نۆۋەتتىكى تېما : «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 286ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1420 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار

جۇڭگودا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۆت قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ<دىۋان>دېيىلىدۇ)جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش <دىۋانشۇناسلىق>نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى.

<دىۋان> 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم دۇنياسىدا، قايتىدىن نامايان بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن. جۈملىدىن ئۇنى جۇڭگودا ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى تولىمۇ تەسىرلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى تەپسىلاتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، <دىۋان>نى ئىسمائىل داموللىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى: ئىسمائىل داموللا (ئىسمائىل ئابابەكرى، 1902-1954)، كاشغەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەنگەر كەنتىدە تۇغۇلغان.1906-1920-يىللىرى بەشكېرەمدىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ۋە ئاتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1920-1924-يىللىرى كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە بىلىم ئالغان. 1924-يىلى كاشغەر خانلىق مەدرىسىنى تاماملاپ، غۇلجىغا چىقىپ1939-يىللىرىغىچە غۇلجا شەھرىدە، 1954-يىللىرىغىچە چۆچەك شەھرىدە ئىمامەتچىلىك، مۇددەرىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان.1954-يىلىدىن كېيىن يەنە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1954-يىلى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشقان. شۇ يىلى چۆچەكتە، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

ئىسمائىل داموللا 1945-1946-يىللىرى چۆچەك شەھرىدە<دىۋان>نى ئەرەب تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. بۇ ئىنتايىن شەرەپلىك خىزمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى زاماندا ئىشلىنىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بار بولغان خىزمەت ھىساپلاشقا بولاتتى.

ئىسمائىل داموللا كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا مەدرىسىنىڭ مۇددەرىسى، داڭلىق ئالىم ئابدۇقادىر (ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس كاشغەرىي، 1862-1924) داموللىنىڭ قولىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە <دىۋان> توغرۇلۇق ساۋات ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇقادىر داموللا ئىسمائىل ئابا بەكرىنى ئىلىغا يولغا سالىدىغان چاغدا، ئۆزى تۈركىيىگە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن <دىۋان>نىڭ كىلىسلى رىفئەت تەييارلىغان مىخ مەتبەئەلىك نۇسخىسىنى ئىسمائىل ئابا بەكرىگە سوۋغات قىلىپ بەرگەن ھەم كىمدە-كىم بولمىسۇن، ھەم قاچاندا بولمىسۇن بۇ كىتابنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇستازىنىڭ ئېيتقانلىرى نەچچە ئون يىل قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغان ئىسمائىل ئابابەكرى1945-يىلغا كەلگەندە <دىۋان>نى تەرجىمەقىلىش ئىشىنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى پىلانلىغان. شۇنداقلا بۇنى ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا چۆچەكتە تۇرىۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇر زىيالىسى، جۈملىدىن ئىلغار پىكىرلىك شائىر مەنسۇر روزىباقىيوۋ(تەخەللۇسى ۋەتەن ئوغلى) غا ئېيتقان. ئۇ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپلا تولىمۇ خوشال بولغان. مەنسۇر روزىباقىيوۋ ئىسمائىل داموللىغا ئۆزىنىڭ <دىۋان>دىن خەۋىرى بارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىممەتلىك كىتاب ئىكەنلىكى، چوقۇم جۇڭگودا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇبادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقالىسا، سوۋىت ئىتتىپاقىدا (ئالمۇتا ياكى تاشكەنت شەھەرلىرىدە)نەشرقىلدۇرۇپ بېرىشكە مەبلەغ ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بۇ گەپ ئىسمائىل داموللىغا قايتىدىن ئىلھام بېغىشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئىسمائىل داموللا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئىلگىرى ئىشلىگەن تەييارلىقلىرى ئاساسىدا 1946-يىلنىڭ ئاخىرىدا <دىۋان>نىڭ تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپلى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. كاشغەردىن چۆچەككە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەتتات ياسىن قارى كىتابنى خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە كۆچۈرۈپ چىققان. شۇنداقلا داموللىنىڭ ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ(1911-1989)نىڭ ياردىمى بىلەن كىتابنى ئەينى زاماندىكى كىتابەتچىلىك ئۆلچىمى بويىچەتۈپلىنىپ، كۆن بىلەن پاتلىنىپ مۇقاۋىلانغان. بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە چۆچەك شەھرى، جۈملىدىن تارباغاتاي، ئالتاي، ئىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە تارقالغان. چۆچەك شەھرىدە چىقىدىغان ئۇيغۇرچە گېزىتلەردە خۇش خەۋەر سۈپىتىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا، يەنى 1946-يىلى10-ئاينىڭ بېشىدا چۆچەككە خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ئىسمائىل داموللا بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقىنىڭ خاسىيەتلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى، بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى چىن قەلبىدىن قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى، ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغانلقىنى، كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىشىنى، مۇمكىن بولسا باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ياردەملەشتۈرۈشنى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان، ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ئاجرىتىپ نەشر قىلدۇرۇپ كەڭ تارقىتىشقا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسمائىل داموللا<دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1955-1956-يىللىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىدىكى خادىملار(مەسىلەن، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار) باشقا قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە قوليازمىلار قاتارىدا <دىۋان>نىڭ ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمەقىلىنغان نۇسخىسىغائەھمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئوقۇپ تەكشۈرۈپ كۆرگەن، ھەم ئۇنىڭغا نومۇر قويۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسىدا ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ يىللاردا تەييارلانماقچى بولغان <ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى>ئۈچۈن، يېزىلىدىغان ماتېرىيالغا بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتنى كىرگۈزگەن. بۇنى ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى(1922-2000)ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. يەنى ئۇ ئەينى يىللىرى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمەقىلىنغان نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ۋە ئەينى يىلى ئورىگىنالىنى تەييارلىغان <ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ<دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>ئەسىرى>ناملىق ماقالىسىدە بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن. (بۇ ماقالە كېچىكپرەك <شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>نىڭ1981-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان). ئابلىمىت روزىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: <لۇغەتت تۈرك>كىتابى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭدا، شۇنداقلا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا تۇنجى نۆۋەت قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

بىرىنچى قېتىم، 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چۆچەكلىك ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن <دىۋان>نىڭ1-تومى تەرجىمە قىلىنغانىدى. تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ يېڭى بولۇشىغا قارىماي، <دىۋان>دابېرىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ئەرەبچە ئىزاھاتلىرى ۋە شەرھى، قەدىمىي تىللارنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ئىمكان بار تولۇق ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.لۇغەتلەرنى تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئىسىملارغا ئوخشاش مەستەرلەر(پېئىلنىڭ ھەرىكەتنامى)نى ئالدىغا قويۇپ، بەزى لۇغەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئىزاھلار بىلەن قۇشۇمچەقىلىپ، خېلى قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، ئۆز تىلىدا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي بەزى ئەرەب ئاتالغۇلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكىگە قارىماي، بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. 1954-1956-يىللىرى ئىشلىنىپ، ش ئۇ ئا ر مۇزېيىغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدە بېسىپ چىقىرىلغان<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتولىكى>ناملىق كىتابنىڭ 39-بېتىدە، ش ئۇ ئا ر مۇزېيىغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق ئۇچۇر بېرىلگەن:

<تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى>، نومۇرى59،72، بۇ نۇسخا بىرىنچى تومنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، 1946-يىلى چۆچەكتە مەرھۇم ئىسمائىل داموللا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىدىن، <ئەھمەد زىيائى1953-1954-يىللىرىدىكى، (ئەمەلىيەتتە 1951-1953-يىللىرى تەرجىمەقىلغان)نۇسخا كۆزدە تۇتۇلغان- نەقىلچىدىن>پەرقى، بۇنىڭدا تەرجىمان تولىراق ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگەن، ئەمما تىلىدا خۇددى ئەرەبچىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغاندەك تولىراق ئەرەبچە ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان. ھەجمى: بويى 37، ئىنى29، قېلىنلىقى4 س م، 232بەت>

بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، ئسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ كىتابەت قىلىنغان <دىۋان>نىڭ بىر نۇسخىسى ئەينى زاماندا ش ئۇ ئا ر مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارلىقىغا ئېلىنىپ شۇ ئورۇندا ساقلانغان ئىكەن.

ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ(1918-2002)ئەپەندى بىلەن 200-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى(جۈمە)چۈشتىن كېيىن ئائىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە مەزكۇر ماقالە ئاپتورىغا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

1953-يىلى 9-ئايدا كاشغەردىكى(ۋالىيلىق)خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە، بىر كۈنى كەچتە يوچۇن بىر ئادەم ئىشىكنى چېكىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشى ئۆزىنى بىرتونۇشتۇرۇپ، ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بوغچىسىنى يېشىپ، <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ تەرجىمىسىنى ئالدىمدا قويۇپ:- ئاڭلىسام سىلى كاشغەردە ئەھمەد زىيائى ئەپەندىگە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرۇپتىلا، مەنمۇ خېلى بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ چىققانىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بۇ كىتابنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئوخشايمەن، مۇبادا ئەھمەد زىيائى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، مەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى قۇشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار ياكى سېلىشتۇرۇپ پايدىلانساڭلار كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى، دېگەن. شۇنداق قىلىپ سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى بۇ تەرجىمە نۇسىخىسىنى ئېلىپ قالغان.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىن مەلۇم كىشى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ<دىۋان>نىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى(يەنە بىرى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى)تەشكىل نامىدىن ئېلىپ كەتكەن. سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئاشۇ قېتىم <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇكىشى ئۆزىنى ساۋەنلىك دېگەندەك قىلغان دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. ماقالە ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە بۇ يوچۇن مېھمان ئىسمائىل داموللا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاساسىي قىلىپ مۇنۇلارنى دېيىشكە بولىدۇ: بىرىنچىدىن، ئىسمائىل داموللىنىڭ كەلگەن يېرى بىلەن بىر يول بولغانلىقى ئۈچۈن، سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا ئاشۇ مىھماننىڭ كەلگەن يېرىنى ساۋەن دەپ قاراپ، ساۋەن بىلەن چۆچەك ئارىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن،ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ، دەسلەپ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر مەزگىل تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈسۈپبەگ مۇخلىسوۋ، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ نۇسخىنى كۆرگەن ۋە ئوقۇغان. ئۈچىنچىدىن، بۇ تەرجىمە نۇسخا شۇ يىللاردا ش ئۇ ئا ر مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس نومۇرقويۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان. جۈملىدىن<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتالوگى>ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان. تۆتىنچىدىن، ئىسمائىل داموللا 1953-1954-يىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش يېغىنىغا قاتناشقان(1).

مەزكۇر ماقالىنىڭ لوگىكىلىق تەرتىپى بويىچە بولغاندا، ئىسمائىل داموللا نېمە سەۋەبتىن <دىۋان>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغان، ئۇ تەرجىمىدە ئاساس قىلغان ئەرەبچە نۇسخىنى نەدىن تاپقان؟ دېگەن مەسىلىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى 18-19-ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باشقا بىر قاتار بولمىغۇر كەيپىياتلارغا ئوخشاش، ئېغىر مەنىۋى كىرزىس يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەھۋالدا قەدىمكىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە سەل قاراش، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى، بۈيۈك دانىشمەنلىرى، زەبەردەست يول باشلىغۇچىلىرىنى بىلمەسلىك، ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستىن چىقىرىپ قويۇش، گالۋاڭلىق، قاششاقلىق، نادانلىق قاتارلىق ناچارئىللەتلەر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان. <قۇتاغۇبىلىك>،<دىۋان> غا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىنىڭ يازما نۇسخىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قوللىرىدا ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى يارىتالمىغانلىقى بۇنىڭ بىر كىچىك مىسالى. مۇنداق ئەھۋالدا ئىسمائىل داموللا ھەرقانچە بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، يولى كەڭ بىر زات بولغان بولىسمۇ، لېكىن ئەينى چاغنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك شارائىتىدا تاساددىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ، <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشتەك چوڭ ئىشنى قولغا ئېلىشنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. ئىبراھىم مۇتئى، ئابلىمىت روزى، ئوسمان مۇھەممەد ھاجىم(1918-2000)، مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(ئىشقىي، 1914-1990)،شىرىپ خۇشتار قاتارلىقلار بىلەن 1981-يىللاردىن تاكى 2008-يىللارغىچە(بۇلارنىڭ ئىچىدە ھايات بولغانلىرى بىلەن)ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن بىلىنىشىچە، شۇنداقلا بۇ پېشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق كاشغەردە ئۆتكەن ئۆلىمالار شىنخەي ئىنقىلابى (1911-يىلى)دىن كېيىن چەت ئەللەردە ئوقۇش جەريانىدا تۈركىيىگىمۇ بارغان، ھەم 1915-1917-يىللىرى كىلىسلى رىفئەت تەرىپىدىن تاييارلانغان <دىۋان>نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ، ئىخلاسمەن ئۈلپەتلىرى، كاشغەرنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرى ھېسابلانغان ئۆلىمالىرى بىلەن ئورتاق مۇتالىئە قىلىشقان. شۇنداقلا بىرگە تەرجىمە قىلىپ، ئانا تىلىغا ئاغدۇرۇپ ئۆز خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىپ بۇ ئىشقا چىن دىلىدىن نىيەت قىلىشقان. ئەپسۇسكى، خىلمۇ-خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى تاماملىيالماي قالغان. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن ھېسابلانغان ئىسمائىل داموللا كاشغەرخانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، مۆھتەرەم ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە <دىۋان>توغرۇلۇق ئوتلۇق لېكسىيلەرنى ئاڭلىغان، مۇبارەك كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئىسسىق، پاك قولى بىلەن تۇتۇپ باققان، ئالتۇن قۇرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ باققان. يەنە داموللا جۇشقۇن تالىپلىق ۋاقىتلىرىدا، بۈيۈك ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللىنىڭ <دىۋان>نى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى خىياللىرىغا ماسلاشقان، جور بولغان. يەنە تېخى ئابدۇقادىر داموللا ئۆزى تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن <دىۋان> نۇسخىسىدىن بىرنى باشقا كىتابلار قاتارىدا ئىسمائىل ئاخۇنغا سوۋغات قىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋەقە ھەم جەريان، ئىسمائىل داموللىدا <دىۋان>دىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل تەۋەررۈك كىتابنى ئەرەب تىلىدىن ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك خاسىيەتلىك ئىشنى قولغا ئېلىشقا سەۋەب بولغان بولۇشى كېرەك دېگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرلىغان(2).

<دىۋان>نىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چۆچەك شەھرىدە تەرجىمە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىشلار قاتارىدا يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ سۆزلەپ ئۆتمەي بولمايدۇ.

تارىخىي ماتىرىياللارغا قارىغاندا، 1932-يىلى چۆچەكتىكى ئۆلىما-زىيالىيلارئەستايىدىل كېڭىشىپ، چۆچەك شەھرىدە بىر قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا <مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى >دەپ نام بەرگەن.ئەسلىدە بۇ مەكتەپكە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىسىم قويۇش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن مىلىتارىست جىن شۇرىننىڭ مائارىپتىكى تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپ نامى قىسقارتىلىپ، يەنى<كاشغەرىي> دېگەن سۆز ئېلىۋېتىلىپ يۇقىرىقىدەك ئاتالغان. چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە <مەھمۇدىيە مەكتىپى>دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان(3).

بۇنىڭدىن چۆچەك خەلقى 1930-يىللاردىن باشلاپلا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىدە بولۇپ بولغان ياكى چۆچەكتە ئىسمائىل داموللىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشىنىڭ مەنىۋى ۋە مىللى ئاساسىي تۇرغۇزۇلۇپ بولۇنغان، شۇنداقلا شەرت -شارائىتلىرى ئاساسەن پىشىپ يېتىلىپ قالغان، ھەمدە ئۆلىما-زىيالىيلارنىڭ زۆرۈرىي خىزمىتىگە ئايلىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللار ئىسمائىل داموللىنى تەخىرسىزلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك.

ئىسمائىل داموللا پەقەت بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بىر دىنىي ئۆلىما بولۇپ قالماستىن، پەننىي بىلىملەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئالىم كىشى بولغان. تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزى دورا ياساپ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ھەۋەس باغلىغان، شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆڭلى ئويغاق، ھېسسىياتلىق ئەدىبلەردىن بولغان. ئۇ ۋاقىت چىقسىلا ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەلىشىر ناۋايى، جالالىددىن رۇمىي، ئابدۇراخمان جامىي قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇغان، مۇتالىئە قىلغان، ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى بالىلىرىغا ئەلىشىر ناۋائىي ھەزرەتلىرى بىزنىڭ بۈيۈك شائىرىمىز، ئۇ ئاتا-بوۋىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىنتايىن پاساھەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، بالىلارغا چۈشەندۈرۈش، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ، مۇتالىئە قىلىپ، مەنىۋى نەپكە ئېرىشىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىز دېگەنلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلار ، قوليازمىلاربولغان. ئۇلارنى ئۆزى پايدىلىنىپ قالماستىن، ھاجەتمەنلەرگە ، تالىپلىرى، ئىلىمخۇمار كىشىلەرگە بېرىپ تۇرغان. ئۇۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بىرقىسىم كىتابلىرىنى بەزىلەر چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، بىرقىسمى ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىكى يېقىن -يورۇقلار، جۈملىدىن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىكى بىر قانچە كىشىلەر ئېلىپ كېتىشكەن.

ئىسمائىل داموللا خەلقچىل، مىللەتنى، يۇرتنى سۆيىدىغان ئالىيجاناب روھقا ئىگە ئەزىمەت بولۇپ، ھەرخىل ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەرمىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى قۇرۇشتەك شەرەپلىك ئىشىنى ئورتاق كېڭەشكەن، چۆچەككە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قارشى ئېلىشقا چىققان نەچچەمىڭ ئاممىغا كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئەۋزەللىكلىرى توغرىسىدا بىر قانچە رەت نۇتۇق سۆزلەپ، چۆچەك خەلقىنىڭ ۋەتەننى، كومپارتىينى، مىللىي ئاپتونۇمىيىلىك رايون تۈزۈمىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ھىمايە قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغان(4).

ئىسمائىل داموللىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ، <دىۋان>نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى قالتىس ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ دېرىكى ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان، تەتقىقات سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى كېيىنكىلەرگە ئەسلىشىنى، ئىزدىنىشىنى، ئىلھام ئېلىشىنى ۋە قەدىرلىشىنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغان. دېمەك، ئۇنىڭ ئەجدادلار تەرىپىدىن ياندۇرۇپ بېرىلگەن ئىلىم-مەرىپەت چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىنىم تاپماي ئىشلەپ، بۇ خىل چىراغنى ئەۋلادلار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى كېيىنكىلەرنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.

ئىككىنچى، <دىۋان>نى ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى. <دىۋان>نىڭ تەرجىمىسى ئىككىنچى قېتىم ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى(1913-1989)تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەريانى مۇنداق بولغان: يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەلق ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئشلارنى ئىشلارنى ئىشىلىگەن. شۇ قاتاردا كونا قوليازمىلارنى ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭدىكى بەزى مۇھىم ماتىرىياللار ئارخىپلاشتۇرۇلغان. شۇ قاتاردا كاشغەردىمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. 1951-يىلى 7-ئايدا سەيدۇللا سەيپۇللايوپ كاشغەر ۋىلايىتىگە ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ(1913-1994)مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە يەرلىك ئاخباراتلارنى رەتلەش ئىشىغا ياردەملىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق سەيپۇللايوپ ئەپەندىگە تەكلىپ بەرگەن. سەيپۇللايوپ ئۆلكە مەسئۇللىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. جۈملىدىن خىزمەت تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ بىلەن بىرگە كاشغەرۋىلايىتىگە تەۋە كانسۇ رايونىغا بارغىنىدا، كېسەك قۇيۇش ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنى جىپ ماشىنىسىغا ئېلىۋېلىپ بىرگە كاشغەر شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن. ئەھمەد زىيائى سىرتقا چىقماسلىق بەلگىلەنگەن ئورۇندا <دىۋان>نى ئەرەبچە نۇسخىسى ئاساسىدا تەرجىمەقىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. يەنى ئۇنىڭ كۈندە تەرجىمە قىلغان قىسمى بەلگىلەنگەن خادىملار تەرىپىدىن ئاكىسى مۇھەممەدخان پەيزى (1909-1975)نىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغان(5). مۇھەممەدخان پەيزى بولسا خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە ئۇدۇللۇق كۆچۈرۈپ چىققان. بۇ ھەقتە ئەينى زاماندىكى ئىشلارنى بىلىدىغان، ئاڭلىغان، تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى <ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>ئەسىرى>ناملىق ماقالىسدە مۇنداق يازغان:

<دىۋان>نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىسى 1952-1954-يىللىرى(بۇ يىلنامە خاتا بولۇپ قالغان- نەقىلچىدىن)جۇڭگو كومۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ بىرىنچى ۋالىسى سەيدۇللا سەيپۇللايوپنىڭ قىزغىن تەشەببۇسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھەتتا ماددىي جەھەتتىن خالىسانە ياردىمى ئارقىسىدا، يولداش ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تولۇق ئۈچ توم ئىدى. ئۇ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇپ، تىل ئۇسلۇبى، ئەسلى سۆزلەرنىڭ توغرا تىرانسىكرىپىيىسىدە بېرىلىشىگە خېلى كۈچ سەرپ قىلغان. بولۇپمۇ، تەرجىمىنىڭ قوليازمىسى پۈتكەندىن كېيىن، 8 باسما تاۋاقلىق دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەسەرنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىسى، سول تەرىپىگە ئۇنىڭ تەرجىمىسى بېرىلىپ، ئەرەب خېتىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدە كۆچۈرۈلگەن. 1956-يىلى<دىۋان>تەرجىمىسىنىڭ بۇ نۇسخىسىنى كاشغەرنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىمالىرىدىن شائىر، مۇددەرىس مۇھەممەدخان مەخسۇم(پەيزى) داموللا، (كاشغەر شەھرىنىڭ)جانقورغان مەھەللىسىدىن مۇددەرىس مۇھەممەتئىمىن ھاجىم،(يەنە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن-نەقىلچىدىن)قاتارلىق ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۆلىمالىرى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۈچ تومنىڭ ئاخىرقى بېتىگە: <تەرجىمان ئەھمەد زىيائى ئەپەندى (دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك)ناملىق ئەسەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان. بىز ئۇنىڭ ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ ئۆز مۆھۈرلىرىمىزنى باستۇق>دەپ ئىمزالىرىنى قويغان.(6)

ئىزاھات: ئابلىمىت روزى ئەپەندىنىڭ بۇ بايانىنىڭ ئاساسىي روھى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، بىراق تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىت، يەنى1952-1954-يىللىرى سەل كەينىگە كەتكەن، چۈنكى سەيدۇللايوپ ئەپەندىنىڭ كاشغەردە خىزمەت ئىشلىگەن ۋاقتى بولسا ئەمەلىيەتتە 1951-1953-يىللىرىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەب تىلى مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. ئەسلى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ۋاقىتمۇ 1953-يىلى9-ئايدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامىنى ئابلىمىت روزى ئەپەندى تىلغا ئالمىغان، بىراق، <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>دېگەن كىتابتا بۇ خىزمەتكە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن دېگەن (ئۆلىما)كىشىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئېيتىلغان(7).

ئابلىمىت روزىنىڭ ماڭا ئاغزاكى يوسۇندا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1955-1956-يىللىرى <دىۋان>ش ئۇ ئار يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ۋە مۇھاكىمىگە قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن 500 يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىلىپ، ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە ھەققى سۈپىتىدە بېرىلگەن. ئەھمەد زىيائى بىر قېتىم كاشغەر شەھرىگە قايتىپ بارغىنىدا بۇ پۇلنىڭ 200 يۈەنىنى ئاكىسى مۇھەممەدخان پەيزىنىڭ <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بەرگەنلىكى ھەققى ئۈچۈن ئالدىغا قويغىنىدا ئۇ كىشى تولىمۇ تەسىرلەنگەن ۋە بەكلا خۇشال بولۇپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان(8).بۇگەپنى ئەھمەد زىيائى ئابلىمىت روزىغا ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن. چۈنكى ئەينى زاماندا 500 يۈەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.

<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>ناملىق كىتابنىڭ 17-بېتىدە ئەھمەد زىيائىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشى ھەققىدە توختالغىنىدا <ئەھمەد زىيائى 1953-يىلى كاشغەرنىڭ سابىق ۋاليىسى ئىمىنوۋ ھامىدنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، ئۇلۇغ ئالىم... مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نادىر ئەسىرى <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، 1955-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان>... دېيىلگەن. بۇنىڭدا <سەيدۇللا سەيپۇللايوپ>نىڭ ئىسمى <ئىمىنوۋ ھامىد>قا، <1953-1951>يىللىرى<1954>يىلىغا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان بايانلارنىڭ روھى ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان.[

ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا 1954-1957-يىللىرىغىچە تۇرغان. ئۇنى يۈسۈپبەگ مۇخلىسوۋ، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىمىت روزى، ئەرشىدىن تاتلىق، ئابدۇرىشىت ئىسلامى قاتارلىقلار كۆرگەن ھەم مۇتالىئە قىلىش ئىستىكىدە بولغان. ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئىزدىنىشمۇ قىلغان(9).

1955-1957-يىللىرى ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا مۇزېي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، شۇ چاغقىچە توپلىنىپ، مەدەنىيەت نازارىتى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى قوليازمىلار، كىلاسسىك ئەسەرلەر مۇزېي ئىختىيارىغا ئېلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھمەد زىيائى، يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇۋ، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار90نەچچە پارچە قەدىمكى ئەسەرنىڭ كاتالوگىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، بۇلاردىن 70نەچچە پارچىسى دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىپ، <ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرىنىڭ كاتولوگى>ناملىق كىتابچە قىلىنىپ 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر تىلى ئۇسلۇبىدا بېسىلغان. كىتابنىڭ بېسىلىشىغا شىنجاڭ يەرلىك مۇزېيغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ ئىچىگە <دىۋان >توغرۇلۇق ماددىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: <تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى>1، نومۇرى 58، 129،(بۇ نۇسخا)ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن1953-1954-يىللىرى كاشغەر ۋالىيسى سەيپۇللا سەيدۇللايوپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلچىسى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىينىڭ بۇنىڭدىن 10ئەسىر ئىلگىرى ئەرەب تىلىدا يازغان <كىتاب دىۋان لۇغەتت تۈرك>ناملىق ئۇيغۇر تىلى ۋە گىرامماتىكىسىغا دائىر مەشھۇر كىتابىنىڭ تەرجىمىسىدۇر. بۇ كىتاب ئۈچ توم بولۇپ، بىرىنچى تومى 472 بەت، ئىككىنچى تومى 246بەت، ئۈچىنچى تومى 270بەتتىن ئىبارەت.>

<ئەسەرنى تەرجىمان بىر بەتنىڭ يېرىمىغا كىتابنىڭ ئۆز ئەينىنى زىر-زىۋەرلىك ئەرەب يېزىقى بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقىپ ئىككىنچى يېرىمىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى خەتتى پارسىى بىلەن يېزىپ تامام قىلغان. ئەسەر تولۇق. 1956-يىلى مۇزېي ئىختىيارىغا ئېلىندى...>

[ئىزاھات: بۇ باياندىكى 1953-1954-يىللىرى تەرجىمە قىلىندى دېگەن مەزمۇن يەنىلا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، بىراق قالغان مەزمۇنلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى.]

دېمەك، ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر مۇزېيىدا ساقلانغان.

تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ 2000-يىلى10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى ئاغزاكى بايانىغا قارىغاندا، <دىۋان>نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ قەدىمكى قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىپ كەلگەن ھەمدە مىرسۇلتان ئوسمانوۋ بۇ قوليازما نۇسخىسى ۋە بۇ نۇسخنىڭ ئاخىرىغا ئەھمەد زىيائىي ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان <مەن بۇ كىتابنى كاشغەر ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللايوپنىڭ ئەمرى بىلەن كاشغەردە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم>دەپ يېزىپ قويغان ئېنىق قۇرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بىراق ئاپەتلىك <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>نىڭ باشلانغان يىلى، يەنى 1966-يىلى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مەسئۇلى مەلۇم بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئىشخانىسىدا كونا كىتابلارنى يىغىپ ساقلىغان دەپ تەنقىد قىلىنىپ، ئەدەپلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، <دىۋان>نى، يەنە <قۇتاغۇبىلىك>نىڭ 1940-يىللاردا ئۈرۈمچىدە نامەلۇم بىر ئۆلىمانىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى قاتارلىق بىر قانچە كونا كىتابلارنى قوشۇپ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ئاشكارە كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بۇ قېتىمقى كۆيدۈرۈلۈش جەريانىنىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

ئەھمەد زىيائى <دىۋان >نى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان؟ بۇ ھەقتە شائىر ئەھمەد زىيائى ھايات چېغىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: <1948-يىلى مەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، نەنجىڭغا سەپەر قىلدىم. نەنجىڭغا بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگىنمىدە مېنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلىدىغان مۇنداق بىر ئىش بولدى: مەن ئەقلىمگە كېلىپ شۇ كۈنگىچە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە كۆرەلمىگەن ئىككى نادىر ئەسەر <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك> ۋە <قۇتاغۇبىلىك>نى ئۈرۈمچىدىكى <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈتۈپخانىسى>دا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ كۇتۈپخانىدىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر -تۈرك تارىخىغا ئائىت كىتابلار بولۇپ، شۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە <قۇتاغۇبىلىك>نىڭ پەرغانە نۇسخىسى<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ مىسىر نۇسىخىسىدىن ئۈچ توم بار ئىكەن. >مەن نەنجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن شۇ كۇتۇپخانىدا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم شۇ گۆھەر ئابىدىلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. كېيىنكى چاغلاردا بىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>بىلەن <قۇتاغۇبىلىك>شۇ كۈتۈپخانىدىكى كىتابلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن(12).

بۇ باياندىن، <دىۋان> كاشغەردە شائىر ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار ئەينى زاماندا ئۈرۈمچى شەھرىدە ئېچىلغان <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۈپخانىسى>غا قويۇلۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ۋە كېيىنكى كۈنلەرگىچە ئىلمىي خادىملارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قېلىنغان نۇسخىسىنى تېپىپ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى ئوقۇلىدۇ.

[ئىزاھات: <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈتۈپخانىسى> بولسا 1945-يىلى مەلۇم، مەلۇم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسى كىتابلىرى ئاساسىدا ئاچقان كۈتۈپخانا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نەنلىياڭ كوچىسى (ئاياق مەھەللىسى)غا تەسىس قىلىنغان. (13).]

بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان(14). كاشغەردە سەيدۇللا سەيپۇللايوپ، ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ قاتارلىقلار بولسا بۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلاشقان. ھەتتا بۇ ئىككى رەھبىرى كادىر شەخسى يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. (15).ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك بولغىنى، ئەينى زاماندا دۆلەت تېخى يېڭىلا ئازاد بولغان، يېڭى جۇڭگو تېخى بالىلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دېگەندەك تۇراقلىشىپ كېتەلمەيۋاتقان، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيۋى قارىشى ئازاد بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى كىتابلارنىڭ قەدرىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقان، بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسياتى تەۋرىنىپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا <دىۋان>نىڭ تەرجىمەقىلىنىشى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل تولىمۇ زور ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئىدى.ئەينى زاماندىكى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئىلمىي خادىملار يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، مىللى ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا ئورۇنلىغان، ئېغىر بېسىملارغا بەرداشلىق بەرگەن، قاتمۇ-قات قىيىنچىلقلارنى يەڭگەن، تەقدىرى بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلغان.

تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كەسىپداشلاربىلەن ئالاقىلىشىپ<دىۋان>نى نەشر قىلىش ئىشىنى قولغا ئالماقچى بولغان. 1956-يىلى نەشىرىيات رەھبەرلىكىگە بۇ توغرۇلۇق ئىلتىماس يازغان. ئىلتىماس نەشرىيات ئارقىلىق باش مىنىستىر جۇئېنلەيگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر ئىلتىماسنى كۆرۈپ، <ئەگەرئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كىلاسسىك ئەسىرى بولسا، چوقۇم نەشىر قىلىپ چىقىرىڭلار>دەپ تەستىق سالغان.(16).شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇتئى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان <دىۋان>نىڭ ئورىگىنالىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يازغان. خەت شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلار ئۆز يولىغا چۈشكۈچە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن <دىۋان>نى نەشىر قىلىش ئىشى كېچىكىشكە توغرا كەلگەن.

ئۈچىنىچى، <دىۋان>نى ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى. <دىۋان> 1965-1960-يىللىرى ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى ، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.بۇ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولغان:

ئۇيغۇر سايرانى 1950-يىلى 10-ئايدىن 1956-يىلى 9-ئايغىچە ئالمۇتادا مۇئاۋىن كونسۇل ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن تۇرۇپ قالغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا ئۇنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى قادىر ھەسەنوۋ، ئايالى، تىلشۇناس ئايشەم شەمىيۋالار ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرغان. مېھماندارچىلىققا يەنە بىر قازاق ئالىممۇ چاقىرىلغان ئىكەن. داستىخان ئۈستىدە قازاق ئالىمى ئۇيغۇر سايرانىغامۇنداق دېگەن: <گېزىتتىن ئاڭلىدۇق، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلۇپتۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ، سىزگە دەپ قويىدىغان بىرگەپ بار، ھازىر بىر مەشھۇر ئەسەر بار، ئۇنى تاشكەنىتتە(نەشىر قىلىش ئىشىنى)ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلار ئەسەر بىزنىڭ دەۋاتىدۇ، مەن ئۇلار كۆرسەتكەن ئاساسلارنى كۆرۈپ باقتىم. لېكىن بۇ ئاساسلار ئاساس دېگۈچىلىكى يوق ئاساسلار ئىكەن. ئەگەر ئاساس كۆرسىتىمىز دېسەك، بىزنىڭ ئاساسىمىز ئۇلارنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك. لېكىن، بۇ ئەسەر سىلەرگە تەۋە، ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرنى سىلەر ئىشلەڭلار> دېگەن گەپنى قىلغان(17).ھەم بۇ ئەسەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <دىۋان>نى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ گەپ ئۇيغۇر سايرانىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر قانچە يىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇش، ئورگان تەسىس قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، <دىۋان>نىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەشنى قولغا ئالغان.ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى بولسا مۇنداق بولغان: يولداش بۇرھان شەھىدى 1956-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى قۇشۇمچە ئاكادېمىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەم ئارقىدىنلا بېيجىڭغا پۇل ھەل قىلىش ۋە بەزى خىزمەتلەرگە كۆرسەتمە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، بۇرھان شەھىدى ئەپەندىگە <دىۋان> توغرۇلۇق ئالمۇتادا ئاڭلىغان گەپنى ئېيتىپ، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن. بۇرھان ئەپەندى دەرھال ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ، ھەم <دىۋان>دىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيىدىن 1945-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۈلپەتلىرى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان <دىۋان>نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئېلىپ ئۇيغۇر سايرانى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭفۇغا باشقا خىزمەتلەر قاتارىدا <دىۋان>نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى تەرجىمەقىلىش ئىشىنى ئېيتقان. جاڭ جىڭفۇ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشنىڭ، ئاساسلارنىڭ تولۇق ۋە كۈچلۈك بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى جېكىلىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر سايرانى ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىگەچ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان ئۆزبېكچە نۇسخىسى ۋە تۈركىيىدە بېسىلغان ئەرەبچە نۇسخىسى قاتارلىقلار تەق قىلىنغان.بۇرھان ئەپەندى ئۆزىدىكى <دىۋان>نىڭ نۇسخىىسنى ئۇيغۇر سايرانىغا بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سايرانى تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىسىغا، ئەرەب تىلى مۇتەخەسىسى مۇھەممەد سالىھ ئەرەبچە نۇسخىسىغا قاراپ <دىۋان>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. 1965-يىلى بۇ خىزمەت ئۇتۇقلۇق ئاخىرلىشىپ، ئاكادىمىيە رەھبەرلىكىگە نەشىر قىلىش ياكى ماي بوياق نۇسخىلىق قىلىپ بېسىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىش تەكلپى بېرىلگەن.ئەپسۇسكى ئاپەتلىك <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> باشلىنىپ كېتىپ، مىڭ بىر جاپادا ئىشلەنگەن <دىۋان>نىڭ تەرجىمە ئورىگىنالى ئۆكتەم- كۆكەمە <قىزىل ئىسيانچىلار>تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن.(18).تېخى <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىق خاسىيەتلىك ئىش بولماستىن، بەلكى بۇ ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلارنىڭ يەنە بىر گۇناھى بولۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازاسى يەنىمۇ ئېغىرلىتىلغان.
تۆتىنچى، <دىۋان>نىڭ ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى. 1977-يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن <دىۋان> بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. 1978-يىلىنىڭ دەسلىپىدە <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1978-يىلى 9-ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا سابىق ش ئۇ ئا ر يېزىق ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابباس ۋە مىللەتلەر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ باشلىقى، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش چېن خۇا رىياسەتچىلىكىدە، تىل ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا قېرىنداش ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرقاتناشقان <دىۋان>نى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئىككى مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇلغان، بۇ گورۇپپا توپتوغرا ئالتە يىل ھەمكارلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە <دىۋان>نىڭ 1-2-3-توملىرى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم 1981-1983-1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. ئۈچ تومنىڭ باش مۇھەرىرلىكىنى تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى (پروفېسور)، مۇئاۋىن باش مۇھەرىرلىكىنى ئىمىن تۇرسۇن(پروفېسور)، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ(پروفېسسور،2-3-توملىرىنىڭ)قاتارلىقلار ئۈستىگە ئالغان.1-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، داموللا ئابدۇلھەمىت يۈسۈفى، خەلق سالىخ،ھاجى نۇرھاجى، ئوسمان مۇھەممەد نىيار،سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ(ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان،تۆۋەندىمۇ شۇنداق) قاتارلىقلار، 2-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەدنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار ، 3-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەدنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار ئىشلىگەن. پۈتكۈل تەرجىمە نەشر قىلىش جەريانىدىكى چىقىمنى دۆلەت ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىلمىي خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ مۇئاشلىق خادىملىرى بولۇپ، بەزىلىرى قۇشۇمچە دۆلەتنىڭ كاماندىروپكا پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان.

<دىۋان>نىڭ خەنزۇچەنۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسىخىسى بىلەن تەڭ ئىشلىنىپ ماڭغان . بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىشى كېچىكىپ 2000-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بېيجىڭدا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 3 توم بولۇپ نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ 1-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە خې رۈي، دىڭ يى، شىياۋ جۇڭيى، لىيۇ جىڭجىيا قاتارلىقلار، 2-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شىياۋ جۇڭيى، لىيۇ جىڭجىيا قاتارلىقلار،3-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شىياۋ جۇڭيى قاتناشقان.

<دىۋان>نىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن خۇڭگودا تەرجىمەقىلىنىپ نەشر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قالتىس ۋەقە بولۇپ، جۇڭگونىڭ <دىۋانشۇناسلىق>تەتقىقاتىنى يىڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇنى ئەسلەش، مۇھاكىمە نۇقتىسى قىلىش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنەمۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بىر خىل خىزمەت.

خۇلاسە: <دىۋان>نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىي كاشغەر شەھرىنىڭ غەربىدىكى ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناسى. ئۇ كاشغەر قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار شەھەرلەدە ئوقۇپ، ئىلمىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە باغدادقا بېرىپ<دىۋان>نى يېزىپ چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ ئېچىپ مۇددەرسىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ۋاپات بولغان چاغدا يۇرتىغا دەپنە قىلىنىپ، مەخسۇس قەبرە ياسالغان. مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ قەبرىنى بىر خاسىيەتلىك ئورۇن سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن. قەبرە ئەتراپىغا قەرەللىك يوسۇندا جەم بولۇپ، كوللېكتىپ ھالدا دۇئا- تىلاۋەت قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ يەر ئىلىم ئەھلىنىڭ تەڭرىگە، دانىشمەنلەرگە، ئالىملارغا سېغىنىدىغان، ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان دەرگاھىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن.

<دىۋان>جۇڭگودىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قوشقان كاتتا تۆھپىلىرىدىن بېرى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ. بۇ قامۇس يەنە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىرقاتار خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي، تىل تارىخىي، ئەدەبىيات تارىخىي، مىللەتشۇناسلىق تارىخىي قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى ئۆز تۇپرىقىدا <دىۋان>نى ئاپىرىدە قىلىپ، جۇڭگو خەلقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار تۈركىي تىللىق خەلقلەر، جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى زوقلىنىدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەڭ گۈزەل ھاۋالىق جايى بولغان ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىنىڭ نورۇز بۇلاق دېگەن يېرىگە كۆركەم مەقبەرە ياساپ، زامانلارنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدىن ئاتلىتىپ ئالىمنىڭ ئالتۇندەك مېيىتىنى كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، جېنى ۋە تېنى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، قەرەللىك يوسۇندا تېۋىنىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللىيلىكى كۈچلۈك بولغان ئۇدۇملۇق ئادەتلىرىنى سۇسلاشتۇرماستىن دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ كەلگەن.

20-ئەسىرنىڭ كىرىپ كىلىشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ بارغان،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مۇبارەك كىتابى بولغان <دىۋان>توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە كىرىشكەن. ئاشۇ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق كاشغەرنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەزىمەتلىرى چەت ئەللەرگە، جۈملىدىن تۈركىيىگە بارغاندا ئۇ يەردە بېسىلغان <دىۋان>نىڭ نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى ۋەتەنداشلىرىغا ئىپتىخارلىق ھېسسياتى بىلەن كۆرەك قىلغان، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ سىگنالىنى چالغان.شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىلىرى<دىۋان >توغرۇلۇق مەخسۇس ئىزدىنىدىغان، ئۇنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى، ئۆز خەلقىنىڭ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى <دىۋان>غا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ، <دىۋان>تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. جۇڭگونىڭ <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىدا باشتىن ئاخىر يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز ئەجدادلارنىڭ <دىۋان> ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىي توغرۇلۇق ھارماي -تالماي ئىزدەنگەن، تىنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۈلپەتلەرگە، دەھشەتلىك خىېيىم-خەتەرلەرگە باش ئەگمەي، ئۇنى كەڭ ۋەتەنداشلىرىغا تونۇشتۇرۇش، ئىلىم نۇرلىرىدىن زوقلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى ئەسلەش، خاتىرىگە چۈشۈرۈش، ئۇ ھەقتە زامانداشلار ۋە ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىشنىڭ ئۆزىنى مۇبارەكلەشكە تېگىشلىك خاسىيەتلىك بىر خىل خىزمەت دەپ ئېيتىشقا ئاساسىمىز بار!

ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى، <دىۋان>نىڭ جۇڭگودا 1-2-3-قېتىملىق تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى يورۇقلۇققا چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئىجتىمائىي رول ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە بولغان:

بىرىنچى، <دىۋان>نىڭ قوليازمىسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدە بايقالغاندىن كېيىنلا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن جۇڭگو خەلقى بۇ كىتاب توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە كېلىپ، ئىزدىنىشكە كىرىشكەنلىكىنى تارىخىي پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلغان.

ئىككىنچى، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن جۇڭگو نىڭ <دىۋان>تەتقىقاتىدىكى ئورنىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>تەتقىقاتىدىكى ئورنىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق> تەتقىقاتىدا ئىزچىل يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىدە مۇئەييەن ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغان. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خەۋەردىن ئىلھاملانغان، مەنىۋى ئوزۇق ئالغان. ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۆسۈشىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

تۆتىنچى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئائىلىدە، خۇسۇسىي ئىش سۈپىتىدە ئىشلەنگەن بولماستىن بەلكى، ئومۇمىي خەلقنىڭ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ ئىشى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن. بۇ ئىش ئەينى زاماندىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىنى، خەير-خاھلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى ئەل-يۇرت يېتەكچىلىرىنىڭ ، مۆتىۋەر رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنىمۇ ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان، قوللىشى، مەدەت ۋە ياردەم بېرىشىنى، ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئاۋام -پۇقرا ئارىسىدىكى مەرىپەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رولى چوڭ بولغان.

بەشىنچى. <دىۋان>نىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ بىرەر بەت ئورىگىنالى تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتىگە يېتىپ كېلىپ، پايدىلىنىش قىممىتىنى ھازىرلاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كېيىنكى ئىشلارغا، بولۇپمۇ تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتىنى ئىشلىگۈچى ئىلمىي خادىملارغا كۈچلۈك مەنىۋى ئىلھام بېغىشلىغان، روھىي جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، (دىۋن)نىڭ تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يېتەكچى يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان1977-يىلىلا قولغا ئېلىنىشىغا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلغان. <دىۋان>نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى باشلاشتىن ئىبارەت ھەققانىي تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرغان، ئىلمىي خادىملاردىن تارتىپ، رەھبىرى كادىرلارغىچە بۇ خىزمەتنىڭ خەۋىرى چىقىشى بىلەنلا ئۇنى قوللايدىغان، ئالقىشلايدىغان، يار-يۆلەكتە بولىدىغان كەيپىياتنى ھازىرلىغان، شۇنداق قىلىپ، جۇڭگودا <دىۋان>نىڭ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى، كەڭ ئامما بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈشى، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى مۆلچەردىكىدىن ئالاھىدە تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە <دىۋان>نىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان جۇڭگۇ-شىنجاڭدا <دىۋانشۇناسلىق>نىڭ جۇشقۇن مەنزىرىسىنى يارىتىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەت ۋە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەن. جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ خەلقئارا <دىۋانشۇناسلىق>ساھەسىدە يۈرەكلىك پىكىر بايان قىلىشى، ئىپتىخارلىق ھېسسياتى بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىلمىي كەيپىيات ھازىرلاپ بەرگەن.

2008-يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقا ئالىملار قاتارىدا <مەھمۇد كاشغەرىي يىلى> قىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئاددىي ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى.

بۇنىڭدىن مەقسەت مەھمۇد كاشغەرىينى ئەسلەش بىلەن بىرگە تارىختا بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نامىنى، بۈيۈك ئوبرازىنى ، تەۋەررۈك كىتابىنى ئەسلەش، يادلاپ تۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقارغان ، تۆھپە كۆرسەتكەن كىشىلەرنىمۇ ئەسلەشنىڭ بىرخىل ئەھمىيەتلىك خىزمەت ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

پايدىلىنىش ماتىرىيالى

1.مەھمۇد كاشغەرىي: <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>، <دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك>نى نەشرگە تەييارلاش گورۇپپسىى تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-1983-1984-يىللىرى نەشىرى.

2.<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك> (ماقالىلەر توپلىمى)، مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق، ئابدۇرۇسول ئۆمەرلەر نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىرى.

2. <جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى>(3-قىسىم)جوڭگو <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تاللانما، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى نەشىرى، ئۈرۈمچى.

4.<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك >تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى (突厥语大词典، 研究论文集)،شىياۋ جۇڭيى نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

5.غەيرەتچان ئوسمان: <ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى>، <جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى>(2-قىسىم)غا كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيتى تۈزگەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشىرى، ئۈرۈمچى.

6. غەيرەتچان ئوسمان: <ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرىي>، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى باشقۇرۇشىدىكى خەنزۇچە <جۇڭگو مىللى قەدىمكى ئەسەرلىرى>(民族古籍) ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

7. غەيرەتجان ئوسمان: <ئۇيغۇرلارتارىخىدىكى مەدەنىيەت ئەربابلىرى تەزكىرىسى>، <ناگۇيا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>(ياپونىيە)نىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

8.غەيرەتجان ئوسمان: <مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلى ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى>)中国维吾尔历史文化研究论丛)غا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى، بېيجىڭ.

9.غەيرەتجان ئوسمان: <19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرىي>، ئەنقەرەدە تۈركچە نەشر قىلىنىدىغان ياۋروپا-ئاسىيا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژورنىلى <كاردېش كالېمېر>ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

قوشۇمچە ماتېرىيال

(1)ماقالە ئاپتورى ئىمىن تۇرسۇن ھاجى بىلەن 2008-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتىكى تېلىفوندا قىلىشقان سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئەينى يىللىرى چۆچەكتە چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئىسمائىل داموللىنىڭ <دىۋان>نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستانلىق ئالىم خوجائەھمەد سەيدىۋاققاسوۋ ئۆزىنىڭ<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە > ناملىق ماقالىسىدە كاشغەرلىك ئىسمائىل داموللا <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ 1-تومىنى 1946-يىلى تەرجىمە قىلغان دەپ يازغان. بۇ ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان <بۇلاق >ژورنىلىنىڭ 1997-يىلى1-سانىغا كۆچۈرپ بېسىلغان.

(2)پاتىمە ئىسمائىل: <دادام مەرھۇم ئىسمائىل داموللا ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم> قوليازما، 2008-يىلى2-ئاي، غۇلجا.

(3) ت، تاشبايېف: <مەھمۇد كاشغەرىي نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>،<شىنجاڭ تەزكىرىسى>ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانى، ئۈرۈمچى.

(4)پاتىمە ئىسمائىل: <دادام مەرھۇم ئىسمائىل داموللا ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم>قوليازما، 2008-يىلى2-ئاي، غۇلجا.

(5)<سەيدۇللا سەيپۇللايوپ >بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى، 2001-يىلى3-ئاينىڭ16-كۈنى، ئۈرۈمچى.

(6)بۇ ماقالە دەسلەپ <شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>نىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

(7)بۇ كىتابنى ئابلىمىت ئىسمائىل، مەھمۇدجان ئىسلام قاتارلىقلار يازغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1993-يىلى نەشر قىلىنغان،

(8)<ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>1996-يىلى 9-ئاي ،ئۈرۈمچى.

(9)<ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>1996-يىلى9-ئاي. ئۈرۈمچى.

(10)<ئىمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>2008-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى.ئۈرۈمچى.

(12)<ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>1996-يىلى 9-ئاي، ئۈرۈمچى.

(13)<ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەسلىمىسى>، <شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى>،ئومۇمىي 28-سان، 177-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1990-يىلى، ئۈرۈمچى.

(14)ئەھمەد زىيائىنىڭ ئوغلى ئارسلانغا ئاغزاكى يوسۇندا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1950-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كېڭەش قىلغاندا، <دىۋانۇلۇغەتت تۈرك>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ھەم يىغىن قاتناشچىللىرى بىرى بۇ ئىشنى كاشغەردىكى ئەھمەد زىيائىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن <دىۋان>نىڭ تۈركىيىدە بېسىلغان نۇسخىسى كاشغەرگە ئەۋەتىلىپ، سەيپۇللايوپ ۋە ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان. <ئارسلان بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>، 200-يىلى7-ئاي، ئۈرۈمچى.

(15)ئىبراھىم مۇتىئى: <باش مىنىستىر جۇ ئېنلەينىڭ خىزمەتلىرىمىزگە قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ياد ئېتىمەن>، <ئىتتىپاقلىشىش، ئىزدىنىش. يول ئېچىش، تۆھپە قوشۇش>(团结,求实,开拓,奉献)، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1993-يىلى خەنزۇچە نەشرى، بېيجىڭ(180-بەت).

(16) <ئۇيغۇر سايرانىنىڭ <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرۈك>نى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى>، مەھمۇد جان مۇھەممەد خاتىرىلىگەن، <شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى>نىڭ ئومۇمىي 49-سانى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىرى.

(17)<ئۇيغۇر سايرانى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>،2000-يىلى، 9-ئاي، ئۈرۈمچى.

ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنسىتىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.

تەھرىرلىگۈچى: ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى.

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ناملىق ژورنالنىڭ 2008-يىللىق 6-سانى
(مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان)

توردىكى مەنبەسى: ئەسرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى، ئادرېسى: http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1327
تورغا يوللىغۇچى: تەۋھىدە
تەۋھىدە قىزنىڭ ئەجرىگە ئالاھىدە رەھمەت!



[ بۇ يازما ertoghrul تەرىپىدىن 2009-01-02 15:06 دە ق ]
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 15:00 [باش يازما]

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.081157(s) query 3, Time now is:01-08 18:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation