جۇڭگو موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم تام سۈرەتلىك قەبرىنى بايقىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۆكخوت 1- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگىراممىسى (مۇخبىر ھۆرخان)
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۈگۈن يىغىن چاقىرىپ، ئىچكى موڭغۇل ئارخېئولوگىيىسىنىڭ 2008- يىللىق قېزىش نەتىجىلىرى ئېلان قىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگو موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ خانگاي ئۆلكىسىدىكى بىر يېرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان بىر قەبرىدىن كۆلۈمى 2.3 كۇۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى رەڭلىك تام سۈرەتلىرىنى بايقىغان، بۇ ھازىرغىچە موڭغۇلىيە دۆلىتى تەۋەسىدىن تېپىلغان بىردىنبىر تام سۈرىتى سىزىلغان قەبرە.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگو موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ خانگاي ئۆلكىسى خوتۇن ناھىيىسى ئۇلان چۆل رايونى قۇتقۇلاي جىلغىسىدىكى 5- ۋە 6- نومۇرلۇق ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 7 قەدىمقى قۇرۇلۇش ئىزىنى ۋە 5 قەبرىنى قېزىپ تازىلىغان، ئومۇمىي قېزىش كۆلۈمى 2600 كۇۋادىرات مېتىر بولغان، بۇ قېتىم بايقالغان تام رەسىمى بار قەبرە 5- نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن بايقالغان.
قەبرىدىكى تاۋۇت بۇرۇنلا بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قەبرىدە پەقەت بىر قورامىغان يەتكەن بىر كىشىنىڭ تۆۋەنكى بەدىنىنىڭ سۆڭەكلىرى ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا ھېچقانداق بۇيۇم بايقالمىغان. تاۋۇتنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى قەبرە تېمىدا بىر يۈرۈش رەڭلىك تام سۈرىتى ساقلىنىپ قالغان، رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.3 مېتىر، ئىگىزلىكى 0.7 مېتىر. تام سۈرىتى كۈلرەڭنى تەگلىك قىلغان ھالدا ئوخشاش شەكىلدىكى بەش دانە بۇددىزىم بەلگە گۈلىنىڭ سۈرىتى سىزىلغان بولۇپ، بۇددىزىم بەلگە گۈلىنىڭ چۆرىسى ئاق رەڭدە، گۈلنىڭ بەرگى ۋە شاخلىرى قىزىل رەڭدە سىزىلغان، گۈلنىڭ بوش ئورۇنلىرى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى، تومۇرلىرى قارا رەڭدە ئىپادىلەنگەن. گۈلنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى تەكشى، سىزىقلىرى ناھايىتى ئېنىق ۋە راۋان.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇددىزىم بەلگە گۈلى جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى، مىس كۆرگۈ ۋە تام سۈرەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، مۇكەممەل ئۆزگىرىش تەرتىپى بار بولۇپ، بەخت سائەدەت ۋە بايلىققا ئىنتىلىشتەك گۈزەل تىلەككە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇ قېتىم بايقالغان بۇددىزىم بەلگە گۈلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە گۈللەنگەن مەزگىلىدە كەڭ تارقالغان مۇبالىغىلەشتۈرۈپ سىزىش ئۇسلۇبىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئاددى، ھەقىقى سىزىلغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كەڭ تارالغان سىزىش ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىدۇ.
بۇ قېتىم قېزىلغان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىلىنىشى، خىش كاھىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ھۈنەر – سەنئەت ئالاھىدىلىكى، قەبرىنىڭ شەكلى ۋە تام سۈرىتىدىكى نەقىش قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە قويۇق بولغان تاڭ دەۋرى مەدەنىيەت ئامىلى ساقلانغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر خانلىقى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت ئۆرپ – ئادىتى، دەپنە قىلىش قايدىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تاڭ مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ قۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: Ertoghrul
ئەسكەرتىش: Ertoghrul نىمىدىكى ھەرقانداق يازمىنى رۇخسەتسىز ھالدا ئورخۇندىن باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈش قارشى ئېلىنمايدۇ.