نۆۋەتتىكى تېما : مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى توپلامىدىن........... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
kumluk138

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7523
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 28 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-17
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى توپلامىدىن...........

بۇ يازمىغا Yawuz دىن مەھمۇت كاشىغەرى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا يۆتكەلدى (2009-01-04)

 

  ئىبراھىم ئالىپ تېكىن     

    مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى توپلامىدىن...........

                          ئىبراھىم ئالىپ تېكىن     

   

ئۇيغۇر دىمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)
                                                            ئىبراھىم ئالىپ تېكىن

  19-ئەسىرنىڭ ئاخرى قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى كىچىكىنە كەنتتە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ شانلىق خوش خەۋەرچىسى سۈپىتىدە تۇنجى پەننىي مەكتەپ ‏- ئېكساق "ھۈسەينىيە مەكتىپى" ئاپىرىدە بولدى.دەۋرنىڭ تەققازاسى ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوتىنى ياققۇچىلار ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلاردۇر.ئۇلارنىڭ يۇپيۇرۇق مەشئەلى نەچچە ئەسىر نادانلىق ۋە خۇراپاتلىقنىڭ پاتقىقىدا ياتقان خەلقنى ئويغاتتى.تاڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئېتەكلىرى ،تەكلىمىكان گىرۋەكلىرى،ئىلى-ئالتاي بوستانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىغى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.
  بۇ يېڭى مەكتەپ ئۆز زامانىسىغا كۆرە ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر مائارىپ پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى،مەرىپەت ۋە ئاقارتىش ئۇرىقىنى كەڭ كۆلەمدە چېچىش ،ياش ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى ئىلىم-ئېرپان نۇرىدا يۇرۇتۇش ئۈچۈن تار مەھەللىۋى دائىرىدىن ۋە ئەينى دەۋردىكى خىلمۇ-خىل توساقلاردىن بۈسۈپ ئۆتۈپ،خەلقنىڭ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇردى.ئاشۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى يېتەكچىللىرىدىن ئابابەكرى ئەپەندى،كېرىم خەلپىتىم،تۇرسۇن ئەپەندىم ۋە ئەنۋەر ئەپەندى قاتارلىقلار ئاۋانگارت مائارىپچى ‏- ئاقارتقۇچىلىق رولىنى ئۆتىدى. 
  قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاشۇ دەۋردە باھاۋۇدۇن مۇسابايۇف يەنە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى،ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ،ەسلىھەتداشلىرىدىن ئابدۇقادىر دامۇللام،قۇتلۇق ھاجى شەۋقى،تەجەللىي ۋە خالىس ئەپەندى قاتارلىق مەرىپەت پېشۋالىرى باھاۋۇدۇن مۇسابايۇفقا ھەمنەپەس بولدى،كۆمۈلۈپ قالغان مەرىپەت ئۇرىقى قايتىدىن بىخلاندى،شۇنىڭ بىلەن 2- قېتىملىق مائارىپ ھەركىتى باشلاندى. 
  ئابدۇقارىد داموللام كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق ئالىم ۋە يىتۈك تىلشۇناس بولۇپ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاپلارنى يېزىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىر سىڭدۈردى.ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى كەڭ يېيىلدى.ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.ئۇ ئادالەت ياقلاش يولىدا خەلقنىڭ تىلى بولۇپ قالغانىدى.1924 - يىلى ھاۋا زىيادە ئىسىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەشقەرنىڭ ئاسمىنىدا ماتەم ناخشىسى ياڭرىدى.بۇ كۈنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ئوغلان ‏- ئابدۇقارىد داموللام بىر قانخور قاتىل تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغانىدى.ھىچقانداق كۈچ باش ئەگدۈرەلمىگەن بۇ گىگانىت ئادەم مەھەللىۋى ئەكسىيەتچىلەر ،شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە ھەسەتخورلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.
  20 -ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا شىنجاڭ دېمكراتىك ئويغىنىش دەۋرىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك قەدەمقويدى.ۋەتەن سۆيەر ئوت يۈرەك ئەزمەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ،مەكتەپ ئېچىپ مەرىپەت مەشئەللىرىنى ياقتى .ئەنە شۇلانىڭ تىپىك ۋەكىلى ئۇلۇغ مائارىپچى ،تالانتلىق ،ئوت يۇرەك كومپوزىيوتېر ۋە دېمۇكىراتىك شائىر مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)ئىدى .
مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بۇلۇپ ،ئائىلىسى مەرىپەتنى ،ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان ،ئىستىېدات چەككە چىققان ،خەلىق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋىر بولغاچقا ،توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا بېرىدۇ. 
يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش ،ئۇستازلىرنىڭ ئەستايدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ; تېخىمۇ تىرشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئېرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيلەيدۇ. 
.1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە <<ئوقۇدى،ئاشتى>> دىگەن شېئىرىنى يازىدۇ:

 

ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، 
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. 
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، 
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۆممەتلەر.

بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام - تاملارغا چاپلىنىپ كىتىدۇ،خەلىق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تۇنۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسىرى كۆچىيۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كىچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىپ ئېچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926- يىلى بىر كىچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كىتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىندۇ. 
مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ
تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دىمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يىتىلگەن بىر ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . 
مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەققىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ
ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەقىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ:

ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان،
پارتىلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان.
پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى،
ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.

مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلىقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدى. يېڭى مائارىپ ھەركەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى.
ئۇ تەشكىل قىلغان << ئىزچىلارئەتىرىتى >> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بۇلۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە
ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق ياىدۇ: 

بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.


مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندۈردى.
مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۇز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەپ ئۆزى باش بۇلۇپ . مارش ۋە ناخشلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەركىتى قەشقەردە تۇرۋاتقان قۇماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. 
تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە << يانار تاغلار >> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەدەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي - تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ--مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىردىن تۇتۇپ كىتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىندۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئېرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ.
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئىتەر،
كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كىتەر.
مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجاىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدىبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.


        دادام  مەمتىلى توختاجىنى ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪن (ئەسلىمە)
           
                      ئەدىبە مەمتىلى

 
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 63 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﮬﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ 62 - ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ، ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺶ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ << ﮬﯜﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ >> ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
      ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺳﻪﻛﺮﻩﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﻮﺋﯧﻨﻠﯘﻥ ﺑﺎﻏﺮﻯ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ << ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﯞﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻮﭘﻮﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﯩﻴﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ 
        1930 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﻪﺳﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺷﺎﮬﯩﺘﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
        ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺰﺍﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺎ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ << ﺑﺎﻻﻡ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .1937 - ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺗﻪﻟﻪﺗﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﻩﻙ ﺑﻪﺗﺒﻪﺷﯩﺮﻩ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، << ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ، ﻣﺎﯓ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻛﻪﺕ >> ﺩﻩﭖ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ ، ﺋﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻳﻐﺎ ﭘﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻥ ، ﻳﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻪ - ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﺘﺎﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ، ﺷﯘ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
      ﻣﻪﻥ 8 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ << ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ، ﺋﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﮬﯚﺭﻛﯩﺮﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘﺧﻪﻟﯩﭽﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻧﺎﻡ - ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﺭﻩﻡ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ( ﺋﻪﺩﯨﺒﻪ ) ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻴﻠﯩﺪﻯ ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ( ﮬﺎﻣﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ) ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﺎﺵ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ . << ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ . 
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﻏﯘﺭﯗﺭﯗﻡ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻛﯜﻧﯩﻤﻪﻥ .
      17 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻣﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . 1969 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﺘﻰ: ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﭼﯚﭼﯜﺭﯨﺪﻩﻙ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ << ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ >> ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﮔﯧﺰﻩﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ، ﺑﻮﺯﯗﻕ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﭖ ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎﮬ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ: << ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﭘﺎﺩﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ .
      1976- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩك ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ( ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻏﻮﺟﻰ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺨﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﻪﺕ - ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﻮﺭﻭ ﺟﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺳﯩﻤﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .
    ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﯩﻤﻪﻥ .
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﺍﻛﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻣﻮﺳﺎﺑﺎﻳﻮﭘﻼﺭ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ، ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .

1999 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ

          بىر شائىرنىڭ تۈگىمەس ناخشىسى( ئەسلىمە‏)

                        مەھبۇبە مەمتىلى

  مەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى مەھبۇبە بولىمەن،بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم.مەنمۇ چوڭ دادامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەڭ بۈيۈك خىزمەت ئورنىدا تاللاپ ئالدىم.

  چوڭ دادام ھەققىدە يېزىلغان "مەمتىلى ئەپەندى" سەرلەۋىھىدىكى تەرجىمىھال خارەكتىرلىك كىتابىنى سېتىۋالدىم.ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى ئوقۇغان چېغىمدا ،مائارىپ تارىخىمىزدا قالتىس پىداكارلىقنى كۆرسەتكەن،ئاجايىپ ئۇلۇغ نەتىجىللىرى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدە ئىززەتلىنىپ كەلگەن چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.ھاياجىنىم ئىچىگە پاتماي،يۈرىكىم لاۋۇلداپ يانىدۇ،كۆزلىرىمدىن پەخىرلىك ھالدا خوشاللىق ياشلىرى ئاقىدۇ.مەن چوڭ دادامنىڭ ھايات قامۇسىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمدە،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇش ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن. 
  ئەينى چاغدىكى مائارىپ ھەركىتىنى قوزغىغان مەمتىلى ئەپەندى مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بۇ مۇققەدەس يولنى تاللىغان.ئۇ بۇ يولدا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىدىن مەھرۇم بولدى.ئۇ بۇ يولدا بارلىقىنى قۇربان قىلدى. 
  بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىۋاستە مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.قاراخانىلار دەۋرىدىكى "ساجىيە" مەدرىسىنىڭ قۇرۇلىشى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىمىزگەتارىخىي بۇرۇلۇش بەرگەن بولسا،"مەسئۇدىيە" مەدرىسلىرىنىڭ قۇرلىشىمۇ شۇنداق مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا بولىشىغا ئاساس بولۇپ قالغان.كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزلىرىنى يارىتىپ،تۈركۈم-تۈركۈم مەدەنىيەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ،مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بېزىگەن بۇ خەلق ،"يىپەك يولى" نىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق،دىننىي خۇراپاتلىق،مۇتەسسىپ نادانلىق،دەمكۆتە-قۇلچىلىق،تۈگىمەس ۋە ئەرزىمەس تەبرىقچىلىق،چېكىدىن ئاشقان گورۇھۋازلىق ۋە يۇتۋازلىق ،شۇنداقلا زۇلۇم-زۇلمەت بورانلىرى ئىچىدە قارا تەغدىرنىڭ قۇچىغىغا يىقىلدى.بۇنىڭ بىلەن  مۇستەھكەم مىللىي ئېگىلىك تەلتۈكۈس گۇمران بولدى،مەرىپەت مۇنارلىرى غۇلاپ چۈشۈپ،پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،شۇ ھالەتتە بۇ خەلق پۈتۈنلەي مەجرۇھ ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى.
  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چېلىنغان مەرىپەت قۇڭغۇرىقى بۇ نادنلىقتا يۈرگەن خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتى.يېڭى بىر مەكتەپ مەشئەللىك رولىنى ئويناپ قاراڭغۇلۇقىنى يۇرۇتتى.نادانلىق ۋە قاششاقلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان  بۇ خەلق ئويغىنىشقا باشلىدى. 
  20 - ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدىكى دىمۇكراتىك ئويغىنىش پائالىيىتىدە چوڭ دادام مەتىلى ئەپەندىنىڭ تۆپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.ئۇ گەرچە ئازلا ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ،ئۈچ،تۆت يىللىق مەزگەل ئىچىدە تىرىشىپ،جاپالىق كۈرۈش بىلەن مەيدانغا چىقارغان مەكتەپ تەرەققىياتى،يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى،10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەربىيىسى خەلققە ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدىۋە كىيىنكى مەكتەپ ھەم مائارىپ ئىشلىرىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
  مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇق ئوتتۇرىنى غۇلجىدا تاماملىدىم.ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن:
  " مەمتىلى ئەپەندى 1936 -يىل  ئاخىرى بولسا كېرەك،دەرس مۇنبىرىدە تۇتۇپ كېتىلدى.ئەمدىلا ئۇچۇرما بولىۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلار كۆز ئالدىدىكى بۇ تىراگىدىيىلەرگە قاراپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.تۈن قاراڭغۇسىدەك قاپقارا ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر نەچچە جاللات ئەپەندىمنىڭ قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ باغلىغاندا،ئۇ دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي:  " سەن ئىپلاسلارمىنىڭ قولۇمنى باغلىدىم دەپ كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭ بىلەن ئاشۇ پىدائىيلارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ بولالمايسەن،مىنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىلەن بۇ پەرزەنتلەرنى ئۆلتۈرەلمەيسىلەر." دىگىنىچە كۆكرىكىنى كېرىپ مەردانە قەدەم بېسىپ كەتتى.قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار  بۇ ئوت يۈرەك شائىرنىڭ كەينىدىن پەقەت > خەير-ئىوش مۇئەللىم،خۇدا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.......دىگەن بىرلا جۈملە سۆزنى قىلالىدى.ئەپەندىم يارباغ تۈرمىسىگە قامالغاندىن كىيىن ئېغىر تالاپەتلەرگە دۈچ كەلدى.قەشقەر ساقچى باشقارمىسىدىكى ئەشەددىي جاللات قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ دىلوسىغا مەسئۇل بولۇپ،ئۇنى بىردىنبىر سوراق قىلغۇچى بولدى.ئۇ سوراق قىلغاندا قىيناپ سوراق قىلىش،قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ دىلو ئىشلەش تاكتىكىسى قىلىپ،قەشقەر ۋالىيسى ۋە جاللات شىڭ شىسەينىڭ قالتىس ماختىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
  ئەپەندىم قادىر ھاجىنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە-نەيراڭلىرىگە ئانچە پىسەنت قىلمىدى.دەھشەتلىك قىيناشلار،سوراق ۋە تىل ھاقارەت ئەپەندىمنىڭ گىگانىت گەۋدىسىنى،مۇققەددەس روھىنى تەۋرىتەلمىدى.ئۇ قادىر ھاجىنىڭ بىكۆرۈم ئەپتىگە،شۇملۇق تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان چېقىر كۆزىگە قاراپ " سەن قانخور بىز كۈنلەرگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئالدىدا قىلمىشىڭ ئۈستىدىن جاۋاپ بېرىسەن،سېنىڭ رەزىل قولۇڭدا تۈكۈلگەن بىگۇنا خەلقنىڭ قىزىل قېنى سېنىڭ رەزىل جىنايى قىلمىشىڭنى سۆزلەيدۇ،مۇشۇ تۈرمە تاملىرى خالىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئىسپات بېرىدۇ،يوقال! ئىپلاس،ۋەتەن ساتقۇچ" دىگەندە قادىر ھاجى قېلىن يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئەپەندىنى ئويلىنىشقا قويۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىدۇ.شۇندىن كىيىنكى سوراقلار ئاساسەن ئەپەندىمنى قىيناش بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ.تاياق زەربىسىدىن ئەپەندىن كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ.
  ھاياتلىقنىڭ ئاخرىقى مىنۇتلىرىنىڭ يىتىپ كەلگنلىكىنى بىلگەن مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىشى ۋەتەنپەرۋەر تاتار ئوقۇتقۇچى مەجىدىن ئەپەندىگە " ئۆلۈمنىڭ ھىدى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى.مۇشۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدا خەنجەر ۋە مىلتىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاز ئەمەس،بىزمۇ بۇ تەتۈر قىسمەتتىن قۇتۇلۇپ بولالمايمىز،ياخشىسى پاكلىنىۋالايلى،ئۇ دۇنياغا پاك ھالىتىمىزدە كەتسەك،روھىمىز خوشال بولىدۇ"دىگەندە ،مەجىدىن ئەپەندى : ئەپەندىم ،بۇ مەلئۇنلارنىڭ تۈرمىسىدە بىز ئىچكۈدەك سۇمۇ بولمىسا،قانداق پاكلىنىمىز؟دەيدۇ.مەمتىلى ئەپەندى ،ئۇ بىچارە ئوقۇتقۇچى مەسلەكدىشىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ،ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن : دوستۇم،راست ئېيتىسىز،بىزگە ئىچكۈدەكمۇ سۇ يوق،بىراق بىز پاكلانغۇدەك توپراق بار،بىز تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولدۇق،يەنە تۇپراققا قايتىمىز،بۇ تۇپراقنى بەدىنىمىزگە،كۆزلىرىمىزگە سۈركىگىنىمىز ۋەتەننى سۆيگىنىمىز،ئۇنى قەدىرلىگىنىمىز بولىدۇ.بىز گەرچە مۇرات-مەقسەتلىرىمىزگە تۇلۇق يېتەلمىگەن بولساقمۇ ۋەتەن،ئېزىز تۇپراققا يۈز كېلەلەيمىز" دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ،مەجىدىن ئەپەندى ئۇنىڭ ئاجايىپ پىداكارلىق روھىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ.
  دىگەندەك مەمتىلى ئەپەندى 1937-يىلى ماينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى سانسىزلىغان مىللىي قەھرىمانلار بىلەن بىللە 36 يىللىق ھاياتى بىلەن ۋىدالاشتى.
  80 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننى مائارىپ ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ،چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ يىغىلىپ،توپلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى.
  مەن يەنە نۇرغۇن زىيالىلار،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندا،ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن يەنىلا ئاتۇشتا باشلانغان مىللىي مائارىپ ‏- ئاقارتىش ھەركىتى ۋە چوڭ دادامنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرنى ئاڭلىدىم.تاغىمىز سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ " ئۆمۈر داستانى " قامۇسى،ئاتۇشتا نەشىر قىلىنغان " مەشئەل" زورنىلى،ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ قەشقەر پىداگوكا ئىنىستۇتى ژورنىلىغا بېسىلغان ماقالىلىر،ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ "ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئوچرىكلار".......قاتارلىق تىپىك ماتىرياللار چوڭ دادامنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يېتىشىمگە ئاساسىي ئۆرنەك بولدى.مەن بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قېزىشا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلۋاتقان ئاشۇ پىشقەدەم يازغۇچى، تارىخچى ۋە مائارىپ پىشۋالىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
  مەن ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاددىي بىر مۇئەللىمى.مىنىڭ بىر كۈنۈمنىڭ تەڭ يېرىمى ئاشۇ سەبىي،يۇمران بالىلار ئارىسىدا ئۆتىدۇ.ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىم مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باھارى.مەن ئۇلار ئارىسىدا تۇرۇپ چوڭ دادام يېزىپ بەرگەن ناخشىلارىنى بىرگە ئوقۇيمىز.ئەنە شۇ چاغدا ۋەتەنپەرۋەر شائىر،دىداكتىك ئوقۇتقۇچى مەمتىلى ئەپەندى بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز. _ 
  مەمتىلى ئەپەندى ئۆز ھاياتىدا بىزگە ئەڭ ئېسىل ئابىدە سۈپىتىدە بىر ناخشا قالدۇرۇپ كەتتى.مەنمۇ ئەۋلاتلارغا بىر ئۇلۇغ ناخشىنى سوغا قىلىمەن.
   
        بۇ بىر تۈگىمەس ناخشا.........

1999-يىلى ،يانۋار  قەشقەر
مەنبە: مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى 200-يىل نەشرى (كىرىش سۆز قىسمى)

   
  ئىزچىلار

بىز ئىزچىلارمىز قوللىرىمىز گاڭ،
كۆزىمىز نۇرلۇق،قەلبىمىز ساغلام.
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

ئۆگەن،تىرىش ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،
ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا، 
ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئېرپان نۇرىدا.
ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

ئۆسكەن يۇرتىمىز قانلىق شېغىل تاش، 
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش. 

ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،



              ئەي ئانا يەر

ئەي ئانا يەر كۆزلىرىڭىدە ئۈمۈد پارلار ھەر زامان،
ئۈستۈڭدىدۇر گاھى تۇتۇق گاھ روشەن كۆك ئاسمان.
ئۆتتى تارىخ،ئۆتتى يىللار،قوزغىلاڭلار بولدى كۆپ،
جەڭ چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.

ئەي ئاناجان،پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز، 
سۆيگۈ-مېھرىڭ ۋە سۈتىڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئال يوقالماي كەلدى سەندە جاندا كۆكلەپ بەرخ ئۇرۇپ، 
قاينىغان قان،قاينىغان جان ،چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

ئەمدى ئەلنىڭ بەختى كەلدى،دەپ خوشال بولغانىدۇق،
ئۆرلىدى تەتۈر قۇيۇن،توسالدى يول-داۋانىمىز. 
كۆپ زامان تارتتۇق نادانلىق دەردىنى ۋەيران بولۇپ،
ئەمدى ئاچساق يېڭى مەكتەپ توسالدى ئىلىم -ئېرپانىمىز.


      ۋەتەن ئۈچۈن

ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيات ئىزدەيمىز،
  ئارزۇيىمىز  راۋاجلانسۇن مائارىپ.
جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز خەلقىمگە،
بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ.

بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق-ئادالەت،
بولسا بەربات خۇراپاتلىق جاھالەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاپ،
زوۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق ئىختىلاپ.

پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى،
شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بولبۇللىرى.
ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق،
جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى

بىز مۇئەللىم،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم،ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق،

خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى
بىزۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى

ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى
يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلەندى ئىناۋىتىمىز. 

مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش ،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.


سېغىنىش



ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا، يۇردۇم يىراقتا غەمدە مەن ،
يىگۈدەك ئاش-نان قېنى، ئىسسىق- سوغاقتا دەڭدىمەن .

قالدى ئەل-يۇرت ، قالدى تارىم، قالدى ئىلى ، زەرەپشان ،
ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان
 
نەگە بارسام كەمسىتىش ،<< ۋەتەنسىز >> دەپ ئاتالدىم،
تۇتقۇن بولۇپ ھەر جايدا تۈرمىلەرگە قامالدىم .

ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ ، غوجام ھەر جايدا بار ،
قاغا ، قۇزغۇن خان ۋەتەندە ، يازدىمۇ بولماس باھار .

كۆز يېشىم يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي ،
بۇلاڭ -تالاڭ بولغان ۋەتەندە مەن تەۋپىق قانداق قىلاي.

ئېھ ، ۋەتىنىم ، غەمگۇزارىم - مىھرىبانىم ئانا يەر ،
ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرىقتىكى بىر گۈھەر .

ھەر كۈنۈڭ ئۆتتى بەخىتسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ،
پەن -بىلىمنى تەرك ئىتىپ ياتتىڭ ئۇيقۇ - غەپلەتتە.

ئىس - تۈتەك ئىچرە قالدى _ ئەل ۋەتەن ھالى خاراپ،
پەرز ئەمەس ناخشا - ساز بىزگە ،ساتار، سۇناي،دۇتتار-راۋاپ.

ئېھ ، ۋەتىنىم بايلىغىم ، كۆڭۈل شادى يايلىغىم ،
سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن ، تەقدىم ساڭا بارلىغىم .ئاتۇشتا ئىككىنچى قېتىملىق مائارىپچىلىق ھەركىتى

                                  سەيپىدىن ئەزىزى

  ئېكساقتىكى باھاۋۇدۇن باي قاتارلىق كىشلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ چوڭ تارىخي باشلىنىش بولۇپ،يېڭى مائارىپچىلىققا ئوبدان ئاساس سېلىپ بەردى.بۇ يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسى بىلەن 1934-يىلى  شېڭ شىسىەي ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كىيىن،ئاستىن ئاتۇشتا تارىخىدا كۆرۈلمىگەن يېڭى بىر مائارىپچىلىق ھەركىتى باشلاندى.بۇ ھەركەتنى يالغۇز ئاتۇش ،قەشقەر تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدىكى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.بۇ ھەركەت كىينكى مائارىپ تەرەقىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.
  ئاتۇشتىكى بۇ مائارىپ ھەركىتىگە تۈركىيىدىن قايتىپ كەلگەن مەمتىلى ئەپەندى‏- توختى ھاجى ئوغلى ( سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بىر تۇغقاننىڭ  يەنى  دادىسىنىڭ ئاچىسىنىڭ بالىسى) ئۇ ياش ۋاقتىدا ئەنجانغا چىقىپ كېتىپتىكەن.بىر قانچە ۋاقىتتىن كىيى تاشكەنتكە بېرىپ ئۇ يەردە ھەم قارا خىزمەت قىلىپ ھەم ئوقۇپتۇ.ئۇ ئوتتۇرا بىلىم ئالغاندىن كىيىن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ،تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماپتۇ.يەنە بىر ۋاقىت ئەمگەك قىلىپ يۈرۈپ،قارا دېڭىز بۇيىغا بارغاندىن كىيىن تۈركىيىدىن كەلگەن بىر پاراخۇت خىزمەتچىسى بىلەن تونۇشۇپ، تۈركىيەگە بېرىپتىكەن.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ،تۈركىيەدە ئاۋال خېلى قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپتىكەن،كۈنلۈكچى بولۇپ قارا خىزمەت ئىشلەپتۇ،قۇرسىقى ئاران تويىدىكەن،تۇرار جايىمۇ مۇقىم ئەمەس بولۇپ،ئۇ داۋاملىق بىر ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەيدىكەن،ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ تەمبۈر چېلىپ،ناخشا ئېيتىپ يۈرگىنىنى كۈرۈپ،ياقتۇرۇپ قاپتۇ.(تەۋپىق ئەپەندى ئۇستا تەمبۈرچى بولۇپ ،ناخشىنىمۇ ئوبدان ئېيتىدىكەن،قەشقەردىن ئېلىپ ماڭغان تەمبۈرنى تاشلىماي تۈركىيىگىچە ئېلىپ بېرىپتىكەن)ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا ھېلىقى ئاشخانا خوجايىنىنىڭ تەلىپى بىلەن ئاشۇ ئاشخانىدا تەمبۈر بىلەن ناخشا ئېيتىپ بېرىدىغان بولۇپتۇ.ئاشخانىنىڭخېرىدارىمۇ كۆپىيىپتۇ،بارا-بارا تۈرۈك سازچى،ناخشىچىلىرى بىلەنمۇ دوست بولۇپتۇ.بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى خوجايىن بۇنى قانداقتۇر بىر ئەمەلدارغا تۇنۇشتۇرۇپ قويۇپتۇ،.ئۇ ئەمەلدار ئۇنى مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ.ئوقۇپ ياخشى بىلىم ئاپتۇ،ئۇ كىيىن "تۈرك گەنجىلەر (ياشلار)بىرلىكى" دىگەن تەشكىلاتقا قاتنىشىپتۇ.ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن،ئۇ يەردىكى ياشلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ھۆرمەتلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،بىر كۈنى ياشلار جەمىيەتنىڭ قانداقتۇر بىر چوڭ مەجلىسى بوپتىكەن،مەجلىستە مەمتىلى ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىپتۇ،ئۇ ئالدىن تەييارلانمىغاندىن كىيىن قىينىلىپ قاپتۇ،كىيىن سەھنىنىڭ تاشقىرىسىدا تۇرغان بىر تەمبۈرنى ئېلىپ كېلىپ،ئۆزى يازغان شېئىرغا ئىشلىگەن بىر ناخشىنى تەمبۈر بىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ،بۇ شېئىر مۇنداق ئىكەن:
   
بىز ئۇيغۇرنىڭ باللىرى كۆڭلىمىز نۇرلۇق،
    بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇغ.
    كۆپ زامانلار  سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،
    دەريا-دەريا قانلار تۆكتۈق ئەرك يولىدا.

    بىزگە گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،
  ئەسىر بولدۇق،تۇتقۇن بولدۇق،ھالىمىز يامان.
  كۈرەش بىلەن ئۆتتى ئەسىر،شانىمىز ئۇلۇغ،
  بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.
  كۆپچىلىك ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىنى ناھايىتى چوڭ تەنتەنە بىلەن ئالقىشلاپتۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇيغۇر سازچى‏- ناخشىچى نام بىلەن ئاتىلىپ يۈرۈپتۇ.شىنجاڭدا خەلىق قوزغىلىڭى بوپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ،قايتىشنى تەلەپ قىلىپ خېلى ھەركەت قىلغانىكەن،كىيىن ياشلار تەشكىلاتى بىر نەچچە ئادەم بىلەن شىنجاڭغا قايتۇرۇپتۇ.
  مەمتىلى ئەپەندى شېڭ شىسەي ھاكىملىققا تىكلەنگەندىن كىيىن بىر قانچە ۋاقىت بوش تۇرۇپ،بىزنىڭ ئۆيگە جىقراق كېلىپ -كېتىپ تۇردى.( سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆيىگە) ئۇنىڭدا يولداشلار بىلەن تۇرىمىزمۇ ، قايتىمىزمۇ دىگەن ئىككى ئىش دائىم سېزىلىپ تۇراتتى.تۇغقانلارمۇ بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن قايتىپ كېتىشىگەپەقەت رازى ئەمەس ئىدى.ئۇ يۇرتتىن،تۇغقانلاردىن ئايرىلغۇسى يوقلىغىنى لىكىن قانداقتۇر بىر ئەندىشىسى بارلىقىنى ئېيتتى.ئاكىسى نىزامىدىن بىر كۈنى ئۇنى باشلاپ بىزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭ مەقسىتى ‏- ئاپام بىلەن بىللە ترۇپ،ئۇنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلماقچى ئىكەن.ئانام جىق سۆزلەپ قالدۇرۇپ قېلىشقا نەسقھەت قىلدى.نىزامىدىنمۇ يېلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.مەنمۇ ئۇلارنى قۇۋەتلەپ تۇرىۋالدىم.ئاخىر ئۇ قېلىشقا رازى بولدى.ئەتىسى ئۇ مىنى باشلاپ شەھەرگە ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن مەجىدىن ئەپەندى دىگەن دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى.ئۇلار قېلىش ياكى كېتىش توغرىسىدا جىق سۆزلەشتى.مەمتىلى ئەپەندى جىق سۆزلەرنى قىلىپ قېلىشقا دالالەت قىلغاندىن كىيىن مەجىدىن ئەپەندى يۇمشاپ: " سەن مۇنداق دىسەڭ،مېنىڭمۇ ئىلاجىم يوق،مەھمۇت سىجاڭ چۇقۇم قويۇپ بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ،قالساق قالدۇق،لىكى ھاياتىمىز خەۋپتە". دىدى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرى :  "قايتىپ كەتمەيمىز،مىللەت ئۈچۈن بىز ئاز ئىش قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەك ئارمان يوق" دىگىنى ئىسىمدە،بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ۋالىي مەھكىمىسىدە كاتىپلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىم ئىدى.ئۇ كۈنى مەتىلى ئەپەندى ماڭا "كاتىپلىقىڭىزنى تاشلاڭ،ئاتۇشقا كەتتۇق " دىدى.نىمە قىلىمىز ؟دىسەم ،مەكتەپ ئاچىمىز دىدى.ئەتىسىلا بىز ئاتۇشقا ماڭدۇق،ئىككىمىز بىر مەپىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق.ئۇ يولدا ماڭا جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى.ياش ۋاقتىدا شىنجاڭدا تارتقانلىرى،ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بېرىپ تاشكەنتتە ئوقۇيالماي،تۈركىيەگە كەتكەنلىرى ۋە ھاكازالار.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاتۇشتا قانداقچە يول بىلەن مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدىغان پىلانىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى.مەن تېخى ياش بالا بولساممۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلىغىمدىن بەك روھلاندىم.ئۇ ئاتۇشقا بارغاندىن كىيىن ئۆزىنى قوللايدىغان بىر قانچە مۆتىۋەرلەرنى تېپىپ ھەركەت باشلايدىغانلىغىنى،مىنىڭ ئىدراكلىق ياخشى دوستلاردىن بىر قانچىنى تېپىپ تىزىملىكىنى تەييارلىشىمنى تاپشۇردى.ئاتۇشقا بېرىپ بىرەر ھەپتە دىگۈدەك بىر قىسىم ئىلغار مۆتىۋەرلەر،ياش دوستلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى بۇيىچە مەكتەپ ئېچىشقا كىرىشىدىغان بولدۇق.
  پىلان: ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىش‏- ئۈىرى،قىسقا مۇدەتتىلى مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىش،يەنە بىرى ،ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىنىڭ ھەممىسىدە 24 مەكتەپ سېلىش،ئالتە ئاي ئىچىدە ھەممە تەييارلىقلارنى تۈگىتىپ،ئوقۇش باشلاش ‏- بۇ بەك مۇھىم  لىكىن جىدى پىلان ئىدى.بىز بۇنى خوساللىق بىلەن قوللىغان بولساقمۇ ،بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا كۆزىمىز يەتمەيتى.لىكىن مەمتىلى ئەپەندى بىزنى ئىشەندۈردى.ئۇنىڭ قەتئىي بەل باغلىغان جاسارىتى،ئىشەنچى،چاقماقتەك ھەركىتىگە قاراپ بىز ئەگەشتۇق.مۇئەللىملەر كۇرسى دەرھاللا ئاستىن ئاتۇش ئوڭ ئېرىقتىكى بىر مۇدەرىسدە ئېچىلدى.بىر قانچە ئىلغار زىيالىلار ۋە بايلاردىن مەكتەپ ھەيئىتى قۇرۇلدى.ئۇلار كۇرۇسقا يېقىندىن ياردەم قىلدى،ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ھەممىمىز ياش تەلەپكارلار ،60 بالا ھەممىمىز ئاشۇ مەدىرىسىدە ياتىمىز،تامىقىمىزدىن باشلاپ خىراجىتىمىزنى ھەممىسىنى مەكتەپ ھەيئىتى  بايلاردىن توپلىغان ئىئانە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ھەركەتتە مەمۇرىي،تەشكىلىي،ئىلمىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىدىغان ئادەم بىرلا ئاشۇ مەمتىلى ئەپەندى.ئۇ يەنە مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ بىرلا مەمتىلى ئەپەندى.تىل ،ھېساپ،جۇغراپىيە ،تارخ دەرسلىرىنى ئۆتىدۇ.دەرس تەييارلاش،تۇرمۇش تەرتىۋىنى باشقۇرۇش،دەرس ئۆتۈش،مەكتەپ ھەيئىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىش،ئۇنىڭدىن كىيىن كۈنىگە ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈش،تېخى بۇلاردىن باشقا،ئەتىگەندە بىر سائەت،چۈشتىن كىيىن دەرستىن كىيىن بىر-ئىككى سائەت تەنھەركەت مەشغۇلاتى،مەشق قىلىشقا باشچىلىق قىلىش ‏- مۇشۇنداق جاپالىق خىزمەتتە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىدى.ئۇياقنىڭ قىلىدىغان ئىشى تېخى بۇلا ئەمەس.كەچلىكى ئۈلگۈرسە تاماق يەپ،بولمىسا بىرەر ناننى قوينىغا سېلىپ،ئات مىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.كېچىدە كەنتلەرگە بېرىپ،ئۆزى تەشكىل قىلغان ئاتىلار ھەيئىتى بىلەن مەكتەپ قۇرلىشىنى مۇزاكىرلىشىدۇ. ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.بايلارنى يىغىپ ئىئانە توپلايدۇ.شۇنداق قىلىپ بىرەر جاينى تېپىپ،ئۇخلىسا ئۇخلاپ،بولمىسا ئۇخلىماي،يەنە قايتىپ كېلىپ بىزگە دەرس بېرىدۇ.كۆپ ۋاقىتلاردا بىز ئۇياقنىڭ كەنتلەردىن قايتىپ كېلىپلا ،توپتۇغرا دەرسخانىغا كىرگەندە ،ئۇنىڭ بەك چارچىغانلىغىنى ۋە كۆزلىرىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ بەك ئايايتۇق.لىكىن ئۇنىڭدا تەتۈرسىچە روھىي ئۈستۈنلۈك كۆرىنىپ تۇراتتى.ئۇ كىرىپلا ئاۋال بىزگە خوشاللىق بىلەن كەنىتلەردىكى مەكتەپ سېلىشنىڭ ياخشى كىتىپ بارغانلىغى،پىلانىنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئېشىشىدا ئۈمۈد بارلىغىنى سۆزلەپ،ئاندىن دەرس ئۆتۈشكە باشلايتى.ئۇنىڭ مۇشۇ ھەركىتى - ئاشۇ ئۈمۈدۋار ،جۇشقۇن قىياپىتىنىڭ ئۆزى بىزگە چوڭ تەربىيە ۋە ئىلھام بولاتتى،بىز ئاز دەم ئېلىپ بولسىمۇ،جىقراق ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلاتتۇق.
  بۇنداق بىر مۇھىم ھەم جىددى پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى.لىكىن ،پىلان ئەمەلگە ئاشتى.ئالتە ئايدا ئەمەس،بەش ئايدىلا ئەمەلگە ئاشتى.ئەمەلگە ئاشقاندىمۇ ئويلىمىغان دەرىجىدە تۇلۇق ئەمەلگە ئاشتى.بىز كۇرسنى پۈتتۈرۈپ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا كەنت-كەنتلەرگە بېرىپ يېڭىچە سېلىنغان مەكتەپلەردىكى پاكىزە سىنىپلاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ،ئۈستەكل ئۈستىدىكى تىزىملىك بىلەن تۇنۇشۇپ،دوسكا ئالدىدىكى بورنى قولىمىزغا ئېلىپ،دەرس باشلاپ كەتتۇق.ھەقىقەتەن كارامەت ئىش،دىمىسىمۇ ئىشەنگىلى بولمىغىدەك ئىش.ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ياقتىن 60 مۇئەللىم تەييارلاش،بىر ياقتىن 24 كەنتتە 24 مەكتەپ سېلىش،10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى مەكتەپتە ،يېڭى پارتىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ،دەرس ئاڭلاشقا تەييار قىلىش - راستنلا قالتىس ئىش.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،قەتئىي ئىرادە،جۇشقۇن روھ ۋە خەلق ئۈچۈن،خەلقنى ئاقارتىش ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھاياتى بىلەن بىرىلىدىغان ئاشۇنداق ئادەم بولغاندىلا مۇنداق كارامەت ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن.
  لىكىن ،ئاتۇشتىكى بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ پىلانى ئاسانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشقىنى يوق،ماددىي،تەشكىلىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش قىيىن بولدى.بۇنىڭ سەۋەبى كۆپچىلىك خەلق ،ئاتىلار،ئاتىلار ھەيئىتى،مەرىپەتپەرۋەر  بايلار چوڭ ياردەم قىلدى.ئاساسلىق قىيىنچىلىق ‏- قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق،پەن مەدىنىيەت بىلەن دىننىي خۇراپاتلىق ئارىسىدىكى كۆرەش بولدى.قالاق كۈچلەر،روھانىيلار بۇ ھەركەتكە تۈرلۈك يوللار بىلەن قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.كۈرەش جىددى بولدى.مۇئەللىملەر كۇرسىنىڭ ئوقۇشى ۋە يېزىلاردا مەكتەپ سېلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن ئەكسىيەتچىلەر،مۇتەسسىپ روھانىيلار ئاۋال ھەرخىل ئەكسىي تەشۋىقات ۋە ئىغۋالارنى تارقىتىشقا باشلىدى.  "  كالتە قۇيرۇقلار،دەھرىلەر دىنىمىزغا قارشى ھەركەت باشلىدى،بولشىۋېكلارنىڭ مەكتەپلىرىنى سالغىلى ۋا ئاچقىلى باشلىدى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز ،مۇناپىق ،كالتە قۇريۇق،ئۇزۇن چاچ، ساقىلى يوق،دىنىمىزنى قوغدايلى.........."  دىگەنگە ئوخشاش گەپلەر،ھەتتا بەزى مۇتەسسىپ ئاخۇنۇملار مەسچىددە ئىغۋا قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر بىزگە تەتۈر قارايدىغان ھومىيىپ قاچىدىغان،كىيىن تىللاپ ھاقارەت قىلىدىغان بولدى.بىز مۇئەللىملەر كۇرسىدىن جۈمە كۈنلىرى قايتىشتا تامنىڭ كەينىدە ترۇپ تاش ئاتىدىغان،ھەتتا ئورىۋېلىپ،كالتەك بىلەن ئۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى.بىز بەش-ئنىمىز بىرگە مېڭىپ،ئۆزىمىزنى مۇداپىيە قىلاتتۇق.ئايرىم بالىلار قورقۇپ مەكتەپكە بارالمايدىغان بولدى،بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاخۇنۇملار بېسىم ئىشلىتىپ،باللىرىنى ئەۋەتمەي قويدى.لىكىن يەنە مەمتىلى ئەپەندى بىر ياقتىن خەلق ئاممىسىغا يۆلىنىپ،يەنە بىر ياقتىن مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە كۆرەشلەر بىلەن، ئەكسىيەتچىل كۈشلەرنى يېڭىپ،پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەتتى.
  ئەكسىيەتچىلەر،روھانىيلار نەزەرىدە،بىز ئاشۇ مەدىرىسكە توپلانغان ئوقۇغۇچىلار گوياكى دىنغا قارسى گورۇھ،بولشىۋىكلارنى تەشۋىق قىلىدىغان كالتە قۇيرۇق،قانداقتۇر قورقۇنىچلىق يامان ئادەملەردىن بولۇپ قالدۇق،دىمىسىمۇ بىزنىڭ تۇرقىمىزدا بىراقلا ئۆزگىرىش بولدى،كالتە چاپان كەيدۇق،بىلىمىزدە بەلۋاغ يوق.چاچ قويدۇق،ساقال-بۇرۇت يوق.بېشىمىزدا غەيرىي رەسمىي شەپكە،ئىيتقىنىمىز يېڭىچە شېئىر،مىڭىشىمىز باشقىچە،دىمىسىمۇ قىياپىتىمىز ،ھەركىتىمىز بىلەن ئادەتتىكى خەلىقتىن ئالاھىدە بولۇپ قالدۇق.لىكىن،بىز يىتىم قالمىدۇق،كۆپچىلىك،خەلق بىزنى قوللىدى،ياشلار قوللىدى،ئاتا-ئانىلار قوللىدى.ئەمما كۈرەش جىددىلىشىپ شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى،مەھەللىلەردە سېلىنىۋاتقان بىرمۇنچە مەكتەپلەر ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تەھتىدى بىلەن توختاپ قالدى.بىزنىڭ ئوقۇشىمىزمۇ توختاش خەۋپىگە دۈچ كەلدى.ئاشكارە،يۇشۇرۇن تىللاش،ئۇرۇش كۆپەيدى.بىزنىڭ ئارىمىزدا پۇتى سۇنغان،بېشى يېرىلغانلارمۇ پەيدا بولدى.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى تېخىمۇ خەۋىپكە دۈچ كەلدى.ئەمدى يۇقىرى رەھبەرلىكتىن ياردەم ئالمىغاندا،پۈتۈن ھەركەت توختاپ قالدىغان ئەھۋال يۈز بېرىۋاتاتتى.
  شۇ ئەھۋالدا،مەمتىلى ئەپەندى بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ،قەشقەرگە بېرىپ،سىجاڭغا ئەھۋالدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى.سىجاڭنىڭ كەلمەي تۇرۇڭلار دىگەن جاۋابىغىمۇ قارىماستىن،ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇپ،بىر ھەپتە ئالاھىدە ،جىددى تەييارلىقلار قىلدۇق.شېئىر ناخشا ئۆەىنىش،مەشكە مېڭىشنى ئۆگىنىش،يېڭى كىيىم تىككۈزۈش(ئوخشاش كىيىم) شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى كىشلىك ،بىر كۈرۈنىشلىك "شىكايەتنامە" تەييارلاپ،بۇنىڭغا مېنىڭ بىلەن مۇھەممەت ھۈسەيىن دىگەن بىر بالا قاتناشتۇق.مەمتىلى ئەپەندى سۆزىنى ئۆزى يېزىپ،يادقا ئالدۇرۇپ،ئۆزى رېژىسسۇر بولۇپ ئۆگەتتى.قاتىلاڭ تەييارلىق بىلەن بىر ھەپتىگە يەتمەي،بىر جەڭەىۋار تەشۋىقات ئەترىتى بارلىققا كېلىپ،شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
  بىز يولغا چىققان كۈنى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال،يۇرت يىغىلىپ ئۇزاتتى.كىشىلەردە بەكلا ھاياجانلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇردى.بىزنىڭ ئەترىتىمىز كىشىنى ھاياجانلاندۇرغىدەك،روھلاندۇرغىدەك ھەيۋەتلىك كۈرىنەتتى.تۆتتىن بولۇپ ئۇزۇن تىزىلغان ئەترىتىمىز ئالدىدا مەشئەرل سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن،«ئىزچىلار »دەپ خەت يېزىلغان قىزىل بايراقنى كۆتىرىپ ماڭغان ئىدى.ئۇنىڭ ئئارقىسىدا چوڭ-كىچىك دۇمباق،سۇناي،نەيلىك" ئوركىستىر" جاھاننى ياڭرىتىدۇ.كىيىملىرىمىزمۇ غەيرىي،ماشرەڭ چەكمەندىن تىكىلگەن قايرىما ياقىلىق،ئىككى يانچۇقلۇق كۆينەك،بىلىمىزدە تاسما كەمەر،شالۋۇرمۇ شۇ رەڭدا،بېشىمىزدىكى شۇ رەڭدىكى قۇلىقى ئۈستىگە قايرىلغان،چېكىلىكى بار شەپكە( بۇ شەپكە سوۋىت قىزىل ئەسكەرلىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتلىرىدىكى شەپكىللىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى).سول قۇلىمىزدا دەپتەر-قېرىنداش،ئوڭ قۇلىمىزدا ئىزچىلار كالتىگى دەپ ئاتالغان نوغۇچتەك ئۇزۇنلۇقتىكى چىرايلىق ياسالغان كالتەك،ياڭلىرىمىز شۇمدەكلەنگەن،بېشىمىز ئىگىز كۆتىرىلگەن،مەيدىلىرىمىزنى كېرىپ ھەربىيلەرچە ھەيۋەت بىلەن شېئىر ئېيتىپ،مارشقا دەسسەپ ماڭىمىز.ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭمۇ زوقى كېلىدۇ. ياش بالىلاردا بولىدىغان مەغرۇرلۇق ھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.تەڭ ئاۋاز بىلەن مېڭىشىمىزغا كېلىشتۈرۈپ مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇيمىز:

بىز ئىزچىلارمىز قوللىرىمىز گاڭ،
كۆزىمىز نۇرلۇق،قەلبىمىز ساغلام.
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

ئۆگەن،تىرىش ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،
ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،
ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئېرپان نۇرىدا.
ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

ئۆسكەن يۇرتىمىز قانلىق شېغىل تاش،
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش.

ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

  مۇشۇ شەكىلدە كوچىدىن چاڭ چىقىرىپ،يۇررتىن چىقىپ قۇمال تاغقا قاراپ كۆتۈرۈلدۇق.مەمتىلى ئەپەندى بايراقتىن كىيىنرەك ئەترەتكە يانداپ ماڭماقتا.مەن ئەترەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىراق يانداپ شېئىرغا باشلامچىلىق قىلىپ ھەم بىر،ئىككى،ئۈچ دەپ ئاياغلارنى تەڭشەپ ماڭدىم.
  بىز چۆللەردە ئىختىيارىاق ماڭىمىز.يۇرتقا كىرگەندە يەنە ھېلىقى ھەيۋىتىمىز بىلەن ماڭىمىز.شۇنداق قىلىپ بەش كېرەم ئاۋاتتىن ئۆتۈپ قاتتىق بىر كۈن مېڭىپ كەچقۇرۇنلىغى ئاپپاق غوجامغا كېلىپ توختىدۇق.ئۇ يەردە ھېلىقى مەجىدىن ئەپەندى بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئىككى ئۈچ مەسئۇل كادىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن.بىز تاماق يەپ دەم ئالدۇق.كىيىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىگە شەھەرگە كىرمەي مۇشۇ يەردىن قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ قىپتۇ.بۇ سىجاڭنىڭ پىكىرىمىش.بىز ئۇنىماي قاتتىق تۇردۇق ۋە شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق.يولنىڭ ئىككى چېتىدە تىقماق-تىقماق ئادەم،ئەمدى ئالدىمىزدا ھەربىي كاناي دۇمباقچىلار،ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى بىزنىڭ سوناي -دۇمباقلىرىمىزنى بېسىپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ كوچىدىكى خەلق توپى ئارىسىدىن ئۆتۈپ،شەھەرنى ياڭرىتىپ يېڭى دەرۋازىغا - مەھمۇت سىجاڭ تۇرىدىغان جايغا باردۇق.سىجاڭنىڭ سىلىڭبوسىدا دەرۋازا سىرتىدىكى يولدىن تارتىپ تاكى ئىچكىرى ھويلىغىچە قاتار تىزىلغان مىلتىق ئەسكەر بىزنى قارشى ئالدى.خوشلۇقىمىز بارغانچە دولقۇنلاندى.ئۈنىمىزنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىپ،سىلىڭبونى ياڭرىتىپ،ئىچكىرى ھويلىغا كىردۇق.بۇ يەردە مەھمۇت سىجاڭ ئۆزىنىڭ بىرمۇنچە ھەمرالىرى بىلەن تۇرغانىكەن.ئۇنىڭ ئالدىغان بىر قاتار توختىدۇق.ئۇ بىزنى بەك قىزغىن قارشى ئالدى.شۇ ھويلىنىڭ ئۆزى بىردەمدىلا قارشى ئېلىش تەنتەنە مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى.ھويلىنىڭ چېتىدىرەك بىر ئۈستى يېپىق سۇپا بار ئىكەن.مەھمۇت سىجاڭ شۇ يەرگە چىقىپ بىزنى قارشى ئېلىپ قىسقىچە سۆز قىلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك،سۆزلىرى ئۇنچە رەتلىك ئەمەسئىدى.قارشى ئېلىش رپھى بەك قىزغىن ئىدى.ئۇنىڭ  قوللىغانلىغى  بىزنى ناھايىتى خوشال قىلدى،لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزدىكى قوللىشى تېخى يىتەرلىك ئەمەس ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى دوكلات تەرىقىسىدە قىسقىچە سۆزلىدى.ئۇ: بىزنىڭ يوللىرىمىزنى جاھىللار توسىماقتا،بىزگە ياردەم كېرەك.دەپ ئاخىرىدا ئۆزى يازغان تۆۋەندىكى شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدى.


ئەي ئانا يەر كۆزلىرىڭىدە ئۈمۈد پارلار ھەر زامان،
ئۈستۈڭدىدۇر گاھى تۇتۇق گاھ روشەن كۆك ئاسمان.
ئۆتتى تارىخ،ئۆتتى يىللار،قوزغىلاڭلار بولدى كۆپ،
جەڭ چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.

ئەي ئاناجان،پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز،
سۆيگۈ-مېھرىڭ ۋە سۈتىڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئال يوقالماي كەلدى سەندە جاندا كۆكلەپ بەرخ ئۇرۇپ،
قاينىغان قان،قاينىغان جان ،چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

ئەمدى ئەلنىڭ بەختى كەلدى،دەپ خوشال بولغانىدۇق،
ئۆرلىدى تەتۈر قۇيۇن،توسالدى يول-داۋانىمىز.
كۆپ زامان تارتتۇق نادانلىق دەردىنى ۋەيران بولۇپ،
ئەمدى ئاچساق يېڭى مەكتەپ توسالدى ئىلىم -ئېرپانىمىز.
  مەمتىلى ئەپەندى دېكلاماتسىيەنى شۇنداق جانلىق،شۇنداق يالقۇنلۇق ئېيتتىكى،پۈتۈن ھويلىدا ئولتۇرغانلارنى ھاياجانغا كەلتۈرۋەتتى.ئۇزاق چاۋاك چېلىشتى،بەزىلەر كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتتى.مەمتىلى ئەپەندى سۇپىدىن چۈشكەندەمەھمۇت سىجاڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.كىشىلەردە شۇنداق بىر تۈرلۈك خوشاللىق كەيپىياتى پەيدا بولدىكى ،بۇ مەكتەپ ھەركىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچىنى تىتىۋەتكۈسى كېلەتتى.مەمتىلى ئەپەندىگە،بىزگە بولغان كىشىلەرنىڭ زوقى،سۈيۈنچى تېخىمۇ ئاشتى.
  ئەمدى بىزنىڭ ئىككى كىشلىك كىچىك ئويۇنىمىز باشلاندى.بۇنى ئويۇن دىسىمۇ بولىدۇ،بىر-بىرى بىلەن تالاشقان ئىككى كىشلىك سۆھبەت دىسىمۇ بولىدۇ.ھەركەتلىرىمىز،سۆز-ئاھاڭلىرىمىز ئارتىسقا ئوخشايتى.ئەگەر ئويۇن دىگەندە،بۇ مىنىڭ 1-قېتىم سەھنىگە چىقىشىم بولغىنى،ئەگەر نوتۇق دىگەندىمۇ ئۇنداق سەھنىدە بىرىنچى قېتىم سۆزلىگىنىم بولدى.
  مۇھەممەت ھۈسەيىن دىگەن ساۋاقدىشىمىز سەھنىگە چىقىپ سۆز باشلىدى.ئۇ ئاتۇشتىكى مەكتەپ ھەركىتى،مۇئەللىملەر يىتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئۇتۇقلىرى،يۇرت-يۇتقا مەكتەپلەر سېلىنىۋاتقانلىغى ۋە ياڭى ئىلىم-ئېرپان يولىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك سۆزلەپ كېلىپ "بىز ئاتلاندۇق،بىر قولىمىزغا قەلەم ‏-كىتاپ ئالدۇق،ئىلىم -مەرىپەت يولىغا قەدەم تاشلىدۇق،يولىمىز پارلاق......" دىگەندە،مەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىن قوپۇپ،"توختا ساۋاغداش"  دەپ قۇلۇمنى كۆتەردىم.ھەممە ئادەم ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى.كىشىلەر گويا بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىشىنى بۇزىدىغاندەك ماڭا تەتۈر قارىشاتتى.
  مەن ھەربىيلەرچە قەدەم تاشلاپ،يەنە قۇلۇمدا دەپتەر-قەلەم ۋە ئىزچى كالتىگى بىلەن سەھنىگە چىقتىم.چىقىپ مەن مۇھەممەت ھۈسەيىنگە "سىنىڭ ئاۋالقى سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياخشى،لىكىن ئاخىرقى سۆزلىرىڭگە قوشۇلالمايمەن"دىدىم.خەقلەر ھەيران قېلىپ ماڭا قاراشتى.ئۇنىڭدىن كىين مەن ئاۋۇ ساۋاقداشنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ سۆز باشلىدىم.
  ‏- راست،بىز ئۇلۇغ قەدەم تاشلىدۇق.ئىلىم مەرىپەت،مائارىپ ئىشى ئۈچۈن باتۇر قەدەملەر تاشلىدۇق.پۈتۈن خەلق ،ئاتا-ئانا،بالىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللايدۇ.بىز مۇشۇنداق شانلىق قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەۋاتقاندا،بىز قىسىم مۇتەسىپلەر قويغا ئېتىلغان بۆرىدەك بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا.بىزنى تىللاپ ئۇرماقتا.ھاقارەت قىلىپ يۇلللىرىمىزغا تاش ئاتماقتا.بىزنىڭ ھاياتىمىز خەۋپكە ئۇچرىماقتا.يولىمىز توسۇلۇپ قالغىلى ياتىدۇ.ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىشى مۇمكىن،مەكتەپلىرىمىزگە ئوت قۇيۇپ،كۆيدۈرىشى مۇمكىن.بىز يولىمىزدىن ھەرگىز يانمايمىز لىكىن بىزگە ياردەم كېرەك.سۆزۈم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەھمۇت سىجاڭ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە "قانداق نىمىلەر ئۇ سىلەرگە قارشىلىق قىلىدىغان" دەپ ۋاقىرىدى.مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن سۆزۈمنى داۋام قىلدۇردۇم:
  قازى ئەلەم،باي-بېگىم باشلىق يوغان قورساق،ھارام تاماقلار،خەلقىنىڭ قېنىنى شورايدىغان مۇشتۇمزورلار،ئۇلار بىزنى "دەھرى،كالتە قۇيرۇقلار،دىنىمىزنى بۇزىۋاتىدۇ" دەيدۇ.بۇ بىزگە بوھتان.بىز دىنىمىزنى بۇزغىنىمىز يوق،بىز مۇققەددەس ئىسلام دىنىمىزنى قوغدايمىز.بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ (س،ئە،ۋ)"ھەممە ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارغا ئىلمىي تەرەپ قىلماق پەرزدۇر"دىگەن سۈننىتىنى ئادا قىلماقتىمىز،خەلقىمىز غەپلەتتىن ئويغۇنىشى كېرەك.نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ،ئالغا بېسىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم كېرەك.ئوقۇش كېرەك،مەكتەپ كېرەك." بىز باشلىغان ئۇلۇغ يولىمىزدا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدۇق.بىزگە ياردەم كېرەك.ئاتىمىز مەھمۇت سىجاڭنىڭ بىزنى قوللىشىنى،بىزگە ياردەم قىلىشىنى،بىزنىڭ غالىبىيەت بىلەن ئالغا بېسىشىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز........"
  ئولتۇرغان كۆپچىلىك بارغانچە جانلىنىشقا،بىر-بىرى بىلەن غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.ئاخرىدا مەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تۆۋەندىكى شېئىرىنى ھاياجانلىق بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدىم:

 
ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيات ئىزدەيمىز،
  ئارزۇيىمىز  راۋاجلانسۇن مائارىپ.

جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز خەلقىمگە،
بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ.

بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق-ئادالەت،
بولسا بەربات خۇراپاتلىق جاھالەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاپ،
زوۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق ئىختىلاپ.
پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى،
شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بولبۇللىرى.

ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق،
جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى.

  مەھمۇت سىجاڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.ئۇ مەمتىلى ئەپەندىگە قارىتىپ:  " ئۆلىمالارغا ھەرگىز يول بەرمەڭلار،مەن بىر خەت يېزىپ بېرەي،كىيىن سىزگە ئىككى مىلتىقلىق ئەسكەر بېرەي،ئەگەر يەنە قارشىلىق قىلدىغانلار بولسا،باغلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭلار،مەن بار ئىكەنمەن،سىلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىشىڭلارغا ھىچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ." دىدى.ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىز ئاز تىتىرەپ چىقتى.ئۇنىڭ غەزەپلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.ھەممە قزغى چاۋاك چالدى.بىز ئوقۇغۇچىلار بولساق ئىزچىلار كالتىەىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ھېلىقى يولدا ئېيتىپ كەلگەن ناخشىمىزنى قايتا باشلىۋەتتۇق.سىلىڭبونىڭ ھويلىسى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.مەمتىلى ئەپەندى غەلىبە قىلدى.بىز غەلىبە قازاندۇق.خوشلۇقىمىزدىن كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقاتتى،ئىلگىرى شەھەرگە كەلمىسەڭلار بولىدۇ،دىگەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ بىزگە بولغان مۇھاببىتىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولدى.ئۇ ئىلگىرى كەلمەڭلار دىگەندە بىزنى قارشى ئالماسلىق ئەمەس،بەلكى ئەھۋالنىڭ بۇنچە ئېغىرلىقىنى بىلمەيتى.ئۇنىڭغا ئەرز قىلىش مۇمكىن ئىدى،مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى كىلىپ دوكلات قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.لىكىن،بۇنداق قىلىشقا بولمايتى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى ئوڭۇشلۇق چىقتى.ئۇ ئېغىز بىلەن ئەمەس،ئەمەلىيەت بىلەن 60 ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى قىياپىتى بىلەن،ئۇلارنىڭ ئاغزى بىلەن ھەم ئۇتىقىنى دوكلات قىلماقچى،ھەم توسقۇنلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ياردەم ئالماقچى ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ياخشى تەدبىرى بەكلا ئۇتۇقلۇق بولدى.
  مەھمۇت سىجاڭ ھەممىمىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپبىر -ئىككى كۈن دەم ئېلىڭلار،ئەمدى قايتىپ بارغاندىن كىيىن سىلەرگە ھىچكىم كاشىلال قىلالمايدۇ،دىدى.بىز يەنە چاۋاك چالدۇق،شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى دوكلات يىغىنىمىز تامام بولدى.
  بىزنى سىلىڭبونىڭ ھويلىسىدىكى بىر نەچچە ئېغىز ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى،ياخشى تائاملار بىلەن ئوبدان كۈتتى،بۇ بىر ئاخشامنى بىزئىچ-ئىچىمىزگە سىغمىغان ئاجايىپ خوشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدۇق. ئەمەلدارلار،ئەسكەرلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ،بىز بىلەن پاراڭلىشىپ،قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى.بىز ئەسلىدە،ئىشىمىز راستىنلا توختاپ قالامدىكىن دەپ ،دەپ قورۇققانىدۇق.ھەقىقەتەن كاشىلا كۆپەيگەن،دىگەندەك ئوت قۇيۇش،ئۆلتۈرۈش خەۋپىمۇ بار ئىدى.ئەمدى مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن مەمتىلى ئەپەندىنى قوغدايدىغان ئىككى نەپەر قوراللىق ئەسكەر بار.بۇ بۇيرۇق ۋە ئەسكەرلەر بز ئۈچۈن ناھايىتى زور تۈتكىلىك كۈچ بولدى.
  ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن مەشەتتە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسى يېنىدىكى ئازنا مەسچىتتە ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزدۇق.يىغىنغا ئاستىن ئاتۇشنىڭ ھەممە كەنتلىرىدىن دىگۈدەك ئاخۇنۇم ،بايلار ،يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە مەكتەپ ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى،ئۇنىڭدىن باشقا ئاددى پۇقرالار قاتناشتى.بىز ھەممە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتۇق.10مىڭغا يېقىن كىشلىك بۇ يىقغىن بەكمۇ سۈرلۈك ئېچىلدى،مەسچىتنىڭ پېشايۋىنىدا يۇرت مۆتىۋەرلىرى،ئالدىدا مەمتىلى ئەپەندى مىلتىقلىق ئىككى ئەسكەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرىدۇ.ئۇ كۈلۈمسىرىگەن بىلەنمۇ مەجلىسنىڭ جىددىلىكى بىلىنىپ تۇراتتى،مەمتىلى ئەپەندى ئاۋال مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئوقۇپ ئاڭلاتتى.ئاندىن ئۆزى قىسقىچە سۆزلىدى.مەھمۇت سىجاڭنىڭ خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
  " ئاتۇشتىكى ئۆلىمايى ئىكرام،يۇرت كاتتىلىرىغا،جىمىكى پۇقرالارغا مەلۇم بولسۇنكى،مەمتىلى ئەپەندى باشلىق بولۇپ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى كىشىنى تولىمۇ خوش قىلىدىغان،خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ئىش.نادانلىقتىن ئويغىنىش ۋاقتى كەلدى.دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى.ئەمدى كۆزىمىزنى ئاچمىساق،باللىرىمىزنى ئوقۇتمىساق بولمايدۇ.بۇ بىز ئاتىلارنىڭ ۋەزىپىمىز.ئاڭلىساق مۇنداق بىر ياخشى ئىشقا قارشىلىق بولىۋېتىپتۇ،ھەتتا توسقۇنلۇق،تەھتىد سېلىش،مۇئەللىملەر كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاپ،ھاقارەتلەش بولىۋېتىپتۇ.بۇنداق ئىشلارغا يول قويغىلى بولمايدۇ.مەمتىلى ئەپەندىگە مەكتەپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھوقۇق بېرىلدى.كىمكى بۇ ئىشقا قارشىلىق ياكى توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا،مەيلى ئۇ قانداق چوڭ ئاخۇن بولسۇن،مەيلى قانداق باي بولسۇن،كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭغا قاتتىق جازا ئىجرا قىلىنىدۇ.چوڭ-كىچىك پۈتۈن خالايىقمۇ ئۇنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم قىلىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دەپ:
    سىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى (ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتىشى : مەھمۇت سىجاڭ چوڭ ئۇتۇقى بار ھەم ئېغىر خاتالاشقان ئادەم،ئەمما مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ياڭى مائارىپنى قەتئىي قوللىدى.)
  مەمتىلى ئەپەندى خەتنى ئوقۇغاندا بەزىي يۇرت كاتتىلىرى ،قازى -ئەلەملەردە ھودۇقۇش ھەتتا قورقۇش كەيپىياتى كۆرۈلگەندىن باشقا،كۆپچىلىك ناھايىتى زور خوشاللىققا  چۈمدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خەلقمۇ مۇشۇنداق بىر چارىنى تەلەپ قىلىدىكەن.مەمتىلى ئەپەندى ئانچە ئۇزاق سۆزلىمىدى.ئۇ مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرلىگى توغرىسىدا سۆزلەپ ئاندىن كىيىن مەكتەپ ،مائارىپ،مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشلاشنىڭ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلىدى.خەلقئارادا ‏- قوشنىمىز سوۋىت ئىتتىپاقىدا،تۈركىيەدە قېرىنداش ئۆلىمالارنىڭ ئىلىم-پەن تېخنىكىدا چوڭ راۋاجلانغانلىغىنى مىسال قىلىپ سۆزلىدى.ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قارشىلىلار توغرىسىدا گەپ قىلىپ ،قارشى بولغۇچى كىشىلەرنىڭ ئىنساپقا كېلىپ،توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى،ئۇنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى ئېنىق ئېسىمدە:
  " بىز ھەققانى ئىش باشلىدۇق،قارشىلىقلاردىن قورۇقمايمىز،ئۆلسەكمۇ ئارقىغا يانمايمىز.مەن كۆپ ئەللەرنى ئايلىنىپ،مىللەت ئۈچۈن دەپ ئوقۇپ قايتىپ كەلدىم.يەنە مىللەت ئۈچۈن مەكتەپ،مەدەنىيەت ،ئاقارتىش ئىشلىرىغا قەدەم قويدۇم.مەن قارشىلىقلار بولىدىغانلىغىنى بىلىمەن.شۇنى ئېيتىش كېرەككى،ھەتتا بىرەر كۈنى ئالتە پۇللۇق بىر قوغۇشۇن ئوق مىنىڭ كۆرىكىمگە تېگىشى مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ مەن كەينىمگە يانمايمەن.مەن مىللەت ئۈچۈن ئوقۇدۇم،مىللەت دەپ ئۆز يۇرتۇمغا قايتتىم.مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.مەيلى قانچە ئاي،ھەتتا قانچە يىل خىزمەت قىلىپ مىللەت ئۈچۈن قوربان بولسام ئارمىنىم يوق..........."
  ئۇ بۇ سۆزنى بەكمۇ ھاياجان بىلەن سۆزلىدى.بېشىدىكى قىرغىز قالپىغىنى ئېلىپ ،يۇقىرى كۆتىرىپ،ۋارقىراپ،چوڭ ئاۋاز بىلەن سۆزلىگەندە ئۇنىڭ يۈز گۆشلىرى ۋە قىسقا بۇرۇتلىرى تىترەپ كەتتى.
كىيىن بىرقانچە ئادەم سۆزگە چىقتى.بۇنىڭ ئارىسىدا قازى-موپتى،بەگ-باي،مەخسۇم قارى،ئاتىلار ۋە ھەيئەت ئەزالىرىمۇ بار.ھەممىسى مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرىقىنى قەئىي ئىجرا قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.بەزى كالتە قۇيرۇقلار ۋە  تاغ  ئارقىسىغا بېرىپ قايتقان زىيالىلار قارشىلىقلارغا قارىتىپ قاتتىق تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.شۇنداق قىلىپ بۇ مەجلىس چوڭ تەنتەنىلىك مەجلىس بولدى.ئاتۇشتا باشلانغان مەكتەپ مائارىپ ھەركىتىنىڭ توساقلىرى يوقۇلۇپ،يوللىرى ئېچىلدى.
  بىز ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق،ئاز ئۇخلاپ،ئاز دەم ئېلىپ،چوڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇدۇق.غەيرىتىمىزگە غەيرەت،روھىمىزغا روھ قوشۇلۇپ كەتتى.مەمتىلى ئەپەندى .ئىككى ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ،كەنتلەرنى ئايلىنىشنى كۈچەيتتى.ئاتىلار ھەيئىتى مەكتەپ سېلىشنى چىڭ تۇتتى،ئۇلارغا پۇل توپلاشمۇ قىيىن بولمىدى.شۇنداق قىلىپ 1934-يىلىنىڭ ئاخرىغا كەلگەندەئالتە ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىز ئوقۇشنى تۈگەتتۇق.مەكتەپلەرمۇ پۈتتى.بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلدۇق.ئىمتىھان،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۆلىنىشى،ئوقۇتۇش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر قىلدۇق.1935 - يىلىنىڭ باشلىرىدا مەكتەپلەرگە تاراپ خىزمەتنى باشلىدۇق.تارىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مۇنداق بولدى: ھەممىمىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا ھېلىقى قەشقەر شەھىرىگە يولغا چىققاندىكىدەك جەڭگىۋار روھ بىلەن يولغا چىقتۇق.ئاۋۋال ئوڭ ئېرىقتىن باشلاپ بىرلىكتە مېڭىپ،ھەر بىر يېزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،قالغانلىرىمىز يەنە داۋاملىق مېڭىپ كېتىمىز.قالغانلار ئوڭ ئېرىقتىن ئۆتۈپ مەيى،ئىتارچىنى ئايلىنىپ ئاخىر ۋاق-ۋاق بىلەن بۆگەندىن ئۆتۈپ ئوڭرىققا قايتىپ كەلدۇق.بۇنىڭغا يەنە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى.بىزنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تارلىش ھەركىتىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ بىر تەنتەنىلىك مائارىپ ھەركىتى بولدى.يۇتلارغا كىرگەندە خەلقلەر زور ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى.بىز قاتار تىزىلپ،شېئىرلار ئوقۇپ،ھەربىيلەرچە قەدەم بىلەن ئاستا ئالغا باسىمىز.ئالدىمىزدىكى دۇمباق،سونايلار كىشىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ ئېيتقان شېئىر -ناخشىمىز مۇنداق:
(شېئىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ)


مەرىپەت مارشى

بىز مۇئەللىم،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم،ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق،

خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىزۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.

ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.
يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلەندى ئىناۋىتىمىز.
مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش ،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.
  مۇشۇنداق قىلىپ،ناخشا ئېيتىپ چاڭ كەلتۈرۈپ،يۇرت-يۇرتقا بېرىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئاتۇشنى ئايلىنىپ چىقتۇق. مەن تېجەن مەكتىپىگە ھەم مۇدىر ھەم مۇئەللىم بولدۇم،يەنە تۈكۈنلۈك ئابدۇل بارى ۋە ئابدۇرىشىت دىگەن ئىككى ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.بىز ئەنە شۇنداق تىزىلىپ،شېئىر ئوقۇپ بارغاندا مەكتەپ ئالدىدا ،كوچىلاردا نۇرغۇن ئادەملەر قارشى ئالدى.مەكتەپ ئەمەت ھاجىم دىگەن كىشىنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر كۆل بۇيىغا سېلىنغان،ئىككى سىنىپ،بىر مۇئەللىملەر ياتىقى،يەنە بىر ئاشخانا بار بولۇپ،ئەمەت ھاجىم تىجەنلەر مەكتىۋىدىكى ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ،مەكتەپنىڭ باشلىقى ئىدى.بىز قارشى ئالغۇچىلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ،سىنىپقا كىرسەك يۇرۇق،يېڭى ئۆيدە پارتىلاردا جۈپتىن تىزىلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار دەس تۇرۇپ،ئوڭ قوللىرىنى بېشىغا كۆتۈرۈپ،بىزنى قارشى ئالدى.تېخى ئوقۇش باشلىمىغان ،مەكتەپمۇ كۆرمىگەن بالىلارنىڭ مۇنداق تەرتىپلىك بولىشى بىزنى ھەيران قالدۇردى.كىيىن ئاڭلىساق مەمتىلى ئەپەندى بالىلارغا ئۆگۈتۈپ چىققان ئىكەن.ھەر سىنىپقا بىردىن سىنىپ باشلىغى تەينلەپ بالىلارنى تەرتىپكە ساپتىكەن.مەمتىلى ئەپەندى بىز ئۈچىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ،ياخشى ئوقۇڭلار،دەپ چىقىپ كەتتى.مەن شۇ يەردىلا دەرسنى باشلىدىم.ئاۋال ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان دەپتەردىكى تىزىمدىن بالىلارنى يوقلىما قىلدىم.ئاندىن كىيىن قارا تاختىغا " ئا، ب " ئىككى ھەرپنى يېزىپ ئۆەىتىشكە باشلىدىم.شۇنداق قىلىپ مېنىڭ مۇئەللىملىك ھاياتىم باشلاندى.
  مەكتەپكە يېزىلىدىغان بالىلار كۆپىيىشكە باشلىدى.سىنىپلار يېتىشمىدى.ئاندىن ئاتىلار ھەيئىتى مەسلىھەتلىشىپ،تېجەننىڭ يۇقىرى مەھەللىسىگە يەنە چوڭراق مەكتەپ سالدۇق.بىز ئىككى مەكتەپ ئارلىقىدا يۈرۈپ دەرس ئۆتىمىز،بالىلارغا دەرس ئۆگىتىش،مەكتەپ سىرتىدا ئۇلار بىلەن مەشغۇلات قىلىش بەك كۈڭۈللۈك ئىدى.ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندا بىزمۇ ئارلىشىپ كېتىپ،دەرسىنىمۇ يادىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز،بالىلارمۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى.ئاتا-ئانىلارمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ.ئۇلارنى چاقىرىپ مەجلىسلەرنى ئېچىپ تۇرىمىز.
  مۇشۇ خىلدا پۈتۈن ئاستىن ئاتۇشتا،ھەممە مەھەللىلەردە يېڭى كەيپىيات،ياڭى مەكتەپ،ياڭى روھ كۆتۈرۈلدى.خەلق ئىنتايىن خوش،لىكىن،قارشىلىقلارمۇ قارشىلىقىنى توختاتمىدى.ئەمدى ئۇلار يۇشۇرۇن قارشىلىق قىلغىلى تۇردى.قوناقلىقتىن ياكى تام ئارقىسىدىن تاش ئېتىش،يۇشۇرۇنچە مەكتەپ دەرىزىلىرىنى چېقىۋېتىش،ئاتا-ئانىلارغا تەھتىد سېلىپ،بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە ئوخشاش ھەركەتلەر.لېكىن،ئۇلار توسالمىدى.خەلق بارغانچە قوللاپ كەتتى،بولۇپمۇ مەھمۇت سىجاڭ ئىككى قوراللىق ئەسكەر  بەرگەن مەمتىلى ئەپەندى ھامان يۇرت- يۇتنى ئايلىنىپ تەشۋىق قىلىدۇ.ئاتىلار ھەيئىتى مەسلەھەتلىشىپ،مەسىللەرنى ھەل قىلىش،مەكتەپنى كېڭەيتىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ.مۇئەللىملەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا ئۇ بىرقانچە يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بىر مەكتەپكە يىغىپ قوشۇمچە دەرس ئۆتىدۇ،ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئۆگىتىدۇ.
  شۇ ۋاقىتتىكى ياڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى يالغۇز ئاتۇشتىلا ئەمەس،پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تارىخدا،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم بىر ۋەقە بولغان.ئۇ كىيىنكى مائارىپ تەرەقىياتىغا ئۇل سېلىپ بەردى.ئۇ شۇنداق بىر ئوت يۈرەك ،مەرىپەت جەڭچىسى ئىدىكى ،پۈتۈن ھاياتىنى مەكتەپ ئىشلىرىغا،مىللەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان،ئۇ ھەم ئۇستا،تەدبىرلىك،ماھىر تەرغىباتچى ئەدىب ھەم سازچى ئىدى.ماھىر تەدبىرلىك،قەتئىي ئىرادىلىك كۈرەشچى.شۇنداق بولمىغاندا قىسقا بىر مەزگەل ئىچىدە ئاتۇشتىكى مائارىپ تەرەققىياتىدا،بولۇپمۇ تۈرلۈك قارشىلىقلار بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا ئاشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك چوڭ ئوتۇقلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
  ئەپسۇسكى،مەمتىلى ئەپەندى ئاخىر ئۇ ئۆزى ئويلىغاندەك شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلاندى ۋە ياتقان تۈرمىسى بىلەن بىللە كۈيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلدى.ئۇ ياتقان تۈرمىنىڭ تاملىرىغا نۇرغۇن شېئىرلار يازغانىكەن.
  مەمتىلى ئەپەندى ئۆلۈپ كەتتى.ئۆلگەندىمۇ ئايانچىلىق،ئېچىنىشلىق كەتتى.بىراق ئۇنىڭ 3-4 يىللىق مەزگەل ئىچىدە تىرىشىپ،جاپالىق كۈرەش بىلەن مەيدانغا چىقارغان مەكتەپ تەرەققىياتى،يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى،10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەربىيىسى خەلققە ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدى ۋە كىينكى مەكتەپ - مەئارىپ ئىشلىرىغا ئاساس سېلىپ بەردى.شۇڭا ئازادلىقتىن كىينكى ئاتۇشنىڭ مائارىپتا باشقىلاردىن ئىلگىررەك مېڭىشنى ئىككى قېتىملىق بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مەنبە: ھۈسەينىيە روھى ‏- تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش
بۇ يازما چىمبۇلاق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى !ئەسلى مەنبەسى :http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=255
| ۋاقتى : 2009-01-04 10:55 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ تارىخىمىزدىكى ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى مائارىپىمىز شۇنداقلا جەمئىيىتىمىز مەمتىلى ئەپەندىمدەك بىر كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ موھتاج ،  ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەر-بىر مىسرا يۈكسەك ئىسيانكار روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان. ھازىرقى مائارىپچىلىرىمىز ۋە كۆپ ساندىكى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدا كەم بولۇۋاتقان نەرسە دەل مۇشۇ روھ ،
| ۋاقتى : 2009-01-04 16:21 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
qanat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7875
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-31
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ تارىخىمىزدىكى ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى مائارىپىمىز شۇنداقلا جەمئىيىتىمىز مەمتىلى ئەپەندىمدەك بىر كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ موھتاج ،  ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەر-بىر مىسرا يۈكسەك ئىسيانكار روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان. ھازىرقى مائارىپچىلىرىمىز ۋە كۆپ ساندىكى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدا كەم بولۇۋاتقان نەرسە دەل مۇشۇ روھ ،
........................................................................................................................................................................................................................

ئەگەر ھازىرقى جەميىتىمىزدە تەۋپىق روھىنى نۇرلاندۇرۋاتقان ئىزچىلارنى ۋە تەۋپىق روھىنىڭ سىماسىنى كۈرەي دىسىڭىز قېنى بۇ مۇنبەرنى تەپسىلى كۈرەپ چىقىڭ...
http://www.marwayit.com/
1som
| ۋاقتى : 2009-01-04 22:33 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
eynek

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-01
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭ پېشۋاسى مەمتىلى ئەپەندىنى ھەر بىر قېتىم ياد ئەتكىنىمىزدە ، ئەۋلادلىرىمىزنى ئەركىن تەپەككۈر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى قاتمۇ-قات توساقلار بىلەن بوغۇپ قويىۋاتقان ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدىن ئۆكۈنمەي تۇرالمايمىز .
| ۋاقتى : 2009-01-05 00:11 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.073191(s) query 4, Time now is:01-08 18:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation