ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 83
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 9كۈن بۇرۇن

 نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى   -       مەدىنە

    نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى   -       مەدىنە ئابلىكىم

      ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرەھىم



      ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىئيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق  ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار  ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان .ئۆتمۈشتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان پۈتۈنسۈرۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ  بۈگۈنكى گەۋدىسى ۋە ئېتنىك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىنمۇ پەننىڭ   ھەر قايسى ساھەلىرىدە سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئالىملار ،  تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا.  ئەنە شۇ ئالىملار ۋە تۆھپىكارلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى فىزىكا  ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى ،   ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال دوكتور  ئاشتى ( پوستدوكتور ) ، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە  تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئىش    - پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە .مەدىنە   ئابلىكىم 1986 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا   ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا    مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىملىق پاراڭ ئوبيېكتى ئىدى .   ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى   قارار چىقىرىپ سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتتى . تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا  ئىزچىل "" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "" بولۇپ باھالاندى . 1990 - يىلى مەدىنە   ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندىنىڭ  يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيىۋى فىزىكا ، مەيدان نەزەرىيىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى . ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويدى .   ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى . ئۆتۈلگەن  دەرسلەرنى ئۆگەندىن تاشقىرى ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ماتېرىيال كىتابلارنى   كۆپلەپ كۆردى . " زامان ، ماكان بىپايان ، كېزىپ چىقالماس ئىنسان . كىتابەت   قەترىسىدە بىلىم قۇياشى ئايان " دېگەندەك ، ئۇنىڭ كەسىپكە ۋە كىتابقا بولغان  كۈچلۈك مۇھەببىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىغا پۇختا ئاساس سالدى . ئۇ بىر تەرەپتىن كىتاب - ماتېرىيال دېڭىزىغا غەۋۋاس كەبىي چۆكسە ، يەنە بىر تەرەپتىن  تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئاساسى بولغان تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىش مېتودىغا ھەر ۋاقىت  ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئەڭ ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدى . ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىغا ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا  ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي ماتېرىيال توپلىدى   ھەمدە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا   قاتناشتى . 1994 - يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ،  9 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاھىدە تاللاپ بېكىتىشى ئارقىسىدا   ئىتالىيىدىكى خەلقارالىق نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزىگە بىر يىللىق  ئوقۇشقا ئاتلاندى . شۇ يىلى بۇ مەركەزگە جۇڭگودىن پەقەت مەدىنەلا بارغان  بولۇپ ، ئۇ جۇڭگودىن بارغان تۇنجى ئوقۇغۇچى ئىدى . تەتقىقات مەركىزىنىڭ  تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ ، دەرس مەزمۇنى قىيىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ئەگەر   ئۆتۈلىدىغان دەرستىكى ئىككى پەندىن لاياقەتلىك بولالماي قالسىلا جۇڭگوغا   بېرىلىدىغان سان بىكار قىلىنىپ كېتەتتى - دە، شۇنىڭ بىلەن مەدىنەنىڭ   كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتەتتى . شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەمەس  ۋەتەننى ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلاپ ئالاھىدە تىرىشتى .

     كۆپ ھاللاردا تاڭلارنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتى .   كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كۆز ئەينەك تاقاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى . دەل   شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىنىپىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئوقۇيالماي دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى ،   بۇ ھال مەدىنەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا   فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى زا چاۋچىڭ ئەپەندى بۇ مەركەزگە ئىككى ئايلىق خىزمەت   بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ مەدىنەگە : " مەدىنە ، سەن جۇڭگودىن ،  يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى ،    سېنىڭ بۇ ئوقۇشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش - ئاياغلاشتۇرالماسلىقىڭ    دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ، ئەگەر سەن ئوقۇشنى لاياقەتلىك تۈگىتەلمىسەڭ ، تەتقىقات مەركىزى بىزگە بېرىدىغان  ساننى بىكار قىلىپ ، بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ " دېدى .  شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ  سەككىز خىل دەرستىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى   ئۇتۇقلۇق تاماملىدى . بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا يول ئېچىلىپ ، شىنجاڭدىن ئىلگىر   - ئاخىر بولۇپ ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ مەركەزگە بىلىم ئاشۇرۇشقا   باردى . مەدىنە شۇ جايدا تۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن  چىقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق  ئوقۇشى ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ ، ئوقۇش ھارپىسىدا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى    ۋە 1995 - يىلى ئەنگلىيەگە ئاتلاندى .

     ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتى 170 يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپ بولۇپ  ، زەررىچىلەر فىزىكىسى كەسپىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى . مەدىنەنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى ، ماتېماتىكا - فىزىكا ئالىمى ئى   كورىگىن ئەپەندى ئىدى . مەدىنە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي  زەررىچىلەر فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى . مەدىنەنىڭ   تەتقىقات يۆنىلىشى ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسى ئىدى ، ئۇ مۇشۇ  تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆردى ،  ئىزدەندى ، كونكرېت ھېسابلاش ئېلىپ باردى . ئۆگىنىشتە دۇچ كەلگەن   قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئىرادىسىنى قەتىي بوشاشتۇرۇپ قويمىدى . يېتەكچى  ئوقۇتقۇچى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆپلەپ پىكىر   ئالماشتۇردى ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيەدە ئېچىلغان يازلىق  كۇرسقا ، جۇڭگو ، شوتلاندىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيەدە ئېچىلغان خەلقارالىق  ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى ، كەسپىي جەھەتتىكى  سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى .    نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسى ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ئالىي ئۆلچەمگە   يېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئېنىقلىق ، ئىنچىكىلىك ۋە لوگىكا جەھەتتىكى  مۇكەممەللىك بىلەن ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، مەلۇم  نوقۇل نۇقتىنى تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىدىغان ئىلىم بولۇپ ، ھەر بىر ئىلىم  ئىگىسىدىن زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ۋە  ئىلمىي مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەل باغلىغان ھەر بىر كىشىدە خۇددى  ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ، مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى تېئېس   ئېللىئوت ئېيتقاندەك : " ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن بىر ئىشنى قىلىشتا ، ئادەمدە   كۆيۈپ تۈگەيدىغان شامدەك ھېسسىيات بولۇشى كېرەك " . مەدىنە تۆت يىللىق  دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى 1999 - يىلى 11 - ئايدا ""  چېگرالىق سىنھ-گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممېترىك كېڭەيتىلىشى ""  ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىنى يېزىپ تۈگەتتى . نەزەرىيىۋى  يۈكسەكلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ دوكتورلۇق  ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا مەدىنە پەۋقۇلاددە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .
  مەدىنە ئابلىكىم 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دوكتورلۇق   دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكتورلۇق  دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاش داۋامىدا ئەنگلىيىدىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا  ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيەت ئەزالىرىنىڭ   سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئېنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە باھالاش ھەيىتىدىكىلەر بىردەك يۇقىرى باھا بەردى .   ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەدىنە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ، ئاساسىي    زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە تۇنجى دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى  بولدى . مەدىنەنىڭ دېسسىرتاتسىيە باھالاش پىكرىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : " چېگراسىز بوشلۇق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سىنھ-گوردون   مودېلىنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتچى ئالىملار تولۇق تەتقىق قىلىپ بولغان   ئىدى ، لېكىن مودېلنىڭ بوشلۇق جەھەتتىن شەرت قويۇلغان چېگرالىق ھالىتىنى تېخى  مۇكەممەل تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى . مەدىنە كزىنىڭ دېسسىرتاتسىيىسىدە   چېگرالىق سىنھ-گوردون زەررىچىلىرى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى قايتىش  مىقدارىنى ھېسابلاپلا قالماستىن ، بۇ مودېلىنى ئۇلترا سىممېترىك ئەھۋالغا   كېڭەيتىپ تەتقىق قىلدى . بۇ خىزمەتنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي    ماقالىلەردىكى چېچىلىش مىقدارىدىكى خاتالىقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز    قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى . ئىككىنچى ، ئۇلترا  سىممېترىك شارائىتتا بوزۇن زەررىچىلىرىدىن باشقا يەنە فېرمىئون    زەررىچىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ، فېرمىئوننىڭ ئىككى  نۇقتىلىق گىرىن فۇنكسىيىسىنىڭ چېگرالىق شەكلىنى مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلمى   تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى . بوزۇن ۋە فېرمىئوننىڭ چېچىلىش  مىقدارىنى ھېسابلاش گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان  خىزمەت بولسىمۇ ، مەدىنە ئۇنى ھېسابلاپ چىقتى . بۇ مۇشۇ ساھەدىكى قالتىس بىر   چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسىگە ئۆزىنىڭ   يېڭى كۆز قارىشى بىلەن تۆھپە قوشتى . مۇشۇ ئىلمىي نەتىجە ئۈچۈن دوكتورلۇق   ئۇنۋانى بېرىشكە قوشۇلىمىز " . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقات نەتىجىسى خەلقارالىق ھازىرقى   زامان جۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، يېتەكچى   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنگلىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ   يەنە يېرىم يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى ، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە     ئۆگىنىش جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقارالىق جۇرناللاردا يەتتە پارچە  ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇردى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچىسى خەلقارالىق   يىغىنلاردا ئوقۇلغان بولۇپ ، يىغىنلارنىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى . مەدىنە 2000   - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ ،  ئەنگلىيەدە قېلىش پۇرسەتلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىماي ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى .   مەدىنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر  ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن   2000 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ بۇ يەردە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتى   بىلەن شۇغۇللىنىپ دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى ۋە جۇڭگو پەنلەر  ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ   ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش بىلەن بىر   ۋاقىتتا ، خەلقارالىق ئىلمىي جۇرناللاردا بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان  قىلدۇردى . مەدىنە ئابلىكىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور   ئاشتى سالاھىيىتىگە ئىگە تۇنجى ئايال تەتقىقاتچى . ئۇ بەس خەلقارالىق  ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ئالىمنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تىزىلغان .    مەدىنە ئابلىكىمنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئۇنىڭ پەنگە  بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش جەريانىدىكى سەۋرچانلىقى ،   قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ، ئۆزىنى   ۋە ئۆزگىنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن بولغان ، خالاس . ئۇ ئۇزۇن  يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئانا يۇرتىدىن ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كىشى يۇرتىدا  مۇساپىرچىلىق ، غېرىبلىق مىنۇتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ھەر قېتىم قىيىن   ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئالدىدكى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قەتىي    بوشاشمىدى ، جاپالار ئۈستى - ئۈستىلەپ كەلگەن چاغدا يۇرتىنى ، ۋەتىنىنى ،   ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ئاتا -   ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشى ، قېينىئاتا - قېينىئانىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋە پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى ۋە ئوقۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ،    ئۇستازلىرىنىڭ ئەجرى ، يولدىشى ۋىدات مىجىتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بولمىغان  بولسا ، مەدىنەنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى تەس ئىدى . مەدىنە  ئابلىكىمنىڭ ئاتىسى ئاگرونۇم ، ئاپىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئاتا -  ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ  بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ رىغبەتلەندۈرۈشى  مەدىنەنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى . بۇ ھەقتە مەدىنەنىڭ   ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى يېتەكچى ئۇستازى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ  : " مەدىنە ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يولىمۇ، قوللايدىغان   ئارقا تېرىكىمۇ يوق . ئۇ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆگەندى ، تىرىشتى . ئۇنىڭ    بىرلا  kemchiliki  ئويۇن - تاماشىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئاخىرىدا مۇشۇنداق  نەتىجە مەدىنەگە مەنسۇپ بولدى " . دەرۋەقە ، مەدىنە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە  تەتقىقات جەريانىدا ئالىملارغا خاس خىسلىتىنى نامايان قىلدى . چەت ئەللەردە   تۇرغاندا كەسپىي جەھەتتىلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماستىن ، ئەخلاقى   - پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى     يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى . ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى ئايال ئالىم بولۇپ ، تارىختىن بېرى بۇ  ساھەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالىم بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى . ئۇنىڭ بۇ   تۆھپىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى تارىخىغا يېزىلىشقا تېگىشلىك    . ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، ياشلا ئالىملىق شۆھرىتىگە ئىگە بولدى .    ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سەنەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدە نەتىجە    قازىنىپلا قالماي ، بەلكى تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىمۇ زور ئۇتۇق    قازىنالايدىغانلىقىنى  پائالىيەت ۋە نەتىجىلىرىدىن كۆپلىگەن چەتەللىكلەر يېڭى يىپەك يولى باغرىدىكى  ئىسلاھات قاينىمىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  باتۇرانە جاسارىتىنى كۆردى . ئۇ ئېرىنمەي تەتقىق قىلغاچقا ، ئۆز نىشانىنى    ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان ۋە تەر سەرپ قىلغاچقا ، ئالىملىق تاجىنى كىيدى .  شۇنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇكى ، ئۇ ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتتىكى مەھلىيا قىلغۇچى سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىزدەندى . بىز فىزىكا   ئالىمەسى ، ئۇيغۇر قىزى مەدىنە خانىمنىڭ تەبىئەت پېنى بولغان ئاساسىي   زەررىچىلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنى بوشاشتۇرماي ، تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە قىيىن   بولغان ، پەن بىناسىغا ئۇل سالىدىغان ئىلىم قەسىرىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا   ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى تېخىمۇ  يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يەنىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا   كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

      «شىنجاڭ مائارىپى»

قاراق مۇنبىرى
yol
دەرىجىسى: يېزىش چەكلەندى
UIDنومۇرى: 3905
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 53
شۆھرىتى: 227 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-08-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
ئەزا چەكلەنگەن،يازما توسۋېتىلگەن!
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 845
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-10-30
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
ھەقىيقەتەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك، ئەگەر پۇرسەتلەر بىرىلسە تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازىنالايمىز.....ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


www.tajikam.cn
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8792
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 13
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
ھەقىقەتەن  تۆھپىكار ئايال ئىكەن ،ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى بارلىق تەتقىقاتىغا زور ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەركەم تورى
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !