3.ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى شەھەرلەرنىڭ خاراكتېرى
ئورخۇن ئۇيغۇر ىانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان ئوردۇ بالىق ---خانلىق تەۋەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بازىرى ئاۋات،مەنزىرىسى ئۆزگىچە شەھەر بولۇپ خامىلتون :«ئۇ ئورخۇن دەرياسى بويىدا ،كۆك تۈركلەرنىڭ باش شەھىرىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ،يەنى بۈەۈنكى قارا بالغاسۇندا »دەپ يازغان .تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ،بۇ شەھەرنى مىلادىيە 760- يىلى بۆگۈ قاغان سالدۇرغان. شەھەر خارابىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى 1949-يىلى بايقاپ قېزىپ چىققان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئومومىيكۆلىمى 25كۋاردات كېلومېتر،شەھەر تاشقىي شەھەر .ئىچكىي شەھەر، خان وردىسىدىن تەشكىل تاپقان .ئەتراپى ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان ،قالدۇق سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتر ،قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتر، كۆزىتىش مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 14 مېتر. شەھەر خارابىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىدىن قارىغاندا، شەھەر ناھايىتى رەتلىك ۋە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان .مىلادىيە 1680-يىلىرۇس سەيياھى ئىۋان خدىرىن تاشقىي موڭغۇل يايلىقىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ،تاسادىپىي ھالدا بۇ شەھەر ىارابىسىنى بايقاپ قېلىپ،ھەيران قالغان ھالدا خاتىرىسىگە :«بۇ قەدىمكى شەھەر تۆت چاساس ياسالغان ،ھەر بىر بۇرجىكىدە ناھھيىتى كۆپ كۆزىتىش مۇنارى بار شەھەر سىپىلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى سىلىقلانمىغان قورام تاشلاردىن ،ئۈستى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان .ئوردا پاكار -پاكار خىش تاملار بىلەن قورشالغان .ئوردىنىڭ تېمى ھەر خىل كۆركەم كۆرۈنۈشلەر بىلەن ناھايىتى چىرايلىق بىزەلگەن ،كۆرگەن ئادەمنىڭ زادى كەتكۈسى كەلمەيدۇ» دەپ يازغان .ئوردۇ بالىق شەھىرى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن خېلىلا زامانىۋى سەۋىيەدە ياسالغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىدىكى بىر مۇنار خارابىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،ئۇنڭ كۆپ قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ،ئىسسىنىش قۇرۇلمىسى ،يۇندا چىقىرىدىغان ساپال تۇرۇربىسى بارلىقىنى بايقىغان.ئوردۇ بالىق شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەربىي ئىستىراتىگىيە ۋە مۇداپىيەلىنىش ئېھتىياجىمۇ ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىنغان بولۇپ،سېپىل بۇلۇڭلىرىغا قاتار قوختىلار ئوتتۇرىسىغا دەرۋازىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان .قورغان تۆت چاسا شەكلىدە ياسىلىپ ،ئۇيغۇر قورغانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن.سېپىل بويلىتىپ قوختا ،ئىستىھكاملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قورغاننىڭ بىر قەدەر پۇختا مۇداپىيەلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانيەت يارىتىپ بەرگەن .شۇنىڭ ئۈچۈن ئوردۇبالىق قورغىنىنى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ھەربىي قۇرۇلۇش دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئارخېئولوگىيىلىك ۋە يازما پاكىتلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلەلەيمىزكى،ئوردۇ بالىق ئەينى دەۋردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى تۇنجى چوڭ پايتەخت بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكى بىلەن خانلىقنىڭ مۇھىم سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
بايبالىق --مويۇنچۇر جاغان تەرىپىدىن 757-يىلى سوغدى ۋە تاڭ سۇلالىسى ئۇستىلىرىنىڭ قولى بىلەن ياسىتىلغان .بۇ شەھەرگە كۆپىنچە قاغان جەمەتى ۋە باي سودىگەرلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ خانلىقنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم سىياسىي ئىقتىسادىي مەركىزى بولغان .
قاتۇنبالىق (مەلىكبالىق )--قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ شىيەنئەن مەلىكىەە ئاتاپ ئىجىنا دەرياسى ۋادىسىدا بەرپا قىلغان بەرپا قىلغان شەھىرى بولۇپ ،كېيىنچە خانىش ،مەلىكىلەر مۇشۇ شەھەردە تۇرىدىغغان بولغان .كېيىن ئۇ خانلىقنىڭ غەربىي رايونغا يۈرۈش قىلىشتىكى ھەربىي بازىسى ۋە سودھا نۇقتسى ،مۇھىم سىياسىي ئىقتىساد مەركىزى بولغان .
بېشبالىق ---تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغان شەھەر بولۇپ،ئۇيغۇر قاغانى بايان دەۋرىدىلا (650--655-يىللار)ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان.
سۈيئاب --ئئورنى ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بېشكەكنىڭ شەرقىدىكى توقماقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاق بېشىم خارابىسى بولۇپ بۇ شەھەر ھازىر قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىلىنىپ تۇرىدىغانچۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا سېلىنغان .
بالاساغۇن --ئوپرنى ھازىرقى قىرغىزىستاندىكىتوقماقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بۇرانا خارابىسىدە بولۇپ جۇۋەينىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ،بۇ شەھەرنى بۆگۈ قاغان (يەنى قۇتلۇق قاغان )غەربكە يۈرۈش قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغاندا سالدۇرغان.
دېمەك يۇقىرىقى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ،بۇ قەدىمكى شەھەرلەر ئۆز زامانىسىدا سىياسىي ،ئىقتىساد ،قاتناش ۋە سودا مەركىزى بولۇپلا قالماي،بەلكى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولغان .ئئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇر شەھەرلىرى مەيلى بىناكارلىق جەھەتتىن بولسۇن ،مەيلى جايلىشىش ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بولسۇن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقىرى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى نامايان قىلغان بولۇپ،ئەينى دەۋردىكى شىمالىي دالا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان. مەنبە : «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئەخمەت سۇلايمان قۇتلۇق)