ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 845
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-10-30
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن

 ناسىر خىسراۋ





ناسىر خىسراۋ (1004-1088) تاجىكلارنىڭ 11-ئەسىردىكى مۇتەپپەككۇر شائىرى، مەشھۇر پەيلاسوپى ۋە ئەركىن پىكىرلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى بولۇپ، تاجىك مەدىنيەت تارىخىدا ئۇ { ھەقىيقەت ئىزدىگۈچى } دەپ تەرىپلەنسە، ئىسمايىلىيە ئىخلاسمەنلىرى ئارىسىدا { پىر } دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ. ناسىر خىسراۋ مىلادىيىنىڭ 1004-يىلى بۈگۈنكى تاجىكىستاننىڭ قابۇدىيان دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان، ئافخانىستاننىڭ بەلىخ شەھرىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي باي، ئاكىسى خۇراسان ئەمىرلىكىنڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارى بولغاچقا، ناسىر خىسراۋ كىچىك چىغىدا ئەۋزەل ئوقۇش شارائىيتىغا ئىگە بولغان.  ئۇ دەسلەپتە مەدىرىسلەردە ئىلاھىيەت شۇناسلىقنى ئۈگەنگەن. كىيىن ماتىماتىكا، ئاستىرنۇمىيە، پەلسەپە، ئەدىبىيات، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى پىشىق ئۈگۈنۈپ، بىلىم دائىرىسىنى كىڭەيتكەن. ناسىر خىسراۋ ئەقىللىق، ئۆتكۈر بولغاچقا، نەۋقىران چىغىدىلا شېئىر يىزىشقا، رەسىم سىزىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئىلاھىيەت شۇناسلىققا ئالاھىدە قىزىقىپ، قۇرئاننى پۈتۈنلەي ياد ئېلىۋالغان. ئۇ كىتابىي بىلىملەرگە قانائەت قىلماي، جەمىيەتتە كۆپ كىشىلەرنى دوست تۇتقان، ئۇ جەمىيەتنىڭ ھەرخىل تەبىقە ۋە ھەرخىل قاتلاملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشەتتى. شۇڭا ئۇ دوسلىرىدىن،جەمىيەتنىڭ ھەرخىل تەبىقە، قاتلاملىرىدىن نۇرغۇن ئەمىلىي بىلىملەرنى ئالغان. ئۇ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى دەرھال خاتىرلەپ ماڭغان. زىھنىي كۈچ-قۇۋىتى باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ناسىر خىسراۋ كىيىنكى چاغلاردا بەلىخ شەھرىدە نام چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ خىلمۇ خىل تەرىپلەشلىرى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق يۇقۇرى بەدئىيلىككە ئىگە لىرىك شىئىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان، سالجۇقىيلار ئوردۇسى ناسىر خىسراۋنىڭ شىئىرلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، كاتىپلىققا ۋە خان بايلىقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل،  قىلغان ئىشلىرى تەرتىپلىك، قائىدىلىك بولغاچقا، ئوردىدا پادىشاھ ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ يىرىمى ئوردىدا ئۆتكەن. ناسىر خىسراۋ 43 ياشقا كىرگەن يىلى بىر قىتىملىق پۇرسەت ئۇنىڭ ھاياتىدا غايەت زور بۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ باج-خىراج ۋەزىرى سۈپۈتى بىلەن بىرىنچى قىتىم سىرىتقا خىزمەتكە چىقىدۇ. بىر ئايلىق خىزمەت جەريانىدا، ئۇ ئۆمرىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ئۆتكەنلىكىن ھېس قىلىدۇ. ئۇ جەمىيەتتە ئېلىپ بارغان خىلمۇخىل ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوردىنىڭ ئىنتايىن تار ئىكەنلىكىنى، ئوردا بىلەن جەمىيەتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دۇنيا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ ئوردىدىن ئىبارەت بۇ رەزىل دۇنيادا ئۆتكەنلىكىگە ئېچىنىپ، نەچچە ئون يىللىق ئۇيقۇدىن بىراقلا ئويغۇنىپ كىتىدۇ. بىر قىتىم ئۇ چۈشىدە مەككىگە بىرىپ ھەج قىلىدۇ. ئەتىسى ئۇ ئوردا تۇرمۇشىدىن ۋاز كىچىپ، يىراقلارغا بىرىپ ساياھەت قىلىش نىيىتىگە كىلىدۇ.شۇكۈنكى ئوردىكى مۇنازىرىدە ئۇ ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ چىشىغا تەككەنلىكى ئۈچۈن ئوردىدىن قوغلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ناسىر خىسراۋ ئىنىسى ئەبۇ سەيىد بىلەن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، ئىران، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، ھىندىستان، ئافخانىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق قاتارلىق جايلارغا بىرىپ ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ ئۈچ قىتىم مەدىنىگە، تۆت قىتىم مەككىگە ھەجگە بارىدۇ. ئۇ توپتوغرا ئون يىل ساياھەت قىلىدۇ.
ئۇ ساياھەت جەريانىدا نۇرغۇن خىيىمخەتەرلەرگە ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغىمۇ بىرىپ قالىدۇ، لىكىن ئۇ بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خىيىمخەتەرلەرگە بەرداشلىق بىرىپ، ئۆز ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ جەرياندا ئۇ مىللەتلەر ئىنتىگىرافىيىسى، ھەرخىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، دىنىي مەزھەپلەر، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىنتايىن مول ماتىرياللارنى توپلىغان، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي، ئجتىمائىي ھاياتىدا دۇنيا قارىشىدا پۈتۈنلەي باشقىچە ئۆزگىرىشلەر بولغان. بولۇپمۇ ئۇ مىسىرغا بارغاندىن كىيىن ئىسلام دىنىدىكى ئىسمايىلىيە مەزھىپى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن مەزكۇر مەزھەپنىڭ  رەسمىي مۇرتى بولغان، ساياھەتتىن خۇراسانغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇ فاتىمىلەر خاندانلىقىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئىسمايىلىيە تەلىماتلىرىنى كەڭ تەشۋىق ۋە تەرغىبا قىلىپ، ئىسمايىلىيىچىلەرنىڭ تەسىرىنى زورايتقان. شۇ سەۋەلىك، ئۇ مۇتئەسسىپلەر بىلەن سالجۇق ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، شەھەرمۇ شەھەر، يۇتمۇ يۇرت سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇخىل سەرگۈزەشتىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

                      ئۇلۇغ ئىگەم شۇنداق تەلىم بەرگەن ماڭا،
                      نۇر ۋە روھتىن، مال-دۇنيادىن بىلىم ئەلا.
                      كائىنات گەر تىغ كۆتۈرۈپ قىلسا غازات،
                      ئىشەنچ-بىلىم ياراق-قالقان بولۇر ساڭا.

ناسىر خىسراۋ بارغانلا يىرىدە ئىسمايىلىيە مەزھىپى پەلسەپىسنى تەرغىپ قىلىپ، خەلىق ئىچىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن، كالامىزمچىلار چىش-تىرنىقى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ئالتۇن-دىنار بىرىش يولى بىلەن جاسۇس-پايلاقچىلارنى ئىشقا سىلىپ، ناسىر خىسراۋنى تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىنى قوزغىغان. شۇڭا، پاناھلىنىشقا ئامالسىز قالغان خىلۋەت پامىر رايۇنىغا كىلىپ، يۇشۇرنۇشقا مەجبۇر بولغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، { ناسىر خىسراۋ مىڭ بىر تەسلىكتە تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ، بەلخ شەھرىگە كىلىدۇ. ئۇ بىر كىچىك رەستە دوقمۇشىدا بىر موزدوزغا كالىچىنى يامىتىۋاتقاندا، ئۇلاردىن سەل يىراقراق يەردە غەۋغا كۆتۈرلىدۇ. موزدۇز قولىدىكى ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ، غەۋغا چىققان يەرگە بارىدۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ناسىر خىسراۋ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا، موزدۇز : ناسىر خىسراۋنىڭ بىر مۇرتى تۇتۇلۇپ قاپتۇ. كىشىلەر تىلىم-تىلىم تارتىپ، بىر توغرامدىن گۆش ئېلىشتى، خۇداغا شۈكۈر، مەنمۇ بىر توغرام گۆشكە ئۈلگۈرۈپ بىرىپتىمەن } دەپتۇ.
دېمەك بۇنىڭدىن شۇ چاغدا ناسىر خىسراۋ ھەققىدىكى تەشۋىق-تەرغىباتنىڭ نەقەدەر ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.
پۈتكۈل ئۆمرىنى ئاددىي خەلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئىشىغا ئاتىغان ئىنسان پەرۋەر شائىر ناسىر خىسراۋ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، ھىچكىمگە باش ئەگمەي، پامىردىكى يومگان جىلغىسىدا تۇرغان  ھەم بۇ يەردە روھانىيلار زۇلۇمىغا قارشى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يىزىپ، ئۆزىنىڭ پەلسەپىيۋىي تەلىماتىنى تەرغىپ قىلغان، تاغ تاجىكلىرى جۈملىدىن ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئىسمايىلىيە مەزھىپىگە كىرىشىدە، ناسىر خىسراۋنىڭ پامىرغا كىلىشى ھەمدە بۇ يەردە ئىسمايىلىيە مەزھىپى تەلىماتىنى تارقىتىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
ناسىر خىسراۋ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، روھانىيلار ئۇنىڭ ئۆتكۈر ھەجۋېي شېئىرلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىۋىتىشكە ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شىئىرلىرى خەلىق ئارىسىدا خۇددى جەڭگىۋار شۇئار، مۇقەددەس ئەقىيدە سۈپۈتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ناسىر خىسراۋ بىر ئۆمۈر يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ پەلسەپە، دىن، تارىخ، جۇغراپىيە، ئېتنوگىرافىيە، ئەخلاق، پەند-نەسىھەت ۋە ئەدىبىيات-سەنئەت توغرىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئەسەر يازغان. تارىخىي ماتىرياللاردىكى ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئەڭ قىيىن ئەڭ مۈشكۈل كۈنلەردىمۇ ئەسەر يىزىشنى توختاتمىغان. بۇ ھەقتە ئۇ: { مەن گەر خارۇ-زار بولغان بولساممۇ، تىلىمدىن قالغىنىم يوق، مەن بۇ زامانغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى، ئۇ ماڭا كۆپرەك ئەسەر يىزىشقا پۇرسەت بەردى } دەپ ئۆز ھاياتىغا ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قارىغان.
ناسىر خىسراۋنىڭ ئىنىسى ئەبۇ سەئىدنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، ناسىر خىسراۋ پامىردىكى يومگان جىلغىسىغا كەلگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ سالجۇقىيلار ئوردىسىدا تۇرغان چاغلاردا يازغان ئەسەرلىرىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ھەمدە يىڭىۋاشتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەسەر يىزىشقا كىرىشكەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئەسەرلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:
(1)  سەپەرنامە
بۇ ناسىر خىسراۋنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ئەسىرى بولۇپ، ئەدەبىيات ئەھلى ئارىسىدا 11-ئەسىرنىڭ نەسىرچىلىقىنىڭ نەمۇنىسى، تاجىكلار ئارىسىدا مۇقەددەس دەستۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ.
سەپەرنامە-ناسىر خىسراۋنىڭ ئون يىللىق ساياھەت مىۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن مول تارىخىي ماتىرياللار بىلەن تولغان. خۇددىي ھازىرقى زامان ئىران ئەدىبىياتشۇناسى دەبىر سىياقىنىڭ ئېيتقىنىدەك: { ناسىر خىسراۋنىڭ سەپەرنامىسى كىلاسىك نەسىرچىلىقنىڭ ئۈلگۈسى، مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، جۇغراپىيە، ئاھالە، قول-سانائەت، مەشھۇر شەخىسلەر، يېزائىگىلىكى، بىناكارچىلىق ئۇسلۇبى، سۇئىنشائاتى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەسەر شائىر ساياھەت قىلغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى تەتقىقاتىدا ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىريال ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تىلى ئىخچام، راۋان ۋە ئىنتايىن تەسىرلىك } . بۇ ئەسەر دۇنيادا فىرانسۇز، نېمىس، ئىنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
(2) روشەنائىنامە
مەسنەۋى ئۇسلۇبىدا يىزىلغان بۇ ئەسەردە، شائىر ئۆزىنىڭ ئالەم ۋە كائىنات توغرىسىدىكى قارىشى بىلەن تەلىماتىنى بايان قىلىدۇ. ئەسەردە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىنسانلارنىڭ يارالمىشى، ھەرقايسى تەبىيقە-گوروھلارنىڭ شەكىللىنىشى، دۆلەتنىڭ بارلىققا كىلىشى قاتارلىق بىر قاتار زور پەلسەپىۋى مەسىلىلەر بىر قەدەر ئەتراپلىق شەرھىلەنگەن.
(3) سائادەتنامە
سائادەتنامە ماھىيەتتە روشەنائىنامەنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاپتۇر جەمىيەتتىكى ھەرقايسى تەبىيقە، گوروھ ۋە مەزھەپلەرنى سىلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىيدىلىكلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ئورۇنىنى بايان قىلىدۇ. ئەسەردە باشتىن ئاخىرى دىھقانلار ۋە كەسپىي ھۆنەرۋەنلەرنىڭ ئالىي پەزىيلىتى مەدھىيلىنىدۇ. ناسىر خىسراۋنىڭ قارىشىچە، { دىھقانلار بىلەن كەسپىي ھۆنەرۋەنلەر بارلىق ئىجتىمائىي گوروھلاردىن يۇقۇرى تۇرىدۇ }، { ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق گۈزەللىك ۋە شاتلىقلارنىڭ جىمىسى دېھقانلارنىڭ مېھنىتىدىن كىلىدۇ } شۇڭا سائادەتنامە ئەمىليەتتە، دېھقانلار ۋە ھۆنەرۋەنلەر ھەققىدىكى مەدھىينامە ھېسابلىنىدۇ.
(4) { ۋەھجى دىن }، { كۇشائىش ۋە رەھائىش }، { زادۇل مۇسافىرىن }( مۇسافىرلار ئوزۇقى )، { جامىئۇل-ھېكمەتەيىن }، { خان-ئۇل-ئىخۋان } قاتارلىقلار.
    شائىرنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئىسمائىلىيە تەلىماتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان پەند-نەسىھەت خاراكتىرلىك ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇلاردا كىشىلەرنىڭ پاك-ساپ ياشاشقا، ئەخلاقلىق پەزىيلەتلىك بولۇشقا، ئىلىم-بىلىمنى، ئەمگەك-ھۈنەرنى سۈيۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

تاجىك ئەدىبىياتى تارىخىدا، ناسىر خىسراۋ زور تەسىر قوزغىغان مۇتەپپەككۇر شائىر. ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ جەمئىي 60 مىڭ مىسرا شېئىر يازغان. ھەر خىل سەۋەپلەر بولۇپمۇ مەزھەپ كۆرۈشىنىڭ توسقۇنلىقى، بۇزغۇنچۇلۇقى تۈپەيلى، شائىرنىڭ ھازىرقى دەۋىرگە يىتىپ كەلگەن ئېئىرلىرى 20 مىڭ مىسراغا يىتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاساسەن تاجىك شېئىرىيىتىنىڭ بوۋىسى رۇداكى ياراتقان { خۇراسان ئۇسلۇبىدا } يىزىلغان.
قەسىدە، رۇبائىي، مەسنەۋېي شەكىللىرىدە يىزىلغان ناسىر خىسراۋ شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپېيۋىلىكى كۈچلۈك، ھىسىيات ھەم مەۋقەسى رۇشەن بولۇش بىلەن بىرلىكتە، مەزمۇن جەھەتتىن، پەلسەپە، دىن، ئەخلاق، تەربىيە، نەسىھەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتېلىدۇ. زامانداش شائىرلارغا سېلىشتۇرغاندا، ناسىر خىسراۋ شېئىرلىرىدا پەلسەپە، ئەخلاق، جەمىيەت ۋە باشقا مۇرەككەپ ئىجتىمائى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى يۇشۇرماستىن كەسكىن ۋە ئېنىق بايان قىلغان. ئۇ { ئادالەتنى ئالەمنىڭ تاجىسى } دەپ قارىغان. ئۇ ھەتتا ئالەم، جەمئىيەت ۋە بىلىش نەزىريىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە خۇداغا سۇئال قويۇپ مۇنازىرلىشىدۇ:

                   قىلدىڭ ئىگەم ئۆز ئەكسىڭدە ئادەم بىنا،
                   ئەمەسقۇ ئۇ تەۋكادىكى قىمار يانا.
                   ئەمما يەنە بۇ بەندەڭنى قىلىپ مازاق،
                   نېمە ئۈچۈن ئىبلېس-شەيتان قىلدىڭ پەيدا.
                    ئىگەم سەندىن سورايدىغان سۇئالىم كۆپ،
                    ۋەھىم يەيمەن ساڭا سۇئال قويسام يانا.
                    سۈكۈت قىلىپ گەپ قىلمايتتىم تىلسىز بولغاچ،
                    ھايۋان قىلغان بولساڭ مىنى ياراتقاندا.

                    مەئشەر گاھدا چېكىپ پىغان، قىلىپ نالە،
                    كۆتۈرەتتىم ئاخىرەتتە كاتتا غوۋغا.
                    سوراقلىرىڭ قالىدۇغۇ جاۋاب تاپماي،
                    كەسسەڭ تىلىم بولسا ئەگەر نادان-گۇمرا.

                    تاشلا مېنى تەھتىسارا دوزاخقا سەن،
                    سېنىڭ بىلەن دە تالاشتىن نېمە پايدا؟
                    ئازدۇرۇشقا ئەۋەتىسەن ئېبلىس-شەيتان،
                    ئىمان ئېيتسام چىن دىلىمدىن قىلىپ دۇئا.

                    ئاپىرىدە قىلدىڭ نىچۈك ئىبلىس شۇمنى،
                    كۆزلىرىڭنى چاڭ توسقانمۇ ئەسلى باشتا.
                    روھانىيلىق-زاھىدلىقتىن بەزدىم ئەمدى،
                    قىلغان ئىشىڭ شۇنچە دۆتلۈك تۇرسا مانا.

                    شۇ ھالەتتە سەندىن ئۆزۈم ياخشىراققۇ،
                    يامان بىلەن جاۋاپ بەرسەم يامانلىققا.
                     ئىگەم مىنى ياراتقانغۇ ئۆزۈڭ شۇنداق،
                     يامان بولسام نە دەپ مىنى قىلدىڭ پەيدا.


ناسىر خىسراۋ ئەمگەك، ھۆنەر كەسىپنى مەدھىيلەپ مۇنداق دەيدۇ:

                     كاسىپتىن شاتخۇرام ھۆر يوق جاھاندا،
                     ھۆنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا.
                     ئاسانلىقچە كەلمەس شادلىق، پاراغەت،
                     ئەمگەكسىز قازانماس ھىچ كىشى شۆھرەت.

دەپ يازسا، دېھقانلارنى مەدھىيلەپ مۇنداق يازىدۇ:

                     جاھاندا شادلىقنىڭ ئاساسى دېھقان،
                     ئۇنىڭ بىلەن ئېتىزلار باغۇ-بوستان.
                     بۇ ئىشتىن ياخشى ئالەمدە نېمە بار؟
                     ئادەم نەسلىگە بۇ ئىش يادىكار.

شائىر ئۆز دەۋرىنىڭ شاھلىرىنى { ئىسان خىسلېتىنىڭ سىرىتىدا ياشايدۇ }. { ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوي يەيدىغان بۆرىلەر }، { ئۇلارنىڭ قولىدىن نان يىمە، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولى غېرىبلارنىڭ قان-قەرزىگە بوغۇلغان }، { ئۇلار پەيلى شەيتان، چىرايى ئىنسان } دەپ قاتتىق سۆكىدۇ.
ناسىر خىسراغا زامانداش ياكى ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن تاجىك كىلاسىك ئەدىپلىرى ئۇنىڭ پەند-نەسىھەت ۋە ھىكمەتلىرىنى { ئىنسان ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى } دەپ تەرىپلىگەندى. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپى ئاساسسىز ئەمەس. ناسىر خىسراۋنىڭ دىداكتىك شئېرلىرىدا ھەقىيقەتەنمۇ ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆركەم، تەسىرلىك مىسرالار ئارقىلىق ئوبرازلىق ۋە جانلىق تەسۋىرلەنگەن. بۇنى تۆۋەندىكى مىسرالاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ؛

                         ھايا ئادەملىك ئەسلىدۇر، ئەسلى،
                         شۇنىڭدىن ئادەم بولۇر ھەر ئادەم نەسلى.
                        
                         سۆزدۇر ئىنسان ئەقلى دەلىلى،
                         سىرى ئېچىلار، سۆزلېگەچ تىلى.

                         كىرىشمەكچى بولساڭ بىرەر ئىشقا شۇدەم،
                         چىقىش يولىنى كۆزلەپ ئاندىن باس قەدەم.

                         بولمايدىكەن تەمە مەردلىك بىلەن بىر،
                         كۆپ كۆرۈپ چۈشەندىم، مەلۇم بولدى.

                        كېسەلگە مەلھەمدەك ھايات بېغىشلا،
                        بىچارە-ئۇۋالغا نىجات بېغىشلا.

                         ئارتۇقچە بېرىلسەڭ شەھۋەت زىياندۇر،
                         جىسمانىي ئاجىزلىق بالايى جاندۇر.

                         لاپ ئۇرما، مەسخىرە قىلمىغىن ئەسلا،
                         ئۆز ئاياغىڭغا ئۆزۈڭ ئۇرمىغىن پالتا.



مەنبە-www.tajikam.cn
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !