نۆۋەتتىكى تېما : قۇمۇل خەلق ماقال- تەمسىللىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 273ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قۇمۇل خەلق ماقال- تەمسىللىرى

.كۆكتىن ئىزدىگەننى يەردىن تاپ ،سىرتتىن ئىزدىگەننى ئۆيدىن تاپ

سەڭگەرمىسەڭ سەڭگىللىتىدۇ

.ياخشىدا دىماق يوق .تەقىيدە ياماق

تاز باشقا ئالتۇن تەقىي

ئىگىز تاغ كۈننى توسالماس.

ئالتۇن چىرىماس، دەۋا قېرىماس.

.كۆز چوڭ بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ.

بەش قول بىردەك ئەمەس.

تۆگىنىڭ قۇيرىقى يەرەگە تەگمەس.

قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس.

ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە قالماس.

ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.

ئاتاڭغا نىمە قىلساڭ ، بالاڭدىن شۇنى ئالىسەن.
.
ئۆزى تويسىمۇ ، كۆزى تويماس

ئىت  بىلەن خارمان ياشساڭ پوق بىلەن چەش بولىدۇ،يامان بىلەن ئىش قىلساڭ قىلغان قىلمىغان ھەش بولىدۇ

كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟!

ئورۇق ئۇينىڭ پوقى چوڭ!

ئاچ تىتىرەر،توق كېكىرەر.

سەتنىڭ ھالى،چىرايلىقنىڭ دەردى

بىغەرەز  قائىدىدە يېڭىلماپتۇ.

ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا ، تازنىڭ كۆزى چاچتا.

ئۇسۇرغاققا ئىس ھەمراھ.

ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ.

يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن، خالتاڭغا قاراپ ئۇن

شاشلىق ھېرىتار،
ئاچچىق قېرىتار،
خوشاللىق ياشارتار،
بوشاڭلىق چىرىتار.

شاپتول يىسەڭ سويۇپ يە،
كىسەل بولمايسەن.
سەپتە ماڭساڭ بىر خىل ماڭ،
كىيىن قالمايسەن.

شامال چىقار قۇيۇن بىلەن،
جىدەل چىقار ئويۇن بىلەن.
ئاتا -ئانا يايرىسا باغ،
يۆلەنسە تاغ.


ئاتا -ئانىدىن يامانلىغان،
ئەقىلنىڭ يوقلىقى،
تاماقتىن يامانلىغان ،
قۇرساقنىڭ توقلىقى.


ياخشى ئەر ئەلگە ئورتاق،
يامان ئەر مالغا ئورتاق.


ئۇسۇرغاقنىڭ تەرىتى ،جۈجەم بېشىغا چىققاندا قىستاپتۇ .

ئەدىرشا ئوۋغاچىقسا ،كەينىدىن غەۋغا چىقىپتۇ.


ئانىسىغا  قاراپ قىز ئال.

ئۇسۇرغاققا  ئارپا  نېنى  بانا.

ئۆچكە  ئۆلىي  دىسە  كۆتتى  كۈلىي  دەپتۇ.

قورسىقىڭنىڭ  ئاغرىقى  بولمىسا  تاۋۇز  يىيشتىن  قورقما.

خۇيى  سەتنىڭ  ھالى  قىرىق  ئېشەككە  ئارتقۇسىز .


ئانىسىغا  قاراپ قىز ئال.
.
.ھالى يوقنىڭ گېپى چوڭ ، قوتۇر قوينىڭ پوقى چوڭ .
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت ، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت .
  .
موزاينىڭ يۇگۈرىشى سامانلىققىچەڭ

بۇ مىنەت مەندە تۇرماس،بۇ دۆلەت سەندە

ئەقلىڭ كور بولغىچە ،
كۆزۈڭ كور بولسۇن.


ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ ،
ئەمگەك ئەرنى.

ئاتا -ئاناڭغا نىمە قىلساڭ،
بالىلىرىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.

ئارقامدىن دىگىنى ،
پايتىمامنى  يىگىنى .

ئاز  سۆزلىگەن قۇتۇلار ،
كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار .

ئاز يىگەن توق يەيدۇ ،
كۆپ يىگەن پوق يەيدۇ .

ئايالنىڭ تۇققىنى كەلسە ،
ياغ بىلەن گۆرۈش .
ئەرنىڭ تۇققىنى كەلسە .
كۈندە ئۇرۇش .

ئەتتىگەندە ئۆي سۈپۈرمىسە ،
كەچكىچە پۇشايمان .
ياشلىقىدا ئەرگە تەگمىسە ،
ئۆلگىچە پۇشايمان .

بار سۆزلەيدۇ ،يوق كۆزلەيدۇ  .

بويتاق يۈرۈپ،تالادا قالدىم.
خوتۇن ئېلىپ ،بالاغا قالدىم .

بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس ،
بۇ مىنەت  مەندە .

تۇڭگۇز قوي بولماس ،
دۈشمەن ئۆز بولماس .

چاقنى بۇزغان تانىسى ،
قىزنى بۇزغان ئانىسى .

دوستنى سەپەردە سىنا ،
قۇشنى قەپەستە سىنا .

ساراينى سالغاندا كۆرۈڭ ،
كىلىننى كەلگەندە كۆرۈڭ .

كادىر ياماندىن قورقىدۇ ،
كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ .

مەن ياراتمايمەن قوڭڭۇمنى بوسۇرۇپ ، قوڭڭۇم مېنى ياراتمايدۇ  ئۇسۇرۇپ

قېرىن يىگەن يىن يەر،
كاللا يېگەن ئىس يەر.
ئۆپكە يېگەن يەل يەر،
گۆش يېگەن نەق يەر.

كالا گۆشى سوغۇق،
ئۆچكە گۆشى قوقاق.
خۇدا بەندەم دېسەڭ،
قوينىڭ گۆشىدە باق.

كاۋىسى قوق پىلەكتىن،
تەمى يوق خەمەك ياخشى.

كېسەلنىڭ يامىنى سانجىق،
ئىتنىڭ يامىنى قانجىق.

جۈجەم يەپ لاغاي بولۇر،
ئۆرۈك يەپ گاداي بولۇر



ئېغىر بولساڭ ئامبال بولۇرسەن،
يېنىك بولساڭ تامبال بولۇرسەن.

ئىغىرلىق - دانالىق،
يېنىكلىك - نادانلىق

سەپەردە يولداش كېرەك،
ئىشتا قولداش (كېرەك)

ئەقىل قېرىماس،
ئالتۇن چىرىماس

يولنىڭ يامىنى گۆتەل،ئارىقنىڭ يامىنى يۆتەل

مېنىڭ بالىلىرىم ئىش قىلىشقا قارشى،
                      نان يىيىشكە باشى.

خەقنىڭ تۆمۈرېتىنى( تۆمۈر ئات) ئايىما، چىشلىپ قالسا يامىما...


ئۆيدە قىلغان مەسلىھەت، خىيغا توغرا كەلمەپتۇ.

قوتۇر ئشەك يۈككە ئامراق.

يەرگە نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالارسەن.

بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ؟

مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق،گۆشكە ئامراق.

قوڭۇمدا ئىشتىنىمنىڭ تايىنى يوق،ئېتىم مارجان بۈۋى.

قوغۇننىڭ ئىچىدىن ئادىغىنى يامان.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە.

ئىنە چېغىڭنى چىينە.

ئۆمۈر ئۆتەر ھۆسسىلەڭ ئۆچەر.

بېڭى بولمىسا دورغىسى ،گۆشى بولمىسا شورپىسى.

كۆسۆيۈڭ ئۇزۇن بولسا ،قولۇڭ كۆيمەس.

ياخشى گەپكە  يىلان ئىنىدىن چىقار،يامان گەپكە مۇسۇلمان دىنىدىن چىقار.
.
يەرسىز ئىدىم يەرلەندىم،توقماق ئېلىپ شىيلەندىم.

ھارماڭ دېسە ھاپاش بوپتۇ.

ئورۇق كىيىكنى ياراتماي،سېمىز كىيىكنى تاپالماي،تاغدىن ئۇچقان باراتباي.

ئۇي ئۆلتۈرگەن پالتا،مۇجۇقتا قاپتۇ.

قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پىلەكتە،چىشنىڭ ئوبدىنى ئاستىنقى ئىڭەكت

كۈنۈڭ كەچمىسە ئەرگاھ چۆگىلە

ھەقنى دېمەكلىك-ئاچچىقنى يېمەكلىك.


1som
| ۋاقتى : 2009-01-06 12:20 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 273ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

"قۇمۇل خەلق ماقال-تەمسىللىرى" دېمەي "ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى" نىڭ قۇمۇل رايۇندىكى ۋارىيانتى دېگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن. چۈنكى بۇ ھەممىسى "ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى" ئەمەسمۇ؟ بۇرۇن ناخشىلارنى رايۇنغا ئايرىدۇق، ئەمدى "ماقال-تەمسىل" لەرنى ئايرىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىمىز؟
yol
| ۋاقتى : 2009-01-07 20:08 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 273ـ كۆرۈرمىنى
yakupjan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6924
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 22 نومۇر
پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-27
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇنى دەيمەن ، قومۇل شىۋىسىدىكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىكەن
ئامال بار ئورتاق ئەدەبىي تىلدا يازغان بولسىڭىز
| ۋاقتى : 2009-01-07 22:07 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 273ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

"قومۇل شىۋىسىدىكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىكەن" بۇگېپىڭىز قاملاشماپتۇ.خۇددى  قومۇل خەلق ماقال- تەمسىللىرى ئۇيغۇر  خەلق  ماقال  تەمسىللىرىنىڭ  بىر  تەركىبى  ئەمەستەك. بۇلار  ھەممىسى  قومۇلدىن  توپلانغان ،شۇنداقلا  كۆپىنچىسى  كۆپرەك  قومۇل  رايونىدا  قوللىنىلدۇ.شۇڭا " قومۇل خەلق ماقال  تەمسسىللىرى  "دەپ  ئايرىش  مۇۋاپىق.بۇ  ھەرگىزمۇ  يۇرتۋازلىق  مەسىلىسى  ئەمەس.بەلكى  ئىلمى  مەسىلە.كۆزىڭىزنى  يوغانراق ئېچىپ  قارىسىڭىز يەنىلا  ئاز  بولمىغان  پەرقلەرنى  بايقىۋالغان  بولاتتىڭز.  خەلق  ئېغىز  ئەدەبىياتى  ئەسەرلىرىنى  توپلىغاندا  ئەسلىسىگە سادىق  بولۇش  پىرىنسىپىغا  ئەمەل  قىلىش  كېرەك دەپ  قارايمەن. شۇڭا ئەسلىسى بويىچىلا  ئېلىشنى  مۇۋاپىق كۆردۈم.
| ۋاقتى : 2009-01-08 13:26 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.053514(s) query 4, Time now is:01-11 11:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation