لوپنۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىتنوگرافىيىلىك قېلىپلىشىشى ھەققىدە ئىيتقانلىرى
بىز لوپنۇرلۇقلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى:
لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنى«لوپتۇق»دىيىشىدۇ.بۇ يەردىكى«لوپ»يەر نامى، «تۇق»ۇلانمىسى قىرغىز تىلىدا سۆز ياسىغۇچى ئارقا قوشۇمچە
بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.لىكىن،80-، 90- يىللاردىن كىيىن، ئۇيغۇرچە تىلىېۋىزىيە فىلىملىرىدە چىقىرىلىش جەريانىدا،لوپنۇرلۇقلار خوشنا يەرلەر، مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا،ئۆزلىرىنى «لوپتۇق»دىيىشسە،بەزىلىرى«لوپلۇق»، «لوپلاق» دىيىشىپ،ئۇيغۇرچە ئىسىم ياسىغۇچى«لىق، لىك، لۇق، لاق»قوشۇمچىلىرى ياسىلىدىغان بولغان.ئەمىلىيەتتە،لوپنۇرلۇقلار ئۆز قىرغىز ئانا تىلىنى كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان.«لوپ» قەدىمكى ئارىئان تىلىدا«كۆل»دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنى قارا قوشۇنلۇق،ياللا، قىرغىزلار، سارتلار، جۇداقلار، قالۇچى، قالماقلار دىگەنگە ئوخشاش ئېتنوگرافىيىلىك تەركىبلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دىيىشىدۇ.
1.قارا قوشۇنلۇق. قارا قوشۇن- قوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر شەھەر.قارا قوشۇنلۇق بۇرۇن بۇ شەھەردە ياشىغان خەلق.بۇنىڭدىن بىر قانچە
يۈز يىل بۇرۇن نامەلۇم يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن بۇ خەلق تارىم دەرياسىنى بويلاپ كۆچۈپ، ھازىرقى دۆڭقوتانغىچە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
ھەممىمىزگە مەلۇم. قارا قۇرچۇنغا يېقىن بولغان مىرەنلىكلەر ۋە چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يېزىلاردىكى خەلق ئۆزلىرىنى«قارا قوشۇنلۇق»دەپ ئاتايدۇ.بۇلار سان جەھەتتىن كۆپ بولغان قەبىلىىدۇر.1761-يىلى لوپ كۆلىنى تەكشۈرگەندە، شۇ خېدى بۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:
«لوپنۇردا ئىككى قەبىلە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى قارا كۆل.يەنە بىرى قارا قوشۇندۇر.قارا قوشۇن بەشكە ئايرىلىدۇ».ئۇنداقتا، بىز قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ
ئېتنوگىرافىيىلىك مەنبەسى ھەققىدە توختىلايلى:
قارا قوشۇن قىرغىزلارنىڭ قۇشچۇ قەبىلىىسى بولۇپ، قۇشچۇ تەبىقىسى ھەققىدە تارىختا كۆپلىگەن مەلۇماتلار يېزىپ قالدۇرۇلغان.شاڭ پادىشالىقى دەۋ
رىدە جوۋ قەبىلىسىنىڭ ئاتا-بوۋىسى تەنفۇدى(تۈرك)قەبىلىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىگە بىرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەينى چاغدا ئوردا ئاقساقىلى جىجو دىگەن ئادەمنى قىزىل قۇش قەبىلىسىنىڭ تەۋەلىكىگە ئەۋەتكەن. يەنە باشقا« خەنناامە» 96- توم « غەربىي يۇرت بايانى»دا« بەگلىكنىڭ ئسمى كروران بولۇپ، غەربىي شىمالدا قۇش بەگلىگىگە 1890 چاقىرىم كىلىدۇ. « خان دەۋرىدە كروران خەلقى قۇش ئالدى خانلىقىغا تەۋە بولغان».
قارا قۇشۇنلار قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ قۇشچۇ قەبىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا قارا سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى ماناسنىڭ بوۋىسى قاراخان تەڭرى بىلەن تېگى بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىز قاراخان ھەققىدە توختىلايلى:«قىرغىزلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى بولغان ئارىيان- ئاندىرنوفلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارى ھىندى دەريا بويىغا كۆچكەن، سىكىف مەدىنىيتىنى ياراتقان ساكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000- يىللاردا سىبىرىيەدىن موڭغۇل يايلاقلىرىغا شىمالي جۇڭگو، تەڭرىتاغ ئەتراپلرى، ئران- ئىلەم ئىگىزلىكىگە كۆچكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىردا ھىندى- ياۋروپا تىل سىسىتىمىسىدىكى ئارىيانلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئىگىزلىكىدىن جەنۇبقا يۆتكىلىپ ھىندىستانغا كىرگەن. ئەشۇ ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن ئارىيانلارنىڭ قاراخان تەڭرىنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن يەرلىك خەلىقنى قىرىپ، قاراپا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، يەرلىك خەلىقنى «پەس» دەپ، ئۆزلىرنى «ئالىي»دەپ ئاتىغان. قىرغىزلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاتا- بوۋىلىرى ئارىيانلار بولۇپ، ئارىيانلاردىكى قاراخان تەڭرى، خاككاس قىرغىزلىرىدىكى قاراخان تەڭرى، شۇنداقلا، ھىندىستاننى بويۇن سۇندۇرۇپ، يەرلىك خەلىقنى قىرغان قاراخان تەڭرى قاتارلىقلار ماناس باتۇرنىڭ ئەجدادى قاراخاننىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ». قاراقۇشۇن، قاراكۆل قەبىلىسى قىرغىزلارنىڭ قۇشچۇ قەبىلىسى بوپلا قالماي، ماناسنىڭ ئەجدادى قاراخان باشلاپ ماڭغان لەشكەرلەر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، لوپنۇرلۇقلاردا« قارا باتۇر» ئسىملىك تارىخىي داستان بار. شۇنداقلا، بىز 4000 يىل بۇرۇنقى كروران قىرغىز گۈزىلىنىڭ تىپىنى دۇنيا مۇتەخخەسىسلىرى ئارىيان تىپگە تەئەللۇق دەپ ئاتىغان. بىز يۇقىرىدىكى يازما، ئارخولوگىيىلىك مەلۇمات، خەلىق ئىغىز ئەدىبىيىتىغا ئاساسلانغاندا« قىرغىزلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئەجدادلىرى ئارىيانلارنى بەلگە قىلغان ماناسنىڭ ئەجدادى قاراخان تەڭرى، قارا قۇشۇن، قاراكۆل قەبىلىسى ۋە 4000 يىل بۇرۇنقى كروران گۈزىلىنىڭ ئېتنىكىلىق مەنبەسى بىر بولۇپ، ھەممىسى ئارىيان قىرغىزلىرى ھېساپلىنىدۇ، ۋە شۇنداقلا لوپنۇرلۇقلاردا «قارا باتۇر» داستانى بار.
(لوپنۇرلۇقلار قىرغىزلار قەدىمدىن- ھازىرغېچە كىيىپ كىلىۋاتقان كېگىز ئاق قالپاقنى ئۇنۇتماي ساقلاپ قالغان ۋە كىيىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ تىلىنى تولۇق ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنىڭ غوللۇق تەركىبلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندىرىدۇ).
2_ ياللا. ياللا قۇمۇل، تۇرپاندىن كەلگەنلەر بولۇپ، لوپنۇر رايونى بويىچە كۆپ قىسمى قۇمۇل، تۇرپانغا يېقىن يەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان.
3_ قالماقلار. موڭغۇللاردىن تارقالغان بولۇپ، ئويراتنىڭ قالماق قەبىلىسىنىڭ ئاز بىر قىسمى 1206- يىلدىكى موڭغۇل خانلىقىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن بۇ يەرلەردە ئاز بىر قىسىم قالماقلار ئولتۇراقلىشىپ ئاسمىلاتسىيىلىشىپ كەتكەن.
بۇ ھەققىدە مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندى مۇنداق يازىدۇ:« لوپنۇر تەۋەسىدە بىر قىسىم موڭغۇللار ياشىغان بولسىمۇ، لىكىن، ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولغان. موڭغۇل تىلىنىڭ لوپنۇر تىلىغا نىسبەتەن تەسىرى پەقەتلا لېكسىكا قىسمىدا بولغاندىن تاشقىرى لوپنۇر تىلىنىڭ فونىتىكىلىق سىستىمىسىدا، ئۇنىڭ گرامماتىكىسىدا موڭغۇل تىلىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى ھىس قىلالمىدىم». بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ لوپنۇر تەۋەسىدە ياشىغان قالماقلار كىيىن ئاسمىلاتسىيىلىشىپ كەتكەن.
4_ قىرغىزلار. ھازىرقى لوپنۇرنىڭ ئاساسەن غەربىي قىسمىدا بىر قىسىم ئائىلە ئۆزلىرىنى قىرغىزلار دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇلار غەربتىن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. بۇلارنىڭ كېينىراق تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن لوپنۇرغا كەلگەنلىكى مەلۇم. چۇنكى، لوپنۇر تارىختىن بۇيان قىرغىزلار ياشىغان 6 چوڭ نۇقتىنىڭ بىرىسى ھېساپلىنىدۇ. بۇلار يەنسەي تەۋەلىكى، ئالتاي تەۋەلىكى، تالاسنى مەركەز قىلغان تەڭرىتاغ ئەتراپى، پامىر تاغلىرى، دەشتى قىپچاق دالاسى، لوپنۇر تەۋەلىكىدىن ئىبارەت 6 چوڭ نۇقتا.
5- قالۇچى. قالۇچى لوپنۇر تەۋەسىدە ياشىغان خەلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، «ماناس»تا بايان قىلىنغان قالاچ خاننىڭ ۋە ياكى قاراچا خاننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. چۇنكى، ماناس باتۇرنىڭ 6- ئەۋلادى بەكباچا يولدا كىتىۋىتىپ، 30 غا يىقىن ئاتلىق ئادەمنى ئۇچىرىتىپ، ئۇلاردىن سورىسا ئۇلار لوپنۇردا ياشىغان قىرغىزلار ئىكەنلىكىنى، قاراچا خاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى دىگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغىنىمىزدا قارا قۇشۇن قەبىلىسى، قاراكۆل، قالۇچى قەبىلىسى ھەممىسى لوپنۇردا ياشىغان قىز سايقال ياكى قاراچا خاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىرىدۇ. لوپنۇر تەۋەسىدىكى يەر ناملىرىدىن قارا مىرەن دەرياسى، قاراداي كەنتى، قارا بوران كۆلى، قاراقۇشۇن كۆلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماناسنىڭ ئەجدادى قاراخان، قاراچا، قالاچ خانلارنىڭ ئسمى- شەرپىگە ئاتاپ قويۇلغان يەر ناملىرىدۇر.
6- سارتلار. سارتلار- ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ سارت قەبىلىسىدۇر. قارچۇغا يىزىسىنىڭ ئىمامى جاقىپ موللا ئۆزىنىڭ ئەجدادىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى دىگەن.
7- جۇداقلار. جۇداقلار تىبەت تەرەپتىن كەلگەنلەر بولۇپ، تاڭغۇتلاردۇر. چۇنكى، «ماناس» ئىپوسىدا تاڭغۇتلار داۋاملىق لوپنۇر قىرغىزلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
ئەسەن ئايسا ئوغلى « قىرغىزلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2006- يىل 202،205 - بەتلەر.
لوپنۇر قىرغىزلىرىنىڭ رەسىملىرى:
http://foto.mail.ru/mail/tynchtykbek/lopnur