ئات ئەڭ ئاۋۋال قازاقىستاندا كۆندۈرۈلگەن
پەيشەنبە كۈنىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئات بۇندىن 5500 يىل بۇرۇن قازاقىستاننىڭ شىمالى تۈزلەڭلىكىدە كۆندۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ چاغدىلا كىشىلەر ئۇنى مىنىپ، سۈتىنى ئىچىشكە باشلىغان، بۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن 1000 يىل بۇرۇن بولغان .
ئاتنىڭ كۆندۈرىلىشى ئىنسانلار تارىخىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ترانسپورت ، تېرىقچىلىق ۋە ئۇرۇش قاتارلىقلارغا زور تەسىر قىلغان بولسىمۇ ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئاتنىڭ قاچان، نەدە تۇنجى بولۇپ كۆندۈرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەپسىلات توغرىسىدا مۇنازىرىلەر قىلىشىپ كەلگەن ئىدى.
مانا ئەمدى ئارخىتېكتورلار بۇ جاۋابقا ئېرىشتى، چۈنكى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى بولغان ئات مەيدانى قازاقلارنىڭ قەدىمى بوتاى(Botai ) مەدەنىيىتىگە تەۋە جايدىن تېپىلغان .
ئۇرال تېغىنىڭ شەرقىدىن تېپىلغان ئاتق سۆڭەكلىرى، چىش ۋە سۈت ساقلاشقا ئىشلىتىلگەن ساپال ئۇۋاقلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇكى ، ياۋروپالىقلار ئاتنى بىلىشتىن 2000 يىل بۇرۇن ، بۇ يەرلىك كىشىلەر ئاتنى كۆندۈرۈپ بېقىپ ئۇنى ئۆي ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن .
Exeterشەھىرىدىكى بېرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتىدا ئىشلىگۈچى ئولان ئوۇترام Olan Outram 'پەن تېخنىكا ژورنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بۇ بايقالمىلار كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىياتنىڭ قانچىلىك بۇرۇن ئىكەنلىگىنى ئۆزگەرتتى دەيدۇ .
ئۇ تېلېفۇن زىيارىتىدە مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر ئاتنى مىنگەندىن كېيىن ترانسپورت ئىشلىرى ۋە سودا تەرەققى قىلىش بىلەن يەنە ئۇرۇشنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىمۇ تەرەققى قىلغان بولىدۇ.
ئۇ يەنە : ئەگەر بۇ ئىشلار بۇرۇن پەيدا بولغان بولسا، بىز بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان جەمئىيەت ۋە ئىقدىسادى ئەھۋالنىڭ بۇرۇن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئويلاپ يېتىشىمىز كېرەك، بۇ بىز بۇرۇن بايقىغىنىمىزدىن كۆپ بۇرۇن ئىكەنلىگىنىڭ ئېھتىمالىنى كۆرسىتىدۇ. دەيدۇ
ئارخىتېكتورلار بۇرۇن بوتاى(Botai) ئادەملىرىنى' دۇنيا بويىچە تۇنجى ئات مىنگۈچىلەرمۇ ئەمەسمۇ' توغرىسىدا گۇمانلىنىپ كەلگەن ئىدى، بۇندىن بۇرۇن بايقالغان ئىسپاتلاردا بوتاى(Botai )ئادەملىرى پەقەت ئاتنى ئوۋلىغان دېگەن گۇمان مۇنازىرە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
مەنبە:
http://www.gulfnews.com/world/United_Kingdom/10292039.html http://www.sciencedaily.com/releases/2009/03/090305141627.htm