كۇماراجىۋا
كۇماراجىۋا مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى، ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353 – يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك (شىمالىي ھىندىستان) كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېىشدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم – ئەھكاملىرىنى تەرجىمە – تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلىدلىق بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلىد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلىد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، «ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18 جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرنىمۇ يازغان. كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇت بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تىبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تىۋىب ئىدى، تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تىبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.
مىلادىيە 1902 - ۋە 1903 – يىللىرى گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبىرىت. گرونېېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. بۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تىببىي رېتسىپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىر توغرىىسىدا» دېگەن كىتاب كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلۇقى20 سانتىمېتىر چوڭلۇقىدىكى كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە، قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانيىدە ساقلانماقتا.
كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 – يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تىۋىبلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار»، ئۈچ جىلىدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسىپلىرى»، تۆت جىلىدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىبلار توپلىغان مۇھىم رېتسىپلار»، تۆت جىلىدلىق «بۇتساتىۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسىپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە 2600 جىلدلىق «ھەريەرلەردىن توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تىبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە «جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم – پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردايېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 – ئەسەرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن لوندوندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)
سۇلتان سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان مەشھۇر يەركەن خانلىقىنىڭ(مىلادى 1514-1679-يىللار)قۇرغۇچىسى،ئاتاقلىق شائىر،ھەربىي ئالىم،داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناس.
سەئىدخاننىڭ قاچان،قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەرخىل مەلۇمات بېرىلگەن.ھاجى ئەخمەتنىڭ«دېڭىز ئۈنچىلىرى»ناملىق كىتابىدا سەئىدخان 1495-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە، ئابدۇرېھىم سابىق تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» دا مىلادى 1466-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەركىزى ئاقسۇدا تۇغۇلدى،دىيىشىدۇ؛ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان«غەربىي رايون مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر زاتلار»(خەنزۇچە)دېگەن كىتاپتا 1485-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە،ۋ.غوپۇر ، ئە.ھۈسەيىن تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»دا 1484-يىلى تۇغۇلغان، دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە 1484-يىلى تۇغۇلدى، دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك، چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى،20 يىل خانلىق تەختىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ،1533 -يىلى تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ يەكەنگە قايتىش سەپىرىدە ئالى ئېگىزلىكىدە ئىس ئېلىپ كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىلنىڭ ئاخىرى يولدا ۋاپات بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەتخان نەسەپ جەھەتتىن چاغاتاي ئەۋلادىدىن مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇغۇلىستان خانى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،ئوقۇمۇشلۇق ھەربىي سەركەردە ئىدى.سەئىدخاننىڭ چوڭ دادىسى يۇنۇسخان بۈيۈك ئالىم،ئاسترونوم مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ياردىمى بىلەن مەشھۇر ئالىم مەۋلانا ئەلى يەزدىگە شاگىرت بولغان،ئۇنىڭدا 12 يىل ئوقۇپ،ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن.سەئىدخاننىڭ دادىسى ئەھمەتخان يۇنۇسخاندىن بىۋاستە تەربىيە ئالغان ۋە ئوغلى سەئىدخاننى كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ئىلىم-مەرىپەت سۈيى بىلەن يۇغۇرغان.سەئىدخان يەنە بىر نەۋرە تۇغقىنى،ھەربىي ئالىم ۋە شائىر ئوبۇلقاسىم بابۇر بىلەن بىر مەزگىل ھەمسۆھبەت بولۇپ،ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب،پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۈگەنگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان.
سەئىدخاننىڭ بىۋاستە تەربىيىسى ئاستىدا يېتىشكەن تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر كوراگان «تارىخى رەشىدى» (زەيلى) ناملىق ئەسىرىدە سەئىخاننى مۇنداق تەرىپلىگەن: «سەئىدخان كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋە مەدەنىيەت ئاشناسى ئىدى... ئۇنىڭ دەۋرىدە قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ھاۋاسى نۇرلاندى، سەئىدخان ئېسىل، نىجاتكار ۋە ئالىيجاناب كىشى ئىدى، تەكەللۇپنى ياخشى كۆرمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جەسۇرۋە جەڭگىۋار بولۇپ، سىپاگەرچىلىكتە قوماندان ئىدى.»، «سەئىدخان خەتتاتلىق، شېئىرىيەت، ھەلچىلىك، تامغىچىلىق، زەرگەرلىك، نەققاشچىلىق، مىمارچىلىق، سازچىلىق، ئوق ئۆتمەس تۆمۈر كىيىم ياساش، ئوق، قېلىچ، نەيزە ياساش، مېتال ئايرىش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەتلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق كامىلى ئىدى، سەنئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇد، ساتار، تەمبۇر، چاھارتار (تۆت تار) غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. تۈركچە، پارسچە بەھۇزۇر شېئىر يازالايتتى. قىسقىسى، ئۇ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى ئىدى.»
سۇلتان سەئىدخان يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا رايونلىرىدا ناھايىتى تېز شۆھرەت تاپقان ۋە كۆپ ھىمايىگە ئىگە بولغان. ئۇ «يەكەن خانلىقى» نىڭ خانى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئالدى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن فېئودال بۆلۈنمە بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان «يەكەن خەلقى» دائىرىسىدە (سەئىدخان دەۋرىدە شەرقتە قۇمۇلدىن غەربتە بەدەخشانغىچە بولغان رايونلارنىڭ ھەممىسى «يەكەن خانلىقى» غا قارايتتى) بىر قەدەر مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت تۇرغۇزغان، ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ ئۇ مەرىپەتنى قىزغىن سۆيگەچكە، ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىم ئەھلىلىرىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىغان، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە باشقا پەنلەر بويىچە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان دەۋرىدە قەشقەر ۋە يەكەن قايتىدىن جانلىنىپ، يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
سەئىدخان گەرچە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى توپلاپ، رەتلەش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشتەك دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتلىك خىزمەتكە ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىمىغان بولسىمۇ، كۆڭلىگە ئاشۇنداق بىر يۈكسەك مۇددىئانى پۈكۈپ، بۇ ئىش ئۈچۈن ياخشى شەرت - شارائىت ھازىرلاشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەينى چاغدا ئۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان مەشھۇر «ساجىيە مەدرىسى» ۋە يەكەندە قۇرغان «خانلىق مەدرىسى» لىرى ھەمدە يەكەندىكى ئوردا كۆل بويىغا قۇرغان «دىۋانخانا» (خانلىق كۈتۈپخانا) شۇ ۋاقىتلاردا سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىدى، بۇ ئىلىم يۇرتلىرىدا ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ھېساب، تارىخ، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەر قاتارلىق ئىلملاردىن تاشقىرى ئەدەبىيات، مۇسقى (مۇزىكاشۇناسلىق) قاتارلىق پەنلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەر قايسى جايلاردىكى مەشھۇر ئالىملار ئۇيۇشقاندى، سەئىدخان دەۋرىدىكى قەشقەر ۋە يەكەننىڭ بۇنداق گۈللەنگەن ۋەزىيىتىنى خۇددى ئەلشىر ناۋائى دەۋرىدىكى ھېراتنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
سەئىدخان يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك تالانتلىق شائىر، مەشھۇر مۇسەننى ھەم موغەننى (مۇزىكانت ھەم مۇقامچى) بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجادىيەتلىرى دەۋرىمىزگە تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن، پەقەت «تارىخى رەشىدى» دە ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرى ئۆرنەك قىلىنغان:
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار،
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
ھۈر بىرلە جەننەتۇل - مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارنىڭ كۈيىدە يۈزمىڭ جەننە تۇل مەئۋاسى بار.
لەئىلدىن خەتتى بودۇر ھەر ھەم دەم تىرىكلىككە نىشان.
خۇش نىشاندۇركى ئىكى قاشىدىن توغراسى بار.
بىر سۇجۇك سۆز بىرلا ئۆلگەن جىسمىم بەردىڭ ھايات،
لەئى جان بەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنقاسى بار.
يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زولفىن پەرىشان كۆرگىلى،
ئى سەئىد ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.
سەئىدخاننىڭ بۇ شېئىرنى مۇقام ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتقانلىقى مەلۇم، بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، سەئىدخان قۇرغان «يەكەن خانلىقى» دەۋرى «قاراخانيلار خانلىقى» دەۋرىدىن كېيىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋىردە تىل جەھەتتە ئەرەپ ۋە پارسلاشتۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ساپلىقى كۆرۈنەرلىك بۇزۇلۇشقا ئۇچراپ، شۇ دەۋىرنىڭ ئەدەبيات ۋە مۇزىكا تىلىدا ئەكىس ئەتكەن، بۇنداق ھالەتنى سەئىدخان دەۋرى مەدەنىيەتنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى دېيىش مۇمكىن. (مۇقام پېشۋالىرى)
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە بارغان. 1508-يىلى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېراتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان ئانىسى خۇبنىگار خانىم بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن، لېكىن بۇ يەردىمۇ بىخەتەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشاندىكى قەلئەئى زەفەرگە كەتكەن، 1509-يىلى كابۇلغا _ بابۇرنىڭ ھوزۇرىغا بارغان؛
1512- ۋە 1513-يىللىرى ئەنجانغا _ سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن تاكى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغانغا قەدەر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەخشانغا كەتكەن، ئۇ ياردىن كابۇلغا_ كامران مىرزىنىڭ سائىيىغا بارغان. ئۇ يەردىن ئەگرەگە _ ھۇمايۇن مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، 1541-يىلى كەشمىرنى ئالغان. شۇ ۋاقىتتىن تاكى 1551-يىلىغىچە كەشمىرنى ئىدارە قىلغان ۋە شۇ يىلى تاغلىق قەبىلىدىكىلەر ئاتقان ئوقتا يارىلىنىپ، كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مىرزا ھەيدەر كوراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان) 117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.
ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغانلىق تارىخىمۇ بايان قىلىنغان.
«تارىخىي رەشىدىي» ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئەينى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇ شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. 18-، 19-ئەسرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇھەممەد سادىق كەشىغەرىي ۋە موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كاشغەردە تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر تاشكەنتتە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى بىزدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. 1895-يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم ئېدۋارد دېنىسون رۇس تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر غەربىي ياۋروپادىكى شەرقشۇناسلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە 1898-يىلى 2-نەشرى نەشر قىلىنغان، 1972-يىلى قايتا بېسىلغان؛ ئەنە شۇ ئىنگىلىزچە نۇسخا ئاساسىدا خەنزۇچە نۇسخىسى 1983-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان.
تاكسون تەرىپىدىن ئىزاھ، ئىندېكىس بېرىلگەن، پارسچە تېكىست بىلەن بىللە ئىشلەنگەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1996-يىلى ئامېرىكا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛ 1996-يىلى تاشكەنت «پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇسچە تەرجىمىسى، 2003-يىلى ئالما-ئاتادا قازاقچە تەرجىمىسى، 2004-يىلى تېھراندا پارسچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ 1895-يىلىدىكى ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيە سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
«تارىخىي رەشىدىي»نى نەشرگە تەييارلاشتا موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ سانت-پېتېبۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .0759 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى ئاساس قىلىندى. موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ھىندىستان كىتابلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مسس. تۇركى.1 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئامبىردگە ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مس.290 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى، «تارىخىي رەشىدىي»نىڭ موللا مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ سانت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .569 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان پارسچە قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئادد.24090 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلدى. ئۇلاردىن باشقا، خەنزۇچە، قازاقچە، پارسچە ۋە تۈركچە نەشرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېكىستولوگىيىلىك پەرقلەر ھاشىيىدە ئىزاھلاندى. دېمەك، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بىرقەدەر مۇكەممەل نەشر قىلىندى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»)
مىرزا ھەيدەر يەركەندە سەئىدخانغا ئەگىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدا «جاھاننامە» ناملىق بىر داستان يازغان.
بۇ ئەسەر 1528-1533-يىللىرى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە «ئاياز شىكەستە» ياكى «ئاياز» دېگەن سۆزلەرنى تەخەللۇس قىلغان
«جاھاننامە» ئاپتورنىڭ تىبەت ۋە بەدەخشان سەپەرلىرى جەريانىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. (
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)
چۈشەندۈرۈش
«جاھاننامە» ئىلگىرى «ئايازبەگ قۇشچى» ياكى «ئاياز شىكەستە» دېگەن ئايرىم بىر شائىرنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن، بۇ ئەسەرنڭ مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى،شۇنداق بولسىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنى چەتكە قاقمايدۇ.
ئىسمائىل داموللام
ئىسمائىل داموللام (ئىسمائىل ئابابەكرى،1902-1954)،قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇغۇلغان.1909_1920-يىللىرى بەشكېرەمدىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ۋە ئاتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. 1920_1924-يىللىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە،ئالىم،داڭلىق مۇدەررىس ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغان(يەنى ئۇنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان).
ئىسمائىل داموللام 1924-يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.ئوقۇش تۈگەتكەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۆز قولى بىلەن گۇۋاھنامە بەرگەن.
ئىسمائىل داموللا ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن،شۇ چاغدا ئابدۇقادىر داموللام ئۇنىڭغا ئېگەر-جابدۇقلۇق بىر ئات،بىر تون،بىر تۈركۈم كىتاپ تەقدىم قىلىپ،ئۇنى ئىلىم-مەرىپەتنى يىراقلارغا تارقىتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىتىپ،ئىلىغا يولغا سالغان.داموللام ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن،غۇلجا شەھىرى ئىچىدىكى دەڭ مەسچىتىگە ئورۇنلىشىپ،ئۇ يەرگە خاتىپ ۋە ئىمام بولغان.كىشىلەر چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ<<ئىسمائىل خاتىپ، ئىسمائىل ئىمام، ئىسمائىل قارىم>> دەپ ئاتاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى، ئەرەب، پارس تىلىنى پىششىق بىلىشى، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم،ئ ىلمى ھېكمەت، رىيازەت(ماتېماتىكا)، ئەبجەت، تېبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنلىكى، ھەدىسنى شەرھىلەش، قۇرئان تەپسىرى ،قىقھى ئىلمىگە كامىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا تېزلا كۆرۈنۈپ، ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن<<داموللا>> (داموللام) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە غۇلجىدىكى ئۆلىمالار،جۈملىدىن كەڭ جامائەتنىڭ تەلىپى بىلەن غۇلجا بەيتۇللا مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان.
غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇق كىشى قانائەتۇللا بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ،بالا-چاقىلىق بولغان.
بۇ جەرياندا يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالغان تېبابەتچىلىك بىلىمىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،تېبابەتچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
ئىسمائىل داموللىنىڭ شۆھرەت قازىنىشى بىر تۈركۈم مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاپ،قارا كۈچلەر كېچە-كۈندۈز دىققەت قىلىدىغان،ئايىماي زەربە بېرىدىغان،ئىز قالدۇرماي ئۇجۇقتۇرىۋىتىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىپ،ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ۋەھىمىلىك ئۇچۇردىن ۋاقىپلانغان غۇلجىدىكى جامائەت ۋە قەشقەر،ئاتۇشلۇقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ،مەبلەغ توپلىغان.جۈملىدىن تەلئەت مۇسابايوف بىر ئات،پۇل،كىيىم-كېچەك،يېمەكلىك قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئۇنى يوشۇرۇن ھالدا قەشقەرگە يولغان سېلىپ قويغان.داموللام قەشقەرگە كېلىپ،غۇلجىدا قالغان ئائىلىسىنى ۋە جامائەتنى تولىمۇ سېغىنىپ،بىر يىلدىن كېيىن 1939-يىلى غۇلجىغا يەنە كەلگەن.بىراق يەنە تۇرالماي،ئائىلىسى بىلەن ئالتاي شەھىرىگە كەتكەن.ئۇ يەردىمۇ خاتىپلىق،ئىمامەتچىلىك،مۇدەررىسلىك قىلغان.
1945-يىلى كۆكلەمدەئىسمائىل داموللام غۇلجىغا قايتماقچى بولۇپ،دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن ئۆتكەندە ، بۇنىڭدىن چۆچەكتىكى جامائەت خەۋەر تېپىپ،چۆچەك قەشقەر جامەسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىمامى ياسىن قازىنىڭ ئورنىغا ئىمامەتچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان ھەمدە ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇنى چۆچەكتە ئېلىپ قالغان.بۇ خەلقچىل زات ئۇ يەردىمۇ جامائەت بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىناۋەتلىك جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا ئىسمائىل داموللام تارباغاتاي ۋىلايىتى دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
1946-يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەنسۇر روزىباقىيوف(تەخەللۇسى:ۋەتەن ئوغلى)نىڭ قىزغىن قوللىشى،نەشر قىلدۇرۇپ يورۇقلۇققا چىقىرىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ،1946-يىلى بۇ ئىشنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىغان.تەكتى قەشقەرلىك ياسىن قارى دېگەن موللا ۋە خەتتات كىتابنڭ تەرجىمە نۇسخسىنى كۆچۈرۈپ چىققان؛ بۇ كىتاب قىزىل پەرەڭ بىلەن مۇقاۋىلىنىپ،شىلىم بىلەن پاتلىنىلغان،بۇ ئىشقا ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ (1911-1989)ياردەملەشكەن.
(غەيرەتجان ئوسمان ئۈتغۈر)
ئۇيغۇر قىزى نازۇگۇم
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى نازۇگۇم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرەدۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە: «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى <<نازۇگۇم>> دەپ ئات قويغان ئىدى.» («نازۇگۇم قىسسىسى» دىن) دەپ يېزىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.
1826-يىلى خەلقىمىزنىڭ چىڭ خاندانلىقى ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم بىر تەرەپتىن قولىغا قورال ئېلىپ دۈشمەنلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ قەڭ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ بۇ قېتىم قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى ئەمەس ئىدى، چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى.
قورال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغا قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قۇمۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك دىيارىنى، مىھرىبان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەكمۇ سېغىنىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى - نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت جاڭگاللاردا مۆكۈپ يۈرۈپ ھايات كەچۈرىدۇ.
جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بەلەن ئەيىپلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ. بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرىدۇر.
ئەسكەرتىش
ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ سۆيۈملۈك، باتۇر قىزى نازۇگۇمنىڭ نامى ۋەتەندىكى مەتبۇئاتلاردا بىردەك «نوزۇگۇم» دەپ يېزىلىدۇ. بىراق ئۆز ۋاقتىدا موللا بىلال (نازىم) ھەزرەتلىرى تۈنجى بولۇپ نازۇگۇم ھەققىدە داستان يازغاندا «نازۇگۇم» دەپ تىلغا ئالغان. ئۇيغۇر تىياتىرچىلىق تارىخىمىزدىكى نامايەندىلەرنىڭ بىرى، كومپوزىتور، پروفېسسور قۇددۇس غوجامياروف ئەپەندى ئىجاد قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئوپىراسىنىڭ نامىمۇ «نازۇگۇم» دەپ ئاتالغان، يازغۇچى تۇرغان توختەموف ئەپەندى يازغان، ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانمۇ «نازۇگۇم» دەپ ئاتالغان (بۇ رومان ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغاندا نامى «نوزۇگۇم» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ھەمدە بىز پايدىلانغان مەنبەدىكى مەزكۈر تەرجىمھالمۇ «نازۇگۇم» دەپ يېزىلغان. شۇڭا بىزمۇ ئەسلىنى ھۆرمەت قىلىپ «نوزۇگۇم» دېمەي، «نازۇگۇم» دەپ يېزىشنى لايىق تاپتۇق - نازىمى.(ئورخۇن)
موللا مۇسا سايرامى
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانافىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي زاتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسەدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقىرىدۇ.1847-يىلى9-ئايدا ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبىي شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ.بۇ مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دىگەن كىشى ئىدى.موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلىقىدا،قۇرئان،ھەدىس،تارىخ،ئەدەبىيات،(تەقۋىم كالىندارشۇناسلىق)،ئاسترونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب،پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ،«بالا موللا»،«موللا مۇسا» دىگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1854-يىلى مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسەدە مۇدەررەىسلىك قىلىدۇ.
1864-يىلى كۇچار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن،موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ،قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمىي ئىشلار باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ، چوڭقۇرلۇقى، كەمتەر، كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرويغا ئىگە بولىدۇ. 1867 -يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ. 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېلىپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40يىلغا يېقىن ۋاقىتنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ.بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»، «دەربايان ئەسھابۇل كەھف»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «دىۋان مەسنەۋى»، «تارىخىي ھەمىدى»، «سالامنامە» قاتارلىقلاردۇر.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتىمۇ ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.1917-يىلى81ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ.شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى،تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
(شېرىپ نىياز خۇشتار)
تۆمۈر خەلىپە
تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يىزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى »دەيدۇ .
بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس......... » دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : «سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ...... » دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ .تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنجى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ،ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئېپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بىرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمىد بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : « يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئىلىنىدۇ ! » دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ......
1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن « شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! »دىگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
ياڭ زېنشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .
1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۇەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ ،ئىچكىرىگە كېتىدۇ ).
جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى : «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق .... » دېيىلگەن .
دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋېنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە : « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ....» (ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» (2-توپلام)
تۆمۈر خەلپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن : «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...>> قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ .
بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى: « بىرىنجى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنجى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ ،دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ....» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ' دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : « گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز.ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، « ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟...»دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دىگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ،خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ .
(شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر)
يۈسۈپ سەككاكى
سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى.
سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ«9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان.
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى.
ساككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان. بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ«مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا، ئىستىتىكا، پەلسەپە، ئاسترنومىيە، ماتىماتىكا، تارىخ، تىبابەت ئىلمى، مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوكنىڭ مازىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار»(ئورخۇن)
سەككاكى مازىرى(خۇنىخاي مازىرى)
مۇھەممەد سىدىق زەلىلى
شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى . شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ (1676-1755)«دىۋان زەلىلى» بىلەن «سەپەرنامە» داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدۇر. شائىرنىڭ غەزەللىرى تىلى گۈزەللىكى ، پىكرى چوڭقۇر،ئوخشىتىشلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان. شائىرنىڭ «سەپەرنامە» دېگەن ئەسىرىدە مۇقام،نەغمىلەرنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە ئۇنىڭ روھىيەت بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە سۈرەتلىگەن.بەزى لىرىكىلىرىدا«ئەجەم»،«ئىراق»،«بايات» قاتارلىق مۇقام ناملىرىنى؛ نەي،قالۇن،چاڭ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ نامىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
(غەيرەتجان ئوسمان)
زەلىلى غەزەللىرىدىن
نە جانىم بۇلبۇلى ھەمدىڭغە يۈزمىڭ تىل بىلە گويا،
گۈلى سۇئۇڭ تاماشاسىغە بەررى بەھرىدۇر جويا.
فەلەكدۇر يەتتە خىرگاھىكى بىر-بىر ئۆزرە تىكمىشلەر،
ئاڭا فەندىل ئېتىپ خۇرشىددىن ھەي قادىرى دەنا.
تەفەررۇج گاھى سۇنئۇڭ قىلغالى بىلدىم كەۋاكىبدىن،
مەشائىل ياندۇرۇپ تۈن - كېچەلەردە گۇنبەزى خەررا.
نىشانى رەھمەتى ئامىڭنى كۆرگۈزمەك ئۈچۈن زاھىر،
ساچار مەرۋارىدىنى مەۋجىدىن ھەر قەترەئى دەريا.
چېمەن سارىغە ناگەھ تۇنديادى يەتسە قەھرىڭدىن،
نە قالغاي لالەئى ئەھمەر نە قالغاي سۇنبۇلى رەئنا.
گۈلىستانۇ جەھانغە ئەي سەبا كەم-كەم تەفەررۇج قىل،
مۇبادا باغبانى ئەيلەگەي بىر فىتنەئى بەرپا.
سەنا ئەيتۇرغە، يارەب، شۆئلەئى تىغى زەبان بەرگىل،
زەلىلى بۇ تەلەبىدىن گوشەدە ئولتۇرۇر تەنھا.
گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن.ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېىجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارىخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۇرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسوندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھوجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن.
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دىرامما ساھەسىكىلەرمۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان:
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)
يۇقۇرىدىكى ئىپارخاننىڭ رەسىمىنى _ جۇڭگو تارىخى موزېي تەتقىقاتچىسى،جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگوچە رەسىم زىننەتلەش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى،بېيجىڭ جۇڭگوچە قوليازمىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ يەن(王 雁) سىزغان.
بۇ رەسسام توغرىلىق يازغان تەرجىمەم ئانچە مۇۋاپىق بولمىدى. تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ياكى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەنزۇچىسى:
(中国历史 ،博物馆研究员、中国美术家协会会员、中国工笔重彩画学会理事、北京工笔书学会副会长 )
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]