ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 544
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-08-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن

 كوكۇل تويى

كوكۇل تويى
يالقۇنجان ياقۇپ
        كوكۇل تويى – تاجىكلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، باشقا توي شەكىللىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى توي شەكلىدۇر .  بۇ خىل توي شەكلى تاجىكلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن  بولسىمۇ ، ئايرىم چەت – ياقا قىشلاقلاردا يەنىلا ساقلىنىپ ، تاجىكلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان توي شەكىللىرىنى بېيىتىپ تۇرماقتا .
       تۇنجى ئوغۇل ياكى ئارزۇلۇق ئوغۇل تۇغۇلۇپ 6 ئايغا توشقاندىن كېيىن بوۋىسى (دادىسىنىڭ دادىسى ) نەۋرىسىنىڭ قەرىن چېچىنى چۈشۈرۈپ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى (چوققىسىدىكى ) چاچنى چۈشۈرمەي يۇمىلاق قىلىپ كوكۇل چېچى قويۇپ قويىدۇ . چېچى ئۆسۈپ چۈشۈرۈلگەندىمۇ  شۇ ئورۇننىڭ چېچى چۈشۈرۈلمەيدۇ . پەقەت پات – پات تاراپ تۇرۇلىدۇ . ئۆرۈگۈدەك بولغاندا ئۆرۈپ قويۇلىدۇ . بۇ خىل مەشغۇلاتنى تاكى بالا چوڭىيىپ 3 ياشقا كىرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ چاغدا كوكۇل چېچى ئۆسۈپ 20 – 15 سانتىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ . بالا چوڭىيىپ 3 ياشقا كىرگەندىلا ئاندىن بالىنىڭ كوكۇل چېچىنى ئېلىۋىتىش توغرىسىدا ئويلىشىدۇ ھەمدە ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ كوكۇل چېچىنى كېسىش كۈنىنى ( كوكۇل تويى كۈنى ) نى مۇقىملاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق – تۇغقانلارنى ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنت جامائىتىنىمۇ تۇيغا داخىل بولۇشقا چاقىرىدۇ . شۇ كۈنى كەچتە ئۇلارنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ . ئەتىسى – توي كۈنى ئالدى بىلەن كوكۇل چېچى بار بالىنىڭ چېچىنى يۇيۇپ ، رەتلىك تاراپ ئۆرۈيدۇ  . ئاندىن چاچنىڭ ئۇچىغا مۇنچاق تىزىلغان كالۋۇتۇن بىلەن بېزەلگەن پۆپۈك بېكىتىلىدۇ . جامائەت يىغىلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇلارغا داستىخان سېلىپ چاي بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن جامائەت  يىغىلىپ داپ ، نەي بىلەن نەغمە قىلىشىپ خۇشال –خۇرام  ئويۇن – تاماشا قىلىشىدۇ . شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا  ئوغلاق تارتىش ئويۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ توينى يېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىدۇ . بۇ خىل پائالىيەت مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كېيىن تويغا ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ ( تاپالىغىنى كالا ياكى قوتاز ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ قوي ياكى ئۆچكە سويىدۇ ) گۆشى پىشىپ ، تاماق تەييار بولغاندا جامائەتنى  يەنە قايتىدىن ئولتۇرغۇزۇپ گۆش ، پولۇ  تارتىلىدۇ . تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بالىنى ئەكىرىپ بوۋىسىنىڭ  (ئانىسىنىڭ دادىسى ) قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ ھەمدە بوۋىسىغا بىر قايچا ئەكىلىپ تۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە ئايلانما يۇزى بىر قەدەر كەڭ بولغان ناندىن بىرنى داستىخانغا ئەكىلىپ قويىدۇ . بوۋىسى ناننى ئېلىپ كوكۇل چېچى پاتقۇدەك قىلىپ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ ، ناننى باشنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزمىگەن ھالدا يېقىن ئەكىلىپ ، ئۆرۈلگەن چاچنى ناننىڭ تۆشۈگىدىن چىقىرىپ قايچىدا پەم بىلەن كېسىپ چاچنى داستىخانغا قويىدۇ . ناننى بولسا پارچە – پارچە قىلىپ ئوشتۇپ جامائەتكەيېتىشىچە تارقىتىدۇ . نان يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بوۋىسى (ئانىسىنىڭ دادىسى ) دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ نەۋرىسىگە ئۇزاق ئۆمۈر ، بەخت – سائادەت تىلەپ جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىدۇ . دۇئا تۈگىگەندىن كېيىن بالىنىڭ ئانىسى تەرەپ تۇققانلىرى نەۋرىسى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن يېڭى كىيىم ، يېڭى تەلپەككە ئوخشاش سوغاتلارنى داستىخانغا قويۇپ نەۋرىسىنىڭ كوكۇل تويىنى تەبرىكلىشىدۇ . ئارقىدىنىلا بوۋىسى (ئانىسىنىڭ دادىسى )  نەۋرىسىگە نېمە ئەنجى بېرىشنى كۆڭلىگە  پۈككەن بولسا ( ئەنجى بىرىدىغان نەرسە ئادەتتە بوتىلاق ، تاي ، موزاي ، قوي ، ئۆچىكىلەرنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نەق مەيداندا ئېلان قىلىدۇ . ئۇلاپلا ئانىسىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئەنجى بەرگەن نەرىسىنى ئېلان قىلىدۇ . ئېلان قىلىش تۈگىگەندىن كېيىن جامائەتمۇ تارقىلىشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن كوكۇل تويى مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ .

مەنبە : «شىنجاڭ  گېزىتى » 1998 – يىلى 1 –ئاينىڭ 6 - كۈنى
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !