نۆۋەتتىكى تېما : مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى خاتىرىلەش... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 213
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە213دانە
شۆھرىتى: 894 نومۇر
پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى خاتىرىلەش...

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>ئەسىرى ، مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن...
ئوسمان ئىسمائىل تارىم


     مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئىنسانىيەت 1000يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەمدىلا ئىككىنچى 1000يىلغا قەدەم قويغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي قەدىمى شەھەر قەشقەردە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى. بوۋاقنىڭ دادىسى ئەمىر ھۈسەيىن ئۇنىڭغا مەھمۇد دەپ ئىسىم قويدى. بۇ بوۋاق كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى " ناملىق بىباھا ئەسىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىل زىلىگە سالغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسى ھۈسەيىن قاراخانىيلار پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈم قادىرخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرى قەشقەر بىلەن يەكەندە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەتمۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاراخانىيلەر تەۋەلىكىنى بۆلۈشۈپ باشقۇردى. بۆلۈشۈشتە مۇھەممەد بۇغراخانغا يەنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بوۋىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاس ۋە ئىسفىجاب زېمىنلىرى تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد بۇغراخان ئۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئوغلى ھۈسەيىننى يەنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسىنى بارىسخان شەھىرىگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەھمۇد كاشغىرى بارىسخان شەھىرىنى "ئاتامنىڭ شەھىرى"دېگەنىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى "ئاتام باشقۇرغان شەھەر"دېگەنلىك ئىدى. ئەمما ئۇ قەشقەردىكى "ئوپال"ۋە "ئازىق "نى بارىسخاندىن پەرقلەندۈرۈپ "بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى"دەپ ئېنىق يازدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋىسى مەھمۇد بۇغراخان ۋە دادىسى ھۈسەيىنلەر كېيىنكى كۈنلەردە قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خېنىم قەشقەر ئوپال ئازىق مەھەللىسىدىكى بىلىملىك زات خوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى ئىدى. بۈۋى رابىيە دادىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى بىلەن مول مەلۇماتقا ۋە گۈزەل پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ يېتىلگەنىدى.
مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغان چاغدا مەملىكىتىمىز جۇڭگودا سۇڭ سۇلالىسى، ليۋ سۇلالىسى ۋە قاراخانىيلەردىن ئىبارەت ئۈچ ھاكىمىيەت تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. قاراخانىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قۇرغان ھاكىمىيەت بولۇپ، گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى-مىڭلاق ۋادىسى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى چۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شۇنىڭدەك ماۋارائۇننەھرىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان دەۋردە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنىدى. شەرقىي قىسمىدىكى قەشقەر ۋە بالاساغۇن، غەربىي قىسمىدىكى سەبەرقەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق جايلاردا شەھەر ۋە قەلئەلەر، مەدرىسە ۋە بىلىم يۇرتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلگنىدى. بۇ مەركىزىي شەھەرگە بولۇپمۇ پايتەخت قەشقەرگە نۇرغۇن بىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئەدىبلەر توپلانغاننىدى. بۇ شەھەردىن دىنىي ئۆلىمالار، ئالىملار، مەشھۇر شائىر ۋە تېۋىپلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققاننىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئەنە شۇنداق ئىلمىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسى ۋە ئوپالدىكى مەكتەپلەردە ئالدى. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەيىن ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ يېتىلگەن يۇقىرى ئىقتىدار ئىگىسى ئىدى. ئانىسى بۈۋى رابىيەمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. شۇڭا ھۈسەيىن بىلەن رابىيە بالىسىنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىڭى "مەدرىسەئى ساجىدە"ۋە "مەدرىسائى ھامىدىيە" قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئالدى. بۇ بىلىم يۇرتلىرىدا ھۈسەيىن ئىبنى خەلف كاشغەرى، ئوبۇلھەسەن سەئىد خاتەم سەئىد جالالىدىن باغدادى، ئىماددىدىن كاشغەرى، ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرى، مۇھەممەد ئىبنى رەشد ئىبنى ئەلى كاشغەرى، جامالىدىن كاشغەرى قاتارلىق ئالىملار دەرس ئۆتەتتى. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئالىملاردىن ئەرەب، پاراىس تىللىرىنى، مەنتەقە ئىلمى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم، تېبابەت قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنسە، قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى سەركەردىلەردىن ئات مېنىش، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى. نەتىجىدە ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا "ئەڭ سۆزمەن، پىكىرنىڭ ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغان، ئەڭ زېرەك، جەڭ ئىشلىرىدا زېرەك نەيزىۋاز " لاردىن بولۇپ يېتىشتى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر يۈكسەك ئارمان ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى. ئۇ ئارمان -ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يېزىش ئىدى. ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيگەن بۇ ئالىم "ئەدەبىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس -تۈگىمەس بىر بايلىق" يارىتىش مەقسىتىدە ئاخىر بۇ ئۇلۇغ ئىشقا قەدەم قويدى.
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي خىزمىتىنى ئاۋۋال ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن باشلىدى. ئۇ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، بارچۇق (مارابېشى)، ئۇش(ئۇچتۇرپان )، كۈسەن(كۇچا)، سۇلمى(قارا شەھەر)، قۇچۇ(تۇرپان )، جانبالىق (سانجى)، بەشمالىق(جىمىسار )، ياڭى بالىق (قۇتۇبى) قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى، بۇخارا، سەمەرقەنت، تالاس، ئىسقىجاپ، بالاساغۇن، شۇ، قاۋزىن، مەۋ، بارمان، +بارىسخان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇرتلارنى كېزىپ چىقىپ، ئۇيغۇر، تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قۇۋملارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپ چىقتى. ئۇ يەنە بۇ كەڭ رايوندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ قوشاق-بىيىتلىرى، داستان -ئېوسلىرى، ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئەپسانە -رىۋايەتلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە توپلىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ئىلمىي پوزىتسىيىدە ۋە جاپاغا چىداش روھى بىلەن ئون نەچچە يىللىق ئىلمىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئاخىرى مول ماتېرىيالغا ئىگە بولدى ۋە ئۆزى توپلىغان بۇ ماتېرىياللارنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.
مەھمۇد كاشغەرىي توپلىغان ماتىرىياللىرنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن رەتلەشكە كىرىشىىپ كەتتى. ئەمما ئۇ قەشقەردە بۇ كىتابنى قايسى ئۇسۇلدا يېزىشنى بىلمەي قالدى. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان باغدادتا نۇرغۇن كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئەرەب تىلىدا تۈزۈلگەن لۈغەتلەرمۇ بار ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىدىن بۇرۇنقىلار تۈزگەن ئاشۇ لۇغەتلەرنى كۆرمىسە، ئۇنىڭدىن پايدىلانمىسا بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغداتقا بېرىشنى زۆرۈر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز يۇرتى ئوپالدىكى "مۇق يولى " ئارقىلىق پامىر تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇخارا ئارقىلىق نىشاپۇرغا ۋە ئۇ يەردىن باغداتقا يۈرۈپ كەتتى.
مەھمۇد كاشغەرىي باغداتقا كەلگەندىن كېيىن ئەرەب تىلشۇناسلىرىنىڭ لۈغەت تۈزۈشتە ئىشلەتكەن بارلىق ئۇسۇللىرىنى بىر -بىرلەپ تەتقىق قىلدى ۋە مۇشۇ ئاساستا تۈركىي تىللارنىڭ لىكسىكولوگىيە ماتېرىياللىرىنى رەتلەشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ئەسىرىنى "ئۆزىدىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە، ئۆزىگە خاس قائىدە، يېڭى ئۆلچەمدە" يېزىپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئاۋۋال تۈركىي تىللارنىڭ سىنتاكسىسىغا ئائىت بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا "تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھىرى" دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ تەتقىقات ئاساسىدا "تۈركىي تىللار دىۋانى "نى يېزىشقا كىرىشتى. بۇ مۇشەققەتلىك ئەمگەكنى مىلادىيە 1072-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلاپ،1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تاماملىدى. ئارقىدىن يەنە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۈزىتىپ، 1077-يىلى ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى بېكىتتى. ۋە شۇ چاغلاردا ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ تەختكە يېڭىلا ئولتۇرغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلدى.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئانا يۇرتى ئوپالغا ماكانلاشتى. ئۇ ئوپالدىكى مەدرىسىدە مەددەرسلىك قىلىپ، ياشلارغا نۇرغۇن بىلىم بەردى. نورۇز بۇلاقنى بويىدا شاگىرتلىرى بىلەن شېئىر - نەزم ئوقۇشتى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىشتى. بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆمۈر بويى ئىلىم ئىشقىدا كۆيۈپ پىشىپ،97ياشقا كىرگەندە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. كىشىلەر ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاغ باغرىدىكى "چەشمە زۇلال" ناملىق بۇلاق ئۈستىدىكى سەيناغا دەپنە قىلدى.
مەھمۇد كاشغەرىي "تۈركىي دىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرىدە 7500دىن ئارتۇق سۆزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ بەردى. شۇڭا بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى يېگانە قامۇس دەپ ئاتالدى.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىسىنى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن تازىپ بىيىنىڭ ئائىلە تاۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە مىلادىيە 1914-يىلى تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بىر كىتابپۇرۇشنىڭ سېتىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر كىتاب ھەۋەسكارى ئەلى ئەمىر بۇ كىتابى كىلسلى رىفئەتكە تاپشۇرى. رىفئەت 1917-يىلىدىن 1919-يىلغىچە بۇ قوليازمىنى ئۈچ توم قىلىپ مىخ مەتبەئەدە باستۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاھاندا تەڭدىشى يوق ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولدى.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" ھازىرقى زامان ئالىملىرىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، كەينى-كەينىدى ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور شۆھرەت قازاندى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار، جۈملىدىن بېسىم ئاتالاي، كارل بروككېلمان، شاكىر ئۆلكۈتاشىر، ئومېليان پرتساك، مارتېن ھارتمان، فۇئات كوپرۇلۇ، روبېرت دانكوۋ، ب. ئا. باسكا كوۋ، سالىھ مۇتەللىپوۋ، كلاۋسون، بارتولد، ئەخمەد زەكىي ۋەلىدى، كىلياشتورنى، لۇيىس بازىن، ئىتتۇر رۇسسى، تايمىس، شېنكوۋىچ، رىشات كەنج، جەمس كېللىي، شىناسى تېكىن، كونۇل ئالپاي تېكىن قاتارلىقلار ئۇشبۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينى 900يىلدىن بېرى "ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم" دەپ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى "ھەزرىتى موللام" دەپ ئاتىدى. ئالىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل نورۇز بۇلاق ئېگىزلىكىگە مەقبەرە تىكلەندى. كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىينى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەددەرىسلىك قىلغان مەدرىسىنى "مەھمۇدىيە " دەپ ئاتىدى ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ خاس تەزكىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بۇ تەزكىرە "تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام " نامى بىلەن قولدىن -قولغا كۆچۈرۈلۈپ كەلدى. 1836-يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەر ئولىماسى ۋە ئەدىب مۇھەممەد سادىق كاشغەرى"مەسنەۋى شېرىپ" ناملىق قىممەت باھالىق كىتابىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرىغا تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا "بۇ كىتابنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سازۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلان، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن ئوغلى، قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە تەبەدىي سەدىقە قىلدىم" دەپ يازدى. بۇ ۋەخىپنامىدە مەھمۇد كاشغەرنىڭ نامى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە ئالىمنىڭ مۇبارەك نامىنى قەلب تۆرىدە ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ داڭلىق شائىرى ئابدۇرېھىم نىزارى:
"ئوپالدا يېتىپتۇ ھەزرىتى مەۋلان،
كى موللام ئاتاپ ھەر زەئىپۇ قەۋى"
دەپ يېزىپ مەھمۇد كاشغەرىينى چوڭقۇر ياد ئەتكەن بولسا، شۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر شائىرى تۇردۇش ئاخۇن غەربىي مەھمۇد كاشغەرىي مەدرىسىنىڭ ئىشىكىگە:
"ئۈمىد بىرلە كېىپتىمەن دەرگاھىغا پادىشاھىم دات،
بۇ بەقرۇ- زارى بىرلە ئەرز قىلدىم، قىلغىمىل بەرباد".
دەپ يېزىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاس-ئېتىقادىنى ئىپادىلىدى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈركىيىدە نەشر قىلغان "تۈركىي تىللار دىۋانى"دىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئانا ۋەتىنىدە ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئابدۇقادىر داموللا ۋە قۇتلۇق شەۋقىلەر تۈركىيىدە رىفئەت تەرىپىدىن مىخ مەدبەئەدە ئەمدىلا بېسىپ چىقىلغان "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. 1920-،1930-يىللىرى قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، شەمسىدىن داموللام، مەمەەتئېلى تەۋپىق قاتارلىقلار مەھمۇد كاشغەرىي ۋە "تۈركىي تىللار دىۋانى" ھەققىدە بەلگىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. قۇتلۇق شەۋقى "قەشقەر" ناملىق شېئىرىدا مۇندا يازدى:
"يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى (دىۋانۇ لۇغەت)،
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار باتۇر".
1940-يىللارغا كەلگەندە بۇرھان شەئىدى، ئەھمەد زىيائى، ئىبراھىم مۇتئى، ئىمىن تۇرسۇن، ھىدايىتۇللا ئاخۇن، سابىر ئاخۇن، ئابلىمىت روزى قاتارلىق ئالىملار ماقالىلەرنى يېزىپ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئىسمائىل داموللا دېگەن كىشى رىفئەت نەشر قىلدۇرغان مىخ مەتبەئە نۇسخىسىنى چۆچەكتە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى باشلاپ، ئۇنىڭ 1-تومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن "تۈركىي دىللار دىۋانى"نى تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى، بىر قىسىم ئالىملار بۇ خىزمەتكە جەلپ قىلىندى. مەسىلەن 1951-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە قەشقەردە ئەھمەد زىيائى ۋە مۇھەممەت پايزىلەر، 1960-،1965-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرامى ۋە مۇھەممەد سالىھلار "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئەمما ئۆز ۋاقتىدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ كاساپىتىدىن بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى نەشر قىلىنالماي قالدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1979-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگو ئالىملىرىدىن مۇھەممەدجان سىدىق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، گۇئاڭتيەن، ئەھمەد زىيائى، ئابلىمىت روزى، گېڭ شىمىن، فېڭ جياشېڭ، چىڭ سۇلۇ، مۇ گۇا ڭۋېن، خۇ جېنخۇا، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، خاۋ گۇەنجۇڭ، مائەن قاتارلىقلار ئىلمىي ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، "دىۋان" نى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا ھەقىقىي يوسۇندا سىستېمىلىق ئىشلىنىشكە باشلىدى.
1978-يىلى "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىش قىزمىتى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىسى، ئالىملارنىڭ بىر نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئارقىدىن ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى نۇسخىسىمۇ نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئېنىستوتىدىن ئىبراھىم پۇتى، مىرسولتان ئوسمانوۋ، قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەت زۇنۇن سىدىق، مۇھەممەد ئىمىن سايىت، ئابدۇرېشىت سابىت، ئىسمائىل ئىبراھىم قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام قەبرىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان پولاتتەك پاكىتلار پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىنىپ،"دىۋانشۇناسلىق "تەتقىقاتى جەھەتتە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمى مەھمۇد كاشغەرىينى قەبرىسىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتتى. نەتىجىدە 900يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمى قەبرە قايتىدىن چوڭ رېمونت قىلىنىپ، قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73مىڭ كۋادرات مېتىر ئورۇن مۇھاپىزەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭقى كەتكەن زىيارەتگاھقا ئايلاندى.
يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ "دىۋانشۇناسلىق " تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر، لۇغەت، قامۇس ۋە قواللانمىلاردا نامايان قىلىندى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا "تۈركىي تىللار دىۋانى" غا ئائىت بىلىملەر بېرىلدى ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسېتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا "دىۋانشۇناسلىق " ناملىق مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىندى. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن رەسىم، ھەيكەل، ناخشا، شېئىر ۋە رومانلار ئىجاد قىلىندى."دىۋانشۇناسلىق "قا بېغىشلانغان مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى توختىماي ئېچىلىپ تۇردى. بولۇپمۇ 2005-يىلى 10- ئايدا قەشقەردە مەملىكەت بويىچە ئالىملار يىغىلغان كاتتا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.

     "تۈركىي تىللار دىۋانى " 11-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ بىباھا مىراسى. ئادىمىتات پەنلىرى ساھاسىدىكى يېگانە مۆجىزە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، جۇغراپىيە، فولكلورستىكا، ئېتنوگراگيە، ئانتىروپولوگىيە ۋە سوتسىئولوگىيە پەنلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ يۈكسەك نەمۇنىسى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى. قەشقەر خەلقىنىڭ نەسەب يىلتىزى ئۇنىڭغا تۇتىشىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خەلقى 900يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئالىمىنى ياد ئېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغا مەقبەرە تىكلىدى، ئىخلاس قىلدى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەزكىرە يازدى. ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن بىلىمى، يۈكسەك پەزىلىتىنى مەدھىيىلەپ ئاغزاكى ھېكايىلەرنى توقۇدى ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىتىپ كەلدى. دۇنيا بويىچە مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمىدىن ھەقلىق يوسۇندا پەخىرلەندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
توردىكى مەنبەسى: دىيارىم مۇنبىرى
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2009-01-06 15:28 دە قاي ]
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2009-01-05 13:58 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :311(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى ماقالە ئىكەن. كۈچىرگىچە خاتا يېزىلىپ قالغان بولسا كېرەك. "ئۇيغۇر سايرامى"ئەمەس، "ئۇيغۇر سايرانى"بۇلۇشى كېرەك.
| ۋاقتى : 2009-01-05 14:28 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
ۋنگىر

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-05
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەپسۇس دۆ لىتىمىزدە تو لىمۇ كېچىكىپ تەبىرىكلەندى .................
ئا لىمنىڭ يۇرتىدا بولىسا تېخىمۇ كېچىكتى  ..........................
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2009-01-05 16:41 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 287ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى خاتىرىلەشنى ئېسىگە كەلتۈرگەنلەرنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇركىي تىللار دىۋانىنى قولىغا ئېلىپ ئالىمنىڭ ئەمگىكىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر باشتىن ئاخىر بىرقىتىم ئوقۇپ چىقىپ مەلۇم مىقداردا ئىلمىي ئۇقۇمغا ئىگە بولالىسىڭىز، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇچۇن ئەڭ كاتتا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بولىدۇ.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-05 19:50 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.058645(s) query 4, Time now is:01-08 18:11, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation