ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4156
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 78
شۆھرىتى: 255 نومۇر
پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-07
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 7كۈن بۇرۇن

 (ئىلكىتاپ)ئورخۇننى مەركەز قىلىش ئادىتىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى -840-يىللاردىن كىيىنكى قىرغىزلار

«ئورخۇننى مەركەز قىلىش ئادىتىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى -840-يىللاردىن كىيىنكى قىرغىزلارنىڭ يىنىسەيگە باغلىنىپ تۇرىشى»
BREAKING THE ORKHON TRADITION:
KIRGHIZ ADHERENCE TO THE YENISEI REGION AFTER A.D. 840
مايكىل ر. درومپ
Michael R. Drompp
ئامرىكا شەرىق جەمىيىتى ژۇرنىلى 119-سان،3-نومۇر(1999-يىلى7-9ئاي)،390-403-بەتلەر

،بۇ ماقالىدە  ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپىريىسى يىمىرىلگەندىن كىيىن قىرغىزلارنىڭ كەڭ مۇڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ،تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ،كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ ھەم قىرغىزلار ئوتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دىگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بولۇپ ئاپتور «يايلاق ئىمپىريەلىرى» دىگەن كىتاپننىڭ يازغۇچىسى رېنې گرۇسسىت ئوتۇرغا قويغان ھەم ھازىرغىچە غەرىپ تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرۋاتقان  «قىرغىزلار ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن ئورخۇننىڭ ھوقۇقدارلىرىغا ئايلانغان ھەم تاكى 924-يىلى غەرىپكە تاجاۋۇز قىلغان قىتانلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان قەدەر موڭغۇل يايلاقلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان» دىگەن قاراشنى كۈچلۈك ئىنكار قىلغان ھەم رېنې گىرۇسسىتنىڭ بۇ قارىشى كاۋاننىت،ئى.برېتشىنايدىر،بارتولد قاتارلىق ئىتراپ قىلىنغان تارىخشۇناسلارنىڭ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئوتۇرغا قويغان قاراشلىرىنى قىلچە ئىكلەنمەستىنلا پاكىت سۈپىتىدە مىسال قىلىش ئارقىلىق ئوتۇرغا قويۇلغان دەپ قارىغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە قىرغىزلار ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن موڭغۇل يايلاقلىرىدا بىر مۇقىم ھاكىميەت تىكلىيەلمىگەن،باشقا تۈركى قەۋىملەرنىڭ ئورخۇننى مەركەز قىلىش ئەنئەنىسىگە قارشى داۋاملىق يىنىسەي ۋادىلىرى ئەتراپىىنى مەركەز قىلغان،بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى قىرغىزلارنىڭ ئەسلىدىن تۈرك نەسىللىك خەلىق ئەمەس بولغانلىقى سەۋەپ بولغان. 920-يىللىرى قىتانلار موڭغۇل ئىگىزلىكىگە بىسىپ كىرگەندە قىرغىزلار بىلەن ھىچقانداق سۈركىلىش بولمىغان،چۈنكى  بۇ رايونلاردا قىرغىزلارنىڭ تەسىر كۈچى ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان دىگەندەك نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتۇرغا قويغان.


كىرىش سۆز:
«مەركىزى ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار خىلى ئۇزۇنغىچە قىرغىزلار مىلادى 840-يىلى ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنى ۋەيران قىلغاندىن  كىيىن غەلبە قىلغۇچىلار سۈپىتىدە مەركىزى ئاسىيانىڭ سىياسى ئەنئىنىسى بويىچە كەڭ موڭغۇل ئىگىزلىكىنى ،بولۇپمۇ ئورخۇن ۋادىلىرىنى- يەنى بۇرۇنقى بىر قانچە يايلاق ئىمپىريەلىرىنىڭ ھەم مەغلۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇقەددەس ماكانى» بولغان ئۇرخۇن ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرئىمپىريە قۇرۇپ چىقتى دىگەن قاراشقا ئىشىنىپ كەلدى. بۇ تەتقىقاتچىلار يەنە تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قىرغىزلار سەكسەن نەچچە يىللاردىن كىيىن يەنى مىلادى 924-يىلى قىتانلار موڭغۇل ئىگىزلىكىگە بىسىپ كىرگەندە ئاندىن موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن چىكىنىپ چىققان دەپ قاراشتى. بۇ يەكۈنلەر ئاساسلىقى كەمتۈك پەرەزلەر ھەم ئازغىنە پاكىتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ قىلچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. غەرىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى نۇقتىنەزەرلىرىنى بىر بىرلەپ تەكشۈرۈپ باقساق بىز بۇ قاراشلارنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايقاپ چىقالايمىز. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا  ئىرىشەلەيدىغان بارلىق پاكىتلار- تارىخى خاتىرلەر،ئارخىلوگىيلىك قىزىلمىلار ھەم جۇغراپىيلىك بىلىملەر ئارقىلىق شۇ نەرسە ئىنىق بولدۇكى قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن   ئورخۇن ۋادىسىدا ناھايىتى قىسقا ھەم ئانچە ئۈنۈملۈك بولمىغان  ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرالىغان. بىر قانچە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قىرغىزلار ئۆزىنىڭ جەنۇبى سىبىريىدىكى يىنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئىقىمى بويلىرىدىكى ماكانلىرىدىن ئايرىلمىغان.  10-ئەسىرلەردە قىتانلار موڭغۇل ئىگىزلىكىگە بىسىپ كىرگەندە قىرغىزلارنى يولۇقتۇرمىغان».

بەزى بايانلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى:
(1-بەت) مەركىزى ئاسىيانىڭ تارىخى ئاساسەن دىگۈدەك باشقىلار تەرىپىدىن يىزىپ قالدۇرۇلغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ تارىخىدا پات پات ئۈزۈكچىلىك يۈز بىرىپ تۇرغان،بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاسىيانىڭ بۇرۇنقى تارىخى تىخىمۇ شۇنداق. بۇ ئۈزۈكچىلىكلەرنىڭ ئىچىدە تارىخچىلارنىڭ بىشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى 9-ئەسىردە ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنىڭ يىمىرلىشىدىن تارتىپ 10-ئەسىرنىڭ بىشىدا قىتانلارنىڭ موڭغۇل ئىگىزلىكىنى كونتىرول قىلشىغىچە بولغان  بىر ئەسىرگە يىقىن ئۈزۈكچىلىك.  چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن  تا 4-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە مەركىزى ئاسىيادا قۇرۇلغان يايلىق ئىمپىريىلىرى-جۇرجانلار،تۈركلەر،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخلىرى ئۈزۈلۈپ قالماي مۇكەممەل خاترىلىنىپ ماڭغان .
ئورخۇن دەرياسى ھازىرقى موڭغۇليىنىڭ ئوتۇرا قىسىملىرىغا جايلاشقان بولۇپ تارىختىكى كۆپ قىسىم يايلاق ئىمپىريىلىرى ھونلار،جۇرجانلار،تۈركلەر،ئۇيغۇرلار ھەتتا 13-ئەسىردىكى موڭغۇللارمۇ  ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەركىزى قىلىپ كەلگەن،ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى بولغان قارا بالغاسۇن ھەم موڭغۇللارنىڭ مەركىزى بولغان قاراقۇرۇم شەھەرلىرىمۇ مۇشۇ دەريا بويىغا جايلاشقان.تۈركلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىلىرىنى  يەنە دىنى ۋە روھى نۇقتىدىن ئۆزلىرىنىڭ  مەدىنيەت بوشۈكى سۈپىتىدە قاراپ كەلگەن،بۇنى مەڭگۇ تاشلاردىكى ئۆتۈكەن تاغلىرىغا ئائىت بايانلاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.ئۆتۈكەن تاغلىرى ھازىر قانغاي تاغلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئورخۇن ۋە سىلىنگا دەريالىرى مۇشۇ تاغلاردىن باشلىنىدۇ.
840-يىلى تۈركلەر ھەم ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئورخۇن مەركەزچىلىك ئادىتى تەھدىدكە دۇچ كەلدى،شۇ يىلى يىنىسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئىقىن رايونلىرىدا ياشايدىغان تۇركى قەۋىم قىرغىزلار ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزىگە مۇۋەپقيەتلىك ھالدا ھوجۇم قىلىپ كىردى ھەم مەركىزى ئاسىيانىڭ شەرقى قىسمى بىر ئەسىرگە يىقىن سورىغان ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى،ئاللىقاچان ئىچكى نىزا،تەخىت تالىشىش،ئاچارچىلىق ھەم ۋابا زەربىسىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار قىرغىزلارغا تاقابىل تۇرالمىدى ھەم ھەر قايسى يۆنىلىشلەرگە قاراپ تاراپ كەتتى.
ئۇيغۇر ئىمپىريىسى ئۆرۈلگەندىىن كىيىن ئورخۇننىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ،بولۇپمۇ  غەرىپ تەتقىقاتچىلىرى قىرغىزلار يايلاق ئىمپىريىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئورخۇندا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن ھەم بۇ رايونغا 80يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەپ پەرەز قىلىشتى.ئەمما بۇ پەرەزلەرنىڭ پاكىتى يوق ئىدى. مەركىزى ئاسىيانىڭ ئۆزىدە بۇ قاراشنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق پاكىت يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىت ھەم تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى جان تالىشىش مەزگىلى بولغاچقا بۇ مەزگىلدىكى جۇڭگۇنىڭ تارىخى ماتىرياللىرىمۇ ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسللىرى ئۈستىگە مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ مەركىزى ئاسىيا ھەم باشقا جايلارغا  قاراشقا يىتىشەلمەيتى.

يەنە داۋاملىشىدۇ....
قىزىققان تورداشلار قوشۇمچە ھۆججەتتىن بۇ ئىلكىتاپنى چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ،تەرجىمە قىلىشقا ياردەم قىلدىغانلار بولسا شۇنداق خوش بولغان بولاتتىم!

  
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 671
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-09-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 7كۈن بۇرۇن
مۇشۇ شەنبەكۇنى(7-مارت)بوش ۋاقتىم بار،خالىسىڭىز ياردەملىشەي.qq:289879128   email:amanbolsun@gmail.com
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 7كۈن بۇرۇن
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9182
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 5 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
?assalamu alaikum kerindax bu kitapni quxrai disam quxmidigu? nima sawaptu ? yaki yalgan mu ,wa yaki takaldimu?
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
چۈشىدۇ، بۇ تور بېتىمىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقىغا يوللانغان، سەۋرىچانلىق بىلەن سىناڭ.
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !