نۆۋەتتىكى تېما : دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_گۇگۇڭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 64 نومۇر
پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :155(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_گۇگۇڭ

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى (ئاسىيا )
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-41710-keyword-.html

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى (ياۋروپا)
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-41850-keyword-.html

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى ( ئافرىقا، ئامىرىكا قىتئەلىرى)
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-42061-keyword-.html


ئورنى: بېيجىڭ شەھرىنىڭ مەركىزىدە
ياساش باشلانغان ۋاقىت: 1406-يىلى
باھا: غايەت زور خان جەمەتى قۇرۇلۇش توپى ۋە ئىنتايىن مول بولغان يادىكارلىقلار مىڭ-چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى پاكىتى.

    بېيجىڭ خان ئوردىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى زامان خان ئوردىسى توپى. بۇ جۇڭگو قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇ مىڭ سۇلالسىنىڭ يۇڭلې يىللىرى (1406-يىلى) سېلىشقا باشلانغان. مىڭ ،چىڭ دىن ئىبارەت ئىككى سۇلالىنىڭ ئوردىسى بولغان، شۇ چاغلاردا زىجىنچىڭ دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى گۇگۇڭ دەپ ئاتالغان. 1421-يىلى مىڭ چىڭزۇ پايتەختنى بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەكەلگەن. 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاخىرقى پادىشاھ پۇيى گۇگۇڭدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلدى. گۇگۇڭ شۇ چاغقىچە جۇڭگونىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىنىڭ  سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. بۇ يەردە 24 پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. گۇگۇڭ دۆلىتىمىزدىكى مەدىنىي يادىكارلىقلار ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان مۇزىي. گۇگۇڭ مۇزىيى 1925-يىلى قۇرۇلغان. ساقلانغان يادىكارلىقلار ئاساسەن چىڭ ئوردىسىنىڭ كونا بۇيۇملىرى. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەڭ مۇھىم 5 تۈركۈم يادىكارلىق جەنوبى جۇڭگوغا يۆتكەلگەن.ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن،بىر قسىمى گۇگۇڭغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن، بىر قىسمى تەيۋەنگە يۆتكەپ كېتىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ھەرخىل تەدبىر_چارىلەرنى ئىشلىتىپ چېچىلىپ كەتكەن يادىكارلىقلارنى يىغىپ، گۇگۇڭدىكى بۇيۇملارنىڭ سانىنى مىليونغا يەتكۈزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇچ بۇيۇملار، قاشتېىشى بۇيۇملىرى، ئالتۇن -كۈمۈش بۇيۇملار، ساپال قاچىلار،ياغاچ ئويمىلار، يىپەك كەشتە بۇيۇملىرى، كىتاپ-قامۇسلار، ھۆسىنخەت-رەسىملەر، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ جۇڭگو تارىخى مەدەنىيىتنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    گۇگۇڭنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 720مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ،قۇرۇلۇش كۆلىمى 150مىڭ كۇۋادىرات مېتىر، ھازىر بار بولغان قۇرۇلۇشلار 980 يۈرۈش، ئۆيلەر 8700 ئېغىز. گۇگۇڭنىڭ سىرتى 10مېتىر ئىگىزلىكتىكى سېپىل بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا 50مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەك_دەريا بار. مىڭ ، چىڭ زامانلىرىدا ئوردا بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بولۇپ، شىمال-جەنوپنى ئوق قىلىپ، جەنوپ،شىمال يۆلىنىشىدە سېلىنغان. بۇ پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىز دىگەن فىئودال ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىنى  نامايەن قىلىدۇ.  گۇگۇڭنىڭ سىرتىدا خان شەھىرى، خان شەھىرىنىڭ سىرتىدا بېيجىڭ شەھىرى بولۇپ شەھەر قات-قات ئورالغان ، بۇ  ناھايىتى چىڭ بولغان دەرىجە تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تارىختىن بۇيان گۇگۇڭ ئوت ئاپىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قېتىم قايتا ياسالغان، بىراق ئاساسىي قۇرۇلما ئۆزگەرمىگەن. پۈتكۈل ئوردا قۇرۇلۇشى جەنوبى تەرەپتىكى ئالدى ئوردا ۋە شىمالى تەرەپتىكى كەينى  ئوردىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئالدى ئوردا تەيخې،جۇڭخې، باۋخې قاتارلىق قەسىرلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۈچ قەسىر گۇگۇڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ ، خاننىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئورنى ، شۇنداقلا فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولى. كەينى ئوردا چىيەنچىڭ قەسىرى، جىياۋتەي قەسىرى، كۇننىڭ قەسىرلىرىنى مەركەز قىلىپ ،ئوڭ- سول ئىككى تەرەپ يەنى شەرق ،غەرپ ئىككى تەرەپتىكى ئالتە قەسىرنى قانات قىلغان. بۇلار پادىشاھ، خانىش، باشقا توقال خانىشلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى. بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئوردىلارنىڭ چېگرىسى ناھايىتى روشەن بولۇپ،خالىغانچە ئۆتكىلى بولمايتتى، بۇ كونا جۇڭگونىڭ دەرىجە ئايرىش ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ھۈنەرۋەن -ئۇستىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلىغان، قات-قات سېپىل-دەرۋازىلار بىلەن قەسىر-ئايۋانلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھايىتى ھەۋەتلىك قۇرۇلۇش توپىنى ھاسىل قىلغان. گۇگۇڭ ئوردىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيىتى  ۋە قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ، ئۆي ئىچى بىلەن ھويلا -ئاراملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،ماتىرىيالنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى،بېزەش ئالاھىدىلىكى ، تاللاش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بۇ خان ئوردىسى قۇرۇلىشىدا ناھايىتى يوقىرى سەۋىيىدە ئىپادىلەنگەن.







تىيەنئەنمىن
تىيەنئەنمىن بولسا خان شەھىرىنىڭ ئۇدۇل قوۋۇقى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 15-يىلى (1417-يىلى) ياسالغان. ئەسلى نام چېڭتىيەنمىن. ئەڭ دەسلىۋىدە ئۈچ قەۋەتلىك سېپىل راۋىقى ئىدى. مىڭ يىڭزۇڭنىڭ زامانىدا كۆيۈپ كەتكەن. شيەنزۇڭنىڭ زامانىدا قۇرۇلۇش ۋازارىتى قايتىدىن ياسىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە كۆيدۈرۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسى شۈنجىنىڭ 8-يىلى(1651-يىلى) قايتىدىن ياسىلىپ ، نامى«تيەنئەنمىن» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئازاتلىقتىن كېيىنمۇ كۆپ قېتىم رىمونت قىلىنىدى. قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى ئىگىزلىكى 33.7مېتىر . 1970-يىلى 2-ئايدا قايتا رىمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىگىزلىكى 34.7 مېتىر . تيەنئەنمىننىڭ ئالدىدىكى دەريادا 7 كۆۋرۈك بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدە پەقەت پادىشاھلا ئۆتۈشكە بولىدىكەن، ئىككى چەتتىكىسىدە خان جەمەتىدىكىلەر ئۆتۈشكە بولىدىكەن. ئۇنىڭ چېتىدىكىسىدە3-دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئەمەلدارلار ئۆتەلەيدىكەن.4-دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئەمەلدارلار ئەڭ چەتتىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىكەن.



جىياۋتەي قەسىرى(ئوردىسى)
  چىڭ دەۋرىدە پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى چىيەنچيۇ بايرىمى دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى خانىش جىياۋتەي قەسىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شاھبانۇ،بانۇ، توقال خانىش،مەلىكە،پۇجۇڭلارنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدىكەن. چىيەنلوڭنىڭ 13-يىلى (1748-يىلى) چىيەنلوڭ خان خانلىق ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان 25 گۆھەرنى جىياۋتەي قەسىرىگە قويغان.بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى بارئىكەن. بەزىلىرى خان يارلىقىغا ئىشلىتىلسە ، بەزىلىرى ئەمەلدارلارنى مۇكاپاتلاشقا، بەزىلىرى ھەربى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.


تەيخې قەسىرى(ئوردىسى)
تەيخې قەسىرى ئوردا قوبولخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گۇگۇڭدىكى ئەڭ چوڭ ساراي. مىڭ دەۋرىدە ئۇ فىڭتيەن قەسىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ زامانىسىغا كەلگەندە تەيخې قەسىرى دەپ ئاتالغان. تەيخې قەسىرى ئۈچ قېتىم ئوت ئاپىتىگە ۋە بىر قېتىم ھەربى ئۆزگىرىش تالاپىتىگە ئۇچىرىغان. ھازىرقىسى چىڭ زامانىسىدا سېلىنغان قەسىر بولۇپ كۆلىمى 2377 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئىگىزلىكى 35.5 مېتىر. جەمئىي 72 تۈۋرۈك پۈتكۈل قۇرۇلۇشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىدىكى تۈۋرۈك ئەڭ چوڭ بولۇپ دىئامېتىرى 1.6 مېتىر ، ئىگىزلىكى 12.7 مېتىر كېلىدۇ. لىم-تۈۋرۇكلەرگە ھەرخىل نەقىش -رەسىملەر ئويۇلغان. قەسىرنىڭ ئوتتۇرا قسىمىدا سۇپا بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خان تەختى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەختنىڭ ئەتراپى ئەجدىھانىڭ شەكلى چىقىرىلغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان.


چىيەنچىڭ قەسىرى(ئوردىسى)
چىيەنچىڭ قەسىرى ئىچكى قسىم قەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئوتتۇرىسدا خان تەختى، ئىككى تەرىپىدە ئارام ئالىدىغان ئۆيلەر بار.مىڭ سۇلالىسنىڭ 24 خانى ۋە چىڭ سۇلالسىنىڭ شۈنجى،كاڭشى ئىككى خانى  چىيەنچىڭ قەسىرىنى ياتاق قەسىرى قىلغان. كاڭشىنىڭ زامانىدا سىياسىي ئىشلار بىلەن چىيەنچىڭ قەسىرنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ، پادىشاھ بۇ يەردە كىتاپ ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلغان، ئەرز-مەكتۇپلارنى كۆرگەن، ئەمەلدارلارنى  ۋە چەتئەللىك ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغان. چىيەنچىڭ قەسىرىنىڭ ئۈسىتدە شۈنجى خان ئۆز قولى بىلەن يازغان «正大光明» دىگەن بېغىشلىما يېزىقلىق. شۇ زامانلاردا خانزادىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەخت تالىشىش ئەۋج ئالغاچقا، يوڭجىڭ خاندىن تارتىپ تەخت ۋارىسى ئاشكارا  ئېلان قىلىنماي، مەخپى ھالدا ئىككى پارچە خەت قىلىپ پۈتۈلۈپ ، بىر پارچىسىنى خان يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن، بىر پارچىسى  «正大光明» دىگەن بېغىشلىمىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان. خان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ئىككى پارچە خەت سېلىشتۇرۇلۇپ ئاندىن تەخت ۋارىسى بەلگىلەنگەن. چىيەنلۇڭ، جياچىڭ،داۋگۇاڭ، شىيەنفىڭ خانلار مۇشۇنداق ۋارىس قىلىپ بېكىتىلگەن. كېينىكى چاغلاردا شىيەنفىڭ خاننىڭ بىرلا ئوغلى ،تۈڭجى،گۇاڭشۈي خانلارنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا بۇ ئەسلىدىكى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.




كۈننىڭ قەسىرى (ئوردىسى)
كۈننىڭ قەسىرى خانىشلارنىڭ ياتاق قەسىرى بولۇپ ، بۇ يەردە بەزىدە دىنى مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن. چىڭ زامانىدا كۈننىڭ قەسىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر پادىشاھ توي كېچىسى ئۆتكۈزدىغان ئورۇن بولغان.


يۇيخۇايۈەن
يۈيخۇايۈەن گۇگۇڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كۈننىڭ ئوردىسىنىڭ كەينىدە.مىڭ سۇلالسى يۇڭلېنىڭ 18-يىلى (1420-يىلى) ياسالغان. كېيىنكى زامانلاردا كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئورۇن خانىش-بانۇلارنىڭ سەيلەقىلىدىغان باغىچىسى بولۇپ، كېيىنچە نەزىر-چىراق قىلىدىغان ، كىتاپ ساقلايدىغان، كىتاپ ئوقۇيدىغان ئورۇنمۇ بولغان. يۈيخۇايۈەننىڭ كۆلىمى 11مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك بولۇپ جەنۇپتىن شىمالغا 80 مېتىر،شەرقتىن غەرپكە 140 مېتىر كېلىدۇ. باغىچە ئىچىگە  قارىغاي، ئارچا،بامبۇك قاتارلىق يىل بويى يېشىل تۇرىدىغان دەل-دەرەخلەر تىكىلىپ، باغچىنىڭ ئىچى يىل-بويى ياپ-يېشىل تۇرىدىغان مەنزىرە شەكىللەندۈرۈلگەن.


تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-08 13:36 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1420 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قوشۇق ئەپەندى ئەگەر ئاشۇ باشتىكى ئۇلىنىشى قالدۇرۇلغان تېمىلىرىڭىزنىمۇ ئورخۇنغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز، تېخىمۇ ئورنىنى تېپىپ مۇنبەردىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇراتتىڭىزكەن.
| ۋاقتى : 2009-01-08 16:32 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 64 نومۇر
پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :155(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ مەدەنىيەت مۆجىزىلىرىنى ۋاقتىم چىقسىلا تەرجىمە قىلىپ،شەبنەمدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم . شەبنەمدە تېمىلار بەك تېز يېڭىلانغاچقا ھەم بەك كۆپ بولغاچقا،ئورخۇنغىمۇ يۆتكەيمۇ دەپ ئويلاشقان. لېكىن بىراق يۆتكىسەم بەت سىتونىنى ئىگەللەپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئالدىرمايراق، بىر-بىرلەپ يوللاي دەپ ئويلاۋاتىمەن.
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2009-01-08 16:44 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
شۆھرىتى: 156 نومۇر
پۇلى: 1530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولداش قوشۇقنىڭ ئەجىر مېھنىتىگە ھەشقاللا. خان ساراي توغۇرلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپسىز. ھارمىغايسىز.رەخمەت
yol
| ۋاقتى : 2009-01-08 17:09 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
كۆكنۇر

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 3349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرىتى: 49 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-13
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئوبدان ماتىرىيالكەن، رەھمەت.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-08 18:21 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرىتى: 63 نومۇر
پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

خان سارىيى-گۇگۇڭ دېسە قانداق  مۆجىزىكىن  دەپتىكەنمەن،ئۇسلۇبى ئوخشاش  بىر-بىرىگە ئۇلاپ  سېلىنغان ئۆيلەركەن ئەمەس.قاراپلا،قەشقەردىكى گۈزەل ئىمارەتلەرنى  ئەسلىدىم  قولىغا  سۇمۇ  قۇيۇپ،بېرەلمەيدۇ-ھە!!!!!!
yol
| ۋاقتى : 2009-01-08 20:24 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 546ـ كۆرۈرمىنى
tax

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2839
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-19
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ گۇگۇڭ سارىيىنىڭ سىلىنىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭدىن نەچچە دەۋىر نىڭ كۆرنىشىنى كۆرۋالغىلى بولدۇ.ئۇ يەردىكى بويۇملارمۇ ئىككىنچىسى تىپىلمايدىغان نەرسىلەر.شۇنداقتىمۇ بۇلارغا قاراپلا مۆجىزە دىيىش ئارتۇق كىتىدۇ.
| ۋاقتى : 2009-01-10 23:13 6 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.065266(s) query 4, Time now is:01-11 11:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation