ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 436
شۆھرىتى: 738 نومۇر
پۇلى: 4335 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 767(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-15
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 9كۈن بۇرۇن

 «شىنجاڭنىڭ 50يىلى » غا رەددىيە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: 本帖被 niyazdixan 执行锁定操作(2009-03-08)
«شىنجاڭنىڭ 50يىلى » غا رەددىيە
خېۋىر تۆمۈر



بۇرھان شەھىدىنىڭ « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » دېگەن ئەسىرىدىكى كىرىش سۆزدىن؛
« مەن ئاخىرلىشىپ قالغان مۇشۇ ئۆمرۈمدە يەنە داۋاملىق باش قاتۇرۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تىرىشىپ ئەسلىدىم. قەلەم تۇتۇش، رەتلەشكە خەن يىڭشەننى تەكلىپ قىلدىم .... پۈتۈن ماقالىنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسى پۈتكەندە جى داچۈەن ئۆزگەرتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى. لېكىن خاۋاتىرىسىزلىنىدىغىنىم شۇكى، شۇ يىللاردىكى خاتىرلىرىرىم ۋە كىتاب – ژۇرنال قاتارلىق ماتېرىياللىرىمدىن بىر مۇنچىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » مالىماتاڭچىلىقىدا يوقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالدىم. زېھنىم يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىم كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كونكرېت جانلىق ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىشىم ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى. ئەسلىمىدە ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي بولۇشى مۇھىم. كىتابخانلار رازى بولماي قالسا، ئۇ قەلەم تۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، ۋاقىت جىددىي بولغاچقا، بەزى نەقىللەرنى ئەسلىدىكى كىتابقا سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. بەزى تارىخىي پاكىتلارنى باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەم تۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇسلۇپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ قىيىن بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە كەڭ كىتابخانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
تارىخىي پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتابخانلارنىڭ، خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتابخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى! »
بۇرھان شەھىدى
1983- يىلى 2-ئاي
« ئەسلىمە » ماھىيەتلىك تارىخى ۋەقە ۋە سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى يەنى زامان، ماكان شارائىتتا ۋەقەلەر قانداق ئۆتكەن بولسا، ئەينەن ئەسلەپ يېزىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا « ئۇ » چىنلىق تۈس ئېلىپ كىتابخانىلارنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئوبدان تەسىر قوزغىيالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولماي چىنلىقتىن چەتنەپ پەردازلىنىپ يېزىلسا، يەنى مۇندىن 50 يىل ئىلگىرىكى ۋەقە، سەرگۈزەشتىلەرگە بۈگۈنكى ( 80-يىللاردىكى) كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلەر زورمۇ – زور سىڭدۇرۈپ يېزىلسا، ياكى 40-50يىل كېيىنكى ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ تۇرغاندەك بېزەپ يېزىلسا، ئۇنداق « ئەسلىمە » ئۆز چىنلىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى مەلۇم مۇددىئا بىلەن يېزىلغان سىياسىي ماقالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە كىتابخانىلارغا ئوبدان تەسىر بېرەلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ھەرخىل پىكىر، ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا سەۋەب بولىدۇ.
« شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ( خەنزۇچىسى 1984-يىلى، ئۇيغۇرچىسى 1986-يىلى نەشردىن چىقتى) جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىنكاسلار پەيدا بولدى. بەزەنلەر: « ئاپتور ئەسلىمىنى چىنلىق بىلەن يازماپتۇ » دېسە، بەزەنلەر، « ھەممىنى ئۆزىگە ئوڭ كەلتۈرۈپ يېزىپتۇ » دېيىشتى. 25ياشلار چامىسىدىكى بىر نەپەر خەنزۇ زىيالىيسى « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەسلىمىدە ئاپتور ئۆزىنى كۆرسىتىشكە جىق كۈچەپ كېتىپتۇ! ... دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ كىتابتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ چىقتىم. نەتىجىدە كىشىلەر ئېيتقاندەك « ئەسلىمە » دە يېتەرسىزلىكلەر، نۇقسانلار بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئاپتورنىڭ: « تارىخى پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتابخانىلارنىڭ خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كۆچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتابخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى! » دېگەن ھاۋالىسى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى – دە، ئىلىم يۈزىسىدىن « ئەسلىمە » دىكى خاتا – نۇقسانلارنى تۈزىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۆز پىكرىمنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلماقچى بولدۇم.

1- بالىلىق دەۋرىگە ئائىت ئەسلىمە توغرىسىدا

ئاپتور ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئائىت ئەسلىمىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « مەن 1894- يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلدۇم. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئاقسۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئاقسۇ شەھىرى ئەمەس بەلكى روسيىدىكى قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسى تەۋەسىدىكى خىلۋەت بىر كەنت. لېكىن مەنبە جەھەتتىن بۇ ئىككى ئاقسۇنىڭ ئاز – تولا مۇناسىۋىتىمۇ بار تېخى!.
12-13ياشلار ۋاقتىمدا، بوۋام غۇبەيدۇللا مېنى ئۆگزىگە باشلاپ چىقىپ كۈن چىقىش تەرەپنى كۆرسىتىپ « بىزنىڭ يۇرتىمىز يىراق جايدىكى جۇڭگو دېگەن يەردە، ئۇ يەردە ئاقسۇ دېگەن بىر دەريا بار، ئاقسۇ دېگەن ئەنە شۇ! » دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىپ يېرىشىچە بوۋىسىنىڭ ئېتى پولات ئىكەن. ئۇ، بايلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى باستۇرماقچى بولغاندا پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋە كەنتتىكى 20نەچچە ئائىلىلىك ئاھالىنى باشلاپ رۇسىيىگە قېچىپ كەلگەن ۋە مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشقان .... بوۋىسى غۇبەيدۇللا يەنە، ئۆز نەۋرىسىنىڭ ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بۆلىشىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتقا قايتىپ تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا نەزىر چىراغ قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان .... بوۋىسى يەنە جىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ بوۋىسى پولات ئىشلەتكەن نەيزىنى تېپىپ چىقىپ كۆرسەتكەن ....
يۇقىرىقى باياندىن ئاپتورنىڭ چوڭ بوۋىسى پولات ئاكا – بايلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرغاچقا، چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى باستۇرماقچى بولغاندا 20نەچچە ئۆيلۈك ئاھالىنى باشلاپ شىنجاڭدىن قېچىپ رۇسىيە تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم. تارىخى شارائىتلاردىن ئېيتقاندا شۇنداق پاكىتنىڭ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن روسيە ئەمەلدارلىرى بۇ 20 نەچچە ئۆيلۈك ئاھالىنى چاچماستىن توپ ھالدا قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسىدىكى خىلۋەت بىر كەنىتكە ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى كىشىنى ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ زامانلاردا شىنجاڭدىن روسيە تەرەپكە ( ئورتا ئاسىياغا) بېرىپ – كېلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر، تىجارەتچىلەر، مەدىكارلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئانچە كۆپ رەسمىيەتمۇ كەتمەيتتى. تولا ئادەملەر شۇ ئەتراپتا يۈرۈپ تاشكەنت، ئالمۇتا، ياركەت، توقماق ... دېگەندەك شەھەرلەرگە ۋە شۇ ئەتراپتىكى يېزا – بازارلارغا ئۆزلۈكىدىن ئورۇنلىشىپ كېتەتتى. ئۇنداق كىشىلەر يەرلىشىپ تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە. ئەجەبا پولات ئاكا باشلاپ چىققان 20نەچچە ئۆيلۈك ئادەمنى رۇس ئەمەلدارلىرى شۇ قەدەر ئىچكى رايونغا ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟. بۇ نۇقتا كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ ئەمەس بەلكى قانداقتۇر بىر خىل سۇنئىلىك بارمىكىن دەيدىغان گۇمان قوزغايدۇ. گەپتىن – گەپ، مەسىلىدىن – مەسىلە تۇغۇلدى دېگەندەك بۇ نۇقتىدا يەنە بىر مەسىلە تۇغۇلۇپ گۇمانىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە يورۇتۇپ ئۆتىمىز.
ئاپتورنىڭ چوڭ بوۋىسى پولات يولدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ بالىلىرى بېرىپ قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسىدىكى خىلۋەت يېزا ئورمان ئاقسۇغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ « غۇبەيدۇللا »، « ئەتەيتۇللا » ئىسىملىك بالىلىرى دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ بالىلار دەل شۇ پولات ئاكىنىڭ 3- ئەۋلادى ( نەۋرىسى). ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىغا قارىغاندا پولات ئاكىنىڭ بالىلىرى ئورمان ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ بەش – ئون يىلغا ياكى ئون – يىگىرمە يىلغا يەتمەيلا تاتارلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ مۇمكىنمۇ؟ تىل سىستېمىسى، دىنى ئېتىقادى ئوخشاش بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە سىڭىشىپ ئۆزلىشىپ كېتىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، پولات ئاكىنىڭ بالىلىرى قازان ئۆلكىسىگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ ئون – يىگىرمە يىلغا بارمايلا بالىسىغا « ئەبەيدۇللا » ئەمەس، « غۇبەيدۇللا » دەپ ئەزان قىچىقىرىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئارىلىق بەك قىسقا بولۇپ قالماسمۇ! شۇنىڭدەك قازان ۋە ئۆزبېكىستان تەرەپلەردىن شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان تاتار، ئۆزبىكلەر ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزەنلىرى كەلگىنىگە بىرەر ئەسىر بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي سۈپىتى بۇزۇلغىنى يوق، تېخىچە تاتارچە، ئۆزبىكچە سۆزلىشىپ يۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىكى جانلىق مىساللاردىن قارىغاندا تىل سىستېمىسى، دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە سىڭىشىپ كېتىشى ئانچە ئاسان مەسىلە بولمىسا كېرەك. ئەپسۇسكى پولات ئاكىنىڭ نەۋرىلىرى ئون – يىگىرمە يىلغا يەتمەيلا « غۇبەيدۇللا »، ئەتەيتۇللا »بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك بولماي نېمە!. دېمەك ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالغا ئائىت بەرگەن بايانىغا قارىتا قايىل بولمايلا قالماستىن بەلكى قانداقتۇر غەرەز يوشۇرۇنغانمىكىن دەپ گۇمان قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى مانا شۇ يەردە!
ئاپتور مۇشۇ ئەۋلادىنىڭ 6-سى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور 1913-يىلى قازاندىن شىنجاڭغا كەلگەندە، رەڭگى – رويى، تىلى، ئۆرپە – ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ %99 لىك ساپ ئالتۇندەك تولۇق بىر تاتار زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، كىشىنى ھېچقانداق باشقىچە قاراشلارغا ۋە گۇمانلىق خىياللارغا كەلتۈرمىگەنىدى. لېكىن ئاپتور 1947-يىللارغا كەلگەندە « بىردىنلا بوۋىسى غۇبەيدۇللا » نىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ – دە، ئاقسۇ قۇمباش رايونىنى بىر قۇر زىيارەت قىلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ تېگى – تەكتى ئاقسۇ قۇمباشلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان پولات بوۋىسىدىن باشلانغان ئائىلە نەسەب تارىخىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ تارىخ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ئەجەبا 1913-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان 30نەچچە يىل ئارىلىقىدا ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئاقسۇ قۇمباشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىرەر كىشىگە سۆزلىمەي كەلگەن ياكى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئىزدىمىگەن ۋە ياكى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزمىگەن ئاپتور قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىققاندۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ شىنجاڭ جامائەتچىلىكى خېلى ئۇزۇن غۇلغۇلا قىلىشىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى شۇ يىللاردىلا تاپقانىدى. « گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ كىشىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە رەئىس قىلماقچى بولغان ئىكەن « مىللەت » شەرتى توغرا كەلمەپتۇ. گومىنداڭ ئاساسى قانۇنىدا شىنجاڭغا بولىدىغان رەئىسنىڭ مىللەت شەرتى ئۇيغۇر بۆلىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا ئاپتور نەسەب سۈرۈشتۇرۈپ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئاقسۇ قۇمباشلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ » دەيدىغان جاۋاب تېپىلغاندىن كېيىن جامائەتچىلىك بېسىلغانىدى. « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » نەشردىن چىققاندىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈپ جامائەتچىلىكتە غۇدۇراشلار پەيدا بولدى. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ سەۋەبى ئەسلىمىنىڭ مۇكەممەل يېزىلمىغانلىقىدا، ئەگەر ئاپتور تەبىئىي يوسۇندا راستلىقى بىلەن يېزىپ كىتابخانغا تاپشۇرغان بولسا، جامائەتچىلىكتە غۇلغۇلا پەيدا قىلماستىن ھەممىنى قايىل قىلغان بولاتتى. جامائەتكە تاپشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ئىككى. ئۇنىڭ بىرسى: يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئاتا – بوۋىلىرىمىز شىنجاڭ ئاقسۇدىن، رۇسىيىدىكى قازان ئۆلكىسى « ئورمان ئاقسۇ » غا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. بىراق مەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئاقسۇغا بېرىپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنى ئىزدىيالمىدىم، نەزىر – چىراقمۇ بېرەلمىدىم. بۇ مەندىن ئۆتكەن سەۋەنلىك. پەقەت 1947- يىلىغا كەلگەندىلا بوۋام « غۇبەيدۇللا » نىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم دېيىش. يەنە بىرسى: ئەسلى مىللىتىم تاتار، 1947-يىللارغا كەلگەندە گومىنداڭ تەرەپ، مېنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس قىلىپ تەيىنلەشكە قارا چەككەندە مىللەت شەرتىم توغرا كەلمەيۋاتقانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن مەن بۇ تەرجىمىھالنى ياساپ چىقىپ مىللەت شەرتى ھازىرلىدىم دېيىش. مېنىڭچە يۇقىرىقى ئىككى ئۇسۇلدىن بىرىسىنى قوللىنىپ كىتابخانلارغا تاپشۇرۇلغان بولسا، قايىل قىلغان بولاتتى.

2. ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا
بۇ ھەقتە ئاپتور مۇنداق يازىدۇ: « بوۋام غۇبەيدۇللانىڭ ھاۋالىسى بىلەن چوڭ ئاتام ئەتەيتۇللاغا ساماۋەر قايتىتىپ بەرگەچ ئەرەبچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ يىلى كۈزدە بوۋام قازا تاپتى. ئاتام ئوقۇش دېگەن نېمىگە ئەسقاتىدۇ. ئۆيگە قايتىپ ئىش قىلغانغا يەتمەيدۇ دەيتتى .... ».
جۈملىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا، ئاپتورنىڭ چوڭ ئاتىسى ئەتەيتۇللادا ئەرەبچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىغان يىلىنىڭ كۈزلىكى بوۋىسى قازا تېپىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يىل ئىچىدىلا ئاپتور ئەرەبچە بىلەن قۇرئان ئوقۇشنى بىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتور ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا بەرگەن مۇنداق ئاددىي بايان بىلەن كىتابخانىلارنى قايىل كەلتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئەمدىلا 12-13ياشلارغا كىرگەن ھەرقانداق بىر بالىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەرەبچە ۋە « قۇرئان » ئۆگىنىشنى باشلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئوبدان چۈشىنىدۇ. دىنىي ئوقۇش قائىدىسىدىن ئېيتقاندا بالىلار بىر قانچە يىلغىچە ئۇششاق سۈرە ئوقۇيدۇ. ئاندىن تاختىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇپ ئاخىرىدا قۇرئان ئوقۇشقا كىرىشىدۇ. قىرائەت ئوقۇش ئۇ يەنە باشقا بىر گەپ. بۇ خېلى قىيىن ۋە جاپالىق جەريان. ئەمما ئاپتور بۇ ھەقتە تولىمۇ ئاددىي بايان بەرگەن. بۇنداق بايان كىشىنى زادىلا قايىل قىلالمايدۇ.
كېيىنكى باسقۇچلۇق ئوقۇش تارىخىمۇ ئاددىي بايان قىلىنغان. مەسىلەن: « قازانغا باردىم. تاغام مېنى « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە مەردلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى ... مەكتەپتە مەن يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ماڭا دائىم ماقالە كۆچۈرتكىزەتتى .... كېيىن ئۇنىڭ گېپى بىلەن ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى دەرس تاشلاشقا ئۇيۇشتۇردۇق. شۇ سەۋەبتىن بايازىت بىلەن ئىككىمىز مەكتەپ تەرىپىدىن بىر كۈن نەزەر بەنتكە ئېلىندۇق. بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غۇرۇرۇممۇ ئاشتى ».
« تاغامنىڭ ھال ئوقىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە « مائارىپ » دېگەن بىر كىتابخانىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىككى يېرىم يىل ئىشلىدىم. بۇ يەردە خىزمەت ئېغىر، ئىش ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر مۇنچە كىتاب ئوقۇدۇم. رۇسچىنى ئەنە شۇ چاغدا ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشكە كىرىشكەنىدىم، « يىۋگىنى ئونىگىن »، « ئاننا كارىننا » قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنىمۇ ئاشۇ چاغلاردا ئوقۇغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بوغالتىرلىق بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەندىم. بۇلار مېنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە تولىمۇ ئەسقاتتى ... كېيىن ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشى بىلەن 1912-يىلى 9-ئايلاردا ( 18يېشىمدا) شىنجاڭغا كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىيەنشىڭ سودا فېرمىسىدا ئىشلىدىم!».
يۇقىرىقى بايانلار ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ئوقۇش تارىخى بولۇپ، 12-13يېشىدا (1906-1907-يىللىرىدا) بوۋىسى غۇبەيدۇللادىن ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەرەبچە ۋە قۇرئان ئوقۇشقا باشلىغان ئاپتور 1908-يىلى قازانغا بېرىپ « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە كىرىپ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ ئىچىدە ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنىمۇ ئىشلىگەن، بۇ پەقەت 13ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلار ... ئۇنىڭدىن كېيىن « مائارىپ » كىتابخانىسىدا ئىككى يېرىم يىل شاگىرت بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا رۇسچە بىلىم بىلەن بوغالتىرلىق ئىلمىنى ئۆگىنىپ بولغان ...
ئوقۇش تارىخىدىكى قىسقا جەريان بىلەن بۇ ئاددىي بايان، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل سالاھىيىتىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمىسە كېرەك. چۈنكى ئاپتور ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس، بەلكى خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئىختىساسلىق ۋە ئىقتىدارلىق سىياسئون بولۇپ ئۆمرىدە بىر قانچە تىلنى – رۇسچە، خەنزۇچە، نېمىسچە تىللارنى ئىگىلەپ سىياسىي ۋە ئىلمى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مەشھۇر ئەرباب. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئاددىي ئوقۇش تارىخىي كىتابخانىلارنى قايىل قىلمايدىلا ئەمەس بەلكى قاتتىق تەئەججۇپلەندۈرىدۇ. ئاپتور ھېچبولمىغاندا خەنزۇچە ئوقۇش تارىخى بىلەن تىمىسچە ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بولسىمۇ ئىزاھ بېرىشى لازىم ئىدى. ئەپسۇسكى ئاپتور ئۇنداق قىلمىغان.
شۇنىڭدەك ئاپتور قازان « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ( 13-14ياش ۋاقتى) يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دەرس تاشلاش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇردۇم. بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غورۇرۇممۇ ئاشتى، دېگەنلىكى كىتابخانلارنى يەنە بىر قېتىم ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ. چۈنكى 13-14-ياشلىق بالىنىڭ شۇنچىلىك نازۈك ۋە كەسكىن ئىشلارنى قىلالىشى تەسەۋۋۇرغا ئانچە سىغمىسا كېرەك!.

3. ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىكى بەزەن سەكرەتمە بايانلار توغرىسىدا
ئۈرۈمچىدە شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى « تيەنشىڭ فېرمىسى » دا دۇكان خىزمىتى قىلىۋاتقان ئاپتور 1921-يىلغا كەلگەندە ئىككى قېتىم چۆچەككە بېرىپ تاموژنا ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ كېلىش بىلەن بىردىنلا دۇكان خىزمەتچىلىكىگە قوشۇمچە ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئارقىدىنلا ئىككى مىڭ يىلقىسى بار فېرمىنى باشقۇرىدىغان ھەيئەت، تاشيول – قاتناش ئىدارىسىگە ھەيئەت، قوشۇمچە شوپۇرلۇق مەكتىپىگە مۇدىر بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار شۇ يىللاردىكى تارىخى ئەمەلىيەت. لېكىن قۇۋلۇق – شۇملۇقتا، گۇمانخورلۇقتا ئۇچىغا چىققان ياڭ زېڭشىندەك ئالىي ھۆكۈمراننىڭ مۇنداق زور ئىشەنچىنى ئاپتور قانداق قولغا كەلتۈردى دېگەن مەسىلىدە كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئەمما ئاپتور بۇ مەسىلىنى « ياڭ زېڭشىن مېنىڭ پاك ئادەم ئىكەنلىكىمگە قاراپ ئىشەندى » دەپ ئىسپاتلىغان. ئەپسۇسكى مۇنداق ئاددىي ئىسپاتلاش كىتابخاننى قانداقمۇ قايىل قىلالىسۇن!
پاك ئادەملەرگە پاك ئادەملەرلا ئىشەنچ قىلىشى مۇمكىن. ناپاك ئادەم قول ئاستىدىكى ئادەملەرگە ئىشەنچ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ پاك بولۇش – بولماسلىقىنى ئۆلچەم قىلىشى ناتايىن.
ئۇنداق بولسا ياڭ زېڭشىن پاك ئادەممۇ؟ شۇنى قەتئىي ئېيتىشقا بولىدىكى، تارىخ بىزنى، ياڭ زېڭشىننىڭ، « پاك ئادەم » ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. بەلكى قۇۋلۇق – شۇملۇق بىلەن قان كېچىپ يۇرت سورىغان ئىستىبدات ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ ئەھۋال شۇندىە ئىكەن بۇ تىپىك ئىستىبدات قانداق قىلىپ ئاپتورنىڭ پاك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىشەنگەندۇ؟!. بۇ مەسىلە كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. بۇ يەردە ئاپتور مەسىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: رۇسىيە – جۇڭگو داۋشىن بانكىسىنىڭ تەرجىمانى فەن زۇخۇەن ئارقىلىق مالىيە نازىرى فەن جىنغا، نازىر ئارقىلىق ياڭ زېڭشىنغا تونۇشتۇرۇلغان ئاپتور يالغۇز ئۆزىنىڭ پاكلىقى بويىچىلا شۇ قەدەر زور ئىشەنچىگە ئىگە بولغانمىدۇ! بۇ ئارىلىقتا تەرجىمان فەن زۇخۇەن بىلەن تونۇشۇش، « ياخشى » تەسىر پەيدا قىلىش، ئاندىن نازىرنىڭ ئېتىۋارىغا ئىگە بولۇش، ئەڭ ئاخىرىدا ياڭ زېڭشىننىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇش جەريانلىرىدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، دىنىغا پسەت كېلىدىغان ھېچقانداق ئىش ۋە مۇناسىپ ۋاستىلار بولمىغانمىدۇ! بىزنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەر دەل مانا مۇشۇ يەردە!
ئاپتورنىڭ شۇ يىللاردىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈپ چىقايلى. مەسىلەن: ئاپتور كىتابنىڭ 226-27-بەتلىرىدە مۇنداق يازىدۇ: « ئۇنىڭ ( ياڭ زېڭشىننىڭ) ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى ياخشى بولسىمۇ، مەن شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش كېرەك دەپ ھېسابلايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن 1922-يىلى مەن ئاغىنەم مىرزاجان بىلەن بىللە « يېڭى ھايات » ژۇرنىلىنى مەخپىي چىقاردىم ».
227-بەتتە:« شۇ چاغدا مەن تېخى تاھىر بەگ، مەخسۇت ( مۇھىتى)، كىرەمخان دېگەنگە ئوخشاش يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم، مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى. بۇ گۇرۇپپا ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلاتتى، ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى ھىمايە قىلاتتى ... »
شۇنىڭدەك ئاپتور ئۆز كىتابىدا، فەن ياۋنەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېقىن ھەم ئىشەنچلىك بولۇپ ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆپ يەردە تەكرارلىغاندىن تاشقىرى فەن ياۋنەن گەرچە ئاپتورغا ياڭ زېڭشىنغا قارشى سۇيىقەست پىلانلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئاپتور، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى سېزىپ يۈرەتتىم دەپ ئىزاھلايدۇ. ھەممە شۇ يىللىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن غەربىي شىمال ئىلمى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شۈبىڭچەن دېگەن كىشى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىتىن ئۇ كىشى ئارقىلىق فەن ياۋنەننىڭ ياڭ زېڭشىنغا قارشى ئىدىيىسى بارلىقىنى ئاڭلىدىم دەپ يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.
يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇكى: دۇكان خىزمەتچىلىكىدىن ئەمدىلا ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئاپتور بىرىنچىدىن شىنجاڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى ياڭ زېڭشىنغا يېقىن ھەم ئىشەنچلىك بولۇش؛ ئىككىنچىدىن ياڭغا قارشى گۇرۇھ باشلىقى فەن ياۋنەن بىلەنمۇ ئىناق ھەم يېقىن بولۇپ ئۇنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئۈچىنچىدىن يېقىن ئاغىنىلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات قۇرۇپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل پائالىيەتتە تەڭلا رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەقسىتى بار ئاپتور مۇناسىۋەت جەھەتتە ھەممىلا تەرەپ، ھەممىلا ئادەم بىلەن كېلىشىپ ئىچ قويۇن – تاش قويۇن بولۇپ ئۆتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياڭ زېڭشىن گەرچە ئاپتورنىڭ « پاك » ئادەم ئىكەنلىكىگە قاراپ زور ئىشەنچ قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ياڭ زېڭشىنغا نىسبەتەن « پاك » ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك !؟

4. مەخپىي گۇرۇپپا – تەشكىلات قۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا
ئاپتور ئەسلىمىسىنىڭ 227-بېتىدە مۇنداق يازىدۇ: « شۇ چاغدا مەن تېخى تاھىر بەگ، مەخسۇت ( مۇھىتى)، كېرەمخان دېگەنگە ئوخشاش يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم. مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى .... كېيىن بۇ گۇرۇپپىغا شارىپغان، سىڭلىمنىڭ يولدىشى ھەيدەر قاتناشتى ..... بىز فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلاتتۇق ....»
307-بەتتە يەنە مۇنداق يازىدۇ: « 1922-يىلى 8-ئايدىلا بىز بىر قانچە ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستىغيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە لۈكچۈنلۈك تاھىر بەگ، قەشقەرلىك كېرەم چوڭ ھاجى، بايلىق ئايۇپ ( بەگ) لەر بار ئىدى. بىزنىڭ ئۇ چاغدا ئىدىيىمىز مىللىي دېموكرات ئىنقىلاب كاتېگورىيىسى بىلەنلا چەكلەنگەچكە مىللىي زۇلۇمغا .... قارشى تۇراتتۇق .... كېيىن تۇرپانلىق ياشلاردىن مەخسۇت ( مۇھىتى) يۈنۈسبەگ، ھەيدەر، ئالتايلىق قازاق ياشلاردىن شارىپخانلارمۇ قاتناشتى. بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق. شىنجاڭدا قانداقتۇر بىر « مۇستەقىل دۆلەت » قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلمايتتۇق ... »
دېمەك 227-بەتتە يېزىلغان « يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم، مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى ... » بىلەن 307-بەتتە يېزىلغان « بىز بىر قانچە ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستىغىيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق ... » دېگىنى يەنى ئېيتىلىشتا « مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم » بىلەن « ئىستىخىيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق » دەپ ئىككى مىجازدا ئېيتىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر گەپ بولۇپ ھەر ئىككىسى 1922-يىلىدىكى ئىشلاردۇر.
« ئۇنداق دېسىمۇ ماقۇل، مۇنداق دېسىمۇ ماقۇل »دېگەندەك ئاپتور بىر مەسىلىنى ئىككى سەھىپىدە، ئىككى خىل تەلەپپۇزدا يازغان بولسىمۇ ماقۇل دەپ تۇرۇپ مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كىرىشەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش كېرەك:
1. تاھىر بەگ كىم؟
تاھىر بەگ لۈكچۈن ۋاڭ جەمەتىدىن بولۇپ خەنزۇچە ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوچۇق پىكىرلىك بىر زىيالىي. شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ تۈنچى قېتىم ئېچىلغان قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ بېرىپ رەئىس جۇمھۇرلىققا ( دا زۇڭتۇڭلۇققا) سۇڭ جۇڭشەن ئەپەندىنى سايلاپ چىققان. ھەمدە سۇڭ جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي – مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ئالاھىدە تەكلىپ بېرىپ، رەئىس جۇمھۇرنىڭ يوليورۇقى ۋە تەستىقنامىسىنى ئېلىپ كەلگەن. شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن ۋەكىللىك سالاھىيىتى بويىچە خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مەرىپەت ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قابىلىيەتلىك ۋە خەلق ئىچىدە ئىناۋەتلىك جامائەت ئەربابى.

2. مەخسۇت مۇھىتى كىم؟
مەخسۇت مۇھىتى تۇرپان ئاستانلىق بولۇپ ئاكا- ئۇكا تۆت بىر تۇغقان دېھقانچىلىق ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ خېلى راۋاج تاپقان تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن ئىدى. ئۇ 1912-يىلى تۇنجى قېتىمدا تاتارىستان مەركىزى قازاندىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ چىقىپ تۇرپان ئاستانىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن يېڭىچە پەننى مەكتەپ ئاچقان؛ 1917-يىلىغا كەلگەندە مەرىپەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىبىبول ئەپەندى، گۈلەندەم ئابىستەي، ئېلى مۇئەللىم قاتارلىق يەنە 6نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ تۇرپان، گۇچۇڭ، چۆچەكلەردە ئۆز خىراجىتى بىلەن « مەخسۇدىيە » نامىدا مەكتەپلەر ئېېچىپ مائارىپقا ئۆچمەس ھەسسە قوشقان يارقىن مەرىپەتچى، شۇنداقلا تىجارەتتە چوڭ شىركەت ( فېرما) قۇرۇپ ئۈرۈمچىدىكى روسيە سودىگەرلىرى بىلەن رىقابەتلەشكەن يەرلىك بايلاردىن ئىدى.
يۇقىرىقى ئىككى كىشىنىڭ سالاھىيىتىدىن قارىغاندا ئىلغارلىق تەرەققىيپەرۋەرلىك، ئىنايەت – ئابرۇي جەھەتلەردە ئۇلار، ئاپتوردىن بالدۇر ھەم يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن ياش – قورام جەھەتتىمۇ ئاپتوردىن خېلى چوڭ. ئاپتور تېخى شىنجاڭغا كەلمەستىن بۇرۇنلا ئۇ كىشىلەر تەرەققىيپەرۋەرلىك يولىنى تاپقان دېسەكمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەجەبا 1922-يىلىغا كەلگەندە بۇ كىشىلەر قانداق قىلىپ تىيەنشىڭ فېرمسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى قۇرغان گۇرۇپپىغا ئەزا بولۇپ، ئۇنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ سايلاپ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغاندۇ! بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسمۇ!
شۇنىڭدەك ياش قورامى جەھەتتىمۇ مەخسۇت مۇھىتى بىلەن تاھىر بەگلەر شۇ يىللىرى 40تىن ئاشقان چوڭ كىشىلەر ئىدى. ئاپتور بولسا شۇيىللىرى يېشى 30غا توشمىغان بىر ياش. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاپتور ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ كىشىلەرنى « يېقىن ئاغىنىلىرىم » دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە بىر – ئىككى ياش پەرقلىنىدىغان تەڭ قۇرداش كىشىلەرلا بىر – بىرىنى « ئاغىنەم » دەپ ئاتىشى مۇمكىن. دېمەك ياش پەرقنىڭ بۇ قەدەر چوڭ بۆلىشىدىن قارىغاندىمۇ ئاپتورنىڭ ئۇلارنى « ئاغىنىلىرىم » دەپ ئاتىشى كىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ.
دېمەك سالاھىيەت مەسىلىسى بىلەن ياش پەرقىغە قارىغاندا ئاپتورنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىر مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم ياكى تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق دېگەنلىرى نېمىچۈندۇر كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدىلا ئەمەس بەلكى گۇمانلاندۇرىدۇ!
بىز بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۇقتىلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى. مەسىلەن: ئاپتور قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى، فەن ياۋنەننىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى قوللىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى قىلىپ كۆرسىتىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلات فەن ياۋنەننى قوللاش يۈزىسىدىن قانداق ۋە قانچىلىك ئىش قىلدى. بۇ ھەقتە ئاپتور باشتا ئېيتقان بىر جۈملە سۆزدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيدۇ. فەن ياۋنەن تاكى 1928-يىلىغا كەلگەندىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولۇپ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ ئۆزىمۇ ھالاك بولۇپ تۈگەشتى. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ئاپتور ئۆز كىتاپىنىڭ 241-بېتىدە: « فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى قۇۋەتلىگەن بولساممۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭ ياڭ زېڭشىننى قەستىلەپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى راستىنىلا بىلمەيتتىم » دەپلا چەتكە چىقىپ كېتىدۇ. خالاس!.
مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا ئاپتور قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت نەرسىمۇ ياكى مەۋجۇت ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە كىشىنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ئاپتور ئۆزى قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى 30-يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئالاقىدار قىلىپ كۆرسەتكەندىن تاشقىرى 33-يىلىدىكى تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەپ قوزغىغۇچى يادرو سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يەنە مۇنداق يازىدۇ:
« قۇمۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مەخسۇت ( مۇھىتى) چەتئەلدە بولغاچقا ھەيدەر ( ئاپتور 1929-يىلى چەتئەلگە چىقماقچى بولغاندا ئۆز ئورنىغا ھەيدەرنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ كەتكەن ئىكەن ...) كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇنى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ ئوبدان پەيتى دەپ ھېسابلاپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. 1932-يىلى مەخسۇت ( مۇھىتى) چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 11-ئايدا ئۈرۈمچىدىن يۇرتى تۇرپان سىڭگىمگە ( ئەسلىدە ئاستانىغا دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى) بېرىپ شۇ يەردىكى دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە تەشكىللەيدۇ » ( 310-بەت)
ئەسلىمىسىگە قارىغاندا چەتئەلدە يۈرگەن ئاپتورنىڭ ۋەكىلى ھەيدەر ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى كۆرگەنمىش .... مەخسۇت مۇھىتى چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن ھەيدەرنىڭ تەييارلىقى ئاساسىدا سىڭگىمدىكى دېھقانلارنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتەرگەنمىش ...
بىز ئەمدى پاكىتقا يۈزلىنەيلى:
مەخسۇت مۇھىتى 1932-يىلى موسكىۋادا « پراۋدا » گېزىتىدىن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىدۇ، ئۈرۈمچى ئارقىلىق تۇرپانغا چۈشۈپ يۈنۈسبەگ، تاھىر بەگ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق 14كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ تۇرپان ئاستانىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.
بۇ تارىخى ئەمەلىي پاكىت، خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە يېزىلغان قانچە ئون تارىخ ۋە ئەسلىمىلەردە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان بۇ پاكىت ئاپتورنىڭ كىتابىدا: مەخسۇت ( مۇھىتى) چەتئەلدىن كېلىپ، ۋاكالىتەن تەشكىلات باشلىقى بولۇپ ئىش بېجىرىۋاتقان ھەيدەرنىڭ كۆرگەن تەييارگەرلىكى ئاساسىدا تۇرپاندىكى سىڭگىمگە بېرىپ دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىللىدى دېگەندەك تەلەپپۇزدا يېزىلغانلىقى كىشىنى ئەجەبلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !.
شۇنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدىكى ئەگەر ئاپتور 22-يىللاردىلا ئۆزۈم قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتقا گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ سايلانغان ۋە بۇ سالاھىيىتىنى 1932-يىللارغىچە ساقلاپ كەلگەن بولسا، شۇنىڭدەك ئاپتور شۇ يىللىرى ئۆزى چەتئەلدە ( روسيە، گېرمانىيىدە جىن شۇرېن ئۈچۈن ئىش بېجىرىۋاتاتتى) بولسىمۇ، ئۆز ئورنىدا قالدۇرغان ئىش بېجىرگۈچى ھەيدەر ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارگەرلىك كۆرگەن بولسا، ئەجەبا مەخسۇت مۇھىتى چەتئەلدىن قايتىپ تۇرپانغا كېلىپ 14كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرغان چاغدا نىمىچۈن ئاپتور بىلەن ھەيدەرنىڭ ئىسمىنى تەشكىلات ئىسىملىكى ئىچىگە كىرگۈزمىگەندۇ! گەرچە ئاپتور گېرمانىيىدە جىن شۇرېن ئۈچۈن ئىش بېجىرىۋاتقان بولسىمۇ ( ۋەتەندە يوق بولسىمۇ) نىمىچۈن پەخرى ئەزا سۈپىتىدە بولسىمۇ ئىسىملىككە يېزىپ قويۇلمىغاندۇ!. كىتابخان شۇنداق ئويلاشقا تامامەن ھەقلىق!.
بىز يەنە كىتابنىڭ 323-سەھىپىسىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى قۇرلارغىمۇ نەزەر سېلىپ كۆرەيلى:
« بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزايىمىز مەخسۇت قۇربان بولۇپ كەتتى. تاھىر بەگدىن خەۋەر يوق. كېرەم چوڭ ھاجى قەشقەردە .... ئۇلار ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ! كۈچلەرنى قانداق تەشكىللەۋاتقاندۇ. ئۇلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىققا قارشى بىرلىكسەپ تەشكىل قىلالىسىغۇ بەك ئوبدان بولاتتى. جاھانگىرلىكىنىڭ بىزنى مۇستەقىل مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش سۈيقىئەستىدىن ھوشيار بولىشىمىز كېرەك. بىز بۆلگۈنچىلىك قىلماي جۇڭگو بايرىقى ئاستىدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ پرىنسىپال مەسىلىنى دوستلىرىمغا بۇرۇنلا دېگەن. ئۇلارمۇ قوشۇلغان. چوقۇم مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرىدۇ. لېكىن مەخسۇتنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشى خىزمىتىمىزگە ناھايىتى چوڭ زىيان كەلتۈردى .... ئابدۇخالىق مىجىتمۇ ( ئابدۇخالىق ئۇيغۇر) تۇرپاندا تىز پۈكمەستىن قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولدى ... قەيەرلەردە يۈرىدىكىن ... شارىپخان ئالتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇشىغا ئىشىنىمەن! ....
يوقىرقى قۇرلارنى ئوبدان چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاقىتلارنى ئالدىن كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1. ئاپتور 1933-يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چەتئەلدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە چەتئەلگە خىزمەتكە ماڭغان؛
2. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان؛
3. مەخسۇت مۇھىتى قۇمۇلدىن خوجىنىياز ھاجىنى تەكلىپ قىلىپ 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ( 10- زۇلھەججە) خاندوغا كەلگەن.
ئەمدى بىز ئاپتورنىڭ 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يازغان خاتىرىسىدىن « بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزايىمىز مەخسۇت ( مۇھىتى) قۇربان بولۇپ كەتتى ... » دەپ باشلانغان ئابزاسنى ئوقۇغىنىمىزدا، تېخى قوزغىلاڭ قاينىمىدا ھايات يۈرگەن مەخسۇت مۇھىتى قانداق قىلىپ ئاپتورنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خاتىرىسىگە « قۇربان بولۇپ كەتتى ... » دەپ يېزىلىپ قالغاندۇ! دەيدىغان ئەجەبلىنەرلىك بىر سوئالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەي تۇرالمايمىز!
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ئاپتورنىڭ 1933-يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى يازغان خاتىرەم دېگىنى ئەينى ۋاقىتتا يېزىلغان خاتىرە ئەمەس، بەلكى كېيىنكى كۈنلەردە يەنى ئاپتور ۋاقىت – ماكاننى ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئېسىگە ئالالماس بولۇپ قالغان چاغلاردا ئاتايىن يازغان. ( ئەمما بىز 3- ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 9-كۈنىگە قەدەر ئۈرۈمچىدىن – چۆچەك ئارىلىقىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى يازغان خاتىرىسىدىن ئانچە گۇمان قىلمايمىز – ئەلۋەتتە.) بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئىشلىرىنى بېجىرىشتە مۇھىم خىزمەتكە كېتىۋاتقان ئاپتورنىڭ ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ، ئۆز خاتىرىسىگە تۇرپان قوزغىلىڭىغا ئۇ قەدەر كۆيدى – پىشتى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئومۇمىي نىشانى توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەرگىز يازمايدۇ. چۈنكى ئاپتور بىرىنچىدىن ئېھتىياتچان ئادەم. ئىككىنچىدىن ئاپتور شۇ يىللاردا ئاساسەن جىن شۇرېنغا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم. بولۇپمۇ جىن شۇرېننىڭ چەتئەلدە بولۇۋاتقان نازۈك ئىشلىرىنى بېجىرگۈچى بىر خادىم. ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى تەرەپتە تۇرۇپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئۇنداق ئاسانلا ئاشكارىلاپ خاتىرىسىگە يېزىپ قويماسلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.
27- چىسلادىكى خاتىرىنىڭ ئاخىرىدا ( 324-بەتتە) ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ: « مەن ھەيدەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئىلاجى بار مېنىڭ نامىمدا خەت يېزىپ تاھىر بەگ، كېرەم چوڭ ھاجى، يۈنۈسبەگلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈشتى، مەھمۇت ( مۇھىتى) بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ بېقىشنى ئېيتتىم. مەھمۇت بىز بىلەن بىر پىكىردە ئەمەس، لېكىن بىز خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىشىمىز كېرەك. »
يۇقىرىقى مەزمۇندىن قارىغاندا ئەتە ماڭىمەن دېگەن ئاخشىمى ئاپتور كۈيئوغلى ھەيدەرگە شۇ سۆزلەرنى قىلغاندەك تۇرىدۇ. ئېھتىمال، بەلكى شۇنداق سۆزلەشكەندۇ!. ئەمما خەت يازىدىغان كىشىلەرنىڭ قەيەردىلىكىنى ھەيدەر بىلەمدىغاندۇ؟ ئەسلىمىسىنىڭ باش قىسمىدا « شۇ كىشىلەر نەدە يۈرىدىغاندۇ » دەپ قايغۇرغان ئاپتور بىلەمدىغاندۇ؟ مېنىڭچە ئۈرۈمچىدە مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئاپتور ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك. تارىخنىڭ كۆرسۈتىشىچە مەخسۇت مۇھىتى قۇمۇلغا خوجىنىياز ھاجىنى باشلاپ چىقىش ئۈچۈن كەتكەن. تېخى قايتىپ كەلمىدى، تاھىربەگ، ماجۇڭيىڭنى 2-قېتىم تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن قارا شەھەردىن سۇجۇغا كەتكەن، يۇنۇسبەگ بولسا جەنۇبقا مېڭىپ ئاقسۇدا تۆمۈر سىجاڭغا يېتىشىپ پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلۇپ ئاقسۇ ۋە تۇنشۇقتا بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشماقتا. مەھمۇت مۇھىتى بولسا قارا شەھەردە ئىككى مىڭغا يېقىن پىدائىي قوشۇنلارنى رەتكە سېلىپ تۇرپانغا قايتا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى كۆرمەتە. ھەيدەر، ئاپتورنىڭ نامىدا مانا شۇ كىشىلەرگە خەت يېزىشى كېرەك. قانداق مەزمۇندا خەت يازىدىغاندۇ !..... ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ خەت يازامدىغاندۇ !... ‹‹مەھمۇت ( مۇھىتى) بىز بىلەن بىر پىكىردە ئەمەس، لېكىن بىز خىزمەت خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىشىمىز كېرەك ...›› دېگىنىگە قارىغاندا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئاپتورنىڭ پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيۋاتقان قانداق ئىختىلاپ باردۇ؟. مەھمۇت مۇھىتى بولسا ئىسسىق ئۆيىنى تاشلاپ تاغ-دالىغا ئاتلىنىپ جىن شۇرىن ھاكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكنى تۈگىتىش پىكرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىۋاتىدۇ، ئاپتور بولسا، جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىش سەپىرىدە چەتئەلگە كېتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بىرلىككە كېلالمىغان پىكىر ئىختىلاپى دەل مۇشۇ يەردە دېسەك قانداق بولار !.. بۇنداق دېسەك بەلكى ئاپتور قوبۇل قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئاپتور شۇ كۈندىكى خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان:‹‹شىنجاڭدىن مۇشۇنداق چىقىپ كېتىشكە خەلق ئالدىدا ئىنتايىن خىجىل ئىدىم، لېكىن كونسۇلخانىدىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئويلاپ كۆردۈم. ئىشپىيونلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، تۇرپانغا بېرىشم مۇمكىن ئەمەس، جىن شۇرىننىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ زورمۇ-زور ئۈرۈمچىدە قالىدىغان بولسام، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بەلكى شۇ ھامان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىمەن. ››
يۇقىرىقى مەزموندىن ئاپتورنىڭ خەلق ئالدىدا خىجىل بولىدىغان جايلىرى بارلىقىنى، تۇرپانغا بېرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى شۇنىڭدەك جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
1922-يىللاردىلا ئىنقىلابى گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات قۇرۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، كېيىنكى كۈنلەردە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ ھەيدەر ئارقىلىق تۇرپان قوزغىلىڭىغا تەييارلىق كۆرگەن ئاپتور 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىنى دېھقانلار قوزغىلىڭى قاپلاپ كەتكەن شارائىتتا خەلق قوزغىلىڭىغا ئىشتىراك قىلمايلا قالماستىن، بەلكى خەلق قوزغىلىڭىغا تەتۈر بولغان يولغا كېتىۋاتقان ئاپتور خەلق ئالدىدا ئەلۋەتتە خىجىل بۆلىشى كېرەك. بۇنىڭغا تەئەججۈپلەنمەنسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن ‹‹ تۇرپانغا بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس ›› دېگىنىگە بىر ئاز پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقىرىدا تەكرارلانغان يازما مەزمۇنلاردىن قارىغاندا ئاپتورنىڭ 1933-يىلدىكى تۇرپان دېھقانلارقوزغىلىڭىنى –قوزغاپ ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشتەك يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسكى تۇرپان قوزغىلىڭىغا رەھبەر بولۇپ سايلانغاندەك يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئاپتور تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى راسا قىزىغان پەيتلەردە ئۈرۈمچىدە بار تۇرۇقلۇق ( ئاپتور 1933-يىلى 1-ئايدا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن) نىمىچۈن تۇرپانغا بېرىپ ئەمەلىي رەھبەرلىك قىلمىغاندۇ!. تۇرپان يولىنى توسۇلۇپ قالغان دېمەكچى بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق دەيدىغان بولسا، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەۋسۇل مۇھىتى (تۇرپاندىكى 14كىشىلىك ئىنقىلابى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى) شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە ئىدى. بۇ كىشى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ شى دالىيەن 连大十 ›› نامىدا جاللات قوشۇن تەشكىللەپ جادۇ باسقان 200ھارۋا بىلەن يولغا سالغانلىقىنى كۆرگەندە خەت يېزىپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا خەۋەر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىمۇ بىر كۈن كېيىن ئاتلىق يولغا چىقىپ جاللات قوشۇندىن ئىلگىرى تۇرپانغا يېتىپ بارغان. دېمە قوزغىلاڭ قىلىمەن دېگەن ئادەمگە تۇرپانغا بېرىش يولى ۋە ئىمكانىيىتى بار ئىكەنغۇ!. ئەجەبا تۇرپان قوزغىلىڭىغا ئۇ قەدەر كۆيدى – پىشتى بولۇپ چوڭ مەسىلىلەردە غەمخورلۇق قىلىدىغان، قىسقىسى تۇرپان قوزغىلىڭىغا رەھبەر بولغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئاپتور نىمىچۈن بۇ يولغا ماڭمىغاندۇ!. بۇ مەسىلىنى يىغىپ ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىش خىيالى يوق، ئەگەر بولىدىغان بولسا، ئىشپىيونلارنىڭ نازارىتى ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىسىدە بولسىمۇ قېچىپ چىقىپ قوزغىلاڭ بولغان تۇرپانغا يېتىپ بارغان بولاتتى. ئەمما ئاپتور ئۇنداق قىلمىدى. بەلكى قوزغىلاڭ شاۋقۇنلىرى، مىلتىق – زەمبىرەك سادالىرى گۈلدۈرلىگەن جەڭگاھلاردىن ئىمكانقەدەر چەتنەپ ئاخىرقى ھېسابتا جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلماستىن چەتئەل سەپىرىگە يۈرۈپ كەتتى ......
كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغىلىپ 3-يىلغا قەدەم باسقان، تۇرپاندىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ راسا ئەۋجىگە چىققان كۈنلەردە گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقاچ جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن قورال سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ ئش بېجىرىۋاتقان ئاپتور 33-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كەلگەندە بىر ئاخشام خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ( ھەيدەر ئارقىلىق ) تەييارگەرلىك كۆرگۈچى ۋە قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغۇچى قىلىپلا كۆرسەتمەستىن بەلكى قوزغىلاڭنىڭ داۋام قىلىشىغا كۆيدى –پىشتى بولۇپ پرىنسىپال مەسىلىلەردە قاتتىق قايغۇرۇپ غەمخورلۇق كۆرسەتكۈچى بولىۋېلىشى، يىغىپ ئېيتقاندا ئەمەلىي ھەرىكەتسىزلا، خاتىرە يېزىش ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولىۋالغانلىقى كىشىنى نىمىچۈن ھەيران قالدۇرمىسۇن!.
چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش قىيىن
بولغان مەسىلىلەر
1. ئاپتور ئۆز كىتابىدا 1922-يىللاردىلا « مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم »،« تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق »، « بىز فەن ياۋنەننىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلاتتۇق » .... دەپ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياڭ زىڭشىنغا خېلى دەرىجىدە ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. ياڭ زىڭشىنمۇ ئاپتورغا ئىشىنىپ يېڭى – يېڭى مەنسەپ – ئورۇنلىرىنى بېرىدۇ. پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئاپتورنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما فەن ياۋنەننىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن قىلغان ئىش – ھەرىكەت توغرىسىدا ئاپتور پۈتۈن كىتاب ئىچىدە بىرەر دەلىل كۆرسەتمەيدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشىنىپ، قانداق ئىشىنىش كېرەك!.
2. ئاپتور جىن شۇرېىن دەۋرىدىمۇ يەنە شۇ « گۇرۇپپا »، « تەشكىلات » نى كوزىر قىلىپ ئۆزىنى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە ھەيدەر ئارقىلىق تەييارگەرلىك كۆرۈپ تۇرپان قوزغىلىڭىنى – قوزغىغۇچى، پرىنسىپال مەسىلىلەردە غەمغورلۇق قىلغۇچى رەھبەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە باشتىن – ئاياق جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سادىق ئىشلەپ چەتئەللەردىن قورال – ياراق سېتىۋېلىشتەك نازۇك خىزمەتلەرنى بېجىرىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشىنىپ قانداق ئىشىنىش كېرەك !.
يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدىن ئاپتورنىڭ « مەيدان – مەۋقىئە » سىنى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش تولىمۇ قىيىن.
كىتابتا ھەر تەرەپلىمە سۆزلىگەن بايانلاردا ئاپتورنىڭ 1922-يىلدىن 1928-يىلغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەنلىكى. 1928-يىلدىن 1933-يىلغا قەدەر جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەپ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە نازۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلىغانلىقى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە فەن ياۋنەننىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى قوللاپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش تەرەپدارى بولغانلىقى؛ جىن شۇرىن دەۋرىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارگەرلىك كۆرگەنلىكى گەرچە ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن خېلى كۈچەپ تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئاپتورنى ياڭ، جىن ئىستبىداتلىرىنىڭ سادىق خادىمى ئىدى دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقىمۇ ياكى فەن ياۋنەننىڭ تەرەپدارى دېيىشكىمۇ ياكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ پائال ھەرىكەت قىلغۇچى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقىمۇ ھەقىقەتەن قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور بۇ ھەقتە كىتابخانىلارنى قايىل قىلغۇدەك قايتا جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئاپتور شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئاز كەم بىر ئەسىر ( 70-80 يىل) بىرلىكتە ياشىغان، بولۇپمۇ 1949-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېچ ئازاد بولۇش يولىغا باشلاپ ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كاتتا ئەرباب، شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ جامائەتچىلىكى ئاپتورنى كۆپ ھۆرمەتلەيدۇ. لېكىن ئاپتورنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى 40يىللىق سىياسىي ھاياتىدا مەيدان – مەۋقىئە مەسىلىسى ئوچۇق يورۇق بولمىغانلىقتىن كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە ھەرخىل گەپ سۆزلەرنىڭ;پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. مەسىلەن : جامائەتچىلىك ئاپتورنى ‹‹ئالتە دەۋر موللاق ئاتماي كەلگەن ئادەم ›› ‹‹ بۇ دەۋردە ياشاۋېتىپ كېيىنكى دەۋرگە داستۇرخان سالىدىغان ئادەم ››، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن شىكايەت قىلىشىدۇ ۋە ئۆز پىكرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىدۇ :
1. ئەمدىلا ياڭ زېڭشىننىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇپ ئەمەلدار بولۇشقا باشلىغان ئاپتور يەنە نىمىچۈن قانداقتۇر ‹‹ گۇرۇپپا ›› ۋە ‹‹ تەشكىلات ›› قۇرۇپ، ياڭ زېڭشىنغا قارشى گۇرۇھ خەن ياۋ نەننىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە قوللىغىچىسى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىش قىلماقچى بولىدۇ؟ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە ؟.... ئاپتورنىڭ شۇ چاغدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئېنىقكى، ناۋادا خەن ياۋ نەننىڭ قىلماقچى بولغان سىياسىي تەشەببۇسى ئىشقا ئېشىپ يېڭى بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ قالسا، دەل شۇ قۇرۇلغان يېڭى ھاكىمىيەت سورۇنىدىن قېپقالماي دېگەنلىكتىن ئىبارەت. مانا بۇ ئاپتورنىڭ ‹‹ بۇ دەۋردە ياشاۋېتىپ تەسەۋۋۇردىكى كېيىنكى دەۋرگە داستىخان سالغانلىقىنى ›› كۆرسىتىدۇ.
2. ئاپتور يەنە شۇ ‹‹ گۇرۇپپا ›› ياكى ‹‹ تەشكىلات››نى كوزىر قىلىپ قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغىمۇ ئوخشاشلا داستۇرخان سالىدۇ. مەسىلەن :ئەسلىمىدە يېزىلغان مەزمۇنلارغا قارىغاندا، قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغىلىپ ئۇنىڭ ياقۇنلىرى تۇرپان ۋە كەڭ جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىغا تۇتۇشۇپ ھەممىلا يەرنى قوزغىلاڭ ئوتى قاپلىغان چاغلاردا گەرچە ئاپتور چەتئەلدە يۈرۈپ جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن قورال – ياراق سېتىۋېلىشتەك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئىككىنچى بىر تەرەپتىن يەنە شۇ 22-يىلدىكى گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى ئاساس قىلغان ھالدا، تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى دەپ تونۇپ، ئۆز ۋەكىلى ھەيدەر ئارقىلىق تەييارگەرلىك كۆرىدۇ، ئەزا مەخسۇت مۇھىتى تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۆزى بولسا چەتلەردە يۈرۈپ قوزغىلاڭنىڭ پرىنسىپال مەسىلىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ ..... خاتىرىنى بۇنداق يېزىشتىن مەقسەت نېمە؟

5. ئەسلىمىدىكى چىنلىق ۋە ھەق – ناھەق مەسىلىلەر توغرىسىدا
« قۇمۇل ۋەقەسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ۋە 40- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويتىدى ... » دەپ يېزىشنى باشلىغان ئاپتور قۇمۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭ بىرلىكى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلىڭىغا كەلگەندە ھەق سۆز قىلماستىن تارىخى پاكىتلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى قاتتىق ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ. ئەپسۇسكى شىنجاڭ جامائەتچىلىكى بىلەن ئاز كەم بىر ئەسىر بىرلىكتە ئاش – تۈز يەپ ياشىغان، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تىنچ ئازادلىققا باشلاپ مېڭىشقا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسىتىپ ئۇنتۇلماس ھەسسە قوشقان ئاپتور مۇنداق ئاساسسىز تاقا – توقا سۆزلەرنى قىلماسلىقى تولىمۇ زۆرۈر ئىجتىمائىي تەلەپكە ئۇيغۇن ئىدى. ناۋادا بۇ ھەقتە سۆزلەش زۆرۈر تېپىلغان تەقدىردە تارىخ ئالدىدا ئىككى ئېغىز ھەق سۆز قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەڭ جامائەتچىلىك ئۈمىد قىلغاندەك تارىختا ئاجرىم بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ توغرا يىشىم قىلىۋېلىشنى زۆرۈر ئىدى. ئەمما ئاپتور مۇنداق قىلمىدى، بەلكى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. مەن مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە پاكىت كۆرسىتىپ ئازراق پىكىر قويماقچىمەن. مەقسىتىم ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك: « تارىخى پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتابخانىلارنىڭ خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كۆچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتابخانلارنىڭ تۈزىتىشكە قالدى! » دېگەن ھاۋالىسىغا تامامەن ئۇيغۇن.
1. ئەسىلىمىنىڭ 485-بېتىدە ئاپتور مۇنداق يازىدۇ: « 1932-يىلى ماجۇڭيىڭنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىلغۇچى خادىملىرىدىن ماشىمىڭ قاتارلىقلار ... ۋاقىتلىق يىغقان كىشىلىرىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى. ئۇلارغا خۇيزۇ مارېن تەشكىللىگەن يەرلىك خەلق ئاۋاز قوشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلا قارا شەھەر ناھىيىسىنى بېسىۋالدى ».
ئاپتورنىڭ يازغىنى تارىخى پاكىتقا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس. بىز تۆۋەندە ھەقىقىي پاكىتنى كۆزدىن كەچۈرەيلى:
« .... توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىدىن توختى تۇەنجاڭ تۈەنىدە 120پىدائىي، كۈيۇنفۇر ( كۈتۈەنجاڭ – يەرلىك خۇيزۇ) تۈەنىدە 80پىدائىي جەمئىي 200جەڭچى 1933-يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى قارا شەھەرگە يۈرۈش قىلىپ 2- ئاينىڭ 8-كۈنى قارا شەھەرنى ئالدى. 9. كۈنى كورلىنى ئىشغال قىلدى .... » ( توقسۇن تارىخ ماتېرىياللىرى 19-بەت ۋە 24- بەتلەر)
پاكىت دەل شۇنداق. خەنزۇ ئاپتورلار يازغان ئەسلىمە – تارىخلاردا مەسىلەن: ( شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران – چاپقۇنلار) ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان تارىخ – ئەسلىمىلەردىمۇ يۇقىرىقى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىنغان. ئەپسۇسكى ئاپتور بۇ تارىخى پاكىتقا ھۆرمەت قىلماستىن ئەسلىمىسىگە نۇقسان يەتكۈزگەن!.
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى؛ شۇ يىللاردا مارېڭ دېگەن شەخس مەۋجۇتمۇ دېگەندە – مەۋجۇت. ئەمما ئۇ، قارا شەھەر – كورلىنى ئىشغال قىلغىنى يوق. قاراشەھەر – كورلا ئىشغالىيىتىدىن بىرەر ئاي كېيىن پەيدا بولغان لۈيجاڭ ماشىمىڭ پىچان ئۇرۇشىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېكىنىپ 2- ئاينىڭ ئاخىرلىرى قارا شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى 36-دېۋىزىيىنىڭ « ئوغرىلارنى تازىلاش ئالدىنقى سەپ باش سىلىڭى » دەپ ئاتىۋېلىپ بايراق كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن مارېڭ دېگەننى ئاتالمىش « لۈيجاڭ » قىلىپ كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەۋەتتى. ئۇ بارى – يوقى 32ئادەم بىلەن كۇچارغا كەلدى. سايباغدا كۆكچى سوپاخۇننىڭ باغ ھويلىسىغا چۈشتى. كۇچا ئىسلامباينى باينى پارا يېگەن، شايار ھادى ئەلەمنىڭ بېشىنى كېسىپ خادىغا سانجىپ سازايى قىلىدۇرغان مالۇيجاڭ دېگەن شۇ. كۇچارلىقلار « ساقاللىق تۇڭگان » دەپمۇ ئاتايتتى. كۇچا قوزغىلاڭچىلىرى باي – ياقېرىقتا غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ ئاقسۇنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئاقسۇغا بېرىپ ئاقسۇ يېڭىشەھەرگە ئورۇنلاشتى ۋە قوزغىلاڭچىلارغا خوجايىنلىق قىلىمەندەپ ھەممىگە چات كەردى. ئەپسۇسكى شۇ يىلى 4- ئايدا مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىدە بولغان بىر سوقۇشتا غايىپتىن ئوق تېگىپ ئۆلدى. قوزغىلاڭچىلاردىن ھەمدەمبەگ ھاجى قاتارلىقلار ئۇنى دەپنە قىلىپ قويدى.
2-ئاپتور يەنە 486-بەتتە مۇنداق يازىدۇ: « .... بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى، ئۇ مىللىي قىزغىننى توسىدى، قانداقتۇر « مۇستەقىل دۆلەت » دېگەن شۇئارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى ... »
ئاپتورنىڭ بۇ يەردە پوسوققىتە قىلىپ بۇ خىل سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقى كىشىنى تولىمۇ سەت چۆچۈتىدۇ. لېكىن بىز يەنىلا سالقىن قانلىق بىلەن پاكىتلارغا قاراپ چىقايلى:
مەخسۇت مۇھىتى باش قوماندان بولغان تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدا ماشىمىىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى لۈيجاڭ ئىدى. بۇلار بىرلىكتە پىچان ئۇرۇشىنى باشلىدى. ئۇرۇش ئون نەچچە كۈن داۋاملاشتى. 12- كۈنى قۇمۇل تەرەپتىن شىڭ شىسەي قوماندانلىق قىلغان جىن شۇرېن قىسىملىرى كېلىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ماشىمىڭ بىر كېچىدىلا ھېچكىمگە ئېيتماستىن چېكىتىپ قارا شەھەرگە ( 1933- يىلى 2- ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئۆپچۆرىسىدە) كېلىۋېلىپ ئۆزىنى « باش سىلىك » دەپ ئاتىۋالدى. بۇ ئىشلار ئاپتور يازغاندەك 1932- يىل بولغان ئىش بولماستىن 1933- يىلى 2- ئايدا بولغان ئىش. بۇ يەردە كىشىنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇكى؛ پىچان ئۇرۇشىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېكىنىپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ( ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئارىلىقتا قۇربان بولغان. توقسۇن – تۇرپاندا نۇرغۇن ئادەم قىرغىن قىلىنغانىدى) قاچقۇن ماشىمىڭغا ئاپتور قانداق قىلىپ « بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى » دەيدىغان چىرايلىق تون كەيدۈرمەكچى بولغاندۇ. ماشىمىڭنى مۇنداق پەردازلاپ چىقىشتىكى مەقسەت نېمە؟ زادى نېمە؟! بۇنى چۈشىنىش تولىمۇ قىيىن. ئەمدى شۇنى سوراپ كۆرەيلىكى؛ ماشىمىڭ ئوخشىمايدىغان پانتۈركىزىمچىلار زادى كىم! قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلڭىنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجىمۇ؟ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش قوماندانى مەخسۇت مۇھىتىمۇ ياكى مەھمۇت سىجاڭمۇ؟ بۇ نۇقتىنى ئوچۇق كۆرسىتىشى لازىم ئىدى. ئەمما ئاپتور ئۇنداق قىلمايلا ماشىمىڭنى پەردادزلاپ ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى كىشىنى ھەيران قىلىپلا قالماستىن بەلكى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بۇ مەسىلە كىشىگە شۇنى ئەسلىتىدىكى: ئاپتور ئۆز كىتابىنىڭ 307-308-بەتلىرىدە « 1922-يىلىدىلا .... مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق .... بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق ... » دەپ يازغانىدى. ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە ماشىمىڭمۇ پانتۈركىزىمچلارغا ئوخشىمايتتى دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭغا قارىغاندا ئاپتور بىلەن ماشىمىڭ ئىككىسى قانداقتۇر ئاتالمىش « پانتۈركىزىمچىلار » غا ئوخشىمايدىغان بىر قېلىپتىكى ئادەملەر ھېسابلىنامدۇ! شۇنداق دېسەك ئاپتور قوبۇل قىلارمۇ! ...
ئاپتور يەنە شۇ جۈملىدە « ماشىمىڭ مىللىي قىرغىننى توسىدى » دەپ يازىدۇ. بۇنىڭغىمۇ دەل شۇ قارا شەھەردىكى قىرغىننى مىسال كۆرسىتىش كۇپايە قىلار. مەسىلەن: « 1933-يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى قارا شەھەرنى تەسلىم قىلغان توختى تۇەنجاڭ بىلەن كۇيۈنفۇ تۇەنجاڭ ( ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ) كېچىلەپ كورلىغا يۈرۈپ كەتتى. قوزغىلاڭچىلارغا قىستۇرۇلۇپ قارا شەھەرگە كەلگەن ماشىمىڭنىڭ ئادىمى ماچۈەنلۇ شەھەر تەرتىپىنى ساقلايمەندەپ قارا شەھەردە قالدى. ئەمما بۇ جالللات قارا شەھەر ۋالىسى نىۋىشى، شيەنجاڭ ما ...، سەنمۇ جاڭ شەن ... قاتارلىق چوڭ – كىچىك 40 نەچچە خەنزۇ ئەمەلدارنى تۇتتۇرۇپ كېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى. 9-چېسلا ( چاغاننىڭ 1-كۈنى) قارا شەھەردىكى گۆرۆگەش – جازانىخورلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى ... » ( توقسۇن تارىخ ماتېرىياللىرى 23- بەت). دېمەك ماچۈەنلۇ دېگەن جاللات، ماشىمىڭنىڭ توخسۇن قوزغىلاڭچىلىرىغا قىستۇرۇپ ئەۋەتكەن ئادىمى ئۇ تۇرپاندىن ئۈچ ئادەم بىلەن قوزغىلاڭچىلارغا قىستۇرۇپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلار كورلىغا كەتكەن پۇرسەتتە قارا شەھەردە ئۆز ئالدىغا ئەسكەر ئېلىپ 40-50ئەسكەر توپلىغاندىن كېيىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان قانلىق قىرغىننى يۈرگۈزدى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. دېمەك ماشىمىڭ ئەۋەتكەن بىر ئادەم قارا شەھەردە شۇ قەدەر قانلىق قىرغىننى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخى پاكىت مانا مەن دەپ تۇرغان يەردە ئاپتور يەنە نىمىچۈن ماشىمىڭ « مىللىي قىرغىننى توسىدى » دەپ پەرداز قىلىدىغاندۇ! بۇنىڭدىكى مەقسەت – مۇددىئانى ئادەم ھەرقانچە ئويلاپمۇ چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدۇ.
ماشىمىڭ 2- ئاينىڭ ئاخىرلىرى قارا شەھەرگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ماچۈەنلۇغا بۇيرۇق بېرىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. ماچۇەنلۇ ىىر تۈركۈم ئادەملەرنى ئەگەشتۈرۈپ تاغ ئىچى بىلەن ئۈرۈمچى نەنسەنگە كېلىپ ئۈرۈمچىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. ئاپتور دەل شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە بار ئىدى. شۇڭا ئاپتور بۇ توغرىدا ئۆز كىتابنىڭ 322- بېتىدىن 326-بەتلىرىگىچە ئوبدان ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرغان. دەل شۇ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلغان، چوڭ كۆۋرۈككە ئوت قويۇلغان، 2700دەك ئادەم قىرىلغان پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار دەل شۇ ماشىمىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادىمى ماچۈەنلۇلار ئەمەسمۇ! ئاپتور مۇشۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىچۈن ماشىمىڭ ۋە ئۇنىڭ قولچۈماقچىلىرىغا « مىللىي قىرغىننى توسىدى » دەيدىغان ئوسمىنى قويۇپ باققاندۇ !. ھەر قانداق كىتابخان مەسىلىنىڭ مۇنداق تومتاق قويۇلغىنىغا ھەيران بولماي يەنە نېمىگە ھەيران بولسۇن !.
جۈملىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يەنە « ماشىمىڭ قانداقتۇر « مۇستەقىل دۆلەت » دېگەن شۇئارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى » دەپ يازىدۇ. مەسىلىنى مۇنداق قويۇشنىڭ زادى نېمە ھاجىتى!. چۈنكى ماجۇڭيىڭ، ماشىمىڭ دېگەنلەر قانداقتۇر زۇلۇمغا قارشى تۇرغىلى ياكى مىللىي زۇلۇمغا قارشى چىققان قوزغىلاڭچىلارغا چىن دىلى بىلەن ياردەم قىلغىلى چىققان كىشىلەردىن ئەمەس بەلكى توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىقىلى، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتقىلى، توزان توزغىتىپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلغىلى، ئوت قويۇپ، قىرغىن قىلىپ بايلىق توپلىغىلى چىققان بىر گۇرۇھ باندا ئىكەنلىكى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئىسپاتلىنىپ تۇرغان يەردە مەسىلىنى ئۇنداق قويۇشنىڭ ھاجىتى نېمە؟ قېنى شۇ ئاي، شۇ كۈنلەردە قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلەر كىم، قايسى گۇرۇھ « مۇستەقىل دۆلەت » دېگەن بىر نىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ! مېنىڭچە ھېچكىم ئۇنداق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىققىنى يوق. ھەممىسىلا زۇلۇم، زالىملارغا قارشى تۇرىمىز دەپ غازات قىلغان. قىسقىسى ئاپتور ھاجەتسىز بولغان بۇ مەسىلىنى بەك بالدۇر ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ 2- ئايدا تام سىپاق قىلغاندەك ماشىمىڭغا سىيپاپ كۆرگەن بولسىمۇ، بۇسىپاق ئۇنىڭ يۈزىگە زادىلا تۇتمىدى ۋە تۇتمايدۇ – خالاس.
ئاپتور نىمىچۈن مۇنداق قىلىدۇ، نىمىچۈن ماشىمىڭغا ئۈچ خىل رەك بېرىپ ئۇنى گۈزەللەشتۇرمەكچى بولىدۇ؟ بۇنداق قىلىشتىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ بۇنى چۈشىنىش گەرچە قىيىن بولسىمۇ، لېكىن جۈملە ئىچىدە يوشۇرۇلغان غەرەزنى كۆرۈۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئاپتورغا ئايانكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاساسەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك مىللەتلىرى قاتناشتى. كەپسەىنچىنىڭ ئىشىكىگە بالا – بەتتەر ھەممە نەرسىنى ئارتىشقا بولغاندەك بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە « پانتۈركىستلىق قىلدى »، « مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى »، « مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى » دېگەندەك بالا – قازالارنى ئارتقىلى، بۇئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى يامان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلار خۇنۇكلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تىپقا كىرمەي قالغانلار ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئېگىز ئاسماندا پارقىراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاپتور ئوبدان بىلىدۇ. بەلكى ئاپتور مۇشۇنداق تەرەپلەرنى ئەتراپلىق نەزەردە تۇتۇپ توغرىدىن – توغرا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا پەرداز سىڭمەيدىغان ئۈچىنچى بىر شەخسنى پەردازلاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ جەھەتكە دىققەت قىلغانلىقىنى، قىسقىسى ئۆزى شۇ تىپقا كىرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك!.
3. ئاپتور ئۆز كىتابىنىڭ 489-بەت تۆۋەندىن 6- قۇرىدا يەنە مۇنداق يازىدۇ: « قەشقەرگە كىرگەن تۆمۈرمۇ، ئوسمانمۇ يەرلىك زوراۋانلار ئىدى. ئوسمان ئۆزىنى زۇڭسىلىك قوشۇمچە سىجاڭ دەپ جاكارلىدى. تۆمۈر ئۆزىنى قوماندان دەپ ئاتىدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى قەشقەرنىڭ خوجايىنى بولۇش كويىدا ئىدى ... »
مەسىلە بۇ يەرگە كەلگەندە ئاپتور بىر پۈتۈن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى چاكىنىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ مەسىلىدە مېنىڭ تونۇشۇم مۇنداق:
(1) 30- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى مىللىي زۇلۇم ۋە فېئودالىزم زۇلۇمىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ شىنجاڭنىڭ 30- يىللاردىكى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان زور ۋەقە. جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىمۇ، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چوڭ بىر قىسمى بولۇپ ئىككىسى ئىككى گەۋدە بولماستىن بىر گەۋدە. يىغىپ ئېيتقاندا ھەممىسى بىر بولۇپ « قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى » دەپ ئاتىلىدۇ. مانا شۇ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى بىر – ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ زوراۋانلىق يۈرگۈزگەن ياڭ – جىن ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى تۈپتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ 12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى بىر قەدەر خەلقچىللاشقان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، بىر قەدەر ئىلغار ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە ئورناتتى. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى شىنجاڭنىڭ 30-يىللاردىكى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ يەردە.
شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش زۆرۈركى: قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا ئۈرۈمچىدىكى « 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى » بولمىغان بولاتتى. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا جىن شۇرېن ئىستىبدات ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلمىغان بولاتتى. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا، 30-يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتى يۈكسەلمىگەن بولاتتى.
(2) جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىدىن بىرسى تۆمۈر ئېلى ( تۆمۈر سىجاڭ) نىڭ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ تۇرپان – توقسۇن قوزغىلىڭىنىڭ كورلىغىچە يېتىپ كەلگەن كۈچىگە –كۈچ ئۇلاپ قەشقەر تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تۆمۈر ئېلى مارالبېشى تۇمشۇق دېگەن يەردە قەشقەردىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا سۇغۇن چازىسىدا تۇرغان قىرغىزلار ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشتى. ئۇنىڭ تۆمۈر سىجاڭغا يازغان خېتىدە: « ئاتام تۆمۈر سىجاڭ ئارقىلىق غازى خوجىنىياز ھاجىمغا بەيئەت قىلىمىز! » دەپ يېزىلغانىدى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئاپتور بۇ كىشىلەرنى ئايرىپ چىقىپ: « قەشقەرگە كىرگەن تۆمۈرمۇ، ئوسمانمۇ يەرلىك زوراۋانلار ئىدى » دەپ يازسا، بۇ گەپنىڭ بىر ئۇچى بىۋاسىتە بېرىپ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا تەگمەسمۇ !. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دېگەندەك بۇ سۆزنى قىلىش ئالدىدا ئاپتور سەل – پەل ئويلاپ قويۇشى لازىم ئىدى.
« ئىنقىلاب مېھمان چاقىرىش، زىياپەت بېرىش ئەمەس، تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ بىر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەت » ئەمما ئۇ ھەق – ناھەقلىقى، توغرا ۋە ناتوغرىلىقى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
30-يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ ھەممىسى تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەققانىي ۋە توغرا بولغان زوراۋانلىق ھەرىكەت ئىدى. ئەگەر شۇ ۋاقىتتا بۇزوراۋانلىق ھەرىكەت كۆتۈرۈلمىگەن بولسا، قانچە ئون يىللاردىن بىرى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، ئېزىپ، خەلق قېنى بەدىلىگە ئەپيۈن چىراغلىرىنى گۈللەندۇرۇپ زوراۋانلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق سۈرۈپ كەلگەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى داۋتەي – ئامباللىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تەخسىگە سېلىپ ئىككى قوللاپ خەلققە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولاتتى. قەشقەرنى مىسالغا ئالساق، تۆمۈر سىجاڭ كۈچ كۆرسىتىپ پەيزىۋاتقا كەلمىگەن، ئوسمان ئېلى كۈچ كۆرسىتىپ ئاتۇشتىن – قەشقەر كونا شەھەرگە باستۇرۇپ كىرمىگەن بولسا، ئۇزۇن يىل قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ماداۋتەي تەختىتىن چۈشۈپ قولىدىكى سىلىڭلىق تامغىنى تاپشۇرمىغان بولاتتى. دېمەك ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۈچ كۆرسەتكەنلىكى توغرا بولغان ھەققانىي ھەرىكەت ئىدى. تېببىي ئىلىمدە زەھەرنى – زەرھەر بىلەن قايتۇرۇش دېگەندەك ئەكسىيەتچى زوراۋان ھاكىمىيەتنى، ئىنقىلابىي زوراۋان ھەرىكەت بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىماي بولمايتتى.
ئاپتور بۇ مەسىلىدە يەنە تۆۋەندىكى بىر سەۋەنلىككە يول قويىدۇ؛ يەنى تۆمۈر بىلەن ئوسمانغا « يەرلىك زوراۋانلار ئىدى » دېگەن ئاتنى قويدۇمدەپ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنڭ زور گەۋدىسى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، سەلبىي ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇنداق قىلىش بىھۇدىلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خاتا ئۇرۇنۇشتۇر.
ھەممىگە مەلۇمكى، ياڭ – جىن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنىپ ئېكسىپلاتاتسىيە يۈرگۈزۈپ خەلقنى ئېزىپ كەلگەن تۇغما زوراۋانلار ئىدى. شۇڭا خەلق زۇلۇمدىن ئېكىسپلاتاتسىيىدىن قۇتۇلۇشقا ئىنىتزار بولدى. شۇنداق كۈنلەردە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى بۈيۈك ئورمانغا تۇتاشقان ئوتتەك ھەممىلا يەردە لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى. بۇنداق بولۇشى شۇ دەۋرنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى. « قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ » دېگەن قانۇنى ھۆكۈمنىڭ ئىجتىمائىي ئىنكاسى ئىدى. بۇ قوزغىلاڭنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ سەلبىي ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پايانسىز كەڭ ۋادىسىنى 20-30يىلدىن بۇيان قاشقىردەك تىلغاپ زوراۋانلىق بىلەن خانىۋەيران قىلىپ كېلىۋاتقان ماتىتەي – ماداۋتەي، ئامبال – لاۋىيلەرنى بىر قېتىم زوراۋان ئىدى » دەپ تىلغا ئالمىغان ئاپتور، يۇقىرىقى زالىملارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان تۆمۈر، ئوسمانلارغا كەلگەندە « يەرلىك زوراۋانلار ئىدى » دەپ ئات قويغانلىقى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ. ئاپتوردىن شۇنى سورايلىكى، جىن – شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ئەمەلدارلىرى ئۇزۇن يىلدىن خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ زوراۋانلىق يۈرگۈزسە « زوراۋانلىق » بولمايدىكەنغۇ، خەلق ئاممىسى ( تۆمۈر، ئوسمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ يورۇق كۈنلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانسا « زوراۋان » بولامدىكەن !...
ئاپتور بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ 30- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا تۇتقان پوزىتيىسى بىلەن مۇھەببىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى ئاپتور جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى خەلق سېپىدە تۇرۇپ كۈزەتمەسىتىن بەلكى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سادىق ئەمەلدارى مەۋقەئىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ زور گەۋدىسى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ » دەپلا تۈتەكلەشتۇرگەن. تارىخنى مۇنداق تۈتەكلەشتۇرۇپ كۆرسەتكەن ئاپتورنى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا نىسبەتەن ھېسداشلىقى بار، مۇئەييەن مۇھەببىتى بار دەپ ئېيتىشقا قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!. ئاپتورنىڭ 1922-يىللار « ئىلغار گۇرۇپپا »، « مەخپىي تەشكىلات » قۇردۇم دېگەنلىرى بىلەن « تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى مېنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىۋالماقچى بولغان »، « تۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ پرىنسىپال مەسىلىلىرىگە غەمغۇرلۇق قىلدىم » دېگەنلىرى نەگە كەتتى! ئۇ دېگەنلىرى ھېچقانداق يەردە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان قۇرۇق سۆز دۆۋىسى بولۇپ قالماسمۇ!.
4- ئاپتور ئۆز كىتابنىڭ 485-بېتىدىن 492-بېتىگىچە بولغان سەھىپىلەرگە « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبى شىنجاڭ » دەپ ماۋزۇ قويۇپ 1933-يىلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى ئەسلەپ چىققان. ئەپسۇسكى ئەسلىمىنىڭ ئۆزى قالايمىقان يېزىلغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان تارىخى پاكىتلار ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن.
ئالدى بىلەن شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش لازىمكى، ئەسلىمىگە « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ » دەپ ماۋزۇ قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى ناھايىتى رەتلىك – رىتىملىق بولدى. كۇچارنى ئىشغار قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاقسۇ – قەشقەرنى ئىشغال قىلدى. دېمەك قوزغىلاڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى رەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولدى. جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى نەزىرىدىن قارىغاندا ناھايىتى قالايمىقان بولدى. قوزغىلاڭچىلار ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تۇرمۇشنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقتىن ئۇلار ساراسىمىگە چۈشۈپ پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇلار قوزغىلاڭنى « قالايمىقانچىلىق » دەپ ئاتىدى. بەلكى ئاپتور ئۆزىمۇ جىن شۇرېننىڭ بىر ئەمەلدارى بولغاچقا ( ئاپتور 1933-يىلى 1- ئاينىڭ 25-كۈنى گېرمانىيىدىن قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغان. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا خىزمەت بىلەن كەتكەن) جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى بىر پارچە قالايمىقانچىلىق دەپ چۈشىنىپ قالغان بولۇشى كېرەك.
مىسال ئۈچۈن بىر جۈملىنى كەلتۈرۈپ پاكىتقا سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:
486-بەتتە: « 1933-يىلى 1- ئايدا ماشىمىڭ، مارېننى كۇچارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. كۇچاربىدىكلەر خاڭتوسى تۆمۈر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مارېن بىلەن بىرلىشىپ كۇچارنى بېسىۋالدى » دەپ يېزىلغان.
مارېن ( ساقاللىق تۇنگان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ كۇچارغا كەلگەنلىكى راست. ئۇ كېيىن كەلدى. كۇچارنى تۆمۈر بىلەن ھەمدەمبەگ ھاجى، كۇچا ۋاڭلىرى بىرلىشىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق كۇچا خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىشغال قىلدى. ئون مىڭلىغان قوزغىلاڭچى خەلق ئىچىدە 32ئەسكىرى بىلەن كەلگەن مارېن قانچىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن، تۆمۈر پۇرسەتتىن پايدىلانغان مەسىلە تۈپتىن مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ كورلىغىچە بېرىپ كورلىنى ئىشغال قىلغال ئىنىسى توختى لۈيجاڭدىن كۈچ ئۇلاپ كۇچارغا كەلدى. شامالباغ دەرۋازىسىغا قويغان ئوتنىڭ يالقۇنى ئۆچمىگەن ۋاقىتتىلا ئات سالغان پېتى شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ كەتتى. ئاپتور كۇچارنى ئىشغال قىلغان ئون مىڭدىن ئارتۇق كۇچا خەلقىنى تىلغا ئالماستىن مارېننى تىلغا ئالغانلىقى تىلغا ئالغاندىمۇ ئۇنىڭ رولىنى ئۈستۈن قىلىپ يازغانلىقى، ئەسلىمىنىڭ چىنلىقىغا خېلى دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئەسلىمىنىڭ:« كۇچارنى بېسىۋالدى » دەپ يېزىلغان كۇچارلىق قوزغىلاڭچىلار ئۆز شەھىرىنى ئۆزى بېسىۋالمايدۇ، بەلكى شەھەرنى بېسىپ ياتقان جىن شۇرېن ئەكسىيەتچىلىرىدىن ئۆز شەھىرىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ ياكى ئازاد قىلىدۇ، ياكى ئىشغال قىلىدۇ. ئەسلىمىدە گەپنى مۇشۇنداق قويۇشمۇ بىر مەسىلە. ئەگەر ئاپتوردا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى چوڭ بىر قىسمى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىغا نىسبەتەن ئازراق ھېسداشلىقى بولىدىغان بولسا، سۆزنى ھەرگىز ئۇنداق يازمىغان بولاتتى. بۇ يەردە ئاپتورنىڭ مەيدانى جىن شۇرېن تەرەپتە بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۇچارنى ئىشغال قىلغانلىقى گويا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى باشقىلار تەرەپتىن بېسىۋالغاندەك ئېچىنىشلىق تەلەپپۇزدا يازغان!
جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى – قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چوڭ ھەم ئاساسىي ھەل قىلغۇچ قىسمى بولۇپ ئومۇمىي ئېقىمى جىن شۇرېن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. مەقسەت، نىشان توغرا بولغان بۇ قوزغىلاڭغا ئاپتورنىڭ مۇئەييەن ھېسداشلىقى بولۇپلا قالماستىن چوڭقۇر مۇھەببىتىمۇ بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۆزىنىڭ « تۇرپان قوزغىلاڭلىرىغا غەمغۇرلۇق قىلىش » تەڭ سالاھىيىتى ئىپادىلەنگەن بولاتتى. ئەمما ئاپتور جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى بىر پارچە قالايمىقانچىلىقى دەپ تونۇپ ھەر خىل قوپال سۆزلەر بىلەن ئەسلىمە بايان قىلغانلىقى كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ – خالاس !.
جەنۇبى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق بولغانمۇ دېگەندە قالايمىقانچىلىق بولدى. بۇ قالايمىقانچىلىق ئاساسەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق بولۇپ، بۇ ئايرىم مەسىلە. بۇ ھەقتە توختالساق بەك ئۇزۇنغا كېتىپ قالىمىز! ...

6-« پانتۈركىست » ۋە « پانتۈركىزىمچىلار »توغرىسىدا

ئاپتور بۇمەسىلە توغرىسىدا ئۆز كىتابىنىڭ كۆپ يېرىدە تەكرارلايدۇ. مەسىلەن:
« 1922-يىلدىلا ... مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق .... بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق ... ( 307-308- بەتلەر)
« ... بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى » ( 486-بەت)
« .... ماجەنساڭلار ... يەرلىكى ئەمەلدار ماشياۋۇنىڭ ياردىمىنى ئېلىشقا رازى ئىدىكى. پانتۈركىزىمچىلارنىڭ ئىز بېسىپ تۇرۇشىغا يول قويمايتتى » ( 489-بەت)
« .... پانتۈركىست مۇھەممەت ئىمىن ... قارىقاشتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇ يەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى .... » (488-بەت)
« .... شۇ چاغدا خوجىنىيازنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىر مۇنچىسى پانتۈركىزىمچىلار بولۇپ، بۇلاردىن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكى مەھمۇت ئىدى. مەھمۇت بىلەن ساۋۇت داموللىنىڭ نىيىتى بىر ئىدى .... » (491-بەت)
« .... يۈنۈسبەگ خوجىنىيازغا ئەگىشىپ يۈرگەن مەزگىلىدە پانتۈركىزىمچىلار تەرەپتىن تارتىپ كېتىلگەن .... » ( 492-بەت)
« ..... بۇ تەشكىلات ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى) نىڭ قوراللىق كۈچى ئوسمان بىلەن مەھمۇتنىڭ قىسىملىرى ئىدى ..... ›› ( 495-بەت)
يۇنۇسبەك – تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى پىچان ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قارا شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردىن جەنۇبقا مېڭىپ ئاقسۇدا تۆمۈر سىجاڭغا يېتىشكەن. قەشقەرغە بارغاندا ماشىياۋۇنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن.
‹‹..... مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن تاھىر بەگنىڭ ئەيقانلىرى ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم، خوجىنىيازنى پانتۈركىزىمچىلار قورشىۋالغانىكەن ......›› (503-بەت)
‹‹ شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش پىلانلىنىۋاتقاندا مەن ئالتايدا ئىدىم. ..... مەن كېرىمخانغا خەت يازدىم .... شىنجاڭ‹‹ مۇستەقىللىق ›› خاتا يولغا ماڭسا بولمايدۇ ........›› (502-بەت)
يۇقىرىقى نەقىللەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئومۇمەن 30-يىللاردا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان باشلىقلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ‹‹ پانتۈركست ›› ياكى ‹‹ پانتۈركىزىمچىلار ›› تەرىپىدىن تارتىپ كېتىپ. خاتا يولغا ماڭغۇچىلار بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بىرلا كىشى، يەنى پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىلا « پانتۈركسىت »بولمىغان ۋە « پانتۈركىزىمچىلار » تەرەپتىن تارتىپ كېتىلمىگەن، يەنى خاتا يولغا ماڭمىغان ئادەم بولۇپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتور يەنە ماجۇڭيىڭ، ماشىمىڭ، ماجەنساڭغا ئوخشاش ئادەملەرنى ‹‹ پانتۈركىستلار ››غا ئوخشىمايدىغان ياكى پانتۈركىزىمچىلارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغان ئەزىمەتلەردىن قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆزىگە شېرىك قىلىۋالغان. بۇ نېمىدېگەن كۈلكىلىك ۋە ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇش – ھە! بۇ گەپچە 30-يىللاردا شىنجاڭنى بىر قانچە يىل پاراكەندىچىلىككە سېلىپ بۇلاڭ-تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىق قىلغان ماجۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ جاللات قىسىملىرى شىنجاڭغا پانتۈركىستلارغا قارشى تۇرۇش ۋە پانتۈركىزىمچىلارنى پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈنلا چىققان بولامدۇ! ئەجەبا ......
بۇ يەردە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى؛ ئاپتور ئۆز ئەسلىمىسىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غوللۇق سەركەردىلىرىنىڭ بىرسىگە ئۇنداق، بىرسىگە مۇنداق دەپ ئات قويۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ‹‹ خاتا ››غا چىقارغانلىقى يالغۇز بىر قانچە سەركەردىنى كاردىن چىقىرىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى 30-يىللاردا ئاز كەم تۆت يىل داۋام قىلىپ ئەكسىيەتچى جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى تۈپتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتقان بىر پۈتۈن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر يامان غەرەزنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مانا مەندەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ !.
ئاپتور ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان قارا ئادەملەردىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى، ئۆتمۈشنى، ھازىرنى ھەتتا خېلى يىراق كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان چوڭ زىيالىي. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى جۇش ئۇرۇپ قايناۋاتقان مەزگىللەردە ئاپتورگەرچە شىنجاڭدا يوق بولسىمۇ، ئەمما قوزغىلاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تارىخى قىممىتىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ چىقمىغان بولسا، ‹‹12-ئاپرېل ››سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرىلمىغان بولسا، شىڭ شىسەي ۋە خوجىنىياز ھاجىغا مەركەزلەشكەن بىر قەدەر دېموكراتىك، خەلقچىل ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 30-يىللاردىن 40-يىللارغىچە بولغان شىنجاڭنىڭ سىياسى-ئىقتىسادى ۋە مەدىنى مائارىپنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىنى ئاپتور تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەپسۇسكى ھەممىنى چۈشىنىدىغان ئاپتور يەنە نېمە ئۈچۈن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى ئەمەلىيەتنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە تەۋەككۈل قىلغاندۇ!. ھەممە چىراغنى خىرەلەشتۈرسەم ئاندىن ئۆزۈمنىڭ چىرىغى ئوبدان يانىدۇ دېمەكچى بولامدىغاندۇ!.
بۇ يەردە ھېقىقى تارىخنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتۈش لازىمكى؛ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى قانداقتۇر ‹‹مۇستەقىللىق ›› شوئارىنى توۋلىغان ياكى ‹‹ مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولماستىن، بەلكى مىللىي زۇلۇم ۋە فېئودالىزم زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان بىر قېتىملىق كەڭ مىقياستىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى بولۇپ ئومۇمى گەۋدىسى، نىشانى، مەقسىتى توغرا ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 1933-يىلى ‹‹ 12-ئاپرېل ›› سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈرۈمچى يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئىتتىپاق تۈزدى. ئەگەر ئاپتور ئېيتقاندەك قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چوڭ تارمىقى بولغان جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا خاتا يولغا مېڭىپ قالغان بولسا، ياكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەتراپىنى پانتۈركىزىمچىلار ئوراپ تۇرغان بولسا، بولۇپمۇ ئاساسلىق سەركىلەردىن بولغان مەھمۇت سىجاڭ پانتۈركىزم يولىغا ماڭغان بولسا، ئۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۈرۈمچىدىكى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىككە كېلىپ ئىتتىپاق تۈزمەستىن بەلكى قۇربىنىڭ يەتكەن يېرىگىچە قانداقتۇر ‹‹ مۇستەقىللىق ›› شۇئارلىرىنى توۋلاپ، بايراقلارنى لەپىلدىتىپ يۈرگەن بولاتتى. روشەنكى، ئۇلارنىڭ بىر قانچە يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتىدە بۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈنگىنى يوق. ئەمما ئاپتور خوجىنىياز ھاجىنى قانداقتۇر پانتۈركىزىمچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقتىن ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىش قىيىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مىسال ئۈچۈن خوجىنىيازنىڭ كاتىپى كېرىمخاننى پانتۈركىست ئىدى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسكى ئاپتور تاشقى موڭغۇلىيە ئارقىلىق ئۆتۈپ كەلگەن ياكى باشقا يوللار بىلەن كېلىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولۇپ تۇرۇۋالغان شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ. بىرنىڭ كۈچى قانداق، بەش – ئوننىڭ كۈچى قانداق. بۇنىمۇ دەڭسەپ كۆرمەيدۇ.
لېكىن ئاپتور ئەسلىمىسىنىڭ بەزى سەھىپىلىرىدە يەنە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. مەسىلەن: (298-بەتتە) تاشقى موڭغۇلىيە ئىۋەتكەن ۋەكىللەر ئىچىدىن ئاباۋ، نىياز ئاخۇن، قاسىم، ئىسمائىل ئاخۇنلارنى تىلغا ئالسا، ( 296-بەتتە) ‹‹تاشقى موڭغۇلىيىدىن ۋە ئۈرۈمچىدىن كېلىپ خوجىنىياز قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ ھەربىي ۋە سىياسىي خىزمەت ئىشلىگەنلەر ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ئون نەچچىگە يەتكەن ..... ئاباۋ .... تاشقى موڭغۇلىيىدىن كەلگەن سىياسىي خىزمەت خادىمى ئىدى. » شۇنىڭدەك(491-بەت) يەنە « قۇمۇل ۋەقەسىدە تاشقى موڭغۇلىيىدىن خوجىنىيازنىڭ يېنىغا كەلگەن خادىملار مەسىلەن: ئىسمائىل ئاخۇن، غازى، نىياز ئاخۇنلار .... خوجىنىياز ئۈچۈن چەتئەللەردىن قورال – ياراق سېتىۋېلىپ بېرەلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى خوجىنىيازغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيتتى .....››دەيدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولدىكى، ئاپتور ھەممە ئەھۋالدىن خەۋەردار. خوجىنىياز ھاجىغا ‹‹ پانتۈركىست ›› دېگەن نامنى كۈچەپ چاپلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇ كىشىنىڭ ئاللىقاچان تۇزاققا چۈشۈپ كىنارىغا ئېسىلىپ قالغان تەييار گۆش بولۇپ قالغانلىقىنى ئاپتور ئوبدان بىلىدۇ!.
ئەمما ئاپتور پۈتۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەھمۇت سىجاڭنى ‹‹پانتۈركىست››قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ..... پانتۈركىزىمچىلاردىن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكى مەھمۇت ئىدى. مەھمۇت بىلەن ساۋۇت داموللىنىڭ نىيىتى بىر ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى) قوراللىق كۈچى ئوسمان بىلەن مەھمۇتنىڭ قىسىملىرى ئىدى ....... ۋە باشقىلار.
ئەمەلىيەتتە مەھمۇت مۇھىتى قانداق ئادەم ئىدى؟ ئۇ، قەيسەر، ئىرادىلىك، قەتئىي ئادەم بولۇپ قۇۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسى مەقسەت نىشانىدىن تەۋرەنمىگەن، شىنجاڭدا ئاخىرقى مىنوتقىچە ئېلىشىپ ھېچ ئامال قالمىغاندا ئاندىن چەتكە چىقىپ كەتتى.
ئۇ چەتكە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر شىڭ شىسەيگە قارشى كۈرەش قىلدى. شىڭ شىسەينىڭ، فۇكاڭ توختىمىغا ئەمەل قىلماي، چىدىماسلىق قىلغان ئىشلىرىغا قارشى تۇردى. شىڭ شىسەينىڭ ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش رىسپوبلىكىسى قىلىۋېلىشقا تەكلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز قىلىپ نەنجىن مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئادەم ئىۋەتتى. دېمەك ئۇ، چەتكە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر نەنجىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىدى. ئۇ مەركەزگە ئىتائەت قىلىش دائىرەسىدە تۇرۇپ مۇختارىيەت ( ئاپتونومىيە) تەلەپ قىلدى. بۇ ئادەمگە قانداقتۇر ‹‹ پانتۈركىست ›› ‹‹ ۋەتەن بىرلىكىنى بۇزغۇچى ›› دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش تولىمۇ ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەق بولىدۇ. ساۋۇت داموللا بىلەن نىيىتى بىر ئىدى دېسەك تېخىمۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. چۈنكى ساۋۇت داموللىنى قولغا ئېلىپ خوجىنىياز ھاجىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن كىشى دەل شۇ مەھمۇت مۇھىتى ئىدى. ئۇنىڭ قىسىملىرى ساۋۇت داموللا تايانغان كۈچ بولماستىن بەلكى خوجىنىياز ھاجىغا ئىتائەت قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ ئاخىرقى مىنوتقا قەدەر مەھمۇت سىجاڭغا سادىق بولۇپ تۇردى.
ئاپتور‹‹ پانتۈركىست ››‹‹‹ پانتۈركىزم ››دېگەننىڭ تېگى –تەكتىدىن تارتىپ ئاقىبەتلىرىگىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى باشقا ھەر قانداق كىشىدىنمۇ چوڭقۇر ۋە ئېنىق چۈشىنىدۇ. پانتۈركىزم قاچان قەيەردە پەيدا بولدى، ئوسمان ئىمپېرىيىسى قانداق بەربات بولدى، پانتۈركىزىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇچقۇنلىرى قانداق باستۇرۇلدى، 30-يىللاردىن كېيىن شىڭ شىسەي دەۋرىدە پانتۈركىزم قانداق بولدى، بۇ جەھەتلەردە ئاپتورنىڭ بىلىمى ھەممىدىن چوڭقۇر ‹‹ پانتۈركىست ›› دېگەن سۆز بىلەن تۈركى تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بوينىنى قۇشقاچنىڭ بوينىنى بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ، چامغۇرنى كەسكەندەك كېسىپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنداقلارنىڭ نام – ئەھۋالىنى تارىخلاردىنمۇ ئۆچۈرىۋاتقىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور 1922-يىللاردىلا بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق دەپ ئېلان قىلغان. مەيلى ئۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرىدا كىملەرنىڭ پانتۈركىستلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي نەزەر ( ئاپتور كىمنى نەزەردە تۇتقان بولسىمۇ ....) ئاپتورنىڭ بالدۇر ئېلان قىلغانلىقىغا پىكرىم يوق. قورقان ئالدىدا مۇشت كۆتۈرۈپتۇ دەپمۇ قارىمايمەن. لېكىن 30-يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا جان پىدا قىلىپ قاتناشقان سەركەردىلەرگە قانداقتۇر ‹‹ پانتۈركىست ›› ‹‹ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغۇچى ›› دېگەندەك يولسىز قالپاقنى قار – قويۇق كەيگۈزۈپ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم قۇربان قىلىۋەتمەكچى بولغانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن!.
كىتابنىڭ 480-بېتىدە ‹‹ ماجۇڭيىڭ قەشقەرغە كىرگەندىن كېيىن ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى بىت-چىت قىلدى .... ›› دەپ يېزىلغان.
جۈملىنىڭ ئورانى ۋە كەيپىياتىدىن قارىغاندا ماجۇڭيىڭ قانداقتۇر ئىجابىي كۈچ، قەشقەردىكىلەر قانداقتۇر ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› دىن ئىبارەت سەلبىي گۇروھتىكىلەر بولۇپ بىت-چىت بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلىنى مۇشۇنداق قويۇش زادى قانداق؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخى پاكىتلارغا ھاۋالە قىلىپ كۆرەيلى:
① 1933-يىلى 5-ئايلاردا ماجۇڭيىڭ 2-قېتىم شىنجاڭغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئاشكارىلىنىپ شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەۋەبتىن خوجىنىياز ھاجى شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ فۇكاڭ كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. 1934-يىلغا ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ماجۇڭيىڭنى بىت-چىت قىلىۋېتىش ئۈچۈن شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچىنى سەپەرۋەر قىلغاندىن تاشقىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. تەلەپكە بىنائەن سوۋېت ئارمىيىسى ‹‹ ئالتايسكى›› دېگەن نام بىلەن چۆچەك ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ ماجۇڭيىڭ قسىملىرىغا يەردىن ھاۋادىن قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. نەتىجىدە ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپكە پېتراپ قاچتى. تارىخى ئەمەلىيەت دەل مۇشۇنداق، ئەمما ئاپتور ئەسلىمىسىدە گويا ماجۇڭيىڭ قانداقتۇر ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى بىت-چىت قىلىۋېتىش ئۈچۈنلا قەشقارغە بارغاندەك قىلىپ قويغان. مۇنداق يېزىش تارىخى پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەق - ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋاتقانلىق بولىدۇ.
② ساۋۇت داموللا 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا ئىدى. ساۋۇت داموللىنىڭ ئۇ ئىشنى قوللىمايتتى. خوجىنىياز ھاجى 34- يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە باردى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۈرۈمچى تەرەپتىن قېچىپ قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا خوجىنىياز ھاجى قەشقەردە بار ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرى چوڭ، ئەمەلىي كۈچى كۆپ بولۇپ شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە جەنۇبقا قاچقان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە يېقىنلاشقاندا خوجىنىياز ھاجى قاتتىق توسۇپ كەسكىن جەڭ قىلماستىن شەھەرنى بوشۇتۇپ يېڭىسار – يەكەن تەرەپكە كەتتى. كېيىن ئۆزى ئەركەشتامغا باردى. شۇ ۋاقىتتا ساۋۇت داموللىمۇ مەپىسىگە چۈشۈپ يېڭىسار – يەكەن تەرەپكە كەتتى. شۇ مەزگىلدە خوجىنىياز ھاجى تەرەپتىن قولغا ئېلىندى. دېمەك « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » دېگىنى ساۋۇت داموللا قولغا ئېلىنىش بىلەن ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ ئەمەلىي پاكىتلاردىن شۇنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى، شۇ ۋاقىتتا قەشقەرگە توپلانغان كۈچ، مۇتلەق تەسىرگە ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خوجىنىياز ھاجىنىڭ كۈچى بولۇپ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان – تەمىناتىنى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىدىن ئالىدىغان قانۇنلۇق كۈچ ئىدى. ساۋۇت داموللا قۇرغان ھۆكۈمەت بۇلارغا ۋەكىللىك قىلالمايتتى. بۇ ھۆكۈمەت يۈسۈپجان قۇر بېشى ۋە ئوسمان قىرغىزنىڭ كۈچىنى تايانچ قىلغان بولۇپ كۈچ جەھەتتە ئاز ھەم ئاجىز ئىدى. ھەتتا خوتەن قىسىملىرىمۇ ئۇ، ھۆكۈمەتنى قوللىمايتتى ۋە ئىتائەت قىلمايتتى. دېمەك ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە كىرگەندە بىت – چىت بولغىنى قانداقتۇر « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بولماستىن، بەلكى شەھەرنى ئىستراتېگىيىلىك بوشۇتۇپ بەرگىنى خوجىنياز ھاجى ئىدى. ئۇ، شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشىپ قويۇپ ماجۇڭيىڭغا ئەجەللىك زەربە بەرمەستىن شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنىدى. يىغىپ ئېيتقاندا ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بىت – چىت بولۇپ كەتتى دېيىلىدىغان بولسا، تارىخى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى تارىخ ناھەق بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر پاكىتنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەسىلەن: ئېكسپېدىتسىيىچى سۋىن – ھېدىن يازغان « ماجۇڭيىڭنىڭ سەرگەردانلىق خاتىرىسى » ناملىق كىتابنىڭ ( خەنزۇچە نەشرى) 263-بېتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: « ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى گ. ئا. ئەپرېستۋ ماڭا قەشقەردىكى خىزمەتدىشىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتتە يېزىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى دەپ بەردى: - ماجۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ قالدى – قاتتى ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا جان تالىشىپ قېچىپ قەشقەرگە كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ 120 ئادىمى بىلەن ئەركەشتام ئارقىلىق قېچىپ روسيىگە كەتتى ...»
شۇ يىللاردا ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇللىرى ئۆز – ئارا يېزىشقان خەتلىرىدە ماجۇڭيىڭنى جان تالىشىپ قەشقەرگە قېچىپ كەلدى دەۋاتسا، ئاپتور كىتابنىڭ 496- بېتىدە « ماجۇڭيىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ( شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتچىلىرنىڭ – دېمەكچى) شېرىن چۈشى تامامەن بىت – چىت بولدى » دەپ يېزىپ كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى خاتىرىنى سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇل خادىملىرىنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا بەرگەن خۇلاسىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، ئاپتورنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلار بىر تەرەپمىلىك بولۇپلا قالماي غەرەزلىك بۇرمىلانغانلىقى مەندەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاپتور بۇ يەردە ھەتتا ماجۇڭيىڭمۇ « پانتۈركىزىمچىلارنى » نى بىت – چىت قىلغان دېگەن ئۇقۇمنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولىدۇ. قالغان تەرەپلەرنى ھۆرمەتلىك كىتابخانلارنىڭ ئۆزلىرى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن!
كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، شىنجاڭ شارائىيىتىدا بىر ئادەمنىڭ « پانتۈركىزىمچى »، « پان ئىسلامزىمچى » بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچراشىنىڭ ئۆلچەم شەرتلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، شىڭ شىسەينىڭ ئەشەددىلەشكەن دەۋرلىرىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلارنىڭ تولىسى دېگۈدەك « پانتۈركست »، « پان ئىسلام »، « جاھاتگىرلارنىڭ قۇيرۇقى – جاسۇسى » بولۇپ تۈرمىگە تاشلاندى. شۇنىڭدەك ھىندىستان، مىسىر تەرەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن ياكى ھەرەمگە بېرىپ كەلگەنلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىپ تۈرمىگە تاشلاندى. ئەگەر مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ ئۆزى قانداق بولىدۇ، روسيە قازاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، گېرمانىيىدە ئوقۇغان ئاپتور زادى زادى نېمىگە تەۋە؟ ....
1962-يىللاردىكى ئۆگىنىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ مەسىلە تاپشۇرغان ئاپتور، 30- يىللاردا بىرلىندا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مەشھۇر پانتۈركست غىياس ئىسھاقى ( تاتار) لارنىڭ نەشر قىلغان « مىللەتلەرنىڭ چوڭ يولى »، پارىژدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مەشھۇر پانتۈركىست مۇستاپا چوقاي نەشر قىلىۋاتقان « ياش تۈركىستان » ناملىق ئەكسىيەتچى ژۇرناللارنى كۆرگەنلىكىنى، ئوقۇغانلىقىنى ھەتتا بۇ ژۇرناللارنى ئاپتورغا ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ۋەھالەنكى، پانتۈركىستلارنىڭ بىرلىن، پارىژدا قانداق ھەرىكەتلنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىغان. بىلىمىگەن، ھەتتا ئۇلار نەشر قىلغان ژۇرناللارنى كۆرمىگەن، كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇشنى بىلمىگەن قاراتۈرۈك، ساۋاتسىز سەھرالىقلار « پانتۈركست »، « پان ئىسلامسىت » بولۇپ ئەيىپلانغان يەردە، بىرلىن – پارىژلارنى كېزىپ يۈرگەن بەلكى شۇ مەزگىللەردە غىياس ئىسھاقى ( تاتار)، مۇستاپا چوقاي ( ئۆزبېك) لەر بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملاشقان ياكى ئۇلارنىڭ ژۇرنال – مەجمۇئىلىرىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئاپتور قانداق قىلىپ « پانتۈركست »، « پان ئىسلامست » بولماي قالغاندۇ؟
ئەمما ئاپتور بەزەن جايلاردا قۇيرۇقىنى تۇتتۇرمىسىمۇ، لېكىن ئازراق كۆرسىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن: ئاپتور 1938- يىلى 2- ئايدا شىڭ شىسەي زايساندىن چاقىرتىپ كېلىپ قولغا ئالغان چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ: « كىچىك ماشىنىدىن بىر نەچچەيلەن چۈشۈپ .... ئاندىن قولۇمنى كۆتۈرۈپ قويۇپ يېنىمنى ئاختۇردى، مەن ئەنە شۇنداق قولغا ئېلىندىم. مېنى قولغا ئالغانلارنىڭ بىرى ئىلى ج خ ئىدارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسى ئىدى ».
« ئىلى ج خ ئىدارىسى مېنى بىر ھەپتە قامىغاندىن كېيىن 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 2- تۈرمىگە يالاپ ئېلىپ باردى ».
« ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يىڭچى ۋە سوۋىتلىك ئىككى سوراق مەسلىھەتچىسى مېنى سوراق قىلىشقا مەسئۇل بولدى. ئۇلار ماڭا « جاھانگىرلارغا غالچىلىق قىلغان »، چەتئەلگە باغلانغان »، « گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە كۈچلىرىگە تايىنىپ شىنجاڭدا مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان » دېگەنگە ئوخشاش بەتناملارنى چاپلىدى. مەن بۇنداق بۆھتاننى ئېتىراپ قىلمىدىم. ئەلۋەتتە .... ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ فاشىستلارغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىمىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم. چۆچەكتە گېرمانىيىنىڭ ئىشپىيونى شىمېتنى پاش قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىمنى، شۇنداقلا ياپون جاھانگىرلىكىگە ئىنتايىن ئۆچ ئىكەنلىكىمنى، 1933-يىلى ئالتايدا ياپونىيىنىڭ غالچىسى ماخېيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىمنى .... سۆزلەپ بەردىم ».
يۇقىرىقى سۆزلەردىن قارىغاندا ئاپتورغا « پانتۈركست – پان ئىسلامسىت » شامىلى ئاز – تولا تەككەندەك قىلىدۇ. سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى قاتناشقان قولغا ئېلىنىش ۋە سوراق قىلىنىش ئەھۋاللىرى مەسىلىنىڭ يالغۇز شىڭ شىسەينىڭ قولىدىن ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ئېتىراپ قىلمىغانلىقى بىرىنچىدىن يوق نەرسىنى ئىقرار قىلمىغانلىق بولسا، ئىككىنچىدىن ھەر قانداق جازاغا بەرداشلىق بېرىپ سىناقلاردىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى: ئاپتورغا 1933-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا موسكىۋادا يولداش پوگونىن كېلىپ شىنجاڭنىڭ تۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى ئېلىشتۇرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ئايدىڭلاشقان. ( ئاپتور يەنە 504- بەتتە پوگونىن توغرىسىدا توختىلىپ مېنى ئىنقىلابقا تونۇشتۇرغان پوگونىنمۇ ئۇرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ سىياسىي تەپتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ شىنجاڭدا ئامانلىقىنى ساقلاش ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا ياردەملەشتى) دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ.
673-بەتتە يەنە ئۇچۇر بېرىپ: « ئىشىكتىن كىرىشمىگىلا بىر كىشى ئالدىمغا كېلىپ مەن بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ سوۋىتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. لېكىن بىز تونۇشمايتتۇق. ئۇ مېنىڭ رۇسچە بىلىدىغانلىقىمنى بىلسە كېرەك، تەرجىمان ئەكەلمەپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى. « مەن شېبايىۋ بولىمەن، ئەمدىلا موسكۋادىن مەخسۇس سىز بىلەن ئەھۋاللىشىشقا كەلدىم » دېدى. مەن بىر ئاز ھەيران بولدۇم. ئۇ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى. « شىڭ شىسەي شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سوراق مەسلىھەتچىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن يولداشلار شىڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىپ سىزنى جاھانگىرلارنىڭ غالچىسى، دېگەن ئىكەن. 6-7 يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىسىدا سىزگە تۆھمەت قىلىنغانلىقى، ئۇۋال قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مېنى مەخسۇس سىزدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن ئەۋەتتى » شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولۇمنى يەنە بىر قېتىم چىڭ سىقتى، - دەيدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ئاپتورنىڭ قاماققا ئېلىنىش – بوشۇتىلىش ئىشلىرى ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردىن بولماي، بەلكى چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئاپتورنىڭ چوڭ تەۋەلىكى بار ئالاھىدە ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
مۇشۇ مەسىلىگە كەلگەندە بىر جۈملە كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى شۇ يىللاردا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سوراق مەسلىھەتچىلىرى ئاپتورنى خاتا سوراق قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان ئون مىڭلىغان ھەر مىللەت خەلقىدىن ئەپۇ سورىمامدىكەن! ... قىزىق ئىش – ھە!.
ئاپتورنىڭ ئەسلىمىسىدە تولا مەسىلىلەردە پرىنسىپاللىق ۋە ئىزچىللىق كەم. مەسىلەن: ماجۇڭيىڭ توغرىسىدا بىر تۇرۇپ ماشىمىڭنى « پانتۈركستلارغا ئوخشىمايتتى » دەپ پەرداز بەرسە، ماجۇڭيىڭنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پانتۈركىزىمچىلارنىڭ شېرىن چۈشلىرىنى بىت – چىت قىلدى دەپ كۆككە كۆتۈرىدۇ. مەسىلە ئۆزىگە تاقاشقاندا « ياپۇنىيىلىك غالچىىسى ماخېيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلدىم » دەپ ئۆزىگە دەستەك قىلىدۇ. ماخېيىڭ دېگەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئالتاي چۆچەككە ئەۋەتكەن ئۆز ئادەمىغۇ! ھەر ئىككىسىلا ياپونىيىنىڭ غالچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانغۇ !.
مەنبە: ئالتۇن تارىم تور بېتى
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 87
شۆھرىتى: 542 نومۇر
پۇلى: 865 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-15
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 9كۈن بۇرۇن
مەزمۇنى بەك كۆپكەن ، ھەممىسىنى ئۇقۇپ بۇلالمىدىم ، بىراق -بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسىرىدە نۇرغۇن خاتاكەتكەن ، بوشلۇق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بىلۋالدىم . ياۋۇز ئەپەندىم ، ئەقرىڭىزگە رەھمەت . مۇشۇنداق زومۇ-زو نىمىشقا بۇرمىلاپ يازغاندۇ ؟
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8792
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 16
شۆھرىتى: 80 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-15
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 9كۈن بۇرۇن
بۇ تېمىنى يوللاپ  بۇنداق ئىشلاردىنمۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8921
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-15
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
مەندەك تارىختىن ساۋادى كەمچىللەر بۇ كىتاپنى ئالدىراپ ئوقۇمىساق بولغىدەك.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8233
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
شۆھرىتى: 60 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-14
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
ئەسەرنىڭ ئاپتورى خېۋىر تۆمۈر دېگەن كىشى «موللازەيدىن ھەققىدە قىسسە»نى يازغان كىشى شۇمۇ؟
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !