چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزى قۇرغان ئىمپېرىيىنى ئائىلە مۈلۈكى قاتارىدا سۇيۇرغال قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ ئانا ماكانى ۋە غەرىبتىكى بويسۇندۇرۇلغان كەڭ رايونلارنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى: چوڭ ئوغلى جوجىغا دەشتى قىپچاقنى، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئۇيغۇرلار زېمىنىدىن تاكى ئىلى دەريا ۋادىسى ئارقىلىق ماۋارائۈننەھىرگىچە تۇتاشقان جايلارنى، ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايغا ھازىرقى شىنجاڭنىڭ چۆچەك، ئالتاي رايونلىرى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئەسلىي زېمىنىنىڭ غەربىي قىسمىنى، تۆتىنچى ئوغلى تولىغا چىڭگىزخاننىڭ چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى ئەسلىي تېرىتورىيسىنى بۆلۈپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى چىڭگىزخاننىڭ ئالاھىدە مەرھەمىتىگە ئېرىشىپ، غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىدىكى ئەسلىدىكى زېمىنلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋەردى.
بىراق، موڭغۇل دۆلىتى دەۋرىدە غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاساسەن يەنىلا موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانىنىڭ قولىدا ئىدى. غەربىي يۇرتتىكى بوستانلىق رايونلىرىنى چوڭ خان بىۋاسىتە ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇراتتى، ئۇلار ماۋارائۈننەھىرلىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالۋاچ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەسئۇدنى باج-سېلىق يىغىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەنىدى. مۆڭكە خان دەۋرىگە كەلگەندە بەشبالىق رايونى ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدا ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىنىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.
سۇيۇرغاللىققا ئېرىشكەن چاغاتاي، ئوكتاي ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى غەربىي يۇرتتىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسىمۇ پەقەت سۇيۇرغال يەرلەردىن يىغىلغان باج-سېلىقنىڭ بىر قىسمىدىنلا بەھرىمان بولالايتتى.
قۇبلاي بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنىڭ چوڭ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭ خان نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ چاغاتاي، ئوكتاي قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىرلىشىپ يۈەن سۇلالىسىگە قارشى چىقتى ۋە موڭغۇل چوڭ خانىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن تۇرپان، بەشبالىق، ئالتاي ئەتراپلىرىدا شىددەتلىك جەڭلەرنى قىلدى. يۈەن سولالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق زەربىسى بىلەن 1306 - يىلى ئوكتاي ئەۋلادىدىن چابار يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى. باشقا بەگ - سىپاھلارمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چوڭ خانغا ئەل بولدى. چابار يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئوكتاي ئولۇسى مەۋجۇت بولۇشتىن قەلدى، ئۇنىڭ سۇيۇرغال زېمىنىنى چاغاتاي ئولۇسى قوشۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، شەرق تەرەپتىكى تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىنى ھېساب قىلمىغاندا غەربىي يۇرت پۈتۈنلەي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىغا ئۆتتى.
موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىلاسى گەرچە ئىسلام مەدەنىيتىنى ئاساسى ئالاھىدىلىك قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنى بىر مەھەل ئېغىر ۋەيرانچىلىققا مۇپتىلا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىدى. موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى شامان ۋە نېستورىيان دىنلىرىنىڭ مۇرتلىرى ئىدى، كېيىنچە بۇددىزىمغا ئېتىقاد قىلغانىدى، ئەمما ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلاردا دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ئارلاشمىدى. بۇ خىل سىياسەت، يېتەكچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىغا شەك -شۈبھىسىز پايدىلىق ئىدى، بولۇپمۇ كۈچلۈكنىڭ دىنى زۇلۇمىدىن ئازاد بولغان قىتان تېررىتورىيىسىىدكى ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ ئىسلاملىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى.
ئىسلام دۇنياسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان غەربىي يۇرتتىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تەرەققىي تاپقان ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا چارىسىز ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىستىخىيلىك ھالدا ئىسلاملىشىشقا يۈزلەندى. تېخى چاغاتاي دەۋرىدىلا ئىسلام مەدەنىيتىگە زوقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ ئىستىلاچىلار بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ بولغانىدى. چاغاتاي مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنىڭ خاس تېۋىپلىقىغا تەيىن قىلىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ھەبەش ھەمىدكە بەكلا ئىشىنەتتى، بۇ چوڭ سودىگەر چاغاتاي خانغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيتتى. ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ماكانلاشقان بىر قىسىم موڭغۇل قەبىلىلىرى تەدرىجى تۈركلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەدىرىجى ئىسلاملاشتى، ئولتۇراق تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ، ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش شەكلىدىن ئاستا-ئاستا قول ئۈزۈپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغىللاندى. 13-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن مۇبارەك شاھ، بوراق شاھ قاتارلىقلار ئولتۇراق تۇرمۇشقا بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ خىل يۈزلىنىش تېخىمۇ كۈچەيدى. چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن دۇۋا ئۆلگەندىن كېيىن خانلىق تەختىنى تالىشىش كۈرىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئېسەن بۇقا ۋە كېپەك ئۆز ئەتراپىغا بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلەرنى يىغدى. ئېسەن بۇقا موڭغۇللارنىڭ ئادەتلىرىنى قوغداش تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى، ئۇنىڭ ئېنىسى كېپەك بولسا ئولتۇراق دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. 14- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى كېپەك ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىدىن ماۋارائۈننەھىردىكى دېھقانچىلىق رايونىغا كۆچۈردى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ئېسەن بۇقا بولسا ئەنئەنىۋى كۆچچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئادىتىدە چىڭ تۇرۇپ ئالمىلىقتا بارىگاھ تىكتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش نەتىجىسىدە خانلىق ھوقۇق ئاجىزلاپ، چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن بولمىغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەسىرى كۈچەيدى. 1346- يىلى ماۋارائۈننەھىرنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان بارلاس قەبىلىسىدىن قازغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قازان سۇلتان خاننى ئۆلتۈرۈپ، ئوكتاي جەمەتىدىكى قايدۇنىڭ ئوغلى داشماننى خانلىق تەختىگە چىقاردى. باشقا قەبىلىلەردىكى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر بارلاس جەمەتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي، ئارقا - ئارقىدىن چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنى خان قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەمىرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالدى، خانلىق قالايمىقانچىلىق ۋە تەپرىقچىلىككە پېتىپ قالدى.
ھەر قايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىدىكى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەت ۋە زېمىن تالىشىش ئۇرۇشلىرى داۋامىدا، چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىدە ماۋارائۈننەھىردىكى بارلاس جەمەتى ئەمىرلىرى بىلەن تىركىشەلىگۈدەك كۈچ سۈپىتىدە دوغىلات ئەمىرلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. دوغىلات ئەمىرلىرىدىن بۇلاجى " خانلىق تەختىنىڭ بوش تۇرغانلىقى " ، " خان ئەۋلادلىرىنىڭ يۆلەنچۈكسىز قالغانلىقى " نى كۆرۈپ ، " خاندىن بىرنى تىكلەپ، دۆلەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى". بىر مەزگىل ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر ئېسەن بۇقا خاننىڭ ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى تاپتى ۋە ھىجىرىيە 748- يىلى ( 1347 - 1348) ئاقسۇدا تەختكە چىقاردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چاغاتاي خانلىقى رەسمىي تۈردە شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى پۈتۈن كۈچىنى خانلىقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراتقان، بىر نەچچە قېتىم ماۋارائۈننەھىرگە قوشۇن چىقىرىپ ۋاقتىنچە مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرى يەنىلا مەغلۇپ بولدى ۋە ئۆزىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىلا ساقلاپ قالالىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايون تارىختا " شەرقىي چاغاتاي خانلىقى " دەپ ئاتالدى. چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى بولسا بارلاس قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ تارىختا " تۆمۈر ئىمپېرىيىسى " ياكى " تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى " دەپ ئاتالدى.
داۋامى بار...
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]