بۇ ئىلمى ماقالە ياكى تەرجىمە ئەسەر ئەمەس. پەقەت ئىسلام تارىخى دەرسىدىن قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر. سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.
ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشى
(دەرىس خاتىرلىرى)
مەھزۇن
ئىسلام دىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن پۈتۈن ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى دىن. ئىسلام تارىخى بولسا بۇ دىننىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تارقىلىش تارىخىدىن ئىبارەتتۇر.
تارىخ سۆزى ۋە ئېنىقلىما
تارىخ سۆزى ئەرەپچىگە كېيىن كىرىپ ئەرەپچىلەشكەن سۆزدۇر. چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئەرەپلەرنىڭ شېئىرلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى قۇرئاندا بولسۇن «تارىخ» سۆزىنى ئۇچرىتالمايمىز. تارىخ سۆزى سام تىللىرىدىكى (e-r-h) مەنبەسىدىن كەلگەن بولۇپ ئەرەپچە لۇغەتلەرگە كىرىپ «بىرەر ۋەقە ياكى بىرەر ئىشنىڭ ۋاقتىنىڭ بەلگىلەنمىسى» دېگەن مەنالارنى ئىپادىلىگەن..
بۇرۇنقى زامانلاردا تارىخ سۆزى «كالىندار(يىلنامە)-cronologie» مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنىدى. ھازىرمۇ بەزى ئۇرۇنلاردا مۇشۇ خىل مەنادا قوللىنلىۋاتىدۇ. يەنى بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار؛ تۇغۇلغان يىلى، ئاي ۋە كۈن دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ مەنىدە ئىشلىتىلگەندە تارىخ كالىنداردىن ئىبارەت بولىدۇ. كالىندارچىلىق، (ۋاقىتنى بەلگىلەش) تارىخنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى. تارىخنىڭ يەنە بىر ئاساسى ماكان (ئۇرۇن،يەر)دۇر. ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلگەن ئەمما زامان ۋە ماكانى ئېنىق بولمىغا ۋەقەلەرنى تارىختا توغرا چۈشۈنۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تارخچىلار بىر ۋەقەنى تىلغا ئالغاندا ئۇنى چۇقۇم بىر زامان ۋە ماكانغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان تارىخ ئاتالغۇسى ھىجىرىيە 2- ئەسىر (مىلادىيە 8-ئەسىر)نىڭ باشلىرىدا ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن بىللە قوللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تارىخ سۆزى ئورنىغا "خبر، أخبار" (خەۋەر) سۆزى، تارىخچى ئورنىغا "أخباري" (خەۋەرچى) سۆزى ئىشلىتىلەتتى.ئىسلام تارىخىدا «تارىخ» سۆزىنى ئىشلەتكەن تۇنجى كىتاپ ئەۋانە ئىبنى ئەلھەكەم (147 ھ ۋاپاتى. 766م)نىڭ «كىتابۇت تارىخ» دېگەن ئەسىرى. تارىخ سۆزى مىلادىيە 9- ئەسىردىن كېيىن كەڭ دائىردە ئۇمۇملىشىشقا باشلىغان ۋە ئۆز ئالدىغا بىر ساھە بولۇپ قالغان.
تارىخ سۆزى دەسلەپ ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ۋە ئورتاق ئەرەپ تىلىغا يەمەن شېۋىسىدىن كىرگەن. تارىخقا ئۆز ئالدىغا بىر ساھە بولۇش سۇپىتى بىلەن ھەر خىل ئېنىقلىمىلار بىرىلگەن. كۆپ قىسىم ئىسلام تارخچىلىرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى بولسا: ئۆتمۈشتىكى چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىلىم.
دەسلەپكى ئىسلام تارىخلىرى رىۋايەت (نەقىل) تۈسىنى ئالغان تارىختۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتىكى تارىخچىنىڭ ۋەزىپىسى ۋەقەلەرنى ئەڭ توغرا ۋە بىتەرەپلىمىلىكتىن خالى ھالدا رىۋايەت قىلىش بولغان. بۇ خىلدىكى تارىخلاردا ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھېچقانداق ئۆزگەرتىشكە ئۇچرىماستىن ئەسلىدىكىگە ئوخشاش شەكىلدە كۈنىمىزگىچە يىتىپ كىلەلىگەن. بۇ تارىخچىلار ۋەقەلەرگە ئۆز قاراشلىرىنى ئاساسەن ئارىلاشتۇرمىغان.
ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناس ۋە تارىخچى ئىبنى خەلدۇن (808 ھ ۋاپاتى. 1406 م) تارىخقا مۇنداق ئىككى خىل ئېنىقلىما بەرگەن. بىرى: خەلىقلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن كىلىدىغانلارغا يەتكۈزىدىغان ئىلىم. ئىككىنچىسى: تارىخ؛ چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش، ۋە ۋەقەلەرنىڭ قانداق ۋە نىمە ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىنچىكە ھالدا تەپسىلى ئوتتۇرغا قۇيۇش. بۇنىڭغا قارىغاندا تارىخ ئىلمى ھېكمەت ئىلىملىرىدىن بولۇشقا لايىق بىر ئىلىمدۇر.
ئىسلام تارىخچىلىرى، ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئوتتۇرغا چىققان ھىجىريە كالىندارىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئەرەپلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ھەرخىل كالىندارلارنى ئىشلىتەتتى. ئەمما مۇقىم ۋە بىر خىل كالىندار-يىلنامە بېشىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرى كالىندارىنى قايسى ۋاقىتتا، نېمە سەۋەپتىن قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر مەۋجۇت. (بۇ رىۋايەتلەر تەبەرىنىڭ «مىللەتلەر ۋە ھۆكۈمدارلار» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلى تىلغا ئېلىنغان). بىر خىل رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىينىگە ھىجىرەت قىلىپ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ بولغاندىن كېيىن ھىجرەت ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ بىر يىلنامىنىڭ تۈزۈلىشىنى بۇيرىغان. يەنە بىر خىل رىۋايەتتە ھىجىرىيەنىڭ 7- يىلى يەنى مىلادىيە 638- يىلى خەلىفە ئۆمەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھىجىرىيە كالىندارى قۇبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
يۇقارقى ئىكككى رىۋايەتنىڭ ئىككىنچىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق سەۋەپ تاپالايمىز. ئۆمەر دەۋىرىدە دىۋانلار قۇرۇلۇشقا باشلىغان ۋە شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان ۋەسىقىلەرگە يىلنامە قۇيۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. بۇ ئېھتىياجنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەلىفە ئۆمەر پىشقەدەم ساھابىلەرنى چاقىرىپ بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىشقان. مۇزاكىرە جەريانىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ۋەقەلەر يەنى پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلىشى، تۇنجى ۋەھى نازىل بولغان ۋاقىت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى قاتارلىق ۋەقەلەرنى يىلنامە قىلىش تەكلىپلىرى بىرىلگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە تۇنجى ۋەھى نازىل بولغان ۋاقىتلار ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى تاللىمىغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپات تارىخىنى بولسا قايغۇلۇق ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن تاللاشنى لايىق كۆرمىگەن. ئاخىردا ۋاقتى ئېنىق بولغان ھەمدە ئىسلام تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نوقتا بولغان ھىجرەت ۋاقتىنى يىلنامە بېشى قىلىپ بېكىتكەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ھىجىرى يىلنامىسى يېزىلغان ۋەسىقە ھىجىرىنىڭ 22- يىلى مىلادىيە 643-يىلى يېزىلغان ۋەسىقىدۇر.
تارىخنىڭ پايدىلىرى
تارىخنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق بىر ئىلىم ئىكەنلىكىدە ھەممە بىردەك قاراشقا ئىگە. تارىخ يالغۇز ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرگە كۆز يۈگۈرتۈش بىلەنلا ئەمەس بەلكى كۈنىمىز ۋە كېلەچىكىمىزگە يول كۆرسۈتۈش بىلەن ئۆز مەناسىنى تاپىدۇ. تارىخنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە ئىسلام تارىخچىسى ئىبنى ئەسىرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يىتەرلىكتۇر: «ئىنسان ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئالدىدا بىر ئىبرەت دەرىسىنىڭ مەلۇم بولغىنىنى كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنسان قايسى يولنى بويلاپ ماڭىدىغانلىقىغا دائىر تەجرىبە ۋە بىلىمىنى ئاشۇرغان بولىدۇ. تارىخ ياخشى ياكى يامان تەرەپلىرى بىلەن تەكرارلانغان بىر دەرىستىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن پايدىلانغان ئادەمنىڭ ئەقىلى ۋە ئىدراكى ئاشىدۇ.». (ئىبنى ئەسىر. ئەلكامىل فىتتارىخ). ئىبنى ئەسىرنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش تارىخ تەكرارلىنىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار تارىختىن ھەقىيقى ئىبرەت ئالغان بولسا تەكىرارلانمىغان بولاتتى.
ئىسلام تارىخى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى توغرا بىلىشتە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوڭ پايدا بار. چۈنكى ئىسلام تارىخى ئىسلام دىنى تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يەنە بىر تەرەپتىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ياشاش ئۇسۇلىدا بىزنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار.
ئۆزلۈكىنى يۇقاتقان ۋە تارىخىنى ئۇنۇتقان مىللەت قارىشى كۈچلەردىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئىشغالىيەتچىلەر ئىشغال قىلغان رايۇنلاردا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلمەكتە: بىرىنچى ئىشغال قىلىنغان يەردىكى ئىنسانلارنى ئۆزلۈكىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە تارىخىنى ئۇنۇتقۇزۇپ ئىشغالىيەتچىلەرگە قارىشى تۇرالماس ھالغا كەلتۈرۈش. ئىككىنچى: ئىشغال قىلغان يەرلەردە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى تارقىتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، ھەربىي، ئىلمى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن خەلىقتە ئىشەنچىسىزلىك ۋە دۈشمەنگە قارىتا ئاجىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش.
قۇرئان ۋە تارىخ
قۇرئاندا پەقەت ئىمان، ئىبادەت، ۋە ئەخلاققا ئالاقىدار ئايەتلەرلا ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشتە ياشىغان خەلىقلەر، دۆلەتلەر، مەدەنىيەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئايەتلەر بار. مانا بۇ ئايەتلەردىكى مەلۇماتلار تارىخ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردۇر. قۇرئاندا تارىخ سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان، ئەرەپچىلەشكەن (ئۇستۇرە-ئەساتىر) دېگەن سۆز بولۇپ بۇ سۆز بىلەن تارىخنىڭ مەخسەت قىلىنغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇستۇرە نىڭ مەنىسى: «بۇرۇنقىلار يازغان نەرسىلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇستۇرە سۆزىنىڭ لاتىنچىدىكى historia سۆزى بىلەن مەنا ۋە ئاھاڭ جەھەتتىن ئوخشاشلىقى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. بىر قىسىم مۇپەسسىرلەر ئۇستۇرە سۆزىنى تارىخ دەپ تەپسىر قىلغان.
قۇرئاندا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى زامان ۋە ماكاندىن خالى ھالدا ئۇچرىتىمىز. بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي تارىخى ماتىريال دېيەلمەيمىز. بۇ ئايەتلەردىن مەخسەت ئۆتمۈشتىكى ئىشلار ھەققىدە ئۇچۇر بىرىشلا ئەمەس ئىنسانلارغا ئىبرەت ۋە دەرىس بىرىشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدا يۇلۇققان تۇسالغۇلار ۋە ئېغىر كۈنلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەلۇماتلار بار. بۇ مەلۇماتلار ئىسلامىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە ئىسلامنىڭ ئەقىدە سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەنبەدۇر. پەيغەمبەرلىكتىن كېيىن 23 يىل جەريانىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان قۇرئان ئايەتلىرى پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقىتتا خورما قوۋزاقلىرى ۋە تېرە قاتارلىق نەرسىلەرگە يېزىلىشقا باشلىغان. پەيغەمبىرىمىز ۋاپاتىدىن كېيىن قۇرئان كەرىم رەتلىنىپ كۈنىمىزدىكى كىتاپ ھالىغا كەلگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ رەتلىنىپ توپلىنىشى ئىسلام تارىخىدا تارىخ بىلەن ئالاقىدار تۇنجى ئىشتۇر.
ھەدىس ۋە تارىخ
ھەدىسلەر قۇرئاندىن قالسىلا ئىسلام تارىخىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئاتالغۇدا پەيغەمبەرنىڭ سۆزى بولغان ھەدىسنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: خەۋەر ياكى ئېغىزاكى رىۋايەتتۇر. ھەدىسكە ئالاقىدار يەنە بىر ئاتالغۇ سۈننەت بولۇپ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەنئەنە، ئادەت مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن بۇ سۆز ئىسلامىيەتتىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى ياكى باشقىلار تەرىىپىدىن پەيغەمبەر ھۇزۇرىدا قىلىنغان ئەمما پەيغەمبەر قارىشى چىقماي تەستىقلىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا پەيغەمبەرنىڭ يېنىدا بولغان ساھابىلەر ھەدىس ۋە سۈننەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەلىرىدۇر. چۈنكى ساھابىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە شاھىت بولغانلار ئىدى. ساھابىلەردىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەۋلات كىشىلەر (تابىئنلەر)ھەدىسلەرنى ساھابىلەردىن ئاڭلىغان ۋە ئۈچىنچى ئەۋلات (تەبىئى تابىئىن)كىشىلەرگە يەتكۈزگەن. ھەدىس ۋە سۈننەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى ھەر خىل ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قۇرئاندىن قالسىلا ئىككىنچى مەنبە بولۇپ قالغان. ھەدىسلەر يېزىققا كۆچۈرلىشتىن بۇرۇن پەيغەمبەرگە نىسبەت بىرىلگەن بىر قىسىم ساختا ھەدىسلەر (مەۋزۇ) مەيدانغا كىلىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەپتىن ھەدىسچىلەر ھەدىسكە قارىتا تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشقا باشلىغان ۋە ھەدىسنىڭ مەنا ياكى مەتىن (ئەسلى تېكىست)لىرىدىن باشقا ھەدىس رىۋات قىلغان كىشىلەرگە دىققەت قىلىدىغان ئۇسۇل شەكىللەنگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەدىس ساھەسىدە راۋىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئىشەنچىسىزلىكىنى ئايرىش ئۈچۈن تەبەقات(ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ تەرجىمھالى) كىتاپلىرى مەيدانغا كەلگەن.بۇ ۋاقىتلاردا ئېغىزاكى ھەدىس رىۋايەت قىلىش يېزىققا يۆتكۈلۈپ ھەدىس كىتاپلىرى بارلىققا كەلگەن..
تارىخ ئىلمى ئەسلى ھەدىس ئىلمى بىلەن بىر ئىدى دېگەن قاراش ئانچە توغرا ئەمەس. چۈنكى ھەدىسچى رىۋايەت قىلغان ۋەقەنى ھېچقانداق زامان-ماكانغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشمايدۇ. پەقەت ھەدىسنىڭ ساغلام ياكى ئۇيدۇرما ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا ۋەقەلەر زامان-ماكانسىز قېلىپ ۋەقەلەرنى ئىسپاتلاشتا قىيىنلىق تۇغدۇرىدۇ. تارىخچى بولسا ۋەقەلەرنى زامان-ماكانغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نوقتىنى پەرىق قىلمىغان بىر قىسىم ھەدىسشۇناشلار ئىبنى ئىسھاق ۋە ۋاقىدىيگە ئوخشاش مەشھۇر تارىخچىلارنى تەنقىت قىلغان. بۇ تارىخچىلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئىچىدە زەئىپ ھەدىسلەر نۇرغۇن بولۇپ ئىسرائىلىيات بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇ.
دېمەك ھەدىسلەر توپلىنىشقا باشلىغاندا ھەدىسنىڭ مەغازى(پەيغەمبرىمىز ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلار) ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىيرەت (تەرجىمھالىنى)قىسمىنى توپلىغان بىر قىسىم ھەم ھەدىسچى ھەم تارىخچى ئالىملار مەيدانغا كىلىپ ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ ئۇلۇنى سېلىپ بەرگەن. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئىسلام تارىخى قۇرئان ۋە ھەدىستىن كەلگەن بولۇپ ھەدىس بىلەن تارىخ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان ئېلىملار بولۇپ قالغان.
سىيرەت ۋە مەغازىي
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تۇنۇشتۇرغان ئەسەرلەر «سىيرەت»، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنىلا قەلەمگە ئالغان ئەسەرلەر «مەغازىي» دەپ ئاتىلىدۇ. سىيرەتنىڭ مەنىسى: «ھايات ۋە تۇرمۇش شەكلى» دېگەنلىك بولىدۇ. مەغازىي «مەغزە» سۆزىنىڭ كۆپلىكى بولۇپ ئۇرۇش ۋە غازىلارنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغان ئەسەردۇر. بۇ مەنىلەرگە ئاساسەن سىيرەت ۋە مەغازىينىڭ ئاتالغۇ مەنىسى: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئۇرۇشلىرى» دېگەنلىك بولىدۇ. سىيرەت ۋە مەغازىي خىزمەتلىرىنى تابىئىنلەر باشلاپ بەرگەن. تابىئىنلار بۇ ھەقتە كىتاپ يازمىغان پەقەت بۇ ھەقتىكى ماتىرياللارنى رەتسىز شەكىلدە توپلىغان. بۇ ماتىرياللارنى يىلنامىلەر ۋە تېما شەكىلدە رەتلەپ كىتاپ قىلغانلار تابىئىنلەردىن كېيىنكى ئەۋلاتلار بولغان. بۇ خىلدىكى كىتاپلارنى يېزىشنىڭ پەقەت دۇنيالىق تەرىپىلا ئەمەس دىنى تەرىپىمۇ بار ئىدى. چۈنكى تۇنجى ئىسلام ئالىملىرى «سىيرەت ۋە مەغازىيلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى چۈشىنش قۇلايلىشىدۇ دەپ قارايتتى».شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى تارىخ خىىزمەتلىرى ھەدىس خىزمىتى بىلەن پاراللىل شەكىلدە ماڭغان.
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك؛ مەدىنە تارىخ مەكتىپىگە مەنسۇپ ئالىملار ۋە كېيىنكى دەۋىردىكى بىر قىسىم تارىخچىلارنىڭ پەيغەمبەرلەر تارىخى، جاھىلىيەت دەۋرى ۋە قەدىمقى مىللەتلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىغا ئەفسانىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى بولسا خېلى ساغلام.
دېمەك ئىسلام تارىخچىلىقىدىكى تۇنجى تەتقىقاتلار سىيرەت ۋە مەغازىي ساھەسىدە باشلانغان.
ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تەرەققىياتى
ئىسلام تارىخى ۋە تارىخچىلىقى ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرى ۋە ئابباسىيلارنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئارىسىدا تارىخقا ئائىت ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. مۇسۇلمان پەيلاسۇپلارمۇ ئىلىملەرنى تۈرگە ئايرىغاندا تارىخ ئىلمىدىن سۆز ئاچمىغان. چۈنكى بىز تارىخچى ئىسمىنى بەرگەن تۈنجى ئىسلام تارىخچىلىرى ھەدىسشۇناس ۋە تىلشۇناسلار ئىدى. ئىسلام تارىخچىلىقى نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنى ۋە دۆلىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە يىراق جايلارغا تارقىلىشى بىلەن بىرلىكتە خەلىقلەردە تۇغۇلۇشقا باشلىغان يىڭى –يىڭى ئېھتىياجلارمۇ ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېساپلىنىدۇ.
ئىسلام تارىخىدا يېزىلغان تۈنجى كىتاپ قۇرئان كەرىمدۇر. ئەبۇ بەكىر ھەرخىل نەرسىلەرگە يېزىلغان رەتسىز ھالەتتىكى قۇرئاننى توپلاپ ئىسلام تارىخدىكى تۇنجى كىتاپنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. قۇرئاننىڭ رەتلىنىپ توپلىنىشى ئىسلام تارىخچىلىقى ئىشلىرىغا بىر ئۆرنەك ئىدى. ھىجرىي يىلنامىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، دىۋانلارنىڭ تەييارلىنىشى، ۋە رەسمى ۋەسىقىلەرگە تارىخنىڭ يېزىلىشى قاتارلىقلار بولسا ئىسلام تارىخچىلىقىغا بېسىلغان تۇنجى ۋە ئەھمىيەتلىك قەدەم بولغان. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بىر ھەيئەت تەشكىللىنىپ ئەرەپ قەبىلىلىرنىڭ نەسەبىنى مەلۇم دائىرە ئىچىدە تەييارلىغان ئۇلار بۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر پەللىگە قەدەر تارىخنى تەتقىق قىلغان بولغان. تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغانلار، ھىجرەت قىلغانلار، بەدر، ئۇھۇد، خەندەك، ھۇدەيبىيە ۋە مەككىنىڭ پەتھ قىلىنىشغا ئوخشاش مۇھىم جىھادلارغا قاتناشقان ساھابىلەر ئېنىقلانغان. بۇندىن باشقا پەيغەمبەر ۋە تۆت خەلىپە دەۋرىگە ئائىت بىر قىسىم كىلىشىم تېكىستلىرى بار بولۇپ تۇنجى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ بۇ تېكىستلەرنى تارىخى مەنبە قىلىپ پايدىلانغانلىقى تەبىئىي.
ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ تۇنجى باسقۇچلىرىدا تارىخ بىلەن ھەپىلەشكەنلەر يەمەنلىك ۋە ھىجازلىقلاردىن چىققان. ھىجازلىقلار نەسەپ ئىلمى بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە غازاتلىرىغا دىققىتىنى بۇرىغان. يەمەنلىك تارىخچىلار يەمەن ۋە بەنى ئىسرائىل ھەققىدە خەۋەرلەر رىۋايەت قىلغان. ئەمما بۇ ئىككىنچى گورۇھتىكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرى زامان ۋە ماكانسىز تارىخ بولۇش بىلەن بىرگە ئەپسانىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن رىۋايەتلەردۇر.
ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئىككى مۇھىم مەكتەپ تۇرتكىلىك رول ئوينىغان. بىرى مەدىنە تارىخ مەكتىپى يەنە بىرى ئىراق تارىخ مەكتىپى. بىرىنچى مەكتەپ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىكى تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقىھ بىلەن مەشغۇل بولغان ئالىملاردۇر. ئىككىنچى مەكتەپ بولسا كۇفە ۋە بەسرەدە ياشىغان ئالىملار بولۇپ ھەدىس بىلەن بىرلىكتە شېئىر، تىل، فولكلۇر، ۋە ئەخبار(تارىخ) قاتارلىق ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملار ئىدى. مەدىنە، بەسرە ۋە كۇفە شەھەرلىرى تۆت خەلىفە ۋە ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىق ئىلم مەركەزلىرى ئىدى. مەدىنلىك تارىخشۇناسلار بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە توپلىغان ماتىرياللارنى يىلنامە ۋە جۇغراپىيلىك ئۇرۇن ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ رەتلىك شەكىلدە ئەسەرلەر يېزىشقا باشلىغان. بۇ مەكتەپ ۋاقىدىي بىلەن ھەقىيقى بىر تارىخ مەكتىپى ھالىغا كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ھىجرىينىڭ ئىككىنچى يىلى، مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئىراق تارىخ مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ كىلاسسىك ئىسلام تارىخچىلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە مىلادىيە 9- ئەسىرگە قەدەر يىتىشىپ چىققان مەشھۇر تارىخچىلار كۈنىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن كىتاپلىرىنى يازغان.
مەدىنە مەكتىپىگە مەنسۇپ تارىخچىلار:
خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە مائاش ۋە باج دەپتەرلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ئەبۇ بەكىر ۋە ئوسماننىڭ دەۋرىدە بولسا قۇرئان كەرىم توپلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان. مانا بۇ ئىككى ئىش ئىسلام تارىخچىلىقىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مائاش ۋە باج دەپتەرلىرى يېزىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندا تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلار، ھىجرەت قىلغانلار، بەدىر، ئۇھۇد، خەندەك، ھۇدەيبىيە ۋە مەككىنىڭ پەتھ قىلىنشىغا قاتناشقانلار سۈرۈشتۈرۈلۈپ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان ۋە ئىسلامغا قىلغان بۇ چوڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خەلىپىلىكنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە يېزىلغان كىلىشىم تېكستلىرى بار بولۇپ بۇ تىزىملىك ۋە تېكستلەر ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ تۇنجى تارىخى ماتىريالى بولۇپ قالغان. مائاش، باج دەپتەرلىرى ۋە ئۇندىن باشقا تارىخى ۋەسىقىلەردە تارىخ ئېنىق يېزىلغان بولغاچقا ۋەقەلەرنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى بەلگىلەش قۇلاي بولغان. پەيغەمبەر دەۋرىدىن كېيىنكى ئەۋلاتلاردىن باشلاپ تارىخچىلىق رەسمىي باشلنىپ تەرەققى قىلغان ۋە بېيىپ بارغان. بىر قىسىم تارىخچىلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئوغلى ئەبان ئىبنى ئوسماننى ( ۋاپاتى 723/105) تۇنجى ئىسلام تارىخچىلىرى قاتارىغا تىزىدۇ. ئۇ بەكراق ھەدىس بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا نىسبەت بىرىلگەن مەغازىي ناملىق كىتاپ باشقا بىر ئوسمان ئىبنى ئەباننىڭدۇر.
تۆۋەندە مەدىنە تارىخ مەكتىپىگە مەنسۇپ تۇنجى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى بىرىمەن.
1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن(619-يىللىرى) تۇغۇلغان. 78/697- يىلى ۋاپات بولغان. پەيغەمبەر دەۋرىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ساھابە ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان، ھەدىس، فىقىھ، شېئىر ۋە ئەخبار-تارىخ ساھەسىدىكى ئەڭ بىلىملىك شەخىس. ئىسرائىلىيات، جاھىلىيەت دەۋرى ئەرەپلەر، سىيرەت ۋە مەغازىي ساھەسىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر ئابدۇللاھ ئابباستىن نەقىل قىلىنغان. ئۆز دەۋرىدە ئۇنىڭ تەپسىر، مەغازىي، فىقھ، شېئىر، ئەييامۇل ئەرەپ (ئەرەپلەرنىڭ مەشھۇر كۈنلىرى ۋە ئۇرۇشلىرى) ۋە نەسەپ ھەققىدە دەرىس بەرگەنلىكىگە دائىر رىۋايەتلەر بار. ئۆزى كىتاپ يازمىغان. ئەمما پارچە بەتلەر شەكلىدە قالدۇرغان دەپتەرلىرى مەۋجۇت. مەغازىي ساھەسىنىڭ پىشىۋالىرى بولغان ئۇرۋە ئىبنى ئەل-زۇبەير بىلەن ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ ئابدۇللاھ ئابباسنىڭ ئۇغۇچىسى ئىدى..
2. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير:
مەشھۇر ساھابە زۇبەير ئىبنى ئەل-ئەۋۋامنىڭ ئوغلى. ئانىسى ئەبۇبەكىرنىڭ قىزى ئەسما. 23/644-يىلى تۇغۇلغان. 94/713-يىلى ۋاپات بولغان. تابىئىن ھەدىس ۋە فىقىھشۇناسلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھاياتىنى ئاساسەن مەككە ۋە مەدىينىدە ئۆتكۈزگەن. 58-65/678-648- يىللاردا مىسىردا تۇرغان. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن ئارىسى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇرۋە ئاساسەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى، غازاتلىرىدىن باشلاپ جەمەل ۋەقەسى (36/656)- يىللىرغىچە بولغان ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ۋەقەلەرنى پىششىق بىلىدۇ. ئادەتتە مەغازىي ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ. ئىبنى ئىسھاق، ۋاقىدىي ۋە تەبەرىي باشچىلىقىدىكى بىر قاتار ئىسلام تارىخچىلىرى ئۇرۋەدىن نەقىللەر ئالغان. ھازىرقى زامان ئىسلام تارىخچىلىرى تەرىپىدىن مەدىنە تارىخى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ ئۇرۋە ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا ئۇرۋەنىڭ ۋەھىي، ئىسلام دەۋىتىنىڭ باشلىنىشى، ھىجرەت، مەدىنە دەۋرى، تائىف جېڭى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپلىرى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ھەر خىل ۋەقەلەرنى رىۋايەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇرۋىدىن نەقىل قىلىنغان بىر قىسىم رىۋايەتلەرنىڭ ئەمەۋىيلەر ئوردىسىغا يېزىلغان جاۋاپلار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئەمما بۇجاۋاپلارنىڭ تۇلۇق ئەسەر ئىسمى مەلۇم ئەمەس. بەلكى ئۇرۋە قالدۇرغان ماتىرياللار ئۆز ۋاقتىدا رەتلەنمىگەن بولىشى مۇمكىن. ئەڭ مەشھۇر ئۇقۇغۇچىسى شىھاب ئەل-زۇھرىدۇر.
3. ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ
يەمەننىڭ زىمار شەھىرىدىن. ۋەھەبنىڭ 10/654-يىلى يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا تۇغۇلغان. 114/732-يىلى ۋاپات بولغان. بىر قىسىم تارىخچىلار ۋەھبنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن يەھۇدى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ۋەھب مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىي ئالىملىرى كەئب ئەل-ئەھبار ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قاتارلىقلاردىن پايدىلانغان بولىشى مۇمكىن. ۋەھىبنىڭ 34/654-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بولسا ئۇنى ئىران ئىرقىدىن دەپ قاراشماقتا. مەدىنە مەكتىپىگە مەنسۇپ تارىخچى. جاھىلىيەت دەۋرى ۋە يەمەن تارىخى بىلەن مەشغۇل بولغان. ۋەھىبتىن ئىسرائىلىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن رىۋايەتلەر نەقىل قىلىنغان. پەيغەمبەر تارىخىغا ئائىت كىتاب ئەل-مۇبتەدا ۋە قەسەس ئەل ئەنبىيا. يەمەن تارىخىغا ئائىت بىر كىتابى ۋە 1979-يىلى سەنئادا بېسىلغان كىتاب ئەل-تىجان ناملىق ئەسەرلىرى بار. ھىكايىكەش تارىخچى بولۇپ رىۋايەتلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئىبنى ئىسھاق، تەبەرىي ۋە مەسئۇدىغا ئوخشاش مەشھۇر تارىخچىلار پەيغەمبەر تارىخى ۋە قەدىمقى يەمەن تارىخىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا ۋەھبتىن پايدىلانغان. پەيغەمبەر تارىخى ۋە يەھۇدىي تارىخىغا دائىر ئۇچۇرلار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستە بولغاچقا ئىسلام تارىخچىلىرى ئىسرائىلىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرلانى قۇبۇل قىلماي تۇرالمىغان. قۇرئان ۋە ھەدىستە بىرىلگەن ئۇچۇرلارنى ئىسرائىلىيات ۋە تەۋراتتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تۇلۇقلىغان. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر تارىخى ۋە يارىتىلىشنى تىلغا ئالغان پۈتۈن ئىسلام تارىخچىلىرى ئىسرائىلىياتتىن پايدىلانغان. ئەمما بۇ تارىخچىلارنىڭ ھېچقايسىسى پەيغەمبەر ھاياتى ۋە ئىسلام تارىخىغا ئالاقىدار رىۋايەتلەرنى ۋەھىبتىن ئالمايدۇ.
ئۇرۋە ۋە ۋەھبتىن كېيىن ياشىغان نۇرغۇن ھەدىسچى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز(ۋاپاتى 101/720) ۋە ھىشام ئىبنى ئابدۇل مەلىك(ۋاپاتى 125/743) كە ئوخشاش ئەمەۋىي خەلىپىلىرنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن خىلاپەت ئارخىپلىرىدىكى ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ ھەقىيقىي مەنىدە تارىخ كىتاپلىرىنى يازغان. شۇرەھبىل ئىبنى سەئەد بىلەن ئىبنى شىھاب ئەل-زۆھرىي ئەنە شۇ ئالىملاردىندۇر
4. شۇرەھبىل ئىبنى سەئەد
تۇلۇق ئىسمى شۇرەھبىل ئىبنى سەئىد ئىبنى سەئەد ئىبنى ئۇبەيد ئەل-خەزرەجىي ئەل-ئەنسارىي. مەشھۇر ساھابە سەئەد ئىبنى ئۇبادىنىڭ نەۋرىسى. سەئەدنىڭ دادىسى سەئىد پەيغەمبەر ھاياتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇنجى كىشى بولۇپ توپلىغان ماتىرياللارنى بىر دەپتەرگە يېزىپ ساقلىغان. شۇرەھبىل بۇ خاتىرلەردىن پايدىلانغان. شۇرەھبىل ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە 25/646-يىلى تۇغۇلغان. 123/740-يىلى ۋاپات بولغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلار ۋە بەدر، ئۇھۇد ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىكىنى قالدۇرغان. مەغازىي ھەققىدە كىتاۋىي بار دەپ قارىلىدۇ ئەمما كىتاپ ئىسمى ئېنىق ئەمەس.
5. ئىبنى شىھاب ئەل-زۆھرىي
50-124/670-742-يىللىرى ياشىغان. ھەدىس، سىيرەت ۋە ئىسلام تارىخىنى تۇنجى بولۇپ ماۋزۇلارغا ئايرىپ يازغان كىشىدۇر. سۈنەن ناملىق بىر ھەدىس كىتابى، كىتاب ئەل-مەغازىي ناملىق بىر سىيرەت كىتابى يازغان. توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دەپتەرگە يازغان. نۇرغۇن ئالىملاردا ئۇقۇغاندىن سىرت خەلىپىلىك ئارخىپىدىنمۇ پايدىلانغان. ئىسلام تارىخدىكى تۇنجى ھەدىسچى ۋە تارىخچىدۇر. مەدىنە تارىخ مەكتىۋىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى. تۇلۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى شىھاب ئەل-زۆھرى. ھاياتىنى مەككە، مەدىنە ۋە شاملاردا ئۆتكۈزگەن. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئۇقۇغۇچىسى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە تابىئىنلار دەۋرىدىكى بىر قىسىم فىقىھ، ئەدەبىيات ۋە تارىخى ئالىملىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۇقۇغان. ئوتتۇز يېشىغىچە مەدىنەدە ياشىدى. 80/699-يىلى دىمەشىققە بارىدۇ ۋە ئەمەۋىي خەلىفىسى ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ قەرىزلىرى تۆلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مۇددەت مەدىنەدە بىر مۇددەت دىمەشىقتە تۇرىدۇ. ئابدۇلمەلىكتىن كېيىنكى ئەمەۋىي خەلىفىلىردىن بىرىنچى ۋەلىد، سۈلەيمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ۋە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشىدۇ. بۇ يىللاردا ئەسەرلىرىنى يازىدۇ. زامانداشلىرى ۋە كېيىنكى ئالىملار زۆھرىنىڭ ئىلمى پائالىيەت ۋە ئىلمى ئۇسۇلىنى مەدھىلەيدۇ. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك زۆھرىنى ھەدىس ۋە سىيرەت-مەغازىيلارنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تەشۋىق قىلغان. ھەتتا يېزىشقا مەجبۇرلىغان.خەلىفە ھىشامنىڭ باللىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان. بۇ ئىشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان. 124-يىلى-(742-يىلى) رامىزان ئېيىدا ۋاپات بولغان. ئىلىمنى كىتاپ ھالىتىدە تۇنجى بولۇپ يازغان (توپلىغان) كىشى دەل زۆھرىدۇر. ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىيرىتى، غازاتلىرى، تۆت خەلىفە دەۋرى ۋە ئەمەۋىيلەر تارىخى قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تەنقىت كۆزىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇچۇرلارنى ھەرخىل مەنبەلەر(سەنەد)دىكى ئۇچۇرلارغا سېلىشتۇرغان. مۇھىم ۋەقەلەرگە دىققەت چەككەن. قىسسە ۋە شېئىرلارنى كىتاۋىغا ئالمىغان. ئۇ بىر ۋەقەغە ئالاقىدار ھەر خىل رىۋايەتلەرنى توپلاپ بىرلا تېكست قىلىپ بەرگەن تۇنجى كىشىدۇر. بۇخىل مېتود تارىخچىلىقتىكى ئالاھىدە بىر باسقۇچتۇر. كىتاب ئەل-مەغازى ناملىق ئەسىرىنى 121/739-يىلى يېزىپ تاماملىغان. ئۇقۇغۇچىلىرى؛ مۇسا ئىبنى ئۇقبە، ئىبنى ئىسھاق ۋە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل-تەممار قاتارلىقلار بار.
ئەمەۋىيلەر خەلىفىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن يەنە بىر ھەدىسچى ۋە تارىخچى مەدىنەلىك ئاسىم ئىبنى ئۆمەر ئىبنى قەتادە(ۋاپاتى 119/737). بۇ زات خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز زامانىدا دىمەشىقنى زىيات قىلغىلى بارىدۇ ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەمەۋىي جامەسىدە سىيرەت-مەغازىي ۋە ساھابىلەر تارىخىدىن دەرس بىرىدۇ. مەدىنەدىمۇ يىگىرمە يىلدەك ھەدىس ۋە مەغازىي ھەققىدە دەرىس بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار رىۋايەتلەر بار.
6. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكر ئىبنى ھەزىم
مەدىنەلىك سىيرەت ۋە مەغازىي ئالىملىرىدىن بىرى. چوڭ دادىسى ئەمر ئىبنى ھەزىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يەمەنگە ۋالى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. دادىسى ئەبۇ بەكىر مەدىنەدە قازىلىق ۋە ۋالىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئابدۇللا ھەدىس ۋە سىيرەت بىلەن مەشغۇل بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشلىق دەۋرى، پەيغەمبەرلىكنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى، غازاتلار، پەيغەمبەرگە كەلگەن ئەلچىلەر، رىددە ۋەقەسى ۋە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قاتارلىق ۋەقەلەرگە ئالاقىدار رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىنىدۇ. ئۇ ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرسى ئىدى. توپلىغان ماتىرياللارنى يىللارغا ئايرىپ رەتلەپ چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشلىرىنىڭ ئابدۇللاھ تەرىپىدىن يىللار بويىچە رەتلەنگەن بىر تىزىملىكى ئىبنى ئىسھاق ۋە تەبەرىي تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان. ئابدۇللاھ يەنە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپلىرىگىمۇ دىققىتىنى ئاغدۇرغان.
7. مۇسا ئىبنى ئۇبەيد ئەل-ئەسەدىي
مەدىنەلىك تارىخچى.60/679-يىلى تۇغۇلغان.142/758-يىلى ۋاپات بولغان. ئىبنى ئابباسنىڭ خاتىرلىرىدىن پايدىلانغان. زۆھرىيدا مەغازىي ۋە تارىخ ئۇقۇغان. ئىبنى ئىسھاق، ۋاقىدي، ئىبنى شەئب ۋە تەبەرىيلەر ئەسەدىيدىن نەقىللەر ئالغان.ئىمامى مالىكنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى. ئىمامى مالىك بىلەن ئىبنى ئىسھاقنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئىمامى مالىكتىن سىيرەت ھەققىدە سۇئال سورالغاندا ئەسەدىينى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئەسەدىينىڭ تارىخ بىلىمىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئەسەدىينىڭ تارىخ مېتودى ياخشى ئىدى. سىيرەت، مەغازىي ، تۆت خەلىفە ۋە ئەمەۋىيلەر دەۋرى تارىخلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئەقەبە بەيئىتىگە قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقارغان. توپلىغان ماتىرياللانى تارىخ بويىچە رەتلىگەن. كىتاب ئەل-مەغازى ناملىق ئەسىرى كېيىنكى ئالىملار تەرىپىدىن كۆپ قوللىنىلغان. بۇ كىتابىنىڭ بىر قىسمى بىزلەرگە يىتىپ كەلگەن. بىر قىسىم شەرىقشۇناسلار كىتاپنىڭ بۇ قىسىملىرىنى تەتقىق قىلغان. A. Guillaume ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئەل-سىيرەت ئەل-نەبەۋىييەناملىق ئەسىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئەسەدىينىڭ ئەل-مەغازى كىتابىدىنمۇ ئازراق تەرجىمە قىلغان.
8. ئىبنى ئىسھاق
9. ئەل-ۋاقىدىي ۋە تالىپى ئىبنى سەئەد
بۇ ئىككى تارىخچىنىڭ تەرجىمھالىنى ئىسلام تارىخى مەنبەلىرى دېگەن قىسىمدا بىرىلىدۇ.
ئىراق مەكتىپىگە مەنسۇپ تارىخچىلار:
مەدىنىدە بارلىققا كەلگەن ھەدىسچى تارىخ مەكتىپى تەرەققى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىراقنىڭ كۈفە ۋە بەسرە شەھەرلىرىدىكى تىل-ئەدەبىيات ۋە خەۋەر (رىۋايەتچى تارىخ) قاتارلىق ساھەدىكى ئالىملار تەرىپىدىن ئىراق رىۋايەتچى تارىخ (خەۋەرچى تارىخ) مەكتىپى ئوتتۇرغا چىققان. بۇ مەكتەپكە مەنسۇپ تارىخچىلار قەبىلىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئىراقتىكى ۋە ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار يازما ۋە ئېغىزاكى ماتىرياللارنى توپلىغان. مەدىنە تارىخ مەكتىپىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئارخىپلىرىدىنمۇ پايدىلانغان. زامانىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى خاتىرلىگەن. تارىخ ۋە باشقا ساھەدىكى مول ئەمگەكلەرنىڭ كۇفە ۋە بەسرە شارائىتىدا مەيدانغا كىلىشى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە. بۇ شەھەرلەردە نۇرغۇن ئەرەپ قەبىلىسى بىلەن بىللە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان باشقا غەيرى ئەرەپلەرمۇ ياشايتتى. ئىراق رايۇنى ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن دەۋىرلەردە پارىس، ئەرەپ ۋە ھەتتا ھىندى مەدەنىيتلىرى تەڭ مەۋجۇت بولغان بىر رايۇن ئىدى. بۇ رايۇن يەنە مىسىر-شام ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنبىر رەقىبى بولۇپ ئەمەۋىيلەرگە قارشى سىياسىي ۋە ئىدىۋىي كۈچلەر بۇ يەردە توپلاشقان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ئىلمى ئويغىنىشلارنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئۇچرىتالمايمىز. ئىراق ئابباسىلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغاندىن كېيىن بۇ ئىلمى ئويغىنىشلار تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ تىزلەشكەن. كېيىنكى دەۋىرلەردە يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىدا ئىراقچە مېتودنىڭ بولىشى ئەنە شۇ ئىلمى ئويغىنىش تەسىرىدىن بولسا كېرەك. ئاخىرقى ھاياتلىرىنى ئىراقتا ئۆتكۈزگەن ئىبنى ئىسھاق ۋە ئۇقۇغۇچىسى ۋاقىدىينىڭ تۆت خەلىپىگە ئالاقىدار رىۋايەتلىرى مەدىنە مەكتىپىنى مەنبە قىلغان. مەدىنە تارىخ مەكتىپىدىكى يىلنامىلىك ماتىرياللارنىڭ توغرىلىقىنى مەدىنە ۋە دىمەشىق ئارخىپلىرىدىكى رەسمى بەلگىلەردە كۆرۋالالايمىز. ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە شام، مىسىر ۋە ئىراقتا بىر قىسىم رەسمىي بەلگىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ بەلگىلەر كېيىنكى دەۋىردىكى تارىخچىلارنى ۋالىلار ۋە باجغا مەسئۇل ئەمىر قاتارلىقلارنىڭ تىزىملىكى ۋە ئارخىپلاردىكى ماتىرياللارنىڭ يىلنامىلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
ئىراقتىكى تارىخ خىزمەتلىرى ھەزرىتى ئەلى(ۋاپاتى 40/661) دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئەلىنىڭ كاتىپى ئۇبەيدۇلاھ ئىبنى ئەبى رافىئ جەمەل (تۆگە)، سىففىن ۋە نەھرىۋان ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقا ساھابىلەرنىڭ ئىسملىرىنى تىزىملاپ يېزىپ قالدۇرغان.
تۆۋەندە ئىراق تارىخ مەكتىپىگە مەنسۇپ تۇنجى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى بىرىمەن.
1. ئەل-شەئبىي، ئەبۇ ئەمر ئامىر ئىبنى شۇرەھبيل
19/640-يىلى كۇفەدە تۇغۇلغان. 110/728-يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىدى. بەشيۈزدىن ئارتۇق ساھابىدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر بار. يەزىدنىڭ ۋاپاتىدىن كىلىپ چىققان مالىمانچىلىق مەزگىلىدە كۇفەدىن مەدىنىگە قېچىپ كىلىپ مەدىنىدە بىر قانچە ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. 75/694-يىلى ھەججاج كۇفىگە ۋالى بولۇپ كەلگەن ۋاقىتتا شەئبىيدىن شەھەر ھەققىدە مەلۇماتلار ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلىمىگە ھۆرمەت قىلىپ ھەججاجنىڭ ئۆز يۇرتى بولغان ھەمەداننىڭ ئالىمى ۋە پىشىۋاسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شەئبىي 81/700-يىلىدىكى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەل-ئەشئەسنىڭ ئىسيانىدا ھەججاجغا قارىشى سەپتە تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەججاجنىڭ غەزىپىگە يۇلۇقۇپ ھەججاجدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ. 83/702-يىلى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەل-ئەشئەس ئىسيانى باستۇرۇلغاندىن كېيىن شەئبىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن قۇتەيبىيە ئىبنى مۇسلىمنىڭ قۇشۇنىغا قېتىلىپ پەرغانىگە بارىدۇ. قۇتەيبىيەنىڭ كاتىپلىقىنى ئۆتەيدۇ. ھەججاج قۇتەيبىيەدىن كەلگەن بىر مەكتۇپنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىدىن مەكتۇبنى شەئبىينىڭ يېزىپ بەرگەنلىكىنى بايقاپ قېلىپ قۇتەيبىيەدىن شەئبىينى ئەۋەتىۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەئبىي ھەججاجنىڭ يېنىغا ئەۋەتىلىدۇ ۋە ھەججاجنىڭ كەچۈرىمىگە ئىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا خەلىفە ئابدۇلمەلىك شەئىبىينڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بولۇپ ھەججاجدىن شەئبىينى دىمەشىققە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەئبىي خەلىپە تەرىپىدىن ۋىزانتىيە ۋە مىسىر ۋالىسى ئابدۇل ئەزىزگە (بۇ زات خەلىفە ئابدۇلمەلىكنىڭ بىر تۇققىنى ۋە بەشىنچى خەلىفە نامى بىلەن مەشھۇر ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دادىسى ئىدى) ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ. ئابدۇلمەلىكنىڭ ئاخىرقى ئۆمىردە يېنىدا بولىدۇ. كېيىن كۇفەگە يېنىپ كىلىپ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز زامانىدا بىر مەزگىل قازىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ. مەشھۇر فىقىھشۇناس ئىمام ئەبۇ ھەنىفە شەئبىينىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىدى. شەئىبى ھەدىسچى ۋە خەۋەرچى (رىۋايەتچى تارىخچى) ئىدى. كېيىنكى تارىخچىلار شەئبىيدىن مەغازىي، شۇرا مەسىلىلىرى، فەتىھلەر ۋە كەربالا ۋەقەسى قاتارلىق نۇرغۇن خەۋەرلەرنى نەقىل قىلغان. كىتابىنىڭ ئىسمى ئېنىق ئەمەس. ئەمەۋىيلەر دەۋرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رىۋايەتلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. تارىخچىلار ئەمەۋىيلەر دەۋرىي ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا شەئبىيگە قەرزداردۇر.
2. ئەۋانە ئىبنى ئەل-ھەكەم
كۇفەلىك تارىخشۇناس. ئەبۇ مىخنەفنىڭ زاماندىشى. 147/765 ياكى 158/775-يىلى ۋاپات بولغان. تارىخ، نەسەب، شېئىر ۋە ھەدىس ساھەسىنى پىششىق بىلىدۇ. خەلىپە ئابدۇلمەلكنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىگە قەدەر بولغان ئىسلام تارىخى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئەمەۋىيلەر تەرەپدارى بولغان كەلب قەبىلىسىنىڭ رىۋايەتلىرىگە قاراپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋانە ئەمەۋىيلەر تەرەپدارى تارىخچىسى دەپ قارالغان. بۇنداق بولىشىغا قارىماي ئەمەۋىيلەرنى ياقتۇرمايدىغان مەدىنەلىك ۋە كۇفەلىكلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىنمۇ پايدىلانغان. يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە كىتاب ئەل-تارىخ بىلەن سىيرەتۇ مۇئاۋىيە ۋە بەنۇ ئۇمەييە ناملىق ئىككى كىتابى مەشھۇردۇر. كىتاب ئەل-تارىخ ناملىق كىتابىدا 1/7-ئەسىردىكى ئىسلام تارىخىغا دائىر ۋەقەلەردىن باشلاپ ئابدۇلمەلىكنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر بولغان ئىشلار يېزىلغان. سىيرەتۇ مۇئاۋىيە ۋە بەنۇ ئۇمەييە ناملىق كىتابى بولسا تۇنجى ئوردا (خاندانلىق) كىتابى بولۇپ شېئىر ۋە قىسسىلەر بىلەن تولغان. ئەۋانە نىڭ كىتاپلىرىنى ئۇقۇغۇچىسى ھىشام ئىبنى مۇھەممەد ئەل-كەلبىي رىۋايەت قىلىغان.
3. ئەبۇ مىخنەف، لۇت ئىبنى يەھيا
كۇفەلىك تارىخشۇناس. ئەۋانە ئىبنى ئەل-ھەكەمنىڭ زاماندىشى. 157/774-يىلى كۇفەدە ۋاپات بولغان. ئەۋانىگە ئوخشاشلا كەڭ دائىرلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئاساسەن ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى يازغان. ھەدىس بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. ئوتتۇزدىن ئارتۇق ئەسىرى بار. تېمىلىرى؛ رىددە (دىندىن يېنىۋالغانلارغا قارىشى ئۇرۇش) شۇرا، سىففىن ۋەقەلىرى، پەتىھلەر ۋە ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن مەشھۇر ۋەقەلەر. رىۋايەتلىرى ئاساسەن كۇفەدىكى شىئەلىككە مائىل، ئەمەۋىيلەرگە قارىشى گۆروھ ئەزد قەبىلىسىدىن ئالغان رىۋايەتلەرگە تايىنىدۇ. بۇندىن باشقا كۇفەدىكى باشقا رىۋايەتلەردىن، ھەمەدان، تاي، كىندى ۋە تەمىم قەبىلىسىنىڭ رىۋايەتلىرىدىن پايدىلانغان. ۋەقەلەرنى بايان قىلغاندا يىلنامە تەرتىۋىگە ۋە ۋەقە تەپسىلاتىغا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ سەۋەپتىن ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغاندا ۋەقە بىلەن ئالاقىدار شېئىر، خۇتبە، سۆز-چۆچەك ۋە قىسسىلەرنى ئەسەرلىرىگە كىرگۈزگەن. ئەڭ مەشھۇر ئۇقۇغۇچىسى ھىشام ئىبنى مۇھەممەد ئەل-كەلبىدۇر. رىددە ۋەقەسىدىن باشلاپ ئەمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىگە قەدەر ھىجاز، شام ۋە ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ئاساسلىق ۋەقەلەرنى، باجغا مەسئۇل ئەمىرلەرنىڭ تارىخىنى بايان قىلغان. شېىئە ۋە زافىىي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەخبار ئەل-ئۇمەۋىييىن ناملىق ئەسىرى 1972-يىلى نەشىر قىلىنغان. زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا نىسبەت بىرىلگەن مەقتەلۇ ھۈسەيىن ناملىق كىتاۋى بار.
4. سەيف ئىبنى ئۆمەر ئەل-تەمىيمىي
ئىراقلىق مەشھۇر تارىخچى. ئەۋانە ئىبنى ئەل-ھەكەم ۋە ئەبۇ مىخنەفكە ئوخشاشلا ھەدىس بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. ئەسلى كۇفەلىق ئەمما مەدىنەدە ئۇقۇغان. كېيىن ئىراققا قايتىپ خەلىفە ئەبۇ جەئفەر ئەل-مەنسۇر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە كۇفەدە ماكانلاشقان. 180/796-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. كىتاب ئەل-فۇتۇھ ئەل-كەبىر، ئەل-رىددە ۋە كىتاب ئەل-جەمەل ناملىق كىتابلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. كىتابلىرىدا ئۆز قەبىلىسى تەمىيمىي رىۋايەتلىرىگە قاراپ چىققان. مەدىنە ۋە شام رىۋايەتلىرىدىنمۇ پايدىلانغان. ئۇسلۇبى ئەييام ئەل-ئەرەب ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بولۇپ ئاساسەن داستان شەكىلدە. پەتىھ قىلىنغان جايلارنىڭ ئورنىنى بىلىشتە سەيفنىڭ رىۋايەتلىرى مۇھىم. تەبەرى سەيفتىن ئۈچيۈزدەك يەردە نەقىللەر ئالغان. ئەۋانە ئىبنى ئەل-ھەكەم، ئەبۇ مىخنەف ۋە سەيف ئىبنى ئۆمەر ئىراق خەۋەرچى (ھىكايىچى) تارىخ مەكتىپىنىڭ ئۈچ چوڭ ۋەكىللىرىدۇر. بۇ ئۈچ تارىخچى تارىخ بىلەن بىللە ھەدىس بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان ۋە مەدىينە تارىخ مەكتىپىدىنمۇ پايدىلانغان. رىۋايەتلىرىنى سەنەدلىرى بىلەن قۇشۇپ نەقىل قىلغان ۋە مەنبەلىرىنى كۆرسەتكەن. تەبەرى بۇ رىۋايەتلىرىدىن پايدىلانغاندا بەزى سەنەد ئارىسىغا بىر قىسىم راۋى(رىۋايەتچى)لەرنى قۇشقان.
ئىراقتا كەلب ۋە تەمىيم قەبىلە رىۋايەتلىرىدىن باشقا قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ ئۇرۇشلىرىنى رىۋايەت قىلغان باھىلى قەبىلىسىنىڭ رىۋايەتلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرگە قەبىلە خاھىشى قۇشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋىردىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلغان رىۋايەتلىرىدىن پايدىلنىشقا بولىدۇ. بۇ رىۋايەتلەر ھەدىسلەر بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك كۆرىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رىۋايەتلەرنى ئالغاندا دىققەت قىلىش كىرەك.
5. ئەبۇ،ل مۇتەمىر سۇلايمان ئىبنى تارخان ئەل-تەيمىي
غەيرى ئەرەپ. دادىسىنىڭ ئىسمىغان قارىغاندا تۈركلەردىن بولىشى مۇمكىن. تابىئىنلەردىن چىققان تۇنجى ھەدىس ۋە مەغازىي ئالىملىرىدىندۇر. بەسرەنىڭ زامانىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىمى. كىتاب ئەل-مەغازىي ناملىق كىتابى بولۇپ ۋون كرەمىر 1856-يىلى ۋاقىدىينىڭ كىتاب ئەل-مەغازىي نى كالكۇتتا باستۇرغاندا كىتاپ ئاخىرىغا تەيمىنىڭ مەغازىيسىدىن بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ قوشقان. تەيمىينىڭ ئوغلى مۇئتەمىر ھەدىس ۋە تارىخ بىلە شۇغۇللانغان ۋە كىتاب ئەل-مەغازىي ناملىق كىتاب يازغان. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تەيمىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىدى. 187/803-يىلى ۋاپات بولغان.
6. ئەبۇ مەئشەر ئەل-سىندىي، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەل- ۋەلىد
ئەسلى ھىندىستانلىق بولۇپ ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن. مەدىينەدە سېتىۋىتىلگەن. ئىبنى ئىسھاققا ئوخشاشلا ئىراققا بارغان. ئابباسىيلار ئوردۇسىدا خىزمەت قىلغان. ھەدىسچى ۋە تارىخچى. تارىخ ھەققىدە بىلىمى يۇقرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبنى ھەنبەلنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 170/786-يىللىرىغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئەل-مەغازىي ناملىق كىتاب بىلەن تارىخ ئەل-خۇلەفا ئىسىملىك كىتاپ يازغان. ۋاقىدىي، ئىبنى سەئەد ۋە تەبەرىيلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان.
7. مۇھەممەد ئىبنى ئەل-سائىب ئەل-كەلبىي ۋە ئوغلى ھىشام
مۇھەممەد (ۋاپاتى 146/763). دادىسى سائىب، مۇسەب ئىبنى ئەل- زۇبەير بىلەن بىللە شەھىد بولغان. مۇھەممەد 82/701-يىلى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەل-ئەشئەس بىلەن دير ئەل-جەماجىم ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىنكى يىللاردا تىل، تارىخ، تەپسىر ۋە نەسەب ئىلىملىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. كۇفەدە تەپسىر ۋە تارىخ دەرىسلىرى بەرگەن. كەلب قەبىلىسىدىن. ئەڭ بۈيۈك نەسەپ ئالىملىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئوغلى ھىشاممۇ مەشھۇر تارىخچى. ھشام دادىسىدا ۋە ئەبۇ مىخنەف ۋە ئەۋانە ئىبنى ئەل-ھەكەمگە ئوخشاش ئىراق تارىخ مەكتىۋىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدە ئۇقۇغان. خەلىفە مەئمۇن ۋە بەرمەكلەردىن چىققان ۋەزىر جەئفەر بىلەن تۇنۇشقان ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا نائىل بولغان. ھەدىسچىلەر ھىشامنى تارىخچى دەپ قارايدۇ. بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىنى يېقىنقى زاماندا مەيدانغا چىققان تەتقىقاتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. 204/819-يىلى كۇفەدە ۋاپات بولغان. تارىخ، نەسەب، شېئىر ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردە توپلىغان ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ 150 كە يېقىن ئەسەر يازغان. نەسەب، قەدىمقى كېلىشىملەر، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر، سىيرەت، ئىسلام تارىخىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەر، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەپلەرنڭ دىنى، جۇغراپىيە ۋە شېئىرغا ئوخشاش ھەر خىل ساھەلەر بىلەن مەشغۇل بولغان.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم. شىئەلەر ھىشامنى بىزنىڭ مەزھەبكە مەنسۇپ ئادەم دەپ قارايدۇ. ئەھلى سۈننىيلەر بولسا ھىشامنى رافىزى ئەقىدىسىدە دەپ قارايدۇ. ئەمما بىز بۇ قاراشلار بىلەن ھىشامنىڭ تارىخ ساھەسىدىكى مول بىلىمىگە كۆز يۇمالمايمىز.
ئىبنى ئەل-نەدىمنىڭ ئەلفىھرىست ناملىق كىتاۋىدا ھىشامنىڭ 140 ئەسىرىنىڭ ئىسمى بىرىلىدۇ. زامانىمىزغاىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى:
ئا)-كىتاب ئەل-نەسەب ئەل-كەبىر:
ئەرەپ قەبىلىلىرنىڭ نەسەبىنى بايان قىلغان كىتاب. جەمھەرەت ئەل-ئەنساب دېگەن ئىسىم بىلنمۇ ئېلىنىدۇ. 1966- يىلى گاسكال ۋە سېترەنزۇك تەرىپىدىن بىرسى نەسەبكە ئالاقىدار يەنە بىرسى شەجەرەگە ئالاقىدار ئىككى جىلىتلىق كىتاب بولۇپ لەيدەن دە نىمىسچە تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان. 1986-يىلى ناجى ھەسەن تەرىپىدىن بەيرۇتتا نەشىر قىلىغان. ياقۇت ئەل-ھەمەۋىي تەرىپىدىن قىسقارتىلغان شەكلىمۇ زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن. نەسەبۇ مەئاد ۋە،ل يەمەن ئەل-كەبىر ناملىق ئەسىرى 1988-يىلى ناجى ھەسەن تەرىپىدىن بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان.
ب)-كىتابۇ نەسەبى فۇھۇل ئەل-خەيل فى،ل جاھىلىييە ۋە،ل-ئىسلام:
جاھىلىيەت ۋە ئىسلامىيەت دەۋىردىكى مەشھۇر ئەرەپ ئاتلىرىنىڭ خىلى ۋە ئۇلار ھەققىدە سۆزلەنگەن شېئىرلار بايان قىلىنغان. 1928-يىلى لەۋىي ۋە ۋىدا تەرىپىدىن لەيدەندە نەشىر قىلىنغان.
س)-كىتاب ئەل-ئەسنام:
داۋامىي بار...
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]