سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئاتۇ پاجىئەسى

بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر غا يۆتكەلدى (2009-01-05)

 

[  يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق بولغان:
  -1918يىلى -5ئايدا، يېڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگىلىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق قىرغىن قىلىشىدەك قانلىق ]ۋەقە يۈز بەردى. بۇ پاجىئە تارىختا >ئاتۇ پاجىئەسى< دەپ ئاتالدى. مىللىي كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش سۇيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېغىر بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇردى.
  يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ قوشۇنلىرى نىمە ئۈچۈن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى قىرغىن قىلىدۇ؟
  -1917يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي-جايلارغا بېرىپ تەتغر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆز ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرپ تاشلاشقا قۇتراتقان. ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالمۇتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ  > بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ، شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ...< دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى چېلەك قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان. مەسىلەن، -1918يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرى بىرقىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قاراسۇ بولۇسلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ، كەتمەن-گۈرجەك، ئارا-ئورغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، سوۋىت قىزىل گىۋاردىيىسى ئىگىلىگەن ئالمۇتا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان. سېپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرى قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، -3ئاينىڭ -2كۈنىگە قەدەر ئىسيانچىلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. سېپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، -1918يىلى -5ئايدا، ئۇيغۇرلارغا ئۆز ئېلىش خارەكتىرلىك  جازا يۈرۈشى قوزغىغان. مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالمۇتادىن غالجاتقىچە بولغان چېلەك، كىيىكۋاي، ئىنچىكە بۇلاق، قورام، لاۋار، مالىۋاي، قاراتۇرۇق، بايسېيىت، قارا يوتا، غەيرەت، ئاۋات، دولاتا، تۈگمەن دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئالمۇتا سېپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇقلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان.
  ئاتۇ پاجىئەسى ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان. مۇرايىۋ قوشۇنلىرى بۇ جايدا ئىككى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئوتتۇرا كوچا بىلەن ھەيدەپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دېگەن كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئارقا تەرەپتىن پىلىموتقا تۇتقان. ئۆلمەي مىدىرلىغانلارنى نەيزە بىلەن سانجىپ،تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كوچىمۇكوچا، ئۆيمۇئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قىرىپ تاشلىنىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. چېلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار، ئىنچىكە بۇلاق دېگەن يېزىلىرىدىمۇ مۇرايىۋ قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان. لاۋارنىڭ ئۆستەڭ سۇلىرى قىزىل قانغا بويالغان. تۈگمەن يېزىسى ئاممىۋىي قىرغىنچىلىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ، بۇيەردىمۇ نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان. نەچچە ئون كۈن داۋام قىلغان ئاتۇ قىرغىنچىلىقى جەريانىدام نەچچە ئونمىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۈرۈلگەن. پەقەت چېلەك ناھىيىسىنىڭ قورام يېزىسىدىلا ئۈچ مىڭغا يىقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان.
  ئۇنىڭدىن باشقا، قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۈركۈپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان. بەزىلەر تاغ-ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنغان، بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھېرىپ-چارچاپ، ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ، ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن، يۈزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تېنى ئاجىز قېرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنغان. قىسقىسى، قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى سەرسانلىق -سەرگەردانلىق ۋە گادايلىق تۇرمۇشى تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان.؛ ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارىتقان، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن خورلانغان. دېمەك، بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن...
  گەرچە يەتتىسۇ ئوبلاستىدا سوۋىت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، -1918 يىلى ئاۋغۇسىتتا، قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، ئاتۇ پاجىئەسى قاتتىق تەنقىدلىنىپ، ناھەق قىرىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش، يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، مۇرايىۋقا ئوخشاش جازالاش ھەققىدە قارارلارچىقىرىلغان بولسىمۇ، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ۋەتەندىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ئېغىر يارا ۋە زالىم كۈچلەرگە بولغان  ئۆچمەنلىك ھەرگىز يوقىمايدۇ.

<مەمتىلى ئەپەندى> ناملىق كىتاپتىن پايدىلىنىلدى.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-05 00:32 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 32 نومۇر
پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 1465 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر ،مەن بۇرھان شەھىدى يازغان شىنجاڭنىڭ ئەللىك يىلى دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپمۇ ھەيران ھەس بولغان ئىدىم .................................................
1som
| ۋاقتى : 2009-01-05 15:34 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرىتى: 27 نومۇر
پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ  ئۇرۇسلارنىڭ  ئۇيغۇرلارغا  قىلغان  زىيانكەشلىگىنى    ساناپ  تۆگەتكىلى  بولمايدۇ.  ئۇلار  ئۇيغۇلارغا    قان  قەرزگە  بوغۇلغان  .
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2009-01-05 22:35 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
islam
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 747
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-10-06
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىر كۈنلەردە بىزگىمۇ رۇسلاردىن قىساس ئالىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.بىر كۈنى باغ چۆرۈلسە بىر كۈنى تاغ چۆرۈلىدۇ.ئىتەكلەر ياقا ياقىلار ئىتەك بولدى دېگەندەك.
| ۋاقتى : 2009-01-06 17:53 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
hakan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3905
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-08-28
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رۇس چوشقىلىرى [قىسمەن]بىزگە كۆپ قەرىزدار..........................
| ۋاقتى : 2009-01-06 19:48 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
uyghurtekin

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1408
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
شۆھرىتى: 69 نومۇر
پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :65(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-09
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھامىنى بىر كۈنى روس چوشقىلىرىدىن قىساسىمىزنى ئالىمىز ،،،،،،،،،،،،،،،
1som
| ۋاقتى : 2009-01-07 11:05 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1420 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قەسەم تېمىسىكەندە بۇ، ئورخۇن مۇنبىرى قەسەم مۇنبىرى بولۇپ قالدىمۇ ئەمدى، باللا تولا قەسەمخورلۇق قىلماي، تېمىغا قارىتا ئىنكاس يازساڭلار بولمامدۇ.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-07 13:08 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 32 نومۇر
پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 1465 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى قازاقىستاندا ياشىغان ما تەرەپكە تۇققان يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر بىلەن پاراڭ لىشىپ قالغان، ئۇ گەپ ئارىلىقىدا بۇ ئۇيغۇرۇم بۇ قاقاس زىمىننىڭ نىمىسىگە تارتىشىدىغاندۇ قازاقىستان ياكى رۇسىيەگە بېرىپ ياشىسا بوللمامدۇ دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم ھازىرقىدەك ۋاقتىم بولغان بولسا ماۋۇ تارىقنى ئەسلىتىپ قوياكەنمەن
yol
| ۋاقتى : 2009-01-07 18:29 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 797ـ كۆرۈرمىنى
totem

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 557
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-08-06
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ بەدۆلەت توغرىسىدا يازغان تارىخى ماقالسىنى ئوقۇسىمۇ،روس ئىيىقىلېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرۈك مىللەتلېرىنى قاڭغىر قاخشاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بۇلىدىكەن.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-07 21:41 8 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.058976(s) query 4, Time now is:01-08 18:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation