ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4156
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 78
شۆھرىتى: 255 نومۇر
پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-07
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ نەشىنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكەن

2008-يىلى 12 -ئايلاردا «تورونتو قۇياش»گىزىتى، ئامرىكا فوكىس خەۋەرلەر تورى،ئاۋىستىرالىيە خەۋەرلەر تورى،ئەنگىليە مىترو گىزىتى دىگەندەك دۇنيادىكى نۇرغۇن  تور بەتلەردە «2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى» دىگەن خەۋەر ئارقا ئارقىدىن ئىلان قىلىندى .ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماقالە خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەردە كۆرۈلمىدى.  مەن بۇ خەۋەرنى شۇ ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلاشقان ئىدىم ،ئەمما ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقرالمىغان،بۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن،شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى

ئوتتاۋا.تەتقىقاتچىلار جۇڭگۇنىڭ يىراق بىر رايونىدىكى قەبرىدىن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى نەشىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئىيىتتى.
تەجىربە بوتانىكىسى ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ماقالىسىدە «بۇ كەندىر قالدۇقلىرىنىڭ ساقلانغىنىغا تەخمىنەن 2700يىللار ئەتراپىدا بولغان ھەم  كىيىم كىچەكلەرگە ئىشىلىتىش ياكى ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنىقلا روھى داۋالاش دورىسى سۈپىتىدە ئۆستـۈرۈلگەن» دەپ يىزىلغان.
789گىرام قۇرۇق كەندىر جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى تۇرپانغا يىقىن بولغان بىر جايدا سىرىق چاچ،كۆك كۆزلۈك كافكاز ئىرىقىغا تەۋە بىر كىشى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بولۇپ بەلكىم بۇ كىشى قوش مەدىنيىتىگە تەۋە شامان بولىشى مومكىن .
بۇ جاينىڭ ئىنتايىن قۇرغاق ھەم تۈزلۇق تۇپرىقى ساقلىغۇچلۇق رولىنى ئوينىغان بولۇپ تەتقىقاتچىلارنى گەرچە پۇرىقى قالمىغان بولسىمۇ ئەمما تىخىچە يىشىل رەڭدە تۇرغان  نەشە قالدۇقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلىش ئىمكانىيتى يارىتىپ بەرگەن.
«بىلىشىمىزچە ،بۇ قىتىمقى تەتقىقات كەندىرنىڭ  دورىگەرلىك ساھەسىدە ئاكتىپ ئىشىلتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئەڭ قەدىمى پاكىت بىلەن تەمىنلەپ بىرىدۇ » دەيدۇ ئامرىكىلىق نىرۋا ئىلمى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئىسان.ب.رۇسسۇ،  ئۆزى باش  بولۇپ يازغان يىقىنقى بىر ئىلمى ماقالىسىدا .
كەندىر قالدۇقلىرى قەدىمكى مىسىر قەبرىلىرىدىنمۇ بايقالغان ھەم گرىك تارىخچىسى ھىرودۇت قاتارلىق بەزى تارىخچىلارنىڭ كىتابىدىمۇ كەندىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تىلغا ئىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قەبرىدىن چىققان كەندىر  باشقا جايلاردىن بايقالغان ،تەركىبىنى ئىنىقلاشقا بولىدىغان كەندىرلەرگە قارىغاندا يىل جەھەتتىن ئەڭ قەدىمى ھىسابلىنىدۇ.
كۆپ قىسىمى جۇڭگۇدا تۇرۇپ  تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقان 18 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ تەتقىقات گورۇپىسى كەندىرلەرنىڭ ئۈستىدە كاربون يىل ئانالىزى ھەم گىن ئانالىزى قاتارلىق بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ باردى. ئالىملار  يەنە كوزىدا  ساقلىنىپ قالغان 100 تالدەك كەندىر ئۇرۇقىنى ئۆسـتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ مۇۋاپىقيەت قازىنالمىدى.
بۇ نەشىنىڭ تەركىبىدە خىلى يۇقىرى مىقداردا THC تەركىبى- كەندىرىدىكى بىر خىل ئاساسلىق تەركىب- بايقالدى،ئەمما بۇ نەشىلەر بەك قەدىمى بولغاچقا ئۇلاردىكى بۇ تەركىپنىڭ ئىنىق نىسبىتىنى ئىنىقلاش مومكىن بولمىدى.
تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ نەشىنىڭ چىكىش ئارقىلىق ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى بىۋاستە يۇتۇلغانلىقىنى ئىنىقلىيالمىدى،چۈنكى 45ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ شاماننىڭ قەبرىسىدىن  نەشە چىكىشتە ئىشلىتىلدىغان غاڭزا دىگەندەك سايمانلار تىپىلمىدى .
بۇ نەشە قالدۇقلىرى تىرە خالتىغا سىلىنىپ ياغاچ كوزىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ قەبرە ئىگىسى شاماننىڭ ئۇ دۇنيادا ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇلغاندەك تۇرىدۇ.
«بۇ ماتىريال ئىنىقكى كەندىر، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق ئانالىز قىلشقا بولغۇدەك ماتىرياللارغا ئۇچراپ باقمىغان ئىدۇق» دەيدۇ رۇسسۇ  كانادا مەتبۇئاتى بىلەن مۇسسۇلا.مونىتتا قىلغان سۆھبىتىدە،« قەبرىلەرگە ئاخىرەتتە ئىشلىتىلدىغان ماتىرياللارنى قويۇپ قويۇش ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال،ھالبۇكى بۇ قەبرىگە قويۇلغان ئۇرۇق ھەم كەندىرلەر ھەرگىزمۇ كىيىم توقۇش  ياكى يىمەكلىك ئورنىدا ئىشلىشىتش مەقسىدىدە قويۇلمىغان.بەلكى تىبابەتچىلىك ۋە ياكى خىيالى سىزىم پەيدا قىلىشتا ئىشلىتىش مەقسىدىدە قويۇلغان»
بۇ قەبرىدىن يەنە ئات نۇقتىسى،ئوقيا ماتىرياللرى ھەم بىر قالۇن (ئىنگىلىزچە竖琴 harp ) بايقالغان بولۇپ قەبرە ئىگىسىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.
رۇسسۇ  گ ۋ دورىگەرلىكى دىگەن بىر شىركەتنىڭ دائىملىق مەسلىھەتچىسى بولۇپ بۇ شىركەت  Sativex دەپ ئاتىلدىغان،كەندىردىن پايدىلىنىپ ياسالغان،ھەر خىل راك ھەم قىتىش خاراكتىرلىق كىسەللەر ئۈچۈن ئاغرىق پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىغان دورىنى ياساپ چىققان ھەم كانادادا  بۇ دورىنى قانۇنلاشتۇرغان.
(ئىككى ئابزاس ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار قالدۇرۇلدى)
بۇ خەلقىئارا ئۆلچەمدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگىليىدىكى بوتانىكا ژۇرنىلىدىدا مۇشۇ ھەپتە ئىلان قىلىنغان بولۇپ بۇ ژۇرنال مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىىش ئارقىلىق بۇ ژۇرنالدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنىڭ  ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ھەم ئوبىكتىپ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
رۇسسۇ يەنە« جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى ھازىرغىچە قىزىلغان 500دىن ئارتۇق قوش مەدىنيىتىگە تەۋە قەبرىلەردىن  پەقەت ئىككىسىدىنلا نەشە قالدۇقى بايقالدى، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى  پەقەت قىسمەن شەخىسلەرلا نەشە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ياكى بولمىسا نەشە تىببى دورا ئورنىدا  شامانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كىشىلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەن ،دىمەك كەندىر نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن » دەيدۇ.
رۇسسۇ 20 يىلدەك نىرۋولىگىيە ساھەسىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ  ئۇ يىقىندا  كەندىرنىڭ تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى ماقالىسىگە نىسبەتەن «مەن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مەسلىنىڭ (كەندىردىن ياسالغان دورىلارنى چەكلەش چەكلىمەسلىك) ئارقىسىدىكى سىياسى ئامىللارنى ساقىت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن » دەيدۇ.
بۇ قەبرىلەر جايلاشقان جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايونى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەندىرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. (تۈگىدى)

بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىلى دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ بولسا  ھازىر دۇنيادىكى بەزى زەھەر خاراكتىرلىق دورىلارنىڭ قانۇنلۇق بولۇش بولماسلىق مەسلىسى دورىگەرلىك ساھەسىدە قىززىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.  ئەمما يۇقۇردىكى تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرگە 2700 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھەم شۇ ئارقىلىق زەھەرلىك چىكىملىك تەركىبىنى ئالغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلىقىنى،شۇڭا بۇ جەھەتتە بەزى سىياسى چەكلىمىلەرنى بوشىتىش زورۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

(ئىنگىلىىزچە خەتلەر بەتنىڭ كۆرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن،شۇڭا ئىنگىلىزچىغا قىزىقىدىغانلار قوشۇمچە ھوججەتتىن كۆرۋالساڭلار بولىدۇ).


بۇ ماقالىدىن نىمىلەرنى بىلىش مومكىن ؟
1. دىيارىمىزدا ياشىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان  قەدىمكى كىشىلەر دۇنيادا تۇنجى بولۇپ  نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغان، بۇ دىيارىمىز تىبابەتچىلىك تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلىقىنى بىلدۇرىدۇ
2. بىلىشمچە ھازىرغا قەدەر كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار پەقەت كىروران ھەم نىيە،چەرچەن دىگەندەك جايلاردىن كۆپلەپ بايقالغان بولۇپ تۇرپان رايونىدىن بايقالغان كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار خەۋەرلەردە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.  يۇقارقى خەۋەردىكى 2700يىللىق كافكاز ئىرىقىغا تەۋە كىشىنىڭ تارىختا تۈركى قەۋىملەر ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئىلىپ بارغان تۇرپاندىن بايقىلىشى ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
3.  قوش (خەنزۇچە 车师ياكى 姑师)   تۇرپاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى قەدىمكى نامى بولۇپ مۇندىن 2700يىللار بۇرۇنقى مەزگىل  دىڭلىڭ ياكى تىلى قەبىلىرىنىڭ بايقال كۆلى بويلىرىدىن جەنۇپقا كۆچىۋاتقان دەۋىرلەرگە  توغرا كىلىدۇ. جەنۇبقا كۆچكەن دىڭلىڭلار ئىگىز ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن يەنە قاڭقىل دەپمۇ ئاتالغان . تارىخى مەلۇماتلاردا دىڭلىڭلار ياكى تىلىلارنىڭ شۇنداقلا قاڭقىللارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى توغرىسىدا ئانچە ئىنىق بايانلار بىرىلمىگەن بولۇپ بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھالبۇكى ئارخىلوگىيلىك پاكىتلار بولسا دىڭلىڭ،تىيلى،ھەم قاڭقىللارنىڭ تىپىپ كافكاز ئىرىقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ مومىيانىڭ تىپىلىشىمۇ ھەم  بۇ خىل  قاراشنى كۈچلۈك ماددى پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ماقالىنىڭ مەنبەسى :
2700 year old marijuana.pdf (43 K) 下载次数:8
http://www.torontosun.com/news/weird/2008/11/27/7557641.html
[ 此帖被ark_xamili在2009-03-07 00:36重新编辑 ]
yol
دەرىجىسى: يېزىش چەكلەندى
UIDنومۇرى: 3905
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 53
شۆھرىتى: 227 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-08-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
ئەزا چەكلەنگەن،يازما توسۋېتىلگەن!
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9177
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-05
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر  تىبابىتى  2700يىل  ئىلگىرىلا  دۇنياغا  يۈزلىنىپتىكەن  ئەجداتلىرىمىزغا  ئاپىرىن  قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى  سەرپ  قىلىپ  بۇ يازمىنى  بىزگە  يەتكۈزگىنىڭىزگە  ئاپىرىن
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8061
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 38 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
سىرىق چاچ،كۆك كۆزلۈك كافكاز ئىرىقىغا تەۋە بىر كىشى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بولۇپ بەلكىم بۇ كىشى قوش مەدىنيىتىگە تەۋە شامان بولىشى مومكىن .
قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەر ۋە گەردىسىنىڭ بايانلىرىدا بايان قىلىنغان  قىرغىزلانىڭ قەدىمكى چىراي شەكلى بىلەن ئوپمۇ ئوقشاش ئكەن!!!        
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1666
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 44
شۆھرىتى: 59 نومۇر
پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەر ۋە گەردىسىنىڭ بايانلىرىدا بايان قىلىنغان  قىرغىزلانىڭ قەدىمكى چىراي شەكلى بىلەن ئوپمۇ ئوقشاش ئكەن!!!        
   بۇ گەپچە تۇرپانلىقلارمۇ قىرغىز بوپ قالدىما ئەمدى.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1793
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 169
شۆھرىتى: 270 نومۇر
پۇلى: 1575 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 785(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
يولداش Abahan شۇنى دېمەكچى:ئۇيغۇر بىلەن قىرغىزنىڭ ئەجداتلىرى بىر....
شۇنداقمۇ يا؟؟؟؟
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8061
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 38 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
azizrosulkam  ئەپەندىم مەن قىرغىز دىمىگەندىمەن!!     پەقەت قىسمەن ئوخشاشلىقنى دىدىم.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
       Abahanمىرزا تۇرپانلىقلارنىمۇ قىرغىزدىمەكچىمۇ ؟ ياكى ئۇيغۇر بىلەن قىرغىزنىڭ يىلتىزى بىر دىمەكچىمۇ ؟ بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8061
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 38 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
  Ghalip  ئەپەندىم توغرا دەيسىز  ،  كىم دىيەلەيدۇ  ئككى مىللەتنىڭ ۇرۇق تۇققانلىق مۇناسىۋىتى يوق دەپ.   بۇرۇنمۇ خوشنا ياشىغان ازىرمۇ شۇ!  بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق !بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.
   تورغا تىما يوللىغاندا الدى بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندەن كىيىن يوللانسا بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىكەن. سىلەر تەستىقلاپ بولغىچە كۆرىدىغان ادەم كۆرۆپ بولىدىكەن .                    
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8061
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 38 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
Awral  ئەپەندىم مەن <<سىرىق چاچ،كۆك كۆزلۈك كافكاز ئىرىقىغا تەۋە بىر كىشى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بولۇپ بەلكىم بۇ كىشى قوش مەدىنيىتىگە تەۋە شامان بولىشى مومكىن .
قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەر ۋە گەردىسىنىڭ بايانلىرىدا بايان قىلىنغان  قىرغىزلانىڭ قەدىمكى چىراي شەكلى بىلەن ئوپمۇ ئوقشاش ئكەن!!!  >> دىگەندىمەن، باشقىچە مەنە چىقماي ۋاتقاندۇ؟  سىز ئۇ ئادەمنى ئۇيغۇر دەپ ئوكۇم قىلىدىغان ئوقشىمامسىز؟      مەن بۇ يەردە تارىخى خاتىرە بىلەن سىلىشتۇردۇم خالاس.  بۇنى تەتقىق قىلىش ھونلارنىڭ ئىرقى تىپىنى بىكىتىشتە پايدىسى بولامىكىن دىگەن مەقسەتتە دىگەن ، شۇغىنىسى مەن كەسپى تارىخچى ئەمەس ،لىكىن بۇ مۇناسىرىدە نۇرغۇن تارىخچىلارنىڭ بار ئكەنلىگىگە ئشىنىمەن !!  
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1666
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 44
شۆھرىتى: 59 نومۇر
پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
بۇنى تەتقىق قىلىش ھونلارنىڭ ئىرقى تىپىنى بىكىتىشتە پايدىسى بولامىكىن دىگەن مەقسەتتە دىگەن
رەخمەت سىزگە،نىيىتىڭىز دۇرۇس ئىكەن.
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن
        Abahan  ئەپەندىم نىيىتىڭىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن كەچۈرۈڭ .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8921
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
شۆھرىتى: 45 نومۇر
پۇلى: 35 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
ئەينى ۋاقىتتا قانداق كېسەلنى داۋلاشقا ئىشلەتكىنى ئېنىق بولمىسىمۇ ھازىر قان قويۇقلاش، قان بېسىمى قاتارلىق كېسەلگە بەزى كىشىلەر ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن.
كەندىرنى باغلارغا تېرىپ زىيانداش ھاشارەتلەردىن مۇداپىيەلىنىدىغان ئەھۋال يېقىنقى يىللارغىچە بار ئىدى . ئۇنى زەھەرلىك چىكىملىك قاتارىدا چەكلىگەندىن بۇيان بۇنداق تەبىئى دىھقانچىلىق دورىسىمۇ باغلاردىن يوقالدى.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 6924
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 20
شۆھرىتى: 28 نومۇر
پۇلى: 225 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن

 12 قەۋەت(rawajlan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

بىچارە قۇرت-قوڭغۇزلارغىمۇ نىشە چەكتۈرىدىكەندۇق دە، ھې ھې
ئەركەم تورى
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن
پاسكال ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىمىيە دوكتورىلىق ئۇنۋانى ئېلىپ قايتقان ھىجران فرانسوۋا بۇرادىرىم نەشە ھەققىدە توختالغاندا ، ھازىر فرانسىيىلىكلەر نەشە بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاۋاتقان كېسەللەرنى داۋالاپ ئنىمىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ !
ئەركەم تورى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !