سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
hakan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3905
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-08-28
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 شىراق رىۋايىتى

مەن ئۇزۇندىن بىرى تېما يوللىماقچى بولدۇميۇ، لېكىن تۈزۈكرەك بىر تېما تاپالمىدىم. ئاخىرى بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ مىنىڭ تۇنجى تېمام شۇڭا خاتالىقلاردىن ساقلانمىقىم تەس. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.

بۇ رىۋايەت مەشھۇر گرېك تارىخچىسى فوللىننىڭ [ھەربىي ھىيلىلەر]ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 300نەچچىنچى يىللارغا توغرا كېلىدىكەن.
ئىران پادىشاھى ئىسكەندەر دارا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەبىلىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالىدۇ. بۇ يەردە ياشىغۇچى كۆچمەن قەبىلە ساكلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشىدۇ، قەبىلە ئاقساقاللىرى قارا نىيەت باسقۇنچىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، كېڭەش بولۇۋاتقان چېدىر ئالدىغا بىر ئادەم كېلىدۇ. بۇ ئادەم پادىچى شىراق بولۇپ، كېڭەش قاتناشقۇچىلىرىغا
ئۆزىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى بايان قىلىپ:[مىنىڭ ئاچ يالىڭاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بالا چاقىلىرىم بار، ئەگەر ئاشۇ بالا چاقىلىرىمنىڭ كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچمىكىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرۇشقا كېپىل بولساڭلار، مەن ئۆز ھاياتىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە باسقۇنچى دارا لەشكەرلىرىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىمەن.]دەيدۇ. قەبىلە ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. شىراق تەييارلىغىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شەمشىرىنى چىقىرىپ، قۇلاق ۋە بۇرنىنى شارتىلدىتىپ كېسىپ تاشلاپ، پۈتۈن بەدىنىنى قانغا بويىۋېتىدۇ-دە، ئۆز قەبىلىسىگە خائىنلىق قىلغان ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، چەتئەل باسقۇنچىلىرى تۇرغان ياققا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. شىراق دارا بىرىنچىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئەتەي ئۆز قەبىلىسىنى داتلاپ [شىكايەت ] قىلىپ: ئەي شاھلارنىڭ شاھى، مەن ساڭا دوستلۇق ۋە ئىتائەت ئىزھار قىلىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مۇشۇ كۈنگە قالدىم. قېرىنداشلىرىمغا پادىشاھ دارا ئالىيلىرىغا ئىتائەت قىلايلى دېگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلار مىنىڭ قۇلاقلىرىمنى كېسىپ تاشلىدى. شۇڭا سىنىڭ ئالدىڭغا دات ئېيتىپ كەلدىم. ھالىمغا يىتىپ قىساس ئىلىشىمغا ياردەم بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن!'دەيدۇ.
]دارا شىراقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىدۇ، ساك قەبىلىسىنى تامامەن قىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شىراقتىن بەزى گەپلەرنى سورايدۇ. شىراق باسقۇنچى داراغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: شاھ ئالىيلىرى، مەن مېنى مۇشۇنداق مېيىپ قىلىپ تاشلىغان رەقىپلىرىمدىن، قىساس ئىلىشتا سىنىڭ ياردىمىڭگە موھتاجمەن، ئۇلارنىڭ ئەھلى ئەۋلادىنى قىرىپ، ئۆي ماكانىنى خانىۋەيران قىلىۋەتمىگۈچە توختاپ قىلىشنى ئەسلا خالىمايمەن، ئەگەر سەن خالىساڭ لەشكەرلىرىڭنى ياۋۇز ساكلارنىڭ ئالدىغا باشلاپ چىقىمەن، ئۇلار بىخەۋەر تۇرغان ھالەتتىن پايدىلىنىپ، لەشكەرلىرىڭ ھۇجۇمغا ئۆتسە، ساكلارنى تەلتۆكۈس تارمار قىلالايدۇ. مەن پادىچىلىق قىلىپ، يۈرگەن چاغلىرىمدا ئۇ يەرلەرنىڭ يەر شارائىتى بىلەن ناھايىتى پىششىق تونۇشۇۋالغانمەن. لەشكەرلىرىڭنى خالىغان جايغا بىخەتەر ۋە تېز باشلاپ بېرىش قۇلۇمدىن كېلىدۇ. لېكىن لەشكەرلىرىڭ يەتتە كۈنلۈك يولغا يەتكۈدەك سۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈك غەملىۋېلىشى لازىم.
پادىچى شىراقنىڭ بۇ سۆزلىرى دارانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. ئۇ شىراقنى يول باشلىغۇچى قىلىپ تەيىنلەپ ساكلارغا قارشى قوشۇن ئاتلاندۇرىدۇ. ئىران لەشكەرلىرى شىراقنىڭ يول باشلىشىدا بىرىنچى كۈنى ياپيېشىل يايلاقلاردىن، ئىككىنچى كۈنى ئاندا ساندا گىياھ ئۈنگەن تاقىر دالىلاردىن ئۆتىدۇ.3-كۈنىدىن باشلاپ تونۇردەك قىزىپ كەتكەن پايانسىز چۆللۈككە كىرىپ كېتىدۇ. ئىران لەشكەرلىرى تەشنالىق ۋە دەشت چۆل قوينىدىن كۆتۈرۈلگەن قىزىقلىق تەپتىدىن ھالىدىن كېتىشكە باشلايدۇ. ئېغىزلىرى قۇرۇپ يېرىلىپ، ھالى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىدۇ. لەشكەر باشلىقى رانۇش چات تاقەتسىز ھالدا، ساكلار قەبىلىسىگە يىتىپ بېرىشقا يەنە قانچىلىك مۇساپىنىڭ قالغانلىقىنى سورايدۇ. پىداكار شىراق يولنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئېيتىپ، لەشكەرلەرنى تىز يۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ دارا لەشكەرلىرى ساكلار قەبىلىسى تۇرغان جايغا يىتىپ بارالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سەزگەن لەشكەر باشلىقى رانۇس چات قاتتىق غەزەپلىنىپ، شىراققا مۇنداق دوق قىلىدۇ: ئەي تېگى پەس ئىپلاس! بىزنى ئالداپ كەلدىڭ. ساكلار زادى قەيەردە ؟! ھەممە ياق بىپايان چۆل، بۇ يەرلەردىن ئات يۈرسە تۇيىقى، قۇش يۈرسە قانىتى كۆيىدۇ. ئايانكى، بىزدە نە سۇ، نە ئوزۇق تۈلۈك قامىدى. بۇ قۇملۇقتا يا بىر قەدەم ئالدىغا ماڭغىلى بولمىسا، سەن زادى نېمە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىڭ؟ سەن پادىشاھنى ئالداشقا شۇنچە كۆپ غالىپ قوشۇننى ئەجەل گىردابىغا ئىتتىرىشكە قانداق پېتىندىڭ؟...........
بۇنى ئاڭلىغان باتۇر شىراق لەشكەر بېشىنىڭ قان بىلەن تولغان كۆزلىرىگە مەردانە تىكىلىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئۇنى مۇنداق زاڭلىق قىلىدۇ:
"مەن يەڭدىم! يالغۇز بىر ئۆزۈم پۈتۈن بىر زور قوشۇننى يەڭدىم! جانىجان قەبىلەم ساكلارنىڭ ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالاسى ئاپەتلەرنى تەلتۆكۈس يىمىرىپ، باسقۇنچىلارنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدىم. تۆت ئەتراپنىڭ قايسىسىغا ماڭساڭلار يەتتە كۈنلۈكتىن يول، خالىغان تەرىپىڭلارغا كېتىۋېرىڭلار، بەرىبىر ھەممىڭلارنى ئاچلىق ۋە تەشنالىق قىيناپ نابۇت قىلىدۇ. مىنىڭ قىنىم بولسا مۇشۇ ئانا يەرگە تۆكۈلىدۇ......
شىراقنىڭ بۇ سۆزلىرى لەشكەر باشلىقى رانۇس چاتنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلىدۇ. قاتتىق ئىزتىراپ ۋە خەۋپتىن تەلۋىلەشكەن بۇ ۋەھشىي قانخور قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ شىراقنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئەسكەرلىرى سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ، قۇملۇقتا ئاچلىق ۋە تەشنالىق ئىلىكىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.


ئىزاھات: دارا - مىلادىدىن بۇرۇنقى 342-يىلدىن 330-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
بۇ ئەسلىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ماكېدونىيە پايتەختى پىلا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 323-يىلى ۋاپات بولغان. لېكىن شاھنامە ۋە باشقا ئىران تارىخى ئەسەرلىرىدە، ئۇ كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ 10-پادىشاھى ۋە دارانىڭ قېرىندىشى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.

بۇ تېما كەنجى كوررېكتوردا تەھرىرلەندى
1som
| ۋاقتى : 2009-01-03 23:13 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرىتى: 27 نومۇر
پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دارا  دىگەن  دارا،ئۇ  ئىسكەندەر  زۇلقەرنەيىن  ئەمەس.  ئىككىسى  ئىككى  تارىخى  شەخىس.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-04 14:24 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شىراقنىڭ رىۋايىتى ھەقىقەتەن تەسىرلىك. ئۇ دارانىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ئەكەلگەن قۇملۇق دەل تەكلىماكان قۇملۇقىدۇر.
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2009-01-04 16:28 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
uyghurqizi

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 92 نومۇر
پۇلى: 920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-12
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئوقۇتقۇچۇم بىزگە ئالىي مەكتەپتە شىراق رىۋايىتى سۆزلەپ بەرگۈچە ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. ھېلىغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. ۋەتەنپەرۋارلىك ھەققىدىكى ياخشى تېما.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-04 20:17 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
eynek

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-01
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    شىراق رىۋايىتى دېمەك - ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيېسى دېمەك . مىلادىدىن قانچە ئەسىرلەر بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز  ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىغان ئىكەن .
| ۋاقتى : 2009-01-05 00:27 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بىزدە ھازىرمۇ ئىسلامچە ئىسىملاردىن باشقا تۇراق(تۇر ئاق)، ئاقمەت، تۇرمەت(مەت - بۇيرۇققا بۇيسۇنغۇچى. تۇرمەت - جەڭگىۋار تۇر جەڭچىسى)، جاناخان(جان ئاق خان)......نىمە دىگەن مەنىلىك ئىسىملار بۇ.
  شىراق( ئاق شىر )، نىمە دېگەن كاتتا ئىسىم بۇ .  مېنىڭچە بۇ رىۋايەت تارىختا بولۇپ ئۆتكەن بوڭلىشى چوقۇم. رىۋايەتتىكى بۇ كارامەت ئىگىسىنىڭ ئىسمى زاتى ئەسلىدىنلا <<شىراق>>ئەمەس. ئۇنى تۇران خەلقى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ <<شىراق>> - شىر ئاق(ئاق شىر) كاتتا مىللى ئىپتىخار لەۋھەسىنى تەقدىم قىلغانلىقى ئېنىق.
  ھوزۇرلىنىش كەلسە مانا موشۇنداق تارىخى شەخىسلەردىن قانغۇچە زوق ئېلىش كېرەك.
  مەن تەكرار 10نەچچە قېتىم ئوقۇپ، بۇ تارىخى شەخىس بىلەن چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرۈشۈپ. بىر شېئىرى تەرمەچ تېرىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم.

  تۇنجى ئەسىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-05 01:35 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2009-01-05 01:09 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    Ulughbek ئەپەندى. <<شىراق رىۋايىتى>>بىلەن تارىخىمىزدىكى بەزى ۋەقەلىكنى زىپچىلاشتۇرغان ئاساستا، مەزكۇر رىۋايەتنى ئەينى تارىخى رىياللىققا يېقىنلاشتۇرۇپ باقساق. بۇ پەقەت سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىشى مۇمكىن.
  باشقىلارمۇ بۇ ھەقتە قىممەتلىك قاراشلىرىنى تورداشلاردىن ئايىماي ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا ؟
| ۋاقتى : 2009-01-06 11:52 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 



قەدىمكى زاماندا سىر دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان ساك قەبىلىلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر چۈشۈپتۇ. ئىران پادىشاھى دارا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇنبەت يەرلەرنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن، سان - ساناقسىز ئەسكەرلىرى بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. ساك ئاقساقاللىرىدىن سەكسىفەر، ئۇمارگ، ئومارس قاتارلىقلار بىر چېدىرغا يىغىلىپ دۈشمەننى قانداق قىلىپ يوقىتىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. شۇئاندا ئەتراپتا بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، توپتوغرا ئاقساقاللار ئولتۇرغان چېدىر ئالدىغا كەپتۇ ۋە رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە كىرىپتۇ. ئۇ شىراق ناملىق ئاددىي بىر ئاتباقار ئىكەن. شىراق نېمە مەقسەتتە بۇ يەرگە كەلگىنىنى كېڭەشچىلەرگە ئېيتىپ، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنداق دەپتۇ: «شەرتسىز ھالدا مېنىڭ بالا - چاقىلىرىمنى ۋە نەۋرىلىرىمنى بېقىش ۋە كىيىندۈرۈشنى ئۈستۈڭلارغا ئالساڭلار، مەن ئۆز جېنىمدىن كېچىپ، ھىيلە بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلايمەن.»
  ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئىستىكىنى قوبۇل قىلىپ، قەسەمياد قىپتۇ. شىراق بىردىنلا يېنىدىن ئۆتكۈر پىچىقىنى چىقىرىپ، قۇلاق ۋە بۇرنىنى شارتلا كېسىپتۇ، ئەزايى بەدىنىنى قىيما - چىيما قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گويا ئۆز ئېلىگە خىيانەت قىلغان كىشى قىياپىتىدە دۈشمەن تەرەپكە قاراپ يول ساپتۇ.
  شىراق دارا قېشىغا بېرىپ ئۆز قەبىلىداشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. ئۇ داراغا شۇ تەقلىدتە سۆز قىپتۇ: «ئى! شاھلار شاھى، مەن سىزگە بولغان خەيرخاھلىقىم ۋە دوستلۇقۇم ئۈچۈن شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. قەلىبداشلىرىم ئارىسىدا داراۋۇش ھەزرەتلىرىگە بويسۇنايلى دېگەن سۆز چىقىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا چاپلىشىپ رەھىمسىز سۈرئەتتە قۇلاق - بۇرنۇمنى كەستى، دادىمغا يېتىپ، ئۆچ ئېلىشىمغا ياردەم بېرىڭ!»
  دارا شىراقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئېچىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شىراق پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەي، دارانىڭ ساكلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سۇنماس ئاتەش ۋە مۇقەددەس سۇ نامىدىن ئانت ئىچىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياردىمىڭلارغا موھتاجمەن. ئۇلارنىڭ قانلىرى كۆز ئالدىمدا دەريا - دەريا بولۇپ ئاقمىغۇچە تىنچىمايمەن. ساكلار بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن جەزم قىلغانىدى. ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىلەرنى كېسىپ چىقىدىغان يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىمەن. شۇندا بەڭۋاش ساكىلارنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرساق ئۇلار كېلىشى بىلەنلا تورغا چۈشكەن بېلىقتەك بىرىنىمۇ قويماي تۇتۇۋالىمىز. كەمىنە قۇلىڭىز پادىچىلىق قىلغىنىدا يىلقىلارنى بېقىپ يۈرۈپ، ھەممە ياقنىڭ ئېگىز - پەسلىرىنى بىلىۋالغانمەن. سىزنى خالىغان يېرىڭىزگە باشلاپ بېرىش بىمالال قولۇمدىن كېلىدۇ. بىراق، سىز يەتتە كۈنگە يېتىدىغان ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ تەييارلاپ قويۇشىڭىز شەرت.»
  چوپاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئاسانلا غەلىبە قىلىشنى ئىزدىگەن دۈشمەننى غەيرەتكە كەلتۈرۈپتۇ. دارا چوپاننى ئۆز قوشۇنىغا يول باشلىغۇچى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. قوشۇن يەتتە كۈنلۈك سۇ، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە يەم - خەشەك ئېلىپ ئاتلىنىپ يولغا چىقىپتۇ.
  بىرىنچى كۈنى يول يامان بولماپتۇ. تېز - تېز ئوتلاقلار ئۇچراپ تۇرۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى تەبىئەت ئۆزگىرىپتۇ. قاغجىرىغان ئوتلار ئاندا - ساندا يولۇقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى دەشت - باياۋان باشلىنىپتۇ. ساكلار ھامىيسى بولغان قۇياش كېلىۋاتقان باسقۇنچىلار بېشىدىن ئوت ياغدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. لەشكەرلەرنىڭ لەۋلىرى تېز - تېز قۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈندىن - كۈنگە ئەھۋال ئېغىرلىشىپتۇ. ئىران لەشكەر باشلىقى رەناسىبەت تاقىتى تاق بولۇپ، ساكلار مەنزىلىگە قانچە قالغىنىنى شىراقتىن دوق بىلەن سوراپتۇ. ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن مەنزىلگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، لەشكەر بېشىنى يۇمشىتىپتۇ. بىراق سەپەرنىڭ يەتتىنچى كۈنى ساكلاردىن يەنىلا دېرەك بولماپتۇ. رەناسىبەت ئالدانغىنىغا ئىشىنىپ، غەزەپكە كەپتۇ: «ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ! زاتى پەس بەچچە! بىزنى ئالدىدىڭ. قېنى سەن ئېيتقان ساكلار؟ ھەممە ياق دەشت - باياۋان، بۇ يەرلەردە ئات يۈرسە ئايىغى، قۇش ئۇچسا قانىتى كۆيىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى، بىزدە نە سۇ، نە ئوزۇق - تۈلۈك، نە يەم - خەشەك بار! بۇ مىستەك قىزىپ كەتكەن قۇملۇقتىن نە ئالدىڭغا، بىر قەدەم بېسىپ بولىدۇ، نە ئارقاڭغا قايتىپ بولىدۇ! ئاخىر ئۇلۇغ پادىشاھنى ئالداشقا، شۇنچە بىھېساب ئېگىلمەس قوشۇننى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ كېلىشكە سېنى نېمە مەجبۇر قىلدى؟» دەپ دېۋەيلەپتۇ.
  شىراق لەشكەر بېشىنىڭ قان تولۇپ تۇرغان كۆزىگە مەغرۇرانە تىكىلىپتۇ. ئۇ چاۋاك ئۇرۇپ، قاقاقلاپ قاتتىق كۈلۈپتۇ. «مەن يەڭدىم، يالغۇز ئۆزۈم پۈتۈن قوشۇننى يەڭدىم، - دەپ سۆيۈنۈپتۇ، - جانىجان قەبىلەم ساكلار ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلىپ، باسقۇنچى ئىران لەشكىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم. تۆت تاماننىڭ ھەرقايسىسى يەتتە كۈنلۈك يول، ئىزدىگەن تەرىپىڭىزگە كېتىۋېرىڭ؟ بەرىبىر ھەممىڭلارنى ئاچلىق ۋە تەشنالىق يىمىرىپ نابۇت قىلىدۇ. مېنىڭ قېنىم ھەم ئاشۇ يەرلەرگە تۆكۈلىدۇ.» بۇ ئاچچىق ھەقىقەتەن رەناسىبەتنىڭ يۈرىكىگە نەيزىدەك قادىلىپتۇ. ئۇ ۋەھشىيلىشىپ قىلىچ بىلەن شىراقنىڭ بېشىنى شارتلا ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئەمما دارا لەشكەرلىرى ساكلارغا قارشى سەپىرىنى توختىتىپ، پاراكەندە بولۇپ كېتىپتۇ.
  دېۋە يۈرەك چوپان شىراق قىسسىسى ئەنە شۇنداق ئىكەن.
[ بۇ يازما ulukroh تەرىپىدىن 2009-01-06 14:32 دە قاي ]
yol
| ۋاقتى : 2009-01-06 13:28 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 432
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
شۆھرىتى: 481 نومۇر
پۇلى: 12730 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ulukroh ئەپەندى، تورداشلا نامىدىن  سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
  ....قاقاقلاپ قاتتىق كۈلۈپتۇ. «مەن يەڭدىم، يالغۇز ئۆزۈم پۈتۈن قوشۇننى يەڭدىم، - دەپ سۆيۈنۈپتۇ، - جانىجان قەبىلەم ساكلار ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلىپ، باسقۇنچى ئىران لەشكىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم.....

    كۆزلىرىمدە ياشلار لىغىلداپ قالدى...ئەركىشى ياش تۆكمەسلىكى كېرەك!!! ... ئەمما ئۇ مەندىكى ئىپتىخارلىق كۆز يېشى.

    يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىزگە.
| ۋاقتى : 2009-01-06 14:10 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
8 - قەۋەتتىكى barhan 2009-01-06 14:10 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
     ulukroh ئەپەندى، تورداشلا نامىدىن  سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
  ....قاقاقلاپ قاتتىق كۈلۈپتۇ. «مەن يەڭدىم، يالغۇز ئۆزۈم پۈتۈن قوشۇننى يەڭدىم، - دەپ سۆيۈنۈپتۇ، - جانىجان قەبىلەم ساكلار ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلىپ، باسقۇنچى ئىران لەشكىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم.....

     كۆزلىرىمدە ياشلار لىغىلداپ قالدى...ئەركىشى ياش تۆكمەسلىكى كېرەك!!! ... ئەمما ئۇ مەندىكى ئىپتىخارلىق كۆز يېشى.

.......

ئوغول بالىنىڭ كۆزيىشى پەقەت ئانىسى ئۈچۈنلا ئاقىدۇ.ئانا!...
| ۋاقتى : 2009-01-06 15:20 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 467ـ كۆرۈرمىنى
hakan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3905
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-08-28
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇرىۋايەت ۋەبۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىسىل تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە رىۋايەتلىرىمىز مەبلەغ ۋە ھەمكارلىق بولسا ،كىنو قىلىپ ئشلەنگەن بولسا ،[گىلادىئاتور ]ۋە][تىروي]لارغا ئوخشاش ۋە ئۇلاردىنمۇ ئارتۇق ياخشى كىنو بولاتتى .بۇھەم ياشلار ئۇچۇن بىر ياخشى دەرىسلىك ئىدى...............
مەن پەرھات جىلاننىڭ [ئورخۇن شەجەرىسى]رومانىنى ئوقۇغانىدىم ،ئۇمۇ ياخشى بىر سىنارىيە ئىدى .ئەمما ئۇلار يەنىلا تاشلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىشلىنىۋاتقان تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قارىغاندا،كۇپ ئەۋزەل ئىدى.ئەپسۇس............................
1som
| ۋاقتى : 2009-01-06 20:06 10 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.058892(s) query 4, Time now is:01-08 18:26, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation