شاھ مۇراتخاننىڭ تەخىتكە چىقىشى ۋە تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى، خۇدايارخاننىڭ قايتا خان بولغانلىقى
مەللەخاندىن كىيىن مەزكۇر موللائالىم قول ئۆزىنىڭ كىڭىشىدە بىللە بولغان خائىنلاربىلەن ئىتتپاقلشىپ شىرئەلى خان ئوغلى سامساق بەگنىڭ بالىسى شاھ مۇراتخاننى 15ياش ۋاقتىدا خان قىلىۋالدى. بۇ ۋەقەلەردە قانائەت شاھ ۋە تاشكەنت لەشكەرلىرى بىرقانچە پىرقە قۇرما لەشكەرلىرى بىلەن تۈركىستاندا ئىدى. بۇ كىشى مەللە خاننىڭ ۋەقەسىنى ئاڭلاپ ئەسكەرلىرىگە جاكارلاش ئارلىغىدا مۇنداق دېدى: ئالىم قۇل بولسا مۇشۇنداق خىيانەتلەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ پىكىر خىيالىغا ئۇيغۇن تۇرىدىغان بىر نارەسىدە گۈدەككە خان ئۇنۋاننى بەردى. ئۇنىڭ غەرزى مۇشۇ ئىش بىلەن ئاھالىنى ئالداپ ھاكىمىيەتنى ئۆزقۇلىدا تۇتۇپ قالماقچى، بۇ تەرەپتە رۇسلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز مۇشۇنداق تۇرسا ئۇتەرەپتە يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق تۇرسا دېگەن ئاساستا ئوتتۇرغامەسلەھەت قىلىپ تاشلىغاندا تامامى ئۇفىستىرۋە ھەربىي كىشىلەر يەك دىل ۋە بىر تىللىق بولۇپ «ھەممىمىز ئىختىيارىمىزتىزگىنىنى سىزگە بەردۇق، قايسى ئىش مۇددىئايىڭىزغا مۇۋاپىق خەلققە مەنپەئەتلىك دەپ بىلسىڭىز بۇيرۇق سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا »دەپ جاۋاب بىرىشتى. قانائەت ئۇلارغا مۇنداق دېدى:"بىزگە ماقۇل كىلدىغان ئىش بولسا بىز بۇخارادىن خۇدا يارخاننى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭدىن كىيىن بارلىق قۇشۇنلار بىلەن پايتەخىتكە بېرىپ خۇدا يارخاننى خان قىلىپ ئۇنىڭ بۇيرۇقىدا بولىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇنداق قىلمايدىغان بولساق بىر نارەسىدە سۆزى ئۆتمەيدىغان گۆدەك ھەم بىر باياۋاندا تۇرىدىغان تەدبىرسىزلەرنىڭ مەسلەھەتى بىلەن ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. "دېدى. بارلىق ئوفىستىرلار ۋە ھەربىيلەر بۇ مەسلەھەتنى ياخشى بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ خۇدا يارخانغا تەكىلىپ قىلىپ كىشى ئەۋەرتىشتى. خۇدا يارمۇ مەللەخاننىڭ ماجىراسىنى ئاڭلاپ ئەمىرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن جەزەرھاد دېگەن قەلئەگە كەلگەن ئىدى. يول ئۈستىدە جىمىز جىدە ئۇچىرشۇپ تىز مېڭىپ قانائەت شاھ بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشتى. تاشكەنت ئاھاللىرى ۋە بارلىق لەشكەرلەر خۇدايارغا بەيئەت قىلىپ قول بىرىشتى. خۇدا يارخان ھەم قانائەت شاھقا ئاتىلىق مەنسىپنى بەردى. ئاتىلىقنىڭ مەنىسى ۋەزىر ئەزەم دېگەن بولىدۇ. نەسلى ئۆزبېك بولۇپ، يېشى خاندىن چوڭراق بولۇپ، خىزمەت قىلى يۈرۈپ ۋەزىرلىك مەرتىۋىسىگە يىتىشتە ئۇنداق كىشىگە ئاتىلىق ئەمىلى بىرىلىدىكەن، يارلىق بۇيرۇق نامىدا ئۇنىڭ مۆھۈرى خاننىڭ مۆھىرى بىلەن باراۋەر تۇرىدۇ. ئاتىلىق مەرتىۋىسى بىرىلىمىگەن ۋەزىرنىڭ مۆھۈرى بۇ دەرىجىسىگە يىتىشمەيدۇ. ئارىدىكى پەرق مۇشۇ، قانائەت شاھنىڭ مۆھرىنىڭ خېتى دەسلەپتە مۇنداق ئىدى:
غمل فرمانەچى نامم قناغت مجكم پادىشاھ، باغدالت
مەنسۋىم پەرمانچى نامىم قانائەت: بۇ ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ھۆكىمى بىلەن بولغان.
مۇندىن كىيىن يەنە مۇنداق مۆھىر ئويدۇردى:
زلخىق شاھ غادل خىل خالىق قناغت شامغازى شىداتالىق تەڭرىنىڭ رەھمىتى بولغان ئادالەتلىك پادىشاھلارنىڭ مەرھەمىتى بىلەن قانائەت غازى شاھ ئاتىلىق بولۇپ قالغان. ئاتىلىق دېگەن سۆز ئاتابىك دېگەن ئىسىمنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولىدۇ. كىيىن بەزەن شەرتلەر قوشۇلۇپ ئالىي مەرتىۋىگە ئۇنۋان بولۇپ قالغان. "تىبان نافى "دېگەن كىتابتا مۇنداق دەيدۇ: ئاتابىك دېگەن نام تىلغا ئېلىنماي قالمايدىغان بىر شەخس بولۇپ، كىچىك بالىلارنى ھەم ئۇنى يادلايدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيىسىگە مەدەت بولىدۇ «ئىراندىكى » شىرازىنىڭ سۇلتانلىرىغا ئاتا بەگ دەپ ئەتىۋالىشىدىكى سەۋەب بولسا، شەيخ سەئىدى مەرھۇمنىڭ ماختاشقا ئەرزىيدىغان كىشىسى بولغانلغى. ئاتا بىگ سولتان سەنجەر بولۇش بىلەن ئۆزىنى پارىس مەملىكىتىگە خان تىكلىگەن. مەزكۇر سۇلتان نىڭ ۋاقتى ئۆزىنىڭ پارىس مەملىكىتىدە تۇرغان ۋاقتىدا بولۇپ پەخىرلىنىش يۈزىسىدىن ئاتابىك ئۇنۋانىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئۇنۋان پارىس خانلىرىغا داڭدارلىق نام بولۇپ قالغان. تۇركچىدە ئاتا: دادا، بىگ: ئۇلۇغ، كاتتا دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئاتا پەدەر بىك ۋە بۈيۈكنىڭ تەرجىمىسى بايانى ئۆز بابىدا يېزىلىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن خۇدا يارخان بىلەن ئاتالىق بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن تاشكەنتتىن خوجەنگە كەلدى. مۇشۇ چاغلاردا ھەم ئەمىر مۇزەپپەر خوجەنگە كەلگەن كەلدى. مۇشۇ چاغلاردا ھەم خۇدا يارخاننى خوقەنگە بارماققا رۇخسەت بەردى. "ئەگەر شاھ مۇراد خان ۋە موللا ئالىم قۇللار ساڭا توسقۇنلۇق قىلىشسا، سىنىڭ ياردىمىڭدە بولىمەن " دەپ ۋەدە قىلدى. ئەمما موللا ئالىم قۇل بۇنداق شۆھرەتتىن سەسكىنىپ ئۆزىنى پاناھىغا ئىلىپ قىرغىز قىپچاقلارنىڭ قوشۇنىنى سەسكىنىپ ئۆزىنى يېتەكلەپ ئىلاتىيەگە كەتكەن ئىدى، سارت قوشۇنى بىلەن شاھ مۇرادنى خوقەندە قالدۇردى. خۇدا ياراخان توختالسىز خوقەنگە كەلدى. شاھ مۇرادخان بولسا، مۇقابىلە تۇرۇشقا قادىر بولالماي، خۇدا يارخان شەھەرگە كىرىش ھامان شاھ مۇراد يەنە بىر دەرۋازىدىن چىقىپ قاچتى. خۇدا يارخان دارۇل سەلتەنەتكە يەنى مەركەزگە كىرىپ 1379-ھىجرىيەيىلىدا 3قېتىم خانلىق تەخىتكە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن شاھ مۇرادنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ تۇتۇپ كەلتۈردى. خۇدا يارخان ياشلىقىغا شەپقەت ۋە تۇققانلىق مەرھىمىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى ئۆلتۈرمىدى. شاھ مۇردنىڭ خانلىغى ئىككى ئايغا قەدەر باردى.
خۇدا يارخان خوقەنگە كىرىشى بىلەن ئەمىر مۇزەپپەرخان خاتىرجەم بولۇپ، ئەسكەرلىرىنى ئىلىپ، خوجەندىن بۇخاراغا قايتتى. ئارقىسىدىن خۇدا يارخان بىر ئاز تەشەككۈر قىلىپ سوۋغات ۋە تۇرتۇقلار بىلەن قانائەت ئاتىلىقنى ئەلچىلىك بىلەن ئەمىرگە ئەۋەرتتى. بېرىشى ھامان ئەمىر بۇنى ئۆلتۈردى. بۇنى ئۆلتۈرۈشكە خۇدايارخاندىن ئىشارەت بارمىش دېيىلىدۇ. ئەگەر راست بولسا، "ياخشىلىق قىلغان ئادىمىڭنىڭ يامانلىقىدىن قورق "دېگەن سۆزنىڭ سىرى ئاشكارلارنغان بولدى.
بۇ كۈنلەردە موللا ئالىم قۇل ئىلاتىمەدە يۈردى. ئۇ خۇدا يارخانغا ئىتائەت قىلماي، مەملىكەتتە نۇرغۇن ئېگىز- پەسچىلىك ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆز ئىچىدىن بىۋاقچى خان نامىدا بىر ئادەمنى خان قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاز كۈن ئىچىدە ئۇنى يوقاتتى.
شەھرۇخ خان دېگەندەك بىر زاتنى خان قىلىپ كۆتۈرۈپ ئۇنى ھەم يوقاتتى، پەرغانە پىتنە توپىلاڭ بېسىقمىغانلىغىنى ئەمىر ئاڭلاپ خۇدا يارخانغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن خوقەنگە كەلدى. قىرغىز ۋە قىپچاقلارنى سۇرۇپ تاققا چىقتى. ئەمىر تاققا ھامان بىر قۇلاي، ئوڭاي يەردە موللائالىم قۇل ئەمىرنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ مۇھاسىرە قىلىۋالدى. ئەمىر بۇنىڭدىن بەكمۇ قورقۇپ، ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغاندا، موللا ئالىم قۇل ئەلچى ئىۋەرتىپ مۇنداق دېدى: ھەزرەت ئەمىر! بۇ قۇلنىڭ ئارقىسىدىن بۇ قەدەر ئەگىشىشنىڭ نېمە لازىمى بار ئىدى. ئەمدى ئەھۋال مەشەگە يىتىپ كەلدى، ئويلاپ باقسۇن قولۇمدىن قوتۇلىدىغان نېمە ئىلاجى بار؟ مەن بۇ ۋاقىتقىچە قاچقانلىرىم ھەزرەت ئەمىرنىڭ قۇۋۋەت ۋە مۇستەھكەملىگىنى ئاشكارىلاش بولۇپ، ئالىم قۇل شۇقەدەر نۇرغۇن ئەسكەرلىرى بىلەن ئەمىرگە تاقابىل بولالماپتىمىش دەپ ھەر ئىككىمىزنىڭ ناھايىتى كاتتا دۈشمىنى بولغان رۇسىيىگە بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەگەر سوقۇشقا تەلەپكار بولسا ئۇنى دىسۇن! ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ باقايلى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنى ئارقىسىغا چىكىنسۇن! خوقەندىن خۇدا يارخاننى ئىلىپ تاشلىسۇن! دېگەندە ئۆز جىنىغا مىننەتدارچىلىق دەپ بىلىپ، موللائالىم قۇلغا ئابىرىنىلا ئېيتىپ بۇ يەردىن خوقەنگە قايتىپ كەلدى، خوقەندىن خۇدا يارخاننى بىرگە ئىلىپ، شاھ مۇرادخاننى قايتا ئورنىدا خان قىلىپ قالدۇرۇپ بۇخارغا كەتتى.
خوقەننىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرى ئەمىرنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ شاھ مۇرادنى ئالىم قۇلنىڭ ئالدىغا چىقاردى، بۇنى چىقىرىشتا بۇلار بۇنداق پىكىرگە كەلگەن. شاھ مۇرادنى بولسا ئەۋۋەلدە موللا ئالىم قۇل ئۆز قولى بىلەن قويغان خان ئىدى. ئەمدى بۇ قېتىم يەنە خانلىققا رازى بولسا، شەھەرگە بىللە كىرە، ياكى نارازى بولسا، ئۆزى مەسلىھەت قىلار. شاھ مۇرادا بېرىش ھامان ئالىم قۇل ئۇنى ئۆلتۈردى، رىۋايەت قىلىشىچە: شاھ مۇرادنىڭ بۇ قېتىمقى خانلىغى ئاران 2يېرىم كۈن بولغان، بۇ سۆزنى رىۋايەت قىلغۇچى "پەقەتلا بىر قېتىم سالامغا بارغان ئىدۇق " دەيدۇ.
ئەمىرنىڭ قەلبىدىكى خىياللىرى بولسا، شاھ مۇرادنى خان قىلماقتىن غەرىزى: ھىيلە بىلەن ماللار ئالىم قۇلنى ئوۋ قىلماق نىشانىسدا بولغان ئىكەن، بۇنداق ھىيلە- نەيرەڭلەر ئەكس تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بەربات قىلىندى. ئاندىن كىيىن ماللا ئالىم قۇل قوقەنگە كىرمەستىن ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن مەرغىنانغا كېتىپ، بۇ يەردە سۇلتان سەيىدە توكارنى خان قىلىپ كۆتۈردى، بۇنىڭ تۈپەيلى يېقىندا يېزىلىدۇ. ئېيتىلىشلارغا كۆرە: بۇ ۋاقىتتا پەرغانە مەملىكىتىدە ئۆزگىرىشلەر دولقۇندەك ئەۋج ئىلىپ ھەددىن ئېشىپ، شۇ يەرگە يىتىدىكى، بەزەن خۇدا يارخان، بەزى ماللار ئالىم قۇل، بەزى شاھ مۇراد خان، بەزى ۋاقىتتا سۇلتان سەيىد بۇلار بىرى كەتسە بىرى كېلىپ، بىركەلسە يەنە بىرى كېتىپ بۇنىڭ بىلەن ھەم تۇرماي "پالان ئورۇندا بىر خان چىقىپتىمىش ۋە پالان جايدا بىر خانزادە باش كۆتىرىپتىمىش "دېگەن تاۋۇشلار ئۆزى ھەم كىچىك بالىلارنىڭ ئۇيۇنلىرىغا ئايلىنىپ قىلىپ پۇقرالار ھەربىر خان كەلگەندە كۆزلىرى چۆچەكتەك بولۇ نېمە گۇناھ قويۇپ ئولتۇرلىشىنى ۋە نېمە باھانە بىلەن دەشنەم يېيىشنى بىلەلمەي قورقۇنچىلىقتا خوش كەلدىڭىز! دېيىشىپ، قول قويۇشتۇرۇپ تۇرماقتىن باشقا چارىلار تاپالمىغان ئىدى. ئەمىرگە كەلسەك بۇ شاھ مۇرادنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولغاندىن بىلەك ھېچ بىر ئىش قىلالماي، پىتنە پاسادلار ئۆز پىتىچە قىلىپ غوۋغا دەرۋازىسى شۇنداقلا تېخى تاقالماي قالدى.
مەللە خاننىڭ ئوغلى سۇلتان سەيىدخاننىڭ خانلىغى
ھەزرەت مىيان سالىھ بۇ ۋەقەنى رىتى بىلەن بايان قىلىپ بېرىپ ئەيتىدۇ: يۇقىرىدا يېزىلغان تەرتىپتە ھەزرەت ئەمىر شاھ مۇرادنى قوقەنگە خان قىلىپ قويۇپ خۇدا يارخاننى بۇ خاراغا ئىلىپ كەتتى، خوقەندىكى دۇئاگويلارنىڭ بارچىمىز چىقىپ كەتكىنىمىزدە شاھ مۇراد خان، ماللا ئالىم قۇلنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان ئىدى. بىز ئەمىردىن ئاجرىلىپ كەلگەندىن كىيىن شاھ مۇرادنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل ماللار ئالىم قۇل ئالدىغا باردۇق."مەملىكەت خاندىن خالى قالدى ۋە شەھەرگە ئىگىسىز بولۇپ قالغانلىقتىن ئەمدى بىز ماللار ئالىم قۇلنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا مۇراجىئەت تەلەپلەرنى قىلىشتىن باشقا چارە تېپىلمىدى، چۈنكى ئەمىر ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ قايىتقىشىدا ئۇلار ئەمىرنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماللار ئالىم قۇلنىڭ قوشۇنى بىلەن كەلگەن ئىدى. ئىككى ئەسكەرنىڭ يەنى ئەمىر بىلەن قىپچاق قوشۇنىنىڭ ئارلىغى بىر مەنزىل قەدەر مۇساپە ئىدى. ماللار ئالىم قۇل بىزلەرنىڭ كەلگەنلىگىمىزدىن خەۋەر ئىلىپ ئالدىمىزغا چىقتى. ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەپ چىدىرغا ئىلىپ بېرىپ چۈشۈردى، بۇ كونىراپ قالغان نان ۋە بىر يۇغان يامغە ئوخشايدىغان ياغاچ تەڭلىدە ئۈزۈم ئىلىپ كەلتۈرۈپ دەسقانغا قويدى. مۇساپىرچىلىق ئەيىب قىلىشمايسىز، دەپ ئۆزرە ئېيتىپ ۋەئىلتىپاتلىرىنى قىلىپ تۇردى. ھەزرىتى ئەمىرنى سالامەت ئۇزاتتىڭىزلارمۇ؟ سىزلەر بارچىغا باراۋەر دۇئاچىلارسىز! ئەمىرنىڭ ھەققىدە ۋە بىزنىڭ ھەققىمىزدە ھەم دۇئاقىلماقلىرىڭىز زۆرۈررەك! دېدى. سىلەرنىڭ كەلگەنلىگىڭىزگە ۋاقتىم ناھايىتى خوش بولدى. دېدى. سۆزى مۇلايىم، ھۆرمىتى تولۇق بولغان بولسىمۇ، ئەمما لېكىن بىزلەرنى ئارغامچىسىزلار باغلاپ قويۇپ خوقەنگە قايتقىلى قويمىدى، رۇخسەت بەرمىدى. شىخاۋۇلنى چاقىرىپ بىزلەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ تاپىلاپ دىدىكى: بۇ جاناپلارغا قوش چادىر تەييار قىلىپ، سويۇش ۋە ئارت يەم ھەم مەخسۇس خادىملار بەلگىلەپ ئۆزىمىزنىڭ يېنىغ يېقىنراق قوندۇرۇپ ئەھۋاللىرىدىن ۋاقتى - ۋاقتىدا خەۋەر ئىلىپ تۇرارسەن، دېدى. بۇ يەردىن كۆچۈپ مەرغىنانغا يۈرۈپ كەتتۇق، مەنزىلمۇ - مەنزىل قوناقمۇ - قوناق كۆرىنىش قىلىپ سالام بېرىپ مەرغىنانغا يېقىن يار مازار دېگەن يەرگە بارغىنىمىزدا شەھەرنىڭ ئالىم ۋە پەزىلەتلىكق كىشىلىرى ئالدىمىزغا چىقتى. ئۇيەردىن توختاپ چۈشتۇق. زىياپەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن ماللا ئالىم قۇل سۆز ئىچىپ ئەيتتكى، "مەملىكىتىمىز دە مۇشۇنداق خاتىرجەمسىزلىكلەر بولدى. ... سەۋەبى: بىر كىشىگە بويسۇنمىغانلىقىمىزدىن ئەمدى، زۆرۈرى بۇكى، ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ بىر خان تىكلىمەك ... ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئۇنىساق، ئەمدى سىلەر كىمنى خالايسىلەر ؟،، دەپ ئالىملار كېڭەش قىلىپ قويغاندا، قازى ئەۋۋەلقى جاۋابنى قايتا ئېيتقاندا، ماللار ئالىم قۇل قازىغا قارىتىپ تۇرۇپ:"سىزلەر مېنى دەۋاتىسىلەر، ئەمما مىنىڭ نىيتىم خان بولۇشتا ئەمەس، مەن خىزمەت كە بەل باغلىغان ئىكەنمەن، خانزادىلەرنىڭ بىرىنى خان تىكلەپ چىقىش كېرەك -پالانى ۋە پالانى خانزادىلەر بار "دەپ ئاخىرىدا سۇلتان سەيىدنى تىلغا ئىلىپ، ئاتىسى مەللەخان كۆپچىلىك يولىدا شىمات بولغان ئىدى. بىريىتىمچە ئەمەسمۇ؟ دىگىنىدە، ئالىم قۇلىنىڭ غەرىزىنى پەھىملەپ شەھەرنىڭ بارلىق ئۇلۇغلىرى بۇئۇرۇنغا سۇلتان سەيىد ھەقىلىقكەن دېيىشتى. دەرھال ئاق كىگىز كەلتۈرۈپ قەدىمكى قائىدىلەر بويىچە سۇلتان سەيىدنى كىگىز كەلتۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ 4تەرەپتىن ئالىملار ۋە كاتتا زاتلار كۆتىرىشىپ تەخىتنىڭ ئۈستىگە چىقاردى. تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن گۆدەك ئىدى. ئۆتمۈشتىكى رەسىملەر بويىچە ئۇلۇغلارگە سەرپا، باش، ئاياغ كىيىم كەيدۈرمەكچى بولغاندا، ماللار ئالىم قۇل مەرغىناننىڭ پەزىلەتلىك كىشىلىرىگە دىدىكى: ھازىر پايتەخت مۇشۇ يەر، سىزلەر ئۆز كىشىلىرىمىز، سىزلەر خوقەن دۇئا گويلىرى، بارچىمىزغا ئوخشاشلامىھمانسىلەر، خوش، سەرپالىرىمىزنى دەسلەپ قىلىپ ئۇلارغا بېرىپ ئاندىن كىيىن سىزلەرگە قويساق !... دېگەندە قازى كالان ھەسەن خوجا جانابلىرى ماللا ئالىم قۇلغا قاراپ تۇرۇپ "ھەزرەتلىرى ئۆزلىرى بىلىسۇنلەر! "دېدى. ماللا ئالىم قۇل زېرەك كىشى مېھمانلارنىڭ بىرىنى - بىرىگە مۇقەددەم قىلىشقا ئېنىق جاۋاب بولمىغانلىقتىن ھەرئىككلا تەرەپكە باراۋەر ساروپا قويدى. قويغان تون كىيىملەر كىمخاپ، ئەتلەس قاتارلىق قىممەت باھا نەرسىلەر ئىدى. ئۇندىن كىيىن خاننىڭ خىزمىتىگە شىغاۋۇل ۋە ھۆدەيچى ۋە بىر قانچە خادىملارنى قويۇپ كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىپ ھەممە ئەسكەر ۋە ھەربىي باشلىقلارغا ھەم باشتىن - ئاياق ئۈستى باشلار بېرىپ ھەممىسىنى پەرىشتە سۈپەتلىك قىلىپ ئىلىپ چىقتى. 4-3سائەت ئىچىدە 20-15مىڭ ئادەمگە ھەدىيە ئىنئاملارنى يەتكۈزۈپ مۇنچە قەدەر نەرسىلەرنى ۋە شۇنچىۋالا ئىشلارنى مۇكەممەل تاماملىغىنىغا ئاپىرىنلار ئەيتتۇق !... ۋە بۇلارنى قەيەردىن يەتكۈزۈلگىنىگە ھەيران قىلىشتۇق: دەپ مېھرىبانلىق قىلدى، ھەزرىتى مىياننىڭ سۆزى تۈگىدى.
بۇ ۋەقە 1280-ھىجرىيەيىلىدا بولغان ئىدى. ماللا ئالىم قۇل ئەسكەر باشلىقى ئىكەن. بۇنىڭ ئۇنۋانى يىڭىدىن ئەمىر لەشكەر-دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن كىيىن ماللائالىم قۇلنىڭ ئۆزنامى پۈتۈنلەي قالدۇرۇلدى.
سۇلتان سەيىد بولسا، يالغۇلا خان نامىدا ئۆتۈپ، يەنى تەخت كورىسىنىڭ ئىگىسى بولۇپلا قالدى. ھاكىمىيەت ئىشلىرى تامامەن ئەمىر لەشكەر -باش قوماندان قولىدا قالدى.
خانلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن كۆپ ئۆتمەيلاخوقەنگە كەتتى. «ماللا ئالىم قۇل » يۇرتنى تىنچلاندۇرۇش پۇرسىتى كەلمەستىن تۇرۇپ "رۇسىيە تۇركىستانغا كەلدى "دېگەن خەۋەر بىلەن تاشكەنتكە كېلىپ شادمان خوجىنى ئۆلتەردى، ئۇنىڭ ئورنىغا نار مۇھەممەت دادخوجىنى تاشكەنتكە ۋالى قىلىپ قويۇپ "دۆلەت تاجىك "دېگەن بىر ساراڭ مىزاج كىشىنى تۇركىستانغا ھاكىم قىلىپ ئىۋەرتتى. ئۆزى بولسا خوقەنگە قايتىپ كەتتى، مەزكۇر تاجىك تۇركىستانغا كىلشى بىلەنلا ئەتراپتا بولغان ۋىلايەتلەرنى بولاڭ - تالاڭ قىلدى. ئۆلتۈردى. مۇشۇنداق ئوسال قىلىقلارنىڭ شۇملىغىدىن ھەقىقمە قازاقلار رۇسىيىگە تەۋە بولۇشتى. ئۇلارنىڭ كىشىلىرىنى كۈتۈپ قالدى. ئاز مۇددەت ئۆتمەي رۇسىيە تۇركىستانغا كىردى.
ئاپتورنىڭ شىئىرى:
كوفرو ئىسلامە بارا بەر ئەدلۇ ئىنساق دۇرنەقى
بەندە يەزۇلمەن كەفى دۇر پىلىدە زۇلمەن شەقى
بەس بۇنىڭچۇن ئۇ ممەتىنە دېدى ئول ناسخ رەسۇل
كوفىرىلە باقى ئۇلۇر مولىك زۇلۇم ئىلە ئولماس بەقى
"كاپىر ۋەمۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا ئادالەت ۋە ئىنساپ تېخى زۆرۈر بەندىگە مەيلى ئۇ قىلىقلارغا زالىم بولسۇن، ياكى بەد - بەخت بولسۇن ئەسلىدى ئاللا كۇپايە قىلالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خەيرى خا پەيغەمبەر ئۈممەتلىرىگە مۇنداق دېگەن: كاپىر بولۇپ كېتىش بىلەن مەملىكەت يەنە باقى قىلىۋىرىدۇ، ئەمما زۇلۇم بىلەن دۆلەت قولىدا تۇرالمايدۇ. «سۆزلەرنىڭ يەكۈنى:1281-ھىجرىيە يىلىدا تۈركىستان ۋە ئەۋلىياتالار رۇسىيە قول ئاستىغا ئۆتۈپ چىم كەنت شەھىرىگە قەست قىلغانلىغى ئەمىرلەر لەشكەرلەرگە ئاڭلانغاندا، خاننى ۋە بارلىق ئەسكەرلەرنى قوماندانلىق ئاستىغا ئېلىپ چىم كەنتكە يىتىپ كەلدى. قازاقلارنىڭ ئاتاقلىق بىر ئاقساقالنى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش بىلەنلا ئىلاتىيەلىقلار بۇنىڭغا دۈشمەن بولۇشتى. مۇشۇ سەپەردە ئەمىر، لەشكەرلەرنىڭ 2000مىڭچە ئەسكىرى سەھرادا رۇسىيىلىكلەرنىڭ 100گە يېقىن سولداتلىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچۇرشۇپ قالدى، سوقۇشۇپ 40-50ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قالغانلىرىنى ئەسىر ئالدى، ئۆلگەنلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ خوقەنگە ئۇيەردىن ئېشىپ قەشقەرگىچە ئەۋەتتى، چىم كەنت ئۈستىدە چوڭ بىر سوقۇش بولۇپ كېتىپ مۇشۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ھەرقانچە مۇداپىئە كۆرۈپ چىلىشقان بولسىمۇ ھېچقانداق ئىلاج ئۈنۈم بەرمىدى، ئاخىرى رۇسىيە چىم كەنتنى بېسىۋالدى، ئوققا قارىشى يۈگۈرۈپ ۋاپات بولغانلاردىن باشقا 1000ئاھالە يوقالدى.
«دېگەننى سۆزلىشەر» روسىيەلىكلەر بۇ قىشتا چىم كەنتتە قىشلاپ قالدى. ئەتىيازدا تاشكەنت ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ سوقۇشۇپ ئەمىر، لەشكەرلەر ۋاپات بولدى. خۇدا رەھمەت قىلسۇن.
ئەمىر، لەشكەرلەرنىڭ ھۆكۈمىتى مەللە خان يوقالغاندىن باشلاپ خوقەندە تۇرۇپ، بەزى چەتلەردەيۈرۈپ، بەزى چاغلاردا پۈتۈن مەملىكەتكە خان بولۇپ بەزى ۋاقىتلاردا يۇرتنىڭ يېرىمىغا خان بولۇپ ئۈچ يىلغا قەدەر ئىگىدارچىلىق قىلغان ئىدى، قانداقلىكى بولسۇن بۇ زاد رۇسىيە بىلەن بىر ئاز تاقابىل، تەڭ تۇرۇشۇپ كۈرەش قىلىپ ئەڭ ئاخىرى ۋاپات بولدى.
پەرغانە ۋە تۈركىستاننىڭ خان ۋە بەگلىرىگە بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق كىشىگە بۇنداق بىر كاتتا شۆھرەت يەنى بۇنداق ئىككى ئۇنۋان مۇيەسسەر بولمىغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىجات قىلىنغان توپلارنىڭ ئۈستىىدە يېزىلغان نەقىشلەرمۇ مۇشۇنداق ئىدى:
"ئەمىرلەشكەر غازى مەد نىشان،
جىلا ۋە توق پورچەشم ئاتەش فىشان "
ئەمىرلەشكەر غازى كەلدى، ئۇنىڭ نىشانى بولسا توقلىرىنىڭ جۇلاسى كۆزلەرگە چاقناپ تۇرىدىغان بولدى.
بۇزۇك خوجا ۋە ياقۇپ بەگلەرنىڭ قەشقەرغە كېلىشى مۇشۇنىڭ دەۋرىدە بولغان. ئۆز ئورنىدا يېزىلىدۇ.
ئەمىرلەشكەر چۈشكەندىن كىيىن روسىيەلىكلەر تاشكەنتنى مۇھاسىرىگە ئىلىۋالدى. سۇلتان سەيىد مۇشۇ قامال ئىچىدە قالدى، ئەمىر مۇزەپپەر بولسا، بۇ ۋاقىتلاردا خوجەندە ئىدى، تاشكەنت ئاھالىسى پەر يادچى - دەرد ئەھۋال يەتكۈزگۈچى ئەۋەتىشتى، بۇ زات ياكى كېلىپ ئۇرۇشمىدى ياكى بىر كېڭەش تېپىپ ئەپلەشمىدى، پەقەتلاقىلغان ئىشى سۇلتان سەيىد خاننى تاشكەنتتىن ئۆزىنىڭ يېنىغا ئالدۇرۇپ كەلدى. خۇدا يارخان بالدۇردىن بىرى ئەمىرنىڭ قولىدا ئىدى، تاشكەنتكە رۇسىيە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇدا يارخاننى ئەمىر خوقەنگە ئىلىپ كىلىۋىلىپ، ئۆز قولى بىلەن خان قىلىپ قويدى، خۇدا يارخاننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق خان بولىشى مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
خۇدا يارخان خۇتىبىنى ئەمىر نامىغا ئوقۇتۇپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغاندەك بولدى، ناۋادا رۇسىيە بىلەن سوقاش باشلىنىپ قالسا، بىر- بىرلىرىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ۋەدىلەر بىرىشىپ ئارىدا ئەمدى پەيمان شەرت نامىلار مۇستەھكەم قىلىندى، شۇنداقتىمۇ ئەمىر خوقەنلىكلەرنىڭ بىۋاپالىغىدىن ئەمىن بولالماي بارلىق قورال - ياراق ۋە جابدۇقلارنى ئىلىپ، خوقەننى خۇدا يارخانغا ۋە تاشكەنتنى رۇسىيىگە تاشلاپ بۇخاراغا كەتتى.
ئىشان خوجىنىڭ سۆزىگە تاشكەنت 62 كۈن مۇھاسىرىدە قالغان، باشقىلارنىڭ سۆزىگە كۆرە:82كۈن مۇھاسىرە قىلىنغاندىن كىيىن ئىچى تەرەپتىن خەۋەرلىشىپ تاشقى تەرەپتىن سوقۇشۇپ ھىجرەتنىڭ 1282-يىلى مىلادىيەنىڭ 1065-يىلى يازماي ئېىيىدا رۇسىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
نەزمە:
دەرسال «بىخرىف »ئەگەر زەندى بىمانى بىنى
مەلىك ۋە مولىك ۋە مىللەت ۋە دىن بەركەر دەر
ئەگەرسەن 1282-يىلىغىچە ھايات قالىدىغان بولساڭ ھاكىمىيەت، پادىشاھلىق، مىللەت، دىن، ھەممىسى تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرسەن » بېيىتنىڭ مەنىسى ئوچۇق كۆرۈلدى، بۇ بېيىتنى ھەزرەت سۇلتان ئارىسىپىن نىڭ دەپمۇ ئەيتىشىدۇ، بەزىلەر بۇ بېيىتنى ھەزرەت ئاپپاققا مەنسۇپ دېيىشىدۇ، بۇ مەزكۇر ئىككى ئۇلۇغ ھەرئىككىسى ئۆزبىكلەرنىڭ كاتتا شەيىخلىرىدىن بولۇپ، يۇقىرىقى ئىشارەتلەرگە قانداقلا بولسۇن يۇرتتىكى ئۆزگىرىشتىن كەشىپ بىلەن خەۋەر بەرگەن ئىدىكى، بۇ تارىختا تۈركىستان تەۋەلىكى رۇسىيىنىڭ قولىغا چۈشتى. قەشقەر بولسا ياقۇپ بەگنىڭ قولىغا ئۆتتى.
تاشكەنتنى مۇھاسىرە قىلغان رۇس ئەسكەرلىرى 2مىڭغا قەدەر بولۇپ، بۇلاردىن قازاق - قىرغىز قوشۇلۇپ قۇرما ئەسكەر «قۇرما: قۇراشتۇرۇلغان ياللانما قوشۇن »لەر كۆپ ئىدى.
سوقۇشتا مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشى ۋاپات بولدى. روسىيەدىن ئۆلگەنلەر بىر يۈزگە يەتمىگەن ئىمىش. بۇ خارا ئاھالىسى بولسا، بۇ سەپەردە ھەزرەت ئەمىر روسىيەنى تاشكەنتتىن قوغلاپ سۈرگەندۇ، بەلكى رەنبۇر ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەم پۇقرالار بارچىسى ئىتتىپاقلىشىپ سوقۇش پەرز بولدى. كاپىرلار ئۈستىمىزگە كەلدى، دەپ ئەمىرنى قاتتىق قىزىتتى، ئەمىرنىڭ گەرچە روسىيەلىكلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا تاۋى يوق بولسىمۇ، لېكىن غەۋغانى باسالماي نا ئىلاج غازاتقا چىقتى. 60مىڭ چاممىسىدا ئەسكىرى ... مەيدە جۇلغۇن دېگەن ئورۇنغا كېلىپ ئەسكىرىنىڭ كۆپلىكىگە مەغرۇرلىنىپ بەخىرامان قىزلارنىڭ قوچىغىدا ياتتى، رۇسىيە بۇ غەپلەتتىن پايدىلىنىپ، ئاز ئەسكىرى بىلەن بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە:1500ئەسكەر بىلەن كېچىلەپ سىر دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ توپ ئېتىش بىلەن ئىسلام ئەسكەرلىرى تىترەپ قورقۇشقا چۈشۈپ توختالسىز قاچتى. چادىر قوش زەمبىرەك، توپلار، دارى ئوقلار ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە غەزىنە دەپىنەلەر ئۆز ئورنىدا قالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيە ئولجا قىلىۋالدى.
غەپلەتنى ئەرلىك دەپ ساناش بۇ تەرەپ خانلىرىمىزنىڭ باش ھۆنىرى بولۇپ، چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن بۇ ئەھۋال دىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىككى پايدىنى، پايدىسىز تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزەسىز قىلىپ قويۇپ ئەھمىيەت بەرمىدى. بىرى - بۇنداق بىپەرۋالىقنى دۈشمىنىمىز كۆرگەندە كۈچىمىزگە تاقاپ «كۈچلۈك دەپ باھا بېرىپ » ئۇلارنىڭ قەلبى چۈچۈيدۇ. ئىككىنچىسى: ئۆز ئەسكىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە خوپ قورقۇش كىرمەي «باتۇرلۇقىمىزبىلىندۇ » بۇنداق سۆزلەر بولسا، سىياسەت جەھەتتە ھېچ نەرسە ئورنىدا تۇرالمايدۇ ........... ئەقلى بىلەن ئويلاغاندىمۇ ھەم تارىخ نەقىل قىلىنغان سۆزلەرگە كۆرە: ھەم بۇ سۆزلەرنىڭ رەت ئىتىگەنلىكى ھەممىگە ئېنىق.
ھەرھالدا ئىش بۇ خارالىقلارنىڭ دىگىندە بولمىدى، خۇدا يارخان ھەم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، مەدەت بېرىش ئۈچۈن ھەم كەلمىدى. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ئەسكەر توپلاپ رۇسىيىگە قارىشىلىق قىلغانلىغى ئۈچۈن خوقەن ۋە جىزاچ ۋە ئۆرە توپەلەر قولىدىن كەتتى يەنى بۇلارنى رۇسىيە قولغا كىرگۈزۈۋالدى. بۇنىڭدىن كىيىن رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئوتتۇرىدا سۈلھى قىلىشنى خالىدى. رۇسىيە بۇ تەرەپنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن، بۇخاراتەۋەلىكىگە قول ئۇزىتىپ 1285-ھىجرىيە يىلىدا سەمەر قاننى بېسىۋالدى، ئاندىن كىيىن كاتتا قورغانغا قەدەر باردى، بۇندىن كىيىن ئەمىر يەنە رۇسىيە بىلەن شەرتنامە توختۇتۇشۇپ ئىككى ئارىدا كېلىشىم قىلىندى. خۇدا يارخان روسىيەدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئويۇن كۈلكىدە كۆكبارىدە دەۋرلىرىنى ئۆتكۈزدى، ئىلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم سىتەملەردىن ئاھالە كۆپ رەنجىپ يۈز ئۆرىگىلى تۇرغان ۋاقىتتا، مۇسۇلمانقۇلنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان ئافتابەچى بىلەن ئوتتۇرىغا ئاداۋەت چۈشۈپ، ئەسكەرنىڭ ھەممىسى ئافتا بەچىنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، خاننىڭ بۇنىڭغا تاقابىل كېلىشىگە قۇدىرىتى قالمىدى، شۇڭا روسىيەدىن ياردەم تىلەش توغرۇلۇق تاشكەنتكە چاپمىش «خەۋەرچى »كەلگەندىن كىيىن غەپلەت ئۇيقۇسىدىن كۆزىنى ئىچىپ قارايدىغان بېسىپ قاپتۇ! ... شۇڭا تاشكەنتتىن رەنبورغا بېرىلىپ بۇ يەردىن قاچقان ئىدى.
مەھەللىمىزنىڭ بايلىرىدىن بولغان ھاجى ئۆمەر ئەپەندى تۆۋەندىكىچە ھېكايە قىلىپ بەردى: خۇدا يارخاننى رەنبورغا ئەۋەتكەندە بىز يارمۇنكەدىن قايتىپ شەھەرگە كېتىپ باراتتۇق. بىر - بىكەتتە "خان كېلىدۇ "دېگەن خەۋەر بولۇپ قالدى. بېشىمىزغا سەللىرىمىزنى يۆگەپ، ئۈستىمىزگە تونلىرىمىزنى كىيىپ خاننىڭ ئالدىغا چىقتۇق. ھارۋىدىن چۈشۈپلا بىزلەرنى كۆرۈپ "بۇلار كىملەربولىدۇ؟"دەپ سورىدى، خىزمىتىدىكى ئادەم بىزلەرنى بىلەتتى، بۇلار مەرغىنانىلىك قوللىرىڭىزبولىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. بىكەتكە كىرگەندىن كىيىن بىزلەرنى يېنىغا چاقىرىپ، باشتىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىۋېتىپ، تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېيتتى: مىنىڭ بۇ ھاللىرىمگە ئەيسا ئەۋلىيا ۋە پالان -پالانىلار سەۋەب بولمىغان بولسا بۇ بەدنامنى بوينۇمغا ئالمايتتىم، يىڭىلساممۇ، سوقۇشۇپ يېقىلار ئىدىم، دەپ خاس «كىشى »لىرىدىن ئايرىلىپ بۇنداق غىرىپلىقلارغا يولۇقۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئالدىنىپ ئەسىر چۈشكەنىلىگىگە ئارماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خۇدا يارنىڭ مۇسۇلمانقۇل ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن مەللە خان بىلەن تالاش - تارتىش پەيدا بولغۇچە ھۆكۈمەت سۈرگەن ۋاقتى 2يىل مەللە خاندىن كىيىن ماللا ئالىم قۇلنىڭ ئارلىشىۋالغانلىغى بىلەن سۈرگەن خانلىغى بىر يىلدىن ئارتۇق بولدى، كېيىنكى خانلىغى 9يىل جەمئىي 25يىلغا قەدەر خانلىق سۈرۈپ 1291-ھىجرىيەيىلىدا بۇ نىمەتتىن يىراق قىلىنىپ غەزەپكە دۇچار بولدى، قولىدىن كەتكەن نەرسىلەرنىڭ قالغان ئەھۋاللىرى ۋە ۋاپات بولغان ئۇرۇنلىرى ئايىغىدا قايتا يېزىلىدۇ.
خۇدا يارخاندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ۋە تۇراقسىزخانلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، خۇدا يارخاننىڭ ئوغلى نەسىرىدىن خان
خۇدايارخاننىڭ ھۆكۈمىتى ئاياغلىشىشقا يېقىن ئوش تەرەپتە مامور قىرغىز دېگەن بىر ئادەم چىقىپ خانلىق دەۋاسىنى قىلغانلىغى ئۈچۈن قىپچاق خوقەن قوشۇنلىرى بىلەن مۇسۇلمانقۇل ئوغلى ئابدۇراخمان ئافتا بەچىنى خان ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن ئىدى. توپ ياراقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بىلەن كەتتى، مۇشۇ ۋاقىتتا خاننىڭ ئوغلى نەسىرىدىن ئەنجانغا ھاكىم ئىدى. ئافتا بەچى بۇيرۇلغان مەئمۇرنىڭ قىشىغا بارماستىن ئوشتا تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئافتا بەچىنىڭ كۆڭلىدە ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشنىڭ ئاچچىقى تېخىچە يۈرىگىدە ئۇرۇنلىشىپ تۇرغان ئىدى. خۇدايارخاننى ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ ئالدىدا زۆرۈر ئىشلاردىن بىرى دەپ ھىساپلىناتتى. ئۆمرى بويىچە كۈتۈپ تۇرغان بۇنداق بۇزۇق ئارزۇلارغا يىتىشكە خۇدا يارنىڭ ئەسكەرلىرىدىن ۋە ياراق، جابدۇقلاردىن ئايرىلىپ قىلىشى بۇنى پۈتۈنلەي قولايلاشتۇرۇپ قويدى.
ئابدۇراخمان ئافتا بەچى خاننىڭ مەرغىناندىكى ئاتا ئانىدىن بولغان بىر تۇغقىنى سۇلتان مۇراد بىگىنى ئازدۇرۇپ خۇدا يارنىڭ ئورنىغا ئۇنى خان قىلىپ چىقىشقا ۋەدىلەرۋە مۇئاھىدىلەرنى قىلدى. نەسىردىننىڭ بۇلارنىڭ بۇنداق بىر ئىتتىپاق بولۇشىدىن خەۋىرى بولۇپ، بۇنداق خائىنلىقنى ئاتىسىغا يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئافتا بەچىگە 50مىڭ ئالتۇن بېرىپ سۇلتان مۇراد بىلەن بولغان شەرتلەردىن قايتۇرۇپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئۆلتۈرلىشىگە رازى بولۇپ، ئۆزىنى خان قىلىپ چىقماققا ئوتتۇرىسىدا پۇختا سۆزلەر قىلىش بىلەن بىر كۈچلۈك قەسەم ياد قىلىشتى. مۇشۇنداق مەزگىلدە رۇسىيە تەرەپتىن خۇدا يارخانغا بەزەن بىر تەكلىپلەر يوللاندى خان بۇنى ئافتا بەچىگە خەۋەر قىلىپ مەسلىھەت سورىغاندا ئافتا بەچى رۇسىيىگە بۇنداق تەكلىپنى رەت قىلىش جاۋابىنى بىرىشتى. بەلكى ئەلچىلىرىنى يوقىتىشنى تاپىلاپ خەت يازدى. خۇدا يارخان "بۇنداق قىلساق بولمايدۇ "دەپ قايتا ئادەم ئىبەرگەندە ئافتابەچى "خان مۇرتەردبولدى، دىندىن قايتتى، روسلارنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇندى، رۇسلار سورىغان نەرسىلەرنى بىرىمەن دېدى، ئەمدى خۇدا يارخان بىلەن سوقۇش قىلىش ۋاجىپ بولدى "دەپ ئافتابەچى كۆڭلىدە پۈكۈپ يوشۇرۇن ساقلاپ كەلگەن مۇناپىقلىقىغا بۇنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن قورال قىلدى. مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدا يارخاننىڭ ئوغلى بىلەن قىلغان ۋە قەسەملىرىگە ۋاپا قىلىشىغا «خاننىڭ بۇنداق قىلىشىغا بولمايدۇ » دېگەن پىكرىنى ۋاسىتە قىلدى. ئاندىن نەسىردىننى يېنىغا ئىلىپ خوقەنغا قاراپ تىكلىدى. خۇدا يارخان بۇ قەسىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن روسىيەدىن مەدەت سوراپ تاشكەنتكە كېلىپ، ئۆز ئايىغى بىلەن ئەسىر بولغانلىقى ئۆز بابىدا يېزىلغان ئىدى. ئافتا بەچى خاندىن خالى قالغان خوقەنگە كىرىپ نەسىردىننى خان قىلىپ قويدى. ئۇندىن كىيىن ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ خوجەننى مۇھاسىرە قىلدى.
روسىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ ھېچ ئىش قىلالماي مەرغىنانغا قايتتى. بۇ چاغلاردا رۇسىيە كېلىپ غانگاننى ئالدى ئاندىن كىيىن خوقەنگە باردى. نەسىردىن خان ئۇرۇشماي روسىيەنى قارىشى ئىلىپ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈپ ئالغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز جايىدا قالدۇرۇپ: مەرغىنانغا كەلدى. روسنىڭ كېلىشى بىلەنلا ئافتابەچى بارلىق قىپچاق قوشۇنلىرىنى ئىلىپ ئەيلاتىيەگە كەتتى. پۇقرالار رۇسىيىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئوچۇق چىراي ئاچقان بولسىمۇ ئەمما ئافتا بەچىنى تۇتۇپ بەرمىدىڭلار، دېگەن باھانە بىلەن گىنرال ئىسكو بولۇف مەرغىنان خەلقىگە نەچچە مىڭ تىللا ئالۋان سالدى، بۇنىڭغا "لىك "پۇلى دەپ نام قويدى، 20مىڭ تىللا سىنى نەق قىلىپ قالغاننى توپلاش ئۈچۈن باتىرباشى دېگەن بىر ئادەمنى بۇ خىزمەتكە قويۇپ مەزكۇر گىنرال ئەسكىرى بىلەن ئەنجان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. مۇشۇ ئارىلىقتا غانگان خەلقى باش كۆتۈرۈپ مۇسۇلماندىن كۆپ ئادەم شەھىد بولۇپ، شەھەر يەنە رۇسىيە قولىدا قالدى، ئەنجانغا كەتكەن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ خىلى ئادەملىرى زايە بولۇپ بۇ پىقىرنىڭ باشلىقى گىنرال غىلاۋاچوف يارىلىنىپ غانگانغا قايتتى، ئەنجان ئاھالىسىنىڭ بۇ غەيرىتىدىن، مەرغىنان خەلقى غەيرەتكە كېلىپ"لىك "پۇلى توغرىسىدا ماجىرا چىقىرىپ، بۇزۇلۇپ باتىر باشنى ئۆلتۈردى، ۋەلىخان تۆرەمنى ئەسكەر بېشى قىلىپ روسىيەلكلەرنى قەسلەپ ئاتلىنىپ بېلىقچى قەلئەسىگە كەلدى. بۇنىڭغا قارىشى نامانگاندىن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ چىققانلىغىنى بىر مۇسۇلمان ئادەم كېچىلەپ سىر دەرياسدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ۋەلىخان تۆرىگە خەۋەر قىلغاندا، ئول بىغەم ئەۋلىيا بۇنداق كۈيۈنگەن مۇسۇلماننى جاسۇس دەپ باغلاپ ئۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇس بۇ يەرگە كەلسە سىنىڭ سۆزۈڭ راست بولۇپ قويۇپ بىرىمەن، ئەگەر سۆزۈڭ يالغان چىقسا جازالايمەن، ئۆلتۈرىمەن، دەپ تۆۋرۈككە باغلاپ قويدى، ئۆزى بولسا يېرىم كىچىگە قەدەر قىزلارنى ئۇسۇلغا سېلىپ ئويۇن كۈلكىدە ئولتاردى، ئەرتە غانگاننى ئالىمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن تاشكەنتكە بارىمىز دېگەن قورۇق خىيال بىلەن بەخىرامان يىتىپ ئۇخلىدى، رۇس ئەسكەرلىرى بۇلارنىڭ ياتقانلىغىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈپ كېلىپ سەھەر ۋاقتىدا زەمبىرەك مىلتىق بىلەن ئوققا تۇتقاندا بىپەرۋا ياتقان قوشۇنلار ئۇيقۇنىڭ مەسلىكىدە باشلىرى قيىپ گاڭگىراپ، تېنەپ پاراكەندە بولۇپ قاچتى.
رۇسىيە ئەسكەرلىرى بېلىقچى قەلئەسىگە كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆپ زىيانكەشلىكلەرنى قىلدى. مەزكۇر تۆۋرۈككە باغلانغان خەۋەرچى بىچارە تۆۋرۈك بىلەن كۆيۈپ كەتتى. قاچالماي قالغان قېرى، چۆرى، ئەر - ئاياللار، ئاقساق كېسەل، ئۇزۇن زامانلىق پالەچ، ھالى ناچارلاردىن باشقا، روسلارنىڭ ئادالەتپەرۋەر ئىكەنلىكىگە ۋە ئىنتىزاملىق ئەسكەرلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەن «يەنى رۇسىيە بىر شەھەرنى ئىلىپ ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئاھالسىغا قەتئىي زىيان زەخمەت كەلتۈرمەيدۇ دەپ خىيال ئىچىدە قالغان ساددا بىچارىلەر » قاچقانلارنى ئەخمەق دېگەن دانالارنىڭ ھەممىسى ئوت ئىچىدە قىلىپ، پەرياد پىغان بىلەن جاانلىرىنى بەردى. ئىسلام دەۋرىدە نەقەدەر قىرغىن ۋە نەقەدەرسۈرگۈنلەر بولغان بولسىمۇ بۇنداق رەھىمسىزلىك ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن ئىكەن، ئىنتىزاملىق پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ ھادىسلاۋە ئوت بىلەن كۆيدۈرۋېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى ئادەملەرنى ھەيرەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، ئەۋۋەلقى ئۆتكەن كۈنلىرىگە ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، نېمە چارە بولسۇن ئىش قولىدىن كېتىپ، بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر نەچچە شەھەرلەرنى ئالغاندا ئېتىش، چىپىش، تالاش، كۆيدۈرۋېتىشتەك ئۇرۇنىسىز زىيانكەشلىكلەر بولدى.
بۇ ئىشلار بىر - بىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر - بىرى بىلەن سوقۇش ئىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ قېتىم قارىشى كېلىدىغان بىرمۇ ئادەم بولماي قوللىرى باغلاقلىق ئەسىر ھۆكۈمىدە قالغان، ھالىسىز، دەرمانسىز بىچارىلەر تۇرسا، بۇلارغا ئورۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ تۆت ئەتراپتىن ئوت قويۇپ، قىچىشقا يول بەرمەي تۇرۇپ، بىر نەچچە مىڭ ئىنسان ۋە چىرايلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل كۆمۈر قىلىۋىتىشى ھەممە مۇسۇلمانلارغا ئارتۇقچە ئەلەم قىلدى. بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ئادەملەر، مەزلۇم بىچارىلەرنىڭ نالىزارلىرىنى تېخى قولۇغىمىزدىن كەتمەيدۇ، دەپ كۆزيېشى قىلىشتى، بۇلارغا ئوخشاش پاجىئەلىك قىلىقلارنى تەپسلى بايان قىلىش، قانداغلىكى بولسۇن ئۆچكەن دەرد يالقۇنلىرىنى يىڭىلاپ، مىللەتچىلىك قىزىتقان تۇمۇرلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىك دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەن تارىختىن مەقسەت بۇنداق ئىشلاردىن ئىنسان خەۋەردار بولۇپ ھەربىر ئىشتا ئۆتكۈر كۆزبىلەن ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەھۋال ۋە ئىشلارنى تىلىمگە ئالماق ھەر ئىككى تەرەپكە كۆرە پايدىدىن خالى بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. سۆزى تۈگىدى.
رۇسلار بىلقچى يۇرتىدىن قايتىپ يەنە غانگانغا ئۇرۇنلاشتى، سىر دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپى رۇسىيىنىڭ، ئۇتەرىپى نەسىرىدىن خاننىڭ باشقۇرۇلىشىدا بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا ھېلى يېزىلىدىغان پولات خاننىڭ مىرانغا چىقىشى، نەسىردىننى خوقەندىن قىچىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆزىنىڭ تاۋاباتى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جامائەتلىرى بىلەن تاشكەنتكە كەلدى، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن تاشكەنتتە ۋاپات بولدى. نەسىردىننىڭ ھۆكۈمى يېرىم يىلغا يەتمىدى، قورۇق خان ئىسىمدىن باشقا ھېچ ئىش قىلدى. شۇنداق دىمۇ نامغا قويۇلغان پۇللىرى قالدى.