سېپىل توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. 87-يىلىغۇ دەيمەن، دۇنخۇاڭغا بېرىش ئۈچۈن پويىز بىلەن كېتىۋېتىپ، ئارا يۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) دىن ئۆتكەندە بىر كىشى يىراقتىكى بىر تۆپىلىكنى كۆرسىتىپ "ئەخمەتجان سېپىلىغا كەپتۇق} دېگەنىدى. شۇ چاغدا تازا كۆڭۈل قويمىغاچقا ئۇ كىشىدىن بۇ توغرىلىق تازا ئوبدان سورىۋالماپتىكەنمەن. كېيىنچە ئېسىمگە ئېلىپ ماتىرىياللارنىمۇ ئاختۇرۇپ باقتىم، چوڭلاردىنمۇ سوراپ كۆردۈم، ئەمما ھېچ جاۋابى بولمىدى. خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ دېسەم، شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرىدۇ. ھېچ بىر يەرگە قويالمىدىم. مۇشۇ ھەقتە خەۋىرى بارلار بارمىكىن؟