ئىلىمىي پوزىتسىيە بىلەن قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.
لېكىن،1.سىز دىگەندەك، ئاتاقلىق ئالىم «ئەنۋەر بايتۇرنىڭ يازمىللىرى ئارقىلىق»،يەنە باشقا تارىخچىلارنىڭيازمىلىرى ئارقىلىق، قىرغىز خەلقى ياغلا قاراخاننى قىرغىز خانى دەپ چىن پۈتىدۇ. 2. مالوۋ، ئورخونلار توغرا دەپ دەلىلىگەن قىرغىزچە تەرجىمىسى بىلەن قىرغىزلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
ئەمدى تەھلىلىڭىزگە كەلسەك:
1-دە 839 ياكى 840 -يىلى قىش قىرغىز قۇشۇنىنى باشلاپ كەلگەن خاننىڭ ئىسمى ئارى خەنزۇچىدا 阿热,阿孜 دىيىلگەن.بۇ «ئەر»دىگەنلىك بولماستىن، قەدىمكى قىرغىز تىلى «ئاجو» ئارى،ئازى (خان )دىگەنلىكتۇر تارىختا پۇكۇنى ئاجو ئۆتتى ،دىگەن گەپلەر قىرغىزلاردا تولا ئۇچرايدۇ..«ئاجو»ھازىرقى قىرغىز تىلىدىمۇ «خان» دىگەن مەنىدە بولۇپ،پىرزىدېنتنى ئاجو دەپ ئاتايمىز.شۇڭا ياغلا قارخاننىڭ خان ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
2- دە سىز دىگەندەك« مەڭگۈ تاش تىكىستىنىڭ مەيلى قىرغىزچىسىدە ياكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بولسۇن ،بۇنىڭدىن ئۇ شەخىسنىڭ قىرغىز خانى ئەمەس ،بەلكى خاننىڭ قول ئاستىدىكى بويلا دەرىجىلىك قۇشۇن قۇماندانى» بولماستىن، بەلكى،بويلا دەرىجىلىك سوتچى(قىرغىزچەتوغرا تەرجىمىسىدە)،(قازى) بۇ خانلىققا قوشۇمچە شۇ دەۋردىكى
سوتچىلىق ئۇنۋانى ئىدى،دىمەككى،ئانا ساي قىرغىز خانلىقى دەۋرىدە، تۈزۈم-قانۇن قاتتىق بولۇپ، باش سوتچىنىڭ ئىناۋىتى خان ھوزۇرىدا تولىمۇ يوقىرى ئىكەنلىكى تارىختىن مەلۇم.ياغلا قاراخان ھەم قىرغىزنىڭ ئاتاقلىق قانۇنشۇناسى ئىدى.شۇڭا بۇ ئۇنۋاننىى ئالاھىدە قەيت قىلغان.
3-دە « مەن قۇتلۇق باغا تارخاننىڭ بۇيرۇق بەرگۈچىسىمەن» دىگەن تەرجىمە ئەسلىدە« باغاتار خانلارنىڭ» دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولغان بولاتتى.شۇندىمۇ، يۇقاقى تەرجىمە ئۇنڭ خان ئەمەسلىكىنى
يوققا چىقىرالمايدۇ.خانلا باغاتارخانغە بۇيرۇق بىرەلەيدۇ.
4- دە ياغلا قاراخاننىڭ چوڭ ئوغلى لەشكەرلىككە بارغان(10).بەلكىم، 2 كىچىك ئوغلى يېىشى كىچىكرەك
بولغاچقا، ئوغۇللىرىنى خان ۋارىسى قىلماي، 7 ئۇكىسىنىڭ بىرسىنى ۋارىسى قىلغان.بۇ ھەم قىرغىزلاردىكى
خان ۋارىسلىق ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا، ئوغوللىرىنىڭ خان بالىسى كىبىرىدىن ئەنسىرەپ، خانغا
سادىقلىق بىلەن ئىشلە دىيىشى ئۇلۇغ ۋەز.
QINMAQIN ئەپەندى، يۇقاقى تەھلىلىڭىز بەكلا يۈزەكى، قۇرۇق خىيال بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
كەچۈرىسىز، ئانا ساي قىرغىز خانى ياغلا قارخان ھەققىدە ئاتاقلىق ئالىملار دەلىل كەلتۈرۈپ نۇرغۇنيازمىلارنى يازغان ھەم قىرغىز خانى ئىكەنلىكى بەرھەق.شۇنى دىگۇم كىلىدۇ: ئىزدىنىپ كۆرۈڭ،
لېكىن، .ئاددىي پەرەزلەر بىلەن ۋاختىڭىزنى زايە قىلماڭ.
[ 此帖被Moiunqur在2009-02-26 03:25重新编辑 ]