نۆۋەتتىكى تېما : ئاتۇشتىكى «مىڭ ياشلىق بوۋام ــ مەھمۇد كاشغەرىي»م تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
ketmenbay

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1447
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 21 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-13
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئاتۇشتىكى «مىڭ ياشلىق بوۋام ــ مەھمۇد كاشغەرىي»م

_______________________________
ئاتۇشتىكى «مىڭ ياشلىق بوۋام ــ مەھمۇد كاشغەرىي»
_______________________________

2008-يىلى 12- ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت 2:30 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت. مەرىپەت بۆشۈكى ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش زالى ئىچى لىق ئادەم بىلەن تولغان. بىشىغا مىللىيچە دوپپا، ئۇچىسىغا رەتلىك مەكتەپ فورمىسى كىيگەن بىلىم ئاشنالىرىنىڭ چىھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مىھمانلار بىر كاتتا پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىنى تولىمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. دەل شۇ چاغدا رىياسەتچىنىڭ پائالىيەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىپ كەلگەن «مىڭ ياشلىق بوۋام – مەھمۇد كاشغەرىي» تېمىسىدىكى خاتىرلەش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت رىياسەتچىلىكىنى تونۇلغان يازغۇچى، تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن كىشى كۆڭلىنى مايىل قىلىپ كىلىۋاتقان شائىر، مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى سېتىۋالدى كىرىم (مۇنبەردىكى نامى ــ س.كىرىم) ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەت مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۇلتانجاننىڭ تەبرىك سۆزى بىلەن رەسمىي يۇسۇندا باشلىنىپ كەتتى.
بىر توپ رەتلىك كېيىنگەن ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلدى، ئارقىدىنلا رايۇنىمىزغا تونۇشلۇق بولغان، تىلى ئۆتكۈر قەلەم ساھىبى، ئەدەب – ئەخلاق تەتقىقاتچىسى ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش خانىم «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەرجىمىھالى»نى سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈپ، مىھمانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇزاققىچە چىلىنغان چاۋاك سادالىرى پائالىيەتكە باشقىچە تۈس بىرىپ جانلاندۇردى. ئىلىجان مەھمۇد ئورۇنلىغان «پەخىرلەنگەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق ناخشا تولىمۇ يېقىملىق، جاراڭلىق ئېيتىلىپ يۈرەكلەرنى تىترەتتى.
ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەدەبيات «ئوقۇتۇش ماھىرى» قەيسەر ئابدىراخماننىڭ «<تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ قىممىتى مەسىلىسى» پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالىم ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ بىر بالداق ئاشۇردى. ئارىلىقتا قىستۇرۇلۇپ بىرىلگەن ئىتوتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىخچام ۋە يىقىملىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلار تىلىدا ياخشى ئورۇندىلىپ كىشىلەرگە مەنىۋى زوق بەردى.
روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان لىرىك نەسىر ۋە شېئىرلىرى مىھمانلار قەلبىگە بىر مۇڭلۇق كۈي بولۇپ ئېقىپ كىردى. ئۇلارنىڭ ھەربىر بايانلىرى كىشىنى چەكسىز خىياللارغا باشلاش بىلەن بىرگە، كىشىلەردە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە نۇر پەيدا قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەزىز مىھمانلار سۈپىتىدە يازغۇچى، شائىر ۋە ھەۋەسكارلاردىن ئۈستۇنئاتۇش يېزا يولچىلا ئوتتۇرا مەكتەپتىن جۇرئەت نۇرۇللا؛ ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئەركىن مۇھەممەت؛ «قىزىلسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن يۈسۈپجان ھۈسەن مۇسا؛ ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن قۇربانجان توختى ئازىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
قابىل ئوقۇتقۇچى، يېتىلىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتچىسى جىلىل رېشىت «<تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ قىممىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن پائالىيەتكە ھاياجانلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھاكىمە، بايانلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولدۇق ۋە قىزغىن چاۋاكلىرىمىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئىيتتۇق.
پائالىيەتتە ئىليارجان بارى، ئاينۇر ھەسەن، مۇنىرە ئەنۋەر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلدى. بىز ئۇلارغا قاراپ كەلگۈسىمىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق ۋە نۇرانە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق.
پائالىيەت ئاخىرىدا مەكتەپ «قىران چېچەكلىرى» رادىئو ئۇزىلىدا بۇ پائالىيەتكە دائىر سۇئالغا جاۋاپ بىرىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە زور كۈچ سەرپ ئەتكەن مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر ۋە رەسساملار مۇكاپاتلىنىپ ئىلھاملاندۇرۇلدى

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كۆرۈڭ:
http://uzunjahan.blogspot.com/2009/01/blog-post_5137.html
yol
| ۋاقتى : 2009-01-03 13:16 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
uyghurqizi

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 92 نومۇر
پۇلى: 920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-12
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىپتۇ. ئۇتۇقلۇق بولغىنىغا مۇبارەك بولسۇن.
| ۋاقتى : 2009-01-03 15:23 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
uyghuryax

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7935
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-03
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسلى بىرىنجى بولۇپ قەشقەرى دە ئۆتكەزسە بولاتتى  مەھمۇد قەشەقەرى مۇھاكىمە يىغىننى
| ۋاقتى : 2009-01-03 15:27 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
tarik

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 51 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-26
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاتۇش خەلقىغە بارىكاللا!!!"ئارتۇچ بىر دەرەخنىڭ ئىسمى"(مەھمۇد كاشىغەرى).
yol
| ۋاقتى : 2009-01-03 23:26 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
yuksaki

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1351
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-01
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ئانا مەكتىپىمدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. ھەي مەن ئاتۇشتا بولغان بولسام چوقۇم قاتنىشاركەنمە.
| ۋاقتى : 2009-01-04 21:54 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 486ـ كۆرۈرمىنى
@QAWANDAZ@

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5194
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-17
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاتۇشلۇقلار مەھمۇد كاشغەرىينى ئاتۇشلۇقدەكلا كۆرىدۇ. دەسلىپىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولغاندا  <<دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك>>تە ئازىخ بىزنىڭ يۇرىتنىڭ نامى، ئوپال بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى دىگەن ئىبارىگە قاراپ ئازىخ ھازىرقى ئاتۇشتىكى ئازاق يېزىسىنى كۆرسىتىدۇ دەپ  بىرقىسىم قاراشلار ئوتتورىغا قويۇلغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىكىلەر ئاتۇشنىڭ ھازىرقى سۇنتاغ يېزىسى مەشھەد كەنىتىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئازىختا تۇغۇلۇپ ئوپالدا ۋاپات بولغان دىگەن قاراشنى ئوتتورىغا قويغان ۋە ئوپالدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزىشىدىكى سەۋەب ئوپال ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن گۈزەل يايلاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوپالدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزگەن دەپ قارىغان. كېيىن ھەممە تەرىپىدىن ئوپالنىڭ مەھمۇد كاشغارىيىنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكى رەسمىي بېكىتىلگەندىن كېيىن بۇ قاراش بېسىقىپ قالغان.
لېكىن ئاتۇشلۇقلارنىڭ كاللىسىدا ھېلىمۇ ھەم مۇشۇنداق قاراش ساقلىنىغلىق. نىمىلا دىگەن بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 7-ئەۋلادى. يەنى خان جەمەتىدىن . بۇ خان جەمەتى ئىكەنلىكىگە قاراپ مەھمۇد كاشغەرىينى ھەقىقىي ئۇيغۇر دېيەلەيمىز ۋە ھېچ كىمنىڭ تارتىۋالالمايدىغان ئالىمى.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-05 19:43 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.054040(s) query 4, Time now is:01-08 18:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation