ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 83
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 19كۈن بۇرۇن

 ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى

قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ، ھەربېتى راھەت ماڭا ،
مەيلى قايغۇ ، مەيلى شادلىق ، كەلگىنى ئامەت ماڭا .
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار ،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپەت ماڭا .
                                        __ئا .مۇھەممەتئىمىن




1


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا-بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ ، پەرغانە ۋە يەتتە سۇ ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان . ئوغۇزخان ، ئاپراسياپ ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارسلىق قىلىشقان خانلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلاقار -ياغما قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان . ئون ئۇيغۇر ، شەرقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ ، ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا ، ئادىز ، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر -غەربى ئۇيغۇرلار بېشبالىق -ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى ، قەشقەر-قۇز ئوردا بۇغرا قاراخانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەك يۇلى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخى شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۈرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ياشىغان تېرىتورىيلىرىنىڭ كەڭلىكى ، ئولتۇراقلىش ۋە تېرىقچىلىققا ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويغانلىقى ،كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە ھۈنەرسازلىق ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ، شەھەر قەلئە ھاياتى ۋە مالىيە سودىغا بولغان ماھارىتى ، يېزىق ۋە ئەدەبى تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى ، ئىپتىدائى ئانىمىزىم ۋە شامان ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئالاقىنى ئۈزۈپ ، ئاتەشپەرەسلىك ، مانى ھەم بۇددىزىم مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشقانلىقى ، ئۆز تارىخىدا بىر قاتار شەھەر -قەلئە مەملىكەتلىرى ۋە بىر قانچە خاقانلىقلار بەرپا قىلغان كۈچلۈك سىياسى تىپىك گەۋدە ھاسىل قىلغانلىقى ، مەشھۇر سىياسى ئەرباپلار ، سەركەردىلەر ، مۇتەپەككۇر ئالىم -شائىرلار ، تەرجىمشۇناسلار ۋە كۈرۈنگەن سودا-ئىقتىساد خوجىدارلىرىنىڭ يىتىشىپ چىققانلىقى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ بايلىقى ، ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەرەققىيپەرۋەر خاسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . خۇددى قەدىمىكى سۈرىيىلىكلەر ئۆزىگە خاس مىللى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى گرك ، مىسىر ، مېسسوپوتامىيە ۋە ھىندى مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيىتقاندەك ، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزىگە خاس مەھەللى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ئوتتۇرا دىيار ، گرك-رىم ، ئەرەب-ئەجەم ۋە ھىندى مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خەزنىسىنى بېيىتقان ۋە يۈكسەلدۈرگەن . بۇھال ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەركىزى ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلىك سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر قىلدى .
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى نۇقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزىم چۈشەنچىلىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن ، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى -ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتىرلەنگەن . بۇ ئىككى نۇقتىنى ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىرقەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس ، بەلكى پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان . مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يۇقىرىراق سېنكىرىتىك قاتلامدىكى دىنى مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىشى ئىران-تاجىك تىپىدىكى سامانىيلار سۇلالىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۈركى خەلقلەرنىڭ بۇ دىنىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى .
باشقا تۈركى خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان .
ئىسلامىيەت-دىنى شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان مەدەنىيەت ھادىسىىسىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ۋە تەپەككۇر تارىخىنى ، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى دىن ۋە دىنى مەدەنىيەت تارىخىدىن ئايرىۋېتىدىغان ، دىنى مەدەنىيەت تارىخىنى ياكى مەدەنىيەتنىڭ دىنى تىپىنى قانداقتۇر غەيرى تارىخى ، غەيرى مەدەنىيەت ھادىسە سۈپىتىدە ئىزاھلايدىغان قاراش ۋە ئۇسلۇب ئىلىمغا زىت . تارىخى ھەقىقەتكە زىت قاراش ۋە ئۇسلۇب .تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، دىن تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، دىنى شەكىلدىكى مەدەنىيەت تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنسانىيەت روھىنىڭ تارىخىنى ۋە روھىيەتتىكى ئىنسانىيەت تارىخىنى تۇلۇق چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس . بۇنداق تارىخ ئاخىرلاشقىنى يوق . ئۇ تېزدىن بىراق ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەقىقى تارىخى خۇددى گرېك ئەپسانلىرى گرېك سەنئىتنىىڭ بالىياتقۇسى ( ماركىس ) بولغىنىغا ئوخشاش ، دىنى مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم -پەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ، رىقابەتكار ئىلھامچىسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرنى تۇلۇقلىغۇچىسى بولۇشلۇقىنى ئىسپاتلىماقتا .ھازىرقى ئىنفورماتسىيە ۋە يىڭىچە ئاڭ -تەپەككۇر ئىزدىنىشى بىزدىن « دەھرىلىككە قارشى » ياكى « ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى » جەڭگاھنى كۈچەيتىشنى ئەمەس بەلكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا ، ھەقىقەت ، ئىنسانىيەت ، بەخت -سائادەت ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆز-ئارا گارمونىلشىشنى تەلەپ قىلماقتا .2

ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ كىيىنكى دىن ، ياش دىنى . ئەگەر بۇددىزىم ، خرىستىئان دىنلىرى قۇل ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ خاس شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولسا ، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئورگىنال بىر تۈرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان . ئەگەر بۇددىزىم ، خرىستىئان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىركى دىن مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزىملىق ۋە خرىستىئانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا ، ئىسلام دىنى ئۆزگىچە بولغان دىن ۋە مەدەنىيەت سەمەرلىرىنىڭ ئىسلامغا مۇۋاپىق ئامىللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر پۈتۈن ئىسلام دىنى تەلىماتى ، تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت تىپىنى روياپقا چىقارغان . ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغانلىقى ئەمدى ھېچقانداق سىر ئەمەس .
ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىرخىل مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە يۈزبەرگەن « شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى » ئارقىلىق 9-12 ئەسىرلەر ئىچىدە يېپيىڭى بىرخىل دۇنياۋى تارىخى خاراكتىرلىق مەدەنىيەت تىپىنى « ئىسلام مەدەنىيىتى » نى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى . بۇنداق مەدەنىيەت نۇقۇل ئىسلام ئېتىقادچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان دىنى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى ، ئىسلام ئەدەبىياتى ، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى ، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە ، تىبابەتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى ، كالىندارچىلىق قاتارلىلق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائى مەدەنىيەت سىستىمىسىدىن ئىبارەت بولدى . ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنى ياكى تارىخى ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۇمۇمى مۇۋەپپىقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى . ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مىلياردلىغان كىشى قەلبىنى ، تۇرمۇش يوسۇنلىرىنى ئۈزىگە مۇنداق جەل قىلمىغان بۇلاتتى .
ئىسلام دىنى ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ( 661-750) دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى . خەلىپە ۋەلىد ( 705-715) ۋاقتىدا سەركەردە قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەب مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش يۈرۈشىنى باشلاپ كۆپ يىللىق جىددى جەڭلەردىن كىيىن 712-يىلى بۇ ئىشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى .
شۇنىڭدىن باشلاپ پەرغانە ۋە قەشقەر ۋادىسى ، تالاس-يەتتەسۇ بوستانلىقلىرى ھەتتا بېشبالىقتا ئىسلام مۇخلىسلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ ، سامانىيلار بىلەن قاراخانىلار ئارسىدىكى كەسكىن ھەربى زىددىيەتلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قاتتىق تەقىپ قىلىندى . پەقەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 935-يىلى ئاتۇشتا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كىيىنلا ئىسلامىيەت قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە ئىدىئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللى تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلى بۇلۇپ قالدى . ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى قاتارلىق  ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى ئاخىرقى قېتىم ئۆزلەشتۈرۈشى ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بايقال ، ئېرتىش ۋادىسىدىكى باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۆتكىلىپ كېلىشى ، قاراخانىلارنىڭ سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ ماۋرا ئۇننەھردە ئىلىكخانلىقلارنى بەرپا قىلىشى ، قاراخانىيلارنى ئاساس قىلغان تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەب خەلىپىلىكىدە تۇتقان ئورنىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى رايۇنلىرىدا ئۇيغۇر تۈركى شەكلىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئالامەتلىرى شەكىللنىپ چىقتى . بۇ ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئېلىپ كەلدى . ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتتى . ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن بېيىتتى .
3

ئالەم ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى ، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى شامانىزىملىق ، ئاتەشپەرەسلىك بۇددىزىملىق ۋە مانىزىملىق دىنى تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا « ئاللانىڭ بىرلىكى » ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ، ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يىڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى .
ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىزلىرى -ئىمان ، ناماز ، روزا ، ئۆشرە-زاكات ، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئېتىقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەنئورنىشىپ غايەت زور ۋە دائىمى ئېتنىك دىنى پائالىيەت تۈسىنى ئالدى .
ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ( شەرىئەت ) قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئىجابى ۋە ئەنئەنىۋى قاراشلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بۇلۇشنىڭ يىڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى . ۋىجدان نازارىتىدىن تاشقىرى پەزىلەت كۈزەتكۈچى ، ياخشى-ياماننى ھېسابلاپ تۇرغۇچى غايىب پەرىشتىلەر ، نازارىتى ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىيەت ۋە پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بولدى . ئىسلام قانۇنى جازالىرى ، جامائەت پىكرى ئەيىبلەشلىرى ، ۋىجدان ئازابى ئۈستىگە يەنە قىيامەت سورىقى بىلەن دوزاخ ئازابى تەشۋىشلىرى قۇشۇلۇپ شەخسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيىتتى .
ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنى تەبىقە -شەيخۇلئىسلام ، ھەردەرىجىلىك قازى ۋە مۇپتىلار ، ھەردەرىجىلىك جامە -مەسچىت ئىماملىرى ، مەزىنلەر ، مازايى -ماشايىخ شەيىخلىرى ، دىنى مەدرېس ، مەكتەپ -مۇددەرس -ئۆلىمالىرى ، دىنى ئىلىم بۇيىچە ھەردەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرر مەيدانغا كەلدى .
ئىسلام مەدەنىيىتى -ئائىلە يۇرت مەھەللە ، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى . ئوردا-قەسىر ، جامە -مەسچىت ، مەقبەرە، قەبرە-گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخلىرىنى قۇبۇل قىلدى. بۇ ، ئەسلىدىمۇ ئىسلامىيەتكە ئۇيۇشقان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە خەلقلەر بىناكارلىق تەجرىبىلىرىدىن جەمغۇلەنگەنىدى .
ئەرەب يېزىقى تەدرىجى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى بۇلۇپ قالدى .بۇنىڭغا ئاساس بولغان نەرسە مەيلى ئورخۇن دەۋرىدىكى « رونىك » شەكلىدىكى يېزىق بولسۇن ، مەيلى سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن ، يالغۇز ھەرپنى ئاساس قىلغان سىمېت يېزىقى سىستىمىسىغا تەۋە يېزىق بولغاچقا ئالماشتۇرۇش ئاسان ئىدى . ئەرەب يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى . ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە بىرقىسىم ئەرەب سۆزلۈكلىرى بىلەن مەلۇم سالماقتا پارس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇرتىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى . ئاتالمىش « چاغاتاي » تىلى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولدى . ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق سەنئىتىنى يڭىچە شەكىل ۋە نۇسخىلار بۇيىچە ئۆزگەرتتى .
ئىسلام مەدەنىيىتىدىن  ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى . يىپەك يولى مەدەنى ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغانىدى . كىلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتكۈل تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ ، ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نادىر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تۇنۇلۇشقا باشلىدى .
ئەسلىدىكى« تۈركى ئارۇز » بەھرىدىن تاشقىرى ئەرەب كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى باشقا ئارۇز ۋەزىنلىرى بىلەن غەزەل ، رۇبائى ، قىتئە ، تەرجىبەنىد ، مۇرەببە ، مۇخەممەس قاتارلىق بېيىت شەكىللىرى ئۇيغۇر ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ يىڭى نەۋائىلىرىنى شەكىللەندۈردى . ئىستىداتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى بۇ خىل بەھىر شەكىللەر ئارقىلىق ئارۇز شېئىرىيىتى ۋە شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا يىڭى تىماتىك مەزمۇنلار ۋە بەدىئى ئوبرازلار بېغىشلىدى .
ئەرەب خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالىندارچىلىق ،ماتىماتىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، مائارىپى ۋە ئىلىم-پېنىنى يىڭى ئۇچۇر ۋە سەۋىيە بىلەن بىزەندۈردى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك-رىم ، ئىسكەندەرىيە ۋە مىسىر ، سۈرىيە ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تۇنۇشتى . قەمەرىيە كالىندارى ، ھەندەسە ۋە ئالجەبىر ( گېئومېتىريە ۋە ئالگېبرا ) ماتىماتىكىلىرى ، خارس ئىبىن كەلىدا ، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمىئىيىتى ۋە ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئارستوتىل ، ئەپلاتون ، بەقرات ، ئوقدىلوس قاتارلىق قەدىمكى گرېك مۇئەللىپىلىرى بىلەن تۇنۇشتى . ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە گرېك-باكتىرىيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا گرېك ئاپتورلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تۇنۇشقانىدى .
ئىسلامىيەت مەدەنى مۇناسىۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئەرەب ساياھەتچىلىرىنىڭ توققۇز ئۇيغۇرلار ھاياتى توغرىسىدىكى يازما خاتىرىلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا مەنپەئەتلىك مەنبە بولدى .


ئاخىرىنى كەچتە باسىمەن .
مەنبە-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى -2( يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان )
[ 此帖被kumluk138在2009-02-21 21:08重新编辑 ]
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 83
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 17كۈن بۇرۇن
4

ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتىگىمۇ كۈرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ ئەرەب مەدەنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن . ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ، بىۋاستە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشقان .
جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۇتۇقى ھېسابلانغان قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇر زېمىنلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تارقالغان . جۇڭگو تىبابەتچىلىكى بىلەن ئەرەب ۋە گرېك تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىبىنسىنا ئەسەرلىرىگە ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن .
پورۇخنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىلىشى ئاقساق تۈمۈردىن باشلانغانىدى . ئىسلامىيەت دۇنياسىدا توققۇز ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ناتۇرال پانتېئىزىملىق پەلسەپىۋى سىستىمىسىغا ئاساس سېلىپ ئارستوتىلدىن كىيىنكى « ئىككىنچى ئۇستاز » دەپ شۆھرەت قازانغان.
فارابى ئەرەب پەلسەپىسىگە ، ئەرەبلەرگە گرېك پەلسەپىسىنى تۇنۇشتۇرۇشقا ، ئەرەب پەلسەپەىسىدىكى ئىلمى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ، ئەرەب ماتىماتىكىسىغا ، ئەرەب مۇزىكىسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئەبۇئەلى ئىبىنسىنا فارابى قاراشلىرى ، بۇلۇپمۇ فارابىنىڭ « تۆت زات » قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ « تۆت تادۇ» ،« تۆت ئاناسىر » ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىگە ، ھەتتا غەربى ياۋروپاغىمۇ تارقاتقانىدى .
مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى تەقدىم قىلىپ ئەرەب-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ھەسسە قوشقان . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك » ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەسىرى ئىسلام شەرقىدە خەلىپە ھارۇن رەشىد ۋە خەلىپە مەئمۇندىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغىنىشى يىڭى باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ ، ئەينى زامان تەپەككۇر مۇنبىرىدە يىڭى بىر ئېگىزلىك پەيدا قىلدى . ئەخمەد ئىبنى تولۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خۇمارابا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز سىياسىيونلىرى مىسىردا قۇرغان تولۇن خانلىقى (868-905) مىسىر ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە خەلى ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۈرۈنەرلىك تۆھپە قۇشۇش بىلەن بىللە ھەربى فلوت تەشكىللەپ  ئاكا دېڭىز بازىسىنى بەرپا قىلغانىدى . غوجا ئەخمەت يەسسۋى ۋە باھاۋىدىن نەخشىبەندى مخلىسلىرىدىن مەۋلانە سەدىدىن قەشقىرى ( ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى ) ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ خىلمۇخىللىقىنى بېيىتتى . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائى ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات روھىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركى تۈردىكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى بېيىتتى .فارابى مۇزىكا نەزەرىيىسى ۋە مۇزىكىشۇناسلىق پائالىيىتى ئىسلام مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا نەزەرىيىۋى جەھەتتىن كۈرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى .
مىڭ يىللاپ داۋام قىلغان شەرق مۇزىكا سەنئىتىدىكى ئاجايىپ كاتتا بايلىق « ئون ئىككى مۇقام » ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى خەلقلىرى سالجۇقىلارنىڭ غەربكە كۈچۈشى ۋە تېمۇرلەڭنىڭ ھەربى يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا-يېقىن شەرقتە 14-ئەسىردىن كىيىن پەيدا بولغان « ماقام » ، « مۇقام » ھادىسىسىگە كۈرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى .


5

ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر شەرقىدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخى مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئىسپانىيە ( ئاندالۇسىيە ) دىن جۇڭگوغىچە ، ئەزەربەيجاندىن شىمالى ئافرىقىغىچە كەڭ تېررىتورىيىدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى .سەلپ ئۇرۇشلىرى ئالدى-كەينىدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن .
بۇ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى ( رېنسانىس ) ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى .
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن بۇيان 10 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى .
ھازىرقى كۈندە ئىسلام مەدەنىيىتى پەن تېخنىكا ۋە سانائەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئىسلام دۇنياسى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە .
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ « ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۇنى ئىگىلەش لازىم » ،« ئالىملارنىڭ سەھىپە بەتلىرىگە يازغان سىياھى شېھىتلارنىڭ قەبرە تاشلىرىغا ئۇيۇلغان يېزىقلاربىلەن ئوخشاشلا قەدىرلىنىدۇ » ،« مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتا باشقا خەلقلەردىن ئارقىدا قالماسلىقى كېرەك » دىگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە يىڭىچە ئاڭ-پىكىر ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە ئىلھامبەخش كۈچىنى يۇقاتقىنى يوق .
تۈگىدى.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8302
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 16
شۆھرىتى: 160 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-23
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
ياخشى تېما ئىكەن . مەن ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن . بۇ ماقالىسىمۇ بەك ياخشى يېزىلغان. بولسا يەنە داۋاملىق باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ يوللاپ تۇرسىڭىز .
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !