سىز بۇ تېمىنىڭ 841ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 359
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە359دانە
شۆھرىتى: 390 نومۇر
پۇلى: 3900 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :608(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار

رەشىد رەھمەتى ئارات [تۈركىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ياسىن


رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ. ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)نى تاماملىغان. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژۇرناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژۇرنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارىلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرس ۋە سېمىنەرلەرگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا يەنە ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ قۇرغان جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ، ژۇرناللاردا تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈرك تىلى ساھەسىدە يازغان «ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش-- پېئىللار» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلىغان. بۇ ئەسىرى يەنە بىلەن لېكتورلۇق ئۈنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن. 1931-يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. بۇ جەرىياندا دەستلەپكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات 1933-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كۇرسىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1958-يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوردىناريۈس پروفېسسور بولغان.

تۈركىيە تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا ئاراتنىڭ بۈيۈك بىر ئەجرى بار. ۋ. باسكاكۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىدى. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، سائادەت چاغاتاي ۋە نۇرى يۈجە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىلىم تارمىقى تۈركىيە تۈركولوگىيىسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. تۈرك (تۈركىي) تىلىنىڭ بىر قانچە دەۋرى ۋە ساھەسىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ترانسىكرىپسيون يېزىقىنىمۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بەرگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەتبىقلانماقتا. رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، «تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسىپ ۋە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر» دەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە ئەسلا يول قويمايتتى. رەشىد رەھمەتى ئارات داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، تۈرك(تۈركىي) مىللىتىگە كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان كاتتا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن خىزمەت قىلغان. ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىنىڭ خرىستىئانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرغان تەرەپلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغان. «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى روھىنى ئاتا قىلغان كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. دېمەك، تۈركچە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتقا تايانغان. ئارات تۈركىيە ئىلىم -- پېنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھى جەھەتتىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئۆلچەم ۋە مۇكەممەللىكنى بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ كاتتا قامۇسقا ئۆز ئىمزاسى بىلەن بىرمۇنچە ماددىلارنى يازغاندىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى. رەشىد رەھمەتى ئارات خۇددى كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئادەمدەك چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ قولغا ئالغا ھەر قانداق بىر مەسىلە ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. تۈرك ھوقۇق پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك» دەل ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى قايتا تۇنۇتقىنىدەك، «قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «بابۇرنامە»، «تۇرپان تېكىستلىرى» (6-ۋە7- توملىرى)نى يەنە ئۇ تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى. شەرقتە ساخالىندىن تارتىپ غەربتە ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك بىرلىكىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان «تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىشتىراك قىلغان رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىنستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىئالىدىكى مۇئەسسىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان - دىل بىلەن ياردەم قىلغان. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدارە ئىشلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پائال ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان. تۈركلەرنىڭ ئىلمى ھاياتى ۋە مىللىي شەرىپى ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر سىڭدۈرگەن رەشىد رەھمىتى ئارات 1964- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماددىي ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرۇغىنى بىلەن مەنىۋى ھايات دەرىخى بولسا تۈرك دۇنياسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ. ئاراتنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ ماقالىسى 1933-1934- يىللاردا يېزىلغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈرلۈك ۋەسىقىلەر شۇ چاغدا تېخى تولۇق رەتلىنىپ ۋە سىستېمىلىق بىر تەتقىق قىلىدىغان باسقۇچقا كىرمىگەچكە، ئارات بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كېيىنكى تەتقىقاتقا قالدۇرغان. ھەقىقەتەن، بۇلاردىن بەزىلىرى كېيىنكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە شۇ بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك دېگەن نام بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بىز ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئەينەن ئىپادە قىلىش مەقسىتىدە بۇنى ئەسلى شەكلى بويىچە ئالدۇق، يەنە بەزى جۇغراپىيىلىك ناملارنىمۇ ئەسلى شەكلى بويىچە ئېلىپ تىرناق ئىچىگە بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى ئاتىلىشىنى ئەسكەرتتۇق. ماقالىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى نەزەرگە ئېلىپ ماقالىنىڭ بەزى قىسمىنى ۋە ئاخىرىدىكى ئىزاھاتنى قىسقارتىۋېتىشنى لايىق كۆردۇق. -- تەرجىماندىن

كىرىش سۆز

دۇنيا خەرىتىسىگە نەزەر تاشلانغان ھامان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ نە قەدەر مۇھىم بىر يەرنى ئىگىلىگەنلىكى دەرھال كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ كەڭ زېمىن ئۈستىدە تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان تارىخ ۋە كۈلتۈر مەنقۇلاتلىرى كېيىنكى دەۋرلەرگە قەدەر يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ بىز كۆرۈۋاتقان مۇشۇ شەكىلنى ئېلىشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئوينىغان رولى ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنغان ئەمەس. يالغۇز دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالغان شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە تارىخىنىڭ يارىتىلىشىدىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ تەسىرى زور بولغان. شەرق بىلەن غەربنى، شىمال بىلەن جەنۇپنى بىر بىرىگە باغلىغان ۋە بۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دائىملىق مۇناسىۋەت بەلۋاغلىرىنى ياراتقان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ يالغۇز ماددىي كۈلتۈر ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مۇھەققەقتۇر. ئەپسۇس، يېقىنقى تارىخىمىزمۇ ھېلىغىچە تولۇق دېگۈدەك يورۇتىلغان ئەمەس. تۈرك تارىخىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى بۇ مىللەتنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئىدىئالى(مىللىي ئىدىيىسى- ت) نۇقتىسىدىن ئۆگىنىش پىكرى كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. مانا شۇ سەۋەبلىك، تالاي ئەسىرلەر داۋامىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ھەمىشە يات ناملار ئاستىدا ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە چىقىرىلدى، كۈلتۈر تارىخىدا دائىم باشقىلارنىڭ ھېسابىغا يېزىپ قويۇلدى. جۇڭگو، تىبەت، ھىندىستاندىكى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن باشلاپ كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر تۈرك كۈلتۈرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە تونۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بۇ غەيرىي تەبىئىي ۋەزىيەتنى چۈشىنىشكە كۇپايە قىلىدۇ.

قانداق ئەھۋالدا بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك (مىللىي خاسلىق) تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىدە پايدىلانغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا تېخى جاۋاب بېرىلگەن ئەمەس. ئىشىنىشىمىزچە، تۈرك كۈلتۈرى ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈرك ئىشلىرى نۇقتىئىنەزىرىدىن يۈرگۈزۈلگەندە ۋە بۇ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بىلەن باغلانغان چاغدا، يەنىمۇ بىر ھەسسە قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ماتېرىياللار تۈرك تارىخىنىڭ ئايرىم–ئايرىم دەۋرلىرىدىن بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەردە مەۋجۇتتۇر. ئاۋۋال بۇلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈرك روھىنىڭ ئىجادىيەت قۇۋۋەتلىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش لازىم. تۈرك مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈلتۈرىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى شۇ قەدەر كۆپ ۋە مولكى، تارىختا مۇشۇنداق بىر مىراسقا ئىگە مىللەتلەر ناھايىتى ئاز. لېكىن، بۇ ئەسەرلەرنى مۇئەييەن بىر پىلان ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەر ۋاقىت ئېچىۋېتىلگەن، كېڭەيگەن ۋە يۈكسەلگەن بۇ كۈلتۈرنى تېپىشىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى بىلەن پارلاق كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاشقا ياردەم بېرىدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈركىيىسىنى ياراتقان ئاتاتۈرك ئەينى ۋاقىتتا مىللىتىگە ئۆز مەنلىكىنىمۇ تىكلەپ بەرگەن، تارىخ ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم تۈرك مەسىلىلىرى ئۈستىگە قۇرغانىدى. تۈرك مىللىي مەسىلىسىگە تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسى شەكلىنى بەرگەن بۈيۈك قوماندان(ئاتاتۈرك- ت)نىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سەل قارىلىپ كەلگەن بۇ مۇھىم ساھەگە كۆرسەتكەن مۇھەببىتى ۋە تەۋرەنمەس مەنىۋى كۈچى بۇ ساھەنىڭ پات ئارىدىكى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا يېتەرلىك بىر دەلىلدۇر. چۈنكى، ئۆز ئىدىئالىغا ئېرىشكەن ۋە دۇنيا كۈلتۈرىگە ئۆز مەنلىكىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بىر مىللەتنىڭ، ئاڭلىق بىر شەكىلدە كۈرەش قىلغان ۋە ئۆز ئىدىئالىغا قاراپ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرىلىگەن مىللەت ئىكەنلىكى سۆبھىسىزدۇر.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىسقىچە بىر نەزەر
(شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا تېپىلغان ماتېرىياللارغا كۆرە)

ئەسىرلەر داۋامىدا يەر يۈزىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت رايونلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ۋە بۇ يەرلەرنىڭ كۈلتۈر ھاياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە سىياسىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە كۆپىنچە بىر بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان قىسىملىرىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە كېلەچەكتىكى تەقدىرىنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇزۇن دەۋرلەرنى ۋە كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبەلەرنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئوخشاش نۇقتىئىنەزەر بىلەن بىر كۈلتۈر ھالىتىدە تەتقىق قىلىش ئىشى، پەقەت مۇشۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك ئىزدىنىش -- قىدىرىشلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا باغلىق بولماقتا. تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋر ۋە رايونلاردا قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئايرىم بىر ئېپىزوت ھالىتىدە خاتىرىلەنگەن. بۇلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش لازىم، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بۇ شەكىلدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تۈرك مىللىتىنىڭ قولىدا مەۋجۇت تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەممىسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىئىنەزەر بويىچە جىددىي بىر تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈر. پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە ھەقىقىي–توغرا بىر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولىدۇ. تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن شەرقتە جۇڭگو مەنبەلىرى خېلىلا كەڭ ۋە مول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. تارىخىدا يات مىللەتلەرنى دائىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە كۆزەتكەن جۇڭگو مەنبەلىرى ئىلمىي ۋە جىددىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئاساس بولۇشتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ، بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ھەر ۋاقىت مەۋجۇدتۇر. بۇلار خىرونولوگىيىلىك(يىلنامە شەكلىدە –ت) جەھەتتىن رەتلىنىپ، باشقا يېقىن ئىلىم تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. تۈرك تارىخىغا، بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئالاقىدار بولغان بۇ خىل مەنبەلەرنىڭ ھەركىم پايدىلىنالايدىغان بىر شەكىلدە نەشر قىلىنىشى يالغۇز تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ باشقا ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ لازىم ۋە زۆرۈردۇر. بۇ ساھەدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن بىر نەرسىنى ئېنىق كۆردۇقكى، ئاسىيادا بۈگۈن تۈرك مەملىكىتى سۈپىتىدە كۆرۈنۈۋاتقان يەرلەر قەدىمكى زامانلاردا شەرققە، شىمالغا ۋە جەنۇبقا قاراپ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە سوزۇلغان بولۇپ، تارىخ قەيد قىلغان دەسلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن ھەر ۋاقىت تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ مەملىكەتنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىغا شاھىت بولغان. بىر تەرەپتىن شىمالىي ھىندىستاندىن باشلاپ بۈگۈنكى موڭغولىستان (موڭغولىيە – ت) نىڭ شىمالىغا قەدەر سوزۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقتە بۈگۈنكى غەربىي جۇڭگوغا قەدەر بولغان مەملىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلار تۈرك قەۋملىرىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا تەۋە بولغان. بۇ زېمىننىڭ چېگرىغا يېقىن بولغان بەزى قىسىملىرىنىڭ پات – پات سىياسىي ھۆرىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. لېكىن، بۇ كەڭ رايوننى بىر نۇقتىغا ئۇيۇشتۇرغان مەركەزىي زېمىن ھەر ۋاقىت تۈرك مەملىكىتى دېگەن سۈپەت بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ مەركەزنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ھاكىمىيەت زاماننىڭ ئېھتىياجى يۈزىسىدىن تۈرلۈك دەۋرلەردە تۈرلۈك تۈركىي قەۋملىرى ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرغان. تۈرك قەۋملىرى ھاياتلىق كۈرىشىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن سوقۇشقىنىدەك، ئۆز ئىچىدىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرغان. بۇ ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇشى بۈگۈنى بىر تۈرك قوۋمىنىڭ، ئەتىسى يەنە بىر تۈرك قوۋمىنىڭ بېشىغا قونغان. تۈرك ۋەتىنىدىكى سىياسىي مەركەزنىڭ ئىسمى ۋە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچقاچان ئۇ يەردىكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولمىغان. ناھايىتى تەبىئىيكى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا بەزى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۈشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ بۇلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە كۆچمەنلىك تەشكىلاتىنى ئەڭ كۆپ مۇھاپىزەت قىلغانلار ئىچىدىن چىققان. تۈرك دولقۇنلىرى (كۆچ ھەرىكەتلىرى – ت) نىڭ قەرەلسىز ھالدا غەربكە قاراپ ئېقىشىغىمۇ بەلكىم بۇ خىل ۋەقەلەر سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. لېكىن، تۈرك تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشتە يېڭى تەركىپلەر مەيدانغا كەلگەن ھامان، بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاساسى دائىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ – ت) دا مۇشۇنداق ئىدى. بۇ يەردىكى تۈرك دولقۇنىمۇ پات -- پات شەرققە، شىمالغا، غەربكە ۋە جەنۇبقا قاراپ ئاققان. لېكىن، بۇ دولقۇننى ياسىغان تۈرك دېڭىزى بۇ مەملىكەتنىڭ ھېچبىر يېرىدە ۋە ھېچبىر زامان قۇرۇپ قالمىدى. بۇ تۈرك دېڭىزى ئىچىدە تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكى تامامەن ياكى قىسمەن مەلۇم بولغان ۋە كىچىك – كىچىك ئاراللار ھالىتىدە ياشىغان قەۋملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى پۈتۈنلەي ئايرىم بىر مەسىلىدۇر. بۇ قەۋملەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ياشاپ ۋە ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يارىشا بىرمۇنچە ئىزلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئاساسەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىدەك بىرەر ئامىلغا ئايلانمىغان.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

«ئۇيغۇر» سۆزى باشقا بىر مۇنچە تەڭداش ناملارغا ئوخشاش، ھەم بىر تۈرك قوۋمىنىڭ ھەم بىر تۈرك سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ نامىدۇر. ئۇيغۇرلار پەقەت تارىخنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋرىدە بۇ يەرلەردە ياشىغان تۈرك گۇرۇھلىرىنى ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدە توپلىغان ۋە بۇ گۇرۇھلارنى ئىدارە قىلغان بىر توپتۇر. بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتى ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ھېچقاچان باشقا تۈرك قەۋملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ياشاپ، مەدەنىيەت ياراتقان بىر قوۋمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. ئەكسىچە ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە كۈلتۈرىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەشكىلات ۋە كۈلتۈر يولىدىكى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىدىن كېيىنكىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاساس تەشكىل قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتىشىمىز لازىم. بۈگۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى دېگىنىمىزدە، بىز يالغۇز ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمدا ئاتالغان بىر تۈرك قەۋمىنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە ئۇيغۇر قوۋمى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان ئاشۇ دەۋردىكى بارلىق تۈرك توپلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. بۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىمۇ بىر قوۋمنىڭ ئەسەرلىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۈرك مىللىتى تەرىپىدىن مۇئەييەن بىر دەۋردە ، مۇئەييەن بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كإتۈرىلگەن بىر بايلىق سۈپىتىدە تونۇيمىز.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، ئاھالىسى ۋە ئۇ يەرنىڭ كۈلتۈرى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. خەنزۇلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىنى تېخىچىلا ئىلىمنىڭ ھەر بىر ساھەسى ئۈچۈن گۇمانلانماي ۋە ئىككىلەنمەي تۇرۇپ پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرگىلى بولمىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ تارىخىدا دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇشى، خەنزۇلارنىڭ يات مىللەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى، خەنزۇ يېزىقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەپلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئۈچۈن جۇڭگو مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئازايتىدۇ. تۈركىستاننىڭ تارىخىغا ئائىت بولغان باشقا مەلۇماتلارمۇ تۈركىستانلىقلار بىلەن ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەتتە بولغان قوشنا ياكى يات مىللەتلەرنىڭ تاسادىپىي يېزىپ قويغان خاتىرىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. تۈركىستاندا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن تۈركلەرنىڭ ئۆزىدىن ساقلىنىپ قالغان مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەسەرلەر تېپىلدى. مەدەنىي دإلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەر بويى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈچى بىلەنمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ مەملىكەتتىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كەڭ كۆلەملىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن يازما ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يەردە ئىنسانلار زادى ئويلاپ باقمىغان بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايان بولدى. دۇنيادا بارلىققا كەلگەن ھەر قانداق بىر بايقاش بۇ قەدەر كەڭ ئۇپۇق ئېچىپ باقمىغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىر دۆلەتنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بۇنچىلىك ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇ يەردە تېپىلغان كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز تۈركىستان(بۇ يەردە شىنجاڭ نەزەردە تۇتۇلغان-ت) بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن يىراق شەرق تارىخى ئۈچۈنمۇ يېڭى يول ئېچىپ بەردى. تۈركىستاندا تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان كىچىك مەشئەللەردۇر. بۇلارنىڭ توپراق ئاستىدا يۇرۇقلىققا چىقىشنى كۈتۈپ ياتقان چەكسىز كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئازلا بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىدىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا باشلانغان، بىراق دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى بىر دەۋرنى ئۆز ماتېرىيالى ئارقىلىق كۆرۈشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئېكسپېدىتسىيە نەتىجىسىدە تېپىلغان ماتېرىياللار ئىلىم دۇنياسىنىڭ ھەر بىر تارمىقىغا ئالاقىدار بولۇشتەك ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە كۆپىنچىسى بۇرخانچىلار (بۇددىستلار)غا ئائىت بولغان تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى تېپىلدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ مېمارچىلىق شەكىللرىدە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، تۈركىستانغا خاس خۇسۇسىيەتلەرمۇ بار. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە راھىپلارنىڭ خاس ھۇجرىلىرىنىڭ تاملىرىدا كۆرۈلگەن، كۆپىنچىسى دىنىي رەسىملەردىن ئىبارەت بولغان، نەقىش ۋە باشقا يۈكسەك سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان، بولۇپمۇ شىمالىي ھىندىستاندا تەرەققىي قىلغان گاندخارا سەنئىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەن. تۈركىستان پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا سەنئىتى ئۈچۈن بىر ۋاسىتىچى بولغان. لېكىن، بۇ ساھەدە تېخى بىرمۇنچە سەپلەر تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى ۋە ئاخىرقى يەكۈنمۇ سۆزلەنمىدى. شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان بۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن خېلى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ ئايرىم – ئايرىم خۇسۇسىيەتلەرنى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى سەنئەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ۋە دەۋرلىرىنى ئېنىقلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى. سەنئەت ۋە كۈلتۈر پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مېلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يەردە تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئېرىشكەن بىر دەۋرنىڭ يەنە بىرىگە بەلگىلىك تەسىر كإرسىتىشى بەكمۇ تەبىئىيدۇر. لېكىن، ھەر بىر ئىرق ۋە ھەر بىر مىللەت بۇ ئىجادىيەت ئىشىگە بىر مەۋجۇتلۇق ياكى بايلىق سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. بۇ تەرەققىياتتا تۈرك ئىرقى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭمۇ بىر ئورنى بارلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ بىر تارىخىي بۇرچنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. تارىخىمىزدىن قالغان ھەر بىر ۋەسىقە تۈرك مىللىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىگە زور دەرىجىدە جىددىي مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. لېكىن، شۇ ياكى بۇ ساھەدە تۈرك مىللىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردە بىزنىڭ ھەسسىمىز قانچىلىك؟ بىز بۇ ياكى شۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ھالىتىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزدىن ۋە ئۆز مەنلىكىمىزدىن نېمىلەرنى بەردۇق؟ بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك دۇنيا ئىلىم–پىنىگە يېڭى بىر شەكىل بېرىش بېرىش، دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك ئۆز تارىخىمىزنىڭ ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇچۇق كإرۈنىشى ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاش دېگەنلىكتۇر.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

تارىختىن قالغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۈبھىسىزكى يازما ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەردە ھەر بىر مىللەتنىڭ روھىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ يۈكسەكلىكى نامايان بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلەردە خۇددى مىللەتنىڭ ئۆزى سۆزلەۋەتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇيغۇسى، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان قارىشى ئاشۇ ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋرلىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ، مىللەتنى زامان ۋە ماكان پەرقلىرىنىڭ سىرتىدا بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇ يەردە تېپىلغان ئەسەرلەر ئاشۇ دەۋرلەردە مەلۇم بولغان پۈتكۈل كىتاب شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندىستاندا قوللىنىلغان ياپراق كىتاب شەكلى، شەرقنىڭ تومار شەكلى، مۇقاۋىلانغان ياكى ئايرىم – ئايرىم سەھىپىلەر ھالىتىدە پەقەت ئوتتۇرىسىدىن باغلانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر خىلى بار. يېزىق ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلاردىن ياغاچ، قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، پالما ياپرىقى، تېرە، يىپەك رەخت ۋە قەغەز قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى تېپىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان تىل ۋە يېزىقلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ قىسمىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئا. ۋ. لېكوكنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە ، بۇ يەردە تۈرلۈك دەۋرلەردىن بۈگۈنگە قەدەر 24 خىل يېزىق ۋە 17 خىل تىل ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قوللىنىلمايدىغان يېزىقلار بولغىنىدەك، ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر مەۋجۇدلۇقىدىن خەۋىرىمىزمۇ بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى 2- ئەسىرگە يىتىپ بارىدۇ. بۇ، دۇنيادا تېپىلغان قەغەزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كەشپىيات ھېسابلانغان سەيلۇننىڭ كەشپىياتىدىن يىگىرمە – ئوتتۇز يىل كېيىنكى تارىخقا مەنسۇپ ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجغا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئاسان جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ياغاچ قېلىپ ئارقىلىق كىتاب بېسىشتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ بېسىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ئۇسۇل ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئېرىشكەن. مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنى ئاچقان بۇ ئۇسۇل يىراق شەرقتە ھېلىغىچە قوللىنىلماقتا. ياغاچتىن ئايرىم – ئايرىم ياسالغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن كىتاب بېسىشمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەجرىبە قىلىنغان. دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان ئۇيغۇرچە مەتبەئە ھەرپلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەر ئاساسەن ئىبادەتخانىلار ۋە راھىپلارنىڭ ھۇجرىلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، تېپىلغان ئەسەرلەر كۆپىنچە دىنىي ھۆججەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بولۇپمۇ مانىي دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ئەسەرلەر ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈركچە قىسىملار ناھايىتى مۇھىمدۇر. غەربتە پۈتۈنلەي يوقالغان بۇ دىننىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر پەقەت مۇشۇ يەردىن تېپىلغان تېكىستلەردىن ئىبارەتتۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىسىردىن تېپىلغان مانى كۇتۇپخانىسىدا قانداق ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى تېخىچە ياخشى بىلمەيمىز.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

ئۇيغۇر ئېلى يۇقىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر بۆلىكىگە تەۋە بولدى ۋە كېيىن سىياسىي مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالالىغۇدەك ۋەزىيەتكە قايتا ئېرىشەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلدى. موڭغۇل دۆلىتىنىڭ ئىدارە تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كۈلتۈر ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى يەنە ئۇيغۇرلار ئىدى. موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مانجۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئاساسەن ئاشۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. 13-، 14- ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش دەۋرى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن يېڭى بىر كۈلتۈر جەرىيانى تۇنجى بولۇپ ئىسلام سۇلالىسى قۇرۇلغان قەشقەر ئارقىلىق شەرقىي تۈئۈركىستانغا كىرىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بېرى بىرگە داۋاملىشىپ كەلگەن بۇرقان (بۇددا-ت) ، مانى ۋە خرىستىئان دىنلىرى ئېتىقادتىن قېلىپ، بۇلارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىگىلىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاستا – ئاستا، ئەمما بەزىدە قانلىق شەكىل بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىسلامىيەتنىڭ نۇپۇزى بىلەن ئەرەب يېزىقىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەدە بۇرقانچىلىقنىڭ مېلىدەك كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلگىرىكى ئورنى تەۋرەنگەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئورنى پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىدى. بۇ يېزىق ئۇزۇن مەزگىل ئىسلامىيەتنى تېخىچىلا قوبۇل قىلمىغان بىر قىسىم ئاھالە ئىچىدە ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگىنىدەك (مەسىلەن، بۇرقانچىلارنىڭ دىنىي تەلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر ئەسەر «ئالتۇن يارۇق »نىڭ لېنىنگراد نۇسخىسى 1687 – يىلى مۇشۇ يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن)، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈرك خانلىقلىرىدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل مىللىي ۋە رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلدى. بۇ خانلىقلاردىكى يارلىقلار پۈتۈنلەي بۇ يېزىق بىلەن يېزىلدى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان پارسچە ئەسەرلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى بۇ مىللىي ئەنئەنىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت بولغان ۋە تىل ئىتىبارى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى ياكى كېيىن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى ئەينى شەكىلدە شەرھلىنىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن باشلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ جۇغراپىۋىي ۋارىسى بولغان ۋە «چاغاتاي ئەدەبىياتى » دېگەن ئىسىم تونۇلغان بىر ئەدەبىي دەۋرگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئىسلامىيەتكە ئائىت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل بەلكىم شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىدا يات دىندىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى لازىم تاپمىغاندۇر. ھەر ھالدا قولىمىزدا ئىسلامىيەتنىڭ بۇرقانچىلىق بىلەن قارمۇ قارشى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرمۇ ئەسەر يوق دېسەك خاتا قىلغان بولمايمىز. بۇ ھالەت بۇرقانچىلىق ئۈچۈنمۇ ئەينىدۇر.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

پۈتۈن شەرق مەملىكىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەنبە تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان كەشپىياتى(تېپىلمىلىرى – ت) بىزنىڭ تارىخىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى بەردى ۋە نېمىلەرنى بېرىدۇ؟ تۈرك نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەملىكەتنىڭ قوينىدا ھەممىدىن بەكرەك تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ماتېرىيال ساقلانغان. بۇ مەملىكەت ئۆزىنىڭ ئىگىسى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈركشۇناسلىقتا يېپيېڭى بىر دەۋنى ئاچتى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شىمالىي موڭغۇلىستاندىن تېپىلغان كۆكتۈرك ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئاساسسىز قاراشلارنى مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۈرك مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۇپۇقلىرىنى چەكسىز كېڭەيتىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىشۇناسلىقنىڭ ئايرىم – ئايرىم ساھەلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. "ئۇيغۇر" دېيىلىدىغان بىر تۈرك قوۋمىنىڭ ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر يېزىقى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر يېزىق ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ۋە بۇ يېزىق بىلەن ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. 1069 – يىلى قەشقەردە يېزىلغان، ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىشى پايدىلىنالايدىغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈلمىگەن «قۇتادغۇ بىلىك» ئەڭ قەدىمكى تۈركچە ئەسەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز مىقداردا بولسىمۇ ئەرەبچە ۋە پارسچە سإزلەرنى قوللانغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بەرمىگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بىزگە تۈرك كۈلتۈر ھاياتىنىڭ بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تونۇتتى.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

كۈلتۈر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مېلىدۇر. بەلگىلىك بىر جۇغراپىئىيىلىك بىرلىك ئىچىدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئەينى شارائىت ئىچىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ياكى بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۆتكەن ئەينى شەكىللەرنى ئۇچرىتالايمىز. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن يېزىق ئۇسۇلىدا ۋە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلمەكتە. بۈگۈن مەلۇم بولغان بارلىق يېزىقلار ۋە ئەدەبىيات تۈرلىرى بۇ خىل يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىشنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخىي رولى بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن ئىگىلىگەن تۈرك توپلىرىدىمۇ بۇ ھالەت يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىزگە بىر قانچە خىل يېزىق ئارقىلىق مىراس قالغان. بۇ يېزىقلاردىن بىرىسىدىن باشقىلىرىنىڭ تۈركلەرگە قوشنا بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركچىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە ئانچە – مۇنچە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئانچە قېينالمايلا ئېنىقلىيالايمىز. 1- تارىختا تۇنجى بولۇپ تۈرك نامىنى بۈگۈنكى تۈرك تىلىدا خاتىرىلىگەن كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ باشقا بىر يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مۇنچە نەزەرىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىدى. كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىپ كىلىنگەنلىكىدە شۈبھە يوق. مەنبەسى ھەققىدىكى قارشى پىكىر ئىسپاتلانغانغا قەدەر، بۇ يېزىقنىڭ تۈرك مىللىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بىر توسقۇنلۇق يوقتۇر. كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز مۈلكى ئىكەنلىكىنى كإرسەتمەكتە. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بولۇشى كېرەك بولغان يېنىسەي ئابىدىلىرىدە ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ دەۋرلەردە نە قەدەر يۈكسەك بىر كۈلتۈرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ يېزىق تۈرك تىلى ئۈچۈن ئەڭ ئەپلىك شەكىلدە ئىشلەنگەن. بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان دەۋرىنىڭ تارىخىنى خېلى كۆپ ئەسىر ئالدىغا سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

شەرقشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يېزىقنىڭ پەقەت تاش ئۈستىگە يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقانىدى. تۇرپان كەشپىياتىدىن كېيىن بۇنىڭ تۇرمۇشتىمۇ قوللىنىلغانلىقى ۋە باشقا يېزىقلارغا ئوخشاش ئىستېمال قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر قەغەز ئۈستىگە يېزىلغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ شاھىتى بولغان ئەسەرلەر ئىچىدە بىر كىچىك قەغەز پارچىسى بار. كىچىكلىكىگە قارىماي، زور بىر مەنانى ئىپادە قىلىدىغان بۇ قەغەز پارچىسى تۇرپان ئەتراپىدا ساقلانغان ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى 6-، 7 - ئەسىرلەرگە ئائىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر بىنادىن تېپىلغان. بۇ قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈچ قۇرلۇق بىر تېكىست بار. بۇ قۇرلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىرئاز پەرقلىق ھالدا، كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ 16 ھەرپى يېزىلغان. ئاستى تەرىپىدە مانى يېزىقى بىلەن بۇنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى كإرسىتىلگەن. ۋ. تومسېننىڭ ئەقلى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سىرىنى يىشىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپمىغان بولسا ، ئۇ چاغدا بۇ تۈرك كۈلتۈر ئابىدىلىرىنىڭ سىرى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئېچىلغان بولاتتى. تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق تەۋرەنمەس بىر باغ بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، بۇ ئۈچ قۇرلۇق قوليازما پارچىسىدىن تېخىمۇ چوڭ دەلىل ئىزدەشنىڭ لازىمى يوق.

2 - ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇرقانچىلارنىڭ رەسمىي يېزىقىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلغان. قوللىنىلغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن كېيىنچە خرىستىئانلار ۋە مانىچىلارنىڭ دىنى ئەسەرلىرىمۇ بۇ يېزىق بىلەن يېزىلىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا قولىمىزغا چۈشكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي خاراكتېرى بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نۇقتىسىدىن بىر قانچە دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ قەدىمكى دەۋرگە ئائىت بولغان پارچىلار ھەر ۋاقىت گۈزەل يېزىلغان ۋە ئىملاسىمۇ توغرا ئىدى.

تۈرك تىلىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە تەشكىل قىلغان ۋە 1066 - يىلى (ھىجرىيە466- يىلى) ئۆپچۆرىسىدە يېزىلغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۈ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇر يېزىقى ئومۇمىي تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان ۋە بۇ يېزىقنىڭ بىر ئۆرنىكىمۇ بېرىلگەن. قەشقىرىنىڭ بۇ خاتىرىسى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ئەسەر يېزىلغان يىللاردا تۈرك توپلىرى ئىچىدە ھۆكۈمران يېزىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن قەشقىرىنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى كۈلتۈر ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قەشقىرى ئاشۇ دەۋرنىڭ پەقەت سۆزلىنىۋاتقان تۈرك شىۋىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلىرى ياكى تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامىيەت سىرتىدىكى مىللىي بايلىقىمىزنى تىلغا ئېلىشنى لازىم كۆرمىگەن بولسا كېرەك. ھەرھالدا قەشقىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە مانى يېزىقلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. 3- ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەنبەسى بولغان سوغدى يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر تۈركچە ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ ۋە مەۋجۇت ھۆججەتلەرمۇ تېخىچە نەشر قىلىنمىدى. 4 - مانى ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان. مانىچىلار قوللانغان بۇ يېزىق ئۇلار بىلەن بىرلىكتە غەربتىن كەلگەن. مانىچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەتتە يۈكسەك ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. شۇ ۋەجىدىن، مەيلى مانى يېزىقى بىلەن بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بولسۇن، مانى دىنىگە ئائىت ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نۇقتىسىدىن ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 5- سۈرىيە يېزىقى بىلەن تۈركچە يېزىلغان ئەسەرلەر نىسبەتەن ئاز. بۇلار كۆپىنچە خرىستىئان دىنىگە ئائىت ھإججەتلەر بولۇپ، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر ئازلا بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. 6- براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان تۈركچە ئەسەرلەر تېخى نەشر قىلىنمىدى. قولىمىزدىكى بۇ خىل ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى «سانسكرىتچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»تىن ئىبارەت، بىرقىسمى بولسا تېبابەتكە ئائىتتۇر. براھمى ۋە سۈرىيە يېزىقلىرىدا تېبابەتكە ئائىت ھإججەتلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمال بۇ يېزىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە قوللىنىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىگە ئائىت بولغان ئەسەرلەر كەڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق دەۋرلىرى ۋە بۇ دەۋرلەرنىڭ پۈتكۈل سەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بۇ ساھەدە تېخى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغان تەتقىقاتلار ھەققىدە ياخشى بىر پىكىر بەردى. بۈگۈن بىر مۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يورىتىلىشى كەلگۈسىدە بۇ يولدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزغا باغلىق بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىرىمىز بۇ ئەدەبىياتنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن يىراق بولۇپ، مەۋجۇت ماتېرىياللارمۇ پەقەت نەشر قىلىنغان قىسىم ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. 1- قولىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىنىي ئەسەرلەردۇر. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەر بۇرقان ياكى باشقا دىنلارغا ئائىت ئىبادەتخانىلاردىن تېپىلغان. ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدىغان ئورگانلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. خارابىلەردە پىلانلىق تۈردىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشتۇرۇلسا بۇنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۆبھىسىزدۇر. دىنىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تەشكىل قىلغان بۇرقان ھەققىدىكى ئەسەرلەر ئارىسىدا، ئەڭ ئىپتىدائىي دىنىي چۈشەنچىلەردىن تارتىپ ئەڭ يۈكسەك پەلسەپىۋى تەھلىللەرگە قەدەر تۈرلۈك ئەسەرلەر مەۋجۇت. ئۇ دەۋرلەردە ئىلىمنىڭ بىرمۇنچە تارماقلىرىنىڭ دىن چەمبىرىكى ئىچىدە تەتقىق قىلىنغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلەردىن چىقىرىلىدىغان نەتىجىلىرىمىزنىڭ مول ۋە كەڭلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «مائىتىرى سىمىت» قاتارلىق يۈكسەك ئەسەرلەر ئىچىدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ كۆپرەك دىنىي ۋە پەلسەپىۋى ئاتالغۇلار بار. بۇ خىل ئەسەرلەر ياكى خاس ياكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، تۈرك تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. 2- تېپىلغان ھۆججەتلەر ئارىسىدا ئەدەبىي ئەسەرلەر ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ. مەۋجۇت ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ كۆپچىلىكى دىنىي ماھىيەتتە ئىدى. لېكىن، گۈزەل تۈرك شېئىرىيەت سەنئىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پارچىلارمۇ يوق ئەمەس. كېيىنكى يىللاردا بۇ دەۋردىن قالغان تۈركچە نەزمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەجمۇئەلەرمۇ تېپىلدى. بۇلاردىن ئىككى مىڭ مىسراغا يېقىن بىر قىسمى «قەدىمكى تۈرك شېئىرى» دېگەن نام بىلەن تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۈگۈن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا ۋە موزېيلارنىڭ ژۇرناللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ قىسمىغا مەنسۇپ ماتېرىياللارنىڭ بارلىقى شۆبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر پىلانلىق ھالدا تەتقىق قىلىنىپ نەشر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارغا تېخىچە نۆۋەت كەلمىدى دەيمىز. 3- قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تېبابەتچىلىك خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى. دەۋرلەرنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق ئېنىقلانغان دورا تەركىپلىرىدىكى خام ماددىلار تۈرك ۋەتىنىدە ئۆسىدىغان ۋە تۈركچە ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىدى. بۇ خۇسۇستا بىر پىكىر بىلدۈرۈشكە يارىغۇدەك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نەشر قىلىندى. 4- ئۇيغۇرلار ئاستېرونۇمىيە ئىلمىدىنمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. قولىمىزدىكى ھۆججەتلەردىن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىقلىغان بىر ئۇيغۇر ھۆججىتى بېرلىن رەسەتخانىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىكى مەلۇماتنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئەپسۇس، قولىمىزدىكى ۋەسىقىلەر بۇ خۇسۇستا كۆپرەك مەلۇمات بەرگىدەك ماھىيەتتە ئەمەس. بۇ خىل پارچىلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلاردا رەسەتخانىغا ئوخشايدىغان بىر ئورگاننىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈتۈش لازىم. 5- ئۇيغۇر كالېندارى مەسىلىسىمۇ تېخىچە ھەل بولمىغان، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان كېيىنكى دەۋرلەردە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان كالېندار مەسىلىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۆلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن، بۇ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم سىستېمىلىرى ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھىندىلار، تىبەتلەر ياكى خەنزۇلاردىن كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ۋەسىقىلەر قولىمىزغا چۈشمىگۈچە، بىز بۇ خۇسۇستا قەتئىي قىلىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر تۈركلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرىنى باشقىلاردىن ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەسىقە ھېچكىمنىڭ قولىغا چۈشكىنى يوق. 6- ئاسترولوگىيە (پالچىلىق – ت) ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەر بىر مىللەت مەشغۇل بولۇپ كەلگەن بىر ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەدەبىياتنى ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە خېلىلا كۈچ چىقىرىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ پالنامە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك يېزىقلاردا يېزىلغان تۈركچە ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت. 7- ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قانداق شەكىلدە داۋاملاشقانلىقى ھەققىدە تېخىچىلا ئېنىق بىر پىكىرگە ئېرىشەلمىدۇق. لېكىن، قولىمىزدىكى سودا ۋە مۇئامىلە ھۆججەتلىرىنىڭ يېقىندىن تەتقىق قىلىنىشى بىلەن، بۇ ساھەنىڭمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. بۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەر ھەققىدىمۇ بىر چۈشەنچىگە ئېرىشىشىمىزگە پايدىلىقتۇر. 8 - تارىخ ۋە ساياھەتكە ئائىت ئەسەرلەرگە تېخى ئېرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر تېپىلغان مەھەللىلەر ئاساسەن دىنىي مەزھەپلەرگە ئائىت بولغانلىقتىن ئاشۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ دىنلارغا ئالاقىدار قوليازمىلاردىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئەسەر بار. جۇڭگودىن ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغان ۋە بۇ دەۋرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر شاھىتى بولغان خەنزۇ سەيياھى شۈئەنزاڭنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان بىر ساياھەتنامىسى بار. بۇ ساياھەتنامە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى(1930 – يىلى) بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان. فارىز مىللىي كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كەمتۈك بولغىنىغا قارىماي، مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەسلىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىقتۇر. جۇڭگو يېزىقى يات مىللەتلەرنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا ماس كەلمىگەنلىكتىن شۈئەنزاڭنىڭ ساياھەتنامىسىدىكى قابىلە، مەملىكەت ۋە شەھەر ناملىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلانمىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارقىلىق بۇ كەمچىلىكلەر بىرئاز بولسىمۇ تولدۇرۇلىدۇ.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

يۇقىرىدىكى شەرھىيدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈر جەھەتتىن ناھايىتى باي ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈر ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ساھەلىرىدە بۇ خۇسۇستا بىزگە مەلۇمات بېرەلەيدىغان ئەسەرلەر بار. ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە چېتىلىدىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللارنىمۇ كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات كۈلتۈرگە باغلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەكتۇر. بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۇلارنى نەشر قىلىپ، زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. بۇنىڭدا تۇنجى ۋەزىپە تىلشۇناسلار ئۈستىگە چۈشىدۇ. تۈرك تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمىز بولمىغانلىقتىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشرى قىلىنىشى پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ سەخسىي ئەمگەكلىرى بىلەن روياپقا چىقتى. شۇ سەۋەبلىك، مەۋجۇت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئازلا بىر قىسمى نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشتا ئاۋۋال تېكىست توغرا ئوقۇلۇشى ۋە مەزمۇنى ياخشى چۈشۈنىلىشى كېرەك. چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىنى ئېنىقلاشقىلا مەركەزلىشىپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈرك تىلى تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يىتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سادا -- ئاۋاز خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىملاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. بۈگۈنكى تۈرك شېۋىلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىر ئۇيغۇرچىنىڭ توغرا ئوقۇلۇشى قىسمەن كاپالەتكە ئېرىشتى. بۇ قەدەر قەدىمىي بىر دەۋر ۋە كەڭ بىر ساھەدە بۇ قەدەر كۆپ مىقداردىكى مەۋجۇت ئەدەبىي ماتېرىياللارنىڭ تىلىمىز ئۈچۈن زور بىر مەنبە تەشكىل قىلىشى شۆبھىسىزدۇر.

٭٭٭٭ ٭٭٭٭ ٭٭٭٭

ئۇيغۇر تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تۈركچىسى ، يەنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت تۈركچە چۇۋاش ۋە ياقۇت لەھچىلىرىدىن باشقا ، بۈگۈنكى بارلىق تۈرك شېۋىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل ماھىيىتىدە ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى جەھەتتىن ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىدىن ئايرىلىپ چىققان. بۈگۈن ئايرىم – ئايرىم شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدەك كۆرۈنىدىغان تەرەپلەر ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىدە بىر تىل ئىچىدە ۋە شۇ تىلنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزاھلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بەزى تەرەپلەرگىمۇ دۇچ كېلىمىز. بىز بۇنى ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىگە خاس شېۋە پەرقلىرى ئارقىلىق شەرھىيلەيمىز. بۇنى ئېنىقلاش ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ يولى ۋە قانۇنىنى بېكىتىشتە نەقەدەر مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يىتەرلىكتۇر.

مەنبە : لاتىن يېزىقىدىكى ئۇيغۇر توردا مۇنبىرى
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=358
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2009-01-05 15:22 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 841ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخي تۆھپىلىرى ۋە تۇركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىنى ھەقىقىي ئېتىراپ قىلغان ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەلسەپە  تارىخىنى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىنىڭ 1933-يىلىلا تۇركىيەلىك ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مۇشۇ شۆھرەتنىڭ ئىگىلىرى سانىلىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىغا چۆمدۈرىدۇ.  يۇسۇپجان مۇئەللىمنىڭ مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن ھەم يۈسۈپجان مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كىينىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
| ۋاقتى : 2009-01-05 19:40 1 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.063479(s) query 4, Time now is:01-08 18:26, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation