![]() |
ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
oguzhakan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلىش ئەھۋالى ئادالەت ھادى خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىقان تۆرىلەر 1937-يىلى كۈزدە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،1943-يىلى دەھشەتلىك يۇسۇندا قەتلى قىلنغان.ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنڭ قاچان،قانداق تېپىلغانلىقى توغرىسىدا بىلىشىمچە ، 1946-يىلى9-ئايلاردا ئۈرۈمچى 3-ساقچى بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىياۋدۇن ئەپەندى شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت گېزىتىدە ‹‹زالىم شىڭ شىسەي تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان مەرھۇملارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ ئېچىپ ئېلىڭلار...››دىگەن مەزمۇندا خەۋەر ئېلان قىلغان ئىكەن.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوغلى سەئىدۇللا مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئىشقا كىرىشمەكچى بولغان بولسىمۇ،لېكىن ئۆزى تۇرپاندا بۇلۇپ قېلىپ ۋاختىدا ئۈرۈمچىگە كېلەلمىگەن ئىكەن.پەقەت 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى يۇرت چوڭلىرىدىن موللا خوجىنىياز ھاجىم،زىرىپخان مەخسۇم ھاجىم ۋە ھامىتخانلار بىلەن بىرلىكتە باياۋان تېغىغا چىقىپ،بۇ ئىشقا كىرىشكەنىكەن. ئۇلار بۇ تاغدىكى شېھېتلەر كۈمۈلگەن يەرنى ئاچقاندا،بۇ يەردىن بىرقانچە كىشىنىڭ جەسىدى چىققان،ئۇنىڭ ئارىسىدا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ جەسىدى ئوغلى تەرىپىدىن تۇنۇلغان.شۇ قاتاردا شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلغان.جامائەت بۇ جەسەتلەرنى دۇئا-تەگبىر بىلەن قەبرىستانلىقتىكى يەرلىككە قۇيۇپ قايىتقانىكەن. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەينى چاغلاردا ئاستىنقى ئوتتۇرا ئىككى چىشى ئالتۇن چىش بۇلۇپ،شېھىد قىلىنغاندا بۇ ئىككى چىش قۇمۇرۇپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئورنى بەلگە بۇلۇپ قالغان؛ئىككىنچىدىن،خوجىنىياز ھاجى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۇزۇن قۇيۇلغان كىشى بۇلۇپ ،كۈمۈگلۈك تۇرغان بىرنەچچە يىل جەريانىدا ساقىلى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇرۇتى ئۆز ئەينى تۇرغانىكەن.يۇقىرىقى بەلگىلەر جەسەتنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىنغان. شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدى مۇنداق تۇنۇلغان:شېرىپقاننىڭ كىيىنكى كۈنلىرىدە ئەلەن ۋاڭ بىر قۇر كىيىم تىكتۈرۈپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويغانىكەن.مەرھۇمنىڭ جەسىدى كىيمى بىلەن كۈمۈۋىتىلگەن بولغاچقا ، بۇ كىيىم بۇلۇپمۇ كىيىمنىڭ ياقىسى جەسەتنىڭ شېرىپقاننىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىگە بەلگە بولغان.ئىككىنچىدىن؛شېرىپقان تۆرە ئۇستىخانلىق، ئالاھىدە يوغان ئادەم بولغاچقا،بىلدىغانلار بۇ جەسەتنى تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى بەلگىلەر ئاساسىدا ‹‹ شېرىپقان جەسىدى›› دەپ بىكىتكەن. خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرە كۈمۈلگەن ۋاختىدا،كۆمگۈچىلەردىن بەزىلەر بىر بەلگە بۇلۇپ قالسۇن دىگەن خىيال بىلەن خەت يېزىلغان ئىككى تاختاي پارچىسىنىمۇ بىللە كۆمۈلگەنىكەن.بۇ تاختاي پارچىلىرىمۇ جەسەتلەر بىلەن بىللە تېپىلغان.تاختايدىكى خەتلەر ئۈچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،لېكىن بەلگە ئاساسلىرى بىلەن بۇ يەرلىكنىڭ (لەھەد) نىڭ ھەقىقەتەن مەرھۇملارنىڭ كۈمۈلگەن جايى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانغان . مەنبە :شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 34-قىسىمدىن ئېلىندى. |
||
![]() |
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
HALKQIL
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
كۆكنۇر
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
uyghurtekin
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
HALKQIL
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
555rikabatqi
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
HALKQIL
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
HALKQIL
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tayir2603

Awral
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
saidiya
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
---|