ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8580
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 125 نومۇر
پۇلى: 65 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-04
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 35كۈن بۇرۇن

 مۇتلەق مەخپىي ئاخبارات

1934- يىلى 10- ئايدا، « سولچىل» لۇشەننىڭ خاتا رەھبەرلىكى تۈپەيلىدىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە بىر يىلدىن ئارتۇق جاپالىق كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، دۈشمەننىڭ 5- قېتىملىق” قورشاپ يوقىتىش“ ىنى تارمار قىلالماي، دۇنياغا مەشھۇر يىگىرمە بەش مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن، كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغىنى، بىر مۇتلەق مەخپىي ئاخبارات ئەينى چاغدا ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتىتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك چوڭ يۆتكىلىشنى قارار قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.

قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولغان مۇتلەق مەخپىي ئاخبارات

ۋاڭ زوخۇا، ۋاڭ جىنياڭ


” چىلەك پىلانى“

1934- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جياڭ جيېشى لۇشەندە مەخپىي ھەربىي ئىشلار يىغىنى چاقىردى، يىغىندا، 5- قېتىملىق « قورشاپ يوقىتىش» پىلانى ئاساسىدا، يېڭىۋاشتىن ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ گېرمانىيىلىك مەسلىھەتچىسى، گېنېرال ھانىس. فون.سەيكىتنىڭ پىلانى بويىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشنى نىشان قىلغان ” چىلەك پىلانى“ تۈزۈپ چىقىلدى.
بۇ پىلان بويىچە، بىر مىليون بەش يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 270 ئايۇرپىلان، 200 زەمبىرەكنى ئىشقا سېلىپ، ” بۆلۈنىپ ئىلگىرلەپ، بىرلىشىپ زەربە بېرىش“، ”مۇستەھكەم قورشاۋ شەكىللەندۈرۈش“ كە تەييارلاندى. بۇنىڭدا: ھەرقايسى قىسىملار رۇيجىننى نىشان قىلىپ، مەركىزى قىسىمغا ھۇجۇم قىلىش، رۇيجىنغا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە چوڭ قورشاۋ شەكىللەندۈرۈش پىلانلاندى. ئۇندىن كېيىن، ھەر كۈنى بەش كىلومېتىر ئىلگىرلەپ بىر ئىستىھكام قۇرۇش، كۈچلۈك ئوت كۈچى بىلەن ماسلىشىش، رۇيجىننىڭ تۆت ئەتراپىدا 30 تۆمۈر سىم تور ۋە ئوت كۈچى قامال لىنىيىسى شەكىللەندۈرۈش، قاتناشنى ئۈزۈپ تاشلاش، قىزىل ئارمىيىنىڭ بارلىق ئۇچۇر ۋە ماددى ئەشيا ئالاقىسىنى قامال قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تار دائىرىگە قىستاپ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىش، قىزىل ئارمىيىنىڭ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە مىڭ دانە ھەربىي ماشىنا بىلەن قىسىملارنى تېزلىكتە يۆتكەپ، ماتورلاشقان توسۇپ زەربە بېرىشنى يولغا قويۇش، شۇ ئارقىلىق، بىر ئاي ئىچىدە مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى قىزىل ئارمىيىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىش. ئۇرۇش پىلانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، جياڭ جيېشى 12 دىۋىزىيە ئالدىن يۈرەر قىسىمنى چوڭ قورشاۋ چەمبىرىكى شەكىللىنىشتىن ئىلگرى پۈتۈن كۈچ بىلەن سوۋېت رايونى ئەتراپىدا زىمىن ئىگىلەشكە بۇيرۇپ، قىزىل ئارمىيىنى قايمۇقتۇردى.
جياڭ جيېشى ” چىلەك  پىلانى “ غا ناھايىتى زور ئۈمىت باغلىدى. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ: ”كومپارتىيىنى يوقىتىشتەك بۇ زور ئىش مۇشۇ قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ“، دىدى.
بۇ پىلاننىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى قوشقاندا بىرنەچە جىڭ كېلەتتى. ئۇنڭدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ” باندىتلارنى تازىلاش“ باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەرتىپى، ئەسكىرىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىي يۈرۈش لىنىيىسى، ئۇرۇش قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى، ئۇرۇش قىلىش خەرىتىسى ۋە جياڭ جيېشىنىڭ ” باندىتلارنى تازىلاش قوللانمىسى“ قاتارلىقلار بار ئىدى. ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە ”مۇتلەق مەخپىي“ دىگەن خەت يېزىلغان ۋە تەرتىپ نومۇرى تۇرغۇزۇلغان ئىدى، بارلىق ئەمەلدارلار ئىمزا قويۇپ ئاندىن بۇ ھۆججەتلەرنى ئالالايتتى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرى ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. لېكىن، يىغىن ئاياقلاشقان كۈنى كەچتە، ” چىلەك پىلانى “ غا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەتلەر كومپارتىيىنىڭ قولىغا چۈشتى.

تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئاخبارات يەتكۈزۈش

جياڭ جيېشى ” چىلەك پىلانى“ نىڭ شۇنچە تېزلىكتە كومپارتىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ بولۇشىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى، يەنە كېلىپ، بۇنى ” ئاسمان“ دىگەن شەرتلىك بەلگىنى ئىشلەتكەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خادىمى، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان گومىنداڭنىڭ شىمالىي جياڭشى 4- مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى، قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قوماندانى مو شيوڭنىڭ قىلغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.
مو شيوڭ ( 1891-1980) گۇاڭدوڭنىڭ يىڭدې ناھىيىسىدىن، ئەينى يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، مەشھۇر خۇاڭخۇاگاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇپ دۆلەتنى قوغداش ھەركىتى، چېن جيوڭمىڭغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ۋە شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي بولغاچقا، ھۆرمەتلىنىپ ” مو ئاكا “ دەپ ئاتالغان. شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى ئۇنىڭغا مايور دەرىجىلىك مەسلىھەتچى دىگەن قۇرۇق ئۇنۋاننى بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋالدى، ئۇنىڭ قىسىملىرىمۇ قورالسىزلاندۇرۇلۇپ تارقىتىۋېتىلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان مو شيوڭ ئىككى قېتىم جاڭ فاكۇينىڭ جياڭ جيېشىغا قارشى ھەركىتىگە قاتناشتى. 1930- يىلى، ئۇ سوڭ زىۋېننىڭ ياردىمى ئارقىلىق مالىيە مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلدى. شاڭخەيگە بارغاندا، سىياسى بۆلۈم مۇدىرى، جوڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يافۇ بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كومپارتىيە ئەزاسى شياڭ يۈنيەن ۋە جوڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جۇ ئېنلەي، لى كېنوڭ قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئۇ بىرقانچە قېتىم پارتىيىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، پارتىيە تەشكىلاتى ئۇنى داۋاملىق پارتىيە سىرتىدا خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلدى.  
1934- يىلى 1- ئايدا مو شيوڭ گومىنداڭنىڭ 2- قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى شۈەن يۆنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، نەنچاڭغا بېرىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشتى، يېقىن دوستى، نەنچاڭ دالا شىتابى باش كاتىپى ياڭ يوڭتەينىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىمالىي جياڭشى 4- مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى، قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا، مو شيوڭ شاڭخەيگە بېرىپ، ” يەڭ ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇش “ قىلىپ، شياڭ يۈنيەن قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسىنى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىق شىتابىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، مو شيوڭ جوڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر زور ئىشنى قىلدى.
شۇ يىلى 7- ئايدا، جياڭ جيېشىنىڭ ” چىلەك پىلانى“ قەپەزدىن چىقتى ، 9- ئايدا، لۇشەندىكى گۇلىڭدا ھەربىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ كونكىرىت لاھىيىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مو شيوڭمۇ بۇيرۇققا بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى، يىغىن ئاخىرلىشىش بىلەنلا، مو شيوڭ ” چىلەك پىلانى“ نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىق شىتابىغا قايتىپ كەلدى، قايتا- قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، مو شيوڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ” چىلەك پىلانى“ نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى جوڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ ئالاقىچىسى، ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىق شىتابى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ كاتىپى شياڭ يۈنيەنگە تاپشۇرۇپ بەردى، مو شيوڭ جىددىيلەشكەن ھالدا شياڭ يۈنيەنگە:
__ ــــ سىز بۇنى تېزدىن ئۆزەڭلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاپاراتىڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ، زادى كېچىكتۈرمەڭ!ــــ__ دىدى.
شياڭ يۈنيەن پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ ھايات- ماماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا مو شيوڭغا:
__ـــ مو ئاكا، رەھمەت سىزگە! مەن كومپارتىيىگە ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن! قىزىل ئارمىيە سىزنى ئۇنتۇمايدۇ!ـــ__ دىدى.

ھەربىي ئاخباراتنى پەم بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىش

شياڭ يۈنيەن ئاخباراتنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى ليۇ يافو، لۇ جىيىڭ قاتارلىقلارنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى، ئاخىرىدا، شياڭ يۈنيەننىڭ ئاخباراتنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى قارار قىلىشتى، چۈنكى، شياڭ يۈنيەن كېجيا تىلىنى بىلىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئۆتكەللەردىن بىرقەدەر ئاسان ئۆتۈپ كېتەلەيتتى.
ئۈچەيلەن كېچىلەپ دورا سۈيى بىلەن ئاخباراتتىكى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئوت كۈچىنىڭ ئورۇنلىشىشى، ھۇجۇم قىلىش پىلانى، قوماندانلىق ئاپاراتىنىڭ لاھىيىلىنىشى قاتارلىقلارنى مەخپىي يېزىق ئارقىلىق بىر- بىرلەپ تۆت دانە ئوقۇغۇچىلار لۇغىتىگە يېزىپ چىقتى. ئۇرۇش قىلىش خەرىتىسىنى سۈزۈك قەغەز ئارقىلىق سىزىپ چىقتى، تاڭ سۈزۈلگەندە، پۈتۈن ” چىلەك پىلانى“ نى مەخپىي يېزىق ئارقىلىق كۆچۈرۈپ بولدى. ئۇندىن كېيىن، يول ئۈستىدىكى دۈشمەن ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، سوۋېت رايونىغا بىرقەدەر تېز ۋە بىخەتەر بارغىلى بولىدىغان بىر يولنى تاللاپ چىقتى: نەنچاڭدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىئەنگە بېرىپ، ئۇ يەردىن تەيخېغا كىرىپ، يەنە تاغلىق رايون ئارقىلىق ئۇدۇل شىڭگو، يۈدۇلارغا كىرىپ رۈيجىنغا بېرىش. ئاخىرى، شياڭ يۈنيەن ئوقۇتقۇچى قىياپىتىدە ياسىنىپ يولغا چىقتى.
بۇ يەردە شياڭ يۈنيەننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى شياڭ تىڭچۇن بولۇپ، فۇجيەننىڭ ليەنچېڭ ناھىيىسىدىن. 1927- يىلى شياڭ يۈنيەن مەركىزىي ئالاھىدە خىزمەت بۆلۈمى قارمىقىدىكى ” قىزىل ئەترەت“ كە قاتناشقان. 1928- يىلى 8- ئايدا، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتىتنىڭ كاتىپى بەي شىن ئاسىيلىق قىلىپ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، جوڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن پېڭ بەي قاتارلىق كىشىلەرنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە گومىنداڭنىڭ ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فەن جېڭبونىڭ ئۆيىگە يوشۇرىنىۋالغان. شياڭ يۈنيەن تۆت نەپەر ئەزانى باشلاپ بېرىپ، فەن جىڭبونىڭ ئۆيى ئەتراپىدا كېچە- كۈندۈز يوشۇرۇن كۈزىتىپ، ئاخىرى بەي شىن ۋە فەن جېڭبونى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ چاغدىكى شياڭ يۈنيەن پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، يەر ئاستى كۈرەش تەجرىبىسى ناھايىتى مول ئىدى.
تەيخې تاغلىق رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، شياڭ يۈنيەن دۈشمەن ئەھۋالىنىڭ ئەسلىدە پەرەز قىلغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھەر بىر كەنتكە دۈشمەن ئارمىيىسى ئورۇنلاشقان بولۇپ، سوۋېت رايونىغا كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يوللار قاتتىق قامال قىلىنغان ئىدى، گۇمانلىق دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دەرھال قولغا ئېلىناتتى. شياڭ يۈنيەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن، تاغ ئورمانلىقى ئارىسىدا مېڭىپ، ئاز مىقداردىكى قۇرۇق يىمەكلىك ۋە ياۋا مىۋىلەرنى يەپ، بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنى باستى. بىرقانچە كۈنلۈك جاپالىق يول يۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ، ئورۇقلاپ ياغاچتەك بولۇپ قالدى. ئۇ شىڭگوغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ قامال لىنىيىسىنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر كەنتنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئىستىھكام قۇرۇلغانلىقىنى، ھەرقايسى تاغ چوققىلىرى ۋە يول ئېغىزلىرىدا قارالۋۇلخانا قۇرۇلغانلىقىنى، ياش كىشىلەر يېقىنلاشسىلا، ” قىزىل باندىتلارنىڭ رازۋېتچىكى“ دەپ تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شياڭ يۈنيەن ئاخىرى يەنە تاققا قايتىپ چىقىپ پۇرسەت كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايتتى. جىددىيلىشىپ كەتكەن شياڭ يۈنيەن ئاخىرى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتى: ئۇ بىر تال تاشنى ئېلىپ، تۆت تال ئۇتتۇر چىشىنى قاتىرىسىغا ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتتى.
ئەتىسى ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزى قاتتىق ئىششىپ كەتتى، يۈز قىسمى كىشىنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرەتتى، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن، كىيىملىرى تىتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاچلىرى پاخپىيىپ، يۈز- كۆزلىرى مەينەتلىشىپ كەتكەن، ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان بىر قېرى قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئاغرىققا چىداپ، مەخپىي يېزىق چۈشۈرۈلگەن تۆت لۇغەتنى مەينەت نەرسىلەر بىلەن توشقان يانچۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە تىلەپ كەلگەن، بۇزۇلۇپ پۇراپ كەتكەن يىمەكلىكلەرنى سېلىپ، بەئەينى دىۋانىلاردەك تاغدىن چۈشتى. شۇنداق قىلىپ شياڭ يۈنيەن ئاخىرى دۈشمەننىڭ قاتمۇ- قات قاراۋۇللىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى رۈيجىنغا يېتىپ كەلدى ۋە شاجوبېيدا ۋاقىتلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنى تاپتى.
جو ئېنلەي، لى كېنوڭلار شياڭ يۈنيەندىن مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چاغدا، كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ قېرى قەلەندەرنىڭ ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان ئۆز ئادىمى ئىكەنلىكىنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدى، ئۇلار تەسىرلەنگەنلىكىدىن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى.

ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش

” چىلەك پىلانى“ ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتىتىتكى ” ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا“( لى دې ھەربىي قوماندان، بوگۇ سىياسى تەدبىر بەلگۈلىگۈچى، جو ئېنلەي ھەربىي پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلغۇچى) نىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر خەتەر ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەگەر جىددى تەدبىر قوللانمىغاندا، ناھايىتى تېزلا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىگە چۈشۈپ قالاتتى. بۇ چاغدا مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتىت يەنە ئالدىنقى سەپنىڭ ئۇرۇش دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، قىزىل ئارمىيە ھەرقايسى يۆنۈلۈشلەردە خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى. بۇ ئەھۋال دۈشمەننىڭ ”چىلەك پىلانى“نىڭ قەدەممۇ- قەدەم يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى.
ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، دۈشمەن تېخى ”چىلەك پىلانى“ نى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇشتىن ئاۋال، دۈشمەننىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن تېزلىكتە چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىشتى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بۇنىڭ ئالدىدا، ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتىتىمۇ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىچكى سەپتە دۈشمەننىڭ ” قورشاپ يوقىتىش“ ىنى تارمار قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتىت قىزىل 7- جۈنتۇەن، قىزىل 6- جۈنتۇەن ۋە قىزىل 25- جۈنگە ئالدى بىلەن شىمال ئارقىلىق غەرپكە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى،( بذ، ئەڭ بۇرۇن ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى ئىدى) ئۇلار يەنە ” قىزىل ئارمىيىنى شىددەت بىلەن كېڭەيتىپ ئوتتۇز مىڭغا يەتكۈزۈش“ شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي كۈچ قىسىملارنى تولۇقلاپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىستىراتىگيىلىك يۆتكىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى. دۈشمەننىڭ ”چىلەك پىلانى“ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ۋاقىتلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى ئالدىراپ- تېنەپلا قارار چىقىرىپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتىتنىڭ نامىدا ئىستىراتىگىيىلىك يۆتكىلىشنىڭ ھەركەت بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى.
10- ئاينىڭ 8- كۈنى، قىزىل ئارمىيىنىڭ يەرلىك قىسىملىرى بۇيرۇققا بىنائەن ھەرقايسى سەپلەردىكى مۇداپىيە ئورۇنلىرىغا باردى، ئاساسىي كۈچ قىسىملار شىڭگۇ، يۈدو، رۈيجىن رايونلىرىغا يىغىلدى. 11- كۈنى، قىزىل ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە قارمىقىدىكى قىسىملار 1- دالا ئۇرۇشى كالوننىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، مەركىزىي ئورگانلار 2- دالا ئۇرۇشى كالوننىسى قىلىپ تەشكىللەندى، شياڭيىڭ، چېن يى باشچىلىقىدىكى مەركىزىي شۆبە بىيورو قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يەرلىك قىسىملارنى باشلاپ قېپقېلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قارار قىلدى. جۇ ئېنلەي يەنە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، غەربىي سەپتىكى گومىنداڭنىڭ چېن جىتاڭ قىسىملىرى بىلەن مەخپىي ھالدا يول ئارىيەت ئېلىش كېلىشىمى تۈزدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگچە، يۈدۇ چېگرىسى ئىچىگە توپلانغان قىزىل ئارمىيە 86 مىڭغا يەتتى. ئۇلار بۆلۈنىپ تۆت ئېغىز ئارقىلىق يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتتى، 10- ئاينىڭ 21- كۈنى قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىش ئۇرۇشىنى باشلاپ، غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا __ كېيىنكى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.
مەركىزىي قىزىل ئارمىيە قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى 10- كۈنى،” چىلەك پىلانى“ غا ئاساسەن ئىلگىرلىگەن دۈشمەن ئارمىيىسى ئىلگرى- ئاخىرى بولۇپ، نىڭدۇ، چاڭدىڭ، خۇيچاڭ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىدى، دۈشمەن قوشۇنى رۈيجىنغا يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ ئاللىقاچان يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. بېيپىڭدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان جياڭ جيېشى دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن، غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى، بىرەيلەننىڭ چوقۇم ئاخباراتنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلىپ، يالغان چىشلىرىنى سېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، دەرھال نەنچاڭغا قايتىپ بېرىپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلدى. لېكىن، ئۇ تاكى تەيۋەنگە قېچىپ كەتكۈچە زادى كىمنىڭ كومپارتىيىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقالمىدى.
ئەينى يىللاردا، بۇ مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى پەقەت ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتىتىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىراپ- تېنەپلا ئىستىراتىگىيىلىك يۆتكىلىشكە ئاتلانغانلىقى،  ماۋ زېدوڭ قاتارلىق نۇرغۇن رەھبەرلەرمۇ ئىشتىن ئاۋال بۇنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىنكى پارتىيە تارىخى ھۆججەتلىرىدە بۇ ئىش ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىندى. لېكىن، پارتىيە ۋە خەلق مو شيوڭ ۋە شياڭ يۈنيەن ئىككەيلەننىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ماۋ زېدوڭ كېيىن بۇ ئىشنى بىلگەن چاغدا، بۇ ” تۆت بۈرجەكلىك نومۇرلۇق ئاخبارات“ نىڭ تۆھپىسىنى يۇقۇرى باھالاپ مەدھىيىلىدى. ئازاتلىقتىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ يەنە گۇاڭدوڭدىكى يې جيەنيىڭغا مو شيوڭنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. 1956- يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىدا، ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ مۇئاۋېن باش شىتاپ باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك لى كېنوڭ شياڭ يۈنيەنگە مو شيوڭنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىپ دۆلەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى. مارشال يې جيەنيىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىغا ۋاكالىتەن زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ئىككى تۆھپىكارنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ جوڭگۇ ئىنقىلابىغا قوشقان زور تۆھپىسىنى مەدھىيىلىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئىشلەنگەن «ئۈن- تىنسىز قەھرىمانلار » ناملىق كىنودا مەخسۇس بۇ ئىككەيلەننىڭ ئاشۇ تارىخىي تۆھپىلىرى تەسۋىرلەنگەن.
شۇ قېتىمقى ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەن باش قەھرىمان مو شيوڭ 1935- يىلى گۇيجۇدىكى بىجيېنىڭ ۋالىلىقى، قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىقىغا يۆتكەلدى. كېيىن، خې لوڭ باشچىلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايوندىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ” كومپارتىيىگە باغلانغان“ دىگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى، كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېين، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى نەنشيوڭ ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەندى. كېيىن يەنە قاماققا ئېلىنغان يۈزگە يېقىن كومپارتىيە ئەزاسىنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 7- ئۇرۇش رايونى 2- زەربىدار كالوننانىڭ قوماندانى، شاۋگۇەننىڭ ۋالىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى. ئازاتلىقتىن كېيىن، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1980 يىلى 2- ئايدا، كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. شياڭ يۈنيەن كېيىن قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشتى. يول ئۈستىدە پارتىيە تەرىپىدىن شياڭگاڭ، شاڭخەيلەردە ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللنىشىقا ئەۋەتىلدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە يەنئەنگە قايتىپ كەلدى، كېيىن ھەر خىل ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەڭ قىلىپ شەرقىي شىمالغا باردى. سوڭجياڭ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سانائەت نازارىتى، رىۋىزىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋېن نازىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1978- يىلى 10- ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

(مەنبە: « جوڭگۇ، چەتئەل تەرمىلىرى» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرىتى:+10(Yawuz) مۇكاپاتلاشق ..
  • ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
    UIDنومۇرى: 1787
    جەۋھەر يازمىسى: 6
    يوللىغان يازمىسى: 432
    شۆھرىتى: 688 نومۇر
    پۇلى: 4305 سوم
    تۆھپىسى: 100 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 35كۈن بۇرۇن
    جۇڭگودىكى تارىخ دەرسلىكلىرىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ 5- قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشتا مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بوگۇ، لى دې قاتارلىقلارنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەربىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ماۋ زېدۇڭ ئالدىنقى 4 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىش جەريانىدا ئىشلەتكەت " غەرپتىن شەپە بېرىپ، شەرقتىن ھۇجۇم قىلىش "، " دۈشمەننى ئالداپ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈپ، قورشاپ يوقىتىش " قاتارلىق ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تاكتىكىلاردىن ۋاز كېچىپ، دۈشمەنگە قارشى ئىستىھكام ئۇرۇشى قىلىش نەتىجىسىدە مەغلۇپ بولغانلىقتىن ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولغان دەپ سۆزلىنىدۇ، بۇنداق بىر مۇھىم ئاخباراتقا ئېرىشىپ ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇزۇن سەپەر قىلىش تەدبىرىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىدەك تارىخ ھىچقانداق تارىخ دەرسلىكلىرىدە ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنمىغان. قارىغاندا تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ.
    yol
    تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 8580
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 9
    شۆھرىتى: 125 نومۇر
    پۇلى: 65 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
    2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 35كۈن بۇرۇن
    قىزىل ئارمىيىنىڭ بوگۇ، لى دېلارنىڭ سولچىل تەۋەككۈلچىلىك لۇشەنى تۈپەيلىدىن گومىنداڭنىڭ 5- قېتىملىق " قورشاپ يوقىتىش"نى تارمار قىلالماي ئاندىن ئەسلىدىكى تايانچ بازىلارنى تاشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقى راست. بۇ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەپ. ماقالىدىكى ئاخبارات مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇ ئۇزۇن سەپەرگە تۈرتكە بولغان بىۋاستە سەۋەپ. ناۋادا، بۇ ئاخبارات يەتكۈزۈش ھەركىتى بولمىغان بولسىمۇ ئۇزۇن سەپەر چوقۇم ئېلىپ بېرىلاتتى، چۈنكى، گومىنداڭ قوشۇنى تايانچ بازىلارنى قورشاپ بولغان، قىزىل ئارمىيە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى. ماقالىدا ئېيتىلغان ئاخباراتنىڭ رولى شۇ بولغانكى، قىزىل ئارمىيە گومىنداڭنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالدىن بىلىۋېلىپ، گومىنداڭ قوشۇنى " چىلەك پىلانى" نى تولۇق يولغا قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەن شارائىتتا، شىمالغا يۆتكىلىش ھەركىتى بولغان ئۇزۇن سەپەرنى ئالدىن ئېلىپ بېرىپ، زور تالاپەتنىڭ ئالدىنى ئالغان. دىمەك، شۇ قېتىمقى ئاخبارات يەتكۈزۈپ بېرىش ھەركىتى بولمىغان بولسا، قىزىل ئارمىيە بىخۇت ھالەتتە تۇرۇپ قېلىپ، گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ قاتمۇ- قات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالاتتى- دە، كېيىنكى ئاقىۋاتنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولاتتى.
    yol
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 1514
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 1
    شۆھرىتى: 6 نومۇر
    پۇلى: 5 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-25
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-26
    3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن
    ئۇزۇن سەپەر توغرىسىدا <ئاڭلاپ باقمىغان ھىكايە> دىگەن بىر كىتاپ بار .ئاپتۇرى ئامىركىلىق
    ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان .1990يىللىرى نەشىردىن چىققان كىتاپقۇ دەيمەن .بىر قېتىم ئوقۇپ قويغۇچىلىگى بار ياخشى كىتاپ
    دەرىجىسى: ياساۋۇل
    UIDنومۇرى: 4462
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 41
    شۆھرىتى: 130 نومۇر
    پۇلى: 390 سوم
    تۆھپىسى: 1529 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-27
    4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
    qoute
    - قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    ئۇزۇن سەپەر توغرىسىدا <ئاڭلاپ باقمىغان ھىكايە> دىگەن بىر كىتاپ بار .ئاپتۇرى ئامىركىلىق
    ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان .1990يىللىرى نەشىردىن چىققان كىتاپقۇ دەيمەن .بىر قېتىم ئوقۇپ قويغۇچىلىگى بار ياخشى كىتاپ

    راس دەيسىز مەن بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن بۇكىتاپنى
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 8739
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 4
    شۆھرىتى: 30 نومۇر
    پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-07
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-19
    5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 32كۈن بۇرۇن
    لىكىن مەن بۇ كىتابنى بىلمەيدىكەنمەن نەدىن سىتۋالغىلى بولار

            سىلەرنىڭ ئۇچۇر ،يازمىلىرڭلارغا كۆپ رەھمەت...
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
    UIDنومۇرى: 1760
    جەۋھەر يازمىسى: 4
    يوللىغان يازمىسى: 316
    شۆھرىتى: 1230 نومۇر
    پۇلى: 3020 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 32كۈن بۇرۇن
    ئۇ ئاخبارات يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا قىزىل ئارمىيە گومىنداڭنىڭ ئىستىھكامىلىرىغا قارشى ئىستىىھكام ياساپ ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئۇرۇش قىلىپ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ تەييارلىقلىرى 1934 - يىلى يازدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان . شياڭ يۈنيەن ئاخباراتنى 1934 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەتكۈزۈپتۇ . ئۇزۇن سەپەر 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باشلانغان . بۇ يازما تارىخىي پاكىتلارغا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن .
    يۇقۇرىدا ئېيتىلغان " ئۇزۇن سەپەر - ئاڭلاپ باقمىغان ھىكايىلەر " دېگەن كىتاپنى كۆرۈپ باقساڭلار بۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ .
    yol
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 7523
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 83
    شۆھرىتى: 507 نومۇر
    پۇلى: 840 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 30كۈن بۇرۇن
    توغرا يولدىن تايغاندىكىن مەغلۇپ بۇلىدىغان گەپ
    yol
    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !