مەشھۇر قوماندان سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ
سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ 1915- يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دەسلەپتە ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ، كېيىن قۇمۇل شەھىرىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان .
1936- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە خۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىدە ئوقۇغان، 1939- يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ قەشقەردىكى ( كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ) ئاتلىق 31- پولكتا پەيجاڭ، شىتاب ئوفېتسىرى، روتا كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1944- يىلى ئوسمان باشچىلىقىدىكى بۇلاڭچىلار مورى، گۇچۇڭ ئەتراپىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ پاراكەندىچىلىك سالغاندا، سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى 9- ليەن ئوسمانغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن . بۇ جەرياندا سوپاخۇن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەچكە، «ئەسكەر ۋە خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتتى » دېگەن سەۋەب بىلەن گومىنداڭ 46- دىۋىزىيىسىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغان، كېيىن خەلق ئاممىسى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەلەپ ۋە بېسىمى ئاستىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
1945- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا، 31- ليەننىڭ 8- ، 9- ليەنلىرى ( بۇ جەرياندا بۇ ئىككى ليەن مايتاغدا ئىدى )دىكى ئەسكەرلەر سوپاخۇننىڭ قوزغىتىشى بىلەن 4- ئاينىڭ 27- كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىخو، مايتاغ، جىڭ ئەتراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، قوغلاپ كەلگەن گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ يۈرۈپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سېپىگە قېتىلغان. 1945- يىلى 7- ئايدا سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى 120 نەپەر ئەسكەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پارتىزان ئەترىتى قىلىپ تەشكىللىنىپ ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن. بۇ قوشۇن باي، كونىشەھەر ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلىپ، موزات قورغىنىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنى يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي كۈچىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ شىخوغا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى سوپاخۇنغا موزات قورغىنىدىكى باتۇرلۇقى ئۈچۈن 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال ، ئاقسۇ فىرونتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ۋە پولكوۋنىك ئۇنۋانى بەرگەن. كېيىن تىكەس ئاتلىق 1- پولكىغا پولك كوماندىرى ، مىللىي ئارمىيە تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1950- يىلى 2- ئايدىن 1951- يىلى 6- ئايغىچە 5- كورپۇس ھەربىي تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1951- يىلىدىن 1953- يىلىغىچە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان ، ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈم كادىرلار كۇرسىدا بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1953- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە دېھقانچىلىق 4- دىۋىزىيە تىرانسىپورت 4- ئەترىتىدە چوڭ ئەترەت باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1955- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسىدە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مېخانىزم ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تاشيول ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۇزۇن يىل چېكىدىن ئاشقان «سول» لۇشيەننىڭ ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى »دا «4 كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان . پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلىنىپ ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984- يىلى دەم ئېلىشقا چىققان . ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، زېھنىي كۈچىنى يىغىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارىخىي ئەسلىمە يېزىپ چىققان.
ئۇ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان.
سوپاخۇن سۇۋۇرۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دە ئۈرۈمچىدە بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارغا، گومىنداڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆچمەنلىك بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، خەلق دۈشمەنلىرىگە قارشى باتۇرلۇق ۋە پەم - پاراسەت بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .
خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلەتتى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق، پاك - دىيانەتلىك، ئاددىي - ساددا ، كەمتەر ،
ئەخلاق - پەزىلەتلىك، ئوچۇق - يورۇق، چىقىشقاق، ئۈمىدۋار ئىدى، كەسىپنى قەدىرلەش، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش روھى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .
ئۇ 20 يىلدىن بېرى قۇمۇل، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا 38 مىڭ يۈئەندىن ئوشۇق پۇل ۋە نۇرغۇن كىتاب - زھۇرناللارنى ئىئانە قىلغان .
سوپاخۇن سۇۋۇرۇپنىڭ ھاياتى جەڭگىۋار ھايات، شەرەپلىك ھايات ! ئۇنىڭ نامى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ !
مەنبەسى:
Uyghur Torda