ئاشۇ جايدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قولى تەككەن قىممەتلىك بويۇملار چوقۇم تېپىلىدۇ.
مەنمۇ ئاتۇشتا ئوقۇتقۇچىلىقىمنى قىلىپ،شەنبە،يەكشەنبە ئىكىسپىدتسىيە قىلىۋاتقىلى 17يىلدەك بولۇپ قالدى. مەندىمۇ ئاز بولمىغان ئاسارە ئەتىقىلەر بار. ھەتتا بەزىللىرىگە 35مىڭ يۈەن باھا قويۇپ، ھەرگىز ساتمايدىغانلىقىمنى بىلىپ قايتىپ قېلىشقانلىرىمۇ بولدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنى يادىكارلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسراپىل ئەپەندىگە ئالتە خىل تېپىدىنىمۇ بىخەتەرلىك يۈزسىدىن تاپشۇرۇپ بەردىم.
مەن بىلەن ئىكىسپىدتسىيىدە ھەمرا بولغىدەك ئاتۇشتا بىرەر ئىشەنچىلىك نامزاتمۇ يوق. تارىخقا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن تارىخى ئىزنالارنى بايقاش ۋە ساياھەت قىلىشتىن ئارتۇق كۆڭۈللىك ئىش بولمىسا كېرەك . گەرچە ياش 50كە تاقاشقان بولسىمۇ، ئۆمرىم ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن دېگەن ئىرادىدىمەن.
ئەڭ يېقىن ئاغىنىڭىز بىلەن ئىزدىنىپ باقسىڭىز، بەلكىم نەتىجىگە ئېرىشىپمۇ قالارسىز. ئەمما تېپىندىلارنى چوقۇم ياخشى ئاسراش كېرەك.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-05 00:29 دە قايت ]