بۇنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز ئەزىز قىرىندىشىم . مەنمۇ بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە كۆپ رەخمەت. مەن قارچۇغۇلۇق. قارچۇغىدا جاقۇپ موللا بولغان ئەمەس ، ئەكسىچە ياقۇپ موللا بولغان. مەن « لوپنۇرلۇقلاردا جاقۇپ موللا دەپ ئادەم يوق » دىگەن ئىدىم . بۇنىڭغا قارىتا بىر قىرغىز تورداش «سىز ياكى لوپنۇرلۇق ئەمەس ياكى ئۇ چاغدا تۇغۇلمىغان دەپتىكەن» . كېيىن مەن چوڭلار بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشكەندىن كېيىن قارچۇغىنىڭ بۇرۇنقى ئىمامى ياقۇپ موللا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدىم . لوپنۇرلۇقلاردا پەقەت « يوسۇن» ۋە «يىرگىنىش» دىگەن ئىككى سۆزدىكى «ي» تاۋۇشى «ج» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ « جوسۇن» «جىرگىنىش» دېيىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھىچقايسى سۆزدە «ي» نى «ج» قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋال يوق . «جاقۇپ موللا » دېگەن ئاتالغۇ مىنىڭچە لوپنۇردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان قىرغىز تەتقىقاتچىسىنىڭ « ياقۇپ»نى « جاقۇپ» دەپ ئېلىۋالغانلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى قىزغىزلار« ي»نى «ج» دەيدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ كىشى ھازىرمۇ لوپنۇرنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىدا بار بولۇپ « ياقۇپ ھاجىم» دىگەن كىشى شۇ.