنۇبى شىىنجاڭدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلاپ، ئاپپاق خوجا قومۇلغا قېچىپ كېلىۋالىدۇ. جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولىدۇ، ئاپپاق خوجا يەنە يەكەنگە قايتىپ بارىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ جەنوبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تىنچلانمايدۇ.
         قۇمۇل مۇھىم ئورۇندا بولغاچقا ، جۇڭغارلارنڭ تاجاۋۇزىغا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەبەيدۇللا جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇل خەلقىگە چەكسز زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ، جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى كەينى -كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ، كاڭشى خاننىڭ كەڭچىلىك قىلىدىغان رەھىمدىل  سىياسىتىدىن ياخشى تەسىر ئالىدۇ. كاڭشىنىنىڭ 31-يىلى (1692-يىلى) 8-ئايدا، چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ غەيرى رەسىمىي ئەمەلدارى مادىنى جۇڭغارلارنىڭ يەنە بىر كاتىۋېشى سېۋىن ئارۇبداننى تەسلىم بولۇشقا  ئۈندەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. مادى قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ،غالداننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. مادىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر قۇمۇلدا ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەبەيدۇللا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە ئات -ئۇلاغ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ھەمدە ئادەم قوشۇپ جيايۈگۈەنگىچە ئاپىرىپ  قويىدۇ. مادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغىرسىدىكى خەۋەر بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشلەر غالداننى جازالاش بىلەن بىللە ، قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كاڭشى خان ، جىنايەتنى غالدان ئۆتكۈزدى، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ، دەپ قارىغان. ئۇ: «قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن غالدان قاتارلىق موڭغۇللارغا باج تۆلەپ كەلگەن، بۇ ، بۇگۈنلا باشلانغان ئىش ئەمەس ، بەلكى تارىختىن كېلىۋاتقان ئىش. شۇ تەرىقىدە موڭغۇللارغا باج تۆلەپ كېلىۋاتقان ۋاسساللار ئاز ئەمەس، بۇگۈنكى كۈندە ئۇلارنى غالدانغا باج تۆلىدى دەپ ئەيىپلەپ، ئەسكەر چىقىرىپ ، قىرغىن قىلساق، پادىشاھنىڭ خۇداغا ئوخشاش ئەزەلدىن رەھىمدىل ئىكەنلكىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەي قالارمىزمىكىن» دەيدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، يەنە گەنجۇدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قۇمۇللۇق سەككىز ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىدۇ.
     كاڭشىنىڭ 35-يىلى (1696-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى غالداننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ، جۇڭغارلار يىمىرىلىشكە  يۈزلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ، جەنوبى شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاپپاق خوجا ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى مەخمۇت ئولتۇرغانىدى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل ئىسلام خانلىقى قۇرماقچى بولىدۇ. سېۋىن ئارۇبدان سېزىپ قالغاچقا بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاق تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ.ئەبەيدۇللا گەرچە  بۇ ئىشقا ئارلاشمىغان بولسىمۇ ، ئوخشاشلا جۇڭغارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ. كاڭشىنىڭ 35-يىلى (1696-يىلى) ئەبەيدۇللا چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئات-تۆگىلەرنى سوۋغا قىلىشقا نارىن بەگنى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئەل بولۇش ئارزۇسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:« پېقىر ئاق تەقىيلىكلەردىن بولۇپ، جۇڭگوغا تارتۇق بېرىپ كېلىۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى، خان ئەلچىسى پېقىرنىڭ ماكانىغا كەلگەندە ، غالدان ئەسكەر چىقىرى ،ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى، ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئاليىلىرىنىڭ پېقىرنى ماڭا ئاسيىلىق قىلدى دەپ ئويلاپ قېلىشلىرىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. تەڭرى تۇرۇپتۇ، تەڭرى ئالدىدا يالغانچىلىق قىلغانلار جاجىسىنى يەيدۇ، ئۇيراتلاردىن بىر نەچچە توپى كۆچكەچ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قېچىپ كەتتى. پېقىر شەھەردىن سىرتقا چىقمىغان تۇرسام، قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلاي». ئۇ 12-ئايدا يەنە نارىن بەگنى ئەۋەتىپ، خانغا: «ناۋادا غالدان كېلىپ قالسا ،پېقىر ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىك تۇتىمەن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى چىڭ ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق يەتكۈزىمەن» دەپ مەلۇم قىلغان. كاڭشى خان ئەبەيدۇللانىڭ ساداقەتمەنلىكىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ئەمەلدارلىق تونى، بۇلغۇن تۇماق،ئالتۇن كەمەر قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىنئام قىلىدۇ. كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى)1-ئايدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان غالدان ئاخىرلىشىۋاتقان ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئوغلى سەپتىن بالجۇرنى غەللە-پاراق يىغىشقا بارىكۆلگە ئەۋەتىدۇ، 2-ئايدا ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى ئەۋەتىپ سەپتىن بالجۇرنى تۇتۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. كاڭشى خان ئەبەيدۇللاغا پۇل، تون،ئاق ئالتۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىنئام قىلىدۇ. سېۋىن ئارۇبدان نۇرغۇن قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ سەپتىن بالجۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئەبەيدۇللادىن نىمە ئۈچۈن چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغانلىقىنى سورايدۇ. ئەبەيدۇللا: «مېنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە ساداقەت كۆرسىتىپ ئەل بولغانلىقىم  مەجبۇرى ئەمەس، ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن بولغان» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. جۇڭغارلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، چىڭخەيدىكى ھەرقايسى تەيجىلەرگە ۋە سېۋىن ئارۇبدانغا: « قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سېلىشقا بولمايدۇ» دەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ.
     كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى) 3-ئاينىڭ 13-كۈنى غالدان ئاچا ئامىتاتە دىگەن جايدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ جىيەنى دەنجىلا غالداننىڭ جەسىتىنى ۋە قىزى جۇڭچىخەينى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ، سەپەر ئۈستىدە قۇمۇل ئەتراپىدىن ئۆتكەندە، ئوزۇق-تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان دەنجىلا خەقلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىنى بۇلايدۇ. ئۇ جىمسارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەبەيدۇللا ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا ئۇندەيدۇ. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دەنجىلا ھەمراھلىرى بىلەن قۇمۇل بازىرىغا كېلىدۇ. ئەبەيدۇللا يەنە دەنجىلانىڭ كاڭشى خان بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا ئاساسەن ، چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى قوشۇپ، ئۇنى ئىچكىرىگە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغداپ ئاپىرىپ قويىدۇ. غالدان ئۆلگەندىن كېيىن ، سېۋېن ئارۇبدان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، غالداننىڭ پۈتكۈل زىمىنىنى بېسىۋالىدۇ. ئۇ قۇمۇلنىڭ جۇڭغارلاردىن يۈز ئۆرۈپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغانلىقىغا كۆڭلىدە  باشتىن- ئاخىر ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنىدى. ئەبەيدۇللا بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ چىڭ ھۆكۈمىتىگە : « كەمىنلىرى سەپتىن بالجۇرنى ۋە غالداننىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۇم. ئۇيراتلارنىڭ پېقىردىن خاپا بولۇشى چوققۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇمۇل ئەزەلدىن ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا ، قورقۇنچ ئىچىدە تىنچراق ئۆتۈشنى تىلەۋاتىمەن. پېقىر سېۋىن ئارۇبداندىنمۇ قورقىمەن، پېقىرغا زىيان يېتىپ قالمىسۇن ۋە زىمىنىمىزنى قوغداشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، پادىشاھ ئاليىلىرىنىڭ بىرەر مۆھۈر بېرىشىنى ئىلتىجا قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا يەكەن ، تۇرپاندىكىلەرمۇ بۇنى ئاڭلاپ قىزىقسىنىپ، ئالىيلىرىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتۈش كويىدا بولۇشى مۇمكىن . بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى سۇجۇغا كۆچۈرۈپ كېتىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. شۇنداق بولسا ، خان ئاليىلىرىنى يوقلاپ كېلىشتە، سۇجۇ بىر ئۆتەڭگە ئايلىنىدۇ-دە، پېقىر شۇ يەردىن ئۇچۇر ئۇقۇپ ئالىيلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا ھايالسىز يېتىپ بارالايمەن» دەپ مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ. كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى) 10-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەبەيدۇللانى خانغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىپتۇ، «ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ، ئۇنى تەرىپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك» دەپ موڭغۇللارنىڭ تۈزۈلمىسى بويىچە ئۇنىڭغا بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق مەنسىپىنى بېرىشنى « تارخان» نامىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ قىزىل جىيەكلىك ئۇيغۇر خوشۇنى قىلىپ تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەبەيدۇللا قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمى نام بېرىلگەن ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ.

Ⅱ. باب تارىختا ئۆتكەن قۇمۇل ۋاڭلىرى

     كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى ) ئەبەيدۇللا ۋاڭلىققا تەيىنلەنگەندىن تارتىپ ، مىنگونىڭ 29-يىلى( 1930-يىلى) ئاخىرقى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسوت قازا تاپقانغا قەدەر قۇمۇلدا توققۇز ئەۋلاد ۋاڭ ئۆتكەن .

1. بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا

       بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا (1697-يىلدىن 1709-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ، ئەبەيدۇللا ۋاڭلىققا تەيىنلىنىپ ئىككىنچى يىلى (1698-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى بورسەي ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇمۇلنى ئىدارە قىلىش تامغىسىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە يامبۇ، قىزىل تۇغ قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىدۇ. ئەبەيدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى 2-دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەپ، خوشۇن ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ، 100ئەسكەر بىلەن سۇجۇدا تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئەبەيدۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەچى بەگنىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەيدۇ، خوشۇندا زەڭگى ، ئورۇنباسار زەڭگى، جارائېرجىن، سۇمۇن زەڭگى ، چەۋەنداز چېرىك دىگەنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى قويىدۇ. سۇجۇغىمۇ بىر سۇمۇن زەڭگى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل خوشۇنىنىڭ تەشكىلى ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ بولىدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا ئەبەيدۇللا بېيجىڭغا سالامغا بارىدۇ. كاڭشىنىڭ 39-يىلى (1700-يىلى) سېۋىن ئارۇبدان قەشقەرگە قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى مەخمۇتنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقىنى خان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە قۇمۇلغا باشتىن_ ئاخىر ئۆچمەنلىك ساقلاپ ، قۇمۇلدىن تۇرپانغا بارىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مال-دۇنياسىنى دائىم تالان-تاراج قىلىدۇ. قۇمۇل گەرچە چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغان  بولسىمۇ ، لېكىن ئاجىز بولغاچقا، جۇڭغارلارنىڭ چاڭگىلىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش خەۋىپى ھەرقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىكى چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئايدىڭ ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن سېۋىن ئارۇندانغا قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىق توغىرسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەبەيدۇللانىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ، قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇلانىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. كاڭشىنىڭ 45-يىلى (1706-يىلى) ئەبەيدۇللا ئىچكىرىدىن خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ۋاڭ ئوردىسىنى قايتا ياسىتىدۇ. كاڭشىنىڭ 48-يىلى (1709-يىلى) ئەبەيدۇللا ۋاپات بولىدۇ.

2 ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاڭ گوپا بەگ

       ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى گوپا بەگ (1709-يىلدىن 1711-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ، كاڭشىنىڭ 48-يىلى (1709-يىلى ) 4-ئايدا ئەبەيدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى گوپا بەگ 1-دەرىجىلىك جاساق تارخان بەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ۋاپات بولىدۇ

3.ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن
   
       ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن (1711-يىلىىدىن 1740-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان).كاڭشىنىڭ 50-يىلى(1711-يىلى) گوپا بەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئىمىن 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
    كاڭشىنىڭ 54-يىلى (1715-يىلى) نىڭ بېشىدا سېۋىن ئارۇبدان قۇمۇلغا قورشاپ  ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.  ئىمىن ۋاڭ ئوردا قوشۇنىنى باشلاپ ، قۇمۇلدا  تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنىدىكى تۇرغاق بەگ پەن جىنشەن باشچىلىقىدىكى 200نەچچە چىڭ ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، شەھەرنىڭ جەنوپ تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ. سۇجۇنىڭ باشبۇغى لۇجېنشېڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ زور قوشۇن باشلاپ ياردەمگە كېلىدۇ. سېۋىن ئارۇبدان  بۇنى ئاڭلاپ بەدەر تىكىۋېتىدۇ.  بۇ قېتىمقى جەڭدە چىڭ قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىنىڭ 90 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادىمىنى تىرىك تۇتۇۋالىدۇ. كاڭشى خان ئىمىن ۋاڭ ، پەن جىشەن ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا 15 مىڭ سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىدۇ ھەم ئۇرۇش تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالارغا ئاشلىق، قوي، كالا ياردەم  قىلىدۇ.ئەسىرلەرنى يالاپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان سۇمۇن زەڭگى زۇپەر قاتارلىقلارغا تون، تاۋار-دۇردۇن، كىيىم-كېچەك ئىنئام قىلىدۇ. شۇنىڭدىن  كېيىن، كاڭشى خان ھەمىشە ئاز ئادەم بىلەن كۆپ ئادەمنى يېڭىشتەك بۇ جەڭ مىسالى ئارقىلىق جۇڭغارلارنى  ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە جايلاردىكى مۇداپىئە  قوشۇنلىرىغا ئىلھام بېرىدۇ.
    چىڭ ھۆكۈمىتى سېۋىن ئارۇبداننىڭ قۇمۇلغا يەنە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قىسىملىرىنى كۆپەيتىدۇ. ئەمما قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن قوشۇن ئوزۇق -تۈلۈكتىن قىسىلىپ قالغاندا، ئىمىنۋاڭ ئۆزىنىڭ زاپاس ئاشلىقى ۋە مال-چارۋىلىرىنى چىڭ ئەسكەرلىرىگە ئارىيەتكە بېرىدۇ. كاڭشىنىڭ 57-يىلى (1718-يىلى) ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تاشۋېلىققا (تالناچىنغا) بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.  كېيىنكى يىلى 600دادەندىن ئارتۇق ئارپا يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يوقىرىغا تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  بىللە ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنى ئوزۇق-تۈلۈكتىن قىسىلىپ قېلىشتەك قىيىن ۋەزىيەت ئوڭشىلىدۇ. قومۇلنىڭ ۋەزىيىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەل-پەل ياخشىلىنىدۇ. كاڭشىنىڭ 61-يىلى (1722-يىلى)ئىمىن ۋاڭ قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلاردىن 400 كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۇ يەرنىڭ  شارائىتىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار يەنە تالناچىنغا بېرىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ.  يۇڭجېڭنىڭ 5-يىلى (1727-يىلى) 2-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىمىن ۋاڭنى " تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى، ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ، قوشۇنىمىزغا ياردەم بەردى، ئالاھىدە مۇكاپاتلاشقا ئەرزىيدۇ"  دەپ ، ئۇنى 1000 سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ ھەم "دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ" دىگەن ئۇنۋان بېرىدۇ. تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتناشقان 400دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دىھقانمۇ مۇكاپاتلىنىدۇ. يۇڭجېڭنىڭ 7-يىلى (1730-يىلى) 12-ئايدا ئىمىن ۋاڭغا "خوشۇن بېيزى" دەپ نام بېرىلىدۇ.
    يۇڭجېڭنىڭ 10-يىلى (1732-يىلى) 1-ئايدا، جۇڭغارلار 6000دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا يەنە قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا، قۇمۇلدا ئاران 2000دىن ئارتۇق ئەسكەر بولۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش تەس ئىدى. نىڭيۈەننىڭ باش سانغۇنى يۆجۇڭچى باشبۇغ ساۋشىياڭ بىلەن مۇئاۋىن باش چېرىكچى جى چېڭبىن قاتارلىقلارنى 7000دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. جۇڭغار قوشۇنى تولۇق يوقىتىلمىغان بولسىمۇ، قۇمۇلدىكى ھەربى ۋە خەلق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقتىن، يەنىلا ناھايىتى زور غەلبە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى جەڭگە قاتناشقان ھەربى ۋە خەلققە  ئالاھىدە 5000سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 10مىڭ سەر تەڭگە ئاجرىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان ئىقتىسادى زىيىنى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ.
    يۇڭجېڭنىڭ 12-يىلى (1734-يىلى) ئىمىن ۋاڭ ئوردىنىڭ پىششىق يېرىدىن 4000مو يەرنى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تېرىپ يىيىشىگە بېرىدۇ. پادىشاھ شىزۇڭ قۇمۇل دېھقانلىرىغا بولغان غەمخورلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، يەنە بىر پارچە ئاقيەرنى ئىمىن ۋاڭغا ئايرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ھۆكۈز، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ئۇرۇقلۇق ئىنئام قىلىپ، دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. يۇڭجېڭنىڭ 13-يىلى(1735-يىلى) 5-ئايدا، سېۋىن ئاررۇبداننىڭ چوڭ ئوغلى غالدان سېرىن چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قۇمۇل ئەتراپى ، قۇمۇل ئەتراپى ۋاقتىنچە تىنجىلىدۇ. بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلدا 5000 كىشلىكلا قوشۇن قالدۇرۇشنى، بارىكۆلدە تۇرۇۋاتقان زور قوشۇننى ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە  قۇمۇلدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلش خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ،200مىڭ دادەندىن ئارتۇق ئېھتىيات ئاشلىقى بار ئىدى. ئۇ تەمىنلەشكە تولۇق يېتەتتى. زور قوشۇن ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن،ئېشىنچا ئاشلىق تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىمىن ۋاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. چىيەنلوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1736-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئاشلىق ئىجارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەمدە ئىمىن ۋاڭ قاتارلىقلارغا كۆپلەپ تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ.
     چىيەنلوڭنىڭ 4-يىلى (1740-يىلى) 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىمىن ۋاڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى 1000سەر تەڭگە ئاجرىتىپ قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ زەڭگىسىنى تەزىيە بىلدۈرۈپ،ھال سوراشقا بۇيرۇيدۇ. ھەمدە ئىمىن ۋاڭنىڭ خوتۇنىغا كۈمۈش - تەڭگە ئىنئام قىلىپ ھال سورايدۇ. ئىمىن ۋاڭ ئاتىسىنىڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىنكى ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ ھەربىيلەرگە ياردەم بېرىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 20 يىل ئىچىدە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنلىرىغا نۇرغۇن ياردەم بېرىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ. بىرىنچى قېتىم كاڭشىنىڭ 51-يىلى(1721-يىلى) 8-ئايدا، ئىككىنچى قېتىم يۇڭجېڭنىڭ 6-يىلى (1729-يىلى)12-ئايدا بېرىپ، بېيجىڭدا ئىككى يىل تۇرۇپ قايتىدۇ.

4. تۆتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ يۈسۈپ

   تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ (1740-يىلدىن 1760-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان). چيەنلوڭنىڭ 5-يىلى(1740-يىلى) 2-ئايدا يۈسۈپ قائىدە بويىچە دەرىجىسى چۈشۈرۈلۈپ، "دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ" ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 10-يىلى (1742-يىلى) 1-ئايدا ئۇنىڭ ئۇنۋانى "خوشۇن بېيزى" ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلىدۇ.
     چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى يۇڭجىڭنىڭ 13-يىلى (1735-يىلى) ئىچكىرىگە قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ، ھەربىيلەر ئۆزلەشتۈرگەن بوز يەرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ھوسۇلنىڭ تۆت ئۈلۈشىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش، ئالتە ئۈلۈشىنى ئۆزىگە قالدۇرۇش بەلگىلىنىدۇ. ئىجارە ھەققى ئۈستۈن بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، دائىم تەبىئى ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرالمايدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسىېرى قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن،نەچچە مىڭلىغان دېھقان ئاچارچىلىققا دۇچار بولىدۇ. بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى 2500دادەن ئاشلىق ئاجرىتىپ،كەمبەغەللەرنىڭ قەھەتچىلىكتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 18-يىلى(1735-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يەر ئىجارىسنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يۈكى ھېچقانچە يىنىكلەشمەيدۇ.بەلكى ۋاڭنىڭ مال-مۈلكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. قۇمۇلنىڭ كەڭ تېرىلغۇ يەرلىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاڭنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋاڭنىڭ "ئاراباتى(قۇلى)" غا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    چيەنلوڭنىڭ 21-يىلى(1756-يىلى) تۇرپاندىكى مەڭلىك بەگ جۇڭغارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇ چاغدا مەڭلىكنىڭ ئوغلى باي خوجا بېيجىڭدىن قايتىپ ئەمدىلا قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ، يۈسۈپ تەرىپىدن تۇتۇۋېلىنىدۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا يۈسۈپ ۋاڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدىن 300 كىشىنى باشلاپ تۇرپانغا بېرىپ ئىمىن خوجا بىلەن بىللە چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. توپىلاڭ تېزلا تىنجىتىلىدۇ.، يۈسۈپ ۋاڭ مۇكاپاتلىنىدۇ.
    چيەنلوڭنىڭ 23-يىلى (1758-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭ 100 كىشلىكتىن ئارتۇق قوشۇنىنى باشلاپ جەنوبىي شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇش يولىدىكى جازا يۈرۈشىگە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن بىللە قاتنىشىدۇ. گاۋزۇڭ خان "ئالاھىدە شەپقەت" بىلەن يۈسۈپ ۋاڭغا "ئاغلاقچى ئامبال" دەپ نام بېرىدۇ.  توپىلاڭنى تىنجىتىش جەريانىدا ، يۈسۈپ ۋاڭ ساداقەتلىك بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى كۇچا، ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان، قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، توپىلاڭنى تىنجىتقۇچى سانغۇن يارخاشاڭ بۇ جاينى قوغداشنى كۇچا بېگى ھادىغا تاپشۇرماقچى بولىدۇ. بىراق گاۋزۇڭ خان  ھادى يېڭىلا ئەل بولغان، "ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس"،قايتۇرۇۋېلىنغان جايلار "يەنىلا يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن" دەپ قارايدۇ.
    چيەنلوڭنىڭ 23-يىلى (1758-يىلى) 11-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۈچتۇرپاننى ساقلاشتىكى ئاجايىپ تىرىشچانلىقىدىن تولىمۇ رازى بولۇپ، ئۇنى بېلى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلايدۇ. چيەنلوڭنىڭ 24-يىلى (1759-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ  توپىلىڭىنى تىنجىتىپ بولىدۇ.  شۇ يىلى 7-ئايدا تۇرپاندىكى ئىمىن خوجىنى يەكەننى باشقۇرۇشقا، قۇمۇلدىكى يۈسۈپ ۋاڭنى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا  تەيىنلەيدۇ. 9-ئايدا يۈسۈپ ۋاڭنى دوروبېلىلىققا ئۆستۈرىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا قاتناشقان خادىملارنى تۆھپىسىگە قاراپ مۇكاپاتلايدۇ. يۈسۈپ ۋاڭنى " ئۈچتۇرپاندا تۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى" دەپ ئۇنىڭغا يەنە شەپقەت ياغدۇرۇپ ، ئىنانچىخانلىق دەرىجىسىنى ئىنئام قىلىدۇ. بۇ ، ۋاڭلىققا بېكىتىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
    چيەنلوڭنىڭ 25-يىلى (1760-يىلى) نىڭ باشلىرىدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىنانچىخان يۈسۈپ بىلەن خوتەنلىك خوجىس بېلىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ ، پايتەختكە كېلىپ خاننى زىيارەت قىلىشنى تاپشۇرىدۇ. گاۋزۇڭ خان ئۇلارنى "نۇرانە ساراي" دا قوبۇل قىلىپ، خاس تون، تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ. راھەتباغدا بىر قانچە قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ. خان ئاندىن يۈسۈپ قۇمۇلغا قايتىپ بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. يەنە يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ.
    چيەنلوڭنىڭ 26-يىلى (1761-يىلى) 11-ئايدا يۈسۈپ ۋاڭنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامباللىققا تەيىنلەيدۇ.   ئىمىن خوجا تۇرپانغا دەم ئېلىشقا كەتكەنلىكى ئۈچۈن،يەكەننىڭ ئىشلىرىنىمۇ يۈسۈپ ۋاڭ ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.  بۇ مەزگىلدە چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭغا قاتتىق ئىشىنىدۇ. جەنوبى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئامبال يامۇللىرىدا ئىشلەيدىغان تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك يۈسۈپ ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر كۆرسىتىدۇ. يەرلىك ۋاڭ-گۇڭ، ئاقسۆڭەكلەر ھەر قانچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ ، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ كارى بولمىسىلا، ئۇنى ھېچكىممۇ سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. بەزى ئىشلار گاۋزۇڭ خاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇيان تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئادەمگە قاتتىق كايىپ:"ئۇلۇغ خان ئادەملەرنى ئىشقا سالغاندا، ئۇلارنىڭ قابىليىتىدىن پايدىلىنىدۇ، سىلەر بۇنداق تۆھمەت، پىتنە-پاساتلارنى قەيەردىن تېپىپ كەلدىڭلار؟ تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇللۇق، تۇرپانلىق دەپ ،ئۇلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىساق،كۆز قۇلىقىمىز ئېتىلىپ قالمامدۇ؟ بۇ ئۆسەك سۆزلەر كاززاپلاردىن چىققان!"  دەيدۇ. گاۋزۇڭ خاننىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى ۋە يول قويىشى  بىلەن، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ جەنوبى شىنجاڭدىكى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ.  ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى ئابدۇللا (يۈسۈپنىڭ ئىنىسى) بەك زالىم، نەپسانىيەتچىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ئەبلەخلەر ئىدى. ئۇلار ھەممىلا يەردە قاقتى سوقتى قىلاتتى،خالىغانچە  ئەسكىلىك قىلاتتى. دەرتكە چىدىمىغان ئۈچتۇرپان خەلقى ئاخىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. گاۋزۇڭ بۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى قاتتىق ئەزگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئاشۇ پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى قوشۇن ئەۋەتىپ خەلقنى باستۇرىدۇ. ئىلى سانغۇنى مىڭ رۈي ئۈچتۇرپانغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىلىرىنى قىرغىن قىلىدۇ. 10مىڭدەك پۇقرانى ئىلىغا كۆچىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچتۇرپان قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، مىڭ رۈي خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن، جايلاردىكى بەگلەرنى تەڭشىمەكچى بولغاندا ، گاۋزۇڭ خان بۇنىڭغا قوشۇلماي، ئۇنىڭغا:" بەگلەر بىزنىڭ ئىتائەتمەن  كونا ئادەملىرىمىز، ۋەقە تۇغۇلسا ، ئۇلار خېلى كۈچ چىقىرىپ خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك پايدىنى كۆزلەيدىغان ئىشىغا كەلسەك، بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش، شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ئىشلارنى ئۇلاردا سادىر بولمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ مەكتۇپىڭىزدا دېيىلگەندەك ئىشلار بولىۋاتىدۇ، دېگەن تەغدىردىمۇ، ئېنىق پاكىت يوق تۇرسا، ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشىنىپ كەتكىلى بولسۇن؟" دەپ رەدىيە بېرىدۇ.
     چيەنلوڭنىڭ 31-يىلى (1766-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭ يەكەندىن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ.   بۇ چاغدا قۇمۇلدا ئادەم كۆپىيىپ قالغانىدى. يۈسۈپ ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىدىن قۇمۇلدىن 500ئائىلىنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى  ئسىھاق قۇمۇل كۆچمەنلىرىنى باشلاپ ئىلىغا بارىدۇ. ئىسھاق ئىلىدىن قايتىپ كەلگەندە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەيجى ئەمىلىگە ئېرىشىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 31-يىلى (1767-يىلى) 12-ئايدا ، يۈسۈپ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىپ كېتىۋېتىپ ، سەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە كەلگەندە ، يۈسۈپكە چېچەك چىقىپ، داۋالاش كار قىلماي ۋاپات بولىدۇ. ئىبراھىم جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ  پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە ، چېچەك يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئۇمۇ قازا تاپىدۇ. يۈسۈپ ئاتا-بالا كېسەل بولغاندا، گاۋزۇڭ خان تېۋىپ، دورا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن، دەپنە ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 500سەر تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ. يۈسۈپنىڭ ئايالىغىمۇ 500سەر تەڭگە نەپەقە بېرىدۇ.
     زىگۇاڭگې سارىيىدىكى 50 تۆھپىكارنىڭ سۆرىتى ئىچىدە يۈسۈپ ۋاڭنىڭمۇ سۆرىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇلغان:
     يۇرتنىڭ سەركەردىسى ، قۇمۇلنىڭ ئىنانچىغان دەرىجىلىك بېلىسى يۈسۈپ ئۆز جەمەتى ئارىسىدىكى ئابرويلۇق زات، ئۇزۇندىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرغان، ھەربىي ئىشلاردا بىزگە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپ  تۇرغان، ئالتە شەھەرنى بويسۇندۇرغان، ئىككى تەنتەكمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ئۈچتۇرپاننى بىرلىكتە باستۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقان.

5. بەشىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئىسھاق

     بەشىنچى ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى ئىسھاق (1767-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان). چيەنلوڭنىڭ 32-يىلى (1767-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارسىلىق قىلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 36-يىلى (1771-يىلى) ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلغاندا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ كۆزلۈك _توز قانىتى سانجىلغان قالپاق ، سېرىق پەشمەت ئىنئام قىلىدۇ ۋە چيەنچىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
    يۈسۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىش بېجىرىدىغان  كۈچلۈك ياردەمچىدىن  ئايرىلىپ قالغانىدى. گاۋزۇڭ  خان كۆپ قېتىم ھازىر "قابىل ئادەملەر بەك ئازىيىپ كەتتى " دەپ ئاھ ئۇرغانىدى. ئىز باسارلارنى تەييارلاش ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاقنى تەربىيلەش قارارىغا كېلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 38-يىلى(1773-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاققا "ئاغلاقچى ئامبال" دىگەن مەنسەپنى بېرىپ، ئىلىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ نامدا  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈۋاتقان  قۇمۇللۇق ئۇيغۇر دېھقانلارنى باشقۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىلى جاڭجۇڭى شۇخۇدېدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ماھارىتى ئۆگىنىدۇ. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1776-يىلى) ئۇ قۇمۇلغا قايتىدۇ. چيەنلوڭنىڭ  45-يىلى (1780-يىلى) ئىسھاق چېچەك چىقىپ ئۆلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن 300سەر تەڭگە بېرىدۇ.

6. ئالتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئەردىشىر

    ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى (1780-يىلىدىن 1813-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) . چيەنلوڭنىڭ 45-يىلى (1780-يىلى) 11-ئايدا ئىسھاقنىڭ چوڭ ئوغلى ئەردىشىر ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
    چيەنلوڭنىڭ 46-يىلى (1781-يىلى) 1-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئەل بولغانلىقى ۋە ھەربىي جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇ يەرلەردە  "ۋاڭلىق ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قېلىش" نى رەسمىي تەستىقلايدۇ.
    بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان، ۋەزىيەت مۇقىملاشقانىدى. جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلار نۆۋەت بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى.  ئەردىشىر چيەنلوڭنىڭ 55-يىلى (1790-يىلى). چيەنلوڭنىڭ 60-يىلى(1795-يىلى)،جياچىڭنىڭ 7-يىلى(1802-يىلى) ، جياچىڭنىڭ 14-يىلى (1809-يىلى) بولۇپ تۆت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئەردىشىرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىقتىن، رېنزۇڭ خان ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم زىياپەتلەردە بىللە بولۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇ، زىيارەتكە بارغان باشقا ۋاڭ-گۇڭ ئاقسۆڭەكلەر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان ئالاھىدە شان-شەرەپ ئىدى.
    جياچىڭنىڭ 18-يىلى (1813-يىلى) 2-ئايدا ئەردىشىر قازا تاپىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى دەپنە قىلىشقا 300سەر تەڭگە بېرىدۇ.

7. يەتتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ بېشىر

      يەتتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى بېشىر (1813-يىلىدىن 1866-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان). جياچىڭنىڭ 18-يىلى (1813-يىلى) ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر ئىنانچىخان دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
     بېشىر زېرەك ئادەم ئىدى. ئۇ، چىڭ ھۆكۈمتىىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قويىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ،سىرتقى جايلاردىكى چېچەك چىقمىغان  ۋاڭ-گۇڭلار بېيجىڭغا كىرىشكە بولمايدۇ،دىگەن بەلگىلىمە بار ئىدى.  بېشىرغا چېچەك چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەمما چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، جياچىڭنىڭ 20-يىلى (1815-يىلى)8-ئايدا ، ئۇنىڭ رېخىغا (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسنىڭ چېڭدى ناھىيىسىدىكى سالقىندايدىغان  تاغلىق كەنت) كە بېرىپ، خانغا كۆرۈنۈپ قايتىشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىدۇ. جياچىڭنىڭ 24-يىلى (1819-يىلى) ئۇ يەنە بىر قېىتىم رېخىغا بارىدۇ. چېچەك چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، داۋگۇاڭنىڭ 3-يىلى (1823-يىلى) ئاندىن ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش ئارزوسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
   داۋگۇاڭنىڭ 6-يىلى (1826-يىلى) جەنوبىي شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلادى جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتتە قالىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 3000 ئەسكەر ئەۋەتىپ قۇمۇلغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن زور قوشۇن شىنجاڭغا ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلايدۇ. يول يىراق بولغانلىقتىن ئوزۇق -تۈلۈك ۋە ئوت-بوغۇز بىلەن تەمىنلەش قىيىنلىشىپ كېىتىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى گەرچە زور كۈچ بىلەن ئات-ھارۋا غەملەپ توشۇش ئىشىنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ. يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.  بۇ چاغدا بېشىر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۈز كالا ھارۋىسى تەييارلاپ دېھقانلارنى ئاشلىق توشۇشقا تەشكىللەيدۇ، ئەسلىدە ھارۋىلارنى تۇرپاندا ئالماشتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيەردىمۇ ھارۋا غەملەش قىين بولغاچقا ، بېشىر دېھقانلارنى ئاشلىقنى توغرىدىن -توغرا ئالدىنقى سەپ بولغان ئاقسۇغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.  ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جاھانگىر خوجا  مەغلۇپ بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىرنىڭ" ھارۋا تەييارلاپ ، ئەسكەرلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەن " تۆھپىسى ئۈچۈن داۋگۇاڭنىڭ 7-يىلى (1827-يىلى) 7-ئايدا ئۇنىڭغا توز پېيى سانچىلىدىغان بىر دانە ئاق قاش تېشى نەيچە، بىر دانە ئاق قاشتىېشى بارماق غىلىپى، ئېسىل كەشتىلىك بىر تون، يوغان ئىككى توپ كىمخاپ ئىنئام قىلىدۇ. دېھقانلار ھاشارغا كېتىپ قېلىپ، تېرىقچىلىققا تەسىر يەتكەنلىكى ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەتىيازدا ئۆتنە ئالغان ئاشلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
    داۋگۇاڭنىڭ 12-يىلى (1832-يىلى) 12-ئايدا، بېشىر بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلغاندا ،شۈەنزۇڭ خان ئۇنىڭ خان ئوردىسى زىجىنچىڭغا  ئاتلىق كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ھەم ئۇنى ئىنانچىخان دەرىجىلىك بېلىدىن دوروئىنانچىخانلىققا ئۆستۈرىدۇ. داۋگۇاڭنىڭ 13-يىلى (1833-يىلى) بېشىر بېيجىڭدىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالىدۇ. ئەمەلدار ، ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەت يەرلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ زىيىنى ھېسابىغا ئۆزىنى بېيىتىدۇ. قۇمۇلدا ھۆكۈمەت قارمىقىدا ئۈچ ئورۇندىلا تېرىلغۇ يەر بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشىرۋاڭنىڭ خۇسۇسىي مۇلكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىشىر ۋاڭنىڭ زۇلىمى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسى قۇمۇلدىكى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ بىردەك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. داۋگۇاڭنىڭ 25-يىلى (1845-يىلى) لىن زېشۈي بۇيرۇققا بىنائەن قۇمۇلغا كېلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەچ بېشىر ۋاڭنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شەخسى ئېچىۋالغان 10مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش توغىرلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ("تارىخنامىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىشلار" غا قارالسۇن) .
    شۇنىڭدىن كېيىن بېشىر ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇپ، كۆپ قېتىم پۇرسەت ئىزدەپ خۇشامەت قىلىدۇ. شيەنفېڭنىڭ 3-يىلى  (1853-يىلى) قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇن خىراجەتتىن ھېچقانداق قىسىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بېشىرۋاڭ ئۇلارغا ئۆزلىكىدىن 5000سەر تەڭگە تەقدىم قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئاخىر ۋېنزۇڭ خاننىڭ نەزەرىگە ئېرىشىدۇ. شيەنفىڭنىڭ 10-يىلى (1860-يىلى) بىرىنچى ئايدا بېشىر ۋاڭ خاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا ، ۋېنزۇڭ خان ئۇنىڭغا سۆسۈن چۇلۋۇر ئىنئام قىلىدۇ.  ھەمدە خان ئالدىدا مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ.
    تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) 3-ئايدا قۇمۇلدىكى خان ئامبىلى ۋېنشياڭ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ئېتىزلارنى سۇغۇرۇشنى يولغا قويغاندا ، بېشىر ۋاڭ پائال ئادەم كۈچى ۋە ماتىرىيال چىقىرىپ ياردەم بېرىدۇ. 8-ئايدا تاشۋېلىق (تالناچىن) قاتارلىق جايلاردىكى ئېرىق-ئۆستەڭ قۇرۇلىشى پۈتىدۇ. مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلىدۇ.
    بۇ چاغدا تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابىنىڭ ۋە شەنشى ، گەنسۇدىكى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن شىنجاڭدىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) 8-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇمۇللۇق خۇيزۇ ماجاۋچىياڭ  بىلەن ماخۇەن ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. نامرات ئۇيغۇر دېھقانلار بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنى ماجاۋچىياڭ بىلەن مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى ئىنتايىن قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن قىرغىن قىلىدۇ. قالغان قوزغىلاڭچىلار تۇغلۇق(توخۇلۇ) قا قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇ يەردە قوزغىلاڭچىلار ئاۋال باج-چازىسىنى بۇلايدۇ، ئاندىن تاشۋېلىققا (تالناچىن) غا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىقى ماتيەنسەي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەختكە قارشى تۆمۈرتىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن ۋاڭ قوشۇنىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ، دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىرۋاڭنى "باندىت يوقىتىش" تا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ سېرىق چۇلۋۇر بىلەن مۇكاپاتلاپ " ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ" . بىراق قوزغىلاڭ يالقۇنى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆچمەيدۇ،ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەيۋىسى بارغانسېرى ئاشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلنى پۇختا ساقلاش ئۈچۈن تۇڭجىنىڭ 4-يىلى (1865-يىلى) بېشىر ۋاڭنى ياردەمچى ئامباللىققا تەيىنلەپ ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ. شۇ يىلى 5-ئايدا خۇيزۇ خېي لاۋۋا ، ئۇيغۇر سۈپۈرگە يەنە ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن كونا شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، قۇمۇلنىڭ خان ئامبىلى زاكى داڭئانى ئۆلتۈرىدۇ. ئارقىدىنلا شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ.
    تۇڭجىنىڭ 5-يىلى (1866-يىلى ) 6-ئايدا بارىكۆل باشبۇغى خې گۇەن بارىگاھ بېگى لىن شىياڭغا لەشكەر تارتىپ، قۇمۇلغا بېرىش توغىرلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، تۇرپانغا چېكىنىدۇ، لىنشياڭ شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىپ، بېشىر ۋاڭنى قۇتقۇزىدۇ. 11-ئاينىڭ2-كۈنى سۈپۈرگە تۇرپاندىكى 4000-5000 ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ قارادۆۋىنى ئىشغال قىلىدۇ. لىن شىياڭ بىلەن ئوردا بېگى شاسېلىم 5000 ئەسكەر بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ دۆۋەجىنگە يېتىپ بارغاندا، تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراپ، پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولۇشقا تاس قالىدۇ. ئەتىسى بېشىرۋاڭ فۇجۇڭ خېنىم (ۋاڭنىڭ خوتۇنى) مېھرىبانۇنى بارىكۆلگە ياردەم سوراشقا ئەۋەتىدۇ. بېشىرۋاڭ كىچىك فۇجۇڭ خېنىم بىلەن بىللە 2000دىن ئارتۇق قالدۇق ئەسكەرنى باشلاپ سۇمقاغىدا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ،ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرايدۇ. كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتلارنىڭ ئايىقىدا دەسسىلىپ ئۆلىدۇ. شاسېلىم چېپىپ تاشلىنىدۇ. بېشىر ۋاڭ بىلەن جيەن نەۋرىسى پازىل تەيجى ئەسىرگە چۈشىدۇ. قوزغىلاڭچىلار شەھەر ئىچىنى قايتا ئىشغال قىلىدۇ. كېيىنچە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا تارقالغان " شاسېلىم چېپىپ تاشلاندى، كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتقا دەسسىلىپ ئۆلدى" دىگەن گەپلەر مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىققان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى سۈپۈرگە بېشىر ۋاڭنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما بېشىر ۋاڭ بۇنى رەت قىلىدۇ. ھەم ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ. تۇڭجىنىڭ 6-يىلى (1867-يىلى) 1-ئايدا بېشىر ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ جىيەن نەۋرىسى پازىل قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن  ئۆلتۈرۈلىدۇ. 4-ئايدا بارىكۆل باشبۇغى خې گۈەن بارىگاھ بېگى رۈي لىننى ئەسكەر تارتىپ ، قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي، قارا دۆۋىدە مەغلۇپ بولۇپ قاچىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى قۇمۇلنى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا "خوشۇت چىڭۋاڭى" دەپ نام بېرىدۇ، ھەمدە كونا شەھەردە  جاساق چىڭۋاڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇشنى ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئىبادەتخانىغا كېلىپ، تەزىيە بىلدۈرىشىنى بەلگىلەيدۇ.

8. سەككىزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەد

     سەككىزىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەد( 1867-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان). تۇڭجىنىڭ 6-يىلى (1867-يىلى) 7-ئايدا بېشىرۋاڭنىڭ ئوغلى مۇھەممەد خوشۇت چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ. مۇھەممەد تۇغما پالەچ بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى جوڭقۇرالمىغاچقا ، كىشلەر ئۇنى "پالەچ ۋاڭ" دەپ ئاتايدۇ. ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ ئۆز قولىدا تۇتىدۇ. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر مېھرىبانۇ دىگەن ئايال ۋاڭنىلا بىلىپ ، مۇھەممەد ۋاڭنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن. مېھرىبانۇمۇ بېشىرگە ئوخشاش چىڭ ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى سادىق بولىدۇ. ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان قوشۇنلىرىنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا يەرمۇ بېرىدۇ. تۇڭجىنىڭ 7-يىلى (1868-يىلى) قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار يەنە بىر قېتىم ئادالەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىدۇ. مېھرىبانۇ پائال ھەربىي خىراجەت غەملەپ، تەيجى ، بەگ ۋە ئەسكەر ئەۋەتىپ ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنىنىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. تۇڭجىنىڭ 8-يىلى (1869-يىلى) 3-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ. تۇڭجىنىڭ 12-يىلى (1873-يىلى) 7-ئايدا ، شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ  قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن ماسلىشىپ ، شەھەر ئىچىنى ئىشخال قىلىدۇ. 8-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بەي يەنخۇ مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ، مېھرىبانۇنى ۋە قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر دېھقانلاردىن 2000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بوغازغا چېكىنىدۇ. 9-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى ئۇلارنى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. بەي يەنخۇ تەڭ كېلەلمەي، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ، غەرپكە چېكىنىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى لىياۋدۇنغىچە قوغلىشىپ بېرىپ، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ. ئەمما مېھرىبانۇ بەي يەنخۇ تەرىپىدىن چىقتىمغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن ، شەھەر ئىچى خارابىيلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆي -ئىمارەت ۋە سېپىللارنى رىمونت قىلىشقا 20 سەر تەڭگە بېرىدۇ. خىراجەت يەتمىگەچكە ، مۇھەممەد چىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ 10 يىللىق مائاشى ئۈچۈن 20مىڭ سەر تەڭگە قەرز ئالىدۇ(قۇمۇل ۋاڭنىڭ يىللىق مائاشى 2000سەر تەڭگە ئىدى) . بەي يەنخۇ چىقتىمدىن تۇرپانغا كېلىپ، مىللى مەنپەئەتىنى سېتىپ، قوقان خانلىقىنىڭ ئەمەلدارى ياقۇپ بەگكە تەسلىم بولىدۇ. بۇلار مېھرىبانۇنى بۇگۈرگە ئېلىپ كېلىپ، يوشۇرۇپ قويىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى مېھرىبانۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ، ياقۇپ بەگ كۆرۈنۈشتە ئۇنى قايتۇرۇشقا ماقۇل بولغان بولۇپ، ئاستىرتتىن قومۇلغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشقا پائال تەييارلىق كۆرىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سۈيقەستىنى سېزىۋېلىپ، گۇاڭشۈينىڭ 3-يىلى (1877-يىلى) 4-ئايدا ، ئەسكەر چىقىرىپ تۇرپانغا ھۇجۈم قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى چىقتىم، پىچان، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئارقا -ئارقىدىن ئىشغال قىلىدۇ. ياقۇپ بەگ بىلەن بەي يەنخۇ غەربىي جەنوپقا قاراپ قاچىدۇ. يىل ئاخىرىدا چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى ياقۇپ بەگنى ، بەي يەنخۇنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى تۇرپاننى تارتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن قۇمۇللۇق دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇلغا قايتۇرىدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 4-يىلى (1878-يىلى) 1-ئايدا ، مېھرىبانۇمۇ چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا  قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. بۇ چاغدا ۋاڭ ئوردىسى تېخىمۇ خارابىيلىشىپ، ۋاڭنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىشىمۇ تەس بولۇپ قالغانىدى. 5-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاڭ ئوردىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى قىلىش ئۈچۈن 20مىڭ سەر تەڭگە بېرىدۇ.
     ئۇرۇش يىللاپ داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن، جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ تولىسى خەلق ئارىسىغا كىرىپ، پۇقرا قىياپىتىگە كىرىۋالغان، كونا تۈزۈلمىنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغانىدى. ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى تېزرەك قايتا تىكلەش ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى جايلاردا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىلىرىنى تەسسس قىلىدۇ. قۇمۇل ئۇرۇش ۋەيرانىچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇمۇل ۋاڭنىڭ " قول ئاستىدا ئۇيغۇرلار يەنىلا كۆپ" ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تەشكىلى ئاپىراتلىرى يەنىلا مۇكەممەل ئىدى. چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەمما قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە زۆرۇر چەكلەرنى قويۇپ، "قۇمۇل تۇڭپەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى قوشۇمچە باشقۇرىدۇ" ، " بارلىق دەۋا ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت سوراپ، ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن يوقىرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ" ، ئەگەر بەگلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ، يوقىرىنىڭ ئۇلارنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 8-يىلى (1882-يىلى) مۇھەممەد ۋاپات بولىدۇ. مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ۋە قېرىنداشلىرى بولمىغاچقا ، قۇمۇل ۋاڭىنىڭ نەسەبى مۇشۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

  9.توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت

  توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت(1882-يىلىدىن 1930-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان).
  مېھرىبانۇ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە،ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇدەك ھالى قالمىغانىدى.بۇچاغدا مېھرىبانۇنىڭ كىچىك قىزى بويىغا يېتىپ قالغان(چوڭ قىزى ھارۋا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن)،تېخى تۇرمۇشقا چىقىرىلمىغانىدى.ئەينى ۋاقىتتا،تۆمۈرتى دېگەن يەردە كوناۋاڭ بېشىرنىڭ ۋاقتىدىكى تاھىر تەيجىنىڭ شامەخسۇت دېگەن بىر ئوغلى بارئىدى.ئۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇلۇپ،بىر مالچى موماينىڭ يېنىدا ئۆسكەنىدى.مېھرىبانۇ بۇ «ئاقسۆڭەك»پۇشتىنى تاپقاندىن كېيىن،كىچىك قىزىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ.توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي،مېھرىبانۇ كۈيئوغلىنى مۆھۈر بەگلىكىگە قويۇپ،ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋالىدۇ.شامەخسۇت ناھايىتى چېچەن ھەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىۋېلىشقا ماھىر بولغاچقا،بىر نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ھەممەيلەن بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ كېتىدۇ. مۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن،ۋاڭ ئوردىسى چىڭ ھۆكۈمىتىگە قۇمۇل ۋاڭىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرىنى ۋاڭنىڭ ۋارىسى قىلىپ تەيىنلەش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى (1882-يىلى)7-ئايدا،چىڭ ھۆكۈمىتى شامەخسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەستىقلايدۇ.شامەخسۇت تەختكە چىققاندىن كېيىن،كونا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ،ھاشار ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە كۆپەيتىدۇ،ھەرخىل قەبىھ ۋاستىلار بىلەن دېھقانلارنى دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ.ئوردىنىڭ بايلىقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا كۆپىيىپ كېتىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى(1883-يىلى)،ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن ۋەيران بولغان قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قەبرىسىنى ياساشقا قۇربى يەتمىگەن شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتىدىن 10يىللىق مائاشى ئۈچۈن،20مىڭ سەر تەڭگە قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئەمما ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا،ۋاڭ ئوردىسى ئۆز چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان بولۇپلا قالماي،بەلكى چىڭ ھۆكۈمىتىگە «تەڭگە تەقدىم قىلىدۇ»غانمۇ،بولۇپ قالىدۇ. خان شامەخسۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقسىنىپ،ئۇنىڭغا،«ئۈچ كۆزلۈك گۈللۈك پەي ئىنئام قىلىدۇ،چيەنچېڭ دەرۋازىسىدىن پىيادە كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.».
    شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن،جايلاردىكى بەگلىك تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ،فېئوداللىق ھاشارلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ،ۋەزىيەت نىسپىي ھالدا مۇقىملىشىپ،ئىگىلىك تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.ئەمما ،قۇمۇلدا چىڭ ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق مەھكىمىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ناھايىتى تار بولۇپ،جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلارنىلا ئىدارەقىلاتتى.نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن يەر-زېمىننىڭ ھەممىسى قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى.ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل بولۇپ،بەئەينى دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى.شامەخسۇت مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە شارائىتتا خالىغىنىنى قىلىدۇ.ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى يەنىلا قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
    شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتىگە چەكسىز سادىق بولۇپ،ئىلگىرى-ئاخىر كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ،خاننى زىيارەت قىلىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 30يىلى(1904-يىلى)،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ نۆۋەت بىلەن پايتەختكە بېرىپ،خاننى زىيارەت قىلىش مۇددىتىنى بەش يىلغا ئۆزگەرتىدۇ.شامەخسۇتنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا،ئالدىنقى قاتارغا قويۇلىدۇ،ئۇ شۇ يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلىغان چاغدا،شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ،شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى يۈەن داخۇانىڭ ئىنقىلابنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.
    چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،شامەخسۇت بىر قانچە ئون يىل يۇرت سوراپ،ئوردىنىڭ بايلىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيتىۋالىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ شامەخسۇت ئاچكۆزلۈك قىلىپ،ھاشار ۋاقتىنى يەتتە كۈنگە ئۇزارتىدۇ.چوڭ-كىچىك بەگلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ھەرخىل سېلىقلارنى سېلىپ تۇرىدۇ.مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە ئاستىدا،ئۇيغۇر دېھقانلار دەردكە چىدىيالماي قالىدۇ.دېھقانلار قاتتىق ھارغىنلىق ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.بۇ خىل زوراۋانلىق گۇاڭشۈنىڭ 33-يىلى (1907-يىلى)كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى قوزغىلاڭغا سەۋەپ بولىدۇ.مىنگونىڭ 1-يىلى (1912-يىلى)شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە،قۇمۇلدا يەنە كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ.
    مىنگونىڭ 1-يىلى(1912-يىلى)جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلىدۇ.شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ،«جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلار ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ»غانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.دېمەك،يېڭى ھاكىمىيەتمۇ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قالىدۇ.شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى مىنگو ھۆكۈمىتى جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ،زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغاندا،قۇمۇل جاساق چىڭۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئىسمى بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
    شامەخسۇتنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن،ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ يۈەن شىكەي ئۇنىڭغا يول خىراجىتى ئۈچۈن،2000يۈەن پۇل بېرىدۇ،ياڭ زېڭشىنغىمۇ 10دانە ھارۋا چىقىرىپ بېرىدۇ.مىنگونىڭ 4-يىلى(1915-يىلى)،شامەخسۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى نەزەر بېيجىڭغا بارىدۇ.2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈەن شىكەي شامەخسۇت بىلەن ئوغلىنى قوبۇل قىلىپ،نەزەرنى بېزىلىككە كۆتۈرىدۇ؛2-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنە شامەخسۇتقا 1-دەرىجىلىك جياخې ئوردېنى تەقدىم قىلىدۇھەم ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قوش مائاش بېرىدۇ(چىڭۋاڭنىڭ يىللىق مائاشى2000يۈەن ئىدى،قوش مائاشلىق بولغاندا،4000يۈەن بولىدۇ).3-ئاينىڭ 3-كۈنى شامەخسۇتقا ھىمايىچى سەركەردە مەنسىپىنى بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن،ئۇ قۇمۇلنى باشقۇرىدىغان موڭغۇل قىزىل جىيەكلىك ئۇيغۇر قوشۇنىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق قوش چىڭۋاڭ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
    مىنگونىڭ 4-يىلى(1915-يىلى)12-ئايدا،يۈەن شىكەي كېيىنكى يىلىنىڭ سەلتەنەت نامىنى خۇڭشيەننىڭ 1-يىلى دەپ ئۆزگەرتىپ،خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇش تەييارلىقىنى كۆرىدۇ.جايلاردىكى فېئودال قالدۇق كۈچلەر كەينى-كەينىدىن يۈەن شىكەينى بالدۇرراق «تەختكە ئولتۇرۇش»قا ئالدىرىتىدۇ.جۈملىدىن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قاتارلىق 12جايدىكى موڭغۇل،ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭلارمۇ يۈەن شىكەيگە قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «تېزرەك تەختكە ئولتۇرۇش»ىنى تىلەيدۇ.لېكىن، يۈەن شىكەينىڭ رەزىل قىلمىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ،سەي ئې يۈننەندە،يۈەن شىكەينى جازالاپ،ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ.شامەخسۇت ئەكسىيەتچىل مەيداندا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ،مىنگونىڭ 5-يىلى(1916-يىلى)1-ئايدا،سەككىز ئۇيغۇر قوشۇنى(قۇمۇل،ئالتاي،ئۈچتۇرپان،باي،تۇرپان،كۇچا،ئاقسۇ،خوتەن)،قۇمۇلنىڭ قوش چىڭۋاڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن،قۇتلۇقلاش ئەمەلدارى،قوشۇمچەمۇسۇلمانلار ۋەكىلى لى چيەننى ئەۋەتىپ،يۈەن شىكەينىڭ «خان»بولۇشىغا قارشى تۇرغان «ئاسىيلار»نى قەتئىي يوقىتىپ،دۆلەتكە خىزمەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،«شاھىمىزنىڭ خانلىق تەختىگە بالدۇرراق چىقىپ،پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشىنى تەكرار سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز»دەيدۇ ھەمدە «شاھىمىزنىڭ كەمىنىلىرىگە قاراقچىلارنى جازالاپ،توپىلاڭچىلارنى باستۇرۇپ،پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىش،تەڭرىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ،مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قاۋۇل ئەرلەردىن قوشۇن تۈزۈپ،دەرھال جەنۇپقا جازا يۈرۈشى قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن»دەپ تەلەپ قويىدۇ.
    مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)نىڭ بېشىدا،شامەخسۇت ئاغرىپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ ۋە كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىدۇ.تۈرلۈك داۋالاشلار ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن،ئۇ مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىپ،گۇناھىغا توۋا قىلماقچى بولىدۇ.شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جىن شۇرىن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇپ تۇرغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،شامەخسۇتنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ماقۇل كۆرمەيدۇ.مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)6-ئاينىڭ 6-كۈنى ،قۇمۇلغا 48يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان شامەخسۇت ئاخىرى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.
   

قوشۇق يوللانمىسى
"قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى" دىن ئېلىندى
[ بۇ يازما koxuk تەرىپىدىن 2009-01-05 21:39 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2009-01-02 14:23 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 61 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى  يوللاپسىز.تەشەككۈر ئەمگىكىڭىزگە!!!!!!!!!!!!!!!!!1111
1som
| ۋاقتى : 2009-01-02 14:39 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 146
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە146دانە
شۆھرىتى: 154 نومۇر
پۇلى: 1500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولداش قۇشۇق ئورخۇندىكى ئەجىر-تۆھپىڭىزنى قەلقىڭىز ئۇنۇتمايدۇ، ھارمىغايسىز.
| ۋاقتى : 2009-01-02 16:24 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

         
   Ⅲ.باب  قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى

    مىنگونىڭ 19-يىلى (1930-يىلى)6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا،شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جىن شۇرېن شامەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەرگە ۋاقتىنچە مۆھۈردارلىق ئىشلىرىنى بېجىرىپ تۇرۇشنى ھەم ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ تۇرۇشنى تاپشۇرىدۇ.بۇ چاغدىكى ئوردىنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان-تەرىنى غالجىرلىق بىلەن شوراپ،ئۆزىنىڭ كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشىنى قامداشتىن باشقا ،ھېچقانداق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى قالمىغانىدى.ئۇ،ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر فېئوداللىق يۈك بولۇپ قالغانىدى.
    بۇ چاغدا قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتتىن ۋاڭلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى،«ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ،ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش»نى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىدۇ.قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شىجاڭى ليۇشىزېڭ رەئىس جىن شۇرىنغا مەكتۇب يوللاپ،پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ،ۋاڭلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،يەر-زېمىن ۋە پۇقرالارنى ھۆكۈمەتكە قارايدىغان قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.ئالاھەزەل شۇ ۋاقىتتا نەزەر ئۈرۈمچىگە چىقىپ،جىن شۇرىن بىلەن كۆرۈشۈپ،«ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىش»پىرىنسىپى بويىچە،ئۆزىنىڭ ۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.جىن شۇرىن نەزەرگە ۋاڭلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ،«ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ،ئالمشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش»نى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا سىلىق نەسىھەت قىلىدۇ.مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)7-ئايدا،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ،لۇڭ شيېلىن،چېن داشىڭ،جۇيۇ شيالارنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىدۇ.8-ئايدا لۇڭ شيېلىن،چېن داشېڭ،جۇيۇ شيالار كەينى-كەينىدىن قۇمۇلغا بېرىپ،قۇمۇل ۋاڭىنىڭ «تەۋەلىكىدىكى يەركۆلىمى،ئادەم نوپۇسى،بۇرۇندىن كېلىۋاتقان باج-سېلىق ۋە باشقا ئۆزگەرتىشكە ياكى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك ئىشلار»نى ئېنىقلاشقا كىرىشىدۇ.نەزەر ۋەئۇنىڭ جايلاردىكى قولچوماقلىرى فېئوداللىق ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا تەن بەرمەي،باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى باشلانغان ھامان،تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ،ئىشنى ئاقسىتىشقا ئۇرۇنىدۇ،تۇرۇپ يەر ۋە باج دەپتەرلىرىنى تاپشۇرمايدۇ،تۇرۇپ ئوردىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىنى چاتاق چىقىرىشقا قۇترىتىپ،باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.نەزەر يەنە جىن شۇرىنغا خەت يېزىپ،بىر تەرەپتىن،يالغاندىن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلغان بولۇۋالسا،يەنە بىر تەرەپتىن،«ئوردا يەرلىرىنى ئېنىقلاشنى كەچۈرۈم قىلىش»نى ۋە «بۇرۇنقى يەر-زېمىن،پۇقرالار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاشلىق بېجى،دەۋا ئىشلىرى،ئەمەلدارلارنى ئىشقا تەيىنلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار»نى ئىسلاھ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ.جىن شۇرىن بۇنى كەسكىن رەت قىلىپ،نەزەر ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارغا تۈرلۈك تىزىم دەپتەرلىرىنى تېزدىن تاپشۇرۇش توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن،باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يەر -زېمىنلىرىنى،باج ۋە نوپۇسىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى شۇ يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملايدۇ.11-ئايدا،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىسلاھ لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ،قۇمۇلدا ئۈچ ناھىيە تەسىس قىلىش،ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يەرلىرىنى ئىختىيارىي تېرىشىغا يول قويۇش،باجنى ھۆكۈمەت ئېلىشنى بەلگىلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن،قۇمۇل ۋاڭىغا ئەۋلادتىن-ئەۋلاد مىراس بولۇپ كەلگەن ئىمتىياز ۋە يەر-زېمىن،ئاھالە ، باج قاتارلىقلار ئۈزۈل -كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
     جىن شۇرىن نەزەرنىڭ قۇمۇل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن،ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى دېگەن قۇرۇق نام ئاستىدا نەزەربەنت قىلىپ قويىدۇ.
    «ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ،ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش»ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى،ئەمما جىن شۇرىن كونكرېت ئىسلاھات جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھېسسىياتىغا تېگىدىغان خاتا سىياسەتلەرنى قوللانغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئوردىدىكى كونا ئەمەلدارلار ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن،مىنگونىڭ 20-يىلى(1931-يىلى)4-ئايدا،دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ.
      مىنگونىڭ 22-يىلى(1933-يىلى)«12-ئاپرېل »سىياسىي ئۆزگىرىشى بولۇپ،جىن شۇرىن ئاغدۇرۇلۇپ،شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ.ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى ليۇۋېنلۇڭ نەزەرنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك قوغداش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەيدۇ.نەزەر قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ،قۇمۇلغا قايتىپ كېلىۋالىدۇ.بۇ چاغدا،ئۆز ۋاقتىدىكى ھەشەمەتلىك ۋاڭ ئوردىسى ئۇرۇشتا خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانىدى.نەزەرنىڭ تۇرغۇدەك ئۆي-جايى بولمىغانلىقتىن،ھەسەن ياڭخاڭنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرىدۇ.مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،شەھەر ئىچىدە بىر قانچە ئېغىز ئۆينى ئوڭشاپ كۆچۈۋالىدۇ.
    «12-ئاپرېل»سىياسى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن،مەركىزىي ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوۋېنگەننى شىنجاڭغا تەشۋىق قىلىش ۋە ھال سوراشقا ئەۋەتىدۇ.مىنگونىڭ22-يىلى(1933-يىلى)9-ئاينىڭ 2-كۈنى،لوۋېنگەن قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ،ۋەيران بولۇپ كەتكەن شەھەرئىچىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ،ئاندىن مەركىزىي ھۆكۈمەت نامىدىن نەزەرگە 1000تەڭگەبېرىپ،ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىشنى تاپشۇرىدۇ.قايتىش ۋاقتىدا لوۋېنگەن نەزەر بىلەن خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشىدۇ.نەزەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،مەركەز بىلەن ئالاقە باغلاپ،ۋاڭلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام خىيالىدابولىدۇ.لېكىن قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا،ئۇنىڭ بۇ سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.نەزەر شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈزۈل-كېسىل ئۈمىدسىزلىنىپ،چېكىملىك ۋە ئىچىملىككە بېرىلىپ،ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ،ئاخىر بېرىپ ئېلىشىپ قالىدۇ.مىنگونىڭ 23-يىلى (1934-يىلى)9-ئايدا، نەزەر ئەپيۇن سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ.
    نەزەرنىڭ توققۇز خوتۇنى بارئىدى،ئۇ ئىككى ئوغۇل،ئىككى قىز پەرزەنت كۆرگەن.
    نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىرمۇ ۋاڭلىق ھوقۇقىنىڭ قولدىن كەتكىنىگە تەن بەرمەيدۇ.قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغدا،بېشىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ،ئۇلارنى نۇرغۇن پۇل-مال بىلەن قوللايدۇ.مىنگونىڭ 20-يىلى(1931-يىلى)10-ئايدا،جىن شۇرىن ئۈرۈمچىدە نەزەربەنت قىلىپ تۇرغان نەزەر بېشىرگە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرماسلىق توغرىسىدا خەت يازغانىدى،لېكىن بېشىر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.مىنگونىڭ 22-يىلى(1933-يىلى)5-ئايدا،ماجۇڭيىڭ 2-قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ،قۇمۇل،تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ،بېشىرنى تۇرپاننىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ.مىنگونىڭ 23-يىلى(1934-يىلى)ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ،بېشىر بولسا قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ.بۇچاغدا،يولۋاسمۇ قۇمۇلغا كېلىپ،ئۆزىچە ھاكىم بولۇۋېلىپ،پۇرسەت كۈتۈپ ياتاتتى.ئۇ بېشىرنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ياقتۇرماي،ئۇنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن چەتكە قاقىدۇ.بېشىر پىچان سۇبېشىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.بۇ جەرياندا بېشىر ئەل ئارىسىدا پۇقرالارغا ئارىلىشىپ يۈرىدۇ.مىنگونىڭ 35-يىلى(1946-يىلى)ھەر قايسى ناھىيىلەردە،ئاتالمىش ھاكىم سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە،بېشىر ھەرتەرەپلىمە ھەركەت قىلىش يولى بىلەن قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولۇۋالىدۇ.1949-يىلىنىڭ بېشىدا ھاكىملىقتىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
    بېشىر زالىم،ئىشرەتپەرس بولغاچقا،خەلقنىڭ غەزىپى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى،قاينام-تاشقىنلىق ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش،زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەركىتىدە،فېئوداللارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ،بېشىرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ.1951-يىلى تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ،ئازادلىقتىن كېيىن ھەممىسى دېھقان بولىدۇ.
  

Ⅳ-باب   ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى

  
كاڭشىنىڭ36-يىلى(1697-يىلى)چىڭ ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى بويىچە قۇمۇلنى خوشۇن(خوشۇن_ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەت ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل تەشكىلىي شەكىل)قىلىپ تۈزۈپ،ئەبەيدۇللانى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىغا 1-دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ.كېيىنكى يىلى(1698-يىلى)،چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلغا ئەمەلدار ئەۋەتىپ،رەسمىي خوشۇن قۇرۇپ،قوشۇن تەشكىللەپ،ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىدۇ.1912-يىلى جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان چاغدا،قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى داۋاملىق ئېتىراپ قىلىنىپ،ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈمى بويىچە ساقلىنىپ قالىدۇ.كېيىن شامەخسۇت ئوردا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئېھتىياجى بويىچە ئۆزگەرتىدۇ.ۋاڭ ئوردىسنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاپپاراتلىرى چوڭ،ئىش تەقسىماتى ئىنچىكە بولۇپ،قۇمۇل ۋاڭىنىڭ خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدۇ.مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)،شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ،ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش»سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن،ئوردىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى يىمىرىلىدۇ.
     ۋاڭ ئوردىسى قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى،ئوردىنىڭ قاراۋۇللار يىڭى دەپ ئاتىلىدىغان 500كىشىلىك قوشۇنى بارئىدى.ۋاڭ ئوردىسىداسوت،تۈرمە،ساقچى تەسىس قىلىنغانىدى.ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى دەۋا ئەنزىلىرىنى پۈتۈنلەي ۋاڭ ئوردىسى سوراپ ھۆكۈم چىقىراتتى.خەنزۇلار بىلەن بولغان ماجرائەنزىلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىر تەرەپ قىلاتتى.ئۇيغۇر خەلقى چىڭ ھۆكۈمىتىگە باج تاپشۇرمايتتى.ۋاڭ ئوردىسىغا ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ھاشارغا ئىشلەپ بېرەتتى.ۋاڭ ئوردىسى چىڭ ھۆكۈمىتىگە مەلۇم ساندا ئاشلىق سېتىپ بېرەتتى.بۇ ئاشلىقنى ۋاڭ ئوردىسى چىڭ ھۆكۈمىتى سېتىۋالىدىغان باھادىن تۆۋەن باھادا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەجبۇرىي سېتىپ ئالاتتى.ۋاڭ ئوردىسى ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغانىدى.قۇمۇل ۋاڭى يەنە قۇمۇلدا ئىسلام دىنىنىڭ ئالىي ھوقۇقدارى بولۇپ،ۋاڭ ئوردىسىدىكى مەسچىت ۋە چوڭ ئاخۇنۇملارنى بىۋاستە باشقۇراتتى،ئاندىن بۇ ئاخۇنۇملار ئارقىلىق باشقا مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنى بەلگىلەيتتى.
     ۋاڭ ئوردىسى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق بولۇپ،ۋاڭلار ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ،خاننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى.ھەريىلى چىڭ ھۆكۈمىتىگە سوۋغات يوللاپ تۇراتتى،سوۋغاتلار ئىچىدە،ئارغىماق،قوغۇن،قوغۇن قېقى،ماتا،بۆكەن مۈڭگۈزى،بىلەي تاش،ئالتۇن-كۈمۈش،غىلاپلىق پىچاق،قول ياغلىق ،قامچا،ئۈزۈم قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار بولاتتى.بۇنىڭدىن باشقا،ئۇلار يەنە كۈمۈش بۇيۇملارنىمۇ ئالغاچ بېرىپ،باشقا مەرتىۋىلىك ئەمەلدارلارغا پارە بېرەتتى.
     چيەنلۇڭنىڭ 59-يىلى(1794-يىلى)چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مۇسۇلمانلارغا دائىر ئىشلارنى باشقۇرغۇچى زەڭگى قىلىپ قۇمۇلغا ئەۋەتىپ،ئۇنى ۋاڭ ئوردىسى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ۋاستىچى قىلغان. كېيىن مۇسۇلمانلارغا دائىر ئىشلارنى باشقۇرغۇچى زەڭگىنى ئىككىگە  كۆپەيتكەن، يېڭىدىن بىر مىرزا قويغان. بۇ ئەمەلدارلار  ئىككى يىلدا بىر ئالمىشىپ تۇرغان.
     قۇمۇل ۋاڭنىڭ مەرتىۋىسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (ئۆلكە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى مۇپەتتىش خان ئامبال، قۇمۇل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىۋاستە قاراشلىق مەھكىمە باشلىقى ياكى ئامبال)نىڭ قۇمۇل ۋاڭىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولغاچقا، ئادەتتە قۇمۇل ۋاڭى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنى خېلى ھۆرمەت قىلاتتى. يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ، ئومۇمەن ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايتتى.
    ۋاڭ ئوردىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تۆۋەندىكىچە:
    جاساق بىر كىشى: خوشۇن باشلىقى يەنى ۋاڭ . بۇنى خان بەلگىلەيدۇ.
    توسراقچى تەيجى ئىككى كىشى: خوشۇن ئىشلىرى ياردەمچىسى ۋە ياردەمچى تەيجى (ئادەتتە چوڭ تەيجى، كىچىك تەيجى دەپ ئاتىلىدۇ)، جاساقنىڭ پۈتۈن خوشۇننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.
    تۇغچى خوشۇن زەڭگىسى( قوماندان) بىر كىشى: جاساق ۋە توسراقچى تەيجىنىڭ قوماندىسى بويىچەپۇتۇن خوشۇننىڭ مەمۇرى، ئەدلىيە ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.
   مېيلى زەڭگى( مۇئاۋىن قوماندان) بىر كىشى: ۋەزىپىسى يوقىرىقىغا ئوخشاش.
   (يۇقىرىقى ئەمەلدارلارنى قۇمۇل ۋاڭى خان ئامبال ئارقىلىق ۋاسساللار مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىدۇ).
   زالەن زەڭگى(جارائېرجىن) ئىككى كىشى: سۇمۇن زەڭگىلەرنىڭ باشلىقى.
   نېرو زەڭگى(سۇمۇن زەڭگى) 13كىشى: ئاھالە -نوپۇس، يەر-تۇرالغۇ جاي، ئەسكەرلەر تەۋەلىكى قاتارلىقلارنى باشقۇرىدۇ.
   فىندىبوشكو(چەۋەنداز چېرىكچى)13 كىشى: سۇمۇن زەڭگىلەرنىڭ ياردەمچىسى.
   1-دەرىجىلىك قوغدىغۇچى بەش كىشى.
   2-دەرىجىلىك قوغدىغۇچى ئۈچ كىشى.
   5-دەرىجىلىك قائىدە-يوسۇنچى بىر كىشى.
   6-دەرىجىلىك قائىدە -يوسۇنچى بىر كىشى.
    شامەخسۇت زامانىدا كونا تۈزۈم ئاز-تولا ئۆزگەرتىلگەن. قۇمۇل ۋاڭىنىڭ قول ئاستىدا ، چوڭ تەيجى ئىچكى ئىشلارنى، كىچىك تەيجى تاشقى ئىشلارنى باشقۇرغان. چوڭ -تەيجىلەرنىڭ  قول ئاستىدا ھەر دەرىجىلىك قازى، بەگلەر بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەدلىيە، ئامانلىقنى ساقلاش، باج، ھەربىي ئىشلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ، سۇ ئىشلىرى، دىنىي ئىشلار، كاتىبات ۋە باشقا ئىشلارنى باشقۇرغان. يەرلىك مەمۇرىيەت جەھەتتە، ھەربىر كەنتكە بىردىن دورغا(كەنت باشلىقىغا تەڭ)،دورغىنىڭ قول ئاستىدا بىردىن قورمال، بىردىن مۇھتىسىپ قويۇلغان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەدلىيە،مەمۇرىي ئىشلار ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرغان. قۇمۇل ۋاڭى يەنە تىيانشان رايونى،شەھەر ئەتراپى، تۇخۇلۇلارغا بىردىن ئۈچبېگى تەينىلەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ،ئامانلىقنى ساقلىغان.
      شامەخسۇت زامانىدىكى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىملىرى تۆۋەندىكىچە:
     ۋاڭ: قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى.
     تەيجى: ۋاڭغا ياردەملىشىپ،ۋاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇ ۋەزىپىگە ئاقسۆڭەكلەردىن قويۇلىدۇ.
    چوڭ مىرزا: خەنزۇ تىلىدا خانغا يوللىنىدىغان مەلۇماتنامە، ئىلتىماس، ۋە مەكتۇپلارنى تەييارلايدۇ ھەمدە خەنزۇ ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىگە خەنزۇلاردىن قويۇلىدۇ.
    ئەلەم: دىنىي ئىشلار بىلەن ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.
    مەلۇمچى: بۇيرۇق يەتكۈزگۈچى بولۇپ،ۋاڭنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
    قازى:دىنىي باشلىق.
    چوڭ تىلماچ:چوڭ تەرجىمان.
    ئىشىكئاغا:ۋاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
    مىر غەزەپ:سوتچى بولۇپ،جازا ھۆكۈم قىلىشقا ۋە زىندان باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
    كىچىك مىرزا:ۋاڭغا ھۈججەت،بۇيرۇقلارنى يېزىپ بېرىدۇ،ئوردىنىڭ مۇقىم مۈلۈكلىرىنى ۋەكىرىم-چىقىم ھېساباتلىرىنى خاتىرىلەيدۇ.كىچىك مىرزىلارنىڭ بەزىلىرى چارۋىچىلىق ھېساباتىغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ.بۇ ۋەزىپىگە خەنزۇلاردىن قويۇلىدۇ.
    پاششاپ:ساقچى ئەمەلدارى بولۇپ،جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
    مىراب:سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
    ئۈچبېگى:ئالدىنقى سەپ قوشۇنىنىڭ ئەمەلدارى.
    تۇغ بېگى:ھەربىي قىسىمدا بايراق باشقۇرغۇچى ئەمەلدار بولۇپ،ئوردىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ۋاڭ جەمەتى ناماز ئۆتىگەندە تەرەت سۈيى تەييارلاپ بېرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
    چەپبېگى:ۋاڭ سىرتقا چىققاندا،ۋاڭنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا ماڭىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر.
    كا:ۋاڭنىڭ يېنىدا يۈرىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر.
    خەزىنىچى:خەزىنە باشقۇرغۇچى بولۇپ،ۋاڭ جەمەتىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ساقلايدۇ.
    بازار بېگى:شەھەر-بازارلاردىكى كاسىپلار بىلەن سودىگەرلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
     دورغا:كەنت باشلىقى.
     پىيادە قازى:ۋەزىپىسى قازىغا ئوخشايدۇ،ئەمما ئورنى تۆۋەنرەك،بۇ،پىيادە دېگەن سۆزدىنمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇ.
     مۇھتىسىپ:دىنىي مۇپەتتىش بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ۋاقتى-ۋاقتىدا نامازغا چىقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،ناماز ئاخىرىدا قۇرئان تەپسىر قىلىپ بېرىدۇ.
     بۆكۆل:ۋاڭ تاماق يەيدىغان چاغدا ،داستىخان سالغۇچى.
     غوپچىچى:ۋاڭ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن داستىخان يىغقۇچى.
     پىيادە پاششاپ:ۋەزىپىسى پاششاپقا ئوخشايدۇ،ئەمما ئورنى تۆۋەنرەك.
    مىراقۇل:ۋاڭنىڭ ئاتلىرىنى باشقۇرغۇچى.
     مەتەر:ۋاڭنىڭ ئۇششاق-چۈشەك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
     نەقىپ:ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
     تۇغچى:مەدەنىيەت ئىشلىرى كاتىپى.
     خەتىپ:ۋاڭ ئوردىسىدىكى نىكاھ ئوقۇغۇچى بولۇپ،كىشىلەر توي قىلسا،نىكاھ ئوقۇپ بېرىدۇ.
     قۇرمال:دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئەمەلدارى.
     قۇشبېگى:ۋاڭ ئوردىسىدىكى قۇش-ھايۋاناتلارنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدار.
     قوۋۇق بېگى :دەرۋازىۋەن.
     بۆرە بېگى:ئوۋ-شىكار ئەمەلدارى.
     كىچىك تىلماچ:كىچىك تەرجىمان.
     سەدىر:مەدرىس،مەسچىت،ۋەخپە ۋە مازارلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
     يوسول:چاقىرىش،خەت توشۇش ۋە باج-سېلىق يىغىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
     كاتىۋال:ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا مەسئۇل ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار.
     بوسۇق:يۇقىرىقىغا ئوخشاش.

   
Ⅴ-باب   قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ  يەر-زىمىن، مال-مۈلۈكلىرى
........
[ بۇ يازما koxuk تەرىپىدىن 2009-01-07 09:51 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2009-01-02 23:37 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  koxuk ئەپەندى، مەن بىر مەسىلىنى زادىلا چۈشىنەلمەي ئىسەنكىرەپ قېلىۋاتىمەن. قۇمۇل ۋاڭلىرى، تۇرپان ۋاڭلىرى دېگەن ۋاڭ ئاتالغۇسىنى بەكلا كۆپ ئىشلىتىپ كەتتۇق. ۋاڭنى نىمە ئۈچۈن شاھ، پادىششاھ، سۇلتان دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىمايمىز. ۋاڭ دېگەن ئاتالغۇنى زىيانلىق خېمىيىلىك مەسۇلاتنى ئىشلىتىپ جىسمانى ساغلاملىقىمىزنى كاردىن چىقارغاندەك، ئۇ روھىيىتىمىزگىمۇ سەل تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق ؟؟؟
| ۋاقتى : 2009-01-03 01:44 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇ ۋاڭ -گۇڭ دېگەن ناملار مەنچىڭ خانلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەچكە. تارىختا تۇرپان-قۇمۇلدىكى خەلقلەر تەرىپىدىن شۇنداق دەپ ئېيتىلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللانى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ دەپ ئاتايدىكەنىدۇق، كەينىگە بېرىپ ئىمىن ۋاڭ، يۈسۈپ ۋاڭ دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەپتىكەن. شۇڭا بۇ ناملار پەقەتلا مەنچىڭ خانلىقى تەرىپىدىن نام بېرىلگەن ۋاڭ- گۇڭلارغىلا قوللىنىلسا كېرەك. بۇ ۋاڭ -گۇڭ ناملىرى شۇلار بىلەنلا چەكلەنسە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-03 03:11 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەمەلىيەتتە ۋاڭ ئاتالغۇسى تۇرپان ۋە قۇمۇل خەلق ئېغىز تىلىدا قانچە تەكرارلانمىسۇن، ئەمما نەشىر ئەفكارىمىزدا چوقۇم خان، سۇلتان، پادىشاھ ۋە خاقان نامى بىلەن ئېلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
| ۋاقتى : 2009-01-03 14:04 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇ چاغدىكى ئاتاش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.  ۋاڭ دىگەن سۆز ئەينى چاغدا گاڭ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپتىكەن. ئىز رومانىدىمۇ  شامەخسوتنى چىڭگاڭ غوجام دەپ ئاتايدىغۇ. گەرچە بۇ نام باشقا تىلدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، شۇ چاغدا خەلق تەرىپىدىن شۇنداق ئۆزلەشتۇرۇلۈپتىكەن.
قۇمۇل رايونىدا ئوغۇل بالىلارنىڭ كەينىگە گاڭ ئاتالغۇسىنى قوشۇپ قويىدۇ،(بىز پالانى جان، پوكۇنى جان دىگەندەك) مەسىلەن : ئەخمەتگاڭ، ئىسمايىلگاڭ...

بۇنىڭغا تورداشلار نىمە دەيدىكىن؟
yol
| ۋاقتى : 2009-01-03 15:02 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
azizrosulkam

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 39 نومۇر
پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-20
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      ئايشەم ئەخمەتنىڭ <مۇھەممەت بەشىر چىڭ ۋاڭ>دىگەن كىتاۋىدا بەشىرنى تۇڭگانلار ئۇلتۇرىدۇ دەپ يېزىلغان،
بۇنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار
1som
| ۋاقتى : 2009-01-03 17:10 8 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.069463(s) query 4, Time now is:01-08 18:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation