مەزكۇر تىمىنى يازغان تورداشنىڭ خىلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئىزدەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. تىما ئىگىسى ۋە تىما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.
ئەمدى ئارىيان مەسىلىسى ۋە گىن تىپى مەسىلى توغرىسىدا يەنە ئىككى ئىغىز گەپ قىستۇرۇپ قويۇشقا توغرا كەلدى.
ئارىيانلارنىڭ شەرقى شىمالى ياۋروپا قارا دىڭىز بويلىرىدا پەيدا بولغان ھىندى-ياۋروپ تىلىدىكى خەلق ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ پەقەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردىن باشلاپ ئاندىن باشقا رايونلارغا تارقىلىپ، ئىران، ھىندىستان،ئوتتورا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ھىندى-ياۋروپا تىلىنى ئىلىپ كەلگەنلىكى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئىرقى نوقتىدىن بولسۇن خەلقارادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ بولۇنغان تارىخى پاكىت. بۇرۇنقى تىبەتتىن كىلىپ چىقىش، ھىندىستاندىن كىلىپ چىقىش ۋە ياكى ئوتتورا ئاسىيادىن كىلىپ چىقىشتەك تۇرلۇك پەرەزلەرنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇنداق پەرەزلەرنىڭ خەلقارا ئارىيانشۇناسلار ئارىسىدا كۇنسىرى بازىرى قالمايۋاتقانلىقىمۇ ئىنىق.
ئەمدى R1a ,R1b گىن تىپىغا كەلسەك، بۇنى ئارىيانلارغا مەجبۇرى تىڭىشنىڭ ھەقىقەتەن ھىچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. بۇ تىىپنىڭ غەربى-جەنۇبى ياۋروپا، ھىندىستان ۋە تارىم ئويمانلىقىغا ئوخشاش جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ چەت رايونلىرىدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرىشىدەك غەلىتە ئەھۋالنى مۇنۇ تارىخى پاكىت ئارقىلىق چۇشەندۇرۇش مۇمكىن.
ئىنسانشۇناسلىق ماتىرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن 10نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرلا(يەنى مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقان دەۋرلەردە) ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز ئىرقى تىپىدىكى ئىنسانلار تۇركۇمىنىڭ غەرپتە جەنۇبى ياۋروپادىكى ئىسپانىيە، پورتوگالىيەدىن تارتىپ، شەرقتە ئەرەپ يىرىم ئارىلى، ئىران ئىگىزلىكى،ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبى قىسمى، شىمالى ھىندىستان ۋە تاكى تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيادىكى سوپتروپىك بەلباغ رايونلىرىغا كەڭ تارالغانلىقى. بۇ ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ رايونلاردىكى كونا تاش قورال دەۋرىدىكى ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان. ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى بۇ خەلقلەر ھىچقانداق بىر مىللەتكە تەۋە بولماستىن بەلكى كونا تاش قورال دەۋرىدىكى بىر ئىپتىدائى ئىنسانلار توپى خالاس، ئۇلار ھازىرقى جەنۇبى ياۋرو-ئاسىيا رايونىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ قاتناشقان. R1a ,R1b گىن تىپلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ شىمالى ياۋروپاغا قارىغاندا جەنۇبى ياۋروپادا كۆپلىكى، شەرقى ياۋروپاغا قارىغاندا غەربى ياۋروپادا كۆپلىكى؛ ياۋوپا ئارىيانلىرىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولغان ھازىرقى گىرمانلاردا ئاز، ئەكسىچە غەربى جەنۇبى ياۋروپادىكى شالغۇت لاتىن مىللەتلىرىدە كۆپ بولۇشى؛ جەنۇبى ئاسىيا ئارىيانلىرىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ھىساپلانغان تاجىك، پارىسلاردا ئاز، ئەكسىچە ھىندىستانلىقلاردا ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىدە كۆپ بولۇشى ... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى R1a ,R1b گىن تىپلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ شىمالدىكى كۆچمەن ئارىيانلارنىڭ گىن تىپى ئەمەس، بەلكى تىخىمۇ قەدىمى بولغان ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى قەدىمقى يەرلىك ئىنسانلارنىڭ گىن تىپى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. R1a ,R1b لارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئەھۋالىمۇ ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا پۇتۇنلەي ماس كىلىدۇ، ئەمما ئۇ ئارىيانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا، يەنى ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قىلچە ماس كەلمەيدۇ. ئارىيانلار ياكى ھىندى- ياۋروپا تىلى جەنۇبى ياۋروپادىن شىمالى ياۋروپاغا ئەمەس، شىمال ياۋروپادىن جەنۇبى ياۋروپاغا تارالغان، غەربى ياۋروپادىن شەرقى ياۋروپاغا ئەمەس، شەرقى ياۋروپادىن غەربى ياۋروپاغا تارالغان(مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئارىيان ياكى گىرمان كۆچمەن قەبىلىلىرىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشى ۋە لاتىن مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى). ئارىيانلارنىڭ زىيادە قاڭشارلىق ۋە قارچۇغىدەك كەلگەن بۇرنى، قاردەك ئاپپاق تىرىسى، چاچ، كۆزلىرىنىڭمۇ سۇس پىگمىنتلىق رەڭلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى قاتارلىق ئىرقى ئالاھىلىكىمۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبى ياۋروپادا ئەمەس، بەلكى شىمالى ياۋروپادىكى سوغۇق رايونلاردا پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھالبۇكى بۇ خىل ئىرقى ئالامەت ھازىرمۇ شىمالى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ. لىكىن R1a ,R1b گىن تىپلىرى بولسا شىمالى ياۋروپادا ئەڭ ئاز. شۇڭا R1a ,R1b لارنى ئارىيانلارنىڭ گىن تىپى دىگەن بۇ سەپسەتىنى ياۋروپالىقلار بولۇپمۇ گىرمانلار ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ. ئۇندىن باشقا R دىگەن بۇ گىن تىپى تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىتىدىكى ئامىرىكا ھىندىئانلىرىدىمۇ خىلى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بۇنى چۇشەندۇرمەك تىخىمۇ تەس ئەلۋەتتە.
شەرقى شىمالى ياۋروپا يايلاقلىرىدا تۆرەلگەن، بۇرنى زىيادە قاڭشارلىق، قارچۇغىدەك ئەگىمەچ كەلگەن، تىرىسى قاردەك ئاپپاق، چاچلىرى سىرىق كەلگەن ئارىيانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرى ئۆز يۇرتلىرىدىن كۇچۇپ بىر قىسمى ئوتتورا ئاسىيا ئارقىلىق ئىران ، ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە يەرلىك ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز تىپىدىكى ئادەملەرنى يوقۇتۇپ ياكى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ ھازىرقى شالغۇت پارىسلار، تاجىكلار ۋە شىمالى ھىندىستاندىكى "چىرايلىق ئەرتىسلەر"نى شەكىللەندۇرگەن. شۇڭا ھىلىمۇ بۇ خەلقلەر ئىچىدە بولۇپمۇ تاغلاردا ياشاپ ساپلىقىنى بىرقەدەر ياخشىراق ساقلاپ قالغان تاجىكلاردا (شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئانچە ساپ ئەمەس) بۇرنى زىيادە قاڭشارلىق ۋە قارچۇغىدەك ئەگىمەچ، كۆزى زىيادە ئورا، قارىماققا ياۋروپالىقلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان "قاملاشقان ئادەملەر'نى خىلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن خىلىلا بەك "ياۋروپا چىراي". ئەمما ئۇلاردا R1a ,R1b لارنىڭ ئاز، ئەكسىچە ئۇيغۇرلاردا كۆپ بولۇشىمۇ R1a ,R1b لارنىڭ ھەرگىزمۇ ئارىيان گىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئىلگىرى ئۇرخۇندا "ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئەڭ ساپ ئارىيانلار" دىگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغاچقىمىكىن، بۇ قىتىم ئاتۇشقا بارغىنىمدا شەھەر-يىزا-قىشلاقلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قىتىم كۇزىتىپ چىققان ئىدىم، ھەم يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكلاردىن(ھەقىقى ساپ تاجىكلاردىن) كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ، گەرچە ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدىمۇ تۇرلۇك ئىرقى ئالامەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى (مەسىلەن، ئارىيان، كاۋكاز،ھىندى-ئافغان،مۇڭغۇل دىگەندەك)، ئەمما يەنىلا بۇي بەستى نورمال، تىرىسى ئاققا مايىل ياكى سەل بۇغدايئۆڭ،چىچى قارا ياكى سەل قوڭۇر(توپا رەڭ)، كۆزى قوي كۆز ئەمما بەك ئورا ئەمەس، بۇرنى قاڭشارلىق ئەمما تۇز كەلگەن ئوتتورا ئاسىيالىقلارغا خاس ئىرقى ئالامەتنىڭ مۇتلەق ئۇستۇنلۇكتە تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئاتالمىش ئارىيان، كاۋكاز ياكى ھىندى-ئافغان تىپىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىنتاين ئاز ساندىكى ئادەملەرمۇ چىراي شەكىل ۋە بوي بەستى جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلارغا بەكرەك يىقىن بولۇپ، ئۇلارنى ھىچكىم خاتالىشىپ چەتئەللىك دەپ قالمايدىكەن، شۇڭا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر دىيارىغا بارسا، يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قىلچە پەرقلەندۇرۋالغىلى بولمايدۇ، باشقا يۇرتنىڭ ئۇيغۇرلىرىمۇ ئاتۇشتا يۇرسە قىلچە چىنىپ قالمايدۇ. ئەمما ئاتۇش بازارلىرىدا يۇرگەن تاجىكلار، پاكىستانلىقلار ۋە ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر يەرلىك ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنى بىرلا قاراپ تونىۋالغىلى بولىدۇ.
گەپنى يەنىلا ئارىيانلارغا بۇرايلى. شەرقى ياۋروپادىكى ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەجدادى بولغان كۆچمەن ئارىيانلار نىمە ئۇچۇن م ب 2000-يىللىرى توساتتىن شەرقى ياۋروپادىكى ئانا يۇرتلىرىنى تاشلاپ غەربى ياۋروپاغا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا كۇچۇشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مىلادىدن كىيىنكى دەۋرلەردىكى گىرمان قەبىلىلىىرنىڭ ھونلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ يەنىمۇ غەرپكە سۇرۇلۇشىگە سىلىشىتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئارىيانلارنى ئانا يۇرتى بولغان قارا دىڭىز يايلاقلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان كۇچ زادى قانداق كۇچ؟ ئۇ تۇرانلارنىڭ زەربىسىمۇ ياكى تىخىمۇ شىمالدىكى سىرىق چاچ، كۆك كۆزلۇك ئورال خەلقلىرىنىڭ زەربىسىمۇ ، ئۇغۇزخاننىڭ ھەربى يۇرۇشلىرى ئارىيانلارنىڭ كەڭ كۇلەمدە كۇچىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ؟ئەلۋەتتە يوقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى پەرەز، ئارىيانلارنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن شەرقى ياۋروپا يايلاقلىرىنى تاشلاپ كەڭ كۇلەمدە كۇچۇشى تىخى يىشىلمىگەن بىر سىر.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرى ئارىيانلار مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن شەرقى ياۋروپا يايلاقلىرىدىن غەربى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ياۋروپاغا كۆچكەنلىرى ھىندى ياۋروپا تىلىنى ۋە سىرىق چاچ، كۆك كۆزلۇك ئىرقى ئالامەتنى بۇ رايونلارغا ئىلىپ كىلىپ ھازىرقى جەنۇبى ياۋروپادىكى لاتىن مىللەتلىرى(ئىسپان، پورتوگال، ئىتالىيانلار ...) نىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان. (ئارىيانلار كىلىشتىن بۇرۇن بۇ رايونلاردا باشقا تىل سىسىتىمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ياشىغان بولۇپ ، ئاشۇ قەدىمى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ پورتوگالىيەدە ئاز سانلىق مىللەت سۇپىتىدە ساقلىنىقلىق) . ئارىيانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى كاسپى دىڭىزىنى بويلاپ جەنۇپقا سۇرۇلۇپ ئىرانغا كىرگەن ، ئاندىن ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن. ئەمما ئارىيانلار ساملارنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئەرەپ يىرىم ئارىلىغا كىرەلمىگەن،ھەمدە تۇرانلارنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا ۋە شەرقى ئاسىياغىمۇ كىرەلمىگەن. قىزىقارلىقى ئارىيانلار گەرچە شەرقى ياۋروپادىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىدىن "قوغلاپ چىقىرىلغان بولسىمۇ" ئەمما غەربى-جەنۇبى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى ئاجىز دىھقان قەۋملەر رايونىغا كۇچۇپ بارغاندىن كىيىن ، ئاشۇ ئاجىز قەۋملەرنىڭ ئالدىدا جەڭگىۋار، قۇدرەتلىك ھىساپلىنىپ قالغان. ئارىيانلار جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلارغا ھىندى ياۋروپا تىلىنى ۋە شىمالى ياۋروپا ئىرقى ئالامەتلىرىنى ئىلىپ كەلگەن. بۇ ئالامەتلەر ھازىرمۇ بۇ رايونلاردا ئاندا ساندا ئۇچرايدۇ. ئارىيانلار ئىران ئارقىلىق ئوتتورا ئاسىياغا كىرگەندە تۇرانلار بىلەن قايتا دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ ۋە شاھنامىدىكى "ئىران-تۇران ئۇرۇشلىرى" يۇز بىرىپ نەچچە مىڭ يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. جەڭگىۋار تۇرانلار ئوتتورا ئاسىيانى ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىمۇ ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن جەڭگۋارلىقتا ئارىيانلاردىن ئىشىپ چۇشىدىغان تۇرانلار ئىران-ھىندى ئارىيانلىرىنىڭ نەزىرىدە جەڭ ئىلاھى، ئالۋاستى سۇپەت قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇنبەت يىزا ئىگىلىك رايونلىرىنى ئىگەللىۋالغان، شۇنداقلا مىسىر، مىسوپوتامىيە، بابىل، ھىندىستان مەدىنىيەت چەمبىرىكىگە بىۋاستە خوشنا بولىۋالغان ئارىيانلار سىياسى-ھەربى رىقابەتتە تۇرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا مەغلۇپ بولسىمۇ ئەمما مەدىنىيەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جوغراپىيىلك ئورنىدىن پايدىلىنپ، تۇرانلار شۇنداقلا پۇتكۇل ئوتتورا ئاسىيا رايونىغا كۇچلۇك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئوتتورا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى بىر قسىىم تۇرانلارنى تەتۇر ئاسمىلاتسىيە قىلىۋىتىش دەرىجىسىگىمۇ ئاز قالىدۇ. بۇ خىل مەدىنىيەت جەھەتتە پارىسلىشىش جەريانى ھەتتا ئوتتورا ئەسرلەردىمۇ داۋاملىشىدۇ(ئەلشىر ناۋايىنىڭ پارىسلىشىشقا قارشى كۆكرەك كىرىپ چىقىپ تۇرك تىلى ۋە تۇرك مەدىنىيىتىنى قوغدىشى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇرىدۇ). ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، تۇرانلار مۇقەددەس ۋەتىنى ئوتتورا ئاسىيانى جۇملىدىن تارىمنى ئارىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. بۇ مۇقەددەس زىمىنىغا كۆز قىزارتقان، تۇران خەلقىنى تالان تاراج قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق دۇشمەننى ئاقىۋەت رەسۋاسىنى چىقىرۋىتىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئەلۋەتتە.
مىللەتنى ياكى مەلۇم بىر قەۋمنى قانداقتۇر مەلۇم بىر ساپ ئىرق بىلەن ياكى مەلۇم بىر سىرلىق گىن تىپى بىلەن ئۆلچەم قىلىپ ئايرىشقا ئۇرۇنۇش مەڭگۇ نەتىجىسى چىقمايدىغان بىھۇدە ئاۋارىچىلىق. ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا كەم دىگەندىمۇ 10مىڭ يىلار ئىلگىرلا تۇرلۇك ئىرقلارنىڭ ئارلىشىشى باشلىنىپ بولغان. تۇرانلار ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇرلۇك ئىرقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئارلىشىشى نەتىجىسىدە ئىرقى جەھەتتە نىسبى خاسلىققا ، مەدىنىيەت جەھەتتە نىسبى مۇستەقىللىققا، تىل جەھەتتە ئوتتورا-شىمالى ئاسىيا رايونىغىلا خاس بولغان تىل سىستىمىسغا ئىگە بولغان، تارىختا ئاجايىپ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان جەڭگىۋار قەۋم. شەرقتە قىدىرخان تاغلىرىدىن غەرپتە ئورال تاغلىرىغىچە بولغان مۇشۇ بىپايان زىمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق بىر مەدىنىيەت، ئورتاق بىر تىل سىسىتىمىسى ، ئورتاق بىر روھ "تۇران روھى" ئۇچۇن ئىزدىنىشى ، كۆرەش قىلىشى ھەرقانداق بىر ئوتتورا ئاسىيا پەرزەنتىنى سۇيۇدۇرىدۇ.
مانا مۇشۇ تۇران خەلقلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋە جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ غايەت زور تۆھپە قوشقان يەنە بىر مۇھىم خەلق، بىز بۇنىڭدىنمۇ پەخرىلىنىشكە ھەقلىقمىز.
--------------------------------------------------------------------------------------
ئۇزۇن بولۇپتىكەن تورغا چىقمىغىلى، بىكارچىلىقتا يەنە بىرمۇنچە قۇرۇق گەپ سىتىۋەتتىم. قۇتىغۇر ئەپەندى ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىز جۇمۇ.
[ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2009-01-16 16:49 دە قا ]