ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 533
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-07-31
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن

 ماۋزېدۇڭ شىڭ شىسەيگە ئۆز قەلىمى بىلەن خەت يازغانمۇ؟

شىڭ شىسەي شىنجاڭدىكى مىللىتارىست. ئۇ ئىلگىرى ياپۇنيەدە ئوقۇغان. 1930-يىلى كۈزدە ئاچكۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.1931-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى جىن شۇرىننىڭ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرشىغا قاتنىشىپ ئۇنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن.كىيىن ما جۇڭيىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بارا-بارا ھوقۇقنى ئىگەللەپ،ئاخىردا شىنجاڭ چىگرا مۇداپىيە دۇبەنى،قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ياتلارنى سىقىپ چىقىرىشتا چىڭ تۇرغان. ئۇ ئىلگىرى ئىنقىلاپ تۇنىغا ئورىنىۋىلىپ فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش،سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش،كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىشى سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.سوۋىت-گىرمان ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كىيىن، بىر سەكرەپلا سوۋىت ئىتتىپاقى،كومپارتىيەگە قارشى گومىنداڭغا يۆلىنىدىغان ئەكسىيەتچىگە ئايلانغان.شىڭشىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئارقا-ئارقىدىن كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ھەققىدە ئەنزە ئويدۇرۇپ چىقىپ ئىككى قولىنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن بويىغان.ماۋ زېمىن،چىن تەنچىۇ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈپ قان قەرزگە بوغۇلغان.

مۇشۇنداق بىر ئەسەبىي جاللات، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن دائىم ھەر خىل خامىلىيۇنچە ۋاستىلەرنى قوللانغان. 1949-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىنىڭ خاراپلىشىشىغا ئەگىشىپ،تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن،ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ ماقالىلەر يېزىپ ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۋەتمەكچى بولغان.

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى شىڭ شىسەي ئامېرىكىلىق ئېلىن دېگەن كىشى بىلەن بىرلىشىپ "شىنجاڭ پىشكىمۇ ياكى مەركەزمۇ" دېگەن بىر كىتاپ يازغان. كىتاپتا ماۋزېدۇڭنىڭ شىڭ شىسەيگە يازغان بىر پارچە جاۋاپ خېتى بېسىلغان. كىيىن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم نەشرىياتلار تەرپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەرلەردىمۇ بۇ خەت سىتاتا قىلىپ ئېلىنغان. خەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق:

قەدىرلىك شىڭ دۇبەن:

تېڭ دەييۇەن بىلەن جۇۋ شىياۋجۇۋ 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سىزنىڭ خېتىڭىز، سۆرىتىڭىز شۇنداقلا ماڭا سوۋغا قىلغان خۇرۇم چاپاننى ئېلىپ كەلدى. سىزگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن.

ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ ئەمىلىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ رايۇنى مۇقىملىققا قاراپ يۈزلەندى. بۇنى سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سىز قەيسەرلىكىڭىز ۋە پاراسىتىڭىز بىلەن بۇ بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلىدىڭىز، ھەمدە شىنجاڭدىكى خەۋپ-خەتەرنى يەنە بىر قېتىم تېنچلاندۇردىڭىز. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دۈشمەنگە قارىشى كۆرىشىمىزدە، سىز پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مىللىتىمىزگە ئۇلۇغ نامايەندە تىكلەپ بەردىڭىز. مەن سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىزنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرۇشىمىزنى يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

  سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان كادىرلارنى شىنجاڭدا تۇرۇشقا ئەۋەتىمەن. بەلكىم سىز ھازىر بىزدە ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىگىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدىڭىز. دېخۇاغا يىتىپ بارغان كىشىلەر ئىچىدە شۈ مىڭچىيۇ ئۇ يەردە قېلىشقا ئاللىقاچان مېنىڭ رۇخسىتىمنى ئېلىپ بولدى. جۇڭ شىپىڭ سىزگە خىزمەت قىلىشنى خالايدىكەن. مەن سىزنىڭ يولداش دېڭ فا بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشى توغرلۇق مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

  سىزنىڭ سېخىلىق بىلەن سوۋغا قىلغان نەچچە مىڭ خۇرۇم پەلتونىڭ بىر قىسمى ئاللىقاچان يەنئەنگە كېلىپ بولدى. مەن يەنە بىر قېتىم سىزگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئىپتىخارلانغان ھالدا سىزگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، بىز دۈشمەنگە قارىشى كۆرەشتە كەينى-كەينىدىن غەلبە قىلدۇق.پەقەت دوست پارتىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلمىدۇق. بىز ئىتىپاقلىشىپ،كۆرەش قىلىپ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى چىگرا رايۇن ۋە نىڭشىياغا ھۇجۇم قىلىش غەرزدە بولماقتا. ئەگەر بۇ ئىككى رايۇن قولدىن كەتسە، گەنسۇ ۋە شىنجاڭ رايۇنلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق قاتناش يولى ئۈزۈلىدۇ. ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن،شىنجاڭ بىلەن يەنئەن كۈچىمىزنىڭ بارىچە بۇ قاتناش يولىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  سىز يولداش جۇدېغا ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىپسىز. سىزگە بىر نەزىرىيەشۇناس تېپىپ بېرىش ناھايىتى تەس،لىكىن مەن چوقۇم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىمەن. ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

                                            ھۆرمەت بىلەن:ماۋزېدۇڭ

                 1942.2.4



شۇنداق 1998-يىلى لەنجۇ ئۈنۋېرسىتى نەشرىياتى لىياڭ رېن تۈزگەن "جاھانغا پاتمىغان زومىگەر-شىڭ شىسەي" دېگەن بىر كىتاپنى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاپتا يۇقىرقى خەت نەقىل ئېلىنغان. يەنىلا "شىنجاڭ پېشكىمۇ ياكى مەركەزمۇ" دېگەن مەنبەگە كەلسەك، بۇ خەت توغرلۇق پارتىيەمىز نەشرىياتى ياكى مەتبۇئاتلىرىدىكى تارىخىي ماتىرىياللاردا بۇ خەتنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى نۇسخىسى ياكى فوتۇ باسمىسىنىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارلانغىنىنى تېپىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭىلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىملار بۇ خەتنىڭ راست-يالغانلىقىغا گۇمانى پوزىتسىيەدە بولوپ كەلدى. شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى تارىخ پەنلىرى پروفىسورى ۋېي جاڭخۇڭ بۇ خەت شىڭ شىسەينىڭ ئويدۇرمىسى دەپ قارىدى. تارىخى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، بۇ خەتنىڭ گۇمانلىق يېرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچى، ئەدەبىي ئۇسلۇبى ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇسلۇبىغا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.

ئىككىنچى، 1937-يىلى 11-ئايدا جۇۋ شىياۋجۇۋ،لى تىيەنخۇەن،لى شىيەنيەن،زىڭ چۇەنلىيۇ،گوتىيەنمىن قاتارلىقلار دېخۇادىن يەنئەنگە قايتقان. تېڭ دەييۇەن قاتارلىق 15كىشى بولسا، شۇ يىلى 12-ئايدا يەنئەنگە قايتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خەتنى ئېلىپ كېلىشى مومكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت يىلدىن كىيىن ماۋزېدۇڭنىڭ جاۋاپ خەت يېزىشىممۇ كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ.

ئۈچىندىدىن، "شىنجاڭ بىر پىشكىمۇ ياكى مەركەزمۇ" دېگەن كىتاپقا بۇ خەتنى باسقان ۋاقىتتا، ئالدى قىسمىغا مۇنداق بىر ئىلاۋىنى قىستۇرۇپ قويغان: 1941-يىلى يىل ئاخىرى شىڭ شىسەي يەنئەنگە مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى تەلەپ قىلىپ بىر پارچە تىزىملىك ئەۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ماۋزېدۇڭنىڭ جاۋاپ خېتى كەلدى. بۇ يەردە بىر يۇچۇق بار. چۈنكى بۇخەتنىڭ باش قىسمىدا جۇۋ شىياۋجۇۋ،تېڭ دەييۇەنلەر بۇ خەتنى ئېلىپ كەلدى دېيىلگەن. لىكىن تېڭ دەييۇەن 1937-يىلى12-ئايدا يەنئەنگە قايتىپ مەركىزى ھەربىي كومېتىت ۋە 8-ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن،شىنجاڭغا قايتا بارمىغان. جۇۋ شىياۋجۇۋمۇ يەنئەنگە قايتقاندىن كىيىن ماۋزېدۇڭنىڭ كاتىپى بولغان، خېبىي قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلىپ تاكى ياپۇنغا قارىشى ئۇرۇش غەلبە قىلغانغا قەدەر شىنجاڭغا قايتا كېلىپ باقمىغان.قانداق قىلىپ 1941-يىلى بۇ ئىككەيلەن ماۋزېدۇڭغا شىڭ شىسەينىڭ خېتىنى ئېلىپ بارالىسۇن.

تۆتىنچىدىن، جاۋاپ خەتتە "شۈ مىڭچىيۇ ئۈ يەردە قېلىشقا رۇخسەت ئالدى'دېيىلگەن. شۈ مىڭچىيۇ شىنجاڭدا مېڭ يىمىڭ دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان. ھازىر ساقلانغان ھۆججەت ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاەقىتتا پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەت-چەكلەردە تەخەللۇس قوللىنىلغان. ئەسلى ئىسىم قەتئىي قوللىنىلمىغان. ئەمما بۇ خەتتە ئەسلى ئىسىم بىۋاستە قوللىنىلغان. شۈ مىڭچىيۇ ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ شەنشىنىڭ شىمالىغا كەلگەندە، ئىككى پۇتى ئۈششۈپ قالغاچقا، بارمىقىنى كەستۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان. سۆۋىتكە بېرىپ كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇ جۇڭ چىيىڭ،خې زىجېن،لىيۇ يىڭ قاتارلىقلار بىلەن شىنجاڭدىن ئۆتكەن. شىڭ شىسەينىڭ تەلىپى ھەمدە پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن شۈ مىڭچىيۇ مېڭ يىمىڭ تەخەللۇسى بىلەن شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلغان ھەمدە 1938-يىلى1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئىگىرى كىيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى،شىنجاڭ شۆيۇەننىنىڭ مۇدىرى،مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىڭ شىسەي بىلەن يەنئەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ مېيىپلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان. 1942-يىلى شىڭ شىسەي "ئەكسىل ئىنقىلابى توپىلاڭ دىلوسى"نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئىككىنچى يىلى5-ئايدا خائىن دەپ قارىلانغان. تارىخىي ماتىرىياللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، 1942-يىلى 2-ئايدا شۈ مىڭچىيۇنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلغىنىغا تۆت يىل،مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇلغىنىغا ئالتە ئاي بولغان ۋاقىت ئىدى. بۇ خەتە يەنىلا شۈ مىڭچىيۇنىڭ شىنجاڭدىكى دەسلەپكى ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ھەقىقەتەن غەلىتە.

بەشىنچىدىن،بۇ خەتتە ماۋزېدۇڭنىڭ شىڭ شىسەي بىلەن يولداش دېڭ فانىڭ شۈ مىڭچىيۇ، لىيۇ شىپىڭلارنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش ئىشىنى مۇزاكىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى يەنە بىر گۇمانلىق نوقتا. تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشچە، دېڭ فا 1937-يىلى 9-ئايدا بۇيرۇققا بىنائەن چىن يۇەننىڭ ئورنىغا جۇڭگۇ كوپمارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1938-يىلى-ئايدا فاڭ لىن دېگەن تەخەللۇس بىلەن دېخۇاغا يىتىپ كەلگەن. 1939-يىلى5-ئايدا چىن تەنچىيۇ(شۈ جىيې تەخەللۇسى بىلەن) سوۋىت ئارقىلىق دېخۇاغا يىتىپ كەلگەن. 6-ئايدا پارتىيە مەركىزى كوممىتىتى تېلېگرامما يوللاپ ئۇنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ دېڭ فانىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۋىلىشقا تەييارلىق قىلىشىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1939-يىلى11-ئايدا دېڭ فا يەنئەنگە قايتىپ 1946-يىلى بەختسىزلىككە ئۇچىرىغان. دېڭ فا كىيىن شىنجاڭغا قايتا كېلىپ باقمىغان. بۇ خەتنى يازغان ۋاقىتتا، دېڭ فا ئاللىقاچان شىنجاڭدىن ئايرىلىپ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. بۇنى يولداش ماۋزېدۇڭ ئەلۋەتتە بىلىدىغان تۇرسا،قانداق قىلىپ خەتتە "شىڭ شىسەي بىلەن دېڭ فانىڭ مەركىزى كوممېتىتنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خادىملىرىنىڭ ئىشى توغرلۇق سۆزلىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرسۇن".

شىڭ شىسەينىڭ بۇ خەتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋاقتى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بولۇپ، تەيۋەندە تۇرىۋاتقان شىڭ شىسەي ئون نەچچە يىل ئىگىركى ئىشلارنىڭ يىل دەۋرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاچقا مۇشۇنداق ھەر خىل يۇچۇقلارنى قالدۇرغان بولىشى مومكىن. شىڭ شىسەينىڭ بىر ئۆمۈر يالغان گەپ ئويدۇرۇپ،ئۆزىنى نىقاپلاپ، خەلىقنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن سىياسەتۋاز ئىكەنلىكىدەك پاكىت بىلەن بىرلەشتۈرسەك،كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشى ھەقىقەتەن ھەقلىق.

شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرىياتى تەرپىدىن 2006-يىلى نەشىر قىلىنغان،ياڭ شىنسەي تۈزگەن"شىنجاڭنىڭ سىرى" ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى :لوپنۇرى

بۇ ماقالە لوپنۇرى بىلوگىغا تەۋە، ئەگەر كۆچۈرۈپ باشقا تۆر بەتكە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

2009-1-27

  ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://lopnuri.blogbus.com/logs/34359886.html
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇلى:+10(Yawuz) مۇكاپاتلاشق ..
  • دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 94
    جەۋھەر يازمىسى:
    يوللىغان يازمىسى:
    شۆھرىتى: 0 نومۇر
    پۇلى: سوم
    تۆھپىسى: نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-02
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
    1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 32كۈن بۇرۇن
    بەك مۇھىم تارىخى پاكىت ئىكەن  رەھمەت جاھاندىكى   قاغىلارنىڭ ھەممىسى قارا  دىگەن گەپ بار
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 9161
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 2
    شۆھرىتى: 20 نومۇر
    پۇلى: 10 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-03
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-03
    2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
    بىزنى يېڭى بىر تارىخى مەزمۇندىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! رەھمەت.
    terjime guruppisi
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 845
    جەۋھەر يازمىسى:
    يوللىغان يازمىسى:
    شۆھرىتى: 0 نومۇر
    پۇلى: سوم
    تۆھپىسى: نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-10-30
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
    3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 7كۈن بۇرۇن
    سىياسىي دىگەندە دوس دۈشمەن بولمايدۇ....ئورتاق مەنپەت بولغاندا دوس يوقالغاندا دۈشمەن.





    www.tajikam.cn
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 9164
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 1
    شۆھرىتى: 15 نومۇر
    پۇلى: 5 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-03
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
    4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
    گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان،پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !