• «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
بۇ بەتتىكى تېما:تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە① | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە①

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 Yawuz 设置为精华(2009-03-11)
تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە①
بارتولىد (روسىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى : ئادىل ئابدۇقادىر
بىرىنچى لېكسىيە
تۈرك مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ، بولۇپمۇ ئورقۇن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى (8- ئەسىردىكى ) ھەم ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا
        ئورقۇن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ تەتقىقاتى يېتەرلىك بولمىغان . مەسىلەن ، كۆلتېگىن (Kul-Tègin) نىڭ جەڭ نەتىجىلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر ئابزاستا دۈشمەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا 100 دىن ئارتۇق ئوقيا ئوقى ئاتقانلىقى ، ئۇنىڭyarikinda yalmasindaغىلا تەگكۈزەلىگەنلىگى تىلغا ئېلىنىدۇ . تومسىن بۇنى «ئۇنىڭ ساۋۇت ھەم (يېرىم)ئاي شەكىللىك دوبۇلغىسىغا ئوق تەگكۈزدى»②دەپ يەشكەن . تومسىن بۇ جايدا yalmasinda نى ئىككى سۆز قىلىپ ، يەنىay almasinda «(يېرىم)ئاي شەكىللىك دوبۇلغا» دەپ يەشكەن (شىر دانىيە تىلىدىن تەرجىمە قىلغان تومسىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە ئەسىرى «موڭغۇل قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنىڭ تەرجىمىسى ھەم ئۇنىڭغا كىرىش سۆز»گە قارالسۇن ).
نۇرغۇن تۈركىي ئەمەل ناملىرى تۈركىيچە ئەمەس . «xad» (خانلىق ئوردا ئەزالىرى ئۇستىگە ئالىدىغان مەلۇم بىر قىسىم رەھبەرنىڭ ئاتىلىشى ) ئىران تىلىدىن كىرگەن بولۇپ ئۇ پارىس تىلىدىكى «xah»بىلەن مەنبەداش . گاۋسوت(gauthiot) ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى سۇغدى يېزىقىنىڭ قەدىمكى شەكلىدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن ، دەپ قارايدۇ .
مانى دىنى زەردۇش دىنى ئىدىيىلىرى بىلەن خرىستىئان دىنى ، بۇددا دىنى ئىدىيىلىرىنى بىر لەشتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان .
————————————
①    گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ نېمىسچىدىن ئىشلىگەن خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى .
  مەنبە : «بۇلاق» ژورنىلى 2003- يىلى 1 - سانىدىن .

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-07 13:47 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئىككىنچى لېكسىيە

تۈركىي خەلقلەر ھەم ئۇلارغا يېقىن مىللەتلەر ، شۇنداقلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە تىل مۇناسىۋىتى

ياۋروپا ئالىملىرى خەنزۇچە يېزىلغان تارىخىي ماتېرىياللاردىكى «溪» نى ئورقۇن – تۈرك يادىكارلىقلىرىدىكى Tatabi بىلەن تەڭ دەپ قارايدۇ . چۈنكى خەنزۇچە يادىكارلىقلاردا كىدان (契丹) ھەم溪دائىم بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ ، ئەمما ئورقۇن يادىكارلىقلىرىدا كىدان بىلەنtatabiدائىم بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ .
پېللىئوت لېنىنگىراتتا بەرگەن بىر قېتىملىق دوكلاتىدا خەنزۇچە يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە بىر سىيانپى تىلى لۇغىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان . مۇشۇ كىتاپقا ئاساسلانغاندا ، سىيانپى تىلى تۈرك تىلى بولىشى كېرەك . ( شىردىش مۇنداق ئىزاھلىغان : پېللىئوت يېقىندا مۇشۇ مەسىلە ئۇستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن : مەن سىيانپىلارنىڭ توڭغۇسلار ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن ، بىراق ئۇلارنى چوقۇم تۈرك ياكى موڭغۇل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرەلمەيمەن »، « ئاسىيا ئېلمىي ژورنىلىغا قاراڭ .1934-[224]،3.A35 )
ئاۋار (需需) دېگەن بۇ ئىسىم ئورقۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ ، بەزىلەر ئورقۇن ئابىدىلىرىدە بۇرۇنقى تارىخ بايان قىلىنغاندا بىر قېتىملا ئۇچرايدىغانpar-purum ياكىApar-apurmنى مۇشۇ قەبىلە دەپ قارايدۇ . تومسىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمە قىلغان ئەسىرىدە بۇ سۆزنى ئىككى مىللەتنىڭ نامى قىلىپ تەرجىمە قىلغان ھەم ئايرىم – ئايرىم ھالدا سوراق بەلگىسىنى قوشۇپ قويغان ( شىردىش مۇنداق ئىزاھلايدۇ : purumرىمنى كۆرسىتىدۇ ، پېللىئوت بۇنى 1914 – يىلى ھەل قىلىپ بولغان ) ،( گېڭ شىمىن : بۇ خەنزۇچە ئەسەرلەردە « 拂林 » ) . « شامان» (Schaman) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانKam سۆزى ئورقۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ ( يېنسەي ئابىدىلىرىدەTengriدېگەن سۆزدىن باشقاbelدېگەن سۆز بولۇپ ، ئۇ شامان ئېتىقادىدا ئىلاھنى ئىپادىلىگەن).
ئەرەپ جۇغراپىيەشۇناسلىرى تۈركىي تىلنىڭ  ھەر قايسى شېۋىلىرى ( شىمالىي روسىيە يايلىقىدىكى پېچېنەكلەردىن (peiqeneg) تارتىپ جوڭگۇغىچە )ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەن . پەقەت ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى بۇلغارلار (Bulgar) بىلەن خازارلار (Hazar) نىڭ تىلى ئالاھىدە بولۇپ ، باشقا تۈركىي خەلىقلەر ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ تىلى ھەم فىنلارنىڭ تىلىغا  ئوخشىمايدۇ . ھازىرقى چۇۋاش (Quwax) تىلىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ ، ئۇ تۈركىي تىلغا مەنسۈپ ، بىراق مەيلى تۈركىي خەلقلەر ياكى فىنلار بولسۇن بۇ تىلنى ئۇقمايدۇ .ۋولگا دەرياسىنى بۇلغارلار ۋە خازارلار ئوخشاشلا Etil دەپ ئاتايدۇ . بۇ سۆزنىڭ چۇۋاش تىلىدا « ئېقىن ، دەريا» دېگەن مەنىسى بار ، شۇڭا تۈركىيشۇناسلار چۇۋاش تىلىنى ئومۇمەن قەدىمكى بۇلغارلار ھەم خازارلار تىلىنىڭ قالدۇقى ، دەپ قارايدۇ .
چۇۋاش تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىلىق ئۇزۇن مەزگىللىك تالاش – تارتىش بولغان ، رادىلوف چۇۋاش تىلىنى تۈركىي تىل ھەم فىن تىلى تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ، دەپ قارىغان . كېيىن باشقا ئالىملار چۇۋاش تىلى باشقا تۈركىي تىل شېۋىلىرى ئاللبۇرۇن يوقاتقان قەدىمقى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى تىل قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان ، دەپ قارىدى . ن. پوپپې( N.poppe) مۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش خۇلاسىگە كەلگەن . ئۇ چۇۋاش تىلىنى گەرچە تۈركىي تىل ھەم موڭغۇل تىلىغا ئوخشاش بىر تىل سىسېتىمىسىغا (ئالتاي تىل سىسېتىمىسى) مەنسۇپ بولسىمۇ ، بىراق ئۇ تۈركىي تىلمۇ ، موڭغۇل تىلىمۇ ئەمەس ، بەلكى ئالتاي تىل سىسېتىمىسىدىكى مۇستەقىل ئۈچىنچى تارماق تىل دەپ قارىغان («سوۋېت ئىتىپاقى ئاكادېمىيىسى ژورنىلى » 1925 ، 233-،405 – بەت). مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ن. پوپپې تۆۋەندىكى پىكىرنى توغرا تاپقان: چۇۋاش تىلى تۈركىي تىل ، بىراق چۇۋاش تىلى موڭغۇل تىلى ئاللىبۇرۇن تۈركىي تىلىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ بولغان دەۋردىكى مۇشۇنداق بىر خىل تەرەققىيات مەزگىلىدىكى تىل قالدۇقى . بىراق ، ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان تۈركىي تىللارنىڭ كىتابى تىلى بىلەن دىئالىكىتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى شەكىللىنىپ بولغىنى يوق .
مۇبادا بۇ تىلشۇناسلىقتىن كېلىپ چىققان خۇلاسە پۇت تېرەپ تۇرالىسا ، بۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بار . بۇلغارلار بىلەن خازارلار گەرچە 6 – ئەسىردىن ئىلگىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ، شۇبھىسىزكى ئۇلار 6- ئەسىردىكى تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ بارغان . يەنە مۇنداق بىر نوقتا ھەم ئېنىقكى : ئۇلار بۇ رايۇندا ھونلارنىڭ ئىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مىللەتنىڭ زور كۆچۈش ھەركىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . مىلادىيە 2- ئەسىردە ، يەنى( گرتسىيە ) جۇغراپىيەشۇناس پتولىمائۇس (ptoltmaus) دەۋرىدىلا ھونلار ۋولگا دەرياسىدىن يىراق بولمىغان جايلاردا پەيدا بولۇشقا باشلىغان .  ئىپتىل (Etil) (چۇۋاش تىلى ھەم تۈركىي تىلىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئاتىلىشى ) دېگەن بۇ ئىسىم ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى پەيدا بولمىغان ، بىراق يايىق(yayik) دەرياسى ئۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇ تۈركىي تىل بىلەن ئاتالغان ئەمما بۇ دەريانىڭ نامى پتولىمائۇسنىڭ ئەسەرلىرىدە Daix قىلىپ يېزىلغان . سۆز بىشىدىكىD  نىڭ يەرلىك تىلدا Y غا ئۆزگىرىشى ئېنىقكى، پتولىمائۇس دەۋرىدىن كېيىنكى ئىش . 6- ئەسىردىكى ۋىزانتىيىلىكلەر تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى dochia دەپ يازغان . ئەمما ئورقۇن ئابىدىلىرىدە yogh دەپ يېزىلغان . بىراق ، بۇ بىر نوقتا ھازىرقى زامان چۇۋاش تىلىنىڭ فونېتىكا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، چۇۋاش تىلىمۇ (شەرقىي سىبىرىيە)تاقۇت تىلىغا ئوخشاش ، باشقا تۇركىي تىللاردىكى سۆز بېشىدىكى yبولسا s بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .(گېڭ شىمىن : Daix، dochia دىن ئىبارەت ئىككى قەدىمكى سۆزنىڭ قازاق تىلىدىكى سۆز بېشىدا كېلىدىغانj نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتى بار).  
ئورقۇن يېزىقى ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى (گېڭ شىمىن: ئورقۇن يېزىقىنى 1893 – يىلى دانىيىلىك تىلشۇناس تومسىن ئەڭ ئاۋال ئوقىغان ) رادىلوف 6-8- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ئوغۇز قەبىلىسىگە مەنسۇپ دەپ قارىغاندى (رادىلوفنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ»كە يازغان كىرىش سۆزى ،27 – بەت). مەڭگۈ تاشلار ئوقۇلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ كۆز قارشىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى . ئوغۇز ياكى تۈركىي خەلقلەر ، تۆلەس ، تاردۇش ھەم غەربتىكى تۈركەشلەردىن ئىبارەت بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . ئوغۇزلاردىن باشقا يەنە تۈركىي خەلقلەرمۇ (بىز ھازىر قوللانغان سۆزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى )بار بولۇپ ، ئۇلار :قارلۇق، ئۇيغۇر ، قىرغىزلاردىن ئىبارەت . بىراق كېيىنكى بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. Turk دېگەن بۇ سۆز ئىسلام دىنى ئەسەرلىرىدە ئۇچرىغاندەك ، بارلىق تۇركىي خەلقلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلغان . ئەرەبلەر 7- ، 8- ئەسىرلەردە ئۆزلىرى بىلەن باردى – كەلدى قىلىشقان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارنى Turkدەپ ئاتىغان. ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا ئەگىشىپ ، تۈركىي قەبىلىلەرمۇ ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتاشقا باشلىغان . گەرچە بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىي مىللەتلەر ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتاپ ھەم شۇ تىلدا سۆزلەشمىسىمۇ ، ئەينى دەۋردە شۇنداق قىلغان . ئىسلام دىنى دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۈرك دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ . بۇددا دىنى يازما يادىكارلىقلىرى  بۇ خىل ئەھۋالدىن مۇستەسنا . بۇددا دىنى يازما يادىكارلىقلىرىدا بۇ تىل Turk-uighur تىلى دەپ ئاتالغان . (Turk-uighur tili ، رادىلوف باسقان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئالتۇن يارۇق» ، Ⅰ-Ⅱ، سانپېتىربۇرگ 1913 ، 5 – بەت )
  خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن باشقا ، 11- ئەسىردىكى پارىس تارىخچىسى گەزدىرى بىز ئۇقمايدىغان ، شۇنداقلا تارقالمىغان بىر تارىخىي ماتېريالغا ئاساسەن ئوخشاشلا قىرغىزلارنى قىزىل چاچلىق ، ئاق تېرىلىك دېگەنىدى .
ھازىرقى بەزى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئەسلى تۈرك ئەمەس بولۇپ ، ئورقۇن يازما يادىكارلىقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاز (Az) لار شۇنىڭ قاتارىدىندۇر . بۇ قەبىلە دائىم قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان . بۇرۇن كىشلەر ئۇنىڭ بىر قەبىلە نامى ئىكەنلىگىدىن گۇمان قىلىشاتتى ، مەن باشتىللا بۇ قاراشتا تۇرۇپ كەلگەندىم . تومسىن ھازىرمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ (ئورڭۇن مەڭگۈ تېشى ) ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە ئەسىرىدە ئىزاھلاپ «كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان قەبىلە»دېگەن ئىدى . يېنسەي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن بايقالغان تورۇخان(Turuhan) ناھىيىسىدىكى روسلار خاتا ھالدا ئاتىغانyenissei-ostyak (يېنسەي – ئوستىياك)ئادەملىرىنىڭ قالدۇقى ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن ئوب  (Ob) دەرياسىدا ئولتۇراقلاشقان ostyak (ئوستىياك) لار (فىنلانىڭ بىر تارمىقى) مۇناسىۋەتسىز بولۇپ ، ئومۇمەن ئۇلارمۇ ئالتاي سىسېتىمىسىغا مەنسۇپ ئىدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ Kott  ( كوتت )ياكىassin(ئاسسىن)دەپ ئاتىغان ( بۇ تىلنى 1845-يىلى كاسترېن(Castren) تەتقىق قىلغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئانۇچىنمۇ تەتقىق  قىلغان) yenissei-ostyak ئادەملىرى سامويېد(samoyed) ئادەملىرىگە ئوخشاش بىر مەزگىل كەڭ رايۇنلارنى ئىگىلىگەن بولىشى ، ئورقۇن يازما يادىكارلىقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاز (Az) لارمۇ مۇشۇ قەبىلىگە مەنسۇپ بولىشى مۇمكىن .
قىرغىزلار ئەينى دەۋىردە (ئورقۇن – تۈركلىرى دەۋرىدە ) سىياسى مەنىگە ئىگە بولغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز خاقانى بار ئىدى . قەدىمقى ئۇيغۇر ئورقۇن مەڭگۈ تېشىدا ئايرىم جايلاردىلا تىلغا ئېلىنغان ، بىراق شۇبھىسىزكى ئەينى دەۋردە بۇ مىللەت ئاللىبۇرۇن مەۋجۇد ئىدى . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئالى رەھبىرى ئېلتەبىر دەپ ئاتىلاتتى ، قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشاش خاقان دەپ ئاتالمايتتى . ئەينى دەۋردە ئېلتەبىرلىك خەلق (eltebielik budun) ھەم قاغانلىق خەلق (qaqanliq budun) دەپ ئايرىش بار ئىدى . قارلۇقلارنىڭمۇ قاغانى يوق ئىدى .
سوغدى تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر ئورقۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئىشلىتىلگەن ، شۇنداقلا كېيىن تۈركىي خەلقلەر ھەم موڭغۇللار تەرپىدىن كەڭ قوللىنىلغان . مەسىلەن قاتۇن(katun) قاتارلىق سۆزلەر. مەڭگۈ تاشتا بىر جايدا سوغدىلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، بىر چېكېر بوقاراقۇلۇس(Berqeker bokarakulus)( ئوقۇلىشىدا مەسىلە بولىشى مۇمكىن )لارمۇ تىلغا ئېلىنغان . ماركورت بۇنى «سوغدىلاشقان ئىرانلىق ھەم بۇخارالىقلار»(«ماركورت «قەدىنقى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى يىلنامىسى تەتقىقاتى»،32-بەتنىڭ تۆۋىنىدە ) دەپ تەرجىمە قىلغان . «ئۇلۇس» دېگەن بۇ سۆزنىڭ «خەلق» مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى مەڭگۈ تاشتا ئۇچرىمايدۇ (گەرچە ئۇ قەدىمكى دىنىي يازما يادىكارلىقلاردا ئىشلىتىلەەن بولسىمۇ ). پارس (parsi)دېگەن بۇ سۆزنىڭ بېرچېكېر(Berqeker) گە ئۆزگىرىشىنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن چۈشبندۈرگىلى بولمايدۇ ، بىراق ماركورتنىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشى (گەرچە كەينىگە سوراق بەلگىسى قويۇلغان بولسىمۇ ) يەنىلا كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى .
شەرقىي ھەم غەربىي تۈركىستان ئەسلىدىنلا تۈركلەرنىڭ ماكانى ئەمەس ئىدى، يەرلىك خەلقنىڭ تۈركىيلىشىش جەريانى بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ (كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن بۇرۇلۇپ )مۇقۇم ئولتۇراقلىشىشى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك . ئىككى جاي(بۇ جەريان)ئوخشاشلا شەرقتىن غەربكە قاراپ تەرەققىي قىلغان ، نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولغان . شىنجاڭدا ئالدى بىلەن توققۇز ئوغۇز خانلىقى (گېڭ شىمىن:تۈرك خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ) قۇرۇلغان . قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى يىمرىلگەندىن كېيىن ، زور تۈركۈمدىكى تۈركىي خەلقلەر بۇ زېمىنغا كىرگەن . بالىق(شەھەر)ھەم بەشبالىق دېگەن سۆز ئەڭ بۇرۇن ئورقۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئۇچرايدۇ . 11 – ئەسىردىكى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئەسىرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» (گېڭ شىمىن: تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋانى» دېيلىدۇ) دا بالىق دېگەن سۆزگە «سېغىز توپا»دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. شەھەر دېگەن سۆز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلىدۇ .بۇ خۇددى ئەرەبلەر چارۋىچىلارنى ئەھلال ۋابار(تېرلىك ئادەملەر )، مۇقۇم تۇرالغۇلۇقلارنى ئەھلال مادار(سېغىز توپىلىق ئادەملەر)دەپ باشقۇرغانغا ئوخشايدۇ . ئەينى دەۋردە بەشبالىقتا ئولتۇراقلاشقان تۈركىي خەلقلەر باسمىللار بولۇپ ، ئالدى بىلەن شۇلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا يۇزلەنگەن ھەم ئەسلىدىكى يەرلىك خەلق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن .شۇڭا ، مەھمۇد كاشىغەرى باسمىللارنى ساپ تۈركىي خەلق ئەمەس دەيدۇ .
  داۋامى بار  

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 21:25 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈچىنچى لېكسىيە(ئەسلى كىتاب 41 -  58 – بەتكىچە )
تۈرك ئوغۇز قاغانى نامىدا يېزىلغان ئورقۇن مەڭگۈ تېشىدا خاقان ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەم بولۇپ ، ھەر قانداق تەھدىتتىن خالى ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان . بىراق، خاقان ئۆلگەندىن كېيىنكى ئون يىلدا (745-يىلى)قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى . شۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى ، ئوغۇزلارنىڭ غەربىي تارمىقى (غەرب تۈركلىرى)مۇ ئەرەپلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە سىياسىي جەھەتتىكى بىرلىكى ھەم خاقانىدىن مەھرۇم قالدى .
خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردىن غەربىي تۈركلەرنىڭ ئون ئۇرۇققا بۆلۇنىدىغانلىقى ، بەش ئۇرۇقنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا ، بەش ئۇرۇقىنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىگىنى بىلىمىز . بۇ ئورقۇن مەڭگۈ تېشىدا «ئون ئوقلار »دەپ ئاتالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركەشلەر ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ ، غەربىي تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قانچە خاقانى مۇشۇ قەبىلىدىن كېلىپ چىققان . ئەرەبلەر ئەينى دەۋردە ئاساسلىقى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يايلاققا ئېچكىرلەپ يۈرۈش قىلمىغان . ئەينى دەۋردە (غەربىي)تۈرك خاقانىنىڭ چېدىرى چۇ دەرياسىدا بولۇپ ، غەربىي تۈرك خاقانىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىشى ھەم ئۆلۈپ كېتىشى (سىر دەرياسى ) خانلىقىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . قالايمىقانچىلىق بىر مەزگىل داۋاملاشتى . 766 – يىلى باشقا بىر تۈرك قەبىلىسى – قارلۇقلار، تۈرك ئوغۇزلىرىنىڭ چۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئورنىنى ئىگىلىدى .
ئەرەبلەر  705 – 715 – يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇردى . ئەينى دەۋردە قۇتەيبى ئىبنى مۇسلىم خۇراساننىڭ ۋالىيسى ئىدى . ئورقۇن مەڭگۈ تېشىدىن شەرقى تۈرك (خانلىقى) ھەر بىر مەزگىل تۈركەش خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكى ھەم ئەسكەر ئىشلىتىپ تۆمۈر قوۋۇقىغىچە ، يەنى بوزگالا(Buzghala) قوۋۇقىغىچە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . ئەينى دەۋردە بۇ يەر سوغدى ھەم تۇخارىستاننىڭ چېگرا سىزىقى ئىدى .
پەقەت خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 745 – يىلى موڭغۇلىيەدىكى تۈرك – ئوغۇز خانلىقىنىڭ ئورنىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورنىمۇ ئورقۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، يەنى كېيىنكى موڭغۇللار قاراقۇرۇم شەھىرىنى قۇرغان جايدا ئىدى . ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش خارابىلىكى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇكى ، ئۇنىڭ كۆلىمى موڭغۇللار دەۋرىدىكىگە قارىغاندا ، خىلىلا چوڭ ئىدى . قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى يۈز يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ تۇردى ، 840 – يىلى قىرغىزلار   تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇلار شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى ھەم مۇقىم ئوليۇتاقلاشقان شەھەر تۇرمۇشىغا قەدەم قويدى . شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا گەرچە مىللەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ ، لېكىن بىرىنچى تۈركۈمدە تۈركلەردىن ئولتۇراقلاشقان باسمىللار ئارسىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنە داۋاملاشتۇرۇلدى ، ئورقۇن يازما يادىكارلىقلىرىدا باسمىل خانلىقىنىڭ ئاتىلىشى ئىدىقۇت ( مۇقەددەس ، شانۇ شاۋكەتلىك دېگەن مەنىدە ) دەپ تىلغا ئېلىنغان . تۈرك تىلىدىكى «قۇت»دېگەن سۆز ھۆكۈمرانلارغا ئىشلىتىلگەندە ، ياۋرۇپادىكى ماجىستات (ئالىيلىرى) دېگەن مەنىدە ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىن 13 – ئەسىردە بۇ رايۇننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر خانى «ئىدىقۇت » شەكلىدىكى بۇ بىر نامنى يەنلا ساقلاپ قالدى .
شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم موڭغۇل يايلىقىدىكى تۈرك ئوغۇزلىرى خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەردە «يايلاق خەلقى» دېگەن مەنىدە شاتۇ دەپ ئاتالدى . تۈركلەرنىڭ بۇ بۆلىكى 9- ئەسىرنىڭ بېشىدا بېشبالىق رايونىنى ئىگىلىگەنىدى ، ئۇنىڭدىن كېيىن غەربتىكى ئوخشاش ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدا ، يەنى شەرققە كۆچكەن بولىشى مۇمكىن . ئۇلار بۇ جايدا 9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا  جۇڭگونىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىغا پائال قاتنىشىپ ،  جۇڭگو پادىشاھىنىڭ خانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى ، 10 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنى ئىگىلىگەن كىچىك خانلىق سۇلالىلەر قاتارىدا شاتۇ خانلىقىمۇ  بار ئىدى (ئۇچ شاتۇ خانلىقىغا ئالاقىدا ماتېرىيالنى ساۋەننىڭ «غەربىي تۈرك تارىخىي ماتېرىيالى»غا قاراڭ ).
9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى قىرغىزلار موڭغۇل يايلىقىدىن قوغلىغاندىن كېيىن ، ئۇلار بېشبالىققا كېلىپ شۇ جايدا ئولتۇراقلاشتى . بۇ 860 – يىللىرى ئەتراپىدا يۇز بەرگەن ۋەقە بولۇپ ، ئۇلار بۇ جايدا قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى ، بۇ خانلىق موڭغۇللار دەۋرى 14 – ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گەنجۇ رايونىغا يېتىپ باردى ، بۇ ئىشتىن ئىلگىرى  جۇڭگو بىلەن تىبەتلەر بۇ رايوننى تالىشىۋاتاتتى 11 – ئەسىردە تىبەتلەرنىڭ بىر بۆلىكى بولغان تاڭغۇتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن بۇ رايوننى تارتىۋالدى ھەم تاڭغۇت دۆلىتىنى قۇردى ، ئۇلار كېيىن موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقىتىلدى ، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار گەرچە شۇنىڭدىن باشلاپ سىياسىي جەھەتتىكىمۇھىملىقىنىقولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن تاكى بۈگۈنكىچە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى  (گېڭ شىمىن :يۈگۈزۇ <سىپرىت ئۇيغۇرلار>) ھەم ئۇلارنىڭ تىلى (بىر خىل قەدىمقى تۈرك تىلى )ساقلىنىپ قالدى ، پەقەت مۇشۇ گەنجۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلىرى ئارسىدىلا ئورقۇن يازما يادىكارلىقلىرى ھەم قەدىمكى ئۇيغۇرلار يازما يادىكارلىقلىرىدىكى ساناق ساناش ئۇسۇلى ساقلىنىپ قالغان .
قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ قەدىمكى تۈرك ئوغۇزلىرىغا ئوخشاش ، تارىخىي مەڭگۈ تاشلارنى قالدۇرغان ، بىراق ساقلىنىشى مۇكەممەل ، قىممىتى بارلىرى پەقەتلا مەڭگۈ تاشلارنىڭ خەنزۇچە يېزىقىدىكى قىسمى ( گېڭ شىمىن : «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى »نى كۆرسىتىدۇ ) . ئۇنىڭدا خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلغىنىدەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئوغۇزلىرىغا ئوخشاش يەنىلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقى ، شۇنداقلا بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ھەم ئۇچرىمىغانلىقى ، بەلكى ئۇلار غەربتىن كەلگەن دىن – مانى دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە ئىسپات بار . شۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇددا دىنى ھەم نىستورىئان دىنىغا ئوخشاشلا ، مانى دىنى ئالدى بىلەن سوغدىلار ئارسىدا تارقالدى ، كېيىن بۇ دىن بۇ مىللەتنىڭ سودا جەھەتتىكى پائالىيەتچانلىقى بىلەن دىن سۇپىتىدە تارقالدى خەنزۇچە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى بىلەن بىللە ( ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا بەيئەت قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار بار ) شۇ يادىكارلىقتا يەنە سوغدىچە يادىكارلىقلارمۇ بايقالدى  ( ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ بەكلا بۇزلۇپ كەتكەن ) . ئۇ يادىكارلىق ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى دىن تارقاتقۇچىلىرى ئارقىلىق مانى دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز . خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، سوغدىلارنىڭ مانى دىنى ئۇستازلىرى سوغدىلار رايونىغا بىۋاستە  چارۋىچى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەن ، بەلكى 762 – يىلى ئۇيغۇر قاغانى (گېڭ شىمىن : مۇيۇ قاغاننى كۆرسىتىدۇ ) ئەسكەر باشلاپ جۇڭگونىڭ ئىچكىرىسىدە توپىلاڭنى تىنچىتىشقا  ياردەم بەرگەندە ، مانى دىن تارقاتقۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ، بۇ غەرب مىللەتلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ، جۇڭگۈ ھەم كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۈ . پەقەت جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىدا ھەم شۇ يەرگە تۇتىشىدىغان سودا يوللىرىدا سودا تۇرالغۇسى قۇرغاندىن كېيىنلا ، سوغدىلار ئاندىن تۈرك كۆچمەن چارۋىچى خەلقى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسىتەلەيتتى . سوغدىلارنىڭ دىن جەھەتتىن تۈركلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا  ، ئۇلارنىڭ تەسىرى شىنجاڭدىكى ئەسلىدىكى ھىند – ياۋرۇپا ئاھالىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا چوڭ ، كۇچا ھەم خوتەندىن بايقالغان قەدىمكى ھىند – ياۋرۇپا تىلىدا ، پەقەت بۇددا دىنى يازما يادىكارلىقلىرىلا بار گېڭ شىمىن : كېيىن يەنە قەدىمكى كۇچا تىلىدىكى مانى دىنى يازما  يادىكارلىقلىرى بايقالدى ) . ئەمما ، سوغدىچە يازما يادىكارلىقلاردا (بۇ تىلنىڭ ئىشلىتىلگەن جۇغراپىيەلىك ئورۇن  دائىرىسىنى تېخى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ ، بەلكىم قەشقەر ھەم شۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىمۇ مۇشۇ تىل قوللىنىلغانلىقى بولىشى مۇمكىن ) بۇددا دىنىدىن باشقا مانىزم دىنى ھەم نىستورىيان  دىنىغا ئالاقىدا مەزمۇنلامۇ بار . شىنجەڭدىن بايقالغان قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىمۇ بۇ ئۇچ خىل دىنغا ئالاقىدار نەرسىلەر ئۇچرايدۇ (تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەم ئەسلى ئەسەر ).
ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىشى تارىختا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ شامان دىنىدىن ئېتىكا پرىنسىپى ئاساسىغا قۇرۇلغان دىنغا كىردى . شامان دىنى ھەتتا ئادەم ئۆلتۈرۈشمۇ كىشلەرنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارايتتى . ئەمما ، مانى دىنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس ، ھەتتا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ھەم گۆش يېيىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى . مانى دىنىنىڭ ئەقىدە پەرىقلىرىمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى . مەسىلەن ، مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيلىدۇ : « بۇرۇن گۆش يەتدىغان قوۋم ئەمدى تېرىق يەيدىغان قوۋمغا ئۆزگەردى ، بۇرۇن ئادەملەرنى قىرىدىغان دۆلەت ئەمدى خەير – ساخاۋەتچى دۆلەتكە ئايلاندى »، سوغدىچە ، خەنزۇچە ھەم سانى كۆپ بولمىغان تۈرك – ئورخۇن يېزىقىدا يېزىلغان (توققۇز ئۇيغۇر قاغانى ) مەڭگۈ تاشلارنىڭ بايقىلىشى ( 9 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەنسۇپ ) يېڭى بىر خىل يېزىقنىڭ (گېڭ شىمىن : قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ )ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
مانى دىنى مۇرىتلىرى بابىلۇندىن (ھازىرقى ئىراق) ئۆز يېزىقىنى ئېلىپ (گېڭ شىمىن: مانى يېزىقى) كىردى ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغدىلارنىڭ يېزىقىنى قوللاندى .
قەدىمكى ئۇيغۇرلار يېزىقىنىڭ سوغدى يېزىقىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچقانداق شۇبھ يوق . بۇ بىر نۇقتا مۇسۇلمان تارىخچىلىرى تەرپىدىنمۇ تىلغا ئېلىنغان . بۇ ھەقتە 13 – ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مۇسۇلمان تارىخچىسى فەخرىددىن مۇبارەكشاھ مەرۋەرىدى تەپسىلى توختالغان . تۈرك تىلىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورقۇن يېزىقى ئورنىدا ئىشلىتىلىشى بىر چېكىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار موڭغۇل يايلىقىدىن ئايرىلغاندا ، مانى دىنىنى شىنجاڭ ھەم گەنجۇغا ئېلىپ كەلدى . ئېھتىمال مانى دىنى  تېخىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ، يەنى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ شىنجاڭغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا  شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان تۈرك ئوغۇزلىرى ياكى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى دەۋرىدىلا شىنجاڭدا تارقالغان بولىشى مۇمكىن ، بۇ بىر نۇقتىمۇ ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن .
10 – ئەسىر بولسا ئەرەب جۇغراپىيە ئىلىمىنىڭ كىلاسسىك دەۋرى بولۇپ ، ئىسلام دۇنياسىغا ئالاقىدار نۇرغۇن تەپسىلاتلار ھەم ئىسلام رايونلىرىدىن باشلىنىپ تۈركلەرنىڭ زېمىنى ئارقىلىق جۇڭگوغا بارىدىغان سودا يوللىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار  قىسقا جۇغراپىيە ئىلمىي ئەسەرلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەرەب جۇغراپىيە كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشچە  ئىچكى دېڭىزدىن جۇڭگوغىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ئۇچ تۈركىي قوۋمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئۇلار: ① غۇزلار، يەنى ئوغۇزلار ئىچكى دېڭىزدىن باشلاپ سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغىچە بولغان رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان؛ ②  قارلۇقلار پەرغانىنىڭ شەرقى ھەم ئۇنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى 20 كۈنلۇككىچە بولغان رايونلارغىچە ئولتۇراقلاشقان؛ ③ توققۇز ئوغۇزلار قارلۇقلارنىڭ شەرقىدىن تاكى جۇڭگوغىچە بولغان رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان.
  يۇقىرىقى بايانلار تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان  رايونلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بولۇپ،  خەنزۇچە  تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىنجاڭنىڭ شەرقىدە ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ بولغان دەۋر ئىدى. ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ لىنىيە ئۈستىدە خاتىرە قالدۇرغان ئەرەب يازغۇچىسى ئىبىن خۇردادبېككە نىسپەتەن ئېيتقاندىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ خاتىرىنى 862- يىلى ، يەنى ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كۆچۈشنىڭ ئالدى – كەينىدە  يازغان – يازمىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز . خۇلاسە شۇكى : خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەب تارىخچىلىرى تىلغا ئالغان توققۇز ئوغۇزلارنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئوخشاش بىر قوۋمدۇر . ئۇزۇندىن بۇيان كىشلەر توققۇز ئوغۇزنى توققۇز غوز(توققۇز ئۇيغۇر)دەپ ئوقۇيمىز ، دەپ قاراپ كەلگەندى . بىراق ، ھازىر بۇ خىل قاراشتىن («ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدە پايدىلانغان كىتابلارغا قاراڭ) ۋاز كېچىش  كېرەك . توققۇز ئوغۇزلارنى توققۇز ئوغۇزلارنى توققۇز ئۇيغۇرلار دەپ ئوقۇش ئەرەب تارىخ ماتېرىياللىرىغىمۇ زىت . ئېن ئازىر (تولنېرىگ باسمىسى ، 9، 117 ) غەربىي قىسىمدىكى غۇزلار توققۇز ئوغۇزلارنى مەنبە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . تەبرى (1044.3 )820 – يىلىدىن كېيىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھازىرقى جىزاق بىلەن خۇجەنت شەھرىنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان ئۇسرۇشان ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . شۇنىڭدىن كۆرۈېلىشقا  بولىدۇكى ، ئەينى دەۋردىكى ئىسلام رايونىنىڭ بىۋاستە ئەڭ يېقىن قوشنىلىرى (شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاھالىلەر ئەمەس ) توققۇز ئوغۇزلار دەپ ئاتالغان . بۇ بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرىدىغان يەنە مۇنداق بىر پاكىت بار : توققۇز ئوغۇزلار ئەسىرگە ئېلىنىپ ئىسلام رايونلىرىغا  ئېلىپ بېرىلغان ، تۈلۈن (ئەخمەد ئىبن تولۈن ، يەنى مىسىر تولۈن خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاتىسى ) ئۆزى توققۇز ئوغۇزلاردىندۇر .
ئىبن خۇردادبېك ئۆزى بۇ رايونلارغا كەلمىگەن ، بەلكى بۇرۇنقى ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان . ئۇ ھەم ياقۇتقا ئوخشاشلا تەمىم ئىبن بەھرنىڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغان ،  تەمىم ئىبن بەھر رايونلارغا ئۆزى بىۋاستە كەلگەن (ياقۇت ،«مۇجەم» ، 1-كىتاب ،840- بەت) . ئەپسۇسلىنارلىقى ياقۇت تەمىم ساياھەت قىلغان ۋاقىتتىن مەلۇمات بەرمىگەن . كىتابتىكى باشقا پاكىتلارغا ئاساسەن ، ئۇنىڭ ساياھەت قىلغان ۋاقتىنى 760- يىللاردىن بۇرۇن (ئۇ چاغدا يەتتە سۇ شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى قارلۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى) ، 9-ئەسىرنىڭ بېشىدىن كېيىنمۇ ئەمەس ، دەپ قاراشقا بولىدۇ . خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا شاتۇ تۈركلىرىنىڭ «ئۇلار ئورقۇن ئابىدىلىرىدە كۆرسىتىلگەن تۈركلەر ، يەنى توققۇز ئوغۇزلارنى مەنبە قىلىدۇ) ئىلگىرى بېشبالىقتىن شەرققە كۆچۈپ ، جۇڭگونىڭ ئىچكىرىكى جايلىرىغا كەلگەنلىكى خاتىرلەنگەن . قارىغاندا ، توققۇز ئوغۇزلار بېشبالىقتا تۇرۋرتقاندىلا ئەرەبلەر بۇ رايوننى بىلىپ بولغان ، شۇنداقلا كېيىنمۇ يەنىلا مۇشۇ نام بىلەن بۇ رايوندىكى خەلقنى ئاتاپ كەلگەن ، ئەمما توققۇز ئوغۇزلارنىڭ  ئاللىبۇرۇن شەرققە كۆچۈپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقا بىر قوۋم ئىگىلىگەنلىكىنى (گېڭ شىمىن : ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ) بىلمىگەن .
توققۇز ئوغۇزلارنىڭ باشتا ئۇيغۇرلارنى ئەمەس ، بەلكى شاتۇ تۈركلىرىنى كۆرسەتكەنلىكىگە ئالاقىدار (مەسئودى ، «ئالتۇن يايلاق»،1-كىتاب ، 305 -بەت) مەسئودنىڭ 9-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقى ھەم توققۇز ئوغۇزلارنىڭ (گېڭ شىمىن : خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شاتۇ تۈركلىرىنى كۆرسىتىدۇ) جۇڭگو خاقانىغا ياردەملىشىپ ، ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى تىنچىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىسى دەلىل بولالايدۇ . بۇ ھېكايە كۆپ ئۇچرايدۇ ، خەنزۇچە خاتىرىلەردىلا ئەمەس ، ئەرەبچە تارىخىي ئەسەرلەردىمۇ بۇ تارىخىي ۋەقە ئوخشاشلا خاتىرلەنگەن . ئەرەبلەر ئۇنى توققۇز ئوغۇز (Tughuz ghuz) دەپ ئاتالغان بولسا ، جۇڭگو خاتىرىلىرىدە ئۇ شاتۇ تۈركلىرى (沙陀突撅) دەپ ئېلىنغان .
تەمىم ساياھەت قىلغان دەۋردە (مەركىزىي ئاسىيا)توققۇز ئوغۇزلارنىڭ زېمىنىدا ئاتەش دىنى مۇخلىسلىرى ھەم مانى دىنى مۇخلىسلىرى بار ئىدى . ئومۇمەن ، ئالدىنقىلار كۆپرەك يېزىدا ، كېيىنكىلىرى ئاساسلىقى شەھەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، ئېنىقكى ، كېيىن مانى دىنىدا بىلگىلىك تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن . ئەرەبلەر كېيىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسىنى مانى دىنى مۇخلىسلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن ، دەپ بايان قىلىدۇ . 869 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ئەرەب يازغۇچىسى جاھىز مۇنداق بايان قىلىدۇ ، توققۇز ئوغۇزلار مانى دىنىغا بەيئەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇشقا ماھىر قوۋم ئىدى ، شۇنداقلا قارلۇقلار بىلەن ئۇرۇش بولۇپ قالسا ، ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغان ئەھۋالدىمۇ دائىم توققۇز ئوغۇزلار يېڭىۋالاتتى . بىراق ، مانى دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلار تەدىرىجىي كۈرەش روھىنى يوقىتىپ قويدى . ماركورت («شەرقىي ياۋروپا ھەم شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى»لېس . 1903 – يىلى ، 92 – 95 – بەتلەر ) جاھىزنىڭ بۇ سۆزى چارۋىچى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان ، دەپ قارايدۇ ھەم بۇ نۇقتا موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى قىرغىزلارنىڭ يوقاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئەرەبلەر رايونىغىمۇ يېتىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ماركورت نەقىل كەلتۈرگەن جاھىزنىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلگىنى  ئېنىقكى ، قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ئەمەس ، بەلكى قارلۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتۇر . شۇنداقلا ئۇ موڭغۇل يېرىدە يۇز بەرگەن ۋەقە بولماستىن ، شىنجاڭدا يۇز بەرگەن ۋەقەدۇر . بۇ بىر نۇقتا يەنە شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇكى ، ئەرەب تارىخ ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان توققۇز ئوغۇزلار ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىتىن ئىلگىرىلا بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ بولغان . ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشى جاھىز ئۆلۈشتىن ئۇچ يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن . جاھىز خاتىرىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى  ، توققۇز ئوغۇزلار ئۇ جايدا ئولتۇراقلاشقىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغان . ئەرەبلەر ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ غەربىي قوشنىسى قارلۇقلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇشقان . ئەرەبلەر تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇ جايدا  ئاللبۇرۇن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ بولغان ۋاقىتتىمۇ ، يەنلا شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان توققۇز ئوغۇزلار ، دەپ قاراپ كەلگەن . ئەرەب تارىخىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان بۇ قوۋمغا (ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئالاقىدار ئاز ساندىكى ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە 10 – ئەسىردىكى يازغۇچى مەسئۇدى ھەم نادىمنىڭ (an-Nadim) تارىخىي ماتېرىياللىرى بار . مۇھىمى ، ئۇيغۇر خاقانى مەيلى جۇڭگو خانى ياكى ئىسلام سامانىي سۇلالىسى ئەمىرلىكىەە نىسپەتەن بولسۇن ، دىنداشلىق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ . نادىمىنىڭ خاتىرىسىگە («ئىلىم دۇردانىلىرى» ، 337 – بەت) ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر خاقانى سامانىي  ھۆكۈمىرانىنىڭ  سەمەرقەند شەھىرىدىكى مانى دىنى مۇخلىسلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ، ئۇ سامانىي ھۆكمىرانىغا كىشى ئەۋەتىپ ، توققۇز ئوغۇزلار رايونىدىكى ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ سامانىي دۆلىتىدىكى مانى دىنى مۇخلىسلىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ، ناۋادا ئۇ يەردىكى مانى دىنى مۇخلىسلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋەرسە ، ئۆزىنىڭ قىساس ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان . توققۇز ئوغۇز خاقانىنىڭ تەھدىتى بىلەن سامانىي سۇلالىسى مانى دىنى مۇخلىسلىرىغا بولغان زىيانكەشلىكنى توختاتقان .
شىنجاڭدىن پارىسچە ، سوغدىچە ھەم خەنزۇچە يېزىلغان مانى دىنى يازما يادىكارلىقلىرى تېپىلدى . بۇ تۇنجى بولۇپ بىزنى مانى دىنى ئۆزى قالدۇرغان يازما يادىكارلىقلار ئارقىلىق بۇ دىننى تەتقىق قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىلەن تەمىنلىدى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشلەر پەقەت خرىستىئان دىنى ھەم ئىسلام دىنى يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنازىرە ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا بۇ دىننى بىلىپ كەلگەندى . مانى دىنى بۇددا دىنىغا ئوخشاش ، كەڭ ئامما ئارىسىدا دىن تارقىتىشقا تىرىشىدۇ ، ئۇنىڭ زاھىتلىق تەرىقىتى ئاتەش دىنى تەرىپىدىن سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىلگەن سىنىپلارغا قارىتىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان ، بۇ نۇقتا ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىراندا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى شەكىللەردە  كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ . شۇڭا ، مانى دىنى يادىكارلىقلىرى ناھايىتى ئاممىباب ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاۋام ئاسان چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ يېزىلغان ، ئەينى دەۋردىكى بارلىق پارسچە يازمىلار ئىچىدە ، پەقەت مانى دىنى يادىكارلىقلىرىدىكى بارلىق سۆزلەر پارىسچە ئىشلىتىلىپ يېزىلغان ، سام تىلىدىن كەلگەن مەنە ئىپادىلىگۈچى بەلگىلەر قوللىنىلمىغان . ئەمما بىلىشىمىزچە ، پەھلىۋى يېزىقى دەپ ئاتالغان يازمىلار بۇ خىل مەنە ئىپادىلىگۈچى بەلگىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن . بۇ خىل مەنە ئىپادىلىگۈچى بەلگىلەر پارىسچە خرىستىئان  دىنى يازما يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن ، يەنى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئوقۇلىشى پارىسچە ، بىراق يېزىلغاندا مەنە ئىپادىلىگۈچى بەلگىلەر مۇشۇ پارىسچە سۆزلەرنىڭ ئورنىدا قوللىنىلغان . ئوخشاشلا ، تۈركچە مانى دىنى يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلىمۇ ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك ، تۈركچە مانى دىنى يازما يادىكارلىقلىرى  ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر «توۋا دۇئاسى»(chusa Tuanift) رادلوفنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا  ، تىلنىڭ ساپلىقى جەھەتتە بار بولغان بارلىق تۈركچە ياشما يادىكارلىقلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ .
      بۇ يازما يادىكارلىقتىن بىز مانى دىنىنىڭ بۇددا دىنىغا يېقىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ، بۇددا دىنىدىكى ھۆرمەتسىزلىك  قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس نەرسىلەر مانى دىنىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ھۆرمەتسىزلىك قىلىنسا جازالىنىدۇ . ئىككى خىل دىننىڭ ئوخشاشلىقى ھەم ئۆز ئارا تەسىرىنى ئاتالغۇلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇڭا مانى دىنى بىلەن بۇددا دىننىڭ تۈركلەر ئارسىغا قايسىنىڭ بۇرۇن تارقالغانلىقىنى بېكىتمەك ناھايىتى قىيىن . بۇرھان(burhan) دېگەن سۆزنى تۈركلەر ساكيامۇنىنى(佛) ياكى بۇتنى ئىپادىلەشكە ئىشلەتكەن . ئۇ مانى دىنىدا مانى دىنىنىڭ ئەۋلىياسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ، يەنە بىر جەھەتتىن بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى مانى دىنىنىڭ سۆزى نوم(nom) نى قۇبۇل قىلىپ ، ئۇنى دىنىي كىتابلارنىڭ نامىنى ئاتاشقا ئىشلەتكەن ، بۇ سۆزنى موڭغۇللار ھېلىمۇ قوللىنىدۇ . مانى دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن بۇددا دىنى مۇخلىسلىرىمۇ كېيىنكى نىستورىيان دىنى ھەم ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىغا ئوخشاش ، تۈركلەر ئارسىدا دىن تارقاتقاندا ، تۈرك تىلىدىن پايدىلىنىپ دىنىي ئاتالغۇلارنى ياسىغان . بىراق ، بۇ بىر نۇقتىنى بەزىدە ئىشقا ئاشۇرالمىغان . شامان دىنىدا « مەبۇد »، « ئالۋاستى»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئاللبۇرۇن بار بولسىمۇ، لېكىن « پەرىزات » نى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم شامان دىنىدا يوق ئىدى . شۇڭا ، مانى دىنى ، نىستورىيان دىنى ھەم ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى پارىسچىدىكى فىرىشىر(firixre) دېگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىپ قوللانغان . تۈركچىدە « پەرىشتە » دېگەن سۆزنىڭ يوقلۇقىنى مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3- توم ، 9 – بەت ) . ئەرەب يازغۇچىلىرى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنى ئانچە ئايرىپ كېتەلمىگەن . شۇڭا ، بەزى يازغۇچىلار ، مەسىلەن ، ئەل بىرونى مانى دىنىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ دەيدۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن مەسئۇدى ئېنىق قىلىپ ، توققۇز ئوغۇزلاردىن باشقا تۈركلەردىن مانى دىنى مۇخلىسلىرى يوق دەپ كۆرسىتىدۇ («ئالتۇن يايلاق»، 1- كىتاب، 288 – بەت ) . بۇ يەردىكى توققۇز ئوغۇزلار ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 10- ئەسىردىن كېيىن مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۇددا دىنى بىلەن نىستورىيان دىنىغا ئورۇن بەردى . بىراق ، بۇ بىر جەريان قانداق ، قاچان يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىيال يوق دېيەرلىك . 11 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىمۇ ئەينى دەۋرىدە مانى دىنىنىڭ يەنلا مەۋجۇت ئىكەنلەگىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال يوق ، گەرچە مەھمۇد كاشىغەرىي باشقا ھەر قانداق كىشىگە قارىغاندا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىقراق بىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، مەھمۇد كاشىغەرىي بىردىبىر  كىتابىي ماتېرىياللارغا تايانماي ، بەلكى ئۆزىنىڭ بىۋاستە تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا توغرۇلۇق خاتىرە قالدۇرغان ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازغان يازغۇچى . شۇڭا ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىماي ، بەلكى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان . بۇ توققۇز ئوغۇز دېگەن نام ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاتاشنىڭ پەقەتلا بىر كىتابىي ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى ، ئەينى چاغدا شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان تۈركلەر ئارسىدا بۇ سۆزنىڭ يوقلۇقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ .
    مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مانى دىنى مۇخلىسلىرىدىن بۇددا دىنى ھەم نىستورىيان دىنى مۇخلىسلىرىغا ئۆزگىرىپ بولغان . ئۇلارنىڭ غەربىي قوشنىسى بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىدى .

داۋامى بار

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 18:36 |
oguzhakan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 5001
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 23
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرىتى: 169 نومۇر
پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
رەھمەت جاپا چىكىۋاتىسىز ،داۋامىغا تەشنابىز .

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 23:13 |
barhan
دەرىجىسى : مىڭ بېشى

UID نۇمۇرى: 1522
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 536
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە536دانە
شۆھرىتى: 1173 نومۇر
پۇلى: 13329 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   <<يەتتە سۇ تارىخى ئوچىرىكلىرى>>كىتاپخانىلاردا تۈگەپ كەتكەچكە باشقىلاردىن 30يۇەنگە سېتىۋالغان ئىدىم. يوللانمىڭىز بىلەن مەن سېتىۋالغان كىتاپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغاندەك قىلىدۇ.
   بارتولد تالانتلىق ۋە ئىستبداتلىق ئالىم. ئەمما، سىتالىن رىجىسورلىقىدىكى ئادەم ۋە شەيتان سۇپەتلىك بۇ مەخلۇق، ئادەم قىياپىتىگە كىرگەندە ئاجايىپ تەتقىقات نەتىجىللىرىنى نامايىش قىلسا، شەيتان قىياپىتىگە كىرگەندىن كېيىنكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ يىلتىز بىردەكلىكىنى ئايرىش ۋە<<بالاساغۇن>> ھەققىدىكى ساختا دەلىللىرى تارىخى ھەقىقەتنىڭ ئوتلۇق كۆزىنى غەلەت قىلىۋەتتى.

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 23:54 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
تۆتىنچى لېكسىيە(ئەسلى كىتاب 59 -  78– بەتكىچە )
بۇددا دىنى (ئوتتۇرا ئاسىيادىن ) ئىزسىز يوقاپ كەتمىدى . دەل بۇددا دىنىدىكى ۋىخار (wihar) (گېڭ شىمىن : بۇتخانا دېگەن مەنىدە) غا تەقلىد قىلىنىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ ئالىي دىنىي مەكتىپى مەدرىسە مەيدانغا كەلدى . بۇ خىل مەكتەپلەر ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چەت جايلاردا بارلىققا كەلگەندى . كېيىن يەنى 11 – ئەسىرلەردە ئاندىن ئىراننىڭ غەربى ۋە باغداد خەلىپىسىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە بۇ خىل مەكتەپلەر قۇرۇلدى . بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن بەلخ ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن مەدرىسلەر بارلىققا كەلدى .
10 – ئەسىردە قۇرۇلغان مەدرىسلەر ھازىر بىلىشىمىزچە پەقەت خۇراسان ھەم ماۋەرائۇننەھردىلا بار ئىدى . بۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتىكى كۈچلۈك بازا بولۇپ ، سامانىي سۇلالىسى بۇرۇنقى ئىسلام ھۆكۈمىرانلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ ، يايلاققا ھۇجۇم قىلىپ كۇچ ئىشلەتتى . 893 – يىلى تالاس (ياكى تازار ، ھازىرقى جابنۇر شەھرىدە )ئىسلام كۈچلىرى تەرپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن ، ئۇ جايدىكى چىركاۋلار مەسچىتكە ئۆزگەرتىلدى (نۇر شاھ «بۇخارانىڭ تارىخى ھەم جۇغراپىيىلىك قىستۇرما بايانلىرى»، شىپفىر تەرجىمە قىلغان نۇسخا 84 – بەت )، بۇ بىر نۇقتا ئىسلام دىنىدىن ئىلگىر بۇ يەردە خرىستىيان دىنى تارقىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
سوغدىلار ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرى تۈرك يايلاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان . ئىسلام دىنى  ماۋەرائۇننەھر ئاھالىسىنىڭ دىنىغا ئايلانغاندا ، ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى سوغدىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى . شۇنىڭ بىلەن سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا جېند (jind) ، خۇۋارا(Huvara)، ھەم يېڭى كەنت (yangikent) تىن ئىبارەت ئۇچ ئىسلام دىنى شەھىرى قۇرۇلدى . (يېڭكەنت، ئەرەپچىدە al – karya al hadita  دېيىلسە ، پارىسچىدا Dihinu، تۈركچىدە يېڭى كەنت دېيىلىدۇ ، كەنت تۈرك تىلىغا سۇغد تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزدۇر ) . بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت يېڭى كەنتنىڭ ئورنىنىلا ئېنىق بېكىتكىلى بولىدۇ ، يەنى ئۇنىڭ خارابىسى ھازىرقى جانكەنت (jankent) دەپ ئاتىلىدۇ . سامانىي سۇلالىسى ئىگىلىگەن ئەندۇلوس شەھىرى ھەم تىنچلىق ئاچقۇچىلار قۇرغان يېڭى كەنت مەركىزىي ئاسىيانىڭ سودا پائالىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇ يەردىن ئېرجىس دەرياسى ، خەنزۇچە ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنمىگەن كىجماكلار (kjmak) زېمىنىغا تۇتىشىدىغان سودا يولى بار ئىدى (تۈركچىدە كىماك دېيلىشى كېرەك ، «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»،2- توم ، 1085 – بەتكە قاراڭ )، كىجماكلاردىن قىپچاق قەبىلىسى بۆلىنىپ چىققان(يۇقىرىقى كىتاپ 1099 – بەت ).
خازارلار دۆلىتى تاكى يوقالغۇچە يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ، خازارخان ۋە ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى تەخمىنەن 8 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بۇ دىننى قۇبۇل قىلغان (ھارۇن رەشىد دەۋرىدە ).
ئەپسۇسلىنارلىقى پەقەد باغداد يىلنامە تارىخىدىلا ( تۇنجى قېتىم ئىبىن مىسكۋشنىڭ كىتابىدا ئۇچراتقان ،«ئابباس خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشى» دېگەن كىتابىنىڭ 2 – تومىغا قاراڭ ، ئەسلى 5 – كىتاب 181- بەت ، تەرجىمە نۇسخىسى 196- بەت. ئۇنىڭ دەسلەپكى تارىخىي ماتېرىيالى ئىبىن مىسكۋشنىڭ كىتابىدىكى باشقا ئەھۋاللارغا ئوخشاشلا ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن تابىت ئىبىن سىناننىڭ ئەسىرىدىن كەلگەن ، ئۇنىڭدا ھىجىرىيە 295 – 363- يىللار ئارلىقىدىكى ئىشلار بايان قىلىنغان )  960 – يىلى 200 مىڭ ئۆيلۈك تۈركنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ، بىراق بۇ ئەھۋال سامانىي سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە ھەم ئەرەب جۇغراپىيە ئەسەرلىرىدە ئۇچىرىمايدۇ . بۇ بىر نۇقتا بۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى چۇشەندۈرىدۇ ، يەنە كېلىپ بۇ بايانلاردا شۇ تۈركىي قوۋمنىڭ نامى ھەم تۇرۇۋاتقان ئورنى بايان قىلىنمىغان . پەقەت كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردىلا (بۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋارىيانتى ساقلىنىپ قالغان 14– ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئەسەر <جامال قارشىنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، بارتولىد نىڭ«تۇركىستان»نامىلىق ئەسىرىنىڭ 1- تومى، 30 – بەتكە قاراڭ >بولۇپ ، ئۇ 11- ئەسىردىكى باشقا بىر ئەسەردىن نەقىل ئېلىنغان ) تۈرك خاقانى سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىمنىڭ ئالدى بىلەن خەلقىگە باش بولۇپ ، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( سۇتۇق بۇغراخان 10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى سامانىي سۇلالىسىنى بويسۇندۇرغان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام تۈرك ئېلىنى ، يەنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان ئوردا ئەزالىرىنىڭ بىرى ). ئۇ ئەڭ قەدىمقى ۋارىيانتتا بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقىغا ئالاقىدار خاتىرلەردىمۇ قويۇق ئەپسانىۋىي تۇس بار . كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقىلىپ يۇرگەن«بۇغراخانلار تەزكىرىسى» دە بۇ خىل ئەپسانىۋىي تەركىبلەر تېخىمۇ كۆپ .
سۇتۇق بۇغراخان قۇرغان بۇ خانلىقنى قايسى تۈركىي قەبىلە قۇرغانلىقى ئېنىق ئەمەس . رۇسىيىدىكى گرگورىيېف(Grgoriev) دىن باشلاپ ، بۇ خانلىق بۇغراخاننىڭ يەنە بىر نامى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى دەپ ئاتىلىپ كەلدى ، ئەمما ياۋرۇپادا دائىم ئىلىكخان دېگەن نام قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ . بىراق ئىلىك دېگەن سۆز كۆپىنچە خان بىلەن بىللە قوللىنىلمايدۇ ، شۇنداقلا بۇ خانلىقنىڭ بارلىق خانلىرى ئۆزىنى ئىلىك دەپ ئاتىمىغان . بۇ مەسىلە مەھمۇد مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئەسىرى بايقالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھەل بولمىدى . چۇنكى مەھمۇد كاشىغەرىي ئەسىرىنى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە يازغان بولۇپ ، ئۇ ئۆتمۇشتىكى ئىشلار ئۇستىدە كۆپ توختالمىغان .
960 – يىلدىن كېيىنمۇ ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرىمۇ سامانىي سۇلالىسىنىڭ شەرقىدە بىر ئىسلام تۈرك خانلىقىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن،   بۇ ئۇلار بىلىمىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىتابتىن كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك . 9 – 10 – ئەسىرىدىكى ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى بىزگە ئاددى بىر ئومۇمىي بايان (تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى) قالدۇرغانلىقىدىن باشقا ، ئەرەب تارىخىي ماتېرىياللىرىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى خىل پارىسچە ئەسەر ساقلانغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىرى ھىجىرىيە 372 (مىلادىيە 983-982)- يىلىدىكى يازغۇچىسى نامەلۇم ئەسەر «ھۇدۇدۇل- ئالەم » ، يەنە بىرى 1040 – يىللىرىدىن كېيىن كىتاب قىلىنغان گەردىزىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى ، بۇ ئىككى ئەسەردىكى ماتېرىيال بىردەك ئەمەس ، شۇنداقلا مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىگە ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەنمۇ بىردەك ئەمەس .
«ھۇدۇدۇل- ئالەم » ھەم  گەردىزىنىڭ ئەسەرلىرىدىن 10 ئەسىردە ئەرەب جۇغراپىيىسىدە  قارلۇقلارنىڭ زېمىنى دەپ خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم جايلارنىڭ ئاللىبۇرۇن  ياغمىلار ( توققۇز ئوغۇزلارنىڭ باشقا بىر قىسمى ) تەرىپىدىن ئىگىلەنگەنلىكىنى بىلىمىز . ياغمىلار قەشقەر ھەم نارىن دەرياسىنىڭ (سىر دەرياسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ) جەنۇبىدىكى يەتتەسۇ رايۇنىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ (بىراق جاھىزنىڭ توققۇز ئوغۇزلار مانى دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قارلۇقلار بىلەن ئۇرۇشسا دائىم قارلۇقلار يېڭىۋالاتتى دېگىنى بۇنىڭ بىلەن زىت)، قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن قەشقەر زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى . خاننىڭ تۇرىدىغان ئورنى ئوردۇكەنت («خان پايتەختى » دېگەن مەنىدە ، بۇ بىر نۇقتىنى مەھمۇد كاشىغەرىي «دىۋان»دا تىلغا ئالغان ، 1 – توم ، 288 – بەت ). بۇنداق بولغاندا تەبئىي ھالدا تۆۋەندىكى خۇلاسىگە ئېرىشىمىز : قەشقەرنى ئىگىلىگەن قەبىلە دەل قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدۇر . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، توققۇز ئوغۇزلارغا مەنسۇپ بولغان  ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان ياغمىلار قاراخانىيلار سۇلالىسنى قۇرغان . مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ نۇقتا ئۈستىدە تەپسىلى توختالمىغان ،  ئۇ پەقەت ياغمىلارنىڭ شۇ دەۋرىدە ئەڭ شىمالدا ئولتۇراقلاشقانلىقى  ، يەنى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى بىر قەبىلە ئىكەنلىكىنىلا ئېيتقان .   مەھمۇد كاشىغەرىي يەنە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەردىن تۇخسى ھەم چىگىل (qigil، يۇقىرىقى كىتاب 330- بەت ) لارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان . ئەمما بۇ قەبىلىلەر «ھودۇدۇل- ئالەم»ھەم گەردىزىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسلانغاندا ، جەنۇپ تەرەپكىرەك جايلاشقان . پارىس يازغۇچىلىرىنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا تۇخسىلار چۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي رايۇنىغا ، چىگىللار بولسا ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ئولتۇراقلاشقان . شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن چىگىل دېگەن بۇ نام 11 – ئەسىردە نۇرغۇن تۇركىي قەبىلىلەرنى ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلغان . سالجۇقلار سۇلتانى مەلكشاھنىڭ ماۋەرائۇننەھرنى بۇلاپ – تالىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسىدىن كىشىلەرنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى چىگىللاردىن تەشكىللەنگەن دەپ قارىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ، ئوغۇزلار ئامۇ دەرياسىدىن جۇڭگوغىچە بولغان رايونلاردىكى بارلىق تۇركىي قەبىلىلەرنى چىگىللار دەپ ئاتىغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەلكىم شۇلار قۇرغان بولىشى مۇمكىن، بۇ بىر نوقتا چىگىللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى رولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . بىراق مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىن بۇ پەرەزگە پايدىلىق بىرەر ماتېرىيال تاپقىلى بولمايدۇ . ئۇ چىگىل دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئوغۇزلاردىكى مەنىسىنى يېشىپ مۇنداق دەيدۇ : چىگىل شەھىرى (بۇ جايدا چىگىللارنىڭ بىر تارمىقى ئولتۇراقلاشقان ) تالاسنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئوغۇزلار ئاللىبۇرۇن ئەڭ غەربكە جايلاشقان بۇ جاينىڭ شەرق تۈركلىرىگە مەنسۇپ بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . چىگىللارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى تارمىقى قەشقەرگە يېقىن ئىككى كەنتتە ھەم ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ، يەنى قۇياش شەھىرى رايۇنىدا (موڭغۇللار دەۋرىدە ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بۇ شەھەر چاغاتاي ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پايتەختى بولۇش بىلەن داڭلىق ) ئولتۇراقلاشقان . قارلۇقلار توغرىسىدا  مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇلار بىر كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ، كىشلەر ئۇلارنى (ئوغۇزلارغا ئوخشاش)تۈركمەن دەپ ئاتايدۇ ، دەيدۇ ( « دىۋان » ، 1 – توم ، 393 – بەت ). «ھۇدۇدۇل- ئالەم » دە ھەم  گەردىزى ( بۇ جايدا ھارۇن دەپ يېزىلغان ) قارلۇقلار توغرىلىق ئۇلارنى ئىسلام رايونىنىڭ  ئەڭ يېقىن قوشنىسى ، يەنى تالاسنىڭ شەرقىدە دەيدۇ ، ئۇلارغا تەۋە رايونلاردىن شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىمۇ بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدەpengul (خەنزۇچە 温宿،  يەنى بۇگۈنكى ئۈچتۇرپان ئەتراپىدا ) مۇ  بار ئىدى . «ھۇدۇدۇل- ئالەم »  دە بۇ شەھەر قارلۇقلار يېرىگە جايلاشقان ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىرانى توققۇز ئوغۇزلاردىن دېيىلگەن . ئۇنىڭدىن كېيىنلا بۇ جاينى قىرغىزلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە بار («ھۇدۇدۇل- ئالەم »دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا ، قىرغىزلار 10 – ئەسىردىلا ھازىرقى ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ بولغان ، بىراق بۇ بىر نۇقتا باشقا تارىخىي ئەسەرلەردە ئۇچرىمايدۇ ) «ھۇدۇدۇل- ئالەم » دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا ، قەشقەر قارلۇقلار ، توققۇز ئوغۇزلار ھەم قىرغىزلار چېگرىلىنىدىغان يەرگە جايلاشقان . قارلۇقلانىڭ شىمالغا كۆچكەنلىكى توغرىسىدا ( خۇددى ياغما ۋە چىگىللارغا ئوخشاش ) مەھمۇد كاشىغەرىي بىر نەرسە دېمىگەن . بىراق چىڭگىزخان دەۋرىدە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئاللىبۇرۇن قارلۇقلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ بولغانلىقىنى بىلىمىز .
شۇنداق ئىكەن ، قارلۇق ، ياغما ، چىگىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇچ تۇركىي قەبىلىنىڭ ئوخشاشلا قاراخانىيلار سۇلالىسىنى سۇلالىسىنى قۇرۇش ئېھتىمالى بار ، يەنە كېلىپ  مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇلارنى ئوخشاشلا تىلغا ئالغان، بىراق قايسى بىرىنىڭ ئىككىسىگە قارىغاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىگە تېخىمۇ يېقىن تۇىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان . قىزىقارلىقى كىشىلەر قارلۇقلارنى تۈركمەن (ئوغۇزلارغا ئوخشاش)دەپ ئاتىغان ، بۇ سۆزنىڭ (تۇنجى قېتىم 10 – ئەسىردە كۆرۈلگەن ) مەنبىئى ئېنىق ئەمەس ، پارىسچىدىن كەلگەن (تۈركمەند ،«تۈركلەرگە ئوخشاش»دېگەن مەنىدە ، بۇ بىر قاراشمۇ  مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا ئۇچرايدۇ ) دېگەن قاراشمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس . ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى ، تۈركمەنلەرنىڭ بەدەن شەكلى ئادەتتىكى تۈركلەرگە ئوخشىمايدۇ ، بەلكى ئىرانلىقلارغا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ .
قارلۇقلارنى ئوغۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلار ئىران مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىغان . ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىغاندا ئىران مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن ئىدى.
12 – ئەسىردە كىشلەر يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى بالاساغۇننىڭ ھۆكۈمىرانى (قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېلىپ چىققان) تۈركمەن ئىدى ، دەيدۇ . بۇ بىر پاكىت قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قارلۇقلار قۇرغان دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
بالاساغۇن شەھىرى توغرىسىدا پارىسلارنىڭ ۋەزىرى نىزامۇل مۇلىك ( مەھمۇد كاشىغەرىي بىلەن زامانداش) مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان :«بۇ شەھەر 940 – يىللىرىلا ئىسلام دىنى شەھىرى ئىدى ، كېيىن دىنسىزلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن غازات قىلىنغان ».
قارلۇقلار ياغمىلاردىن بۇرۇنلا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان بولىشى مۇمكىن . ياغمىلار قارلۇقلار زېمىنىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن (بۇنىڭ ئىچىدە چۇ دەريا ۋادىسى بار ، بالاساغۇن شەھىرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان)، ئۇلارنى خانى قارلۇقلارنى دوراپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان . بىراق بۇ نۇقتا تېخى ئىسپاتلانمىغان .
سۇتۇق بۇغراخان («ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 1 – توم ، 803 – بەت ) بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان تۈرك خاقانى . ئۇ قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى ، ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى ئاتۇشتا  ، بۇغراخانغا دائىر ئەڭ قەدىمقى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇ ھىجىرىيە 344 (مىلادىيە 955 – 956 ) – يىلى ۋاپات بولغان . بۇ بىر نۇقتا تۈركلەر 960 – يىلى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان دېگەن تارىخىي ماتېرىيالغا زىت كېلىدۇ . ئەمما ، 960 – يىلى بىر قىسىم تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلىقىغا دائىر خاتىرە باغدادلىق تارىخچى تابىت سىناننىڭ (مۇشۇ دەۋرنىڭ ئالدى – كەينىدە يېزىلغان ) كىتابىدا ئۇچرايدۇ . بۇ قاراش يىلنامىللىرى خاتا ، ئەپسانە تۈسى قويۇق بولغان سۇتۇق بۇغراخان توغرىسىدىكى رىۋايەتكە سېلىشتۇرغاندا ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك .
10 – ئەسىردە سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ئوغۇزلارمۇ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى .

داۋامى بار

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 22:12 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياۋۇز ئەپەندى قاتارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ 12 لېكىسىيىنى ئىلكىتاپ قىلىپ نادىرلاپ قۇيىشىنى ئىلتىماس قىلسام بولامدىكىن ؟ (كومپىيىتۇر بىلىمىم چاغلىق بولغاچقا مۇشۇنداق ئالاقىلاشماي بولمىدى ).
  باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلاشنى توسۇپ ئورخۇن مۇنبىرىگە تەۋە قىلىپ قويۇشىڭلانى ئۇمىد قىلىمەن .
12 لېكسىيىنىڭ داۋامىنى ۋاقىت چىقىرىپ تولۇق يوللايمەن.
  قارىسام مېنىڭ يوللىغان يازمام ، پۇلۇم ، تۆھپەم ۋە توردىكى ۋاقتىم ھەممىسى نول تۇرىدۇ . تەشكىلات بۆلىمىڭلار تەكشۇرۇپ (كاۋسا ) كۆرۇپ ئەمىلىمنى ئۆستۇرۇپ قۇيساڭلار بولمامدۇ ؟ دەيمەندە .(چاخچاق)

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 21:33 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 517
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرىتى: 1448 نومۇر
پۇلى: 4830 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :976(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

tarhan ئەپەندى تەشكىلات بۆلىمىمىز ئويلىشىپ سىزنىڭ دەرىجىڭىزنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدۇق، لېكىن دەرىجە ئۆستۈرۈشتە شىفىر ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىش سادىر بولىدىغان بولغاچقا، سىزنىڭ كېيىن كىرەلمەي قېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېمال ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىز شىفىرنى ئېمائىل ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىمىز.

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 22:43 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەشىنچى لېكسىيە (ئەسلى كىتاب 79 -  99 – بەتكىچە )
قەشقەر بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا ، ئىسلام تارىخچىلىرى ھېچقانداق ئىشەنچلىك خاتىرە قالدۇرمىغان . ئىسلام ئالىملىرىغا دائىر رىۋايەتلەردە كالىمات (Kalimati) ئىسىملىك بىر خۇداگۇي كىشىنىڭ باغداد يىلناملىرىدە قەيت قىلىنغىنىغا قارىغاندا ، تەخمىنەن نۇرغۇن تۈركلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان يىللاردا (تەخمىنەن 960-يىلى) تۈك خاقانىنىڭ ئوردىسىغا بارغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ (سامانى : «نەسەبنامە» گە قاراڭ ، جىغىنى خاتىرىلەش مەجمۇئەسى ،  ⅩⅩ، 486-بەت ) . بىراق ، بۇغراخان توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ ) قەدىمكى كىتابلاردا ھەرگىزمۇ بۇ پانىي ئالەمدىكى يول كۆرسەتكۈچىلەر تىلغا ئېلىنمىغان ) ، بەلكى بۇغراخان بىر قېتىملىق چۈشىدە ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان دېيىلىدۇ (ئىبن ئاتىر ،Ⅺ ، 54-بەت) . مۇشۇ ئىش توغرىسىدىكى باشقا بىر رىۋايەتتە ، ھېلىقى كىشىنىڭ ئورنىدا تۈرك خانى زېمىنغا قېچىپ كەلگەن بىر سامانى شاھزادىسى تىلغا ئېلىنىپ ، شۇ بۇغراخاننىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى دېيىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان توقۇلما ئىسىم ھەم ۋاقىتلار بار . گەرچە بۇ رىۋايەت 10-ئەسىردىكى قەشقەرلىك بىر تارىخچىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئەسىرىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ (گېڭ شىمىن : ئابدۇل جاپپارنىڭ «قەشقەر تارىخى» ، بارتولد : «تۈركىستان» بىرىنچى قىسىم [ئەسلىي قوليازمىسى] ، 131- بەت ) .
سۇتۇق  بۇغراخاننىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قەشقەر ئىدى (ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»...، Ⅱ ، 844 – بەت). ئۇنىڭ نەۋرىسى بۇغراخان ھارۇن بىننى مۇسا (ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»...، Ⅰ ، 803 – بەت) بالاساغۇندا تۇردى ( يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ئوخشاش، Ⅰ،639 – بەت) ھەم شۇ يەردىن يۈرۈش قىلىپ ماۋرائۇ شەھىرىنى ئىگىلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، قەشقەر بىلەن بالاساغۇن دائىم بىللە تىلغا ئېلىندى . ئۇلار ئوخشاشلا قاراخانىيلار سۇلالىسىگە مەنسۇپ شەھەرلەر ئىدى . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، گەرچە بالاساغۇن شەھىرى قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە بىر شەھەر بولسىمۇ ، ئىسلام يازما يادىكارلىقلىرىدا ئۇ ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان . شۇنداقلا ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بېكىتىشكە ياردەم بىرەلەيدىغان بىرەر لىنىيە خەرىتىسىمۇ يوق . 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىيەشۇناس مۇقەددىسىنىڭ ئەسىرىدە (« ئەرەب جۇغراپىيىسى مەجمۇئەسى » ، Ⅲ، 27 ، 517 – بەتلەر ) بۇ شەھەرنىڭ نامى (ۋالاساكۇن دەپ يېزىلغان ) ئۇچرايدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلمىگەن . « ھۇدۇدۇل ئالەم »دە ھەم گەردىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ، بۇ شەھەر تىلغا ئېلىنمىغان، بەلكىم بالاساغۇن شەھىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشقىچە نام بىلەن ئاتالغان بولىشى ھەم 9 – 10 – ئەسىردىكى ئىسلام جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ لىنىيە خەرىتىسىدە ئاشۇكۈن نام بىلەن ئاتالغان بولىشى مۇمكىن . چۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەرەب ۋە جۇڭگو يازغۇچىلىرى دائىم سۇياب شەھىرىنى تىلغا ئالىدۇ .
بالاساغۇن دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخى ئېنىق ئەمەس بۇرۇن بۇ ئىسىم موڭغۇل تىلىدىكى بالغاسۇن (شەھەر) دىن كەلگەن دەپ قارىلاتتى ، بۇ خىل قاراشنى ھېچكىم قوللىغىنى يوق . سۆز تومۇرىدىكى بالا= بالا(ئادەمنىڭ بالىسى) غا تەڭداشمۇ ، يوق (گېڭ شىمىن:ئۇنداقتا ، بالاساغۇن «بالاسانغۇن» دېگەن مەنىدە بولىدۇ ). تۈركلەر ئارىسىدا بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر نامى قۇزئۇلۇش(«دىۋان»Ⅰ، 60 – بەت ، ئۇلۇش كەنت ، شەھەر دېگەن مەنىدە) ياكى قۇز ئوردۇ(«دىۋان»Ⅰ، 112 – بەت ) . ئوردۇ دېگەن بۇ سۆز ئەينى دەۋردىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ نامىدىمۇ ئۇچرايدۇ ، قۇز دېگەن سۆز توغرىسىدا مەھمۇد كاشىغەرىي«دىۋان»دا چۈشەنچە بەرمىگەن .
بالاساغۇن شەھىرى سۇغدىلار قۇرغان شەھەرلەردىندۇر . ئۇنىڭ تۈركلىشىش جەريانى مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ ، ئىسغجاپ ، تالاس ھەم بالاساغۇن شەھىرىنىڭ  ئاھالىلىرى سۇغدىچە ھەم تۈركچە سۆزلىشەتتى . ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكىگە ئوخشاش .«دىۋان»دىمۇ سۇغدىلارنى سۇغدات دەپ ئاتىغان ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلار سەمەرقەند ھەم بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى سۇغدىلار يىرىدىن كەلگەن كىشلەردۇر . سۇغدىلار تۈركچە كىيىنەتتى ھەم تۈركلەرنىڭ ئادىتىنى قۇبۇل قىلغاندى  («دىۋان»Ⅰ، 319 – بەت) ئىسغجاپتىن بالاساغۇن شەھىرىگىچە بولغان رايۇن ئارغۇ دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئىسىم باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇچرىمايدۇ . مەھمۇد كاشىغەرىي ، ئارغۇ ئادەتتە ئىككى تاغ ئارلىقىدىكى چىغىر يولنى كۆرسىتىدۇ ، دەپ بايان قىلىدۇ . ئېنىقكى ، ئارغۇ رايۇنى ئالىكساندىر لوفىس تېغى (چۇ دەرياسى ھەم تالاس ئارلىقىدىكى تاغ تىزمىسى) بىلەن چۇئىلى تاغ تىزمىسى ئارلىقىغا جايلاشقاچقا ، مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان . بالاساغۇن شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى سوغدىلار تىلغا ئېلىنمىغان . مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە ئارغۇ رايۇنىدىكى سۇغدىلار ئەلۋەتتە ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىدىن ئىدى . مەھمۇد كاشىغەرىي سۇغدىلارنىڭ تۈركلەردىن بۇرۇن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان – قىلمىغانلىقى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۈركلىشىشتىن ئىلگىرى ، تىل ھەم كىيىم – كېچەك ، مەدەنىيەت جەھەتتە تۈركلەرگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا توختالمىغان . شىنجاڭدىكى تۈركىي قەۋم بولمىغان ئەسلىدىكى ئولتۇراق ئاھالىگە نىسپەتەن ئېيتقانىدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋان»ىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ دەۋرلەردە تۈركىي بولمىغان باشقا قەۋملەرمۇ يەنىلا بار بولۇپ ، ئۇلار كەنجەكلەر دەپ ئاتالغان  (كەنجەك «دىۋان»Ⅰ، 114 – بەت). بۇ قەۋم باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇچرىمايدۇ ، ئەينى دەۋردە كەنجەكلەر تۈركلىشىپ بولغان ، بىراق يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تىل قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان (بىر قىسىم سۆزلۈكلەر ھەم فۇنېتىكىلىق ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ ).
10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، قەشقەر ئەمەس بەلكى بالاساغۇن شەھىرى ئىسلام دۇنياسى – سامانى سۇلالىسىغا يۇرۇش قىلدى . قەشقەر ئەينى دەۋردە تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان شەھەر ئەمەس ئىدى . ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخانننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان ئىسغجاپ ياكى سايرام شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلىۋالدى . سايرام قارىماققا بىر كىچىك تۈرك ھاكىمىيىتىگە ياكى تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۇلالىگە ئوخشاپ قالدى . 992 –يىلى ھارۇن بۇغراخان سەمەرقەند ھەم بۇخاراغا غەلىبىلىك يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ۋەزىيەت ئۇنى ۋاقتىنچە بۇئىككى شەھەرنى تاشلاپ بالاساغۇنغا چېكنىشكە مەجبۇر قىلدى . شۇ يىلى ھارۇن بۇغراخان ئۆلۈپ كەتتى ، بىراق توققۇز يىلدىن كېيىن ماقۇللانغان تىنچلىق شەرتنامىسى بىلەن سامانى سۇلالىسىنىڭ زەرەپشان دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بارلىق زېمىنى قارخانىلار قولىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى .999 – يىلى قارخانىلار سۇلالىسى سەمەرقەند ھەم بۇخارانى قايتىدىن ئىگىلىۋالدى .10 – ئەسىرنىڭ بېشىدا سامانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى گەرچە ئەجدادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قايتا گۈللەندۇرمەكچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن تۈركلەرنىڭ ماۋرەئۇننەھرى رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرىتەلمىدى .
قاراخانىلار سۇلالىسى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدا توسۇلۇپ قېلىشنى ئويلىمىغاندى ، ئۇلار ئارقىدىنلا مەھمۇد غەزنەۋى سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلدى . مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تارىخچىلىرى بۇ ئىش توغرىسىدا ، تۈركلەرنى كۆزى كىچىك ، پاناق بۇرۇن كېلىدۇ دەپ تەسۋىرلەپ  ھەدىس قالدۇرۇشتى (بارتولد « تۈركىستان» 151– بەتتىكىخاتىرلەرگە ئاساسلانغان ) ، بۇ بىر ھەدىس تۈركلەر موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەس دېگەن قاراشقا قارشى قويۇشقا بولىدىغان كۈچلۈك ئىسپات .
ئىران رايونىدىكى تۈركلەر بىلەن بولغان كۆرەشكە ئىرانلىقلار ئەنئەنۋىي قارشى بويىچە باھا بەرگەن بولۇپ ، بۇ دەۋردە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ «شاھنامە»سى مەيدانغا كەلگەن . بۇ كىتاب سامانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان بولسىمۇ ، لېكىن مەھمۇد غەزنەۋى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن كىشلەر بايقىغان. كىتابتا ئىرانلىقلار ھەم تۇرانلىقلارنىڭ ئۇرۇشى كەڭ دائىرىدە تەسۋىرلەنگەن . 6 – ئەسىردە تۈركلەر مەيدانغا كەلگەندىن باشلاپ ، تۇران دېگەن سۆز تۈركىستان ، يەنە تۈركلەر زېمىنى دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان . بۇ ئۇرۇشلاردا گەرچە تۈرانلىقلارنىڭ قەھرىمانىنىڭ ئىسمى ساپ ئىرانچە بولسىمۇ ، لېكىن ھەممىسى  يەنىلا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن . بۇ ئەنئەنە قاراخانىلار سۇلالىسىگىمۇ سىڭىپ كىرگەن ، چۈنكى قاراخانىلار سۇلالىسى ئىسلام دىنىنڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن ، يەنە ئىران داستانچىلىقىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان ، ئۇلار رىۋايەتتىكى تۇران قەھرىمانىنىڭ ئىسمىنى گەرچە گەرچە ئۇ تۈركچە ئىسىم بولمىسىمۇ ، ئۆزىنىڭ ئاتىغنى بويىچە ئافراسياپ ، دەپ ئاتىغان . بىز تۇنجى بولۇپ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىن ، تۈرك قەدىمقى قوشقىدىكى ئالىپ ئەر تۇڭا بىلەن ئافراسىياپنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلدۇق . مەھمۇد كاشىغەرىي «دىۋان»دا بىر قىسىم خەلق قوشقىنى نەقىل كەلتۈرگەن ھەم ئۇنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان . ئۇ تەرجىمىدە ئالىپ ئەرتۇڭانى ئافراسىياپ دەپ تەرجىمە قىلغان ( « دىۋان» ،Ⅰ ،44– بەت) . ئافراسىياپ توغرىسىدىكى پارسلارنىڭ رىۋايىتىدە، ئافراسىياپ تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر جاي بىلەن باغلانغان بولۇپ، قەشقەر ئافراسىياپنىڭ خانلىق پايتەختى(«دىۋان» ،Ⅰ ،288– بەت) ھەم بارچۇق شەھىرىنى ئافراسىياپ قۇرغان دېيىلگەن. يەنە قەھرىمان بىزېن (Bizen) بارچۇققا دەپنە قىلىنغان ، دېيىلگەن (« دىۋان» ،Ⅰ ،318– بەت). پارسلارنىڭ داستانىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ ئافراسىياپنىڭ قىزى بىلەن يوشۇرۇن توي قىلغان، ئافراسىياپ ئۇنى بايقاپ قالغان ھەم بۇيرۇق بىلەن قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ، رۇستەم ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان . ئېنىقكى فىردەۋس ھەم ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن دەقىقى (سامانى سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان) تۇرانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى شۇ دەۋردىكى تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئالغان . بۇ بىر نۇقتىغا ئالاقىدار مىساللاردىن شەھەر ھەم ئوخشاش بولمىغان تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىسمى بار بولۇپ ، تۈركىي يېزىقى خەتتى پەيغىۋى(hatti paighevi) تىلىغا ئېلىنغان. paighuدېگەن بۇ سۆزمۇ باشقا سۆزلەرگە ئوخشاشلا ، ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشىدىكى يابغۇ(yabghu)دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولسا كېرەك. بۇ نامنى قارلۇق ھۆكۈمرانلىرى ئىشلەتكەن.
بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى خوتەننىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى قەشقەر ھۆكۈمرانى يۈسۈپ قادىرخان (ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئوغلى)بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، گەردىزنىڭ خوتەن توغرىسىدىكى خاتىرىسىدە (خاراخانىلار سۇلالىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقا مەنسۇپ بولسا كېرەك) ، خوتەندىمۇ خرىستىئان چېركاۋلىرى ھەم بىر قىسىم مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ (بارتولد ، ئوتقىت تېكىستى ، 94 – بەت ) . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ، ئۇ يەرگە بۇددا دىنى مەزگىلىدىلا ئاللىبۇرۇن ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىپ بولغان .
مەھمۇد غەزنەۋى سۇلالىسىنىڭ مۇسۇلمان قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەنلا مۇناسىۋىتى بولۇپ قالماستىن ، گەردىزنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ، 1026 – يىلى ئىككى دىنسىز تۈرك خانىنىڭ ۋەزىرلىرى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ يېنىغا كەلگەن ھەم قۇدىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان (گەردىزى ،  « تۈركىستان»غا قاراڭ ، 286 – بەت) . ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئۇ ئىككى خان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جاي ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن . شۇ قېتىمقى ئەلچىلىككە بېرىش ۋەقەسى يەنە  ⅩⅣئەسىردە كىتاب قىلىنغان جامالىدىن ئىبن ماخاننانىڭ پارىسچە ، تۈركچە ھەم مۇڭغۇلچە لۇغىتىدە ئۇچرايدۇ (گېڭ شېمىن : «لياڭ سۇلالىسى خەت چەكلىرى» گە ئاساسلانغاندا ، تەيپىڭنىڭ 4 – يىلى ، يەنى 1024-يىلى لياۋ خاقانى ئاففانىستانغا ئالچى ئەۋەتكەن ، ئەلچى شىنزۇڭنىڭ خېتىنى شۇ يەردىكى خانلىققا ئېلىپ بارغان بولۇپ ، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن قۇدىلىشىشنى تىلغا ئالمىغان ) .
ئىبن ماخاننا 12 مۆچەل ئۈستىدە توختالغاندا ، تېۋىپ مەرۋىزنىڭ (شاھ زامان ئەل مەرۋىزى) ئاللىبۇرۇن يوقالغان «ھايۋانلار توغرىسىدا تەھلىل» دېگەن كىتابىدىن ( گېڭ شېمىن : ئۇ كىتاب ھازىر تېپىلدى ،مىندرىسكىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بار) نەقىل كەلتۈرۈپ  ، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى «جۇڭگۇ خانى ھەم تۈرك ھۆكۈمرانى »دىن خەت تاپشۇرۋالغان ۋاقىت ھىجىرىيە 418- يىلى =مىلادىيە 1027- يىلى ئىدى ، دەيدۇ . خەت يېزىلغان ۋاقىت چاشقان يىلى (1024- يىلى) 5- ئاي ئىدى . گەردىزى ئەلچىلىككە بارغان ئىش ئۈستىدە ھىجىرىيە 417- يىلى = مىلادىيە 1026 – يىلى دەپ خاتىرە قالدۇرىدۇ ، تېۋىپ مەرۋىزى بولسا بۇ ھىجىرىيە 418- يىلى = مىلادىيە 1027-يىلقى ئىش دەپ بايان قىلىدۇ . چاشقان يىلى مىلادىيە 1024-  ياكى 1036- يىلغا باراۋەر كېلىدۇ .
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى رايونىنىڭ چېگرىسىنى پەقەت مەھمۇد قەشقىرىنىڭ كىتابىدىن كۆرەلەيمىز ، شۇ نەرسە بىزگە ئايانكى ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت رايونى ئاساسلىقى ئىككى سودا يولىغا جايلاشقان بولۇپ ، شىمالىي سودا يولى كۇچا ھەم تۇرپانغا تۇتىشاتتى ، جەنۇبىي سودا يولى خوتەندىن لوپنۇرغا   تۇتىشاتتى . تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى . مەھمۇە قەشقىرى ئۇسىمى تارىم بولسا ئىسلام دىنى دۆلىتىدىن ئۇيغۇرلار زېمىنىغا ئېقىپ كىرىدىغان چوڭ دەريا ھەم ئۇ قۇملۇققا ئېقىپ كىرىپ يوقايدۇ ، دەپ بايان قىلغان («دىۋان» ،Ⅰ،116– بەت) . 11 – ئەسىردە ئىسلام دىنى تېخى تۇرپان ، لوپنۇرغا يېتىپ بارمىغان بولۇپ ، ئىسلام دىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسى كۇچا  («دىۋان» ،Ⅰ،339 – بەت) ھەم بۈگۈر (يۇقىرىقى كىتاب ، 301- بەت) ، جەنۇبىي چېگرىسى چەرچەن شەھىرى  (يۇقىرىقى كىتاب ، 364- بەت) ئىدى .
يەنىمۇ شەرقتە ئۇيغۇرلار ئېلى بولۇپ، ئۇنىڭ خانى كۈل بىلگە خان دەپ ئاتىلىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان(«دىۋان»358-بەت) بىراق مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ جايدا Kana yusamma(«ئاتاپ ئادەتلەنگەن دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، بۇ ئەرەبچە سۆز بۇ نامنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە ئۇيغۇر خانىنىڭ قانداق ئاتالغىنىغا كەلسەك، بۇ بايان قىلىنمىغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، مەھمۇد كاشىغەرىي كۈل(kul) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەچكە ، ئۇنى كۆل(kol) بىلەن باغلاپ قويغان (گېڭ شىمىن : قەدىمكى تۈرك تىلىدا «كۈل(kul)»نىڭ «شەرەپلىك دېگەن مەنىسى بار ئىدى ، كۆل (kol) بولسا كۆلنى كۆرسىتەتتى.
مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ خوتەننى بويسۇندۇرغانلىق ئىشىنى بىلەتتى ئۇ ئۆز «دىۋان» ىدا بۇ بىر نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.«دىۋان»دا جېنكشى(كېيىنكى چىڭگىزخان ئەۋلادىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇنداق)دېگەن ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا ، خوتەن ئەمىرى مۇشۇنداق ئاتىلىدۇ ، دەل شۇ كىشى خوتەننى بويسۇندۇرغان دېيلىدۇ(« دىۋان»،Ⅲ، 279 - بەت)، دېگەن .
«دىۋان»دا ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن قوشاقلار بار ( ك.بولىكمان: «قەدىمكى تۈرك قوشاقلىرى»،Ⅰ«شادنى خاتىرىلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان ماقالىلەر توپلىمى»1- بەت). ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن بۇددا دىنى باغلاشتۇرلۇپ بايان قىلىنغان .ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىكى بۇددا راھىبىنى ئىپادىلەيدىغان تويىن (toyin) دېگەن سۆز ھەم بۇددا دىنى كىتابلىرىنى ئاتاشقا ئىشلىتىلگەن نوم(nom) دېگەن سۆزنىڭ كېيىن موڭغۇللار ئارىسىدا تارقىلىپ كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى 13 –ئەسىردىكى پارس تارىخچىسى جۈۋەينىمۇ بىلەتتى . مەھمۇد كاشىغەرىي ، نوم دېگەن بۇ سۆز ھەر قانداق دىنىي كىتابنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئىسلام دىنىنڭ كىتابلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (« دىۋان»،Ⅲ،100– بەت)، دەپ بايان قىلغانىدى. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى ھەم خرىستىئان دىنىغا ئىشەنگەنلىكى توغرىسىدا ماتېرىيال يوق . پەقەت مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ باچاق(baqak) دېگەن سۆزىنى«خرىستىئان دىنىنىڭ روزا كۈنى»(«دىۋان»،Ⅰ.345– بەت)دېگىنىگە قارىغاندا ، تۈركلەر ئارىسىدىمۇ خرىستىئان مۇخلىسىلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ سۆز يەنە تۈركچە مانى دىنى يادىكارلىقلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ، ئۇ « مانى دىنىنىڭ روزا كۈنى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ (لىكوك:«مانى دىنى تۆۋە دۇئاسى»chuas Tuaniftقا قاراڭ)،دەپ چۈشەندۈرگەن .قىزىقارلىقى ، قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇسۇلمان ئىرانلىقلار ھەم دىنسىز ئۇيغۇرلارنى ئوخشاشلا تات (tat) («دىۋان»،Ⅱ ،224– بەت) دەپ ئاتىغان . بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ھازىر تالاش – تارتىش بار . مىللەتشۇناسلىقتا ، بۇ سۆز ھازىر كاۋكازدىكى ئىران – تۈرك ئارلاشما تىلدا سۆزلىشىدىغان يەھۇدىلارنى ئاتاشقا قوللىنىلىدۇ(گېڭ شىمىن: تات تىلى بىر خىل ئىران تىلى بولۇپ ، ئۇ ئىران تىلىنىڭ غەربىي تارمىقىغا مەنسۇپ)، بۇ سۆز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنلەر ئارىسىدا يېزا مەدەنىيىتىگە ئىگە كىشلەرنى ئاتاشقا ئىشلىتىلىدۇ (شۋالىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ سۆز 11 – ئەسىردىمۇ مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلغان، بولمىسا ئوخشاش بىر سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىرانلىقلار ھەم ئولتۇراق تۈرك ئۇيغۇرلىرىنى ئاتاشقا قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ .
مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا ئاز بولمىغان ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە ئالاقىدار ماتېرىياللار بار بولۇپ ، گاۋچاڭ(قۇجۇ)شەھەر ئىسمى، شۇنداقلا پۈتكۈل رايوننىڭ نامى(«دىۋان»،Ⅲ،165–، 180-بەت). ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇجۇ شەھىرى تىلغا ئېلىنغان ، بۇگۈنكى تۇرپاندىكى قاراخوجا، ئىدىقۇت شەھىرى خارابىسى( « ئۇيغۇر پادىشاھىنىڭ شەھىرى»دېگەن مەنىدە) ئۇغۇرلارنىڭ جەنۇبى رايونىدىكى مۇھىم شەھەرلەر ئىدى. شىمالىي قىسمىدا ئاساسلىق شەھەر بەشبالىقتىن باشقا سۈلھى، جانبالىق، يېڭى بالىقتىن ئىبارەت ئۈچ شەھەر بار ئىدى . مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىپ 300 يىلدىن كېيىنمۇ ، ئۇيغۇرلار يەنىلا باتۇرلۇقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويمىدى. ئوقيا ئېتىش، ئۇرۇشقا ماھىرلىق جەھەتتە ، ئۇيغۇرلار باشقا دىنسىزلاردىن ئېشىپ چۈشەتتى«دىۋان)،Ⅰ،103– بەت).
مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنى چۇماق دەپ ئاتغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز («دىۋان»،Ⅰ،319– بەت). جەنۇبىي روسىيە يايلىقىدا ، بۇ سۆز «ھارۋىدا مال ساتقۇچى سېتىقچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار رايونىدا ، ئىسلام مۇخلىسلىرى ئۇمۇمەن سودىگەرلەرگە ۋەكىللىك قىلاتتى .
مەھمۇد كاشىغەرىي ئىلى دەرياسى ھەققىدە توختالغاندا ، مەلۇم بىر خاننىڭ ئوۋغا چىققاندا قوغلىغان ھايۋانلىرىنىڭ ئىلى دەرياسىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈپ ، شۇ ئارقىلىق 12 مۆچەلنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھېكايە قىلىدۇ(«دىۋان» ،Ⅰ ،289– بەت).
مەھمۇد كاشىغەرىينڭ « دىۋانى لۇغەتىل تۈرك» ناملىق كىتابى باغدادتا يېزىلغان بولۇپ ، ئۇ كىتابنى ھىجىرىيە 466 – يىلى 1 – ئايدا ، يەنى مىلادىيە 1073 – يىلى 9 – ئايدا يېزىشنى باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان . بىراق، ئىككى نۇقتا بۇ ۋاقىت ئۈستىدە كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ : بىرىنچىسى، ئۇنىڭدا خەلىپە مۇقتەدى تىلغا ئېلىنغان. بىراق ئۇ ھىجىرىيە 467 – يىلى=مىلادىيە1075-يىلى خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرغان ؛ ئككىنچىسى، 12 مۆچەل بويىچە يىل خاتىرلىگەندە ، يىلان يىلى ، يەنى 1077 – يىلى دەپ خاتىرلەنگەن«دىۋان» نىڭ خاتىمىسىدە ، ئۇ ھىجىرىيە 464 – يىلى 5 – ئاي =مىلادىيە1072- يىلى1-، 2-ئايلاردا«دىۋان»نى يېزىشنى باشلاپ ، تۆت قېتىم ئۆزگەرتىش ھەم كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ھىجىرىيە 466-يىلى6-ئاينىڭ 10 – كۈنى=مىلادىيە 1074- يىلى 2- ئاينىڭ 10– كۈنى«دىۋان»نى تاماملىغانلىقىنى بايان قىلغان ، يەنى ئۇ «دىۋان»نى تەقدىم قىلىدىغان خەلىپە خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن «دىۋان»نى پۈتتۈرگەن . بۇ ۋاقىت جەھەتتىكى قارمۇ- قارشىلىقنى ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بىراق كۆچۈرمە نۇسخىسىدا كونكىرىت ۋاقىت (ھىجىرىيە 644– يىلى10- ئاينىڭ 27– كۇنى=مىلادىيە1266–يىلى8-ئاينىڭ1–كۈنى) خاتىرلەنگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، كۆچۈرگۈچىنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇ كۆچۈرمىنى يازغۇچىنىڭ ئەسلىي ئەسەر نۇسخىسىغا ئاساسەن كۆچۈرگەن ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، يازغۇچىنىڭ 11 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ ئەسەرنى تاماملىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ.
يازغۇچى ئۆزىنىڭ كېيىن نېمە ئۈچۈن باغدادقا كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئۈستىدە توختالمىغان، كىتابتىن پەقەت ئۇنىڭ ھەر قايسى تۈركلەر رايونىنى ئايلىنىپ چىققانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇ تۈركىي تىللىرى مۇتەخەسىسىسى، ئۇ تۈرك تىلى ، تۈركمەن تىلى ، ئوغۇز تىلى ، چىگىل تىلى، ياغما تىلى ھەم قىرغىزتىلىنى تەتقىق قىلغان. كىتابتىكى ماتېرىياللاردىن ئۇنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئەرەب تىلى ياكى تۈرك تىلى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولمايدۇ . يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەرەب تىلىغا پىششىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ، بىراق ، كىتابنىڭ بىر قانچە يېرىدە ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تۈركلەردىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن . يازغۇچى ئۆزىنى ئۈچىنچى شەخىس بىلەن بايان قىلغان ، بەزىدە ئىسىمنىڭ ئالدىغا «كىتابنىڭ مۇئەللىپى» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ قويغان ياكى ئاددىيلا قىلىپ ئۆزىنى مەھمۇد دەپ ئاتىغان ، گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز يوقكى ، كىتابتىكى مەھمۇد دەپ تىلغا ئېلىنغانكى جايدا كۆرسىتىلىدىغىنى يازغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر. تۆۋەندىكى جۈملە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىدار بايانىدۇر: ‎‎«مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ئىسسىق كۆلنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بارسخان شەھىرىدىن»(«دىۋان»، Ⅲ ، 308 – بەت ). بارسخان شەھىرىنىڭ ئورنى ئىلگىرى بېكتىلىپ بولغان . گەردىزى شۇنداق بىر رىۋايەتنى بايان قىلىدۇ : ئالىكساندىر ماكىدونىسكى بىرىنچى قېتىم جوڭگۇغا يۈرۈش قىلغاندا ، ئۇ پارس ئەسكەرلىرىنى بارسخاندا شۇ يەرنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ ، قايتارىدا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىشكە ۋەدە بېرىدۇ، بىراق، كېيىن ئۇ ھىندىستان ئارقىلىق غەربكە قايتىپ، ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ . گەردىزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، بارسخان «پارسخان»(pars+Han) دېگەن مەنىدە .
ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بارسخان توغرىسىدا ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار : بىرى، ئافراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ، يەنە بىرى ، ئۇيغۇر خانىنىڭ ئېتىنىڭ ئىسمى . كېيىنكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىراقلا ئىسسىق كۆلگە يېتىپ كەلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ ، تاكى 11 – ئەسىرگىچە كىشلەر بۇ ۋەقەنى ئېسىدە ساقلىغان .
يەنە باشقا بىر جەھەتتە ،(«دىۋان»،Ⅰ، 102– بەت)مۇنداق خۇلاسىگىمۇ كېلىپ قالىمىز ؛ مەھمۇد كاشىغەرىي تۈرك بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، مۇنداق جۈملىلەر بار : «مەھمۇد ، كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئېتىدۇكى: ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەمىر(Emir) دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق ئوغۇزلار (Emir )نى تەلەپپۇز قىلالمايدۇ .» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ :« ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇرۇش قىلىپ سامانىلار ۋارسلىرىنىڭ قولىدىن تۈركلەر زېمىنىنى تارتىۋالغان .» بەلكىم بۇ يەردە ئېيتقىنى يازغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەستۇر ، يەنە ئالدىنقى نەقىلدىكى بايانلارغا قايتساق ، ئۇنىڭدا:«Toghan Tegin ibn Muhammad Qakir Tonka Han Nizam ad_din israfil» (دادىسنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن ، ماڭا دەپ بېرىشىچە)»دېيىلگەن . ئۇ يەنە قۇماق(kumak) ئاتلىق بىر ئەمىرنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان بولۇپ ، ئۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ھەمراھ بولغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەردىن تۇخسى، ياغما ھەم چىگىللارمۇ ئىسلام مۇخلىسلىرىدىن بولسا كېرەك . ئەينى دەۋردىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇللۇق بازىسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىغا ، يەنى بالقاش كۆلىگە يېقىن رايونغا جايلاشقان(«ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»،Ⅰ، 649– بەت) . بالقاش كۆلى تەرىڭ كۆل(Taring-kul) ياكى تارىڭ كۆل(Taring-kǒl) («چۇڭقۇر كۆل»دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ . («دىۋان»، Ⅲ ، 99– بەت ) كۆلىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىككى ئۈگۈز(ikiuguz) ، يەنى «قوش دەريا»دېگەن مەنىدە بىر شەھەر بولۇپ ، ئۇ ئىلى دەرياسى بىلەن باشقا بىر دەريا يافىنچ (yafinq) نىڭ قوشۇلىدىغان جايدا بولغاچقا ، مۇشۇ نام قويۇلغان («دىۋان»،Ⅰ، 58– بەت) . بىراق «دىۋان»غا قوشۇمچە قىلغان خەرىتىدە يافىنچ دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ، ئىككى ئۈگۈز ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىغا سىزىلغان . 1253-يىلى ياۋرۇپالىق ساياھەتچى رۇبرۇكس(Rubruquis) ئىلى دەرياسىدا ئىكۇس(Equius) شەھرىدىن ئۆتكەن . بۇ شەھەر بەلكىم ئىككى ئۈگۈزنىڭ لاتىنچە قوشۇپ يېزىلىشى بولىشى مۇمكىن . ئىككى ئۈگۈز شەھىرىگە يېقىن جايدا يەنە قامىلانجۇ(Kamlanqu«دىۋان»، Ⅲ ، 184 – بەت )دېگەن بىر شەھەر بار. كۈمى تالاس شەھىرىمۇ مۇشۇ رايوندا، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ چېگىرىسىدا ئىدى. «دىۋان»غا قوشۇمچە قىلىنغان خەرىتىدە ، ئۇ ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا سىزىلغان ، بىراق باشقا جايدا («دىۋان»، Ⅲ ، 177 – بەت ) بۇ شەھەر ئۇيغۇرلار چېگىرىسىغا جايلاشقان ، دېيىلگەن . يەنىمۇ شىمالدا يامار(yamar) دەرياسى بولۇپ ، بۇ دەريا ئېمىل(Emil) دەرياسى①بولىشى مۇمكىن، يەنى ئۇنىڭ ئورنى بۈگۈنكى چۆچەكتە ، يەنە بۇ جايغا يابۇقۇ(yabuku) لار ئولتۇراقلاشقان »دېيىلگەن . ياباقۇلارنىڭ ئىسمىغا ئالاقىدار ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ دىنسىزلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئۈرۈشى ھەققىدە رىۋايەت بار ، ئۇنىڭدا ئارسلان تىكىن قۇماندانلىق قىلغان 40مىڭ مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى بۈگى بۇدراچ (Buge Budraq) قۇماندانلىقىدىكى 700 مىڭ دىنسىز ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئەھۋالى بايان قىلىنغان قوشاقلاردا ئىلى دەرياسى ھەم يامار دەرياسى (ئېمىل دەرياسى؟) دىن ئۆتكەنلىكى خاتىرلەنگەن . يەنە بۇ قېتىمقى جەڭدە باسمىللارنىڭ دىنسىزلار تەرەپتە تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنى تىلغا ئالغىنىغا قارىغاندا ، بۇ ئۇرۇش «دىۋان» يېزىلىشتىن سەللا بۇرۇن يۇز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن . بىراق ، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار سانىنىڭ بۇنچە كۆپ بولىشى ، كۆچمەن چارۋىچىلار رايونىدا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش .
مەھمۇد كاشىغەرىي يابۇقۇلار ساپ تۈركىي قەبىلىگە مەنسۇپ ئەمەس ، دەيدۇ . يازغۇچى يەنە ، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدىن باشقا ، تۈرك تىلىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . باسمىللارمۇ مۇشۇ خىلدىكى (ساپ تۈركىي قەبىلە بولمىغان)كىشلەرگە مەنسۇپتۇر. ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشىغا قارىغاندا ، باسمىللار شىنجاڭنىڭ بەشبالىق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان قەبىلە بولۇپ ، ئۇ يەرنى كېيىن ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن.
ساپ تۈركىي ئۇرۇقىدىن بولمىغانلاردىن يەنە تاتارلار تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 97 نام ( ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ) موڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ . باشقا بىر قىسىم قەبىلىلەرمۇ موڭغۇللار بولىشى مۇمكىن ، بۇ قەبىلىلەر ساپ تۈركلەر ئەمەس دەپ رەتكە تىزىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئېچىدە ياباقۇلارمۇ بار . ئەگەر شۇنداق بولسا ، ئۇنداقتا ، موڭغۇللار مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدىلا غەربتە ئەتراپى تۈركىي قەبىلە بولغان رايونغا يېتىپ بېرىپ بولغان بولىدۇ .
يىنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدىكى قىرغىزلار ئەينى دەۋردە ساپ تۈركلەردىن دەپ قارالغان ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ سۆزىمۇ موڭغۇللارنىڭ تۈركلەرنى موڭغۇلىيىدىن قوغلىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى دەلىللەيدۇ . ئۆتىكەن تاغ ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرى دەۋرىدە ، تۈرك قاغانىنىڭ چىدىرى بار جايدا ئىدى ، دېيىلگەن . بىراق ، مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە «تاتار يايلىقىغا، ئۇيغۇرلار رايونىدىن يىراق بولمىغان جايغا جايلاشقان» («دىۋان»،Ⅰ، 123– بەت)دېيىلگەن. موڭغۇل يايلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي قەۋم قىرغىزلاردۇر . خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، قىرغىزلار 840 يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنى يوقاتقان . قىرغىزلارنىڭ موڭغۇلىيىدىن قوغلىنىشى 10 – ئەسىردىكى موڭغۇل ئۇرقىدىن بولغان كىدانلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن . ئۇلار جۇڭگونىڭ شىمالىدا بىر كۈچلۈك خانلىقنى قۇردى ھەم ئۇ خانلىقنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىدى . ھازىر كىدان (قىتاي) دېگەن بۇ سۆزنى موڭغۇللار ، رۇسىيىلىكلەر ھەم بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئىشلىتىدۇ ، بىراق غەربىي ياۋرۇپادىكىلەر ئىشلەتمەيدۇ . تۈركلەر ئەرەبلەرنىڭ جۇڭگونى (پارسچىدىكىQin، پارسچىدىكى  Qئەرەبچىدىكى S غا تەڭداش كېلىدۇ )دەپ ئاتىشىنى قۇبۇل قىلدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ، شەرقتىن كەلگەن ئەڭ بۇرۇن ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدىغان تابغاچ (Tabghaq) دېگەن نام (گېڭ شىمىن : ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا بۇ سۆز «جۇڭگو»نى ئىپادىلەيدۇ ) قۇبۇل قىلدى . مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە («دىۋان»،Ⅰ، 378– بەت)كىشلەر Sin بىلەن masin جەنۇبىي جۇڭگونى كۆرسىتەتتى . پەقەت «masin» (جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدا) ئۇچۇن تابغاچ دېگەن نام قوللىنىلغان   («دىۋان»دا تاۋغاچ Tavghaqدەپ يېزىلغان)، تاۋغاچ ياكى ماچىن «يۇقىرىقى چىن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . in ئۆز مەنىسى ياكى ئوتتۇرا جۇڭگونى ئىپادىلەپ كەلگەچكە ، كىشلەر ھۆكۈمران قەۋمنىڭ نامى كىدان ( Hitay ) نى ئاتىغان . تۆۋەندىكى Sin شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونىنى كۆرسىتىدۇ . ئېنىقكى ، Tavghai   دېگەن سۆز باشقا مەنىدە قوللىنىلغان . جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغاچقا ، قاراخانىيلار  سۇلالىسىمۇ Tavshai  دېگەن بۇ نامنى قوللانغان . ئۇنىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ ھۆكۈمران». بۇ نام قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەڭگىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ ، ئەرەبچىگە malikassin دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ (جۇڭگو خانى).
«دىۋان»دا تاڭغۇتلارمۇ تىلغا ئېلىنغان ، ئۇلار 1020 – يىلى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان .  بىلەن تاڭغۇتلارنىڭ ئارلىقىدا تۈركچە قاتۇن سىنى(Katun Sini) دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەر بار ئىدى («خانىش ھەيكىلى» ياكى «خانىش مازىرى» دېگەن مەنىدە ، («دىۋان»، Ⅲ ، 101 – 240 – بەت  Abmld Katun Sini , zelki Walidi دېگەن بۇ ئىسىم بروننىڭ «مەسئۇدى قانۇن رىسالىسى» دېگەن كىتابىدا ئۇچرايدۇ ).
ئومۇمەن ،  مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بىر قىسىم شەھەرلەر توغرىسىدىكى قىسقا ئىزاھاتىدىن ، ئۇنىڭ قولىدا تېخى تارقالمىغان تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ساغان سىمۇر(Sighun Samur) دېگەن جاي ئۈستىدە توختالغاندا ، ئۇ جايدا بۇغراخان زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن («دىۋان»، Ⅰ ، 343 – بەت ) دەيدۇ ، بىراق قايسى بۇغراخان ئىكەنلىكىنى ئېيتمايدۇ .
مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا توپلانغان تىل ماتېرىياللىرى نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر تۈرك قوشاقلىرى (خەلق ئارسىدىكى ھەم كىتابلاردىكى) ھەم نۇرغۇن مەدەنىيەت سۆزلۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ماتېرىياللار بىزنى11 – ئەسىردىكى ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەم گەرچە ئۇلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ ( ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ سىرتىدا)، لېكىن ئىسلام دىنى بولۇپمۇ ئىران تەسىرىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ئۈستىدىن پۈتۇنلەي غەلبە قىلالمىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆرۈنىشى توغرىسىدا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ توغرىدا  «دىۋان» دىكى بارلىق ماتېرىياللار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغىلى بولمايدۇ ( ك . بۇلىكماننىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى بىر يۈرۈش تەتقىقات ماقالىلىرىگە قاراڭ) . تۆۋەندە ئوغۇز قەبىلىسى ھەم غەربىي تۈركلەر ئۈستىدە توختالغاندا ، بىز يەنە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىمىز . مەھمۇد كاشىغەرىي نەقىل كەلتۈرگەن قوشاقلار ۋولگا دەرياسىدىن جۇڭگوغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا مەنسۇپ ، ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ شەرقىي رايونغا ، قايسىسىنىڭ غەربىي رايونغا مەنسۇپلىقىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ .


  
داۋامى بار

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-10 15:00 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالتىنچى لېكسىيە (ئەسلى كىتاب 100 – 119 – بەتكىچە)
6-8- ئەسىردىكى تۈرك خانلىقىدىن كېيىن ، تارىختا مەلۇم بولغان ئوغۇزلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى غەربكە كۆچۈش ھەركىتى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىردىكى پىچنەكلەرنىڭ غەربكە كۆچۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۇنىستانتىن خاقانى (ئۇ 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يازغان) بۇ ئىش 50يىل بۇرۇن يۇز بەرگەن ، دەيدۇ. راشىدىن ھەم مەھمۇد كاشىغەرىي پىچنەكلەرنى ئوغۇز قەبىلىسىگە مەنسۈپ دەيدۇ .
پىچنەكلەر ناھايىتى بۇرۇنلا باشقا ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ،9 – ئەسىردىكى ئەرەب جۇغراپىيىشۇناسلىرىنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ،  ئۇلار كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا ئوغۇزلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان . ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ھازارلارنىڭ شەرقىي قوشنىسى بولۇپ، ئۇلار جايىك(jayik) دەرياسى ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان . 922 – يىلى ئېن فادىل ئۇ جايدا قالدۇق پىبلارنى ئۇچراتقان، كېيىن پىبلار ھازارلار رايونى ئارقىلىق غەربكە كۆچۈپ ، جەنۇبىي روسىيە يايلىقىغا كەلگەن.
10 – ئەسىردىكى داڭلىق ئەرەب پەيلاسوپى فارابى تۈركلەردىن كېلىپ چىققان . قاراخانىيلار سۇلالىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ ، كېيىن تەدىرىجى ھالدا ئەرەب يېزىقىنى قوللانغان . قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەڭگىسىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىبارىلەر . ئۇچرايدۇ . كېيىنكى موڭغۇللار دەۋرىدىكى تەڭگىلەرمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئىسىم ئەرەبچە بولسىمۇ ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا خاننىڭ ئىسمى يېزىلغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان يېزىق بىلەن تۈركلەر قوللانغان يېزىقنىڭ (گېڭ شىمىن:ئەرەبچە يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ)تۈز شەكلى ئوخشاشمايدۇ . ئۇ بۇ نوقتىنى ئوغۇزلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەنلىكى تەرەپتىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا بارلىق سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن . شۇڭا ، ئۇلار ئەرەب يېزىقىنى ئىشلەتكەندىمۇ ئەرەبچە ئەلف ( ا ) ، ۋاۋ ( و ) ھەم يا ( ى ) ھەرپلىرى ئارقىلىق سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىگەن، ئەمما ئالدىنقى ئاسىيا تۈركىي تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلار ناھايىتى ئاز ئىپادىلەنگەن ، ھەتتا ئۆتكەن زامان ئۈچىنچى شەخستىكى i مۇ دائىم di  ئەمەس ، بەلكى d قىلىپ يېزىلغان .  
شەرقىي قىسىمدا ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ، مەدەنىيەتلىك تۈركلەر – ئۇيغۇرلاردىن باشقا ، غەربىي شىمالدا نۇرغۇن كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەر بار ئىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن ، ھەتتا ئىسلام دىنىنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بېلمەيتتى . 11 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ، ئېرتىش دەرياسىدىن باشلاپ ، زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىكى قوۋمنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۇلارنىڭ ئىسمىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق بىلىۋالالايمىز . ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشىدا بۇ دەريا بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ جايدا قايسى قوۋمنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن . ئەينى دەۋىردە غەربىي ئوغۇزلار ياكى تۈركەش خانىنىڭ زېمىنى ئېرتىش دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان. ئېرتىش شۇبھىسىزكى تۈركچە ئەمەس . بۇ سۆز توغرۇلۇق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا ئازراق ئىزاھات بار . ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى كىماكلارنى ئېرتىش دەرياسىغا جايلاشقان دەيدۇ . بۇ قەبىلە ئوغۇزلارنىڭ شىمالى ، غەربتە ۋولگا ياكى كاما(kama) غىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن ( ئەينى چاغدا كاما دەرياسى ئىپتىل دەرياسى ، يەنى ۋولگا دەرياسنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنى دەپ قارىلاتتى) ، كىماكلار قىپچاق ھەم ئەمەك(kǝmǝ)لەردىن ئىبارەت بىر قانچە قەبىلىگە بۆلىنىدۈ . مەھمۇد كاشىغەرىينڭ كىتابىدا كىماك دېگەن بۇ ئىسىم ئۇچرىمايدۇ . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدا ئەمەكلەر ئولتۇراقلاشقان ، مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇلارنى قىپچاقلارنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قارىغان («دىۋان»، Ⅰ ، 273 – بەت ).
قىپچاقلار بىلەن بىرگە قاڭلىمۇ( kangli ) تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدا قاڭلى دېگەن بۇ سۆز قەبىلە نامى ئەمەس  («دىۋان»، Ⅲ ، 280– بەت ) ، ئۇنىڭدا قاڭلى قىپچاقلار ئىچىدىكى بىر چوڭ شەخسنىڭ نامى دېيىلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇ سۆز توغرىسىدا مەھمۇد كاشىغەرىي«چوڭ ھارۋا» دېگەن مەنىسى بار دېگەن . پارىس تارىخچىسى بەيھەقىنىڭ ئەسىرىدىن، قىپچاقلارنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي «دىۋان»نى يېزىشتىن كۆپ ئىلگىرى ، جەنۇپتا ئىسلام دىنى رايونى چېگىرىسىغا يېتىپ  بارغانلىقى ھەم خارەزىمنىڭ قوشنىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلىمىز . قىپچاقلارنىڭ جەنۇپقا كۆچۈشى بىلەن ئالاقىدار ئىش ئېنىقكى ، مەھمۇد كاشىغەرىي تىلغا ئالغان («دىۋان»، Ⅰ ، 317 – بەت ) بۇلاق ياكى ئىلىك بۇلاق نامىدىكى تۈركىي قەبىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇلارنى قىپچاقلار ئەسىرگە ئالغان بولۇپ ، ئۇلارغا خۇدا ياردەم قىلغاچقىلا قۇتۇلۇپ قالغان . بۇ يەردىمۇ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئەسىرىدىكى باشقا جايلارغا ئوخشاش ، بىر تارىخىي ۋەقە توغرىسىدىكى ئىش تېما قىلىنغان .
مۇنداق بىر نوقتا ئېھتىمالغا يېقىن :11-ئەسىردىكى  ئوغۇزلارنىڭ غەربكە، جەنۇبقا كۆچۈشى قىپچاقلارنىڭ بېسىمىدىن كەلگەن. بۇ ئارقىلىق ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى تىلغا ئالغان، ئوغۇزلارنىڭ 10-ئەسىردە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەر ئولتۇراقلاشمىغان مەنغايشلاق(manghyxlak) يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەقەنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارال شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى تۈركمەنلەر ئىگىلىگۈچە ئوغۇزلارنىڭ قولىدا تۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركمەنلەرنى شىمالدىن كەلگەن قازاقلار  قوغلاپ چىقاردى.  ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن بۇ ئارال قازاقىستانغا تەۋە بولدى ( بار تولد كىيىن تۈركمەنلەرنى 16-ئەسىردە نوگيەر (Nogaier) لىكلەر بۇ ئارالدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، 17- ئەسىردىن كېيىنكىلەرنى قارمۇقلار قوغلاپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇردى).
11   -ئەسىردىكى مىللەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئىپادىسى؛ 10-ئەسىردىكى ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى ئوغۇزلارنىڭ نامىغا ئاساسەن، غۇز يايلىقى دەپ ئاتىغان نام كېيىن قىپچاق يايلىقى (دەشتى قىپچاق) دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىدە بولۇپ، بۇ جۇغراپىيىلىك نام قىپچاقلار قەبىلە بولۇپ مەۋجۇت بولمىغاندىمۇ، يەنىلا ئىسلام يازما يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئىدى.  بۇ بىر نوختا خۇددى ھازار خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېىيىنمۇ قارا دېڭىز يەنىلا ھازار دېڭىزى دەپ ئاتالغاندەكلا ئىش ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن سىر دەرياسىدىكى ئوغۇز تېررىتورىيىسى ۋە جەنۇبي رۇسىيىدىكى پىچنەكلەرنىڭ تېرىتورىيىسى( ئۇلارنى ئوغۇزلار قوغلىۋەتكەن ) قىپچاقلارنىڭ ھەم ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان قاڭلىلارنىڭ قولىغا چۈشتى. نەتىجىدە، قىپچاقلارنىڭ تېررىتورىيىسى شەرىقتىن غەربكىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ كەڭ رايوننىڭ شىمالىدىكى يايلاقنىمۇ ئۇلار ئىگىلىدى (ھازىرقى قازاقلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئوخشاش). شىمالدىن باشلانغان مىللەتلەر كۆچۈشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. غەرپتە، قىپچاقلار  رۇسلار ھەم غەربىي ياۋروپالىقلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەيلى رۇسلار بولسۇن ياكى ياۋروپالىقلار بولسۇن ئوخشاشلا قىپچاق دېگەن بۇ سۆزنى بىلمەيتتى.  رۇس يازما يادىكارلىقلىرىدا ئۇلار پولوۋسىر (polocer) دەپ ئاتالدى، غەربىي ياۋروپالىقلار بولسا ئۇلارنى كومان (komane) دەپ ئاتىدى. كومان دېگەن بۇ سۆز ئسلام يازما يادىكارلىقلىرىدا ئۇچرىمايدۇ.
قىپچاق قەبىلىسى توغرسىدا، ماركورتنىڭ ئەسىرى بار (بىنگ ھەم ماركورتنىڭ؛ « شەرقىي تۈرك دىئالېكتى تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىنى كۆرسىتىدۇ، بېرلىن، 1914- يىلى).  ماركوت مۇسۇلمان يازغۇچىلىرى تىلغا ئالغان ئەڭ شەرقىي قىسىمدىكى ھۇن قەبىلىسىنى قىپچاقلارغا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ھۇن دېگەن بۇ ئىسىمنى غەربىي ياۋروپالىقلار پىششىق بىلىدۇ. ماركورت مۇلاھىزىسىنىڭ ئەكسىچە، بىز مەيلى ئۇ تىلغا ئالغان شەرىقتىن غەربكە كۆچۈش ھەركىتى بولسۇن ياكى ھۇنلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە بولسۇن دەلىل-ئسپاتلار يېتەرسىز دەپ قارايمىز. گەردىزى، بۇ رايوندا، يەنى قىرغىزلارنىڭ شەرقىي قىسمىدا (furi) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قوۋۇم بار دەپ بايان قىلىدۇ. ئۇلار مەدەنىيەت جەھەتتە قىرغىزلاردىن تېخىمۇ قالاق بولۇپ ، (furi) دېگەن بۇ سۆز تۇرۇكچىدىكى (buri) بولۇشى مۇمكىن ، ماركورت ئاساسلانغان نۇرغۇن يازمىلاردا، يەنى برونى، ئا ئۇفىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ، مەن دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا (furi) دېگەن سۆز قوللىنىلغان.  كىيىنكى باياننى قۇبۇل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن(kuri دەپمۇ ئوقۇلىدۇ، بارتولد: «جىرجىسلار» دېگەن ئەسەرگە قاراڭ، فرۇنزې، 1927-يىلى، 23- بەت). ماركورتنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىنىڭمۇ قايىل قىلىش كۈچى ئاجىز:  ئۇ خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن قىپچاقلار (يەنى، 12- ئەسىردە) شەرىقتىن كەلگەن بىر ھۆكۈمران سۇلالىنى ئىگىلىۋالدى، دەپ بايان قىلغان ئىدى.
قىپچاقلارنىڭ كۆچۈشى بىر قەبىلىنىڭ سىاسىي بىرلىكى ھەم دۆلەت تەشكىلاتى يوق تۇرۇپمۇ، يەنىلا كەڭ رايونلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن ئبارەت كەم ئۇچرايدىغان مىسال.  ئىلگىرى ئايرىم قىپچاق خانلىرى بولغان بولسىمۇ، بىراق بارلىق قىپچاقلار ئۇستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان بىرلىككە كەلگەن بىر خان ئەزەلدىن بولغان ئەمەس.  قىپچاقلار ئىگىلىگەن رايون ئەينى دەۋردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئىدى . كاۋكازدا قىپچاقلار 12- ئەسىردىلا ئىسلام رايونلىرىغا بولغان تاجاۋۇزچىلىققا قاتناشقان.
قىپچاق خان جەنۇبىي رۇسىيىدە ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان، بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلار  جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلىكتە شۇنداق قىلغان، ئىسلام رايونىنىڭ قوشنا يېرىدە، مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق خانلىقى بولۇپ، چىگرا ئىچىدىمۇ بىر قىسىم شەھەرلەر بار ئىدى. 12- ئەسىردىكى قىپچاق خانلىقىنىڭ (12- ئەسەرنىڭ كېينكى يېرىمىدا خارەزملىقلار ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان) پايتەختى سۇزناق (خارابىلىقى بۈگۈنكى سۇناق-قورغان )ئىدى. بۇ جاينى مەھمۇد كاشىغەرىي ئوغۇزلار رايونى دەپ تىلغا ئالغان ئىدى . ئىسلام تارىخىي ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان قىپچاقلار بىلەن قاڭقىللار(بۇ ئىككى قەبىلە دائىم بىللە تىلغا ئېلىنىدۇ ، 12 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ ئايرىماق ناھايىتى تەس بولغان ) خارەزىم بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى . بۇ خىل ئەھۋالدا ، ھازىرقى قازاق يايلىقىدا ئولتۇراقلاشقان بىر تۈركىي قوۋمنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىش ( ئېن ئاترنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ھىجىرىيە 435 – يىلى مىلادىيە 1043- يىلى) قىپچاق يايلىقىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ . بۇ يەردە يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان قوۋمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان (960- يىلدىكى ئىشقا ئوخشاش) . ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونى: قىشلىقى بالاساغۇن بولسا ، يازلىقى ۋولگا (ئېپتىل)دەرياسى ئىدى . گەرچە زېمىنى كەڭرى بولسىمۇ ، بۇ قەبىلىنىڭ ئادەم سانى 960- يىلى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قارىغاندا كۆپ ئاز ئىدى . ئېن ئاتر ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلارنى 10مىڭ چېدىرلىق كىشى ئىدى دېسە ، ئەبۇل فىدا (توسنبرىگنىڭ باسمىسى، Ⅸ ، 355 – بەت) ئارانلا بەش مىڭ چېدىرلىق ئىدى دەيدۇ.
مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ كىتابىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ غەربىي شىمالدىكى تەسىرىنىڭ قانچىلىك يىراقلىققا بارغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. ئومۇمەن ئۇ نەقىل كەلتۈرگەن تۈركىي قوشاقلار ، تۈرك ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى، ئۆرپ-ئادەت، دۆلەت ھاكىمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ قەيەر، قايسى تۈركىي قەبىلىگە مەنسۈپلىقىنى ئېنىق ئېيتقىلى بولمايدۇ . بۇ كىتابتا نەقىل كەلتۈرگەن تۈرك قوشاقلىرى ئوخشاشمىغان رايونلارغا چېتىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە قاتۇن سىنى شەھىرى ھەم تاڭغۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا ئالاقىدار قوشاقلار ، ۋولگا دەرياسىنى تەسۋىرلىگەن :
«ئىدىل سۈيى ئېقىپ تۇرار،
قىيالارنىڭ تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار،
بېلىق ، پاقا تولۇپ تۇرار،
كۆلچەك تېخى تېشىپ تۇرار.»
دېگەن قوشاقلار بار («دىۋان»، Ⅰ . 70- بەت.«دىۋان»ئۇيغۇرچىسى ، Ⅰ .100 – بەت ).
مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ «دىۋان»غا ئاساسلانغاندا خەلق قوشاقلىرىدىن باشقا تۈركلەر ئارسىدىمۇ كىتابىي شېئىرلار، ھەتتا ئوردا شېئىرلىرىمۇ بولغان. بىر يەردە مەلۇم بىر شائىر ئۆزىنى خانىشنىڭ مۇلازىمى دەپ ئاتىغان ھەم خانىشقا بىر پارچە شېئىر تەقدىم قىلىپ ، ئۇنىڭغا قىلغان خىزمىتىنى ئىپادىلىگەن . بۇ خىل شېئىر قوشاق دەپ ئاتىلىدۇ، ئەرەبچە قەسىدە(مەدھىيە، («دىۋان»، Ⅰ . 314- بەت ) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ قوشاق باشقا بىر شېئىر شەكلى تۇيۇقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . «دىۋان»دا تۇۇق دېگەن بۇ سۆز ئۇچرىمايدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي پەقەت چۈچۈ ئاتلىق بىر تۈرك شائىرنى تىلغا ئالغان («دىۋان»، Ⅲ . 180- بەت )، بىراق ئۇنىڭ قايسى تۈرك قەبىلىدىن ئىكەنلىگىنى، قەيەر، قايسى زاماندا ياشىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
خۇددى پارس مەدەنىيىتى ئىلگىرىكى تۈرك قوشاقلىرىنى بىراقلا چىقىرىۋېتەلمىگەنگە ئوخشاش ، ئىسلام دىنىمۇ بىراقلا ئىلگىرىكى دىنىي قاراشلارنى چىقىرىۋىتەلمىگەن . بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئايال ئىلاھ ئۇماي( بۇ سۆز ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدۇ)غا ئېتىقاد قىلىناتتى . مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇماينى بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ چۈشەندۇرگەن ھەم ماقال نەقىل كەلتۈرۈپ:«كىم ئۇمايغا ئېتىقاد قىلسا ، شۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ»دېگەن («دىۋان»، Ⅰ . 111- بەت ).
مەھمۇد كاشىغەرىي يوغ(yog) دېگەن سۆز ئۈستىدە توختالغاندا ، ئۇنى «نەزىر»(«دىۋان»، Ⅲ . 105- بەت )دېگەن مەنىدە، ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك ياكى يەتتە كۈنلۈك زىياپەت مۇراسىمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بايان قىلغان . يەنە مۇنداق خۇراپىيلىق ساقلانغان: ئىككى قوشۇن ئۇرۇش ھارپىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ يەر ئىلاھلىرى ئۆز ئارا ئېلىشىدۇ، دەپ ئەسكەرلەر جەڭنىڭ ئالدىنقى كېچىسى چېدىردىن چىقىشتىن، يەنى ئىلاھ ئوقىنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. بۇ خىل ئىلاھىي ئوق چەۋى دەپ ئاتىلىدۇ.  قايسى ئىلاھنىڭ غەلبە قىلىشى كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى جەڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. يەنە كىشىلەر يېڭى بوۋاق تۇغۇلغاندا، ئوغۇلمۇ، قىزمۇ دەپ سورىماي، بەلكى «بۆرى تۇغۇلدىمۇ، تۈلكىمۇ؟»  («دىۋان»، Ⅰ . 359- بەت )دەيتتى. يەنە، سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ  ئىشلىتىلىشى جەھەتتە ، قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن ئوغۇزلار، يەنى سالجۇقلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئاتالغۇ ئىشلىتىشى ئوخشىمايتتى. مەسىلەن،  چىل، يەنى شەرقىي تۈركلەر ئەينى دەۋىردە «يارلىق» (خان بۇيرۇقى) دېگەن سۆزنى ئىشلىتەتتى (كىيىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى قوللانغان)، بىراق ئوغۇزلار بۇ سۆزنى بىلمەيتتى  («دىۋان»، Ⅲ . 31- بەت )؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئوغۇزلار تۇغراگت(tughragt) دېگەن سۆز ئارقىلىق «تاسغۇ»، «قول بېسىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ سۆز توغرۇلۇق مەھمۇد قەشقىرى : « تۈركلەر بۇ سۆزنى بىلمەيدۇ، مەنمۇ بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلمەيمەن» دېگەن  («دىۋان»، Ⅰ. 385- بەت ). ئىبن مۇھەننا (موڭغۇل دەۋرىدىكى يازغۇچى) نىڭ لۇغىتىدە ئىككىلا سۆز بار بولۇپ،  Tughraھەم يارلىق دېگەن ئىككى سۆز بىر بەتتە ئۇچرايدۇ.Tugra  دېگەن بۇ سۆزنى كىيىن پەقەت سالجۇقلار ھەم ئوسمان تۈركلىرى ئىشلەتكەن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر بۇ سۆزنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا،  مەھمۇد قەشقىرى كىتابىدا ھۆكۈمرانلىققا ئالاقىدار پارچە –پۇرات ئىشلارنى بايان قىلغان بولۇپ،  خانلىق ھوقۇقىنىڭ تاشقى بەلگىسى بولغان بايراق تىلغا ئېلىنىپ، توققۇز تۇغلۇق خان ئەڭ كۈچلۈك خان دېيىلگەن   («دىۋان»، Ⅲ . 92- بەت ) . يەنە دىنسىز تۈرك خانى_ ئۇيغۇر خانى توغرىسىدىكى ئىشلار بايان قىلىنغان: قامدۇ (kamdu  ) دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرگەندە، تۆت گەز ئۇزۇنلۇقتىكى (ئىككى مېتىرغا تەڭ) بىر غېرىچ كەڭلىكتىكى پاختا رەخت ئۈستىگە ئۇيغۇر خانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، يەتتە يىلدا بىر قېتىم ئوڭشاپ، بىر قېتىم يۇيۇلىدۇ ھەم قايتا ئەمەل تامغىسى بېسىلىدۇ («دىۋان»، Ⅰ . 350- بەت ، تاكى يېقىنقى دەۋىرگىچە شىنجاڭدا يەنىلا رەخت پۇل ئىشلىتەتتى)دىيىلگەن.

داۋامى بار

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 21:11 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەتتىنچى لېكسىيە  (ئەسلى كىتاب 120-138- بەتكىچە)
مەھمۇد قەشقىرى بىزنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شىمالىدا يابغۇلار (شۇنىڭدىن كېيىن تارىختا چېلىقمايدۇ) بىلەن، شەرىقتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ،  بىراق 11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى غەربىي لياۋ (قاراكىدان) لار بىلەن بولغان ئۇرۇش ئۈستىدە توختالمايدۇ.
كىدانلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسلام تارىخىي ماتېرىياللىرى، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا مول. خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا، كىدانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئاكا- ئۇكا خاقانىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەنلىكىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىسلام تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ،  بۇقېتىمقى ھەربىي يۈرۈش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، قەشقەر خانى كىدانلارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلىۋەتكەن. سەلجۇقلار سۇلتانى سەنجەر بۇ غەلبىنى باغداد خەلىپىسىگە (بارتولد:  «تۈركىستان»، Ⅰ .37- بەت) مەلۇم قىلغان.  بىراق، كىدانلارنىڭ باشقا بىر بۆلىكىنىڭ شىمالىي يول بىلەن غەربىي موڭغۇلىيە ئارقىلىق قىلغان ھەربىي يۈرشى غەلبە قىلغان.  ئۇلار يېنسەي  دەرياسىنىڭ يۇقىرقى ئېقىنىدا گەرچە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بەخىتكە يارشا بۇ رايوندىن ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ، چۆچەك رايونىدا (11-ئەسىردە  قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن يابغۇلار قەبىلىسى بۇجايدا ئۇرۇش قىلغان ) ئېمىل شەھىرىنى بەرپا قىدى (ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيالىنى جۇۋەينىنىڭ «تارىخىي جاھانكوشاي»، جېنى خاتىرلەش مەجمۇئەسى،  ⅩⅥ، 2، 86 ).  ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ رايون 12- ئەسىردىمۇ 11- ئسىردىكىگە ئوخشاشلا ئىسلام تەسىرىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى، ئىسلام دىنىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايون يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بالاساغۇن شەھرى رايونى ھىسابلىناتتى .
  غەربىي لىياۋ خانى بالاساغۇن شەھرىگە يېقىن جايدا تۇراتتى. ئىسلام مۇخلىسلىرى ھەم موڭغۇللار ئۇنى گورخان دەپ ئاتايتتى. بۇ خىل نام بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن ئوخشاشلا ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ ئېنىق ئەمەس. مۇسۇلمان يازغۇچىلار بۇ سۆزنىڭ «خانلارنىڭ خانى» دېگەن مەنىسى بارلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. بۇ سۆز (gur,kur) بەلكىم قەدىمكى  تۈرك تىلىدا kur ياكىkul  دىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. كىيىنكى بىر سۆز ئۇرخۇن ئابىدىلىرى، گەردىزى ھەم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ، گورخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى زېمىن كەڭ بولۇپ، خارەزەمدىن ئۇيغۇرلار رايونىغىچە يېتىپ بارىدۇ.  
غەربىي لياۋلارنىڭ ئوردا تىلى خەنزۇ تىلى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار خەنزۇلارنىڭ تىلىنى قوللانغان ئىدى. « 驸马 » دېگەن سۆز  كۈيئوغولنى كۆرسىتەتتى، payaz ( 牌子  ) ئارقىلىق «ئىسپات ھۆججىتى» (كېيىنكى موڭغۇللارغا ئوخشاش) ئىپادىلنەتتى. غەربىي لياۋ ئادەتتىكى كۆچمەن چارۋىچى خانلىققا ئوخشىمايتتى، ئۇلار تېخى شەھەر تۈزۈمىنى ( پارچىلاپ  ئىدارە قىلىش تۈزۈمى) يولغا قويمىغان ئىدى. ئېيتىلىشىچە، تۇنجى گورخان ھەر قانداق ئادەمنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئاتلىق ئەسكەرگە ئىگدارچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان . بىراق ، دۆلەت تەۋەلىكىدە ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان غەربىي لياۋ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بالاساغۇن شەھىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئۇ يەرگە گورخان ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلدى . بۇ شەھەر ۋە ئاھالىنىڭ تەركىبى شۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇسۇلمان شەھىرى بولۇپ قېلىۋەردى غەربىي لياۋلار ئىگىلىۋالغان باشقا شەھەرلەردىن قەشقەر ، ماۋەرئۈننەھردە يەنىلا قاراخانىيلار سۇلالىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى . غەربتىكى خارەزىم ، شەرقتىكى ئۇيغۇر خانلىقىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۇرۇۋەردى .
غەربىي لياۋنىڭ قۇرۇلۇشى ھەر خىل مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ،  ئىسلام مەدەنىيىتى بولمىغان تەركىبلەرنىڭ غەربكە تارقىلىشىدا رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن ، يەتتىسۇ رايونى چۇ دەرياسى ۋادىسىدىن بايقالغان سۇرىيە تىلى ، تۈركىي تىلىدا نېستورىئان دىنى يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقا كۆرنۈشى ھازىرمۇ يەنىلا ئېنىق ئەمەس . ئىسسىق كۆل رايونىدىن بايقالغان كۆپ ساندىكى يازما يادىكارلىقلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكىگە ئوخشاشلا 14-ئەسىر ، يەنى موڭغۇل دەۋرىگە مەنسۈپ . بىراق ، چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلار 13- ئەسىرنىڭ بېشىغا ، يەنى غەربىي لياۋ يەنىلا مەۋجۈت بولۇۋاتقان دەۋرگە مەنسۈپ . رۇسىيە ئاكادېمىكى kokovcov يەتتىسۇ رايونىدىكى  نېستورىئان دىنى يازما يادىكارلىقلىرى بىلەن تۇرپاندىن بايقالغان يازما يادىكارلىقلارنى سېلىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، تۇرپاندىكى نېستورىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ يەتتىسۇ رايونىدىكى مۇخلىسلىرىغا قارىغاندا تەربىيە كۆرگەنلىكىنى بايقىغان . شۇڭا شەرق(تۇرپان)غەربكە(يەتتىسۇ رايونى) تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قاراش كېرەك («رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ژورنىلى»، 1909 ، 778 – بەت).
ئۇيغۇر نېستورىئان دىنى مۇخلىسلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر بۇددا دىنى مۇخلىسلىرىمۇ مۇشۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ غەربكە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيىتكەن بولۇشى مۇمكىن . غەربىي لياۋ دەۋرىگە نىسپەتەن ، بىزدە بۇنىڭغا ئالاقىدار ماتېرىيال يوق .بىراق، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (يەنى، 1253- يىلى)لېلوك قايالىق شەھىرىدە (ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى) ئۇيغۇر بۇددا دىنى مۇخلىسلىرىنى ئۇچراتقان . بۇ  ئۇيغۇر بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى غەربىي لياۋ دەۋرىدىلا بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . ئومۇمەن ، 11- 12 – ئەسىر خرىستىئان دىنى دىن تارقىتىشنى كۈچەيتكەن دەۋر بولۇپ ، نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە خرىستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلىمىز . خرىستىئان دىنى تارىخىي ماتېرىياللاردىلا ئەمەس، ئىسلام تارىخىي ماتېرىياللىرىدىمۇ غەربىي موڭغۇللارنىڭ نايمان قەبىلىسى بىلەن شەرقىي موڭغۇللارنىڭ قېلى قەبىلىسىنىڭ خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . پىللىئوتنىڭ تەتقىقاتى («روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ژۇرنىلى»، ⅩⅤ ، 1914، 629  - بەت) جەنۇبىي موڭغۇللارنىڭ ئونگۇت (ongut،ongut) قەبىلىسىنىڭمۇ خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ، خرىستىئان دىنىنى تارقىتىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. چىڭگىزخاننىڭ نايمانلار يېنىدىن  بىر ئۇيغۇر مۆھۈردارغا ئېرىشكەنلىكى ھەم ئۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلگەنلىكى بۇ بىر نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ . يەتتىسۇ رايونىدىكى خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، مەڭگۈ تاشلاردىكى ساناق ساناش ئۇسۇلى ئۇرخۇن يازما يادىكارلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىكى ساناق ساناش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ مەركىزى تۇرپاننىڭ شەرقىدىكى بۇلايىق(bulayik) يېزىسى بولۇپ ، ئۇ يەردىن پەقەت يەرلىك خرىستىئان دىنى يازما يادىكارلىقلىرى بايقالدى ( سۇرىيە، سۇغدى، تۈرك تىلىدىكى مولى: « ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى » بېرلىن، 1908 ، 4 – بەت)، بىراق يەتتىسۇ رايونىدىكى خرىستىئان دىنى مۇخلىسىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتمەي، سۇغدى يېزىقىنى ئىشلەتكەن ( بىر قانچە يېڭى بەلگىنى كۆپەيتكەن).
دىن تارقىتىش پائالىيىتى سودا پائالىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، سۇرىيە رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشچە ، كېلىلىقلار ( ئالفرىت:«يۇھان ئېپىسكوپ ھەققىدە رىۋايەت» 89 – بەت، ئەبۇل فارادىنىڭ كىتابىغا ئاساسلانغان) خرىستىئان دىنى سودىگەرلىرى ئارقىلىق خرىستىئان دىنىنى بىلگەن .
موڭغۇللار تۈرك تىلىدىن «سودىگەر»مەنىسىدىكى سارت دېگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىپ قوللاندى ، شۇنداقلا سۇغد (soghd) دېگەن سۆزدىن سوغداق (soghdah) دېگەن سۆزنى تۈرلەپ چىققانغا ئوخشاش ، سارت دېگەن سۆزدىن سارتاق(sartak) دېگەن سۆزنى تۈرلەپ قوللاندى . يەنە موڭغۇل تىلىدىكى ئادەمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئارقا ئۇلانمىسى tai - نى قوشۇپ سارتاقتاي (sartaktai) سۆزنى ياساپ قوللاندى . موڭغۇللار بۇ سۆزنى ئاساسلىقى سودىگەرلەر ئىچىدىكى « مۇسۇلمان ئىرانلىقلار»غا ئىشلەتكەن . موڭغۇللارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ، بۇ سۆز بىر مۇقىم مىللەتتىن كۆرە ، مۇقىم مەدەنىيەت تىپىدىكى كىشلەرنى كۆرسىتەتتى . چىڭگىزخان ئۆزىگە بويسۇنغان بىرىنچى مۇسۇلمان پادىشاھى ، يەنى يەتتىسۇنىڭ شىمالىدىكى قارلۇقلاردىن ئارسىلانخاننى سارتاقتاي  دەپ ئاتىغان ئىدى . ئەمما قارلۇقلار تىل جەھەتتىن ئىرانلىق ئەمەس بەلكى تۈركلەر ئىدى . موڭغۇللار يەنە سارت بىلەن مەنبەداش sartaghul (ساتاغۇل ) دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن . بۇ سۆز چىڭگىزخان دەۋرىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، كېيىن رەشىددىن مۇشۇ سۆز بىلەن تاجىكلارنى كۆرسەتكەن ، ئىبن مۇھەننا بولسا «مۇسۇلمان»لارنى كۆرسەتكەن .
چەك (qek) دېگەن سۆز پارس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان .  غەربىي لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە ، يەنى مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدىمۇ ئىسلام دىنى رايونى ئەڭ شىمالدا بالاساغۇن رايونىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئىدى . يۇز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىن كېيىن ، يەنى موڭغۇللار تارىختا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى يەتتىسۇ رايونىنىڭ شىمالىدىكى قارلۇقلار ، مۇسۇلمان ئارسلانخان دۆلىتى ھەم قايالىق شەھىرىگچە كېڭەيدى . بۇ شەھەرنىڭ ئورنىنى تەخمىنەن پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . لوبلۇك ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئالاكۆلگە (ala kul) بېرىش يولىدا ، بۇ شەھەردىن ئۆتكەن . ئەينى چاغدىكى چوڭ يول ھازىرقى بالقاش كۆلىگە تېخىمۇ يېقىن بولسا كېرەك ، چۈنكى لوبلۇك يىراقتىن كۆل يۇزىنى كۆرگەنكەن . قايالىق شەھىرى ھەم قارلۇق دۆلىتى غەربىي لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان . قارلۇق خانى يەنە كېلىپ گورخانغا بېقىناتتى . يەنە بىر شەھەر ، يەنى ئىلىنىڭ (غۇلجا، «ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»،Ⅱ ، 1193)غەربىي شىمالدىكى ئالمالىققا ( بۇ شەھەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ياكى غەربىي لياۋ سۇلالىسىگە دائىر خاتىرلەردە ئۇچرىمايدۇ ) موڭغۇللار پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى قارلۇقتىن ياكى قاڭلى تۈرك ئېرقىدىن كېلىپ چىققان بىرسى ھۆكۈمرانلىق (ئۇ غەربىي لياۋ سۇلالىسىگە بېقىنمايتتى ، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى تۇراتتى) قىلاتتى. بۇ ئادەمنىڭ كېلىپ چىقىشى جەھەتتىكى زىددىيەتنى بىز جۇۋەينىنىڭ «تارىخىي جاھانكۇشاي»( 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى13 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال ) ئەسىرنىڭ ئوخشىمىغان (گەرچە ئوخشاشلا قەدىمكى بولسىمۇ ) نۇسخىلىرىدىن كۆرۋالالايمىز. ئەمما ئالمالىقنىڭ ھۆكۈمرانى ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئىدى . شۇنداق ئىكەن ، ئىلگىرى مەۋجۇت بولمىغان يەنە بىر يېڭى مۇسۇلمان خانلىقى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ . ئەينى دەۋردە ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشى قىيىن ئىدى. شەرقتە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلار خۇددى بىر سېپىلغا ئوخشاش ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ تۇراتتى . موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدە مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا ، ئىسلام دىنىنىڭ چېگىرىسى كۇچانىڭ شەرقىدە ئىدى . پەقەت ئەبۇفلا ( بارتولد «تۈركىستان» بىرىنجى قىسىم، ئەسلى تېكىست ، 95 – بەت) كۇچادىكى مۇسۇلمان تۈركلەردىن خىزىر بەگنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ قەھرىمان نامى بىلەن مەشھۇر بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. خىزىربەگ قەشقەر خانىغا ياردەم بېرىپ دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرغاچقا ، خان ئۇنىڭغا نام بەرگەن .  مەھمۇد كاشىغەرىي دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى چېگىرىسى چەرچەن ئىدى. بىراق ، 13 – ئەسىردىكى ماركوپولو دەۋرىدە بولسا ، لوپنۇر رايونىدىكى ئاھالە ئاللبۇرۇن ئىسلام مۇخلىسىلىرىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.
يەنە بىر مۇرەككەپ مەسىلە شۇكى ، تۈركلەرنىڭ ئەينى دەۋردە ئاسىيادىكى ئىسلام مەدەنىيىتى تۇرمۇشىغا قانچىلىك دەرىجىدە قاتناشقانلىقى . تۈركلەر بۇ چاغدا گەرچە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئۆز تىلىنى يوقتىپ قويمىغان ئىدى . بىراق ، ئەرەب – پارس مەدەنىيىتىنىڭ تۈركلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى شۇ دەرىجىدە چوڭ بولغانكى ، تۈرك تىلىمۇ ھەتتاكى دۆلەت ياكى مەدەنىيەت تىلىغا ئايلىنالمىغان ئىدى . ئەڭ غەربتە ، يەنى كىچىك ئاسىيادا 13 – ئەسىرگىچە ئەرەب تىلى يەنىلا دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىلغان ئىدى . بۇ بىر نۇقتىنى 14 – ئەسىردىكى كىچىك ئاسىيادا پارس تىلى بىلەن يېزىلغان ، يازغۇچىسى نامەلۇم بىر ئەسەردىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ ، بىراق، مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن («روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى  ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى»، 18 ، 0129، خۇددى ماكس ۋان بېرچىم(max Van Berhan) كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك )، بىراق ئالدىنقى بىر نۇقتىغا پايدىلىق بولغىنى ئالتۇن ئىلمى ھەققىدىكى ماتېرىياللاردۇر . پارس شېئىرلىرىنىڭ تۈرك سۇلتانلىرىغا بولغان تەسىرىنى ، ئەينى چاغدا كۆپ قوللىنىلغان كەيخۇسرەۋ ، كەيقۇباد دېگەندەك كىشى ئىسىملىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . بىراق ، ساپ تۈركچە كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ . بۇ بىر نۇقتا سۇلتانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۈركلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . بۇ بىر ئەھۋال ئىراندىكى سەلجۇقلار دۆلىتىگىمۇ ماس كېلىدۇ . ئۇ يەردە پارس تىلى دۆلەت تىلى ھەم مەدەنىيەت تىلى قىلىپ قوللىنىلغان ئىدى . قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىستاندا ، ئەرەب تىلى دائىم پارس تىلى تەرىپىدىن مەمۇرىي ھەم ئەدەبىيات ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرۋىتىلگەن ئىدى . بىراق 10 – ئەسىردىكى سامانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ، «بۇخارا تارىخى» ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئىدى . بۇ كىتب 12 – ئەسىردە پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ، باشقا سەۋەبلەردىن تاشقىرى ، كىشلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەرەب تىلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى خالىمايدىغان  بولۇپ قالغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن ( نۇرشاھ ، سىپىر باسما نۇسخىسى، 2 – بەت )، ھەتتا دىنى تەلىم تەربىيىدىمۇ پارس تىلى ئەرەب تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن . مەسىلەن ، بىر كىشى مەدرىستە پارس تىلىدا دەرس سۆزلىگەن (سامانى، مەرگۇلوس نۇسخىسى 506 – بەت ) . بۇ خىل ئەھۋال دەسلەپكى دىنى تەربىيىدىمۇ ئۇچرايدۇ . مەجىددىن ئابدۇلجاپپار ( تارىخ يازغۇچىسى ، ھىجىرىيە 451- يىلى نىشاپۇردا  تۇغۇلغان) ئۆزىنىڭ بەش ياش ۋاقتىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى پارس تىلى ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ .
بىراق، قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ، بولۇپمۇ قەشقەر رايونىدا ، 12 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەرەب تىلى يەنىلا مەمۇرىي تىل قىلىپ قوللىنىلاتتى . بىر پارچە ئەرەبچە ھۆججەتنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ لوندۇن شەرقشۇناسلىق ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلغان ئىدىم ( « < قۇتادغۇبىلگ> تىكى بۇغراخان ئۈستىدە تەتقىقات »،«لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»غا بېسىلغان. Ⅲ،Ⅰ،  151-158-بەت، 1923 – يىلى، تۈركچە تەرجىمىسى «تۈركولوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1 – تومغا تەرجىمە قىلىپ بېسىلغان). بۇ ھۆججەت «قۇتادغۇبىلىگ» يېزىلغان دەۋرىگە مەنسۇپ ئىدى . بۇ ھۆججەت ھەم كېيىنكى ھۆججەتلەر شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرىدۈكى ، قاراخانىيلار سۇلالىسىدە بولۇپمۇ سەمەرقەندتە ، گەرچە ئاھالىلەردىن ھەممىسى دېگۈدەك تۈركچە سۆزلىمىسىمۇ ، بىراق تۈرك تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىلىشتىن پۇتۇنلەي قالمىغان ئىدى . مەسىلەن ، تۈركچە ئۇلۇغ دېگەن سۆزگە ۋەزىر سۆزى قوشۇپ قوللىنىلغان . 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سەمەرقەند خانىنىڭ قۇيدۇرغان تەڭگىسىگە ھەتتا خاننىڭ نامى سۇلتان ئەسسەلاتىن(sultan as salatin سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى) قىلىپ يېزىلغان . قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانلىرى تاكى خانلىق يوقالغۇچە تۈركچە ئىسىم ھەم تۈركچە نام ئىشلەتكەن ھەم موڭغۇل يايلىقى دەۋرىدىكى ئوغۇز ھەم خانلىق دەۋرىدىكى ئادەتلەرنى ساقلاپ قالغان ، يەنى يېڭى خان خانلىققا ئولتۇرغاندا كونا نامنى ئۆزگەرتىپ ، يېڭى نامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمى ئورنىدا قوللانغان . بۇ بىر ئادەت تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان ، يەنى ئوخشاش بىر ۋاقىت ، ئوخشاش بىر جايدا قۇيۇلغان تەڭگىلەر بىر ئادەمگە تەئەللۇقمۇ ياكى بىر قانچە ئادەمگىمۇ بۇنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ .
سەمەرقەندتە ھازىرقى بىلىشىمىزگە ئاساسلانغاندا،  تۈرك ئەدەبىياتى ھەققىدە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ (خىزىرخان ھەم ئوردا شائىرلىرى توغرىسىدا ، « سەمەرقەند»نىڭ 4- تومغا قاراڭ ، جىف خاتىرە مەجمۇئەسى، Ⅺ ، ئەسلى تېكىست 46- بەتتە .  Ⅺ، 2، تەرجىمىسى 52- بەتتە) خان سارايلىرىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغانلار پارس شائىرلىرى ئىدى ، ئۇلارنى خان ئوردىسى قوغدايتتى . تۈرك تىلى ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا نىسپەتەن ، گەرچە پارس تىلىنىڭ تەسىرى چۇڭقۇرلىشىۋاتقان ھەم كۈنسىېرى كۈچىيۋاتقان بولسىمۇ ، ئەينى دەۋردە قەشقەرنىڭ شارائىتى بىر قەدەر ياخشى ئىدى . 17 – ئەسىرلەردە قەشقەردە پارس تىلىدا بىر تارىخىي ئەسەر يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى گرامماتىكىلىق خاتالىقلار ناھايىتى كۆپ . بۇ شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرىدۈكى ، پارس تىلى يازغۇچىنىڭ ئانا تىلى ئەمەس ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان تىلى ھەم ئەمەس («ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، ⅩⅩ، Ⅱ ، 313 – بەت) .
ھىجىرىيە 462- يىلى (مىلادىيە 1069- 1070 – يىللىرى) بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ (ئۇ قاراخانىيلار ئوردىسىدا ھاجىپ ئىدى) قەشقەردە تۈرك تىلى بىلەن «قۇتادغۇبىلىگ» نامى بىلەن پەند - نەسھەت مەزمۇنىدىكى داستاننى يېزىپ، ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلار خانىغا تەقدىم قىلغان . قۇت (بەخت) دېگەن بۇ سۆز دائىم (كىتابنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ مۇشۇ مەنىدە ) ھازىرقى«ئالىيلىرى» دېگەن مەنىدە قوللىنىلاتتى . بۇ خىل تۆرە مەجبۇرىيىتى نەسىھەتىگە ئالاقىدار ئەسەرلەر قەدىمكى شەرقتە (ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى بار بىر قىسمى دەل ئۇلاردا بايان قىلىنغان تارىخىي ياكى رىۋايەتلەردىكى ۋەقەلەر بولۇپ ، يازغۇچى دەل مۇشۇلار ئارقىلىق مەلۇم نەزىرىيە ، كۆز قاراشنى تەكىتلەيتتى ياكى چۈشەندۈرەتتى . مۇشۇ بىر نۇقتا  دەل  «قۇتادغۇبىلىگ» تە كەمچىل بولۇپ ، كىتابتا تارىخىي شەخسلەر تىلغا ئېلىنمىغان ، كىتابتىكى ئىلىكخانمۇ پەقەتلا بىر ئوخشاتما پېرسوناژدۇر (ئادالەتنىڭ ۋەكىلى). ئۇنىڭدىن باشقا شەخسلەرمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ۋەزىر ھەم ئۇنىڭ ئوغلى ، قېرىنداشلىرىدۇر. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىگ» پارسچە ئۈلگىلىك ئەسەرلەرگە سېلىشتۈرغاندا ، ئۇنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن .  
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ، ئەرەبلەر ھەم تاجىكلار ئارىسىدا نۇرغۇن كىتابلارنىڭ يېزىلغانلىقى ، ئەمما تۈرك تىلىدا يېزىلغانلىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان . بۇ بىر نۇقتا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئىلگىرى تۈرك تىلىدا يېزىلغان بۇددا دىنى ، مانى دىنى ھەم نېستورىئان دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ناھايىتى تىز ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئېنىقكى ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولغان ئىسلام – تۈرك قوشاقلىرى تەرەققىي قىلىپ چوڭ ئەسەرلەرگە ئايلىنالمىغان ، ئەينى دەۋردە ئەدەبىي ئەسەرلەر پەقەت قەشقەردىلا بارلىققا كېلەتتى . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا ، قەشقەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى خاقانىيە تۈركچىسىدە سۆزلەيتتى ، ئەمما قەشقەرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى كەنتلەردە كەنچەك تىلى ئىشلىتىلەتتى ، يەنى تۈركلىشىشىكە باشلىغان ئاھالىنىڭ (ئۇلار تۈرك ئەمەس ) تىلىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار : «قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ  ئۇسلۇبى ھەم ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ، شۇنداقلا ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن؟ «قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ ھازىر ئۈچ نۇسخىسى بار بولۇپ ، بىرسى ، 1439- يىلى ھىراتتا يېزىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ، قالغان ئىككىسى بولسا ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى بولۇپ ، بىرى قاھىرەدىن ، يەنە بىرى پەرغانىدىن بايقالغان . يازغۇچى ئەسەرنى قايسى خىل يېزىقتا يازغان ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىمۇ ياكى ئەرەب يېزىقىدىمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلار بار (ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭراق ) . كىتابنىڭ ئۆزى شۇنداقلا قۇت دېگەن سۆزنىڭ « ھۆرمەتلىك ، ئالىيلىرى » دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىشى قەشقەردە ئىسلام دىنى ھەم پارس تىلىنىڭ تەسىرىنىڭ تۈرك ئەنئەنىلىرىنى ئوردا تۇرمۇشىدىن سىقىپ چېقىرۋىتەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . «قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ ئىسمى كېيىنكى موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ ئۇچرايدۇ . رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، چىڭگىزخاندىن قېلىپ قالغان نەسھەتلەر توپلىمى («ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى»، ⅩⅢ، 015 ) مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان . 15 – ئەسىردىكى يازغۇچى ئىبن ئەرەبشاھنىڭ ئېيتقىنىغا ئاساسلانغاندا ، ( ئىبن ئەرەبشاھ ، فەكھەت ئەل خۇللاف ، مىسىر باسمىسى ، 1315- يىلى 184 – بەت )، قۇتادغۇ (Qutudghu) دېگەن سۆز موڭغۇللار ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە سۆزدۇر ، بىراق بۇ جايدا ئۇ بۇ سۆز بىلەن چىڭگىزخان كېلىپ چىققان قەبىلىنىڭ نامىنى ئارلاشتۇرۋەتكەن ( قىيات دېگەن قەبىلە نامىنى قاتتات دەپ خاتا ئوقىغان ) ، بەزىلەر ( پ . مىلونىسكى ، «ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى»، ⅩⅢ، 021 ) بۇ ئىسىم توغرىسىدا ، بۇغراخاننىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى « قۇتادغۇبىلىز»(kutadgu Biliz) سۆزى ئىلگىرى موڭغۇللارغا تەسىر كۆرسەتكەن، نەتىجىدە چىڭگىزخاننىڭ قۇتادغۇبىلىزى بارلىققا كەلگەن، دەپ قارايدۇ . بىراق مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋان»ى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى خەلقنىڭ ئۆزىنى « ئۇيغۇر » دەپ ئاتىمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر نۇقتا ئايدىڭلاشتى . يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىنى «ئۇيغۇر» تىلى دېمىگەن . ئوخشاشلا ، «قۇتادغۇبىلىگ» تەك ئىسلام روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇنداق ئەسەرمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمايتتى . ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇددا دىنى ياكى نېستورىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، شۇنداقلا كېيىن بۇ موڭغۇللارغا تەسىر كۆرسەتكەن .
گەرچە  يۈسۈپ خاس ھاجىپ  ئۆز ئەسىرىنى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ تىلشۇناسلىق ئەسىرىدىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملىغان بولسىمۇ ، لېكىن «دىۋان»دا ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنى كۆرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان . مەرھۇم خارتمان(m . Hartumann) ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئەسىرىنىڭ پەرقى شۇكى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرى ئوردا شېئىرلىرىغا مەنسۈپ ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بولسا خەلق قوشاقلىرى ئەنئەنىسىگە مەنسۈپ ، دېگەن ئىدى . بۇ خىل پىكىر چوقۇم توغرا بولىشى ناتايىن . بىزگە مەلۇمكى ، «دىۋان» دا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قوشاقلاردىن ئوردا شېئىرلىرىمۇ بار . يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دىداكتىك ئەسىرىدىمۇ خەلق ئارىسىدىكى نەرسىلەر قوللىنىلغان . «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىمۇ «دىۋان» دىكىگە ئوخشاشلا ، بەزىدە ئوخشاش سۆز ئارقىلىق ئوخشاش مەنە ئىپادىلەنگەن . «قۇتادغۇبىگ»نى ئوقىغانلىكى ئادەم «دىۋان» دىكى «ئەردەم باشى–تىل » (ardam baxi-til) (ئەخلاقنىڭ بېشى تىلدۇر .«دىۋان»، Ⅰ . 281 – بەت) دېگەن ماقالىنى ئەسكە ئالىدۇ .  
«قۇتادغۇبىگ» ئەينى دەۋردە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ئىدى (گەرچە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆچۈرمە نۇسخىلىرى كۆپ بولمىسىمۇ ) . سارايچىلىق (ئۇلار دەرياسى ئېغىزى)تىن بايقالغان «قۇتادغۇبىگ»شېئىرلىرى يېزىلغان چاقچۇق بۇيۇملار بۇ بىر نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، تۈركىيىدىن يەنە قۇتادغۇبىلىك بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى باشقا بىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» بايقالدى . ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ئەھمەد ئىبن مەھمۇد يۈكنەكى ئەسىرىنى «قەشقەر تىلى» دا يازغان بولۇپ ، ئۇنى ئەمىر داد سپاھسلار بەگ دېگەن كىشىگە تەقدىم قىلغان . بۇ ئەسەرمۇ ئوخشاشلا پەند-نەسھەت كىتابى بولۇپ ، رېئال تۇرمۇش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ( نەشىر قىلغۇچى: ناجىئاسىم ، ئىستانبۇل . 1334 – يىلى ، 2 – قىسىم ، ران . دېننىڭ« قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۈركچە ئەخلاق كىتابى توغرىسىدا »دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ . «مۇسۇلمانلار دۇنياسى» غا بېسىلغان ، 60 ، 1925 ،پارىژ، 189- 234 – بەت ) . «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ بايقىلىشى  «قۇتادغۇبىگ»نىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئايرىم ھادىسە ئەمەسلىكىنى ، ئۇنىڭ تۈرك ئەدەبىياتىدا «قەشقەر» دەۋرىنى ئاچقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . بىراق ، قارىغاندا ئۇنىڭ كېيىنكى تۈرك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولمىغان .
ئۇ دەۋردە ئىلگىرىكى تۈركلەر بىلەن خەنزۇلار مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى يەنىلا ساقلانغان ، بۇ پەقەت خانلارنىڭ نامىدىلا ئىپادىلەنمەيدۇ . «دىۋان» دا غەربىي لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە مەنسەپ نامى تاياڭگۇ(tayangu) ساقلانغان . بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى ھاجىپ دېگەن سۆزگە باراۋەر بولۇپ ، ئۇ تۈركچىدىكى تايانماق دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . يەنە ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدىغان قونچۇي(مەلىكە) دېگەن سۆز «ئايال» دېگەن مەنىدە قوللىنىلسىمۇ ، بىراق قاتۇن دېگەن نام يەنىلا قونچۇي دېگەن سۆزدىن تېخىمۇ ئۈستۈن تۇراتتى(دىۋان»،Ⅲ. 181 – بەت) .
«دىۋان»دىكى ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلۈكلەر ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ، «مەيدىگە چىگىپ قويۇلىدىغان ، بۇرنىنى سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان يىپەك رەخت»نى ئىپادىلەيدىغان ئۇلاتۇ(ulatu) (دىۋان»،Ⅰ، 122 – بەت ) دېگەن سۆز . ھەممىمىزگە  مەلۇمكى ، قەدىمكى دەۋردە ياكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋردە مەيلى گرېتسىيە ۋە مەيلى ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن قولياغلىق ئىشلىتىلمەيتتى . غەربىي ياۋروپا بىرىنچى قېتىم 15 – ئەسىردە يىراق شەرقتىكى جوڭگۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ، قولياغلىق ئىشلىتىشكە باشلىغان . ئەمما ، جوڭگۇدا قەدىمدىن باشلاپ قولياغلىقنى ئىشلىتەتتى . جوڭگۇنىڭ تەسىرى بىلەن ، موڭغۇللارمۇ قولياغلىق ئىشلەتكەن ، 11 –ئەسىردە تۈركلەرنىڭ قولياغلىق ئىشلەتكەنلىكىنى يىراق شەرقتىكى جوڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن كۆرۈش كېرەك .
قەشقەر دەۋرىدىن كېيىن ئىسلام – تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى مەركىزى سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى خارەزىم بولدى .

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-12 23:18 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سەككىزىنچى لېكسىيە (ئەسلى كىتاب 139-158- بەتكىچە)
مەيلى 12 – ئەسىردىكى  سامانىي بولسۇن ياكى 13 – ئەسىردىكى ياقۇت بولسۇن ، يەسى شەھىرىنى (بۈگۈنكى تۈركىستان شەھىرى)گەرچە بۇ شەھەرنىڭ نامى 12 – ئەسىردىلا مەۋجۇت بولسىمۇ ، تىلغا ئالمىغان . شەيخ ئەھمەد يەسەۋى مۇشۇ جايدا تۇغۇلغان . ئەڭ بولمىغاندىمۇ مۇشۇ جايدا ياشىغان ھەم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان . ئەھمەد يەسەۋى ھىجىرىيە 562- يىلى (مىلادىيە 1166- 1167 – يىللىرى) ۋاپات بولغان . بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ سايراملىق بولۇپ ،بۇ سايرام شىنجاڭدىكى سايرام ئەمەس (شىنجاڭدىكى سايرام ئەينى دەۋردە تېخى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . ئۇنى 16 – ئەسىردىكى كۆچمەن سايراملىقلار قۇرغان، «ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى »، ⅩⅦ، 0188) ، بەلكى بۈگۈنكى چىمكەنتنىڭ ( ئىسلام ئىنىسكلوپىدىيىسى ، Ⅰ، 891 – بەت ) شەرقىدىكى سايرامنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئىسپىجاپ ياكى «ئاق شەھەر»(al-madima+al-baida) دەپمۇ ئاتىلاتتى . بۇ سايرام مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇچىرايدۇ («دىۋان»، Ⅲ، 133 – بەت ) .
ئەھمەد يەسەۋى (تۈركلەر ئۇنى ئاتا يەسەۋى دەپ ئاتىغان ) ئىسلام دىنىنىڭ (بولۇپمۇ سوپىزىمنىڭ) تۈركلەر ئارىسىدا تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈركچە يازغان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىغا ئالاقىدار شېئىرلىرى زور ئىناۋەتكە ئىگە ، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلق شائىرلىرى ئۇنى تەقلىد قىلىپ كەلمەكتە . ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغاچقا ، ئۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى ساقلانمىغان . ھازىرقى نۇسخىلىرى بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ ئەسلى تىلىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن نۇسخىلىرى بولۇشى مۇمكىن . ئەھمەد يەسەۋى توغرۇلۇق ، پۇتۇنلەي كېيىنكى دەۋرلەردە تارقالغان رىۋايەتلەر ئارقىلىق بىر قىسىم نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز . بۇ خىل رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئەھمەد يەسەۋى بىر تۈرك ئۇستازى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى ئارسلان باب ئىدى(ئارسلان باب ياكى باب ئارسلان  . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەرەب تىلىدىكى باب دېگەن بۇ سۆزنىڭ <ئىسلام دىنى تارقاتقۇچى ئۇستاز> دېگەن مەنىسى بار ). ئارسلاننىڭ ئوغلى مەنسۇر ئاتا  ئەھمەد يەسەۋىنىڭ بىرىنجى ئەۋلاد ئىز باسارى ئىدى . يەسەۋىنىڭ ئۆزى بولسا پارس تەسەۋۋۇپ ئېقىمىدىكى يۈسۈپ ھەمدانىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىز باسارى ئىدى . يۈسۈپ ھەمدانى ھەمداندىن تۈركىستانغا كەلگەن ھەم 1140- يىلى مەرۋىدە ئۆلۈپ كەتكەن  ئۇ مەرۋىدە سوپى ئېقىمىنىڭ شەيخى بولۇپ ، مۇشۇ مەزھەپكە يېتەكچىلىك قىلغان . ئەلى بىننى ھۈسەين ئەل كاشفىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ، يۈسۈپ ھەمدانى تۈرك تىلىنى بىلمەيتتى، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۈرك تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنى يارىتىشىغا توسالغۇ بولالمىغان . يۈسۈپ ھەمدانىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئىز باسارى يەسەۋىنىڭ بىۋاستە ئۇستازى شەيخ مۇھەمەد ھەسەن ئىبنى ھۈسەين ئەنداقى بولۇپ، ئۇ 1157 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ، ئەنداقى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن زامانداش ھەم ئۇنىڭ دوستى سامانىي بىر قىسىم خاتىرلەرنى قالدۇرغان ، بىراق يەسەۋى توغرۇلۇق ھېچنېمىنى تىلغا ئالمىغان ، ھەتتا ئۇنىڭ لەقىمى نىسبە(nisbe) توغرۇلۇق سامانىي ئۆزىنىڭ لەقەملەر توغرۇلۇق يازغان ئەسىرىدىمۇ توختالمىغان («ئىسلام ژۇرنىلى»، ⅩⅥ، 112 – بەت ).
تۈرك ئۇلۇغلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد يەسەۋىگە بولغان چوقۇنۇش سىر دەريا ۋادىسىدا ئۇزۇن زامانلارغىچە ساقلانغان بولۇپ ، 14 – ئەسىردىكى تېمۇرمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەيۋەتلىك قەبرە سالدۇرغان ئىدى . بۇ نۇقتا شۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ ، ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئىز باسارلىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىرى تۈركچە يېزىقچىلىق قىلاتتى ھەم تۈركچە تەخەللۇس قوللىناتتى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاكىم ئاتا ياكى سۇلايمان بەكرىخاننى دەيدىغان بىرسى بولۇپ ، ئۇنىڭ پائالىيىتى خارەزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ھاكىم ئاتىمۇ ئەھمەد يەسەۋىگە ئوخشاش تۈرك تىلىدا بىر پارچە تەسەۋۋۇپ ئەقلىيە سۆزلۈكلىرى توپلىمى يازغان ئىدى . بىراق ، ئۇ ئۇنى شېئىرىي شەكىلدە ئەمەس ، نەسىرى شەكىلدە يازغان . ھاكىم ئاتىنىڭ ئەقلىيە سۆزلۈكلىرىمۇ يەسەۋىنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب تىلىدا يېزىلغان بولۇپ ، ئۇ كەڭ ئامما ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى .
خارەزىم ۋە سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ، شۇنداقلا  ئۇلار بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى بار بولغان  شەھەرلەر   موڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەدەبىيات ھەم ئىلىم – پەن پائالىيىتىنىڭ سەھنىسى بولغان ئىدى . بۇلېكماننىڭ «ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى» دا، خارەزىم ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا  يېزىقچىلىق قىلغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان . بېلىشىمچە ، كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان يازمىلار بەلكىم بۇ خىل تىزىملىكنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىشى مۇمكىن . ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ زور كۆپى دىنىي ئەسەرلەر، بىراق بۇ ئەسەرلەرمۇ پەقەت تەسەۋۋۇپچىلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن ، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە مېنىڭ بىلىشىمچە خارەزىم تىلىدا يېزىلغان ماتېرىياللارمۇ بار . 12 – ئەسىردىكى خارەزىم ئۆلىمالىرى ئىچىدە زەمەخشەرى ھەم شەھرىستانغا ئوخشاش دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئالىملارمۇ بار ئىدى . مۇھەممەد ئىبن قەيس ئاتلىق بىر ئالىم خارەزىم شاھى جالالىدىن ئۈچۈن تۈرك تىلىغا ئالاقىدار بىر «چوڭ كىتاب»(ئەرەبچە) يازغان ئىدى . بۇ مەھمۇد كاشىغەرىيدىن كېيىن يېزىلغان تۈرك تىلىغا ئالاقىدار ئەسەر بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئىبن مۇھەننا شۇ كىتابتىن نەقىل ئالغان . تۈركلەر ئەينى دەۋردە خارەزىمدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان يۈكسەك مەدەنىيەتنى ئىگىلەپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق تۈرك ئىسلام ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان . دەسلەپكى موڭغۇل دەۋرى تۈرك – خارەزىم ئەدەبىياتى بولمىغاندا ئىدى ، خارەزم يەنى، ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ موڭغۇل دەۋرىدىكى تۈرۈك ئەدەبىياتىدا ئىگىلىگەن ئورنىنى چۈشىنىش تەسكە توختايتتى، ئەمما بۇ نوقتا ھازىر تېخىمۇ ئېنىق بولدى. خارەزىمدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن كېلىپ چىققان بىر شائىر 1353-يىلى بىر ئەسەر يازغان بولۇپ (خارەزەمىنىڭ « مۇھەببەتنامە» سىنى كۆرسىتىدۇ)، بۇ ئەسەر تېمۇر دەۋرىدىن كېيىنكى چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلدا يېزىلغان. بۇ ئەسەر يازغۇچى تۇغۇلغان خارەزىم (يازغۇچىنىڭ تەخەللۇسى خارەزمى) دە يېزىلماستىن، بەلكى سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا يېزىلغان (برېتانىيە مۇزېيدا ساقلانغان نۇسخىسىنىڭ نومۇرى 8193، 312- بەتتە «سىر ياقىسىدا»دەپ يېزىلغان، شۇنداقلا ئا. سامىيلىۋىچنىڭ«مىرئەلشىر»دېگەن ماقالىسىغا قاراڭ، لېنىنگراد، 1928-يىلى 17-بەت). شائىر خارەزمىنىڭمۇ ( مەن كۇنىستانتىنپولدا بىكىتكەنگە ئوخشاشلا) پىشۋاسى بار ئىدى. ھازىرقى ساقلىنىۋاتقان قۇتۇبىنىڭ داستانى «خۇسرەۋ- شىرىن » (پارىژ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ، قەدىمكى تۈرك تىلىدا يېزىلغان نۇسخىسى، نومۇر : 312 ) خارەزمىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاش جانبېك دەۋرىدە يېزىلغان بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئىنىسى تىنبەككە تەقدىم ئېتىلگەن،  ئەينى چاغدا تىنبەك تېخى « شاھزادە » ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسەر ئۆزبىكخان (تىنبەكنىڭ ئاتىسى) دەۋرىدە ، يەنى 1340- يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغان . سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى چىمكەنت شەھىرىدە ، 13 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھېسامىدىن ھەمىد ئىبن ئاسىم ئەل بارچىنلىقى ئىسىملىك بىر قانۇنشۇناس ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ ئۈچ خىل تىلدا يېزىقچىلىق قىلالايتتى . جامال قارشى ( ئۇ بۇ كىشىنى تونۇيتتى)بۇ كىشى ھەققىدە ،«ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى پاساھەتلىك ، پارس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى ئۆتكۈر ، تۈرك تىلىدا يازغان ئەسەرلىرى بولسا ھەقىقىي ئىدى» ، دېگەن (بارتولد:«تۈركىستان» ، بىرىنچى قىسىم ، ئەسلى تېكىست 151- بەت).
جامال قارشى 1230- يىلى ئالمالىقتا تۇغۇلغان(بۇ كىشى14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھايات ياشىغان ) ، بىراق كېيىنچە ئاساسلىقى قەشقەردە ياشىغان . ئۇ ھىجىرىيە 672 – يىلى ، مىلادىيە 1273- 1274 – يىللىرى چىمكەنتكە بارغان ھەم ئۇ جايدا ھېسامىدىن بىلەن تونۇشقان(«ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى»، Ⅺ ، 207)،  جامال قارشىنىڭ بايانلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقنىڭ مەدەنىيىتى 13- ئەسىرلەردە تۈركىستان مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. بۇ خىل تەسىرنى تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە ئاسىيالىقلار بولمىسۇن ياكى ياۋروپا ئالىملىرى بولمىسۇن بايقىمىغان ئىدى. 16- ئەسىرنىڭ بېشىدا بابۇر چاغاتاي كلاسسىك شائىرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى پەرغانىنىڭ ئەنجان شەھىرى دىئالېكتىدا يېزىلغان ، دەپ قارىغان ئىدى . 1888- يىلى رادولوف («ئىلمىي ماقالىلەر مەجمۇئەسى» Ⅲ،Ⅰنىڭ تۆۋىنىدە ) بابۇرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ ،  چاغاتاي تىلىنى بىر خىل كىشىلەرنى ئاساس قىلغان كىتابىي تىل (ئەدەبىي تىل) ، ئۇنىڭ ھەر قانداق يەرلىك دىئالېكت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، دەپ قارىغان ئىدى . ئۇ يەنە چاغاتاي تىلىنىڭ مەنبەسى شەرقنىڭ غەربكە بولغان مەدەنىيەت تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يەنى ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن (ئەينى چاغدا ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشى تېخى بايقالمىغان ) تاكى 1310- يىلى يېزىلغان «قىسەسۇل – ئەنبىيا» غىچە بولغان تەسىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئىدى . رادولوف «قىسەسۇل –ئەنبىيا»نى ساپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ، چاغاتاي تىلىنى بولسا ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا 14- ئەسىردە تارقالغان ، دەپ قارايدۇ (14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى توختامىش ھەم تۆمۈر قۇتلۇقنىڭ تىلى) . ئۇنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ پەرمانلارنى «چاغاتاي ئەدەبىي تىلىغا پىششىق» بىرسى يازغان . ئەينى چاغدا چاغاتاي تىلى پەقەت ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تۈركىستانغا كۆرسەتكەن مەدەنىيەت تەسىرى ئاستىدىلا شەكىللەنگەن ، ئۇنىڭ ئەكسچە ئىدى دەپ قارىغىلى بولمايتتى .
موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بولمىغاندا ئىدى ، چاغاتاي ئەدەبىي تىلى شەكىللەنمىگەن بولاتتى .
تارىخچى راشىدىننىڭ ئالدىنقى موڭغۇللار دەۋرىدىكى تاتار قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن بۇئىرنور (Buir-Nor) دا ئولتۇراقلاشقان تاتارلار دۆلىتىنى بىر – بىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ھەممىگە مەلۇم . ھازىر تاتار دېگەن بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۇق (ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىن ، 8 – ئەسىر باشلانغاندىن باشلاپ ) . بۇ سۆز 10- ئەسىردىكى «ھۇدۇدۇل ئالەم »دېگەن كىتابتا ، 11- ئەسىردىكى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋان»ىدا ئۇچرايدۇ . ھەر قايسى تەرەپلەردىن قارىغاندا ، بۇ سۆز ئەسلىدە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنى كۆرسىتەتتى . راشىدىننىڭ بايانى ۋە باشقا ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، موڭغۇل تىلى ھەم تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بۈگۈنكىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيتتى ياكى ئوخشايتتى . موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغانلاردىن نايمانلار بار بولۇپ ، ئۇلار ئورخۇن دەرياسىدىكى غەربىي موڭغۇللاردىن تاكى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىغىچە ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىمالىي قوشنىسى بولغان يىنسەي دەرياسىنىڭ مەنبەسى «سەككىز مۇرەن» دىكى ئويراتلارغىچە بولغان جايلارنى ئىگىلىگەن . «سەككىز مۇرەن» دېگەن بۇ ئىسىممۇ موڭغۇل تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ ئارلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ («سەككىز»بولسا تۈرك تىلى ، «مۇرەن» بولسا موڭغۇل تىلى بولۇپ، «دەريا» دېگەن مەنىدە) ئۇيراتلارنىڭ شىمالىدا يىنسەي بويىغا ئولتۇراقلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغانلاردىن قىرغىزلار بار ئىدى . ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىكى نايمانلارغا قوشنا بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن قاڭلى، قىپچاق ، يەنە قارلۇقلار بولىشى مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ پايتەختى قايالىق ئىدى . بۇ شەھەر 12- ئەسىرلەرگە يېقىن يەتتىسۇ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قۇرۇلغان .
شۇڭا سىر دەرياسى(دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )رايونى پەرغانىدىن ئارال دېڭىزىغىچە بولغان رايونلاردا خارەزىمنىڭ چېگرسى ھېسابلىناتتى ، ئىلگىرى غەربىي لياۋغا مەنسۇپ بولغان رايونلىرى(ئەڭ شىمالدىكى قارلۇقلار دۆلىتىدىن باشقا رايونلار چىڭگىزخانغا مەنسۇپ ئىدى ) كۈچلۈك ھاكىمىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ ، ئۇ شەرقتىن كەلگەن نايمانلارنىڭ باشلىقى ئىدى ، شۇنداقلا نېستورىئان دىنىنىڭ مۇرىتى ئىدى . بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ غەربىي لياۋدا دىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ دىنىنى بۇددا دىنىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن . كۈچلۈك 1211- يىلى گورخان (غەربىي لياۋ)ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالدى .
بۇ ۋاقىتتا ، يەنى 1211 – 1214 – يىللىرى ئالمالى شەھىرىدە (بۇ شەھەر بۇنىڭدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھازىرقى ئىلى رايونىدا ) بىر يىڭى مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئەسلىي بىر باندىت ھەم ئات ئوغرىسى ئىدى ، بىراق بۇ ئۇنىڭ بىر سۇلالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇشىغا توسالغۇ بولالمىغان . بۇ كىچىك دۆلەت تاكى 14 – ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ، ئۇ باشتىلا چىڭگىزخانغا ئىتائەت قىلغان . كۈچلۈك بىر قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ  خاننى تۇتىۋېلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ، بىراق باشقا ھايات قالغانلار كۈچلۈك قوشۇنى قەلئەنى قورشىۋالغاندا ، تاكى موڭغۇللاردىن ياردەمگە كېلىپ مۇھاسىرىنى بۇزغانغا قەدەر ئالمالىق شەھىرىنى قوغداپ تۇرغان . كۈچلۈك چىڭگىزخان قاراملىقىدىكى يەنە بىر ئەل قارلۇق ئارسىلانخانغىمۇ ھېچقانداق ھەركەت ئىشلەتمىگەن ، ئۇ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قەشقەر رايونىنى ئىگىلىگەن . بۇ رايوننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، كۈچلۈك بۇ رايوندا تارىختىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىسلام دىنىغا بولغان زىيانكەشلىكىنى يۈرگۈزگەن . ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا ، كۈچلۈك شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى غەربىي لياۋچە كىينىشكە مەجبۇرلىغان ، ناماز ئۆتەشنى چەكلىگەن . ئۇ خوتەندە بىر ئىمامنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ئۇ يەنە ھەر بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىگە بىردىن نايمان ئەسكەرنى كۆزەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرغان . بۇنداق ئەھۋالدا ،مۇسۇلمانلارمۇ خارەزىم شاھىنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن ، پەقەت 1218 – يىلى موڭغۇل قوشۇنى يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئاندىن بۇ خىل ئېزىلىشتىن قۇتۇلغان .
بۇ ۋاقىتتا خارەزىم شاھ يەنلا دىنسىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى،  ئۇ زەربە بېرىش ئوبيېكتىنى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ، تەشكىللىنىشى ناچار دۇشمەن – قىپچاقلارغا ئۆزگەرتكەن ئىدى . بۇ جايدا ، يەنى ئىرگىز ئەتراپىدا خارەزىم شاھ قوشۇنى بىلەن غەربكە قاچقان مەركىتلەرنى قوغلاپ زەربە بېرىشكە قاتناشقان شۇچى رەھبەرلىكىدىكى موڭغۇل قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا تاسادىپىي گىرەلەشمە جەڭلەردىن قانچە قېتىملاپ يۈز بەردى .

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-14 20:50 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توققۇزىنچى لېكسىيە (ئەسلى كىتاب 15- 179 – بەتكىچە)
14 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، خارەزىم بىلەن ۋولگا دەرياسى رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى سىر دەرياسى رايونىغا قارىغاندا يېقىن ئىدى . ئۆزبەكخان نامىدا بىرلا ۋاقىتتا تەڭگە قۇيدۇرغان ئىدى . ئەمما ، سۇغناقتا ئەينى دەۋردە باشقا بىر خاننىڭ (شۇچى تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولسا كىرەك) نامىدا تەڭگە قۇيدۇرۇلغان ئىدى . شۇچى ھەم ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ تېررىتورىيىسى غەربىي لياۋنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن ، يەتتىسۇ رايونىنىڭ بىر قىسمى ، قايالىق شەھىرى ، شۇنداقلا ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئېرتىشتىن ئالاكۇر ، ئىلى ھەم سىر دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا باشلىغان ئىدى . پلانو كارپىنى (plano Carpini) 1246-يىلى شەرققە كەلگەندە ، شۇچىنىڭ چول ئوغلى ئوردا بۇ رايوننىڭ شەرقىدىكى ئىرتىش دەرياسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇراتتى . غەربى تەرەپ ، يەنى ئىلى دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلار شۇچىنىڭ كىچىك ئوغلى شىبەنگە تەۋە ئىدى . مۇسۇلمان يازغۇچىلار كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى شەيبان دەپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن . شۇڭا ، 16 –ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شىبەننىڭ كېيىنىكى ئەۋلادى ، يەنى ئۆزبەكخان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەرەب قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن  ئىسىمداش بىر شائىرنىڭ ئىسمى بولغان شەيبانى دېگەن ئىسىمنى قوللانغان (شەيبانى سۇلالىسى توغرىسىدا بارتولدنىڭ «ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى» ، 294- بەتتىكى ماقالىگە قاراڭ ) .
ئەبۇل غازىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا ، شىبەن ئۆز قېرىندىشى بودۇ («ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى» گە قاراڭ، Ⅰ، 709 – بەت ) ئارقىلىق ئوردا تېررىتورىيىسى ئارىلىقىدىكى جايغا ئىگە بولغان . ئۇ يازنى ئۇلار دەرياسى بىلەن ئۇلار تېغىنىڭ شەرقىدىكى يەنى ئىلىك دەرياسى ساھىلىدىكى ئىرغىر ئورادا ئۆتكۈزسە ، قىشىنى ئاراقۇم (؟) ، شۇنداقلا سىر ، چۇ دەرياسى ساراسۇ قىرغىقىدىكى قاراقۇمدا ئۆتكۈزەتتى .
ئەبۇل غازى 17 – ئەسىردىكى يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ، بىراق ئۇنىڭ ماتېرىياللىرى ئوردا ، بودۇ ھەم شىبەن بىلەن دەۋرداش پىرانو كارپىسنىڭ خاتىرلىرى  بىلەن بىردەكلىككە ئىگە . شىبەننىڭ ۋارىسلىرى باشقا جايلاردىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارغان . راشىدىننىڭ خاتىرىسىگە (بولۇش نۇسخىسى، 117 – بەت) ئاساسلانغاندا ، شىبەننىڭ نەۋرىسى تىرىك يەرلىك مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئىدى . شىبەننىڭ زېمىنى تاكى 15 – ئەسىرگىچە يەنىلا ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قولىدا ئىدى . ئۇنىڭ نەسەبنامىسىنى (چوڭ زىددىيەت يوق) ئەبۇلغازى كۆرگەن ھەم 15 – ئەسىردىكى بىر نامى ئېنىق بولمىغان تارىخچىنىڭ نەسەبنامە ئەسىرى «ئېسىلزادىلەر نەسەبنامىسى»دە ، شۇچى خانلىقىغا مەنسۇپ ھەر قايسى قەبىلىلەر ئىچىدە شىبەننىڭ ۋارىسلىرىغا مەنسۇپ رايونلاردىكى چارۋىچىلىق تۇرمىشىغا ئالاقىدار يازمىلار ئەڭ كۆپ ساقلانغان ، بىراق شىبەن رايونىدا ھاكىمىيەت ئوخشاش بىر خانلىق نەسەبىدىلا 200 يىلدىن كۆپرەك ساقلانغان . بۇ كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئارىسىدا ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال . شىبەننىڭ ۋارىسلىرى شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئوچرىغان بولغاچقا ، چارۋىچى خەلقنىڭ ئۇرۇشقاقلىق ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان ، شۇڭا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى ھەممىلا يەردە پۈتۈنلەي يوقىلىشقا باشلىغاندا ، ئۇ تاجاۋۇزچى رولىنى ئالغان .
ئەمەلىيەتتە، شۇچى خانلىقىنىڭ غەربىدە (بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بودۇ ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئاتىسىنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىدى )مۇڭغۇللار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتە زور گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن ئىدى . موڭغۇللار ئۆزلىرى يوقاتقان ۋولگا بۇلغار خانلىقى چېگىرىسى ئىچىدە ئولتۇراقلىشىپ ، ئورۇسلاردىن ئالىدىغان ئولپان بىلەنلا قانائەتلەندى ھەم ئۇ جايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئەۋەتتى . موڭغۇل قوشۇنى 1223 – يىلى رۇسىيىنىڭ بەنشىدىن چىڭگىزخاننىڭ يېرىگە قايتىشىدا ،  بۇلغارلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ ، چوڭ زىيان تارتقان . شۇنىڭ بىلەن 1236 – يىلى موڭغۇللار بۇلغارلاردىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا بۇلغار خانلىقىنى ئىگىلەپ ، ئۇلارنىڭ پايتەختىنى ۋەيران قىلۋەتكەن . بىراق ۋەيران قىلىۋەتكەن پايتەخت تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن . ئۇ يەردە ھازىرغىچىلىك ساقلىنىپ قالغان قۇرلۇش ھەم مەڭگۈ تاشلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللار دەۋرىگە مەنسۇپتۇر . ئاشۇ بىر دەۋردە بۇلغار شەھىرى شۇچى خانلىقى دائىرىسى ئىچىدىكى بىردىنبىر موڭغۇل خان پۇل قۇيۇپ تارقاتقان شەھەردۇر . مەڭگۈ تاشلاردىن ئاھالىلەرنىڭ تاكى 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە موڭغۇللار دەۋرىدىن بۇرۇنقى تىلىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز ، بۇ تىلنىڭ قالدۇقى بۈگۈنكى چۇۋاش تىلىدۇر . بىراق ، ئۇلار تەدىرىجى قىپچاق – تۈرك تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، تۈرك تىلى بۇ جايدىمۇ موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش تەدىرىجى دۆلەت تىلىغا ئايلانغان . 14- ئەسىردىكى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا قۇرۇلغان شەھەر (قازان شەھىرى)لەردىمۇ ، باشتىن باشلاپلا تۈرك تىلى قوللىنىلغان، ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا بودۇ دەۋرىدىلا يېڭى شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان . دىن تارقاتقۇچى لۇبلوك 1253 – يىلى موڭغۇللار زېمىنىغا بارىدىغان يولدا ، يەنى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا «رۇسلار ھەم سالاسىنلار(يەنى مۇسۇلمانلار)تاتارلار ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن بىر يېڭى ئاھالىلەر رايونىنى كۆرگەن ، ئۇلار بودۇ ئوردىسىغا بارىدىغانلارنى ھەم ئۇ يەردىن قايتقان ئەلچىلەرنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن » . بۇ جاي سالاتۇق ئەتراپىدىكى كېيف(ukek) دەپ ئاتالغان جاينى كۆرسىتىدۇ . 1254- يىلى موڭغۇللار يېنىدىن قايتىپ كېلەشىدە لۇبلوك ساراي دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر يېڭى شەھەرنى ئۇچراتقان . بۇ بودۇ ئادلىر (ۋولگا) دەرياسى ۋادىسىغا قۇرغان بىر شەھەر . لۇبلوك بۇ شەھەردىن ئۆتكەن . ئۇ پەقەت «ساراي ھەم بودۇ ئوردىسىنىڭ دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىدا» ئىكەنلىكىنىلا تىلغا ئالغان ، ئۇ شەھەر ھەم ئوردا ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمىغان . مۇشۇ جاينىڭ ئەتراپىدا ، ۋولگا دەرياسى  تارماق ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا دەسلەپكى موڭغۇل دەۋرىگە مەنسۇپ بىر شەھەر بولۇپ ، ئېيتىلىشىچە ، موڭغۇللار بۇ شەھەرنى سەككىز يىلدىن ئۇزۇنراق قورشاپ ھۇجۇم قىلغان .
ساراي پارسچە سۆز بولۇپ ، تۈركلەر بۇ سۆزنى قوبۇل قىلىپ  ئىشلەتكەن . بۇ سۆز «قۇتادغۇبىلگ» تە ئۇچرايدۇ ، موڭغۇللار دەۋرىدە بۇ سۆز خان تۇرۇشلۇق جايلار ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئاتاشقا قوللىنىلغان . ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى ساراي شەھىرىنىڭ ئورنى ئىلىم ساھەسىدە تېخى ھەل بولمىدى . تەڭگە ھەم بىر قىسىم يازمىلاردا خاتىرىلەنگەن يېڭى ساراي شەھىرى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ، ئىككى شەھەر ياكى بىرلا شەھەرنى ساراي شەھىرى دەپ ئاتىغانلىقىدەك مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . لۇبلوكنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ، بودۇ قۇرغان بىرىنچى ساراي شەھىرىنىڭ خارابىسى بۈگۈنكى سىلتىرننىي كەنىتىدە ، يەنە بىر ساراي شەھىرى بودۇنىڭ قېرىندىشى بىرىگنىڭ ئىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، كارېيۋغا جايلاشقان . ئۇ جايدا ساقلانغان خارابە ھەم قېزىۋېلىنغان يازمىلارغا ئاساسلانغاندا ، بۇ شەھەر تارىختا ناھەيىتى مۇھىم رول ئوينىغان .
ھازىر ، مەن (ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى ساراي شەھىرى توغرۇلۇق «ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى» ،Ⅳ ، 16-بەتكە قاراڭ ) سىلىرننىيىگە جايلاشقان ساراي شەھىرى بودۇ قۇرغان ساراي شەھىرى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ قېرىندىشى بىرىگىنىڭمۇ ساراي شەھىرى ئىدى .كارېيۋىدىكى يىڭى ساراي شەھىرى بولسا ، ئۆزبىكخان دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، جانبېك دەۋرىدە تېخىمۇ تەرققىي قىلغان ، دەپ قارايمەن . شۇڭا ، تارىخىي ماتېرىياللاردىكى بىرىگنىڭ ساراي شەھىرى ئۆزبەكخان دەۋرىدىكى ساراي شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ . ھازىر قولىمىزدا ھىجىرىيە 710 – يىلى ، يەنى مىلادىيە 1311- 1310- يىللىرى ئۆزبېكخان تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىلگىرى يېڭى ساراي شەھىرىدە قۇيۇلغان تەڭگە بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، بىرىسى ماڭا كۇنستانتىنپولدا مىلادىيە 1305 – يىلى يېڭى سارايدا يېزىلغان سوفىزىمغا ئالاقىدار بىر ئەسەرنىڭ بارلىقىنى ئېيىتقان . «يىڭى» (ئەرەبچە الجدىد) دېگەن بۇ سۈپەت سۆزى موڭغۇللار دەۋرىدىكى جەنۇبىى رۇسىيىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنىڭ تەڭگىسىدە ئۇچرايدۇ . بۇلارنىڭ ئوخشاش ئىككى شەھەر (يېڭى ، كونا) نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمىز . شەھەرنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، يېڭى شەھەر رايونى «يېڭى شەھەر» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن .
شۇچى تېررىتورىيىسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنىڭ ئەكسىچە ، بودۇ ھەم بىرىگنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى شەھەر تۇرمۇشى تېخىمۇ تەرەققىي تاپقان ئىدى . نۇرغۇن شەھەرلەردە تەڭگە قۇيۇپ تارقىتىلغان ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى ، ھەر بىر شەھەرنىڭ تەڭگىلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىدى . يېقىنقى يىللاردىن بېرى ساراي ھەم باشقا جايلاردىن تېپىلغان قېزىلمىلارغا ئاساسەن ، كىشىلەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ (بۇ رۇسىيە يىلنامىلىرىدىكى ئىسىم بولۇپ ، بىلىشىمچە بۇ ئىسىم شەرق تارىخىي ماتېرىيالىرىدا ئۇچرىمايدۇ ) مەدەنىيىتىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى ، ھەتتا تاتارلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مۇلاھىزە قىلدى . بۇ مەسىلىنى خېلى ئۇزۇنغىچە تەتقىقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . تاكى بىز قايسى مىللەت ئۇ شەھەردە ياكى شۇ جايدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھەم ئىسلام دىنى ۋە تۈرك تىلىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى بىلىشىمىزگە قەدەر بۇ مەسىلە تەتقىق قىلىنىشنى كۈتىدۇ .
ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا موڭغۇل تەركىبى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى ، شۇڭا تۈرك تىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن موڭغۇللار قەبىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى . بودۇ ھەم ئۇنىدىن ئىلگىرىكى بىرىگلارنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل ئىمپېرىيىنىڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىشقا قاتنىشاتتى ھەم ئۇلار مۇشۇ مەقسەتلىرى ئۈچۈن موڭغۇللار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان ئىدى . لۇبلوك 1253- يىلى پۈتكۈل ئىمپېرىيىنىڭ بودۇ ھەم موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق چوڭ خان مەنگۈدىن ئىبارەت ئىككى كۈچ دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان . ئۇنىڭ چېگىرىسى ئوردۇس دەرياسى بىلەن چۇ دەرياسى ئارلىقىدىكى رايونلاردىن ئۆتەتتى . مۇسۇلمان يازغۇچىلارمۇ ماۋەرائۇننەھر شەھىرىنىڭ بودۇ ھەم بىرىگغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ . 1260 – يىلدىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئالىغۇننىڭ دۆلىتى كۈچىيىپ ، ئىلگىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەئەللۇق بىر قىسىم رايونلارغىچە كېڭەيدى . ئالغۇ خارەزىم شەھىرىنى ئىگىلەپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن بىرىگنىڭ قولىدىن ئوترار شەھىرىنى تارتىۋالدى ھەم ئۇنى ۋەيران قىلىۋەتتى . بۇ بىر رايون بىر قانچە يىلدىن كېيىنلا يەنە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى . بىراق ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى داۋاملىق شەرققە كېڭىيەلمىدى. بىرىگ (1266-1257)ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىلا ئالتۇن ئوردا خانلىقى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئىككىنچى نۇمۇرلۇق شەخس تەرپىدىن مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىققا ئۆزگەرگەن ئىدى («ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»، Ⅰ، 737«بىرىگ» )، گەرچە كېيىنكى خان مەنگۈ تۆمۈر ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۆز نامى بىلەن تەڭگە قۇيدۇرغان بولسىمۇ ، شۇچى جەمەتىدىكى بارلىق باشقا خانلارمۇ نام جەھەتتىنلا ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قارام ئىدى (ئوردا ھەم شىبەننىڭ ۋارىسلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )،  قاراملىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق رېيال مەنىسى يوق ئىدى . بىر قىسىم تارىخچىلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى كۆك ئوردا خانلىقى ، ئوردىنىڭ كېيىنىكى ۋارىسلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىنى ئاق ئوردا خانلىقى دەپ ئاتىشىدۇ ، بىراق ئۇنىڭغا موڭغۇلچە ئىبارە قوللىنىلماي ، تۈركچىدىكى«كۆك»، «ئاق» قوللىنىلغان . بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللاردا «كۆك ئوردا خانلىقى»دېگەن بۇ نام  ئوردىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىنى ئاتاشقا قوللىنىلغان . 15 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان بىر نامى ئېنىق بولمىغان تارىخچى (بۇ ھەقتە لى ئوۋنىڭ پارىسچە يازمىسنىڭ كاتالوگى 1062-بەتكە قاراڭ )مۇنداق دەيدۇ : توغتاخان (1290- 1312، بۇ نام موڭغۇل خانى 1305 – يىلى فىرانسىيە خانلىقىغا يوللىغان مەكتۈپتا ئۇچرايدۇ) تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە ، شاھزادە نوغاي (Nogai) ،1300 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ) توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، توغتاخان بىلەن شاھزادە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن خانلىق ئاق ئوردا (شەرقتە)، كۆك ئوردا (غەربتە) دەپ بۆلۈنۈپ كەتكەن . بۇ ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا ، ئاق ئوردا خانلىقى بولسا نوغاينىڭ ۋارىسلىرىغا مەنسۇپ بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ھەرگىزمۇ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدۇ ھەم بۇ 15 – ئەسىردىكى پارىسلارنىڭ شۇچىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ تارىخىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەبۇل غازى شىبەننىڭ تېررىتورىيىسنى ئاق ئوردا دەپ ئاتىغان ئىدى . ئوردا ھەم شىبەننىڭ تېررىتورىيىلىرىدىن باشقا ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى باشتىلا چىڭگىزخاننىڭ باشقا ئەۋلادلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قارىغاندا كۆپ مۇستەھكەم دۆلەت ئىدى . ئايرىم جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوردا ھەم قوشۇنى بار پادىشاھلىقلار بار ئىدى ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلاتتى ، ئەمما دوناي  دەرياسىدىن خارەزىمغىچە ھەتتا سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغىچە بولغان پۈتكۈل ئالتۇن ئوردا خانلىقى تېررىتورىيىسىدە موڭغۇللار دەرۋرىدىكى ھېچقانداق سۇلالە مەۋجۇت ئەمەس .
باشقا جايلاردىكىگە ئوخشاشلا ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئېلىپ كەلدى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يېزىقىنى قىپچاقلار رايونىدىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ناھايىتى تەس . ھازىر بار بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ يادىكارلىقلىرى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا مەنسۇپ . شۇ دەۋرگە مەنسۇپ نەرسىلەردىن توختامىش(ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى»، Ⅳ،P، 874- بەتكە قاراڭ) تىن كېيىنكى تەڭگىلەر بار . ئۇنىڭ ئۈستىدىكى خاننىڭ نامى قەىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سالەي قۇيدۇرغان تەڭگىلەردىلا ئۇچرايدۇ . بۇ تەڭگىلەر شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى ، خاننىڭ نامى بەزىدە موڭغۇلچە بولۇپ ، تۈركچىلىرىمۇ بولىشى مۇمكىن ،  ئۇلار پەقەت ئەرەبچە يېزىلغان يېزىققا ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇزدا ئوقۇلغان . مەسىلەن ، جانبىكنىڭ ئىسمى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا (Qambek)  (1357-1341)   قىلىپ يېزىلغان . ئەبۇل غازى ، مۇڭغۇل تىلى 15 –ئەسىرلەردىمۇ تېخى قوللىنىلاتتى ، دېگەن . بىراق ئۇنىڭغا دەلىل كەمچىل ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە مۇڭغۇلچە يېزىق ئىشلىتىلىپ تەڭگە قۇيۇلمىغان ، بەلكى تۈركچە «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەن سۆزلەر نەقىشلەنگەن تەڭگىلەر بايقالدى (نامسىز تەڭگە ، بىر قەدەر كېيىنىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولىشى مۇمكىن) . ئىبىن بەتۇ (ئۇ ئۆزبەكخاننىڭ ئوردىسىغا بارغان) ئۇ يەردە پەقەت تۈركچىنىلا ئاڭلىغان .  ئوردا ئىچىدىكى ئاياللار توغرىسىدا توختالغاندا ، ئۇ ئۇلۇ خاتۇنulu hatun ) ) ، كۈچۈك خاتۇن kuquk hatun  ، يەنى ( «چوڭ خانىش» ، «كىچىك خانىش» ) دېگەندەك تۈركچە ناملارنى تىلغا ئالغان . خان سەئىد ئەۋلادلىرىدىن بولغان مەسلىھەتچى ھەم ئۇستازلارنى ئاتا دەپ ئاتايتتى . تۈك تىلى دۇئالارغىمۇ ئىشلىتىلەتتى . ئازاق شەھىرىدە ئىبىن بەتۇتەنىڭ ئالدىدا ، بىر قىسىم ئولىماسى سۇلتان (يەنى ئۆزبەكخان) ، ئەمىر (ئازاق شەھىرىنىڭ ئەمىرى خارەزىملىقلاردىن ئىدى) ھەم ئولتۇرغانلار ئۈچۈن ئەرەبچە دۇئا قىلغان ، ئارقىدىن ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن . ئەلۋەتتە بۇ مەسچىتتە ئەمەس بىر قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە بولغان . ئۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كىشىلەر ئالدى بىلەن ئەرەبچە ، ئۇنىڭدىن كېيىن پارسچە ، تۈركچە ناخشا ئوقۇغان .
ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىپ ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇلغارلارغا تەسىر كۆرسىتىشى كۆپرەك خازەرىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن . يەرلىك تۈركلەر – قىپچاقلار مۇڭغۇللار دەۋرىدىن خېلى بۇرۇنلا ئىككى تەرەپتىن (روسىيە ۋە غەربىي ياۋروپا) كېلىدىغان خرستىئان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . بۇ خىل تەسىر مۇڭغۇللار دەۋرىدىمۇ يەنىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان . بۇ بىر نۇقتىنى 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى قىپچاق تىلى لۇغىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە ئىنجىلدىكى ھەم كاتولىك دىنىدىكى شېئىرلارنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بار بولۇپ ، ئۇ ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىنغان . بۇ دىن تارقاتقۇچىنىڭ تۈك تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
خانلىقتا ئىسلام دىنى ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، ئەسلىي خرستىئان دىنىغا ئېتقات قىلىپ ، كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرمۇ بار ئىدى . خانلىقتىكى ئىسلام دىنى ھەم خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن بىردەك باج كەچۈرۈم قىلىنغان ئىدى . 1261 – يىلى مۇسۇلمان بىرىگخان تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا ساراي شەھىرىدە پراۋوسلاۋىيە دىنىي رايونق قۇرۇلغان ئىدى .
بىرىگنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىق ئىشى توغرىسىدا كېيىن ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى  . ئەبۇل غازىنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ، بىرىگخان خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندا ،  ئىككى بۇخارالىق سودىگەرنىڭ مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . يەنە بىر قاراشلاردا ، ئۇ تەختىكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىلا خۇنەجد ھەم بۇخارالىق شەيىخلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ، دېيىلگەن . ئۇنىڭغا، راشىدىننىڭ كىتابىدا ئوغۇزخان  ھەققىدىكى رىۋايەت بىرىگخانغا چېتىلغان ، ئۇنى دىنسىز ئانىسىنى ئەممىگەن ، دەپ تەسۋىرلىگەن . لوبلۇكنىڭ كىتابىدىن ، بىرىگنىڭ بودۇ ھايات دەۋردىلا ئىسلام مۇرىتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم ھەم ئۇنىڭ  ئوردىدا چوشقا گۆشى ئىشلەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىغان . خان ئۆزىلا ئەمەس ، ھەتتا ئۇنىڭ توقال ، غۇلاملىرىمۇ ئىسلام مۇرىتلىرى ئىدى . ئۇنىڭ ھەر بىر ئايالى ھەم ئەمىرلىرىنىڭ بىردىن ئىمام ، مۇئەززىنلىرى بولۇپ ، بالىلىرىغا قۇرئان ئۈگىتىدىغان مەكتەپلەرمۇ بار ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسلام دىن بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان كونا ئادەتلەرمۇ بار ئىدى . مەسىلەن ، ئۇلار دەريا سۈيىدە كىر يۇمايتتى ھەم قاچا – قۇچا يۇمايتتى . مىسىر ئەلچىلىرى بۇنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئوردىدا كىر يۇماي ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوغرىلىقچە يۇياتتى .
بىرىگ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا يەنە ئىمانسىزلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى . ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا ئۆزبەكخان ھاكىمىيەتتە ئولتۇرغان (1312-ياكى 1313-1340-يىللىرى) دەۋرگىچە ئىسلام دىنى ئۈستۈنلۈكتە ئىدى . ئىبىن بەتۇتە ئۆزبەكخاننىڭ ئۇستازىنىڭ سەئىد ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئابدۇل ھەمىد ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان . يەنە بىر قاراشتا (برېتانىيە مۇزېيىدا ساقلانغان يازما :«تولۇقلىما» 26،190، لى ئوۋ: پارىسچە يازمىلارنىڭ مۇندەرىجىسى 163- نىڭ تۆۋىنىدە ، بارتولد «تۈركىستان» ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ، مىراس«تۈرك شەجەرىسى»تەرجىمە نۇسخىسى، لوندۇن،1838 ، 232 – بەت) تۈركىستانلىق شەيخ سەئىد ئاتا (ئەسلى ئىسمى ئەھمەد ، تاشكەنتكە دەپنە قىلىنغان كەنجى ئاتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ) ئارقىلىق ئۆزبەكخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ، سەئىد ئاتا خانغا سۇلتان مۇھەممەد ئۆزبەكخان دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان ، دېيىلگەن . بۇ ئىش ھىجىرىيە 720- يىلى ، يەنى توخۇ يىلىدا (1312- يىلى) يۈز بەرگەن . يەنە بىر رىۋايەتتە ، ئەۋلىيانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ماۋەرائۇننەھر رايونىغا كەلگەن ئۆزبىكخاننىڭ پۇقرالىرى ئۆزلىرىنى خان نامى بىلەن ئاتاشقان ، شەيخنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىماي تۈركىستاندا قالغانلىرى قالماق(«قېلىش»دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان ، دېيىلگەن . بىراق ، يەنە باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ (ئەبۇل غازىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئۆزبەكلەرنىڭ نامى ئۆزبەكخان دېگەن نامدىن كەلگەن ، دەپ قەيت قىلىنغان .
15 – ئەسىردىكى تارىخچىلار شۇچى ۋارىسلىرىنىڭ دۆلەتلەرىنى (ئۈلۈس)«ئۆزبەك ئۈلۈسى»دەپ ئاتاشقان . ئوتتۇرا ئاسىيادا ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆزبەكنى كىشلەر قەبىلە نامىدا قوللىنىپ ، ئۇنى چاغاتاي دېگەن نام (چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى) بىلەن قارمۇ – قارشى ئورۇنغا قويغان . چاغاتاي دېگەن نام تۈركىستاندىكى چارۋىچى خەلقنى ئاتاشقا قوللىنىلغان بولۇپ ، ئۇلار شۇ يەرلىك خاننىڭ ئاساسىي ئارمىيە كۈچىنى تەشكىل قىلاتتى .


داۋامى بار

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 23:10 |
tarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 544
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئونىنچى لېكسىيە (ئەسلى كىتاب 180-200 – بەتكىچە)
زېمىنى گەرچە كەڭرى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇچ شاھزادىنىڭ (جۇجى، چاغاتاي،ئوگداينى كۆرسىتىدۇ) ئوردىلىرى ئۆز ئارا يىراق ئەمەس ئىدى . جوجىنىڭ ئوردىسى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىكەن . كېيىنكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ مازىرى كېيىن سارسۇغا ، يەنى شبەننىڭ زېمىنىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن (بارتولد «تۇركىستان» ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ، 392 – بەت). بۇ موڭغۇللارنىڭ يوسۇنىغا ، يەنى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز ئوردىسىنى ئوغلىغا قالدۇرۇشتەك ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ . جۇجى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى ئوردا ئېرتىش دەرياسى رايۇنىنى باشقۇردى . چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوگداينىڭ («ئىسلام ئىنىسكلوپىدىسى»Ⅰ ،توم 898 – بەت) ئوردىسى جەنۇبقىراق جايلاشقان بولۇپ ، ئىمىل دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى . بۇ دەريا ئارال كۆلىگە قۇيۇلاتتى . ئوگداي دەپنە قىلىنغان جاي راشىدىننىڭ دېيىشىگە ئاساسلانغاندا ئېرتىش دەرياسىدىن ئىككى كۇن يىراقلىقتىكى بىر ئېگىز تاغدا بولۇپ ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ بىر ئېقىنى مۇشۇ تاغدىن باشلىنىدىكەن .
ئوگداي ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىننىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتكىدەك تارىخىي ماتېرىيال جۇۋەينىنىڭ ئېيتىشىچە ئوگداينىڭ يۇرتى ئۇنىڭ دادىسى ھايات ۋاقتىدا،«ئىمىل بىلەن كۈپۈك چېگىرىسىنىڭ  ئىچىدە » ئىكەن (جىپنى خاتىرلەش مەجمۇئەسى ⅩⅣ ، 31 ) . دېگۈدەك ئوخشاش بىر جايدىن باشلىنىدىغان بۇ ئىككى دەريانىڭ بىرسى غەربكە ، بىرسى شەرققە ئاقاتتى . جۇۋەينى كىتابىدا چاغىتاي خانىنىڭ يۇرتى ھەم زېمىنىنى بىر قەدەر ئېنىق ئېيتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوردىسى ئالماس شەھىرى ئەتراپىدىكى قۇياس رايونىدا ئىكەن . ئۇنىڭ زېمىنى « ئۇيغۇرلار چېگىرىسىدىن باشلاپ سەمەرقەند ۋە بۇخاراغىچە بارىدىكەن». باشقا تارىىخىي ماتېرىياللاردا قۇياس ھەم چاغاتاي خانىنىڭ ئوردىسى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايوندا دېيىلگەن . قۇياسنىڭ «بارىسخاننىڭ ئارقا تەرىپى»گە جايلاشقان شەھەر ئىكەنلىكىنى مەھمۇد كاشىغەرىي دىۋاندا («دىۋان»Ⅰ ،توم 330 – بەت) تىلغا ئالغان ، ئۇ يەنە دىۋاننىڭ باشقا بىر يىرىدە («دىۋان»Ⅲ ،توم 129 – بەت) توخسى ھەم ياۋچىلار تۇرىدىغان رايونلار قاياس دەپ ئاتىلىدۇ ، دېگەن . ئۇ يەردە ئۇچ شەھەر سېپىلى بار بولۇپ ، ئۇلار : سابلىغ قاياس ، ئۇزۇن قاياس ، قاراقاياستىن ئىبارەت . جۇۋەينى كىتابىدا چاغاتاي ھەم ئۇنىڭدىن كيىنكى بىر قانچە ۋارىسلارنىڭ ئوردىلىرىنىڭ تۈرك تىلىدا «uluюEV»(چوڭ ئوي) دەپ ئاتلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ( مۇشىنىڭغا ئوخشاش دەسلەپ ئۇچرىغان ئوردىنىڭ ناملىرىنىڭ تۈركچە ئاتىلىشى قىزىقارلىق). چاغاتاي ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى دەپىن قىلىنغان جاي ئېنىق ئەمەس.
بۇنداق بولغاندا ، چىڭگىزخاننىڭ ئۇچ ئوغلىنىڭ ئوردىلىرى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان نىسپەتەن كىچىك دائىرە ئىچىدە بولغان بولىدۇ .
گەرچە سەمەرقەند ۋە بۇخاراغىچە بولغان ماۋەرئۇننەھر رايونى چاغاتايغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەرلەرگە ئوگداي تەيىنلىگەن مەھمۇد يالۋاچ ( خۇجەنتتە تۇراتتى) ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى . كېيىن ھىجىرىيە 636– يىلى يەنى مىلادىيە 1238– 1239– يىلى چاغاتاي ئۇكىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا مەھمۇد يالۋاچنى قالدۇرۇپ ، باشقا تۇتۇق بېگى تەيىنلىدى . بۇنىڭ بىلەن ماۋەرئۇننەھر رايونى چاغاتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالدى . ئەمما راشىدىننىڭ دېيىشىچە ئوگداي يەنە مەھمۇد يالۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇدبەگنى قاراغۇجىدىن باشلاپ بەشبالىق (ئۇيغۇر خانلىقى ئىلى) ، ئۇدۇن ، كاشغەر، ئالمىلىق، قايالىق، سەمەرقەند ھەم بۇخارادىن ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى باشقۇرۇشقا قويغان . مەھمۇد يالۋاچنى بولسا ، پايتەختنىڭ تۇتۇق بەگلىكىگە تەيىنلىگەن . ئۇ 1254 – يىلغىچە شۇ ۋەزىپىسىدە تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن .
مەسئۇدبەگ كاشىغەردە ئۆز نامىدىكى ئىسلام ئالى مەدىرىسىسى بولغان ئىككىنچى مەسئۇدىيەنى قۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەنە بىرى بۇخارا ئىدى . 14 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى كاشىغەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ خارەزىملىك مۇسۇلمان سودىگەر ئۆز بېشىدىن سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنمۇ ئۆزنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالغان ھەم ئۇنى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان . ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ رايونىنى بايان قىلغاندا ، ماركوپولو خوتەن ھەم ئۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى قۇبلاينىڭ زېمىنى دېگەن ، (يۈئىر:« ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى »لوندۇن،Ⅰ .196) . بىراق ئۇنىڭدا كاشىغەرنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار «تۈرك ئېلىگە» قاراشلىق دېيىلگەن . يەركەند توغرۇلۇق ئۇ ئېنىق قىلىپ ئۇنى خاننىڭ جىيەنگە تەئەللۇق زېمىنى دېگەن ( بۇ يەردە ماركوپولو خاتالىشىپ قايدۇنى خاننىڭ جىيەنى دەپ قارىغان ) . قىزىقارلىقى: راشىددىن ئۇيغۇرلار ئېلىنى قۇبلاي بىلەن قايدۇ ئۆز ئارا ئۇرۇشقاندا ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ، ئىككىلا تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلىغان دەپ بايان قىلىدۇ (راشىددىن «جامىئۇتتەۋارىخ»، بولۇشنىڭ نەشىر نۇسخىسى، 502 – بەت) . ئېنىقكى ئۇ جاي يەنىلا ئىدقۇت خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى . بارچۇق 1209 – يىلى چىڭگىزخانغا ئەل بولغان بولۇپ ، 1218 – يىلى كۈچلۈككە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان . كېيىن يەنە خارەزىم شاھ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان . ئاخىرىدا يەنە غەربىي تاڭغۇت خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرشىغا قاتناشقان . بارچۇق ئوگداي تەختكە ئولتۇرغان چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن . ئۈچ ئوغلى ئارقا- ئارقىدىن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان . چوڭ ئوغلى ئوگداينىڭ ئايالى تۇراكنا(1241- 1246 ) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن . ئىككىنچى ئوغلى مۆنكى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بىر جۇمە كۈنى بەشبالىقتىكى ئىسلام دىنىغا ئىشنىدىغانلارنى مەسچىتتە ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ( تەپسىلاتىنى جۇۋەينىنىڭ كىتابىدىن كۆرۈڭ،ⅩⅣ، 341) . ئۈچىنچى ئوغلى كېيىن ئاكىسىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان . ئىدىقۇت خانلىقىغا ئالاقىدار باشقا تارىخىي ماتېرىياللار يوق.خان بىر تەرەپتىن قايدۇنىڭ زېمىنى ئارقىلىق ئۆزىگە تەئەللۇق زېمىنىنى كېڭەيتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى موڭغۇل خانلىقى قايدۇ ھايات ۋاقتىدا ھىلاكۇ ھەم جوجىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ زېمىنى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەنۇپ ھەم غەربتىكى زېمىنىنى كېڭەيتكەن ئىدى . جۇقى ئۇلۇسى تەدىرىجى ھالدا شەرقتىكى زېمىننى ، يەنە سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ شەرقىدىكى زېمىننى قولدىن چىقىرىپ قويدى (13– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوردا ۋارىسلىرىنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىغا ئالاقىدار تەپسىلىي تارىخىي ماتېرىيال يوق) ، راشىددىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا ، ئوردا ۋارىسى قونچى غەرب ھەم غەربىي شىمالغا يېقىن جايغا ئولتۇراقلاشقان . ماركوپولۇ قونچىنىڭ زېمىنىنى شىمالغا يېقىن ، ئۇ جايدىكى كىشلەر «ياۋا ھايۋان»لاردەك ياشايدۇ ، دەپ بايان قىلىدۇ . قونچى قايدۇ ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى بايان ئولتۇرغان .
14 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خانلىقلىرى بار ئىدى (بۇ بىر نۇقتا ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن زىت). بۇ بىر نۇقتا جەمال قارشىنىڭ ( 14 – ئەسىرنىڭ بېشىدا يېزىلغان )ئەسىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئەرەبچە يېزىلغان مازار يادنامىلىرىدە ئۇچرايدۇ . ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەممىسى ئەرەبچە Malik(شاھ) نامنى قوللانغان (موڭغۇللاردىن بۇرۇنقى دەۋرىدىكى پارىس ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىغا ئوخشاش)، بەزىدە سۇلتان ھەم خان دېگەن ناملارنى قوشۇپ ئىشلەتكەن . جامال قارشى پەرغانىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىلچى مەلىك شاھنى تىلغا ئالىدۇ . ئۆزكەنتتە ئۇنىڭ ئوغلى ھەم ۋارىسى سەتىلمىش مەلىك شاھنىڭ مازىرى بار . ئۇ ھىجىرىيە665- يىلى مىلادى 1226- 1227 –يىلى ئۆلۈپ كەتكەن (مازار يادنامىسىدە Puotok,Turk kruzkaljub  ، دېگەن خەتلەر بار .arch، Ⅲ ) . ئىسمى ھەم ئاتىلىشىدىن قارىغاندا ، بۇ ھۆكۈمرانلار تۈركلەردىن كېلىپ چىققان . بىر قىسىم ئىسىم ۋە ناملار تولىمۇ قەدىمى بولۇپ ئەۋلىيا ئاتا مازىرىغا 1262- يىلى ئۆلۈپ كەتكەنBaliю Bulge ulyю IKbal han ئىسىملىك بىر يەرلىك خان دەپىن قىلىنغان   («مەجمۇئە» Ⅻ،P،5). مازار يادناملىرىنىڭ ھەممىسى ئەرەبچە يېزىلغان . جامال قارشى ئەسىرىدە ئۆزى جەنددە ئەرەبچە ئىشلىگەن بىر مازار يادنامىسىنى نەقىل كەلتۇرىدۇ (تۈرك ئەۋلىيالىرىدىن كامالىدىن خارەزىمى سۇغناقنىڭ يادنامىسىنى ئىشلىگەن . ئۇ ئادەم 1273 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن) . جامال قارشى يەنە خۇجەندتىن ئانچە يىراق بولمىغان ، سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ مازاردىكى پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەرەبچە شىئېرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە خوتەن سۇلتانى مۇنىش تىگېن(ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) گە بېغىشلانغان پارىسچە :«سىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمىز. ئاھ ، شاھ تۈركلەر ھەممىسى مۇنىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈسى دەپ تىلىشىدۇ »دگەن مەنىدىكى بىر شىئېرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا بىر جۇملە تۈركچە (Turki yarlak kari bolmix munmix Tegin gandan bizi ey xah guyad  ) ، « تۈركىستان» رۇسچە نەشىرى،Ⅰ ،151– بەت)
13 – ئەسىردىكى يەرلىك خانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغان يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان تەڭگىلەر بار . بۇ تەڭگىلەر دېگۈدەك يەرلىك خانلارنىڭ نامىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ نامى ئاتالمىغان . قايدۇ ، دۇۋا نامىغا ئاتاپ قۇيۇلغان تەڭگىلەر يوق . ئەمما ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەڭگۈ تۆمۈر خان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ تەڭگە قۇيۇلغان . ھازىرغىچە خان بىۋاستە ھۆكۈمرەنلىق قىلغان يەرلەر بىلەن يەرلىك خانلار باشقۇرغان يەرلەرنىڭ چېگىرا دائىرىسىگە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك.
چاغاتاينىڭ ئوردىسى ئالمالىق شەھرىگە يېقىن ئەتراپتا بولۇپ ، ئۇ يەرلەرگە چىڭگىزخانغا ئۆزلىكىدىن ئەل بولغان يەرلىك خانلار ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى . 1253 – يىلى روبروك قاييالىقنى زىيارەت قىلغان ھەم ئۇ يەردە 12 كۈن تۇرغان . ئۇ «بۇ بىر چوڭ شەھەر بولۇپ ، بازارلىرى ناھايىتى قىزىيدىكەن» دېگەن . قىزىقارلىقى بۇ مۇسۇلمانلار شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا مەنسۈپ ئۈچ مەسچىت بار ئىكەن . بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىقىنى بايقىغىلى بولغان بولسا تېىىمۇ ياخشى بولاتتى . ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ ئورنىنىمۇ ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ . روبروك قاييالىقنىڭ شىمالىدا بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى خرىستىيان مۇرىدلىرى ئىكەن ھەم چىركاۋلىرىمۇ بار ئىكەن. بىراق ھازىرغىچە يەتتسۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا نىستورىيان دىنى يادىكارلىقلىرى بايقالمىدى.
ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى، قاييالىقنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا روبروك يەنە چىرايلىق بىر مۇسۇلمانلار شەھىرىنى ئۇچراتقان ، بىراق بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى تۈركچە سۆزلەشمەستىن ، پارىسچە سۆزلەيدىكەن (روكىينىڭ تەرجىمىسى 139 – بەت) . ئۇلار يېقىندىلا ماۋەرائۇننەھر رايوننىڭ جەنۇبىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق بولشى مۇمكىن . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، ئەينى چاغدا ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان شەھەرلەر خارابلىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەن . ئىلگىرى بۇ رايوندا شەھەرلەر بار ئىدى، بىراق يايلاق قىلىش ئۈچۈن تاتارلار بۇ جاينى بۇزىۋەتكەن . روبروك يەنە بۇ جايلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركمەنلەرنىڭ (روبروك بۇ ئىسىم ئارقىلىق ئادەتتىكى تۈركلەرنى كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك ) ئىگىلىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . روبروكنىڭ بۇ رايوننىڭ مەدەنىيىتىنىڭ خارابلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى خەنزۇلاردىن چاڭدې ئىسپاتلايدۇ (چاڭدې روبروك بىلەن دەۋرداش بولۇپ ، ئۇ 1259 – يىلى موڭغۇل خانى مونكى ئۇنى ئىنىسى ھىلاگۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە مۇشۇ رايوندىن ئۆتكەن . ئۇ «غەربكە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى »نى يېزىپ قالدۇرغان ، ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى بىرتچىنەيدنىڭ «ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى » دېگەن كىتابىدىن كۆرۈڭ). چاڭدې ئىلگىرى غەربىي لياۋ رايونىدا ئادەم كۆپ ئىدى ھەم سۇغۇرۇش قۇرلۇشلىرىمۇ بار ئىدى . شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن قەدىمى خارابىلەرمۇ بار ئىدى ، دەپ بايان قىلىدۇ .
جامال قارشىنىڭ «ئىزاھات»ىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەرلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن قىزىقارلىق ماتېرىياللار بار . 16 – ئەسىردە ياشىغان ئەدىب مۇھەممەت ھەيدەر جامال قارشىنى بالاساغۇندا تۇغۇلغان بولغاچقا ھەر بىر شەھەردىكى مەشھۇر كىشلەرنى تىلغا ئالغاندا ، سەمەرقەنتتىن ئاران 10 دەك ئادەمنى تىلغا ئالغان ، بالاساغۇندىن بولسا بىرلا ۋاقىتتا بىر شەھەردە ياشىغان نۇرغۇن كىشلەرنى تىلغا ئېلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ ، ئۇ بالاساغۇنغا يانباسقان ، دەپ ئەيىپلەيدۇ .(روسنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى«تارىخىي رەشىدى»، 364- بەت)«ئىزاھات»نىڭ بىردىن بىر يازما نۇسخىسى بايقىلىشتىن ئىلگىرى كىشلەر بالاساغۇن شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش تارىخى ، ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى بايقاشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. بۇ يازما بايقالغاندىن كېيىن ئەھۋال ئارزۇ قىلغاندەك بولمىدى ، ئۇنىڭدا بالاساغۇن شەھىرى تىلغا ئىلىنمىغان ئىدى . بۇ شەھەردە تۇغۇلغان مەشھۇر يەرلىك كىشلەرنى تىلغا ئالغاندا يازغۇچى پەقەت  ئۇستازى شەمسىددىن ئەييۇپ بالاساغۇنى ھەم ئۇنىڭ ئوغلى رۇكىنددىن ئەخمەت بالاساغۇنى ئۈستىدىلا توختىلىدۇ (« تۈركىستان» رۇسچە نەشىرى،Ⅰ،141– بەت)، يەنە قۇزبالىقنى تىلغا ئېلىپ 1259 – يىلى ئۇ يەرگە بىر ئالمالىق خانى دەپن قىلىنغان ، دەيدۇ . بۇ جايدىكى بالاساغۇن بەلكىم مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كىتابىدىكى(«دىۋان» Ⅰ توم ،60- ھەم 112– بەت) قۇز ئوردۇ ( بۇ ئىسىم يەنە 13 – ئەسىردىكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ ئۇچرايدۇ) بولىشى مۇمكىن ، بىراق ئەجەپلىنەرلىكى جامال قارشى بۇ شەھەرنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن بولغان بالاساغۇننى (بۇ بىر نوقتىنى ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ ئىسمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ) ئىشلەتمىگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا جامال قارشى كىتابىدا ، باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇچرىمايدىغان il alargu دېگەن جاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ . بۇ چاغاتاي خاننىڭ ئوردىسى جايلاشقان يەر بولۇپ ، چاغاتاي خانىنىڭ ۋەزىرى ، سودىگەر قۇتبىدىن مەپەش ئەخمەت مۇشۇ يەرلىك ئادەم ، بۇنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان جاينى بىلدۇرىدىغان ئىسمى l alargawi دىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ (« تۈركىستان» رۇسچە نۇسخىسى،Ⅰ ،140– بەت) . بۇ ئادەم 1260 – يىلى ئارغۇ تەختتىكى ۋاقىتتا ئالمالىق رايونىدىكى بىر شەھەردە ئۆلۈپ كەتكەن ھەم ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپن قىلىنغان .
جامال قارشى بىر قىسىم شەھەرلەر (ئالمالىق، كاشىغەر، خوتەن، خۇجەند ھەم پەرغانە رايونىغا تەۋە شاش، بارچكەند)ئۈستىدە قىسقىچە خاتىرە قالدۇرغان . ھەر بىر شەھەردىكى مەشھۇر ئۆلىما ھەم شەخسلەرنى تونۇشتۇرغان، جامال قارشى ئالمىلىقتا تۇغۇلۇپ (ئۇنىڭ دادىسى بالاساغۇنلۇق ) كېيىن كاشىغەرگە كۆچۈپ كەلگەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا بىر قىسىم شەھەرلەرگە بارغان . ئۇ كاشىغەر (ئەينى ۋاقىتتا بىر سايلىقتا ئىدى)ھەم خۇجەندنىڭ (بۇرۇندىنلا ناھايىتى چوڭ شەھەر ئىدى) ۋەيران بولغانلىقىنى ، ئەمما سودىنىڭ يەنلا ناھايىتى جانلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان . ئۇ كاشىغەر ئۈستىدە توختالغاندا ، بۇ شەھەرنىڭ جۇتالىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . بۇ ئىسىمنى بىز بۇ يەردە تۇنجى ئۇچراتتۇق . بۇ سۆز كېيىن شىنجاڭدا غەربىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنى ئىپادىلەشكە قوللىنىلغان بولۇپ ، ئۇ ئۆز خانلىرى ھەم قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان بۇلاڭچىلىق بىلەن شوغۇللانغان چارۋىچى خەلقلەرنى كۆرسەتكەن . جۇتالىقلار قىش پەسلىدە بېسىپ كىرگەن بولۇپ ، قايسى يىل ئىكەنلىگى تىلغا ئېلىنمىغان . يەنە كاشىغەر رايونىدا يەر تېرىشقا ھايۋان بىلەن يەر ئاغدۇرمايدىغانلىقى  ، ئەمما باغۋەنچىلىك سايمانلىرى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان (ئەسلى ئەسەردەkulaud ، مەنىسى «پالتا»،« تۈركىستان» رۇسچە نەشىرى، ،144– بەت) . ھازىر كاشىغەردە ئېنىقكى تېرىقچىلىق ھايۋانلىرى كەم ئەمەس.
13- ئەسىردە ، گەرچە ئاستا بولسىمۇ  تۈركىستان رايونىنىڭ ئىسلاملىشىشى ھەم تۈركلىشىشى ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتاتتى ، چىڭگىزخان دەۋرىدە ئەھۋال كۈچلۈك دەۋرىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ، موغۇللار بېسۋالغان دەۋرىدە  ھايات قالغان قاراكىدانلار مۇسۇلمانچە كىيىملەرنى كىيىپ يۈرشەتتى(بولتىشىنكى،Ⅰ ،29– بەت) . ئىلگىرى غەربىي لياۋ تېرىتورىيىسى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ، موڭغۇللارغا قارشى چىققان خارەزىم دائىرىسى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ياخشىراق ئىدى .
كۈچلۈك ۋاقتىدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان زىيانكەشلىك موڭغۇللار دەۋرىدە قايتا تەكرارلانمىدى . چاغاتاي موڭغۇللارنىڭ يۇسۇنىنى قىزغىن قوغدىغۇچىلاردىن بولغاچقا ، بەزىدە مۇسۇلمانلار ئىسلام ئادەتلىرىدە چىڭ تۇرغاچقا ئۇلارنى جازالىغان . چاغاتاي ئۆلگەندە ، جۇۋەينى بىر پارىس شائىرىنىڭ شېئىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۇنى مەسخىرە قىلغان . شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدا :«بۇ باشقىلار ئالدىدا سۇغا كىرىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان ئادەم ئىدى. ھازىر ئۆزى دېڭىزغا غەرق بولدى » دېيىلگەن (بۇ شېئىرنىڭ يازغۇچىسى سادىر ئەۋەز ئىدى. بىراق چاغاتاي دەۋرىدە مەجىددىن ئىسىملىك مۇسۇلمان تىۋىپ ئۆتكەن) ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ سودىگەر قۇتبىددىن ھەبەش ئەمدنىڭمۇ تەسىرى چوڭ ئىدى . ئۇنىڭ تەسىرى شۇنداق چوڭ ئىدىكى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى چاغاتاينىڭ ئوغۇللىرىغا ھەمراھ قىلىپ قويغان . كىشلەر ئۇنى مەشھۇر ئۆلىما يۈسۈپ سەككاكىنى(خارەزىملىق) قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن دېيىشىدۇ .سەككاكىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىسلام دۇنياسىدا قامۇس دەپ نام ئالغان كىتابى «مىفتاھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەرنىڭ ئاچقۇچى)دىن باشقا ، ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد ساچاقلى زادىگە (غەربىي تۈركلەردىن) يازغان خېتى بار(بروككلمان: «ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى»،Ⅰ،296) .
بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئەمەس . مۇبارەكشاھ بىلەن بۇراق (ئۇلار چاغاتاي خان جەمەتىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا كىرگەنلەر) نىڭ دىنىي ئۇستازلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمىز . جامال قارشى مۇبارەكشاھنىڭ ئانىسى ئېرگەن خاتۇنمۇ مۇسۇلمان ئىدى ، دەيدۇ . قايدۇ مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى ، ئۇ موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە چۇ دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى ئارلىقىدىكى تاققا دەپن قىلىنغان.
ئەينى چاغدىكى تۈرك تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغان تارىخىي ماتېرىيال راشىددىننىڭ كىتابىدا چىڭگىزخاننىڭ نەسەبى ئۈستىدە توختالغاندا موڭغۇلچە ، تۈركچە يىكى نويان، ئۇلۇغ نويان تەڭ قوللىنىلغان . ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار تۈرك تىلىنى ئىمېرىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىشنى ئويلىمىغان . 1246- يىلى پورانو كارىپنى موڭغۇلىيەدىن ئايرىلىپ ، ياۋرۇپاغا قايتقىنىدا ، كىشلەر ئۇ ئارقىلىق« ساراسىن تىلى» دا يېزىلغان بىر خەتنى پاپىغا ئەۋەتكەن . پروفېسور پىللىئوت بۇ خەتنىڭ ۋاقتى 1246- يىلى 11 – ئاي ، ئۇ پارس تىلىدا يېزىلغان ، خەتنى يازغۇچىنىڭ تىلى پارس تىلى ئەمەس دەيدۇ . خەتنىڭ بېشى تۈرك تىلىدا باشلانغان ، خاننىڭ نامى يېزىلمىغان پەقەت«ئۇلۇغ ئۇلۈس ھەم پۈتۈن دۇنيا خانىنىڭ پەرمانى» (taluinung han yarliюunz ulю ulusnung) دەپ باشلانغان . خەتتە تۈركچە سۆزلەرمۇ ئۇچرايدۇ . خەتنى يازغۇچى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك سودىگىرى بولۇپ ، ئۇ خەتنى ئەينى چاغدا ئورتاق قوللانغان كىتابى تىلدا يازغان (پىللىئوت« موڭغۇللار ھەم پاپا» ،3 -30– بەت) .


داۋامى بار

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 23:19 |
honzada
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 9346
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 59
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
شۆھرىتى: 530 نومۇر
پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە ،جاپانى كۆپ تارتىڭىز،قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئىلاھىم.

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 00:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !