ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە پارتكومنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىپ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 2008- يىلى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىغا قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلانغان ئاقسۇ مۇزېيى پۈتۈپ 2009- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئازاتلىق ۋە ھەر ساھەدىكىلەردىن بولۇپ، 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ئېكىسكۇرسىيە باشلاندى. تۆۋەندە ئاقسۇ مۇزېيىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
ئاقسۇ مۇزېيى قەدىمقى كۈسەن مەدەنىيىتى، دولان مەدەنىيىتى ۋە پۇل كۆرگەرمىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قەدىمقى زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشتە قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاقسۇ مۇزېيى بىناسىنىڭ ئۇدۇلدىن ۋە ياندىن كۆرۈنىشى
ئېچىلىش مۇراسىمى
مۇزېيغا كىرىش
قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇش كارتىنىسى
قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا - ئارام ئىگىلىكى
مىلادىيە 5- ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان چوڭ كوزا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايقالغان ئەڭ چوڭ كوزا ئىكەن.
بۇددىزىم دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
قەدىمقى زاماندىكى مېتال پۇللار
يېقىنقى زاماندىكى قەغەز پۇللار
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
قالۇن
زىيارەتچىلەر
ئاقسۇ مۇزېيىنىڭ ئورنى غەربىي چوڭ كوچىدا بولۇپ، ئاقسۇ دولان باغچىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا.