قۇتلۇق نورۇز كۈنلىرىگە ئاز قالدى. ئەنە شۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن («تاپالىغىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك) ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ باش قىسمىغا نورۇزلۇق لايىھە ئىشلەپ قويدۇم. ئورخۇننىڭ پىسەنتىگە كەلسە ئەجەپ ئەمەس.
ئورخۇن ئەسلى لايىھىسى
قىسمەت لايىھىسى 1 (كۆرۈۋاتقىنىڭىز لايىھىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى،
ئەسلى كۆرۈنۈشى بۇ يەردە...)
قىسمەت لايىھىسى 2 (كۆرۈۋاتقىنىڭىز لايىھىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى،
ئەسلى كۆرۈنۈشى بۇ يەردە...)
ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسلىلەرنى بايقىدىم.
1. تېما يوللاش، ئىنكاس يوللاش كونۇپكىلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىغان. (قاراڭ)
ئەسلىسى:
تۈزىتىلگىنى:
تەكلىپ: يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە رەسىمنى چۈشۈرۈپ، ئورخۇن مۇنبىرى بوشلۇقىدىكى BBS/images/wind ھۆججەت خالتىسىغا قاپلاپ كۆچۈرۈۋەتسەك ئىش تامام، ۋەسسالام. 2. چىراي ئىپادىلىرى ئورنىدىكى رەسىملەر كۆرۈنمەيدىكەن، ئەسلى ئادرېسى بويىچە تۈزىتىپ قويۇلسا. (قاراڭ)
3. مۇنبەرنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى PhpWind ماركىسىنى چىقىرىپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. بۇ ماركا جايلاشقان ئورۇن چىقىرىۋېتىلسە تامامەن بولىدۇ. (قاراڭ)
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسلىلەر گەرچە كىچىك مەسىلىلەر بولسىمۇ، «قىسمەت» دەك ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان «پىت كۆز» كىشىنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدى. مۇمكىن بولسا، تۈزىتىپ قويۇلسا. رەھمەت...
قىسمەت ئەپەندى قىسمەت تور مەھەللىسىدە ياشاۋاتىدۇ...[ 此帖被qismet在2009-03-06 21:00重新编辑 ]